saltanat lutun elan berig
«12345»Pages: 1/17     Go
بۇ تېما 48367 قېتىم كۆرۈلدى
uyghurzade
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3203
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 187
شۆھرەت: 1115 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1095 سوم
تۆھپە: 649 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 659 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 597(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۇيغۇرزادە: قوش يۈزلىشىش، مۈجىمەل ئادەم ۋە زىدديەتلىك كىملىك

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن قۇلۇپلاندى(2012-07-18)
         ئاپتور ئېلاۋىسى: مەن 2008-يىل بۇ ماقالىنى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلغان ۋاقتىمدا ئەسەردە مۇھاكىمە قىلىنغان ئىشىلار ھازىرقىدەك ئەۋج ئېلىپ كەتمىگەنىدى. جۈملىدىن، مەن ئارىمىزدىن چىققان مۇناپىقلاردىن، ئۇيغۇر خىرستىئانلارنىڭ مۇنبەرلەردە ھازىرقىدەك ئاشكارا ھەرىكەتكە ئۆتكىنىنى بايقىمغانىدىم. ھازىر باشقا ھۇجۇملار ئاز كەلگەندەك، ئۇيغۇر خىرستئانلارنىڭ ئىسلام دىنىمىزغا ھۇجۇم قىلىشى گەۋدىلىك بولماقتا. ئسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىپ تۇرۇپ مىللەتپەرەۋەرلىك قىلغانلارنىڭ سەممىتيىدىن گۇمانلىنىپ كەلدىم؛ ئېنگلىز تىلىنى ۋە باشقا ئىلملەرنى باشقىلارغا ئايلىنىپ كېتىش ئۈچۈن ئۆگىنۋاتقانلارنىڭ، چەت ئەلگە ئاينىش ئۈچۈن چىققان ئاز ساندىكى بىر تۈركۈم كشىلەرنىڭ خاتالىقلىرىغا شاھىت بولۇپ كەلدىم؛ مەدەنيتىمىزنى ئچىدىن ۋەيران قىلىدىغان ئىككى تارماق مەدەنيىتىنىڭ بىزدە توسۇلماي قانداق ئومۇملاشقانلىقىغا، قانداق جەميەتلەشكىنىگە دىققەت قىلىپ كەلدىم. يېقىنقى بەزى ئشىلار تۆت يىل ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالەمنىڭ ئەھميىتىنى ئۆزۈمگە يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدۇردى. شۇ ۋەجىدىن باغداش تورىدىكى ئۇيغۇر ئشىقىدا پەرۋانە بولغۇچى ئەزىز قېرىنداشلار بىلەن بۇ تېمىدا پىكىرلىشىش مەقسىتدە ماقالىنى قايتا يوللىدۇم. پىكىر-تەكلىپلىرىڭىلارنى ئايىمغايسىلەر. ھەممىزنى سەگەك، مۇھەببەت نەپرىتى ئېنىق قىلىپ ياشاشقا نېسىپ قىلسۇن.




بىر توپ ئەما بىز ،
ھەممە نەرسىنى كۆزىمىز بىلەن كۆرىدىغان .
بىر توپ سۆيمىگۈچى بىز ،
ھەممە نەرسىنى لەۋلىرىمىز بىلەن سۆيۈپ يۈرگەن .
                     - رەخىم ياسىن قاينامىنىڭ «كۈندۈز تۇغقان ئاي» ناملىق شېئىرىدىن

 

1. مۇقەددىمە : تېمىغا كىرىش

شەھەر ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىن بىر كۆرۈنۈش(1)

دۇئا بىلەن ئاخىرلاشقان ھاراق سورۇنى



- سورۇنمۇ بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ. قېنى ئەمسە بىر دۇئا قىلىۋېتىپ قوپامدۇق! 
       سورۇن ئىگىسىنىڭ ۋە تۆردە ئولتۇرغان باشقارما دەرىجىلىك كادىر جالالنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن ، ساقىي ئالدى بىلەن دۇئاغا قول كۆتۈردى . مەن چۆچۈپ كەتتىم . چۈنكى ئەتراپىمدا  ئۈچ سائەتتىن بېرى ئىچىشىپ ئولتۇرغانلارنىڭ كۆپىنچىسى غەرق مەست بولغانىدى .  بۈگۈنكى سورۇندىكى مەقسىتىم مېھمان بولۇشتىن كۆرە ، شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىر كارتىنىسىنى نەق مەيداندا ياندىن كۆزىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىگىلەش ئىدى .  ئەمما ئىچمەي ئولتۇرۇپ ھاراق سورۇنىنى كۆزىتىش تولىمۇ تەسكە چۈشتى .
ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي شىنخۇا يولىغا جايلاشقان كاتتا رېستوراننىڭ ئايرىمخانىسىدىن چىقتىم ، سورۇن ئىگىسىگە رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ مېڭىپ كەتتىم .  كۈتكىنىمدەك ، بۈگۈنكى سورۇندا ئىنچىكىلەپ دىققەت قىلىشىمغا ئەرزىيدىغان بىر نەچچە خىل  ئەھۋال كۆزگە چېلىقتى :  بىرىنچىسى ، مېھمانلارنىڭ غەرق مەست بولۇپ تۇرۇپ تاماققا «ئامىن» دەپ دۇئا قىلىشى . ئىككىنچىسى ، سورۇندىكى ئىچمەيدىغان بىر- ئىككى مېھماندىن باشقىلارنىڭ (مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) نۆۋەت بىلەن بېرىپ باشلىققا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ھاراق تۇتۇشى ، ئەمما باشلىقنىڭ ئۇلارغا ھاراق تۇتماسلىقى ؛ ئۈچىنچىسى ، باشلىق جالال شوپۇرىغا بۇيرۇپ XO ماركىلىق چەتئەل ھارىقىنى سورۇنغا كىرگۈزگەندە ، نەچچەيلەننىڭ ھاراقنى ھەۋەس بىلەن سىيلاپ كېتىشى ۋە ئىچىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ ئاغزىنى تامشىتىپ ، سۈزۈپ تۇرۇپ ئىچىشى ؛ تۆتىنچىسى ،  مېنىڭ سورۇندا باشتىن - ئاخىر ئىچمەي ، چەكمەي ، ھېچكىمگە ھاراق سۇنماي ئولتۇرۇشۇمدىن ئىچى پۇشقان باشلىقنىڭ : « يا ئىچمىسىڭىز ، يا چەكمىسىڭىز ،  سىزنى قانداق ئەر  كىشى دەيمىز ! » دەپ چاقچاققا يۆلەپ چېقىۋېلىشى .
 
      ئادەملەر ئۆزىنى جەمئىيەتنى بەك چۈشىنىۋېتىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ . ئەمما ، بۇ - بىر خىل خاتا تۇيغۇ . بەلكىم  نۇرغۇن ئوقۇرمەن «شەھەر ۋە يېزا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۆپ ئۇچرايدىغان بۇ كۆرۈنۈشنىڭ ھەيران قالغۇدەك نېمىسى بار؟» دەپ سورىشى مۇمكىن .  ئەمما ، جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىنى قىلغۇچىلار  ھەممىگە نورمال ، تەبىئىي بىلىنىپ كەتكەن ئۇششاق تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىغا قىزىقىدۇ ۋە كۆپرەك « نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟» دەپ ئەمەس ، « نېمىشقا بۇنداق  بولمايدۇ ؟» دەپ سوئال  قويىدۇ .  داڭقان پۇتى سوئالدىن كىشىلەرگە ئاددىي تۇيۇلغان رېئاللىقنىڭ كەينىدىكى ماھىيەتلىك تەرەپلەرنى ئىزدەشكە تىرىشىدۇ . جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ۋەزىپىسى سۆكۈش ئەمەس ، بىراۋغا گۇناھ ئارتىشمۇ ئەمەس ، بەلكى ئادەت كۈچىگە جەڭ ئېلان قىلىپ ،  لىپاپىلانغان تۇرمۇش قاتلاملىرىنىڭ ئۆركەشلىرىدە  نېمە بارلىقىنى ئېچىپ بېرىش . بىز يۇقىرىقى نۇقتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ، ھۆكۈم چىقىرىشقا ئالدىرىماي ، ئاۋۋال مۇنداق بىر قانچە داڭقان پۇتى سوئالنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالدىغا تاشلاپ باقايلى : بىرىنچى ،  مېھمانلار نېمە ئۈچۈن مەست بولۇپ تۇرۇپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈشنى ئۇنتۇمايدۇ؟ ئىككىنچى ، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە ئەسلىدىن مۇرەسسەگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ئىككى سىمۋوللۇق بەلگە - ھاراق بىلەن  دۇئا  قانداقسىگە بىر سورۇندا كۆزگە چېلىقتى؟ ئۈچىنچى ، نېمە ئۈچۈن باشلىق باشقا مېھمانلارغا ھاراق تۇتمايدۇ؟ تۆتىنچى ، ئەگەر ئاشۇ سورۇنغا چەتئەلنىڭ xo ھارىقى ئەمەس ، باشقا ئادەتتىكى ھاراق قويۇلغان بولسا ، مېھمانلار ئۇ  ھاراقلارنىمۇ  ئەنە شۇنداق ھەۋەس  بىلەن سىيلاپ كېتەرمىدى ياكى تىلىنى تامشىتىپ تۇرۇپ  ئىچەرمىدى ؟ يۇقىرىقى سوئاللار قارىماققا داڭقان پۇتىدەك ، كۈلكىلىكتەك  تۇيۇلىدۇ . ئەمما ، بىز ئوقۇرمەنلىرىمىزنى ماقالىنىڭ بېشىدىلا پىكىر قىلىشقا ئۈندەش مەقسىتىدە تېمىنى ئېنىق ، ئوچۇق ، لوگىكىلىق مۇھاكىمىلەر بىلەن يورۇتۇپ  بېرىش ئۈچۈن ئەنە شۇنداق داڭقان پۇتى ، تومتاق سوئال قويۇشقا مەجبۇرمىز .
     ئىجتىمائىي تۇرمۇش سىمۋوللۇق بەلگىلەر بىلەن تولغان . بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ، ئىجتىمائىي ئالاقىدە سىمۋوللۇق بەلگىلەر ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئورنىمىزدىن ، يۈرۈش - تۇرۇشىمىزدىن ۋە  يەنە كىملىكىمىزدىن  بېشارەت بېرىمىز ۋە باشقىلارنىڭ كىملىكىنىمۇ سىمۋوللۇق بەلگىلەر ئارقىلىق چۈشىنىمىز . مىسالەن ، سىمۋوللۇق بەلگە بىلەن مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت نۇقتىسىدىن كۆزەتسەك ، ئۇيغۇرلار  ئەتراپىدا - ئۆزى بىلەن  بىر خىل ئىجتىمائىي تۈزۈم ، ئوخشىمىغان تۇرمۇش رېئاللىقى ئاستىدا ياشاۋاتقان ۋەتەنداش مىللەتلەرنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىلىرىدىن پوجاڭزا ئېتىشنى خەنزۇلارنىڭ ، قىز قۇۋار ئويۇنىنى قازاقلارنىڭ ، ئادنوشكىنى تاتارلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىگە باغلاپ چۈشىنىدۇ . باشقا ۋەتەنداش مىللەتلەرمۇ ۋە ئۇيغۇرنى بىلىدىغان چەت ئەللىكلەرمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كىملىكى ، مىللىي كىملىكىنى سىمۋوللۇق بەلگىلەر ئارقىلىق تونۇيدۇ . خەنزۇلارنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغان چەت ئەللىكلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ  مەدەنىيەت كىملىكى دائىرىسى ئىچىدىكى دىنىي كىملىكى مۇسۇلمان . ھەر يىلى قۇربان  ھېيت ، روزا ھېيت كېلىش ھارپىسىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھېيتلىق دەم ئېلىش توغرىسىدا «شىجاڭ گېزىتى» ، «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» ، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» قاتارلىق ئورگان گېزىتلىرىدە ، ھۆكۈمەت تورلىرىدا ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ «مۇسۇلمان ئاممىسى» دېگەن گەپنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ . دېمەك ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كىملىكىنىڭ  مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ھۆكۈمەتمۇ ، خەنزۇلارمۇ ۋە ئۇيغۇرنى بىلىدىغان چەت ئەللىكلەرمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ .
       ئەمدى بىز ئازراق ئىچكىرىلەپ يۇقىرىقى سورۇندىكى بىر قانچە سىمۋوللۇق بەلگىنى ساناپ باقايلى .
     بىرىنچىسى ھاراق ؛ ئىككىنچىسى دۇئا ؛ ئۈچىنچىسى xo ھارىقى ؛ تۆتىنچىسى ، باشلىققا ھاراق سۇنۇش ؛ بەشىنچىسى ، « ئەرلىك»ئۆلچىمى ( باشلىقنىڭ گېپى بويىچە ئىچىش ، چېكىش ئەر كىشىنىڭ  جىنسىي كىملىكىدىن دېرەك بېرىدۇ) . ئەمدى بىز بۇ كىملىك بەلگىلىرىنى ئوخشاش بىر نۇقتىدا  قويۇپ كۆزەتسەك ۋە «ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر» ( ئەنۋەر سەمەت قورغان ، 2007 ) ، « ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى » ( ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا ، 1999) ، «ئۇيغۇرلاردا ئەدەپ ۋە ئەخلاق »(مۇھەممەد ئوسمان ھاجىم ، 2003 ) ، «ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى تارىخى» ( ئىسراپىل يۈسۈپ ، 2006 ) قاتارلىق فولكلور ، مەدەنىيەت تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن جاۋاب ئىزدىسەك ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان مەدەنىيەت تارىخىدا ھاراق سورۇنىدا دۇئا قىلىشقا ئائىت ھېچقانداق ئۇچۇرنى تاپالمايمىز . دېمەك ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىدە مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان ھاراق بىلەن دۇئادىن ئىبارەت ئىككى سىمۋوللۇق بەلگە بۇ يەردە شەھەر ئۇيغۇرلىرىدىكى بىر زىددىيەتلىك كىملىك (Ambivalent Identity,矛盾认同)نى ئاشكارىلايدۇ. بىز يۇقىرىقى كۆرۈنۈشكە ئادەتلەنگەن نەزەر بىلەن ئەمەس ، بىر چەت ئەللىكنىڭ ياكى جەمئىيەتشۇناسنىڭ كۆزى بويىچە قارىساق ، چۈشىنەلمەيمىز ۋە مۈجمەللىك ھېس قىلىمىز. توغرىسى ، ئالدىمىزدا بىر توپ مۈجمەل ، زىددىيەتلىك ئادەم پەيدا بولىدۇ . ئەمدى بىز سوئال قويىمىز : مۈجمەل ئادەم  ۋە زىددىيەتلىك كىملىك نېمىنىڭ مەھسۇلى ؟ بىز بۇ باش سوئال ئاساسىدا « شەھەر ئۇيغۇرلىرى ئىجتىمائىي ئالاقىدە نېمە ئۈچۈن زىددىيەتلىك كىملىكى ۋە مۈجمەل خاراكتېرىنى ئاشكارىلايدۇ ؟ قانداق ئاشكارىلايدۇ ؟ زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ ئۇيغۇر رېئاللىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى نېمە ؟ بۇ ھادىسىنىڭ ئىجتىمائىي يىلتىزى نېمە؟» دېگەندەك يانداش سوئاللارغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشىمىز . تەتقىقات سوئالىنى تاپقانىكەنمىز، شۇ سوئالنى يورۇتۇپ بېرىشكە  ماس  كېلىدىغان تەتقىقات مېتودلىرىنى تاللاش كېرەك . زىددىيەتلىك كىملىك ۋە مۈجمەل ئادەم  دېگەن باش تېما سىمۋوللۇق ئالاقىلەردە نامايان بولىدىغان زىددىيەتلىك بەلگىلەرنى ۋە مەنىلەرنى تەكشۈرۈشنى تەقەززا قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ، بۇ ماقالىدە  «سانلىق مىقدار مېتودى» (Quantitative Approach , 定量研究方法)دىن كۆرە ، « سۈپەت تەتقىقاتى» (Qualitive Approach , 定量研究) نىڭ تارماق مېتودلىرىدىن بولغان «ياندىن كۆزىتىش» (Participant Observation,参与性观察) ، «زىيارەت قىلىش» (Interview , 访问) ، «پاراڭ تەھلىلى» (Discourse Analysis , 话语分析) ۋە شەخسنىڭ بىۋاسىتە باشتىن كەچۈرگەنلىرىنى تەھلىل ئوبيېكتى قىلىدىغان «ھايات كەچمىشى» (Life History , 生活史) قاتارلىق بىرنەچچە ئۇسۇللىرىدىن ئارىلاش پايدىلىنىمىز .
        زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ ئۇيغۇر رېئاللىقىدا ئىپادە بولىدىغان ، بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان پەرقلىق ئىپادىلىرىنى تەھلىل قىلىشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن ، ئۇيغۇر تۇرمۇش كارتىنىسىدىن خەۋەر بېرىدىغان  بەزى ئۇچۇرلارنى - ئۈرۈمچىدىكى بىر- ئىككى تۈنەكخانا (دىبا) دا ياندىن كۆزىتىش ئۇسۇلى  بويىچە يىغقان ماتېرىياللىرىمىزنى ، 2008 - يىلى مىلاد بايرىمى ئۆتكۈزگەن شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ  سىمۋوللۇق ئىپادىلىرىنى ، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئىسمى ئەرەبچە بوپقالغانلىقى ئۈچۈن ۋىزىسى رەت قىلىنغان ئابدۇللا ئىسىملىك ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ كەچۈرمىشىنى ، ئۆزۈمنىڭ ھاۋاي ھونولۇلۇ ئايروپورتىدا  زىددىيەتلىك كىملىكتىن دالالەت بەرگەن قىسقا سەرگۈزەشتەمنى ، ئاللانىڭ ئىسمىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان ۋە ھازىرغىچە تۇنجى يىگىتىنى ئۇنتۇيالماي ئۇنى «دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل ئەر» دەپ قارايدىغان بىر ئۇيغۇر پاھىشىنىڭ ئاغزاكى بايانىنى ۋە « بىز ئۇيغۇرمۇ - مۇسۇلمانمۇ؟» دېگەن تېمىدا ئۆتكەنكى مەزگىللەردە ئىنتېر تورىدا بولۇنغان مۇنازىرىنىڭ مۇھاكىمە نۇقتىلىرىنى تەھلىل قىلىمىز ھەم ئۈرۈمچىدە ئوخشىمىغان ياشتىكى ، ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە شەھەر ئۇيغۇرلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئالغان ئىنكاسلىرىمىزنى تەھلىلىمىزگە يانداشتۇرىمىز . ماقالىنىڭ نەزەرىيىۋى تەھلىل بۆلىكىدە زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ يىلتىزى ۋە ماھىيىتىنى جەمئىيەت پسىخولوگىيىسى ، ماكرو جەمئىيەتشۇناسلىق ، مىكرو جەمئىيەتشۇناسلىق قاتارلىق كۆپ قىرلىق نۇقتىدىن تۇرۇپ كۆزىتىمىز، مۇھاكىمە قىلىمىز ؛ ئاندىن ئۇيغۇر تۇرمۇش  ئەمەلىيىتىنى  يېشىپ بېرىدىغان  جەمئىيەت نەزەرىيىلىرىنى چېقىشتۇرۇپ ، ئۆزىمىزنىڭ ھۆكۈملىرىمىزنى ئوتتۇرىغا تاشلايمىز؛ ئاخىرىدا تەتقىقاتىمىزدىكى چەكلىمىلىكلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە ، بۇ تېمىدا بۇنىڭدىن كېيىن ئىزدەنگۈچىلەرگە پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن بەزى تەكلىپلىرىمىزنى بېرىپ ، خۇلاسىگە ئۆتىمىز .

 

2 . سىمۋوللۇق ئالاقىدە زىددىيەتلىك كىملىك

ئۇيغۇر شەھەر تۇرمۇشىدىن بىر كۆرۈنۈش(2)

قۇربان ھېيت كۈنىدىكى ئىزتىراپلىرىم



       2008 - يىللىق قۇربان ھېيت ئۈرۈمچىدە زىمىستان قىشقا توغرا كەلدى . بۇ مېنىڭ قىشلىق تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن ۋاقتىم ئىدى .  ھېيت نامىزى  ئوقۇش ئۈچۈن بارغىنىمدا ، غالىبىيەت يولىدىكى «بەيتۇلمەئمۇر جامەسى»نىڭ ئىچىدە ۋە سەيناسىدا ئورۇن قالمىغانىدى . جاينامازنى يولغا سېلىپ ناماز ئوقۇشقا توغرا كەلدى . ئىمامنىڭ«سەپراس» دېيىشى بىلەن ئەمدىلا دىققەتتە  تۇرۇشۇمغا ، بىر ئۇيغۇر يىگىتى قىستىلىپ كېلىپ يېنىمدا تۇرۇۋالدى . يىگىتتىن گۈپۈلدەپ ھاراق پۇراپ تۇراتتى . ئالدىنقى ئاخشىمى ئىچكىنى ئېنىقتەك تۇراتتى . مەستلىكى تېخى يېشىلمىدىمۇ ياكى  ناماز تەرتىپىنى بىلمەمدۇ، ئەيتاۋۇر ، يىگىت جايىدا جىم تۇرالمايتتى . قول باغلاپ تۇرۇشقا تېگىشلىك دەقىقىلەردە بىردە چېچىنى قاشلايتتى ، بىردە ئالدىغا ، يېنىغا قاراپ باشقىلارنىڭ قانداق ئوقۇيدىغانلىقىنى كۆزىتەتتى . ئۇنىڭدىن كېلىۋاتقان  ھاراق پۇرىقى خېلى كۈچلۈك ئىدى . بىر  چاغدا ئۇنىڭغا تېلېفون كەلدى . ئۇ تېلېفونىنى ئېلىپ بېسىۋەتتى .
           قۇربان ھېيت شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىدىكى زىددىيەتلىك نۇقتىلارنى كۆزىتىشنىڭ ياخشى پەيتى بولغاچقا ، قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى كەچتە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ جەمئىيەت كۆزىتىشكە چىقتىم . ئوتتۇرا ياشلىق شەھەر ئۇيغۇرلىرىنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە يېڭى ئېچىلغان «يېڭى رۇس كۈيلىرى» تۈنەكخانىسىنى ، ئۇنىۋېرسىتېت يېشىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى «خۇاڭخې» يولىدىكى «كابانا» تۈنەكخانىسىنى كۆزىتىش نۇقتىسى قىلىپ تاللىدىم .  بىخەتەرلىكنى ۋە باشقا سەۋەبلەرنى كۆزدە تۇتۇپ ، بىر ئاغىينەمنى ئېلىۋالدىم . «يېڭى رۇس كۈيلىرى» تۈنەكخانىسىدا تاماق بۇيرۇتۇۋېتىپ بىر ئىشنى ھەيرانلىق ئىچىدە بايقىدىم : بۇ تۈنەكخانىغا ئاساسەن ئۇيغۇرلار كېلەتتى ، ئوتتۇرا ئاسىيالىق مېھمانلار ۋە خەنزۇ مېھمانلارنى كۆزدە تۇتۇپ كۆڭۈل ئېچىش نومۇرلىرى رۇسچە ، خەنزۇچە ئېلان قىلىناتتى . ئەمما ، قىزىق يېرى ، قورۇما  تىزىملىكىدە ئۇيغۇرچە خەت يوق ئىدى .  مېھمانلار ئۇيغۇر . لېكىن قورۇما تىزىملىكىدە ، تۈنەكخانا ۋىۋىسكىسىدا ئۇيغۇرچە خەت يېزىلمىغان . رىياسەتچى سورۇن باشلىنىش ئالدىدا مېھمانلارنىڭ قۇربان ھېيىتىنى تەبرىكلىدى ۋە گەپ ئارىلىقىدا «مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتىنى ... ئۇلۇغ ئاللادىن ... تىلەيمىز» دېگەن گەپلەرنى ئالاھىدە ئۇرغۇلۇق ئېيتتى . مەن ئۇنىڭ سۆزىدىكى«ئۇلۇغ ئاللا ، مۇسۇلمان» دېگەن ئاتالمىلارنىڭ ئېيتىلىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلدىم .  ئارىدىن بىر سائەت ئۆتۈپ كەتتى . مەن ئۇيغۇر مېھمانلارنىڭ ئالدىدىكى شىرەلەرنى كۆزەتتىم . ئاياللار ئولتۇرغان ئۈچ - تۆت شىرەدىن باشقا ھەممە شىرەگە ھاراق ياكى پىۋا قويۇلغان . سورۇن ئەۋجىگە چىقىپ راسا قىزىغاندا  مۇنداق بىر نەچچە نۇقتا كۆزۈمگە چېلىقتى : بىرى ، چەمبەر ھاسىل قىلغان بىر توپ ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئەسەبىيلىك بىلەن دىسكو ئوينىشى ۋە چاچلىرىنى ئېتىپ تۇرۇپ بېسىلىپ ياتقان جىنسىي تۇيغۇلىرىنى ھەرىكەتلىرىدە  ئاشكارىلىشى ؛ ئىككىنچىسى ، چىرايىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىرەر دۆلەتتىن كەلگەنلىكى چىقىپ تۇرىدىغان ئۈچ - تۆت چەت ئەللىكنىڭ  تۇرغان يېرىدىن ئاستا- ئاستا سۈرۈلۈپ قىزلارنىڭ سېپىغا قېتىلىشى . بىر چەت ئەللىك يىگىتنىڭ ئارىدىكى شوخ بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن بېقىشىپ ، كىرىشىپ دىسكو ئوينىشى . ھەممە شۇنداق بىپەرۋا ، شۇنداق  خاتىرجەم .
        «كابانا» تۈنەكخانىسىغا ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 11 بىلەن يېتىپ باردۇق . تونۇش - بىلىشلىرىمىزدىن ئاڭلىغىنىمىزدەكلا ، بۇ تۈنەكخانىغا كېلىدىغانلارنىڭ تەڭدىن تولىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدەك قىلاتتى . مېھمانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇر . پوكەيدە ، پۇل ئالىدىغان يەردە نەچچە خەنزۇ بالا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى . كۈتكۈچىلىك قىلىدىغان بىر ئۇيغۇر بالا ئىچىملىك تىزىملىكىنى ئالدىمغا ئېلىپ كەلدى . قىزىق يېرى ، بۇ يەردىكى  تىزىملىككە ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغانىدى . مەن نەرسە - كېرەك بۇيرۇتۇپ بولۇپ ، كۈتكۈچى بالىدىن سورىدىم :
 _ ئۇيغۇر خوجايىن ئاچقان يەرمۇ بۇ؟
      _ ياق ، خوجايىنىمىز خەنزۇ ، - كۈتكۈچى بالا پوكەي تەرەپكە قاراپ ماڭدى . مەن سەھنىگە قارىدىم . كىچىك قىزلار ئۇسسۇللىرىنى قىلىق چىقىرىپ ، نازاكەتلىك ئويناشقا تىرىشاتتى.
       ئەمدى يېنىك ، ئاستا مۇزىكا باشلاندى . ياش بالىلار جۈپ - جۈپ بولۇپ تانسىغا چۈشتى . بەزى جۈرئەتلىك قىزلار يىگىتلىرى(مەن شۇنداق دەپ پەرەز قىلدىم)نىڭ بويۇنلىرىدىن قولىنى ئۆتكۈزۈۋالغان ، بەزىلىرى چاپلىشىپ دېگۈدەك ئوينايتتى . ئۇدۇلۇمدا ئىككى جۈپ قىز - يىگىت ئولتۇراتتى . ئۇدۇلدىكى ئىككى قىزنىڭ ھاراقنى دەھشەت كۆتۈرگىنىگە ھەيران قالدىم . يىگىتلىرى ھاراق تەڭلەيتتى ، قىزلار ئالاتتى . سائەت 12 بولدى . ئاغىنەم ئىككىمىز قايتىش ئۈچۈن چاپانلىرىمىزنى كىيىپ سىرتقا ماڭدۇق . چىقىپ كېتىش ئالدىدا كاللامدىن  ئالدى  بىلەن : « ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىدەك كۆرۈنىدىغان بۇ بالىلار كەچتە نەگە بارىدىغاندۇ؟»دېگەن خىيال ئۆتتى . چۈنكى ، مېنىڭ بىلىشىمچە ، ئۈرۈمچىدىكى  ئالىي مەكتەپلەردە ياتاق بىنالىرى سائەت ئونلار بىلەن تاقىلىپ بولاتتى.
       شەھەرلىشىش ، يەرشارىلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى، ئىجتىمائىي كونترول ۋە خىلمۇخىل ئىدېئولوگىيىنىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆزلۈك تۇيغۇسىدا تۇترۇقسىزلىق ، كىملىك ، ئۆزلۈك تۇيغۇسىدا زىددىيەت كۆرۈلۈشكە باشلىدى . شەھەر ئۇيغۇرلىرى كۆپ خىل كىملىك ئېھتىياجى ۋە ۋەزىپىسىگە بىرلا ۋاقىتتا دۇچ كېلىپ ، دۆلەت كىملىكى جەھەتتىن جۇڭگولۇق ، دىنىي كىملىكى نۇقتىسىدىن مۇسۇلمان ، مىللىي كىملىك جەھەتتىن ئۇيغۇر بولۇشتەك كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كىملىكلىرى ئىچىدە ،  كۆپ قاتلاملىق رېئاللىقتا ئۆزلىرنىڭ ئىجتىمائىي كارتىنىسىنى يارىتىشقا تىرىشتى . كۆپ مىللەتلىك ، كۆپ مەدەنىيەتلىك شەھەر جەمئىيىتىدە ئۇلارنىڭ رېئاللىقنىڭ ئوخشىمىغان ئېھتىياجلىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇشى ، تاقابىل تۇرۇشىغا توغرا كەلدى . بۇ جەرياندا تەبىئىي ھالدا بەزى زىددىيەتلىك  تېڭىرقاشلار كېلىپ چىقتى. بۇ ھال شەھەر جەمئىيىتىدە مۈجمەل ئادەم ، زىددىيەتلىك  كىملىكنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە  ئىجتىمائىي ئاساس ھازىرلىدى ۋە مەلۇم مەنىدىن شەھەر ئۇيغۇرلىرىنى خىلمۇخىل  ئىدىئولوگىيە تەلىپى ،  ئوخشىمىغان قىممەت قارىشى ئاساسىدا مۇرەسسە قىلىشقا مەجبۇر قىلدى . ئىجتىمائىيەت ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تېزلىشىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشى ، تۇرمۇش ، ئەخلاق مىزانلىرىدا  كۆرۈلگەن تەۋرىنىش ھەم زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدە(گەرچە بۇ شەكلەن زامانىۋىلىشىش بولسىمۇ) ھەرقانداق مىللەت ساقلىنالمايدىغان دىلغۇللۇق كىشىلەرنىڭ كىملىكىدىكى زىددىيەتلىك نۇقتىلارنى ، مۈجمەل ئادەملەرنى ئاۋۇتسا ، رېئاللىقتىكى  ئىلاجىسىزلىق تۇيغۇسى ئۇيغۇرلۇقتىن ئىبارەت مىللىي كىملىكىنى پەس كۆرىدىغان كىشىلەر توپىنى ئاۋۇتتى .
قۇربان ھېيىت نامىزىغا مەستلىكى تولۇق يېشىلمەي كەلگەن يىگىتمۇ ، تۈنەكخانىلاردا  قۇربان  ھېيىتنىڭ تۇنجى كۈنىدە ئىچىشىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ مۇرەسسەگە كەلمەيدىغان سىمۋوللارنى بىرلا ۋاقىتتا ئىپادە قىلىپ ، زىددىيەتلىك كىملىكىنى نامايان قىلىدۇ . دىنىي كىملىكى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ،  مۇسۇلمان بولۇش ھاراق ئىچىشكە بولمايدۇ دېگەنلىكتۇر ؛ ھاراق ئىچىپ بولۇپ دۇئا قىلىشقا  بولمايدۇ دېگەنلىكتۇر . لېكىن ، ئۇ زىددىيەتلىك كىملىكلەر شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ رېئاللىقىدا بىرلا ۋاقىتتا نامايان بولىدۇ ۋە ھەيران قالغۇچىلىكى يوق تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلىنىدۇ . بىز ئاۋۋال بۇ بايانىمىزغا  دەلىل تېپىش ئۈچۈن ھاراق ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى توغرۇلۇق بايانلار تېپىلىدىغان مەنبەلەرگە قاراپ باقايلى ، «ئى مۇئمىنلەر ، ھاراق ئىچىش ، قىمار ئويناش پاسكىنا قىلىقلاردۇر . شەيتان ھاراق ، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك  ۋە ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى . سىلەر ئەمدى ھاراقتىن يانمامسىلەر؟»(سۈرە مائىدە ، 15 - سۈرە  90 - 91 - ئايەتلەر) ، « ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار ھالاكەتكە باشلىماڭلار»(سۈرە بەقەرە ، 22- سۈرە )[1] . «ھاراق پاراكەندىچىلىكنىڭ ئاچقۇچى ، بالا - قازانىڭ سەۋەبچىسىدۇر. ھاراق ھەممە ئەسكىلىكنىڭ مەنبەسىدۇر.»[2] « ھاراق بارلىق جىنايەتنىڭ مەنبەسى ، ئىجتىمائىي مەرەز . ھاراقكەشتىن ئاۋۋال خۇدا بىزار ، ئىككىنچىدىن پەيغەمبەر بىزار ، ئۈچىنچىدىن پەرىشتىلەر بىزار ، تۆتىنچىدىن ، جىمى  ئەل - يۇرت بىزار.» [3] ئەنۋەر سەمەت قورغان «ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر » ناملىق كىتابىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىدە ھاراقنىڭ نېمىشقا پەرھىز قىلىنغانلىقى توغرۇلۇق مۇنداق يازىدۇ : « ئۇيغۇرلار كۈچلۈك مەست قىلىش رولىغا ئىگە ئىچىملىكلەرنى ئىچىشتىن پەرھىز قىلىدۇ ... ئۇيغۇرلاردا ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلغاندىن كېيىن مەست قىلغۇچى ئىچىملىكلەرنى ئىچىش چەكلەنگەن ... مەيلى ئىلگىرىكى دەۋرلەر بولسۇن ياكى ھازىر بولسۇن ، ئاياللارنىڭ ھاراق ئىچىشى ئىنتايىن ئەخلاقسىزلىق ھېسابلىنىپ قاتتىق چەكلەنگەن ۋە چەكلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.»[4]
دۇئا بىلەن ئاخىرلاشقان ھاراق سورۇنىدا جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تۇرۇپ قىلىدىغان ئىككىنچى بىر مۇھاكىمە نۇقتىسى بار . ئۇ بولسىمۇ باشقىلارنىڭ باشلىققا ھاراق تۇتۇپ ، باشلىقنىڭ سۈكۈتتە ئولتۇرۇشى . بۇ يەردە ئىشخانىدا ، مەمۇرىي ئورگانلاردا ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىدىغان بيۇروكراتلىقنىڭ ، توغرىراقى سىياسىينىڭ كۆلەڭگىسى ئەكس ئېتىدۇ. بۇ - سىياسىيلاشقان ھەرىكەت(Political Behavior) بولۇپ ، ھۆكۈمەتكە ، سىياسەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىيلىشىش ئوربېتىسىدا بۇنىڭغا خاس ھالدا ئۆزلۈك يېتىشتۈرگەن ۋە شۇ جەرياندا باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىدىن «زەرەتلەنگەن» باشلىق ئون نەچچە ئۇيغۇر ئولتۇرغان سورۇندا زىددىيەتلىك كىملىكىنى سىمۋوللۇق ئۇسۇللار بىلەن نامايان قىلىۋاتىدۇ. بۇ ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ سىياسىي جەھەتتىن ئىجتىمائىيلىشىشىدۇر. بۇ ئاخىرى بېرىپ مۇسۇلمانچىلىق ئۆلچىمى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشى بىلەن زىتلىشىۋاتىدۇ . بەزى ئورگانلاردا ، يىغىنلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان باشلىققا ھاراق تۇتۇش ھەرىكىتى بىلەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى تاماقتىن كېيىن دۇئا قىلىش ھەرىكىتى بىرلا ۋاقىتتا سىمۋوللۇق  يوسۇندا پەيدا بولۇپ ، بىر خىل زىددىيەتلىك  رېئاللىقتىن بېشارەت بېرىۋاتىدۇ .
        «يېڭى رۇس كۈيلىرى»تۈنەكخانىسى (توغرىراقى - «ئىشرەتخانىسى») دا رىياسەتچى شۇ كۈننىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي مۇراسىم كۈنى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ ۋە «ئاللا ، ئۇلۇغ قۇربان ھېيت» دېگەن گەپلەرنى ئۇرغۇلۇق ئېيتىدۇ . ئەمما ھايال ئۆتمەي كۈلكىلىك تۈستە ، « ئاللا ، مۇسۇلمان» دېگەنگە ئوخشاش دىنىي تۈسكە ئىگە سىمۋوللار بىلەن كومېدىيىلىك سېلىشتۇرما پەيدا قىلىپ ئىچىشۋازلىق باشلىنىدۇ ؛ جىنسىي تۇيغۇنى ئاشكارىلايدىغان ئەسەبىي دىسكولار ئوينىلىدۇ . «خۇاڭخې» يولىدىكى «كابانا» قاۋاقخانىسىدا ئەھۋال باشقىچە . يىگىتلەر «قىز دوستلىرى»غا ھاراق تۇتىدۇ. قىزلار ھاراقنى قايتۇرماي ئىچىشىدۇ . ئەمەلىيەتتە ، جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندا ، بىرىنچى كۆرۈنۈشتىكى چەت ئەل ھارىقىنى ھەۋەس بىلەن ئىچىۋاتقانلارمۇ ، «كابانا» قاۋاقخانىسىدىكى قىزىل ھاراقنى قايتۇرماي ئىچىۋاتقان قىزلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ خىيالىدىكى ، تەسەۋۋۇرىدىكى كىملىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ . ياۋروپا ئۈرۈمچىدىن تولىمۇ يىراق . ئەمما ، ئۈرۈمچى ئۇيغۇرلىرى تېلېۋىزوردىن ، كىنولاردىن ، رومانلاردىن ياۋروپالىقلارنىڭ قىزىل ھاراقنى سۈمۈرۈپ تۇرۇپ نازاكەتلىك بىر يوسۇندا ئىچكىنىنى كۆرگەن ۋە چىن رېئاللىقتا ئۆزلىرىنى ئەنە ئاشۇنداق «مەدەنىيەتلىك» كۆرسىتىشكە تىرىشقان . بۇ خىل روھىي ھالەتنى فرانسىيە جەمئىيەتشۇناسى ژان بوردىلىيارد «مېدىيە ۋاستىلىرىنىڭ تەسىرىدە نۇسخىلانغان سۈنئىي رېئاللىق» [5] دەپ ئاتىسا ، كىملىكنى سىمۋوللۇق ئالاقە نۇقتىسىدىن كۆزىتىشنى تەكىتلەيدىغان ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلىرىدىن مېككال بىلەن سىمونس مۇنداق دەيدۇ : «ئادەم ئۆز نۆۋىتىدە بىر چۈش كۆرگۈچى ، غايىۋىلىك ئىچىدە ياشايدىغان بىر مەخلۇق ، ئۆزىنى خىيالىدىكى غايىۋى ئوبراز ئۈچۈن بېزەپ كۆرسىتىدىغان مەخلۇق . ئۇ ، ھاياتتا رول ئېلىپ ياشايدۇ . لېكىن، بۇ ئاسان ئىشقا ئاشمايدۇ . ئۇ ، خىيالىدىكى ئۆزىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيادىن غايىسىگە يېقىنلىشىپ كېتىدىغان ئۇچۇرلارنى قىدىرىدۇ ، قىياس قىلىدۇ ، ئاندىن ئېرىشكەنلىرىنى مۇقىمسىز بازاردا تەجرىبە قىلىدۇ .»[6]



ئۇيغۇر شەھەر تۇرمۇشىدىن بىر كۆرۈنۈش(3)

مىلاد بايرىمىدىكى ئۇيغۇرلار



           2008 - يىللىق مىلاد بايرىمى ئۈرۈمچىدە قاتتىق تۇمانلىق بىر كۈنگە توغرا كەلدى . مىلاد بايرىمىنىڭ ھارپىسىدا ئۇيغۇرلار كىرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان بىر قانچە رېستوران ، تۈنەكخانىنى كۆزەتتىم . جەنۇبىي قوۋۇق (نەنمېن) بىلەن داشىزى(تۆت كوچا) ئارىلىقىدىكى خەنزۇ خوجايىنلار ئىگىدارچىلىق قىلغان قاۋاقخانىلارنىڭ بىرسىدىمۇ ئورۇن قالمىغان . بەزى قاۋاقخانىلاردا بېشىغا مىلاد بوۋاينىڭ باش كىيىمىنى كىيىۋالغان ئۇيغۇر يىگىتلىرى ، مىلاد بايرىمىغا خاس ھالدا تولۇق خرىستىئانچە كىيىنگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ . شەرقىي ئايلانما يولىدىكى مۇسۇلمانچە بىر كاتتا رېستوراننىڭ ئالدىدىن ماشىنىلىق ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ، مىلاد بوۋاينىڭ رەسمى قىيىلىپ رېستوراننىڭ چوڭ يولغا قارايدىغان دېرىزىسىگە چاپلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردۈم . ئۈرۈمچى «جەنۇبىي شىنخۇا» يولىدىكى يېڭى ئېچىلغان يەنە بىر رېستوراننىڭ ئالدىغا كەلدىم . رېستوران ئىشىكىنىڭ ئۈستىگە «قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن» دەپ خەنزۇچە خەت يېزىلغان (قۇربان ھېيىت ئۆتۈپ كەتكىنىگە ئىككى ھەپتىچە بولغانىدى) ، رېستوران پەلەمپىيىنىڭ ئىككى يېنىغا مىلاد دەرىخى تىكىلگەن . بىر رېستوراننىڭ پەلەمپىيىدە ئۆزۈمنى ئورۇن تاپالمايۋاتقان خېرىداردەك كۆرسىتىپ ، سۇخانىدىن چىقىۋاتقان بىر  قىزدىن ئەتەي سورىدىم :
  _ نىمانداق ئادەم جىق بۈگۈن !
  _ بۈگۈن دېگەن پىڭ ئەن يې (تىنچلىق كېچىسى) تۇرسا ، - دېدى قىز ۋە « نىمانداق مەتۇ ئادەم بۇ!» دەپ ئويلىدى بولغاي ، باش - ئايىغىمغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئىچىگە كىرىپ كەتتى .



ئۇيغۇر شەھەر تۇرمۇشىدىن بىر كۆرۈنۈش(4)

ئىت يېتىلىۋالغان ئۇيغۇر ئايال


      2009 - يىل ماي ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىنىم بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ «يەنئەن» يولىدا كېتىۋاتاتتۇق . تۇيۇقسىز ئالدى تەرىپىمىزدىن زاڭزۇ ئىتى يېتىلەپ ، بىر قولىدا كىچىك پىستە كۆتۈرۈۋالغان بىر ئۇيغۇر ئايال چىقىپ كەلدى . ئايال 50 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بولۇپ ، پۇزۇر كىيىنگەنىدى . يېتىلىۋالغان ئىت بەك يوغان بولغاچقا ، دەسلىپىدە كۆزۈمگە بۆرىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى . يېقىن كەلگەندە سەپسېلىپ قارىساق ، ئۇ ئايالنىڭ يېتىلىۋالغىنى بەدەنلىرى تانىدا قاتمۇقات باغلانغان زاڭزۇ ئىتى ئىكەن . ئايال يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ قولىدىكى پىستىسىنى سۆيۈشكىمۇ ئۈلگۈردى .
- سۈرەتكە تارتىۋالغۇدەك كۆرۈنۈش ئىكەندۇق ، - دېدىممەن .
- ئەمىسە مەن بېرىپ باقاي ، - دېدى ئىنىم ۋە ئارقىسىدىن يېتىشىپ بېرىپ سىپايە ئاھاڭدا ئۇ ئايالدىن سۈرەت تارتىشقا بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىنى سورىدى .
- دۈي بۇچى ، ۋو مېيۇ شىجيەن (كەچۈرۈڭ ، ۋاقتىم يوق)، - دېدى ئۇيغۇر ئايال خەنزۇچە ۋە شۇنداق دېگىنىچە يىراقلاپ كەتتى .
يۇقىرىقى ئىككى كۆرۈنۈشتىن بىز مۇنداق بىر داڭقان پۇتى سوئال قويۇپ باقايلى : بىر ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ھەم مۇسۇلمان ھەم خىرىستىئان بولالامدۇ؟ ئاندىن بىز يەنە ئىلگىرىلەپ : «ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگەن بىر چەت ئەللىك مۇسۇلمان بولۇۋېلىشى ۋە قۇربان ھېيىت ئۆتكۈزۈشى مۇمكىنمۇ؟» دەپ سوئال قويساق ، يۇقىرىقى كۆرۈنۈشنىڭ قانداق رېئاللىقتىن دېرەك بېرىدىغانلىقى سەل ئاشكارا بولىدۇ . ئىت يېتىلىۋالغان ئۇيغۇر ئايال مىسالىغا كەلسەك ، «ئىتنى ئاساسەن ئوۋچىلىقتا ، پادىچىلىقتا ئىشلەتكەن ، ئىت بېقىلسا بەرىكەت قاچىدۇ ، ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ ، دەپ قارايدىغان»[7] ئۇيغۇرلار ئارىسىغا بۇنداق تۇرمۇش كارتىنىسىنىڭ سىڭىپ كىرىشى ، مۈجمەل ئادەم ۋە زىددىيەتلىك كىملىككە سەۋەب بولىدىغان يەنە بىر مۇھىم ئامىلنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ . يەنى كىشىلەر دۇنيادىكى تۈزۈك ئورنى يوق ئۇششاق ، ئاجىز مىللەتلەرنىڭ بايراملىرىنى ، مەدەنىيەتتىكى سىمۋوللۇق بەلگىلىرىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمايدۇ . ئەمما ، كۈچلۈك ، زامانىۋى مىللەتلەرنى دورايدۇ ، شۇلاردەك بولۇشقا تىرىشىدۇ. بىر تەرەپتىن ، بۇ - شۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىدىكى تايانچسىزلىق ، مەنىسىزلىك تۇيغۇسىنى غايىۋى ئوبرازغا ئىنتىلىتىش ئارقىلىق بېسىشقا ئۇرۇنغانلىقىنىڭ نەتىجىسى . يەنە بىر تەرەپتىن ، «لايىقىدا زامانىۋىلىشايلى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ، ئامېرىكىلىق ئىنسانشۇناس مارك لىچىنىڭ گېپى بويىچە چۈشەندۈرگەندە ، «تەرەققىي تاپمىغان جايلاردىكى كىشىلەر زامانىۋىلىقنى غەربچە بولۇش دەپ چۈشىنىدۇ ۋە غايىسىدىكى ئوبراز بىلەن مۇمكىنسىز رېئاللىقى ئوتتۇرىسىدا تىپىرلايدۇ .»[8] بىر ئىجتىمائىي توپ ئەنە شۇ غايىدىكى ئوبراز ئۈچۈن كۈچىگەندە ئەسلىدىكى مەدەنىيەت كىملىكى بىلەن قوبۇل قىلىش ئالدىدا تۇرغان مەدەنىيەت كىملىكى ئارىسىدا زىددىيەت كۆرۈلىدۇ. مىسالەن ، ماڭا رېستوران پەلەمپىيىدە ئۇچراپ «بۈگۈن پىڭ ئەن يې تۇرسا» دېگەن ئۇيغۇر قىزى ئائىلىسىدە ، ئاتا - ئانىسىنىڭ قېشىدا تاماقتىن كېيىن دۇئا قىلىشى ؛ خىزمەت ئورۇنلىرىدا مۇسۇلمان بولمىغان بىرەر خىزمەتدىشىنىڭ ئورۇق - تۇغقانلىرى تۈگەپ كەتسە جەسەت كۆيدۈرۈش مەيدانىغا چىقىشى ؛ شۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىشى ۋە ھەتتا شۇ كۈنى كەچتە ئۇ يەنە چېركاۋغا بېرىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن . ئىت يېتىلىۋالغان ئۇيغۇر ئايال بولسا بەلكىم پىستىسىنى سۆيگەن لەۋلىرى بىلەن ئۆيىدە قىزى ، ئوغلىنى سۆيۈپ قويۇشىمۇ مۇمكىن . بۇ تامامەن تەسەۋۋۇرغا سىغىدىغان ئەھۋال . زىددىيەتلىك كىملىككە ئىگە بولۇش دېگەنلىك يۇقىرىقىدەك ئىجتىمائىي مۇھىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن ستراتېگىيە بەلگىلەپ رېئاللىققا تاقابىل تۇرۇش دېگەنلىكتۇر . ماكرولۇق كونتروللۇق ، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش بۇ جەرياننى تېزلىتىدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولمىغان ھالدا چىن ، مۇقىم كىملىككە ئىگە بولۇش قىيىنلىشىدۇ . بۇنىڭ بىلەن رېئاللىقتا زىددىيەتلىك كىملىككە ئىگە بىر توپ مۈجمەل  ئادەم پەيدا بولىدۇ . بۇ زىددىيەتلىك قىممەت قارىشى كۈرىشى داۋامىدا ياشاۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيا كىشىلىرى ئۈچۈن ساقلانغىلى بولمايدىغان ھادىسىدۇر. 1998 - يىلى ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس سمېلسېر بۇ توغرىسىدا مۇنداق ئىزاھ بېرىدۇ : «زىددىيەتلىك روھىي ھالەتنىڭ  ماھىيىتى - ئوخشاش بىر ئوبيېكىتقا ، ئادەمگە ، سىمۋولغا قارىمۇقارشى پوزىتسىيە تۇتۇش دېگەنلىكتۇر . زىددىيەتلىك كىملىكنى چۈشىنىش بىر جەمئىيەتتىكى شەخسنىڭ ھەرىكىتىنى ، ئىجتىمائىي تۈزۈمىنى ۋە قانداق بىر رېئاللىقتا ياشاۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . زىددىيەتلىك كىملىك تېز ئىجتىمائىي ، سىياسىي ئۆزگىرىشلەر داۋامىدا ھامان كۆرۈلىدىغان ، ئۇزۇن داۋاملىشىدىغان ، ئاسان ھەل بولمايدىغان ھادىسىدۇر . سەۋەبى ، ئورنى تۆۋەن ئىجتىمائىي توپ ھوقۇق مۇناسىۋىتىدە سىياسىي جەھەتتىن بېقىندى ئورۇندا . مەلۇم بىر دىنغا ياكى سىياسىي چاقىرىققا ئىشەنگەن ئادەم ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن بېقىندى ئورۇندا . بىرسىگە باغلىنىپ قالغان ئادەم ھېسسىيات جەھەتتىن بېقىندى ئورۇندا . ئىنساننىڭ چىن ياشاش، مۇتلەق چىن كىملىككە ئىنتىلىش ئىستىكى ئىشقا ئاشمايدۇ . چۈنكى ، چىن كىملىككە ئىنتىلگەن ئادەم سىياسىي جەھەتتىن ، ئىدىئولوگىيە جەھەتتىن ۋە  ھېسسىيات جەھەتتىن جىق بەدەل تۆلەيدۇ . دېمەك ، بېقىندىلىق ھالەت زىددىيەتلىك كىملىك ۋە ۋەسۋەسە پەيدا قىلىدۇ .» [9] تېز ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر زىددىيەتلىك  كىملىككە ئىگە ئادەمنىڭ ئۆزلۈك چۈشەنچىسىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ . ئۇنى مەلۇم بىر خىل  قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇشتىن ماسلىشىشچان بولۇشقا ، ئوخشىمىغان ئەھۋاللارغا ستراتېگىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا  ئۈندەيدۇ . بۇ جەرياندا تامامەن پەرقلىق بولغان قىممەت قاراشلىرى زىددىيەتلىك كىملىككە ئىگە ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىدا مۇرەسسەگە كېلىپ ، ئۇنى ئوبيېكتىپ دۇنياغا لايىقلاشتۇرىدۇ . بۇنىڭ بىلەن ، باشقىلارنىڭ ئۆزلۈك يىغىندىسىدىن «يۇغۇرۇلغان ئادەم»普通他人) generalized other, جورجى مېد ، 1934)[10] پەيدا بولۇپ ، كىشى كۆپ خىل كىملىك ۋەزىپىسىگە  بىرلا ۋاقىتتا دۇچار بولىدۇ . مىسالەن ، دۇئا بىلەن ئاخىرلاشقان سورۇندىكى باشلىق بىرلا ۋاقىتتا ھەم مۇسۇلمان ، ھەم ئۇيغۇر ، ھەم دۆلەت مەمۇرى بولۇپ رول ئېلىۋاتىدۇ ۋە سىمۋوللۇق ئالاقىدە زىددىيەتلىك كىملىكىنى نامايەن قىلىۋاتىدۇ .



ئۇيغۇر شەھەر تۇرمۇشىدىن بىر كۆرۈنۈش(5)

ئەرەبچە ئىسىم ، رەت قىلىنغان ۋىزا



         ئۇنىڭ ئىسمى ئابدۇللا ، ئىسمى ئەرەبچە بولغان بىلەن ، ئۆزىنىڭ ئەرەبلەر بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئەمما ئۇ GRE,TOEFL قاتارلىق ئامېرىكا ئىمتىھانلىرىدىن ياخشى نەتىجە ئېلىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش چاقىرىقىنى تاپشۇرۇۋالغان بولسىمۇ ، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ۋىزىسى رەت قىلىندى . بۇ 2003 - يىلى سېنتەبىر ئايلىرى بولۇپ ، ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇش ئەۋجىگە چىققان ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ دۆلەتكە كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋىزا ئېلىش ئۆتكىلىنى قاتتىق چىڭىتىۋەتكەن چاغلار ئىدى . رادىكال ئەرەب مۇسۇلمانلار ھەرىكىتى ۋە  تېررورىزىم بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان بىر ئۇيغۇر يىگىتى دىنىي كىملىكى مۇسۇلمان ، ئىسمى ئەرەبچە بولغانلىقى ئۈچۈنلا ۋىزا ئالالمىدى .
- بۇ ئىشتىن سىزگە ئەڭ تەسىر قىلغان نۇقتا نېمە ؟ _ دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن .
_ بىر ئىشقا كۈلگۈم كېلىدۇ ، - دېدى ئابدۇللا ، - ئىسمىم ئەرەبچە ، دىنىي ئېتىقادىم مۇسۇلمان بولغان بىلەن ، مۇسۇلماندارچىلىقنى ئادا قىلىپ كېتىشىم تايىنلىق . ھەيرانمەن ، ئۇ ئىشتا ماڭا ئۇۋال بولدى . شۇنچە يىراقتىكى ئىشلار تەقدىرىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. رايىم بىر قايتىپتىكەن ،چەتئەلگە چىقىش ئويىدىن ۋاز كېچىپ تىجارەت قىلىۋاتىمەن .
 


داۋامى بار
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-06-24, 14:28
تىلىمنڭ چەكلىمىلىكى  دۇنيايىمنىڭ چەكلىمىلىكى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-06-24 14:20 |
qaptikax
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6463
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 48
شۆھرەت: 282 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 286 سوم
تۆھپە: 166 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 170 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 40(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

داۋامىنى تېزراق يوللىسىڭىز ، بولۇپمۇ بىز ئوقۇمىغان بۆلىكىنى
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-24 14:55 |
bahitkuxi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6948
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 116
شۆھرەت: 601 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 603 سوم
تۆھپە: 359 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 361 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 173(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەك ياخشى تېما بولۇپتۇ، ئاللادىن ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن...
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-24 15:04 |
aptap
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8179
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 68
شۆھرەت: 355 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 355 سوم
تۆھپە: 210 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 210 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 126(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

داۋامىنى ساقلايمەن ئەمسە ... !
istanbol
كۈنلەر ئۇزۇن ، ئاخىرىدا كۈلگىنىمىز ھىساپ !
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-24 15:18 |
kanji
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8382
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 104
شۆھرەت: 532 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 537 سوم
تۆھپە: 320 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 324 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 50(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!مەن بۇئەسىرىڭىزنى نەچچە يىللار ئىلگىرى ئوقۇغان ئىدىم،ئۇۋاقىتتاجەمىيەت بىلەن ئانچە تونۇشمىغاچقا،بىرخىل كۆپتۈرۈۋەتكەندەك ھىس قىلغان ئىدىم ،يىقىنىدىن بۇيان بۇ ماقالىدىكى ئىشلار تولا ئۇچراپ،بۇ ماقالىنى پات-پات سىغىنىدىغان بولۇپ قالدىم،پەيشەنبە كەچتەھاراق ئىچىپ يەتكۈچە بۇزۇقچىلىق قىلىپ ئەتىسى چۈشتە قوپۇپ جۈمەنامىزىغا چىقىدىغانلارنى كۆردۈم،ھەتتا جۈمەگە ماڭغۇچە يولدا يەنەبىرسىگە "ئاداش مۇھەببىتىڭ بىلەن تىزراق ياتاق ئاچ،شۇندىلا ئۇ سەندىن ئايرىلالمايدىغان بولىدۇ"دىگەنلەرنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىدىم،يەنە بىر ئۇنۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن جەمىيەتنى كۆرۈپ،يىرگىنىپ ھەق يولىغا قايتىپ كۈندە5ۋاق ناماز ئوقۇيدىغان بولغان،يولدا يەرگە قاراپ ماڭىدىغان بۇرادىرىمىنىڭ ئانىسىنىڭ ئۇنىڭ مۇھەببەتلەشمىگەنلىكىدىن ئەجەبلىنىپ مەندىن"بالام سىلەر بىرەر ئىزابوت دەيدىغان تىرورچى تەشكىلاتلارغا قاتنىشىپ قالمىغانسىلەر ھە؟"دىگەن سۇئالىغا دۇچ كەلدىم،بىر دوستۇم كەچتەھاراق ئىچىپ ئۆيگە كىرىپ قورقۇنچىلىقتا ياتاق ئۆيىگە كىرۋالغاندائەتىسى ئەتىگەندەئانىسىنىڭ شورپا قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم،يەنە بىر دوستۇمنىڭ مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى ئۇققان ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەرئايدا200يۈەن(ئايدا2قىتىم ياتاق ئىچىشى ئۈچۈن) پۇلنى ئارتۇق ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم،"يىنخۇاڭ"غا ئاخشام كەتكەن ئىككى ساۋاقدىشىم مانا ھازىرغىچە قايتىپ كەلمىدى،بۇ ئىنسانلارنى ھازىر يەنىلا كىچىككىنە ئىمان كەلىمىسى مۇسۇلمانلىق ھالىتىدە ساقلاپ تۇرىۋاتىدۇ،بۇلار ئۇيغۇرلۇققا كەلگەندە ناھايىتى ئاكتىپ، بىر كۈنى كىچىدەبىر بالا مەست ھالەتتە مەكتەپتىكى ياتاققا كىرىپ3ياتاقتىكى خەنزۇ بالىلارنى ئويغۇتۇپ بىر ياتاققا يىغىپ،ھەربىرسىنىڭ ئۇيغۇرغا بولغان پوزىتسىيەسىنى سۆزلىتىپ(مەجبۇرى)،ئۇلارغا ساۋاق بەردى،خىرىستىيانلار يەنىلا ئۆزىنى بايرىقى بىلەن ئاشكارىلىيالمىسىمۇ،مىللەتچىلىكتىن پايدىلىنىپ،مىللى مەدەنىيەتكە مىھرى بار خەلقنى ئالداپ ئۆز مەيدانىغا كىرىشكە چاقىرىۋاتىدۇ،بۇ جانلىقلار ھەتتا "ئاللاھ"دىگەن ئۇلارنىڭ ئەقىدىسىگە خىلاپ سۆزنى ئىشلىتىپ كىشلەرنى قايمۇقتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا،ھەتتا قۇرئان ئارقىلىق خرىستىيان دىنىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنماقتا.بىشىغا ياغلىق ئارتقان تاماكا چىكىۋاتقان بىرئۇيغۇر مۇسۇلمان قىزنىڭ رەسىمنى(بۇلار نەدىن تاپتىكى)چ چ بوشلۇق،ئاۋام تورلىرىغا كەڭ تارقىتىپ ،ياغلىق چىككەنلەرنىمۇ ناچار كۆرسۈتۈپ ستۇدېنت قىزلىرمىزنى زەھەرلىمەكتە،ئامىرىكىدىكى ئىپپەت(مېي گۇو چۇنۈ)،مېيگۇو پەي قاتارلىق فىلىملەر ئارقىلىق ستۇدېنتلىرىمىزنى ئىغىر زەھەرلىدى، "مېي گۇو چۇنۈ"فىلىمىنى كۆرمىگەن ستۇدېنتلىرىمىز ئىنتايىن ئاز،تىخى بەزىلەر ئۇيغۇرلىقنىڭ زۆرۈر شەرت مۇسۇلمان بولۇش ئەمەس دەپ ئۆزىچە ئۇيغۇرغا ئىقلىما بىرىشكە ئۇرۇندى،ئۇلار شۇنى بىلمىدىكى خېنەندىكى لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلارخۇيزۇلارنىڭ"غەربى شىمالدىكى ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان"دىگەن سۆزىنى ئاڭلاپ مۇسۇلمان بولغان ئىدى،ھەممىگە قادىر ئاللاھ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي!
[ بۇ يازمىنىkanjiدە2012-06-24 15:52قايتا تەھرىرلىدى ]
simfoniya
ھەممەئىشلار ياخشىلىنىپ كىتىدۇ!
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-24 15:39 |
ensak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6858
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەپەندى  جەمىيەت مەسىلىرىنى.شېرى كۆزئارقىلىق كۈزىتىش  بىمەمەنىك دىگەننى تەكىتلەپ تۇرۇپ مۇھاكىمىگە رەخىم ياسىننىڭ شېرىنى باشلىنىش سۆزى قىلىپ ئالغىنىڭىز نىمىسى؟
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-24 15:50 |
uyghur.yolwisi
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3396
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 262
شۆھرەت: 1620 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1786 سوم
تۆھپە: 919 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 923 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 269(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىر ئاقىل دوختۇر  بىمارغا نۇمۇسلۇق كېسىلىنى چۈشەندۈرۈپلا قويماي ، ئۇنۇملۈك داۋالىنىش ئۇسۇلىنىمۇ ئېيتىپ بىرىدۇ .

بولمىسا بىمارنىڭ << سەن مېنىڭ مازاق قىلىۋاتىسەن !!! >> دەپ غەزەپلىنىشى تۇرغانلا گەپ.
simfoniya
ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈش ، پەزىلەت بىلەن ياشاش !
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-24 16:03 |
uyghurzade
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3203
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 187
شۆھرەت: 1115 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1095 سوم
تۆھپە: 649 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 659 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 597(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەنساق ئەپەندى، سىز  دېگەندەك ئەمەس، «جەمئىيەت مەسلىلىرىگە ئەدەبىي تەسەۋۋۇر نۇقتىدىن چىقىپ باھا بېرىش توغرا ئەمەس» دېدىم. قاينامىنىڭ شېئىرىدىن نەقىل ئالغىنىمنىڭ يۇقىرىقى گەپ بىلەن ھېچقانداق زىت يېرى يوق.

ئامان بولغايسىز.
istanbol
تىلىمنڭ چەكلىمىلىكى  دۇنيايىمنىڭ چەكلىمىلىكى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-24 16:06 |
uyghurzade
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3203
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 187
شۆھرەت: 1115 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1095 سوم
تۆھپە: 649 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 659 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 597(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىر ئاقىل دوختۇر  بىمارغا نۇمۇسلۇق كېسىلىنى چۈشەندۈرۈپلا قويماي ، ئۇنۇملۈك داۋالىنىش ئۇسۇلىنىمۇ ئېيتىپ بىرىدۇ .

بولمىسا بىمارنىڭ << سەن مېنىڭ مازاق قىلىۋاتىسەن !!! >> دەپ غەزەپلىنىشى تۇرغانلا گەپ
------------------------------

جەمئىەيتشۇناسلىقنىڭ ۋەزپىسىنى خاتا چۈشنىۋالغاندەك قىلىسىز، تارىم يولۋىسى. ئۇ جەمئىيەت سىياسىتىنى بەلگىلەيدىغانلارنىڭ ئىشى. جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ قولىدىن ئۇ ئىش كەلمەيدۇ. بولۇپمۇ مۇنداق بىر جەمئىيەتتە.
تىلىمنڭ چەكلىمىلىكى  دۇنيايىمنىڭ چەكلىمىلىكى
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-24 16:10 |
kanji
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8382
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 104
شۆھرەت: 532 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 537 سوم
تۆھپە: 320 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 324 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 50(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى uyghur.yolwisiدە2012-06-24 16:03يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بىر ئاقىل دوختۇر  بىمارغا نۇمۇسلۇق كېسىلىنى چۈشەندۈرۈپلا قويماي ، ئۇنۇملۈك داۋالىنىش ئۇسۇلىنىمۇ ئېيتىپ بىرىدۇ .

بولمىسا بىمارنىڭ << سەن مېنىڭ مازاق قىلىۋاتىسەن !!! >> دەپ غەزەپلىنىشى تۇرغانلا گەپ.

تۈنۈگۈن دوختۇرخانىغا بارغان ئىدىم،بىر دوختۇر كىسىلىمىنى كۆردى،يەنە بىر دوختۇر دورا بەردى،دوختۇرنىڭ دىيىشىچە توغرا دىياگنوز قويۇش بەك مۇھىمكەن،دورىنى ھەممە دورىخانا بىرەلەيدىكەن،ئۇيغۇرزادە كىسەلگە توغرا دىئاگنوز قويۇپ بۇ مۇنبەرگە دىئاگنوز قەغىزىنى ئەۋەتىپتۇ،بۇ مۇنبەردە ياخشى دورىگەرلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىپتۇ،مۇدىر ۋىراچقا ئىسىلىۋالماي تۇرۇڭ،دورىگەرلەر كاماندوروپكىغا چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ،ئەتىگىچە مۇنبەرگە كىلىپمۇ قالار،
ھەممەئىشلار ياخشىلىنىپ كىتىدۇ!
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-24 16:18 |
iparay
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7562
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 55
شۆھرەت: 283 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 284 سوم
تۆھپە: 170 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 171 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 124(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

گۈلەن كۆپ ھاللاردا  ئۇيغۇر تۇرمۇشنىڭ يورۇق تەرەپلىرىنى بايان قىلىدۇ ،سىز قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى بايان قىلىۋىتىپىسز  ..قېنى داۋاملىق،ئىككى خىل كۆز،ئىككى خىل كۆزىتىش ،ئىككى خىل مەقسەت ..( ئىنكاس قايتۇرۇش بىھاجەت )...
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-24 16:22 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12345»Pages: 1/17     Go
Bagdax bbs » ئۇيغۇرنىڭ كۆزى