saltanat lutun elan berig
«1234»Pages: 2/4     Go
بۇ تېما 20641 قېتىم كۆرۈلدى
ziya
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4372
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 350
شۆھرەت: 2110 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2125 سوم
تۆھپە: 1214 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1229 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2057(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

جۇڭگو ئەدلىيەسى تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدى
ئاپتورى: ۋاڭ جيەنشۈن
(جۇڭگو سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى)
 
جۇڭگو ئەدلىيەسىدە قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بولىۋاتىدۇ؟ نۆۋەتتىكى ئەدلىيەگە قانداق قاراش ۋە باھا بېرىش مۇمكىن؟ ئەدلىيەدە ئىلگىرلەش بولىۋاتامدۇ ياكى چېكىنىش بولىۋاتامدۇ؟ ئەدلىيە ئادىللىقىغا پايدىلىق بولىۋاتامدۇ ياكى پايدىسىز بولىۋاتامدۇ؟ بۇ مەسىلىلەر جۇڭگونىڭ قانۇنلىرىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرگە، بولۇپمۇ ئەدلىيەدىكى ئۆزگۈرۈشلەرگە كۆڭۈل بۆلىۋاتقان كۈزەتكۈچىلەر قىزىقىدىغان مەسىلىلەردۇر، شۇنداقلا، ئەدلىيە ئادىللىقىغا تەقەززا بولىۋاتقان كىشىلەر بىلىشنى ئويلايدىغان مەسىلىلەردۇر. بۇ مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىش نۆۋەتتىكى ئەدلىيە ۋەزىيىتىنى كۈزىتىشكە، ئەدلىيە ئىسلاھاتىنىڭ كەلگۈسى يۆنۈلۈشىنى مۇھاكىمە قىلىشقا پايدىلىق.
شۈبھىسىزكى، جۇڭگو ئەدلىيىسى داۋاملىق ئۆزگۈرۈپ تۇرماقتا، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىكى ئۆزگۈرۈش 20-ئەسىرنىڭ 80-، 90-يىللىرىدىكى ئۆزگۈرۈشلەردىن كۆپ پەرقلىنىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جۇڭگو ئەدلىيەسىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر كىشىنى تەشۋىشكە سالىدۇ. بۇنداق ئۆزگۈرۈشلەر ئون نەچچە يىل بۇرۇنلا تۇرغۇزۇلغان ئەدلىيەدە كەسىپلەشتۈرۈش نىشانىغا قارىمۇ-قارشى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئەدلىيەنى ئادەم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت خەتەرلىك تۇيۇق يولغا باشلىماقتا. بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى شۇكى، ئەدلىيەدە ئېغىر دەرىجىدىكى سىياسىيلاشتۇرۇش، مۇرەسسەلەشتۈرۈش ۋە ئادۋۇكاتسىزلاشتۇرۇش خاھىشى كۆرۈلدى، ئەدلىيە ئادىللىقتىن بارغانسىرى يىراقلاشتى. بىر جەھەتتىن، ئەدلىيە قويۇق سىياسىي تۈس ئېلىپ، بارغانچە سىياسىيغا بېقىنىپ، مۇرەسسەگە بوي ئەگمەكتە؛
يەنە بىر جەھەتتىن، ئادۋۇكاتلار، بولۇپمۇ ھوقۇقنى قوغدىغۇچى ئادۋۇكاتلار ۋە ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتلار بارغانسىرى ئېغىر بېسىمغا ئۇچرىماقتا، ئادۋۇكاتلارنىڭ ئاقلاش ھوقۇقى تەكرار-تەكرار دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىماقتا. ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەت روھى ۋە قانۇنچىلىق پىرىنسىپىغا زىت بولغان بۇنداق ئاينىش ئەدلىيەدە ئادىل بولۇش، ئەدلىيەدە كەسپلەشتۈرۈش ۋە ئادۋۇكاتلارنىڭ ئاقلاش ھوقۇقىنى قوغداش تەلىپى بىلەن قەتئىي سىغىشالمايدۇ.

بىرىنچى، ئەدلىيەنىڭ سىياسىيلىشىشى
بۈگۈنكى جۇڭگو ئەدلىيەسى سىياسىينىڭ ھەددىدىن زىيادە ئارىلىشىشى ۋە نامۇۋاپىق تەسىرىدىن باشتىن-ئاخىر قۇتۇلالماي كەلدى، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئەدلىيەنى سىياسىيلاشتۇرۇش بارغانسىرى ئېغىرلاشتى. مەسىلەن: 2010-يىلى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىدىن «پارتىيىۋىلىك تەربىيىسى»نى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، «ئۈچنى ئەلا بىلىش(پارتىيەنىڭ ئىشلىرىنى ئەلا بىلىش، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ئەلا بىلىش، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنى ئەلا بىلىش)تە چىڭ تۇرۇش، سوتسىيالىستىك ئەدلىيە قىممەت قارىشىنى تەكىتلەش، «ئىلغارلىقنى ساقلاش»، «ناخشا ئوقۇش، تەشۋىق قىلىش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش تەلەپ قىلىندى. بۇ پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ۋە قاتناشقۇچىلارنىڭ مۇددىئاسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇنداق پائالىيەتلەر ئارقىلىق سودىيەلەرنىڭ نۇرغۇن ۋاقتى ۋە زېھنى ئىسراپ قىلىۋېتىلدى، ئەدلىيە پائالىيىتى ساقلانغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە سىياسىيلاشتۇرۇلدى، سودىيەلەردىن قانۇن ۋە ھەققانىيەتكە بويسۇنۇش ئەمەس، ئەكسىچە پارتىيە-گۇرۇھ ياكى مەنپەئەتدار گۇرۇھلارنىڭ ئىدىئولوگىيەسى ۋە سىياسىي پىرىنسىپىغا بويسۇنۇش تەلەپ قىلىندى. ئەدلىيەنىڭ فۇنكسىيەسى سىياسىي تەشۋىق-تەربىيە ئېلىپ بېرىش ئەمەس، پارتىيە-گۇرۇھ ياكى مەنپەئەتدار گۇرۇھلارنىڭ ئىدىئولوگىيەسى ۋە سىياسىي پىرىنسىپى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشمۇ ئەمەس، بەلكى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداپ، ھەققانىيەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. ئەدلىيە پائالىيىتى كەسپىي پائالىيەت، ئۇ مۇئەييەن ئىدىئولوگىيە ۋە سىياسىي كۆزقاراشقا ئىگە بولغان گۇرۇھلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان ھەرقانداق
شەخس ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
بەزىلەر: بۇ پائالىيەتلەر پەقەت بىر تەشۋىقات، ئەدلىيە پائالىيىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، دېيىشى مۇمكىن. بۇنداق ئويلىغانلار تەشۋىقاتنىڭ قۇدرىتىنى، تۈرلۈك سېلىشتۇرۇپ باھالاش پائالىيەتلىرىنىڭ سودىيەلەرگە بولغان تەسىرىنى سەل چاغلاپ قالغان دېيىشكە بولىدۇ. ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى بۇنداق پائالىيەتلەرنى سودىيەلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە مۇكاپات-جازا بىلەن چېتىۋالىدۇ، سودىيەلەرنىڭ ئىستىقبالى ۋە كەلگۈسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەمەل-مەنسەپ ۋە مۇكاپات-ئىنئامغا ھېرىسمەن سودىيەلەرنىڭ بۇنىڭغا سەل قارايدىغانلىرى يوق. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن سودىيەلەر نەپسى ئۈچۈن چېپىۋاتقان چوڭ مۇھىتتا پىكرى ئويغاق بىر قىسىم سودىيەلەرنىڭمۇ قارشى تۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ماسلاشماقتىن باشقا ئامالى يوق. يېتىدىغان نەپتىن ۋازكەچكەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغان سودىيەلەر «كوللېكتىپ ھەركەتكە قاتنىشىش»تىن ئىبارەت قىيىن ئەھۋالغا قالىدۇ، شۇ ھەركەتكە قاتناشقۇسى بولمىسىمۇ، ماسلىشىدۇ ۋە ئىشتىراك قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، سىياسىي پائالىيەتلەرنى مەلۇم بىر سودىيە ئۆزى قوللاپ-قۇۋەتلىمىسىمۇ ياكى ماقۇل كۆرمىسىمۇ، كۆپىنچە سودىيەلەر ماسلىشىدۇ. گىتلىر دەۋرىدىكى سودىيلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۇنىڭ ھەقىقەتنى بۇرمىلاش بۇيرۇقىغا ماسلىشىشنى تاللىغانلىقى بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر.
ئەدلىيەنى سىياسىيلاشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى شۇكى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەدلىيە يۈرگۈزۈش تەلىپى سوت مەھكىمىلىرىدە كۈچەپ تەرغىپ قىلىندى ھەم ئىجرا قىلىندى. بۇ تەلەپنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شېڭجۈن 2009-يىلى جياڭسۇ قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، «خەلقئارا پۇل-مۇئاملە كرىزىسىنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم ئەدلىيە يۈرگۈزۈش ئىدىيىسى» دەپ قارالدى. خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە كرىزىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بەزى كارخانىلارنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىياتى قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلدى، توختام دەۋالىرى ۋە كارخانا ۋەيران بولۇش، مەجبۇرىي ھېساۋات قىلىش دېلولىرى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقتى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 20 پارچە ئەدلىيىلىك ئىزاھات ۋە 43 پارچە يېتەكچى پىكىر تارقىتىپ، يەرلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ كارخانا ۋەيران بولۇش قاتارلىق دېلولارنى سوت قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى، گۇاڭجۇ ئاسىيا تەنھەركەت مۇسابىقىسى ۋە ئاسىيا مېيىپلار تەنھەركەت مۇسابىقىسى قاتارلىق چوڭ-چوڭ پائالىيەتلەرگە قارىتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەدلىيىلىك پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، چىڭخەي يۈشۇدىكى قاتتىق يەر تەۋرەش، گەنسۇ چۈجودىكى پەۋقۇلئاددە زور لاي-لاتقا ئېقىش قاتارلىق زور تەبىئىي ئاپەتلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان دېلولارغا قارىتا يېتەكچى پىكرىنى تارقاتتى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يەنە «ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئەدلىيە كاپالىتى ۋە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئېتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى تۈزۈپ تارقىتىپ، پۇل-مۇئامىلە دېلولىرىنى سوت قىلىشقا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتتى. بىر قىسىم يەرلىك سوت مەھكىمىلىرىمۇ «تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەدلىيە يۈرگۈزۈش»نى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى، مەسىلەن، شاڭخەي شەھەرلىك يۇقۇرى خەلق سوت مەھكمىسى «دۇنيا يەرمەنكىسىگە چېتىلىدىغان ھەق تەلەپ، سودا، ئەقلى مۈلۈك دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇن تەدبىقلاشقا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى پىكىر»نى تۈزۈپ تارقىتىپ، ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقى سوت ئشلىرىدا دۇنيا يەرمەنكىسى خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، شاڭخەي شەھەرلىك پۇدوڭ يېڭى رايونى سوت مەھكىمىسىدە دۇنيا يەرمەنكىسى سوت كوللىگىيىسى تەسىس قىلدى.
تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا، جۇڭگونىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان «تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەدلىيە يۈرگۈزۈش» دېگىنى ماھىيەتتە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى ۋە بۇيرۇقلىرىغا خىزمەت قىلىش، پارتىيە-دۆلەت ئۆتكۈزگەن تۈرلۈك چوڭ-چوڭ پائالىيەتلەرگە خىزمەت قىلىش، تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ قىسقا مۇددەتلىك مەنپەئىتى ۋە ۋاقتلىق تەدبىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت. بۇنداق «تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەدلىيە يۈرگۈزۈش»تە ئەدلىيەنىڭ ئەسلى خاراكتىرى بۇرمىلانغان، ئۇنىڭ تۈزەتكىلى بولمايدىغان نوقسانى بار. چۈنكى، ئۇ ئەدلىيەنىڭ پاسسىپلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. خاراكتىر جەھەتتىن ئالغاندا، ئەدلىيە پاسسىپ بولىدۇ، تەشەببۇسكار بولمايدۇ، ئەرز قىلمىسا كارى بولماسلىق پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ، دەۋالاشقۇچىلار دەۋا قىلىپ بارغاندىلا ئۇنى قۇتقۇزۇشنى ئويلىشىدۇ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەركەتكە كېلىپ، دەۋالاشقۇچىلار ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلمايدۇ. ئەدلىيەنىڭ ۋەزىپىسى دەۋا ئۈستىدە ھۆكۈم-كېسىم قىلىشتىن ئىبارەت. دەۋالاشقۇچىلار ئوتتۇرىسىدا ماجىرا كۆرۈلۈپ، ئۆزلىرى كېلىشىم يولى بىلەن ھەل قىلالمىغان ئەھۋالدا ئاندىن ئەدلىيەگە مۇراجىئەت قىلىدۇ، شۇندىلا سوت مەھكىمىسىنىڭ ئارىلىشىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ. ئېغىر جىنايەتگە چېتىلمىغان ئەھۋالدا، دەۋالاشقۇچىلار ئۆزلىرى ھەل قىلالايدىغان تالاش-تارتىشلارغا ئەدلىيەنىڭ ئارىلىشىشى پۈتۈنلەي ئارتۇقچە ئىش بولۇپ، ئەدلىيە بايلىقىنى ئىسراپ قىلىپلا قالماي، دەۋالاشقۇچىلارنىمۇ نارازى قىلىشى مۇمكىن. ماجىرانى ھەل قىلىشتا، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ئوخشاشلا ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، دەۋالاشقۇچىلار ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىگە ئەڭ ياخشى ھۆكۈم قىلالايدۇ، ئىككى تەرەپ پۈتۈشۈپ بىرلىككە كەلگەن بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى ئىجرا قىلىش ئاسان بولىدۇ. ئالاقىدارلار دەۋا قىلمىغان ئەھۋالدا، دەۋالاشقۇچىلار ئىختىيار قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش زۆرۈر.
«تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەدلىيە يۈرگۈزۈش» ئەدلىيەنىڭ بىتەرەپلىكىگە دەخلى قىلىدۇ. ئەدلىيە خۇددى تەنھەركەت مەيدانىدىكى رېپىرغا ئوخشاش بىتەرەپ ئورۇندا تۇرىشى، ھەرقانداق بىر تەرەپكە ئۆتىۋالماسلىقى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، شۇ تەرەپكە يان بېسىپ، ناھەقچىلىق پەيدا قىلىدۇ. بۇ پىرىنسىپ ھۆكۈمەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكىمۇ تەدبىقلىنىدۇ، يەنى ئەدلىيە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن گەپ قىلماسلىقى، ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن مەلۇم سىياسەتنى يولغا قويماسلىقى، ھۆكۈمەت تەرەپكە ئۆتىۋالماسلىقى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش ۋە توقۇنۇشلارنى ئادىل بىر تەرەپ قىلالمايدۇ. بەزىلەر: ئەدلىيە ھۆكۈمەتنىڭ بىر قىسمى بولۇپ تۇرۇغلۇق، نېمە ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن مەلۇم سىياسەتنى يولغا قويسا بولمايدۇ، دەپ سورىشى مۇمكىن. بۇ -چۈشىنىشتىكى چوڭ خاتالىق. تېگىدىن سۈرۈشتۈرگەندە، ئەدلىيە ھۆكۈمەتنىڭ بىر قىسمى ئەمەس، سودىيەمۇ ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئەمەس. ئەدلىيە ھوقۇقى قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى ۋە مەمۇرىي ھوقۇق بىلەن تىركىشىپ تۇرىدىغان ئۈچ ھوقۇقنىڭ بىرى بولۇپ، باشقا ئىككى خىل ھوقۇققا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى ۋە مەمۇرىي ھوقۇق مەلۇم سىياسەتنى قوللىسا ياكى ئۇنىڭغا ھېرىسمەن بولسا بولىدۇ، لېكىن ئەدلىيە ھوقۇقى چوقۇم بىتەرەپ بولمىقى زۆرۈر. ئەدلىيە- جەمئىيەتتە مۇستەقىل مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدىغان رېپىر بولۇپ، ھەرقانداق مۇئەييەن سىياسەتكە مايىل بولماي، پۇقرالار ئوتتۇرىسىدىكى ۋە ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە توقۇنۇشنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئەدلىيە ھۆكۈمەتنىڭ تەركىۋى قىسمى بولۇپ قالسا ياكى ھۆكۈمەتنىڭ مەلۇم سىياسىتىنى قوللىغۇچى بولۇپ قالسا، ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدىكى دەۋالار ئادىل بىر تەرەپ بولماي قالىدۇ. سودىيەلەر بىلەن مەمۇرلارنىڭ بىردىن-بىر ئورتاقلىقى ئۇلارنىڭ ئىش ھەققى باج تاپشۇرغۇچىلاردىن كېلىدۇ، باشقا جەھەتتە ھېچقانداق ئورتاقلىقى مەۋجۇد ئەمەس. موشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، سودىيەلەرنى مەمۇر دەپ قاراش چوڭ بىر خاتالىق. 1949-يىلدىن بۇرۇن سودىيەلەرنى سوراقچى دەپ ئاتاش تېخىمۇ مۇۋاپىق بولغان بولۇشى مۇمكىن.
شۈبھىسىزكى، ئەدلىيەنى ھەركەتلەندۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەلۇم ئىقتىسادىي سىياسىتى ياكى دۇنيا يەرمەنكىىسى دېگەندەك پائالىيەتلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئەدلىيەنىڭ رولى ۋە ئورنىنى بۇرمىلاپ، ناھەقچىلىق پەيدا قىلىدۇ. ئالايلى، ھۆكۈمەتنىڭ مەلۇم ئىقتىسادىي سىياسىتى ياكى چوڭ تىپتىكى پائالىيىتى شەخسنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان بولسا، ئەدلىيەدە شەخسنىڭ دەۋاسىغا قانداق ھۆكۈم قىلىدۇ؟ ئەدلىيە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۆكۈمەت تەرەپتە تۇرىۋالسا، ئېنىقكى، دەۋالاشقۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىمايدۇ. سوت مەھكىمىسى دەسلەپتىلا ھۆكۈمەتنىڭ مەلۇم سىياسىتىگە ياكى ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن مەلۇم پائالىيەتكە مايىل بولسا، دەسلەپكى پىكرىدە چىڭ تۇرىۋېلىپ، ئاۋال بېكىتىپ قويۇپ ئاندىن سوت قىلىدۇ، ناھەقچىلىق پەيدا قىلىدۇ. ئەدلىيە ھۆكۈمەتنىڭ مەلۇم سىياسىتى ياكى ۋاقتلىق تەدبىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلسا بولمايدۇ. ئەدلىيەنىڭ ئاساسىي فۇنكىسىيىسى بارلىق پۇقرالار ئۈچۈن ھەققانىيەتنى ياقلاش، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەرتىپىنى ساقلاشقا ۋە ئەمىنلىكىگە زۆرۈر بولغان ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئىتىنى قوغداشتىن ئىبارەت. ئەدلىيە ھۆكۈمەتنىڭ بېقىندىسى ئەمەس، ھۆكۈمەتنىڭ قىسقا مۇددەتلىك مەنپەئىتىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئەدلىيەنى مەلۇم ئىقتىسادىي سىياسەت ياكى دۇنيا يەرمەنكىسى دېگەندەكلەرگە خىزمەت قىلدۇرۇش پۈتۈنلەي ناتوغرا ئىشلاردۇر.
بەزىلەر: قانۇن ئارقىلىق ئدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەتتىمۇ «تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەدلىيە يۈرگۈزۈش» مەۋجۇد، سوت مەھكىمىسى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى قوللايدىغان ئىشلار بار، دېيىشى مۇمكىن. ھەرقانداق جەمئىيەتتە، ئەدلىيە بىلەن ھۆكۈمەتنى پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىش ناھايىتى قىيىن، لېكىن، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەتتە ئەدلىيەنىڭ ھۆكۈمەت سىياسىتىنى قوللىشى بىلەن جۇڭگو ئەدلىيە سىستېمىسىدا تەرغىپ قىلىنىۋاتقان «تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەدلىيە يۈرگۈزۈش» تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەتتە ئەدلىيەنىڭ ھۆكۈمەت سىياسىتىنى قوللىشى ئىشتىن بۇرۇن بولمايدۇ، ماجىرا يۈز بېرىشتىن بۇرۇن بولمايدۇ. يەنى مەلۇم بىر ماجىرا كۆرۈلۈشتىن ئىلگىرى سوت مەھكىمىسى مەلۇم سىياسەتنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلمايدۇ، دەسلەپتىلا سىياسەت تۈزگۈچى تەرەپكە ئۆتۈۋالىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ مەلۇم سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ھەققانىيەتنى ياقلاش بىلەن مۇناسىۋەتسىز تەدبىرلەرنى قوللانمايدۇ ياكى تالاش-تارتىشنى بىر تەرەپ قىلىشقا مۇناسىۋەتسىز ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. ئۇ يەرلەردە، سوت مەھكىمسى ھۆكۈمەتنىڭ مەلۇم سىياسىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن ئادالەت-ئادىللىقنى بەدەل قىلمايدۇ، ھۆكۈمەت تەرەپ ئۆتكۈزگەن مەلۇم پائالىيەتنى دەپ قانۇننى بۇزۇپ ناھەق ھۆكۈم قىلمايدۇ.
قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەتتە «تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەدلىيە يۈرگۈزۈش» مەۋجۇد دېيىلسە، سودىيەنىڭ قىلالايدىنى پەقەت ئەركىن كېسىم قىلىش ھوقۇقى دائىرىسىدىلا بولىدۇ، ئۆزىنىڭ ئىختىيارىچە، چەكسىز بولمايدۇ. سودىيە ھۆكۈمەتنىڭ مەلۇم سىياسىتىنى قوللىغان تەقدىردىمۇ، بۇ شۇ شەخسنىڭ ئىشى بولۇپ، پۈتكۈل ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ قوللىشى ھېسابلانمايدۇ، تۈزۈملەشكەن قوللاش دەپ قاراشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. سودىيە ئەركىن كېسىم قىلىش ھوقۇقى دائىرىسىدە قانۇن ۋە ھەققانىيەتكە بولغان تونۇشى ئاساسىدا ھۆكۈم قىلغاندا، ئۇنىڭ چۈشەنچىسى ھۆكۈمەتنىڭ مەلۇم سىياسىتى بىلەن بىردەك چىقىپ قېلىشى مۇمكىن، لېكىن بۇ سودىيەنىڭ سىياسەتكە دەسلىۋىدىلا ھېرىسمەن بولۇپ قالغىنىغا ئوخشىمايدۇ، ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ مەلۇم سىياسەتنى تۈزۈملەشتۈرۈپ قوللىشىغا تېخىمۇ ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، روزۋېلت يېڭى سىياسەت يۈرگۈزگەن دەۋردە، ئامېرىكىنىڭ بەزى سودىيەلىرى ھۆكۈم چىقارغاندا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى قوللىغان، لېكىن بۇ شۇ شەخسنىڭ ئىشى بولۇپ، پۈتكۈل ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ تۈزۈملەشكەن قوللىشى ئەمەس ئىدى. شۇ چاغلاردا سوت مەھكمىسىدىكى ئاز بولمىغان سودىيەلەر يېڭى سىياسەتكە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن ۋە ئۇنى رەت قىلغان. موشۇ كۈنلەردە، بەزى سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈملىرىدە ھۆكۈمەتنىڭ داۋالاش سۇغۇرتىسى سىياسىتى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ دەپ بېكىتىلگەنلىكتىن، پرېزىدېنت ئوبامامۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ.
 
 
نۆۋەتتە، جۇڭگو ئەدلىيەسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى، ئەدلىيە ساھەسىدە ئاممىۋىي لۇشيەن، ئەدلىيەنى ئاممىۋىيلاشتۇرۇش، ئەدلىيەنىڭ خەلقچىللىقىنى تەرغىپ قىلىپ، ماشىۋۇچە سوت قىلىش ئۇسۇلىنى (ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش يىللىرىدا شەنگەننىڭ رايونىدا ماشىۋۇ ئىسىملىك بىر سوتچى ئاۋام-پۇقرانىڭ مەھەللىسىگە بېرىپ، ماجىرالارنى ئۆز جايىدا ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن، بۇنداق ئۇسۇل ماشىۋۇچە سوت قىلىش ئۇسۇلى دەپ ئاتالغان-تەرجىماندىن) يولغا قويۇشتىن ئىبارەت. «ئاممىۋىي لۇشيەن، ئەدلىيەنى ئاممىۋىيلاشتۇرۇش، ئەدلىيەنىڭ خەلقچىللىقى» دېگەن زادى نېمە؟ ئەدلىيەنى قانداق يۈرگۈزگەندە ئاممىۋىي لۇشيەندە ماڭغان بولىدۇ؟ ئاۋامنىڭ ئورنى قەيەردە بولسا ئاندىن ئەدلىيە ئاممىۋىيلاشقان بولىدۇ؟ ئەدلىيەنىڭ خەلقچىللىقى قانداق نامايان قىلىنىدۇ؟ دېلولارغا ئاۋام-پۇقرا ھۆكۈم چىقىرامدۇ؟ ئېتىز-ئېرىقلاردا ماشىۋۇچە سوت قىلسا بۇ ۋەزىپە تاماملانغان بولامدۇ؟ جۇڭگوچە خەلق زاسىداتېللىرى تۈزۈمى ئارقىلىق بۇ ۋەزىپىنى تاماملىغىلى بولامدۇ؟ بۇ بىر قاتار سۇئاللارغا ھېچكىم ئېنىق جاۋاب بېرەلمەيدۇ، ئۇنى تەرغىپ قىلغۇچىلارمۇ شۇنداق. بۇ تەرغىباتلار كۆپ يىل تەشەببۇس قىلىنغان ئەدلىيەنى كەسپلەشتۈرۈشكە بېرىلگەن زەربە بولدى، ئەدلىيەنى كەسپلەشتۈرۈش ئىسلاھات نىشانى بۇرىۋېتىلدى.
تەئەججۈپلەندۇرىدىغىنى، ئەدلىيەنى ئاممىۋىلاشتۇرۇشنى ھۆكۈمەت تەرغىپ قىلىپلا قالماي، ئاۋام ئارىسىدىمۇ قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلار چىقىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ئەستايىدىل قارىمىساق بولمايدۇ. ئەدلىيەنى ئاممىۋىيلاشتۇرۇشنى قوللايدىغان ئەربابلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو ئەدلىيەسىدىكى ئادالەتسىزلىك ۋە چېرىكلىكنىڭ يىلتىزى ئەدلىيە ئاۋامنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغانلىقىمىش. بۇ گەپ ئاڭلىماققا ئاساسى باردەك قىلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ. سودىيە ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ، قانۇننى بۇزۇپ ناھەق ھۆكۈم قىلسا ئەيىپلىنىدۇ ھەم جازالىنىدۇ، ھالبۇكى، ئەدلىيە ئادىللىقى سىرتنىڭ ئارىلىشىشى ۋە تەسىرىدىن كەلمەيدۇ، ئەكسىچە، ئەدلىيە ئادىللىقى ئەدلىيە مۇستەقىللىقىدىن كېلىدۇ، سودىيەنىڭ قانۇن ۋە ھەققانىيەتكە بولغان ئېتىقاتىدىن كېلىدۇ، مۇكەممەل قانۇن بىلىمى ۋە قانۇننى ئەقىلغا مۇۋاپىق چۈشىنىش ۋە تەدبىقلىشىدىن كېلىدۇ. ئەدلىيەنىڭ مۇستەقىل بولۇشى دېگەنلىك ئەدلىيەنىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى ۋە مەمۇرىي ھوقۇقتىن مۇستەقىل بولۇشىنى، ھەر بىر سوت مەھكىمىسى باشقا سوت مەھكىمىسىدىن مۇستەقىل بولۇشنى، ھەر بىر سودىيە باشقا سودىيەدىن مۇستەقىل بولۇشنى كۆرسىتىپلا قالماستىن، يەنە ئەدلىيەنىڭ ئاۋامدىن، ئاۋامنىڭ پىكرى ۋە جامائەت پىكرىدىن مۇستەقىل تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. سودىيەنىڭ ئەركىن كېسىم قىلىش ھوقۇقى دائىرىسىدە تەرتىپ ۋە ھەققانىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ ئادىل ھۆكۈم قىلىش-قىلالماسلىقى ئۇنىڭ كەسپىي ساپاسى ۋە تەجرىبىسى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئاۋامنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان-ئۇچرىمىغانلىقى، ئاۋامنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغان-ئاڭلىمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى ناتايىن.
ئەدلىيە يۈرگۈزۈش قانۇننى كونكىرىت دېلوغا تەدبىقلاش جەريانى، سودىيە قانۇن بىلىمىگە ئاساسەن مەلۇم دېلوغا ھۆكۈم قىلىدۇ، دېمەك، ئەدلىيە كەسپىي پائالىيەت ھېسابلىنىدۇ، ئۇنى مەخسۇس تەربىيلەنگەن خادىملار قىلالايدۇ، خالىغان ئادەم بۇ كەسپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. غەربلىكلەر سودىيە بىلەن دوختۇرنى تەڭ تىلغا ئالىدۇ، چۈنكى ئۇلار مەخسۇس تەربىيلىنىپ، مول تەجرىبە توپلىغاندىلا شۇ كەسپنى ياخشى قىلالايدۇ، شۇ ئىككى كەسپنىڭ ھەر ئىككىسى جانغا تاقىشىدۇ، سەل قاراشقا بولمايدۇ. تىبابەت كەسپىدە پراكتىكىمۇ قىلمىغان ئادەم دوختۇرلۇق قىلالمايدۇ، كىسەللەرمۇ ئۇنداق ئادەمگە كېسەل داۋالاتمايدۇ. قانۇن كەسپىدە تەربىيلەنمەي تۇرۇپ سوتچى بولالامدۇ؟ كەسپ ئەھلى بولمىغان ئادەمنىڭ ھۆكۈم قىلىشىنى كىم خالايدۇ؟
ئەدلىيەنى كەسپلەشتۈرۈشكە قارشى ئەربابلار: خەلق ئەدلىيىگە ئىشتىراك قىلىشى، خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلاش، خەلق رايىنى ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ ئاساسى قىلىش كېرەك دەپ قارايدىكەن. خەلق ئەدلىيە ھۆكۈم-كېسىم ئىشلىرىغا ئارىلاشسا، تراگىدىيە يۈز بېرىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى قانۇن كەسپىدە تەربىيلەنمىگەن، ئاقىلانىلىق بىلەن ھۆكۈم قىلماستىن، بىردەملىك قىزغىنلىق ۋە ھاياجان ئاساسىدا ھۆكۈم قىلىدۇ، خەلقنىڭ رايىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىدۇ.
ماشىۋۇچە سوت قىلىشقا ھېرىسمەن كىشىلەر شۇنداق سوت قىلسا ئاممىۋىي لۇشيەننى نامايان قىلغانلىق، ئەدلىيە ئادىللىقى شۇنىڭدىن كېلىدۇ، دەپ قارىشىدىكەن. ماشىۋۇنىڭ قىلغىنى پەقەت سوتخانىنى ئاۋامنىڭ مەھەللىسىگىچە ئېلىپ باردۇ، بۇنىڭلىق بىلەن ئادىللىق ئەمەلگە ئاشامدۇ؟ بەزىلەر: ئامما موشۇنداق ئاددىي تەرتىپلەرگە ئامراق دېيىشى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق قىلغاندا ئادىل بولىدىغان بولسا، بارلىق ئەدلىيە تەرتىپلىرىنى قىسقارتىپ بىۋاسىتە ھۆكۈم چىقارسا تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟
ئەدلىيەنى سىياسىيلاشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى كۆپلەپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ھەركەت شەكلىدە قانۇن ئىجرا قىلىش»تىن ئىبارەت. ھەر يىلى تۈرلۈك مەخسۇس تۈزەش ھەركەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ، سوت، تەپتىش، ج خ بىرلىشىپ دېلو بېجىرىدۇ، سوت مەھكىمىسى بىتەرەپ ئورۇندا تۇرۇپ ھۆكۈم قىلغۇچى بولۇپ، بىر تەرەپكە ئۆتۈۋالسا، بىتەرەپ مەيدانىنى يوقاتسا، سوت قىلىش رەسمىيەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. ھەركەت شەكلىدە قانۇن ئىجرا قىلغاندا قانۇن ئىجراسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە دائىمىلىقىغا تەسىر يېتىدۇ. ھەركەت شەكلىدە قانۇن ئىجرا قىلىشتا تېز ھەم قاتتىق بولۇش تەكىتلىنىپ، قانۇنىي تەرتىپ ۋە ھەققانىي بولۇشقا سەل قارىلىدۇ. قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەتتە قانۇن ھەر ۋاقت ئوخشاشلا قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ.
ئەدلىيەنى سىياسىيلاشتۇرۇشنىڭ يەنە بىرمۇنچە ئىپادىلىرى بار: قانۇن ئۈنۈمى ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، سەزگۈر دېلولارنى قوبۇل قىلماسلىق قاتارلىقلار.
ئىككىنچى، ئەدلىيەدە مۇرەسسەلەشتۈرۈش
 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ئەدلىيەسىدە مۇرەسسە مۇھىم ئورۇنغا قويۇلدى. ئالىي خەلق سوت مەھكمىسىمۇ، يەرلىك سوت مەھكىمىلىرىمۇ مۇرەسسەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى تەكىتلىدى. ئەدلىيەنىڭ ئاساسلىق رولى قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىش، دەۋالاشقۇچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشتىن ئىبارەت. دەۋالاشقۇچىلار باشقا ئامال بىلەن ماجىرانى ھەل قىلالمىغاندا ئاندىن سوت مەھكىمىسىگە بارىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا، سوت مەھكىمىسى دېلونى سوت قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىشى، مۇرەسسە-مادارا قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىۋالماسلىقى كېرەك. مۇرەسسە دېگەن سالا-سۈلۈھ بىلەن مال سودىسى قىلغاندەك كېلىشتۈرىدىغان ئىش، ھۆكۈم دېگەن ھەق-ناھەقنى ئايرىپ، قانۇن بويىچە چىقىرىلىدىغان نەتىجە. بۇ ئىككىسى ئوخشىمايدۇ. ئۆزى ئىختىيار قىلىش ۋە قانۇنلۇق بولۇش ئاساسىدا مۇرەسسە قىلىنسا بولمايدىغان يېرى يوق. لېكىن، مۇرەسسە بېسىم ئارقىلىق بولسا، قانۇنغا ئۇيغۇن بولمىسا، ئامالسىزلىقتىن ئىرادىسىگە خىلاپ بولسا بولمايدۇ.
ئۈچىنچى، ئەدلىيەدە ئادۋۇكاتسىزلاشتۇرۇش
 

ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا، جۇڭگو ئەدلىيەسىدە دىققەتنى تارتىدىغان بىر ھادىسە كۆرۈلدى، ئادۋۇكاتلار بېسىلدى ۋە زەربىگە ئۇچرىدى، ئادۋۇكاتلارنىڭ كەسىپ ھوقۇقى ۋە جىسمانىي ھوقۇقى ئارقا-ئارقىدىن دەخلى-تەرۇزغا ۋە تەھدىتكە ئۇچرىدى، ئادۋۇكاتلارنىڭ كەسپ بېجىرىش مۇھىتى ۋە ياشاش مۇھىتى ناچارلاشتى. ئادۋۇكاتلىق كەسپى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. ھوقۇقنى قوغدىغۇچى ئادۋۇكاتلار ۋە ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتلار قىيىن ئەھۋالدا قالدى، ھەتتا ھەپسىگە ئېلىنغانلارمۇ بولدى. ھوقۇقنى قوغدىغۇچى ئادۋۇكاتلار ئىزچىل بېسىمغا ئۇچراپ كەلگەن ئىدى، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر
ۋە ھەركەتلەر قوللىنىلدى، يىللىق تەكشۈرۈشنى رەت قىلىدىغان، گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىۋېتىدىغان، جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان ئىشلار كۆرۈلدى. ھوقۇقنى قوغدىغۇچى ئادۋۇكاتلارنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمىتى پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىدى، ھوقۇقنى قوغدىغۇچى ئادۋۇكاتلارنىڭ سەزگۈر دېلولارغا يەنى دىن، سۆز ئەركىنلىكىگە چېتىلىدىغان، دەۋالاشقۇچى سانى كۆپ دېلولارغا ۋاكالەتچىلىك قىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن ئۇلار بېسىمغا ئۇچرىدى، قارشى ئېلىنمايدىغان ئەربابلارغا ئاقلىغۇچىلىق قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىندى.

بۇ ماقالە «رەھبەرلىك قىلغۇچى» ژۇرنىلىنىڭ 41-سانىدا ئېلان قىلىنغان. «جۇڭگو ئىسلاھاتى تورى»غا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمە قىلغۇچى:  نوشىرۋان
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-09 12:31 |
mahbusman
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2865
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 12
شۆھرەت: 60 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 36 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 36 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى abdigeniدە2012-07-09 00:03يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
جەميەتنى قانون ئارقىلىق باشقۇرۇش تەكىتلىنۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىر قىسىم قانون ساھەسىدە ئىشلەپ تۇرۇپ قانوننى كۆزگە ئىلمايدىغان رەھبەرلەر  ئۆز مەيلىچە "يوقىرىنىڭ يوليورۇقى" ، "ئىچكى بەلگىلىمە"، «ئالاھىدە ئەھۋال» دىگەن قانونى ئاساسى يوق ئىبارىلەردىن پايدىلنىپ ساددا ئاق كۆڭۈل خەلىقنى ئالدايدىغان ئەھۋاللار ھەقىقەتەن مەۋجۈت
يېقىندا يۇرتۇم لاپچۇقتا مۇنداق ھېچققانداق قانونى ئاساسى يوق بىر بۇيرۇقنى ئاڭلىدىم ،يەنى:جەنوبى شىنجاڭدىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنى ،بولۇپمۇ قەشقەر ،خوتەن رايونىدىن بىزنىڭ قارادۆۋە ،لاپچۇققا  كەلگەن ئىشلەمچىلەرنى بىردەك يۇرتىغا قايتۇرۇش !  
مانا مۇشۇنداق ئەھۋاللارنى ئاڭلىسا ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن دىلى ئېچىشىدۇ ،
تورداشلار سىلەر تەرەپلەدىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋاللار بارمۇ؟

ئەلۋەتتە بار،ھەتتا  ئاقسۇ شەھەر ئىچىدە ئۇچتۇرپان  ۋە ئاۋات  ناھىيىسىنىڭ نوپۇسىدىكى  پۇقرالارنىڭ  كۆچۈپ كېتىشى تەلەپ قىلىندى.سەۋەبىنى  <<ئۇچتۇرپانلىقلار  ئاقسۇدا ئىش تېرىدى>> دەپ چۈسەندۈردى.(15  كۈننىڭ ئالدىدا ئاقسۇ  تەۋەسىدىكى پارتلاتقۇچ  ياساش جەريانىدا  پارتلاپ كېتىپ تۇتۇلۇپ قالغانلار ئىچىدە ئۇچتۇرپانلىقلار كۆپ  نىسبەتنى ئىگەللەرمىش.)ئاقسۇ تەۋەسىدىكى ئۇچتۇرپانلىقلارنىڭ  كىملىكى مەجبۇرىي يىغىۋېلىندى.كىملىكنى  قايتۇرۋېلىش ئۈچۈن  چوقۇم يوتقان كۆرپە،قازان  قۇمۇشلىرىنى  ماشىنىغا بېسىپ،ئىجارە ئالغان ئۆينىڭ  ئىگىسىنى  بىللە ئېلىپ  كېلىپ  مەھەللە  باشقۇرۇش  كومىتىتىغا  بېرىشى  شەرت.شۇلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا  ئاقسۇدىن ئايرىلغاندىن  كېيىنلا  كىملىكىگە ئېرىشەلەيدۇ.مېنىڭ كىملىكىممۇ  تۇتۇپ  قېلىنغىلى  10  كۇن  بولدى.ئاقسۇ  تەۋەسىدە ئۇچتۇرپانلىقلارغا  بىردەك  ۋاقىتلىق  تۇرۇش  كېنىشكىسى  بېجىرىلمەيدۇ.
ھەتتا  شەھەر ئەتراپىدىن يەر  سېتىۋېلىپ  ئۆي  سالغانلارمۇ  ئۆينى تاشلاپ ۆچۈشى كېرەككەن.
lutun
بىرسى دىدى تۇخۇمنى،تاشقا ئۇرغان نەدە بار،.....
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-09 13:06 |
kenji
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2127
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 188
شۆھرەت: 973 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 984 سوم
تۆھپە: 579 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 580 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 133(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   سوت مەھكىمىسىگە كىرىپ دەۋا-دەستۇرلاردا بولۇپ بېقىشتىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئىدارە-ئورگانلاردىكى چىرىكلىك،مەسئۇلىيەتسىز قىلمىشلارنى تولا كۆرۈپ ،بۇ ھاكىمىيەت نىمىگە تايىنىپ،قانداق ھالەتتە بۇنداق ئۆرە تۇرۇۋاتقاندۇ؟دىگەن ئويلىنىشىمغا بەلكىم دېموكراتىيە ۋە ئەدلى-ئادالەتنىڭ سىمۋولى بولغان سوت-ئەدلىيەدە قاتتىق ۋە مۇنتىزىم بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداقتۇ دەپتىم. كىم بىلسۇن تېخىمۇ چىرىك،تېخىمۇ لاۋزا ئورۇن سوت بولۇپ چىقتى(بۇ قانداقتۇ بىر قېتىملىق مەنپەئەتىمگە خىلاپ ھۆكۈم چىقارغانلىقى سەۋەپلىك چىقارغان يەكۈن ئەمەس،چۈنكى ئىلگىر ئاخىر ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى 4 شەھەردە 17 قېتىملىق سوتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىنكى ئىچكى تەسىراتىم).
  دىكتاتورا ئورۇنلىرىمۇ چىرىكلىشىپ تۇرۇقلۇق ئەجەبا بۇ ھۆكۈمەت قانداق خىسلەتكە تايىنىپ ئۆز مەۋجۈتلۇقىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ؟ جاۋاپ بىرلا،ئۇ بولسىمۇ:پۇقرانىڭ ياۋاش-مۆمىنلىكى،ساپاسىزلىقى،دىتسىزلىقى،ئەڭ مۇھىمى جاسارەتسىزلىكىدىن<<ئاۋامنىڭ چاكىرى>>بولمىش فونكىسسىيىلىك تارماقلار ئۆزى بىلگەنچە ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە ئادەتلىنىپ قېلىشماقتا.
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-09 13:47 |
bahitkuxi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6948
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 116
شۆھرەت: 601 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 603 سوم
تۆھپە: 359 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 361 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 173(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ناھەقچىلىق............................گۇم.
istanbol
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-09 14:02 |
uqkun28k
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8254
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 40 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 22 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 22 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 190(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مىللەتلەر ئىتىپاقلققى پەقەت ھەققانىيەت نۇرى ئاستىدىلا ئەمەلگە ئاشىدۇ،ئتتىپاقلىق،مۇقىملىق بايرىقىنى كۆتۈرسىلا ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىشلارئەمەس............................................
simfoniya
چوققا [15 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-09 17:19 |
sarsan88
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 600
شۆھرەت: 3074 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3102 سوم
تۆھپە: 1843 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1856 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 204(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بېشىمدىن ئۆتكەن راست ۋەقە :  
بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىنىڭ ئارقا كوچىلىرىنىڭ بىرىدە بۇلاڭچىىغا ئۇچراپ قالدىم .
ئۇ مەندىن پۇل سورايتتى ، قولىدا پىچاق بار ،
مەن بەرگىلى ئۇنىمايتتىم .
شۇ چاغدا ئۇ ماڭا : مېنى تار يەرگە قىستىما ،،بولمىسا پىچاقنى تىقىۋېتىمەن دىگەنتى ...
مەنمۇ بۇ بىچارىنى تار يەردە قىستىماسلىقنى  ئەينەن قىلىپ ئېيتقاندا پىچاق يەپ كەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتۇپ  يېنىمدا بار پۇلنى ئۇنىڭغا بەرگەنتىم ....
lutun
چوققا [16 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-09 18:59 |
altunalma
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4410
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 389
شۆھرەت: 2006 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2019 سوم
تۆھپە: 1199 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1215 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 148(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 16قەۋەتتىكى sarsan88دە2012-07-09 18:59يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بېشىمدىن ئۆتكەن راست ۋەقە :  
بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىنىڭ ئارقا كوچىلىرىنىڭ بىرىدە بۇلاڭچىىغا ئۇچراپ قالدىم .
ئۇ مەندىن پۇل سورايتتى ، قولىدا پىچاق بار ،
مەن بەرگىلى ئۇنىمايتتىم .
شۇ چاغدا ئۇ ماڭا : مېنى تار يەرگە قىستىما ،،بولمىسا پىچاقنى تىقىۋېتىمەن دىگەنتى ...
.......

ياخشى قىپسىز
چوققا [17 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-09 21:32 |
atkatqi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8344
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 19
شۆھرەت: 95 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 95 سوم
تۆھپە: 57 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 57 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 11(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇمۇ ئوزى تۈزگەن قانۇنىغا ئوزى خىلاپلىق قىلغانلىق ،ئوز خەلقىنى ئوزى كوزگە ئىلمىغانلىق،  ئىزا تارتمىغان قىلىنلىق   
istanbol
چوققا [18 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-12 16:27 |
uyghur-xy
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8222
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 36
شۆھرەت: 191 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 193 سوم
تۆھپە: 114 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 116 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 85(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سوت دىگەننى مەنمۇ كۆردۇم مەن قانۇن ئورگىنىدا ئىشلىمەيمەن،لىكىن بىر ئىش توغۇرلۇق باي بىر لوبەن(خوجايىن) بىلەن سوتقا چىقىدىغان بولۇپ بارساق ئۇنداقلا سوتقا چىقىپمۇ قويمىدى....شۇنىڭ بىلەن قانۇن توغۇرلۇق قايتا ئويلۇنىدىغان بولۇپ قالدىم......
چوققا [19 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-12 16:45 |
alabag
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1675
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 93
شۆھرەت: 752 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 747 سوم
تۆھپە: 404 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 407 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قانۇن ئەزەلدىن ئادىل لىكىن ئىجرا قىلىش ياخشى ئەمەس ،ئامال قىلىپ قانۇننى ئادىل  ئىجرا قىلىش قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش ،قانۇننى مۇكەممەللەشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كىرەك .
چوققا [20 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-12 19:05 |
sarsan88
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 600
شۆھرەت: 3074 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3102 سوم
تۆھپە: 1843 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1856 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 204(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 19قەۋەتتىكى uyghur-xyدە2012-07-12 16:45يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
سوت دىگەننى مەنمۇ كۆردۇم مەن قانۇن ئورگىنىدا ئىشلىمەيمەن،لىكىن بىر ئىش توغۇرلۇق باي بىر لوبەن(خوجايىن) بىلەن سوتقا چىقىدىغان بولۇپ بارساق ئۇنداقلا سوتقا چىقىپمۇ قويمىدى....شۇنىڭ بىلەن قانۇن توغۇرلۇق قايتا ئويلۇنىدىغان بولۇپ قالدىم......


چىقماسلىق ھوقوقى بولىدۇ ، چىمقىسا سوت ئەھۋالغا قاراپ ھۆكۈم ئېلان قىلىدۇ ، ئاندىن ئۇ خوجايىن نارازىلىق ئەرزى سۇنۇپ قويىدۇ ، كېيىنكى نۆۋەت سىز ئۇتتۇرۇسىز ئېنىڭلا
چوققا [21 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-13 02:00 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«1234»Pages: 2/4     Go
Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر