جۇڭگونىڭ ئافغانىستاندىكى ئويۇن پىلانى
ئاپتورى: شلومو بىن-ئامى (تەرجىمىدە:نەپرەت2009)
ھېنرىي كىسىنگىر ئۆزىنىڭ يېڭى كىتابى «جۇڭگو ھەققىدە» دە، جۇڭگو ۋە غەربنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنى قورشاۋ شاھمات ۋە خەلقئارالىق شاھمات ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ خەلقئارالىق ھوقوق ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئوخشىمىغان پوزىتسىيىسىنى چۈشەندۈرگەن. خەلقئارالىق شاھماتنىڭ نىشانى پۈتۈنلەي غەلبە قىلىپ، كلاۋسىۋىتزنىڭ ئاتالمىش «ئېغىرلىق مەركىزى» نى تارتىۋېلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا دۈشمەننى پۈتۈنلەي يوقىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، قورشاۋ شاھمات بولسا بىۋاستە توقۇنۇشتىن ساقلىشى ئارقىلىق قورشاش ئىستراتىگىيىسى بىلەن نىسپىي ئۈستۈنلۈككە ئېرىشمەكچى بولىدۇ.
بۇ مەدەنىيەت پەرقىنى جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى غەرب بىلەن بولغان ماجراسىنى قانداق باشقۇرۇشىنى كۆزىتىشكە يېتەكچى قىلىشقا بولىدۇ. جۇڭگونىڭ ئافغانىستان سىياسىتى رىقابەتتىكى بىر تۈر ھەمدە قورشاۋ شاھماتنىڭ يولىغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ. ئامېرىكا ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرۈشكە تەييارلىق قىلىش بىلەن بىرگە، جۇڭگو چوقۇم ئېنىقسىزلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولغان ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئەھۋاللارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
جۇڭگونىڭ ئافغانىستاندا ھەل قىلغۇچ ئىستراتىگىيىلىك مەنپەئەتى بار، ئەمما جۇڭگو رەھبەرلىرى ئەزەلدىن ئۇرۇش ئارقىلىق بۇ مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئويلىشىپ باققىنى يوق. ئافغانىستان جۇڭگونىڭ غەربىي چېگرىسىدىكى ھەل قىلغۇچ بىخەتەرلىك رايونى، جۇڭگونىڭ پاكىستاندىكى مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىكى مۇھىم كارىدور ھەم جۇڭگونىڭ بۇ رايوندىكى ھەل قىلغۇچ تەبىئىي بايلىقلارغا ئىگە بولىشىدىكى يول. بۇنىڭدىن سىرت، ئافغانىستان بىلەن چېگىرلىنىدىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى ئۈستۈنلۈككە ئىگە، ۋەزىيىتى مۇقىم ئەمەس، تالىبان ۋە شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە ئاسانلا ئۇچرايدۇ.
ئافغانىستان ئۇرۇشى ئامېرىكا قىلغان ئەڭ ئۇزۇن ئۇرۇش، ئۇرۇش چىقىمى ھازىرغا قەدەر 555 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى، نەچچە ئون مىڭ ئافغانىستان خەلقى ۋە 3100 ئامېرىكا ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئەمما جۇڭگونىڭ ئافغانىستاندىكى ئىستراتىگىيىسى ئاساسىي جەھەتتە سودا يولىنى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ ئېنىرگىيە ۋە كان مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى نىشان قىلغان. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مۆلچەرلىشىگە ئاساسلانغاندا، ئافغانىستاننىڭ ئېچىشنى كۈتۈپ تۇرغان كان مەھسۇلات مىقدارىنىڭ قىممىتى تەخمىنەن 1 تىرىلىئون ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىكەن. بۈگۈنكى كۈندە ئافغانىستاندا بۇ بايلىقلارنىڭ كۆپ قىسىمىنى قولغا كەلتۈرۈۋالغىنى دەل جۇڭگو.
ئەمەلىيەتتە، جۇڭگونىڭ ئەينەك مىس كانىنى ئېچىش تۈرى ئافغانىستان تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ يەككە بىر چەتئەل دۆلىتى مەبلەغ سالغان تۈر. جۇڭگو يەنە 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئېلىكتىر ئىستانسىسى تۈرى ۋە تاجىكىستان-پاكىستان تۆمۈر يول قۇرۇلىشى تۈرىگە قاتناشتى. 2011-يىلى 12-ئايدا، جۇڭگو نېفىت شىركىتى بىلەن ئافغانىستان دائىرلىرى بىر كېلىشىم ئىمزالاپ، ئافغانىستاننىڭ نېفىتى ۋە تەبئىي گاز زاپىسىنى قازىدىغان تۇنجى چەتئەل شىركىتى بولۇپ قالغان.
مۇبادا جۇڭگونىڭ ئافغانىستاندىكى غايەت زور ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنى ئامېرىكا ئارمىيىسىنى كۈچى بوغۇپ تۇرمىسا، جۇڭگو شەكسىز ئافغانىستاندا ئافغانىستانلىقلار ئۈمىد قىلغان «ئىستراتىگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق» يېتىشتەك مۇھىم رول ئوينايدۇ. جۇڭگو ئۆزىنىڭ يۇمشاق كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىش شەكلىدە بۇ قەدەمنى تاماملايدۇ، يۇمشاق كۈچىنى نامايەن قىلىش ھەم «ئەنئەنىۋى بولمىغان بىخەتەرلىك رايونى» ئارقىلىق بۇ نىشانغا يېتىشى مۇمكىن، بۇمۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھەمىد كارزاي 6-ئاينىڭ بېشىدا بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندىكى قارشى.
جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىدىكى قىلمىشىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلغاندا، ھەربىي ھەمكارلىقتا ئېھتىمال ئىنتايىن مۇلايىم ۋە ئېھتىياتچان بولىدۇ. جۇڭگو ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ 4 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق كۆپ دۆلەتلىك مەبلىغىنى ساقلاشتا كۈچ چىقارمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى.
ئىككى دۆلەت ئەڭ يېقىندا ئىمزالىغان ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىلىق «ئافغانىستان دۆلىتىنىڭ مۇقىملىقى» ساقلاشنى نىشان قىلغان. جۇڭگو زەھەر توشۇش قىلمىشىغا زەربە بېرىشكە ئالاھىدە قىزغىن، ئافغانىستاننىڭ چۈنكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن چېگىرلىنىدىغان بەدەخشان ئۆلكىسى ئافغانىستان ئەپيۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق توشۇش يولى بولۇپ قالدى. تالىبان ئاشقۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا سىڭىپ كىرىشىنى توساشمۇ يەنىلا ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى.
يېقىنقى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭ يىغىنىدا، جۇڭگو پۈتۈن كۈچى بلەن رايونلۇق مەنپەئەتى ئالاقىدارلارنىڭ مەنپەئەت تەڭپۇڭلىقى ۋەزىيىتىنى ياراتماقچى بولدى. بۇنىڭدىن سىرت، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يەنە مەزكۇر رايوننىڭ «رايون سىرتىدىكى داۋالغۇشلارنىڭ زەربىسى» (خۇ جىنتاۋنىڭ سۆزى) گە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشتى.
ئەمما، جۇڭگو ئافغانىستان ئۇرۇشىدا يۇمشاق ئەمەلىي كۈچلرىنى قانداقلا مەركەزلەشتۈرسۇن، ئىنتايىن مۇرەككەپ ھەمدە تارىخىي توقۇنۇشقا تولغان بۇ رايوندا ساقچىلىق رولىنى ئوينىيالىشىنىڭ تەسلىكىنى بايقىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، جۇڭگونىڭ رايونلۇق ھەرىكىتى مەزكۇر رايوندىكى باشقا دۆلەتلەر (مەسىلەن روسىيە ۋە ھىنىدستان) بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدۇ. ئىتتىپاقدىشى پاكىستانمۇ قوشنىلىرىنىڭ (جۇڭگومۇ قوشنىلىرىنىڭ بىرى) بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان تېرورىزىم گۇرۇھلىرىنى تازىلاشقا ئالدىرىمايدۇ.
پاكىستان ئېھتىمال ئىتتىپاقدىشى جۇڭگونىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن پاكىستاننىڭ ھىندىستان بىلەن ئەمەلىيەتتىكى ۋاكالىتەن ئۇرۇشىنى ماسلاشتۇرۇشىنىڭ ئىنتايىن مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى بايقىشى مۇمكىن. شۇڭا، جۇڭگو ئېھتىمال پاكىستان ۋە ئافغانىستان چېگرىسىدىكى قەبىلىلەر رايونىدا قوشۇن تۇرغۇزۇشنى كۈچەيتىشكە مەجبۇر بولۇپ، تېرورىزىم گۇرۇھلىرىغا تاقابىل تۇرىشى مۇمكىن، مەسىلەن پاكىستاندىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى (جۇڭگو بۇ تەشكىلاتنى ئۈرۈمچى توپىلىڭىنىڭ باش جىنايەتچىسى دەپ قارايدۇ).
جۇڭگو ياخشى كۆرىدىغان ئۇسۇل ھەمكارلىق ۋە سۆزلىشىش. ئەمەلىيەتتە، جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكى يېقىندا پاكىستان ۋە ئافغانىستاندا تالىبان بىلەن يارىشىشنى مەقسەت قىلغان ئۈچ تەرەپلىك سۆزلىشىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. جۇڭگومۇ ئىتتىپاقدىشى پاكىستان ۋە رەقىبى ھىندىستان ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى مەقسەسىز ھالدا قۇترىتىپ كەلدى. ئەكسىچە، جۇڭگو كۆپ يىللاردىن بېرى ئافغانىستان مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلە ھىندىستان-پاكىستان ۋاكالىتەن ئۇرۇشى، شۇڭا كەشمىر تىنچلىقى ئاندىن ئافغانىستان تىنچلىقىنىڭ ئاچقۇچى بولالايدۇ دەپ كۆرسىتىپ كەلدى.
ئامېرىكا قوشۇن چېكىندۈرگەندىن كېيىن ئافغانىستاندىكى مەنپەئەتىنى قانداق قوغداش جۇڭگو دېپلوماتىيىسى دۇچ كەلگەن ھەقىقىي ئېغىر خىرىس. ئەمما، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا ئوخشاش كەڭ كۆلەمدە ھەربىي ئارىلىشىش ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئالامەت يوق. جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئافغانىستان سىنىقى ئېھتىمال خەلقئارالىق شاھمات ۋە قورشاۋ شاھماتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ھازىرلىغان بولىشى مۇمكىن.
مەنبە: ئاپتورى شلومو بېن-ئامى ئىسرائىلىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى، پارلامېنت ئەزاسى بولۇشتىن ئىلگىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىسپانىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولغان. نەپرەت 2009تەرجىمە قىلدى.