جۇڭگو - قومۇل « شىرىن ساياھەت » 9- نۆۋەتلىك قوغۇن بايرىمى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى
جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت ( ئۇيغۇر ) داڭلىق خەتتاتلىرىنىڭ
نەق مەيدان ماھارەت كۆرسىتىش يىغىلىشى
باغداش تورى خەۋىرى :
قومۇل شەھەرلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلىمى، قومۇل شەھەرلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى خەتتاتلار جەمئىيىتى، قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەشكىللىشى، قومۇل شەھەر ئىچى يىزىسى مەدەنىيەت پونكىتى، قومۇل ئايشەم يىمەك- ئىچمەك مەدەنىيەت شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن جۇڭگو - قومۇل « شىرىن ساياھەت » 9- نۆۋەتلىك قوغۇن بايرىمى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت ( ئۇيغۇر ) داڭلىق خەتتاتلىرىنىڭ نەق مەيدان ماھارەت كۆرسىتىش يىغىلىشى ۋە كۆرگەزمىسى » 2012- يىل 7- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن كىيىن قومۇل موزىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. قومۇل دىيارىغا تەكلىپ بىلەن جۇڭگو خەتتاتلار جەمىيىتىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى داڭلىق خەتتات نىياز كىرىم شەرقى، جۇڭگو خەتتاتلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى داڭلىق خەتتات قاينام جاپپار، شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىنىڭ گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرى داڭلىق خەتتات ئىسمايىل ئىبراھىم، شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتىدىن داڭلىق خەتتات تۇرسۇن قۇربان قاتارلىقلار قاتناشتى. كۆرگەزمىگە قومۇل خەتتاتلىرىنىڭ 25 پارچە ئويغۇر خەتتاتلىق ئەسىرى داڭلىق خەتتاتلارنىڭ 13 پارچە ئىسىل ئەسەرلىرى قاتناشتۇرۇلدى. كۆرگەزمە داۋامىدا نىياز كىرىم شەرقى قاتارلىقلار قومۇل گىزىتى ئىدارىسى، قومۇل شەھەر ئىچى يىزىسى مەدەنىيەت پونكىتى، ئايشەم يىمەك ئىچمەك مەدەنىيىتى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلارغا بىرىپ نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىپ خاتىرە قالدۇردى. 12- چىسلا قوغۇن بايرىمى سودا يەرمەنكىسى ئورنىدا نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىپ قوغۇن بايرىمىنى مول مەزمون بىلەن تەمىنلىدى. قومۇل تاراتى، قوراي قاتارلىق تاغلىق رايونلاردا ۋە شەھەر ئىچى يىڭى مەدرىسى، قەيىس ئاتا مازىرىنى زىيارەت قىلىپ مەرھۇم خەتتات ھاپىز نىيازنىڭ ئەسلى قول يازمىلىرىدىن ھوزۇرلاندى. قومۇل شەھەرلىك پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرىدىن شەھەر باشلىقى مۇھەممەد نىياز قاتارلىق رەھبەرلەر ئەزىز مېھمانلارغا چاي بەردى. قومۇل شەھەرلىك خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھۆسىيىن سالى سىلىم، شىنجاڭ ۋىيمىن ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى، خەتتات ئەسئەت مۇھەممەد تۆت كۈنلۈك كۈتىۋىلىشتا بىللە بولدى. ھۆسىيىن سالى سىلىم كەشتىدىن ئىشلەنگەن ھۆسىنخەت ئەسەرلىرىنى مىھمانلارغا تەقدىم قىلدى. مھمانلارمۇ ئىسىل ئەسەرلىرىنى قومۇل خەلقىگە تەقدىم قىلدى. بۇ قىتىمقى يىغىلىش قومۇلنىڭ خەتتاتلىق تەرەققىياتىدىكى يارقىن نۇقتا بولۇپ قالدى.
پائالىيەت سۈرەتلىرى