saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 10808 قېتىم كۆرۈلدى
ordahiy
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8079
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 16
شۆھرەت: 115 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 110 سوم
تۆھپە: 64 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 64 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى(ئابدۇرىھىم ئابلەتخان)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-07-12)

 


 
پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان
 

بىز كىچىك ۋاقىتلاردا پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى دەپ بىر چۆچەك بولىدىغان.
چۆچەكتىكى ئادەملەر بىر-بىرىگە شۇنداق مېھرىبان بولۇپ، قاچانلا قارىسا كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىكەن. ئىللىق سالاملىشىپ، سىپايە قەدەملەر بىلەن يەرنى يۇمشاق دەسسەپ ماڭىدىكەن.
شەھەردە غەم-قايغۇ يوقكەن. يەيدىغان-ئىچىدىغان مولچىلىقكەن. ساخاۋەتچىنىڭ جىقلىقىدىن قەلەندەرلەر توخو سۈتىدەك قىسچىلىقكەن. ھەسەلنى تۇڭغا قاچىلىمايدىكەن. ئېرىقلاردا لۆمۈلدەپ ئاقىدىكەن. شەھەردە ھارام ئىشلار يوقكەن، ئىلمى مۇتائالە، تەقۋا پەزىلەتنىڭ بۇيىدىن دىماقلار تۇتۇلۇپ، باشلار ئايلىنىپ كېتىدىكەن.
ئاڭلىسام ھازىر پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى بولۇش مودىغا ئايلىنىپتۇ. يىغىنلاردا، سورۇنلاردا ئەشۇنداق پەزىلەتلىك ئادەملەردىن بولۇش توغرىلىق چاقىرىق-تەتقىقاتلار قايناپ تۇرىدىكەن.
ما شەھەردىكىلەر ئاۋۇ چۆچەكتىكى شەھەردە ياشاۋاتامدۇ ؟ ياكى ئاۋۇ چۆچەكتىكى ئادەملەر ماۋۇ شەھەرگە كەپ قالدىمۇ ؟ بىلەلمەيلا قالدىم.
ئەمما ماۋۇ شەھەردە ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئازلىقىدىن قەلەندەرلەر ئۆچىرەتكەن. ئېرىقلاردا ھەسەل تۇرماق، سۇمۇ يوقكەن. بىر غېرىچ شىشىگە قاچىلانغان ھەسەلنىغۇ كويچەنگە ساتىدىكەن.
بۇنى ئاڭلاپ سەل قوسۇقۇپ كۆپتى. چۈنكى، مەن ئىلگىرى پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى ھەسەلنى بىكارغا بېرىدۇ دەپ ئاڭلىغانتىم.
مەن شەھەردە گېپى بولىۋاتقان پەزىلەتنىڭ زادى قانداق نەرسىلىگىنى ئېنىق بىلەلمىدىم.
چۈنكى ئۇنىڭ رەڭگىمۇ جىقكەن، شەكلىمۇ ھەر-خىلكەن. تۇرۇپ ئەركەك بولىۋالسا، تۇرۇپلا چىشى بولۇۋالىدىكەن. مۇرەككەپكەن.
شەھەردىكىلەر تولىمۇ ئالى جاناپ، سىپايە قىياپەت بىلەن ئۆزىدە نۇرغۇن پەزىلەتلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈشكە تىرىشىدىكەن.
راست گەپنى قىلسام مېنىڭدا پەزىلەت يوق. يانچۇغۇمدا گاھىدا پەيدا بولۇپ قالىدىغان نەچچە تال كويچەنلىك، موچەنلىك پۇل بىلەن ھېلىقى ئىس چىقىدىغان نەرسە بار. ئەمما ئەشۇ پەزىلەت دىگەن نەرسە قەتئى يوق. يانچۇقنى تەتۈر ئۆرسىمۇ يوق.
پەزىلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك يېرى بەك كۆپكەن. ناۋاي ناۋاينى ئاۋۇ پەزىلەتسىزمۇ نان ياقىدۇ دەپ تىللايدىكەن. تىككۈچى موزدۇزنى پەزىلەتسىزلىكىدىن كالتە ئىشتاننىمۇ خۇرۇمدىن تىكىدۇ دەيدىكەن. ناۋاي نان ياققاچقا پەزىلەتسىز بولۇپ قالىدىكەن. بۇنىڭغا مەيلى.
ئەمما موزدۇزنىڭ پەزىلەتسىزلىكى، خۇرۇمغا ئامراقلىقىدىنمۇ ياكى كالتە ئىشتاننىڭ سۈپىتىدىن ئەنسىرگەنلىكىدىنمۇ بىلەلمەي قالدىم.
شەھەردىكى ھەممە ئادەمنىڭ قولىدا بىردىن قېلىپ بولىدىكەن. چوڭ-كىچىكلىكى، كەڭ-تارلىقى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىكەن. ئۇلار قولىدىكى قېلىپلار بىلەن يۇقۇرقىدەك پەزىلەتسىزلەرنى تەكشۈرەيدىكەن. توۋۋا خۇدايىم، ھەر-خىل قېلىپنىڭ ھەممىسىگە چۈشىدىغان قانداق تەلەيلىك مەخلۇقتۇ ؟!
شەھەردىكىلەر تەكشۈرمەكچى بولغان ئادەم قېلىپقا دەل چۈشسە، پەزىلىتى بار ھېساپلىنىدىكەن. بىرەر يېرى تاقىشىپ قالسا تۈگەشكىنىكەن. تەكشۈرۈشكە تەييارلانغان بىچارىلەرنىڭ كۈنىمۇ تەسكەن. جالاقلاپ-تىترەپ، ئالدى-ئارقىغا قارايدىكەن. پۇتلىرى سەل ئۇزۇن كېلىپ قالسا كېسىۋەتكۈدەك بولىدىكەن. ئاغرىيدىكەن. ئامالسىز پۈكلەپ باقىدىكەن. ئۇ چاغدا قېلىپتىن كاسسىسى چىقىۋالىدىكەن. كاسسىسىنى  ئالدىغا قىلسا، قوسىقى پولداڭلىۋالىدىكەن.
كۆز ئالدىمغا مېنىڭمۇ پۇتلىرىمنى يىغىپ، باشلىرىمنى پۈكۈپ، كاسسامنى ئالدىغا قىلىپ پەزىلەتنىڭ قېلىپىغا چۈشۈشكە تىرىشىۋاتقان قىياپىتىم كەلدى.
توۋۋا ! ئەمدى نىمە بولدى. ئۇ چاغدا مەن ئۆزەمگە ئوخشىمايدىغان سەل چاسىراق بىر پارچە گۆشكە ئوخشاپ قالمامدىم. نىمىدىگەن قورقۇنۇچلۇق !
ئاڭلىسام بۇ قېلىپلارنىڭ ھەممىسىگە چۈشكەن ئادەم ھازىرغىچە چىقماپتۇ.
پەزىلەت دىگەننى مەندە يوقكەن دەپ يۈرسەم، باشقىلاردىمۇ يوقكەن ئەمەسمۇ، خۇداغا شۈكرى.
بىرنەرسە يەپ-ئىچىپ، يەنە كەينىدىن سىيىپ-چىچىدىغان مەخلۇقنىڭ پەزىلەتكە ئېرىشمىكى بەسى مۈشكۈل ئوخشايدۇ.  مېنىڭچە يىمەي-چىچماي يۈرۈيدىغان پەرىشتىلەر بۇ قېلىپلارغا چۈشەرمىكىن دەيمەن. چۈنكى ئۇلاردا چاتاق چىقىرىدىغان تاناسىل ئەزالار يوق دەيدۇ.
شەھەردىكىلەرنىڭ پەزىلەتتىن باشقا قايغۇسى يوقكەن. بۈگۈنى، كەلگۈسى، يەنە كېيىن قالىدىغان بالا-چاقىسىنىڭ غېمى دىگەنلەر يوقكەن. راستىنلا باشقا غېمى يوقكەن. ھەممىنىڭ ئېغىزىدا ئەشۇ پەزىلەتنىڭ غېمىكەن.
بوۋىلىرىدىن قالغان پەزىلەتۇ-يۈكسەكلىك، ئۇستازلىرىدىن قالغان سوفىيانە-ئارىفلىقنى توختىماي شېكەر قوناق چاينىغاندەك ھوزۇر بىلەن چاينايدىكەن. باشقىلار شېكەر قوناقنى ئاران بەش مىنۇت چاينىيالايدىكەن. چۈنكى تەمى قالمايدىكەن. ئەمما پەزىلەتلىك شەھەردىكىلەر زېرىكمەي مىڭ يىل چاينىيالايدىكەن.
ئۇلارنىڭ پەزىلىتى ھاجەتخانىدىمۇ كىتاپ ئوقۇيدىكەن. ئۇلارنىڭ پەزىلىتى تۇرمۇشتىكى يەپ-ئىچىشلىرىنى تەرتىپكە سالىدىكەن. كىيىم كىيىش ۋە ئۆي-جايلىرىنى جابدۇشنى ئەل قاتارىغا قىستايدىكەن. ئۇلارنىڭ پەزىلىتى ئىشتاننىڭ ئېغى بىلەن كۆينەكنىڭ دۈمبىسىگە قارايدىكەن.
پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى پەزىلەت بىلەن دۇنيانى ئۆزگەرتمەكچى بولىدىكەن. ئۇلار تارىختا ياكى كەلگۈسىدە ھېچبىر شەھەر قۇرالمايدىغان پەزىلەتلىك جەمىيەتنى قۇرۇشقا تىرىشىدىكەن. شۇنداق تىرىشسا باقى دۇنياغىمۇ ئىش قالمايدىكەن.
ئۇلار ئالدىراشكەن. شۇ سەۋەپتىن ئۆزلىرىنىڭ تەغدىرىنى ئويلاشقىمۇ ۋاقتى يوقكەن.
ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىقى پەزىلەتكە تاقىشىدىكەن. ئەرلىك سالاپىتى پەزىلەت ئۈچۈن پاختىدەك بولۇشقا مەجبۇركەن. ئەمما ئاياللىق نازاكىتى پەزىلەتنىڭ قورام تېشىغا مۇھتاجمەن دەپ جار سالىدىكەن.
ئۇلار دۇنيانىڭ ھىلىسىگە، جاھاننىڭ رەپتارىغا، باشلىرىغا كېلىۋاتقان نامەلۇم تەغدىرگە پەقەت يۈكسەك پەزىلەت بىلەنلا تەييارلىق قىلىدىكەن. بۇ جەڭدە مىنىش ئۈچۈن پەزىلەتنىڭ ئىشىگىنى ياخشى كۆرگەن رەڭدىكى پۇرۇچلار بىلەن توقۇيدىكەن.
شەھەرنىڭ كوچىلىرىدىن كۆرەلمەسلىك، مەنمەنچىلىك،شەخسىيەتچىلىك ۋە ئۆچمەنلىكنىڭ سېسىق پۇراقلىرى ئارىلىشىپ كەتكەن ھېلىقى پەزىلەت دىگەننىڭ بەتبۇي پۇرىغى كېلىپ تۇرىدىكەن.
ئەپسۇس، ئۇلار بىلمەيدىكەن. پەزىلەتنى قېرىنداشچىلىقنىڭ داستىخىنى قىلىشقا بولمايدىكەن. چۈنكى بۇ داستىخان مەڭگۈ پۈتمەيدىكەن.
پەزىلەتنى ئىشەك قىلىپ مىنىشكىمۇ بولمايدىكەن. چۈنكى ئۇ ئېغىلغا سۆرەيدىكەن.

****************************************************
پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسىنىڭ نۇرغۇن چۆچەكلىرى بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ بىر رىۋايىتىدە سۇلايماننىڭ ئاجايىپ ئۈزۈكى بولۇپ، ئۇنى تاقىسا ئالەمگە پادىشا بولىدىكەن. يەنە بىر چىراقنىڭ قۇلى دىگەن چۆچەكتىكى دىۋە بىر كېچىدىلا شەھەر قۇرالايدىكەن. يەنە بىر چۆچەكتە پەرىزاتتىن خوتۇن ئېلىۋالسا، خالىغىنى تەييار بولىدىكەن. ئەڭ مەشھۇر بىر چۆچىگىدە ئىتىپاقلىق دىگەن دىۋىگە خوجايىن بولسا تاغنىمۇ تالقان قىلىۋېتىدىغانلىقى سۆزلەنگەن ئىكەن.
پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى چۆچەك ئېيتىشقا ئۇستىكەن. خۇددى راستەكلا سۆزلەيدىكەن. ئەمما بۇ شەھەردە سۇلايماننىڭ ئۈزۈكىنى كۆرگەن ئادەم يوقكەن. چىراقنىڭ دىۋىسىنىمۇ ئاڭلىغىنى يوقكەن. پەرىزاتقۇ ھېچكىمگە ئۇچرىماپتىكەن. ئىتىپاقلىقنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرمەپتىكەن.
دىمەك شەھەردىكىلەر كۆرمىگەن نەرسىنىگە راستتەك ئىشىنىدىكەن.
ئەمما ياخشى يېرى، ئۇلار سۇلايمان ئۈزۈكىنىڭ ئەمدى كەلمەيدىغىنىنى بىلىدىكەن. دىۋە-پەرىنىڭمۇ پارىڭىنى قىلمايدىكەن.
چاتاق يېرى، ئۇلار ھېلىقى ئىتىپاقلىق دىگەن تەڭداشسىز باتۇرنى ئەتە ياكى ئۆگۈن كېلىدۇ دەپ ساقلايدىكەن.  
ئىتىپاقلىق ھەقىقەت كېلەمدۇ ياكى كەلمەمدۇ مەنمۇ تېڭىرقاپلا قالدىم. ھەممىلا ئادەم كېلىدۇ دىگىنىگە قارىغاندا كېلەمدىكىن دەيمەن.
شەھەردىكىلەر ساقلايدىكەن. قوساقلارنى تويغازغاچ، بىلەكلەرنى توملاتقاچ، قوڭلارنى تومپايتقاچ ئىتىپاقلىق دىگەن قەھرىماننى ساقلايدىكەن.
ئىتىپاقلىق كەلگەن كۈنى ئۇلار  شۇنداق ئىشلارنى قىلىدىكەنكى تارىخ بېتى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن يوپ-يورۇق بولۇپ كېتىدىكەن.
ئەمما ئىتىپاقلىق قاچان كېلىدۇ ؟!
ئاڭلىسام ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى شەھەر ئاھالىسى مۇشۇنداق ساقلاۋېتىپتىمىش. يەنە داۋاملىق ساقلايدىكەن. بىراق ھازىرغىچە ئۇنىڭ قارىسى كۆرۈنمەپتۇ.
ئەمما يەنىلا ساقلىماي بولمايدىكەن. چۈنكى ئىتىپاقلىق بولمىسا ئۇلار بىر قەدەممۇ ماڭالمايدىكەن. چۈنكى پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى كوللىكتىۋىزىملىق تەربىيەسى ئالغان ئىكەن. ئورنىدىن تۇرسا تەڭ تۇرىدىكەن. ئولتۇرسا تەڭ ئولتۇرىدىكەن. ماڭسا چوقۇم تەڭ ماڭىدىكەن. ياتسا ھەممىسى جىملا ياتىدىكەن.
ئەمەلىيەتتە ھەممىسىنىڭ پۇتى باركەن. ئۇزۇن-قىسقا پۇتلار بەللەرنىڭ ئاستىدا ساڭگىلاپ تۇرغىلى ئۇزۇن يىللار بوپتۇ. بۇ پۇتلار ئىتىپاقلىقنى ساقلايدىكەن. ئۇ كەلگەن زامان شۇنداق ماڭىدىكەنكى….ئايھاي….راكىتا پوق يەپ قالسۇن.
شەھەردىكى ئادەملەر چىرايلىق يۆگىمەچ ئوتلاردەككەن. ناۋادا ئېچىلسا ئۇششاق رەڭدار گۈللەرنىڭ پۇرىغى ئەتراپنى چاڭ كەلتۈرىدىكەن. شەھەردىكىلەر ساپ-سېرىق چىچەكلەيدىغان كاۋىلاردەككەن. ناۋادا ئۇلار مىۋە بەرسە كاۋىلارنىڭ بەستىدىن كۈننى كۆننى كۆرگىلى بولمايدىكەن.
بىراق ئۇلار ئېسىلىشىپ ئۆرە تۈرۈپ ، چىچەكلەپ مىۋە بېرىدىغان ئىتىپاقلىق ھازىرغىچە كەلمەپتۇ. شۇڭا كاۋا پەلەزلىرى تېخىچە كاۋا سالماپتۇ. يۆگىمەچلەرمۇ تېخىچە ئاق ياكى ھالرەڭلىك چىچەكلىمەپتۇ.
دۇنيادا بىر نەرسىنى ساقلاشتىنمۇ زېرىكىشلىك ئىش بولمىسا كېرەك.
پەزىلەتلىك شەھەردە بىر بالا بار ئىكەن. يالغۇز ئاپىسىنىڭ ھەمراھىكەن. بۇ بالا شەھەردىكىلەردەك پەزىلەتكە مۇھتاج ئەمەسكەن.
باشقىلار ياخشى كۆرگەننى ئەمەس، ئۆزى ياخشى كۆرگەننى قىلىدىكەن. يەنە بىر يېرى، سەل ئەنسىرگەككەن.
ھەممە ئادەم ساقلاۋاتقان ئىتىپاقلىقنى ئۇمۇ ساقلايدىكەن. ساقلىغاچ ئەنسىرەپ تۇرىدىكەن. چۈنكى ئىتىپاقلىق ھازىرغىچە كەلمەيۋاتمامدۇ ؟!
ئۇنىڭ ئىچى پۇشۇپتۇ. ئۇنىڭدىكى كېسەل مۇشۇكەن. ئىچى پۇشىدىكەن. ئىتىپاقلىقنىڭ قاچان كېلىشى ئېنىق ئەمەس. كەلسىغۇ خوپ. ناۋادا كەلمەي قالسىچۇ ؟! مۇشۇنداق ساقلاۋېرىپ پۇتلىرى قورۇلۇپ، بىر كۈنى قاقتەك پوككىتە چۈشۈپ قالسا قانداق قىلار ؟! ئۇ چاغدا ئۇنى كۆتۈرۋالىدىغان ئىتىپاقلىقمۇ يوق، ماڭىدىغان پۇتىمۇ يوق، ئامالسىز قولى بىلەن يەر تاتىلاپ ماڭارمۇ !؟
بالا ئەنسىرەيدىكەن.
بالا ئاخىرى زېرىكىپتۇ. راستىنى ئېيتساق قورقۇپتۇ. ئەشۇ ئىتىپاقلىق دىگەن كەلمەيۋاتقان سەرگەردان باتۇرغا كېيىنكى ھاياتىنى دوغا تىكىشتىن قورقۇپتۇ. ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەملىرىگىچە ئىتىپاقلىقنى ساقلاۋېرىپ كۈنلەرنىڭ بىرىدە جىممىتە ئۆلۈپ قېلىشتىن قورقۇپتۇ.
ئىككى پۇتىغا قاراپتۇ. پۇتلىرىنى ئاستا كۆتۈرۈپ بېقىپتۇ. ئازراق كۆتۈرلۈپتۇ. بارماقلىرىنى مىدىرىتىپ بېقىپتۇ. خۇداغا شۈكرى، ھەرنىمە بولسا سېزىم باركەن.
ئالدىغا قاراپ بىر قەدەم مېڭىپتۇ. پۇتلىرىدىن باشلانغان ئاغرىق مىڭڭىسىگە چىقىپتۇ. چىداپتۇ.  قېتىپ كېتەي دەپ قالغان پۇتلار ناھايىتى تەستە قوزغۇلۇپتۇ. يەنە بىر قەدەم مېڭىپتۇ. ئەسىرلەردىن بېرى ئىتىپاقلىقنى، قۇدرەتلىك كوللىكتىپنى ساقلاپ موميادەك قېتىپ كەتكەن پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسىدىن بىر قەدەم- بىر قەدەم يىراقلاشقا باشلاپتۇ.....
پەزىلەتلىك شەھەردىكىلەرگە ئامال يوقكەن. شۇڭا يانپاشلاپ ياتقاچ ئىتىپاقلىقنى ساقلايدىكەن.
بالا قۇدرەتلىك ئىتىپاقلىقتىن ۋاز كېچىپتۇ. چۈنكى ئۇنىڭغا قۇدرەت بېرەلىگەن نەرسە، چوقۇم ئۇنى ۋەيرانمۇ قىلىۋېتەلەيدىكەن. بۇ قائىدىنى بالا بىلىۋاپتۇ. ئۈمۈت- ئارزۇسىنىڭ چۇلۋۇرىنى باشقىلارغا تۇتقۇزۇپ قويۇشتىن قورقۇپتۇ. ئۇلار ياشاۋاتقان شەھەر تۇققاندارچىلىق ۋە كوللىكتىۋىزىملىق پۇرىقى قويۇق شەھەركەن. بۇنداق تۇرمۇش يالغۇز ئادەمنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆلتۈرۈپ روھىنى، گۆشىنى يەيدىكەن.
بالا بۇ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ياراتقان ئىگىسى بىلەن ئۆزىگە تايانماقچى بوپتۇ.
شۇنداق قىلىپ بالىنىڭ كونا كىتاپلاردا سۆزلەنگەن ئۆزلۈك تۇيغۇسى قوزغۇلۇپتۇ. مەن دىگەن مەن دەپ ئۆزىنىڭ مەيدىسىگە، ئۆزىنىڭ مۇشتى بىلەن ئۇرۇپتۇ. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىتىپاقلىقنىڭ سۈيىنىمۇ كۆرمىگەن قۇرغاق تەغدىرىنى ئۆزى يالغۇز سۇغارماقچى بوپتۇ.
ئۇ پەزىلەتلىك شەھەردىن يىراقلاپ كېتىپتۇ.
بالا كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەلۇم يول ئېغىزىدا ئۆزىگە ئوخشاش ئونلىغان، يۈزلىگەن ھەتتا مىڭلىغان  بالىلار بىلەن ئۇچۇرىشىدىكەن. ئۇلار ئۈمۈتنىڭ قۇلى ياكى زاماننىڭ كۈچىگى ئەمەسكەن. شۇنداقلا پەزىلەتنىڭ چاكىرىمۇ ئەمەسكەن. ئۇلار تۇققاندارچىلىق، ھەمكارلىق ۋە ئىتىپاقلىقلارغا مۇھتاج بولمايمۇ ياشىلايدىغان ئادەملەركەن.
ئۇلار نۇرغۇن رەڭلەردىن تۈزۈلگەن مۇكەممەل ئەسەركەن.
بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاق-قارا، قىزىل-يېشىل، سېرىق-كۆك رەڭلەرنىڭ ھەممىسى بار ئىكەن
ئۇلار بۇغدايلىرىنى ناۋاي بولمىسىمۇ نان قىلالايدىكەن.
ئۇلار باغلىرىنى، قۇدۇق بولمىسىمۇ سۇغۇرالايدىكەن.
ئۇلار يىراقتىن قارىسا ھەيۋەتلىك بىر بۈركۈتكەن. يېققىندىن قارىسىمۇ ھەر-بىرى يەنە بىر بۈركۈتكەن.

 

قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت
Abdurehim ablathan
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى 

ئاپتورنىڭ قىزغىن رۇخسىتى بىلەن يوللاندى  . باشقا جايلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-07-12, 00:06
كەنتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار قىلىش
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-07-11 23:30 |
darya.
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4198
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 65
شۆھرەت: 333 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 334 سوم
تۆھپە: 199 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 200 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 308(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىللىرى ئىكەنلىكىگە باشقىلارنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن چارچاپ كىتىۋاتقان تالاي كىشىلەرنى كۆرگەن ئىدىم...ئاخىرى ، ئۆزىنىڭ ئەشۇنداق پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى ئەمەسلىكىنى خاتىرجەم دىيەلىگەنلەرنىدىن ھوزۇرلاندىم ...
lutun
سۇ ئېرىقتا ئاقىدۇ  ، تاشقىن سايدا.....
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-12 00:32 |
kokturuk
ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 410
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 661
شۆھرەت: 4176 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 4169 سوم
تۆھپە: 2356 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2399 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1236(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

پەزىلەت -دىگەن نىمە؟ ئۇ ھىچنىمە،ھىچنىمە دىگەنگە تەڭ؟
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-12 01:26 |
subhan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6612
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 187
شۆھرەت: 990 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 995 سوم
تۆھپە: 584 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 584 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 255(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئابدىرىھىم ئابلەتنىڭ بىلوگىنى كۆرىمىگىلى 4يىلدىن ئېىشىپتۇ ، بىلىمىدىم ھازىرمۇ بارمۇ يوق ؟
istanbol
تىلى ھەسەل دىلى زەھەر ....
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-12 16:03 |
uyghur-xy
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8222
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 36
شۆھرەت: 191 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 193 سوم
تۆھپە: 114 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 116 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 85(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئابدۇرىھىم ئابلەتخاننىڭ بىلوگى ھازىمۇ بارمۇ ؟ئادىرىسىنى بىلدىغانلار خاپا بولماي يوللاپ بىرىشسىلىرى بوپتىكەن...........؟
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-12 16:25 |
xatmen
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2633
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 139
شۆھرەت: 723 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 724 سوم
تۆھپە: 430 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 431 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 517(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 Re:پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى()

ئابدىرىيىم ئابلەتخاننىڭ بىلوگبوستا بىر بىلوگى بولىدىغان ، تور توختىغاندىن باشلاپ ھازىر غىچا بىلوگىغا كىرىپ باقماپتۇ .( مەخپى شىفىرىنى ئۇنتۇپ قالدىمۇيا )

http://ablathan.blogbus.com
lutun
قىزلار كىرمەڭلار      http://xatmen.ueuo.com
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-12 16:52 |
sarsan88
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 600
شۆھرەت: 3074 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3102 سوم
تۆھپە: 1843 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1856 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 204(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇقىملىقنى ساقلىغان شەھەر ئاھالىسى پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسىغا كىرەرمۇ ؟
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-12 20:51 |
tarem0097
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8406
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 96
شۆھرەت: 483 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 484 سوم
تۆھپە: 290 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 291 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 60(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇقۇملىقنى ساقلاپ قارىغاندا شەھەردىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يانپىشى يىلتىز تارتىپ كىتىدىكەندە؟؟؟
تىچ تۇرغان كۆل سۈيى سېسىپ كىتىدۇ دەپ بىركىتاپتا ئۇقۇغان ئىدىم .
تىنىچلىقنى ساقلاش خۇددى كۆلسىۈيىگە ئوخشامدۇ نىمە؟؟؟؟
istanbol
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-13 14:38 |
kenji
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2127
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 188
شۆھرەت: 973 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 984 سوم
تۆھپە: 579 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 580 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 133(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تاغ چوققىسىغا يامىشىشتا يول كوپ دىگىنىدەك،يېزىشنىڭ بۇ شەكلى ئارقىلىقمۇ ئاپتور زۇلپىقار باراتنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرىنى يوۇرۇتۇپ بېرېلەپتۇ.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-17 13:03 |
qaratal
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8798
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 45 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 50 سوم
تۆھپە: 27 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 32 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 40(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى kenjiدە2012-07-17 13:03يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
تاغ چوققىسىغا يامىشىشتا يول كوپ دىگىنىدەك،يېزىشنىڭ بۇ شەكلى ئارقىلىقمۇ ئاپتور زۇلپىقار باراتنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرىنى يوۇرۇتۇپ بېرېلەپتۇ.

توۋا نىمە دەيدىغاندۇ بۇ دىدەك.سېنىڭ ماشايىخىڭ ئامرىكىدا .ئابدۇرېھىم ئابلەتخان قۇمۇل  دىگەن بىر يەردە ،ئۇ ئۇيغۇرنىڭ ئارىسىدا ،تېخى چەتئەلگە چىقىپ باقمىدى،بەلكى بىر ئېغىز ئېنگىلىسچە بىلمەيدۇ .ماشايىخىڭ كۆرسە خاپا بولىدۇ ،ئۇنداق قىلما!

بىراق نۇغۇچ كاللاڭ قىززىقكەن نىمىشقا بۇ ماقالە ئۆزباشنىڭ ئىدىيىسىنى يورۇتتى دەپ قالغانسەن؟ 
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-17 13:24 |
budunya
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 5764
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1017
شۆھرەت: 5176 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5183 سوم
تۆھپە: 3098 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3104 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 946(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى بولالمايدىغان ئوخشايمىز
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-17 13:55 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » ئادەت قېرىماس