«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 1292 قېتىم كۆرۈلدى
rayhan85
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 781
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 38 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 34 سوم
تۆھپە: 20 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 21 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 377(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 مىڭ ئارال دۆلىتى (كۇباغا)سەپەر -ساياھەت خاتىرىسى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-03-02)
       ئەسسىلام باغداش تورىدىكى تورداشلار : كانادا تورۇنتودىكى ئۇيغۇر دوستۇڭلاردىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام :
      مەن ۋەتەندىن ئايرىلىپ تورۇنتودا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقىلى ئىككى يىلدىن ئېشىپتۇ  ، بۇ جەرياندا ئۇقۇش ھەلەكچىلىكىدە تورۇنتودىن باشقا يەرگە بېرىش پەقەت نېسىپ بولمىغان ئىدى ،  بۇ يىل ئىككىنجى ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە كانادادىكى بارلىق ئۇنۋېرستىتىلارنى دەم ئېلىشقا قويىۋەتتى .مەن قانۇن ئىنىستوتىدىكى ئىككى دوستۇم بىلەن  بۇ پۇرسەتتە ساياھەتكە چىقىشنى مەسلىھەتلەشتۇق ، ئۈچىمىز ئاخىرى بۇ قېتىمقى ساياھەت نىشانىمىزنى كۇبا قىلىپ بېكىتتۇق . ناھايىتى تېزلا تەييارلىق قىلىپ 20-چېسلا تورۇنتو شەھىرىدىن ئايرۇپىلان بىلەن كۇباغا قاراپ ئۇچتۇق  . 3 سائەتتىن كېيىن كۇبانىڭ ۋارېدورو شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق .بۇ شەھەر دېڭىز ساياھەت رايونى بولۇپ تۆت پەسىلىنىڭ ھەممىسىدە ياز بولىدىكەن .بۇ گۈزەل شەھەر ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ ئاساسەن يەرلىكلەر بۇ يەردە تۇرمۇش كەچۈرمەيدىكەن . ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ دېڭىز بويىغا كېلىپ يازنىڭ ئاپتىپىدىن ھۇزۇرلىنىدىكەن . كۇبا ۋىزا تەلەپ قىلمايدىغان دۆلەت بولۇپ جۇڭگو پاسپورتىغا ئالاھىدە رۇخسەت قىلىنغان  ،ۋىزا بېجىرمەيلا كۇباغا كېلىشكە بولىدىكەن ،  كۇبا كوممىنىستىك دۆلەت بولغاچقا دوختۇرغا كۆرۈنۈش ۋە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۈتۈنلەي ھەقسزكەن .بۇ يەردىكى ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ (ئوقۇتقۇچى ، دوختور) مائاشى تۆۋەن بولغاچقا ،يەرلىك كىشىلەر ساياھەت رايونىدا مۇلازىمەت خىزمىتى قىلىشنى ياقتۇرىدىكەن ، بىز كەلگەندىن كېيىن دېڭىز بويىدىكى مېھمانسارايغا ئورۇنلىشىپ شۇ يەردە ئارام ئالدۇق .ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ دېرىزە پەردىسىنى قايرىغىنىمدا كۆز ئالدىمدا چەكسىز كەتكەن دېڭىز ، ياپيېشىل ئورمانلىق ،.....
      شۇ دەقىقىلەردە ئانا تەبىئەتنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى يەنە بىر ھېس قىلغاندەك بولدۇم . ئىچىمدە : پاھ ئەگەر بۇ دۇنيادا جەننەت بار دېيىلسە .كۆز ئالدىمدىكى دەل مۇشۇ دۇنيادىكى جەننەت شۇ بولسا كېرەك دىگەنلەرنى ئويلىدىم .
    مېنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن دوستلىرىممۇ  ماڭا ئوخشاشلا بۇ گۈزەل مەنزىرىدىن بەك ھاياجانلاندى .  بۇ يەردىن پۈتۈن دۆلەتلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى ، ھەر خىل مىللەت ، ھەرخىل ئىرقتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىنى ئۇچراتقىلى بولاتتى . ئارلىقتا بىر كۈن بىز كۇبانىڭ پايتەختى ھاۋاناغا بېرىپ كەلدۇق .
     شۇنداق قىلىپ بىز  دېڭىز بويىدا  يەتتە  كۈن تۇردۇق .،گەرچە ئۆزەم دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل بولغان ئارالدا تۇرىۋاتقان بولساممۇ يۇرت ،ۋەتەن توغرىسىدا ئىزتىراپلىق خىياللىرىم ھەر ۋاقىت توختاپ قالغىنى يوق . يۇرتنى  تولىمۇ سېغىندىم . مانا بۇ ھەرقانداق ئىنسان بالىسىنىڭ ئورتاق پىسخىكىسى، ئايرىلغاندىن كېيىن قەدرىنى ھېس قىلىش ھەر كىمدە بولىدىغان ئورتاق تۇيغۇ . بۇ توغرىسىدىكى ھېس- تۇيغۇلىرىم تولىمۇ كۆپ ،ئەگەر يەنە پۇرسەت ،ۋاقىت يار بەرسە تورداشلار بىلەن بۇ ھېس -تۇيغۇلىرىم بىلەن بىرلىكتە ئورتاقلىشىشقا تىرىشىمەن  :




       سول تەرەپتىكى سېرىقراق كەلگەن قىز دۇنياغا داڭلىق ئېكىسپىدىيچى سىۋېن ھېدىننىڭ يۇرتىدىن كەلگەن بولۇپ ،باشقا شىۋىتلارغا ئوخشاش قەھۋە ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ .مىجەزى ئوچۇق يورۇق بولۇپ دائىم خوشال يۈرىدۇ ، ئوڭ تەرەپتىكى بۇغداي ئۆڭ كەلگەن قىز بولسا ھىندىستاندىن ، ئىنگىلىزتىلىنى راۋان سۆزلىسىمۇ ،تەلەپپۇزى دىگەندەك ئەمەس ، كۆپىنچە ھىندىستان تەلەپپۇزىغا ئېغىپ كېتىدۇ .


دېڭىز بويىدىكى جۇڭگو رېستۇرانى




      كۇبانىڭ تولۇق نامى <كۇبا جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ ،كارىب دېڭىزىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان . كۇبا ئارىلى ، ياشلار ئارىلى ، رۇمانو ئارىلى قاتارلىق چوڭ-كىچىك 1600 ئارالدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ < مىڭ ئارال دۆلىتى> دىگەن نامى بار . دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا قاراشلار ھەر خىل : بىرىنچى ،كۇبا نامى ئەسلى بۇ ئارالدىكى بىر ئاھالىلار نوقتىسىنىڭ نامى بولۇپ ،ئىندىئان تىلىدىن پەيدا بولغان . ئىندىئانلارنىڭ رىۋايىتىدە كۇبا باتۇر ،جەڭگە ماھىر ، كۈچلۈك ، دۈشمەندىن قورقمايدىغان ، خەلقنىڭ چوڭقۇر سۆيىشىگە ئېرىشكەن بىر داھىي بولۇپ ،كىيىن كىشىلەر ئۇنىڭ ئىسمىنى بىر ئاھالىلەر نۇقتىسىنىڭ نامى قىلىدۇ . يەنە كىيىن دۆلەت نامى بولىدۇ ؛ ئىككىنچى،كولومبو 1492-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى كۇبا ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كىيىن ،ھەيرانلىق ۋە خوشاللىق بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا :< بۇ مەن كۆرۈپ باققان ئەڭ گۈزەل جاي > دەپ توۋلاپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەلۇم بىر تۇمشۇقنى <كۇبا تۇمشۇقى> دەپ ئاتاپتۇ ( ئەڭ بۇرۇن Colba دەپ يېزىلغان) بۇنىڭ يەرلىك ئىندىئان تىلىدىكى مەنىسى <رايون ،تەۋەلىك ياكى ئۆلكە> بولۇپ ،كۇبا سۆزى شۇنىڭدىن پەيدا بولغان . كۇبا ئەسلى ئىندىئان كاراب مىللىتىنىڭ ئولتۇراق جايى بولۇپ 1511-يىلى ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان .1898-يىلىدىكى ئامىرىكا-ئىسپانىيە ئۇرۇشىدىن كىيىن ،ئامىرىكا بېسىۋالغان . 1902-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى كۇبا جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.
      كۇبانىڭ يەر مەيدانى 110.86 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر . ئاھالىسى 10مىليون896مىڭ . پايتەختى ھاۋانا . پۇل بىرلىكى كۇبا پىسوسى.












ئەسكەرتىش : باشقا تورلارغا كۆچۈرمەڭ :
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-03-02 13:20 |
tarati
http://risaletmerdan.blogbus.com/

دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 81
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 571
شۆھرەت: 3166 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3158 سوم
تۆھپە: 1866 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1848 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1326(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەك چىرايلىق يەركەن. ساياھىتىڭىز كۆڭۈللۈك بولسۇن. مېنىڭمۇ بارغىلىرىم كەپ كەتتى دىسە.
music bagdax
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-02 16:08 |
aslima

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 406
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 260
شۆھرەت: 1430 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1446 سوم
تۆھپە: 834 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 838 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 251(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سىزگە بەك ھەۋەس قىلدىم، جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتكىلى بولماس دىگەن گەپ بار، ۋەتەن ۋە يۇرت سىزدىن كۈتكەن ئۈمىدلەرنى ئاقلىيالىسىڭىز، ئۆزىڭىزگە كەلگەن ياكى ئۆزىڭىز قولغا كەلتۈرگەن پۇرسەت ۋە شارائىتلارنى قەدىرلەپ قىممەت يارىتالىسىڭىز شۇ بولغىنى....
ھېس ۋە تۇيغۇلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالايمىز. كۆپرەك چەتئەلدىكى تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىشىڭىز ھەققىدە پاراڭ قىلىپ بەرگەيسىز...
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-02 16:17 |
f22
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 742
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 28
شۆھرەت: 158 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 159 سوم
تۆھپە: 92 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 93 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 120(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاۋۇ ئوتتۇرىدا ئولتۇرغان سىزمۇ؟  سىزنى بىر يەدە كۆگەندەك قىلىمەن.
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-02 21:33 |
oguzhan
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 59
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 305
شۆھرەت: 1560 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1560 سوم
تۆھپە: 929 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 929 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 574(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

     ھەر  دائىم   ھىس  تۇيغۇلىرىڭىز   بىلەن  ئورتاقلىشىشنى  خالايمەن  .
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-03 00:25 |
oyganganzimn
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 14
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 65
شۆھرەت: 407 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 402 سوم
تۆھپە: 229 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 232 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 38(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

<< تىرىشقان  ئۇزار>>  دېگەن  شۇدە،سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز  ئاخىرى  مېۋە  بېرىپتۇ،ياخشى  ئوقۇش    پۇرسىتىنى  چىڭ  تۇتۇپ،تېخىمۇ كۆپ  بىلىملەرنى  خەلقىمىزگە  سۇنىشىڭىزنى  ئۈمىد  قىلىمىز،كۇبا  ھەقىدە كۆپ  ئاڭلىغان،بىراق مەنزىرىسىنى  كۆرۈپ باقماپتىكەنمىز،بەك ياخشى بولدى،بىۋاستە تەسىراتلىرىڭىز  نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىزغا  مەدەت  ۋە ئىلھام بېغىشلىشى  مۈمكىن،مۈمكىن بولسا  شۇ يەرلەرنىڭ مەدەنىيەت  جەھەتتىكى  ئۆزگىچىلىكى،مائارىپ  جەھەتتىكى  ئالاھىدىلىكى،يەنە تورۇنتۇدىكى خەلقنىڭ  پىسخىك  ئالاھىدىلىكى  .ئۆرۈپ-ئادەتلىرى ھەققىدىمۇ  پايدىلىق ئۇچۇرلار  بىلەن تەمىنلەپ  تۇرسىڭىز تېخىمۇ  ياخشى  بولاتتى،چۈشىمىزدىمۇ  كۆرۈشكە  جۈرئەت  قىلالمايدىغان  جايلارنى  مۇنبەر يۈزىدە بولسىمۇ  كۆرۈپ تۇرساق...
music bagdax
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-03 00:35 |
kiziltax
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 376
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 47
شۆھرەت: 240 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 250 سوم
تۆھپە: 143 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 143 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 33(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سىزدەك ياخشى پەرزەتلەرنى تەربىيلەپ چىققان ئاتا-ئانىڭىزغا مىڭ تەشەككۇر!تىرشچانىلىقىڭىغا ئاپىرىن.جەمىيىتىمىز سىزدەك ئىقتىساسلىقلارغا مۇھتاج.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-03 12:23 |
payhan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 490
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 25 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 25 سوم
تۆھپە: 14 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 14 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 13(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-03-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

    ياخشىكەن ! تېما ئېگىسى بىزلەرنىڭ كۆزىمىزنى خېلى ئېچىپ قويدى ، كۆپ تەشەككۈر ، لىكىن ، يەنە شۇ ئۇيغۇرچىلىق قىلىپ بىر گەپنى دەپ قويغۇم بەك كىلىپ كەتتى ...
    ئۇنۇتماسلىق كېرەككى ، جەننەت بار !
ئۇنى ھىچكىم كۆرمىگەن ، ئۇنىڭ گۈزەللىگىنى تەسۋىرلەشكە بىزنىڭ ئاددى كۈزىمىزدىكى تەسەۋۋرلار تولىمۇ بەك تولىمۇ ئاجىزلىق قىلىدۇ !
    جەننەت باركى ، ئەمما كۇبادا ۋە ياكى بىز كۆرگەن باشقا بىر يەرلەردە ئەمەس !
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-03 16:27 |
amanda
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 725
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 45 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 45 سوم
تۆھپە: 27 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 27 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-03-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شۇنداق ياخشى ئوقۇتۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىگىڭىزدىن بەك مەمنۇن بولدۇم...بىزگە بەرگەن ھوزۇرلىرىڭىزغا تەشەككۈر!
ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىغا تىلەكداشمەن.
كۆزۈمدە لىق ياش!
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-05 02:46 |
apandim
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 399
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 128
شۆھرەت: 655 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 655 سوم
تۆھپە: 391 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 391 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 43(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نەچچە كۈندىن ئېشىكىمنىڭ مىجەزى يوق باغداشقا كېلەلمىگەن ئىدىم !
بۇ كۇباكەندە ،،،،،،،، ئاللا ئىشلىرىڭىز . يوللىرىڭىز راۋان بولسۇن ،رەھمەت سىزگە
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-05 12:06 |
anwarkapak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 98
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 139
شۆھرەت: 705 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 705 سوم
تۆھپە: 421 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 421 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 48(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەنمۇ  كۇباغا بېرىپ كەلگەندەك تاسىراتتا بولۇپ قالدىم ، كۆپ رەخمەت سىزگە ئېزىز تورداش.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-06 22:06 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » كۆڭۈلدىكى سۆز