8يىل ئىلگىرى جۇ رۇڭ جىنىڭ ئۆي-مۆلۈك كەسپىنىڭ زىيادە قىزىپ كىتىش ئاگاھلاندۇرۇشىنى نىمشقا ھىچكىم ئاڭلىمىغان؟
يېقىندىلا جۇ رۇڭ جى جۇڭگۇنىڭ ئۆي-مۆلۈك ۋە ئاپتۇمۇبىل سانائىتىنى تەنقىد قىلدى. يېىڭىلا نەشىردىن چىققان " جۇ رۇڭ جى نۇتۇقلىرىدىن ئەمەلى خاتىرە " ناملىق كىتابتىكى جۇ رۇڭ جىنىڭ ئۆي-مۆلۈكنىڭ كەسپىنىڭ زىيادە قىزىپ كىتىشىگە بولغان تەنقىدى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.2003 –يىلى 1- ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى گوۋۇيۇەننىڭ 9-قىتىملىق ئومۇمى يىغىنىدا جۇ رۇڭ جى مۇنداق سۆزلىگەن:
بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەرەلى توشۇپ قالدى، مېنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىم ئىقتىسادنىڭ زىيادە قىزىپ كېتىشىدۇر.مەن 50 نەچچە يىل ئىقتىساد خىزمىتىنى ئىشلىدىم .مىنىڭ چوڭقۇر چۈشەنچەمچە دۆلىتىمىزنىڭ بۇ خىل " يىغىندى كىسەللىك ئالامىتى"بولۇپ، كۈنلىرىمىز ئازراق ياخشىلىنىپ قالسا قىلىقلىرىمىز ئېشىپ كېتىدۇ.قارىغۇلارچە ئۆز –ئۆزىمىزدىن قانائەتلىنىپ كېتىمىز.ئادەمنى ئازاپلاپ ئەقىلسىزلەرچە تەدبىر بەلگىلەيمىز.مەن ئۆي-مۆلۈكنىڭ زىيادە قىزىپ كېتىش مەسلىسىنى دەپ ئۆتتۈم، ئەمما مىنىڭ بايقىشىمچە ،كۆپ ساندىكى يولداشلار بۇ مەسلىنىڭ ئېغىرلىقىنى تونۇپ يەتمىدى. دائىم، ئاۋۋال ، " ئومۇمى گەۋدە ئىنتايىن ياخشى"دەيدۇ، ئارقىدىن ئازراقلا مەسلىلەرنى بايان قىلىدۇ.قەتئى ئۇنداق ئەمەس.بۇنداق قىزىپ كېتىش چاتاق.1993-يىللاردا ئۆي –مۆلۈك قىزىپ كەتكەن، نەتىجىدە ھازىر خەينەنداۋ يەنىلا"پۈتۈن بەدىنىنى جاراھەت قاپلاپ كەتكەن " ھالەتتە.مەن چەتئەلنىڭ ھەپتىلىك ژۇرناللىرىغا قارىسام ھەممىسى، جۇڭگۇدا كۆپۈك ئىقتىساد ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بولدى، دەۋېتىپتۇ. ئۆي-مۆلۈك قىزىپ كەتسە خەتەر تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.بانكىلىرىمىزدىكى يولداشلار بۇ نۇقتىنى چوقۇم تونۇشى كىرەك.سەۋەبى بۇ بۇللارنىڭ ھەممىسى بانكىنىڭ.مەن يەنە بىر قېتىم بانكىلارغا سەمىمى نەسىھەت قىلاي: سىلەرمۇ بۇ ئىككى يىل ئىچىدە ئەمىلىڭلارنىڭ ئۆسۈشىنى ئۈمىت قىلىسىلەر. سىلەر بۇ بانكىلاردا يەنە خىزمەت قىلىشنى خالىمايسىلەر.چاتاق چىقسا كىيىن كەلگەنلەر يىغىشتۇرسۇن دەپ قارايسىلەر. بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ پۇل –مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى تېخى ئۇرۇندالمىدى.مۇكەممەل مىخانىزىم تېخى بەرپا بولمىدى.ئەمما مۇشۇنداق مىخانىزىم بەرپا قىلىنماستىن بۇرۇن كومپارتىيە نەچچە ئون يىللىق ئىقتىساد بىلەن مەشغۇل بولدى.يەنىلا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىزغا تىگىشلىك.سىلەر بۇنداق ئېغىرىڭلارنى باشقىلارغا قالدۇرۇپ، قارىغۇلارچە تەرەققى قىلىماڭلار.
مىنىڭ ئىنتايىن ئەنسىرەيدىغىنىم" شەھەر-بازارلاشتۇرۇشتۇر".ھازىر" شەھەر- بازارلاشتۇرۇش"ئۆي سېلىش بىلەن بىرلىشىپ كەتتى.ناھايىتى ئەرزان باھا بىلەن دىھقانلارنىڭ يەرلىرى تارتىۋېلىندى.چەتئەللىكلەر ۋە ئۆي-مۆلۈك سودىگەرلىرىنىڭ كۆچۈپ كىرىشى ھەم ياخشى ئۇرۇنلاشتۇرۇلمىغان دىھقانلار،بۇ قىلمىش ئىنتايىن خەتەرلىك.بۇ مەركەزنىڭ سىياسىتىنىڭ روھىغا تۈپتىن ئۇيغۇن ئەمەس.بىز بۇ قورقۇنۇچلۇق نەرسىنى كۆپ قېتىم مۇزاكىرە قىلدۇق. يەنە ،ھازىر باغچا ئاساسى تېمىغا ئايلاندى. چەتئەللەردە بۇنداق قىلمايدۇ.دېسىنى باغچىسى ئامېرىكىدا ئىككىسى،ڧىرانسىيەدە بىرسى، ياپونىيەدە بىرسى بار.ھازىر باغچا تېمىسى جۇڭگۇنىڭ ھەممىلا يېرىدە باش كۆتۈرۈپ چىقتى.چەتئەللىكلەر ئۆزى پۇل چىقارمايدۇ.سىز يەرلىرىڭىزنى ئەرزان باھادا ئۇلارغا سېتىپ بېرىسىز، دۆلەتنىڭ زىمىن بايلىقى ۋەيران بولىدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا سىزنىڭ پۇلىڭىزمۇ بار. ھازىر نۇرغۇن جايدىكى دېھقانلار قورسىقى تويغۇدەك تاماق يىيەلمەيۋاتسا ،يەنە باغچىنى نىمە قىلىمىز، كىم بېرىپ كۆرىدۇ؟
8 يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى.يەنە بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتمۇ ئالماشتى.ئەمما جۇڭگۇنىڭ ئۆي-مۆلۈك بازىرىدىكى كۆپۈك تېخىچە ھەل بولمىدى.ئەكسىچە جۇڭگۇ بىلەن چەتئەللەر ئوتتۇرسىدا كەمدىن –كەم ئۇچرايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈردى.بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ چوڭ خىزمەت ئۇتۇقىمۇ ئۆي-مۆلۈك.ئەڭ مەغلۇپ بولغىنىمۇ ئۆي-مۆلۈك.مەركىزى ھۆكۈمەت 2009-يىللارنىڭ ئاخىىدىن باشلاپ ئۆي-مۆلۈكنى قايتا-قايتا تەڭشەپ تىزگىنلىگەن بولسىمۇ،ئەمما يەرلىك ھۆكۈمەت ئىچىدىكى مەنپەئەت گورۇھلىرى يەنىلا ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىدىن ۋاز كىچەلمەي" خەلقنىڭ مېيىنى شورىماقتا". جۇڭگۇنىڭ ئۆي-مۆلۈك كۆپۈكى تۈمۈردىن ياسالغان.ئۆي-مۆلۈكنىڭ خەتىرى جۇ رۇڭ جىنىڭ ئېيىتقىنىدەك بەس-بەس بىلەن يىتىپ كەلمەكتە.
بۇ چوڭ ئۆي-مۆلۈك ئەمەلدارلىرى جۇ رۇڭ جىنىڭ نوتۇقىنى ئوقۇسا ئۆزىنى ئەيىپلەرمۇ؟ ئانچە –مۇنچە يۈزى قىزىرارمۇ؟
ئەمما مەن ئىشىنىمەنكى،كۆپ قىسىم ئەمەلدارلار خاتالىقى ئۈستىدە ئويلانمايدۇ.چۈنكى جۇ رۇڭ جى ئۇلارنىڭ ئەمەل قالپىقىنى باشقۇرالمايدۇ.مەركەزمۇ ئامال قىلىپ ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرالمايدۇ.تۈزۈلمىمۇ ھەر قانداق قىلىپ ئۇلارنى چەكلىيەلمەيدۇ.جۇڭگۇنىڭ كىرزىسىمۇ ئۇلارغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كۆچمەن بولۇپ بولدى،مال –مۆلۈكلىرىنى يۆتكىۋەتتى، ئۇلار ئىلاجسىز قالدى.ئۇلارنىڭ ھازىر قىلىۋاتقىنى چەكلەش،ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئولجا سوقىۋېلىشتۇر.
مەنبە: شىياڭگاڭ سۇمرۇغ تورىدىن مۆتىۋەر تەرجىمە قىلدى.
http://blog.ifeng.com/article/13442286.html