saltanat lutun elan berig
«1234»Pages: 1/4     Go
بۇ تېما 23718 قېتىم كۆرۈلدى
ozturuk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 860
نادىر تېما : 9
يازما سانى : 108
شۆھرەت: 833 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 821 سوم
تۆھپە: 459 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 460 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 60(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 يېڭى شىنجاڭ قۇرۇش يېڭى جۇڭگو قۇرۇش دېمەكتۇر

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-07-15)
يېڭى شىنجاڭ قۇرۇش يېڭى جۇڭگو قۇرۇش دىمەكتۇر

(1950-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ،11-ئاينىڭ 27-كۈنى )

جۇدې


1



        يولداش ۋاڭ جېن :
 دوكلاتىڭىزنى (1) تاپشۇرۇپ ئالدىم .يولداش خۇ جىيەن بىلەن پاراڭلىشىپ ، سىلەرنىڭ بىر يىلدىن بۇيان جاپالىق ئىشلەپ ،ئۇلۇغ نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىڭلەردىن خەۋەر تاپتىم ،سىز ئوتتۇرىغا قويغان بىر قانچە مەسىلىگە تۆۋەنكىدەك جاۋاپ قايتۇرىمەن .

     1. باندىتلارنى تازىلاش ئۇتۇقلۇق بوپتۇ . ئوسمان باندىت قاتارلىق كەسپىي باندىتلار تىنجىتىلغاندىن كېيىن قازاقلارنى(2) تەسىلىم بولۇشقا دالالەت قىلىپ ،تۇرمۇش جەھەتتە چارۋىچىلىقتىن دېھقانچىلىققا يۈزلەندۈرۈپ ،ئۇلار خاتىرجەم قىلىنسىلا ، باندىتلار ئۇلاردىن پايدىلىنالمايدىغان بولىدۇ ،ئۇلارنى زور كۈچ بىلەن ئۆزگەرتىشىڭلەرنى ئۈمىد قىلىمەن؛ ئوسماننىڭ ئۆزىنى تۇتالماپسىلەر ، ئۇ ئامىرىكا ، ئەنگىلىيە جاھانگىرلىكى ۋە جياڭ جيشى باندىتلىرىنىڭ ئارقا سېپى وللاۋاتقان سىياسىي باندېت ، يامان ئاقىۋەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنى يوقىتىشقا دىققەت قىلىىڭلار ، شىنجاڭ ،چىڭخەي،شىزاڭ چېگرالىرىدىكى ھۈسەيىن ،قالىيبېك قاتارلىق باندىت قەبىلە باشلىقلىرىغا قارىتا تازىلاش بىلەن بويسۇندۇرۇش يولىنى تەڭ تۇتۇش كېرەك ،ئۇلارغا ھەم كۈچلۈم بېسىم ئشلىتىش ،ھەم ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىپ ،تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ،ئۇلار بىلەن بار -يوقنى ئۆز -ئارا تەڭ تولۇقلاش لازىم ، شۇنداق قىلغاندىلا ،ئۆز ئارا دوستانە ئۆتكىلى بولىدۇ ، ئۇلار باندىتلىقتىن قول ئۈزىدۇ ، ئامىرىكا ،ئەنگىلىيە ، جىياڭ جېيشى باندىتلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا پۇرسەت قالمايدۇ .
    بىلىشڭلەر كېرەككى ، شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ ، نوپۇسى ئاز ،باندىت ئاسان پەيدا بولىدۇ ، تازلىماق تەس ، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ تۇرمۇشنى ياخشىلىغاندىن باشقا ، قاتناش ،قوراللىرى (تانكا ، بروۋنىك ،ماشىنا ) قاتارلىقلارنى كونتىرول قىلىپ ،ئۇنىڭراۋان ئىشلىتىشىنى كاپالەتدۈرۈپ ،باندىتلارنى قوسقۇنچ بېسىپ ،زۇورلۇق -زۇمبۇلۇق قىلالمايدىغان قىلىش كېرەك ،ئەڭ ئاساسلىقى يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاق -دوستانە ئۆتسە ،ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئۆسۈپ تۇرمۇشى ياخشىلانسا ، سانائەت ، دېھقانچىلىق،چارچىچىلىق راۋاجلانسا، قاتناش -تىرانسپورت كۈنسايىن ياخشىلانسا باندىتلارنى تەلتۆكۈس تۈگەتكىلى بولىدۇ .

      2. قىسىمنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىدا زور نەتىجە قولغا كەپتۇ ، تورمۇش زور دەەرىجىدە ياخشىلىنىپتۇ.بۇ ياخشى ئىش ، بىراق سىلەر تولىمۇ جاپا چەكتىڭلەر ، تارىختا مىسىلسىز تۆھپە ياراتتىڭلار ، شۇنداقتىمۇ سالامەتلىكىڭلەرنى كاردىن چىقىرىپ قويساڭلار بولمايدۇ ، بۇندىڭدىن كېيىن ماشىنا -ئۈسكۈنىلەرنى ئىنسانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ماھىر بولۇش كېرەك . يەر كەڭ،ئادەم شاڭالڭ ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ ، سىلەر ئىشلەپچىقارغان ماددىي ئەشيالارنى ئۆزەڭلەرنىڭ قايتا ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىشلەتكەندىن باشقا ، سېۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ماشىلىرىغا ئالماشتۇرۇشنى ئاساس قىلىشىڭلار كېرەك . يېزا ئىگىلىكىنى باشلامچى قىلىشتىن سانائەتلەشتۈرۈشكە بۇرۇنغاندىلا ،ئاندىن چوڭ ئىگىلىك بەرپا قىلغىلى بولىدۇ ، ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلات كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ ، ئىسراپچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ ، تىرانسىپورت راۋاجلانسا ،تۈرلۈك ماددىي ئەشيالارنى كاپىتال فوندىغا ئۆزگەررتىپ تەكرار ئىشلەپچىقىرىش قورالىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ ، بۇ يىل سىلەر قورال سايمىنىڭلار ياخشى بولماي تۇرۇپمۇ ئەمگەك كۈچىگە تايىنىپ خېلى نەتىجە ياراتتىڭلار ، ئەگەر كېلەر تىلى ئىشلەتكىلى بولىدىغان ،ياخشى  قورال سايمانلار كۆپەيسە ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ئىشلەتكەن دېھقانچىلىق سايمانلىرى ياكى سېۋەىت ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى ياخشىلاپ ئىشلەتسەڭلەر ، كېلەر يىللىق تەكرار ئىشلەپچىقىرىشتا ئاز كۈچ بىلەن زور نەتىجە ھاسىل قىلىغىلى بولىدۇ ، بۇ يىلقى تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ ، كېلەر يىللىق پىلاننى تېىخمۇ ياخشى تۈزۈش ،بولۇپمۇ ئېكىسپورت قىلغىلى بولىدىغان تاۋارلارنى كۆپ ئىشلەش كېرەك ، ئالايلۇق ، كەندىر ، پاختا ئىشلەپچىقىرىش ياكى رەڭلىك مېتال قېزىش ۋە ياكى شۇ جايدىكى سانائەت خام ئەشيالىرىنى ئىشلەشنىڭ ئاشلىق تېرىغانغا قارىغاندا پايدىسى كۆپ ،بۇ مەھسۇلاتلارنى تاشقى پېرۋوتقا ئالماشتۇرۇش تېخمۇ ئوڭاي ،رېمونتچىلىق -ياساش قۇرۇلۇشى ۋە قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىش -ئىگىلىك بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم كەسىپ ،تۇرۇلغۇ سېلىشتىمۇ ئۇزاقنى نەزەردە تۇتۇش ، ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىنى نەچچە ئون يىل بىرەر يۈز يىل ئولتۇرغىلى بولىدىغان قىلىپ سېلىش كېرەك .

      3. شىزاڭغا ئەسكەر كىرگۈزۈش سىلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك خىزمىتڭلەر ، بۇنىڭدا ئالدىراقسالىق قىلىشقا بولمايدۇ ،تاشيول نەگىچە ياسالسا ،شۇ يەرگىچە كىرىش كېرەك ،قارىسىغا ئىلگىرلىمەي قەدەمدە بىر ئىستىھكام قۇرۇپ ،پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرلەش ،شىزاڭلىقلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنى پىششىق بىلىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن كىرىش كېرەك

       4. كېلەر يىللىق ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا سىلەردە پىلان بولىشى كېرەك ،ئەڭ ياخشىسى بۇ پىلاننى بۇ يىل تۈزۈپ چىقىڭلار ،
     بىز ھەممىمىز ياخشى تۇرىۋاتىمىز ، خاتىرجەم بولۇڭلار ، سىلەرنىڭ بىردەك تىرىشىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز ، يېڭى شىنجاڭ قۇرۇش يېڭى جۇڭگو قۇرۇش دېمەكتۇر .


   ھۆرمەت بىلەن :
                      جۇدې
                           9-ئاينىڭ 14-كۈنى



2



        يولداش ۋاڭ جېن :
 ۋاڭ يولداش ئېلىپ كەلگەن خەتنى تاپشۇرۇپ ئالدىم ،سىلەردە سۇ قۇرۇلۇشى دېھقانچىلىق مەيدانلىرنىڭ سۇغىرىش ئىشىغا چېتىلىدۇ ، ئەگەر 5 مىليون مو سۇغىرىش ۋەزىپىسىنى ئوپرۇندىيالىساڭلار مۇۋەپپىقىيەت قازانغان بولىسىلەر ، بولۇپمۇ شىنجاڭ -پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونى ، ئالاھىدە شارائىتقا ئىگە ،تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە سۇغىرىشقا ئىشلىتىدىغان سۇ ئۆكسىمەيدۇ ، كۈزلۈك يىغىمدا ھۆلچىلىك بولمايدۇ ، بۇ ئىككى شارائىت سىلەردىلار بار ، بۇنىڭغا دىققەت قىلغايسىلەر ، مۇشۇنداق شارائىت بولغاندىكىن چوڭ كۆلەملىك كېۋەزلىك بەرپا قىلساڭلار ،يىلىغا ھەر موسىدىن 500جىڭ ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ ، ئەگەر سىلەر مۇشۇنداق يەرلەردە ئۇزاق مەزگىل كېۋەز تېرىساڭلار زور پايدا كۆرىسىلەر ، ئۆزەڭلەرنىڭ كىيىنم -كېچەك مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلالايسىلەر ، شىزاڭ مەسىلىسىگە كەلسەك ، قىسىملار چاڭدۇغا كىردى ، ھەربىي ئىشلار جەھەتتە چوڭ مەسىلە يوق ،كېلەر يىلى يازدا لخاساغا كىرىدۇ .ناۋادا سىلەرگە قىيىن توختىسا ،ئۆزەڭلەرنى زورلىماڭلار ،تاشيولنى ھامان ياساش كېرەك ،شىنجاڭ بىلەن شىزاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان تاشيول بولمىسا بولمايدۇ .


                   ھۆرمەت بىلەن : 
                                 جۇدې

                         11-ئاينىڭ 127-كۈنى


ئىزاھ :
(1)ۋاڭ جېنىڭ 1950-يىل 8-ئاينىڭ 28-كۈنى قىسىمنىڭ باندېت يوقىتىش ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرى توغرىسىدا جۇ دېغا قىلغان دوكلاتى

(2) بۇ يەردە دېيىلگەن قازاقلار شۇ مەزگىللەردە ئوسمان باندىتنىڭ ئالدىشى مەجبۇرلىشى بىلەن توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە قاتناشقان بىر قىسىم قازاق چارۋىچىلارنى كۆرسىتىدۇ


شىنجاڭ خىزمىتىگە دائىر ھۈچجەت -ماتىرىياللاردىن تاللانما (2010-1949) ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى ، باغداش تورىغا خاس ، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ ، تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ۋە ناچار ئىنكاسلارنى يېزىشتىن ساقلىنىڭ !
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-07-13, 01:35
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-07-13 01:34 |
anatil8
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8450
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 167
شۆھرەت: 845 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 845 سوم
تۆھپە: 506 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 506 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 57(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

توۋا باغداشقا نىمىشقىمۇ بۇرۇنراق كىرمىگەن بولغىيتتىم،نەچچە ۋاقىتنىڭ بىرسىگە مىسرانىم،ئەلكۈيىلەردە يۈرۈپتىمەن ئەمەسمۇ.

ئەسلى باغداشقا مەن ئىزدەۋاتقان،مەن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان تىمىلار يوللىنىدىكەن ئەمەسمۇ؟

باغداشقا بۇرۇنلاردا يوللانغان تىمىلارنى كۆرۈپ پىكىر قاتناشتۇرالمىغىنىمدىن تۇلۇمۇ ئەپسۇسلىنىۋاتىمەن....
مانا بۈگۈن بىر ئادەم نەچچە يىل قۇدۇقنىڭ تىگىدە تۇرۇپ بىپايان زىمندا قانداق يىڭىلىقلارنىڭ بارلىقىنى بىلەلمەي ئۆتۈپ كىتىۋاتقان بىر ئادەم،سىرتقى دۇنيا بىلەن ئۇچىراشتى.ئۇ خۇشاللىقىدىن قاقاقلاپ كۈلمەكتە....

ھۆرمەتلىك تورداشلار مەن ھاياجاندا بىر نەچچە مۇنبەرنى سېلىشتۇرۇپ سالدىم،بۇنداق دىيىشىم بىرىنى ياخشى بىرىنى ناچار دىمەكچى ئەمەسمەن،پەقەتلا باغداش مۇنبىرىنى ئەزالىرى ئىلمىي پىكىر قىلىدىكەن،ياخشى تىمىلار يوللىنىدىكەن دىمەكچى،شۇڭلاشقا ئىنكاسىمنى نەقىل ئالماي تىما مەزمۇنى توغرۇلۇق مۇنازىرە ئېلىپ بارساق دىگەن ئۈمۈتتە.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-13 01:51 |
anatil8
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8450
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 167
شۆھرەت: 845 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 845 سوم
تۆھپە: 506 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 506 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 57(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تىما توغرۇلۇق مۇنازىرە قىلىشىشقا بىلىمىم ئاجىزلىق قىلىدىكەن،شۇڭلاشقا بۇ توغرىسىدا ئىنكاس يېزىشقا ئامالسىزمەن.بىلمەيدىغان ئىشلارغا زورلاپ ئىنكاس يېزىپ مۇنبەرداشلارنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈشتىن ئەنسىرەيمەن.

لىكىن مۇنبەردىكى بىلىملىك زىيالىيلارنىڭ ھەربىر تىما ئىنكاسلىرى شۇنداق ئىلمىي،ساپاسى يۇقۇرى ئىكەن،مۇشۇ مۇنبەرگە كۈنسىرى ئاشىق بۇلۇپ قېلىۋاتىمەن.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-13 01:53 |
kimlarbar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8392
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 18 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 18 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 22(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئوسمان باندىت كىم؟قازاقلار ئارىسىدا ئۇ كىشى توغۇرسىدا كوپ ئەپسانەلار بار
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-13 09:29 |
tarim11
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5614
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 23
شۆھرەت: 126 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 128 سوم
تۆھپە: 74 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 76 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 73(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  ئەسلى  ئوسمان باتۇر. ئەينى چاغدا قاچماي تۇتۇغان بولسا ..... تەرپىدىن ئۆلتۈرگەن بوللاتتى.چۈنكى ئۇ ئۈچ ۋلايەت ئىنقىلابىنىڭ مۇيىم شەخىسىدۇر.سرتقا قاچتى ...... تەرپىدىن ئوسمان باندىت قالپىقى كەيگۈزىلدى.
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-13 10:19 |
kimlarbar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8392
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 18 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 18 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 22(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قېرىنداشلار تۇركىيەنىڭ( 1453بويسۇندۇرۇش)فىلىمىنى قەيەردىن كورگىلى بولىدۇ ،توردا بارلىرى ئېلان فىلىملىرى ئىكەن
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-13 10:47 |
kenji
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2127
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 188
شۆھرەت: 973 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 984 سوم
تۆھپە: 579 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 580 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 133(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەربى گېنىرالنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىساد توغرىسىدىكى دانالىقلىرى مېنى كۆپ ھەيرەتتە قويدى،ئۇنى مۇنچىلىك دانا  پىكىرلىك دەپ ئويلىماپتىكەنمەن.
شىنجاڭ -پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونى ، ئالاھىدە شارائىتقا ئىگە ،تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە سۇغىرىشقا ئىشلىتىدىغان سۇ ئۆكسىمەيدۇ ، كۈزلۈك يىغىمدا ھۆلچىلىك بولمايدۇ ، بۇ ئىككى شارائىت سىلەردىلار بار ....
  جۇدېنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئەينى چاغدىكى سۇلىرى ئەلۋەك،كىشىلىرى ياۋاش مۇھىتىمىز كۆز ئالدىمغا كەلدى. شۇ ئەلۋەك سۇلار نەگە يوقالغاندۇ؟
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-13 10:52 |
begir
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6865
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 322
شۆھرەت: 1651 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1663 سوم
تۆھپە: 993 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1005 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 260(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قازاقلار ئوسمان باتۇرغا قانداق قارايدىكىن ؟
مېنىڭ شۇنى بەكلا بىلگۈم بار ئىدى ...
istanbol
كىشى ئاخىر ئۆلۈپ كېتىدۇ....
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-13 11:26 |
kokchi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7937
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 90 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 90 سوم
تۆھپە: 54 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 54 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 34(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   ئوسمان ئىسلام (ئوسمان باتۇر) كۆكتوقاي ناھيىسىدە تۇغۇلغان.تەقۋادار مۇسۇلمان.ئۇ ياش چاغلىرىدا شىېڭ شىسەيگە قارشى قوزغۇلاڭلارغا باش بولغان (خۇددى بىزنىڭ خوجانىياز ھاجىمدەك)،ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتىلىغاندا سوۋېت تەرەپ ئۇنى ئۆزىگە تارتماقچى بولغان ھەم غۇلجىدا قۇرۇلغان ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريىتى تەرىپىدىن ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن،بىراق ئوسمان كومۇنىزىم ئىدىيىسى بىلەن چىقىشالمايدىغان بولغاچقا ،ئۈچ ۋىلايەت شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى مارشال ئەلىخان تۆرەم بىلەن مەخپىي ئالاقە قىلىپ سوۋېت بىلەن دۈشمەنلەشكەن ھەم بىر ئىسلام دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان،ئۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ كېيىكى رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمىنى ئېتراپ قىلمىغان.شۇنىڭ بىلەن ئوسمان ئۈچ ۋىلايەت بىلەن ئادا جۇدا بولۇپ گومىنداڭنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىپ ،سوۋېت ھىمايىسىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيسى بىلەن ئۇرۇش قىلغان.1949-يىلى9-ئايلاردا ئازادلىق ئارمىيە شىنجاڭغا كىرگەندە ئوسمان ئۆز ئادەملىرىنى باشلاپ قۇمۇل تاغلىرىدا،بارىكۆل يايلاقلىرىدا ھەم گەنسۇ -چىڭخەي تاغلىرىدا ئازادلىق ئامىيە بىلەن جەڭ قىلىپ نۇرغۇن ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.ئاخىرى ئەسىرگە چۈشۈپ 1950-يىلى ئەتىيازدا ئۈرۈمچى شەھرىدە ئەكسىلئېنقىلاپچى،باندىت نامى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان.شۇ چاغدىكى جازا ئىجرا قىلىشتا،ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئالىمى ئابلىز چىڭگزخان دامۇللام،شىېڭ شىسەينىڭ سەقچى باشلىقى جاللات لى يىڭچى يەنە قۇربان قوداي،ئەر توغرۇل( گومىنداڭ دەۋرىدكى ئۆلكە رەئىسى مەسئۇت ئەپەندىمنىڭ ئوغلى) قاتارلىقلارمۇ بىللە ئېتىپ تاشلانغان.ئوسماننىڭ ئوغلى شېردمان قولغا ئېلىنىپ كېيىن ئالتايدا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان،بىر قىسىم قازاقلار ئوسماننىڭ ھەمراھى قالىبەك بىلەن بىللە شىزاڭ ئارقىلىق ھىندىستانغا ئۆتۈپ ،ئاخىرى بېرىپ تۈركىيە جۇمھۇريىتىگە يەرلەشكەن.قاچالماي قالغان يەنە بىر قىسىم ئەگەشكۈچىلىرى قولغا ئېلىنىپ ئاقسۇ،يەكەندىكى جازا مەيدانلىرىدا ئەمگەك قىلىپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان.قازاق خەلقى ئوسمان ئىسلامنى باندىت دېمەيدۇ.بىز خوجانىياز ھاجىنى قەھرىمان دېگەندەك،ئۇنى ئوسمان باتۇر دەپ ئاتايدۇ،ھەم ئۇنىڭدىن بەكمۇ پەخىرلىنىدۇ. 
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-13 13:01 |
tarem0097
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8406
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 95
شۆھرەت: 478 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 479 سوم
تۆھپە: 287 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 288 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 54(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۇسمان باتۇر ئۇسمان باندىت دەپ كىچىكىمدىن چۇڭلاردىن ئاڭلاپ يۈردۈم ،ئانايۇرت رومانىدا ئانچە مۇنچە مەزمۇنلارباركەن مۇشۇ كىشى توغۇرلۇق لىكىن يە نىلا يىتەرلىك ئەمەسكەن .
بۇسىر لارمۇ پات ئارىدا ئېچىلغۇسى.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-13 13:07 |
parangqi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3054
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 133
شۆھرەت: 674 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 674 سوم
تۆھپە: 401 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 407 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 119(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئوسمان نىمىشقا <باندىت> دىيىلىدۇ؟

تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈش ئىنتىھانىنىڭ <سىياسەت> قىسمىدا مۇنداق سۇئال بولىدىغان :
يامغۇر يېغىش ياخشى ئىشمۇ ياكى يامان ئىشمۇ؟
بۇ سۇئالغا يامغۇرنىڭ ئوخشىمىغان كىشىلەرگە بولغان قىممىتى (مەنپەئەتى) نۇقتىسىدىن جاۋاپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى.

ئوسمان ئاشۇ <   يامغۇر >غا ئوخشايدۇ. ئۇنى باتۇر دەپ ئاتاشقانلارمۇ،  باندىت دەپ ئاتاشقانلارمۇ بولدى.  

كىمنىڭ قانداق ئاتىشى، ئۇنىڭ ئوسماننىڭ ئىدىيىسى، ئېتىقادى، ھەركىتىنىڭ قىممىتىنى تونۇشىغا باغلىق.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-13 13:46 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«1234»Pages: 1/4     Go
Bagdax bbs » تارىخ بەتلىرى