ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى يېقىنلاشقا باشلىدى. مەن نوپوسۇم تۇرۇشلۇق شەھەرگە بېرىپ ئىمتاھانغا قاتنىشىشقا مەجبۇر بولغانلىقىم، زۇلنار بىلەن ئەڭ مۇھىم دەقىقىلەردە بىللە بولالمايدىغانلىقىم سەۋەب تولىمۇ مەيۈسلەندىم. لېكىن ئالىي مەكتەپ ئىمتاھان بېرىشىمىزگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن ئامال بار كەيپىياتىمىزنى كونتىرول قىلىشقا تىرىشتۇق. زۇلنار ھەقىقەتەن تىرىشىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئاساسىمۇ ياخشى بولغاچقا ھەممىمىز ئىنتايىن چوڭ ئۈمۈدلەرنى كۈتەتتۇق. ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى مەكتەپكە ئۆتىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتۇق. لېكىن ماڭا نىسبەتەن ئادەتتىكى بىرەر ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلىگەنلىكنىڭ ئۆزى چوڭ ئىش ھېسابلىناتتى. دائىم شۇنداق دېسەم زۇلنارنىڭ تازا ئاچچىقى كېلىپ باتناپ قالاتتى:
_ مەن ئۆتكەن مەكتەپكە ئۆتمىسەڭ مەن ئالىي مەكتەپكە بارمايمەن جۇمۇ. چوقۇم 500 دىن يوقۇرى ئېلىشىمىز كېرەك! ۋۇ كالۋا!
ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بىر تەرەپتىن ئاچچىق كۈلسەم، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا مەسلىكىم كېلەتتى. شۇنداق، ئۇ ھەقىقەتەن مەن ئۈچۈن زور ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىدى.
مەن ماڭىدىغان كۈنۈم ئۇ يىغلىدى. تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ يىغىسىنى كۆرىشىم. ئۇنىڭ يىغىسىنىڭ يۈرەكنى بۇنداق ئېزىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن. بۇ تۇنجى ۋە ئاخىرقى قېتىم ياش تۆكۈشۈڭ بولىدۇ؛ دېدىم ئىچىمدە. لېكىن ئۇنىڭ ھىجراننىڭ ئازابلىرىغا، ياق، بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزنىڭ ھىجراننىڭ ئاچچىق سىنىقىغا تۇنجى قېتىم دۇچ كېلىشى. بۇ تۇنجى دوقالدىن قانداق قىلىپ ئۆتۈپ كېتىشنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، لېكىن كۈچلۈك ئىرادە ئالدىدا سىناقنىڭ ھامان ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۇنىڭغا نېمە دەپ تەسەللىي بېرىشنى بىلەلمىدىم. پەقەت ئارانلا،
_ ئىمتاھانىڭنى ياخشى بەر، مېنى ساقلا!
دېيەلىدىم. مەن ئۇسۆلەرنى دېدىممۇ ياكى ئۇ سۆزلەر مېنىمۇ تازا ئېسىمدە يوق. لېكىن ئۇنىڭ ئۆيى تەرەپكە " سېنى ياخشى كۆرىمەن" دەپلا يۈگەرگىنىچە كىرىپ كەتكەندىكى سىيماسىبنى ئۇنتالمايمەن.ئاچچىق بىر تامچە ياشنىڭ مەڭزىمنى بويلاپ ئاققانلىقىغا ئۆزۈممۇ ھەيران. مەن ھەقىقەتەن ئايرىلىشنىڭ ئازابىنى سەل چاغلاپ قاپتىكەنمەن. ئۇنىڭ قارىسى يۈتكىچە قاراپ تۇردۇم. سېنى ياخشى كۆرىمەن دېگەن گېپى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلايتتى. شۇنداق بۇ ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىم بۇ سۆزنى تەكرارلىشى ئىدى.
ھەيرانمەن، دوستلىرىم كۈندە ئاتالمىش مۇھەببەتلىرى بىلەن كۈندە 10 قېتىم سېنڭ سۆيىمەن دېيىشىدۇ يۇ، لېكىن مۇھەببىتى 1 ئاي داۋاملىشالمايدۇ. لېكىن زۇلنارنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئەمدى ئىككىنچى قېتىم ئاڭلىشىم بولسىمۇ، ئۇنىڭ مېنى پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن سۆيىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم. گەرچە ئىككىمىزنىڭ يېقىنچىلىقى پەقەت بىر ئىككى قېتىم قول تۇتۇشۇش بىلەن چەكلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ ھايا ۋە ھۆرمەت ئاستىدىكى مۇھەببىتىمىز دائىم سۈزۈك ۋە پاكىزە تۇراتتى. شۇنداق، بىز بىر بىرىمىزنى يۈرەكلىرىمىزدىن ياخشى كۆرەتتۇق. بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز روھلىرىمىزنىڭ تۇتىشىشى، كۆڭۈللىرىمىزنىڭ سىردىشىشى ئىدى.
زۇلنارنىڭ ئۆيىدىن قايرىلىپ كۆل بويىغا قاراپ ماڭدىم. چوڭ يولدىن ئۆتكەندە پەقەت غايەت زور بىر كۈچنىڭ مېنى قاتتىق سىلكىگەنلىكىنىلا بىلىمەن. سەزگۈم تۇيغۇلىرىم يوقالغان ھالدا خىيالغا چۆمدىم.
مەن ئۆلدۈممۇ؟ ياق، ئۆلگەن بولسام بۇنداق ئويلارنى قىلالايتتىممۇ؟ بەلكىم ھوشۇمدىن كەتكەندىمەن. ئورنۇمدىن تۇرۇشقا تەمشەلسەممۇ ئۈنىمى يوق. قوللىرىم پۇتلىرىم ئۈزۈلۈپ كەتكەندىمۇ؟ توغرا! مېنى ماشىنا چېقىۋەتكەن ئوخشايدۇ. يا ئاللاھ، ئۆزۈڭ مەدەتكار! ئورنۇمدىن دەس تۇرۇشۇمغا، كەلگۈسىگە داغدام يول ئېلىشىمغا ياردەمچى بولغىن.زۇلنار!!! زۇلنار!!! زۇلنارنىڭ كۆزلىرىگە يەنە بىر قارىۋالاي، مۇھەببەت قەترىلىرىدىن يەنە ئازراق ئىچىۋالاي! ھېچ بولمىغاندا ئاتا ئانامنىڭ ۋە ئوماق ئۇكامنىڭ چىرايىنى ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ كۆرىۋالاي. يا ئاللاھ، قىلغان گۇناھلىرىمنى كەچۈرگەيسەن...
_ دىليار بالام... بالام! كۆزۈڭنى ئاچقىنە، مەن ئاپاڭ!
_ قاراڭلار، ئۇنىڭ قولى مىدىرلىدى...
_ ئاكامنىڭ كەلپۈكلىرى مىدىرلاۋاتىدۇ!!!
_ نېمە دەيدۇ؟
_ ھە، توغرا بىر نەرسە دېگەندەك قىلدى...
ھوشۇمغا كەلگەن ئوخشايمەن، خۇددى تەكلىماكاندا ئادىشىپ قالغان يولۇچى قۇدۇق كۆرگەندە بار كۈچىنى يىغىپ سۇ دەپ توۋلىغىنىدەك، مېنىڭمۇ ئاھ! ھايات !!! دەپ توۋلىغۇم كەلدى. كۆزۈمنى ئاستا ئاچتىم. قولۇم، بېشىم خۇددى بولقا بىلەن ئۇرۇپ چېقىۋەتكەندەك ئاغرىۋاتاتتى. قوللىرىمنى مىدىرلىتىشقا ئۇرۇنۇپ كۆردىم، ئاپامنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ، سۆيۈپ قويغۇم كەلدى، لېكىن مادارىم يوق. بولغان ئىشلارنى ئويلاشقا پېتىنالمايتتىم. ھە راست! مېنى بىر نەرسە چېقىۋەتكەن... مەن كۆلگە ماڭغان، زۇلنار بىلەن خوشلاشقان... كېيىنكىلىرى يادىمدا يوق. كۆزۈمنى ئېچىپ ئەتراپقا قارىدىم. ئاپامنىڭ كۆز چاناقلىرى ياشقا تولغان ھالدا ئولتۇرىدۇ، ئەنە ، دادام چىقىپ كەتتى، كۆز يېشىنى كۆرسىتىشنى خالىمىدىمۇ ياكى كۆرۈشنىمۇ ئۇنى بىلمەيمەن، لېكىن ئۇ ھەقىقەتەن مېنىڭ بۇ ھالىتىمنى كۆرۈشنى خالىمىغانىدى. مىڭ تەسلىكتە ئاپامدىن سورىدىم،
_ ئاپا ، مەن نېمە بولدۇم؟
_.....
جاۋاب ئورنىغا ئالغىنىم ئاپامنىڭ ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ تۆككەن ياشلىرى ئىدى.