saltanat lutun elan berig
«12345»Pages: 1/6     Go
بۇ تېما 13765 قېتىم كۆرۈلدى
سىزىم
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9276
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 40
شۆھرەت: 258 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 249 سوم
تۆھپە: 148 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 149 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 62(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 جۇڭگو مائارىپىنىڭ مەغلۇبىيتى ۋە پىغانى(سېزىم)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما hawar تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-08-02)
جۇڭگو مائارىپىنىڭ مەغلۇبىيتى ۋە پىغانى(سېزىم)
مائارىپ مەغلۇبىيتى توغۇرسىدىكى ئىزتىراپلىق خىياللىرىم


(سىزىم)


      ئۆزۈم ئۇقۇتقۇچى بولغاچقىمىكىن خېلى ئۇزۇن بولدى،مىللى مائارىپىمىزنىڭ ھازىرقىى ۋە كەلگۈسى توغۇرسىدا نۇرغۇن ئېزتىراپلىق ئويلىنىشلارنى قىلدىغان بۇلۇپ قالدىم.نىمىش قىلىغىنى ھىچ ئۇقمۇدۇم،لىكىن تەۋپىق روھى،مىللى مائارىپىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى،مائارىپ باشقۇرغۇچى ئۇرۇنلىرى ۋە باشقۇرغۇچى كادىرلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئەۋىج ئېلىپ كىتىۋاتقان شەكىلۋاز قىلىقلىرى،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ نىدالىق قاخشاشلىرى،جەمىيەتتىكىلەرنىڭ خىلمۇ-خىل تەھلىللىرى ۋە روھى چىقىپ كىتىۋاتقان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھازىرقى ھالەتلىرنى كۆزئالدىمغا كەلتۈرسەملا مىللى مائارىپىمىزنىڭ كەلگۈسى ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ ئىز باسارلىرى بولغان كەلگۈسى ئەۋلاتلىرمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىدىن بۆلەكچىلائەندىشىگە چۈشۈپ،تەشۋىشلىندىغان،تەنلىرىم تىكەنلىشىدىغان بۇلۇپ قالدى.ئۇنداق بولسانەزىرىڭىز تۆۋەندىكى دىئالوگلاردا بولغاي!

ئاتا-ئانىلارنىڭ دىئالۇگلىرى

         -ھازىرقى ئۇقۇتقۇچىلار بۇرۇنقى ئۇقۇتقۇچىلىرمىزغا پەقەتلا ئوخشىمايدىكەن،ئۇلارغا ھازىر قۇياش ئىتتىكرەك ئۆز ئورنىغا پاتسىلا بۇلىدىغان بۇلۇپ كىتىپتۇ.ئۇقۇغۇچىلارغا كۈيۈنۈپ دەرس بەرمەيدىكەن،مەكتەپكەقاچانلا بارساق ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپ قىسىمى سىنىپتا يوق،ھەممىسى ئارخىپ دەمدۇئىشقىلىپ شۇنداقراق بىر قەغەز دۈۋىسىگە ئىشلەيدىكەن.نىمانداق باش-ئايىقى چىقمايدىغان تۇلا ئارخىپتۇ بۇ زادى؟
     -بۈگۈن مەكتەپكە بارسام بالامنىڭ مالىمى بۈگۈن پەقەت ۋاقتىم يوق،ئارخىپلىرىمنى ئىشلىۋالمىسام ناۋادا ئەتىكى باھالاشتاتۇتۇلۇپ قالسام جېرىمانە تۈلەپ كىتىمەن،شۇڭا باللىرنىڭ گىپىنى ئەتىگىچە دىيىشەيلى دىدى،بۈگۈن بېرىۋىدىم مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرگۈزۈشمىدى،دەرۋازىۋەن بالىنىڭ دىيىشىچە بۈگۈن ۋىلايەتنىڭ بىر باھالىشى كىلەرمىش،شۇڭا ئۇقۇتقۇچىلار بىر تەرەپتىن تازلىق قىلىپ يەنە بىر تەرەپتىن ئارخىپ ئىشلەپ رەتلاۋاتقانمىش.ۋاي بۇلار كۈنلەپ كۈنلەپ ئارخىپ ئىشلەيدىكەن،بۇ مەكتەپمۇ ياكى ئارخىپخانىمۇ؟بىزنىڭ باللار مۇشۇنداق شەكىلۋاز ئارخىپلار ۋە تەكشۈرۈشلەرنىڭ قۇربانى بۇلۇپ كىتەمدا؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
    -ۋاي ئايشەمخان،مىنىڭ بالاممۇ بىر نەرسەئۇقمايدۇ،دەرسلەرنىمۇ بىلمەيدۇ،قوش تىل دەمدۇ ئىشقىلىپ  بىر خىل  ئۇقۇتۇش بارلىققا كەپتۇ،بۇ خىل ئۇقۇتۇشتائاساسەن دىگۈدەك ھەممە دەرسلەر خەنسۇ تىلىدا ئۈتۈلدىكەن،بالام كۈندە-كۈندەھەپلىشىدۇ-يۇ،يەنە بىلمەيدۇ،بىلمىگەن نەرسىلىرنى بىزدىن سۇرىسا بىز ھىچنىمىنى بىلمەيدىكەنمىز،سىنىپىدا باللار كۆپ بولغاچ مالىمى بىردىن-بىردىن يىتەكلەپ بىلدۈرۈپ بۇلالمايدىكەن.بىز بىلمىسەكمۇ ئانچە مۇنچە كىتاپلىرغا كۆز يۈگۈرتۈپ ئۇيغۇر تىلىمىزدا چۈشەندۈرۈپ قويساقمۇ چۈشەندۈرەلمىدۇق.ئەمدى بىزنىڭ باللار تۈگىشىپتۇ،مەكتەپكەبېرىپ ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۈتۈڭلار،دەرسلىك كىتاپلىرنى ئۇيغۇرچە تارقىتىپ بىرىڭلاردىسەك بۇ يۇقۇرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى دىسە بۇ قانداق جاھان بۇلۇپ كەتتى ئەمدى؟؟؟؟؟!!!!!!!!


يىغىن ،ئۇرۇنلاشتۇرۇش،تەكشۈرۈش دىئالۇگلىرى

    -يولداشلار بىز بۈگۈن يەنە قوش تىللىق ئۇقۇتۇشنى تېخىمۇ يۇقۇرى بالداققا قۇيۇپ،قوش تىل ئۇقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈش توغۇرسىدا يىغىن چاقىردۇق.مۇشۇ مەۋسۈم باشلانغاندىن بۇيان بۇنداق يىغىننى كۆپ ئېچىپ كەتتۇق.ئەمما قوش تىل ئۇقۇتۇشىمىزدا يەنىلا ياخشى ئۈنۈم قولغا كەلمىدى.سىلەرچەقوش تىل ئۇقۇتۇشى ياخشىلاندىمۇ-يوق؟ ياق،5-6-يىللىقلاردا ئۇقۇۋاتقان ئۇقۇغۇچىلىرمىزمۇ ئۈزىنىڭ ئىسمىنى خەنزۇچە يازالمىسا بۇنى قانداقمۇ قوش تىل ئۇقۇتۇش ئۈنۈمى يۇقۇرى كۈتۈرۈلدى دىگىلى بولسۇن
....ھەر قايسىڭ ئۈزەڭنى شوجاڭ دەيسەن،نىمىش قىلىشىۋاتىسەن؟؟؟؟!!!!!......تۆنۆگۈنكى باھالاشتا ھەر قايسىڭ جاۋاپكار،ئۇقۇتقۇچىلارنى ياخشى يىتەكلە،دەرسلىرنى تىڭشا،دەرسنى خەنزۇ تىلىداسۆزلىسۇن دىسە گەپ ئاڭلاشمىدىڭ،ئىشلىگەن ئارخىپلىرىڭغا قارا تېخى!!!!.....يىل ئاخىردا كۈرىشىسەن،كۈرىدىغانلىرىڭ بارغۇ سەنلەرنىڭ!!!!...........
      -كىم سىنى سائەت6:00دا قۇيۇپ بەر دىدى؟مىنىڭ ھازىرقى ئۇرۇنلاشتۇرۇشلىرىمنى يەتكۈزدىڭمۇ؟نىمىشقا يەتكۈزمەيسەن؟.....كەچلىگى ئۇقۇتقۇچىلىرىڭنى ئېلىپ قېلىپ يىغىن ئاچ،كەچلىگى سائەت10:00غىچە ئاچ،مەكتەپتەقۇنۇپ ئىشلەپ باقسۇن،مالىملىرىڭنىڭ ئىدىيسى ئايدىڭ ئەمەس،ئۈگىنىشكەسال،بىردىن-بىردىن تۇرغۇزۇپ قۇيۇپ ھىساپ ئال،گەپ ياندۇرسا تىللا،ئۇر،ئۇمۇ كارغاكەلمىسە تۇنۇما،دەرۋازىدىن قوغلاپ چىقار،نەگە بېرىپ ئىشلىسە شۇ يەرگە بېرىپ ئىشلىسۇن!لىكىن ئۇلارغا قۇپاللىق قىلىشقا بولمايدۇ.
     -(باش مۇدىر جاناپلىرى ئىككى ئۈچ چاپارمەنلىرنى باشلاپ سەھەر سائەت 6لەردە مەكتەپ ئىچىدە پەيدا بۇلۇپ،مۇدىرنى چاقىرىپ،دەرۋازىنىڭ ئىككى قاسقىنى،تاختاي،گۈللۈكلەرگە زەن سالىدۇ،ئايغاقچىلار ھەرتەرەپكە تىمىسقىلاپ ئىۋەن ئىزلەشكە باشلايدۇ)ئاۋۇ نىمە قەغەز،نىمە سۇلياۋپارچىسى؟تازلىق ياخشىلاندى دەۋاتاتتىڭ،بۇ نىمە؟؟؟!!!!!
     -××شۇجى،ئەسلىدە پاكىز ئىدى،ئەتىگەندىلا ياتاقلىق باللار پاك-پاكىز تازلىغان ئىدى،بىراق ئابىيام بۇران چىقىشى بىلەن مۇنۇبىر ئىككى تال قەغەز پارچىسى پەيدا بۇلۇپ قاپتۇ
    -بولدى بولدى!تىلىڭنى چاينىمىغىنە!قاچانلا قارىسا باھانە تەييار بۇ نىمىلەرگە!!!!!!!!دەپلا سىماسىنى دەرۋازىدىن ئېلىپ چىقىپ كىتىدۇ،مۇدىر ھەسرەت ۋە لىغىرلاپ تۇرغان ياشنى بىرگە ئېلىپ قالىدۇ.
       -شوجاڭلار ئىش ئۇرۇنلاشتۇرساڭلار شۇجى ئۇرۇنلاشتۇردى،مائارىپ ئىشخانىسى ئۇرۇنلاشتۇردى،مائارىپ ئىدارىسى ئۇرۇنلاشتۇردى دىيىشىدىكەنسەن!بۇندىن كىيىن بۇنداق دىيىشكە رۇخسەت يوق!سەنمۇ ئادەم بولغاندىكىن ئۈزەڭنىڭ گىپىگە ئايلاندۇرۇپ يەتكۈز!
     -(مۇدىر ئۇرۇندۇقتا جىنايەتچىدەك بىرنوقتىغا سىنچىلاپ قاراپ ئولتۇردۇ،××شۇجى توختىماي جولدۇرلاشقا باشلايدۇ)كىم قىلالمىسا گەپنى ئۇچۇق ئېيتسۇن،گىپىڭگە ئۇنمايدىغانلار بارمۇ،دە!!مەن قانچە قېتىملاپ دىدىم باشقۇرۇشقا بويسۇنمىغانلارنى دە دەپ،يوق بولغاندىكىن ئۈزەم قىلالمىدىم دىگەن گەپ........قىلالمىساڭ گىپىڭنى ئۇچۇق قىلىپ ئىستىپانامەڭنى ياز،لىكىن ئوبدان ئويلىشىپ يازارسەن،ئاۋۇ يىراقتىكى كەنىتتە مالىم كەملىگىنى بىلىسەن،يىراققا بېرىپ سىنىپ مۇدىرى بۇلۇپ كۈنىگە20-30سائەتتىن دەرس ئۈتۈپ قالما،باشقىلارغا رۇخسەت ئەمماساڭا رۇخسەت يوق!!
-سەندەك بىر شوجاڭ تېپىلماسنىڭ خومىسى ئەمەس،پاكەن دىگەننى قۇيۇپ،جېرىمانە دىگەننى ئېلىپ،تۇڭبۇ(ئومومى ئۇقتۇرۇش)قىلىپ تۈزۈك-مۈزۈك ئادەم قىلىپ قۇيىمەن مەن.قېنى شۇ چاغدا قول قوشتۇرمىغىنىڭنى كۆرسەن!!!



ئۇقۇتقۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى دىئالۇگلار


    -ۋاي ئۇ شوجاڭ بۇلۇپ قالسا كۈرىدىغان كۈنلىرىمىز بار بىزنىڭ،ئۇ بەك پىرىنسىپچى،ئادەمنى بەك ئىشىلتىۋاتىدۇ،ئۇنىڭ ئالدىداقۇۋلۇق،يالغانچىلىقمۇ قىلغىلى بولمايدۇ دەڭلار تېخى.
    -(ئەتىكى تەكشۈرۈش ئالدىدا)ۋاي شوجاڭ،ئەتەمىنىڭ جىددى رۇخسەت سۇرايدىغان ئىشىم بار ئىدى،نىمە ئىش دىسىلە يولدۇشۇمنىڭ نەۋرەسىڭلىسىنىڭ بالىسىنىڭ تۇيى بار ئىدى،بۇنىڭغا قول قۇيۇپ بەرگەن بولسىلا.
      -ۋاي ئۇكام،سىز تېخى قايسى كۈنىلا ئىككى كۈن سۇراپ ھامما ئاچىڭىزنىڭ تۇيىغا بېرىپ كەلمىگەنمىدىڭىز،ئەمدى بۇ نىمە تۈگمەيدىغان توي بۇ.بولمايدۇ،بولمايدۇ،سىزنىڭ قۇلىڭىزدا نۇرغۇن ئارخىپ بار ئەتە ئۈزىڭىزكۆرسەتمىسىڭىز بولمايدۇ.دىيىشى بىلەنلا چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ مەنسىتمەستىنلا چىقىپ كىتىدۇ،ئەتىسى ئىشقا كەلمەيدۇ سۈرۈشتۈرسە ئاللا بۇرۇن باش مۇدىردىن رۇخسەت سۇراپ بولىدۇ.
      -(باش مۇدىرنىڭ يىغىندا ئۇرۇنلاشتۇرغىنى بۇيىچە مۇدىر ئۇقۇتقۇچىلارغا يىغىن ئېچىپ بۈگۈنكى دۈشەنبە كەچتە ھەممەيلەننىڭ قۇنۇپ ئىشلەيدىغانلىغىنى ئۇقتۇردۇ) ۋاي شوجاڭ بىزمۇئادەم،بىزمۇ ئارامغا مۇھتاج،شەنبە يەكشەنبە ئىشلىگەننى ئاز دەپ يەنە نۇرمال خىزمەت كۈن سىرتىدىكى ۋاقىتتىمۇ قۇيۇپ بەرمىسىلە،بۇ قانداق گەپ بۇلۇپ كەتتى ئەمدى؟بىزنىڭ ئۆي-ۋاق،بالا-چاقالىرمىز يوقمۇ؟ مۇدىر:بۇنى ماڭا دەۋەرمەي ××شۇجىغا دەڭلار،مىنىڭ ئامالىم يوق.
..............................................................................................
     مىنىڭچە تورداشلارۋە مۇشۇ يازمىنى ئۇقۇپ ئولتۇرغان ئاتالمىش مائارىپ باشقۇرغۇچىلار مائارىپىمىزدا ساقلىنۋاتقان نۇرغۇن قالاقلىق ۋە قارا قۇساقلىقلارنى بىلىپ يەتتى بولغاي.بۇ يەردە ئىزىپ چۈشەندۈرۈشۈم بىھاجەت.
           مەن يۇقۇرقى ئاتا-ئانىلار،ئۇقۇتقۇچىلار ۋەئۈزىنى قالتىس چوڭ ئەمەلدار دەپ چاغلايدىغان نان ئۇۋىقى مائارىپ باشقۇرغۇچىلارنىڭ دىئالۇگلىردىكى ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ئادەمنى ئويلاندۇردىغان ۋە ئادىمىيلىكتىن ھالقىپ كەتكەن بىمەنە،ھاقارەتلىك گەپ سۆزلىردىن ئېغىر خۇرسىندىم.
        بىز چوڭ بولساق مەكتەپلەرنىڭ ئاساسلىق تۈپ خىزمىتى ئوقو-ئوقۇتۇش،تەلىم-تەربىيە ۋە قانداق ئادەم بۇلۇشنى ئۈگىتىش ئىكەنتۇق.ھازىرمۇ شۇنداق دەيمىز ۋە شۇنداق دىگەندەك تۇرىمىز،كەلگۈسىدىمۇ ھەم شۇنداق.لىكىن ھازىرقىسى ساختا،بۇ ساختىلىق تۈگمىسە كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق بۇلۇپ قېلىشى تەبئى.مەن نىمىشقا شۇنداق دىدىم؟ چۈنكى كەمىنە ئۇزۇن يىللىق خىزمەت تەجىربەم ۋە كۈزىتىشىمگە ئاساسەن مەكتەپلەردىكى خىزمەتلەرنى مۇھىمدىن باشلاپ تىزىپ چىقتىم.يەنى:

   ①تىنىچلىقنى ئاساس قىلغان مۇقۇملۇق خىزمىتى②ھەممىدە ئادەمنى ئاساس قىلىشتىكى ھالقا-بىخەتەرلىك خىزمىتى③بىخەتەرلىك تۇتقىسىدىكى مۇھىم خىزمەت تازلىق،سەھيە خىزمىتى(5ۋاق تاماقنىڭ ئورنىدىكى تازلىق سەھيە خىزمەتلىرى 8سائەتلىك خىزمەت ۋاقتىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگەللەيدۇ،ھەممىلا ئادەم ئوغىرى مۈشۈكتەك تىمىسقىلاپ يۈرۈپ گازىر،مىۋە-چىۋە شۈپۈكلىرى،ئەخلەت يىمەكلىك خالتىلىرى....نى يۇقۇتۇش جېڭىگە ھەر ۋاقىت سەپەرۋەر قىلىغلىق)④باش-ئايىغى چىقمايدىغان،بىر پۇڭغىمۇئەرزىمەيدىغان ھەم بىر پۇڭچىلىك نان بىرەلمەيدىغان،شەكىلۋازلىقنىڭ تۈپ مەنبەسىيەنى قۇرۇق قەغەزۋازلىق بولغان ئارخىپلاشتۇرۇش خىزمىتى(بۇ خىزمەت مەكتەپلەرخىزمىتىنىڭ يېرىم ۋاقتىنى ئىگەللەپلا قالماي يەنە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت سىرتىدىكى نۇرمال ئارامىغا دەخلى يەتكۈزۈپ،ئۇخلىسا چۈشىگىمۇ كىرېۋېلىشتەك ۋابا تۈسىگە ئىگەبۇلۇپ جاپاكەش ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپكە بېرىلىش چۈشىنى بەربات قىلماقتا.مەكتەپلەردىكى ئارخىپ خىزمىتى ئورمانچىلىق،چارۋىچىلىق،يېزائىگىلىك،سۇچىلىق تارماقلىردىن سىرت ھەر قانداق ئىدارە ئۇرۇنغا چېتىشلىق بولغاچقا ھەمدە ئارخىپلار غايەت زور بېسىم بىلەن بىر قەدەر تۇلۇق ئىشلىندىغان بولغاچقا بىرقىسىم جايلاردا يەرلىك ھۈكۈمەتلەرنىڭ جان بېقىش تاۋىقىغا ئايلىنىپ قېلىنماقتا)⑤ھەردەرىجىلىك(يېزا،ناھىيە،ۋىلايەت،ئاپتۇنۇم دەرىجىلىك)باھالاش،تەكشۈرۈشلەرگە تاقابىل تۇرۇشتىكى تەييارلىق خىزمەتلەر(يېزا دەرىجىلىك مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ ۋەتۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ھەپتىدە كەم بولغاندا بىر قېتىم يېزا دەرىجىلىك باھالاش تەكشۈرۈشلەر،ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ناھىيە ياكى ۋىلايەت دەرىجىلىك باھالاش تەكشۈرۈشلەر،مەۋسۈمدە كەم بولغاندا بىر قېتىم ئاپتۇنۇم دەرىجىلىك باھالاپ تەكشۈرۈشلەر توغرا كىلىدۇ بۇنىڭغا يېزا مائارىپ ئىشخانىلىردىكى 6-7نەپەرتەكشۈرگۈچى خادىملارنىڭ باھالاپ تەكشۈرۈشلىرى كىرمەيدۇ تېخى)⑥ئوقۇ-ئۇقۇتۇش،تەلىم-تەربىيەخىزمىتى.
        مۇشۇنداق قارايدىغان بولساق ،ھازىرمەكتەپلەردە ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش خىزمەتلىرى مائارىپ باشقۇرغۇچى تارماقلار،ئاتا-ئانىلارۋە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئاساسلىق خىزمەت قاتارىدىن ئاللاقاچان ئۇشۇق تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقنى تاشلىۋەتكەندەكلا تاشلىنىپ قالغانلىغىنى بايقىمىغىمىز تەس ئەمەس.

       مائارىپىمىز رېلىستىن چىقىپ كەتتى.بۇ خۇددى پويىزنىڭ رېلىستىن چىقىپ كەتكىنىگە ئوخشايدۇ،ئۇنداق بولسا مائارىپىمىز(پويىزىمىز)نىمىشقا رېلىستىن چىقىپ كىتىدۇ؟بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەپ زادى نىمە؟رېلىستىن چىقىپ كىتىشىگە شوپۇر سەۋەپلىكمۇياكى يول سەۋەپلىكمۇ؟بۇنى قانداق ئىزىغا چۈشۈرۈش كېرەك؟
      بۇ ئۇلۇغ جۇڭگۇ كومنىستىك پارتىيمىزنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئىش بىجىرىش ۋەكىللىرى،مائارىپ تارماقلىرى ۋە ھەر بىر زىيالى جۈمىلدىن ئۇقۇتقۇچىلار ۋە كەڭ ئاتا-ئانىلار جىددى ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئىش بۇلۇپ قالدى.
       مىنىڭچە مائارىپ يۈزلىنىشىگە، سۈپىتىگە ،ئۈنۈمىگەتەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار بىر قەدەر كۆپ بولسىمۇ لىكىن يەنىلا تۆۋەندىكى بىرقانچە نوقتا مۇھىم رول ئوينايدۇ دەپ قارىدىم.تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باقساق،تۈزىتىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.


1    .مۇقۇملۇقنى تېرشىپ قوغداش يۈنۈلۈشى مائارىپنى كۈچلۈك سىياسىيلىق بىلەن تەمىن ئىتىپ،مائارىپ باشقۇرغۇچىلارنى "مۇقۇملۇقنىلا تېرشىپ ياخشى ئىشلەشنىڭ ئۈزىلا كۇپايە،ئۇقۇتۇشقا كۈچىمىسەممۇ ياخشى رەھبەر بۇلالايمەن"چۈشىگەئىگە قىلىپ قويدى.بۇ ئەھۋال ئۇقۇتۇشنىڭ كەينى سەپكە تىزىلىپ قېلىشىغا سەۋەپ بولدى.
     دۇرۇس،مۇقۇملۇق بىرىنچى،مۇقۇملۇق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ،مۇقۇملۇق،ئىتتىپاقلىق بولمىسا ھىچنىمىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولماس.تەكىتلەش كېرەك،مەڭگۇ تەكىتلەش كېرەك.مۇقۇملۇقنى جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق يارتىدۇ،بىزمۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرى قاتارىدىن ئۇرۇن ئالغىنىمىز ئۈچۈن مۇقۇملۇقنى قوغداش،تىنىچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئۇلۇغ بىرلىكنى ئەمىللەشتۈرۈش جەھەتتىكى بۇچاقىرىقنى جان-جېنىمىز بىلەن ئاداققىچە قوللايمىز،ئاۋاز قۇشىمىز.جۇڭگۇ كۇمنىستىك پارتىيمىز بىزنىڭ مەڭگۈلۈك يولباشچىمىز.
لىكىن مۇقۇملۇقنى قوغداشنى ئەمىللەشتۈرمىز دەپ سىياسىنى باشلانغۇچ ۋە يەسلى مەكتەپلىرگە مەجبۇرى سۆرەپ ئەكىرىپ تەدبىقلاش،مەكتەپلەرنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش رولىغا سەل قاراش سەل بىمەنىلىكمۇقانداق؟
       بۇنداق دىسەم ھەيران قالماڭلەر!دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى قانۇندا 18ياشقا تولمىغان گىراژدانلار قورامىغا يەتمىگەن دەپ قارىلىپ،سىياسى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋەسىياسى پائاليەتلەرگە قاتنىشىش ھەمدە سايلاش سايلىنىش ھوقوق-مەجبۇريەتلىردىن خالاس قىلىنغانلىغى ئېنىق بەلگىلەنگەن.لىكىن شۇنداق تۇرۇقلۇق ئەتىراپىمىزغا قارايدىغان بولساق باشلانغۇچ ۋە يەسلى ئۇقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىمۇ سىياسى ئۈگىنىش پائاليەتلىرگە زىپلاپ سېلىندىغان،كىچىككىنە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسى پەن-مەدىنيەت بىلىملىرى بىلەن سىياسى نەزىريە بىلىمىلىرى ئارىسىدا ئېغىر قايمۇقۇش،ئۈزىنىڭ پاننى بىلىملەرنى ئۈگىنىش ۋەزىپىسىنى بىلمەي تېڭىرقاپ يۈرۈشتەك ئەھۋاللار ساقلانماقتا.
      ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىندىغان بولساق سىياسى ئۈگىنىشلەرگە تەشكىللەشنىڭ ئۈزى خاتا سىياسەت بولمىغان بىلەن ئاشۇ ئېغىر سومكىلىرنى كۈتۈرەلمەي دۈمچىيىپ قالغان،مەكتەپكە ئاران كىلىپ ئۈگىنىش ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بۇلالماي،”قاپاقباشلار”دەپ ئاتىلىپ،ئۆز ئۇقۇتقۇچىلىرنى تالاي كۈلپەتلەرگە سالىدىغان ئاشۇ سەبىلەر ئۈچۈن ئارتۇقچە ئەمەسمىدۇ؟(توغرا ئارتۇقچە ئەمەس ئەمما دائىرسى مۇۋاپىق ئەمەس ئەلۋەتتە)ئەجابا مەكتەپتىكى تۈرلۈك ئارخىپلارنىڭ دەستىدىن كۈنلەپ-كۈنلەپ ئۇقۇتقۇچىسىنى كۈرەلمەي،ئوينايدىغان ئۇيۇنلىرى تۈگەپ كىتىپ ھىچبىر كىتاۋى بىلىملەرگە كاللىسى ئىشلىمەي،مەكتەپتىن قېچىش ئىستىگى تۇغۇلۋاتقان ئاشۇ بىغۇبار قەلىپلەرنى كىچىك نوتا ۋاقتىدىلا سىياسى ئۇيۇن بىلەن چۈشەشنىڭ قانداق زۈرۈريىتى باردۇ؟ئويلىغانسىرى ھىچ تىگىگە يىتەلمەيۋاتىمەن.
       جەنوپتا سەبى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تەتىل-ئارام كۈنلىرىنى قۇربان قىلىپ سىياسى ئۈگىنىشكە تەشكىللەش ئوموملاشتى ۋە زورايتىلىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.تەتىل كۈنلىرى ھەر جۈمە كۈنى مەكتەپكە يىغىلدۇ.شۇ بۇيچەبولغاندا بىر يىلنىڭ ئىچىدە مەكتەپتىن ئايرىلماي مەكتەپنى پات-پات يوقلاپ تۇرۇش نۇرمال ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى.مۇشۇ ئىشلارنىڭ كاساپىتىدىنمىكىن تاڭ ئۇقۇغۇچىلاردامەكتەپتىن بىزار بۇلۇش،مەكتەپتىن قېچىش تۇيغۇسى يېشىنىڭ چۇڭىيشىغا ئەگىشىپ كۈنسايىن كۈچەيمەكتە.
   بىز مەكتەپكە كەلمىگەن باللارنىڭ ئائىلىسىگەسۆھبەتكە بارغىنىمىزدا ئاتا-ئانىسى بالىسنىڭ مەكتەپتە ئۇقىماسلىق ئۇيىنىڭ بارلىغىنى يىغلاپ تۇرۇپ دىگەنلىگىنى ئېيتىپ كۆز يېشى قىلغانلىغى بۇ نوقتىنى ناھايتى رۇشەن ئىسپاتلاپ بىرىدۇ ئەلۋەتتە.
       يەنە بىر قىسىم باللار ئۈيىدىن مەكتەپكەبارىمەن دەپ چىقىپ كىتىدىكەن،ئەمما مەكتەپتىن ۋە ئۈيىدىن يىراققا بېرىپ يالغۇزدىگۈدەك ئۇيۇن ئوينايدىكەن بىز بۇنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش داۋامىدا تەكشۈرۈپ بىلدۇق،بۇنداق ئەھۋال تۈۋەن يىللىق ئۇقۇغۇچىلىردا كۆپ يۈز بەردى.مانا بۇئۇقۇغۇچىلاردىكى روھى بېسىم-پىسخىكا بۇزۇلۇشتىن كىلىپ چىققان ئاقىۋەت.
        مەن بۇلاردىن سىياسى ئۈگىنىش بىلەن پەننى بىلىملەرنى ئۈگىنىش ۋەزىپىسى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ روھى كەيپىياتىغا زور بېسىم ئېلىپ كىلىپ،ئۈگىنىش يۈكىنى ئېغىرلىتىپ،پىسخىكىلىق بۇزۇلۇش ئېلىپ كەلگەن ۋەمەكتەپ،ئۇقۇتقۇچىلاردىن بىزار بۇلۇش كەيپىياتى شەكىللەنگەن دەپ قارىدىم.ئويلاپ بېقىڭچۇ؟

         مەكتەپتە خالىغانچە ئوينايدىغان ئۇيۇنچۇق ۋە ئۇيۇن يوق(بولسىمۇ بىخەتەرلىك ھادىسلىردىن قورقۇپ رۇخسەت قىلمايمىز)،دەردىگە دەۋا بۇلدىغان ئادەممۇ يوق(پەقەت ئاتا-ئانىسلا بار) پەقەت ئۈگىنىش يەنە ئۈگىنىش ۋەزىپىسىلا بار.شۇنداق بولغاندىكىن پىسخىكىسى بۇزۇلماي يەنە نىمىسى بۇزۇلسا بۇلاتتى دەيسىز؟!
        ئەلۋەتتە بىر ۋەزىپىسىنى ئېلىپ قېلىپ يەنە بىر ۋەزىپىسىنى بۇشاشتۇرۇش،دەرسلىككە سىڭدۈرۈپ ئېلىپ بېرىش كېرەك.
     ھەر دەرىجىلىك پارتىيە،ھۈكۈمەت ۋە مائارىپ تارماقلىردىن ئىلتىجايىمىز شۇكى،ۋەتىنىمىزنىڭ كېلەچىگى،سوتسىيالىزىمنىڭ كەلگۈسى ئىز باسارلىرى،ئۇلۇغ پارتىيمىزنىڭ پۈرەكلەپ ئېچىلىش ئالدىدىكى غۇنچىلىرغا تۈپكى بىلىم ئىگەللەشتىن ئىبارەت يۈكسەك ۋەزىپىسى ۋە ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىپ،بىلىم ئىگەللىشىگە ئاسانلىق يارتىپ بەرگەيسىزلەر!سىياسى ئۈگىنىش ۋە سىياسى ۋەزىپىلەرنى يۈكلەپ قويمىساڭلار چۈنكى ئۇلار كىچىك بولغاندىمۇ بەكلا كىچىك،سىياسىنىڭ نىمىلىگىنى ئەسلا چۈشەنمەيدۇ،سىياسى ئۇلارغا بالدۇرلۇق قىلىدۇ.ئۇلار تەتىل مەزگىلىدە مەكتەپ دىگەننى پەقەتلا يادىغا كەلتۈرمەي چارچاپ كەتكەن كاللىسىنى مەكتەپ ئوينىغىلى قويمىغان ئۇيۇنلارنى ئويناپ ئارام ئالدۇرسۇن(بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا ھەر قېتىم تەتىلدىن يېنىپ يىغىلغىنىمىزدا زۈرۈر ئىشىمىزنى تاشلاپ،ئاتا-ئانىمىزغا يالۋۇرۇپ،يۈگۈرۈپ باراتتۇق،مەكتەپ بىزنىڭ قەلبىمىزدە شۇنداق سۈيۈملۈك ئۇرۇن ئىدى،ئەمما ھازىر ئۇنداق بولماي قالدى-دە)،ئاتا-ئانىسى ھامىيلىق قىلىپ ئۆز مەجبۇريەتلىرنى ئادا قىلىۋېلىشىغىمۇ پۇرسەت بىرەيلى!شۇنىڭچىلاپ ئۇقۇتقۇچىلارمۇ ئارام ئېلىۋالسۇن!
          باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرغا نىسبەتەن سىياسى ئېڭىنىڭ يىتىلىشىگە يەنە خېلى ۋاقىتلار كېرەك(18ياشقا ياكى 16ياشقاتۇشىدىغىنىغا خېلى بار).سىياسى ئېڭى ھۈجەيرىسى شەكىللەنمىگەن،ئاشۇ سەبىلەرنىڭ ئېڭىغا سىياسىنى يۈكلەشنىڭ ئۈزى ئەڭ زور خاتالىق،ئەخمىقانىلىق ھەمدە ئۇلارنى بىلىم ئىگەللەش ھوقوقىدىن مەھرۇم قىلغانلىقتۇر،بۇ مايسىنى زورلاپ تارتىپ ئۆستۈرگەنگەباراۋەر.
        مىنىڭچە مىنىڭ كاللام ئاددىمۇ ياكى بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىزنىڭ بىلىش چۈشەنچىسىدە مەسلە بارمۇ بۇنى ئېنىق بىلمىدىم.لىكىن كاللامدا شۇ نەرسە ئېنىقكى رەھبەرلىرىمىزنىڭ كاللىسىدا مائارىپ قانۇنيىتىگە ھۆرمەت قىلماسلىق ھۈجەيرىسى يامراپ كەتكەندەك قىلىدۇ،بۇنى قەتئى تۈزىتىش داۋالاش كېرەك،ئۇلارغامائارىپ قانۇنىيىتىنىڭ قانداق بۇلدىغانلىغى توغۇرسىدىكى سىياسى ئۈگىنىشكەتەشكىللەش ئىنتايىن زۈرۈردەك قىلىدۇ.
بىز ئاۋام خەلىق يەنىلا كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنى ئويلايمىز چۈنكى كەلگۈسى ئەۋلاتلار ئۇلۇغ جۇڭگۇ كومپارتىيمىزنىڭ تەۋەرۈگىدۇر.


       2.بىخەتەرلىك خىزمىتى مەسىلىسى ھەممىنىڭ بېشىنى ئاغىرتىدىغان،ئەنسىرتىدىغان ئەمما ئەھمىيەت بەرمىسە قەتئى بولمايدىغان،باشتىن-ئاخىر،ئۈزۈل-كىسىل چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيدىغان مۇھىم مەسلە.بىراق بىخەتەرلىك مەسىلىسى يالغۇز ئۇقۇتقۇچىنىڭ مەسىلىسى(ھازىر شۇنداق قارىلۋاتىدۇ،مەكتەپ تەشكىلىنىڭ مەسئۇليىتى ئۇقۇتقۇچىغا قۇشۇۋېتىلۋاتىدۇ) دەپ قاراشنىڭ ئۈزى ئۇقۇتقۇچىنى بالا باققۇچىغا ئايلاندۇرۇپ قۇيۇپ،ئۇقۇتۇش خىزمىتى يەنە كەينى سەپكەئۆتكۈزۈلۈپ قۇيۇلدى.
         ھازىر ئۇقۇتقۇچىنىڭ بىخەتەرلىك مەسئۇليىتى مىسىلسىز بۇلۇپ قالدى.ئۇنىڭچىلاپ ئاتا-ئانىلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسئۇليىتىنى تۇنۇش ۋە بىخەتەرلىك مەسئۇليىتىنى ئادا قىلىشى يىتەرسىز.ئاتا-ئانىلار بىخەتەرلىك مەسئۇليىتىنى مەكتەپكە ۋە ئۇقۇتقۇچىغا ئارتىپ قۇيۇش،پەرزەنتىنىڭ ھايات-ماماتىنى مەكتەپ ۋە ئۇقۇتقۇچىغا ئاتىۋېتىش قاراش ۋە قىلمىشلىرى بەكلا ئېغىر.

        دۆلىتىمىزنىڭ مەكتەپ ۋە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسئۇليىتىنى بىكىتىش توغۇرسىدىكى قانۇن-مىزانلىرى ئاز ۋە يۇچۇقلىرى كۆپ،كۆپ قىسىمى مەكتەپ ۋە ئۇقۇتقۇچىغا پايدىسىزبۇلۇپ مەكتەپ ۋە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز-ئۈزىنى قوغداش قورالى يوق دىيەرلىك.ئاتا-ئانىلاردا ئەخلاق سۇسلىشىپ كىرزىس شەكىللەندۈرمەكتە.
        ھازىرقى بىخەتەرلىك ھادىسە نەتىجىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،ئاتا-ئانىلاردا پەرزەنتىنىڭ ھايات ماماتى مەكتەپ خىزمەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغاچقا ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەكتەپ پەرزەنتلىرنىڭ ھاياتلىق بۈشۈگى،پەقەت مەكتەپلا پەرزەنتلىرنىڭ ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ ۋەمەسئۇليەتلەرنى شەرتسىز ئۈستىگە ئالالايدۇ.ئۇقۇتقۇچىلار بولسا نامدا ئۇقۇتقۇچى بولغان بىلەن نەزىردە بىر بالا باققۇچى خالاس.
ئۇنداق بولمىسا ئۈيىدىن مەكتەپكە چىقىپ،تېخى مەكتەپكە كەلمەيلا ھادىسىگە يۇلۇققان پەرزەنتىگە نىمە دەپ ئۆيدىن مەكتەپكە چىقىپ كەتكەن،مەكتەپ بولمىغان بولمىسا مەكتەپكە ماڭمايتى،مەكتەپكە ماڭمىغان بولسا ھادىسىگە يۇلۇقمايتى،مەكتەپ ياكى ئۇقۇتقۇچىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىك تەربىيسى بىرىشى يىتەرسىز بولغان دىگەندەك ئۇرۇنسىز تەلەپلىرنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ،مەكتەپ ۋە ئۇقۇتقۇچىسىنى بىھۈددە ئاۋارە قىلالامتى؟

      مەكتەپتىن قۇيۇپ بىرىش داۋامىدا ھادىسىگە يۇلۇققان بالىسىغا مەكتەپ بۇرۇن قۇيۇپ بەرمىگەن بولسا بۇ ھادىسە كۈرۈلمەيتتى دەپ بىلجىرلاپ باقارمىدى؟قاچاندىن بۇيان مەكتەپنىڭ ئىچكى ئىشلىردا مۇدىر ئاتا-ئانىدىن سۇراپ قىلدىغان بولغىيدى دەيمەن؟
        نەچچە كۈن مەكتەپكە دەسسىمەي نەچچەكىلومىتىر يىراقلىقتىكى ئۆز مەھەللىسىدە سۇغا چۈشۈپ ئۈلۈپ قالسا مەكتەپ بالام مەكتەپكە بارمىسا سۈرۈشتۈرمىگەن،سۇغا چۈشمەڭلار دىمىگەن دەپ مەكتەپ ۋە ئۇقۇتقۇچىنى ئاۋارە قىلىش نىمىنى چۈشەندۈردۇ؟

      مەكتەپ ئىچىدە يولنى ئوڭشاپ ماڭالماي،موللاق ئېتىشىپ ياكى توپ ئويناپ پۇت-قوللىرىنى قايرىۋالغان ۋە سۇندۇرۋالغان ئاتا-ئانىلارنىڭ بالامنى مەكتەپكە ساق ماڭدۇرغان دەپ چىقىمىنى ئۇقۇتقۇچىدىن تۈلىتىۋېلىش تەرەپدارى بۇلۇشى،ئۈيىگە بارغۇچە ھادىسىگە يۇلۇققان بالىسىنى دەپ ئۇقۇتقۇچىغا تېلفۇن بىرىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىپ ياكى تەكشۈرتۈپ كىلىشىنى تەپ تارتماي تەلەپ قىلىشى،بالىسنىڭ خەتەرلىك ئېغىر كېسەل ئىكەنلىگىنى ئۇقۇتقۇچى ۋەمەكتەپتىن يۇشۇرۇپ مەكتەپكە ئەكىلىپ قۇيۇشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋېلىشى ......زادى نىمىدىن؟زادى نىمىدىن؟
       مەكتەپ ۋە ئۇقۇتقۇچىدا قىلچىلىك بىخەتەرلىك مەسئۇليىتىنىڭ يوقلۇغى ئېنىق تۇرسىمۇ ھەتتا شۇنداق نەتىجە چىقىرىلغان بولسىمۇئىشتىن بۇرۇن ئۇقۇتقۇچىنىڭ كۆزلىرىگە قوللىرنى تىقىپ،سەتلەپ،ئاتا-ئانىلاردىن مۇرەسسە تەلەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىشى ھەتتا ئۇقۇتقۇچىنى ئۇرۇنسىز جازالىغان نان ئۇۋىقى باشلىقلارنىڭ بۇنداق مائارىپ باشقۇرۇشىنى قانداق چۈشىنمىز؟زادى قانداق چۈشىنمىز؟
         مانا بۇ ئەھۋاللاردىن مائارىپنىڭ يۇقۇرى بالداققا كۈتۈرۈلۈشىنى ئەمەس بەلكى ئۇجۇقۇپ كىتىشىنى كۈرۈۋالماق ئەسلا تەس ئەمەس.مىنىڭ بىلىشىمچە مەكتەپكە مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك ھادىسلىردە تەدبىقلايدىغانغان قانۇن نىزاملار كەمچىل،چۈجىسىنى ئاسىراپ ئانىسنى ئاسىرمىغاندا چۈجىمۇ ئۆلمەي قالمايدۇ.ھازىر پەقەت مائارىپ مىنىستىرلىگىنىڭ “مەكتەپ ئىچىدىكى بىخەتەرلىك ھادىسلىرنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى”لا بار بۇلۇپ،سوت جەريانى بۇ چارىغا تەدبىقلانماي پەقەت ھەق-تەلەپ قانۇن-نىزاملىرى ۋەئالاقدار قانۇنلارلا تەدبىقلىندۇ.ھازىر كوللىكتىپنىڭ مەسئۇليىتى دىگەن نەرسەكاتتىلارنىڭ ئېڭىدا يوق،ئۇقۇتقۇچىلارلا بۇلىدىكەن مەسئۇليەتنى ئارتىدىغانغا ئادەم يەنى ئوبىكىت بار.مۇشۇنداق بۇلۇشى قانۇن-تۈزۈملەشكەن ئۇلۇغ دۆلىتىمىزگە ماس كىلەمدۇ-يوق؟پەرزەنتلەرنىڭ بىخەتەرلىك مەسئۇليىتى نىمىشقا پەيدىن-پەي ئۇقۇتقۇچىلارغا يۈكلىنىپ قالىدۇ؟مۇشۇ ۋەجىدىن ئۇقۇتقۇچىلار نىمىشقا پىنسىيگەچىقىشقا ئالدىرايدۇ؟نىمىشقا ھازىر سىتودىنىتلار ئۇقۇتقۇچى بۇلۇشنى خالىمايدۇ؟.......

        3.تۈرلۈك ھەر دەرىجىلىك تەكشۈرۈشنىڭ كۆپلىگى ئۇقۇتۇشنىڭ نۇرمال تەرتىۋىنى قالايمىقانلاشتۇرۋەتتى،خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئەمەليەتتىن يىراقلىشىپ شەكىلۋازلىق بولغان ئارخىپلاشتۇرۇش دۈۋىسىگە ئايلىنى پقالدى.ئىشەنمىسىڭىز تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بىلىسىز خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىشخاندائولتۇرۇپ ئارخىپ ئىشلەش دىسەم ئىشىنەرسىزمۇ؟
      ياق چۇقۇم ئىشىنسىز،چامداپ،ماڭداپ شەھەرئالالمىسىڭىز ئىشلىمەي تۇرۇپلا ئارخىۋىنى ئشلەپلا كۆرسەتسىڭىز ئۇ شەھەرنى ئېلىشىڭىزدا گەپ يوق.چۈنكى مەن 2000-يىللاردىن باشلاپلا مۇشۇنداق ھۈنەرنىڭ شاھىدى بۇلۇپ كىلىۋاتىمەن.
      يازمامنىڭ بېشىدىلا دىگەن مەكتەپ خىزمىتى ھەر كۈنى دىگۈدەك يۇقۇرى قاتلام كاتتىلىرىنىڭ توختماي بىر بىرلەپ ئارخىپ تەكشۈرۈشىدىن ئۈتىدۇ.ئۆجى كىلدۇ دىگەن خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان ئۇششاقۇ-چوڭ،پىششىقۇ-توڭ ھەممەيلەن قاتتىق ساراسىمگەچۈشىمىز،ئۇخلىيالمايمىز،توختىماي تىپىرلايمىز.چۈنكى تەكشۈرۈشكە كىلىدۇئەمەسمۇ!بۇنداق چاغدا قانداقمۇ ئۇقۇتۇشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن دەيسىز،ئۇقۇپلا ھېرىپ چارچاپ ماجالىڭىزدىن كىتىپ ئۈزەم بۇ دۇنيادا  بارمىدۇرمەن دىگەنلەرنى ئويلاپ قالىسىز.مەۋسۈم بېشىدىن مەۋسۈم ئاخىرغىچە100قاپتىن كۆپ ئارخىپ ئىشلىمىسىڭىز سىز ھەرگىز لاياقەتلىك ئۇقۇتقۇچى،لاياقەتلىك مۇدىر ئەمەس.
         ئەمەليەتتە ئۇنچىلىك قىلىپ كىتىش ئەرزىمەس ئىش ئىدى،نىمە ئامال باشلىق شۇنداق ئۇرۇنلاشتۇردىغان تۇرسا،قىلماسلىققا سىزنىڭ نىمە ھەددىڭىز؟! دىمىسىمۇ مەكتەپ دىگەن ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان مەرىپەت بۈشۈكى،ۋەزىپىسى ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش،تەلىم-تەربىيە ئىدى،نىمە پايدىسى نەچچە يۈز پارچىلاپ پىلان،خۇلاسە تەييارلاپ شەكىلۋازلىق قىلىشنىڭ؟

       يېڭى خىزمەتكە چىققاندا مەكتەپنىڭ بىرلا ئومومى خىزمەت پىلانى بۇيچە ئۇقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ،%60-%70 ساۋاتسىز بولغان ھالەتتىمۇ ساۋاتلىق قىلىپ چىقارغان،ئىلىم ئۈگەتكەن ۋە ئاشۇ ساۋاتسىزلارنى ئالى مەكتەپ تەربىيسىگە ئىگە قىلغان مەن ۋە باشقا ئۇقۇتقۇچىلار ئەمەسمۇ!     ئەمدىلىكتەبىزگە بىر نەرسە بولدىمۇ ياكى باللىرمىزغا بىر نەرسە بولدىمۇ؟ھىچ ساۋاتسىزلارقۇشۇنى ئاۋۇپ كىتىۋاتىدۇيا!ھۆرمەتلىك باشلىق مىنىڭچە سىز گۇناھنى يەنىلا بىزئۇقۇتقۇچىلارغا قۇيىسىز شۇنداقمۇ؟دىمىسىڭىزمۇ بىز ئەسكى،بارا-بارا سېسىق توققۇزىنچىلىق ئورنىمىزنى تاپقاندەكمۇ قىلمىز بولمىسا سىز بولغاچ.
          ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش جەريانى ئۇنچىاۋالا مۇرەككەپ جەريان ئەمەس بەلكى دەرسلىگى،دەرس تەييارلىغى،تاپشۇرۇقى ۋە ئەخلاقى تەربىيەخاتىرسى ھەمدە ئۇقۇتقۇچىنىڭ بەش ئەزاسى ساق بولسىلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بۇلدىغان جەريان.ئۇقۇتقۇچى زىيالىيلار قۇشۇنى،بىلىملىكلەر قۇشۇنى شۇنداق بولغاچقا ئۇقۇتقۇچىغا يىتەرلىك ۋاقىت ئاجىرتىپ بىرىلسىلا ئۆز بىلىملىرنى ئۇقۇغۇچىلارغائۈگىتىپ بىلىملىكلەردىن قىلىپ تەربىيلەپ چىقالىشى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىتتۇر.ئەمما ئۇقۇتقۇچىغا يىتەرلىك ۋاقىت ئاجىرتىپ بىرىلمەيۋاتىدۇ،كىچە-كۈندۈز ئىشلەشكە بېسىملار كۈچلۈك بۇلىۋاتىدۇ.مىنىڭچە دۆلىتىمىز ماشنا ئۇقۇتقۇچى ئىشلەپچىقىرىشى كېرەك بولمىسا مائارىپتا مەڭگۈ ئۈنۈم كۈرۈلۈشى مۇمكىن ئەمەس.
        بىر لېكتۇرلار ئۆمىكىنىڭ  مەلۇم غوللۇق ئەزاسىنىڭ لېكسىيسىدەئۇقۇغۇچىلارغا بىلىم ئۈگىتىشتىن مۇھىمراق بولغان ئادىمىيلىكنى ئۈگىتىش كېرەك،ھازىردۆلىتىمىز ئادىمىيلىك ئاڭلىقلىقىغا ئىگە بولغان بىر تۈركۈم زىيالىيلارغامۇھتاج.دىگەن ئىبارىلەرنى ئاڭلىدىم.دىمىسىمۇ ئادەم بالىسىدا ئادىمىيلىك تۇيغۇسىنى بىلدۈرۈش ئىنتايىن زۈرۈركەن،ئويلاپ باقسام مەنمۇ شۇ قاراشتا ئىكەنمەن.نىمىشقادىسىڭىز مىنىڭ ئۇقۇتۇش ئادىتىمدە ئۇقۇغۇچىلارغا باھا بىرىشتە ئۇنىڭ ئالغان نۇمۇرىغا قارىمايمەن.مىنىڭ نەزىرىمدە نۆل نۇمۇر ئالغان ئۇقۇغۇچى بىلەن يۈز نۇمۇرئالغان ئۇقۇغۇچىنى مەڭگۈ سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس بىر ئىشتۇر.

         ئەمدى مەقسەتكەكەلسەم ئۈزىنى ئادەمدەك ھىس قىلالمىغان ئۇقۇتقۇچىدا ئادىمىيلىكنى ئۈگىتەلىشى مۇمكىنمۇ؟يەنە بىر لېكسىيدە مەلۇم بىر ناھىيدە بىر ئۇقۇتقۇچىنىڭ بىر سائەتلىك دەرسنى ئۈتۈش ئۈچۈن14دەپتەرنى تولدۇرۇپ ئىشلەيدىغانلىقلىغى،ھەپتىدە 5سائەت دەرس ئۈتىدىغان بىر ئۇقۇتقۇچىنىڭ بىر سائەتلىك دەرسنى ئۈتۈش ئۈچۈن دەرس تەييارلىغى ۋەتاپشۇرۇقنى ھىساپقا ئالمىغاندا تۈرلۈك دەپتەر ئىشلەكلەرنى ئىشلەشكە كىتىدىغان ۋاقىتنى چىقىرۋەتكەندە دەرس ئۈتىدىغانغا پەقەت2سائەتلا ۋاقىت قالدىغانلىغىنى ئوتتۇرغاقۇيۇپ،قەتئى خاتا ئىكەنلىگىنى قەيت قىلدى.بۇ يەردە ۋاقىت ھىسابى قىلىنمايلا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ئىشلارنىڭ ھەتتا ئۇقۇتۇش ئۈنۈمىنىڭ قانچىلىك بۇلدىغانلىغىنى بىلىۋالماق ئۇنچىۋالا تەسمۇ ئەمەس.
         شۇڭا مەن دەيمەنكى ئۇلۇغ كومپارتىيمىزنىڭ توغرا رەھبەرلىگىدە ئۇقۇتقۇچىلارغا ئۇقۇتۇشقا يىتەرلىك ۋاقىت ئاجىرتىپ بىرىشىنى،تاپشۇرۇقنى ئۈيىگە قولتۇقلاپ ماڭماسلىغىنى،بىر پۇڭغا ئەسقاتمايدىغان ئارخىلارنى يۇقۇتۇپ،زور ھەجىمدە ئىخچاملاپ،نان ئۇۋىقى باشلىقلارنىڭ ئۈزىنى كۆز-كۆزقىلىش سورۇنىنى ئۈزىل-كىسىل تارمار قىلىپ،ئۇقۇتقۇچىنىڭ كاللىسىدا قاراپ تۇردىغان كاللا كىسەرلەرنى يۇقۇتۇپ،ئۈنۈملۈك ئۇقۇتۇش،ئۈنۈملۈك تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىلىشىغا،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭمۇ مەسئۇليەتچان ئېڭىغا،ھوقوق-مەنپەتلىرگە ئېتباربىرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.قاچانغىچە سېسىق توققۇزىنچىنى بىرگە ئېلىپ يۈرگىدەكمىز!


         4.نۇرغۇن ئاساسى قاتلاملاردا خىزمەت قىلغانلارنىڭ ھوقوق-مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس،مەكتەپ تەشكىلى قانۇنى ئىگە ئۇرۇن بولسىمۇئاساسى قاتلاملادىكى تۈۋەن دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى تارماق-مائارىپ ئىشخانىلىرى(مائارىپ پارتىيە باش ياچېيكىلىرى)نىڭ كۈزىگە كىرىۋېلىشى سەۋەپلىك مەكتەپ مۇدىرلىرى پەقەت بۇيرۇلمىلارنىلا ئىجرا قىلدىغان پاسسىپ ئۇرۇنغا ئايلىنىپ قالدى.مائارىپ تارماقلىردا ئوخشاش مەزموندىكى يىغىنلارنىڭ چاستوتىسى يۇقۇرى،مەكتەپ مۇدىرلىردا بېسىم ئېغىر،ئەمەلى ھوقوق پەقەت يوق.كۇنكىرت ئىش بىجىرىشى چەكلەنمىلىككە ئىگە.(ھوقوق بار دىيىلسە غۇجاملار تەييارلىغان تالۇنلارغا ئىمزاقۇيۇپ بىرىش،غۇجاملارنىڭ دىگىنى بۇيچە دوكلات يېزىپ بىرىشلا خالاس)،مائارىپ ئىدارىلىرنىڭ باشلىقلىرى ئاساسەن دىگۈدەك مائارىپ كەسپىدىن يىتىشىپ چىقمىغان،ئۇلارمائارىپ قانۇنيەتلىرىنىڭ تىگىگە يىتەلمىگەچ يىتىشسىزلىكلەر كۆپ.(مائارىپنى سىياسىيۇنلارغا تاپشۇرۇش كېرەك پەلسەپىسىنى ئەمىللەشتۈرگەن بۇلۇشى مۇمكىن)
         ھازىر مەكتەپلەردە(جەنوبى شىنجاڭدا) ئەمەلى ھوقوق بولماسلىق سەۋەپلىك جازالىندىغان ئۇقۇتقۇچىلارنى يوللاپ بىرىش،خىزمىتىگەئىلھام بىرىشكە تىگىشلىك نادىرلارغا ئىلھام-مۇكاپات بىرەلمەسلىك خاھىشى ناھايتى كەڭمىكىن دەيمەن.چۈنكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ گۈشى كاتتىلارنىڭ سۈڭىكى بولسا مەكتەپنىڭ شۇنداق بولغاچقا مەكتەپ باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئۇقۇتقۇچىلار ئوتتۇرسىدا زىددىيەتكەسكىنلىشىپ،رەھبەرلىكنى ئېتراپ قىلمايدىغان،كۆزگە ئىلمايدىغان،ئىككىلەنمەي مۇدىرلارغا ئالىيىپ ئۇرۇشالايدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ بولغىلى خېلى ۋاق بولدى.دىمىسىمۇ جازاسىلا بار مۇكاپىتى يوق قۇرۇق داستىخانغا كىممۇخۇشتار؟!!!

         مەكتەپلەردە ئېلىپ بېرىلدىغان تۈرلۈك باھالاشلارنى دىمەيلا قۇيايلى بولدى،ھەممىدە غۇجامنىڭ ئارزۇسى بۇيچە قىلمىسىڭىز سىزنىڭ مەڭگۇ خاتا بۇلۇپ قېلىۋېردۇ.ھازىر كۈپىنچە مەكتەپلەر پۇلسىز ھالەتتە مەكتەپ باشقۇرۇلىدۇ چۈنكى مەكتەپ ھىساۋاتى ئاللا بۇرۇن مائارىپ ئىدارىلىرگە يىغىۋېتىلگەن.مۇشۇنداق ھالەتتە مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ نەقەدەر قىيىنلىغىنى ھىس قىلالايسىز ئەلۋەتتە.ناۋادا پۇلغا جىددى ئېھتىياجىڭىز چۈشۈپ مائارىپ ئىشخانىسىغا دوكلات كۈتۈرۈپ بارسىڭىز ھەمدە چىقىم ئورنىنىڭ ھازىرنىڭ ئۈزىدە ناھايتى مۇھىملىغىنى چۈشەندۈرسىڭىز ھەيران قالىسىز. ئۇ شۇجى ئىككىلەنمەي يانچۇقىڭىزدىكى شەخسى پۇلنى خەجلەپ ياكى قەرز ئېلىپ، دوكلات تەستىقلىنىپ پۇل كەلگەندە ئېلىۋال دەپ ئىشخانىسىدىن چىقىرۋېتىدۇ،سىزخورلۇقنىڭ،بېسىمنىڭ تەمىنى يەتكۈچە تارتىپ قالىسىز دەيمەن.بىزدە يۇغان بىرمەكتەپنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلىگۈدەك پۇل نەدە تۇرۇپتۇ،بۇ مەنتىقىغە ئۇيغۇنمۇ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە مال باھاسى شىددەت بىلەن ئۈسۈۋاتقان مۇشۇ زاماندا بىزدىكى جان ساقلاش پۇلى ئاشامدۇ؟مەكتەپتە پۇل بولمىسا ئۇششاق چۈشەك ئىشلارنى قانداق قىلغۇلۇق؟ھەممىنى كاماندۇرۇپكا تولدۇرۇپلا ھەل قىلغىلى بولماس غۇجام؟!
         يەنە شۇنى دىمەي تۇرالمايمىز،بىر قىسىم ناھىيلەردە ئۇقۇتقۇچىلارغا بىرىلدىغان ئۈنۈم ئىش ھەققىنى تۇلۇقلا تارقىتىپ بىرىدىكەن،ئۇلارنىڭ دىيىشىچە تۇلۇقى بىلەن ئېلىش ئۇلارنىڭ ھوقوقىكەن.ئەمما بىزنىڭ ناھىيدە ھەر قېتىملىق ئۈنۈم ئىش ھەققىنىڭ %20قىسىمىنى تارقاتقاندا پەۋقۇلئاددەتۆھپىسى بولمىسىلا ھەممە ئادەملەردىن ئاز-ئازدىن تۇتۇپ قېلىندۇ(تۇلۇق ئىشلەپ بەرسەجەدىۋەلنى ئالغىلى ئۇنمايدۇ،مەسئۇليەتنى مەكتەپ مۇدىرىغا ئىتتىرىپ قۇيۇشىدا گەپ يوق ئەلۋەتتە)تۇتۇپ قېلىنغان پۇلنى مەكتەپ ھىساۋاتىغا قۇشۇۋىتەرمىش،لىكىن بۇنىڭ ئۈزى ئۈنۈم ئىش ھەققىنى تارقىتىش توغۇرسىدىكى بەلگىلمىلەرگە خىلاپ ئىكەنلىگىنى كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىۋاتىدۇ.بىز ئۇقۇتقۇچىلارنى ھەممە تارماقلار بۇزەك قىلىدۇ،بىزئىسمى-جىسمىغا لايىق سېغىن كاللاردىن بۇلۇپ قالدۇق.پەقەت يەۋەتمىگەنلا يىرى قالدى ھازىر.
        يەنە بىرسى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى خېلى كۆپ قىسىم رايۇنلاردا ھەر ئايلىغى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 300يۈەندىن قاتناش ياردەم پۇلى بىرىپ كىلىنىۋېتىپتۇ.ئەمما مەن تۇرغان ناھىيە نامرات ناھىيلەرگە ياردەم بىرىدىغان باي ناھىيلەردىن تۇرۇغلۇق ھازىرغىچە بۇ پۇل ئەمىللىشىپ باقمىدى.بىرجۇڭگۇدا ئىككى تۈزۈم دەپ ئاڭلىغان ئەمما بىر ۋىلايەتتە ئىككى تۈزۈمنى پەقەت ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن.
ئ        ويلىغانسىرى ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ كىتىدۇ،شۇنچىۋالا چوڭ ناھىيدە مائارىپ ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان كادىر80دىن كۆپ،ھەرقايسى يېزا بازارلاردىكى مائارىپ ئىشخانىسى(مائارىپ پارتىيە باش ياچېيكىسى)دائىشلەيدىغان كادىر ھەر بىر يېزىدا ئىشلەيدىغانلارنى 7نەپەردىن ھىساپلىساقمۇ100نەپەردىن ئۇشۇق.بۇلارنىڭ قانچە مەركىزى مەكتەپ ۋە قانچە كەنىت باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئادىمى بۇلدىغانلىغىنى ھىساپلاپ بەرمىسەممۇ ئۈزىڭىز  ھىساپلىيالايسىز.
       ئۆتكەندە بىر توردىشىمدىن كورلىدا شەرىق ۋە غەرىپ دەپ ئىككى شۆبە مائارىپ ئىدارىسى بارلىغىنى مائارىپ ئىشخانلىرنىڭ تەلتۈكۈس يۇقالغانلىغىنى ۋە نۇرغۇن ئادەملەرنى تىجەپ ئۇقۇتۇشقا ئاتلانغانلىغىدەك خەۋەرنى ئاڭلاپ ئىچىمدە ناھايتى خوش بولدۇم.مانا بۇنىڭ ئۈزىنى خەلىق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش،خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش دەيمىز،خېلى بۇرۇنلا ئاپتۇنۇم رايۇن مائارىپ ئىشخانلىرنى يۇقۇتۇش توغۇرسىدىكى ئۇختۇرۇشنى چۈشۈرگەنمىش،بۇنىڭغا ناھايتى كۆپ ئۇرۇنلار ئاۋاز قۇشۇپ يۇقۇتۇپتۇدەك.ئەمما بىر قىسىم ناھىيلەر يۇقۇرنى ئالداپ شاققىدە ۋىۋىسكىسىنىلا مائارىپ پارتىيە باش ياچېيكىسى دەپ ئۆزگەرتىۋېلىپ،يۇقۇرنى ئالداپ تۈۋەندە زورلۇق-زومبۇلۇقنى قانات يايدۇرۋاتىدۇ.بۇلار بىچارە شوجاڭ ۋەبىچارە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كۈزىگە كىرىۋېلىشنى ئۈزىنىڭ تۈپ خىزمەت مىزانى قىلغان بۇلۇشى مۇمكىن.
        مۇشۇلارنىڭ دەستىدىن يۇقۇرقى يازمىلارنى ئۇقۇسىڭىز مۇشۇ ئۇقۇتقۇچىلارمۇ خىزمەت قىلىپ يۈرۈپتۇ دەپ ھىسداشلىغىڭىزنى قوزغىيالىشىمىزدا گەپ يوق.بۇلار ئاتاقتا رەھبەر تونىغا ئۇرنىۋېلىپ مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى بۇيۇك ئارزۇ قىلغان بولسا كۈنلەپ كۈزىگە كىرىۋالغان بىلەنمۇئەسلا مۇمكىن ئەمەس.ئۇلار مائارىپنى ئۈلۈك يولغا باشلايدۇ خالاس.نىمىشقا ئۇنداق دەيمىز؟

        چۈنكى مائارىپ ئىشخانىلىرىدىكى نان ئۇۋىقى باشلىقلار ئۈزىنى زىيادەئەقىللىق چاغلايدۇ،ۋاقىرايدۇ،جاقىرايدۇ،قول ئاستىدىكى مۇدىرلارنى ئىشلەمچىلىكمۇكۈرۈپ قويمايدۇ،تۈرلۈك يىغىنلاردا مۇدىرلارغا ۋاقىراپ سۆزلەپ ئۇلارنىڭ ئادىمىيلىكىگە ھۆرمەت قىلمايدۇ،ئەڭ ئەقەللى تازلىق ئىشى،دەرس ئۈتۈش ئىشلىرنى تەكىرار ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ غورۇرىنى دەپسەندە قىلىپ،خىزمەتتىن بىزارقىلىدۇ،ئۇلار ھەرگىز مۇدىرلارنىڭمۇ ئاشنى گەجگىسىگە يىمەيدىغانلىغىنى،بىر ئەقىل ئىگىسى ئىكەنلىگىنى چەتكە قاقىدۇ،مەيلى ئۇرۇنلۇق مەيلى ئۇرۇنسىز بۇلۇشتىن قەتئى نەزەرئۆزلىرىنىڭ پىكىرىنى زورلاپ تاڭىدۇ.نەتىجىلەرنى ئۆزلىرى بولغاچقا شەكىللەنگەن دەپ قارايدۇ،يىتەرسىزلىك كۈرۈلگەندە ئاساسى قاتلامدىكىلەرگە ئارتىپ قۇيۇپ، سوت سەھنىسىگە بىچارە مۇدىرلارنى چىقىرىپ قۇيىدۇ.ئۇلار ئەقىلىدىن ھالقىپ كەتكەنلەر.شۇنداق بولغاچقا مائارىپ ئىشخانىلىرى مائارىپ ئۈنۈمىگە سەلبى تەسىركۆرسىتىدىغان ئەڭ رۇشەن سەلبى تىپ.
      يۇقۇرقى تەھلىل بۇيچە بولغاندا مائارىپ ئىشخانىلىرى(مائارىپ پارتىيە باش ياچېيكىسى)نى تەل تۈكۈس يۇقۇتۇپ،مەكتەپلەرگە ۋە مەكتەپ مۇدىرلىرغا كۇنكىرت ھوقوق بىرىشى،قانۇنى ئىگە بولغان مەكتەپ مۇدىرلىرنى تاللاپ ئىشقا قۇيۇشى،مەكتەپلەرنىڭ ئاساسلىق خىزمىتىنى ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش قىلىشى كېرەك.
      يەنە ئويلايدىغان بولساق مائارىپىمىزنىڭ مائارىپ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە سەلبى تەسىر كۆرسىتىدىغان خىزمەتلەردىكى ئەمەلى يارقىن نوقتىلارنى تاپمىغىمىز تەس ئەمەس،لىكىن تاپقىنىمىزنىڭ ھەممىسى سەۋەنلىك بۇلۇشى ناتايىن.لىكىن ھازىر شۇنى ئېتراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى،مائارىپتىن زىرىككەنلەركۆپ،قانچىلىغان ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش تاشلاپ باشقا كەسىپلەرنى قىلىپ يۈرگەنلىكىگە كۆز يۇمىۋالساق بولماس.دىمەك مائارىپىمىزدا ئۇقۇتقۇچى كىرزىسى ۋە مۇدىر كىرزىسى يۈزبىرىۋاتىدۇ،كونىلىرى كەسىپتىن زىرىكىش،يېڭىلىرى خىزمەت تاشلاش،سىتودىنىتلارمائارىپ كەسپىنى ئىمكانقەدەر تاللىماسلىق خاھىشىغا دۈچ كەلدۇق.بۇلارنىڭ سەۋەپلىرىنى كۇنكىرت ئانالىز قىلىشىمىز،يۇچۇقلارنى ئىتىشىمىز،يېڭىچە يۇقۇرى ئۈنۈملۈك خىزمەت مۇھىتى يارتىپ،مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ،ئۇلۇغ كومپارتىيمىزنىڭ دانا رەھبەرلىگىدە ئۇلۇغ سوتسىيالىستىك قۇرغۇچىلارنى تەربىيلەپ،ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى،مىللىتىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ،ئۇزاق مۇددەتلىك ئەبەدى ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا دىيارىمىزنىڭ ھالقىما تەرەققىياتنى تېرشىپ ئشقا ئاشۇرۇشىمىز لازىم.
         مىنىڭچە مائارىپىمىز تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغامۇھتاج بۇلىۋاتىدۇ،چۇقۇم تەرەققىيات تەڭپۇڭلىغىدىكى ئادەم كۈچى بايلىغى مىخانىزىمى شەكىللەندۈرۈپ،مائارىپنىڭ تۈپ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تۈپ يولنى تېپىشىمىزغ اياردەم قىلىشى،بىمەنە ئارخىپ دۈۋىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشى ۋە تارماقلارنىڭ تۈپ ھەركەت مىزاننى قېلىپلاشتۇرۇپ قانۇنلاشتۇرۇشى لازىم.
    شۇندىلا مائارىپىمىز تېخىمۇ گۈللەپ ياشناپ،ۋەتىنىمىزنى ئۇلۇغ قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ چىقىشىمىزدا ئىشەنچىمىز كامىل.
مائارىپىمىز يەنە"”بىنادىن سەكىرمىسۇن !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!



بۇ يازما باغداش تورىغا خاس . قانداق ئۇرۇن ۋەشەخىسلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا ۋە يۆتكەپ ئىشىلتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ،ناۋادا يۆتكەپ ئىشلەتكەنلىگى بايقالسا قانۇنى مەسئۇليىتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىندۇ.     
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-02, 01:18
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-08-02 01:09 |
karluq02
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7494
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 99
شۆھرەت: 505 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 505 سوم
تۆھپە: 301 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 301 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 196(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 Re:مائارىپ مەغلۇبىيتى ھەققىدە ئىزتىراپلىق خىياللىرىم

ماڭىدۇ- ماڭىدۇ، قىردىن ئاشالمايدۇ، دىگەندەك ئىش بولۇۋاتىدۇ، دىسە... بىزنىڭ مەكتەپنى كوچىدىكى سېتىقچى- تىجارەتچىلەرلا تەكشۈرمەمدىكىن؟ بىر مەۋسۈمدە ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ھەر دىرىجىىلىك تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىن 25  قېتىمدىن 30 قېتىمغىچە كۈتۈۋالىمىز... ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر يىلى مەزمۇن ۋە شەكلى ئوخشاش دىگۈدەكلا....
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-02 02:13 |
سىزىم
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9276
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 40
شۆھرەت: 258 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 249 سوم
تۆھپە: 148 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 149 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 62(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تەكشۈرۈشنىڭ كۆپلىگى ئادەمدە ئۇخلىسا تۈگمىگۈدەك بېسىم پەيدا قىلىپ قۇيۇپلا قالماي،ئەكىسچە ئۈنۈم بىرىپ خىزمەت بىلەن قارشىلىشىپ قېلىشتەك ناچار تەسىرلەرنى بىرىپ قۇيىدۇ.بىزنىڭ مائارىپ سۈيەر باشلىقلىرىمىز يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس دىگەن تەمسىلىمىزنى بىلمىسە كېرەك.ئۇلار ئۈزىچە ھەجەپ كۇكۇلىسنى تۇتۇۋالدىما دەپ كۆرەڭلەيدۇ ئەمما كۆپ قىسىم مائارىپچىلىرمىزنىڭ پەرۋايىم پەلەك دىگەن ئۇيىنى بىلمەيدۇ.ئاقىۋەت زىيانلانغۇچى يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ قەۋمى بۇلىدۇ.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-02 02:23 |
tewelgha
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9200
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 12 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مېنىڭچە قورسۇقىدا ئوموچىنىڭ تايىنى يوق باشلىقلا «ئارخىپ» تەكشۇرەيدۇ . مائارىپتىكى مەسىلىلەرنى تېگى -تەكتىدىن ھەل قىلىش مەخسىتى بار باشلىق ،ئالدى بىلەن سىنىپقا كېرىپ دەرىس ئاڭلايدۇ ،ئاندىن ئوقۇتقۇچىلار ،ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىۋاستە سۆھبەتلىشىدۇ ،ئاخىرىدا مەكتەپنىڭ ئۇل-ئەسلىھە قۇرلۇشىنى تەكشۇرەيدۇ . قۇرۇق دوكىلار ئاڭلاپ ،ياسىغان ئارخىپلارنى تەكشۇرۇشنى مەخسەت قىلغان باشلىق ،قۇساق باقار باشلىقتىن ئىبارەتتۇر .  
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-02 06:42 |
qohqi315
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9122
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 33
شۆھرەت: 170 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 170 سوم
تۆھپە: 101 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 101 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىر ئىشنىڭ ئەھلى ئەمسلەرنى نائەھلى دەيمىز ،مائارىپمىزنىڭ بېشى ئاتالغانلارنىڭ ئىىچىدە نائەھلىلەر كۆپ بولۇپ كەتتى .ئۇلار  مائارىپ قانۇنىيتى دىگەندىن ئەسلا خەۋەرسىز .
يېقىدا بىزگىمۇ بىر پارچە ھۆججەتنى ئوقۇپ ئۆتى ھۆجەتتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھېيىت نامازلىرىغا چىقىشى چەلكلىنىپتۇ.
ئەسىلى قانۇنىڭ ھەققى ھۆرمىتىنى قېنىمىز بىلەن قوغدىشىمىز كېرەك ئىدى ،بىراق بەزىلەر پارتىيە ھۆكۈمەت بەرگەن ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ قانۇنسىزلىق قىلىۋاتىدۇ .قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇنى دەپسەدە قىلىۋاتىدۇ .
شۇڭا بەزىدە ئۆزەمنىڭ ئادەم بولۇپ تۆرۈلۈپ قالغىنمغا پۇشايمان قىلىپ  ،مۇشۇك ئېيىق بولۇپ تۆرۈلۈۇپ قالسامچۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن .
بىر تۇياق مۈشۈك ئېيىقنىڭ تۇرۇدىغان ئۆيى مېنىڭكىدىن چوڭ ،يەيدىنغان تاماقىلىرى مەخسۇس كارانتىندىن ئۆتىدۇ ،ھەقىقى يېشىل يېمەكلىك بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ  ،ھەر كۈنى بىر نەچچە قېتىم بەدەن تەكشۈرۈشتىن بەھرىمان بولىدۇ . بۇلارنىڭ ھىچبىر مېنىڭدە يوق . بىرەرنى تۇغۇپ سالدىمۇ بولدى دۆلىتىمىزدىكى بارلىق ئاخپىرات ۋاستىلىرى قىزىپ كېتىدۇ .مۈشۈك ئېيىقجان خاتىرجەم ،پاسپورۇتسىز چەتئەللەرگە چىقالايدۇ . مەنچۇ ئىۋۇ ئىلىغا بارسام تولا تەكشۈرۈپ ھۆ قىلىغىزېتىدۇ .ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرى تەققازالىق بىلەن كۈتۋېلىنىپ ھەشەمدەرەم ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ ،ئويلاپ باقسام مەندەك بىر توكتوك ئوقۇتقۇچىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى باشقىلار ئەمەس  ھەتتا ئۆزەممۇ ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن ،تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئەسلەپ سالساملا كۆڭلۇم ئەسكى بولىدۇ .
يەنە بىر جەھەتىن قارىسام بۇنداق قىلىشمۇ توغرىدەك تۇرامدۇ نىمە ؟!ئەسلى نەسلىمىز ھېلىقى تۈك باش مايمۇنلار ئەمەسمىدى   شۇڭا بۇ «ئەجداتلارغا »بولغان ساداقەت بولسا كېرەك .   
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-02 11:02 |
kvzatkvqi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6364
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 107
شۆھرەت: 551 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 553 سوم
تۆھپە: 329 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 331 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 219(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھازىر مائارىپىمىز  «ئارخىپ  ئىسلاھاتى»غا مۇھتاج بۇلۇپ  قالدى.«ئا بەش» خالتىلىرىنى تىلغا ئالماي  تۇرايلى،مۇشۇ ئەخلاقى  تەربىيە خالتىلىرىنىڭ سانى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇغۇچىلارنىڭ  سانىدىن  كۆپ ،ئۇنىڭ  مۇندەرىجىللىرىچۇ  تېخى .....بىز ئوقۇتقۇچىلار بۇلارنى  تۇشقۇزىمەن   دەپ  بەزى ئوقۇغۇچىلارنى ئۇنتۇپ  كىتىمىز .تەكشۈرۈش  كەلدىمۇ مەكتەپنىڭ  خارەكتىرى ئۆزگىرەپ  كىتىدۇ.   ئېچىنىشلىقى بۇ ئەھۋالدىن يۇقرى  تۈۋەن  ھەممىسى خەۋەردار،بىلىدۇ ،ئەمما  تەدبىر يوق.   بەزى ئويلاپ  قالىمەن ،خۇددى ئۈستىمىزدە مائارىپىمىزنى  قەستەن  قالايمىقان  قىلىۋاتقان  بىر  قارا كۆلەڭگە  باردەك......بۇ  قارا كۆلەڭگە  پارتىيە ۋە خەلىقنى ئالداۋاتقاندەك...كولدۇرلىتىۋاتقاندەك.......
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-02 12:22 |
kvzatkvqi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6364
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 107
شۆھرەت: 551 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 553 سوم
تۆھپە: 329 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 331 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 219(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

1.ئۇقۇغۇچىلارغا تەربىيە  بىرىدىغان ئۇقۇتقۇچى تىنىم  تاپماي  خالتىغا  ئىشلىسە ،ئۇقۇغۇچىلارغا  تەربىيەنى  كىم  بىرىدۇ؟
2.ئوقۇتقۇچى  خالتىغا  بىرىلىپ  كىتىپ ئۇقۇغۇچىدىن بىخەتەرلىك  مەسىلىسى  كىلىپ  چىقسا  بۇنىڭغا  كىم  مەسئۇل  بۇلىدۇ؟
3.خالتا ئىشلەيمەن دەپ دەرسنى  تەييارلىماي ئۆتسە ،تاپشۇرۇقلارنى ھەپتىلەپ ،ئايلاپ دۇۋىلەپ  تەكشۈرسە  بۇلامدۇ؟ئۈنۈملۈك  بىر سائەتلىك  دەرس لاھىيىسىگە ئاز دىگەندە 1-2سائەت (مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىگىنىچە4-5سائەت )ۋاقىت كىتىدۇ. بىر-بىرلەپ  يازمىسا بولمايدىغان 18-20 سائەتلىك دەرىس لاھىيىسىنى  بىز  قانداق  تۈزگەندىمىز؟
4.قوشتىل ئوقۇتۇشى  ھەرگىزمۇ  دەرسنى  سۆزلەپ  قويساق بالىلارنىڭ  چۈشۈنىۋىرىدىغان ئوقۇتۇش ئەمەس.ئۇقۇغۇچىلار بىزنىڭ  بىر-بىرلەپ  يىتەكلىشىمىزگە مۇھتاج،ققايتا -قايتا مەشىقلەندۇرشىمىزگە مۇھتاج،ئەمما  بىزگە  ۋاقىت  بارمۇ؟

ھەممىمىز  بۇلارنى  بىلىمىز ،يۇقىرىمۇ-تۈۋەنمۇ . ئەمما بىلىپ  تۇرۇپ  يەنىلا  يۈدۈپ  ماڭىمىز  
نىمىشقا ئىسلاھ  قىلمايمىز؟نىمىشقا ئىخچاملىمايمىز؟ ئەجىبا بۇ  يۈكلەرنى ئىخچاملاشتا  بىزگە  چەكلىمە  بارما؟
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-02 12:45 |
kvzatkvqi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6364
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 107
شۆھرەت: 551 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 553 سوم
تۆھپە: 329 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 331 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 219(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يىقىندا مەكتىۋىمىزنى «ۋىلايەت دەرىجىلىك ئەخلاق  تەربىيەدە ئۆلچەمگە يەتكەن مەكتەپ» قىلىشقا  تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالارمىش .شۇڭا ئالدىنقى ئۈچ يىلغا  تەۋە ئارخىپلارنى قايتا يىڭىدىن ئىشلەپ  چىقمىساق  بولماسمىش .ئالدىنىقى  يىللاردىكىسى ناھىيىگە يارىغان بىلەن ۋىلايەتتىكىلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىققىلى  بولماسمىش ،شۇڭا  پىداكارلىق بىلەن  تەتىلنى تەقدىم  قىلىشىمىز  كىرەكمىش.
بۇ  قانداق گەپ ئەمدى؟ ئەخلاقى  تەربىيەنى ئوقۇغۇچىغا ئېلىپ  بارىمىزمۇ  ياكى خالتىغىممۇ؟
  بۇنداق  قىلىۋەرسەك  خالتىلىرىمىز ئەخلاقلىشىپ ئۆزلىكىدىن  تۇشۇپ  ماڭارمۇيا؟!تەكشۈرۈش ئۈمىكىدىكىلەرگە  سالام  قىلىپ  ئۇلارنى  تەسىرلەندۈرۈپ نۇمۇرلارنى تۇلۇق  ئېلىپ  كىتەرمىزمۇ؟
istanbol
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-02 12:58 |
kvzatkvqi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6364
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 107
شۆھرەت: 551 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 553 سوم
تۆھپە: 329 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 331 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 219(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يىقىنقى  يىللاردىن  بۇيان ئوتتۇرا  باشلانغۇچ  مەكتەپلەردىكى  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى ساپاسىنىڭ تۆۋەنلەپ  كىتىشى،نىشانسىز ،يۇگەنسىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشى ئەخلاقى تەربىيە خالتىلىرىنىڭ كۆپىيىشى بىلەنمۇ  مۇناسىۋەتلىك  بۇلىشى مۇمكىن،چۈنكى ئوقۇتقۇچىلار خالتىلارنىڭ  دەستىدىن ئەخلاقسىز ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزگەرتكىدەك ۋاقىتقا،كاللىغائىگە ئەمەس.ئالدىراشلىقىمىزدىن سۇقۇشىۋاتقان  ئوقۇغۇچىلارنى كۆرسەك ،ھەي  ئىشەك  گۇيلار،دەپ  قۇيۇپ ئىشىمىزغا  مېڭىشقا  مەجبۇرمىز،ئۇلارنى  چاقىرىپ ئەھۋاللاشقۇدەك ،كۈڭۈلللىرىدىكى  تۈگۈنلەرنى  يەشكىدەك  ۋاقىتقا  ئىگە ئەمەسمىز.....
  شۇڭا  ھازىر مەكتەپلەردە ،بۇلۇپمۇ ئوتتۇرا مەكتەپلەردە گەپ ئاڭلىماس بەز ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىغا  تەربىيە قىلىمەن دەپ ئۈزىگە ئىش تېپىۋىلىشتىن قورقىدىغان ئىھتىياتچان باغۋەنلەر قۇشۇنى  بارلىققا كەلدى
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-02 13:14 |
gorkar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7788
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 52
شۆھرەت: 295 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 295 سوم
تۆھپە: 170 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 170 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يازمىڭىزنى ئوقۇپ ،ئىزتىراپلىق خىياللارغا چۆكتۈم.دىمىسىمۇ ئوقۇتقۇچىلار ھازىر ھەر تەرەپتىن كىلىۋاتقان بېسىملارغا ئۇچراپ ،ھالسىراپلا قالدى.
سىلەرگە ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن بىر ئىشنى سۆزلەپ بىرەي: ھەر قانداق مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىلىش داۋامى چىڭ تۇتۇلىدۇ-ئەلۋەتتە.بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ ئوخشاش.ھەر قايسى سىنىپلارنىڭ داۋام نىسبىتى چوقۇم%95تىم يوقۇرى بولۇشى لازىم ،ئەگەر تۆۋەن بولسا ھەر پىرسەنىت ئۈچۈن جەرىمانە ئېلىنىدۇ.گەر چە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدائوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە تۇراقلىشىشىغا ھەر دەرجىلىك ھۆكۈمەتلەر مەسئۇل بولىدۇ دىيىلگەن بىلەن ھەممە جاپا يەنىلا بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زىممىسىدە بولۇپ كىلىۋاتىدۇ.مەن سىنىپ مۇدىر بولغان سىنىپتا مەكتەپكە كەلمەيدىغان بىر ئوقۇغۇچۇم بولۇپ،ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قانچە قېتىم ئائىلە سۆھبىتىگە بارغىنىم ئىسىمدە يوق.ئەتە مەكتەپكە تەكشۈرۈش كىلىدىكەن دىگەن گەپنى ئاڭلاپ يەنە ئائىلە سۆھبىتىگە ماڭدىم،شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشگى ئىچىدىن تاقاق بولغاچقا ،ئىشىكنى قايتا-قايتا ئۇردۇم.بىر چاغدا ئوقۇغۇچۇمنىڭ ئانىسى ئىشىكنى ئېچىشىغا دادىسى ھويلىدا تۇرۇپ،كىم كەپتۇ؟ دەپ سورىۋىدى ھېلقى ئايال:كىم بولاتتى،يەنە شۇ< دىھقان كادىر> كەپتۇ،مەمەتنى ئىزلەيدىكەن دىۋىدى نىمە دىيىشىمنى ،نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي ئارقامغا ياندىم.چۈنكى ئۇلار يېڭى بىر ئاتالغۇنى كەشىپ قىلغان ئىدى.
ھەممىمىز ئۆز-ئۆزىمىزگە گۆر كولاۋاتىمىز-خالاس !
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-02 14:07 |
kvzatkvqi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6364
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 107
شۆھرەت: 551 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 553 سوم
تۆھپە: 329 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 331 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 219(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مائارىپ ئوقۇتۇش  تەتقىقات ئىشخانىلىرى نىمە ئۈچۈن  ئۇقۇتۇش سۈپىتىگە  تەسىر  يەتكۈزىۋاتقان بۇ  ئامىللارنى  يوقرىغا  دوكلات قىلمايدۇ؟
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-02 14:27 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12345»Pages: 1/6     Go
Bagdax bbs » كۆڭۈلدىكى سۆز