saltanat lutun elan berig
«1234»Pages: 1/4     Go
بۇ تېما 17194 قېتىم كۆرۈلدى
tograk

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 61
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 420
شۆھرەت: 3858 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3833 سوم
تۆھپە: 2033 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2057 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3897(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئاۋامنى تار يەردە قىستىمايلى

  ۋاڭ لىپىڭ

( ئۆمەر ئابدۇقادىر تەرجىمىسى )


       فرانسوزلاردا "ھىماتسىز ھوقۇق بولماس" دەيدىغان ماقالە بار . ئىنسانلارمۇ  ئۆز ھەق - ھوقۇقلىرىنى ئەلمىساقتىن تارتىپلا ئاساسەن ئەرز _ دەۋاغا تايىنىپ قوغداپ كەلگەن . ھەققانىيەتنىڭ ئاداققى قالقىنى بولمىش ئەدلىيىمۇ ئاۋام ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ جان-تومۇرى بوپكەلگەنىدى .
     ياۋروپا ئەللىرى جىدەل-ماجرالار بارغانچە ئۇلغىيىپ ، ئاۋامنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى دەخلى تەرۈزگە ئۇچراپ كېتىش سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان كەسكىن ئىجتىمائىي زىددىيەتلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، ئۇزۇندىن بۇيان "ھۆكۈملەشتىن باش تارتىشنى چەكلەش" تىن ئىبارەت قانۇني پرىنسىپقا ئەمەل قىلىپ كەلدى . بۇ پرىنسىپتا : "سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى نۆۋەت كۈتۈپ تۇرغان دېلولار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش مەسئولىيىتى بولىدۇ ؛ قانۇندا ئاشۇ دېلو توغرۇلۇق ئېنىق بەلگىكىمە بولسۇن-بولمىسۇن ، سودىيىنىڭ شۇ دېلو ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشنى رەت قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ" دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن .
       "فرانسىيە ھەق-تەلەپ قانۇنى" نىڭ 4- ماددىسىدا : "سودىيە تەدبىقلىغۇدەك تۈزمە قانۇن يوق ياكى تۈزمە قانۇن ماددىلىرى ئېنىق ئەمەس ، دېگەننى باھانە قىلىپ دېلو ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشنى رەت قىلسا ، ئۇنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشنى رەت قىلش جىنايىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ " دەپ بەلگىلەنگەن . شۋېتسارىيىدە 1907 -يىلى تۈزۈلگەن "ھەق-تەلەپ قانۇنى" نىڭ 1 - ماددا 2 - ، 3 - تارمىقىدا "سودىيە تەدبىقلىغۇدەك قانۇن ماددىلىرى بولمىسا ، ئادەت قانۇنى ( ئادەتلەنگەن ئۇسۇل . _ ئۇيغۇرچە نەشىر تەرجىمە مۇھەررىرىدىن ) بويىچە ئىش كۆرىدۇ : ئادەت قانۇنى بولمىسا ، قانۇن چىقارغۇچىلىق سالاھىيىتى بىلەن بېكىتىلىش ئىمكانىيىتى بولغان قائىدە-نىزامغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ " دەپ بەلگىلەنگەن . دېمەك "ھۆكۈملەشتىن باش تارتىشنى چەكلەش" پرىنسىپىغا ئاساسلانغاندا سوت مەھكىمىسى ئاۋامنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغان ئاداققى قۇرغان . شۇڭا ئۇنىڭ قانۇننىڭ قوغدىشىنى ئىلتىجا قىلىپ كەلگەن پۇقرالارنى مەيدىسىدىن ئىتتىرىشكە ھەققى يوق .
        ھالبۇكى ، ئېلىمىزدىكى بىر قىسىم سوت مەھكىمىسىنىڭ "يوقىرىنىڭ يوليورۇقى" ، "ئىچكى بەلگىلىمە" دېگەنلەرنى شېپى كەلتۈرۈپ تۇرۇپ دېلولارنى قوبۇل قىلماي ، دەۋا قىلىپ كەلگەن پۇقرالارنى مەيدىسىدىن ئىتتىرىش ئارقىلىق قانۇننى ئوچۇقتىن-ئوچۇق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ئادەمنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ .
       گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتۇنۇم رايۇنى يوقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 2003 - يىلى تارقاتقان [2003] 180 نومۇرلۇق ئىچكى ھۆججەتتە : "كوللىكتىپ مەبلەغ جوغلاش ماجراسى ، يەر ماجراسى ، خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتىن قالدۇرۇش ماجراسى قاتارلىق چېتىشلىق دائىرىسى كەڭ ، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان نازۇك مەسىللەرگە ئائىت 13 تۈرلۈك دېلو قوبول قىلىنمايدۇ " دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى . سىچۋەندە يۈز بەرگەن "12-ماي" يەر تەۋرەش ئاپىتىدە مەكتەپتىكى باللىرى قازاغا ئۇچرىغان بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار تۆلەم تەلەپ قىلىپ ئەرز قىلىۋىدى ، سوت مەھكىمىسى ئۇنى قوبۇل قىلمىدى . " <ئۈچ مارال> ۋەقەسى" ( "三鹿" ماركىلىق سۈت پاراشوكى ۋاقەسى . __ ئۇيغۇرچە نەشىر تەرجىمە مۇھەررىرىدىن ) دە زىيانلانغان نۇرغۇن كىشى سوتقا ئەرز قىلىۋىدى ، "بۇ دېلونى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ" دېگەەن جاۋاب بىلەن قايتۇرۇلدى . سوت مەھكىمىسىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان بۇ پۇقرالار پارتكوم ، ھۆكۆمەتكە داد ئېيتىپ باقتى ، ئاخىرى ھەتتا بېيجىڭگىچە باردى . بۇنىڭ بىلەن ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۆمەت ئەرز ئېيتىپ كەلگەنلەرنى ئىلاجىسىز "كۈتۈۋېلىش" قا ، بېيجىڭغا دەۋاغا كەتگەنلەرنى ئارىغا ئادەم سېلىپ توسۇشقا مەجبۇر بولدى . بۇنىڭ بىلەن پۇقرا مۇشەققەتلىك ئەرز-دەۋا يولىدىن قايتمىدى ؛ ھۆكۆمەت "تۈزەش" ئاۋارىگەرچىلىكىگە قالدى .
           جەمئىيەتتە جىدەل-ماجرا ، زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلارنىڭ بولۇشى قورقۇنچلۇق ئەمەس ، ئەڭ قورقۇنچلۇقى _ سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇندىن پاناھلىق تىلەپ كەلگەن پۇقرانى مەيدىسىدىن ئىتتىرىشى . ئەمدى شۇنداق بىر سۇئال سۇراپ باقايلى :  مەسىلىنى ئەقىل بىلەن چىرايلىقچە ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ئېتىۋىتىلسە پۇقرالار "لياڭشەن" ( "سۇ بويىدا" رۇمانىدىكى لياڭشەن كۆلىنى كۆرسىتىدۇ . سۇڭ سۇلالىسى زامانىدا خىيانەتچى ئەمەلدارلارغا قارشى چىققان 108 پالۋان ئاشۇ لياڭشەن كۆلى بويىدا ئۇيۇشقان . __ ئۇيغۇرچە نەشىر تەرجىمە مۇھەررىرىدىن ) گەچىقماي قانداق قىلسۇن ؟



         "شىنجاڭ مەدەنىيىتى" دىن ئېلىندى . 
           "باغداش تورى " غا خاس .
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-07-08, 18:05
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-07-08 17:59 |
bagdashi
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6223
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 246
شۆھرەت: 1513 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1515 سوم
تۆھپە: 856 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 876 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 248(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ تىمىدا يەھۇدى ناسارانىڭ قانۇنىنى ئوبدان دەپ ماختىدى دەپ تىل ھاقارەتكە كۈمىۋىتىدىغان بولدىدە سىزنى
يامىنى كەلسە ئۇنىڭدىنمۇ يوغان قالپاقلار تاييار جۇمۇ، بىز خەختىن ئىھتىيات قىلىڭ.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-08 18:19 |
begir
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6865
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 321
شۆھرەت: 1646 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1658 سوم
تۆھپە: 990 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1002 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 260(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى bagdashiدە2012-07-08 18:19يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ تىمىدا يەھۇدى ناسارانىڭ قانۇنىنى ئوبدان دەپ ماختىدى دەپ تىل ھاقارەتكە كۈمىۋىتىدىغان بولدىدە سىزنى
يامىنى كەلسە ئۇنىڭدىنمۇ يوغان قالپاقلار تاييار جۇمۇ، بىز خەختىن ئىھتىيات قىلىڭ.

ژىگىت ، بىز ھەرقانچە بولسىمۇ قارغۇ ئەمەس جۇمۇ . بۇ بىر تەرجىمە ماقالىسىكەن . ماقالىدىكى بىر جۈملە سۆزمۇ تېما يوللىغۇچىنىڭ ئەمەسكەن . شۇنداق بولغانكىن بىز ئۇنى نە ۋەجىدىن تىل - ھاقارەتكە كۆمۈۋەتكۈدەكمىز ؟
دىيارىمىزدا قانۇندىن ئادەم ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە خەنزۇ يولداشلارنىڭ مۇشۇنداق ماقالىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئازراق نارازىلىق پىكرىمىزنى بىلدۈرىۋېلىشنى مەقسەت قىلغان بۇنداق تېمىلارنى بىز ماختايمىز .
ئۆيلەر ھېچقانداق قىزىل باشلىق ھۆججەتلەرنى كۆرمەي تۇرۇپلا چېقىۋېتىلدى . تۆلەم سوممىسى بولسا بەكلا تۆۋەن . تاۋار ئۆينىڭ باھاسى ئاسمانغا ئېسىلغان ...مانا بۇ قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى تەكىتلەۋاتقان ، ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىشنى تەكىتلەۋاتقان ، موقىملىقنى ئىزچىل تەكىتلەۋاتقان دىيارىمىزدىكى مەسىلىلەر ...
مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە زەربە بېرىمىز دەيدىكەنمىز ، موقىملىقنى قوغدايمىز دەيدىكەنمىز ، ئىناق شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز دەيدىكەنمىز ، چوقۇم بۇ ئىشلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى ئېنىقلىشىمىز ، قانۇنچىلىق قۇرۇلىشىنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىپ ، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىپ ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى قىلىشىمىز كېرەك !
يوقىرىدىن كېلىدىغان سىياسەتلەر ياخشى . شۇغىنىسى بۇ ياخشى سىياسەتلەر دىيارىمىزغا كەلگەندە ئىجرا قىلىنماي قالىدۇ . بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ ئاشۇ بىر ئوچۇم دۈشمەنلىرى ، يەنى ئاشۇ بىر ئوچۇم ھوقۇقدارلار . پارتىيەلىك تېرىسىغا ئورىنىۋالغان چىرىك ئۈنسۈرلار !
پەقەت شۇلارغا قارىتا ئۈنۈملۈك چارە قوللانغاندىلا ، پەقەت ئادىل ئەمەلدارلارنى تەيىنلىگەندىلا ھەممە ئىش ئۆز قېلىپىغا چۈشكۈسى .
كىشى ئاخىر ئۆلۈپ كېتىدۇ....
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-08 18:57 |
ziya
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4372
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 344
شۆھرەت: 2080 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2095 سوم
تۆھپە: 1196 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1211 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2009(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نەق گەپ،سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇندا بەلگىلىمە بولمىغان دېلۇلارنى قوبۇل قىلىشىدىنغۇ ئەسلا ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ،ھەم جوڭگۇچە ئەقىلغىمۇ ئۈيغۇن.ھەممىدىن يامىنى قانۇندا ئېنىق بەلگىلىمە بار بەزى ئاتالمىش«سەزگۈر»دېلولارنىمۇ قوبۇل قىلمايدۇ.....دەپ كەلسە گەپ تولا....جەمىيەتتىكى نۇرغۇنلىغان مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى قانۇننى تولۇق ۋە تۇغرا ئىجرا قىلماسلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ.قانۇنسىز «نەپ»كە ئىرىشكۈچىلەر قانوننىڭ تولۇق ۋە توغرا ئىجىرا قىلىنماسلىغىغا ئەڭ مۇھتاج....
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-08 19:28 |
kokchi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7937
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 90 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 90 سوم
تۆھپە: 54 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 54 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 34(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

جۇڭگو  2000 نەچچە يۈز يىللىق سىياسىي،ھەربىي دۆلەت.قەدىمدە بۇ دۆلەتتە دېموكراتىيە-قانۇننىڭ بولڭشى مۈمكىن ئەمەس.غەرىبتىكى قەدىمقى يۇنان ،قەدىمقى رىمداخېلى مۇكەممەل قانۇنلار تۈزۈلۈپ پۇقرالانىڭ ھەق- ھوقۇقلىرى قوغدالغان.شۇڭا ھازىرقى غرب ئەللىرنىڭ قانۇنلىرىنى ئۆلگە قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-08 20:00 |
xatmen
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2633
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 136
شۆھرەت: 708 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 709 سوم
تۆھپە: 421 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 422 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 510(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى begirدە2012-07-08 18:57يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :

ژىگىت ، بىز ھەرقانچە بولسىمۇ قارغۇ ئەمەس جۇمۇ . بۇ بىر تەرجىمە ماقالىسىكەن . ماقالىدىكى بىر جۈملە سۆزمۇ تېما يوللىغۇچىنىڭ ئەمەسكەن . شۇنداق بولغانكىن بىز ئۇنى نە ۋەجىدىن تىل - ھاقارەتكە كۆمۈۋەتكۈدەكمىز ؟
دىيارىمىزدا قانۇندىن ئادەم ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە خەنزۇ يولداشلارنىڭ مۇشۇنداق ماقالىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئازراق نارازىلىق پىكرىمىزنى بىلدۈرىۋېلىشنى مەقسەت قىلغان بۇنداق تېمىلارنى بىز ماختايمىز .
ئۆيلەر ھېچقانداق قىزىل باشلىق ھۆججەتلەرنى كۆرمەي تۇرۇپلا چېقىۋېتىلدى . تۆلەم سوممىسى بولسا بەكلا تۆۋەن . تاۋار ئۆينىڭ باھاسى ئاسمانغا ئېسىلغان ...مانا بۇ قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى تەكىتلەۋاتقان ، ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىشنى تەكىتلەۋاتقان ، موقىملىقنى ئىزچىل تەكىتلەۋاتقان دىيارىمىزدىكى مەسىلىلەر ...
مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە زەربە بېرىمىز دەيدىكەنمىز ، موقىملىقنى قوغدايمىز دەيدىكەنمىز ، ئىناق شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز دەيدىكەنمىز ، چوقۇم بۇ ئىشلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى ئېنىقلىشىمىز ، قانۇنچىلىق قۇرۇلىشىنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىپ ، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىپ ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى قىلىشىمىز كېرەك !
.......



ناھايتى ئوبدان يېزىلغان ئاقىلانە ئىنكاس !
بۇ ئىنكاسنىڭ يېقىنقى باھالىنىشى : 500 مۇنبەر پۇلى
lutun
قىزلار كىرمەڭلار      http://xatmen.ueuo.com
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-08 21:31 |
duppamkuk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7395
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 70 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 70 سوم
تۆھپە: 42 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 42 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 361(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى bagdashiدە2012-07-08 18:19يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ تىمىدا يەھۇدى ناسارانىڭ قانۇنىنى ئوبدان دەپ ماختىدى دەپ تىل ھاقارەتكە كۈمىۋىتىدىغان بولدىدە سىزنى
يامىنى كەلسە ئۇنىڭدىنمۇ يوغان قالپاقلار تاييار جۇمۇ، بىز خەختىن ئىھتىيات قىلىڭ.

گەپنى  قىل  سىغار  يەرگە   ،،،  سىز دىنلا ئىھتيات قىلمىسا بىكار  جۇمۇ  ،   تۇنجى قالپاقنى كەيدۇرۇپ بوپسىز مانا  ،،،،،،،،،،،
simfoniya
مىنڭ دوپپام  كوك
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-08 23:13 |
abdigeni
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3706
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 24
شۆھرەت: 125 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 125 سوم
تۆھپە: 74 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 74 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 170(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

جەميەتنى قانون ئارقىلىق باشقۇرۇش تەكىتلىنۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىر قىسىم قانون ساھەسىدە ئىشلەپ تۇرۇپ قانوننى كۆزگە ئىلمايدىغان رەھبەرلەر  ئۆز مەيلىچە "يوقىرىنىڭ يوليورۇقى" ، "ئىچكى بەلگىلىمە"، «ئالاھىدە ئەھۋال» دىگەن قانونى ئاساسى يوق ئىبارىلەردىن پايدىلنىپ ساددا ئاق كۆڭۈل خەلىقنى ئالدايدىغان ئەھۋاللار ھەقىقەتەن مەۋجۈت
يېقىندا يۇرتۇم لاپچۇقتا مۇنداق ھېچققانداق قانونى ئاساسى يوق بىر بۇيرۇقنى ئاڭلىدىم ،يەنى:جەنوبى شىنجاڭدىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنى ،بولۇپمۇ قەشقەر ،خوتەن رايونىدىن بىزنىڭ قارادۆۋە ،لاپچۇققا  كەلگەن ئىشلەمچىلەرنى بىردەك يۇرتىغا قايتۇرۇش !  
مانا مۇشۇنداق ئەھۋاللارنى ئاڭلىسا ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن دىلى ئېچىشىدۇ ،
تورداشلار سىلەر تەرەپلەدىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋاللار بارمۇ؟
istanbol
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-09 00:03 |
naprat2009
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 79
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 235
شۆھرەت: 1374 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1373 سوم
تۆھپە: 797 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 800 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 657(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى abdigeniدە2012-07-09 00:03يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
جەميەتنى قانون ئارقىلىق باشقۇرۇش تەكىتلىنۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىر قىسىم قانون ساھەسىدە ئىشلەپ تۇرۇپ قانوننى كۆزگە ئىلمايدىغان رەھبەرلەر  ئۆز مەيلىچە "يوقىرىنىڭ يوليورۇقى" ، "ئىچكى بەلگىلىمە"، «ئالاھىدە ئەھۋال» دىگەن قانونى ئاساسى يوق ئىبارىلەردىن پايدىلنىپ ساددا ئاق كۆڭۈل خەلىقنى ئالدايدىغان ئەھۋاللار ھەقىقەتەن مەۋجۈت
يېقىندا يۇرتۇم لاپچۇقتا مۇنداق ھېچققانداق قانونى ئاساسى يوق بىر بۇيرۇقنى ئاڭلىدىم ،يەنى:جەنوبى شىنجاڭدىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنى ،بولۇپمۇ قەشقەر ،خوتەن رايونىدىن بىزنىڭ قارادۆۋە ،لاپچۇققا  كەلگەن ئىشلەمچىلەرنى بىردەك يۇرتىغا قايتۇرۇش !  
مانا مۇشۇنداق ئەھۋاللارنى ئاڭلىسا ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن دىلى ئېچىشىدۇ ،
تورداشلار سىلەر تەرەپلەدىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋاللار بارمۇ؟

باشقىلارنى قايتۇرمامدىكەن؟ نەگە قارىسا مىتە قۇرتتەك مىغىلداپ كەتكەن كەلگۈندىلەر جىق ئىدى، ئۇلارنى قايتۇرسا بولمامدۇ؟ قانداق تېتىقسىز بۇيرۇق بۇ ئەمدى؟
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-09 00:10 |
begir
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6865
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 321
شۆھرەت: 1646 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1658 سوم
تۆھپە: 990 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1002 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 260(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۇ كۈنى ئىدارىمىزگە ئىككى ئادەم كىرىپ كەلدى . نىمە ئىش دەپ سورىسام ، قوللىرىدا بىر قەغەز تۇرۇپتۇ ، شۇنىڭغا تامغا باستۇرماقچىكەن ، ئۇلار ئەسلى كۇچار ناھىيەسىدىن كەلگەنلەر بولۇپ ، كورلىدا ئىشلەمچىلىك بىلەن شۇغۇنللىنىپ ، سەل ئۇزۇن تۇرۇپ قالىدىكەن ، شۇڭلاشقا قولىدىكى جەدۋەلگە چوقۇم تامغا باستۇرۇشى كېرەككەن . مەن پۇرلىشىپ كەتكەن ھېلىقى جەدۋەلگە قاراپ باقسام جەمىي يەتتە يېرىگە تامغا باستۇرۇش زۆرۈركەن . توۋا ! دەپ قالدىم . شىنجاڭلىق بىر ئۇيغۇر شىنجاڭ ئىچىدە تۇرۇپ يەتتە يەرگە تامغا باسقۇزۇپ يۈرسە ...
ئىچكىرىدىن كەلگەن يولداشلار بولسا ۋاقىتلىق تۇرۇش گۇۋاھنامىسى بېجىرىپ قويسىلا تۇرىلىۋەرسە ...ھەتتاكى يەرلىكلىشىپ قېلىۋەرسە ..
بۇ ئەمدى قەيەرنىڭ قانۇنى بولغىيتى ؟
دۇرۇس ، موقىملىق ھەممىدىن مۇھىم . لېكىن موقىملىقنى قوغداشنىڭمۇ يولى بولىدىغۇ ئەمدى ؟ كىرىپ چىقىشنى ئوبدانلا كونتىرول قىلسا ، كىملىك ، نوپۇس تەكشۈرۈش قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق كۆچمە نوپۇسلارنى باشقۇرسا بولىۋېرىدىغۇ ؟ يەنە قاراپ تۇرۇپ قايسى تۆشۈكنىڭ قايسى تۆشۈك ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالمايدىغان ، بىر ئېغىزمۇ خەنزۇچە خەت ئۇقمايدىغان دېھقانلارنى ئاۋۇ يەرگە بېرىپ تامغا باسقۇز ، ماۋۇ يەرگە بېرىپ تامغا باسقۇز دەپ بېشىنى ئېلەشتۇرۇپ قويسا ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىدە <كومپارتىيە ھازىر مۇشۇنداق ئوخشايدۇ> دىگەن كۆز قاراش شەكىللىنىپ قالمامدۇ ؟
جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە يېرىم ئەسىرنى ئۆتكۈزدۇق . كىيىمىمىز پۈتۈن ، قورساق توق ھالەت شەكىللەندى . نامرات ئائىلىلەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھىرمەن بولىۋاتىدۇ . يېڭى يېزا ھەمكارلىق داۋالاش تۈزۈلمىسى نۇرغۇنلىغان بىمارلارغا يار يۆلەك بولدى . دۆلەت يېزا باج - ھەق ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ دېھقانچىلىق بېجىنى يوق قىلدى . مەجبۇرىي ئەمگەكنى نەزىرىيە جەھەتتىن يوق قىلدى(جەنۇپتا ھېلىھەم ھاشار باركەن) ...ياخشى سىياسەتلەر بەك نۇرغۇن بەك نۇرغۇن . لېكىنزە ، مۇشۇ ياخشى سىياسەتلەرنى ياخشى ئىجرا قىلمايۋاتقان ئاز سانلىق چىرىك ئەمەلدارلار كومپارتىيە شەنىگە داغ چۈشۈرىۋاتىدۇ . ئۇلارنىڭ قىلمىش ئەتمىشى بىۋاستە موقىمسىزلىق ئامىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .
كىشى ئاخىر ئۆلۈپ كېتىدۇ....
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-09 00:35 |
budunya
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 5764
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 936
شۆھرەت: 4766 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 4773 سوم
تۆھپە: 2853 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2859 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 894(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى bagdashiدە2012-07-08 18:19يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ تىمىدا يەھۇدى ناسارانىڭ قانۇنىنى ئوبدان دەپ ماختىدى دەپ تىل ھاقارەتكە كۈمىۋىتىدىغان بولدىدە سىزنى
يامىنى كەلسە ئۇنىڭدىنمۇ يوغان قالپاقلار تاييار جۇمۇ، بىز خەختىن ئىھتىيات قىلىڭ.

سىزلا كىيىپ ئۆتۈپ كېتىسىز ئۇنداق قالپاقلارنى ...............
چۈنكى سىز باشقا يەردىن كۆچۈرسىڭىزمۇ مەنبەنى دېمەيسىز ئەمەسمۇ ...........
 سىزنىڭ ياخشى تېمىلىرىڭىزمۇ ئەمدى چىقىۋاتقان مۇشۇ بىر ئىنكاسىڭىزبىلەن ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ئادەملىكىڭىزنى قايتا دەلىللىدىڭىز....
تورداشلار خاتا باھا بەرمەپتىكەن سىز گە................
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-09 01:29 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«1234»Pages: 1/4     Go
Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر