saltanat lutun elan berig
«12345»Pages: 1/14     Go
بۇ تېما 37141 قېتىم كۆرۈلدى
uyghurzade
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3203
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 187
شۆھرەت: 1115 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1095 سوم
تۆھپە: 649 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 659 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 597(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۇيغۇرزادە: يازما مەدەنىيتىمىزدىكى ئېغىر مەسلىلىلەرگە يۈزلىنىش

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-07-21)
       ئاپتور ئېلاۋىسى: ئۇنۋېرستېت كۇتۇپخانىسدا  گومباڭ،  ئېغىر كىتابلارنى ۋاراقلاۋېتىپ تۇرۇپلا مېنى ھەسرەتلىك بىر تۇيغۇ چۇلغىۋالىدۇ. ئولتۇرۇپ كېتىمەن، بىر نېمىلەرنى يازغۇم، كىملەرگىدۇر ئۇزۇندىن ئۇزۇن خەت يېزىپ ئۇيغۇر يازما مەدەنيتىمىزدە مۇشۇ دەۋردە بىز تامامەن قىلالايدىغان، ئەمما قىلىنمىغان مەسلىلىلەر ھەققىدە پىكىر بەرگۈم، سيلىق سۆزلەشكۈم كېلىدۇ.بۇ يەردە كەسپىمدىن باشقا ئۆزۈم قىزىقىدىغان ساھەلەردە دەرس ئاڭلىدىم،كەڭ دائىرىلىك ماتېرياللارنى كۆردۈم. بۇ جەرياندا ھېس قىلىغانلىرىم، ئۆگەنگەنلىرىم ئاز بولمسىمۇ، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇلارنى تېخى چقارغۇدەك بولمىدىم. ئەلۋەتتە،بۇ تېمىدا تىلغا ئېلىنىدىغان  باشقا  زىيالىلار بىلەن بىر قاتاردا ئاقارتىش ئشىلىرى بىلەن كۈچۈمنىڭ يېتىشچە شۇغۇللانغۇم، ئۆگەنگەن بىلىمىمنى قەۋمىمىز ئۈچۈن ئشلەتكۈم بار. ئەمما، قارىماققا ھەممە ئشىلار جايىدا كىېتۋاتقاندەك كۆرۈنىدىغان يازما مەدەنيتىمىزدە بوشلۇق ۋە كەم ساھەلەر شۇ قەدەر كۆپكى، ماغزاپ بىلىم ۋە تونۇش بۆھرانى شۇ قەدەر ئېغىركى، قىلماقچى بولغان ئشنى نەدىن باشلاپ نەدىن ئاياغلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلمەي قالىمەن.توقۇناق كىرزسلەر، دۆۋىلشىپ كەتكەن مەسلىلەر ئارامىمنى بۇزىدۇ.ئۆزۈمگە ""ياق، بىر ئىش قىلىش كېرەك!" دەپ پىچىرلايمەن. 
          شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن مۇنداق ئىككى نۇقتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم: بىرى، ئدىيە تەسلمچلىكى ۋە مازغاپ بىلىم تەسىرىدە ئومۇملاشقان خاتا قاراشلارنى ئاغدۇرماي تۇرۇپ ئەينى بىر مەسلىدە تونۇشۇلوگيىلىك بۆسۈشكە ئېرشكىلى بولمايدىغانلىقىنى (بۇنى ماڭا كارل پوپېر پەلسەپىسى ھېس قىلدۇردى) ھېس قىلدىم؛ ئىككىنچىسى،  مەن ئۆزۈم پىلانلىغان، ئويلىغان مەسىلىلەرنى ھەمكارلىقسىز قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.بىرىنچى خىل ياخشى نىيىتىم ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە ئىلمىي مۇنازىرە كەيپىياتى تېخى شەكىللىنىپ بولالمىغىنى ۋە بىر جەمئيەتنىڭ تەرەققىياتىدا ئىلمىي تەنقىدنىڭ رولىنى چۈشنىدىغانلار ئاز بولغىنى ھەمدە  ئاسارىتى تۈگىمەيۋاتقان مەزھەپ كۈرىشىنىڭ تەسىرى تۈپەيلى  تازا ئوڭۇشلۇق بولمىدى. ئىككىنچى ھېسياتىمدىكى ھەمكارلىق مەسلىىسگە كەلسەك،  مەن بۇ مەسىلىنى بۇرۇن سەگەك زىيالىلارغا نەچچە قېتىملاپ ئەسكەرتتىم.ئەمما، تۈزۈلمدە ۋە ئاڭدا ساقلىنىپ كېلۋاتقان چۆكمە مەسىلىلەر تۈپەيلى ھەقلىق يوسۇندا دېيىلگەن شۇ ئشىلار شۇ پېتى تاشلىنىپ قالدى.بۇنىڭغا قانداقتۇر بىرلا ئادەم ئەيبلىك ئەمەس. ھازىر بەزىلەرگە گەپ قىلىش ھاۋاغا مۇشت ئاتقاندەك ئىش بولۇپ قالغان بولسىمۇ،مېنىڭ شۇنچىلا ئېغىر مەسىلىلەرگە كۆزۈمنى پارقىرتىپ قاراپ تۇرغۇم، سۈكۈت قىلغۇم يوق. "مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويماسلىك ئۇنى كۈنتەرتپكە ئەكەلمەسلىكتىنمۇ يامان" دەپ يازىدۇ ئەنگلىيەلىك داڭلىق جەمئيەتشۇناس زىگمۇند باۋمەن.سۆزلىشىش، پىكىرلىشىش لازىم. بۇ خىل زۆرۈرىيەتنى  ھېس قىلىپ بۇرۇن يېزىلغان بىر ماقالىنى مۇنبەرگە يوللىىدىم.
        ماقالە بۆلەكلەرگە بۆلۈپ يوللىنىدۇ.



يازما مەدەنيىتىمىزدىكى ئېغىر مەسلىلىەرگە يۈزلىنىش

-ئۇيغۇرلاردا ئىجتمائىيەت، ئادەميەت پەنلىرى مەسلىلىرى-

 


    - بىر مىللەتنىڭ ئىستېمالىدىكى ئۇقۇملار ئەگەر شۇ مىللەتنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق ، پەلسەپە ، تارىخ ، مەدەنىيەتشۇناسلىق ساھەلىرى تەرىپىدىن خاس مەۋقەدە يورۇتۇلمىغان ئىكەن ، ئۇ مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئىجتىمائىي پېنى بولمىغان بولىدۇ . ئىجتىمائىي پېنى بولمىغان مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي جېنى يوق بولغان بولىدۇ.
- ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ«مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دۇنياۋى تەرتىپنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى» ناملىق كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىگە يازغان كىرىش سۆزىدىن
 
- بىز بىر مەسىلىنى پەيدا قىلغان ئېڭىمىزنى ئۆزگەرتمەي ، يېڭىلىماي تۇرۇپ ، ئۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمايمىز .
                  - مارگارت ۋېتلېي («يېتەكچىلىك ۋە يېڭى پەن»ناملىق ئەسىرىدىن)[1]
 
- قاراڭلار ئاۋۇ ئادەمگە ! ئۇھەمىشە ئۆزى جاۋاب تاپالايدىغان سوئاللارنى سوراشقىلا ئامراق .
                      - فېرېدېرىخ نىچىشى («سەرخۇش ئىلىم»ناملىق ئەسىرىدىن)[2]
 
 

1 . مۇقەددىمە : تېمىغا كىرىش

 
       .بۇ ماقالىنىڭ يانداش تېمىسىلا بىر نۇقتىنى چۈشەندۈرىدۇ . يەنى تېمىدا ئادىمىيەت سۆزى ئىجتىمائىيەت سۆزىگە يانداش يېزىلغان . ئەمما ، ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ دائىرىسى ، تەبىرىنى ئېنىق ئايرىپ چۈشەنگەن ئەمەس . ئۇيغۇرلار ئەدەبىيات ، تارىخ ، پەلسەپە ، ئىستېتىكا پەنلىرىنى ئىجتىمائىي پەن دەپ چۈشىنىدۇ ؛ ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىدىلا تەبىئىي ، ئىجتىمائىي پەن دەپ ئايرىلىدۇ . خاتا چۈشىنىش ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىن باشلىنىدۇ . ئەمەلىيەتتە ، ئەدەبىيات ، تارىخ ، پەلسەپە ئىستېتىكا ، تىلشۇناسلىق ، ئېتىكا پەنلىرى ئادىمىيەت پەنلىرى (Humanities , 人文科学) دائىرىسىگە كىرىدۇ . ئىجتىمائىي پەن (Social Sciences , 社会科学) جەمئىيەتشۇناسلىق ، سىياسىيشۇناسلىق ، ئىنسانشۇناسلىق ، ئىقتىسادشۇناسلىق ، پىسىخولوگىيە پەنلىرىنى كۆرسىتىدۇ . ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىدا ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ چېكى ، دائىرىسى ھەققىدە يۇقىرىقى ئۇقۇم مۈجمەللىكىدىن باشقا بىر قانچە خاتا تونۇشمۇ مەۋجۇت . بىرىنچىسى ، ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىي پەن تەبىئىي پەنگە قارىغاندا بەكرەك تەرەققىي قىلغان ؛ ئىككىنچىسى ، ئىجتىمائىي پەندە مەلۇم بىر ھەقىقەت ۋە توغرا ئىدىيە بولۇشى كېرەك ؛ ئۈچىنچىسى ، ئىجتىمائىي پەن گەپ سېتىش دېمەكتۇر . . . بۇنداق خاتا تونۇشلارنى ساناپ كەلسەك گەپ تۈگىمەيدۇ .

       مەن بۇ ماقالەمدە يۇقىرىقى نۇقتىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا «ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدە نېمە مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتىدۇ ، نېمىشقا ۋە قانداق ساقلىنىۋاتىدۇ ؟ ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ ماھىيىتى نېمە ؟ ساقلانغان مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش مۇمكىن ؟» دېگەن ئۈچ سوئالغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشىمەن . بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن بۇ تېمىنى چۆرىدەپ ئېلىپ بارغان جەمئىيەت تەكشۈرۈش پائالىيىتىم جەريانىدا يىغقان بىر قىسىم خام ماتېرىياللارنى ، ئۇچۇرلارنى تەھلىل قىلىمەن ۋە ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىنەزەرلىرىمنى ئەمەلىي پاكىت ۋە نەزەرىيىۋى ئاساس بىلەن يورۇتۇشقا تىرىشىمەن . مەن بۇ ماقالىنى يېزىش ئۈچۈن «ياندىن كۆزىتىش»(Participant Observation , 参与性观察) ، «زىيارەت قىلىش»(Interview , 访问) ، «ئېيتىم ئانالىزى»(Discourse Analysis , 话语分析) قاتارلىق سۈپەت تەتقىقاتى مېتودلىرىدىن پايدىلاندىم . ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلار بويىچە كەڭ كۆلەملىك راي سىناش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش ، مۇناسىۋەتلىك سان - سىفىرلارغا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغاچقا ، سان - مىقدارلىق تەتقىقات مېتودى ئىشلىتىشكە ئامالسىز قالدىم . ماقالەمنىڭ پاكىت كۆرسىتىش قىسىمىدا بىر قانچە نۇقتىنى تەھلىل قىلىمەن . مەسىلەن ، مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپ ئىلمىي ژۇرنىلى تەھرىرىنىڭ 2008 - يىلى 3 - ئايدا «ئىنتىل» تورىغا چىقارغان پۇلغا «ئىلمىي ماقالە» بېسىش ھەققىدىكى ئېلانى ؛ «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» ، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» قاتارلىق ژۇرناللارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ؛ ئۇيغۇرلاردا ئومۇملاشقان ۋە ھەيرانلىق ھېس قىلىنمايدىغان ھېسسىي يازما كېسىلى ؛ ئىككى يىل بۇرۇن «ئىزدىنىش» تورىدا بولۇنغان «ئۇيغۇرلارغا پەلسەپە كېرەكمۇ؟» دېگەن مۇنازىرىنىڭ نەتىجىسى ؛ «بەرقى» تورىدا 2009 - يىلى بولۇنغان يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقىنۇس يازمىلىرى ۋە ئوسمانجان مۇھەممەت پاسئاننىڭ «ھېچنېمىزم خىتابنامىسى» نى چۆرىدەپ بولۇنغان تەنقىدىي مۇنازىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ۋە بىر ئىلمىي ژۇرنالنىڭ تەھرىرىنى زىيارەت قىلىپ ئېرىشكەن ئۇچۇرنىڭ نەتىجىسىنى نۇقتىنەزەر ئاساسى سۈپىتىدە مۇھاكىمىگە قويىمەن .

       ماقالەمنىڭ نەزەرىيىۋى مۇھاكىمە قىسىمىدا بىلىم ، تونۇش ۋە جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن بىلىم جەمئىيەتشۇناسلىقىنىڭ ئاساسچىسى ، گېرمانىيىلىك مەشھۇر جەمىئيەتشۇناس كارل مەنخېيىم (Karl Manheim , 1893 - 1947) نىڭ نەزەرىيىلىرىدىن ؛ بىلىم بىلەن ھوقۇق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن فرانسىيىلىك مەشھۇر مۇتەپەككۇر مىچىل فۇكاۋ (Michel Foucault , 1924 - 1986) نىڭ نەزەرىيىلىرىدىن ؛ ماكرولۇق كونترولنىڭ بىلىش جەريانىغا ۋە بىر جەمئىيەتنىڭ ئىدىيە سىستېمىسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى شەرھلەش ئۈچۈن كارل ماركس (Karl Marx , 1818 - 1883) نىڭ نەزەرىيىلىرىدىن ؛ تونۇشنىڭ بىر قانچە باسقۇچىنى تەھلىل قىلىش ئۈچۈن جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ ياراتقۇچىسى ، فرانسىيىلىك مۇتەپەككۇر ئاۋگۇست كومىت (Auguste Cmte , 1798 - 1857) نىڭ ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيىچىلەرنىڭ ئىدىيىلىرىدىن ؛ ئىجتىمائىي پەندە خاتا بىلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقى ۋە ۋاقىتلىق بولسىمۇ ، قىياس ، نەزەرىيىۋى مودېل يارىتىشقا تىرىشىش زۆرۈرلۈكىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئاۋستىرىيىلىك مەشھۇر ئىجتىمائىيەت پەيلاسوپى كارل پوپپېر (Karl Popper , 1902 – 1994) نىڭ ئىدىيىلىرىدىن پايدىلىنىمەن . ماقالەمدە ھەربىر نۇقتىنەزەرنى ئەمەلىي پاكىت ۋە مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيە بىلەن چېقىشتۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئۇرۇنۇشۇمدىكى سەۋەب شۇكى ، ھازىر خەلقئارا ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىدا ئۇدۇلىغا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھېسسىي ھۆكۈملەر ھېچنېمىگە ھېساب ئەمەس ؛ ھەربىر نۇقتىنەزەرگە دەلىل ۋە نەزەرىيىۋى ئاساس كۆرسىتىش ئاساسىدا ئۆزىمىزنىڭ قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا تاشلىشىمىز زۆرۈر . ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئادەتلەنگەن تونۇش ئاساسىدا ئېرىشكەن تەسىراتىمىز كۆپىنچە خاتا بولۇپ چىقىدۇ ؛ بىز يازمىلىرىمىزدا ئۆزىمىز بايقىغاندەك ھېس قىلغان نۇرغۇن نۇقتىنەزەرلەرنى باشقىلار ئاللىبۇرۇن مۇھاكىمە قىلىپ سىستېمىلاشتۇرۇپ بولغان بولىدۇ . ئۆزىمىز شۇغۇللىنىۋاتقان پەننىڭ نەزەرىيىلىرىنى ئۆگەنمەي ۋە ماقالىلىرىمىزدە تەدبىقلىماي تۇرۇپ ، يازمىلىرىمىزنى ئىلمىيلىك ، تەتقىقات نۇقتىلىرىدىن قويۇلىدىغان ئۆلچەملىرىگە يەتكۈزەلمەيمىز . مېنىڭ بۇ يازمام بۇ خىل ئۇرۇنۇشنىڭ مەھسۇلى بولغىنى ۋە تەتقىقاتىم ئوبىيېكتىپ ئىجتىمائىي شارائىتىمىزدىكى خىلمۇ - خىل چەكلىمىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغىنى ئۈچۈن ، قاراشلىرىمدا يەڭگىللىك ، مۇھاكىمىلىرىمدە چولتىلىق ، دەلىل ۋە نەزەرىيىۋى ئاساسلىرىمدا يېتەرسىزلىك كۆرۈلۈشى ئېھتىمال . شۇنداقتىمۇ ، مەن ئېغىر مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتقان ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى يېزىقچىلىقىمىزدا خەلقئارالىق ئىلمىي ماقالە ئۆلچىمىنى دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن بەزى دادىل سىناقلارنى قىلىشقا مەجبۇرمەن .
بۇ ماقالىدە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي پاكىت ۋە نەزەرىيىۋى ئاساسلار ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە بىر قانچە نۇقتىنەزەرنى ئىلگىرى سۈرىمەن .

         بىرىنچى ، ئۇيغۇرلاردا ھازىرغىچە ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت تەتقىقاتى ساھەلىرىدە بىر مۇنچىلىغان ئېغىر مەسىلىلەر ساقلانماقتا . بۇ مەسىلىلەرنى پەن ئوبيېكتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ، پەن سۇبىيېكتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ۋە پەن كونتېكستىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر قاتارلىق ئۈچ تۈرگە ئايرىش مۇمكىن . پەن ئوبىيېكتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىن ماغزاپ بىلىم تەتقىقاتى ، ساختا بىلىم ۋە ۋاقتى ئۆتكەن بىلىم ھادىسىسى ؛ ساختا تەتقىقات ۋە كۆچۈرمىكەشلىك ھادىسىسى ؛ ئوقۇرمەن كرىزىسى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن . بۇ مەسىلىلەر ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بار . پەن سۇبىيېكتىغا ، يەنى بىلىم ئىشلەپچىقارغۇچى بولغان بىلىم ئىگىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىن ماددىغا ، تاۋارغا چوقۇنۇش ؛ مەدەنىيەت ۋە تونۇشىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىش ؛ نەزەرىيىدىن ، نۆۋەتتىكى خەلقئارالىق تەتقىقات يۈزلىنىشىدىن ، تەتقىقات ئۆلچىمىدىن ۋە ئۇسۇلىدىن خەۋەرسىز بولۇش ؛ ھەممىنى شارائىتقا دۆڭگەپ ئىمكانىيەت ئۈستىدە ئىزدەنمەسلىك ؛ ئىلىم ئەخلاقى كەم بولۇش سەۋەبلىك دىئالوگلاشماسلىق ، ھەمكارلاشماسلىق ۋە ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇش ؛ ئىلمىي ئۆتكەلگە مەسئۇل مەتبۇئاتلاردا ۋە ژۇرناللاردا چىرىكلىك ، چاكىنىلىق ئەۋج ئېلىش قاتارلىق ھادىسىلەرنى مىسالغا ئېلىش مۇمكىن . پەننىڭ كونتېكىستىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىن ئېلىپ ئېيىتساق ، ئىدىئولوگىيە ۋە ئىجتىمائىي كونترولنىڭ چەكلىمىسى ، مەملىكەت مىقياسىدا كەسكىن ، جىددىي ئىلمىي پوزىتسىيە ۋە ئىلمىي ھاۋانىڭ يېتەرسىز بولۇشى ، ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ دۇنيا مىقياسىدا 19 - ئەسىردىن باشلاپ ، جۇڭگو مىقياسىدا مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن پەيدا بولۇشى بۇ ئىككى ساھەدە بىر مۇنچە مەسىلىلەرنىڭ دۆۋىلىنىپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى .
        ئىككىنچى ، يۇقىرىقىدەك بىر قاتار مەسىلىلەر ئاخىرى بېرىپ ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەن تەتقىقاتلىرىنىڭ ۋە بۇ ساھەلەرنىڭ نېنىنى يەۋاتقان زىيالىيلارنىڭ تەرەققىياتىنى ، مەنپەئەتىنى توسالغۇغا ئۇچراتتى .
      ئۈچىنچى ، ئۇيغۇرلاردا ھازىرغىچە ھەقىقىي مەنىدىكى ، خەلقئارادىكى ئىلمىي ئۆلچەمگە ماس كەلگۈدەك ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرى بارلىققا كەلمىدى . ھازىرغىچە بۇ ساھەلەردە يېزىلىۋاتقان يازمىلار ھېسسىيلىقتىن خالى بولالمىدى .
      تۆتىنچى ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ مەۋجۇدىيىتىدە ، سىتراتېگىيە بەلگىلىشىدە ئىنتايىن زۆرۈر بولغان نەزەرىيىۋى تەپەككۇر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملاشمىدى . بۇنى 21 - ئەسىردىكى زامانىۋى دۇنيادا بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋال دېمەي ئامال يوق .  
        بەشىنچى ، بۇ ساھەلەردە مۇئەييەن بىر قاتتىق ئۆلچەم ۋە خەلقئاراغا يۈزلەنگەن ئالىملار بولمىغاچقا ، ھەركىم خىيالىغا كەلگەننى يېزىپ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويمايدىغان ، تېمىنى ، ماۋزۇنى ۋاشاڭ ، پاخال قىلىۋېتىدىغان ، ئەمما ئىلمىي ئۆلچەمگە يەتكۈدەك بىلىم تېپىلمايدىغان ، خېلى كۆپ قىسىم كىشىلەر ، ھەتتا زىيالىيلار ئارىسىدا ئىلمىي ئەسەر ئوقۇشقا قىزىقمايدىغان غەلىتە ، بىنورمال ھادىسە بارلىققا كەلدى . ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى ئىلىم ئىگىلىرى ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد تەتقىقاتچىلار قوشۇنى كېيىنكى يىگىرمە - ئوتتۇز يىل ئىچىدە بۇ خىل ئەھۋالغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن پىلانلىق ، سىتىراتېگىيىلىك ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ، ھەمكارلىشىشى ؛ ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۇل سېلىشى زۆرۈر . ئۇنداق بولمايدىكەن ، ئىزىمىزدىن ئۈنگەن تىكەنلەر ئەۋلادىمىزنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ . ئەڭ مۇھىمى ، ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى بۇ ئەجەللىك ئاجىزلىقلار ۋە مەسىلىلەر شۇ ساھەدىكى ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ گۆرىنى كولايدۇ . ئاخىرى بېرىپ بىر پۈتۈن قەۋم ئارىسىدا نادانلىق ئۆزىنى ئالىم كۆرسىتىدىغان بىنورمال ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ .

2 . مەسىلىنىڭ ئىپادىلىرى

       ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ دەسلەپكى بىخى ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندىن باشلانغان . گەپ بۇنداق ئېيتىلغاندا ، تەبىئىي يوسۇندا ھەرخىل سوئال ، گۇمان ۋە ھەتتا رەددىيە تۇغۇلىدۇ . يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق ئەسىرىدىن 20 - ئەسىردە تۇنجى بولۇپ جەمئىيەت تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر بالىسى نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتوفنىڭ «يورۇق ساھىللار» ناملىق ئەسىرىگىچە ، نەۋايىنىڭ «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن» ناملىق ئەسىرىدىن مۆجىزىنىڭ «تەۋارىخىي مۇسقىيۇن» ناملىق ئەسىرىگىچە بولغان تالاي ئەسەرلەر ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرى دائىرىسىگە كىرمەمدۇ ؟ سوئال بۇنداق قويۇلغاندا ، تەبىئىي ھالدا ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ تەبىرىنى ، ئىجادىي ئەسەر بىلەن ئىلمىي تەتقىقات ئەسىرىنىڭ پەرقىنى ئېنىقلاش تەقەززاسى تۇغۇلىدۇ . يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ، نەۋايىنىڭ ، مۆجىزىنىڭ ۋە ئۇيغۇر بالىسى نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتوفنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت ، ئىدىيە تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلىرىدە ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ بىر خېمىرتۇرۇچى بولغان پىكىر ۋە ئىدىيە تېپىلىدۇ . ئەمما قالغان خېمىرتۇرۇچلىرىدىن بولغان لوگىكىلىك ئانالىز ، نەزەرىيىۋى تەپەككۇر تېپىلمايدۇ ؛ ھەم ئۇ ئەسەرلەردە ئۇقۇملار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئىنچىكە شەرھلەنمىگەن . يىغىپ ئېيىتقاندا ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىجادىي ئەسەر . ئىجادىي ئەسەر ، جۈملىدىن دىداكتىك داستانلار ، رومانلار ، شېئىر - قەسىدىلەر ، قىسسە - رىۋايەتلەر ، ساياھەت خاتىرىلىرى قاتارلىقلار ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتىغا كىرىدۇ . بۇ دېگەنلىك ئىجادىي ئەسەر ئىلمىي ئەسەر ئەمەس ، بەلكى ئادىمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىنىڭ بىر ئوبيېكتى دېگەنلىكتۇر . شۇڭا ، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ 1956 - يىللىق 3- سانىغا ، خەنزۇچە 4 - سانىغا بېسىلغان «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11 - ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمى» ھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىسى ئۇيغۇرلاردا ئادىمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىنىڭ تۇنجى ئۇلىنى سالدى دېسەك خاتالاشقان بولمايمىز . ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن باشلاپ بەرگەن ئادىمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتى باشلانغۇچ شەكىلدە 1978 - يىلىدىن كېيىن باشلاندى . مەرھۇم ئالىمنىڭ «قاتلاملىق ئىستېتىكا» ، «فارابىنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئادىمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىنىڭ خەلقئارالىق ئۆلچىمىگە توشۇپ كەتمەيىتتى . ئەمما ، ھەر ھالدا ئۇيغۇرلار ئۇزۇن يىللاردىن بېرى باشتىن كەچۈرۈپ كەلگەن سىياسىي بوران - چاپقۇنلارنى ، ياشىغان دەۋردىكى چەكلىمىلىكنى نەزەرگە ئالغاندا ، ئۇلارنى بۇ ساھەدىكى ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ ئۇلىنى سېلىپ بەرگەن ئىلمىي ئەسەرلەر دېيىشكە بولاتتى . ئۇنىڭدىن كېيىن ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ، كلاسسىك ئەدەبىيات ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ، تىلشۇناسلىق ، تارىخ ، فولكلور ، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر ھەققىدىكى بىر يۈرۈش تەتقىقاتلار يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ ، ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى بوشلۇقنى قىسمەن دائىرىدە تولدۇردى . 1980 - يىللارنىڭ بېشىدىن 1990 - يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندىن باشقا كلاسسىك ئەدەبىياتتا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ، ئەھمەد زىيائى ، ئابدۇشۈكۈر تۇردى ، مەھمۇد زەيدى ، شەرىپىدىن ئۆمەر ، غەيرەتجان ئوسمان قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ؛ ھازىرقى ، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئازات سۇلتان ، كېرىمجان ئابدۇرېھىم ، نۇرمۇھەممەت زامان قاتارلىق تەتقىقاتچىلىرىمىز ؛ فولكلوردا ئابدۇكېرىم رەھمان ، ئوسمان ئىسمايىل تارىم قاتارلىق تەتقىقاتچىلىرىمىز ؛ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتە مۇھەممەت پولات ، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم ، ماخمۇتجان ئىسلام ، يالقۇن روزى ، ئەكبەر قادىر قاتارلىقلار ؛ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدا مىرسۇلتان ئوسمانوف ، خەمىت تۆمۈر ، ئابدۇرەئوپ پولات ، ئابلىمىت ئەھەت قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ؛ قەدەمكى ۋەسىقىلەر تەتقىقاتىدا تۇرسۇن ئايۇپ ، ئىسراپىل يۈسۈپ ، ئابدۇقەييۇم خوجا ، مەترېھىم سايىت ، دىلدار مەمتىمىن قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەجرى ۋە تىرىشچانلىقى بەدىلىگە كەلگەن تەتقىقات ئەسەرلىرىنى ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ ئوخشىمىغان ساھەلىرىدە روياپقا چىقاردى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، 1985 - يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلانغان يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكىتىدىكى سەركەردىلەردىن مەرھۇم باتۇر روزى «نەۋايىدىن كېيىنكى 500 يىللىق پاجىئە» قاتارلىق ماقالىلىرى ، ئابدۇقادىر جالالىدىن «ئۆڭكۈردىن بوشلۇققا قاراپ» قاتارلىق ماقالىلىرى ، ئادىل تۇنىياز «شېئىر كۈلۈمسىرىمەكتە» قاتارلىق ماقالىلىرى بىلەن ئۇيغۇر شېئىرىيەت تەتقىقاتىغا بەزىبىر يېڭى چۈشەنچىلەرنى ، يېڭى ئۇقۇملارنى ئېلىپ كىردى . ئۇلارنىڭ غەرب مودېرنىزم ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدىكى يېڭى چۈشەنچىلەردىن ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز يوسۇندا زەرەتلەنگەن يازمىلىرى ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ بىر تۈرى بولغان ئەدەبىيات نەزەرىيىسىگە ئاز - تولا بولسىمۇ ھەسسىسىنى قوشتى .

        ھالبۇكى ، 1980 - يىللاردىن 1990 - يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا يېزىلغان نۇرغۇن ئىلمىي ئەسەرلەردە باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلانغان نۇقتىلارنى سىتاتا شەكلىدە بەرمەسلىك ياكى كەمدىن - كەم بېرىش ؛ قىزىققان ھۆكۈملەرگە ئالدىراش ، ئىزاھ ۋە نەزەرىيە قىسىمى بولماسلىق قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ساقلاندى . مەسىلەن ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تەتقىقاتچىلار ئىچىدە ئەسەرلىرىنىڭ ئىلمىيلىكى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» ناملىق ئەسىرىگە قارايدىغان بولساق ، ئالىمنىڭ ئۆزى تەھلىل قىلىۋاتقان ئاپتورلارنىڭ ئىدىيىسىنى پەقەتلا فېييىرباخ پەلسەپىسى ۋە ماركسىزم نۇقتىسىدىن باھالاپ ئۆتكەنلىكىنى بايقايمىز . ئەمەلىيەتتە ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن قەلەم تەۋرەتكەن ئاشۇ يىللاردا خەلقئارادا ماركسىزمدىن باشقا ئامېرىكىلىق ئالىم تالكوت پارسونىس ئۇلىنى سالغان فۇنكىسىيىزم (Functionalism , 功能主义) ، فرانسىيىلىك ئىنسانشۇناس لېۋ سىتراۋس ئۇلىنى سالغان قۇرۇلمىچىلىق (Structuralism , 结构主义) ، فرانسىيە مۇتەپەككۇرلىرىدىن دېررىدا ، مىچىل فۇكاۋ ئۇلىنى سالغان كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىق (Post-structuralism , 后结构主义) ، فرانسىيە مۇتەپەككۇرلىرىدىن لىئوتارد ، بوردىليارد قاتارلىقلار راۋاجلاندۇرغان كېيىنكى مودېرنىزم (Postmodernism , 后现代主义) قاتارلىق ھەرخىل پىكىر ئېقىملىرى ماركسىزملىق پىكىر ئېقىمىغا جەڭ ئېلان قىلىپ ، خەلقئارالىق ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەسىنى جانلاندۇرۇۋەتكەن بىر چاغلار ئىدى . مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۇيغۇر ئادىمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىنىڭ ئۇلىنى سېلىپ بەرگەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭ بۇ ئىككى ساھەدە ماركسىزملىق پىكىر يولى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرالايدىغان ، يۇقىرىدا ئىسىمى ئاتالغان باشقا پىكىر يوللىرىدىن خەۋەرسىز قېلىشى ، «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ماركستىن ناھايىتى ئۇزاق يىللار ئىلگىرى ياشىغان ئۇيغۇر كلاسسىكلىرىنىڭ ئىدىيىلىرىنىمۇ ماركسىزم نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىشى بىر گۆدەكلىك ئىدى . ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندىن كېيىن ئۈزۈكچىلىك كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان تەتقىقات رېلىسىنى ياش دوكتورلاردىن ئەسئەت سۇلايمان ، ئىقبال تۇرسۇن ، ھۆرمەتجان ئابدۇراخمان ، راھىلە داۋۇت ، ئەنۋەر سەمەد قورغان قاتارلىقلار ئۇلىدى . بۇنىڭ ئىچىدە ئەسئەت سۇلايمان ئوقۇرمەنلەر بىرقەدەر كۆڭۈل بۆلىدىغان ، ئەمما گاڭگىراپ قالغان نۇقتىلاردا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ، «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ» قاتارلىق كىتابىدىكى بىر يۈرۈش ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى ۋە ئادىمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىدا بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلدى ؛ ئۇنىڭ يازمىلىرىمۇ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىدى . ئەمما ، قىزىق يېرى ، خەنزۇ تىلى ۋە چەتئەل تىللىرىدىن تولۇق خەۋىرى بار بۇ دوكتورلارنىڭ ھېچقايسىسى يازمىلىرىدا خەلقئارا ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى تەتقىقات مېتودلىرىنى ۋە شۇ پەننىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسلىرىنى تەدبىقلىمىغان ، ئۆز مەدەنىيىتى ۋە ئۆز تونۇشىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتەلمىگەنىدى . ئادىمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىدىكى ئەقەللىي ئۆلچەملەردىن بولغان تەتقىقات سوئالى بولۇش ، ئېنىق نۇقتىنەزەر بولۇش ، نۇقتىنەزەرنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ۋە نەزەرىيە بولۇش ۋە ئاخىرىدا لوگىكىلىق مۇھاكىمىلەر ئاساسىدا ئۆزىنىڭ خۇلاسىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش قاتارلىق نۇقتىلارنى بۇ ياش دوكتورلارنىڭ تەتقىقات ئەسەرلىرىدىن تاپقىلى بولمايتتى . بۇلارنىڭ ئىچىدە تەسىرى ، نوپۇزى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان ئەسئەت سۇلايماننىڭ «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ» دېگەن داڭلىق ماقالىسىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق ، ئۇنىڭدا ئېنىق بىر تەتقىقات سوئالى يوق ، نۇقتىنەزەرلەر ئىزچىللىققا ئىگە خام ماتېرىيال ۋە مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيىلەر ئاساسىدا يورۇتۇلمىغان . ئەڭ قىزىقارلىق يېرى ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنگىچە ئارقىدا قېلىشىدىكى سەۋەب نۇقتىلىق ھالدا ئۇلار ياشىغان جۇغراپىيىلىك مۇھىتقا باغلاپ قويۇلغان ۋە مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان باشقا ئاچقۇچلۇق نۇقتىلار نەزەردىن ساقىت قىلىنغانىدى ياكى مۇھاكىمە قىلىنمىغانىدى . ئەلۋەتتە ، بۇنىڭدا تەتقىقاتچى دۇچ كېلىۋاتقان چەكلىمىلىكلەرنى ۋە ئوبىيېكتىپ شارائىتلارنىڭ يار بەرمىگەنلىكىنى نەزەرگە ئالماي بولمايدۇ . ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى ، مەلۇم بىر ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب كۆپ تەرەپلىمىلىك بولىدۇ . تەتقىقاتتا مەلۇم بىر ئىجتىمائىي ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى بىرلا نۇقتىغا باغلاپ قويۇش قارارچىلىق (Determinism , 决定论) ياكى يەككە ئامىلچىلىق (Reductionism , 简化论) دەپ ئاتىلىدۇ ۋە قارشى ئېلىنمايدۇ . بايا تىلغا ئېلىنغان تەتقىقاتچىلاردىن يەنە ئىقبال تۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇرلاردا ئۆلۈم ئېڭى» ، ئەنۋەر سەمەد قورغاننىڭ «ئۇيغۇرلاردا ئەدەب ۋە ئەخلاق» ، «ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر» ناملىق ئەسەرلىرى ، راھىلە داۋۇتىنىڭ «ئۇيغۇر مازارلىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن يېزىلغىنىغا قارىماي ، بۇ ساھەدىكى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىدىغان نەزەرىيىلەردىن قىلچىلىكمۇ پايدىلانمىغان . توغرىراقى ، بۇ ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى يوق بولۇپ قالغان . مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقىدا لېۋ سىتراۋس (Levi-strauss , 1908 - ) ، ئامېرىكىلىق ئىنسانشۇناس كلىفورد گېرتىس (Clifford Geertz , 1926 - 2006) ۋە مارشال ساخلىنىس (Marshal Sahlins , 1930 - ) نىڭ نەزەرىيە سىستېمىلىرىنى تەدبىقلىماي تۇرۇپ ئۇيغۇرلاردا ئەخلاق ئېڭى ، ئۆلۈم ئېڭى ۋە مازار تاۋاپ قىلىش ئېڭى ھەققىدە ئىلمىي بىر مۇھاكىمە يۈرگۈزگىلى بولمايىتتى . گەپ بۇنداق ئېيتىلغاندا ، ئېھتىمال «ئۇلار غەربنىڭ ئىنسانشۇناسلىرى تۇرسا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېچنېمە يازمىغان تۇرسا ، ئۇنى ئۆگىنىپ ۋە تەتقىقاتتا تەدبىقلاپ نېمە كەپتۇ؟» دېگەن سوئال تۇرغۇلۇشى مۇمكىن . ئەمەلىيەتتە ھازىر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆز مەدەنىيەت چەمبىرىكىدىن چىقماي تۇرۇپ تونۇشىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىدىغان ، ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ خاراكتېرىنى ۋە نەزەرىيىۋى قورالىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ غەرب ئىدىيىلىرىگە قارىغۇلارچە باھا بېرىدىغان خاھىش مەۋجۇت . مەيلى مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى تەتقىقاتى بولسۇن ۋە مەيلى جەمئىيەتشۇناسلىق ياكى جەمئىيەت ئىنسانشۇناسلىقى تەتقىقاتى بولسۇن ، ئاۋۋال غەربتە راۋاجلانغان ؛ جۇڭگوغا بولسا ئۇ پەنلەرنىڭ تەرەققىياتتىكى ساقىندى ئېلېمېنتلىرى (ئۆزى ئەمەس) 1980 - يىللاردىن كېيىن سىڭىپ كىرىشكە باشلىغان . توغرا ، بايا ئىسىمى تىلغا ئېلىنغان مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىرى ھېچقاچان ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھەققىدە بىر نەرسە يېزىپ قالدۇرمىغان ؛ ئەمما ئۇلار ئاسىيادىكى ھىندونېزىيە ، ئافرىقىدىكى ئالجىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ، تەرەققىي قىلمىغان جەمئىيەتلەردە ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىپ ، بىر يۈرۈش كۈچلۈك نەزەرىيە سىستېمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان . ئاشۇ نەزەرىيە سىستېمىلىرى ناھايىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خەلقئارالىق مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى ساھەسىدە تەسىرىنى يوقاتماي ، بۇ پەننىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسلىرىغا ئايلىنىپ كەتتى . مەن بۇ ئارقىلىق ھەرگىزمۇ بىرنەچچە غەربلىك ئالىمنىڭ ئىدىيىلىرىنى تەدبىقلىمسا ئىلمىي تەتقىقات بولمايدۇ ، دېمەكچى ئەمەسمەن . ئەكسىچە بۇ ساھەنىڭ نېنىنى يەۋاتقان دوكتورلىرىمىزنىڭ ئۆز ساھەسىدە خەلقئارادا نېمە بەس - مۇنازىرە ۋە يېڭى گەپلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىشى زۆرۈر ئىدى ، دېمەكچىمەن . ئەگەر ياش دوكتورلىرىمىزمۇ بۇ ئىشتا تىرىشمىسا ۋە تەتقىقاتنى پەقەت بولمىغاندا خەلقئارا تەتقىقات ئۆلچىمى مېتودلىرىنى ئاز - تولا بولسىمۇ ئىشلىتىپ ئېلىپ بارمىسا ، ئۇنداقتا بىزنىڭ ئادىمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىمىزنىڭ ئىزچىل دەۋرنىڭ كەينىدە قېلىشى تۇرغان گەپ .
مەن بۇ يەردە دوكتورلىرىمىزنىڭ ، تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىدىن مىسال ئېلىش ئارقىلىق ئۇلارنى چۆكۈرمەكچى ياكى تەنقىد قىلماقچى ئەمەسمەن . ئەكسىچە «ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى بىر مەسىلە دەل تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى ، ئۆز تونۇشىنىڭ چەكلىمىسىدىن ھالقىيالماسلىق» دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرمەكچى . بۇ تەتقىقاتىمىزنىڭ خەلقئارا ئۆلچەمدىن تولا تۆۋەن بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى .

      مەن چەت ئەل مۇتەخەسىسلىرىنىڭ ، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان كىتابلىرىنى ۋاراقلىغىنىمدا بىر ئىشنى ئازاب ئىچىدە بايقايمەن . يەنى چەت ئەل ئالىملىرى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يازغان ئىلمىي ئەسەرلىرىدىن پايدىلانمايدىكەن . مەسىلەن ، گېرمانىيە ئۇيغۇرشۇناسى ئىلدىكو بېللىرخان (Ildiko Beller-Han) ئۆزىنىڭ «جامائەتچىلىكنىڭ كۈچى : شىنجاڭنىڭ تارىخىي ئىنسانشۇناسلىقى - 1949 - 1884» دېگەن ئىلمىي ئەسىرىدە ۋە ئەنگلىيە ئۇيغۇرشۇناسى راچېل خاررىس (Rachel Harris) ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» ھەققىدىكى ئەسىرىدە شۇ ساھەدە مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرچە يازمىلارنىڭ تولا بولۇشىغا قارىماي ئۇيغۇر ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن سىتاتا ئالمىغان . كېيىن بىلسەم ، چەت ئەللىك تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى «سەۋىيىسى تۆۋەن ، ھېسسىياتقا بېرىلىدۇ» دەپ قاراپ ھېسابقا ئېلىپ كەتمەيدىكەن . بۇ نۇقتىنى ئەسئەت سۇلايمانمۇ دەلىللەيدۇ . مەسىلەن ، 2007 - يىل 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى يالقۇن روزى ، ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى قاتارلىق زىيالىيلار بىلەن ئۈرۈمچىدىكى «جام چايخانىسى» دا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان چېغىمىزدا ئەسئەت سۇلايمان چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەتقىقات ئەسەرلىرىنى ئانچە بەك ھېسابقا ئېلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى قەيىت قىلغانىدى . ئامېرىكىدا ماگىستېرلىقتا ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇش داۋامىدا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار يازغان ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ چەت ئەل مۇتەخەسىسلىرى تەرىپىدىن نېمە ئۈچۈن نەزەردىن ساقىت قىلىنغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم . شۇنى ھېس قىلدىمكى ، ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى تەتقىقاتى يوقىرى ئۆلچەم ، جىددىي پوزىتسىيە ، سوغۇققان پىكىر يولى ، ئىلمىي تەپەككۇر ۋە دەلىللىك نۇقتىنەزەرنى تەلەپ قىلىدۇ . ھالبۇكى ، ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى سەۋىيىسى بۇ تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ . شۇ ۋەجىدىن ، تەتقىقاتلىرىمىزنىڭ خەلقئارالىق ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەسىنىڭ نۆۋەتتىكى يۈزلىنىشىگە ماس ھالدا تەرەققىي قىلىشىغا خېلى بىر مەزگىل ۋاقىت بار .


پاكىت تەھلىلى (2)

ئىلىم ھايانكەشلىكى ، ماغزاپ بىلىم ، ساختا تەتقىقات

       2008 - يىلى 3 - ئايدا «ئىنتىل» تورىدا ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئىلمىي ژۇرنىلىدا تەھرىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان بىر ئادەم پۇلغا ئىلمىي ماقالە بېسىش ھەققىدىكى تېمىسىنى ئېلان قىلدى . بۇ مېنىڭ ماگستېرلىق ماقالەمگە ناھايىتى جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقان ، تازا جاپا چېكىۋاتقان ۋاقتىم بولغاچقىمۇ ئەيتاۋۇر ، بۇ خەۋەردىن بەكلا چۆچۈدۈم ھەم غەزەبلەندىم . بۇ تېمىنىڭ مۇنبەردە پەيدا بولۇشى قارىماققا ئاددىي ئىشتەك قىلغىنى بىلەن كەم دېگەندە مۇنداق ئۈچ نۇقتىدىن - ئىلىم ھايانكەشلىكىدىن ئىبارەت جىنايەتلىك ، نومۇسلۇق بىر ئىشنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق بىر ئىشقا ئايلانغانلىقىدىن ؛ مۇشۇنداق چاكىنىلىق ۋە پۈچەكلىكنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان ئىلمىي ژۇرناللاردا ، مەتبۇئاتلاردا مەلۇم دەرىجىدە يىلتىز تارتىشقا ئۈلگۈرگەنلىكىدىن ، ئەڭ مۇھىمى كرىزىس ، خارابىلىك ئىچىدە قالغان ئىلمىي تەتقىقات ساھەيىمىزدىن دېرەك بېرەتتى . نېمەدەپ چۈشەندۈرۈلۈشىدىن قەتئىينەزەر ، بۇنداق ھادىسىنى قۇبۇل قىلغىلى بولمايىتتى . بىر نەچچە ئىنكاستا ئۇ تېمىنى چىقارغان تورداش قاتتىق تەنقىدلەندى . مەن ھەرھالدا ئىلمىي ، ئاكادېمىيە ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان قېرىنداشلارنىڭ يەنىلا كۆپلۈكىگە چىنپۈتتۈم .
ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ يازلىق تەتىلدە ئۈرۈمچىگە قايىتتىم . يۇقىرىقى ئىش بەك تەسىر قىلغاچقىمۇ ، ئىلمىي ژۇرناللارنىڭ ، تەھرىرلەرنىڭ ، ئىلمىي ئەسەر ئوقۇيدىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە پىكىر ئىگىلىدىم . ئىلمىي ژۇرناللارنىڭ سەۋىيىسى ھەقىقەتەنمۇ تۆۋەن ئىدى . بولۇپمۇ ، «ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ، «ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» قاتارلىق بىر قانچە نوپۇزلۇق ژۇرنال پاخال يازما بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى . كۆپ قىسىم ماقالىلەردە يا بىر مۇستەقىل نۇقتىنەزەر ، يا بىر دەلىل - ئىسپات يوق ئىدى ، سىتاتا - ئىزاھات قىسىمى بېرىلمىگەنىدى . توردىن ، باشقىلارنىڭكىدىن كۆچۈرۈلگەن ئەسەرلەر كۆپمۇ ، قانداق دېگەن ئوي بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم . بىر ژۇرنالنىڭ تەھرىرى ماڭا ئۇنۋان ئۈچۈن خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنىپ ياكى باشقىلارنىڭ قولى بىلەن پۈتكەن ماقالىلەرنىڭ ژۇرناللارنى ئىگىلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى ، ئەمما ماقالىلەرنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشىنى ئىگىلەش ھوقۇقى ئۆزىدە بولمىغاچقا ئامالسىز قېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئېغىر خۇرسىندى .
      - بىر تونۇشۇمنىڭ ئۇنۋان ئالىدىغان ئىشى بار ئىدى ، پۇل بەرسە چىقىرىپ بېرەمسىلەر ؟ - دەپ سورىدىم بىر ژۇرنالنىڭ تەھرىرىدىن . ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ئۇنىڭدىن ئەھۋال ئىگىلەش نىيىتىم بار ئىدى .
   - چاتاق يوق ، - دېدى تەھرىر كەسكىن ئىپادە بىلدۈرۈپ ، - سىزنىڭ تونۇشىڭىز بولغاندىكىن ئەرزانراق چىقىرىپ بەرسەك بولىدۇ . باشقىلارغا 400 يۈەن دەيىتتۇق . سىزنىڭ تونۇشىڭىز بولغاندىكىن 200 يۈەن ئېلىپ كەلسە بولىدۇ .
    مەن ئىلمىي ژۇرناللارغا بۇنداق پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقان تەھرىرلەرنى باشقا يەرلەردىمۇ ئۇچراتتىم . بەش ژۇرنالنى نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق يېقىنقى ئۈچ يىللىق سانلىرىدا ماغزاپ بىلىم ، ساختا بىلىم ، ۋاقتى ئۆتكەن بىلىملەرنى تەتقىقات دەپ كۆتۈرۈپ چىققان يازمىلارنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى بايقىدىم . بىر نەچچە كىتابخۇمار ، ئوقۇيدىغان كىتابلىرىغا يۇقىرى تەلەپ قويىدىغان ئوقۇرمەن بىلەن ئىلمىي ژۇرناللاردا چىقىۋاتقان ماقالىلەرنى ئوقۇيدىغان- ئوقۇمايدىغانلىقىنى سورىدىم .
     - ئوقۇغۇدەك بىر نېمە يوق ، - دېدى ئۇلار كېلىشىۋالغاندەكلا ، - ھازىر ئىلمىي ژۇرناللاردا چىقىۋاتقان ماقالىلەردە تۈزۈك تەم قالمىدى . ھېچقانداق قىممىتى يوق . ئوقۇغىنىمىز بىكار .
     ئۈرۈمچىدىكى بىر نەچچە شەخسىي كىتابخانىنى ئايلاندىم . بىر كىتابخانىدا «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» ۋە «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ يېقىنقى سانلىرىنى ئۇچراتقىنىمدىن باشقا ، باشقا كىتابخانىلاردا تۈزۈك ئىلمىي ژۇرنال ئۇچراتمىدىم . ئەھۋال ئىگىلىشىمگە قارىغاندا ، ئوقۇرمەنلەر كۆپىنچە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا ئامراق ئىكەن . ئىلمىي ژۇرناللارنى ئەكىرگەن بىلەنمۇ ئالىدىغان ئادەم ئاز ئىكەن . ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ، ئەسئەت سۇلايماننىڭ كىتابلىرى تېزراق ئۆتىدىكەن .
         ئۇيغۇرلاردا «تارىم» ، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» قاتارلىق بىرقانچە مەتبۇئاتتىن باشقا ژۇرناللار 1978 - يىلىدىن كېيىن بارلىققا كەلدى . بايا تىلغا ئېلىنغاندەك ، تەتقىقات ساھەسىدە 1980 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 1990 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە نىسبتەن گۈللىنىش مەنزىرىسى پەيدا بولدى . ئۇ چاغلاردا چوڭ ھاجى باش مۇھەررىرلىكىدىكى «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» ، ئەكبەر ھۈسەيىن باش مۇھەررىرلىكىدىكى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» ، قۇربان مامۇت باش مۇھەررىرلىكىدىكى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا بىرقەدەر سۈپەتلىك ماقالىلەر ئېلان قىلىناتتى ، ژۇرناللارنىڭ تەسىرىمۇ كۈچلۈك ئىدى . 1990 - يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى مەتبۇئاتلارغا ئاز بولمىغان سەلبىي تەسىرلەرنى تاڭدى . بەزى مەتبۇئاتلار ئىقتىسادىي كرىزىس ئىچىدە قېلىپ ھەرخىل چارە - ئاماللارنى ئويلاشقا مەجبۇر بولدى . ئەنە شۇنداق مۈشكۈل ئەھۋاللاردا بارلىققا كەلگەن غەلىتە تۆرەلمە - پۇلغا ماقالە ئېلان قىلىش ھادىسىسى مانا ئەمدىلىكتە يامراپ ، جەمئىيەتلىشىپ ، كۆپ قىسىم ئىلمىي ژۇرنال تەھرىر بۆلۈملىرىنىڭ نەزەرىدە ھەيران قالغۇچىلىكى يوق ھادىسىگە ئايلاندى . بۇ ھال ئىلىم ھايانكەشلىكى ، ساختا بىلىم ، ماغزاپ بىلىم ۋە تىكىپ - سۆكۈپ قۇراشتۇرۇۋېتىلگەن ساختا تەتقىقاتلارنىڭ ، توغرىراقى ئىلىم خارابىسىنىڭ بىر ئېچىنىشلىق ھادىسە سۈپىتىدە رېئاللىقىمىزدا بارلىققا كېلىشىگە ئاساس ھازىرلىدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، پۈتۈن ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىدا ئىلمىي ماقالىلەرنى ئوقۇشقا قىزىقمايدىغان ، يازارمەنلەر ئارىسىدا تەتقىقاتنى ئويۇن ئورنىدا كۆرىدىغان بىنورمال ۋەزىيەت شەكىللەندى . ناھايىتى ئاز ساندىكى تەلەپچان تەھرىرلىرىمىز ، تەتقىقاتچىلرىمىز ، مىللەتنىڭ ئەقلىي مىراسىنىڭ داۋاملىشىشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر قىسىم ھۇشيار ئوقۇرمەنلىرىمىز بولسا بۇ ھالدىن ئەپسۇسلاندى ، خۇرسىندى . ئەمما ، بۇ بىر جەمئىيەتلەشكەن ھادىسە بولغاچقا ، بىرەر ئادەمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بۇنداق بىنورمال ۋەزىيەتنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ .
    ئىلمىي ژۇرنال دېگەن نېمە ؟ ئىلمىي تەتقىقات دېگەنچۇ ؟ ئىلىم ساختىپەزلىكىنىڭ بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ۋە ئەقلىي تەرەققىياتىغا كەلتۈرىدىغان سەلبىي تەسىرى نېمە ؟ مۇشۇ سوئاللار مېنى ئازاب ئىچىدە ئويلاندۇرىدۇ . ئىلمىي ژۇرنال بىر مىللەتنىڭ ، بىر قەۋمنىڭ ئەقلىي بۇلىقىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ ؛ ئىلىم ئاشىنالىرىنى تەربىيىلەيدىغان سەھنە ؛ ئەقلىي مىراسلارنى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا ئۇلايدىغان رېلىس . ئىلمىي تەتقىقات بولسا - بىر مىللەتنىڭ ئەقلىي قۇۋۋىتىنىڭ ، ئىلىمگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ ئىنكاسى . ھەقىقىي مەنىدىكى ئىلمىي تەتقىقات قۇرۇق گەپ سېتىش ئەمەس ، بەلكى بىر ئىجتىمائىي توپ كىشىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ مۇھىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئەستايىدىل دىئالوگنىڭ مەلۇم بىر دەۋر ، مەلۇم بىر جەمئىيەتتىكى ئىلمىي بىلىشىنىڭ نەتىجىسى . ئىلىم ساختىپەزلىكىگە يول قويۇۋاتقان ، سۈكۈت قىلىۋاتقان بىر مىللەت ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ گۆرىنى كولاۋاتقان ؛ ئەۋلادلىرىغا ئىلىم خارابىسىنى ، دات باسقان ئەقلىنى مىراس قالدۇرۇش ئالدىدا تۇرغان مەغلۇبىيەتچى مىللەتتۇر . بۇنداق ئېچىنىشلىق ھادىسىدە پۈچەكلىك ئەۋج ئالغان ئىلمىي ھاۋانىڭمۇ ، ئېڭى ماددىيلىشىپ كەتكەن تەھرىرنىڭمۇ ، بىخۇد ، ئىنكاسى ئاستا ئوقۇرمەننىڭمۇ ، ئىلىمنى ئويۇن ئورنىدا كۆرۈشنىڭ نومۇسسىزلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەن بىر يازارمەننىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار .
      يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەر ئاقىۋەت پەيدا قىلماي قالمىدى . تەتقىقات ساھەيىمىزدىكى ئىلىم ساختىپەزلىكى ؛ ساختا بىلىم ، ماغزاپ بىلىم ھادىسىسى نۇرغۇن ئوقۇرمەننى ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئوقۇمايدىغان ، ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىدىغان ھالەتكە مۇپتىلا قىلدى . مەسىلەن ، بىزنىڭ ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرىمىز ساھەسىدىكى تالانت ئىگىلىرىدىن داۋۇتجان ئوبۇلقاسىم پەلسەپە تارىخىنى رومان ، ۋەقەلىك شەكلىدە ناھايىتى چۈشىنىشلىك يورۇتۇپ بەرگەن «سوفىيەنىڭ دۇنياسى» ناملىق داڭلىق كىتابنى ۋە «ئەرەب تىلىدا يېزىلغان پەلسەپە» قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ نەشردىن چىقارغاندا ، تاھىر ھامۇت «غەرب مودېرنىزم ئەدەبىيات ئېقىملىرى» ناملىق كىتابنى مىڭ تەستە تۈزۈپ ئۆزى پۇل خەجلەپ يورۇقلۇققا چىقارغاندا ، بۇ كىتابلارنى سېتىۋالىدىغان ئوقۇرمەنلەر ماخمۇتجان ئىسلامنىڭ «كاككۇك قونغان تال» ناملىق مۇھەببەت ھېكايىلىرى توپلىمىنى ، ھۈسەنجان ئابدۇۋەلىنىڭ «كۆزگە ئايلانغان كۆڭۈل» ناملىق مۇھەببەت تېمىسىدىكى رومانىنى سېتىۋالىدىغانلاردىن ئاز بولۇپ چىقتى . [3] تاھىر ھامۇت ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ نەشردىن چىقارغان كىتابىدىن زىيان تارتتى . [4] مەمتېلى ئەخەت يازغان «ياشىق پەلسەپىسى» مۇ تۈزۈك بازار تاپالمىدى . بىزنىڭ ياراملىق زىيالىيلىرىمىزمۇ ياشىشى ، ئۆز ئەجرىگە تۇشلۇق نېسىۋىگە ئېرىشىشى كېرەك ئىدى . ئەمما ، ئەجرىگە تۇشلۇق تۈزۈك ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن بۇ بىلىم ئىگىلىرى ئەمدى تىجارەت قاينىمىغا كىرىشكە مەجبۇر بولدى . مەن ئويلايمەنكى ، داۋۇتجان ئوبۇلقاسىمدەك ، تاھىر ھامۇتتەك ياراملىق زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەتتىن قول ئۈزۈپ ياشاش ئۈچۈن تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇر بولۇشى بىزدىكى ئوقۇرمەن كرىزىسىنىڭ ئاقىۋىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس . ھالبۇكى ، بىزدىكى ئوقۇرمەن كرىزىسى دەل مەن بايا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىلىم كرىزىسىنىڭ ئەكس تەسىرىدە پەيدا بولغانىدى . ئەمدىلىكتە ئوقۇرمەن كرىزىسى نەشرىياتچى ، تەھرىر ، ئاپتورلارنىڭ ئوخشاشلا مەنپەئىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ، غېمىگە غەم قوشىدىغان بىر مەسىلىگە ئايلاندى . دېمەك ، ئىلمىي تەتقىقاتقا ساختىلىق ئىشلەتكەن تەتقىقاتچىلار ، ئىلمىي ژۇرنال چىقىرىشنى ئويۇن قاتارىدا كۆرگەن ئاز بىر قىسىم تەھرىرلەر ئاۋۋال ئۆزىنىڭ گۆرىنى كولىدى ؛ ئاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقلىي قۇۋۋىتىنىڭ ئۆسۈشىگە ئاڭسىز ۋە ئاڭلىق يوسۇندا زىيان سالدى . مانا ئەمدىلىكتە بىز بىر قىسىم تەھرىرلەر نەپسانىيەتچىلىككە بېرىلىپ پۇلغا «ماقالە» چىقىرىدىغان ، «ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» نىڭ مۇشتەرىلىرى 1000 غا يەتمەيدىغان بىر بىنورمال ۋەزىيەتكە شاھىد بولماقتىمىز . بۇنى ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەيىمىزدىكى بىر كرىزىس ، بىر ئېغىر مەسىلە دېمەي ئامال يوق .


داۋامى بار
 
 
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-07-20, 23:01
تىلىمنڭ چەكلىمىلىكى  دۇنيايىمنىڭ چەكلىمىلىكى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-07-20 19:16 |
kanji
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8382
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 104
شۆھرەت: 532 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 537 سوم
تۆھپە: 320 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 324 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 50(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەمەلىيەتتە«ئىز»،«ئويغانغانغان زىمىن»،«ئانايۇت»لارمۇ «ئۇيغۇر» چە يىزىلغان ئەسەر لەرئىكەن،مەن بىر زامانلاردا شۇ كىتاپلارغا ئاساسەن تۇڭگان قىرىنداشلار بىلەن ماجوڭيىڭ توغرۇلۇق مۇنازىرىلەشكەن،تىللاشقان ئەپسۇس ماجوڭيىڭنىڭ ئۆز ئوغلىنىڭ ھازىرقى سۈرىتى ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسىم ئىسپاتلىرى مىنى ھەقىقەتەن گاڭگىرىتىپ قويدى، نۇرغۇنىمىزنىڭ (مىنىڭ)تەپەككۇرىمىز ھەقىقەتەن مەسلىنى ئومۇمى جەھەتتىن كۆزىتىشتە تازا ياخشى پىشىپ يىتىلمەپتۇ،ھەتتا ئاپپاق خوجا مەسلىسىدىمۇ بىز بىر قانچە چىنلىقى تۆۋەن بەدىئى ئەسەرلەرگە ئىشىنىپ،باشقىلارنىڭ مەدىنىيەت ئۈزۈكچىلىكىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بىر شەخىسكىلا ئارتىپ قويۇپ، مەسلىنى نىگىزىدىن تەھلىل قىلماسلىقىغا يول قويۇپتۇق،ئۇيغۇرزادەمەن سىزنى 1997-يىلىدىكى «سەددىچىن سىپىلىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن كۆرۈنىشى»ھەققىدىكى ماقالىڭىزدىن باشلاپ تونۇغان،سىزگە كۆپتىن كۆپ رەخمەت
lutun
ھەممەئىشلار ياخشىلىنىپ كىتىدۇ!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-20 23:31 |
qaptikax
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6463
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 48
شۆھرەت: 282 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 286 سوم
تۆھپە: 166 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 170 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 40(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق مۇنبەر ئەھلى، ھۆرمەتلىك ئۇستازىم ئۇيغۇرزادە، ئۇلۇغ رامىزانىمىز قۇتلۇق بولسۇن.
 قۇتلۇق رامىزان ئېيىنىڭ1-كۈنىدە سىزنى ئۇچراتقىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن،  رامىزان ئايلىرىمىز خۇشال باشلانغاي، مۇمكىن بولسا يوقاپ كەتمەي، مۇشۇنداق تېتىملىق يازمىلارنى ئۈزۈلدۈرۈپ قويمىسىڭىز، سىزسىز مۇنبەر ئارىلاش ئادەمگە تازا ھۇزۇر بولمايدىكەن ،  مەنغۇ غەيۋەت خۇمارلاردىن ئەمەس بولمىسا.
ئادەم تىللاشنى  ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغان بەزى "سۈيۈملۈك 'تورداشلىرىمىز ئۇلۇغ رامىزاننىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ ، ۋاقتىنچە دەم ئېلىپ تۇرساڭلار،
[ بۇ يازمىنىqaptikaxدە2012-07-20 23:43قايتا تەھرىرل ]
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-20 23:37 |
tikengul
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4287
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 20
شۆھرەت: 108 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 109 سوم
تۆھپە: 65 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 66 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ماقالە ئېلان قىلدۇرۇش ھازىر سودىغا ئايلىنىپ كەتتى. توردىن <ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدۇرامسىز> دەپ ئىزدىسەك نۇرغۇنى تېپىلىدۇ. قاراڭ بۇنىڭغا؛
http://www.qimbulak.com/vis.asp?adid=7223
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-21 00:22 |
quxiniwal
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8547
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 110
شۆھرەت: 605 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 600 سوم
تۆھپە: 354 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 354 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 215(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

پىكىر يولىڭىز،تەپەككۇرىڭىزنىڭ شۇنچىلىك يۇقۇرى سەۋىيە بىلەن ناھايتى ئىلمىي يۇسۇندا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىدىن مىنىڭ سىزگە بولغان قايىللىقىم،ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى .مەن يىڭى ئەزا بولغانلىقىم ئۈچۈن ئىلگىرى يازغانلىرىڭىزنى ئوقۇپ بەھىر ئىلىش ،پىكىر قاتناشتۇرۇش پۇرسىتىم بولماپتىكەن،سىز  ئويلانغان مەسىلىلەر ھەقىقىتەن بىزنىڭ  ۋۇجۇدىمىزدا ساقلانماقتا . قايسى بىر يىلى داڭلىق شائىرىمىز ئادىلجان تۈنىيازنىڭ «چۈمبەلدىكى كۆز» نامىلىق شېئىرلار توپلىمىنىمۇ مەكتەپ مۇدىرلىرى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلار سىتىۋالغان،يەنە بىر يەركەنلىك يازغۇچىمۇ  ئۆزى پۇل خەجلەپ چىقارغان ھىكايىلەر توپلىمىنى يازغۇچى ئۆزى مەكتەپلەرگە ئىلىپ كىلىپ مۇراجات  قىلىىپ ئاز تولا سىاتالغان ئىدى.
ئىنكاسىمنىڭ داۋامىنى تىمىڭىزنىڭ داۋامىنى كۆرۈپ داۋاملاشتۇراي،رەخمەت سىزگە
  
simfoniya
ئادەم تاماق يىيىش ئۈچۈن ياشىمايدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-21 00:42 |
kanji
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8382
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 104
شۆھرەت: 532 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 537 سوم
تۆھپە: 320 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 324 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 50(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مانا تاراۋا نامىزىنى ئوقۇپ كىردىم،بايا بۇ ماقالىنى ئوقۇپ بولۇپ نامازغا چىقىپ كەتكەن،بۇ ماقالىنى يەنە بىر قىتىم ئوقۇغۇم كەلدى،ھەقىقەتەن ئىلىم ساھەسىدە مەسلە خىلى بار،بىر دوستۇم بۇيىل بىر قانچەيلەننىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش لاھىيە دىسسىرتاتسىيەسىنى 2000يۈەندىن يىزىپ بەردى.مىنىڭچە "بىزنىڭ نادىر ئەسەرلىرىمىز چەتئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ پايدىلىنىلمايدۇ؟"دىگەن تىمىدا بىر مۇنازىرە ئۇيۇشتۇرساق بولاتتى ،ئاپتورلىرىمىز ئۆزخەلقىنىڭ ھىسياتىنىلا چىقىش قىلىپ ئەسەر يازماي،رىئاللىققا ئۇيغۇن،دۇنياۋى ئۆلچەمدە ئەسەر يازسا  بولاتتى،مىنىڭچە ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ "بىر مىللەت ئەدەبىياتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاۋال ئۆز خەلقىگە يۈزلەندۈرۈش كىرەك "دىگەن سۆزىدە ئازراق مەسلە بار،ياكى ئاپتورلىرىمىز بۇ سۆزنى خاتا ھەزىم قىلىۋالدى.
lutun
ھەممەئىشلار ياخشىلىنىپ كىتىدۇ!
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-21 00:48 |
aptap
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8179
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 68
شۆھرەت: 355 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 355 سوم
تۆھپە: 210 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 210 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 126(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئادەمدە ئۆز ئالدىغا مەيدانى بولمىسا بولمايدۇ ، قانداقلا بولمىسۇن ئۆزى تىرىشىپ بىقىشى كىرەك . مۇنازىرە دىگەننىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەي تۇرۇپلا ، ئىلىمىي دوكتۇر بولۇپ قالمايدۇ .
ئۆزىمىزنى تونۇيلى ! ئۆزىمىزنى ئىتىراپ قىلايلى !
كۈنلەر ئۇزۇن ، ئاخىرىدا كۈلگىنىمىز ھىساپ !
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-21 01:27 |
abdukorax
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8579
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 323
شۆھرەت: 1726 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1733 سوم
تۆھپە: 1026 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1033 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 404(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قۇرۇق سۆلەت،يوغان قالپاق زىيالىلار ئويغىنىشى كىرەك ئىدى.سۆڭگىچىگە شۈنچە قاتتىق تەپسىمۇ ئويغانمايدا نۇرغۇنلىرى،ئويغانلىرى ئۇيقۇسىنى تولوق ئىچىپ بولالماي مۈگىدەپ يۈرىشىدۇ...
تاڭ ئاتتى زىيالىيلار ئويغىنىڭلار ئەمدى،چوشقىدەك پۇشۇلداپ ئۇخلاۋىرەمسىلەر دەيمەن...
istanbol
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-21 01:43 |
sarsan88
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 600
شۆھرەت: 3074 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3102 سوم
تۆھپە: 1843 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1856 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 204(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كىتاپتىن پۇل تاپالماسلىقمۇ  ئېغىر مەسىلە ?
چەتئەلدە بىرلا كىتاپ يېزىپ سالسا مىليونىر بوپ كېتىدىكەن , بۇ يەردە قەتئىي ئۇنداق ئەمەس ، نوپۇس مەسىلىسىمىكىن دەيمەن ،لېكىن ئۇيغۇرمۇ ئاز ئەمەس ،. 10 نەچچە مىليون ئويغۇردىن  3 مىليون ئۇيغۇر  بىر كىتاپنى سېتىۋالسىمۇ  بىر يازغۇچىنى خېلى باي قىلىپ قويغىلى بولىدۇ .
     ئۈرۈمچىدە ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدە خېلى داڭلىق نەچچە كىتاپ يازغان يازغۇچىلارنىڭ بىر يۈەن پۇلنى قولىغا كۆتۈرۋېلىپ ئاپتوبۇس ساقلاۋاتقانىنى تولا كۆردۈم  ،
   بىر ئىككى پىلاسىتىنكا ياكى بىرەر كېچىلىك ئۆتكۈزگەن ناخشىچىلار  100 نەچچە مىڭ يۈەنلىك پىكاپلارنى ھەيدەپ يۈرگەن .
        يا ئارمان ئىخلاس شىركەتلىرى يازغۇچىلارنى ئېلانغا چىقىرىپ بېقىشنى ئويلىشىپ باقمىدى ، بۇنداق دەپ تىل ئاھانەتكە قالماي جۇمۇ : مېنىڭ مەقسىتىم يازغۇچىنىڭمۇ ئائىلىسى ، بالىسى بار ئەمەسمۇ ، ئىقتىساد تولۇق بولسا ، ئېڭەككە تاقاشقان بالىسىغا ئۆيدىن بىېرنى ئېلىپ بەرگىدەىك ئاقچە بولسا خاتىرجەم ئولتۇرۇپ كىتاپ يازارمۇ دەپ ئويلايمەندە .،
      ھازىرغىچە ئۇيغۇرلاردا ئەڭ كۆپ بېسىلغان كىتاپ قانچە دانە بېسىلغاندۇ ،300مىڭدىن ئارتۇق بېسىلغان كىتاپ بارمىدۇ ؟؟؟
   ئەگەر كىتاپچىلىق ساھاسىدىكى ياكى نەشىرياتچىلىق ساھاسىدىكى   دوستلار بولسا مۇشۇ ھەقتە بىر سىتاستىكا بەرسە بەلكىم  ئۇيغۇرزادىنىڭ ۋە تورداشلارنىڭ بۇ ماقالىنى تېخىمۇ چۈشىنىشىدە ياخشى رول ئۆتەرمىكىن ....
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-21 02:03 |
sarsan88
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 600
شۆھرەت: 3074 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3102 سوم
تۆھپە: 1843 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1856 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 204(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مېنىڭچە ئابدۇقادىر جالالىدىن  ئارمان چوڭلار قۇۋۋەت تالقىنىنىڭ ئېلانىغا چىقسا بولارمىكىن ، يەنە جالالىدىن بەھرام  قەدىردانلار نىڭ ئېلانىغا ..........
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-21 02:04 |
فىدا
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 6545
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 440
شۆھرەت: 2253 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2273 سوم
تۆھپە: 1347 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1353 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 314(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

       نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر قازاق ساۋاقدىشىمنىڭ « ئىزدەش» ناملق بىر فوۋسىتى شۇعىلا ژورنىلىدا ئىلان قىلىنعاندە 500يۇەن قەلەم  ھەققى بەرگەن . دەل شۇ ۋاقىتتا داڭلق قىرعىز ياز عۇچىسى چىڭعىز ئايتماتوپنىڭ « ئاق پارىحوت» دىگەن فوۋسىتى (حەت سانى ئاساسەن تەڭ )روسىيەدىكى بىر ژورنالدا ئىلان قىلىنىپ 19مىڭ رۇبلى ( شۇ چاعدا 1رۇبلى 4يۇەن ئىدى ) قەلەم ھەققىگە ئىرىشكەن ئىكەن . شۇڭا داڭلق يازعۇچى  ئەيچىڭ ، جۇڭگۇدا يازعۇچى بۇلۇش ئۇچۇن نامرات بۇلۇشقا تەييارلق قىلىپ قۇيۇش كىرەك دىگەن . 
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-21 09:50 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12345»Pages: 1/14     Go
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە