saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 5304 قېتىم كۆرۈلدى
qeyser-mijit
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8451
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 38
شۆھرەت: 395 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 370 سوم
تۆھپە: 206 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 206 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 بالىلىق خاتىرەمدىن بىر پارچە-قەيسەر مىجىت

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-07-22)
بالىلىق خاتىرەمدىن بىر پارچە...

قەيسەر مىجىت


ئاپتور ئېلاۋىسى: مەزكۇر يازما بۇندىن 11 يىل ئىلگىرى يىزىلغان بولۇپ 2006-يىلى بىلىۋال تورىدا ئىلان قىلىنغان. ھەپتە ئاخىرى بولغانلىغى ئۈچۈن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا يوللاپ قويدۇم. بەزى ياشلارغا ئاز -تولا ئىلھام بەرسە ئەجەپ ئەمەس. مەن بۇ ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەندە 12 ياشلاردا ئىدىم.

******************************************************************************
      ۋاقىت ناھايىتى تېز ئۆتىدىكەن. ھەش-پەش دىگۈچە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىش ئۈچۈن ئىمتىھان بەرگىلى ئاتا-ئانامنىڭ خىزمەت ئورنى - قىزىلسۇ ئوبلاستلىق كەنشىۋەر ئورمان مەيدانى پەرزەنتلەر مەكتىپىدىن 7-8 نەپەر ئوغۇل-قىز ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچىمىز قۇربان نامەتنىڭ يېتەكچىلىگىدە ئۇلۇغچات ناھىيىلىك 1 -ئوتتۇرا مەكتەپكە بارغانلىغىمىزغا 19 يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ.
      ئەل -يۇرتتىن ئايرىلىپ ئوقۇش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شەرقى قىرغىغىدىكى دۇنيادا "مەرىپەت شەھىرى" دەپ نام ئالغان --- بوستون شەھىرىدە ياشاۋاتقىنىمغا بىر نەچچە يىل بولۇپتۇ.
         مانا مەن - ھازىر ئاتا بولدۇم. بالىنىڭ مېھرى ئىسسىق ۋە ئۇلۇغ بولىدىكەن. ئايالىمنىڭ بالىغا كۆيۈشلىرىنى ئېيتمايلا قوياي. مەنمۇ ھەم ۋاقتىم بولسىلا ئوغلۇمنى كۆتۈرۈپ ئوينىتىپ، كارىۋىتىدا ئۇخلىتىمەن. شۇنداق چاغلاردا تۇيۇقسىز ئويلاپ قالىمەن. "ئاتا -ئاناممۇ مەن بوۋاق چېغىمدا ماڭا مۇشۇنداق قىلغان چوقۇم، مانا ئەمدى مەن چوڭ بولۇپ غايە ۋە بىلىم قوغلىشىپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەمەس، بەلكى ئۇلاردىن يىراق يەردە ياشاۋاتىمەن، ھەي دۇنيا!". 
     مۇشۇنداق خىياللارنى قىلىشىم بىلەن ئۇنىڭغا ئۇلاپلا كۆز ئالدىمغا ھايات مۇساپەمدە بېسىپ ئۆتكەن ئىزلار ۋە كۆرۈپ ئۆتكەن بەزى ئىشلار كېلىدۇ. ئادەم دېگەننىڭ ئارزۇسى چەكسىز بولىدىكەن. مەن تېخى خېلى كۆپ ئارزۇلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرمىدىم، ئەمما ئاتۇشنىڭ چەت-ياقىسىغا جايلاشقان كەنشىۋەر ئورمانچىلىق مەيدانىدىن ئامېرىكا ماسساچۇسەتتس ئىشتاتىنىڭ مەركىزى -بوستونغىچە بولغان يوللارنى، جەريانلارنى ئويلىسام يەنە شۈكرى دېگۈم كېلىدۇ، شۇنداقلا بىر خىل جانلىنىپ كېتىمەن. كەچمىشلەر ماڭا كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەتتى، ئۇنىڭ بىرسى "ئادەم مەلۇم غايە ئۈچۈن ئەقىدە باغلاپ، ئىزچىل تىرىشسىلا چوقۇم مەقسىدىگە يېتىدىكەن".
         قايسى كۈنى، 30 يىللىق ھايات مۇساپەمنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپ ھايات مۇساپىلىرىمدە بولۇپ ئۆتكەن بەزىبىر ئىشلارنى خاتىرىلەپ قويغاننىڭ، باشقىلارغا بولۇپمۇ ھاياتقا ئەمدىلا قەدەم ئالغان ئۆسمۈرلەرگە، ياشلارغا ئېيتىپ بەرگەننىڭ ئاز-تولا ئەھمىيىتى بولۇشى مۈمكىن دېگەن ئويغا كەلدىم.
       100 گە يېقىن خىزمەتچىسى بار -ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ كەنشىۋەر رايونىغا جايلاشقان قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ 5-6 كىشىلىك ئوقۇتقۇچىسى ۋە 30-40 چە ئوقۇغۇچىسىدىن تەركىب تاپقان پەرزەنتلەر مەكتىپىنىڭ 5-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى مەيدان ئۆزىدە تولۇقسىز مەكتەپ بولمىغانلىقتىن ئۇلۇغچات ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇشقا توغرا كېلەتتى. مەن ئالدىنقى يىلى ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تۇرپاندىن بېرىپ ئۇلۇغچاتتا يىلتىز تارتقان ئايۇپ ئىسمائىل ئىسىملىك مەكتەپ ئىلمىي مۇدىرىنىڭ شەخسەن ئۆزىنىڭ مەيدانىمىزغا كېلىپ بالىلاردىن ئېغىزچە نەق مەيدان ئوچۇق ئىمتىھانى ئالغىنىنىمۇ، "بىر قولۇمدا بىر جىڭ پاختا، بىر قولۇمدا بىر جىڭ تۆمۈر بار، ئۇلارنىڭ قايسىسى ئېغىر" دەپ مەھمۇت تاياجى ئىسىملىك بالىدىن سوئال سورىغىنىنىمۇ، مەھمۇتنىڭ "تۆمۈر" دەپ جاۋاب بېرىپ ھەممىنى كۈلدۈرىۋەتكىنىنى كۆرگەن ئىدىم. بىزگە كەلگەن يىلى ئۇلار مەيدانىمىزغا بىزدىن ئىمتىھان ئالغىلى كەلمىدى. ئەكسىچە، بىز ناھىيىگە باردۇق. ئۆزىمىز كىچىكمۇ ياكى بىلىدىغىنىمىز ئازمۇ، بىر ساننى قانچە كىچىك سانغا بۆلسە شۇنچە چوڭ چىقىۋەرگەندەك، شۇ چاغلاردا تاغلارنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان كىچىك تاغلىق شەھەر -ئۇلۇغچات بىزدەك تۇغۇلۇشىدىن تارتىپ تاغدا تۇغۇلۇپ كۆرگىنى تاغ بىلەن يۇرت (قەشقەرنىڭ شەھەر ئىچىنى كۆرگەندە ھەيرانلىقىمدىن ئاغزىم ئېچىلىپ قالغان) بولغان ماڭا نىسبەتەن خېلى ئوبدانلا ئاۋات شەھەر بولۇپ كۆرۈنگەن ئىدى.

         شەنبە، يەكشەنبە ئىككى كۈن ئەدەبىيات، ھېساب دېگەندەك پەنلەردىن جىددى ھالدا ئىمتىھان بەردۇق. بىزدىن بۇرۇن ئوقۇشقا بارغانلار بىزگە ئورۇنلىرىنى بوشىتىشىپ، مەكتەپنىڭ تاماقلىرىدىن تېتىتقۇزدى. ئوماچتىن پەرق قىلمايدىغان دەرىجىدە قويۇق، بەسەيلىرى تولۇق چانالمىغان، چىگىدەك ئارىلاشتۇرۇلغان "سۇيۇق-ئاشنى" شۇ يەردە تېتىدىم. كېچلىرى بازارغا چىقىپ ئاتۇش -قەشقەردىن باققاللار سېتىش ئۈچۈن ئېلىپ چىققان مېۋىلەرنى يەپ بولۇپ، چوڭلاردىن ئۆگەنگەن ئادەت بويىچە ئۈچكىسىنى ساناپ تۇرۇپ پۇل تۆلەپ، گازلىق سۇ ئېلىپ ئىچىپ ، گازىر ئېلىپ چېقىپ، كەچتە كىنو كۆرۈپ بەكلا ھوزۇرلانغىنىم ھازىرمۇ ئېسىمدە.
       ئۇزۇن ئۆتمەي ئىمتىھان نەتىجىسى كەلدى، ھەممىمىز ئىمتىھاندىن ئۆتۈپتۇق. ئۆيدىكىلەر شۇنداق خوش بوپ كەتتى. ئانام ئالايىتەن مەن ئۈچۈن يېڭى يوتقان - كۆرپە تىكتى، كىيىپ بېرىشىم ئۈچۈن يېڭى كىيىملەرنى تەييارلىدى. دادام خىزمەت ئىلغارى بولۇپ باھالانغاندا مۇكاپات ئالغان خاتىرە قەلەملەرنى ھەتتا ئۇزۇندىن بۇيان ساقلاپ كەلگەن 70-يىللاردا ئىشلەنگەن "شاڭ خەي" ماركىلىق قول سائەتنىمۇ بېرىۋەتتى. (ئەسلىدە ئۇلار بۇ سائەتنى مەن 18 ياشقا كىرگەندە بەرمەكچى بولۇشۇپتىكەن). "تېگىگە سېلىپ ياتىدىغانغا كىگىز بېرەمدۇق، شىرداقمۇ" دېيىشىپ مېنىڭ "ئەدىيال بولسىمۇ بولىدۇ، ناسىپجانلارمۇ ئەدىيال ئىشلىتىدىكەن" دېگىنىمگە ئۇنىماي شىرداق بېرىشتى. ھەتتا ئايلىق تەمىناتىمنىمۇ بېكىتىپ بولۇشتى. "ھەپتىدە بىر كوي يىگىرمە پۇڭ خەجلەيسەن، كۈنىگە ئىككى موچەندىن. ياخشى ئوقۇساڭ جىق خەجلەيسەن، ياخشى ئوقۇمىساڭ، ھېچنىمە يوق" دەپ كەسكىن ئېيتتى دادام. "ئوغۇل بالا، - گال قېپى، قورساق سارىڭى بولسا بولمايدۇ" دېدى ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان ئانام. شۇ چاغلاردا ئاشۇ پۇللارمۇ خېلى كۆپ ئىدى. مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى شەھەردە ئوقۇشنى ، كىنولارنى پات-پات كۆرۈپ تۇرۇشنى ئويلاپ بەكمۇ خوش بوپ كەتتىم، ۋە چۈشەنمىسەكمۇ:

قاشىڭدا بىر، كۆزۈڭدە بىر،
قاچان كېلۇر سېنتەبىر.
سېنتەبىرنىڭ ئايلارىدا،
كۆرۈشەرمىز كۈندە بىر.

       دېگەن ناخشىنى مەمەتجان ئۆمەر ئىسىملىك دوستۇم بىلەن ئېيتىپ مەكتەپكە بارىدىغان كۈنلەرنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتۈم. شۇنداق قىلىپ 1982-يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىدا دادام مېنى مەكتەپكە ئۆزى ئاپىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ ناھىيە بازىرىنى ئايلاندۇرۇپ، كۆڭلۈمنى خاتىرجەم قىلىپ قويۇپ كەتتى. ھېلىقى خوشاللىق ئىككى كۈنگە بارمىدى. ھەر كۈنى كەچ چۈشۈشى بىلەنلا مېنى مۇساپىرچىلىق تۇتاتتى، مەكتەپنىڭ دۈشەنبىدىن، شەنبىگىچە ھەر چۈشتە ئايلاندۇرۇپ نۆۋەت بىلەن ئېتىپ بېرىدىغان تامىقى - سۇيۇق ئاش، كېسىپ ئەتكەن لەغمەن، موما سەي، گۆشسىز، مايسىز پولۇلىرى ۋە ئىككى ۋاق بېرىدىغان ئاق دېسە ئاق ئەمەس، قارا دېسە قارا ئەمەس گىردە نانلىرى ئىشتىھارىمنى قىسىۋەتتى. شۇندىلا ئائىلىنىڭ نەقەدەر ئىللىق بولىدىغىنىنى ھېس قىلدىم. "ئىسىت، ئانامنىڭ بالام يە دەپ زورلىسىمۇ يېگىلى ئۇنىمايدىغان لەغمەنلىرى، پولولىرى".
كۆزلىرىمگە، ئاتا-ئانام، سىڭلىم ۋە تال-چىۋىقنى ئات قىلىپ ئوينايدىغان ئىنىلىرىم كېلىۋالاتتى. ھەر كۈنى ئاخشىمى "ئانام تىككەن يوتقان" دەپ يوتقانغا چىڭڭىدە ئورۇنۇپ، "دادام بەرگەن خاتىرە" دەپ خاتىرىلەرنى قوينۇمغا سېلىپ ياتاتتىم. ھەتتا ئۇلار بەرگەن پۇلنىمۇ "ئانام بەرگەن پۇل، دادام بەرگەن پۇل" دەپ ئامال بار خەجلىمەسلىككە تىرىشاتتىم. ئۇلار، ئىككىنچى قېتىم پۇل بەرگەندىلا ئاندىن ئالدىنقى قېتىمقىسىنى خەجلەيتتىم. ئىشقىلىپ ئانام، دادام بەرگەن پۇلدىن بىر موچەن بولسىمۇ يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكىچە يېنىمدا ساقلايتتىم. بۇ مېنىڭ ئانامنىڭ "بالام، خەقتىن قەرز ئالما، ئوغۇل بالا قەرزدار بوپ قالسا باشقىلارنىڭ ئالدىدا تىلى تۇتۇق بوپ قالىدۇ ، يېنىڭدا موچەن بولسىمۇ ساقلا"، دەپ نەسىھەت بېرىدىغىنىدىن تولاراق، ئاتا-ئانا ۋە بالا ئوتتۇرىسىدىكى تەڭرى سالغان ئوتنىڭ، مۇھەببەتنىڭ كۈچىدىن شۇنداق بولاتتىكەن.
       مەن بەك غېرىپسىنىپ كەتكەن كۈنلىرى، دەرستىن چۈشۈپ ئۆيلىرىگە خوشال خورام قايتىدىغان شەھەرلىك بالىلارغا ھەۋەسلىنەتتىم.

    بىزگە نىسبەتەن ئۇلۇغچاتنىڭ بىرىنچى قىشى بەكلا جاپالىق باشلاندى.
    مەن ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر كېلىدىغىنى ئىسمائىل ھېزىم ئىسىملىك ئېگىز ۋە سۈرلۈك كەلگەن قىرغىز مۇئەللىمنىڭ تاڭ سەھەر 6 دە ياتىقىمىزغا ئۈنۈپ پۇشتەك چېلىپ، بالىلارنى تاتلىق ئۇيقۇدىن ئويغىتىپ ئەتىگەنلىك تەنتەربىيە مەشغۇلاتقا چاقىرىشى ئەمەس بەلكى ھەر كۈنى سەھەر ئۇلۇغچاتنىڭ سوغۇق قىش كۈنىدە جاندىن ئۆتكۈدەك سوغۇق سۇدا يۈز-قولنى يۇيۇش ۋە ئەتىگەنلىك مەشغۇلاتتىن كېيىن نۆۋىتى بويىچە 500-600 مېتىرچە ئارىلىقتىكى ئاشخانىغا بېرىپ بىر چىلەك قىزىق چاينى 10 گىردە بىلەن قوشۇپ ئەكېلىش ھەمدە مەشكە ياتاقداشلارنىڭ دىتىغا ياققىدەك ئوت قالاپ ياتاقنى ئىسسىتىش ئىدى. مۇشۇنداق ئىشلاردا كالامپايراق بولغانلىغىم ئۈچۈن ياكى ياتاقنى دېگەندەك ئىسسىتالماي خىجىلچىلىق تارتاتتىم ياكى 12 ياشلىق كىچىك بەستىم بىلەن چايلارنى كۆتۈرۈپ ياتاققا كەلگۈچە يولدا نەچچە رەت چېلەكنى قويۇپ، بەزىدە ئىشتانلىرىمغا قىزىق چاينى تۆكۈۋېلىپ جاپا تارتاتتىم. ئەمما ئوغۇل بالىلىقىمغا ئېلىپ تېشىمغا چىقارمايتتىم. ئاشۇنداق چاغلاردا ئوقۇماي قايتىپ كېتىپ ئۆيدىكىلەر بىلەن تۇرۇشنى ئويلايتتىم-يۇ ئەمما دادامنىڭ ئاچچىغلىنىپ كېتىشىدىن قورقاتتىم، دادامنىڭ "ياخشى ئوقۇمىساڭ، ئىستىقبالىڭنى ھازىردىن باشلاپ ئويلىمىساڭ، كېيىن مۇنۇ مەيدانغا لايىق، كەتمەن كۆتۈرۈپ، ئېرىق چېپىپ، ئورمان قويغىنىغا 80 كوي مۇئاش بېرىدىغان ئىشچىلىق خىزمەتمۇ تاپالمايسەن، قارا، بىزمۇ 17-18 ياش چېغىمىزدا ئاتۇشتىكى ئاتا-ئانىمىزدىن ئايرىلىپ زىيالى ياش بولۇپ ئاقتۇنىڭ خانتېرەك دېگەن يېرىگە چىققان، نى جاپا كۈنلەرنى كۆرگەن، مانا مەن ئوقۇپ قاپتىكەنمەن، مۇشۇنچىلىك كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرۈۋاتىمىز، سەن تېخىمۇ چوڭ ئوقۇشۇڭ كېرەك، كېلەچەكتە سېنىڭ بالىلىرىڭ تېخىمۇ ياخشى كۈن كۆرىدىغان بولىدۇ" دەپ ئارىلاپ -ئارىلاپ بېرىپ تۇرىدىغان ئاگاھلاندۇرۇشلىرى، تەربىيەلىرى قۇلىقىم تۈۋىدە تەكرارلىنىپ، ئۆزۈمگە غەيرەت بېرەتتىم. 
    يېڭى سېلىنىۋاتقان بىنالارنىڭ پۈتمەسلىك سەۋەبى بىلەن بىز "6-يىللىق ئا" سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دەسلەپكى بىر نەچچە ئاي ئۆزىمىزنىڭ ياتىقىنى سىنىپ قىلىپ دەرس ئاڭلاشقا مەجبۇر بولدۇق. مۆلچەرىمچە، شۇ چاغدىكى سىنىپىمىزدا 50 چە ئوقۇغۇچى بار ئىدى. پارتىلاردا 3-4 تىن ئولتۇرۇپمۇ پاتماي ئاستى-ئۈستىلىك كارىۋاتنىڭ ئۈستىگە، خۇددى دەرەخكە قونۇۋالغان قۇشقاچلاردەك قونۇۋېلىپ دەرس ئاڭلايتتۇق. 
    ئورمانچىلىق مەيدانىدىن كەلگەنلىكىمىز ئۈچۈن بولسا كېرەك، ناھىيەلىك بالىلار بىزنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ"ئورمانلىقلار" دەپ ئاتايتتى. بىز "ئورمانلىقلاردىن" شۇ يىلى تولۇقسىز بىرىنچى يىللىققا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار "6-يىللىق ئا سىنىپ" يەنى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىب تاپقان سىنىپقا كىردۇق. (6-يىللىق ب ۋە س سىنىپلار قىرغىز ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلۇغچاتنىڭ چەت چەگراسىدىكى كونا ئۇلۇغچات، ئوقسالىر، جىغىن دىگەن يايلاقچىلىق رايونلىرىدىن كەلگەن چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىدىن خېلى بار ئىدى). 
   ئوقۇش باشلىنىپ بىر ئايلار چامىسىدا ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئەدەبىيات دەرسىدە بولغان مۇنداق بىر ئىش مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. 
    بىز ئاشۇ ۋاقىتلىق سىنىپتا ئوقۇيتتۇق. ئۇيغۇر-قىرغىز قاتارلىق قىرىنداش مىللەتلەردىن بولغان ئوقۇتقۇچىلار ھەر قايسى پەنلەردىن بىزگە دەرس ئۆتەتتى. ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىنى "ئەبەيدۇللا" دەيدىغان 40 ياشلار چامىسىدىكى ئاق-سېرىق، چاچلىرى خېلىلا چۈشۈپ كەتكەن ئادەتتە جىمغۇر يۈرۈيدىغان بىر مۇئەللىم ئۆتەتتى. دەرسلىك پروگراممىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى بويىچە ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى ئاۋالقى ئايدا، ئاندىن ئەدەبىيات دەرسى كىيىنكى ئايلاردا ئۆتۈلۈدىغان بولۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن. مېنىڭ ئەدەبىياتقا قىزىقىشىم مانا مۇشۇ گرامماتىكا دەرسىدە بولۇپ ئۆتكەن ئىشتىن باشلاندى. 
    ئۇلۇغچات ناھىيە ئىچىدىن كەلگەنلەر - "شەھەرلىكلەر"، بىزگە قارىغاندا شوخراق، گەپلىرى يوغانراق كېلەتتى، بولۇپمۇ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ھەممىدىن شوخ ئىدى. بىر قېتىملىق گرامماتىكا دەرسىدە شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان بىر مۇئەللىمنىڭ بالىسى ئازراق كەپسىزلىك قىلىۋىدى، ئەبەيدۇللا مۇئەللىمنىڭ دىققىتى شۇنىڭغا چۈشتى-دە ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ ئورنىدىن تۇرغۇزدى.
--سەن دەپ باقە، ئۇرغۇ دىگەن نىمە؟
--ئۇ، ئۇ، ئۇرغۇ دىگەن ساۋاقدىشىم (پارتىدىشىم) تىرنىغىنى تاتىلاشتىن باشقىنى بىلمىدى.
تۇيۇقسىز مېنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم قىلغۇم كېلىپ كەتتى. "-شۇنچىۋالا ئوغۇل -قىزنىڭ ئالدىدا جاۋاب بېرەلمىسە سەت-دە". شۇنىڭ بىلەن مەن بېشىمنى پارتىغا چۆكۈرۈۋېلىپ 
ئاستا ئۇنى نوقۇدۇم ۋە كونسىپىكتىن ئۇنىڭغا تۆۋەن ئاۋازدا ئوقۇپ بېرىشكە باشلىدىم. مېنىڭ بۇ قىلغىنىم خۇددى "قۇلاقنى يوپۇرىۋىلىپ قوڭغۇراق ئوغرىلىغاندەك" ئىش بوپتۇ. نەتىجىدە، ئەبەيدۇللا مۇئەللىم بۇنى تۇيۇپ قاپتۇ.
--سەن، سېرىق شەپكە تۇرە ئورنىڭدىن، ئالدىغا چىقە.
نۆۋەت ئەمدى ماڭا كەلدى.
--بىلىدىغان ئوخشايسەن، دەپ باقە، "بوغۇم " دىگەن نىمە؟ 
     قىيامەت قايىم. مەن ئۇنى نەدىن بىلەي. 40-50 ئادەمنىڭ ئالدىدا ، مۇئەللىمنىڭ يېنىدا سالپىيىپ تۇرماقتىن باشقىنى قىلالمىدىم، خىجىلچىلىقتا چېكىلىرىمدىن سوغۇق تەر چىقىپ كەتتى.
--نەچچىنچى نومۇرسەن؟
-34-نومۇر.
-ئولتا، نومۇرۇڭ نۆل.
         نۆل دىگەن ئوقۇغۇچى تىلىدا "تاۋاق، تۇخۇم" دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھىچ ئىشتىن ھىچ ئىش يوق، شەرەپسىز تۇخۇم ئالدىم. شۇ ھامانلا كۆزۈمگە دادامنىڭ سۈرلۈك قىياپىتى كېلىپ كەتتى ۋە ئىختىيارسىز يىغا تۇتتى. راست-دە، مەن ئوقۇيمەن دەپ يىراقتىن كېلىپ جاپا تارتىۋاتسام، ئاتا-ئانامغا نىمە دەپ جاۋاب بېرىمەن؟ كەچكىچە پەرىشان بولدۇم. لېكىن يەنە ئۆزەمگە "بۇ بىر دەرسخانىدىكى سىناق، ئالدىمدا چارەكلىك، مەۋسۈملۈك ئىمتىھانلار بار، ھازىردىن باشلاپ قاتتىق تۇتۇش قىلىشىم كېرەك" دەپ تەسەللى بەردىم. كەچلىك تاماقتىن كېيىن، كىچىك تۇرۇپلا تاماكا چېكىشكە باشلىغانلارنىڭ پاراڭلىرىغا ، قارتا ئويۇنلىرىغا قېتىلماي ئۈگۈنۈش قىلغىلى سىرتقا چىقىپ كەتتىم. 
         تىل-ئەدىبىيات دەرسى ھەر كۈنى بىر سائەتلا ئۆتىلەتتى. ئەتىسى مەن دەرسكە تولۇق تەييارلىق بىلەن كىردىم.
مۇئەللىم ئادىتى بويىچە يوقلىمىدىن كېيىنلا ئالدىنقى كۈنى ئۆتۈلگەن دەرسنى ئۈگۈنۈپ كەلگەن-كەلمىگەنلىگىمىزنى سورىدى، ھەممەيلەن دېگۈدەك "ھەئە" بىلەن جاۋاپ بەردۇق. ئاندىن ئۇ بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۆتۈلگەن دەرستىن سوئال سورىۋىدى، مەنلا قول كۆتۈردۈم.
"ھە سەن دىگىنە". مەن ئالدىرىماي ئېنىق قىلىپ جاۋاب بەردىم.
--ياخشى، ياخشى-- دىدى مۇئەللىم. "-- قانچىنچى نومۇر؟
34-نومۇر.
--100 نومۇر.
شۇنىڭ بىلەن تۈنۈگۈنكى نۆلنىڭ يېنىغا 100 چۈشتى. 
         مانا بۇ ماڭا غايەت زور ئىلھام بولدى. شۇندىن كېيىن مەن ھەر كۈنلۈك دەرسنىڭ ئالدى-كەينىنى دىگۈدەك ئۈگۈنۈپ كېلىدىغان، ھەر قېتىملىق سوئالغا تالىشىپ تۇرۇپ جاۋاپ بېرىدىغان بولدۇم، بۇنىڭغا يارىشا، مۇئەللىممۇ ماڭا 100 نومۇرنى ئايىماي قويۇۋېرىدىغان بولدى.
ھېلىمۇ ھازىرقىدەك ئېسىمدە. ھەتتا شائىر مەھمۇت مۇھەممەدنىڭ تولۇقسىز 1-يىللىق گرامماتىكا دەرسلىگىگە مىسال ئۈچۈن تاللاپ ئېلىنغان شېئىرى:

خوشاللىققا بەلگە ئەمەس كۈلكىلا،
كىشى خوشال بولۇۋەرمەس كۈلسىلا.

دېگەن شېئىرىنى ئۇرغۇلۇق ، ئىنتوناتسىيەلىك ئوقۇپ بېرىش، يادلاپ بېرىش تەلىۋى بويىچە ئورۇنلىغىنىم ئۈچۈنمۇ بىر نەچچە رەت يۈز ئالغىنىم ئېسىمدە.
    مۇشۇ سەۋەپتىنمىكىن، ئەبەيدۇللا مۇئەللىم مېنىڭ ئىسمىمنى چاقىرماي "ئورمان باتۇرى" دەپ ئاتايدىغان ۋە يېقىملىق ھالدا "سىلى " ئاھاڭىدا گەپ قىلىدىغان بولدى.
دەرسلەردە چىڭراق سوئاللار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ باشقىلار جاۋاب بېرەلمىگەندە ئاندىن ماڭا دەيتتى:
--ھە، ئورمان باتۇرى سىلى بىر دەپ بېقىڭلا.
ئۇيغۇر گرامماتىكا دەرسى ئۆتۈلۈپ بولۇپ، ئەدەبىيات دەرسىگە كۆچكەندە يەنە مۇنداق بىر ئىش بولدى.
شۇ يىللاردا تولۇقسىز 1-يىللىقلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئەدەبىيات دەرسلىگىنىڭ دەسلىپىدىلا ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن روسىيەلىك مەسەلچى ئا. ئى. كرىلوفنىڭ "يوپۇرماق ۋە يىلتىزلار" دەيدىغان مەسېلى بار ئىدى. ئاشۇ دەرس ئۆتۈلىۋاتقاندا ئوقۇتقۇچى بىزگە مۇنداق سوئال قويدى.
--بۇ مەسەلدىكى يوپۇرماق نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، يىلتىز نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟
ئۇ بىر نىمە دەپ، بۇ بىر نىمە دەپ باقتى. بۇ قېتىم مەن قول كۆتۈرمىدىم، مەقسىدىم ئەڭ توغرا جاۋابنى بەرمەكچى بولغان ئىدىم. ھېچكىمنىڭ جاۋاب بېرەلمىگىنىنى كۆرۈپ ئاندىن قول كۆتۈردۈم.
--ھە ئورمان باتۇرى سىلە دەپ بېقىڭلا.
--مېنىڭچە دېدىم مەن، "يوپۇرماق شاخقا ۋەكىللىك قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ شاختا بولىدۇ، يىلتىز كۆتەككە ۋەكىللىك قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ كۆتەككە تۇتاشقان بولىدۇ".
--"ھاھا...ھا ئورمان باتۇرى جاۋابىڭلا توغرا ئەمەس،-- دەپ كۈلۈپ كەتتى ئانچە جىق كۈلمەيدىغان ئەبەيدۇللا مۇئەللىم، -- جاۋابىنى مەن دەپ بېرەي".
--يوپۇرماق ئەزگۈچى، پارازىت سىنىپقا، يەنى بۇرجۇئازىيىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، يىلتىز ئېزىلگۈچى سىنىپ، جاپاكەش پرولىتارىياتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
مەن ئاغزىمنى ئېچىپلا قالغان ئىدىم شۇ چاغدا. ئەمدى ئويلىسام 11-12 ياشلىق كاللام بىلەن ئۇ چاغلاردا بۇ خىل جاۋاپلارنى بىرەلمەيدىكەنمەنتۇق، چۈنكى مەن ئاشۇ سۆزلەرنىڭ ئوزىنىمۇ غۇۋا چۈشۈنىدىكەنمەن.
       ئەبەيدۇللا مۇئەللىمنىڭ شېئىرىيەتكە ھەۋىسى بولسا كېرەك (ئاڭلىسام مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئاز-تولا ئەسەر يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان ئىكەن)، ئۇ بىزنى شېئىرى ئىجادىيەتكە ئىلھاملاندۇراتتى. مەن ئاشۇ خىل ئىلھامنىڭ تۈرتكىسىدە شېئىريەتكە ئىشتىياق باغلاشقا باشلىدىم.
بۇ ھەقتە بولۇپ ئۆتكەن مۇنداق ئىككى ئىش ھېلىمۇ ئىسىمدە:
بىر قېتىملىق شېئىر ئىجادىيەت تاپشۇرۇغۇمنى مۇئەللىم مېنى سىنىپتا ئوقۇشقا بۇيرىدى.
مەن ئوقۇدۇم:

مېنىڭ ھەربى بولغۇم بار،
ئۆزۈم كىچىك بالىمەن.
دۈشمەن كەلسە باستۇرۇپ،
زەربە بېرىمەن بال بىلەن.

-- ھا ھا ھا، ئەبەيدۇللا مۇئەللىم كۈلكە بىلەن دىكلاماتسىيەرىمنى ئۈزدى.

      --"خېلى قاملىشىپتا، ئورمان باتۇرى، ئەمما-زە، ئاخىرقى مىسرا توغرا بولماپتا. دۈشمىنىڭلىنى يوقاتماي، بال بىلەن زەربە بېرىمەن دىگىنىڭلا نىمىسى؟ بال دىگەن ھەسەل، شېرىن شىكەر، تاتلىق دىگەن مەنىدە. بۇنداق دىسەڭلا، دۈشمىنىڭلىگە زەربە بەرگەن ئەمەس، ئۇنى مېھمان قىلغان بولمامسىلە؟"
      يۈزۈم ھۈپپىدە قىزىرىپ كەتتى. ئەمدى ئويلىسام ئاشۇ چاغدا ئۆزەم ئىشلەتكەن سۆزلەرنى ئانچە چۈشەنمەيلا قاپىيە قوغلىشىپ شۇنداق يېزىپتىكەنمەن. يەنە بىر قېتىم، يازغان شېئىرىم ئوقۇتقۇچىغا بەكلا ياراپ كەتتى.

پەن - پەن - پەن،
سېنى سۆيىمەن.
سېنىڭ ئىشقىڭدا.
ئوتتەك كۆيىمەن،

پەن، پەن، پەن
n --- ---

         مۇئەللىم بۇنى ئۈلگە مىسال قىلىپ ئۆزى دەرس ئۆتىدىغان شۇ يىلى ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئۇيغۇر ، قىرغىز ئوقۇغۇچىلار ئارىلىشىپ ئوقۇيدىغان 10-سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا دىكلاماتسىيە قىلدۇرۇش ئۈچۈن مېنى ئېلىپ چىقتى. ئۆزەم كىچىك، بويۇممۇ كىچىك، ھەر ساقاللىق ، يوغان ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ۋە كېلىشكەن، ئىگىز بويلۇق نازىنىن قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ (كۆزۈمگە شۇنداق كۆرۈنۈپ كەتتىمۇ، ياكى كۆزۈم ئالا-چەكمەن بوپ كەتتىمۇ؟) ئالدىدا توختاسىن ئىسىملىك ئىككى مەڭزىدىن قان تېمىپ تۇرىدىغان قىرغىز بالىنىڭ ھازىرمۇ ئىسىمدە قالغان:

"ئون سەگىز جاش، مەن جۇرەمىن بۇل جايدا،
ماخابات، مەن سۆيەمىن، سەن قايدا؟.."

        دىگەن مىسرالىق شېئىرلىرىدىن كېيىن يازغانلىرىمدىن 2-3 نى كىچىك يېزىقچىلىق خاتىرەمدىن تاللاپ تۇرۇپ ئوقۇپ بەرگىنىم ئىسىمدە.
       شۇنداق قىلىپ تىل-ئەدەبىيات دەرسىدە بىر قېتىملىق نۆل ئېلىشنىڭ سەۋەبى بىلەن، مەن ئۆزەمگە تەلەپ قويۇش نەتىجىسىدە تولۇقسىز 1-يىللىق تىل-ئەدەبىيات دەرسىنى يىل بويى يۈز نومۇر بىلەن تاماملىدىم.

        ئاخىرقى سۆز ئورنىدا: گەرچە مەن كېيىنكى ھاياتىمدا، قىزىقىشىمدىكى بۇرۇلۇش ۋە ئىجتىھات ھەم ئىزچىللىغىمنىڭ كەمچىللىگى تۈپەيلىدىن شائىر ياكى يازغۇچى بولۇپ چىقمىغان بولساممۇ، ئەمما بالىلىق قەلبىمگە تېرىلغان ئاشۇ-بىخنىڭ - ئەدەبىياتقا بولغان ئىشتىياقنىڭ ئۈنۈپ چىقىشى بىلەن ھەۋەسكار سۈپىتىدە ئۈزۈپ-ئۈزۈپ، ئۈزۈك-ئۈزۈك ئويلىرىمنى خاتىرىلەپ قويىمەن. بۇ، ئەلۋەتتە ئۆز زامانىسىدا "خاقانىيە تىلى" دەپ نام ئالغان، ئانا-تىلىم- ئۇيغۇر تىلىغا بولغان مەندىكى مۇھەببەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. مۇشۇنداق چاغلاردا، مەن قەلبىمگە ئاشۇ بىخنى تېرىغۇچى، ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇم، ئۇستازىم -ئەبەيدۇللا مۇئەللىمنى چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىمەن!


2001-يىلى باھار پەسلى ئامېرىكا بوستون، ماسساچۇسەتتس(Boston, Massachusetts, USA)تا يېزىلدى.

2005. يىلى باھار پەسلىدە ئامېرىكا بوستون، ماسساچۇسەتتستا كومپۇتەر يېزىغىغا كۆچۈرۈلدى.
تامام.
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-07-21, 13:05
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-07-21 10:10 |
tahirbeg
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1356
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 53 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 54 سوم
تۆھپە: 32 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 33 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بالىلىق خاتىرلىرىڭىز ھەقىقەتەن ئۆزگىچىكەن قەيسەركا.   ئەبەيدۇللاھ مۇئەللىمنى تونىمايدىكەنمەن. بەلكىم دادام تونىشى مۇمكىن.  ئايۇپ مۇدىر يەر تەۋرەشتىن كىيىن يېڭى ناھىيە قۇرۇلغاندا 3ـ ئوتتۇرا مەكتەپكە مۇدىر بولغان. مەن باشلانغۇچ تۆتىنجى يىللىققا چىققاندا پىنسىيەگە چىقىپ كۆچۈپ كەتكەنغۇ دەيمەن. دادام بىلەن كونا ناھىيەدىكى ۋاقتىدا يېقىن ئۆتۈپتىكەن. يېڭى ناھىيىدىكى ئۆيىمىزگىمۇ پاتپات كىلىپ دادام بىلەن مۇڭدىشىپ تۇراتتى.   مەكتەپنى بەك چىڭ باشقۇراتتى.  
  بىر كۈنى بىرنەچچە شوخ باللار بىرلىشىپ 3ـ ئوتتۇرنىڭ ئارقىسىدىكى قۇراللىق قىسىمنىڭ باشقۇرشىدىكى ئورمانلىققا چىقىپ جىگدە ئوغۇرلاپ يەۋىتىپ تۇتۇلۇپ قالدۇق. ئۇلار بىز تۆتەيلەننى مەكتەپتە ئاپىرىپ ئۇدۇل ئايۇپ مۇدىرنىڭ ئىشخانسىغا ئەكىرىپ قويدى. ئايۇپ مۇدىر بەك ئاچچىقلاپ كىتىپتىكەن، شۇنداق قاتتىق تەنقىتلەپ كەتتى. كىيىن يانچۇقۇمىزدىكى ئوغۇرلاپ كەلگەن جىگدىللىرىمىزنى يىغدى، ئاندىن ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېنىغا چىقىپ، يىپ بىلەن يىڭنە ئەكىرىپ، جىگدىلەرنى مارجان شەكىلدە يىپقا ئېسىپ، تۆت «جىگدە مارجان» تەييار قىلدى.  ئاندىن تەنتەربىيە بىرىدىغان مۇختەر مەلىمنى (تونىشىڭىز مۇمكىن، ئىككى تەرەكلىكقۇ دەيمەن، ياشتا چوڭ مەلىم) بارلىق ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ مەكدانىغا يىغىشقا بۇيرىدى. مۇختەر مەلىم بىر پۈشتەك بىلەنلا بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلىدى. ئاندىن ئايۇپ شوجاڭ ھېلىقى تۆت «جىگدە مارجان» نى تۆتىمىزنىڭ بوينىغا ئېسىپ، جىمى ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالدىدا بىزنى تەنقىتلەپ، سازايى قىلغان ئىدى.       شۇنىڭزى خەقنىڭ بېغىغا ئوغۇرلۇقچە كىرمەيدىغان بولدۇم     

   ئېسىل يازمىللىرىڭىز بىلەن باغداشنى ئاۋات قىلىپ تۇرغايسىز. جانابى ئاللاھتىن ئىشلىرىڭىزغا بەركەت تىلەيمەن.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-21 13:51 |
sarsan88
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 600
شۆھرەت: 3074 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3102 سوم
تۆھپە: 1843 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1856 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 204(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قەيسەر مىجىت ئەپەندىمنىڭ  بۇ بىرقانچە يازمىلىرىدىن ۋەتەننى يۇرتنى ، ئۇرۇق -تۇغقانلارنى سېغىنغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن ، ،،،،،،
    سالامەت بولۇڭ    
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-21 14:15 |
bidar-qutlan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8744
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 45 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 45 سوم
تۆھپە: 27 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 27 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

خارۋاردتىكى ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ بىرى بولغان  قەيسەر مىجىت ئەپەندىمنى بىلىۋالنى يوقاتقاندىن بىرى يوقۇتۇپ قويغان ئىدۇق، بۇ يەردە كۆرۈپ بەكلا  خۇرسەن بولدۇم، «تىلسىملار دۇنياسىدا نۇرقۇچقان ئالىم»دىن كېيىنكى بىرەر ئەسىرىنى كۆرۈشكە پەقەت مۇمكىن بولمىغان ئىدى، ئەمدەى بۇ يەردە بولسىمۇ كۆرۈشنى بەكمۇ ئۈمىت قىلىمەن.
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-26 13:54 |
ھون
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9848
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 30
شۆھرەت: 155 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 155 سوم
تۆھپە: 92 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 92 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 46(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەك ياخشى قىپسىز، ئىشلىرىڭىزدىن قېرىنداشلارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرغايسىز، بىز سىزدىن داۋاملىق تەلىم ئېلىشقا خۇشتار، شۇنداقلا ئو تەرەپلەرگە تولىمۇ قىزىقىمىز.
simfoniya
چاقچاققا ئىزاھات بەرمەڭ، شىئېرنى چۈشەندۈرمەڭ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-10-14 20:04 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » مەشھۇر شەخسلەر