saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 883 قېتىم كۆرۈلدى
mosapir
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9308
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 61
شۆھرەت: 430 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 430 سوم
تۆھپە: 234 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 234 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 64(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 «دۇستۇم»غا يوللانغان مەكتۇبلار (ھېكايە)

قەدىرلىك دۇستۇم ئابدۇللا ،ياخشى تۇرىۋاتامسەن ؟شۇ تاپتا مەن سېنىڭ   تۇرىۋاتقان ئادېرىسىڭنى  ھەتتا  تېلېفون نومىرىڭنىمۇ بىلمىگەچكە ساڭا ئېيتار  يۈرەك سۆزلىرىمنى  ئانا تەبىئەت  سەلكىنلىرىدىن      يوللىۋەتتىم. جاۋابىڭغا تەشنامەن.
1-           خەت
     ئەقلىمنى بىلسەم  ئىككىمىز    قىيامەتلىك    قوشنىلاردىن  ئىكەنمىز.ئۆيلىرىمىز پەقەت بىر  قورۇ تام       ئارقىلىقلا ئايرىلىپ تۇراتتىكەن.

بىز غەمسىز بالا چاغلىرىمىزنى تاغ باغرىدىكى  يىل بۇيى بۇژغۇن چاچىرىتىپ ئېقىپ  تۇرىدىغان بۇلاق بۇيىدا،باھار ئايلىرىدىن باشلاپ تاكى كۈز مەسۈمىگىچە تۆت    ،  قولاق،يالپۇز،چېغىرتماق،مامىكاپ گۈللىرى ھۆپپىدە  ئېچىلىپ، خۇشبۇي ھىدى تۆت  ئەتىراپقا تارقىلىپ  تۇرىدىغان   يازنىڭ ئارام بەخش كۈنلىرىدە    ئالا بوينىقىمىزنى    ئەگەشتۈرۈپ كېپىنەك، ئاتبېشى…قاتارلىقلارنى   تۇتۇش  بىلەن   مەشغۇل بولساق، قىشنىڭ ئۇزۇن تۈنلىرى     ئۆيلىرىمىزگە يىغىلىشىپ،  موما ۋە  بوۋىلىرىمىز ئېيتىپ بېرىدىغان    قىزىق-قىزىق   چۆچەكلەرنى   ئاڭلاش بىلەن كۈنلەرنى  مەنىلىك ئۆتكۈزۈپ، مەكتەب يېشىغىمۇ   تولۇپ قالغانلىقىمىزنىمۇ تۇيماي قىلىشقان     ئىدۇق.

ئىككىمىز باشلانغۇچ  مەكتەبكە ئوقۇشقا    كىرگەن تۇنجى كۈندىن باشلاپ تاكى  تولۇق ئوتتۇرىنى   پۈتتۈرگىچە  بىر سىنىپتا  ساۋاقداش،  بىر ئۇستامنىڭ  قولىدىن تۇز-تائام يەپ ،  ئىناق   دۇستلاردىن   بولۇپمۇ   قىلىشقان  ئىدۇق.

  مەن ئالى مەكتەپ  ئوقۇشنى غەلبىلىك تاماملاپ  ، بىر ئورۇندا  دۆلەت مەمۇرى  بولۇپ ئىشلەۋاتقىلى مانا ھەش-پەش دېگىچە   15-20يىلمۇ    بولۇپ قالدى . بىراق سەن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن  شۇ  يىلىلاردا   ياشىنىپ قالغان  ئاتا-ئاناڭغا قارىشىپ بېرىپ ،ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئالىمەن  دەپلا ، مېنىڭ  سېنى ئالى مەكتەب ئوقۇشىنىمۇ  ئۈزۈپ قويماي      ئوقۇۋىلىش   ھەققىدىكى  مەسىلىھەتىمگە قولاق سالماي  ،  ئاتا-ئاناڭغا  ئالى بىلىم يۇرتىدا  مۇپەسسەل  پەن-مەرىپەد ئىگەللەپ، ئەلگە ياراملىق   ئادەملەردىن  بولۇپ چىقىش  ئارقىلىق     جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ ئورنىغا  ،خېرىس ۋە رىقابەد  بىلەن تولغان  ھاياد داۋانلىرىنىڭ  ئېغىر سىناقلىرىغا     بەرداشلىق بېرەلمەي، چاتقاللىق يوللاردا      بەل قويۇۋىتىپ،سېپى ئۆزىدىن  دېھقان بولۇپ كەتتىڭ….

 سەن  يۇقىرلاپ ئوقۇشتىن  ۋاز كېچىپ،ئائىلەڭدە  ئاتا-ئاناڭغا  قارىشىۋاتقان شۇ  كۈنلەردە         ،ھاياتلىق قانۇنىيىتى ئاتا-ئانىلىرىڭنى   ئارقا –ئارقىدىن      ئۇ  دۇنياغا    ئېلىپ كېتىپ،ئائىلىدە  سەن  تىكەندەكلا يالغۇز قالدىڭ.سەن  مۇسىبەت ياشلىرىنى  سەلدەك تۆكۈۋاتقان شۇ     كۈنلەردە، مەن   يېنىڭدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلماي  ، ئاتا-ئاناڭنىڭ  ۋاقىتسىز  ئۆلۈمىگە  بىللە تە    قايغۇرۇپ ،  ھەسىرەد ياشلىرىڭنى دەرقەمتە تۇرۇپ     سۈرتۈپ،ى       ئاتا –ئاناڭنىڭ  ھاياد شامىنى  ئۈچۈرمەي ،كىشىلىك تۇرمۇشتا  ئۈمىدىۋار بولۇپ ، ھاياد بەتلىرىڭنى   ئىرادە نۇرلىرى بىلەن   بېزەشكە ئىلھاملاندۇردۇم.لېكىن سەن...

سەن  ئاتا-ئاناڭنىڭ يىل نەزىرىسى بېرىلىپ بولغان   كۈنلەردە   پۇشايمان ياشلىرىنى  تۆكۈپ تۇرۇپ ،ياشىنىپ قالغان  ئاتا-ئاناڭنىڭ خىزمىتىنى قىلىمەن دەپ ،بىر ئۇبدان   ئوقۇشتىنمۇ يىنىكلىك ۋاز كېچىپ،ئوقۇشىڭنىمۇ  بىر باشقا ئېلىپ چىقالمىغانلىقىڭ ھەققىدە  ئۇزاق   مۇڭ قىلىپ  بەردىڭ. سەن بۇ  ئاچچىق قىسمەتلەردىن   قارا يېتىم بولۇپ قالغانلىقىڭنى سۆزلەپ بېرىۋاتقىنىڭدا   روخسارىڭ يامغۇر تۆكۈش ئالدىدا تۇرغان   بۇلۇتلاردك تۇتۇلۇپ، جىسمىڭ  جۇدۇن  سوققان ياپىراقتەك    تىتىرەيتى….

سەن  ئاتا-ئانىلىرىڭنىڭ نەزىرە-چىراغ ئىشلىرىنى تۈگۈتۈپ ن  بىر مەزگىل ئۆتكەندىن    كېيىن ، مەن تەشكىلنىڭ   ئورۇنلاشتۇرىشى  بىلەن شىمالدىكى بىر ناھيەگە     '' ۋەزىپە بىلەن چىنىقىش''قا كەتتىم .

بۇ مەزگىللەردە مەن  دۇستلۇق رېشتىمىزنىڭ،خەت-ئالاقىمىزنىڭ  ئۈزۈلۈپ  قالماسلىقى ئۈچۈن، ساڭا كۈن ئارىلاپ   تېلېفون قىلىپ تۇرغان  بولساممۇ ئەپسۇس،   يانفۇنۇڭ ھەر دائىم  ئېتىك  بولغاچقا ،سەندىن ھالىڭ نىچۈك دەپ ئەھۋال سوراپ  تۇرۇشقا مۇمكىن بولمىدى.
مەن  «ۋەزىپە بىلەن چىنىقىش » مۇددىتىمنى  تاماملاپ،        ئىشقا چۈشۈپ كەتكىلىمۇ مانا  بىر نەچچە ئاي بولۇپ قالدى. .

دۇستۇم ئابدۇللا ،مەن يۇرتقا  قايتىپ كەلگەن كۈننىڭ   ئەتىسىلا   ھەقەم سايىلىرىمنىڭ  تۇپىراق بېشىنى يوقلاش ئۈچۈن     مەھەللىگە       چىقتىم.ئۆيۈڭ   يول ياقىسىدا بولغاچقا ، يول ئۈستىدە  ئايالىڭ بىلەن تەساددىپى        ئۇچۇرۇشۇپ قىلىشقا توغرا كەلدى .  مەن ئايالىڭنى كۆرسەممۇ     كۆرمەسكە سېلىۋىلىپ   يانداپ ئۆتۈپ كېتىشكە ئادىميىلىك  پەزىلەتلىرىم   يول قويمىغاچقا، ئايالىڭ بىلەن  ئاللاھ تاھاللاھنىڭ سالىمىنى قىلىشىپ،  ئەھۋالىڭنى سۈرۈشتۈردۈم.  ئايالىڭ ئىھتىمال  يىغلاپ ئىچىنى بۇشاتقان   بولسا كېرەك،روھى –كەيپىياتى  تولىمۇ سولغۇن ،كۆز جىيەكلىرى  قارىداپ، روخسارىنىڭ نۇرى  قېچىپ ، ئۇزۇن يىل  كېسەل ئازابى  تارتقان بىماردەك   كۆرۈنەتتى.  بالاڭنىڭ   ئاپسىنىڭ پېشىنى چىڭ  تۇتۇۋېلىشلىرىدىن بۇ سەبىي قىزنىڭ  ئاپىسىدىنمۇ ئايرىلىپ قىلىشتىنمۇ  ئەندىشە قىلىۋاتقاندەك بىر ھالنى   ھېس قىلغىلى بولاتتى. بالىللارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ ، ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ  يىغلىۋەتكىلى  تاس  قالدىم.كۆپۈ-كۈندۈزدە  ياد بىر ئايال بىلەن  چوڭ يول ئۈستىدە  روبىرۇ  تۇرۇپ   ھازا ئېچىشىپ كەتسەك،ئەللە-مەھەللە نېمىمۇ دەپ قالار... - دېگەن خىيال  بىلەن،  ئۆزۈمنى  زورىغا  بېسىۋىلىپ، قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن  ئايالىڭغا    سېنى تېپىپىپ بېرىشنى ۋەدە قىلىپ ، ئاجىزەلەرنىڭ      كۆڭلىنى بىر ئاز بولسىمۇ  كۆتۈرۈپ   قويۇپ، قايتىشقا تەمشىلىۋىدىم،  چوڭ يول بىردىنلا  مەكتەبتىن قايتقان بالىلار بىلەن ئاۋاتلىشىپ  كەتتى.ئىھتىمال ئوغلۇڭ  مەكتەبتىن قايتىپ كەلگەن بولسا كېرەك .  ئوغلۇڭ  توپتىن ئايرىلغىنىچە   ئايالىڭنىڭ قېشىغا كېلىپ:

-ئاپا ،بۇ يەردە تۇرۇپسىزغۇ،يول ئۈستىدە ياد   ئادەملەر  بىلەن پاراڭدىشىپ تۇرماي جۈرۈڭە  ئۆيگە كىرىپ كېتەيلى .بۈگۈن  سىنىپ تەربىيچىمىزباشلانغۇچ     پۈتتۈرگەنلىكىڭلارنىڭ    خاتىرىسى ئۈچۈن كوللېكتىپ  سۈرەتكە تارتقۇزۇپ قويىمەن ،سۈرەت   ھەققى ئۈچۈن  ھەر بىرىڭلار  ئىككى   كويدىن  پۇل  ئەكېلىڭلار- دېگەنتى   . ئەتە مەن  مەكتەبكە ماڭغاندا      پۇل بېرىشنى ئۇنتۇلۇپ قالماڭ  ھە ،جېنىم ئانا  - دېدى بالاڭ       مەيۈس قىياپەتتە.

ئايالىڭ  ئوغلىڭغا :- بولىدۇ قۇزام،پۇل دېگەن سىزدىن ئايلانسۇن  ساقام  -دېدى ۋە ماڭا قاراپ  :

- خۇش  ئەسقەر،  ئابدۇللا بىلەن قانچە  تىز ئالاقىلاشسىڭىز شۇنچە ياخشى بولاتتى –دېگىنىچە مەن بىلەن  خۇشلۇشۇپ  ئۆيىگە قاراپ  ماڭدى .مەن دۇستۇمنىڭ  يۈرەك پارىسىىنىڭ بۇ ئەھۋالدا قالغانلىقىنى  كۆرۈپ،  ،بوغۇزۇمغا ئاچچىق بىر  نەرسەكەپلىشىپ قالغاندەك ،كۆزلۈرۈمگە ئىختىيارسىز ياش كەلدى ۋە   ھەمىيانىمىدىن 100يۈۋەنلىك  پۇلدىن بىرنى  چىقاردىم-دە،بالىنىڭ   ياد ئادەملەرنىڭ   پۇلىنى ئالماسلىقىدىن ئەنسىرەپ   :

-ئوغلۇم،مۇنۇ پۇلنى داداڭ ساڭا بېرىپ قويۇشۇمنى،سېنىڭ بۇ پۇلغا ئوقۇش قۇراللىرىنى سېتىۋىلىشىڭنى  ھاۋالە قىلغان   ئىدى .  ئامانىتىڭنى   ۋاقتىدا قولۇڭغا  تەگكۈزىۋىتەي  -  دېدىم-دە،  پۇلنى  ئوغلۇڭنىڭ قولىغا   تۇتقۇزدۇم. ئوغلۇڭ بۇ   سۆزلۈرۈمدىن  بىر نەرسىنى ھېس قىلدىمۇ:

-ئاكا ،  دادام  پۇلنى   نەدە تۇرۇپ  ماڭا بېرىپ قويۇشنى تاپىلىغان ؟دادام   بارمۇ-يوق؟ئۇ نېمىشقا بىزنى  تاشلىۋىتىپ  يوقاپ كېتىدۇ؟...دېگەندەك سوئاللارنى سوراشقا باشلىدى.مەن سەبىي ئوغلۇڭنىڭ مەسۇم   دىلىنى ئاغرىتماسلىق ئۈچۈن  تولىمۇ سىپايىلىق بىلەن   :

-ئوغلۇم ،داداڭ سىلەرنىڭ ئوقۇش پۇلنىڭلارنىڭ    غېمىنى قىلىش ئۈچۈن  ناھايىتىمۇ  يىراق بىر جايغا  پۇل تېپىش ئۈچۈن   كەتتى. مۇشۇ تاپتا مەنمۇ  داداڭ بىلەن ئالاقىلشالمايۋاتىمەن. داداڭنىڭ   ئىز-دېرىكىنى قىلىپلا ئاندىن   ساڭا  جاۋابىنى بېرەي ،بولامدۇ  ئوغلۇم –دېدىم.

ئوغلۇڭ  سۆزۈمنى ئاڭلاپ  :

-بولىدۇ جېنىم ئاكا ،  دادامنىڭ بار يېرىنى بىزگە  قانچە بالدۇر  تېپىپ بەرسىڭىز  شۇنچە ياخشى بولاتتى   ، رەھمەت سىزگە –دېگىنىچە  تايچاقلاردەك     چېپىپ كەتتى.

            *             *           *

ئارىدىن تۆت - بەش يىل    ئۆتۈپ ،  بىر ئاخشىمى سەن  ئۇشتۇمتۇت  ئۆيۈمگە   پەيدا بولۇپ قالدىڭ.  ئىككىمىز  ۋىسال شادلىقىنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ،  ئۇزاققىچە  مۇڭداشتۇق  .سۆزلىرڭدىن  ئوقەت ئۈچۈن بارغان   جايدىن  ھېلىراقتىلا كەلگەنلىكىڭنى ، بۇ كەچتە  مەھەللىگە قاتنايدىغان  ئاپتۇبۇسمۇ   توختاپ كەتكەچكە  ئۆيۈڭگە قايتالماي ، كىشىلەردىن ئادېرىسمنى   سوراشتۇرۇپ  مېنى ئىزدەپ ئۆيۈمگىلا     كەلگەنلىكىڭنى  ئېيىتتىڭ.

 سېنىڭ مەندەك بىر ئاددى دۇستۇڭنى ئۇنتۇپ قالماي ،نېمىلا بولمىسۇن  مېنى ئۆيۈمگىچە ئىزدەپ  كەلگەنلىكىڭگە  كۆڭلۈم ئالەمچە شادلىققا تولۇپ،كۆزلۈرۈمدىن دۇستلۇق رېشتىسىنىڭ   ئىسسىق ياشلىرى  تاراملاپ تۆكۈلۈشكە باشلىدى...

بىز ئەھۋاللىشىش جەريانىدا كۈندۈلۈك  تۇرمۇشىمىزغا  بىۋاستە مۇناسىبەتلىك بولغان    بالىلارنىڭ ئوقۇشى ،شىددەت بىلەن   ئۆسۈۋاتقان مال باھاسى،ئىشقا ئورۇنلىشىش  ….دېگەنگە ئوخشاش بىۋاستە تۇرمۇش مەسىلىلىرى       ئۈستىدە ئۈزاق ئەھۋاللاشتۇق .  

مۇڭدۇشۇش داۋامىدا  ئۆزۈڭ  ياخشى ئوقۇيالمىساڭمۇ    بالىلارنى بەل قويىۋەتمەي ئاخىرىغىچە  ئوقۇتۇپ،پەرزەندلىرىڭنى  بولسىمۇ    ئوقۇشنىڭ نېنىنى تېپىپ يېيەلىگىدەك ئادەملەردىن قىلىپ چىقمىساڭ بولمايدىغانلىقىنى،    ئۇلارنى  ئوقۇتۇش  ئۈچۈنمۇ   يەنىلا بىر ئۇچى بىلەككە يەنە بىر ئۇچى يۈرەككە تۇتۇشۇپ تۇرىدىغان    مېھرى ئىسسىق ئاقچىنىڭ     يېتەرلىك بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى ، بىلىم ئىگىلىكى  رۇشەن  بازارلىشىۋاتقان ھازىرقىدەك  ئاچقۇچلۇق پەيتتە بالىلارنىڭ   ئوقۇش خىراجەتلىرىنى  ئائىلەڭنىڭ    بۇ  بىر  نەچچە  مو يېرىگە    تايىنىپلا ئۇنداق ئاسان   ھەل قىلىپ كەتكىلى  بولمايدىغانلىقىنى، پەقەت شۇ پۇل ئۈچۈنلا  ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭ تۈگۈل سۆيۈملۈك ئايالىڭ،ئۇماق پەرزەندلىرىڭگىمۇ  شەپە بېرىپ  قويماي،بىر كېچىدىلا كىندىك قېنىڭ تۆكۈلگەن ئانا دىيارىڭنى  تاشلاپ   سودا دېڭىزىغا شۇڭغىغانلىقىڭنى ، ھازىر  سوداڭنىڭ   بىر ئۇبدان يۈرۈشىۋاتقانلىقىنى، يەنە 4-5يىل چاممىسىدا     تىجارەت قىلىۋىلىپ  ،جىقىراق    پۇل چۇغلىۋالغاندىن  كېيىنلا، يۇرتقا قايتىپ، ئەمىن     ئۆي  سېلىپ  ،بالىلارنىڭ غېمىنى قىلىدىغانلىقىڭ …. ھەققىدە ئۇزاق   سۆزلىدىڭ.

سەن پۇل ۋەسۋەسىسىدە  ئالدىراپلا  يۇرتتىن   ئىز-دېرەكسىزلا يوقاپ كەتكەنلىكىڭ ئۈچۈن ،بەزى مەسىلىلەردە سەن بىلەن ئورتاقلىشالمىغان ئىدىم.بۇ قېتىم ئىككىمىز ئەھۋاللىشىپ ئولتۇرۇپ،  سېنىڭ   ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقەت قىلساڭ   ئۇزۇقلىنىش ۋە تىل ئالاقە  ئىشلىرىدا دۇچ كېلىدىغان    مۇئەييەن    قىيىنچىلىقلىرىڭىنى كۆزدە تۇتۇپ  ،يۇرتىمىز    بازارلىرىنىڭمۇ  ئىچكىرى ئۆلكە بازارلىرىغا  ئوخشاشلا تىز تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىنى ، شۇڭا ئوقەتنى      مۇشۇ يەردىلا   قىلغاچ ،خوتۇن-باللىلىرىڭنىڭ ھالىدىن  خەۋەر ئالمىساڭ بولمايدىغانلىقىنى  ،ئەگەر  يۇرتتا  ئوقەت قىلىپ     مەبلەغقە ئىھتىياجلىق  بولۇپ قالساڭ ،مەبلەغنى ئۆزۈملا  ياردەم قىلىدىغانلىقىمنى، ئۇماق پەرزەند،  سۆيۈملۈك    ئايالىڭ ۋە   قوۋناق ئائىلەڭ ئۈچۈن يۇرتقا تېزىراق   قايتىپ كېلىشىڭنى   ئۈتۈندۈم.

 دۇستۇم،سەن شۇ تاپتا سۆزلۈرۈمنى بېرىلىپ ئاڭلاۋاتقاندەك قىلساڭمۇلېكىن  كۆڭلۈڭ   يەنىلا  شۇ كونا  جايدا پالاس قېقىۋاتقانلىقىنى  چۈشىنىۋىلىش تەس ئەمەس ئىدى.

ئىككىمىز    ھال-مۇڭ قىلىشىپ  ئىشقا چۈشىدىغان چاغمۇ  بولۇپ قاپتۇ . مەن        شۇفىرىمغا سېنى ئۆيۈڭگە  ئاپىرىپ  قويۇشنى  ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ،مەنمۇ ئىشقا  كەتتىم.

   *               *             *  

ئارىدىن   ئىككى  ھەپتىچە ۋاقىت  ئۆتۈپ، سەن  ئۆيۈمگە يەنە كەلدىڭ. سەن بۇ قېتىم  تىجارەتنى شاگىرىتلارغاھاۋالە قىلىپ قويۇپ   كەلگەنلىكىڭنى  ،شۇڭا  ئالدىراپ قايتمىساڭ   بولمايدىغانلىقىنى ، پۇيىز    كېچىلەپ  يولغا چىقىدىغانلىقى ئۈچۈن ،سەن پۇيىز  ئىستانسىسىغا يېقىنراق جايدىن      ياتاق ئېلىپ  قويغانلىقىڭنى،  شۇڭا مەن بىلەن خۇشلۇشۇپلا يولغا چىقىدىغانلىقىڭنى   ئېيتىپ،  ئالدىراش ئۆيدىن   چىقىپ كەتتىڭ.

سېنىڭ    كەتكىنىڭگىمۇ      ھەش-پەش دېگىچە 7-8 يىل  بولۇپ قاپتۇ.بۇ جەرياندا ئايالىڭ بىلەن نورمال   تېلېفون ئالاقىسى قىلىپ  تۇرۇپسەن.(  بۇنى   ماڭا  ئەلبەتتە    ئايالىڭ   دەپ بەردى)سەن ماڭا   بىرەر قېتىم   تېلېفۇنمۇ  قىلىپ قويمۇدۇڭ. يۈرىكىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا تىكلەنگەن      دۇستلۇق مۇنارىمىز ئالتۇن تارلىرىنىڭ     پۇل  ۋە ماددى مەشىئەت ئالدىدا بۇنداق        ئاسان    ئۆزۈلۈپ  كېتىشىگە بەسى ئىشەنمەيتىم.سېنىڭ  مېنى شۇنچە ئالدىراپ  ئۇنتۇپ كېتىشىڭدىن،  بىزنىڭ دۇستلۇقىمىز 2-3بال يەر تەۋرەشكىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەي   كومپەيكۈم بولۇپ كېتىدىغان قۇم ئۈستىگە سېلىنغان بىنادەك    ياكى      يەر جاھاننى ئۇشتۇمتۇتلا   تۇپا –چاڭغا كۆمۈۋىتىپ ،بىردىنلا       جىمىپ قالىدىغان قارا قۇيۇندەك    ئايىقى سويۇق بىر نەرسىمىدۇ… –دەپ ئويلاپمۇ قالدىم.  

  ئابدۇللا  ، دۇستلۇقنىڭ    ماھىيىتىنى سەن ئەشۇنداق    ئاددى    چۈشىنىۋالغان   ئوخشايسەن .ھەقىقى دۇستلۇق-   دۇستلار     بېشىغا كۈن چۈشكەندە سايىۋەن  ،دۇستى ئۈچۈن      ئوت دېڭىزىغا شۇڭغۇشقا،  تىغدەك تىك تاغلارغا چىقىشقا،  ۋابا ،توپان،سارس،    …. لار بىلەن بەل تۇتۇشقا جۈرئەت قىلالايدىغان شىر  سۈپەت ئوغلانلاردىن بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.ئىككىمىزنىڭ   سەبىي چاغلىرىمىزدىن باشلاپ    چىگىلگەن دۇستلۇق رېشتىمىزنىڭ  ماددى مەنپەئەت ئالدىدا مۇنداق قاباھەتلىك   قىسمەدلەرگە دۇچار بولۇپ،چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ كېتىشىگە بەسى ئىشەنمەيمەن . چىن مەنىسىدىن ئېيتقاندا دۇستلۇق دېگەن ئۆز -ئارا  كۈيۈنۈشكە ،غەمخۇرلۇق قىلىشقا،  كۆز قارىچۇقىمىزدەك  مۇھاپىزەت قىلىشقا مۇھتاج بولۇپ تۇرىدىغان بىر نازۇك نەرسە...

   دۇستۇم ئابدۇللا  ،بۇ قېتىم خېتىمنى مۇشۇنچىلىكىلا يازاي. ئەزىز تەنلىرىمىز ئامان بولسا ئاللاھ تاھاللاھ كۆرۈشۈشكە  نىسىپ قىلار.   خەيىر، كۆرۈشكىچە ئامان بول.

 

2-خەت

 

دۇستۇم ئابدۇللا ،  ساڭا ئېيتماقچى  بولغان سۆزلىرىمنى ئانىلىرىمىزنىڭ ھالال    سۈتىدەك ئاق  قەغەزگە يەنە     يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.ساڭىمۇ مەلۇم مېنىڭ  ئاتا-ئانىلىرىممۇ  مەن ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان  يىللاردا  ئارقا –ئارقىدىن كەتكەن ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ   لېكىن ، ئاكا-ئۇكا ،ھەدە -سېڭىللىرىم بار .مەن ئاتا-ئانامنىڭ ۋەسىيىتىگە سادىق بولغاچقا ،  ئۇلارنىڭ ھالىدىن  خەۋەر ئېلىپ    تۇرۇش مېنىڭ مۇقەددەس بۇرچۇم .شۇڭا  ھەر ھەپتىدىكى     دەم ئېلىش ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ،  ئۇرۇق-تۇغقانىرىمنى  يوقلاپ تۇرۇش ئۈچۈن       مەھەللىگە پات-پات    چىقىپ تۇرىمەن...

 ئارىدىن  ئىككى يىل ۋاقىت  ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن  ئۇرۇق-تۇغقانلارنى يوقلاش ئۈچۈن   مەھەللىگە   بارغىنىمدا ، بىر مۇنچە  كىشىلەرنىڭ  تۆت كوچا دۇقمۇشىغا يىغىلىۋىلىپ ، كىشىلەر توپى ئوتتۇرىسىدىكى  يۈز-كۆزلىرىنى تۈگەل   داغ قاپلاپ كەتكەن   بىر بالىنىڭ   سۆزلىرىنى بېرىلىپ ئاڭلاۋىتىپتۇ. مەن تەڭتۈشلىرىم  بىلەن تىنچلىق –ئامانلىق سورۇشۇپ بولۇپ، مەھەللىداشلىرىمغا   مۇڭ قىلىپ بېرىۋاتقان ئۇ    بالىغا دېھققىتىم  ئاغدۇرۇلدى.بۇ بالا 13-14ياشلاردا بولۇپ،  بالىنىڭ سۆزلىرى   ئۆزىنى ئىچكىرىدە  «كاۋاپچى»لىق قىلىمەن    دەپ ئاتىۋالغان   بىرسى ئۈستىدە  بولۇۋاتاتتى.ئۇ ئۆسمۈرنى   توپلىشىۋالغان كىشىلەرگە  ئىچكىرىدىكى يېڭىلىقلارنى سۆزلەپ  بېرىۋاتىدۇ- دېگەندىن كۆرە ، ئادەم قېلىپىدىن چىقىقان   بىراۋنىڭ چېكىدىن ئاشقان    زورلۇق – زۇمبۇلىقلىرى ئۈستىدىن   ئەرز-شىكايەت قىلىپ،ئادەم قېلىپىدىن چىققان بىر ھايۋان سۈپەت قانخۇرنىڭ ھېسابسىز   قان –قەرزگە بۇغۇلغان قەبىھ  جىنايەتلىرىنى پاش قىلىۋاتىدۇ ….- دەپ ھېسابلىغىنىم      تۈزۈكرەك  ئىدى...

مەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم  بىلەن كۆرۈشۈۋاتقان شۇ  مىنۇتلاردىمۇ   بۇ سەبىي ئۆسمۈرنىڭ داغ قاپلىغان يۈز-كۆزلىرى  ئېسىمگە كېلىۋېلىپ،  خام ياغ ئىستېمال قىلىۋالغان  ئادەمدەك  گاراڭ   ،يۈرۈكۈمنى بەئەينى مۈشۈك تاتلاتقاندەك بىئارام بولۇپ    يۈردۈم. ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنى  يوقلاشنى ئاياقلاشتۇرۇپ ، ئۇ بالا    بىلەن تەپسىلى  ئەھۋاللاشتىم...

   مەن  ئۇ بالا  بىلەن  مەھەللىلىكەنمەن . مەن ئوقۇش ۋە خىزمەتنى دەپ   مەھەللىدىن  ئايرىلىپ كەتكىلى   ئۇزاق ۋاقىت     بولغاچقا ، ئۇ بالىنى  ئانچە تونۇپ كەتمەيدىكەنمەن. مەن بالا  بىلەن سۈھبەتلىشىۋاتقاندا  ئۇ يۈز –كۆزلىرىدىكى    داغلارنى مېنىڭ  كۆرۈپ قىلىشىمنى خالىمىغاندەك،سۆزلىرىمگە بېشىنى   كۆتۈرمەستىن  جاۋاب بېرەتتى.

مەن بالىنىڭ  كىمنىڭ  بالىسى ،ئىچكىرى ئۆلكىگە نېمە ۋەجىدىن بېرىپ قالغانلىقىنى سورىغىنىمدا بالا  كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا  تۈۋەندىكىلەرنى بايان قىلدى.

-مەن  3-ئەتىرەدتىكى مۈھمىن ناۋاينىڭ ئوغلى بولىمەن   .بىر كۈنى كەچتە مەكتەبتىن قويۇپ بەرگەندە    ئۆيۈمگە  قايتىپ كېتىۋاتسام،يولدا ئارقامدىن  كېلىۋاتقان   بىر ماشىنا يېنىمغا كېلىپلا توختاپ،ماشىنىدىن  ناتۇنۇشلا بىر  ئادەم چۈشتى-دە، ئۆيۈمنىڭ نەدىلىكىنى  سورىدى.مەن ئۇلارغا ئۆيۈمنىڭ ئورنىنى   ئېيتىپ بەردىم.  ئۇ ئادەم:

- ئوغلۇم،يولىمىز بىركەن ،بىزمۇ ئەشۇ «قوش ساتما» مەھەللىسىگە بىرسىنى ئىزدەپ ماڭغان.ماشىنىغا  چىقىۋال، مەھەللىگە بارغاندا  بىز ئىزدىگەن   ئادەمنىڭ ئۆيىنى كۆرسۈتۈپ قويۇپلا ،ماشىنىدىن چۈشۈپ قالساڭ  بولىدۇ  –دېدى.

 مەن بۇ يېشىمغا كىرگىچە  ماشىنا دېگەنگە چىقىپ باقمىغىنىم ئۈچۈن،ماشىنىدا ئولتۇرسا قانداق بولىدىغاندۇ دېگەننى خىيال قىلدىم-دە ، پىيادە ماڭغاندىن كۆرە ماشىنىغا چىقىۋىلىپ،مەھەللىگە بارغاندا ئۇلار ئىزدىگەن ئادەمنىڭ ئۆيىنى كۆرسۈتۈپ قويۇپلا  ئۆيگە كەتسەم بولمىدىمۇ  – دېگەن  ئوي بىلەن ئۇلارنىڭ   ماشىنىسىغا قىزىقىپ، ئۇلارنىڭ ماشىنىسىغا چىقىۋالدىم. ماشىنىغا چىقىشىمغا ماشىنىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان بىر ناتونۇش  پالىكۆز ئادەم:

- ئوغلۇم، كەمپۈت يە دەپلا   ئالقىنىمغا  بىر سىقىم كەمپۈتنى  تۆكۈپ قويدى . كەمپىتكە قىزىقىپ،ئۇلارنىڭ ماشىنىسىدا ئولتۇرۇپ 2 تال كەمپۈت  يېگەننىلا بىلىمەن. بىردىنلا روھىم بۇشاپ،    شىرىن  ئۇيقۇ  مېنى ئەسىرىگە ئېلىشقا باشلىدى.مەن ھېچ نەرسىنى تۇيىمايلا كۆزلۈرۈم ئۇيقۇغا غەرق بوپتۇ.   ئېسىمگە كەلسەم ئۆزۈممۈ  ھاياتىمدائەسلا كۆرۈپ باقمىغان،    6- 7 بالا قېستىلىپ يېتىشقان تار ۋە زەي پۇراپ تۇرغان  گىرىمسىمەن يۇرۇتۇلغان بىر    ئۆيدىن   قۇپىۋاتىمەن.تورۇستا تۆت  ئەتىراپنىلا ئانچە-مۇنچە  ئېلغا قىلىش ئۈچۈنلا يۇرۇتۇلغان لامپۇچكا ساڭگىلاپ تۇراتتى. ئۇيقۇم  قانمىغاچقا ئەپشەپلا تۇراتتىم. مەندىن باشقا بالىلار گۇيا تاغ قۇشقاچلىرىدەك ۋېچىرلىشىپ،ئالدىراپ كىيىنمەكتە ئىدى.مەن بۇ ناتونۇش  مۇھىدقا خۈدۈكسەنگىنىمچە      نەزەر سېلىپ تۇرىشىمغا ، ئىشىك سەد   غىچىرلاپ  ،سىرىتتىن سېمىزلىكىدىن  خۇددى ئۆردەكتەك ئىككى تەرەپكە  ئىرغاڭشىپ دەسسىگىنىچە ،كۆزلىرى تاپتىن قىغانغان تۈلكىنىڭ  كۆزلىرىدەك قىزىرىپ كەتكەن      بىرسى كىرىىۋىدى  ، بالىلارنىڭ ھەممىسى  بۆرىدىن ئۆركىگەن قوي پادىلىرىدەك ئۆرە-تۈپە بولۇشۇپ،   ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ كېتىشتى. كىرگەن ئادەم  پۇتلىرىنى  سېرىكولدەك ئېچىپ، قوللىرىنى بېلىگە تېرەپ ، غادىيىپ تۇرۇپ،  بالىلارغا  تەكشى نەزەر سېلىۋەتكەندىن كېيىن ،يامغۇردا قالغان دۇمباقتەك   بوم   ئاۋازى بىلەن:

-ھەي، يېڭى كەلداخۇن  قايسىڭ –دەپ  سورىدى. بالىلار ئاچ قالغان  بۆرىگە يولۇققان قۇزىلاردەك    ھەممىسى    تەڭلا قاراشتى.توپ ئارىسىدىكى  بىر بالا  :

- غوجايىن ،ئاخشام كەلگەن ئۇ  بالا   ئاۋۇ شال  كارۋاتنىڭ چېتىدە   ئۆرە تۇرغىنى     شۇ –دەپ،    بېگىز بارمىقى بىلەن مېنى ئېما قىلدى.سېمىز ئادەم  ماڭا قاراپ :

-ھەي يېڭى كەلگىندى،  بۇياققا چىق. قالغانلىرىڭ     قارنىڭ تويۇشقان بولسا بەلگىلەنگەن ئىشلىرىڭغا مېڭىش  -دېدىدە ، پېچىۋىتىلگەن توپاقتەك ئالچاڭشىغىنىچە چىقىپ كەتتى.

 مەن  بالىلار خوجايىن دەپ ئاتىشىۋالغان ئۇ  ئادەمگە  ئەگىشىپ سىرتقاچىقىشىمغا  :

-ئوغلۇم،ئەھۋالىڭنى ئىشلەمچىلەردىن سۈرۈشتۈردۈم.

كىچىكىڭدە ئاناڭنىڭ  كۈكسىنى قاتتىق چىشلىگەن  يېتىمەك ئوخشايسەن. بولمىسا ئادەم بالىسى ئاياق بېسىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان بۇ ئالۋاستىلار ئۇۋىسىغا   كېلىپمۇ يۈرمەس  ئىدىڭ.قالغان ئىشلارنى مەن دېمىسەممۇ  كېتىپ بېرىپ چۈشىنىسەن. جۇغۇڭ  بەك كىچىككەن بەك ئېغىر ئىشلارغا سالغىلى بولمىغىدەك.ئىش بېشى ئىش  تەقسىم قىلغىچە    ماڭا ياردەملىشىپ  زىقىغا  گۈش ئۆتكۈزىشىسەن .ئاڭلىدىڭما –دېدى .مەن بېشىمنى لېڭشىتىپ  قۇشۇلىدىغانلىقمنى بىلدۈردۈم.

بالىلار بايا مېنى چاقىرغان ، كۇچۇكلاش ئالدىدا تۇرغان چۇشقىغا ئوخشايدىغان ئۇ    ئادەمنى غوجايىن -دەپ ئاتىشىدىكەن لېكىن،يۇرتى، ئىسمىنىڭ نېمىلىكىنى  ھېچقايسىسى بىلمەيدىكەن.مەن غۆجايىننىڭ  كاۋابچىغا مەن يوق ۋاقىتتا قىلغان  ئورۇنلاشتۇرمىسى بىلەن ،   كۈنلىرىمنى كاۋابدان ئالدىدا   جۇۋازغا قېتىلغان كالىدەك  ئەتتىگەندىن تاكى يېرىم كېچىلەرگىچە   قۇرساق  ئاچ   ھالەتتە گۈش توغرىغاچ ،     كاۋابچى ئۇستامنىڭ    زىقىغا     گۈش  ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم.

غوجايىننىڭ قۇرسىقىمنى تويغۇزۇش ئۈچۈن ماڭا  بېرىدىغىنى  ، ئاشخانىدا    خېرىدارلارنىڭ  ئالدىدىن ئاشقان-تاشقان   قۇرۇما ،قېتىپ كەتكەن    ھور نان،پېلتە قۇيماق،  گۈشى  يېيىلىپ بولغان  ئۇستىخان... قاتارلىقلار  ئىدى.بەزى چاغلاردا  بۇ «ئېشىندى تائام»لارنى يېيىشكە  كۆڭلۈم جۈرئەت قىلالماي،  ئەخلەت ساندۇقىغا تۆكىۋىتەتتىم.يۇقسۇزچىلىق،ئاچلىق ،مۇھتاجلىق... نېمىلەرنى دېگۈزمەيدۇ ،نېمىلەرنى  يېگۈزمەيدۇ- دەپ، قۇرسىقىم ئاچلىقتىن   كوكىرىغانسىرى  بۇ ئېشىندى  يېمەكلىكلەر، كۆزۈمگە خۇددى مېرىبان ئانام ئېتىپ بەرگەن گۈش بېسىلغان پولۇدەك  كۆرۈنۈپ، «ئېشىندى تائام»لارنى خۇددى ھەپتىلەپ  ئاچ قالغان بۆرىدەك،   ئىشتىھاھ بىلەن يەۋىتىدىغان بولدۇم.

 مەن گاھىدا   قۇرسىقىمنىڭ    ئاچلىقىغا ئازىراق بولسىمۇ مەنپەئەت قىلارمىكىن دېگەن ئوي بىلەن، خىرىدارلار كاۋاب زىقىدىن   شاللاپ چىقىرىۋەتكەن « ئېشىندى  ياغ»لارنىمۇ  يەپ باقتىم . بىراق،  ئاچ قۇرساققا دۇرا –دەرمەكلەر سېپىلىپ تەييارلانغان   ياغ  كاۋاب     ھەزىم قىلىش ئەزايىمغا  ئىسسىق كېلىپ، ئىچىم   نودەك سۈرۈپ،جىسمىمدىكى  كۈچ- قوۋەتنى سېرىپ ،ئولتۇرغان  ئورنۇمدىلا ئۇخلايدىغان  ، ئىچىم قېتىپ قالغاچقا خالاغا كىرسەم  ئىنجىقلاپ ،   بىرەر سائەتلەپ  ئولتۇرۇپ كېتىدىغان بوپ قالدىم .«كۆتىرەلمىسەڭ ،ساڭگىلىتىۋال» دېگەندەك،بۇ ئىشلىرىم غوجايىن تەرىپىدىن سېزىلىپ، ئىش  ئاقساتقان  «گۇناھ»لىرىم  ئۈچۈن ، غۇجايىندىن  ئاچچىق تىل-ھاقارەتلەرنىمۇ       ئاڭلاشقا   باشلىدىم .كۈنلىرىم   غوربەتچىلىك،مۇھتاجلىق    ئىچىدە   ئۆتكەنسىرى ،    ئاتا-ئانام    چۈشۈمگە تولا  كىرىپ،   سېغىنىش ئوتلىرى     مەسۇم  دىلىمنى   ئۆرتەشكە باشلىدى.

كۈنلەرنىڭ بىرىدە  بۇ ئىشلىرىم  غوجايىننىڭ قولىقىغا ئاڭلانغان چېغى.بىر كۈنى غوجايىن  :

-ھەي ئانىسىنىڭ كۈكسىنى قاتتىق چىشلىگەن ھارامزادە  ،

 سەن بۇ يەرگە قۇرساق بېقىپ ،ئوينىغىلى كەلگەنما؟ئىش ۋاقتىدا  بىر بولسا خالادا ئوخلاپ قالىدىكەنسەن. بىر بولسا كاۋابدان ئالدىدا  مۈگىدەپ  ،  ئىش  ئاقسىتىدىكەنسەن . سېنى جۇغى كىچىككەن  دەپ،ئىچىم ئاغرىپ  ئىشنىڭ  ئاسىنىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويسام ، ياخشىلىق قىلغىنىمنى  بىلمىدىڭ  نان كۇچۇكى . ئەتىدىن   باشلاپ« بازارچىلىق»نى مەشىق قىلىسەن  دەپ بولۇپلا، بىرسىگە بىرلا  تېلېفۇن   قىلىۋىدى    ، سۇ كالىسىدەك   گېرۇي،كۆزلىرى يوغان ، نىگىردەك قاپ-قارا بىر   ئادەم  كاۋابدان ئالدىدا پەيدا بولدى-دە:

    –غوجايىن ،نېمە ئورۇنلاشتۇرمىلىرى باركىن –دېدى قول باغلاپ.

غوجايىن ئۇنىڭغا مەنىلىك بىر  قارىۋىتىپ:
- ھەي  توقا ،سەن بۈگۈندىن باشلاپ مۇنۇ  قاتتىق ئىشتانغا بازارچىلىقنى ئۈگىتىسەن.ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ، ئۇبدانراق مەشىقلەندۈر . مەن ئۇنى بىراۋلارغا   بىر مۇنچە پۇل تۆلەپ ،  بۇ ئاۋاد شەھەرگە ئاش يەپ قاچا ،يول مېڭىپ   كوچا   پاخال قىلىدىغانغا  سېتىۋالمىغانمەن  .ئۇنىڭغا دەسمى قىلغان پۇللۇرۇمنى   يوتقان تېشىدىن تۆرىلىپ قالغان بۇ  ھارامزەدىنى   بازارغا سېلىش ئارقىلىق  ئۈندۈرىۋالمىسام ،بۇ  پۇلنى  مەن نەدىن تاپىمەن ؟سەنمۇ ئۇيقۇڭنى ئېچىپ،  چىڭىراق مەشىق  قىلغۇز -  دېدى.

   ئۇ  ئادەم مېنى ئارقىدىكى خېلىۋەت بىر ئۆيگە ئەكىرىپ،مەشكە  قويۇلغان  چەينەكتىكى پۇرۇقشۇپ قايناۋاتقان  سونى  ئاستىغا تەڭگە پۇللار سېلىنغان بىر داسقا تۇشقۇزۇپ  قۇيدى-دە ، يېڭىمنى جەينىكىمگىچە  تۈرگۈزۈپ ،قولۇمنى داسقا چىلاپ ،قايناقسۇ  ئاستىدىكى  تەڭگىلەرنى بارماقلىرىم بىلەن قىسىپ، بىر  تال ،بىرتالدىن  ئېلىشقا بۇيرۇدى.

شۇ كۈندىن باشلاپ ئاشخانىنىڭ  پىشانىسىگە« موسولمان تائاملىرى  شاھى» دېگەن چىرايلىق ۋېۋىسكىنى پۈتىۋالغان بۇ ئالۋاستىلار ئۇۋىسىدا    ئادىمىيلىك ئىززەت-ھۆرمىتىم   دەپسەندە ، غورۇرىم پايخان قېلىنىپ،  قان –ياشلىق ھاياتىم   باشلاندى...

مەن ھەر قېتىم  تەڭگە ئېلىش ئۈچۈن داستىكى  قايناقسۇغا قولۇمنى تېققىنىمدا، بارماقلىرىمنىڭ  ئۇچىدىن كىرگەن دەھشەتلىك  ئاغرىق   شۇ ھامان   نېرۋامنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، بەدىنىمدىن  تەر  قويۇلۇپ، خۇددى پۈتۈن   تەنلىرىم قۇشۇلۇپ  كۈيىۋاتقاندەك   سىرقىراپ كېتەتتى. ئىككى  جەينىكىمنىڭ  ئاستى پورۇقشۇپ قايناۋاتقان  سۇغا  تەكىرار تېقىش  نەتىجىسىدە،پوستى ئاقلانغان سۈگەت بادىرىسىدەك ئالا-پاساق بولۇپ،تېرىلىرى بارا-بارا قارىداپ،  بەئەينى  ناۋاينىڭ  تونۇردىن  ئوت يىغىدىغان  كۈسىيىگىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى.

مەن  ئۇزاق ئويلنىشلاردىن كېيىن،  ئۆلمەي تۇرۇپ دۇزاق ئازابى تارتىدىغان بۇ  قان چىقارماي جان ئالىدىغان  مۇدىھىش    ئىشتىن تىزىراق قوتۇلۇپ كېتىش مەقسىدىدە، توقا «ئىش بېشى»غا بۇ ھۈنەرنى ئۈگىنىپ بولغانلىقىمنى ،ئەندى    «بازارچى» بولۇپ،كىشىلەرنىڭ يانچۇق ۋە سومكىلىرىغا بىمالال قول تېقسام چانمايدىغانلىقىنى ئۇچۇقلا ئېيتتىم.چۇنكى مەن بۇ ئىبلىس جايدىكى جان قىيناشتىن قوتۇلۇپ،« بازارچى»  بولىۋالساملا،سىرىتتا  بىرەر ئەپلىك پۇرسەت تېپىپ، بۇ ئالۋاستىلار  ئۇۋىسىدىن پەم بىلەن  قېچىپ ، يۇرتۇمدىكى  مەن ئۈچۈن قەدىردان   ئات-ئانىلىرىم بىلەن جەم بولالايتىم.     

       شۇنىڭ بىلەن بۇ ئالۋاستىلار ئۇۋىسىدىكى « مەشىق»ھاياتىم ئاخىرلىشىپ، بازاردا  «بازارچى»بالىلارنى  كۈزىتىپ تۇرىدىغان «كۆزلەر»نىڭ نازارىتىدە تۇرساممۇ  لېكىن،قايناقسۇغا قول تېقىپ جان قىيىنغاندىن كۆرە،  ھازىردىن باشلاپ  قىلىدىغان « بازارچىلىق »كەسپىم  ھەر ھالدا ياخشىمۇ نېمە  دەپمۇ ئويلاپ قالدىم.بازاردا بىر نەرسىلەرنى   قويالىساڭدۇ قويالمىساڭدۇ ،  ھېلىقىدەك   جاننى ئېلىپ چۆلدە  قويىدىغان «مەشىق»لىنىشتەك جان ئۇنچىلا  قىيىنلىپمۇ كەتمەيتى...

                 *               *               *

بۈگۈن مېنىڭ    «بازارچى»لىققا چىققان تۇنجى كۈنۈم         بولغاچقا  ئۇ جايغا  مەجبۇرى ئېلىپ بېرىلىپ،بازارچىلىققا سېلىنغىلى  3-4يىللارچە بولغان ،يېشى ۋە بويى مەندىن چوڭىراق  بىر بالىنى   ماڭا  نازارەتچى  قىلىپ قويۇشتى.ئۇنىڭ ئېيتىشىچە  سودا ساراي  t  k   v، سۇ ئۈزۈش مەيدانلىرى ، رېستۇراننىڭ پەيزىنى سۈرۈپ  مەس بولۇپ قالغان پۇلدارلار ...  كىشىلەرلا ، بىزنىڭ ئوۋ ئوۋلۇشىمىز ئۈچۈن  ، بىخەتەر ۋە ئەڭ  ئەپلىك جايمىش.

ھەمىراھىم ماڭا  يولدا ماڭغاچ « ئوۋچى»لىقنىڭ يوللىرىنى ئېزىپ ئىچۇرۈپ،ئۆزىنىڭ توپلىغان «قىممەتلىك تەجىربە»لىرىنى ماڭا تونۇشتۇرىۋاتاتتى  .  ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئەر كىشىلەرنىڭ  كىيىملىرىدە   يانچۇق كۆپ بولغاچقا ئۇلار  سۇمكا كۆتەرمەيمىش. شۇڭائادەم كۆپ جايلاردا ئەرلەرنىڭ يانچۇقىغا قول سالساق ھەر ھالدا «قۇشقاچ گۈشىمۇ گۈش »دېگەندەك،ھەر ھالدا پىشكە بولسىمۇ  ئۇلجىغا ئېرىشىدىكەنمىز.ئېنىم  سەن  بازارچىلىققا يېڭىدىنلا كىرىشۋاتىسەن.شۇڭا سەن كۆپۈنچە      سودا ساراي،كوچا ئاپتۇبۇسى،سۇ ئۈزۈش كۆلچەكلىرى،رېستۇران،ئايرۇدۇرۇم ،  ،قاتناش بېكىتى،...قاتارلىق جايلارنى نىشانغا ئېلىپ،شۇ جايلاردا نايناقشىپ يۈرۈشكەن  يېرىم يالىڭاچ خېنىم،مەس بولۇپ قالغان ئەركەك ،يىراقتىن كەلگەن   بوپىسى ئېغىر   يولۇچىلارنى كۆپىرەك   نىشانغا ئال. يېرىم يالىڭاچ كىيىنگەن ئاياللارنىڭ  كىيىۋالغان  كىيىملىرىنىڭ يانچۇقى  بولمىغاچقا  ئۇلار  پۇل، يان تېلېفۇن،زىبۇ-زىننەت ...قاتارلىق قىممەت باھالىق نەرسىلىرىنى مۈرىلىرىگە قۇندۇرىشىۋالغان ئەپچىلگىنە     سۇمكىلىرىغا  ياكى شۇ   كوچا سەتەڭلىرى ، دەزى بار ئەركەكلەرنى ئۆزىگە كۆپىرەك جەلىب قىلىش ئۈچۈن، ئەتەي كۆپتۈرىۋالغان  كۈكسىگە  تارتىۋالغان باغىرداقلىرىنىڭ قېتىغا     يۇشۇرۇپ قويىشىدۇ. سەن كۆپىرەك نىشانىڭنى ئۇلارغا قاراتساڭ،ئۇلار بىرەر ئەركەك بىلەن ئاپاق-چاپاق بولۇپ،قولتۇقلىشىپ ماڭغاندائاساغىنە  پېيىگە چۈشۈپ،بىرەر خالتا كوچا ئېغىزىغا كەلگەندە سەن ئۇشتۇمتۇتلا ئۇلارغا قول سېلىپ،مۈرىسىگە ئېسىۋالغان سۇمكىسىنى ئېلىپ قاچساڭ،  ئۇ«كوچا سەتەڭ»لىرىنىڭ  كىيىۋالغان ئايىقىنىڭ  پاشنىسى  ئىنچىكە ۋە  ئېگىز بولغاچقا ،سەن سومكىسىنى ئېلىپ  قاچقان  چېغىڭدا، ئۇلار سېنى بىر قانچە ئون مېتىر قوغلاپ بېقىپ، يىقىلىپ ئۆزىنى  يارلاندۇرىۋىلىشىدىن ئەنسىرەپ،قوغلاشنى بولدى قىلىشىدۇ .شۇنىڭ بىلەن قولۇڭغا چۈشكەن شۇنچە كۆپ   لوق گۈش سېنىڭلا بولىدۇ- دېگەن گەپ.شۇنى ئەستە تۇتۇشىڭ لازىمكى ، غۇجايىن شۇ كۈنى  ساڭا بەلگىلەپ بەرگەن  پۇل تېپىش  ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساڭ  ،غۇجايىن كەچتە  سېنى ئاچ قۇرساق پېتىڭ  يوتقان –كۆرپىسىمۇ يوق  ئۆيگە سولاپ قويىدۇ.سەن قۇرسىقىڭنىڭ ئاچلىقىدا  توغۇلغىنىڭغا مىڭ بىر پۇشايمان  قىلىپ كېتىسەن.ئاچ قۇرساقلا سولاپ قويسىغۇ  سەل ياخشى.يامىنى تاپشۇرىدىغان پۇل سانىڭ ئۇلار بەلگىلەپ بەرگەن چەكتىن  بەكىرەك   تۆۋەن بولۇپ قالسا كاملاپ قالغىنىنى ئەتىسى قۇشۇپ تېپىپ كېلىشكە بۇيرۇيدۇ  .شۇ چاغدا سەن يۇۋاش-يۇمشاق بولۇپ،غوجايىن نېمە دېسە شۇنىڭغا ماقۇل غوجايىن دەپلا تۇرساڭ،پايدا ئالغىنىڭ شۇ .ئەگەر غوجايىنغا بىرەر ئېغىز ھۆت-پۈت دەپ گەپ ياندۇرىدىغان بولساڭ،زىيان تارتىقىنىڭ شۇ.سېنى بالىلار  ياتىقىنىڭ  تورىسىغا نەچچە  سائەتلەپ ئېسىپ،ئۆپكەڭ ئېغىزىڭدىن چىقىپ:- جېنىم  غۇجايىن ،پۇلنىڭ بۈگۈن  كام قالغىنىنى     ئەتە چۇقۇم تولۇقلاپ تاپشۇراي - دېگەن سۆزۈڭنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا ،ئۇلار   كام قالغان پۇلنىڭ ئىسپاتلىقى ئۈچۈن بىلەكلىرىڭگە تاماكا يېقىپ بەلگە سېلىشىپ   قويىدۇ.ئۇ چاغدا كام قالغان پۇلنى تولۇقلاپ تاپشۇرماسلىققا  ھەددىڭ ئەمەس.بۈگۈنكى قىلىشىدىغان  گېپىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن.ئاخىرىنى  ئاڭلىغىن  .خەيىر سەنمۇ ئۆز  ئىشىڭغا چۈشۈپ كەت-دېدى ۋە ماڭا ئالدىمدا كېتىپ بارغان يېرىم يالىڭاچ كىيىنگەن بىر ئايالنى   كۆرسۈتۈپ قويۇپ ،ئۆزىمۇ  «ئوۋ »مەيدانىغا   يۈرۈپ كەتتى.

      *                *               *  

ئۆزۈم يالغۇز ئادەملەر پىلە قۇرۇتىدەك قىمىرلىشىپ يۈرۈشكەن چوڭ كوچىدا تېنەپ-تەمتىرەپ  نەگە بېرىپ،نەدە تۇرۇشىمنى بىلمەي،چوڭ كوچىدا كىچىك بالىلاردەكلا  تەنتىرەپ  ،نەگە بېرىپ ،نەدە تۇرۇشىمنى بىلمەيلا كېتىۋاتىمەن..ماڭا ئامەد ئېلىپ كېلىدىغان ئۇ  تەييار ئولجا نەدە ؟مەن سىنچى كۆزلىرىم بىلەن ئەتىراپقا تەكشى نەزەر سېلىپ كېتىۋاتاتتىم ئۇشتۇمتۇت ،رېستۇران ئىشكىدىن  مۈدۈرگىنىچە تاملارغا  سۇقۇلۇپ چىقىۋاتقان بايۋەتچى سۈپەت بىراۋغا  كۆزۈم چۈشتى. مەن  «مەن مەست ئەمەس،يوللار ئېگىز پەست »دېگەندەك،قەدەملىرىنى شۇنچە تەستە ئېلىپ كىتىۋاتقان بىر ئادەمنى  نىشانلاپ يۈرۈپ كەتتىم.تالىيىمغا ئۇ  ماشىنا توختۇتۇش ئورنىغا بارغاندا يان تېلېفۇنى چىرقىراپ   ،قولتۇقىغا قېسىۋالغان   سومكىسىنى  توختۇتۇپ قويۇلغان بىر كىچىك ماشىنىنىڭ كاپۇتى ئۈستىگە     قويدى-دە ، تېلېفۇندا  كىملەر بىلەندۇر سۆزلىشىشكە باشلىدى.مەن پەيتنى غېنىمەت بىلىپ،ماشىنىنىڭ دالدىسىدا گەۋدەمنى يۇشۇرۇپ بارغىنىمچە ماشىنا كاپۇتى ئۈستىدىكى  سومكىنى  مۈشۈكتەك چاققانلىق بىلەن   ئالدىم-دە،باغلاقتىن بۇشانغان تايچاقتەك  يۈگۈرۈپ، خالتا كوچىلارنىڭ بىرىگە  قاراپ قاچتىم.مەن سومكىسىنى كۆتۈرۈپ قاچقان  ئادەم،بەئەينى چالا بوغۇزلانغان ئۆكۈزدەك خەنزۇچە بىر نېمىلەرنى دېگىنىچە ۋاقىراپ  كەتتى.مەن تۇنجى قېتىم كۆتەرمىكەشلىك قىلىۋاتقاچقا، يۈرۈكىم  كۆكىرەك قەپىزىمگە پاتماي،يۈگۈرۈك ئاتتەك دۈپۈلدەپ سۇقماقتا ئىدى.مەن  ئۆلە تېرىلىشىمگە باقماي قېچىۋاتىمەن... ئۇنىڭ ئالا-تاغىل ئاۋازى قولىقمغا كىرىپ تۇراتتى.بۇ ئاۋازنى ئاڭلىغان  بۈگۈن ئەتتىگەندە مەن بىللە بازاچىلىققا چىققان ھېلىقى« ھەمراھ»ىم  ئاسماندىن چۈشكەندەكلا يېنىمدىلا پەيدا بولدى-دە، ماڭا  سوڭدىشىپ كېلىپلا ئەسقەر  ، مۇتۇسېكىلىتقا ئولتۇر  دىدى-دە ،مېنى ئارقىسىغا ئېلىپ،  بەئەينى قۇيۇن تازدەك چاپقىنىمىزچە چوڭ كوچىدىن بورۇلۇپلا   خالتا كوچىلارنىڭ بىرىگە  بەدەر  تىكىۋەتتۇق. ھېلىقى ھەمىراھىم  مۇندىن بۇرۇنمۇ بۇ خىل  كۈپۈ-كۈندۈزدىلا  كىشىلەرنى بولاپ پېشىپ كەتكەن قاقۋاش ئوخشايدۇ .ئۇ  ئالدىمىزدا ئۇچىرىغان بوك ئورمانلىقنى بىخەتەر جاي دەپ ھېسابلىسا كېرەك.ئۇ  ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگىرەك كىرىپ،مۇتۇسېكىلىتنى      توختۇتۇپ،يەگە چۈشتۇق ئۇ  :

-ئەسقەر ،تىز بول،سومكىنى ماڭا بەر –دېدى.

مەن  قوينۇمغا تېقىۋالغان سومكىنى ئۇنىڭغا  سۇنۇۋىدىم .ئۇ سىرتمىسىنى ئېچىپلا  سومكىدىن ئۈچ باغلام پۇل ۋە  بىر مۇنچە  تامغا بېسىلغان قەغەزلەرنى ئالدى. ئۇ سومكىدىن چىققان پۇلنى قوينىغا تېقىپ،قىممىتى يوق دەپ ھېسابلىغان   تامغىلىق قەغەزلەرنى  سومكىغا پۇرلاپ تېقىپ، سومكىنى قويۇق چاتقاللىقنىڭ ئىچىگە ئېتىۋەتتى.ئۇ  پۇلنىڭ ئىككى باغلىمىنى ماڭا سۇنغاچ   :

-ھە كەلگىندى، مۇنۇ ئىككى باغلام پۇل نەق 20مىڭ سوم   دېگەن گەپ.بۇ پۇللىرىڭ تۈنۈگۈنكى كام قالغان ۋەزىپەڭنى تولدۇرۇشقىمۇ  يېتىپ ئاشىدۇ.مۇنۇ بىر باغلام پۇل ماڭا قالسۇن- دېگىنىچە     مېنى  موتۇسېكىلىتقا مېندۈرگەچ  ھازىر تاماق يېگىلى بارىدىغانلىقىمىزنى،تاماق يەپ بولۇپ،مېنىڭ دەرھال ياتاققا  قايتىپ بېرىپ ،ئۇلجىنى غوجايىنغا ئۆتكۈزىۋىتىپ، كىيىم  ئالماشتۇرۇپ بازارغا يەنە ئوقەتكە   چىقىشىمنى ئورۇنلاشتۇردى.«بازارچىلىق» قا چىققاندا كۈنىگە  نەچچە  قېتىملاپ  كىيىم ئالماشتۇرمىساق، بىز قويغان      پۇل ئىگىلىرى   تونۇۋىلىپ،ساقچىخانىغا تۇتۇپ بېرەرمىش.

كۈنلەر تاپساق يەپ،تاپالمىساق دومبا يەپ،سۇ ئۈستىدىكى كۈپۈكتەك  ئۆتۈشكە باشلىدى.

مەن ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ راست ئىسمىنى ئېيتماي،ئىسمىڭ نېمە دەپ سوراشقاندا ئېغىزىمغا كەلگىنى بۇيىچىلا ئەسقەر دەپ قويغان ئىدىم. مەن بۇ يەرگە كېلىپ، سۆيۈملۈك ئاتا-ئانىلىرىم قويغان خۇدابەردى دېگەن بىر چىرايلىق ئىسمىمنىڭ «كەلگىندى»دېگەن قۇپال سۆزگە ئالمىشىپ قالغىنى ئۈچۈن   خورلۇق ھېس قىلساممۇ لېكىن ،«ئۆزگىنىڭ يۇرتىغا بارغاندا بىر كۆزۈڭنى قىس»دەپ،مېنىڭ ئىسمىمنى كەلگىندى دەپ  چاقىرغانلارغا  چىش يېرىپ بىر نەرسە   دېيەلمەيتىم.ئەگەرئۇلارغا:- ھەي، مېنىڭ ئىسىمىم كەلگىندى ئەمەس ،ئاتا-ئانام ماڭا  ئۇلۇغ ئاللاتاھاللاھنىڭ مۇبارەك نامىنى شىپى كەلتۈرۈپ،خۇدابەردى دەپ ئىسىم قويغان. شۇ چىرايلىق ئىسمىم بىلەن چاقىرىڭلار -دېيەلەمتىم.بۇ ناتۇنۇش جايدا مەن  دەردىمنى ئېيتىدىغانغا  نە بىرەر ئۇرۇق –تۇغقىنىم  نە بىرەر يېقىن ئادىمىمۇ يوق ئىدى.

 كۈنلىرىمنى تاپالىسام توق ،تاپالمىسام ئاچ    شەھەر   ئىتلىرىدەك ،ئۇلجا ماراپ ئۆتكۈزىدىغان  بولدۇم.

ئامەد،ئۇلجا...  دېگەنمۇبىزدەك كۆتەرمىكەشلەرگە  جامالىدىن نۇر ياغدۇرۇپ،ھەر كۈنىل   نىسىپ بولىۋەرىمەيدىكەن .ئاينىڭ ئون بەشى يۇرۇق، ئون بەشى قاراڭغۇ- دېگەندەك،گاھىدا  نەق ئۇلجىغا  ئىگە بولۇپ، غوجايىننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئاشۇرۇپ، يانچۇقىم توملاشقان كۈنلىرى رېستۇرانمۇ –رېستۇران چېپىپ،كۈنلىرىمنى بايۋەتچلەردەك ئۆتكۈزسەم،گاھىدا ئەتتىگەندىن  تا كەچكىچە قۇرسىقىمغا بىرەر نان ئېلىپ يېگىدەك  ئولجىمۇ  تاپالماي ،سۈڭەك ئىزدەپ سوكۇلداپ يۈرۈشكەن لالما ئىتلاردەك چېپىپ يۈرۈيتىم.بۇنداق ۋاقىتلاردا ئاچ قالساققۇ مەيلى ئىدى  لېكىن،   غوجايىندىن   چىشقىچە  تاياق   يېيىشتىن قۇرقۇپ،ياتاققىمۇ قايتالماي،باغچىلارنىڭ  بەندىڭلىرى،يوللاردىكى  سۈڭگۈچ،كۆۋرۈك ئاستى،يەر ئاستى ئۆتۈشمە يوللىرىدا  ئىتتەك تىتىرەپ تاڭ  ئاتقۇزۇشقا مەجبۇر بولاتتىم...

كۈندۈزى ئادەمنى كۈيدۈرۈپ   چىھرىنى تونۇردىن   ئوت يىغىدىغان  كۆسەيدەك قارىدىۋىتىدىغان  ئىسسىق بولسا ،يامغۇر تولا ياغىدىغان بۇ دېڭىز بۇيى رايۇنلىرىدا كېچىنىڭ  نەم ھاۋاسى ئادەم تېنىنى خىلىلا قۇرۇيدىكەن .توڭلاپ  ئۇيقۇم كەلمىگەنچە مېھىربان ئاتا-ئانىلىرىم چۈشۈمگە تولا كىرىپ، بۇ لەنتى جايدىن مۇۋاپىق پەيت تېپىپ قېچىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپلا يۈردۈم.

ھەر ھالدا يەيدىغان رىسقىم بار ئوخشايدۇ.ئىكى-ئۈچ كۈندە بولسىمۇ ئۇلجا دېگەن كەپ تۇردى.بۇ بالىلارنىڭ ئارىسىدا ھەممىدىن كىچىكى مەن ئوخشايمەن.«كەمبىغەل،كەمبىغەلنىڭ قاياشى»دېگەندەك، ھەممىمىزنىڭ قىسمەتلىرى ئوخشاش بولغاچمىكىن ،بۇ بالىلارمېنىمۇ تاشلىۋەتمىدى.بەزىدە گۆشۈيۈپ قۇرۇق قوللا كىرسەم ،ئۇلار تاپقان ئۇلجىلىرىنى مېنىڭ ۋەزىپەمگىمۇ  تەڭ ئۆتكۈزۈپ،تاپقاننى تەڭ  يەپ، ئۆتۈشكە باشلىدىم...

بۇ « ئالۋاستى ئۇۋىسى»غا كەلگىنىمگىمۇ نەق ئالتە ئاي بولغان ئىدى. قوللىرىمدىكى كۈيۈك ئىزلىرىمۇ بارا-بارا يۇقاپ،قوللىرىمنىڭ   تېرىلىرى ھە دەپ يېڭىلىنىشقا باشىغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە  مەن  ئۇلجا ئىزدەپ بىر سۇ ئۈزۈش مەيدانىغا باردىم.سۇ ئۈزۈپ چىققان خېنىملار بىر نەچچە ئەرنىڭ ھەمىرالىقىدا ئۆزلىرى ۋاقىتلىق تېكىۋىلىشقان چىدىردا  ناشايان قېلىقلارنى   قىلىشىپ،  سوغۇق ئىچىملىك  ئىچىشىپ ئولتۇراتتى.مەن پەيتتىن پايدىلىنىپ، ،چېدىرنىڭ دالدىسى بىلەن بېرىپ،ئۇلارنىڭ ئىككى سومكىسىنى كۆتۈرۈپ قاچتىم. مەن يۈگۈرۈۋاتقان يەر قۇمساڭغۇ ،نەم   تۇپىراق بولغاچقا مەن 20-30مېتىر يۈگىرەپلا، بىراۋلارنىڭ تاشلىۋەتكەن چېدىر تېيىكىگە پوتلۇشۇپ،ئوڭدا موللاق چۈشۈپ كەتتىم.ئۆزۈمنى ئەپلەپ قېچىپ بولغىچە، ئۇلارنىڭ قولىغا  چۈشۈپ قالدىم .ئۇنىڭغىچە قالغانلارمۇ ئورۇنلىرىدىن يوپۇرلۇشۇپ كېلىشتى-دە : ماۋۇ كىچىك ئوغرى  ئاياللىرىمىزنىڭ قول سومكىسىنى بولاپ قاچتى... دېيىشكىنىچە ،  سومكىنىڭ تاسمىسىدا  قولۇمنى    باغلاپ ،تۇشمۇ-تۇشتىن  ئۇرۇشقا باشلىدى. قانچىلىك تاياق يېگىنىمنى  ئۇقمايمەن.تاياق زەربىسىدىن ھۇشۇمدىن كېتىپتىمەن.  .بىر چاغلاردا كۆزۈمنى ئاچسام ،  قاراڭغۇ بىر ئۆيدىن قۇپىۋاتىمەن. پۇت –قولۇمنىڭ ئۈگىلىرى مىق قاققاندەك  چېقىپ ئاغرىيتى.مەن تەسلىكتە بېشىمنى   كۆتىرىپ ئەتىراپقا تەكشى نەزەر سالدىم.شال مىقلىۋىتىلگەن پەنجىرنىڭ ئاراشلىرىدىن چۈشىۋاتقان  يۇرۇقلۇقتىن ۋاقىتنىڭ   كۈندۈز ئىكەنلىكىنى ئارانلا  ئېلغا قىلالىدىم.

   قۇرسىقىم تۈنۈگۈن  يەۋالغان بىر نەچچە تال ھور نان بىلەنلا قالغاچقا  ،  قاڭالتىردىن ۋاقىتلىق  قۇراشتۇرۇلغان بۇ  ئۆيدە  ئاچ قۇرساق، ئوسسۇز  قانچىلىك ۋاقىت  ياتقىنىمنى بىلمەيمەن. بىر چاغدا تۆمۈر ئىشىك داراڭشىپ ئېچىلىپ،ئىككى ساقچى مېنى ئەگەشتۈرۈپ ئىشخانىسىدا  سوراق قىلىپ، يۇرتۇم،يېشىم،مىللىتىم قاتارلىقلارنى سورىغاندا مەن  تىلسىز مېيىپتەك  جىم –جىتلا   تۇرىۋالدىم.

بالىلارنىڭ ماڭا  دەپ بېرىشىچە  ،  ئەگەر بازارچىلىقتا ئۇشتۇمتۇت ساقچىلارغا  تۇتۇلۇپ قېلىش قىسمىتىگە دۇچار بولۇپ  قالساق ،ساقچىلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا تىل بىلمىگەن  قىياپەتتە  سۈكۈتتە تۇرىۋىلىپ ، ساقچىلارنىڭ كۆزىگە گۈشۈيۈپ  قاراپ تۇرىۋالسىلا، ئۇلار تۇتۇپ كېلىنگۈچىنىڭ ياتاق،تامىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاۋارىچىلىق ھېسابلىشىپ، ناھايىتى ساقچىخانىدا4-5سائەت تۇرغۇزۇپلا  قويۇپ بېرەرمىش.ئەگەر  ساقچىلار ئۇزاقراق  قويۇپ بەرمىسە  ،غۇجايىن ساقچىلارغا پارە شۈڭگۈتۈپ ، بالىلارنى ئېلىپ چىقىپ،سېنى ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن ساقچىغا بەرگەن پارىنى  سېنىڭ گەدىنىڭگە يېزىپ قويىدىغانلىقىنى  ،ساقچىخانىدىن  قوتۇلۇپ چىقساڭلا غوجايىننىڭ  گەدىنىڭگە قەرز ھېسابىدا يېزىپ قويغان پۇلنى ،قول-پۇتۇك  ئىتتىك  بولسىلا  بازاردىن ئۈندۈرۋىلىشقا بولىدىغانلىقىنى       ئېيتىشتى. مەنمۇ بالىلارنىڭ ئۈگەتكىنى  بۇيىچە، ساقچىنىڭ بەندىڭىدە كۆزۈمنىڭ ئاق پاختىسىنى چىقىرىپ،  گۈشۈيۈپ ئولتۇرىۋەدىم .قاش قارايغاندا  غوجايىن كېلىپ،مېنى ساقچىخانىدىن ئېلىپ كەتتى.

غۇجايىن مېنى ساقچىخانىدىن  ئېلىپ چىققاندىن  كېيىن ،بۇ كەلگىندىنىڭمۇ  كۆزى ئېچىلىپ قالدى، قېچىپ كەتمىسۇن يەنە  -دەپ ئويلاپ قالدىمۇ   ،مەن  ئوۋغا چىققاندا بالىلارنى مېنى نازارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى.ئۇ  گۇيا مېنىڭ  سايەمدەك ئەتىراپىمنى چۈرگىلەپلا يۈرۈيتى.مەن ئەندى بازارچىلىققىمۇ كۆزۈم  پېشىپ،  ئۇلجىنى قاملاشتۇرۇپ  ئالالايدىغانمۇ بولغان ئىدىم.مېنىڭ ئوۋدىكى چەبدەسلىكىم، مەن ئەكېلىدىغان  چوڭ-چوڭ ئۇلجىلار  غوجايىننى تەسىرلەندۈرگەن چېغى.گاھىدا غوجايىن :

 -شاكىچىك ،كۆزۈڭ ئېچلىپ ئۆزۈڭنىڭ نېنىنى ئۆزۈڭ تېپىپ يېيەلىگىدەك ئادەم بولۇپمۇ قالدىڭ –ھە  دەپ مېنى ماقتاپمۇ قوياتتى.

ئەندىلىكتە مەن مەقسىدىمگە يېتىش ئالدىدا تۇرغاندەكمۇ قىلاتتىم .ھەر نە بولسا  غوجايىننىڭ كۈزۈتىدىغان  كۆزلىرىدىنمۇ قوتۇلدۇم. شۇڭا مەن   بىرەر ئەپلىك پۇرسەت تېپىپ ،بۇ ئالۋاستىلار ئۇۋىسىدىن قېچىپ كېتىشنى يەنە بىر قېتىم  كۆڭلۈمگە پۈكتۈم.

    بىر كۈنى ياغقان  كۆك يېغىن ،  سەھەردىن تاكى  قاش قارايغىچە   توختىمىدى.مەن مۇشۇ قېتىم يۇرتقا كېتەلىگىدەك پۇلنىڭ ئورنىنى قىلىۋالساملا يۇرتقا قېچىشنى پىلانلاپ تۇراتتىم  شۇڭا مەن بىر رېستۇراننىڭ  لەمپىسىدە يامغۇردىن پاناھلانغاچ ،رېستۇراندىن كەيىپ بولغان بىرەرسىنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ ئۇزاق ئولتۇردۇم.كۈن ئولتۇرغان مەزگىلدە  بىرسى ماتېرىيال سومكىسىنى قولتۇقىغا قىسقىنىچە ، تەڭپۇڭى بوزۇلغان تارازىدەك ئېگىز-پەس دەسسەپ  رېستۇراندىن چىقىشقا باشلىدى.مەن ئۆزىنى باشقۇرۇپ ماڭالمايۋاتقان  ئۇ ئادەمگە ئەگەشتىم –دە،ئۇنىڭ بىنانىڭ ئالدىدىكى  پەلەمپەيلەردىن دەلدەڭشىپ  چۈشىۋاتقان  پايدىلىق پەيتىنى تاللاپ سومكىسىنى قولتۇقىدىن يۇلۇپلا قاچتىم. ئۇ سومكىسىنى بىرۋلارنىڭ ئېلىپ قاچقىنىنى بىلگەندىن  كېيىنلا كېيىنلا ئېسىگە كەلدىمۇ ، چۇشىقىدەك خىخىرىغىنىچە:

مېنىڭ ماتېرىيال سومكامنى ئاۋۇ بالا ئېلىپ قاچتى.ماڭا ياردەملىشىپ ئۇ ھارىمىنى تۇتۇشۇپ بېرىڭلار ...دېگىنىچە توۋلىغاچ  ،پەلەمپەيدە ئۆزىنى باشقۇرالماي،ھاۋا تاپان بولۇپ يىقلدى.مەن سومكىنى كۆتەرگەنچە بىر خالتا كوچىنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ يۈگۈردۈم .بۇ چاغدا  قاراڭغۇ چۈشۈپ، كوچا  چىراقلىرى ئاجىز نۇر چېچىپ تۇراتتى .مەن شۇ قاچقانچە ئارقا كوچىلارنىڭ بىرىدە بىر ئاز دېمىمىنى ئېلىۋىلىپ،سومكىنى ئاچتىم.سومكىدا بارى-يوقى  بىر يان تېلېفۇن ، 3-4مىڭ يۈۋەنچە پۇل بار ئىكەن.مەن يېقىندىن بۇيان قېچىپ كېتىشنى تولاخىيال قىلىدىغان بولۇپ قالغاچقا،ئۇدۇللاپ خەلق باغچىسىغا باردىم-دە،كىشىلەرنىڭ دېھققەتسىزلىكىدىن   پايدىلىنىپ،مىڭ كوينى بۈگۈنكى  ۋەزىپەمگە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئايرىۋىلىپ،  قالغىنىنى سولىياۋ خالتىغا ئوراپ،بىر قەدىمى دەرەخنىڭ كاۋىكىغا تېقىپ قويۇپ،ياتاققا كەتتىم.

غوجايىن مېنىڭ تېىخچە كېلىپ بولالمىغىنىمنى بىلىپ،بالىلارنى ھەر قايسى ساقىخانىلارنى تىڭ-تىڭلاشقا ئەۋەتكەن چېغى. غوجايىن مېنى كۆرۈپ  كوچۇكلاش ئالدىدىكى چۇشقىدەك سەد  خىقىرىغىنىچە:

-ھەي كەلگىندى ،يولدا بالىلار ئۇچىرىمىدىمۇ ؟سەن كېلىپ بولالمىغاندىن كېيىن، مەن بالىلارنى سېنى ئىزدەپ كېلىشكە ئەۋەتكەن. بۇندىن كېيىن  كۈندۈزى دەرەخ سايىسىدا ئۇخلاپ،ئاخشاملىرى ۋەزىپەمنى تولدۇرىمەن دەپ ،كىچىكىپ كەلسەڭ مەندىن ياخشىلىق كۈتمە  قاتتىق ئىشتان –دەپ بىر مۇنچە كايىپ كەتتى.مەن تاياقتىن قوتۇلۇپ قالغانغا خۇش بولۇپ، ئۈن-تېۋىشىسىزلا  ياتاققا ماڭدىم.

 يۇرتقا كېتىدىغان كىرانىڭ غېمىنىمۇ قىلىپ  قويغان ئىدىم .ئەندىكى مەسىلە  بىرەر ئەپلىك پۇرسەت تېپىپ قېچىپ كىتىشتىلا قالغان ئىدى.شۇ كۈنى كېچىسى مەن كىيىملىرىمدىن   يۇرتقا ئېلىپ كېتىدىغانلىرىنى ئۈستى-ئۈستىلەپ كىيدىم-دە،ئەتىسى ئەتتىگەندە  چالا-بولا ناشتا قىلىپلا، قېچىش پىلانىمنى رۇياپقا چىقىرىشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى ئويلىغاچ بازارغا ئاتلاندىم.

مەن چۈش –پېشىن بولغىچە بازاردا مەقسەتسىز ئايلىنىپ يۈرۈپ،مېنى پايلاۋاتقان كۆزلەرنىڭ تاماققا كىرىپ كەتكەن ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ،ھېلىقى قەدىمى دەرەخ كاۋىكىغا تېقىپ قويغان پۇلۇمنى ئالغىلى باردىم.مەن ئەتىراپنى ھۇشىيارلىق بىلەن كۈزۈتۈپ،ئەندىلا پۇلنى ئېلىپ،ئىشتىنىمنىڭ لېپىزىگە تېقىشىمغا، گۇيا ئاسماندىن چۈشكەندەكلا بىراۋلار  كېلىپلا   بېشىمغا تاغار كەيدۈرۈپ، تاغار ئېغىزىنى چەمبەر-چەس  باغلاپ،مۇتۇسېكىلىتنىڭ ئارقىسىغا تېڭىپ ئېلىپ مېڭىشتى.

 بىر مۇنچە  ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ،مېنى مۇتۇسېكىلىتتىن يېشىپ كۆزۈمنى ئېچىۋىتىشتى. ئەتىراپقا قارىغىدەك بولسام ئالدىمدا  بۇرنىنىڭ ئىككى تۈشۈكىدىن ئوت ئېلىكتىر ئىستانسىسىنىڭ مورىسىدىن كۆتۈرىلىۋاتقان ئىستەك   دۈت پۈركىگىنىچە، غوجايىن كۆزىنىڭ ئاق پاختىسىنى چىقىرىپ ماڭا قاراپ  تۇرۇپتۇ. ئۇ چالا  بوغۇزلانغان   ئۆكۈزدەك  ھۆكۈرىگىنىچە :

-ھە كەلگىندى ، نەگە سەپەر قىلماقچىدىڭ؟بۇ قىلغانلىرىڭ    باش تىققىدەك  بىرەر  ئۇگاڭ يوق،ئىچكىرىدە  قاڭقىپ يۈرگەن چېغىڭدا  ساڭا ئىچىم ئاغرىپ، ئىسسىق ياتاق،،مېزىلىك تائام   بەرگىنىمنىڭ  موكاپاتىمۇ بۇ؟  بەدىبەخ ! ئىتمۇ جېنىدا قۇرسىقى تويغان ئۆيدىن مىڭ مەرتىۋە  قوغلىساڭمۇ  كەتمەيدۇ.ئادەم بالىسى تۇرۇپ  سەن ھارىمى  ئاش بەرگەن قازانغا تۇپا چېچىپ،تۇزىكورلۇق قىلدىڭغۇ !  ئەندى سېنى قولدىن چىقىرىدىغان چاغمۇ  بولغان ئوخشايدۇ.كۈدە-كۈرپىلىرىڭنى كۆتىرىپ بۇ يەردىن دەرھال يۇقال-دېدى .

مەن شۇ تاپتا  بۇ ۋەھشى  بۆرە ئالدىدا باسماققا چۈشكەن  كەپتەر باچكىسىدەك ئۈنسىز  بوزلىماقتا ئىدىم. شۇ ھامان  ئېسىمگە  بۇ غالجىرلاشقان غۇجايىنغا   ياغلىما گەپ-سۆزلەرنى قىلىپ،ئۇنىڭ كۆڭلىنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئۇتۇۋېلىپ،بۇ ئالۋاستىلار ئۇۋىسىدا  داۋاملىق ئىشلەپ قىلىش    پىلانىمنى روياپقا چىقىرىش ئارقىلىق بۇ لەنتى جايدىن  قېچىش  خىيالىمنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولدۇم-دە، غوجايىنغا  يېلەنگىنىمچە:

-جېنىم غوجايىن دادا،مەن ئۇلجىدىن  ئايرىۋىلىپ تېقىپ قويغان بۇ   پۇلنى  سىلەرنىڭ بۇنچە تىز بىلىپ قالىدىغانلىقىڭلارنى  پەقەتلا ئويلىماپتىمەن  .مەن  سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا  ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمغا مىڭ قېتىملاپ   تۆۋە قىلدىم. ئىككىنجىلەپ بۇنداق كۆڭلى قارىلىق  قىلمايمەن  .ماڭا بىر قېتىم كەڭچىلىك قىلىۋىتىشلىرىنى تىلەيمەن   ھۆرمەتلىك  دادا  ...دېگىنىمچە، ئادەم قېلىپىدىن چىققان  ئۇ قاۋانغا يۈكۈنۈپ تۇرۇپ   يالۋۇرۇشقا  باشلىدىم...

 مەن  بۇ قاۋانغا ئالدىراپ  بويۇنتاۋلىق قىلسام،كۆڭلۈمدە پىلانلاۋاتقان قېچىش ئىشىم  ئاشكارىلىنىپ،ئۆزۈمنىڭ بۇ ئىسسىق جېنىمنىمۇ ساقلاپ قىلىشىم تەسكە توختايتى.مەن  بۇ يەرنىڭ ئەمى-پەمىنى ئەندىلا چۈشىنىپ، بازارچىلىق قىلىدىغان  بالىلار بىلەنمۇ  بىر ئۇبدان ئېچەكىشىپ  ،  مىجەز-خۇلقىنىمۇ ئىگەللەپ،قايسى ئىشنى قايسى ئۇسۇلدا قىلسا ئۆزۈمگە پايدىلىق پۇرسەت  ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنىمۇ بىلىپ  يەتكەن ئىدىم.  ئەگەر غوجايىن مېنى بۇ جايدىن قوغلىۋەتسە ياكى   بىراۋلارغا سېتىۋەتسە ،بارمىغان يەرنىڭ ئوي چوڭقۇرى بار دېگەندەك، ئۇ  جايلاردا  مەن   يەنە  قانداق ئاچچىق قىسمەتلەر كۆرەرمەن -دېگەن مەۋھۇم خىيال كۆڭلۈمنى  ۋەسۋەسىگە سېلىپلا تۇراتتى.بۇ قانخۇر غوجايىنمۇ ماڭا ئوخشاش تېنى ھارام ،كۈچى ھالال ،بىر قۇساق ، ئۇخلاش ئۈچۈن بىر كىشىلىك  سېلىنجا غېمىدە ،  كۈن چىقاردىن  ئەل ياتقۇغىچە ئوۋ ئىزلەپ  كوچىمۇ كوچا چېپىپ يۈرۈيدىغان  ،تېخى ئېغىزىدىن ئانىسىنىڭ ئوغۇز سۈت پۇرىقى كەتمىگەن مەندەك بىر نارسىدىنى  ئالدىراپ قولىدىن چىقىرىۋىتىشكە ئۇنىڭ رەزىل كۆڭلى   ئۇنارمۇ  ؟! مەنمۇ غوجايىننىڭ ئالدىدا بوينۇمنى ئۇنداق قاتتىق قىلىۋالماي،بىرەر قېتىم ئۇنىڭغا يېلىنىپ،يالۋۇرۇپ  قويغىنىمغا  بىراۋ مەندىن باج ئالامتى.ماڭا غوجايىن ئالدىدا ياۋاش-يۇمشاق بولۇپ،ئۇنىڭغا  شەرتسىز بويسۇنۇپ   ،ئىش بېشى   ئورۇنلاشتۇرغان ھەر قانداق ۋەزىپىنى  شەرتسىز ئورۇنلاشتىن باشقىمۇ بىرەر تاللاش يولى قالمىغاندەك قىلاتتى.مەن غوجايىنغا ھەر قانداق ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى بېشىم بىلەن مېڭىپ بولسىمۇ ئورۇنلايمەن دېگەن مەزمۇندا   تېلخەت يېزىپ بېرىپ  ، بىر ۋاقلىق كەچلىك تاماق،بىر ئاخشاملىق ئۇخلاش پۇرسىتىگە  ئارانلا  ئېرىشتىم.

 مۇندىن بۈرۈن مەن  بازارچىلىققا يالغۇز ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسام، ئەندىلىكتە   ماڭا بىرەر  كۆزنى  نازارەتچى قىلىپ  ماڭغۇزىدىغان   بولۇشتى.

غوجايىن بىر كۈنى ئەكبەر ئىسىملىك بىرسىنى  مېنى بازاردا  نازارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى .ئادەتتە ئۇ بالا بىلەن مىجەز –خۇلىقىممۇ بىر يەردىن چىقىپ، خېلىلا ئۇبدان  چېقىشىپ  قالغان ئىدىم .ئۇنىڭ يېشى  مەندىن چوڭ ، كۆرگەنلىرىمۇ  كۆپ بولغاچقا   بىر كۈنى بازار ئارىلاۋىتىپ ئۇ  بېشىدىن ئۆتكەن سەرگۈزەشتىلىرىنى   سۆزلەشكە باشلىدى.ئۇنىڭمۇ ماڭا ئوخشاشلا   ئاتا-ئانىسىنى بەكمۇ  كۆرگىسى كەلگەنلىكىنى،مۇۋاپىق پەيت  تېپىپ  ،يۇرتقا  قېچىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ، يول  كىراسى ئۈچۈن بىر يەرلەرگە    تېقىشتۇرۇپ ساقلاپ يۈرگەن  ئازىراق پۇلى بارلىقىنى ،  پۇرسەت كەلسىلا پۇلنى  تېقىپ قويغان جايىدىن  ئېلىپلا   يۇرتقا تىكىۋىتىدىغانلىقىنى،شۇڭىلاشقا ئۇ تېقىپ قويغان پۇلىنى باشقىلارنىڭ  سوقۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ پات-پات يوقلاپ تۇرىدىغانلىقىنى  ،يۇرتقا   قېچىش ئۈچۈن  ھازىرچە ئۆزىگە بىرەر ئىشەنچىلىك ھەمىرا ئىزلەۋاتقانلىقىنى، ئېغىزى چىڭ،ئايىقى چاققان    ھەمىرا تاپسىلا ، ئالدى-ئارقىسىغاقارىمايلا    بۇ ئىبلىس  جايدىن    قاچىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى  .مەن ئەكبەرنىڭ  سۆزلىرىنى ئاڭلاپ،  نېمىلا بولسۇن كۆڭلۈمدە چۇد سۇقۇپ يۈرگەن قېچىش پىلانىم رۇياپقا چىقىدىغان بولدى  دېگەنلەرنى ئويلاپ،كوچىدىن   ئالتۇن تېپىۋالغان نامىرادتەك ھاياجانلىنىپ كەتتىم.

مەن ئەكبەرگە :

-ئەكبەر ئاكا،مەنمۇ خېلى ئۇزاقتىن بۇيان  بۇ لەنتى جايدىن قېچىشنى پىلانلاپ  ، يۇرتقا قاچسام ماشىنا كىراسى قىلارمەن دېگەن خىيال بىلەن ،  ئازىراق پۇلنى باغچىدىكى بىر دەرەخنىڭ كاۋىكىغا  تېقىپ قويغان ئىدىم.تۈنۈگۈن  تېقىپ قويغان  پۇلنى  ئېلىپلا   ئۇدۇل يۇرتقا تىكىۋىتەي -دېگەن ئوي  بىلەن ، تېقىپ  قويغان  پۇلنى ئەندىلا   ئېلىشىمغا ،تۇيۇقسىز غوجايىننىڭ ئادەملىرى   پەيدا بولۇپ،يۇرتقا قېچىش پىلانىممۇ سوغا چېلاشتى.ئەگەر سېنىڭمۇ راستىنلا قېچىش ئويۇڭ  بولسا، ئىككىمىز ھە-ھو  دېيىشىپ، بىرلىكتە قاچايلى.قانداق دېدىم؟ ھازىرچە مەندە  پۇل يوق.تېچلىق –ئامانلىق بولساق، ئىككىمىز بىرەر ھەپتىچە بازارچىلىقنى  داۋاملاشتۇرۇپ، پىشكە پۇل جۈندىۋالساق ، شۇ پۇل بىلەن يۇرتقا ئامان-ئېسەن بېرىۋالغىلىمۇ بولاتتى  - دېدىم مەن ئۇنىڭغا. 

ئەكبەر  كوچىغا يەنە بىر قېتىم تەكشى نەزەر سېلىۋىتىپ:

-ياخشى ئويلاپسەن  لېكىن ،ئېغىزىڭ يار يېلىمىدا يەملەنگەندەك     پۇقتا بولۇشى لازىم .ئەگەر غوجايىن بىزنىڭ يۇرتىمىزغا قاچماقچى بولغانلىقىمىزدىن خەۋەر تېپىپلا قالىدىغان بولسا   ، بىزنى تاغارغا تاش بىلەن قۇشۇپ  قاچىلاپ ،بىر كېچىدە    دېڭىزغا  تاشلاپ   تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈشتىن  يانمايدۇ.كونىلارنىڭ  پۇت يۈگىرۈكى ئاشقا،ئېغىز يۈگىرۈكى باشقا دېگەن  دانا سۆزىنى   ئېسىڭدە مەھكەم  تۇت. مېنىڭ  دېگەنلىرىمنى     ئېسىڭدىن ھەرگىز  چىقارغۇچى بولما -  دېدى ۋە   كىشىلەر پىلە قۇرىتىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئاۋاد كوچىغا تەكشى نەزەر سېلىۋىتىپ،بىرەر كۆزنىڭ  ئارقىمىزغا كىرىۋالمىغانلىقىنى  جەزىم قىلغاندىن كېيىنلا :

-ئاغىينە ،مەن سەندىن ئازىراق ئەنسىرەپ قالدىم.يۇرتقا   قېچىش پىلانىمىز بالا كىچك ،ئىشتان  پۇق بولۇپ  قالمىسۇن يەنە . مۇندىن كېيىن      ئىشلارنى مېنىڭ دېگىنىم   بۇيىچە قىل.مەن دېگەن نېمىلا دېگەن بىلەن سەندىن بىر  نەچچە ئىشتاننى ئارتۇق يىرتقانمەن-دېدى.

            *                *               *  

  كۈنلىرىم قىش پەسلىدە    ئۆچەككە كىرىدىغان  قۇرتلاردەك جىم-جىتلا ئۆتۈشكە باشلىدى.  مەن غوجايىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش داۋامىدا ئۇنىڭ  بۇرتىغا چالما تېزىپ،قېچىش پىلانىمنى روياپقا چىقىرىش مەقسىدىدە ، ئۇ  ئورۇنلاشتۇرغان ھەر قانداق ئىشنى  ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن دەتتىكام دەپلا  مەيدانغا  ئۆزۈمنى ئاتاتتىم.

بىر كۈنى غوجايىننىڭ ئاشخانىسىدا تاماق يېيىش ئۈچۈن كەلگەن بىر توپ ساياھەتچىلەر، غوجايىننىڭ: دوكاندا ھاراق ئىچىشكە بولمايدۇ- دېگەن ئەسكەرتىشلىرىگە پەرۋا قىلماي،ھاراق ئىچىشكە باشلىدى.  ئۇلارنىڭ باشتا چىرايلىق باشلانغان سورۇنى   ئاخىرىغا كەلگەندە مېھمانلارئۆز-ئارا    سوقۇشۇش دەرىجىسىگە يېتىپ،ئېڭەكلەر چېقىق،شېرەلەر ۋەيران بولۇپ ،ئاشخانىدا  قىيامەت قايىمى  پەيدا بولۇپ كەتتى .غوجايىن ئۆزى يالغۇز ئۇ ئادەملەرگە تەڭ كېلىپ بولالماي،بىزدەك  بازارچىلارغا  تېلېفۇن قىلغان چېغى.بىز غوجايىندىن كەلگەن ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋىلىپلا ،   ئاشخانىغا قايتىپ كېلىپ،  جودا چىقارغۇچىلار بىلەن بىر مەيدان ئېلىشتۇق.مەن  غوجايىن ئۆزى بىۋاستە قاتناشقان بۇ جودادا  غوجايىننىڭ كۆزىگە ئەتەي  ئىسسىق كۆرۈنۈش ئۈچۈن،  باشقا بالىلارغا ئوخشاش جودا چىقارغۇچىلار بىلەن  ئالدىراپ   مۇشتلۇشۇپمۇ كەتمىدىم.چۇنكى مېنىڭ جۇغۇم كىچىك، جوداغا ئارلىشىپ قالسام  ھارام مۇشت يەپ بۇرنۇمنىڭ بېزى ئېزىلىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى.يەنە بىر ياقتىن كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە  : ئەكبەر  يۇرتقا قاچىدىغان پۇلنىڭ غېمىنى قىلىپ، ئاتا-ئاناڭ بىلەن تىزىراق جەم بولمامسەن -  دېگەن  بىر مەۋھۈم   سوئال مېنى جاۋاب بېرىشكە تېخىمۇ ئالدىراتماقتا ئىدى.  شۇڭا مەن جىدەل  چىقارغۇچىلار  بىلەن  پەرۋاسىزلا ئۇلارنىڭ   سومكا قاتارلىق نەرسىلىرىنى كۆتۈرۈپ قېچىش بىلەن ھەلەك بولدۇم.ئىشلىرىم ھەر ھالدا نەتىجىلىك بولدى.كەچتە غوجايىن بۇ توپىلاڭدا  مېنىڭ ئۈچ دانە يان تېلېفۇن،1500يۈۋەندىن كۆپىرەك  نەق پۇل ئۇلجا ئالغىنىمنى ماقتاپ، بالىلارغا :

-ھە كەلگىندى،مانا ئەندى ئىشنىڭ پەمىنى بىلىپ   قالغاندەك تۇرىسەن.كاللاڭ تۈلكىدەك  سەگەك،كۆزۈڭ  مۈشۈكتەك  سەزگۈر ،پۇت-قولۇڭ تۈلكىدەك چاققان،يۈرۈكىڭ  يولۋاستەك  توم  بولسىلا ، پۇل دېگەن  ئۇ رەڭلىك قەغەز  ئۆز ئايىقى بىلەنلا كېلىۋىرىدۇ -   دېدى  ھەم  غوجايىن مەن ئۆتكۈزگەن پۇللار ئارىسىدىن  بىر پارچە 100يۈۋەنلىك پۇلنى  ئايرىۋىلىپ:

-مۇنۇ پۇل سېنىڭ بۈگۈنكى  چەبدەسلىكىڭگە بېرىلگەن موكاپاتىم بولسۇن دېگىنىچە ،بالىلار ئارىسىدا مېنى ئېغىزى-ئېغىزىغا تەگمەي ماقتاپ  ،ماڭا ھېلىقى 100يۈۋەن پۇلنى  تۇتقۇزۇپ قويدى.

 شۇ ئىشتىن كېيىن  غوجايىننىڭ كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالدىممۇ  ئەيتاۋۇر، ئەندىلىكتە كۆزۈمگە ئۇنچىۋالا كۆپ  كىرىۋالمايدىغان،بازارچىلىق قىلساممۇ ئارقامغا كۆز ئورۇنلاشتۇرۇپ قويمايدىغان بولدى.

مەن شۇ قېتىمقى جودادا كۆتەمىكەشلىك  قىلىمەن دەپ يۈرۈپ،، بۇ غەۋغادا  بولۇنغان  ھېچ بىر  ئىشنى  سەزمەپتىمەن.بالىلاردىن ئاڭلىشىمچە، شۇ كۈندىكى  ئۇرۇش-تالاشتا   قارشى تەرەپنىڭ  بىر ئادىمى نەق مەيداندا ئۆلۈپ،يەنە بىر ئادىمى  ئېغىر يارىلىنىپتىمىش.

مەن شۇ كۈندىن باشلاپ ئەكبەر بىلەن ئاكا –ئېنى بولۈشقا قول بېرىشتىم .مەن كۆڭلۈمدە ئويلىغان ھەر قانداق خىياللىرىمنى ئۇنىڭغا ئېيتاتتىم.ئىش قىلغاندا بىر باشتىن ئىككى باش،ئىككى قولدىن تۆت قول ئەلبەتتە ئارتۇق بولىدىغان گەپكەن . ئىككىمىز  گەپنى  بىر قىلىۋىلىپ،ھەر كۈنى ئوۋدىن چۈشكەن پۇلدىن مەلۇم نىسبەتتە ئايرىۋىلىپ ،كۆۋرۈك ،سۈڭگۈچ ،يەر ئاستى ئۆتۈشمە يوللىرىدىكى مۇقىم ئورنىتىۋەتكەن ئېلان تاختىلىرىنىڭ ئارقىسى...قاتارلىقلارغا  تېقىشتۇرۇپ يۈرۈپ ،يۇرتقا  قېچىشنىڭ جىددى  تەرەددۇتىنى قىلىشقا باشلىدۇق. ئەكبەرنىڭ ئېيتىشىچە  ئوۋدىن تېرىپ –تۆشەپ يىغقان پۇللارنى بانكىدىن كارتا بىجىرىپ ،پۇللارنى شۇ كارتىغا سېلىپ قويساقمۇ بولىدىكەن. بىراق ،ئەكبەرنىڭ  كىملىكىنى ئۇنى يېڭى  كەلگەندىلا  غوجايىن تارتىۋالغاچقا  ئەكبەر  بانكىدىن كارتا بىجىرەلمەيدىكەن.مېنىڭ يېشىم كارتا بىجىرىش يېشىغا تۇشمىغانلىقى ئۈچۈن ، قانۇن ئورۇنلىرى   ماڭا    كىملىك  بىجىرىپ بەرمەيدىكەن.

  بىر كۈنى ئەكبەر بىلەن ئىككىمىز بازارغا   ''ۋەزىپە ئىجىرا قىلىش''قا چىققان  ئەپلىك  پۇرسەتتىن  پايدىلىنىپ، بۇ  چىل بۆرىلەر ئۇۋىسىدىن تەۋەككۈل قىلىپ   قاچقان بولسىاقمۇ   لېكىن ، لاۋبەننىڭ  ''كۆز''لىرى  تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ،  نەچچە كۈنگىچە  ئاش-تاماق ۋە ئۇيقۇسىز  ھالەتتە  ئۆرە تۇرغۇزۇلۇپ،   ئۇيقۇچۇلۇقتا   يىقىلىپ چۈشسەڭ  ،ئۇلار   يۈز –كۆزلىرىمگە تاماكا يېقىپ،بېرىتىۋا بىلەن  يۈز- كۆزلىرىمىزنى   تېلىپ، تېلىنغان ئورۇنغا لازا سۈيى ۋە تۇز سېپىپ   ،بىزنى مىڭ بىر تۆۋىگە  كەلتۈرۈپ ، بۇ   قانخۇر ''غوجايىن '' تەرىپىدىن يەنىلا   ئوغۇرلۇققا سېلىندۇق  .  بۇ قېتىم مەن  بىر   موماينىڭ قول  سۇمكىسىنى ئېلىپ قىچىپ، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ  ،ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا سولاندىم. ''غوجايىن '' ،ساقچىخانىغا   بىر مۇنچە جەرىمانە تۆلەپ،مېنى ساقىخانىدىن   ئېلىپ چىقتى.   ساقچىلار مېنى 3-قېتىم تۇتۇۋالغاندا،غوجايىننىڭ   تۆلىگەن ''جەرىمانە''سىگىمۇ  قويۇپ بەرمەي ،ساقچى تاغىلىرىم   « شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش ئورنى » بىلەن  پائال ئالاقىلىشىپ،مەندىن يۇرتۇمنىڭ   ئادېرىسىنى ئېنىقلاپ، ساقچى تاغىلارنىڭ ياردىمى بىلەن   ،گۇيا ئىتلار كۆرىدىغان بۇ   ''سەرگەردانلىق ھايات ''ىم بىلەن  خۇشلۇشۇپ،سۆيۈملۈك ئاتا-ئانام   بىلەن  يۈز  كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم .

ئەسقەر ماڭا كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىۋىتىپ، ئۇزۇنغىچە ھىقىقداپ  يىغلاپ كەتتى.

                *              *               * 

مەن مەن سۈھبەتلىشىش جەريانىدا،سىنچى كۆزلۈرۈم بىلەن ئۇنىڭ يۈز-قوللىرىغا  نەزەر سالدىم. ئۇنىڭ   يۈز-كۆز،  پۇت-قول ۋە بەدەنلىرىنى    رۈشەن  تارتۇق ئىزلىرى   قاپلاپ كەتكەن بولۇپ، قاباھەتلىك كەچمىشلەر بىلەن تولغان  بۇ ئىزلار،  سەبى ئۆسمۈرنىڭ   قان-ياشلىق ھاياتىغا  ئۇرۇلغان   ئاچچىق قىسمەت  تامغىسى ، پۇل ئۈچۈن  ئاتا-ئانىسىنىمۇ سېتىشتىن يانمايدىغان بۇ  بىر ئۇچۇم  ئادەم قېلىپىدىن چىققان ئىبلىسلارنىڭ  نارسىدە بالىلارنى كىشىلەرنىڭ پۇل ۋە ماددى بۇيۇملىرىنى ئوغۇرلاش ۋە بولاشقا كۈشكۈرتكەنلىگىدىن ئىبارەت  ۋەھىشيانە ھەرىكەتلىرىنىڭ پولاتتەك پاكىتى ئىدى ...

2-خەت
    دۇستۇم ئابدۇللا ،سەن  توغرىسىدا  تېخى ئۆسمۈرلۈك يېشىغىمۇ     تولمىغان بىر سەبىينىڭ قان-ياشقا تولغان ھاياد سەزگۈزەشتىلىرىنى ئۆز قولىقىم بىلەن بىۋاستە    ئاڭلاۋاتقاندەك  بولدۇم.سەن دەسلەپتە ئىچكىرى ئۆلكە بازارلىرىدا ئۆقەت قىلىش ئۈچۈن ئاتلانغاندا نېمە دەپ ئەقىدە قىلىپ ماڭغان بولغىيتىڭ؟ھېلىقى سەبىينىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە سەن دەسلەپتە كاۋاپچىلىق كەسپىنى باشلىغاندا،    توغرا نىيەت  بىلەن  ئوقەت  قىلغاچقا ،خېرىدارلىرىڭ كۈندىن-كۈنگە كۆپۈيۈپ،سوداڭمۇ ئۇبدان يۈرۈشۈپ، ئالىدىغان پايداڭمۇ بىرگە بىر ھەتتا بىرگە ئۈچ  بولۇشقا باشلاپتۇ.سەن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن  كېيىن ،پۇل دېگەن مېھرى ئىسسىق نەرسە  نېرۋىلىرىڭنى  بوزۇشقا باشلىدىمۇ، ئوقىتىڭ  مەلۇم مەزگىلگە قەدەم باسقاندىن كېيىن،سېنىڭ ئىنسابىڭ ئىگىرىش چاقىدىن چىقىپ كەتكەن تانىدەك يىپ تاشلاپ،ئوقىتىڭ ھە دېدى كەينىگە دەسسەپ،ئىشلىرىڭ بولجىماس بولۇپ قاپتۇ.سەن ئوقەتكە ھارامنى ئارلاشتۇرۇشقا باشلغاندىن تارتىپلا،چوپقەتلىرىڭ تېزىپ،كاۋابدان ئالدىدا چېۋىن قۇرۇپ ئولتۇرۇشقا باشلاپسەن.بۇ جىنايەتكار قلمىش ئىدى .بۇ  قەدىمقى «يىپەك يولى»نىڭ مۇھىم ئۆتەڭلىرىنىڭ بىرى بولغان  شىنجاڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى تائاملىرىنىڭ بىرى بولغان  قوي گۈشى كاۋىپىنىڭ كورسىنى چۈشۈرگەنلىگىڭ ئىدى.بۇ  ماھىيەتتە دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي چىگىرىسى  شىنجاڭدىكى  ھەر مىللەت مۇسۇلمان   ئاممىسىنىڭ تارىختا ياراتقان  بۇيۇك تائام مەدەنىيەت سەلتەنىتىنى   ئاياق-ئاستى قىلغانلىقىڭدىن ،مىللەتنىڭ دۆلەت ۋە خەلق ئارادىكى يۈكسەك ئىززەت-ئابىرۇيىنى  چۈشۈرگەنلىكڭدىن،   ئەجدادلىرىمىز ياراتقان بۇيۇك« يىپەك يولى» تائام  مەدەنىيىتىگە قىلىنغان ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە قەبىئى ھاقارەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.

                    3-خەت

   ئەتتىگەندە  ئىشخانىدا  ئالدىراش ئىشلەۋاتسام،ئىدارىنىڭ خەت-چەك باشقۇرۇش خادىمى   بىر پارچە ئالاقىنى  ماڭا  تۇتقۇزۇپ، قولىدىكى    ''خاس خەت-چەكلەرنى تاپشۇرىۋېلىش گىراپىسى''غا    ئىمىزايىمنى قويدۇرىۋىلىپ  چىقىپ كەتتى .

   ئالاقىغا كۆز يۈگۈرتىكىدەك بولسام ،  بۇ   سۇد مەھكىمىسىنىڭ بىر قېتىملىق  ئۇچۇق ئېچىلىدىغان  سود يىغىنىغا قاتنىشىپ بېرىش توغرىسىدىكى  چاقىرىقى ئىكەن .  مەن ،ھەي  بۇ قانداق ئىش بولۇپ كەتتى - ھە  دېگىنىمچە، خىياللار دېڭىزىغا غەرق بولۇپ بىر ھازا ئولتۇرۇپ كەتتىم.  مەن    بىراۋلار   بىلەن قىلغان   ئالاقىلىرىمدا    ،  يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىدىغان،ئىشنىڭ ئالدى-ئارقىسىنى دەڭسەپراق قىلىدىغان پىيازراق  مىجەزىم بار ئادەم ئىدىم  .شۇڭىلاشقا  خىزمەتكەقاتناشقان   20يىلدىن بۇيان ، پىرىنسىپلىق مەسىلىلەردە خاتالىق سادىر قىلماي،  يولداشلار   بىلەن ئىناق ئۆتۈپ،  خىزمەتنىمۇ بىر   ئۇبدان  ئىشلەپ كېتىپ باراتتىم.

قولۇمدا تۇرغىنى  بىرەر  كىنو-تىياتىرخانىنىڭ  قويۇلىدىغان   ئۇيۇننىڭ  كۈتۈۋېلىش بېلىتى ، رېستورانلاردا ئۆتكۈزىلىدىغان توي-تۈكۈن،  نەزىرە –چىراغ باغىقى  ياكى بىرەر تونۇشۇمنىڭ مەسىلىھەت چېيى  باغقى بولماستىن بەلكى ،   ئەل ئارىسدىكى قانۇنغا  خىلاپ ھەرىكەتلەرنى  دۆلەتنىڭ ئالاقدار   قانۇن-تەرتىپلىرى   بۇيىچە بىر ياقلىق قىلىدىغان، دۆلەت قانۇنىنىڭ   دىكتاتۇرىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىدىغان بىر    فۇنكىسىيىلىك  تارمىقىنىڭ  بۇيرۇق خاراكتىرلىك  چاقىرىقنامىسى تۇرسا ،مىنىڭ   بارماسلىققا    نېمە   ھەددىم بولسۇن  ؟!

مەن سود يىغنىعا  چاقىرىقتا يېزىلغان   ۋاقتىقا دەل  ئۆلگۈرۈپ بېرىپ،بەلگىلەنگەن ئورۇندا  ئولتۇردۇم .  ئۆزۈمنىڭ نېمە ۋەجىدىن بۇ ئۇچۇق  سود يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقمنىڭ سەۋەبىنى  بىلىپ بولالماي ،سوغۇق تەرگە چۆمۈلگىنىمچە ،ئاقتا ئاتلاردەك     مەيۈس  قىياپەتتە ، دېھققىتىمنى  سود يىغىن قاتناشچىلىرىغا  ئاغدۇردۇم .سود يىغىنىغا قاتناشقانلارنىڭ كۆزلىرى خۇددى  ماڭىلا قاراۋاتقاندەك    تۇيۇلۇپ كەتتى  .مەن ئەتىراپىمغا تەكشى نەزەر سېلىۋىتىپ،تۇيۇقسىز  توپ ئىچىدىن   سېنىڭ  ئايالىڭنىڭ  سىماسىنى كۆرۈپ ،بىردىنلا چۇچىگىنچە :ۋۇي بۇ  ئابدۇللانىڭ ئايالى سود يىغىنىدا نېمە ئىش قىلىدىغاندۇ –دەپ ئويلاپ،   سېنىڭ   ئايالغىڭغا  قارىدىم . ئايالىڭ  ئىھتىمال يىغلىغان بولسا كېرەك .  باش ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن كۆز ياشلىرىنى ھە دەپ سۈرتىۋاتقاندەك قىلاتتى. ..

         *                 *              *

 سود يىغىنى  ئۆز  قەرەلىدە باشلاندى. ئۇچۇق سود قىلىنىدىغان جىنايەتچى   سود مەيدانىعا ئېلىپ كىرىلگەندە مەن ئۇنى كۆرۈپ،    ھەيرانۇ-ھەس بولغىنمىدىن كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم.كۆرىۋاتقىنىم باشقا بىراۋ  ئەمەس بەلكى   سەن    ئىدىڭ ...

 مەن  ئىككىمىزنىڭ  كۆزلىرىنىڭ    ئۇچۇرۇشۇپ  قىلىشىدىن  ھەزەر ئەيلەپ ،بىشىمنى قەستەن سېلىپ ئولتۇرىۋىلىپ،  ئىمكانىيەتنىڭ  بارىچە چىرايىمنى  ساڭا  كۆرسەتمەسلىككە تىرىشتىم.

سود ھۆكۈمىدىن تۆۋەندىكىلەردىن خەۋەر تاپتىمكى ،سەن  80-يىللارنىڭ  ئاخىرلىرىدا بالا –چاقىلىرىڭنى  تاشلىۋىتىپ،     ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە  يېمەكلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللۇنۇشقا كەتكەندىن بۇيان ،  سەن ئېچىۋىتىلگەن دېڭىز بۇيى رايۇنلىرىدا   شىنجاڭنىڭ ئەنئەنۋى  تائامى قوي گۈشى  كاۋىپى  سېتىشنى دەستەك قىلىۋىلىپ،ماھىيەتتە  نارەسىدە بالىلارنى ئوغۇرلۇققا سېلىش،زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى ئېلىش –سېتىش،چېكىش … ، قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ،ئىككى ئادەمنىڭ بىھۇدە  ئۆلۈپ  كېتىشى ،(ئۇنىڭ ئىچىدە بىر نەپىرى  نارسىدە بالا ) تۆت نەپەر سەبىينىڭ   ئوغرىلىق قىلىۋاتقان نەق مەيداندا كىشىلەرنىڭ    قاتتىق ئۇرۇشى  سەۋەبىدىن بىھۇدە  مېيىپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىڭدەك  ئىنسان قېلىپدىن چىققان  جىنايى قېلمىشلىرىڭنى     ئاڭلىغىنىمدا  قولىقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم .كۆزلىرىم سېنى خاتا كۆرۈپ قالغانمىدۇر –دەپ شۈبىھلەندىم…

باش سۇدچىنىڭ  ساڭا بېرىلگەن سود ھۆكۈمىنى ئاڭلىغىنىمدا قولاقلىرىم خاتا ئاڭلاپ قالمىغاندۇ –دېگەن  ئوي بىلەن، سودچىلارنىڭ ھەر بىر يىغىن قاتناشچىلىرىغا تارقىتىپ بېرىۋاتقان سود ھۆكۈمى تەشۋىقاد ماتېرىيالىغا كۆز يۈگۈرۈتۈشكە باشلدىم.  
ساڭا بېرىلگەن  جازا ھەپسىلدە مۇددەتسىز يېتىشقا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىڭ ھەققىدىكى قۇرلانى ئوقۇۋاتقىنىمدا ،  ساڭا بولغان غەزەپ-نەپىرىتىم    غايىبتىن كەلگەن  ئوقتەك    شىددەت بىلەن ئېتىلىشقا باشلىدى...  

بۈگۈر ناھيە باغۋەنچىلىك مەيدان باشلانغۇچ مەكتىپىدىن:

تۇردى ئىسرائىل
2012-يىل فېۋرال .بۈگۈر
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-03, 22:57
تۇردى ئىسرائىل
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-08-03 20:30 |
hanuyghur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8334
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 99
شۆھرەت: 651 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 693 سوم
تۆھپە: 399 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 441 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 232(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

80-يىللاردا تېلفۇن ئېشلەتكەنما؟
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-03 23:18 |
mosapir
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9308
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 61
شۆھرەت: 430 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 430 سوم
تۆھپە: 234 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 234 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 64(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇرادەر ،مۇشۇ ئاي-كۈنلەردىمۇ يۇرتىمىز شىنجاڭدىن يۇشۇرۇن يوللار بىلەن  نارسىدىلەرنى ئوغىرلاپ،ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئاۋات شەھەرلەردە ئوغىرلىق،بولاڭچىلىق قىلمىشلىرىغا سېلىپ،يۇرتىمىزنىڭ ،ئۇلۇغ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ، سەلتەنەتلىك  تارىخمىزدىكى «يىپەك يۇرتى»نىڭ شانلىق ئۇبىرازىغا داغ تەككۈزىۋاتقان بىر قىسىم ئادەم بىدىكلىرىنى ئەستىن چىقارمىغايسىز.
يۇرتىمىزغا تېلېفۇن،...دېگەنلەر كەلگىلىمۇ خېلى ئۇزۇن  يىللار بولۇپ قالدىغۇ؟!
ئاپتۇردىن.
تۇردى ئىسرائىل
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-04 13:18 |
hanuyghur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8334
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 99
شۆھرەت: 651 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 693 سوم
تۆھپە: 399 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 441 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 232(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇرادەر ،بالا ساتقان كالا ساتقانلىنى ئېسىمگە سالغىنىڭغا كۆپ رەھمەت
مەن بۇ يازمىنىڭ ئىدىيىسىنى بىرنىمە دىمىدىم،بىراق ھەر قانچە بولسا ئادەم بىر سائەت ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ ئوقىغانغا چۈشلۈك چانداماي ئالدىمامدۇ دەيمەن!
80-يىللارنىڭ ئاخىرى شەھەرلەردە چاقىرغۇ ئومۇملاشقان،90-يىللارنىڭ باشلىرى يېزىلارغا كۆچتى،تېلفۇن ئومۇمىي يۈزلۈك ئومۇملاشقىلىمۇ ئالدى كەينى بوپ 10 يىلچە بولدى،2000 يىلنىڭ باشلىرغىچە يېزىلاردا يانفۇن تۈگۈل مۇقۇم تېلفۇنمۇ يامان تەستە تېپىلاتتى،يالغانمۇ-يا؟؟؟
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-04 15:27 |
mosapir
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9308
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 61
شۆھرەت: 430 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 430 سوم
تۆھپە: 234 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 234 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 64(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇرادەر ،ئەدەبىي ئەسەرلەردە تەسۋىرلەنگەن دىتاللارنىڭ بىۋاستە تۇرمۇشتىن ئېلىنىدىغانلىقىنى ،ئۇنىڭ    تۇرمۇشتىن يۇقىرى تۇرىدىغانلىقىنى ھەمىدە   بەدىئى تۇقۇلما ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمىغايسىز!
simfoniya
تۇردى ئىسرائىل
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-04 21:27 |
mustapha
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8734
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 103
شۆھرەت: 562 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 562 سوم
تۆھپە: 327 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 330 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 83(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش مۇساپىر، ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ چىقىش جەريانىدا مەنمۇ بىرقاتار زىددىيەتلىك جايلارنى بايقىدىم. خان ئۇيغۇر ئېيتقاندەك، 80-يىللاردا يېزىلاردا نېمىش قىلغان تېلېفون؟ يېزىلاردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پوچتىخانىدا ئۆچىرەت تۇرۇپ تېلېفون ئۇرغان زامانلاردىن خەۋىرىڭىز يوق ئوخشىمامدۇ؟ يەنە كېلىپ ئەسەردە تىلغا ئېلىنغىنى يانفون!!! بۇ بىر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان بايان. يەنە بىرى ئەسەردىكى «مەن»نىڭ دوستىنىڭ بالىسىنىڭ قولىغا «شارتتىدە» قىلىپ يۈز سوم پۇل تۇتقۇزغانلىقى. بۇ ۋەقە تەسۋىرلەنگەن ۋاقىت 90-يىللارغا توغرىلىشىدىكەن، بىلىشىمچە ئۇ يىللاردا كىشىلەرنىڭ مائاشى ئۇنچىۋالا يۇقىرىمۇ ئەمەس، نۇرغۇن مائاشلىقلار ھېيت-ئايەملەردە ئۆزىنىڭ بالىسىغىمۇ يۈز سومنى شارتتىدە سۇغۇرۇپ بېرەلمەيدىغان چاغلار تۇرسا، ئەگەر ئۇ ۋەقەلىكنىڭ ۋاقتى 2000-يىلدىن بۇيانقى ۋاقىت بولغان بولسا ئۇ باشقا گەپ بولاتتى.
    سىز ئۆزىڭىز «ئەدەبىي ئەسەرلەردە تەسۋىرلەنگەن دىتاللارنىڭ بىۋاستە تۇرمۇشتىن ئېلىنىدىغانلىقىنى» دەپسىزيۇ، ئۆزىڭىز ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلىكنىڭ تۇرمۇشقا، بولۇپمۇ شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر تۇرمۇشىغا ئۇيغۇنلاشمىغانلىقىنى تەن ئالماپسىز. ئەگەر «بۇ دېگەن توقۇلما» دەپ تۇرىۋالىدىغان ئىشىڭىز بولسا بىراقلا فانتازىيىلىك ئەسەر قىلىپ يېزىڭ، بىزمۇ «ھە، بۇ دېگەن توقۇلمىغۇ» دەپ ئوقۇۋېرەيلى.
    يەنە شۇ سەمىڭىزدە بولسۇن: تەنقىت ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىت قىلىش ئىلگىرىلەشكە پايدىسى بولسا باركى، زىيىنى يوق؛ ئەكسىچە تەنقىتنى ئەكس مەنىسىدە چۈشىنىۋېلىش ۋە تەنقىتتىن ئۆزىنى ئېپقېچىش بولسا مۇقەررەر چېكىنىش ۋە مەغلۇبىيەتكە باشلايدۇ.
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-07 04:09 |
mosapir
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9308
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 61
شۆھرەت: 430 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 430 سوم
تۆھپە: 234 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 234 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 64(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇرادەر،ئىنكاستا دېيىلگەن گەپ-سۆزلەرنى ھازىرچە توغرا دەپ تۇرايلى.تەۋىسيەرىم:ئەسەرنىڭ مەركىزى ئىدىيىسىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ،ئەسەرنى قايتا -قايتا ئوقۇپ، ئانالىز قىلىپ كۆرگەيسىز .
simfoniya
تۇردى ئىسرائىل
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-14 13:31 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » مەشھۇر شەخسلەر