saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 8167 قېتىم كۆرۈلدى
qeyser-mijit
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8451
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 31
شۆھرەت: 325 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 305 سوم
تۆھپە: 169 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 169 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ھۆرمەت ۋە سېغىنىش-قەيسەر مىجىت

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-07-17)
ھۆرمەت ۋە سېغىنىش

قەيسەر مىجىت



      ئاپتورئىلاۋىسى: بۇ يازما 2007-يىلى يىزىلغان بولۇپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۇستازىم ۋە ساۋاقداشلىرىمغا بىغىشلانغان. ئەينى ۋاقىتتا بىلىۋال تورىدا ئىلان قىلىنغان ۋە ساۋاقداشلار ئۇچرىشىشىدا ناتىق دوستۇم ئەنۋەر ئابلا تەرىپىدىن ئوقۇپ ئۆتۈلگەن


        بۇرناكۈن، ئۇلۇغچات ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە تولۇقسىز ئوتتۇرىدا بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىمدىن تۈن يېرىمىدىن ئاشقاندا كەلگەن تېلېفون دەسلەپ مېنى گاڭگىرىتىپ قويغان بولسا، كېيىن مېنى شادلىققا چۆمدۈردى
"
     قارا،--- دېدى - گەپدانلىقى ۋە زېرەكلىكى بىلەن ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدا ماڭا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان، ئەينى چاغدا ماڭا ئوخشاش "كەنشىۋەر
ئورمانچىلىق مەيدانى" دىن ئۇلۇغچاتقا بېرىپ ئوقۇغان يەنە بىر "ئورمانلىق" ساۋاقدىشىم - ئەنۋەر ئابلا، -- بىز مۇشۇ شەنبە كۈنى تولۇقسىزدا بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلار قەشقەرگە يىغىلىپ، سىنىپ مۇدىرىمىز ئوبۇلقاسىم مۇئەللىم ۋە ئايالى پاتىمە خانىملارنى يوقلاپ، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ گۈل تۇتماقچى. ئارىمىزدا سەنلا بۇ پائالىيەتكە كېلەلمەيدىكەنسەن، سېنى بۇ ئىشتىن خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ساڭا تېلېفون قىلىۋاتىمىز. مۇمكىن بولسا شۇ كۈنى بىز بىلەن ئالاقە قىلساڭ...
---
سېنى كۆرگۈمىز كەلدى، قاچان كېلىسەن؟ شۇ كۈنى بىزگە تېلېفون قىلارسەن؟ -- دەپ سورىدى يەنە بىر ساۋاقدىشىم يالقۇن خىلىل.
ئەلۋەتتە دەپ خۇشاللىق بىلەن جاۋاب قايتۇردۇم مەن ئۇلارغا شۇ زامانلا.
ئۇلارنى ئۇنتۇمىغان ئىدىم، ئۇلارمۇ ئۇنتۇشماپتۇ، ھەر ھالدا ئۇنتۇشماپتۇق!. ئۆز-ئۆزۈمگە شۇنداق پىچىرلاۋېتىپ سائەتكە قارىدىم.
ۋاقىت--- ئامېرىكىنىڭ شەرق قىسىم ۋاقتى سەھەر بىردىن ئېشىپتۇ. قانچە قىلساممۇ كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمىدى. قەلبىمنى بىر ھاياجانلىق تۇيغۇ چۇلغىۋالغان ئىدى. بەلكى شۇ چاغدىكى روھى كەيپىياتىمنى تەسۋىرلەشكە توغرا كەلسە، تالانتلىق شائىر قۇربان باراتنىڭ ئانا مەكتىپى -- (ئاتا-ئاناممۇ ۋە مەنمۇ تولۇق ئوتتۇرىنى ئاشۇ مەكتەپتە ئوقۇغان) --قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىغا ئاتاپ 80- يىللارنىڭ بېشىدا يازغان "سەن بۈركۈت ئۇۋىسى - سەن ئالتۇن بۆشۈك" ناملىق شېئىرىدىكى مۇنۇ مىسرالار تازا باب كېلەتتى
:

نېمىشقا كۆزۈمگە ئىسسىق ياش كەلدى،
.نېمىشقا جىسمىمدا دولقۇن ئۇردى قان،
،گويا گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىگەندەك،
قەلبىمدىن ئۇرغۇدى شاتلىق-ھاياجان!


        كەيپىياتىمنى تىنجىتماق بولۇپ كۆزۈمنى يۇمدۇم، ئەمما يۈرىكىمنىڭ تېگىدىن بىر خىل سېزىم كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. مەن بۇ خىل سېزىمنى ئىپادىلەشكە تىل جەھەتتىن ئاجىزلىق قىلساممۇ بىراق ئۇنىڭ ئانا ۋەتەننىڭ تاغ-دەريالىرىنى، يېزا-مەھەللىرىنى، مېنى چوڭ قىلغان ئىجتىمائىي مۇھىتنى ۋە ساپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، جۈملىدىن ھاياتىمدا ماڭا تەسىر قىلغان، قەلبىمگە ئىز سالغان كىشىلەرنى ۋە ئىشلارنى سېغىنىش ئىكەنلىكى ماڭا ئايان ئىدى.
     ئۇيقۇنى تەرك ئەتتىم. قولۇمغا قەلەم ئالدىم. ماكان ۋە زاماننىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلى، ساۋاقداشلارنىڭ پائالىيىتىگە بارالمىساممۇ، ئەمما قەلىمىم ئارقىلىق ئەينى چاغدىكى سىنىپ مۇدىرىمىز - قەدىردان ئۇستاز، مائارىپچى ئوبۇلقاسىم ئۇلۇغ مۇئەللىمگە بولغان ھۆرمەت ۋە سېغىنىشىمنى ھەمدە 1982-يىلى سېنتەبىردە ئۇلۇغچات ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ "6-يىللىق ئا" سىنىپنى تەشكىل قىلغان سۆيۈملۈك ساۋاقداشلىرىمغا بولغان سۆيگۈ ۋە سېغىنىشىمنى تور ئارقىلىق ئىزھار قىلماق بولدۇم.

*********************************************

     ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدا بىر ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرىنىڭ مۇنداق ئېيتقانلىقىنى قايسى بىر ماتېرىيالدىن كۆرگىنىم ئېسىمدە:
    مەن ئۈچۈن ئاتا-ئانام ئۇلۇغ، چۈنكى ئۇلار مېنىڭ بۇ دۇنياغا كېلىشىمگە سەۋەبچى بولدى. مەن ئۈچۈن يەنە ئۇستازىم ئۇلۇغ، چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئاغزىمغا ئىلىم سېلىپ ئادەملىك قەدىر-قىممەت بىلەن ياشىشىمغا ئاساس سالدى".
     مەن ئوقۇپ مۇشۇ پەللىگە ۋە ياشاپ مۇشۇ ياشقا كەلگۈچە خېلى كوپ مۇئەللىملەردىن ساۋاق ئالدىم، تەربىيە كۆردۈم. شۇ سەۋەب ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ھۆرمىتىم بار. ئاشۇلارنىڭ ئىچىدە مېنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى سىنىپ مۇدىرىم - تولۇقسىز 2-يىللىق ۋە 3-يىللىق ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسى ئوقۇتقۇچىمىز- ئوبۇلقاسىم مۇئەللىم - ئۈستۈن كەسپى ساپاسى، ئۆزگىچە ئوقۇتۇش ئۇسلۇبى، مائارىپچىلارغا خاس مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە مېھرىبانلىقى ھەمدە ھەقىقىي ئۇيغۇر ئەركەكلىرىگە خاس جۇشقۇنلۇقى، خەلق سۆيەرلىگى بىلەن قەلبىم تۆرىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ.
       ئېسىمدە قېلىشىچە ئوبۇلقاسىم مۇئەللىم ئەينى چاغدا يەكەن دارىلمۇئەللىمىندە ئۇيغۇر ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، - مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن ئايالى پاتىمە خانىم ئىككىسى ئۇلۇغچات ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مىللىي مائارىپنىڭ سۈپىتىگە سۈپەت قوشقان غوللۇق ئوقۇتقۇچىلاردىن ئىدى.
    ھازىر بىزنىڭ يېشىمىز ئەينى چاغدىكى شۇلارنىڭ ياش قورامىغا يېقىن كېلىدۇ. ئويلىسام، ئوبۇلقاسىم مۇئەللىم شۇ چاغدىكى تىرىشچان، ئۆز خەلقىگە مەسئۇلىيەتچان، ئوقۇغۇچىلىرىغا كۆيۈمچان، ئالغا ئىنتىلىشچان باغۋەنلەرنىڭ تىپىك ۋەكىلى ئىكەن.
      بىراۋنى ئۇنتۇماسلىقنىڭ ئۆزى ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت ۋە ئەسلەشنىڭ ئاساسى. بۇ يەردە مەن ئارىدىن 20 نەچچە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى سۈپىتىدە ئوبۇلقاسىم مۇئەللىمنىڭ بىزگە، جۈملىدىن ماڭا تەسىر قىلغان ئىش-ھەرىكىتى ۋە سۈپەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىم ۋە سەمىمىي سېغىنىشىمنى ئىزھار قىلماقچى.
------------------------------------------------------------

     ئوبۇلقاسىم مۇئەللىمنىڭ تولۇق ئىسمى ئوبۇلقاسىم ئۇلۇغ بولۇپ، ئۆزى قاۋۇل، چەبدەس كەلگەن مىجەزى ئوچۇق كىشى بولۇپ تىپىك ئۇيغۇر يىگىتلىرىدىن ئىدى.
       بىز تولۇقسىز 2-يىللىققا چىققاندا ئۇ بىزگە سىنىپ مۇدىرى بولدى ھەمدە بىزگە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسىنى بېرىشكە باشلىدى. سىنىپ مۇدىرىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ بىز بىلەن كۆپ ئۇچرىشاتتى. دەرستە ئوقۇغۇچىلارغا تەلەپچان ئىدى، چۈنكى ئۇ ئۆزىمۇ ئۆزىگە تەلەپچان ئىدى. ئوقۇغۇچىلارغا خۇددى ئاتىسىدەك كۆيۈمچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇنىڭ ئوغلى- مۇختەر ھەم بىز بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇيتتى. ئۇ ھەممەيلەننى تېرىشىپ ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرەتتى. لايغەزەللىكنى ۋە بوشاڭلىقنى ياقتۇرمايتتى.
      ئۇنىڭ سۆز بايلىقى مول بولۇپ، خەلق ئېغىز تىلى ۋە ئەدىبى تىلنى ئىشلىتىشكە ماھىر ئىدى. ئۇنىڭ ئادەم دەماللىققا تېگىگە يېتىپ بولغىلى بولمايدىغان، ئەمما يەتكەندىن كىيىن چېكىسىدىن تەر ئاقىدىغان ئۆتكۈر سۆزلىرىنىڭ كۈچىنى تونۇپ يەتكەن، كەپسىزرەك ئوقۇغۇچىلار ئۇنى كۆرگەن ھامان ئۆزلۈكىدىن يىپتەك بولۇپ كېتىشەتتى. دەرسكە كېچىكىپ كېلىدىغانلار ئۇنىڭ دەرسى بار كۈنى سىنىپقا يۈگرەيتتى.
       ئۇ بىزگە قويغان تەلەپنى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق كۆرسىتەتتى.
ئوبۇلقاسىم مۇئەللىم بىزنى ئورۇندىن سەھەر تۇرۇشقا، تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىلھاملاندۇراتتى. "سەھەردە ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشنىڭ سالامەتلىككە پايدىسى كۆپ" دەيتتى ئۇ. مەن ئۇنىڭ قىشنىڭ قارلىق سەھەرلىرىدىمۇ يۈگۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم. ئۇ بىزنى ئىلىم-پەننى مۇھىم بىلىشكە، ياخشى ئوقۇپ چوڭ-چوڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەنلەردىن ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇراتتى. مەسىلەن، ئۇ مۇنۇ ئىشنى سۆزلەپ بەرگەندە مىنىڭ "مەنمۇ ئاشۇ ئاكىمىزدەك ئادەم بولمىسام" دەپ ئويلىغانلىقىم ئېسىمدە
       ئۆتكەندە قەشقەرگە كىرگەندە يەكەن دارىلمۇئەللىمىندىكى ئۇستازىمنى يوقلاپ ئۆتتۈم. ئىككىيلەن ئەھۋاللىشىپ ئولتۇرساق ئۇنىڭ ئوغلى كىرىپ كەلدى ۋە سالام-سائەتتىن كېيىنلا باشقا ئۆيگە كىرىپ كەتتى 
         بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدۇ بۇ ئوغلۇم، مەكتەپتە ياخشى ئوقۇيدۇ. ئۇنىڭ ئارزۇسى چوڭ. چىڭخۇئا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيمەن دەيدۇ. باشقىلار ئوقۇيالىغان مەكتەپتە بىز خەق نېمە دەپ ئوقۇيالمايدىكەنمىز دەپ ئۆزىگە بەك قاتتىق تەلەپ قويىدۇ."---دېدى ئوقۇتقۇچىم پەخىر بىلەن. مەنمۇ بۇ يىگىتنىڭ ئىرادىسىدىن خوش بولۇپ قالدىم. بىر ياخشى ئوقۇغۇچى ئەنە شۇنداق بولىدۇ. سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارغا ئاشۇنداق تەلەپ قويۇڭلار، بوشاڭ بولماڭلار، ئىرادىلىك بولۇڭلار".

       ئوبۇلقاسىم مۇئەللىم ئەدەبىيات دەرسى ئۆتكەندە دەرسلىك كىتاب بىلەنلا چەكلەنمەيتتى. ئۇلۇغچاتنىڭ كىچىك ناھىيە بازىرىغا جايلاشقان ناھىيىلىك كىتابخانىغا ئۇيغۇر شائىر - يازغۇچىلىرىنىڭ كىتابى چىققان ھامان ئۇ ئالدى بولۇپ سېتىۋالاتتى ۋە بىزگە دەرس مەزگىلىدە تاللاپ تۇرۇپ ئوقۇپ بېرەتتى. ئۇ كىتابلارنىڭ ئىچىدە قۇربان باراتنىڭ "ئاق روماللىق پەرىزات" دېگەن داستانى بار ئىدى. ئۇ ئوقۇپ بەرگەن شېئىرلارنىڭ ئىچىدە ماۋۇ بىر كۇپلېت تېخى ھازىر ئوقۇغاندەكلا ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. (بۇ شېئىرنىڭ ئاپتورى ئېسىمدە قالماپتۇ، بەلكىم ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ بولۇشى مۇمكىن

ئەي بىچارە جانىۋار، زۇلمەت خۇمارى
ھاياتىڭ ئۆتەرمۇ نۇردىن مۆكۈنۈپ
قىزىل كۈن ئۆرلىسە جۇغۇلدار تېنىڭ
قالغىنىڭ تۈپەيلى تۈنگە ئۆگىنىپ


       ئۇ يەنە ئاتاقلىق مەرھۇم يازغۇچىمىز زوردۇن سابىر (ياتقان جايى جەننەتتە بولسۇن) ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە ئاجايىپ ئىشتىياق ۋە ماھارەت بىلەن سۆزلەيتتى. بولۇپمۇ ئۇ زوردۇن سابىرنىڭ "دولان ياشلىرى" ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇپ بەرگەندە، شۇ قەدەر سېھىرلىك ۋە جانلىق ئوقۇپ بەرگەن ئىدىكى شۇ چاغدا "يىگىت بولۇپ يېتىلسەم، دولانغا بېرىپ سەنەقەسكە دەسسەپ كەلمىسەم" دېگەن ئوي خىيالىمدىن كەچكەن ئىدى.
       ئۇ كۆيۈمچان ئۇستاز بولۇپ ماڭا ئوخشاش ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ ياتاقلىشىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىنى ئوغلى ئارقىلىق "ئىسسىق ئۆي تامىقى يەپ كېتىڭلار" دەپ چاقىراتتى. دېمەك ئۇنىڭ ھەر بىر ئوقۇغۇچىسى - ئۇنىڭ بالىسىغا ئوخشاش بولۇپ ئۇ ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى مىللەتنىڭ كەلگۈسى دەپ قارايتتى. مانا بۇ مىللەتسۆيەرلىكنىڭ بەلگىسى، خەلقپەرۋەرلىكنىڭ ھەم ئادەمگەرچىلىكنىڭ كونكرېت ئىپادىلىنىشى ئىدى.
     ئېسىل ئىش - ھەرىكەت ۋە ئۇلۇغ سۈپەتنى بىراۋغا تاڭغىلى ھەم ئۆگەتكىلى بولمايدۇ، بەلكى ئۇ قەلبنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن ئىستىخىيىلىك ھالدا ئۇرغۇپ چىقىدۇ. شۇنداقتىمۇ ياخشى پەزىلەت ۋە ئېسىل خاراكتېر يۇقۇشۇشچانلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇ سەبى قەلبلەرگە ئاسان تەسىر قىلىدۇ.
     مېنىڭ ئېسىمدە قالغان يەنە بىر ئىش - ئوبۇلقاسىم مۇئەللىمنىڭ باش يېتەكچىلىكىدە 1985 - يىلى باھاردا ئۇلۇغچات ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن شائىر ل. مۇتەللىپنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئىدى. ئۇنىڭ شۇ چاغدا سەھنىدە تۇرۇپ ل. مۇتەللىپ ھەققىدە مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر-قىرغىز ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلىرىغا نۇتۇق سۆزلىگىنى ۋە ئەنۋەر ئابلا بىلەن مېنى ئۆزىمىز يازغان شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىشقا چاقىرىشى ئىدى.
      1985-يىلى 23-ئاۋغۇستتا ئۇلۇغچاتتا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 20 نەچچە ئادەم قازا قىلدى، بىز ئوقۇۋاتقان مەكتەپ ۋەيران بولدى. ئوقۇتۇش شارائىتىنىڭ ھەل بولماسلىقى تۈپەيلى ئەنۋەر ئابلانى ئۆز ئىچىگە ئالغان "ئورمانچىلىق مەيدانىدىن" كەلگەنلەر قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرىغا يۆتكىلىپ كەتتۇق.

شۇنىڭدىن كىيىن ئايرىم ساۋاقداشلار بىلەن، 

سېغىنىشلىق سالام خەت،
سېغىنغاندا يازغان خەت،
سېغىنمىسام يازمايتتىم،
شۇنىڭ ئۈچۈن يازغان خەت

      دەپ كىملەردىندۇر يادلىۋالغان مىسرالار بىلەن 8 پۇڭلۇق ماركا چاپلاپ بىر مەھەل خەت يېزىشتۇق. كېيىنچە ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى. تەقدىر كېيىن بىزنى ھەر ھەر يەرگە ئاپىرىپ ھەر خىل ئوخشىمىغان قىسمەتلەرگە دۇچار قىلدى.
       مەن ئۇنىۋېرسىتېتقا ئۆتكەندىن كېيىن بەزى ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئالاقە قىلدىم. ئۇلاردىن ئاڭلىسام، ئوبۇلقاسىم مۇئەللىم - قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنگە، پاتىمە خانىم قەشقەر ۋىلايەتلىك 6- ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىلىپ، ئۇلۇغچاتتىن قەشقەرگە كىرىپ كېتىپتۇ. كېيىن مەن ئۇنىۋېرسىتېتتا ئاسپىرانتلىقنى ئوقۇۋاتقان چاغدا ئۇلارنىڭ ماتېماتىكا كەسپىدە ئوقۇشقا كەلگەن كىچىك ئوغلى ئەنۋەرنى ئۇچراتتىم ۋە ئەنۋەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇردۇم.
       ئېرەڭسىزلىكتىنمۇ ۋە ياكى ئەقىلنىڭ يوقىدىنمۇ، ئەينى چاغدا ئۇلۇغچاتتا بىرگە ئوقۇغان ساۋاقداشلار ۋە ئۇستازلار بىلەن خاتىرە رەسىمگە چۈشمەپتۇق. شۇنداقتىمۇ ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ئايرىم ساندىكى ساۋاقداشلىرىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا ماھىنۇر روزى، روشەن تىلىۋالدى، مېھراي سۇلتان، روشەن سەمەت، مېھرىنىسا غەيرەت (ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كەتكەن)، مەريەم (كۆزلىرى كۆك بولغاچقا كۆككۆز دەپ قوياتتۇق)، ئاينۇر، ئايىمنىسا، زەينۇر، سائەتگۈل قاتارلىق لاتاپەتلىك قىز ساۋاقداشلىرىم ۋە ئەنۋەر ئابلا، غالىپ سوپۇر، يالقۇن خىلىل، مەمەتجان ئۆمەر، شاۋكەت ئابلىمىت، غالىپ ئوركۇنباي، داۋۇتجان تىلىۋالدى، مۇختەر ئوبۇلقاسىم،مۇختەر روزى،قەيسەر ئىمىن،نۇرمەمەت مىجىت، ئىمىنجان، جۈرەت تۇردى،ئادىل (قەشقەردىن كۆچۈپ چىققان)، بەختىيار (قەشقەرگە كۆچۈپ كەتكەن)، سېتىۋالدى سوپۇر، دولقۇن ئاقنىياز، ئۆمەرجان (فېرمىچىلىق مەيدانىدىن كېلىدىغان)، قىش كۈنلىرى مەن ياتاقتا دىجورنى بولغاندا مەشكە ئوت يېقىشىپ بېرىدىغان ساۋاقدىشىم تۆمۈرجان مىجىت ( فېرمىدىن)، ئەنۋەر ئىسساق (كۆمۈرچىلىك مەيدانىدىن)، ۋەلى (فېرمىدىن)، مۇختەرجان سىيىت (تاش يول ئىدارىسىدىن) ۋە يەنە قۇربان (دۆڭ ئەترەتتىن) قاتارلىق بېجىرىم كەلگەن ئوغۇل ساۋاقداشلىرىمنىڭ سىماسى ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا.
    بۇلارنىڭ ئىچىدە دولقۇن ئاقنىياز كېلىشمەسلىككە ئۇچراپتۇ. بۇ يەردە مەن دولقۇنغا ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە ھېسداشلىقىمنى بىلدۈرىمەن. بۇ قىيىن كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.
      مەن بىلەن بىر پارتىدا ئولتۇرىدىغان، بەزىدە بىر-بىرىمىز تۈرتۈشۈپ، بەزىدە چېلىشىپ ئوينايدىغان، ئاق كۆڭۈل ساۋاقدىشىم --- قۇربان (بىز ئۇنى سېمىز يۈزلۈك بولغاچقا، تۇلۇم دەپ چاقچاق قىلىپ قوياتتۇق) بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ۋاقىتسىز ھالدا بۇ ئالەمدىن ئايرىلىپتۇ. ئۇنى ئاڭلاپ قايغۇرۇپ، كۆز يېشى قىلدىم. بۇ يەردە مەن خۇدادىن ئۇنىڭغا جەننەت، ئائىلىسىگە سەۋر تىلەيمەن.
    كىيىن سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسەم، يۇقىرىدىكى ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى دۇرۇس، ياراملىق ئادەملەردىن بولۇپ يېتىشىپ ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاتۇش، ئۇلۇغچات، ئاقتۇ قاتارلىق يەرلەردە خىزمەت قىلىپ جەمئىيەتتە تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇۋېتىپتۇ ھەمدە ئائىلە قۇرۇپ پەرزەنتلىك بوپتۇ.
      مەن مۇشۇ ئاددىي ئەسلىمەمنىڭ بىغۇبار بالىلىقىمىزدا چىگىلگەن ساۋاقداشلىق ۋە دوستلۇق رىشتىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئاتلانتىك ئوكياننى كېسىپ ئەزىزانە قەشقەرگە جەم بولۇش ئالدىدا تۇرغان سۆيۈملۈك كىشىلىرىمگە ھۆرمەت ۋە سېغىنىش سالاملىرىمنى يەتكۈزىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە مەنىلىك ھايات تىلەيمەن



"---
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-07-16, 12:56
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-07-16 05:54 |
uyghurzuwan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4402
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 175
شۆھرەت: 913 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 930 سوم
تۆھپە: 543 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 544 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 202(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

     ئۇستازغا بولغان ھۆرمىتىڭىزدىن، ئۇستاز ۋە ساۋاغداشلىرىڭىزغا بولغان چەكسىز سېغىنىشىڭىزدىن تەسىرلەنمەي تۇرالمىدىم، قەيسەر مىجىت ئەپەندى!!! سىزنىڭ مۇشۇنداق تېتىملىق يازمىلىرىڭىز تورلار ئارا ئۆز تەرەققىياتىنى تاپقاي. مەن سىزنىڭ تۇنجى تورغا يازغان يازمىڭىزغا (ئېسىڭىزدىمىكىن) تەرجىمالىڭىز بىلەن تونۇشىۋېلىش ئىستىگىدە ئىنكاس يازغان ئىدىم. مانا، ئىلگىرىكى ۋە ئۇشبۇ يازمىلىرىڭىز ئارقىلىق مەن سىزنى خېلى تونۇشقا باشلىدىم. تېنىڭىزگە ساغلاملىق، ئوكيان سىرتىدىكى ئوقۇش ۋە ئۆگۈنىشىڭىزگە ئۈنۈم، ئائىلىڭىزگە چەكسىز بەخت- سائادەت تىلەيمەن! 
     ئۇيغۇرزادىنىڭ مۇشۇنداق بىر تالانت ئىگىسىنى تور ئارقىلىق بىزلەر بىلەن ئۇچراشتۇرغانلىقىغا كۆپتىن- كۆپ تەششەككۈرلەر بىلدۈرىمەن.
     ھارمىغايسىلەر، تۇلپارلىرىم!!!!
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-16 20:09 |
tahirbeg
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1356
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 53 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 54 سوم
تۆھپە: 32 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 33 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ساۋاقدىشىڭىز ئەنۋەر ئابلا مەلىم ھېلىھەم ئۇلۇغچات تەجىربە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ، بىزگە تارىخ بەرگەن.  مەن بەك خاپا قىلىتىم    زەينۇر ئابلا (ئايالى) بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇپتىكەندە
    

     ئۇلۇغچاتتىكى يەر تەۋرەش 86ـ يىلىى يۈز بەرگەن بولغۇيتى؟  مەن داداملاردىن شۇنداراق ئاڭلىغان.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-16 22:14 |
ara
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8624
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 110 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 110 سوم
تۆھپە: 66 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 66 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

7-ئاينىڭ 14-كۈنى بىزنىڭمۇ تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۇرگەنلىگىمىزنىڭ 20يىللىقىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاتۇشتا ساۋاقداشلار يىغىلغان ئىدى. بىراق، مەن يۇرتۇمدىن يىراق بىر ناھىيەدە خىزمەت قىلغانلىقىم ھەم شۇ كۈنى يۇقۇردىن جىددى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن يىغىلىشقا بارالمىدىم.  يىغىلىشقا بارالمىغىنىمغا كۆڭلۇم شۇنچىلىك يېرىم بولغان ئىدى.                                                                                                                             
  قەيسەر مىجىت ئەپەندىنىڭ بۇ يازمىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئۇسسىغان يىرىمگە بارغاندەك بولدى.   
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-16 23:08 |
achchikh
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8352
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 289
شۆھرەت: 1481 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1485 سوم
تۆھپە: 884 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 890 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 112(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئوقۇشىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!!!!!!
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-16 23:20 |
uyghurzade
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3203
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 167
شۆھرەت: 980 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 965 سوم
تۆھپە: 573 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 583 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 523(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھۆرمەتلىك قەيسەر ئاكىنىڭ قۇربان باراتنىڭ شېئرىنى ھازىرغىچە ياد بىلىشى مېنى سۆيۈندۈردى. مەنمۇ قۇربان باراتنى شۇنداق ھۆرمەتلەيمەن.
ئاتۇشتا مۇستاپا مۇئەللىم دەپ داڭلىق بىر مۇئەللىم ئۆتكەن، نەچچە يىللار ئىلگىرى ۋاپات بولغاندا داڭقىنى ئاڭلىغان. ئۇ كىشى ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرىدا مۇئەللىم  بولغانمىدى ياكى ئاتۇش شەھەرلىك ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ؟ ئاندىن سېتۋالدى كېرىم بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋېېرستىدا مۇنازىرە پادىشاھى دەپ نام ئالغان نۇرمۇھەممەد دېگەن ئاتۇشلۇق بالا نەدە، نېمە ئىش قىلۋاتقاندۇ؟

قەيسەركا، نۇرگۈل سىز ھەققىدە  يازغان «ئېتىقاد شۇنداق تۇغۇلىدۇ» دېگەن ئەدەبي ئاخباراتنىمۇ كۆرسەك بولاتتى.


ئاخىرىدا بارلىق مۇنەۋەۋۋر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىمەن.
lutun
تىلىمنڭ چەكلىمىلىكى  دۇنيايىمنىڭ چەكلىمىلىكى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-17 17:03 |
uyghurzade
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3203
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 167
شۆھرەت: 980 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 965 سوم
تۆھپە: 573 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 583 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 523(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قەيسەر ئاكا، سىزگە بىر قانچە تەكلىپ بار. بىرى خارۋاردتا ئاسپراتنلىقتا ئوقۇش جەريانىڭىزنى تەسپلىي يېزىپ خاتىرىلەپ تورداشلارنىڭ بىرلىكتە بەھرلىنىشگە سۇنغان بولسىڭىز.
ئىككىنچىسى، سىز ئىتايىن مۇھىم بولغان كەسپ ئىقتسادشۇناسلىقتا خارۋاردتا ئوقۇغان تۇنجى ئۇيغۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ھەقىقىي خارۋارد ئۇيغۇرى سىز. ياشلىرىمىز ئارسىدا ئىشسزلىق قاباھىتى يامان بولۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغان ياشلارغا ئىقتساد، كارخانا بىلىملىردىن ئانچە مۇنچە مەسىلھەت بەرسىڭىز.

ئەلۋەتتە، سىز مىنۇت-سكونت دوللار بىلەن ھېسابلىنىدىغان زېمىندا ئېشىنچە ۋاقىت تېپىپ ئاندىن  بۇ ئشىلارغا باش قاتۇرىسىز.ئشىڭىزكۆپ، بۇنى بىلگۈچىلىكم بار. بۇنى دېگىنىم ھازىرلا قىلىڭ دېگىنىم ئەمەس،  ۋاقتىڭىز يەتكەندە بۇ ئشىلاردا ئانچە-مۇنچە بىر نەرسە تىركەپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەن سىزگە باغداشنى ياخشى كۆرۈپ قالىسىز، دېگەنىدىم.  ئارقىمۇ ئارقا يوللىنۋاتقان تېمىلىرىڭىزنى كۆرۈپ مەن بۇ گەپنى بىكار دېمىگىنمنى ھېس قىلدىم.
تىلىمنڭ چەكلىمىلىكى  دۇنيايىمنىڭ چەكلىمىلىكى
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-17 17:17 |
darya.
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4198
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 57
شۆھرەت: 288 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 289 سوم
تۆھپە: 173 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 174 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 261(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى uyghurzadeدە2012-07-17 17:03يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھۆرمەتلىك قەيسەر ئاكىنىڭ قۇربان باراتنىڭ شېئرىنى ھازىرغىچە ياد بىلىشى مېنى سۆيۈندۈردى. مەنمۇ قۇربان باراتنى شۇنداق ھۆرمەتلەيمەن.
ئاتۇشتا مۇستاپا مۇئەللىم دەپ داڭلىق بىر مۇئەللىم ئۆتكەن، نەچچە يىللار ئىلگىرى ۋاپات بولغاندا داڭقىنى ئاڭلىغان. ئۇ كىشى ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرىدا مۇئەللىم  بولغانمىدى ياكى ئاتۇش شەھەرلىك ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ؟ ئاندىن سېتۋالدى كېرىم بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋېېرستىدا مۇنازىرە پادىشاھى دەپ نام ئالغان نۇرمۇھەممەد دېگەن ئاتۇشلۇق بالا نەدە، نېمە ئىش قىلۋاتقاندۇ؟

قەيسەركا، نۇرگۈل سىز ھەققىدە  يازغان «ئېتىقاد شۇنداق تۇغۇلىدۇ» دېگەن ئەدەبي ئاخباراتنىمۇ كۆرسەك بولاتتى.

.......

نۇرمۇھەممەت بار ، ئۇ ئەسلىدە بىر يېزىلىق ھۆكۈمەتكە يېزا كادىرى بولۇپ خىزمەتكە چۈشكەن ، كىيىن كىچىك بىر ئىشلار بىلەن تۈرمىگە كىرىپ كىتىپ بەش يىل يېتىپ چىقىپتۇ ، چىققاندىن كىيىن تەن سالامەتلىكى ئانچە ياخشى بولالماپتۇ ، نىمىشقىلىقى نامەلۇم ، بىرەر بەت كىتاپ ئوقۇسىمۇ بەرداشلىق بىرەرمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ ، كۆپ گەپ قىلمايدىكەن ، داۋاملىق بېشى ئاغرىيدىكەن ، يىنىك قىزىتما باركەن ، يا تەكشۈرتسە بىرەر كىسەللىك تېپىلمايدىكەن ، يېقىندا ئۈرۈمچىگە داۋالانغىلى چىقىپتىكەن ...ھازىرغىچە داۋالىنىش يولىدا بولسىمۇ بىرەر ئۈنۈمىنى كۆرەلمەپتۇ ....دوختۇرلارنىڭ ئاخىرقى دىئاگۇنۇزى «بەدەنگە نەملىك يىتىشمەسلىك»كەن ...بىراق يەنىلا ئېنىق بىر مۇئەييەنلەشتۈرەلمىگەن كىسەللىككەن ....يەنە ئۇلارنىڭ دىيىشىچە  بۇرۇختۇمۇلۇقنىڭ ئالامىتىمۇ باركەن ...قالغىنى خۇداغا ئايان ....ئۇنىڭ ھالىنى  كۆرۈپ ئىچىم ئاچچىققا توشۇپ كەتتى ....
istanbol
سۇ ئېرىقتا ئاقىدۇ  ، تاشقىن سايدا.....
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-17 23:11 |
qeyser-mijit
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8451
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 31
شۆھرەت: 325 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 305 سوم
تۆھپە: 169 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 169 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھۆرمەتلىك قىرىندىشىمىز ئۇيغۇرزۇۋاننىڭ بىلدۈرگەن ھۆرمەت ۋە ياخشى تىلەكلىرىگە كۆپ تەشەككۈر!
ئىنىمىز "ئاچچىق"نىڭ ئملا ھەققىدىكى ئلتىجاسى قۇلىغىمدا. يىڭى بولغانلىغىم ئۈچۈن بەزى نەرسىلەرنى تورغا ئۆلچەملىك كىرگۈزەلمەيۋاتىمەن، شۇڭا ئۆزرە سورايمەن.

قىممەتلىك ئىنىم ئۇيغۇرزادىنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئلھاملاندۇرىشى بىلەن مەزكۇر تورغا ئەزا بولۇپ كىردىم. راستىنى ئىيتقاندا بۇ تورنى ياخشى كۆردۈم. يازمىلار سۈپەتلىك ھەم ئەلگە پايدىلىق!. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇرزادە ئىنىمگە ۋە تور ساھىبلىرىگە سەمىمى ھۆرمەت ۋە مىننەتدارلىغىمنى بىلدۈرىمەن.

ئۇيغۇرزادە ئىنىم،سىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان سۈئاللىرىڭىزغا چوقۇم ياخشى جاۋاپ قايتۇرىمەن.
  مىنى ھەيران قالدۇرغىنى- سىزنىڭ مۇستاپا مۇئەللىم ھەققىدىكى سۆزىڭىز...بىر ئەل سۆيەر ئەركەك مانا سىزدەك بولىدۇ، رەھمەت سىزگە!
مەرھۇم مۇستاپا مۇھەممەت - ئاتۇشنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسىدىن بولۇپ ھەم يازغۇچى ھەم مۇئارىپچى ئىدى. مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا دادامدىن مىنىڭ ئەھۋالىمنى سوراپ تۇراتتىكەنتۇق!. ياش كىتىپ قاپتۇ، جانابى ئاللاھ ياتقان جايىنى جەننەتتىن قىلغاي، ئامىن!  
مەنمۇ سىزگە ئوخشاش، ئەينى چاغدا مەندە تەسىرات قالدۇرغان ئادەملەرنى "ئۇلار ھازىر نەدىدۇ؟" دەپ ئويلاپ تۇرىمەن.   
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-19 16:08 |
uyghurman
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8934
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 90 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 90 سوم
تۆھپە: 53 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 53 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قەيسەركامنىڭ بۇ ماقالىسىنى ئوقۇپ، مىنىڭ يادىمغىمۇ مىنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچۇم ئاتۇش شەھەرلىك 1- باشلانغۇچ مەكتەپتىكى گۇلزار خانىم ئېسىمگە كىلىپ قالدى. ئۇ بىزنىڭ سىنىپ مەسئۇلىمىز ئىدى.  ئېسىمدە قىلىشىچە گۇلزار خانىمنىڭ ئاچچىغى بەك يامان ئىدى. بىزنى بەك چىڭ تۇتاتتى. شۇڭلاشقىمىكىن بىزنىڭ سىنىپ ھەر يىلى مۇنەۋۋەر سىنىپ بولۇپ باھالىناتتى.

ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا تەتىلدە بىرىپ گۇلزار خانىمنى يوقلاپ كىلىمەن دەيتىميۇ، لىكىن يوقلاپ كىلەلمىگەن ئىدىم.(ھازىر ئويلىسام خىجىل بولىمەن) ئەمدى پۇرسەت بولۇپ قالسا چوقۇم بىرىپ يوقلاپ كىلىمەن.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-22 10:08 |
atuxkizi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9261
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5 سوم
تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سالام قەيسەر ! توردا ئەسىرىڭىزنى كۆرۇپ بەكلا خوش بولدۇم. نەچچە يىل بولۇپتۇ كۆرۇشمىىگىلى. ئاتۇشقا كەلگىنىڭىزدە بىز(مۇتىللا _ رىزۋانگۇل)  ئۇرۇمچىدە بولۇپ  قاپتۇق . تىزلا كىتىپ قاپسىز. كوڭلىمىز بەكمۇ يىرىم بولدى. مۇمكىن  بولسا ئالاقىلىشىپ تۇرايلى.  ئوقۇشىڭىزغا ئۇتۇق، ئائىلىڭىزگە بەخىت تىلەيمەن.
ئۆي : 09084267424
مۇتىللا ئىبەت : 13319080011
رىزۋانگۇل : 13319081900
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-01 15:57 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » مەشھۇر شەخسلەر