مەن ئۇزۇن يىل جاۋاپكارلىققا تارتىلىش جەريانىدا، جۇڭگو ئەدىلىيىسىدىكى بەزەن ئىش ھالقىلىرىدىكى سەۋەنلىكلەرنى ھېس قىلغاندەكمۇ بولدۇم.
بىز ئادەتتە، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر، قانۇن مۇقەددەس دېگەندەك تەشۋىقاتلارنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. مانا مۇشۇنداق تەشۋىقاتلار كىشىلەرنى قانۇن سىياسىيدىنمۇ مۇقەددەس دېگەن خاتا چۈشەنچىگە كەلتۈرۈپ قويىدىكەن.
جۇڭگو ئەدىلىيىسىنىڭ قاتلاملىرى بولسا:
ناھىيىلىك ئەدىلىيە ئورۇنلىرى[تۆۋەن]، ۋىلايەتلىك ئەدىلىيە ئورۇنلىرى[ئوتتۇرا]، ئۆلكىلىك ياكى ئاپتونوم دەرىجىلىك ئەدىلىيە ئورۇنلىرى[يۇقىرى]، مەركەز دەرىجىلىك ئەدىلىيە ئورۇنلىرى[ئالىي] قاتارلىق ئورگانلاردىن تۈزۈلىدىكەن. مەمۇرىي جەھەتتە، ھەر قايسى ئەدىلىيە ئورگانلىرى ئۆزى قاراشلىق رايوننىڭ پارتكومىدىكى سىياسىي-قانۇن كومېتېتنىنىڭ باشقۇرىشىدا بولىدىغان ئوخشايدۇ. ھەمدە، ئەدىلىيە ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە ياچىيكا شۇجىيلىرى بولىدىكەن. دەۋا ئىشلىرىدا دەرىجە ئاتلاپ ئەرىز قىلغىلى بولغىنى بىلەن ھەر دەرىجىلىك ئەدىلىيە ئورگانلىرى مەمۇرىي جەھەتتە دەرىجە ئاتلاپ باشقۇرۇلمايدىكەن ئەمەسمۇ. لېكىن، پارتىيە ياچىيكا شۇجىيسىغا سەل قارىساق بولمايدىكەن.
ئۇزۇن يىللارنىڭ ئالدىدا بولغان ئىش ئىدى. بىر كۈنى دەۋە ئىشى بىلەن، كەشقۇرۇنلىقى ناھىيىمىزدىكى سوتچىلار بىلەن بىر سورۇندا بىللە بولۇپ قالدىم. بۇ سورۇندا، پارتىيە ياچىيكا شۇجىسى خەن يولداشمۇ بار ئىدى. مەن ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسىدە كوپ يۈرگەچكىمۇئۇلارنىڭ كۈندىلىك مەمۇرىي، ئەدىلىيە ئىشلىرىغا بىرىنچى قول مەمۇرىي باشلىقىنىڭ [مىللىي] رىياسەتچىلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. خەن يولداش شۇجىيمۇ، ئوق مەركىزىدە كۆزگە كوپ چېلىقمايتتى. چوڭ-كىچىك دېلولار ئۈستىدىن چىقىرىلغان ئاخىرقى ئۈكۈمگە مىللىي بىرىنچى قول مەمۇرىي باشلىقنىڭ قولى قويۇلغاندىن كېيىن، ھۈكۈمنىڭ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىدىن ئانچە-مۇنچە خەۋىرىم بارئىدى.
لېكىن، سورۇندىكى ۋەزىيەت باشقىچە بولدى. ۋەزىيەتنى شۇجىي كونتىرول قىلدى. ھەممە سوتچى ئۇنىڭ پوداقچىلىقىنى قىلغىلى تۇردى. مەن خەن يولداش شۇجىينى زاۋۇتىمىزدىكى مەمۇرىي ئىشلارغا ئارلىشالمايدىغان شۇجىيگە ئوخشىتىپ، يېنىمدىكى سوتچى ئاغىنەمدىن: ۋاي، نىمانداق قىلىشىسەن دېسەم، ئۇ قوپاپ: ئاغىينە، چوڭ-كىچىك دېلولار ئۈستىدىن چىقارغان ھۈكۈمىمىزنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش-بولالماسلىقى مۇشۇ شۇجىينىڭ تەستىق سېلىشى بىلەن ئەمىلىيلىشىدۇ، دېمەسمۇ. شۇجىينىڭ قانۇنغا چاتكىرىۋېلىشىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم ئىدى. كۆڭلىمدىمۇ بىر تۈگۈن قالغانىدى.
دەپ كەلسەم گەپ تولا. ئاشنىدارچىلىق جەھەتتە، ئۇلار چېتىدىن ماھىر ئوۋچىلاردىن ئىدى. دەۋە ئىشلىرى بىلەن يۈرگەن چاغلىرىم ئىدى. ئارىدىن بىرى ماڭا بېسىم ئىشلىتىپ: پالانى ئاخۇننىڭ خوتۇنىنى چاقىرىپ بەر دېمەسمۇ. بۇ ئايال مېنىڭ بىر خىز مەتدىشىمنىڭ ئايالى ئىدى. ئۇ ئايالنىڭ ئىستىلىنىڭ قانداقلىقىنى مەن بىلمەيدىكەنمەن. ھەمما، ئاۋۇ سوتچىلار ئېنىق بىلىشىدىكەن،
توۋا. ئەينى چاغدا بۇ ۋەقەنى بىر دەرىجە يۇقىرى ئورگان[پىراكىراتۇرا]غا ئىنكاس قىلاي دېگەنتىم، لېكىن ئۇ يەردىمۇ ماھىر ئوۋچىلار باردەك قىلاتتى
ھەم خىزمەتدېشىمنىڭ ئۆيۈنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنى، جەمىيەتتىكى يۈز ئابىرويىنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىشىنى راۋا كۆرمىدىم.
شۇندىن ئېتىۋارەن، ئۇ سوتچى ئاغىنىلەردىن ئادا-جۇدا بولدىم. سالام-سۆبەتمۇ قىلىشمايمەن.
بىچارە ئادىۋوكاتلارنىڭ دەۋا سورۇنلىرىدا دەلىل-ئىسپاتلىرىنى پۇت دەسسىتىپ تۇرغۇزالماي، سودىيەنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن ئەخلاققا مۇراجەت قىلىشلىرى..... ھەي، سودىيەمۇ ماھىر ئوۋچىمىكى-يا؟
شەرىق ئاساسىي قانۇنلىرىدا بولسۇن، ياكى غەرىب ئاساسىي قانۇنلىرىدا ئەخلاققا بىر كىشىلىك ئورۇن بېرىپ باققىنىنى ئاڭلاپ باقماپتىمەن. ئەخلاق بىلەن قانۇننىڭ زىچ بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىدەك ھادىسىنى پەقەت قۇرئان كەرىم بىلەن ھەدىس شەرىپتىنلا ھېس قىلدىم، كۆرۈپ يەتتىم ۋە تونۇپ يەتتىم. سىلەر چۇقىرىشىۋاتقان قانۇن-تۈزۈملەرنىڭ تاغۇتلۇق تەرىپىنىمۇ بەكلا بىلىپ كەتتىم.