saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 6482 قېتىم كۆرۈلدى
bilimhumar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8737
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 53
شۆھرەت: 543 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 509 سوم
تۆھپە: 287 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 288 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 378(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 بىلىمخۇمار: ئۇيغۇرزادەنىڭ ماقالىسىغا يېزىلغان ئىنكاس

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-07-28)
 ئۇيغۇرزادەنىڭ ماقالىسىغا يېزىلغان ئىنكاس

 

بىلىمخۇمار

 

تۆۋەندىكىسى مېنىڭ ئۇيغۇرزادەنىڭ «

يازما مەدەنيىتىمىزدىكى ئېغىر مەسلىلىەرگە يۈزلىنىش



-ئۇيغۇرلاردا ئىجتمائىيەت، ئادەميەت پەنلىرى مەسلىلىرى-

» دېگەن ماقالىسىغا قارىتا يازغان ئىنكاسىم.  ئۇيغۇرزادىنىڭ ماقالىسىنىڭ تور ئادرېسى: ./read.php?tid=10659

 
 

ئۇيغۇرزادە قېرىندىشىمىزنىڭ مەزكۇر تېما ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىزنى يېڭى بىلىم، چۈشەنچە ۋە ئىدىيىلەر بىلەن تەمىنلىگىنىگە چىن كۆڭلۈمدىن مىنەتدارلىق بىلدۈرىمەن. مېنىڭچە بۇ ماقالىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور.  ئامېرىكا ۋە باشقا بىر قىسىم غەرب ئەللىرىنىڭ قول تىقىشى بىلەن، دۇنيادىكى ئۇزۇن مۇددەت ھاكىممۇتلەقلىق ياكى دىكتاتورلۇق تۈزۈمى ئاستىدا ياشاپ كەلگەن ئەللەرنىڭ بىر قىسمى تۈزۈم ئالماشتۇردى. يەنە بىر قىسمى بولسا ھاكىمىيەت ئالماشتۇردى.  ئەسلىدە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى ۋە دۇنيا جامائىتى بۇ دۆلەتلەرنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك تۈزۈمىگە قەدەم قويىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئامېرىكا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردەك دېموكراتىيە تۈزۈمىگە قەدەم قويالمىدى. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇلاردا مۇنداق ئىككى چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بەردى. بىرى، دۆلەت ھاكىمىيىتى ئۆز دۆلىتىدىكى چوڭ-چوڭ مافىيا (قارا گوروھ) لارنى قانات ئاستىغا ئالمىسا، ئۆز ھوقوقىنى نورمال يۈرگۈزەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. يەنە بىرى، پۈتۈن دۆلەتنى چىرىكلىك قاپلاپ، مائارىپ سۈپىتىنى پۇلغا تېگىشىۋەتتى.  روسلار روسىيەنىڭ مافىيالارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئەسكىلەر ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسىنى، يەنى پۇتىننى، پرېزىدەنت قىلىپ سايلىدى.  قازاقىستاندا نازاربايېۋ دىن كېيىن ھوقۇق ئۇرۇشى باشلاشقا ئۇچ چوڭ گوروھ تەييار بولدى.  روسىيە، قازاقىستان، قىرغىزستان، ئۆزبەكىستان، تۈركمەنىستان، ئازەربايجان، ئالبانىيە، كوسوۋو، يوگوسلاۋىيە، ئىراق، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ھازىر مافىيالار ناھايىتى يۇقىرى ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا ئېرىشتى.  جۇڭگودا ھاكىمىيەت ئالمىشىش ياكى تۈزۈم ئۆزگىرىش بولمىدى. لېكىن، چىرىكلىك ۋە مائارىپ سۈپىتىنى  پۇلغا تېگىشىۋېتىش ئەھۋالى جۇڭگونىڭمۇ ھەممە يېرىنى قاپلىدى. ئۇيغۇرزادە ئۇكىمىزنىڭ مەزكۇر ماقالىسىدىن قارىغاندا، بۇ خىل ئېقىم ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگىمۇ ئېغىر دەرىجىدە ئېقىپ كىرىپتۇ. 

 

دۇنيادىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ ھازىرقىدەك قەد كۆتۈرۈپ تۇرالىشىدا ئۇلارنىڭ نەچچە يۈز يىللىق ھەتتا نەچچە مىڭ يىللىق يۇقىرى سەۋىيىلىك ۋە پۈتۈن خەلققە ئومۇملاشقان مائارىپ ساپاسى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان.  مەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئۆزەمنىڭ كېيىن يازىدىغان بىر ماقالىسىدە يەنە مەخسۇس توختۇلىمەن. مەن بۇ يەردە مىللەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بارلىق قېرىنداشلارغا ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتتىلانىڭ تۆۋەندىكى سۆزىنى ئەستە چىڭ تۇتىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن:

 

«بىر ھون ئۆزى ئۈچۈن قىلىشتىن ۋاز كەچكەن ئىشلارنى باشقا ھونلار ياكى رىملىقلار ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلىپ بەرمەيدۇ» بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى مېنىڭچە ھەممە ئوقۇرمەنلەر ئوبدان چۈشىنىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، مەن ئۇنى ئادەتتىكى سۆز بىلەن  يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپ قوياي: سىز ئۆزىڭىز ۋاز كەچكەن ئىشلارنى باشقا بىر ئۇيغۇر سىز ئۈچۈن قىلىپ بەرمەيدۇ.  ئۇيغۇرلار ۋاز كەچكەن ئىشلارنى باشقا بىر مىللەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلىپ بېرىشىمۇ ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس.  تەشۋىقات بىر نەرسە. ئەمىلىيەت بولسا باشقا بىر نەرسە.  تەشۋىقات كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى باشقىچە پروگراممىلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. بەزى ئەللەردە ئۇ ھەرگىزمۇ بىر مىللەتنىڭ يەنە بىر مىللەتنى ھەقىقىي تۈردە قۇدرەت تاپقۇزۇشىنى مەقسەت قىلمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىدىكى تەقدىرىنىڭ قانداق بولىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە باغلىق.

 

مۇشۇنداق بىر نۇقتىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرزادە قېرىندىشىمىزنىڭ قىلىۋاتقىنىنىڭ بىز ئۈچۈن ئەھمىيتى ناھايىتىمۇ زور بولۇپ، ئۇيغۇرلار ھازىر ناھايىتى كوپ ئۇيغۇرزادە گە مۇھتاج.

 

مەن بۇ ئىنكاسىمنى ئۆزەمنىڭ چەت ئەلدىكى بىر ئىلىم-پەن پائالىيىتىدە قىلغان تەبرىك سۆزۈم بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن (قىسمەن جايلىرىنى ئازراق ئۆزگەرتتىم):

 

نەقىل:

 

ئاسسالامۇ-ئەلەيكۇم، ئەزىز قەرىنداشلار. ياخشىمۇسىلەر؟


مەن ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ چەت ئەلدىكى جىددىي تۇرۇش ئىچىدىن قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ، بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتكە كېلىپ قاتنىشىپ بەرگەنلىكىڭلەرگە چىڭ كۆڭلۈمدىن مىنەتدارلىق بىلدۈرىمەنرەخمەت.

بولۇپمۇ بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ بارلىق تەييارلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۇزۇندىن بۇيان ئۈن-تۈنسىز تىرىشىپ ئىشلەپ، ئۇنىڭ بۈگۈنكىدەك غەلىبىلىك ئېلىپ  بېرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ئۇيۇشمىنىڭ بارلىق رەسمىي ۋە زاپاس ھەيئەت ئەزالىرى، ۋە ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرىگە، چەت ئەلدىكى يىراق جايلاردىن بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئۈچۈن ئىلمىي ماقالە تەييارلاپ كەلگەن بىلىم ئەھلىلىرىگە ئالاھىدە رەخمەت ئېيتىمەن.


بۈگۈنكى بۇ پائالىيەت مانا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھەممە قېرىنداشلارنىڭ سەييارە خىزمەت قىلىشى ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلدى.  مىللەتنى سۈيۈش، ۋەتەننى سۈيۈش دېگەن مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. مىللەتپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك دېگەن مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. بىز ھەممىمىز مۇشۇ ئەمەلىي ئىش-ھەرىكىتىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزدىن قانچىلىك خوشاللانساق، ۋە پەخىرلەنسەك ئەرزىيدۇ.


ئۇيغۇر مىللىتى ھازىر ئىنتايىن ھالقىلىق بىر تارىخىي دەۋردە تۇرىۋاتىدۇ.  دۇنيادىكى مەلۇم بىر مىللەتنىگ ئومۇمىي خەلق مائارىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغىنىغا ھازىر 2000 يىل بولدى.  مەن بۇ ھەقتە ئۆزەمنىڭ بۇ قەتىم سۆزلەيدىغان 2-تېمىسىدا يەنە مەخسۇس توختىلىمەن.  ياپونىيە ۋە ياۋروپادىكى تەرەققىي تاپقان مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي خەلق مائارىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغىنىغا ھازىر 200 يىلدىن ئاشتى.  ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق نوپۇسى ھازىرمۇ يېزىلاردا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەر ئىلمىي چۈشەنچە ھەققىدىكى ئاممىباپ نەرسىلەرنى ئوقۇپ چۈشىنەلىگىدەك دەرىجىگىچە ساۋادىنى چىقارغانلار ھازىرمۇ ئاز سانلىق ھالىتىدە تۇرىۋاتىدۇ.  يەنى، ئۇيغۇر نوپۇسى ھازىرمۇ تېخى تولۇق ساۋادلىق بولۇپ بولالمىدى.  بۇ خىل ئەھۋال ھازىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇنۋان ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان، ھەمدە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولۇپ، چەت ئەلدىكى ھەر خىل ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە كەسپىي ئورۇلاردا ئىشلەۋاتقان ھەر بىر ۋەتەن-سۆيەر ئۇيغۇرنىڭ ئالدىغا ئىنتايىن مۇھىم بىر تارىخىي ۋەزىپىنى قويدى ، ۋە ئۇنىڭغا ئىنتايىن مۇھىم بىر تارىخىي بۇرچىنى يۈكلىدى.  مانا بىز ئاشۇنداق چۈشەنچە ئاستىدا ياشىغۇچىلارمىز. ئاشۇداق چۈشەنچە ئاستىدا تىرىشقۇچىلارمىز.  بىزنىڭ مىللەت ئىچىدىكى قەدرى-قىممىتىمىز بىزنىڭ ئۆز ھاياتىمىزدا قانداق كېيىملەرنى كەيگەنلىكىمىزگە، قانداق تاماقلارنى يېگىنىمىزگە، قانداق ماشىنىلارنى ھەيدىگىنىمىزگە، قانداق ئۆينى سېتىۋالغىنىمىزغا ۋە قانداق خىزمەت ئورنىغا ئېرىشكەنلىكىمىزگە قاراپ بەلگىلەنمەيدۇ.  بىزنىڭ مىللەت ئىچىدىكى قەدرى-قىممىتىمىز بىزنىڭ مىللەت ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بەرگەنلىكىمىزگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ. 


بىر داڭلىق ئادەمنىڭ مۇنداق بىر سۆزى بار:  سەن خۇددى مەڭگۇ ئولمەيدىغان بىر ئادەمدەك ئۆگەن، خۇددى ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغان بىر ئادەمدەك ياشا.  مەن ئۆزەمنىڭ يازمىلىرىدا، ئۆزەمنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇشى دەۋرىدىن باشلاپ، ھەر كۈنى كەچتە ئۆزئۆزەمدىن «مەن بۈگۈن قانچىلىك نەرسە ئۆگەندىم؟» دەپ سوراپ بېقىشقا ئادەتلەنگەنلىكىمنى تىلغا ئالغان ئىدىم.  بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەلتىك بولىشىدا ئاشۇنداق ياشاش ئىنتايىن مۇھىم.  مەن ھەر بىر ئۇيغۇر ياشتىن بۇ سۆزنى ئەستە چىڭ تۇتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


بىر مىللەتنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشى ۋە ئۆزىنى گۈللەندۈرىشىدە ئۇنىڭ تەبى-ئىي پەن، ماتىماتىكا، يۇقىرى تېخنولوگىيە ۋە ئىنجىنىرلىك ساھەسىدىكى تەرەققىيات سەۋىيىسى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.  ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتە ھازىرچە ئاجىز، شۇڭا بىزنىڭ ئۇيۇشمىدەك بىر نەرسىنى بەرپا قىلىشىمىز ۋە ئۇنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ مېڭىشىمىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە بولغان ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى ناھايىتى زور.  بىز ھەممىمىز ئورتاق تىرىشىپ، ئۇيۇشمىدىن ئۆزىمىزنىڭ ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن سەييارە خىزمەت قىلىشتىكى بىر ئۈنۈملۈك ۋاستە سۈپىتىدە پايدىلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي بۇرچىنى ئادا قىلايلى.


ئاخىرىدا مەن بۇ قەتىملىق پائالىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بوئىشىغا چىڭ كۆڭلۇمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

 رەخمەت.

 
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-07-27, 10:14
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-07-26 14:05 |
abdukorax
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8579
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 323
شۆھرەت: 1726 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1733 سوم
تۆھپە: 1026 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1033 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 404(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۆز ئىشىغا ئۆزىدىن باشقىسى بىكار جۇما...
ئەرزىمەس تەندە بۈيۈك ئارزۇ بولمايدۇ.غۇرۇرسىز ئەردە ۋەتەن مۇھەببىتى ۋە مەسئۇلىيتى بولمايدۇ.
ئەجرىڭىزنى ئاللاھ زىيادە بەرسۇن بىلىمخۇمار ئاكا.
ئاللاھ ھىمكەت بىلەن ئورونلاشتۇرغۇچىدۇر.شۇنىڭغا قەتئى ئىشىنىمەن بىزگىمۇ شۇنداق كۈنلەر چوقوم كىلىدۇ.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-27 14:08 |
فىدا
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 6545
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 440
شۆھرەت: 2253 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2273 سوم
تۆھپە: 1347 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1353 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 314(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

      بىزدە «باشقىلارنىڭ نىمە دىگىنىگە ئەمەس نىمە قىلعىنىعا قارا» دىگەن  گەپبار ،  بىلىم حۇمار  ئەپەندىنىڭ  نەچچە يىلدىن بىرى حەلقىمىزنىڭ ئوتىدا كويۇپ ،سۇيىدە ئىقىپ كىلىۋاتقىنىنى  كورۇپ تۇرۋاتىمىز  . چەتئەلدە  ئەركىن تۇرمۇشتىن قانعۇدەك ھوزور لىنپ  ،بەحىتنىڭ پەيزىنى قانعۇدەك سۇرۋالسىمۇ بۇلاتتى ،بۇ ئۇنىڭ ھوقۇقى ئىدى ، ئەمما بۇ ئۇستاز ئالىم ، بۇنداق  راھەت پەرەسلىكنى  ئىسىگە ئىلىپمۇ قويعىنى يوق . 360كۇن ئەۋلاتلىرىنىڭ عىمىنى يىيش بىلەن ،ياشاپ كىلىۋاتىدۇ .  مانا ھازىر  بىلىم حۇمار ئەمەندىنىڭ ياشاش مەنتىقىسى ،حەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش پەلسەپىسىگە ئايلىنىۋاتىدۇ . مىللەتنىڭ پەلسەپىىسى  پىشىپ يىتىلگەندە ئاندىن  ئوزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى مەڭگۇ  ساقلىيالايدۇ . بىز ھازىر بىلىم حۇمار ئەپەندىنىڭ  روھىدىن ئوگىنىشتىن باشقا  دىلىمىزدىكى ھورمىتىمىزنى  تىل بىلەن ئىپادىلەشكە  ئاجزلق   قىلىمىز .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-27 15:32 |
quxiniwal
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8547
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 110
شۆھرەت: 605 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 600 سوم
تۆھپە: 354 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 354 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 215(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىلىمخۇمارنىڭ قىممەتلىك ۋاختىنى چىقىرىپ ئۇيغۇرزادىنىڭ ماقالىسىگە ئەمىلى مىسال ئىلىپ چۈشەندۇرۇش بەرگەنلىكىگە رەخمەت.
مەن بۇ ماقالا بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن باشلاپ  ھەر كۈنى نەچچە قىتىم ئارىلاپ بۇ ئەسەرنى ۋە ئەسەرگە چۈشىۋاتقان  ئىنكاسلارنى تەپسىلى ئوقۇيۋاتىمەن.
شۇنداق بىر ياخشى ماقالىگە بىر قىسىم مۇنازىرلەشكۈچىلىرىمىزنىڭ ئىلمىي قارىشى ئوتتۇرىغا قويۇلماستىن بىر-بىرى بىلەن دۈشمەنلىشىش بىر-بىرىنى چەتكە قىقىش،ئىھتىراپ قىلماسلىق ،شەخسى قارىشىنى ،ئىدىيىسىنى تىڭىش.........ھەققىدە گەپ-سۆز بولىۋاتىدۇ،ئەلۋەتتە ياقتۇرپ يۇقۇرى باھا،ئىنكاس قايتۇرۇلغانلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ.
سىزنىڭ ئۇيغۇرزادە يازغان « يازما مەدەنيىتىمىزدىكى ئېغىر مەسلىلىەرگە يۈزلىنىش»گە ھەممە قىزىقىپ بەس مۇنازىرە قىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيىتتە بۇ ئىنكاسلارنى قالدۇرىشىڭىز ھەقىقەتەن مىنى سۆيۈندۈردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق نوپۇسى ھازىرمۇ يېزىلاردا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەر ئىلمىي چۈشەنچە ھەققىدىكى ئاممىباپ نەرسىلەرنى ئوقۇپ چۈشىنەلىگىدەك دەرىجىگىچە ساۋادىنى چىقارغانلار ھازىرمۇ ئاز سانلىق ھالىتىدە تۇرىۋاتىدۇ....

   مەن مۇشۇ جۈملىلەرنى ئوقۇغان چىغىمدا  قايسى بىر  يىزىدىكى كەنت مەكتەپتە ئوقۇيۋاتقان 130دىن كۆپ ئوقۇغۇچىدىن 70نەپىرىنىڭ ساۋاتسىز قىلىشى......
لىكىن سىزنىڭ دەۋاتقىنىڭىز مەن تىلغا ئالغان «ساۋاتسىزلىق» ئەمەس بەلكى ئەقلى ھۆكۈم ئىكەنلىكىنى بىلىمەن لىكىن ئەقلى ھۆكۈمنىڭ ئاساسى ئاۋال ساۋات چىقىرىش،تەپەككۇر يىتىلدۈرۈش.

يەنە بار:  «سەن خۇددى مەڭگۇ ئولمەيدىغان بىر ئادەمدەك ئۆگەن، خۇددى ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغان بىر ئادەمدەك ياشا»،«مەن بۈگۈن قانچىلىك نەرسە ئۆگەندىم؟» دەپ سوراپ بېقىشقا ئادەتلەن....
  شۇنداق ھەر بىر كىشى ئەستە تۇتۇش كىرەك
istanbol
ئادەم تاماق يىيىش ئۈچۈن ياشىمايدۇ
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-28 13:05 |
ئەرتۈڭە
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 9147
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 488
شۆھرەت: 2680 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2681 سوم
تۆھپە: 1561 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1565 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 351(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مىللىتىمىزدەمۇشۇ bilimhumarدەك روھقا ئىگە  باللىلاردىن يىللدا 50ئى چىقىپ بەرسە كەلگۈسىمىزدىن ئارتۇقچە غەم يەپمۇ ئولتۇرماستۇق-ھە !
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-28 13:49 |
begir
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6865
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 336
شۆھرەت: 1721 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1733 سوم
تۆھپە: 1035 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1047 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 260(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇندىن كېيىن ئۆزىنى زىيالىي ھېساپلايدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ تورغا ئۆز ئىسىم فامىلىسى بىلەن كىرىشىنى ئارزۇ قىلىمەن .
ئۆزىنى ئۇيغۇر زىيالىيسى دەپ قارايدىغانلارنى دەيمەن .
lutun
كىشى ئاخىر ئۆلۈپ كېتىدۇ....
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-28 14:13 |
kunbilig
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9387
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 23
شۆھرەت: 115 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 115 سوم
تۆھپە: 69 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 69 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 47(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ يازمىللىرىغا كۆپ تەشەككۇر ! قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي ! !
simfoniya
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-08 12:18 |
koygandengiz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6375
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 151
شۆھرەت: 763 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 764 سوم
تۆھپە: 458 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 459 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 265(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   يازمىڭىزدىن شۇنداق سۆيۈندۈم ! ئەمەلىيەتتىمۇ « ئۇيغۇرزادە » نىڭ ئۇيغۇر ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان مىننەتسىز تىرىشچانلىقى ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە قەدىرلىنىشى كېرەك ئىدى ........
istanbol
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-23 14:55 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » كۆڭۈلدىكى سۆز