175 نەپەر گېنىرال قانداق ئازاد قىلىنغان
شيى گومىڭ
مى فۇچىڭ تەرجىمىسى
ئىلاۋە : مەزكور تەرجىمە ئەسەرنىڭ مەزمونى كۆپرەك بولغانلىقى ئۈچۈن مەزكور تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە بۆلۈپ يېزىلىدۇ ، جۇڭگو تارىخىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق مەزكور تېمىدا بولسۇن
مەزمونلار :
* ماۋجۇشى :<نىمىشقا شۇنچە نۇرغۇن كادىر ئاغدۇرۋېتىلدى > دەپ سورىدى .
*جۇزۇڭلى بۆسۈش ئېغىزىنى بىۋاستە تاللاپ بەردى
*تۆت شاڭجياڭنىڭ فۇجۇغا توپلىنىشى
*ياڭ يۇڭنىڭ يەكۈنگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى
*لى دېشىڭنىڭ ۋۇ كېخۇانى <سوراق قىلىشى >
*گولىنشاينىڭ پۇرسەتنى تۇتۇپ ئۆزىنى ئاقلىشى
*لى دانىڭ <تۆت كۆل >گە زەمبىرەك ئورناتقانلىقى
*چىن جىۋىي ياقا بەلگىسى تاقاشقا تەشنا بولدى
*يەن جىڭشېڭنىڭ < ئۈچ ئۆتكەل >دىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشى
*چى خاۋتيەننىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ يالغان ئەنزىنى سېزىۋېلىشى
*
ماۋجۇشى :<نىمىشقا شۇنچە نۇرغۇن كادىر ئاغدۇرۋېتىلدى > دەپ سورىدى
************
1972-يىلى 12-ئايدا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرەش يۈز بېرىپ ،لىن بىياۋ گوروھىنىڭ جىنايەتلىرىنى ئېنىقلاش مۇقىملاشتى ،<مەدەنىيەت ئىنقىلابى > نىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە پەيدا بولغان يالغان ، خاتا ئەنزىلەرنى تۈزىتىپ ، كادىرلار سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى ئاخىرقى ھېساپتا كۈندىلىك ئىشلار تەرتىپىگە كىرگۈزۈلدى .
ماۋجۇشىنىڭ جۇڭنەنخەيدىكى كۇتۇپخانىسىدا ئون مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم سۆھبەت ئېلىپ بېرىلماقتا ئىدى .
ماۋزىدۇڭ :<ئەھۋالدىن قارىغاندا يولداش خې لۇڭنىڭ ئەنزىسى يالغان بولۇپ قاپتۇ ، نىمىشقا شۇنچە نۇرغۇن كادىر ئاغدۇرۋېتىلدى ؟ مېنىڭ ئۇلارنى يوقىتىدىغان ئويۇم يوق ئىدى ! ئاساسلىقى ئۇلارغا تەربىيە بەرمەكچى ئىدىم > دېدى .
جۇئېنلەي بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي < ئەھۋالدىن قارىغاندا ، كادىرلار سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەسىلىسىنى ئويلاشمىساق بولمايدىكەن > دەپ تەكلىپ بەردى .
ماۋزېدۇڭ بېشىنى لىڭشىتىپ < شۇنداق ، بۇ مەسىلىنى سىز تەشكىللەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈڭ >دېدى.
جۇزۇڭلى سىياسى بيۇرۇ يىغىنىدا ماۋجۇشىنىڭ سۆھبىتىنى يەتكۈزۈپ ، كادىرلار سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان ، پىشقەدەم كادىرلارنى ئازاد قىلىدىغان <ئىشنى يوقىرىدىن تۆۋەنگە، ئوڭايدىن تەسكە ئىشلەش > چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە كادىرلارنىڭ سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىدە مەركىزي تەشكىلات بۆلىمى ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېت ئەزاسىدىن يوقىرى كادىرلارنىڭ سىياسىتىنى ئەمەلىيلاشتۈرۈشكە :گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلى ئىشخانىسى ،مۇئاۋىن مىنىستىردىن يوقىرى كادىرلارنىڭ سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ،ھەربىي قىسىملاردا باش سىياسى بۆلۈم جۈن (كورپۇس) دىن يوقىرى كادىرلارنىڭ سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەسئول بولىدۇ . ئازاد قىلىندىغان كادىرلار ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ ھەممىسى ئاخىرىدا سىياسى بيۇرۇنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ قاراپ چىقىرىشىغا مەلۇم قىلىنىشى كېرەك دەپ ئېلان قىلدى .
جۇزۇڭلىنىڭ يەتكۈزمىسى ۋە سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ،باش سىياسى بۆلۈمنىڭ مۇدىرى لى دېشېڭ ۋە مۇئاۋىن مۇدىرى تيەن ۋېيشىن بۇنى دەرھال سىياسىي بۆلۈم پارتىكومىغا يەتكۈزدى ، ھەمدە باش سىياسىي بۆلۈم تەشكىلات بۆلۈمى ، كادىرلار بۆلۈمى ۋە مۇھاپىزەت بۆلۈمىدىن كادىرلادرنى ئاجىرىتىپ مەخسوس بەنزە ئۇيۇشتۇرۇپ ، ھەربىي قىسىملاردىكى نەچچە يۈزلىگەن يوقىرى دەرىجىلىك گېنىراللار ئارىسىدا كادىرلار سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىگە كىرىشتى .
< مەدەنىيەت ئىنقىلابى > نىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئارمىيە ئىىچىدە يوقىتىلىپ قاماققا ئېلىنغان كورپۇستىن يوقىرى دەرىجىلىك كادىرلار بىر نەچچە يۈزگە يەتكەن بولۇپ ، دەرىجىسى ئەڭ يوقىرى بولغىنى ئىككى مارشال ، پېڭ دېخۇەي بىلەن خې لۇڭ ئىدى . <ئىشنى يوقىرىدىن تۆۋەنگە، ئوڭايدىن تەسكە ئىشلەش >پىرىنسىپى بويىچە ،باش سىياسىي بۆلۈم ئالدى بىلەن مارشال خې لوڭنى ئاقلاشنى ئويلاشتى .چۈنكى ماۋجۇشى <يولداش خې لۇڭنىڭ ئەنزىسى خاتا بولۇپ قاپتۇ > دېگەنىدى .ئەممە ،باش سىياسىي بۆلۈم مۇھاپىزەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جياڭ رۇڭگۈەننى تونۇشتۇرۇش خېتى ئېلىپ مەركىزي مەخسوس ئەنزە گۇرۇپپىسى 1-ئىشخانىسىدىن مارشال خې لوڭنىڭ ماتىرىيالىنى ئالغىلى ئەۋەتكەندە 1-ئىشخانىنىڭ مەسئولى <سىلەرنىڭ لى دېشېڭ مۇدىر بىلەن مۇئاۋىن مۇدىر تيەن ۋىيشىننىڭ يەتكۈزگىنى توغرا ، خې لوڭ ئاقلىنىشى كېرەك ، ئەمما ماۋجۇشى بىلەن جۇزۇڭلى يولداش خې لۇڭنىڭ ئەنزىسىنى باش سىياسىي بۆلۈم ئاقلىسۇن دېمىدى > دېدى .
جياڭ رۇڭگۈەن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ :<بىز يولداش خې لۇڭ مارشال ھەم ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغاچقا ،ئۇنىڭ ئىشىنى بىزنىڭ باش سىياسىي بۆلۈم ئىشلىشى كېرەك دەپ ئويلاشتۇق > دېگەندە ھېلىقى مەسئول كىشى يەنە :< يولداش خې لۇڭ پەقەت مارشاللا ئەمەس ، ئۇ يەنە سىياسىي بيۇرۇنىڭ ئەزاسى ، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ،مەركەز خې لۇڭنىڭ ئەنزىسىنى سىلەرنى ئاقلىسۇن دېمىدى ،ماتىرىيالنى سىلەرگە بېرەلمەيمىز > دېدى .
جياڭ رۇڭگۈەن ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا باش سىياسىي بۆلۈمگە قايتىپ كېلىپ ئەھۋالنى دېۋىدى، كۆپچىلىك نىمە قىلارىنى بىلمەي قېلىشتى ، ماۋجۇشى ئىسمىنى ئاتىغانلارنىمۇ دەرھال ئاقلاشقا مۇمكىن بولمىسا ، كادىرلار سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قەيەردىن قول سېلىش كېرەك ؟ قانداق قىلغاندا <ئىشنى يوقىرىدىن ،ئوڭايدىن باشلىغىلى بولىدۇ .
داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ ، مەزكور ئەسەر باغداش تورىغا خاس ، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ ![ بۇ يازمىنىtograkدە2012-06-23 19:40قايتا تەھرىرلىد ]