saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 7146 قېتىم كۆرۈلدى
attila
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3477
نادىر تېما : 12
يازما سانى : 214
شۆھرەت: 1578 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1648 سوم
تۆھپە: 882 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 874 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 391(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 2012-يىلدىن تارىخىمىزغا نەزەر (3) ئاتتىلا

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-06-15)
  2011-يىلى يىل ئاخىرىدا گۈلەن (ئابدۇۋەلى ئايۇپ) ئەپەندى توردا يازما يوللاپ، تور ئەھلىگە خەلقىمىزنىڭ ئوت يۈرەك ئىنقىلابىي شائىرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەشھۇر مائارىپچى مەمتىلى ئەپەندى تۇغىمىنىڭ 110 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەسلىمە ئېلان قىلىش ئارقىلىق، بىزنىڭ ھەر يىلى تارىخىمىزدىكى چوڭ ۋەقەلەر ۋە مەشھۇر شەخسلەر توغرىسىدا ئەسلىمە قىلىشىمىزغا، شۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئۆز تارىخى ۋە ئەل يولىدا كۆيگەن ئوغلانلىرىمىزنى ئەسلەپ تۇرىشىمىزغا يول ئېچىپ بەردى. مەن گۈلەن ئېچىپ بەرگەن ئاشۇ يولنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن تارىخىمىزنىڭ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىكى «2» رەقىمىگە باغلانغان مۇھىم سەھپىلىرىنى كۆپچىلىكنىڭ سەمىگە سېلىشنى ۋىجدانىي بۇرچۇم ھېسابلاپ، بۇ يازمىنى يازدىم. كۆپچىلىكنىڭ ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
 
3. كۆك تۈرك ئىمپېريىسىنىڭ قۇرىلىشى (1460 يىللىقى)

(كۆك تۈرك ئىمپېريىسى 552-يىلى قۇرۇلۇپ، 603-يىلى غەربىي تۈرك خانلىقى ۋە شەرقىي تۈرك خانلىقىغا پارچىلانغان. غەربىي تۈرك خانلىقى 742-يىلى، شەرقىي تۈرك خانلىقى 745-يىلى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن يوقۇتۇلغان) 
    تۈركلەر كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، ھازىرقى شىنجاڭ، خېشى كارىدورى، ئىچكى ۋە تاشقى موڭغۇلىيە يايلاقلىرى، سېرىق دەريا ۋادىسى ھەم جەنۇبىي سىبىريە رايونىدا (يەنىسەي دەرياسى ۋادىلىرىدا)، قىسقىسى ئاسىيا يايلاقلىرىدا قەبىلىلەرگە بۆلۈنۈپ ياشىغان، بۇ رايونلاردا ھۇنلار سەلتەنىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شەكىللەنگەن تارىخىي بوشلۇقتا ئۆز سەلتەنىتىنى نامايەن قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن ھەم زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، قەدىمكى زامان تارىخى ۋە ئېتنىك گۇرۇھلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ھەم بۈگۈنكى زامان تۈركىي تىللىق مىللەتلەر گۇرۇھىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۈچۈن زور ھەسسە قوشۇپ، كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن، ھۇن ئىتتىپاقى سەلتەنىتى ئاستىدىكى ھەرقايسى ئېتنىك گۇرۇھلارنى ئۆز ئاساسى قىلغان ئەڭ قەدىمكى مىللەت بولۇپ، تۈرلۈك قەۋملەر تىلىدا تۈرلۈك ناملار بىلەن ئاتىلاتتى. جۈملىدىن خەنزۇ مەنبەلىرىدە تېلى (ئېگىز ھارۋىلىقلار)، دىڭلىڭ، دى، تۇجۆ ((突厥 دەپ ئاتىلاتتى. ئوتتۇرا ئاسىيادىن قارا دېڭىز ۋە پارىس قولتۇقىغىچە بولغان كەڭ جايلاردىكى قەۋملەر بولسا ئۇلارنى تۇرالار، ساكلار، ئىسكىفلار...، ئۇلار ياشىغان جايلارنى «تۇران» دەپ ئاتايتتى. ئۇنىڭ يازما مەنبەلەردە يېزىلىشىمۇ خىلمۇ خىل بولۇپ، «خەن تىلىچە تۇجۆ ((突厥، ئەرەبچە (mypk) turk ، گىرېكچە towrhoc (Toбpxoc) ، سۈرىيەچە turka e، سانسىكىرتچە tur∫kza، پراكرىتچە turukka، قەدىمكى تۈركچەtürk ، ئوتتۇرا قەدىمكى پارىسچە (پەھلىۋىيچە) turk، سوغدىچە twrk، تىبەتچە drug, dru-gu، ئۇدۇنچە ttrruki دېگەندەك شەكىللەردە خاتىرلەنگەن» («قەدىمكى تۈرك-رۇنىك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر» 30-بەت) ئىدى. تۈركلەرنىڭ نامى باشقا قەۋملەر تىلىدا ۋە يازما مەنبەلىرىدە قانداق ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشىدىن قەتتىئىي نەزەر، بىر مىللەتنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئاتىشى ۋە يازما شەكىلدە خاتىرلىشى ئەڭ ئىلمىي ۋە ئەڭ توغرا ئاتىلىش ھەم خاتىرلىنىش بولۇپ، مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى «تۈرك»، «كۆك تۈرك» دەپ ئاتىشى ۋە  يېزىشى ئەڭ توغرا، ئەڭ ئىلمىي بولغان ئاتاش ۋە يېزىش ئىدى. ئۇلارنىڭ مىللىي ئىپتىخارى ۋە ئەينى دەۋردىكى دىنىي ئېتىقاد چۈشەنچىسى بويىچە «تۈرك» سۆزىنىڭ مەنىسى قۇدىرەتلىك، كۈچلۈك؛ «كۆك تۈرك» سۆزىنىڭ مەنىسى «ئىلاھىي تۈرك» دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. ئۇلار  قەدىمدىن تۆمۈر تاۋلاشقا ئىنتايىن ئۇستا ئىدى. ئاتنى قەدىرلەيتتى، كۆك بۆرىنى ئۇلۇغلايتتى. 
 
       5-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئاۋارلار تەدرىجى كۈچىيىپ، يەنسەي ۋادىسىدىكى قىرغىزلار بىلەن بىر ماكاندا ياشاۋاتقان ئاشىنا تۈركلىرىنى ئالتاي رايونىغا مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ ئەكېلىپ، باشقا تۈركلەر بىلەن قوشۇپ تۆمۈر تاۋلاشقا سېلىپ، «تۆمۈرچى قۇللىرىم» دەپ ھاقارەتلىگەن.
487-يىلى تۇرا-تۈركلەرنىڭ بىر تارمىقى بولغان ئۇيغۇر قەبىلە ئىتىپاقى كۈچۈيۈپ، بۆركلى («كۈچلىك، مەڭگۈ زەئىپلەشمەس » دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، ھازىرقى تىلىمىزدىكى ئادەم ئەزاسىنى بىلدۈردىغان «بۆرەك» سۆزى شۇنىڭدىن كەلگەن بولىشى مۈمكىن) قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئاكا-ئۇكا ئاي ئۇجرۇ بىلەن چۇنچىلارنىڭ باشچىلىقىدا جۇرجانلارنىڭ كونتۇروللۇقىنى بىكار قىلىپ، تۇرپان رايونىدا ئېگىز ھارۋىلىقلار دۆلىتى (ئۇيغۇر قاغانلىقى) نى قۇرۇپ، تۇرپان، ئۈرۈمچى، لوپنۇر ئەتىراپىغىچە كېڭەيگەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاشىنا تۈركلىرى جۇرجانلارنىڭ كونتۇرۇللىقىدىن قۇتۇلۇپ، ئېگىز ھارۋىلىقلار خانلىقىنىڭ ھىمايىسىگە ئۆتۈپ، قۇدىرەت تېپىشنىڭ دەسلەپكى شارائىتىغا ئىگە بولغان. بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي ئېگىز ھارۋىلىقلار خانلىقى جۇرجانلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، نەتىجىدە ئاشىنا تۈركلىرى يەنە جۇرجانلارنىڭ قاتتىق ھاقارەتلىشى ۋە ئېزىشىگە ئۇچرىغان.

     535-يىلىغا كەلگەندە ئاسىنا تۈركلىرى ئالتاي ۋادىسىدا يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ، جۇڭغار ئويمانلىقىغا چېكىنگەن 50 مىڭ ئۆيلۈكتىن ئارتۇق ئېگىز ھارۋىلىقلارنى بېقىندۇرۇپ، تېز سۈرئەتتە كۈچەيگەن ھەم ئاۋارلارغا بېقىنىش ھېسابىغا بىر خانلىق قۇرىغان. ئۇلارنىڭ ئاتامانى ئاشىنا تۈمەن ئاۋارلاردىن مەلىكە سورىغان. ئاۋار خانى ئايناغاي بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، «قۇلغا مەلىكە بېرىمەنمۇ» دەپ ھاقارەتلىگەن. بۇ ئاھانەتكە چىدىمىغان ئاسىنا تۈمەن شىمالىي ۋېي سۇلالىسى بىلەن بىرلىشىپ ئاۋارلارغا قارىشى كۈرەشكە ئاتلانغان (ئۇرۇش 551-يىلدىن 555-يىلغىچە بەش يىل ئېلىپ بېرىلىپ، 552-يىلى ئاۋار خانلىقى ھالاك بولغان، 555-يىلى مۇقان قاغان دەۋرىگە كەلگەندە ئاندىن تولۇق يوقۇتۇلغان) ھەم 552-يىلى ئاۋارلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. ئاۋار خانى ئايناغاي ئۆلۈۋالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل دەۋران سۈرگەن ئاۋار خانلىقى ئاغدۇرۇلغان. بىر قىسىم ئاۋارلار بايانخانⅠنىڭ يېتەكچىلىكىدە غەربكە قاراپ قېچىپ، 558-يىلى قارا دېڭىز بويىغا بېرىپ ماكانلاشقان ھەم «ياۋروپا ئاۋار خانلىقى» دېگەن نام بىلەن ياۋروپانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە ۋە تارىخىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئورنىغا ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ شەۋكەتلىك ھاكىميەتلەرنىڭ بىرى قۇدىرەتلىك كۆك تۈرك ئىمپېريىسى بارلىققا كەلگەن.
تۈرك تىلىدىكى ئۇرخۇن مەڭگۈ تاشلىرىدا ئاشىنا تۈمەن «بۇمىن خاقان»، يېڭى قۇرۇلغان بۇ خانلىق «كۆك تۈرك خانلىقى» دەپ ئاتالغان. ئۆتىكەن تېغىدىكى ئۆتىكەن شەھىرىنى مەركەز قىلىپ بېكىتكەن.

       ئاشىنا تۈمەن 552-يىلى تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئۆز قوشۇنىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئەتىراپىغا قارىتا بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان. 553-يىلى توڭگۇس(مانجۇ) ۋە موڭغۇللارنى بويسۇندۇرغان. بىراق ئۇنىڭ كاتتا ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا چەكلىك ئۆمۈرى يار بەرمىگەن. شۇ يىلى تۈمەن خاقان ئالەمدىن ئۆتكەن. ئورنىغا قارا خان چىقىپ ئاران بىر يىل ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن، 554-يىلى ئۇنىڭ ئورنىغا مۇقان خاقان تەختكە چىققان. مۇقان خاقان دەۋرىدە كۆك تۈرك خانلىقى مىسلىسىز قۇدىرەت تېپىپ، كۈچلۈك ئىمپېريە ھالىتىگە كېلىپ، ئاسىيا يايلاقلىرىنىڭ، جۈملىدىن دۇنيانىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي ئىشلار ۋەزىيىتىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن.
     مۇقان قاغان تەختكە چىققان تۇنجى يىلىلا دادىسى ئاشىنا تۈمەننىڭ ئىنىسى ئسىتىمى قاغاننى خانلىقنىڭ غەربىي قىسىمىغا يابغۇ قىلىپ تەيىنلەپ، 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇنغا قوماندان قىلىپ، تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى ھەمدە كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا ماڭدۇرغان. ئىستىمى قاغان ئاۋال ئۇيسۇنلار ئېلىگە يۈرۈش قىلىپ، ئىلى-تالاس دەرياسى ۋادىسىنى، يەنى تەڭرى تېغى ۋە سىر دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ زېمىننى بېسىۋالغان ھەم ئۆزىنىڭ سىياسىي، ھەربىي مەركىزىنى قاراشەھەرنىڭ غەرىبىي شىمالىدىكى يۇلدۇز ۋادىسىغا تىكلىگەن. 567-يىلى ئىران ساسانىيلار سۇلالىسى بىلەن بىرلىكتە ئافغانىستان تەۋەسىدىكى ئېفتالىتلار (ئاق ھۇنلار) ئىمپېريىسىنى بويسۇندۇرۇپ، ئامۇ دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ زېمىننى ئۆزىگە قوشۇۋالغاندىن كېيىن سىياسىي، ھەربىي مەركىزىنى يۇلدۇز ۋادىسىدىن ھازىرقى تاشكەنتنىڭ شىمالىدىكى مىڭبۇلاق دېگەن يەرگە كۆچۈرگەن. 571-يىلى شەرقىي رىم ئىمپېريىسى بىلەن بىرلىكتە ئىران ساسانىيلار سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ بىر قىسىم زېمىنىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان. 576-يىلى ئىستىمى قاغان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئورنىغا چىققان ئوغلى تاردۇش قاغان پامىرنىڭ غەرىبى ۋە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ زېمىننى ئۆزىگە قاراتقان. نەتىجىدە كۆكتۈرك خانلىقى ئەينى زاماندىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

      574-يىلى مۇقان قاغان ۋاپات بولۇپ، ئورنىغا تابار قاغان تەختكە چىقتى. «كۆكتۈرك خانلىقى مۇقان قاغان ۋە تابار قاغان دەۋىرلىرىدە ناھايتى كۈچەيدى. ئۇنىڭ زېمىنى ‹شەرقتە لياۋخې دەرياسى (لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى لياۋخې دەرياسىدىن سېرىق دېڭىزغىچە بولغان جايلارنىڭ غەرىبى)، غەرپتە كاسپى دېڭىزى، جەنۇپتا گۇبى چۆللىكى، شىمالدا بايقال كۆلىنىڭ ئەتىراپى› قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. شۇڭا تابار قاغاننىڭ ئورنىغا دەسسىگەن ئىشبارا قاغان مەغرۇرلىنىپ: ‹تەڭرى تۈرك خاقانلىقىنى ياراتقاندىن بۇيانقى ئەللىك نەچچە يىل ئىچىدە ئۇ گۇبى چۆللىكىنى بويسۇندۇردى، يات خانلارنىڭ بېشىنى ئەگدى، نەچچە ئونمىڭ يوللۇق كەڭ زېمىنغا، نەچچە يۈزمىڭ ئات ۋە چېرىككە ئىگە بولدى، يات قەبىلىلەرنى ئۆزىگە قارىتىپ، شىمالىي تۈرك زېمىنىدا خۇاشيالارغا تاقابىل تۇرالايدىغان غايەت زور قۇۋۋەتكە ئايلاندى› دېگەن ئىدى». («شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى» 291-بەت)

     كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ تەخمىنەن بىر يېرىم ئەسىر كېيىن ئۆتكەن ئەۋلادى بىلگە قاغان مىلادى 732-يىلى ئۇرخۇن دەرياسى بويىغا تىكلىگەن كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشىدا كۆك تۈرك خانلىقى قۇرۇلغان دەسلەپكى چاغلاردىن چوڭقۇر سۆيۈنۈپ: «ئۈستىدە كۆك ئاسمان، ئاستىدا قوڭۇر يەر يارىتىلغاندا، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئىنسان بالىسى يارىتىلىپتۇ. ئىنسان بالىلىرىنىڭ ئۈستىدە ئاتىلىرىم، دادىلىرىم بۇمىن خاقان بىلەن ئىستېمى خاقان قاغان بولۇپ ئولتۇرۇپتۇ. (ئۇلار) تەختتە ئولتۇرۇپ تۈرك خەلقىنىڭ دۆلىتىنى قۇرۇپتۇ، قانۇن-تۆرىلىرىنى ئورنىتىپتۇ. تۆت ئەتىراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ دۈشمىنى ئىكەن. قوشۇن تارتىپ تۆت ئەتىراپتىكى خەلقلەرنىڭ ھەممىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپتۇ. بېشى بارلارنى باش ئەگدۈرۈپتۇ، تىزى بارلارنى تىزلاندۇرۇپتۇ»، «(كېيىن) ئۆزلىرى شۇنداق ۋاپات بوپتۇ. (دەپىنە مۇراسىمىغا) ھازىدارلار شەرقتە، كۈن چىقىشتىن بۆكلى چۆلى خەلقلىرى، تابغاچلار، تىبەتلەر، ئاۋارلار، ۋىزانتىيلىكلەر، قىرغىزلار، ئۈچ قورىقانلار، ئوتتۇز تاتارلار، قىتانلار، تاتابىلار ... شۇنچە كۆپ خەلق كېلىپ يىغلاپتۇ، تەزىيە بىلدۈرۈپتۇ. (ئۇلار) ئەنە شۇنداق داڭلىق ھۆكۈمدارلاردىن ئىكەن» («ئۇرخۇن ئابىدىلىرى» دىن «كۆل تىگىن مەڭگۈ تېشى» 45-، 47-بەتلەر) دەپ يېزىپ، ئۆزىنىڭ مىللىي ئىپتىخارلىق ھېسىياتىنى ئىپادىلىگەن.
     بەزى ماتېرياللاردا ھەتتا كۆك تۈرك ئىمپېريىسىنىڭ زېمىنىنىڭ كېڭەيگەندە شەرقى ساخالىن ئارىلىغا،  غەربى قارا دېڭىز بويىغا، شىمالى بايقال كۆلى ۋە يەنسەي دەرياسى بويلىرىغا، جەنۇبى سەددىچىن سېپىلىغا، غەربىي جەنۇبى ھىندىستانغا يەتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ تېنچ ئوكيان  ۋە  قارا  دېڭىزدا  دېڭىز ئارمىيسى بولغانلىقى قەيت قىلىنغان.
    گەرچە كۆك تۈرك خانلىقى قۇرۇلۇپ، ناھايتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقىردا كۆرسىتىلگەندەك زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ھەم زېمىنى ۋە خەلقلىرى شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، ئاسىيا سەھنىسىدە زور بىر كۈچ بولۇپ شەكىللەنگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تەركىبىگە كىرگەن قەبىلە ۋە خەلقلەرنىڭ تەركىبى خىلمۇ-خىل ھەم مۇرەككەپ بولغاچقا، قۇرۇلغاندىن تارتىپلا ئىچكى قىسىمىغا ئۆتكۈر زىددىيەتلەر يوشۇرۇنغان ئىدى. شۇڭا كۆك تۈرك ئىمپېريىسىنىڭ قاغانلىرى بۇ زىددىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن بىر پۈتۈن سىياسىي تۈزۈلمە ئورناتماستىن، ئىمپېريىنى بىرقانچە يابغۇلۇققا ئايرىپ، سۇيۇرغاللىق تۈزۈمى بويىچە باشقۇردى.

     581-يىلى تابار قاغان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، كۆكتۈرك قاغانلىقىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا ئۆتكۈر ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى يۈز بەردى. ئەسلى تابار قاغان ۋاپات بولۇش ئالدىدا مۇقان قاغاننىڭ ئوغلى تارمانغۇ قاغاننى ۋارىس قىلغان ئىدى. بىراق تابار قاغاننىڭ جىيەنى شۈتۈك بۇنىڭغا قارىشى چىقىپ، ئۆز ئوغلى يوللۇغ تېكىننى قاغان قىلىپ بېكىتتى. يوللۇغ تېكىن بولسا «ئوردا كېڭىشىدا ئاۋازغا قويۇش» پىلانىنى ئىشقا سېلىپ، دادىسى شۈتۈكنى خانلىق تەختىگە چىقاردى. شۈتۈك ئۆتۈكۈن تېغىدىكى ئوردىنى ئىگىلەپ، «ئىشبارا قاغان» دېگەن نام بىلەن باش قاغان بولدى. ئوغلى يوللۇغ تېكىنگە تۇغلا دەرياسى ۋادىسىنى تەقسىملەپ، كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ ئىككىنچى ئورۇندىكى قاغانى قىلىپ تىكلىدى. تارمانغۇ قاغانغا «ئاپا قاغان»، ئىستىمى قاغاننىڭ ئوغىلى جيەنكۆلگە «تاردۇش قاغان»، بىر تۇغقان ئىنىسى چۆرۆكۆلگە «تۆلىش قاغان» دېگەن ئۇنۋانلارنى بېرىپ، ھەممىسىگە يەر ۋە ئادەم سۇيۇرغال قىلىپ بەردى. ئەمىلىيەتتە بۇنداق تۈزۈم بىر پۈتۈن ئىمپېريە ئىچىدە ئاسانلا بۆلۈنمىچىلىكنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسىي مەنبە ئىدى.
     ئىشبارا قاغاننىڭ بۇ تۈزۈلمىسى ئىچكى زىددىيەتنى پەسەيتىشتە دەرھال ئۈنۈم بەرگەندەك قىلسىمۇ، ۋاقتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ھەرقايسى يەرلىك قاغانلار ئوتتۇرىسىدا ئۈستۈنلۈك تالىشىش يۈز بەردى. 582-يىلى ئىشبارا قاغان، يوللۇغ تېكىن ۋە تۆلىش قاغانلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلار بىر تەرەپ بولۇپ، شەرقىي تۈرك خانلىقىغا؛ ئاپا قاغان، تاردۇش قاغان ۋە ئەتىراپىدىكى بەزى كىچىك بېقىندى قاغانلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايونلار بىر تەرەپ بولۇپ، غەربىي تۈرك خانلىقىغا بۆلۈنۈپ كەتتى ھەم ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇزاققا سوزۇلغان ئىچكى زىدىيەت ۋە كۈرەشلەر يۈز بەردى. (گەرچە جۇڭگو تارىخىي مەنبەلىرىدە 582-يىلىنى، كۆك تۈرك ئىمپېريىسىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي تۈرك خانلىقىغا پارچىلانغان ۋاقتى قىلىپ كۆرسەتسىمۇ، ئەمىلىيەتتە، بۇ ۋاقىتتا شەرقىي ۋە غەربىي تۈرك خانلىقى ئىچكى جەھەتتىن بۆلۈنگەن بولۇپ، تاشقى جەھەتتىن ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىپ، كۆك تۈرك ئىمپېريىسىنىڭ پارچىلانغانلىقىنى جاكارلىمىغان، يەنىلا بىر پۈتۈن ھالەتتە ئىدى. پەقەت 603-يىلغا كەلگەندىلا ئاندىن رەسمىي ھالدا تاشقى جەھەتتىنمۇ مۇستەقىللىق جاكارلىدى. شۇڭا بىز كۆك تۈرك ئىمپېريىسىنىڭ رەسمىي پارچىلانغان ۋاقتىنى 603-يىلى دەپ قارايمىز). 


     شۇ يىلى شەرقىي تۈك خانلىقىنىڭ قاغانى ئىشبارا قاغان يېڭى قۇرۇلغان سۈي سۇلالىسى (581-618) زېمىنىغا 400 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ئومۇمىيۈزلۈك ھۇجۇم باشلاپ، زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنىڭ ۋەھىمىسىدىن قاتتىق قورقۇپ كەتكەن سۈي پادىشاھسى ۋېندى ئۆزىنىڭ تاشقى ئىشلار سىتىراتىگىيسىنى تەڭشەپ، ئالدى بىلەن شىمالدىكى كۈچلۈك رەقىبى كۆك تۈرك ئىمپېريىسىنى يوقۇتۇشنى نىيەت قىلدى ھەمدە ھەربىي ھۇجۇم بىلەن يوقۇتىشقا كۆزى يەتمەي، شىمالدىكى كۈچلۈك رەقىپلىرىگە قارىشى تۇرۇشتا ئەجدادلىرىدىن قالغان كونا ئادەت بويىچە، كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ كۆپ قەبىلىلىك، كۆپ سۇيۇرغاللىق ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، تۈرك ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئىچكى قىسىمىغا زىددىيەت تېرىپ، ئۇلارنى پارچىلاپ يوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللۇنىشنى پىلانلاپ، بۇ ئىشنىڭ لاھىيىسىنى تۈزۈشكە ئوردا ئەمەلدارى جاڭ سۈنشەننى قويدى. جاڭ سۈنشەن « غەربىي (تاردۇش) قاغان بولسا ‹قوشۇنى كۈچلۈك بولسىمۇ، ئورنى تۆۋەن. ئۇنىڭ نەپسىنى ئىلھاملاندۇرۇشقا بولىدۇ›. كۇلۇكنىڭ (شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ خانى ئىشبارا قاغان) بولسا ‹ھىيلىسى نۇرغۇن، كۈچى ئاجىز. گۇمانخورلۇقى ئارتۇق. بۇ ئارىغا كىرىۋېلىپ، ئۇلارغا نۇقتا سېلىش كېرەك›. ‹يىراقتىكى بىلەن دوستلىشىپ، يېقىندىكىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، كۈچلۈكتىن چەتنەپ، ئاجىزغا ھەمكارلىشىش كېرەك›. ‹ئاممىنى ئايرىپ، بېشى بىلەن قۇيرىقى ئارىسىغا گۇمان سېلىپ، بىر پەشۋا بىلەن دۆلەتنى بىكار قىلدۇرۇش كېرەك» («قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا» 516-بەت) دېگەن تەدبىرنى كۆرسەتتى. خان ئۇنىڭ كۆرسەتكەن تەدبىرىگە ئاساسەن، غەربىي تۈرك خانلىقى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، شەرقىي تۈرك خانلىقىغا غەرپ ۋە شەرقتىن تەڭ بېسىم قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن جاڭ سۇنشەننى ئەۋەتىپ، غەربىي تۈرك خانلىقىنىڭ قاغانى تاردۇش قاغان بىلەن ئۇرۇش قىلماسلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈپ، ئىشبارا قاغان باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈرك خانلىقىغا خىرىس قىلدى. نەتىجىدە ئىشبارا قاغان بىلەن تاردۇش قاغان ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت تېخىمۇ كۈچەيدى. ئارقىدىن ئاپا قاغان بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئىشبارا قاغان بىلەن ئاپا قاغان ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلدى. نەتىجىدە ئىچكى جەھەتتىن بۆلۈنۈپ كەتكەن بولسىمۇ تاشقى جەھەتتىن ئومومىي بىرلىكنى ساقلىغان كۆك تۈرك ئىمپېريىسىنىڭ زىددىيىتى تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. 583-يىلى سۇي ۋېندى «سىرتتىن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، ئىچىگە ھۇجۇم قىلىش» تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، شەرقىي تۈرك خانلىقىغا سەككىز يۆلىنىشتىن ھۇجۇم قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي ۋە غەربىي كۆك تۈرك خانلىقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتتى. بۇ زىددىيەت نەتىجىسىدە، ئىشبارا قاغان قوشۇن تارتىپ ئاپا قاغان زېمىنىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئاپا قاغاننىڭ ئاپىسىنى ئۆلتۈرۋەتتى. ئاپا قاغان لىياڭجۇدا سۈي سۇلالىسى قوشۇنىغا تەسلىم بولدى.  585-يىلى شەرقىي تۈرك خانلىقىمۇ سۈي سۇلالىسى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، پۈتۈن قوشۇنىنى باشلاپ سۈي سۇلالىسىغا ئەل بولدى. شۇنداق قىلىپ، سۈي سۇلالىسىنىڭ ھىيلە-مىكىرىگە گول بولغان كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلار تەبىقىسىدە ئۇزۇنغىچە ئۆتكۈر زىددىيەت ۋە بۆلۈنىش تۇمانلىرى تارقالماستىن كۈچۈيىپ، قانلىق قىرغىنچىلىق ۋە يات ئەلگە ئەل بولۇپ، ئۇلارنىڭ قولى بىلەن ئۆز قېرىنداشلىرىنى ياكى ئۇرىقىنى قىرغىن قىلىش ۋەقەلىرى توختاۋسىز يۈز بېرىپ تۇردى.

      600-يىلى شەرقىي تۈرك خانلىقىدا بىر قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، كىمىن تۆرى قاغان چوڭ قاغان تۇڭا تۇران قاغاننى ئۆلتۈرۈپ، ھوقۇق تارتىۋالدى. نەتىجىدە شەرقىي تۈرك خانلىقى ئىچكى جەھەتتە قالايمىقانلىشىپ كەتتى. بۇنىڭدىن پايدىلانغان غەربىي تۈرك خانلىقى 603-يىلى شەقىي تۈرك خانلىقىنىڭ گۇبى چۆللىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم زېمىنىنى قوشۇۋېلىپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق جاكارلىدى. نەتىجىدە ئىچكى قىسىمىدا پارچىلانسىمۇ تاشقى جەھەتتە بىر پۈتۈنلۈكنى ساقلاپ كەلگەن كۆك تۈرك خانلىقى سۈي سۇلالىسىنىڭ نەيرەڭ ئىشلىتىپ ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىشى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن ئىچكى زىددىيەت سەۋەبىدىن رەسمىي ھالدا شەرقىي تۈرك خانلىقى ۋە غەربىي تۈرك خانلىقىدىن ئىبارەت مۇستەقىل ئىككى خانلىققا بۆلۈنۈپ كەتتى.

603-يىلى غەربىي تۈرك خانلىقىنىڭ تەركىبىدىكى تۆلەس قاتارلىق قەبىلىلەر قوزغىلاڭ كۆتۈرپ مۇستەقىل بولىۋېلىپ، غەربىي تۈرك خانلىقىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇردى.
     كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ سۈي سۇلالىسىنىڭ سىياسىي ئويۇنىنىڭ قۇربانلىقىغا ئايلىنىپ، غەربىي ۋە شەرقىي تۈرك خانلىقىغا بۆلۈنىش جەريانى «كۆل تىگىن مەڭگۈ تېشى» دا ناھايىتى ھەسىرەتلىك ھالدا مۇنداق خاتىرلەنگەن: «ئۇندىن كېيىن ئىنىلىرى ھۆكۈمدار بوپتۇ شۈبھىسىز، ئوغۇللىرى ھۆكۈمدار بوپتۇ شۈبھىسىز. بەگلىرى (ۋە) خەلقى ئىتائەتچان بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تابغاچ خەلقى ھىلىگەر (ۋە) ساختىپەز بولغانلىقى ئۈچۈن، ئالدامچى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنىلىرى بىلەن ئاكىلىرىنى، بەگلەر بىلەن خەلقنى دۈشمەنلەشتۈرۈپ كۈشكۈرتكەنلىكى ئۈچۈن، تۈرك خەلقى قۇرىغان دۆلىتىنى قولدىن چىقىرۋېتىپتۇ، تەختتىكى خاقانىدىن ئايرىلىپ قاپتۇ. (بۇ سەۋەبتىن) تاۋغاچ خەلقىگە، بەگ بولۇشقا لايىق ئوغۇللىرى قۇل، خېنىم بولۇشقا لايىق قىزلىرى دېدەك بولدى. تۈرك بەگلىرى تۈرك ئۇنۋانلىرىنى تاشلىدى؛ تابغاچلارنىڭ خىزمىتىدىكى (تۈرك) بەگلىرى تابغاچ ئۇنۋانىنى ئېلىپ تابغاچ خاقانىغا بېقىنىپتۇ، ئەللىك يىل خىزمەت قىپتۇ. شەرقتە، كۈن چىقىشتا، بۈكلى خاقانىغىچە، غەربتە تۆمۈر قوۋۇققىچە سەپەر قىپتۇ؛ تابغاچ خاقانى ئۈچۈن (مۇشۇنداق قوشۇن تارتىپ) ئەللەرنى ئېلىپ بېرىپتۇ. تۈرك ئاۋام پۇقرالىرى شۇنداق دەپتۇ: ‹دۆلەت ئىگىسى بىر خەلق ئىدۇق، دۆلىتىمىز ئەمدى قېنى؟ خاقان ئىگىسى (بىر) خەلق ئىدۇق، خاقانىمىز نەدە؟ قايسى خاقانغا خىزمەت قىلىۋاتىمىز› شۇنداق دەپ تابغاچ خەلقىغە دۈشمەن بوپتۇ. دۈشمەن بولۇپتۇ-يۇ، (لېكىن) ئۆزلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ تەشكىللىنەلمەپتۇ، يەنە (تابغاچلارغا) بېقىنىپتۇ. (تابغاچ خانى) ئۇلارنىڭ شۇنچە خىزمەت قىلغىنىنى ئويلىماستىن ‹تۈرك خەلقىنى ئۆلتۈرەي، نەسلىنى قۇرىتاي› دەپتۇ. (تۈرك خەلقى) يوقۇلىش گىردابىغا بېرىپ قاپتۇ.» دەپ بايان قىلىنغان.  («ئۇرخۇن ئابىدىلىرى» دىن «كۆل تىگىن مەڭگۈ تېشى» 47-، 49-بەتلەر)

      سۈي سۇلالىسى تۈرلۈك ھىيلە-مىكىرلەر بىلەن كۆك تۈرك خانلىقىنى ئىككىگە پارچىلىغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ كۈنى ئانچە ئۇزۇنغا بارمىدى. سۈي سۇلالىسىدە 610-يىلدىن باشلاپ ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ تۇرغان دېھقانلار قوزغىلىڭى بۇ سۇلالىنى ھالسىرتىپ قويدى. بۇ چاغدا شەرقىي ۋە غەربىي كۆك تۈرك خانلىقى قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، راسا كۈچەيگەن ئىدى. مۇشۇنداق شارائىتتا، 617-يىلى ھازىرقى شەنشىنىڭ تەييۈەن ئايمىقىنىڭ باش ۋالىسى «لى يۈەن شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ قاغانى سىۋار قاغان (609-619) غا سۈي سۇلالىسى ھاكىميىتىگە بىللە ھۇجۇم قىلىشنى، ئولجىغا چۈشكەن قىز-يىگىتلەرنى ۋە بارلىق قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى سىۋار قاغانغا تاپشۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى ھەم سىۋار قاغانغا باش ئۇرۇپ ئەل بولدى.» («شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى» 327-بەت. مەزكۇر كىتابتا «ئىشبارا قاغان» دەپ ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمىلىيەتتە ئىشبارا قاغان 587-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن كۆك تۈرك خانلىقىدا 588-587 يىللاردا چۇرباغا قاغان، 600-588 يىللاردا توڭا تۇران قاغان، 600-609 يىللاردا كىمىن تۇرى قاغانلار تەختتە ئولتۇرۇپ، 609-يىلى سىۋار قاغان تەختكە چىقىپ، 619-يىلغىچە دەۋر سۈرگەن. شۇڭا مەن بۇ يەردە «سىۋار قاغان» دەپ ئېلىشنى لايىق تاپتىم)
     سىۋار قاغانمۇ لى يۈەنگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نەتىجىدە سىۋار قاغاننىڭ ھەيۋىسىدىن قورققان ھەرقايسى كۈچلەر تېزلا لى يۈەننىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سۈي سۇلالىسىنىڭ پادىشاھسى سۈي ياڭدى قول ئاستىدىكىلەر تەرىپىدىن ئېسىپ ئۆلتۈرۈلدى. 618-يىلى لى يۈەن سۈي ياڭدىنىڭ ئوغلى ياڭ يوېنى تەختتىن چۈشۈرۈپ، ئۆزىنى خان دەپ ئاتاپ، تاڭ سۇلالىسىنى قۇرىدى. تارىختا ئۇ تاڭ گاۋزۇ دەپ ئاتالدى. 624-يىلغا كەلگەندە يېڭى قۇرۇلغان تاڭ سۇلالىسى سۈي سۇلالىسىنىڭ بارلىق زېمىنىنى كونتۇرۇل قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدى.

    627-يىلىغا كەلگەندە شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا مالىمانچىلىق يۈز بەردى. شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ قاغانى ئېل قاغان بۇ مالىمانچىلىقنى باستۇرۇشقا ئىنىسى تۆلىش شادنى ماڭدۇردى. بىراق تۆلىش شاد ئۇرۇشتا يېڭىلگەچكە ئاكىسىنىڭ غەزەپلىنىپ ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قورقۇپ تاڭ سۇلالىسىگە ئەل بولدى. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن ئېل قاغان 629-يىلى تاڭ سۇلالىسىغا ھۇجۇم قىلدى. نەتىجىدە تاڭ سۇلالىسىمۇ شەرقىي تۈرك خانلىقىغا ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئىككى تەرەپ 630-يىلى قاتتىق ئۇرۇش قىلدى. ئۇرۇشتا ئېل قاغان ئەسىرگە چۈشۈپ، شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ زېمىنىنى تاڭ سۇلالىسى بېسىۋالدى. ئورنىغا سىر تاردۇش خانلىقى چىقتى. بىراق 646-يىلى سىر تاردۇش خانلىقى، 659-يىلى غەربىي تۈرك خانلىقىمۇ تاڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن بېسۋېلىندى.

     630-يىلى تاڭ سۇلالىسى شەرقىي تۈرك خانلىقىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، بۇ رايونلارغا قارىتا قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئۆزلىرىچە «30 يىلغىچە شىمالدا ھەربىي ئاتنىڭ تىۋىشى چىقمايدۇ» («قەدىمكى تۈرك-رۇنىك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر» 39-بەت) دەپ قارىدى. شۇڭا شىمالدىكى تۈرك قەبىلىلىرىگە بولغان نازارەتچىلىكنى بوشاشتۇرۇپ قويدى. بىراق، ئۇلارنىڭ قارىشىنىڭ ئەكسىچە، شەرقىي تۈرك خانلىقىغا تەۋە ھەرقايسى قەبىلىلەر، تاڭ سۇلالىسىنىڭ كونتۇرۇللىقىدىن چىقىپ مۇستەقىل بولۇش ئۈچۈن، تاڭ سۇلالىسىغا قارىشى كۈرەشلەرنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. ئەشۇنداق توختىماي ئېلىپ بېرىلغان قارىشلىق كۆرسىتىش ھەركەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە، 679-يىلى ئىلگىرىكى شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ خان ئەۋلادىدىن بولغان قۇتلۇق قاغان ئىچكى موڭغۇل تەۋەسىدىكى چوغاي تېغى ۋادىسىدا 100 ئادەم بىلەن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، قاراقۇرۇم شەھىرىنى بېسىۋېلىپ، تېز ئۇلغايدى. ئۇنىڭغا تۈركلەرنىڭ 24 ئۇرىقى ئاۋاز قوشۇپ، قوشۇنى بەش مىڭغا يەتتى. ئاندىن چوغاي تېغىنى ئىگىلەپ، تۈرك خانلىقىنى قايتىدىن تىكلىدى. بۇ خانلىق تارىختا «كېيىنكى تۈرك خاقانلىقى» ياكى «قۇتلۇق (بەخت-سائادەتلىك) تۈرك قاغانلىقى» دەپ ئاتالدى. ئۇ ئەمىلىيەتتە تاڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان كۆك تۈرك ئىمپېريىسىنىڭ داۋامى ۋە كۆك تۈرك ئىمپېريىسى بېسىۋېلىنغاندىن كېيىنكى تۈركى خەلقلەرنىڭ توختىماي ئېلىپ بارغان مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنىڭ نەتىجىسى ئىدى.
       كۆك تۈرك خانلىقى قايتا قۇرۇلغاندىن كېيىن، تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى ئۇلارنى يوقۇتۇشقا كۆپ كۈچ سەرپ قىلدى. بىراق، ئۇلارنىڭ بۇ ئۇرۇنىشلىرىنىڭ ھەممىسى شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ تاڭ سۇلىسىغا بېقىنىپ چوڭ ھوقۇق ئىگىلىگەن بەزى سەردارلىرىنىڭ، جۈملىدىن ھەربىي قوماندان يۈەن جېننىڭ تۈرك قوشۇنلىرىغا ئاستىرتتىن يادەم بېرىشى ئارقىسىدا نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى. شۇ سەۋەبتىن 681-يىلى يۈەن جېن «دۈشمەن بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن» دەپ قارىلىپ، تاڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ شىمالدىكى چېگرا رايونلىرىنى باشقۇردىغان ئالى ھاكىميەت ئورگىنى-تەڭرىقۇت قورۇقچى بەگ مەھكىمىسىنىڭ دورغاپى ۋاڭ بىنلى يۈەن جېندىن پايدىلىنىپ، شىمالدىكى تۈركلەرنىڭ ئىسىيانىنى نەسىھەت بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن، 682-يىلى يۈەن جېننى تۈرمىدىن ئازاد قىلىپ، چوغاي تېغىغا-تۈرك قوشۇنىنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. يۈەن جېن چوغاي تېغىغا بارغاندىن كېيىن ئىسىمىنى تۈركچە «تۇنيۇقۇق» قا ئۆزگەرتپ، قۇتلۇق قاغانغا قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ مۇھىم مەسلىھاتچىسى ھەم ھەربىي ئىشلار قوماندانى بولدى. قۇتلۇق قاغان تۇنيۇقۇقنى ئەتىۋارلاپ، ئاپا تارقانلىق مەنسىپىنى بېرىپ، پۈتۈن ئاتلىق قوشۇننىڭ باش قوماندانى قىلدى ھەم ئۇنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئۆزىنى «ئىلتەرىش قاغان» دەپ ئاتىدى.
      تۇنيۇقۇق شەرقىي كۆك تۈركلەر ئەۋلادىدىن بولۇپ، چاڭئەندە تۇغۇلغان ھەم شۇ يەردە تەربىيلىنىپ، ھەربىي ئىشلار، سىياسى ۋە دىپلوماتىيە جەھەتلەردىن يۇقىرى مەلۇماتلىق بولۇپ يېتىشكەن. ئوردىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، تەڭرىقۇت قورۇقچى بەگ مەھكىمىسىدە مۇھىم ۋەزىپە ئۆتىگەن. تۇنيۇقۇق 70 يېشىدىن باشلاپ ئىلتەرىش قاغان، بىلگە قاغان ۋە قاپاغان قاغانلارنىڭ مەسلىھەتچىسى، ۋەزىرى ۋە سەركەردىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۈچ ئەۋلاد قاغانلىققا خىزمەت قىلغان. باش تارخان بەگلىك خىزمىتىنى ئۆتىگەن. كۆپ جەڭلەردە پىلان تۈزگەن، قوماندانلىق قىلغان، مەسلىھەتچى بولغان. بۇ جەريانلار «تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى» دا مۇنداق خاتىرلەنگەن: «مەنكى بىلگە تۇنيۇقۇق ئۆزۈم تابغاچ ھاكىميىتى زامانىدا تۇغۇلدۇم. تۈرك خەلقى (ئۇ زامانلاردا) تابغاچقا قارايتتى.»
      « ‹سۆزچىم بول!› دىدى؛ سۆزچىسى مەن ئىدىم، بىلگە تۇنيۇقۇق. ‹(بۇنى) خاقان قىلايمۇ-يا› دېدىم، ئويلىدىم: (ئىنسان) ئۇرۇق بۇقىلار بىلەن سېمىز بۇقىلارنى يىراقتىن ئايرىۋېلىشقا توغرا كېلىپ قالسا، قايسىلىرىنىڭ سېمىز بۇقا، قايسىلىرىنىڭ ئۇرۇق بۇقا ئىكەنلىكىنى بىلمىەۈدەك، دەپ شۇنداق ئويلىدىم. ئۇندىن كېيىن تەڭرى ئەقىل بەرگەنلىكى ئۈچۈن، (ئۇنى) مەن ئۆزۈم خاقان قىلدىم (بۇ يەردىكى «خاقان» ئىلتەرىش خاقاننى كۆرسىتىدۇ.-ئاپتۇردىن).»
      «بىلگە تۇنيۇقۇق بويلا باغا تارقان سايىسىدا ئىلتەرىش خاقان بولۇش سۈپىتى بىلەن جەنۇبتا تابغاچلارنى، شەرقتە قىتانلارنى، شىمالدا ئوغۇزلارنى بەك كۆپ ئۆلتۈردى. مەسلىھەتچىسى ۋە قوماندانى مەن ئىدىم.» («ئۇرخۇن ئابىدىلىرى» دىن «تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى» 113-، 115-بەتلەر).
«تۈرك خەلقىدىن تۆمۈر قوۋۇققىچە، ‹تەڭرى ئوغلى› دېيىلىدىغان تاغلار (غىچە) بارغانلىرى ئەسلا يوق ئىكەن. ئۇ زېمىنلارغا (تۈرك خەلقىنى) مەن بىلگە تۇنيۇقۇق ئېلىپ بارغانلىقىم ئۈچۈن سېرىق ئالتۇنلارنى، ئاق كۈمۈشلەرنى، خوتۇن-قىزلارنى، ئۆركەشلىك تۆگىلەرنى ۋە يىپەكلىك رەختلەرنى ئارتۇقى بىلەن (ئالدىمىزغا) كەلتۈردى.
      ئىلتەرىش خاقان دانا بولغانلىقى ئۈچۈن، جەسۇر بولغانلىقى ئۈچۈن، تابغاچلار بىلەن ئون يەتتە (قېتىم) ئۇرۇشتى، قىتانلار بىلەن يەتتە (قېتىم) ئۇرۇشتى، ئوغۇزلار بىلەن (مۇ) بەش (قېتىم) ئۇرۇشتى. مۇشۇ جەرياندا سۆزچىسىمۇ مەن ئىدىم، دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلغىنىمۇ مەن ئىدىم.
ئىلتەرىش خاقان، تۈرك بۆگۈ خاقانغا، تۈرك بىلگە خاقانغا....... (ئۇپىراپ ئۆچۈپ كەتكەن)
قاپقان خاقان يىگىرىمە (يەتتە يېشىدا!؟)....... (ئۇپىراپ ئۆچۈپ كەتكەن) ئىدى. (ئۇنى مەن) قاپقان خاقان (قىلىپ) تەختكە ئولتۇرغۇزدۇم. كېچىلىرى ئۇخلىماي، كۈندۈزلىرى ئولتۇرماي، قىزىل قېنىمنى ئېقىتىپ، قارا تەرىمنى تۆكۈپ خىزمەت قىلدىم. ئۇزاق مۇساپىلەرگە چارلىغۇچىلارنى ئەۋەتتىم. كۈزەتمە تۇرلىرىنى (ھەر يەرگە) ياساتتىم. يانغان دۈشمەنلەرنى قايتۇرۇپ ئەكەلدۈردۈم.
خاقان بىلەن ئىستىلالار قىلدىم. تەڭرى ھىمايە قىلسۇن، بۇ تۈرك خەلقى ئارىسىدا ساۋۇت-دۇبۇلغىلىق دۈشمەنلەرنىڭ كېزىپ يۈرىشىگە يول قويمىدىم، (قۇيرىقى) تۈگۈگلۈك (دۈشمەن) ئاتلىرىنى چاپتۇرمىدىم.
ئىلتەرىش قاغان تىرىشمىغان بولسا (ئىدى)، مەن ئۆزۈم تىرىشمىغان بولسام (ئىدىم) دۆلەتمۇ، خەلقمۇ بولمايتتى. (قاغان) تىرىشقانلىقى ئۈچۈن ۋە مەن ئۆزۈم تىرىشقانلىقىم ئۈچۈن، دۆلەتمۇ دۆلەت بولدى، خەلقمۇ خەلق بولدى.
(ئەمدى) مەن ياشىنىپ قالدىم، قېرىدىم. ھەر قانداق بىر مەملىكەتتىكى خاقانى بار بىر خەلقنىڭ مۇشۇنداق بىر دۆلەت ئەربابى بولسا، (ئۇ خەلقنىڭ) نېمىمۇ دەردى بولسۇن؟»(«ئۇرخۇن ئابىدىلىرى» دىن «تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى» 129-، 131-بەتلەر).


      ئىلتەرىش قاغان كۆك تۈرك خانلىقىنى قايتا تىكلىگەندىن كېيىن، دانىشمەن ۋەزىر تۇنيۇقۇقنىڭ  ياردىمىدە بۇرۇنقى كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ بارلىق سىياسىي، ھەربىي ۋە باشقا تۈزۈملىرىنى ئەينەن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، سىر تاردۇش خانلىقى يوقۇتۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ئۆتۈكۈن قارارگاھىنى ئىگىلەپ، ئۇنى كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ رەسمىي قارارگاھى قىلىپ بەلگىلىدى ھەمدە ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋى قائىدە بويىچە خانلىق زېمىنىنى «تۆلىش شاد» (شەرقىي تۈرك خانلىقى) ۋە «تاردۇش شاد» (غەربىي تۈرك خانلىقى) دەپ ئىككىگە ئايرىپ باشقۇردى شۇنداقلا كۆك تۈرك ئىمپېريىسىنىڭ بۇرۇنقى شان-شۆھرىتىنى قايتا نامايەن قىلدى. ئۇ «سەلتەنەت تەختىدە ئولتۇرغان 11 يىل (679-691) ئىچىدە 47 قېتىم تۆت تەرەپتىكى تاۋغاچ، قىتان، تاتابى، تاتار، ئۇيغۇر، قىرغىز، غەربىي تېلى قەبىلىلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ، ئىلگىرىكى ئاتا زېمىنىنى قايتىدىن بىرلەشتۈردى.» (قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا» 539-بەت). جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، سەددىچىن ئەتىراپىنى ئىگىلەپ، نۇرغۇن ئادەم ۋە مال-مۈلۈكنى بۇلاپ كەتتى. تاڭ سۇلالىسى ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا مۇداپىئە ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى.

      ئىلتەرىش قاغاننىڭ كۆك تۈرك خانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تۇنيۇقۇقنىڭ ياردىمىدە دۆلەتنىڭ سەلتەنىتىنى قايتا تىكلەش جەريانىدىكى كۈرەشلىرى «كۆلتىگىن مەڭگۈ تېشى» دا مۇنداق بايان قىلىنغان: «ئاتام خاقان ئون يەتتە ئادەم بىلەن ئىسىيان كۆتۈرۈپتۇ. (ئىلتەرىش ئىسىيان) كۆتۈرۈپتۇ، دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، شەھەردىكىلەر تاغقا چىقىپتۇ، تاغدىكىلەر (شەھەرگە) چۈشۈپتۇ، (بۇلار) يىغىلىپ يەتمىش كىشى بولۇپتۇ. تەڭرى كۈچ-قۇۋۋەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئاتام خاقاننىڭ ئەسكەرلىرى بۆرىدەك، دۈشمەنلىرى قويدەك ئىكەن. شەرققە (ۋە) غەربكە يۈرۈش قىلىپ ئادەم يىغىپتۇ. (ئاخىرىدا) ھەممىسى يەتتە يۈز كىشى بولۇپتۇ. يەتتە يۈز كىشى بولۇپ، دۆلەتسىز قالغان، خاقانسىز قالغان خەلقنى، قۇل بولغان خەلقنى، تۈرك ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى تاشلىۋەتكەن خەلقنى ئاتا-دادىلىرمنىڭ تۆرىسى بويىچە (يېڭىۋاشتىن) يارىتىپتۇ (ۋە) تەربىيلەپتۇ. تۆلىس (ۋە) تاردۇش خەلقىنى شۇ چاغدا تەشكىللەپتۇ. ئۇلار (نىڭ قوماندانلىرىغا) يابغۇ (ۋە) شاد (دېگەن ئۇنۋانلارنى) شۇ چاغدا بېرىپتۇ.

     جەنۇبتا تابغاچ خەلقى دۈشمەن ئىكەن، شىمالدا بېقىنما خاقان، توققۇز ئوغۇز خەلقى دۈشمەن ئىكەن، قىرغىزلار، قۇرىقانلار، ئوتتۇز تاتارلار، قىتانلار، تاتابىلارنىڭ ھەممىسى دۈشمەن ئىكەن. ئاتام خاقان مۇنچە.......(بۇ ئورۇنلار ئۇپىراپ ئۆچۈپ كەتكەن) قىرىق يەتتە قېتىم قوشۇن تارتىپتۇ، يىگىرىمە (قېتىم) ئۇرۇش قىپتۇ. تەڭرى (شۇنداق) بۇيرىغانلىقى ئۈچۈن، دۆلىتى بارلارنى دۆلىتىدىن مەھرۇم قىپتۇ، خاقانى بارلارنى خاقانىدىن مەھرۇم قىپتۇ، دۈشمەنلەرنى بويسۇندۇرۇپتۇ، تىزلىقلارنى تىز چۆكتۈرۈپتۇ، باشلىقلارنى باش ئەگدۈرۈپتۇ.
ئاتام خاقان شۇنداق دۆلەتنى (قۇرۇپ)، قانۇن-تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ ۋاپات بولۇپتۇ.» («ئۇرخۇن ئابىدىلىرى» دىن «كۈل تىگىن مەڭگۈ تېشى» 51-، 53-بەتلەر)

      692-يىلى ئىلتەرىش قاغان ۋاپات بولدى. ئورنىغا ئىنىسى مۇيۇنچۇر تەخكە چىقىپ، «قاپاغان قاغان» دەپ ئاتالدى. مۇيۇنچۇر 693-يىلى شىمالدىكى موڭغۇللارنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، جەنۇبتىكى قوشنىسى تاڭ سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، لىڭجۇ ئايمىقىغا يېتىپ كەلدى. چۈنكى 688-699 يىللاردىن باشلاپ تاڭ سۇلالىسى كۆك تۈرك خانلىقىغا جىددىي كېرەكلىك بولغان ئاشلىق، تۆمۈر، رەخت قاتارلىق تاۋارلارنى سېتىپ بېرىشتىن باش تارتقان ئىدى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش قاپاغاننىڭ ئالدىغا قويۇلغان جىددىي ۋەزىپە ئىدى.
      قاپاغان قاغان قوشۇنلىرى 693-يىلدىن 706-يىلغىچە ئالتە قېتىم سېرىق دەريادىن ئۆتۈپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ شىمالىدىكى نۇرغۇن ئايماقلارنى خانىۋەيران قىلدى. ئۇنىڭ قوشۇنلىدى 693-يىلى 12-ئايدا تۇنجى قېتىم سەددىچىننى بۆسۈپ ئۆتۈپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، سېرىق دەريا ۋادىسىدىكى ئەڭ مۇنبەت ھەم باي-باياشات رايۇن بولغان لىڭجۇنى قاتتىق بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ھەركىتىنىڭ داغدۇغىسى ناھايتى زور بولدى. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ئەڭ زور ئۇتىقى، ئۇ بۇ يۈرۈش ئارقىلىق تاڭ سۇلالىسى چېگرا رايونىدىكى نۇرغۇنلىغان مۇھىم سىتىراتىگىيلىك ئورۇنلارنى، جۈملىدىن تارىختىن بۇيان شىمالدىكى كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىشىدىكى تايىنىش نۇقتىسى بولغان چوغاي تېغىنى قايتىدىن تىزگىنلىدى. 697-يىلى قاپاغان قاغان تاڭ سۇلالىسىگە ھازىرقى خېبېي، شەنشى، سەنشى، نىڭشا، گەنسۇ ئۆلكىلىرىنىڭ شىمالىدىكى ئالتە ئوبلاستنى ئۆزىگە بۆلۈپ بېرىش ۋە 100 مىڭ خو ئاشلىق، 3 مىڭ دانە دېھقانچىلىق سايمانلىرى، نەچچە تۈمەن جىڭ تۆمۈر بېرىشنى تەلەپ قىلدى. تاڭ سۇلالىسى قاپاغان قاغاننىڭ يەنە قوشۇن باشلاپ كېلىشىدىن ئەنسىرەپ، شىمالدىكى ئالتە ئوبىلاستنى ۋە 40 مىڭ خو ئاشلىق، 50 توپ تاۋار-دۇردۇن، 3 مىڭ دانە قورال-سايمان، 40 مىڭ جىڭ تۆمۈر بېرىشكە مەجبۇر بولدى.
         قاپاغان قاغان تاڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە بىر قاتار غەلىبىلەرنى قولغا كالتۈرگەندىن كېيىن، ئۆز جەمەتىنىڭ خانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، 699-يىلى كۆك تۈركلەرنىڭ ۋارىسلىق تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىپ، ئىلتەرىش قاغاننىڭ كىچىك ئوغىلى، باتۇر سەركەردە، قانۇنلۇق تەخت ۋارىسى كۆل تىگىن ۋە ئىلتەرىش قاغاننىڭ چوڭ ئوغىلى، ئۇرۇشتا كۆپ خىزمەت كۆرسەتكەن قەھرىمان سەركەردە مۇجىلاننى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۆز ئوغلى بۆگۈنى «كىچىك خان» قىلىپ بەلگىلەپ، خانلىقنىڭ شىمالىنى باشقۇرۇشقا قويدى. بۇ يەرلەر ئەمىلىيەتتە مۇجىلاننىڭ باشقۇرىشىدا ئىدى. شۇڭا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىلتەرىش قاغان بىلەن قاپاغان قاغان ئەۋلادلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈر زىددىيەت بىخلىنىشقا باشلىدى.
699-يىلدىن 716-يىلغىچە قاپاغان قاغان غەربكە يۈرۈش قىلىپ، بىر قاتار غەلىبىلىك جەڭلەرنى قىلىش ئارقىلىق جۇڭغار ئويمانلىقىنى پۈتۈنلەي ئۆز كونتۇرۇللىقى ئاستىغا ئالدى. 696-يىلدىن 706-يىللار ئارلىقىدا قىتانلارنى بويسۇندۇرۇپ، تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ شەرقىي شىمالدىكى ھىنگان تاغلىرىغا ئۆتۈش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، شەرقىي چېگرىنى مۇستەھكەملىدى.689-يىلدىن 708-يىلغىچە تاڭنۇ تېغى، ئالتاي ۋە تارباغاتاي رايونىغا يېتىپ باردى، 707-يىلى بايقال كۆلىگىچە ئىگىلىدى. 709-يىلى يەنىسەي دەرياسى ۋادىسىدىكى خاكاس (قىرغىز) لارنى تىز پۈكتۈردى. 712-يىلى يەتتە سۇ رايونى قاپاغان قاغاننىڭ ئىختىيارىغا ئۆتتى. 713-يىلى سىر دەرياسىدىن ئۆتۈپ، تۆمۈر قاپقىغىچە يېتىپ باردى. بىراق قاپاغان قاغاننىڭ ئەرەبلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشلىرى ئانچە ئوڭۇشلۇق بولماي، ئېغىر مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. پۇرسەتتىن پايدىلانغان سوغدىلار مەغلۇپ بولغان قوشۇنىنى قايتا تەشكىللەپ، قاپاغان قاغان قوشۇنلىرىغا قارىشى چىقتى. 714-يىلى قاپاغان قاغان باشچىلىقىدىكى كۆك تۈرك قوشۇنلىرى بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنلىرى ئوتتۇرىسىدا بەشبالىقتا ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشتا تۈرك قوشۇنلىرى ئېغىر مەغلۇپ بولدى.
         ھەربىي جەھەتتىكى بۇ مەغلۇبىيەت كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى داۋالغۇتۇپ قويدى. خانلىقنىڭ ئىچكى قىسىمىدا ئىسىيانلار توختىماي ئەۋج ئالدى. 715-يىلى بىر قىسىم قەبىلىلەر قاپاغان قاغان ھاكىميىتىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن تاڭ سۇلالىدىن ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى. 716-يىلى بايىرقۇ قەبىلىسى ئىسىيان كۆتۈرۈپ، قاپاغانغا قارىشى چىقتى. قاپاغان قاغان ئۆزى بىۋاستە ئەسكەر باشلاپ چىقىپ، بايىرقۇلارنى قاتتىق باستۇردى. بىراق ئۇ قايتىش سەپىرىدە بايىرقۇلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىراپ ئۆلتۈرۈلدى. كاللىسى تاڭ سۇلالىسىگە سوۋغا قىلىندى. قاپاغان قاغاننىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغان بۇگۇ قاغان ئۆزىنى «بۈيۈك قاغان» دەپ ئېلان قىلىپ، دادىسىنىڭ ئورنىغا خانلىق تەختىگە چىقتى. بۇ سەۋەبتىن ئىلتەرىش قاغان بىلەن قاپاغان قاغاندىن ئىبارەت ئىككى ئاكا-ئۇكىلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئارىسىدا تەخت تالىشىش ماجىراسى يۈز بەردى. بۇگۇ قاغاننىڭ خانلىق تەختىنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىشى «تۈرك خەلقىنىڭ ئۇدۇمى» غا خىلاپ بولغاچقا ھەم خانلىق ئۈچۈن كۆرسەتكەن تۆھپىسى ئانچە زور بولمىغاچقا، ئۇ كۆك تۈركلەرنىڭ مۇھىم قەبىلىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى. ئىلتەرىش قاغاننىڭ كىچىك ئوغىلى كۆلتېگىن ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، جەڭلەردە كۆرسەتكەن جاسارىتى ۋە خانلىق ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى بىلەن كۆك تۈركلەرنىڭ ئابىرويلۇق قەبىلىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، بۆگۈ قاغاننى ئۆلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئاكىسى مۇجىلاننى «بۈيۈك قاغان» لىققا كۆتەردى. مۇجىلان شۇنىڭدىن باشلاپ «بىلگە قاغان» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولدى. قاپاغان قاغاننىڭ يېقىن كىشىسى بولغان تۇنيۇقۇقنىڭ قىزى بىلگە قاغاننىڭ خانىشى بولغاچقا، تۇنيۇقۇق بەختكە يارىشا ئامان قالدى. بىلگە قاغان تەختكە چىققاندىن كېيىن دانا مەسلىھەتچى تۇنيۇقۇقنىڭ مەسلىھىتى بويىچە بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈپ، تاڭ سۇلالىسىغا ئەل بولغان تۈرك قەبىلىلىرنى ئۆز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇپ كېلىش جەھەتتىن ئاكتىپ ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ باردى. تاشقى جەھەتتىن ئىنىسى كۆلتېگىننى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەۋەتىپ، بىر قاتار غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەرەبلەرنىڭ بۇ رايونغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.
    «كۈلتېگىن مەڭگۈ تېشى» دا ئىلتەرىش قاغان ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى بىرقاتار ئۆزگىرىشلەر ھەم ھەربىي ھەركەتلەر شۇنداقلا بىلگە قاغاننىڭ كۆك تۈركلەرنىڭ تاڭ سۇلالىسىگە بېقىندى ھالغا چۈشۈپ قېلىشىدىن ئالغان چوڭقۇر ساۋىقى ۋە تۈرك خەلقىگە قىلغان ئاچچىق نەسىھىتى، خانلىقنى مۇستەھكەملەش يولىدىكى ھەرىكەتلىرى شۇنداقلا چوڭقۇر يۇرت سۆيگۈسى مۇنداق خاتىرلەنگەن: « (ئاتام خاقان ۋاپات بولغاندىن كېيىن)، قانۇن بويىچە تاغام خاقان تەختتە ئولتۇردى. تاغام قاغان تەختتە ئولتۇرۇپ، تۈرك خەلقىنى قايتىدىن تەشكىللىدى (ۋە يېڭىباشتىن) تويغۇزدى. يوقسۇلنى باي قىلدى، ئازنى كۆپ قىلدى. تاغام قاغان تەختتە ئولتۇرغاندا مەن تاردۇش خەلقىگە شاد ئىدىم. تاغام قاغان بىلەن شەرقتە سېرىق دەريا (غا ۋە) شەندۇڭ تۈزلەڭلىكىگىچە قوشۇن تارتتۇق، غەربتە تۆمۈر قوۋۇققىچە قوشۇن تارتتۇق؛ كۆكمەن (تاغلىرىنىڭ) ئۇ تەرىپىدە قىرغىز دۆلىتىگە سەپەر قىلدۇق. جەمىئى يىگىرىمە بەش (قېتىم) قوشۇن تارتتۇق، ئون ئۈچ (قېتىم) جەڭ قىلدۇق. دۆلىتى بارلارنى دۆلىتىدىن مەھرۇم قىلدۇق، خاقانى بارلارنى خاقانىدىن ئايرىدۇق؛ تىزلىقلارنى تىز چۆكتۈردۇق، باشلىقلارنى باش ئەگدۈردۇق.
      تۈركەش خاقانى (ئۆز) تۈركىمىز، ئۆز خەلقىمىز ئىدى. نادانلىقى تۈپەيلىدىن بىزگە قارىشى خاتا ھەرىكەت قىلغانلىقىدىن خاقانلىرى ئۆلدى، قوماندانلىرى (ۋە) بەگلىرىمۇ ئۆلدى. ئون-ئوق خەلقى زۇلۇم چەكتى. ئاتىلىرم، دادىلىرىم ئىستىلا قىلغان يۇرت ئىگىسىز قالمىسۇن دەپ، ئاز خەلقنى تەرتىپكە سېلىپ تەشكىللەپ.......(بۇ ئورۇنلار ئۇپىراپ ئۆچۈپ كەتكەن) بارس بەگ ئىدى. خاقان ئۇنۋانىنى بۇ يەردە (ئۇنىڭغا) بىز بەردۇق. (خانىش قىلىپ) سىڭلىم مەلىكىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلدۇق. ئۆزى خاتالاشتى، (نەتىجىدە) ئازلارنىڭ خاقانى ئۆلدى، خەلقىمۇ قۇل-كۆلە بولدى. كۆگمەن مەملىكىتى ئىگىسىز قالمىسۇن دەپ، ئاز ۋە قىرغىز خەلقىنى تەشكىلاتلاندۇرۇپ كەلدۇق ۋە ئۇرۇشتۇق.......( بۇ ئورۇنلار ئۇپىراپ ئۆچۈپ كەتكەن) قايتىدىن بەردۇق. شەرقتە ھىنگان تاغلىرى (غىچە) خەلقلىرىمىزنى ئاشۇنداق ئورۇنلاشتۇردۇق، ئاشۇنداق تەشكىللىدۇق. ئۇ دەۋردە قۇللارنىڭ (مۇ) قۇلى بولغان ئىدى، دېدەكلەرنىڭ (مۇ) ئايال خىزمەتچىسى بولغان ئىدى. شۇنچە باياشات (ۋە) شۇنچە تەرەققى قىلغان دۆلىتىمىز بار ئىدى.
(ئەي) تۈرك، ئوغۇز بەگلىرى (ۋە) خەلقى، ئىشتىڭلار! ئۈستىمىزدىكى ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشمىگىچە، ئاستىمىزدىكى يەر يېرىلمىغىچە، (ئەي) تۈرك خەلقى، (سېنىڭ) دۆلىتىڭنى كىم ئۆرەلەيتتى، قانۇن-تۆرىلىرىڭنى كىم بۇزالايتتى؟ (ئەي) تۈرك خەلقى، (ئەسكى خۇيلىرىڭنى) تاشلا ۋە پۇشايمان قىل (ئۆكۈن)! ئىتائەتسىزلىكىڭدىن (سېنى) بېقىپ تويغۇزغان دانا خاقانىڭ بىلەن مۇستەقىل (ۋە) باياشات دۆلىتىڭگە (قارىشى) ئۆزەڭ خاتا قىلدىڭ، (دۆلىتىڭ بىلەن) چىقىشالمىدىڭ. قوراللىق (دۈشمەن) نەدىن كېلىپ (سېنى) ۋەيران قىلدى ۋە پىتىراتتى؟ نەيزىلىك (دۈشمەن) نەدىن كېلىپ (سېنى يېرىڭدىن، يۇرتۇڭدىن) ھەيدەپ چىقىرىۋەتتى؟ مۇقەددەس ئۆتۈكەن تاغلىرى خەلقى، (يېرىڭنى، يۇرتۇڭنى تاشلاپ) كەتتىڭ. شەرققە كەتكەنلەر (ىڭىز) كەتتىڭىز، غەربكە كەتكەنلەر (ىڭىز) كەتتىڭىز. بارغان يېرىڭلاردا ئېرىشكىنىڭلار شۇ بولدى، چوقۇم: قانلىرىڭلار دەريادەك ئاقتى، سۆڭەكلىرىڭلار دەريادەك دۆۋىلەندى؛ بەگ بولىدىغان ئوغۇللىرىڭلار قۇل بولدى، خېنىم بولىدىغان قىزلىرىڭلار دېدەك بولدى.» («ئۇرخۇن ئابىدىلىرى» دىن «كۈل تىگىن مەڭگۈ تېشى» 53-، 55-، 57-بەتلەر).

«بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تابغاچ خەلقى بىلەن ياراشتىم. (تابغاچلار) ئالتۇن (نى)، كۈمۈش (نى)، يىپەك (نى) (ۋە) يىپەكلىك رەختلەرنى (بىزگە) ئاسانلا بېرىدۇ. تابغاچ خەلقىنىڭ سۆزلىرى تاتلىق، يىپەك رەختلىرى (مۇ) يۇمشاق ئىكەن. تاتلىق سۆزلەر، يۇمشاق يىپەك رەختلەر بىلەن ئالداپ، يىراق (لاردا ياشايدىغان) خەلقلەرنى مۇشۇنداقچە ئۆزلىرىگە يېقىنلاشتۇرىدىكەن. (بۇ خەلقلەر) ئۆزلىرىگە يېقىنلاشقاندىن كېيىن، (تابغاچلار) ئاندىن قۇتىراتقۇلىقلىرىنى، ھىيلە-مىكىرلىرىنى ئويلايدىكەن. ياخشى، ئەقىللىق كىشىلەرنى، ياخشى، جەسۇر كىشىلەرنى كارغا كەلمەس قىلىپ قويىدىكەن؛ (يەنە بىر تەرەپتىن) بىر كىشى خاتالاشسا، (ئۇنىڭ) ئۇرىقى، خەلقى، ھەتتا بۆشىكتىكىسىنىمۇ ئاياپ قويمايدىكەن. (تابغاچلارنىڭ) چۈچۈك سۆزلىرىگە ئىشىنىپ (ۋە) يۇمشاق يىپەك رەختلىرىگە ئالدىنىپ، ئەي تۈرك خەلقى، كۆپلەپ ئۆلدۈڭ! (ئەي) تۈرك خەلقى، ئۆلىسەن! جەنۇبتا چوغاي تاغلىرىغا (ۋە) تۈگۈلتۈن تۈزلەڭلىكىدە ئولتۇراقلىشايلى دېسەك، (ئەي) تۈرك خەلقى ئۆلىسەن! ئۇ يەردە (يامان نىيەتلىكلەر) شۇنداق ئەقىل كۆرسىتىدىكەن: ‹(تابغاچلار، بىر خەلق) يىراق (تا ياشىغان) بولسا، ئېسىل سوۋغاتلار بېرىدۇ› دەپ شۇنداق ئەقىل كۆرسىتىدىكەن. (ئەي) نادان كىشىلەر، بۇ سۆزلەرگە ئىشىنىپ، (تابغاچلارغا) يېقىن بېرىۋېلىپ، كۆپلەپ ئۆلدۈڭلار. ئۇ يەرگە بارساڭ، (ئەي) تۈرك خەلقى، ئۆلىسەن! ئۆتۈكەن تاغلىرىدا ئولتۇرۇپ (بۇ يەردىن تابغاچقا ۋە باشقا ئەللەرگە) كارۋان ئەۋەتسەڭ، ھېچقانداق دەردىڭ بولمايدۇ. ئۆتۈكەن تاغلىرىدا ئولتۇرساڭ، مەڭگۈ دۆلەت ئىگىسى بولۇپ ھۆكۈم سۈرىسەن. (ئەي) تۈرك خەلقى، (سەن) توق كۆزلۈكسەن: ئاچلىقنى، توقلۇقنى ئويلىمايسەن؛ بىر تويساڭ ئاچ قالىدىغىنىڭنى پەقەت ئويلىمايسەن. مۇشۇنداق بولغانلىقىڭ ئۈچۈن، (سېنى) بېقىپ توق قىلغان خاقانلىرىڭنىڭ سۆزلىرىنى (ئاڭلىماي ۋە مەقسىدىنى) چۈشەنمەي، ھەر تەرەتپكە پىتىراپ كەتتىڭ، ئۇ يەرلەردە ۋەيران بولدۇڭ (ۋە) تۈگەشتىڭ. ئۇ يەرلەردە (بىر ئاماللار بىلەن) ساق قالغان (لىرىڭلارمۇ ھەر دائىم) مىسكىن ۋە دەرمانسىز يۈرىۋاتىسىلەر.» («ئۇرخۇن ئابىدىلىرى» دىن «كۈل تىگىن مەڭگۈ تېشى» 41-، 43-بەتلەر).

« (مەن) باي ۋە باياشات (بىر) خەلققە ھۆكۈمدار بولمىدىم. قارنى ئاچ، دۈمبىسى يالىڭاچ، يوقسۇل ۋە بىچارە (بىر) خەلققە ھۆكۈمدار بولدۇم. ئىنىم كۆلتىگىن بىلەن سۆزلىشىپ پۈتۈشتۈق. ئاتىمىز، تاغىمىز قولغا كەلتۈرگەن خەلقنىڭ نام-شەرىپى يوق بولمىسۇن دەپ، تۈرك خەلقى ئۈچۈن تۈنلىرى ئۇخلىمىدىم، كۈندۈزلىرى ئولتۇرمىدىم. ئىنىم كۆلتىگىن بىلەن، ئىككى شاد بىلەن (بىللە) ئۆلۈپ تۈگەشكىچە تىرىشىپ ئىشلىدىم، شۇنداق ئىشلەپ، تىرىشىپ بىرلەشكەن خەلقنى ئوت (بىلەن) سۇ (دەك بىر-بىرىگە دۈشمەن) قىلمىدىم. مەن ئۆزەم ھۆكۈمدار بولغاندا، ھەر تەرەپكە كەتكەن خەلق ئۆلە-تىرىلىشىگە قارىماي ياياق-يالاڭ ئاياغ قايتىپ كەلدى. خەقنى بېقىپ تويغۇزاي دەپ، شىمالدا ئوغۇزلارغا، شەرقتە قىتان (ۋە) تاتابىلارغا، جەنۇبتا تابغاچقا (جۇڭگو) ئون ئىككى قېتىم زور قوشۇن تارتتىم... ئۇرۇشتۇم. ئاندىن كېيىن، تەڭرى ھىمايە قىلسۇن، ئىلاھىي مەدەتكار تەقدىرىم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆلۈمگە يۈز تۇتقان خەلقنى تىرىلدۈرۈپ تويغۇزدۇم. يالىڭاچ خەلقنى تونلۇق، يوقسۇل خەلقنى باي قىلدىم. ئاز خەلقنى كۆپەيتتىم؛ (ئۇلارنى) كۈچلۈك دۆلىتى، كۈچلۈك خاقانى بارلاردىنمۇ ياخشى قىلدىم. تۆت ئەتىراپتىكى خەلقلەرنى بويسۇندۇردۇم، (تۈرك خەلقىنى) دۈشمەنسىز قىلدىم. بۇ خەلقلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا قارايدۇ، (ماڭا) خىزمەت قىلىدۇ.» («ئۇرخۇن ئابىدىلىرى» دىن «كۈل تىگىن مەڭگۈ تېشى» 57-، 59-بەتلەر).
«شەرقتە شەندۇڭ تۈزلەڭلىگىچە قوشۇن ئەۋەتتىم، دېڭىزغا ئاز قالغاندا توختىدىم؛ جەنۇبتا توققۇز ئەرسىنگىچە قوشۇن ئەۋەتتىم، تىبەتكە ئاز قالغاندا توختىدىم؛ غەربتە ئۈنچە دەرياسى (سىر دەرياسى) (نى) كېچىپ ئۆتۈپ، تۆمۈر قوۋۇققىچە قوشۇن تارتتىم؛ شىمالدا يىر بايىرقۇ تۇپىراقلىرىغىچە قوشۇن تارتتىم؛ شۇنچە كۆپ دىيارلارغىچە  (قوشۇنلىرىمنى) ئەۋەتتىم (ۋە چۈشەندىمكى) ئۆتۈكەن تاغلىرىدىن ياخشى بىر جاي زادى يوق ئىكەن!» («ئۇرخۇن ئابىدىلىرى» دىن «كۈل تىگىن مەڭگۈ تېشى» 39-بەت).

بىراق بىلگە قاغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللۇنۇپ ۋە ھەرىبىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ مەلۇم نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە قاغانلىق يىمىرلىش گىردابىغا چۈشۈپ قالدى. بىر قىسىم ھۆكۈمرانلار ۋە قەبىلىلەر گۇرۇھلىرى قاپاغان قاغاننىڭ ۋاپاتىدىن پايدىلىنىپ مۇستەقىل بولۋالدى. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىلگە قاغان ئىنىسى كۆل تېگىننى قوشۇننىڭ ئالى قوماندانلىقىغا، يېشى 70 تىن ئېشىپ قالغان تۇنيۇقۇقنى خانلىقنىڭ سىياسىي مەسلىھەتچىلىكىگە قويدى. ئارقىدىنلا بىلگە قاغان كۆل تېگىن بىلەن بىرگە قاغانلىققا قاراشلىق ھەرقايسى جايلارنى تىنجىتىپ تەرتىپكە سېلىش ئۇرۇشىغا ئاتلاندى. مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە، 718-يىلى سېرىق دەريا ۋادىسىدا ياشاۋاتقان بىر تۈركۈم تۈركلەر تاڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن «خانلىققا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ» دەپ قارىلىپ، شىمالغا-ئۆتۈكۈن ۋادىسىغا قوغلاندى. ئۇلار ئۆتۈكۈن ۋادىسىغا كەلگەندىن كېيىن، بىلگە قاغانغا قوشۇلۇپ، ھەيۋەتلىك بىر قوشۇنغا ئايلاندى. بىلگە قاغاننىڭ قوشۇنى زور دەرىجىدە كۈچەيدى. بۇنىڭدىن مەغرۇرلانغان بىلگە قاغان تاڭ سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلىش تەكلىپىنى قويغان بولسىمۇ، بۇ تەكلىپ «يېشىم چوڭىيىپ قالدى، پۇرسەت يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوشۇن يېڭى تەشكىللەنگەن، قوزغىلىش ئىمكانىيىتى يوق» (قەدىمكى تۈرك-رۇنىك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر» 63-بەت) دېگەن سەۋەب بىلەن تۇنيۇقۇق تەرىپىدىن رەت قىلىندى. بىلگە قاغان تۇنيۇقۇقنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئۇرۇش قىلىشنى توختىتىپ، تاڭ سۇلالىسى بىلەن يارىشىش نىيىتىدە چاڭئەنگە ئەلچى ئەۋەتتى. بىراق بۇ چاغدا تاڭ سۇلالىسى تىبەتلەر بىلەن قىلىۋاتقان ئۇرۇشنى توختىتىپ، بىرلىشىش تەرەپكە قاراپ ماڭغان بولغاچقا، بىلگە قاغاننىڭ يارىشىش تەكلىپىنى رەت قىلىپ، تۈركلەرگە جازا يۈرۈشى قىلغۇچى چوڭ قوشۇن تەشكىللەش بۇيرۇقىنى چۈشەردى. بۇ قوشۇننىڭ تەركىبىدە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاساسىي قوشۇنىدىن باشقا يەنە چېگرا رايونلاردىكى ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ قوشۇنلىرى، جۈملىدىن باسمىل، قىتان، چىك ۋە قاپاغان قاغان جەمەتىدىن بولغان بىر قىسىم تۈرك ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قوشۇنلىرىمۇ بار ئىدى. 720-يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ بىرلەشمە قوشۇنى ئۆتۈكۈن تېغىغا ھۇجۇم باشلىدى. بىراق بىلگە قاغان ۋە تۇنيۇقۇقلار ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ئالدىن خەۋەر تېپىپ بولغاچقا (ئەينى دەۋردە كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ ھەركەتچان ۋە خىل بولغان چارلىغۇچى قىسىملىرى ناھايتى مەشھۇر ئىدى)، باسمىللارنىڭ 17 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى ئۆتۈكۈنگە ھۇجۇم باشلاش بىلەنلا ئەجەللىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى ھەم تەلتۆكۈست يوقۇتىلدى. تۇنيۇقۇق باشچىلىقىدىكى قوشۇن يەنە باسمىللارنى قوغلاپ يوقۇتۇش ئۇرىشى جەريانىدا تاڭ سۇلالىسىنىڭ مەغلۇبىيەتچى قوشۇنىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىغا ئۇچىراپ، ئۇلار بىلەن قاتتىق جەڭ قىلىپ، تولوق غەلبىنى قولغا كەلتۈردى. ئارقىدىن گەنسۇغا يۈرۈش قىلىپ، لياڭجۇ ئايمىقىنى ئىگىلىدى. بىلگە قاغان باشچىلىقىدىكى قوشۇنمۇ قىتان قوشۇنلىرىنى ئەجەللىك مەغلۇبىيەتكە گىرىپتار قىلدى. ئەمما 723-724-يىللاردا تۈركلەر قىيىن ئەھۋالدا قالدى. قاتتىق سوغۇق ئۇلارنى زور زىيانغا ئۇچىراتتى. 724-يىلى ئەتىيازدا ئۇلار يەنە ئوغۇزلار بىلەن ئۇرۇش قىلدى ھەم غەلىبە قىلدى. بىراق، بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىشى تۈركلەرنىڭ ئىلگىرىكى نەتىجىلىرىنى بىراقلا كۆپۈككە ئايلاندۇرۋېتىشكە تاس قالدى. كۆك تۈرك خانلىقى زور دەرىجىدە ئاجىزلىشىپ كەتتى. بۇ خىل ۋەزىيەت ئاستىدا بىلگە قاغان ئىچكى ۋەزىيەتنى تۇراقلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومومىي ۋەزىيەتنى تىزگىنلىدى. سىرتقا قارىتا تىنچ ئۆتۈش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئىتتىپاقداشلىرنىڭ بىرلىشىپ ئۇرۇش قوزغاش تەكلىپلىرىنىمۇ رەت قىلىۋەتتى.

    731-يىلى كۆل تېگىن ئالەمدىن ئۆتتى. بىلگە قاغان قابىليەتلىك كىشىسىدىن ھەم يېقىن تايانچىسىدىن ئايرىلىپ قالدى. 734-يىلى بىلگە قاغان ئۆز ۋەزىرى بۇيرۇق شات تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. ئورنىغا ئىنىسى تەڭرى قاغان تەختكە چىققان بولسىمۇ، بىراق ئۇ كىچىك بولغاچقا ئانىسى سۇببىيىن قاتۇن ۋاكالىتەن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزدى. نەتىجىدە ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدا كەسكىن زىددىيەتلەر باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، بىر-بىرىنى قانلىق قىرغىنچىلىق قىلىشتى. ئاخىرىدا قۇت يابغۇ قاغان تەختنى ئىگىلىدى. بۇ چاغدا كۆكتۈرك خانلىقىغا قاراشلىق بىرمۇنچە قەبىلىلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، كۆكتۈرۈك خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت ئاساسىنى تەۋرىتىپ قويدى. 742-يىلى باسمىل، ئۇيغۇر، قارلۇق قەبىلىلىرى بىرلىشىپ قوزغۇلۇپ، قۇتلۇق يابغۇ قاغاننى ئۆلتۈردى. باسمىللارنىڭ ئاتامانى تەختكە چىقىپ، ئۆزىنى «ئېلتەرىش قاغان» دەپ ئاتىدى. ئەمما تۈرك قاغانلىقىنىڭ ئاقسۆڭەكلىرى كۆلتىگىننىڭ ئوغىلى ئۇزمىش قاغاننىڭ ئەتىراپىغا ئۇيۇشۇپ قاتتىق قارىشلىق كۆرسەتتى. بىراق بۇ چاغدا بىرلەشمە قوشۇننىڭ ئىچىدىكى باسمىللار تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھىلە ئىشلىتىشى ۋە كۈچ چىقىرىپ ياردەم بېرىشى نەتىجىسىدە ئۇزمىش قاغاننى ئۆلتۈرۋەتتى. تۈرك ئاقسۆڭەكلىرى قارىشلىقنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇزمىش قاغاننىڭ ئىنىسى بەيمېي قاغاننى تەختكە چىقاردى. بىراق 745-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ باشلىقى كۆل بىلگە قوشۇن باشلاپ چىقىپ، كۆك تۈرك خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ، بارلىق كۈچلەرنى يوقۇتۇپ، موڭغۇل ئىگىزلىكىنىڭ يېڭى خوجايىنىغا ئايلىنىپ، ئۆزىنى «قۇتلۇق بىلگە كۆل قاغان» دەپ ئاتاپ، بىر مەزگىل گۈللەپ-ياشنىغان ئۇرخۇن-ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرىدى. بۇ خانلىق ئەمىلىيەتتە 646-يىلى ئۇيغۇر قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ ئاتامانى تۇمىد ئۇلۇغ ئىلتەبىر قۇرىغان ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ داۋامى ۋە بىۋاستە راۋاجى ئىدى.
 
قوشۇمچە:
كۆكتۈرك دۆلىتىنىڭ قاغانلىرىنىڭ نەسەبنامىسى (552-603)
1. تۈمەنخان (553-552)
2. قاراخان (554-553)
3. مۇقانخان (574-554)
4. تابارخان (581-574)
5. ساۋارلۇخان (ئىشبارا قاغان) (587-581)
6. چۇرباغا قاغان (588-587)
7. توڭا تۇران قاغان (600-588)
8. كىمىن تۇرى قاغان (603-600)
 
شەرقىي تۈرك قاغانلىرىنىڭ نەسەبنامىسى (603-745)
1. كىمىن تۈرى قاغان (609-603)
2. سىۋار قاغان (619-609)
3. چۇلۇك قاغان (621-619)
4. قاراخان (630-621)
5. سىربا قاغان (646-630)
6. چىبى قاغان (647-646)
7. ئىبى تولو قاغان (653-647)
8. چىنجۇ يابغۇ قاغان (659-653)
9. ئاسىنا تورچى قاغان (676-659)
10. تۇچى قاغان (678-676)
     ئىلتەرىش قاغان (679-691) 679-يىلى تاڭ سۇلالىسىدىن ئايرىلىپ، كۆك تۈرك خانلىقىنى قايتا قۇرۇپ، مۇستەقىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ھەمدە خانلىق زېمىنىنى «تۆلىش شاد» (شەرقىي تۈرك خانلىقى) ۋە «تاردۇش شاد» (غەربىي تۈرك خانلىقى) دەپ ئىككىگە بۆلۈپ،  باشقۇرۇپ، ھەر بىرسىگە ئايرىم تۇتۇق قاغانلارنى (يابغۇلارنى) بەلگىلىگەن. ئۇ كۆك تۈرك ئىمپېريىسىنىڭ بۇرۇنقى شان-شۆھرىتىنى قايتا نامايەن قىلغان.
11. ئاسىنا نىزۇق قاغان (680-679)
12. ئاسىنا ئىنەن قاغان (681-680)
13. ئاسىنا قۇتلۇق قاغان (682-691)
14. قاپاغان قاغان (691-716) مەكىزى خانلىق ۋە شەرقىي تۈرك خانلىقىغا بىر تۇتاش ھۆكۈمرانلىق قىلغان.
15. بىلگە قاغان (734-716) مەكىزى خانلىق ۋە شەرقىي تۈرك خانلىقىغا بىر تۇتاش ھۆكۈمرانلىق قىلغان.
16. ئاسىنا بىلگە قاغان (739-734)
17. بىلگە قۇتلۇق قاغان (741-739)
18. پان كۆل قاغان (742)
19. سۇيىن قاغان (742)
20. ئۆزمىش قاغان (744-742)
21. بولمىش قاغان (745-744)
 
غەربىي تۈرك قاغانلىرىنىڭ نەسەبنامىسى (552-742)
كۆك تۈرك خانلىقى قۇرۇلغان چاغدىكى غەرىبىي قىسىمنى باشقۇرغۇچى يابغۇلاردىن ھېسابلاندى.
1. ئىستىمى قاغان (576-552)
2. بىلگە تاردۇش قاغان-ئورتاق (600-576)
3. ئاپا قاغان-ئورتاق (593-576)
4. ئىنەل قاغان-ئورتاق (600-593)
5. چپلۇ قاغان (611-600)
6. شىغۇي قاغان (618-611)
7. تون يابغۇ قاغان (630-618)
8. سى يابغۇ قاغان (633-630)
9. باغاشا تولىس قاغان (634-633)
10. ئىشبارا تىرىش تۇڭگە قاغان (639-634)
11. ئېپى تولو قاغان (651-639)
12. ئاسىنا ئالىپ قاغان (658-651)
13. ئسىنا مىشى قاغان (662-658)
14. ئاسىنا بوركىن قاغان (666-658)
15. ئاسىنا تورچى قاغان (679-666)
16. ئاسىنا نىزۇق قاغان (680-679)
17. ئاسىنا يالچىن (693-686)
18. ئاسىنا خۇجىلۇ (690-686)
19. ئاسىنا قەيدۇ (704-699)
20. ئاسىنا شان ـئورتاق قاغان (711-704)
21. ئۇجىلى-ئورتاق قاغان (710-700)
22. سوگى (718-710)
23. سۇلۇخان (738-718)
24. ئاسىنا ئون ئوق قاغان (742-738)
 
پايدىلانمىلار:

1. «شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى». ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنىسا سىدىق. «مىللەتلەر نەشىرياتى» بېيجىڭ 1991-يىل 11-ئاي 1-نەشىرى.
2. «ئۇرخۇن ئابىدىلىرى» (كۆل تىگىن، بىلگە قاغان، تۇنيۇقۇق ئابىدىلىرى). تالات تەكىن (تۈركىيە). «مىللەتلەر نەشىرياتى» بېيجىڭ 2009-يىل 3-ئاي 1-نەشىرى.
3. «قەدىمكى تۈرك-رۇنىك يېزىقىدىكى ئابىدىلىرى». س. گ. كلياشتورنىي (روسىيە). «شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى» 2000-يىل 6-ئاي 1-نەشىرى.
4. «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا». ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن. «شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى» 2002-يىل 3-ئاي 1-نەشىرى.
5. «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى». «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»نى تۈزۈش گۇرۇپپىسى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1989-يىل 11-ئاي 1-نەشىرى
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-06-15, 00:13
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-06-14 19:15 |
alogli01
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3607
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
شۆھرەت: 83 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 94 سوم
تۆھپە: 46 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 47 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 45(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن مۇئەللىم.ئىجادىيەت ئىشلىرىڭىز روناق تاپسۇن،ئۆز تارىخنى بىلمىگەن مىللەت مەڭگۈ قوللۇقتا ياشايدۇ.تىمىلىرىڭىز بىر-بىرىدىن سەرخىل يېزىلماقتا.ھەم تارىخمىزنى،يىلتىزىمىزنى،ئەسلى مەنبەيىمىزنى،ھەققى ھالىتىمىزنى بىلىپ ئۆزىمىزگە نىسبەتەن ئىشەنچ تۇيغۇسى،پەخىرلىنىش تۇيغۇسى يىتىلدۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-15 12:06 |
getlir1889
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6233
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 48
شۆھرەت: 239 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 242 سوم
تۆھپە: 143 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 146 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

attila ھەقەقەتەن تارىخنى سۆيىدىغان ئېسىل كىشىكەنسىز ، بەلكىم بۇ تېمىڭىزغا كۆپ ئىنكاسسىز چۈشمەسلىكى مۇمكىن ، لېكىن شۇنىڭغا ئىشىمىمزكى بىر كۈنلەردە باغداش تورىلا بولىدىكەن ، سىزنىڭ تېمىلىرىڭىز  باشقىلار ئىزدەپ كۆرگىدەك ھالەتكە كېلىدۇ .
جاھىل كىشىلەرلا خوجايىن بولالايدۇ
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-15 23:06 |
kokturuk
ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 410
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 661
شۆھرەت: 4176 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 4169 سوم
تۆھپە: 2356 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2399 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1236(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىلىملىك زاتكەنسىز ،ئەمما بەزى نۇقتىلاردا مەلوم سەۋەنلىكلەر باركەن.
مەسلەن:
682-يىلى يۈەن جېننى تۈرمىدىن ئازاد قىلىپ، چوغاي تېغىغا-تۈرك قوشۇنىنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. يۈەن جېن چوغاي تېغىغا بارغاندىن كېيىن ئىسىمىنى تۈركچە «تۇنيۇقۇق» قا ئۆزگەرتپ، قۇتلۇق قاغانغا قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ مۇھىم مەسلىھاتچىسى ھەم ھەربىي ئىشلار قوماندانى بولدى. قۇتلۇق قاغان تۇنيۇقۇقنى ئەتىۋارلاپ، ئاپا تارقانلىق مەنسىپىنى بېرىپ، پۈتۈن ئاتلىق قوشۇننىڭ باش قوماندانى قىلدى ھەم ئۇنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئۆزىنى «ئىلتەرىش قاغان» دەپ ئاتىدى.
ئەسلىدىنلا  يوەن جىن( تۇنيوقوق) نىڭ ئىسمى تۇنيوقوق ،تۇنيوقوق قاغان ئەۋلادىدىن بولۇپ تاڭ ئىمپىريىسىنىڭ ھەربى مۇشاۋۇرى بولغان ،تۈن-تۈنجىدىكى تۈن .يوقوق-يوقىرى،يۇكسەك مەنىسىدىكى يوقىرى ،خەنزۇچە خەتنىڭ يۇەن جىننىڭ مەنىسىمۇ شۇنداق مەنا بىرىدۇ،تۈنيوقۇق تاڭ ئارخىپچىلىرىغا پەرمان چۇشۇرۇپ ئۇيغۇر سۆزلىرىنىمۇ ئۆزگەرتكۇزگەن،بۇ ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى قوش تىللىق مائارىپ تەربىيسى ئالغان ئۇيغۇر ئالىمى.
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-16 01:30 |
باسمىل
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9129
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 13
شۆھرەت: 65 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 65 سوم
تۆھپە: 39 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 39 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 77(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كۆپچىلىككە «ئۇرخۇن ئابىدىلىرى» دىگەن كىتاپنى تەۋسىيە قىلىمەن.
   ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خەنچە سەۋيىسى ياخشىلارغا خەنچە تورلاردىن 厥特勤石碑(كۆلتېگن مەڭگۈ تېشى)غا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
   ئاپتۇرنىڭ ئىزدىنىشلىرىگە بارىكاللا، قوللىرىغا دەرت بەرمىسۇن!!
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-01 14:17 |
مىسران
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10475
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5 سوم
تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن  
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-18 14:23 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » دۇنياغا نەزەر