saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 11161 قېتىم كۆرۈلدى
attila
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3477
نادىر تېما : 12
يازما سانى : 211
شۆھرەت: 1563 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1630 سوم
تۆھپە: 873 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 865 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 368(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۇ مىڭ يىل ياشىدى ،يەنە مىڭ يىللاپ ياشايدۇ

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-06-15)
ئۇ مىڭ يىل ياشىدى، يەنە مىڭ يىللاپ ياشايدۇ!  

مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا
 

مىلادىيە 2012-يىل 6-ئاينىڭ 10-كۈنى خەلقىمىزنىڭ زامانىمىزدىكى ئويغاق ئەۋلادى، ۋىجدانلىق ئوغلانى، چىركىنلىك قاپلىغان دەۋرىمىزدە ھالاللىق بىلەن ياشاش يولىنى تۇتۇپ، ئىمان-ئېتىقادى بىلەن چوڭلارغا قولداش، ياشلارغا يۆلەك بولىۋاتقان روھىي تايانچىمىز، ئادىمىيلىك قەسىرىدە بىلىم تۇلپارىنى ئەركىن چاپتۇرۇپ، مەنىۋىيەت ئالىمىنى توختاۋسىز كېزىۋاتقان مەسۇليەتچان قەلەم ساھىبى يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئەپەندى تۇيۇقسىز قازا قىلدى!

ياق، ئۇ قازا قىلمىدى، بىز بىلەن ۋاقىتلىق خوشلىشىپ، دىيارىمىزنىڭ ھەر بىر زەررىچىلىرىگە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ قول پۇلاڭلاتقان ھالدا، قالدى سۆھبەتلەرنى كېلىچەككە قالدۇرۇپ، پانى ئالەمدىن باقى ئالەمگە سەپەر قىلدى.

مەرھۇم ئۆزىنىڭ مەنەلەرگە باي قىسقا ھاياتىنى «قۇتادغۇبىلىگ» ۋە «تۈركى تىللار دىۋانى» بىلەن بەھىرلەندۈرۈپ، ئۇنىڭ گۈزەللىككە تويۇنغان سەتىرلىرى بىلەن بېزەكلەندۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ جىسىمى خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد قەشقەرى بوۋىمىزنىڭ ئالتۇن بويى بىلەن بىرىككەن، ساپ روھى «قۇتادغۇ بىلىگ» ۋە «تۈركى تىللار دىۋانى» بىلەن يۇغۇرلۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا 54 يىللىق ھاياتىدا تالاي قېتىم كۈننى تۈنگە، تۈننى كۈنگە ئۇلاپ، خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد قەشقەرى بوۋىمىز بىلەن مۇڭداشقان، «قۇتادغۇ بىلىگ» ۋە «تۈركى تىللار دىۋانى» بىلەن سىرداشقان، ئۇنىڭدىن گۆھەرلەر قېزىش ئۈچۈن توختاۋسىز ئىزدەنگەن، يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان ئىدى.

ئۇ جىسمانىي جەھەتتىن مىلادىنىڭ 1958-سىدە پانى ئالەمگە كۆز ئېچىپ، 2012-سىدە قازايى قەدىرگە تەن بەرگەن بولسىمۇ، روھىي جەھەتتىكى تۇغۇمى «قۇتادغۇ بىلىگ» ۋە «تۈركى تىللار دىۋانى» نى مەيدانغا كەلتۈرگەن خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد قەشقەرى بوۋىمىز بىلەن تەڭ باشلىنىپ، 1000 يىل ياشىدى، يەنە 1000 يىل ياشاش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىباھا يازمىلىرى ئىچىگە شۇڭغۇپ كەتتى، ياق خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد قەشقەرى بوۋىمىزنىڭ قېشىغا سىرداشقىلى بېرىش ئۈچۈن بىز بىلەن ۋاقىتلىق خوشلاشتى!

ئۇنى ئارىمىزدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر تونىماستىن، مۇھەببەت رومانلىرىنى تولا يېزىپ، ياشلارنىڭ ئەسەبىي ھېسسىياتلىرىنى غىدىقلاپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدىن «ئۇلۇغ» سالىنىپ ئورۇن ئالغان بىر قىسىم «پېشىۋالىرىمىز» دەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بوللاماستىن، ئۆزىنىڭ ئالتۇنغا تىگۈشكىسىز ئېسىل ئەسەرلىرىگە چۇشلۇق ئورۇن تۇتالماستىن بىزدىن ئايرىلدى. خۇددى ھەقىقىي ھالاللىقى بىلەن خەلققە ئېسىل ھېكىمەت ئۈنچىلىرىنى سۇنۇپ تۇرۇپمۇ، دەۋر لۇكچەكلىرىچىلىك ياكى خەلقنىڭ قېنىنى ئىچىش ۋە ئۇلارنى قايسىدۇر بىر زالىملارنىڭ چاڭگىلىغا تاشلاپ بېرىش بەدىلىگە ھوقۇق شوتىسىغا يامىشۋاتقان بىر قىسىم ئەمەلدارلارچىلىك ئورۇن تاپالماي، بۇ دۇنيادىن ھەسىرەت بىلەن خوشلاشقان، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئوبىرازى «خەلق» دەپ ئاتالغان يۇرتداش-ۋەتەنداشلىرىمىز تەرىپىدىن كۈنسېرى ئۇنتۇلۋاتقان قۇتلۇق ھاجى شەۋقى، زۇنۇن قادىرى، نىزامىدىن ھۈسىيىن، ئەھمەد زىيائى كەبى بوۋا-تاغىلىرىمىزغا ئوخشاش.

خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد قەشقەرى بوۋىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئالەمشۇمۇل ئەسىرى «قۇتادغۇ بىلىگ» ۋە «تۈركى تىللار دىۋانى» نى ئۇنىڭ ئۈچۈن يازغاندەك، ئەشۇ بوۋىلىرىمىز ئۆز زامانىدىن مىڭ يىل كېيىن تۇغلۇق ئەپەندىدەك بىر زاتنىڭ بۇ ئەلەمگە تۇغۇم قىلىدىغانلىقىنى، ئۆز ئىزىنى بېسىپ، روھىيەت دۇنياسىنى قايتا يورۇقلۇققا چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىدىغاندەك؛ تۇغلۇق ئەپەندىمۇ، ئەشۇ بوۋىلىرىمىز ئۇ ئەسەرلىرىنى ئۆزى ئۈچۈن يازغاندەك، روھىيەت دۇنياسىنى ئۆزىگە قالدۇرۇپ، كېيىنكىلەر ئۈچۈن يېشىش قىيىن بولغان سوئاللارنى ئۆزىگە قالدۇرۇپ كەتكەندەك، ئۆز نامىغا مۇناسىپ بىر تۇغنى-ئوت بولۇپ يالقۇنلاۋاتقان بىر يۈرەكنى كۆتۈرۈپ ئۇلار ماڭغان يولغا قەدەم ئالدى. زامان تەققازاسى ۋە ۋەتەن ئىقتىداسى بىلەن خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد قەشقەرى بوۋىمىزنىڭ ئىزىنى بېسىپ، «قۇتادغۇ بىلىگ» ۋە «تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ روھىيەت قاتلىمىدىن «مەدەنىيەت كارۋانلىرى»، «ئوغلۇم ئالدىڭغا قارا»، «ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيسى»، «تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ شەرھىسى» گە ئوخشاش ھەر بىرسىنىڭ ۋەزنى تاغدەك كېلىدىغان 30 نەچچە پارچە ئەسەرلەرنى ۋە ئەمىلىي قىممىتى بىھىساب بولغان تەۋەررۈك ماقالىلەرنى يېزىپ، ئىچىدىكىنى بىزدەك نادان خەلقىگە تېخى تولوق تۆكۈپ بولالماي، بىلدۈرۈپ بولالماي؛ تاڭ خورىزىنىڭ ھاياتلىقنى يېڭى بىر كۈنگە چىللىغىنىدەك، ئۆزىنىڭ ياڭرراق ساداسى بىلەن 300 يىللىق ئۇيقۇ ئالىمىگە غەرق قىلىنغان، ھېلىمۇ تېخى تاڭ ئۇيقۇسىنىڭ شىرىنلىكىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەي چۈش كۆرىۋاتقان قەۋمىنى رېئاللىق ئالىمىگە، تەرەققىيات ئالىمىگە، مىللىي ئاڭ گىرۋەكلىرىگە، ئەقىدە ساھىللىرىغا چىللاپ كېلەلمەي، كۆڭلى مەيۈس، دىلى سۇنغان، لېكىن ئۈمۈدۋار ھالەتتە ئۇ ئالەمگە- خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد قەشقەرى بوۋىمىزنىڭ قېشىغا سىرداشقىلى، مەسلىھەت ئالغىلى كەتتى.

ئۇ ئۆلمىدى ھەم «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ قەۋملا بولىدىكەن، بۇ قەۋمنىڭ مىللىي ئاڭ بوستانلىقى قاغجىراپ قاقاسلىققا ئايلىنىپلا قالمايدىكەن مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ. ئۇ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد قەشقەرى بوۋىمىز بىلەن، ئۇلارنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «قۇتادغۇ بىلىگ» ۋە «تۈركى تىللار دىۋانى» بىلەن مىڭ يىل ياشىدى، يەنە شۇنداق مىڭ يىللاپ ياشايدۇ!

 مەنبە: قەلىمىم
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-06-15, 00:13
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-06-14 20:56 |
تارخان
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1149
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 191
شۆھرەت: 1080 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1115 سوم
تۆھپە: 655 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 690 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 112(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىسكەندەر زۇلقەرنەين بىلەن ئۇيغۇرلار توغۇرلۇق تارىخى رومانغا تۇتۇش قىلدىم دىگەن قەلەمكەشىمىز مەرھۇر يازغۇچى ئەمەستۇ؟.....شۇ بولسا ئېسىت،،،،،يەنە نۇرغۇن تارىخ بىز بىلەن يۈز كۆرۈشەلمەپتۇدە،،،،
lutun
سامانلىقنىڭ ئاچقۇچى تېگىپ قالسا،كۆرەڭلىگەن ئىتلار!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-15 03:52 |
alqi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7742
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 69
شۆھرەت: 411 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 413 سوم
تۆھپە: 236 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 238 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 930(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەرھۇم  كەتتى ، ئاللا  ئۇنىڭغا  جەننەتتىن  ئۇرۇن  بەرگەي  ئىلاھىم !
بۇ  دۇنياغا  كېلىشتىن  مەخسەت  ئۇ  دۇنيالىق  ئۈچۈن  دىگەندەك ، مەرھۇمنىڭ  بۇ  دۇنيالىقتىكى  ياخشى  ئەمىلى ، ياخشى  پەزىلىتى، ئىش - ئىزلىرى مەرھۇمنى ھەر ئىككىلا  دۇنيادا  ئەبىدىل  مەڭگۈ  ياشىتىدۇ .
تامچە سۇدەك ياخشىلىققا بۇلاق سۈيىدەك جاۋاب قايتۇر!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-15 06:17 |
yolchuluk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7012
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 50
شۆھرەت: 395 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 395 سوم
تۆھپە: 215 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 215 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 120(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەرھۇم بىلەن ھەمسۆھبەت بولغان ئىدىم ۋە ئۇنىڭ < ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى > دىگەن كىتابىغا ئىمزاسىنى قويدۇرۇپ سېتىۋالغان ئىدىم. ۋاپات بولغانلىغىدىن خەۋەر تېپىپ، چەكسىز ئازاپلاندىم. ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلىپ بەرسۇن.
مەن تېما ئىگىسىنىڭ مەرھۇمغا يازغان مۇسىبەتنامىسىنى ئوقۇش بىلەن بىرگە < مۇھەببەت رومانى> يېزىپ، "ياشلارنى غىدىقلاۋاتقان " يازغۇچىلىرىمىزنى  ئەيىپلىشىنى قوبۇل قىلالمىدىم. چۈنكى ھەممە كىشى تارىخچى بولالمايدۇ، ھەممە كىشى پەيلاسوپ بولالمايدۇ. ھەر كىشىنىڭ ئۆزى قىلىدىغان ئىشى بولىدۇ. مۇھەببەت رومانلىرىمۇ دەۋىرنىڭ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجى. شۇ مۇھەببەت رومانى ئارقىلىق يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ياشلارغا بىلدۈرگىلى بولىدۇ ، ئەمەسمۇ.
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-15 09:09 |
turkinay
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8289
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 45
شۆھرەت: 225 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 225 سوم
تۆھپە: 135 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 135 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 36(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ،  ئۇنىڭ روھى  قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات ~~
simfoniya
ئىلىمگە خىيانەت - ئەلگە قىيامەت !
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-15 09:59 |
xohtekin
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8252
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 125 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 125 سوم
تۆھپە: 66 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 66 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەرھۇمنىڭ تالانتى،غۇرۇرى،ئادىمىلىكى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇرلىرىدا كەمدىن-كەم تېپىلىدۇ.
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-16 14:36 |
freewolf915
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 122
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 95 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 95 سوم
تۆھپە: 56 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 56 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 34(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئېسىل ئادەم ئىدى، مەنمۇ بىر قېتىم كۆرۈشۈپ لىكسىيىلىرىنى ئاڭلىغان، ئۇلۇغ ئاللا مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي.
ئىمان،ئىنساب،ھىدايەت،تەۋپىق....
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-16 17:41 |
budunya
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 5764
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 961
شۆھرەت: 4891 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 4898 سوم
تۆھپە: 2928 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2934 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 915(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مىللەتنىڭ پەخرى ئىدى ،پىكىرى ،قەلىمى ئۆتكۈر ئىدى  
istanbol
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-16 17:51 |
uyghur.yolwisi
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3396
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 250
شۆھرەت: 1555 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1721 سوم
تۆھپە: 881 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 885 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 255(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاللا خالىسا ئەجدادلىرىمىزنىڭ كاتتا ئىلمىگە مىراسخور بۇلىدىغانلار ھامان چىقىدۇ ،  << مىڭ يىل ياشىدى ئاللا خالىسا يەنە مىڭ يىل ياشايدۇ >> .

بەزىلەر  ز ابويلۇقتا دەلدەڭلەپ ئۆمرىنى تۈگىتەلمىسە  ، بەزىلەر  خەلق ئۈچۈن ئەجىر قىلىپ ئۆمرى  يەتكۈزەلمەيدۇ .


  ھۆرمەتلىك ئاتتىلا تاغا :  ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ماۋزۇسى ئۆز گىچە ھەقىقەتەن مۇنبەردە كۆزنى يۇغان ئاچقۇزۋېتىدۇ ، ئاللا تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن ، سىزمۇ تەفەككۈر ۋە قەلەملىرىڭىزنى توختاتمىغايسىز .
ozgul munbar
ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈش ، پەزىلەت بىلەن ياشاش !
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-16 22:08 |
dilnaz
yahxilik kilalmisangmu yamanliktin saklan
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2771
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 391
شۆھرەت: 2006 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2047 سوم
تۆھپە: 1199 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1201 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 616(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاللا  ئۇنىڭغا  جەننەتتىن  ئۇرۇن  بەرگەي  ئىلاھىم !
بۇ  دۇنياغا  كېلىشتىن  مەخسەت  ئۇ  دۇنيالىق  ئۈچۈن  دىگەندەك ، مەرھۇمنىڭ  بۇ  دۇنيالىقتىكى  ياخشى  ئەمىلى ، ياخشى  پەزىلىتى، ئىش - ئىزلىرى مەرھۇمنى ھەر ئىككىلا  دۇنيادا  ئەبىدىل  مەڭگۈ  ياشىتىدۇ .
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-17 13:01 |
aqturk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8381
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 50 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 50 سوم
تۆھپە: 30 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 30 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 42(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

دادامنىڭ دىيىشىچە ،دادام،مەرھۇم تۇغلۇق ئەپەندى،«سادا»ناملىق ھىكايىنىڭ ئاپتورى غۇلام ئوسمان زۇلپىقارلار باشلانغۇچتىكى ساۋاقداشلاردىن ئكەن . مەرھۇم ھەقىقەتەن بالدۇر كىتىپ قالدى.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-18 23:10 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » دۇنياغا نەزەر