saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 9048 قېتىم كۆرۈلدى
imar
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5789
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 204
شۆھرەت: 1793 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1845 سوم
تۆھپە: 943 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 963 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1183(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 «كىرورەن»دۇچ كەلگەن 81مۇشكىلات

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-08-05)
ئەدەبى ئاخبارات

نۇرمۇھەممەت توختى



1. «مىللىي بۇرژۇئازىيە»نىڭ ئېنىقلىمىسى



        ئوتتۇرا مەكتەپتە سىياسەت دەرسى ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچۇم «دەللال بۇرژۇئازىيە» نى باشقا يۇرت ۋە باشقا ئەللەردە ياسالغان سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى يۆتكەپ سېتىپ باي بولغانلار دەپ، «مىللىي بۇرژۇئازىيە»نى ئۆز يۇرتى ۋە ئۆز ئېلىدىكى خام ئەشيالارنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، سانائەت مەھسۇلاتلىرىغا ئايلاندۇرۇپ باي بولغانلار دەپ چۈشەندۈرگەن. ماۋجۇشى جۇڭگو جەمئىيىتىنى سىنىپلارغا بۆلگەندە «دەللال بۇرژۇئازىيە»نى دۈشمەن قاتارىغا، «مىللىي بۇرژۇئازىيە»نى ئىتتىپاقداشلار قاتارىغا تىزغان. ئەگەر بىز ماۋجۇشىنىڭ نېمىشقا ئاشۇنداق ھۆكۈم قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى تەھلىل قىلىشقا كىرىشىپ كېتىدىغان بولساق، گەپ بەكلا ئۇزىراپ كېتىدۇ. بىزگە كېرىكى، پەقەت ئاشۇ ئىككى خىل «بۇرژۇئازىيە» توغرىسىدىكى ئېنىقلىمىلا خالاس. ۋاھالەنكى ھازىر ئېلىمىزدە «بۇرژۇئازىيە»يوق. ئۇلار ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشنىڭ تۈرتكىسىدە «ھالال ئىشلەپ، ئۆز قان – تەرى بەدىلىگە باي بولغان» دەپ قارىلىدۇ. بۇ قاراش بويىچە ھازىرقى جۇڭگو بايلىرىنى «دەللال بۇرژۇئازىيە» ۋە «مىللىي بۇرژۇئازىيە» دەپ سىنىپلارغا ئايرىش خاتا بولىدۇ. ئەمما پارا يېمەي ياكى دۆلەت كارخانىلىرىنى ھۆددىگە ئېلىۋالماي تۇرۇپمۇ باي بولغانلارنى يۆتكەپ سېتىش سودىسى بىلەن باي بولغانلار ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش ھەرىكىتى بىلەن باي بولغانلار دەپ ئايرىش خاتا بولۇشى ناتايىن.
         ئەمەلىيەتتە ئالدىنقىسى دەللال سودىگەرلەر، كېيىنكىسى خۇسۇسىي كارخانىچىلاردۇر. بىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاز بولسىمۇ باي بولغانلار ئىچىدە ئاشۇ ئىككى خىل تەبىقە ھەر ھالدا مەۋجۇت. ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، بۇرۇنقى رامكىلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەڭ دەسلەپ ئاتۇشلۇقلار دەللال سودىگەرلىك يولىغا قاراپ ماڭدى. باشقا يۇرتلۇقلار ئەگەشتى. كېيىنچە غۇلجىلىقلار ئېچىۋېتىلگەن چېگرا ئېغىزلىرىغا يېقىن بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، چېگرا ھالقىغان سودىغا تۇتۇش قىلىپ خەلقئارا دەللالغا ئايلاندى. بۇنىڭدىمۇ باشقا يۇرتلۇقلار ئەگەشتى. مەيلى ئىچكى دەللاللار ياكى خەلقئارا دەللاللار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى باشقىلارنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى پۇل قىلىپ بېرىش ئەۋزەللىكى بولسا، ئارىدىن پايدا ئېلىپ مەبلەغ جۇغلاشتا ئىپادىلىنىدۇ.

      خەلقنىڭ جىددىي ئېھتىياج، زۆرۈرىيىتىنى قامدىشى ئۇلارنىڭ تۆھپىسى، ئەمما خەلقنىڭ يەنە بىر ئېھتىياجى ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان خام ئەشيالارنى ئۆز جايىدا سانائەت مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرۇش ئارزۇسىغا سەل قارىغانلىقى دەللال سودىگەرلەرنىڭ يېتەرسىزلىكى ھېسابلىنىدۇ. ھازىرغىچە دەللال سودىگەرلىك بىلەن بېيىغانلاردىن بىرەرسىنىڭ دەللاللىقتىن ھالقىپ كارخانىچىلىققا يۈرۈش قىلىپ دەللال سودىگەرلىك بىلەن جۇغلىغان مەبلىغىگە تايىنىپ، ئۆز يېرىدىكى خام ئەشيالارنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان كارخانا قۇرغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىلمىدى ياكى بىز ئۇنداق خەۋەرنى ئاڭلىمىدۇق. ۋاھالەنكى، دۇنيانىڭ ئىشلىرى دەللال سودىگەرلەرنىڭ قولىغا قاراشلىق ئەمەس. ئۆز يۇرتىنىڭ، ئۆز خەلقى ئىشلەپ چىقارغان خام ئەشيالارنى پۇلغا ئايلاندۇرۇشقا ياردەم بېرىشنى خالايدىغان، ئۇلارنى سانائەت مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرۇپ، خەلقىمىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامداشنى ئويلايدىغان ئەزىمەتلەر ھەممە يەردىن تېپىلىدۇ. مانا بۇلار ئەنە شۇ دەللال سودىگەرلەرنىڭ قارشى تەرىپىدىكى مىللىي كارخانىچىلاردۇر.مىللىي كارخانىلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا ۋە ئۇلار ئاز بولمىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بۇنى بىز مەتبۇئاتلاردىن ۋە رادىئو – تېلېۋېزىيىلەردىكى مەھسۇلات ئېلانلىرىدىن كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. «ئارمان»، «ئامىنە»، «گۆھەر زېمىن»، «كروران» ۋە باشقىلار شۇ جۈملىدىندۇر. بۇ يەردە شۇنى ئەسكە ئېلىپ ئۆتۈش كېرەككى، مەتبۇئات ئادىلدۇر. مەتبۇئاتلىرىمىزدا مىللىي كارخانىچىلار دائىم تونۇشتۇرۇلۇپ تۇرۇلدىكى، دەللال سودىگەرلەرنىڭ خەير – ئېھسانلىرىدىن باشقا پائالىيەتلىرى تىلغا ئېلىنمىدى. ئەكسىچە مىللىي كارخانىچىلار ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، پۇل تاپالماي ۋەيران بولغاندىمۇ، ھېسداشلىق سادالىرى ياڭراپ تۇردى. بۇنىڭ سەۋەبى دەللال سودىگەرلىك بىلەن كارخانىچىلىقنىڭ قىممىتىدە. ئالدىنقىسى گەرچە جىددىي ئېھتىياجنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا كەمسىتىلىشكە دۇچار. كېيىنكىسى بولسا، دائىم ۋە ھەر جايدا ئالقىشقا مۇيەسسەر. خەلقنىڭ كۆڭۈل رايى دېگەن مانا شۇنداق. بۇنى مەمۇرىي بۇيرۇق بىلەن ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. خەلقىمىزدە «پۇل تاپقۇچە، يۈز تاپ» دېگەن ماقال بار. دەللال سودىگەرلەرنىڭ شۇنچە پۇللۇق تۇرۇپمۇ ئابرۇيغا ئېرىشەلمەسلىكىدىكى سەۋەب كۆپ خىل بولۇشى مۇمكىن. قايسىبىر يىلى داڭلىق مۇقامچى ئابدۇللا مەجنۇن ئۇلارنى «پۇلدىن باشقا ھېچنېمىسى يوق نامراتلار» قاتارىغا تىزغان. بەلكىم يۈز – ئابرۇي دېگەن پۇلغىلا باغلىق بولمىسا كېرەك. ۋاھالەنكى، دەللال سودىگەرلەرگە قارىتىلغان «دەللاللىق قىلىدۇ»، «ئالدامچىلىق بىلەن پۇل تاپىدۇ»، «پۇرسەتپەرەسلىك قىلىدۇ» دېگەن باھالار ئادىل بولۇشى ناتايىن. ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىگىلى بولماس. بىر كۇلا ھەممە قەلەندەرنىڭ بېشىغا خوپ كېلىۋەرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ بازار ئەھۋالىنى دەڭسەش، مال تاللاش، مال يۆتكەش جەريانىدا تارتقان جاپالىرى، بىر تىيىن ئۈچۈن كۆيۈپ – پىشىپ تالىشىشلىرى نەزەردىن ساقىت قىلىنسا، دىيانەتلىكلىرى نائىنساپلىرى بىلەن بىر تاياقتا ھەيدەلسە ئۇۋال بولىدۇ. ئەمما خەلقنىڭ مىللىي كارخانىچىلارغا بەرگەن باھالىرى ھېچقاچان خاتا بولۇپ باقمىدى. ئىزچىل ھېسداشلىق ۋە قوللاش پوزىتسىيىسىدە بولۇپ كەلدى. بۇ يەردە ئاشۇ پوزىتسىيە بىلەن تىلغا ئالماقچى بولغىنىمىز ئاشۇ مىللىي كارخانىچىلار ئىچىدىكى «خوتەن كروران گىرىم بۇيۇملىرى زاۋۇتى» ۋە ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى ياش يىگىت ئابدۇۋەلىدۇر.

2.. يېڭى تۇغۇلغان موزاي يولۋاستىن قورقماس

          ئارزۇ ئېھتىياجنىڭ كۆڭۈلدىكى شولىسى. ئېھتىياج قانداق بولسا، ئارزۇ شۇنداق بولىدۇ. ئىنساننىڭ ئوزۇقلىنىش، شەھۋەت، قەدىرلىنىش، مال – مۈلۈك، سالامەتلىك، گۈزەللىك، مۇكەممەللىك قاتارلىق تۈپ ئېھتىياجلىرى ئۇنىڭ ئارزۇسىنى بەلگىلەيدۇ. ئوزۇقلىنىش، مال – مۈلۈك، سالامەتلىك قاتارلىق ئىپتىدائىي ئېھتىياجلىرى قانائەت تاپقان ئەھۋالدا قەدىرلىنىش، گۈزەللىك، مۇكەممەللىك قاتارلىق يۇقىرى ئېھتىياجلىرى ئۈستۈن ئورۇنغا ئۆتىدۇ ۋە شۇلارغا ئائىت ئارزۇلىرى كۆپىيىشكە باشلايدۇ. ستۇدېنت ئابدۇۋەلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا بۇنى ئېنىق ھېس قىلدى. قورسىقى تويغان، كىيىمى پۈتۈنلەشكەن ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدىكى خوتۇن قىزلارنىڭ گۈزەللىك ئېھتىياجلىرى ئۈستۈن ئورۇنغا ئۆتكەن، ئۇلار تەقى – تۇرقىنى، قانات – قۇيرۇقىنى تۈزەشكە كىرىشكەنىدى. كوچا – رەستىلەردە گىرىمخانا، ھۆسن تۈزەش ئورۇنلىرى قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇراتتى. دۇكان، ماگىزىنلارنى چەت ئەلنىڭ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ پەرداز بۇيۇملىرى قاپلاپ كەتكەنىدى. ئەمما ئاشۇلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن، ئۇيغۇرچە ماركىسى، ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشى بار پاكىزلىق بۇيۇملىرى، گىرىم بۇيۇملىرى يوق ئىدى.ئەمدىلا 20 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئابدۇۋەلى غەلىتىلىك ھېس قىلدى. مەۋجۇت ھالەت ئۈستىدىن ئۆكتە قوپۇش ياشلارنىڭ ئالاھىدىلىكىغۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ گىرىم بۇيۇملىرى، ئۆز پاكىزلىق بۇيۇملىرىنىڭ يوقلۇقى ئۇنىڭ ئەقلىگە سىغمىدى. «نېمىشقا يوق؟» نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە خەلقىمىزدە ئاي يۈزلۈك، قۇياش كۆزلۈك ئانىلىرىمىزدا، سۇمبۇل چاچلىق، قىرىق كوكۇلۇلۇق ھەدە – سىڭىللىرىمىزدا، نوچىلىقتىن ئوت چىقىرىدىغان بوز يىگىتلىرىمىزدە گىرىم قىلىش مەدەنىيىتى شەكىللەنمىگەن بولغىدىمۇ؟ سىم بۇرۇتلۇق، بومبا ساقاللىق ئاتىلىرىمىز جەڭگە چىققان چاغلىرىدا ساقال – بۇرۇتلىرىنى نېمە بىلەن بويىغان بولغىدى؟ پاكىزلىقنى ئىمان جۈملىسىدىن ھېسابلايدىغان خەلقىمىزدە سوپۇن ئىشلىتىش ئومۇملاشمىغان بولغىمىدى؟ ئاشۇ ھورداق، ھاممام، ھور مۇنچىلارنى كەشپ قىلغان بوۋىلىرىمىز ھور مۇنچىدا قايسى سوپۇننى ئىشلەتكەن بولغىدى؟ «ئاناڭنى ئاتاڭغا پەردازسىز كۆرسەتمە» دېگەن تەمسىل بارغۇ بىزدە؟ نېمە بىلەن پەردازسىز كۆرسەتمىگەن بولغىدى؟ تىرناقلىرىنى، ھۆسن – چىرايىنى قانداق ئاسرىغان بولغىدى؟… ئابدۇۋەلى ئەنە شۇنداق ئويلايتتى. ئۆزىگە سوئاللار قوياتتى.ئەمما سوئاللارنى يېشىشكە كۆپ ھەرەج كەتمىدى. نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى مۇشۇ مىللىي تۈركۈمنىڭ جىسمانىيىتىنى، تەقى -تۇرقىنى، ھۆسن – جامالىنى، قەلب – روھىنى ئەملەپ، قوغداپ كەلگەن ئۇيغۇر تېبابىتى ئىلمى ئۇنىڭغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەردى. تەتىلدە ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەن ئابدۇۋەلىگە خوتەن ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى ۋە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئالىي تېخنىكومىدىكى ئابلىمىت يۈسۈپ داموللا ھاجىم، خوۋا باھاۋىدىن ھاجىم، باقى ھاجىم قاتارلىق ئەللامىلەر سىياداننىڭ، ئوسمىنىڭ، خېنىنىڭ، سۈرمىنىڭ، جىگدە يېلىمىنىڭ، تۈرلۈك مېغىزلارنىڭ، سۈت، قېتىقلارنىڭ، گۈل – چېچەكلەرنىڭ، مۈشكى – ئىپارلارنىڭ كارامىتىنى سۆزلەپ بەردى. ئوھوي! بار ئىكەن: چاچنى بوستان، قاشنى قىياق، كىرپىكنى ئوقيا، كۆزنى چولپان، لەۋنى جىنەستە، تىرناقنى ئوتقاش قىلغۇدەك خۇرۇچلار بار ئىكەن. تېرىنى، ھۆسن – جامالىنى ئاققاشتەك سۈزۈك، ئالمىدەك رەڭدار، پاقلاننىڭ دۈمبە يېغىدەك يۇمران، يۈرەكتەك ئىسسىق قىلغۇچى خۇرۇچلار بار ئىكەن. ۋۇجۇدۇڭنى خۇش پۇراق كانىغا ئايلاندۇرغۇچى خوتەن قىزىل گۈلى، خوتەن مۇشكى – ئىپارى بار ئىكەن. گۇلاپلار، مەلھەملەر، مايلار بار ئىكەن. توقاچ سوپۇنلار، گۈلى سوپۇنلار بار ئىكەن…تېۋىپ ئاخۇنۇملار ھېكايە قىلىشتى: ئىپارخان تۇتقۇن خانىش بولغاندىن كېيىن ئاستانىدە تۇرۇشنى خالىماپتۇ. سەۋەبى، ئۇنىڭغا ياقىدىغان، ئۇنى گۈزەللەشتۈرىدىغان، ئۇنى خۇش پۇراق قىلىدىغان ئاشۇ نەرسىلەر ئۇياقلاردا يوق ئىكەن. ئىپارخاننىڭ سولاقتىكى ۋۇجۇدى يەنىلا يىراقتىكى ئۆز ماكانىغا ئوسمىزارلىقلارغا، جىگدىزارلىقلارغا، قىزىل گۈللەر ھۆپپىدە ئېچىلىپ تۇرىدىغان گۈلزارلىقلارغا تەلپۈنىدىكەن. شۇ ۋەجىدىن جىگدە كۆچۈرۈش يارلىقى چۈشۈرۈلۈپ «جىگدە يېغىلىقى» يۈز بېرىپتۇ. نەچچە مىڭ ئادەم ئۆلۈپتۇ….مانا كۆردىڭىزمۇ؟ ھەدە – سىڭىللىرىمىز تۇتقۇن – قەپەسلەنگەن ھالەتتىمۇ ھۆسن تۈزەشنى، چاچ كوكۇلىنى ئاسرىغۇچى جىگدە يېلىمىنى، خۇش پۇراق تارقاتقۇچى جىگدە چېچىكىنى ئۇنتۇماپتۇ. ئەمدى نېمە بولدى؟ گۇمران بولغان ئەۋلادلار ھەممىنى ئۇنتۇپ كەتتىمۇ؟ ئاشۇ خۇرۇچلاردىن ھۆسن ئاسرىغۇچى، پاكىزلىغۇچى گۇلاپلار، مەلھەملەر، مايلار، توقاچ سوپۇنلار، گۈلى سوپۇنلار ياساشنى ئۇنتۇشمىغان بولسىمۇ، ئۇنى سانائەت مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرۇپ بازارغا سېلىشنى ئويلاشماپتۇ. بازارلاردا ماگىزىن، دۇكانلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز گىرىم بۇيۇملىرى، ئۆز پاكىزلىق بۇيۇملىرىنىڭ يوقلۇقى شۇ سەۋەبتىن ئىكەن…ئابدۇۋەلىنىڭ يۈرىكىگە ئوت كەتتى. ھۆسن تۈزىگۈچى خۇرۇچلارنى كۆكتات بازىرىغا ئەكېلىپ ۋارقىراپ سېتىشنىڭ ئورنى يوق. تەييار مەھسۇلات بولسا خەلقىمىز ئۆز گىرىم بۇيۇملىرىمىز ۋە ئۆز پاكىزلىق بۇيۇملىرىمىزنى ئىشلەتسە، ئىشلىتىۋېتىپ ئۆزلۈك تۇيغۇسىنىڭ قايناملىرىدا ئۈزسە، ئاھ، بۇنىڭدىنمۇ ئېسىل ئىش بولاتتىمۇ؟ ئۆزىنىڭ ئۆزىگە يارىشىدۇ. چەت ئەلنىڭ جۇڭگوغا، ئىسسىق رايوننىڭ سوغۇق رايونغا، نەم رايوننىڭ قۇرغاق رايونغا يارىشارمۇ؟ «ئۆزىنىڭ ئۆزىگە يارىشىدۇ» دەپ بىكار ئېيتىشمىغان.ئېھتىياج ئارزۇنى پەيدا قىلىدۇغۇ. ئۇنىڭ قەلبىدە ئاستا – ئاستا ئۆز گىرىم بۇيۇملىرىمىزنى، ئۆز پاكىزلىق بۇيۇملىرىمىزنى ياساش، ئۇنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش ئارزۇسى باش كۆتۈردى. ئارزۇنىڭ ئىمكانىيەتلىكى ئارزۇ، ئىمكانىيەتسىزى خام خىيال. ئابدۇۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىشلىتىلىشچان خىمىيە ئوقۇۋاتقان بولغاچقا، سۇبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۇنىڭ ئارزۇسى ئىمكانىيەتكە ئىگە ئىدى. ئىمكانىيەتلىك ئارزۇ ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئارزۇسى ئىپتىدائىي ئورمانغا تۇتاشقان ئوتتەك ئاستا – ئاستا ئۇلغىيىپ باردى….
           ئەگەر بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە، مىللىي جىسمانىيىتىگە، قۇرغاق، سوغۇق، شامال – بورانلىق تەبىئىي شارائىتىغا ماس كېلىدىغان ئۇيغۇر گىرىم خۇرۇچلىرىنىڭ سانائەت مەھسۇلاتىغا ئايلىنالمىغۇدەك بۇ ئەپسۇسلۇق ھالەتنى ئابدۇۋەلىلا ھېس قىلدى، تونۇپ يەتتى دېسەك، راست گەپ قىلمىغان بولىمىز. ئۆز ھۆسن ئاسراش، ھۆسن تۈزەش بۇيۇملىرىمىزنى ياساش، سانائەت مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرۇش، تۈركۈملەپ بازارغا سېلىش ئارزۇسى ئابدۇۋەلىنىڭلا قەلبىدە پەيدا بولدى دېسەك، بۇمۇ رېئاللىققا نىسبەتەن مۈشۈككە ئوخشاش كۆز يۇمۇۋالغانلىق بولىدۇ. ئاشۇ يىللاردا ئالىي مەكتەپلەر خىمىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بىلىم بىلەن توشۇپ كەتكەن كاللىلىرىدا بۇنداق پىكىرلەر، بۇنداق ئارزۇلار ئاللىقاچان پەيدا بولۇپ بولغان، تېخى ئۇلارنىڭ زاۋۇت قۇرۇشقا كېتەرلىك يۈز مىڭلاپ، مىليونلاپ سوممىدىكى مەبلەغ تەلەپ قىلىش دوكلاتلىرى مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ يېزىق شىرەسى ئۈستىگە يېتىپ بېرىپمۇ بولغانىدى.
         ئوسما تەركىبلىرىنى ئىشلىتىپ چوڭ تىپتىكى كارخانىلار تەرىپىدىن ئىشلەپ چىقىرىۋاتقان بولسىمۇ ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىدىكى بايلىقلارنى قېزىش يېتەرلىك بولمايۋاتاتتى. پۇرسەتمۇ كەلگەنىدى. ئوقۇش پۈتتۈرۈش پراكتىكىسى ئۈچۈن ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق پەن تەتقىقات ئاكادېمىيىسىگە تەقسىم قىلىندى. ئۇ يەردە ئەۋزەل شارائىت يېتەرلىك ئىدى. دوكتور ئۆمەرجان مۇئەللىمىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياش يىگىت سىياداننى خام ئەشيا قىلغان تۇنجى چاچ ئاسرىغۇچى، چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى ياساپ چىقتى. بارلىق دورا ياسىغۇچى تېبابەتچىلىك ئالىملىرى يېڭى دورىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆز جىسمانىيىتىدە سىناپ باققاندەك، ئۇمۇ چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆز چېچىدا سىناق قىلدى. چاچلار بىلەن تولا ئۇچرىشىپ چاچ باھالاش، سوپۇن باھالاش مۇتەخەسسىسىگە ئايلانغان ساتىراش ئۇستامنى باھالىغۇچى قىلدى. خۇرۇچلارنىڭ نىسبىتى يۈز قېتىم تەڭشەلگەندۇ. يۈز قېتىم تەجرىبە قىلىنغاندۇ. يۈز قېتىم قايتا ياسالغاندۇ ۋە ئابدۇۋەلىنىڭ ئۆز چېچىدا يۈز قېتىم سىناق قىلىنغاندۇ. ئاخىر ساتىراش ئۇستامنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى. تەستىق – باھالاشتىن ئۆتۈش باشقا گەپ. ئەمەلىي نەتىجە بولسا يەنە باشقا گەپ. بىر خىل چاچ ئاسرىغۇچى سۇيۇقلۇقنىڭ ئۈنۈمىنى بىر قېتىمدىلا كۆرىمەن دەپ خام خىيال ئەيلىمەڭ. ئۇ دەرھال ئاغرىق توختىتىدىغان ئاسپىرىن ئەمەس. ئۈنۈم ئاستا – ئاستا يۈز بېرىدۇ. يۈز قېتىملاپ ئۆز چېچىدا قىلىنغان يۇيۇش سىنىقى جەريانىدا ئابدۇۋەلىنىڭ چېچى قاپقارا، قويۇق، تاللىرى توم، ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، ئاسان تۆكۈلمەيدىغان ئەلا ھالەتكە ئېرىشتى. ئۈنۈم دېگەن مانا مۇشۇ، يەنە قانداق بولسا بولاتتى؟
مەھسۇلات ئەۋرىشكىسى سىناقتىن ئۆتتى. ئەمدى تۈركۈملەپ ئىشلەپ چىقىرىپ بازارغا سېلىشى كېرەك. زاۋۇت قۇرۇشقا پۇل قېنى؟ يېڭى مەھسۇلاتنى بازار قوينىغا ئالارمۇ؟ چەت ئەلنىڭ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ داڭلىق مەھسۇلاتلىرى ئالدىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرالارمۇ؟ سېتىۋالىدىغان خېرىدار چىقارمۇ؟…
بازار بۆرە ۋە يولۋاسقا ئوخشايدۇ. ھەيۋەت ۋە چىرايلىق، ئۇنىڭ يۇمشاق تېرىسىنى سىلاپ بېقىشنى، ئۇنى قۇچاقلاپ ئەركىلىتىشنى كىم خالىمايدۇ؟ بۆرە، يولۋاسقا يېقىنلاشساڭ، ساڭا ئەركىلەپ قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ بېرىشىمۇ، سېنى ھاپ قىلىپ يەۋېتىشىمۇ، تالاپ، ئۈستۋېشىڭنى قان قىلىۋېتىشىمۇ مۇمكىن. ئالىي مەكتەپلەر خىمىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بازاردىكى ئاشۇ مەھسۇلاتلارنى ياسىيالايدىغان تۇرۇقلۇق ئىككىلىنىپ، ئەنسىرەپ يۈرىشىدىكى، ئالدىدا يولۋاس، كەينىدە بۆرە باردەك قورقۇپ توختاپ قېلىشىدىكى سەۋەب شۇ. «كۆمسەم پىشارمۇ، ياپسام پىشارمۇ؟» دەپ بىر نىيەتكە كېلەلمەسلىكىدىكى سەۋەب شۇ. ئەمما بىزنىڭ ئابدۇۋەلى ئۇنداق ئىشلارنى ئويلاپ يۈرمىدى. بەلكى ئۇنىڭ باغرىغا دادىل قەدەم باستى. «يېڭى تۇغۇلغان موزاي يولۋاستىن قورقماپتۇ» دېگەن مانا شۇ.


3. بۈركۈت چۈجىسى قانات قاقتى

خەيرلىك سەپەرگە ئاتلانغان ئەزىمەت توسقۇنلار ئالدىدا چېكىنەمدۇ؟ داۋانغا دۇچ كەلگەن ئورۇق ئاتتەك قۇشقۇنغا ئولتۇرۇپ كەينىگە داجىمدۇ؟ تاغ – داۋاندىن، تەگسىز جىلغا ۋە كېچىكسىز دەريالاردىن، بىپايان چۆل ۋە ئالۋاستى ماكان تۇتقان جاڭگاللاردىن قورققان كارۋان ئەمەس.ئابدۇۋەلىنىڭ ئالدىنى بىرىنچى قەدەمدىلا مەبلەغ ئاتلىق داۋان توستى. تاغدەك يۆلەك بولىدىغان ئاتا ئاللىقاچان باقىي ئالەمگە كېتىپ قالغان، مېھرىبان ئانا مىڭ بىر جاپادا يىغىپ، تۆشەپ ئوقۇتتى. ئۇلاردا نەدىمۇ مەبلەغ بولسۇن؟ ئەل قاتارى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئاكىلار، ھەدىلەر ياردەم قىلالارمۇ؟ ئابدۇۋەلى ھەمكارلىشىش نىيىتىگە كەلدى. كىم بىلەن ھەمكارلىشىدۇ؟ ئەلۋەتتە پۇلى بار بايلار بىلەن – دە! ئۇلار مەبلەغ چىقارسۇن، ئابدۇۋەلى تېخنىكا چىقىرىدۇ.دەللال سودىگەرلەر ئارىدىن پايدا ئېلىپ جۇغلىغان مەبلەغ بار. مەبلەغ سېلىشقا ئۇنارمۇ؟ ھەمكارلىشىشقا قىزىقارمۇ؟ ئابدۇۋەلى ئۇلارنى ئىزدەشكە باشلىدى. ئۆزى ياساپ چىققان ئەۋرىشكە چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى كۆيۈپ – پىشىپ تونۇشتۇردى. پىلانلىرىنى بايان قىلدى. ئۇلار تېخى مەكتەپ پۈتتۈرمىگەن ياش ستۇدېنتنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمىدىمۇ ياكى ئاران جۇغلىغان پۇللىرىنىڭ بازار ئاتلىق يولۋاسنىڭ قارنىدا يوق بولۇپ كېتىشىدىن قورقتىمۇ؟ رەت قىلىندى. قەرز بېرىشنىمۇ، ھەمكارلىشىشنىمۇ رەت قىلدى. خېلى داڭلىق مىللىي سانائەتكە كۆڭۈل بۆلىدۇ، دەپ تەرىپلىنىۋاتقان بىرسىمۇ رەت قىلدى. دەللال دېگەن بەرىبىر دەللال ئىكەن. باشقىلارغا دەللاللىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى پۇل قىلىپ بېرىشتىن باشقىنى بىلمەيدىكەن. ئۇلارغا ئۈمىد باغلىغانلىق يىراقتىكى يۇلتۇزنىڭ نۇرىدا ئىسسىنىشنى ئويلىغاندەكلا بىر ئىش ئىكەن. ھەي ئىسىت…

يېرىم يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئابدۇۋەلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خوتەنگە قايتىپ كەلدى. ئەمما ئۇنىڭ ئەس – يادى سىيادان، ئوسما، جىگدە يېلىمى، خېنىنى سانائەت مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرۇشتا ئىدى. ئۆزى ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغان مەكتەپنىڭ مەسئۇللىرىغا ئۆزىنىڭ سىيادان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى ئىشلەپ چىقارغانلىقىنى، مەكتەپ مەبلەغ چىقارسا، تۈركۈملەپ ئىشلەپ چىقىرىپ بازارغا سېلىش توغرىسىدا ئېيتىۋىدى، مەكتەپ مۇدىرى ئۇنىڭغا گويا بىر ئالدامچىغا قارىغاندەك تىكىلىپ قارىدى. دېمىسىمۇ «سۈت ئىچىپ ئاغزى كۆيگەن كىشى قېتىقنىمۇ پۈۋلەپ ئىچەر» دېگەن گەپ بارغۇ. تېخى يېقىندىلا «مەكتەپ بىلەن بىرلىشىپ سوپۇن پاراشوكى ئىشلەپ چىقىرىمەن» دېگەن بىر نوچى مەكتەپنىڭ 200 مىڭ يۇەن پۇلىنى قارا قويغان، ئېلىپ قېچىپ كەتكەنىدى. ئەمدى يەنە بىرسى كېلىپ «چاچ سۇيۇقلۇقى ئىشلەپ چىقىرايلى، مەكتەپ مەبلەغ چىقارسۇن» دېسە، يىلان چېقىۋالغان مۇدىر ئارغامچىدىن ئۈركۈمەي قالامدۇ؟ رەت قىلىندى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ئىشىك پاكار بولسا ئېڭىشىپ مېڭىش كېرەك. «يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇش»، «خالتىغا بېقىپ ئۇن تارتىش» دېگەن ئەنە شۇ. زاۋۇت قۇرغىلى مەبلەغ بولمىسا، ئىپتىدائىي ئۇسۇلدا قولدا ئىشلەش كېرەك. قانچىلىك ئىشلىسەڭ، شۇنچىلىك سېتىپ پۇل تاپقاندا زامانىۋىلاشساڭمۇ بولىدۇغۇ. تۇخۇمدىن چىقماي تۇرۇپ قانات قېقىشنىڭ ھاجىتى يوق. بىر قەدەم – بىر قەدەمدىن مېڭىش، بىر بالداق – بىر بالداقتىن ئۆرلەش لازىم….ئابدۇۋەلى ئاشۇنداق قىلىش قارارىغا كەلدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆيۈپ – پىشىشلىرىغا ئىچ ئاغرىتىدىغان ئادەممۇ تېپىلدى. بېشىڭغا كۈن چۈشسە، بىرەر نەرسىگە موھتاج بولساڭ ئەڭ ئاۋۋال ئىچ ئاغرىتىدىغىنى، ئەڭ بۇرۇن ياردەم قولىنى سۇنىدىغىنى يەنىلا قېرىنداش. «ئاغرىپ باش ياستۇققا يەتسە ئۆز قېرىنداش ئۆزگىدۇر» دېيىلىدۇ ناخشىلاردا. بولۇپمۇ ئاچا – سىڭىل قېرىنداشلىرىڭ يۇمشاق كۆڭۈل كېلىدۇ. كۆيۈپ – پىشىشلىرىڭغا قاراپ تۇرالمايدۇ. ئابدۇۋەلىنىڭ يۇمشاق كۆڭۈل ھەدىسى تىللاقىز ياردەم قولىنى ئۇزاتتى. يېمەي – كىيمەي يىغقان ئىككى مىڭ يۈەن پۇلىنى قەرز بېرىپ تۇردى. ئابدۇۋەلى يەنە دوست – بۇرادەرلىرىدىن ئىككى مىڭ يۈەن قەرز ئالدى. ئەمدى تۆت مىڭ يۈەن مەبلەغ بىلەن تەلەي سىناپ بېقىشقا بولاتتى. ئۇ ئوقۇتقۇچىلىقتىن مائاش ئېلىۋاتىدۇغۇ. ئەگەر ئىش قاملاشماي، بازار يەكلەپ قالسا، ئۇنچىلىك قەرز دېگەننى تۆلەپ كېتىشكە بولاتتى. ئابدۇۋەلى بىر قازان، بىر چېلەك، بىر نوغۇچ، بىر مەش سېتىۋېلىپ ئىش باشلىدى. ئاكىلىرىمۇ قاراپ تۇرمىدى. ئۆزلىرى ئىشلەيدىغان 7 – ترانسپورت شىركىتىنىڭ بىر تاشلاندۇق مۇنچىسىنى سېخ قىلىش ئۈچۈن ئىجارىگە ئېلىپ بەردى. ئىش باشلاندى. دەسلەپكى مەھسۇلات تەييار بولدى. قاچىلاشقا قۇتا، قۇتا ئۈستىگە ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشلۈك ماركا كېرەك ئىدى. ئەمما ئىچكىرىدىكى ئاشۇ زاۋۇت 1000 دانە قۇتىنى ئىشلەپ يۈرمەيدىكەن. ئەڭ ئاز بولغاندا 20 مىڭ قۇتا زاكاز قىلىنسا ئاندىن ئىشلەيدىكەن. 20 مىڭ قۇتىنى سېتىۋېلىشقا نەدىمۇ پۇل بولسۇن؟ كۆپ يالۋۇرۇشقا، يېلىنىشقا توغرا كەلدى. ئۇلار ھەر ھالدا چېگرا رايوندىكى كىچىك كارخانىنى قوللىدى. ئۈستىدە «سىيادان» دەپ ئۇيغۇرچە ماركىسى بار مىڭ دانە قۇتا ئاخىر يېتىپ كەلدى. شۇنداق قىلىپ «كروران گىرىم بۇيۇملىرى زاۋۇتى»نىڭ تۇنجى چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى «سىيادان» بازارغا سېلىندى.
ئۇيغۇرچە «سىيادان» دېگەن ماركىسى، ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشلىرى بار، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز خام ئەشيالىرىدىن ئىشلەنگەن مىڭ قۇتا «سىيادان» ماركىلىق چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بازارغا سېلىنىۋىدى، ماۋۇ كارمەتنى كۆرۈڭ! بىر ئايغا قالمايلا ھەممىسى سېتىلىپ بولدى. ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزىگە تونۇش خام ئەشيالاردا ئىشلەنگەن، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان، ئۆز شارائىتىغا ئۇيغۇن كېلىدىغىنىنى ئالىدىكەن. ئىزدەپ – سوراپ بەش دۇكان، ئون دۇكان نېرىسىغا بېرىپ سېتىۋالىدىكەن. قەشقەردىن، كۇچادىن، ئۈرۈمچىدىن توپ ئېلىپ – توپ تارقىتىدىغان خېرىدارلار يېتىپ كەلدى. ئەڭ ئاخىرقى ئىستېمالچى بىۋاسىتە ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلاڭ: «سىيادان» ياخشى ئىكەن. مانا كۆرۈڭ: نەچچە يۈز مىڭ يۈەن، نەچچە مىليون يۈەن بولمىسىمۇ ئىش پۈتتۈرگىلى بولىدىكەنغۇ؟ مەھسۇلاتىڭ ياخشى ۋە ئىشەنچلىك بولسا ئۆزۈڭگە ئىشەنسەڭ، ئىش يۈرۈشۈپ كېتىدىكەنغۇ؟ نەچچە مىليون مەبلەغ ئۈچۈن قايتا – قايتا دوكلات يېزىپ يۈرۈشلىرىڭ بىھۇدە. ئۇچۇش دېگەن كۆۋرۈكتىن تاقاققا، تاقاقتىن ئۆگزىگە، ئۆگزىدىن پەغەزگە، پەغەزدىن كۆك ئاسمانغا بولىدۇ. كۆك ئاسمانغا چىقىۋېلىپ بىراقلا پەرۋاز قىلماقچى بولغانلار موللاقلاپ، پالاقلاپ يەرگە چۈشىدۇ. قۇرۇق قول ئىش باشلاپ كاتتا ئىگىلىك تىكلىگەن كارخانىچىلار، مىليونېر، مىليادىرلارغا ئايلانغانلار كۆپقۇ بۇ دۇنيادا. مانا شۇلارنىڭ بىرسى – كۆز ئالدىمىزدىكى مىسال ئابدۇۋەلى.
قەشقەردىن، ئاقسۇ، كۇچادىن، قۇمۇل، تۇرپاندىن، ئۈرۈمچىدىن، قارامايدىن، غۇلجىدىن مال سېتىۋالىدىغان خېرىدارلار كېلىشكە باشلىۋىدى، ئىشلەپ چىقىرىشنى كېڭەيتكىلى بولمىدى. ئىشلەپ چىقىرىشنى كونا چېلەك، ئىپتىدائىي قازان بىلەن كېڭەيتكىلى بولمايدۇ. يېڭى، زامانىۋى ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش كېرەك. دەسلەپكى سېتىشلاردىن توپلانغان مەبلەغ بار ئىدى. ئۇرۇق – تۇغقانلارمۇ ئەمدى ئابدۇۋەلىنىڭ كارامىتى بارلىقىغا ئىشەنگەنىدى. 40 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، شاڭخەيدىن چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىشلەپ چىقىرىدىغان زامانىۋى ئۈسكۈنە سېتىۋېلىندى. نېمىنى دەيمىز؟ ئاشۇ جەريانلارنىڭ ھەممىنى سۆزلەپ ئوقۇرمەنلەرنى زېرىكتۈرۈشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ كونا مۇنچىدا ئىشلەپ چىقىرىش ئېلىپ بېرىشلارنى، يېڭى – يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىشلارنى، زاۋۇت قۇرۇش ئۈچۈن يەر تەلەپ قىلىپ ماڭغان يوللارنى بايان قىلىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنىڭ ئورنى يوق. غەلىبە شادلىقى، زەپەر تەنتەنىسى تۆكۈلگەن ئىسسىق قانلارنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ. نۇرانە مەنزىل چەككەن جاپالارنى ئەستىن كۆتۈرۈۋېتىدۇ. ۋىسال دەملىرىدە سېغىنىش پىراقىنى ئەسكە ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. مانا ئالدىمىزدا ئالتە مو قورۇ – جايغا 900 كۋادرات مېتىرلىق ئىشخانا بىنالىرى، ئىسسىتىش بىناسى ۋە ئامبارلارغا، چىرايلىق كۆكەرتىلگەن مەيدانلارغا، يېرىم مىليونلۇق زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىگە، يېرىم مىليونلۇق ئايلانما مەبلەغقە، بەش خىل تاۋار ماركا ھوقۇقىغا ئىگە «كروران گىرىم بۇيۇملىرى زاۋۇتى» خوتەن شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدا «توپچا» دېگەن مەھەللىدە 315 – نومۇرلۇق دۆلەت يولىنىڭ بويىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇپتۇ. نامرات، كەمبەغەل دېھقانلارنىڭ 22 نەپەر ئوغۇل – قىزى ئىشلەپ يۈرۈپتۇ. شىنجاڭنىڭ ئون چوڭ شەھىرىدىكى ئون چوڭ سېتىش نۇقتىسى يۈرۈشۈپ تۇرۇپتۇ. مانا شۇ زاۋۇتنى نەۋقىران يىگىت ئابدۇۋەلى قۇرۇپ چىقتى. يېتەرلىك مەبلىغى، ئوبدانلا پايدىسى، خېلىلا ئىناۋىتى بار، كەڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، شىنجاڭ تەۋەسىدە ئوبدانلا ئاتىقى بار زاۋۇت قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.
4. توققۇز يەردە توققۇز مۈشكۈلات

گەپنى دېمەك ئاسان، ئۇنى بەلگىلەنگەن ھەرپلەر بىلەن ئىپادىلەپ يازماقمۇ ئاسان، ئەمما ئەمەلىي ئىش قىلماق ئۇنداق ئاسان ئەمەس. بىر پۈتۈن كارخانا مېخانىزمىنى يۈرۈشتۈرمەك بولسا تېخىمۇ مۈشكۈل. بۇ ئاچارىيا شۈەنزاڭنڭ نوم ئەكېلىش يولىدا دۇچ كەلگەن 81 مۈشكۈلاتىدىنمۇ مۈشكۈل.(1) چاچلارنىڭ ئۆلچىمى يوقلۇقى مۈشكۈلاتى.ئىنسانىيەتنىڭ چېچى چاچلىق سۈپىتى بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە. بۇ خۇددى ئاللا ياراتقان ئادەملەر بىر پۈتۈن گەۋدىسى بىلەن ئادەمگە ئوخشىغىنىغا ئوخشاشلا ئىش. ئەمما ھەر بىر كونكرېت ئادەم بىر – بىرىگە چىراي – ھۆسنى، ئېگىز – پاكارلىقى، سېمىز – ئورۇقلۇقى، رەڭگى – رۇخسارى، ئاجىز – كۈچلۈكلۈكى نۇقتىسىدىن ئوخشىمىغاندەك، ئادەملەرنىڭ چېچىمۇ يىرىك – يۇمشاقلىقى، توم – ئىنچىكىلىكى، ياغلىشىشچان ياكى قۇرغاقلىقى، كېپەكلىشىدىغان ياكى پاكىزلىقى نۇقتىسىدىن بىر – بىرىگە ئوخشىمايدۇ. مانا مۇشۇ ئوخشىماسلىق چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىغا قارىتا ئوخشىمايدىغان تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. بۇ چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئۈچۈنلا ئەمەس، يۈز يۇيۇش سوپۇنى، يۈز مېيى، چىش پاستىسى، تازىلاش سۇيۇقلۇقى ئۈچۈنمۇ ئوخشاش. مەھسۇلاتنى بىر ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان قىلىپلا ئىشلىگىلى بولمايدۇ. ئۇنداق بولۇپ قالسا كۆپ ساندىكى خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. مانا مۇشۇ ئۆلچەمسىز ۋە ئوخشىمىغان تەلەپ ياش تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلىنىڭ كېچە – كۈندۈز سوتكا – سوتكىلاپ تەجرىبىخانىدا ئولتۇرۇشىغا سەۋەب بولدى. خۇرۇچلارنى نەچچە يۈز خىل ئۇسۇلدا تەڭشىدى. قايتا – قايتا تەجرىبە قىلىشنى پەيدا قىلدى. ئۇ ئاشۇ ئوقۇۋاتقان چېغىدا، چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ دەسلەپكى ئەۋرىشكىسىنى ئىشلەپ چىقارغان چاغدا، ئۆزىنىڭ چېچىدىلا سىناق قىلغان ئەمەسمۇ. ئۆزى ياسىغان سۇيۇقلۇق بىلەن ئۆز چېچىنى يۇدۇرۇپ، ساتىراش ئۇستامنىڭ باھا – تەستىقىدىن ئۆتكۈزگەن ئەمەسمۇ. ئەمما ئەمدى بۇ ئاقماي قالدى. بىر ئادەمنىڭ چاچ ئەھۋالىغىلا ماس كەلگەن بىلەن بولمايدىكەن. كۆپ ساندىكى ئادەمنىڭ چاچ ئەھۋالىغا ماس كېلىشى كېرەك ئىكەن. ئابدۇۋەلى خۇرۇچلارنى ئوخشاش بولمىغان نىسبەتلەردە تەڭشەپ، نەچچە ئون خىل ئەۋرىشكە مەھسۇلات تەييارلىدى. مەلۇم مەكتەپتىن 30 نەپەر ئوقۇغۇچى قىزنىڭ چاچلىرىنى يۇيۇپ، سىناق قىلىپ بېقىشقا تارقىتىپ بەردى. سىناق قىلىپ ئىشلەتكۈچىلەردىن پىكىر ئالدى. پىكىرلەرگە ئاساسەن خۇرۇچلارنىڭ نىسبىتىنى قايتا تەڭشەپ، يەنە ئەۋرىشكە چىقاردى، قايتا سىناق قىلدۇردى. تاكى 30 نەپەر سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەتكۈچىنىڭ 20 – 25 نەپىرى ماقۇللىغۇچە قايتا – قايتا تەڭشىدى، قايتا – قايتا تەجرىبە قىلدى، قايتا – قايتا ئەۋرىشكە ئىشلىدى. 30 نەپەر سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەتكۇچىنىڭ 80 پىرسەنتىدىن ئارتۇقراقى «چېچىمغا ماس كەلدى» دېگەن ئىنكاسنى بىلدۈرگەندە ئاندىن رەسمىي ئىشلەپ چىقىرىشقا، تۈركۈملەپ ئىشلەپ چىقىرىشقا كىرىشتى. «كروران گىرىم بۇيۇملىرى زاۋۇتى» ئىشلەپ چىقارغان «سىيادان» ماركىلىق چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ بىرنەچچە خىل ۋە بىرنەچچە خىل باھادا بازارغا سېلىنىشىدىكى سەۋەب مانا مۇشۇ يەردە. ھەر كىم چېچىغا ماس كېلىدىغىنىنى تاللىسۇن. تۇنجى قېتىم «كروران» مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغان ئىستېمالچى، ئۆز چېچىغا ماس كېلىدىغان – كەلمەيدىغانلىقىنى قانداق بىلىدۇ؟ قانداق ئايرىيدۇ؟ تەجرىبە ئاستا – ئاستا جۇغلىنىدۇ. كارخانا باشقۇرۇشتا تېخىمۇ شۇنداق. ياش كارخانىچى ئابدۇۋەلى ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى تاللىشىغا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن 2003 – يىلى 10 – ئايدىن باشلاپ 200 گراملىق چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قاچىلانغان رەسمىي مەھسۇلاتقا يۇمشاق سولياۋ خالتىغا قاچىلانغان ئالتە گراملىق چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى قېتىپ قويدى. ئۇ چاچنى بىر قېتىم يۇيۇشقا ئازادە يېتىدۇ. ئەگەر ئاشۇ ئالتە گراملىقنى ئىشلەتكەندىن كېيىن ئۆز چېچىغا ماس كەلگەنلىكىنى ھېس قىلسا، چوڭ قۇتىدىكى 200 گراملىق چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى داۋاملىق ئىشلەتسۇن. ماس كەلمىسە، قايتۇرسۇن. ئۇقتۇرۇش قىلىنغان ھەر قايسى سېتىش نۇقتىلىرى پۇلنى ياندۇرۇپ مەھسۇلاتنى قايتۇرۇۋالىدۇ.چاچنىڭ ئۆلچەمسىزلىكى ۋە تەلەپنىڭ ئوخشىماسلىقى مۈشكۈلاتى دېگىنىمىز ئەنە شۇ. ئابدۇۋەلى خۇرۇچلارنى قايتا – قايتا تەڭشەش، قايتا – قايتا تەجرىبە قىلىش، قايتا – قايتا ئەۋرىشكە ئىشلەش، قايتا – قايتا سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىش ئارقىلىق بۇ مۈشكۈلاتنى يەڭدى.
(2) ناتوغرا رىقابەت مۈشكۈلاتى.ئابدۇۋەلى گەرچە ياش بولسىمۇ، ئۇنىڭدا پەن – تېخنىكا تەتقىقاتچىسىغا خاس بىلىم ۋە ئىجتىھات بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پىشقان كارخانىچىغا خاس ئاڭ ۋە تەپەككۇرمۇ يېتەرلىك. ئۇ ئىپتىدائىي ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىدا مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىشقا كىرىشىشتىن ئىلگىرىلا ئۆز مەھسۇلاتىنىڭ تاۋار ماركىسىنى تىزىمغا ئالدۇرغان. ماركا ئېڭى يېتەرلىك بولغاچقا بۇنىڭغا سەل قارىمىغانىدى. ئۇ ھازىرغىچە «كروران»، «سىيادان»، «ئاق لالە»، «سۇمبۇل» ۋە «جىگدە»دىن ئىبارەت بەش خىل تاۋار ماركىسىنى تىزىمغا ئالدۇردى. بەش خىل ماركىدا 17 تۈرلۈك مەھسۇلات ئىشلەپ چىقاردى. ناتوغرا رىقابەت «سىيادان» ماركىلىق چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەپ چىقارغان دەسلەپكى مەزگىللەردە يۈز بەردى. «سىيادان» چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئەمدىلا بازارغا سېلىۋىدى، باشقىلار ئۇنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى بىلەن مەھسۇلات ئىشلەپ چىقاردى. يەنە بىر شىركەت بولسا كونا مەھسۇلات قۇتىسىنىڭ ئۈستىگە «يېڭى سىيادان» دېگەن ماركىنى چاپلىۋالدى.ئابدۇۋەلىمۇ بوش كەلمىدى. ماركا ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن دەۋالاشتى.ئابدۇۋەلى ئۇلارغا ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش بىلەن زەربە بېرىپ، «سىيادان» ماركىسىنىڭ ئىناۋىتىنى قوغداپ قالدى.
(3) ساختا مەھسۇلاتلار مۈشكۈلاتى.ئالەمدىكى بارلىق مەۋجۇداتنىڭ رىقابەتلەشكۈچىسى بولىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭمۇ رىقابەتلەشكۈچىسى بولىدۇ. ئۇ شەيتان. ئاللا ئادەملەرنى ھىدايەتكە، دىيانەتكە باشلايدۇ. شەيتان بولسا گۇناھ ياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە ئېزىقتۇرىدۇ. ئاللاغا ئەگەشكىنى جىڭ ئادەم، شەيتانغا ئەگەشكىنى ساختا ئادەم. ئادەمنىڭ ساختىسى بولغان يەردە مەھسۇلاتنىڭ ساختىسى بولماي قالاتتىمۇ؟ نوپۇس كۆپەيگەن، ئەمما ئادەم ئاز قالغان زاماندا…» دېگەندەك مەزمۇنلاردا يېزىلىدىغۇ ماقالىلەردە. ساختا ئادەم جىڭ ئادەمنىڭ دۈشمىنى بولغاندەك، ساختا مەھسۇلات جىڭ مەھسۇلاتنىڭ دۈشمىنى. ساختا ئادەم جىڭ ئادەمنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرگەندەك، ساختا مەھسۇلاتمۇ جىڭ مەھسۇلاتنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرىدۇ. «سىيادان»نىڭ ساختىسى 2000 – يىلى پەيدا بولدى. بۇ تېخى «كروران گىرىم بۇيۇملىرى زاۋۇتى» قۇرۇلغىنىغا بىر يىلمۇ بولمىغان، مەھسۇلاتلىرى ئەمدىلا بازارنى قاپلاۋاتقان چاغ ئىدى. قەشقەردىكى ماگىزىنلاردا قۇتىسى، ماركىسى «كروران»نىڭكىگە ئوپمۇئوخشاش، ئەمما ئىچىدىكى چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىنتايىن ناچار بولغان مەھسۇلات پەيدا بولدى. كېيىن مەلۇم بولدىكى، بۇنى پايدا ئېلىش ئۈچۈن ئانىسىنىمۇ سېتىۋېتىشتىن يانمايدىغان دەللال سودىگەرلەر پەيدا قىپتۇ. ئۇلار «سىيادان» ماركىلىق چاچ سۇيۇقلۇقىنىڭ ماركىسى ۋە قۇتىسىنى ئىچكىرىدىكى ساختا مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىدىغان زاۋۇتلارغا ئەۋەتىپ، شۇ ماركىدىكى ئەرزان مەھسۇلاتنى زاكاز قىپتۇ. زەربىدارلىق بىلەن ئەكەلدۈرۈپ بازارغا ساپتۇ. ئىككى – ئۈچ يۇەنگە تەييار بولىدىغان ساختا «سىيادان»نى «كروران»نىڭ جىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشاشلا 14 يۈەندىن سېتىپتۇ.
«كروران»نىڭ «كارخانا ئۆلچىمى»مۇ شۇنداق. ئۇنىڭغا ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمى سىناقتىن ئۆتكۈزگەن يەرلىك خۇرۇچلار تولۇق ۋە ئەڭ مۇۋاپىق نىسبەتتە ئىشلىتىلگەن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئورۇنباسار خۇرۇچلارنى ئىشلىتىشمۇ قاتتىق چەكلەنگەن. ئابدۇۋەلى ساختا «سىيادان»نى خىمىيىلىك ئۇسۇلدا ئانالىز قىلدى. مەلۇم بولدىكى، ئۇنىڭغا جىگدە يېلىمى، خېنە قاتارلىق خۇرۇچلار ئەسلا قېتىلمىغان، خۇرۇچ نىسبەتلىرىمۇ قالايمىقان ئىدى. ئاشۇ ساختا مەھسۇلاتنى سېتىۋالغان كىشىلەرنىڭ باھالىرىنى تىلغا ئېلىشقىمۇ نومۇس قىلاتتى كىشى. «سىياداننىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كەتتى يەي»، «سىيادانمۇ ئىككى – تۆت كۈندە بۇزۇلدى يەي»، «ئىچكىرىگە بۇيرۇتۇپ ياساتتۇرۇلغان ساختا مەھسۇلات ئىكەن»، «مىللىي تېبابەتنىڭ، ئەنئەنىۋى خۇرۇچلارنىڭ نامىنى سۇيىئىستىمال قىپتۇ يەي»… دېگەندەك سۆزلەر ساماندەك تولا ئىدى. بۇ تولىمۇ نومۇس قىلارلىق گەپلەر ئىدى. ئابدۇۋەلى ئەمدى «كروران»نىڭ ئىناۋىتىنى قوغداشقا ئاتلاندى. ئىستېمالچىلار جەمئىيەتلىرىنى، بازار باشقۇرۇش ئورگانلىرىنى ياردەمگە چاقىردى. ساختا «سىيادان» يىغىۋېلىنىپ كۆيدۈرۈلدى، زەربە بېرىلدى. ئەمما ساختا مەھسۇلاتنى كۆيدۈرگىلى بولغان بىلەن ساختا مەھسۇلات بۇيرۇتقۇچى، ساختا مەھسۇلات ئىشلىگۈچى ساختا ئادەملەرنى تۇتۇپ بولغىلى بولمايدىكەن.ئۇلار قىلىقلىرىنى توختاتمىدى. «كروران» مەھسۇلاتىنىڭ ساختىسى يەنە پات – پات پەيدا بولۇپ تۇردى. ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ھازىرغىچە تۆت خىل ساختا «سىيادان» بازارغا كىردى. «سۇمبۇل»، «ئاق لالە»نىڭمۇ كىردى. ئابدۇۋەلى دائىم ھوشيار بولۇپ تۇرمىسا بولمايتتى. ساختا مەھسۇلاتلارنى بايقاش، پاش قىلىش، زەربە بېرىش ئۇلارنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىنىڭ يەنە بىرىگە ئايلاندى. ناھايىتى ئەپسۇس، ساختا «سىيادان» قۇيرۇقىنى خادا قىلغان بىلەن، ساختا «ئاق لالە»، ساختا «سۇمبۇل» پەيدا بولماسمۇ؟ ساختا ئادەملەر توۋا قىلىپ دىيانەتلىك ئادەمگە ئايلىنارمۇ؟ مۇمكىنچىلىك بەك ئاز. قارىغاندا، بۇ مۈشكۈلات «كروران» ۋە ئابدۇۋەلىگە دائىم ۋە پات – پات دوقۇراپ تۇرىدىغان مۈشكۈلات ئوخشايدۇ.بۇ يەردە ساختا مەھسۇلات نېمىشقا تەرەققىي تاپقان ئەللەردە يوق دېيەرلىك، بىزنىڭ جۇڭگودا بولسا شۇنچە كۆپ؟ دېڭىز بويى رايونلىرىدا ئاز، شىنجاڭدا كۆپ؟ دېگەن مەسىلە مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ. بۇنىڭغا سەۋەب بولغان ئامىللار بەك جىق بولۇشى مۇمكىن. لېكىن تۈپ ئاساستىن ئېيتقاندا پەقەت ئىككىلا. بىرى مەنىۋى ئامىل. يەنى، ئىنسانىي ئەخلاق مەسىلىسى. كېيىنكى چاغلاردا ئەنئەنىۋى ئەخلاق مەنسىتىلمىدى. لېكىن زامانىۋى ئەخلاق تۇرغۇزۇشمۇ ئىشقا ئاشمىدى. ئىدىيە – ئەخلاق مەسىلىسىدە قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقتى. نەتىجىدە نە ياراتقۇچىدىن، نە ئەل – جامائەتتىن، نە قانۇن – تۈزۈمدىن تەپ تارتمايدىغان، نەپ دېسە ئاتا – ئانىسىنىمۇ ئالدايدىغان بىر تۈركۈم ئەخلاقسىز، دىيانەتسىز، ئىنساپسىز كاززاپلار پەيدا بولدى. بۇ ساختا مەھسۇلاتلارنىڭ ئېلىمىزدە كۆپ پەيدا بولۇشىدىكى تۈپ ئامىل. شىنجاڭ رايونىدا دېڭىز بويىدىكى رايونلارغا قارىغاندا كۆپ سېتىلىشىدىكى سەۋەب، ماددىي ئامىلغا يەنى ئىقتىسادىي ئامىلغا چېتىلىدۇ. خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى تۆۋەن. ساختا مەھسۇلاتقا قارىغاندا جىڭ مەھسۇلاتنىڭ باھاسى يۇقىرى بولغانلىقتىن ئىستېمالچى 14 يۈەنلىك مەھسۇلاتنى ئەمەس، سەككىز يۈەنلىكنى سېتىۋالىدۇ. مانا بۇ شىنجاڭ رايونىدا ساختا مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپرەك بازار تېپىشىدىكى تۈپ سەۋەب. ئۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەرنىڭ ساختا مەھسۇلاتنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى، جىڭ مەھسۇلات بىلەن ساختا مەھسۇلاتنىڭ ئۈنۈمىگە بولغان تونۇشى، دەللال سودىگەرلەرنىڭ ئىنسابى قاتارلىق ئامىللار بار. كېيىنكى بۇ ئامىللارغا قارىتا ئۈمىدۋار پوزىتسىيىدە بولۇشقا، ئىستېمالچىلارنىڭ راست – يالغاننى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى ئۆسكەندە ساختا مەھسۇلاتلارنى قۇيرۇقىنى قىسىپ، چىققان يېرىگە كېتىدۇ، دەپ قاراشقا بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ مىللىي كارخانىچىلارنى يەنە ئۇزۇن مەزگىل قىينايدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. ساختا مەھسۇلاتلارنىڭ ھۇجۇمى ئۇلارنى زىيان تارتىشقا ھەتتا ۋەيران بولۇشقا ئېلىپ بېرىشىمۇ مۇمكىن. بۇ دائىم ھوشيار بولۇشقا تېگىشلىك مەسىلە.

(4) «ئۆيدىكى توپاق ئۇي بولماس» مۈشكۈلاتىگىرىم بۇيۇملىرى سانائىتى دۇنيادا ئىنتايىن زور تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئارقىسىغا تاشلىغان ساھە بولۇپ، يۇقىرى تېخنىكا، زور مەبلەغ، زور كۆلەملەرگە ئىگە بولغان، مەھسۇلاتلىرى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىغان كارخانىلار ۋە شۇ كارخانىلارنىڭ تېخنىكا كىرگۈزۈشى بىلەن مەملىكىتىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىغا مەھسۇلاتلىرىنى يەتكۈچە تۆكمە قىلىپ سېتىۋاتقان جەنۇبىي دېڭىز رايونلىرى كارخانىلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. مۇشۇ خىل شارائىتتا بازاردا كروران مەھسۇلاتلىرىنىڭ بۆسۈپ كىرىپ ئۆز ئورنىنى تىكلىشى ئاسانغا توختىمىدى. شىنجاڭنىڭ قۇرغاق، سوغۇق شامال – بورانلىق تەبىئىي شارائىتىغا، ئاھالىلەرنىڭ جىسمانىي ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىشتەك بۇ ئەۋزەللىكنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئابدۇۋەلىنىڭ بىردىنبىر كوزىرى. لېكىن ئارقىمىزدا ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ كارخانىلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا، نەتىجىسىگە ئىشەنمەيدىغان، سىرتىغا قارىغۇلارچە چوقۇنىدىغان خاھىشى ئېغىر. مۇشۇ خىل كۆز قاراشلارنىڭ ئىستېمالچىلاردا ئومۇمىيۈزلۈك مەۋجۇت بولۇشى ئالدىدا ئابدۇۋەلى باش ئېگىپ قالمىدى.«كروران» ۋە ئابدۇۋەلى پسىخىكىمىزدىكى ئاشۇنداق «ئۆيدىكى توپاق ئۇي بولماس»لىق، ئۆز مەھسۇلاتلىرىمىزنى تۆۋەن كۆرۈش قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مەھسۇلات تەشۋىقاتىنى ئىزچىل ياخشى ئىشلىدى. مەھسۇلاتنى ئوراپ قاچىلاش سەۋىيىسىنى ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكۈزدى. نەچچە مىڭ پارچە، نەچچە ئون مىڭ پارچە رەسىملىك مەھسۇلات چۈشەندۈرۈش ئېلان ۋەرەقىلىرىنى ئىشلىتىپ تارقاتتى. ھەر يىلى يۈز مىڭ يۈەن خەجلەپ ئېلان فىلىملىرىنى ئىشلەتتى. تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، رادىئو ئىستانسىلىرىنىڭ تارقىتىش ھەققى ئۈچۈن ھەر يىلى ئۈچ يۈز مىڭ يۈەندىن ھەق تۆلىدى. ئۆز مەھسۇلاتلىرىمىزنى ھەممە كىشىگە بىلدۈرۈشكە تىرىشتى. بۇلارنىڭ ئۈنۈمى ھەر ھالدا ياخشى بولدى. ئارىمىزدىكى چەت ئەلنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا چوقۇنىدىغانلار پەيدا قىلغان بۇ مۈشكۈلاتنى يەڭگەنلىكنىڭ ئىپادىسى شۇكى، «كروران» داۋاملىق زەپەر مەنزىلىگە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. كۈنسايىن روناق تاپماقتا.

(5) ئورۇن سېتىۋېلىش مۈشكۈلاتى.ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئابدۇۋەلى «كروران گىرىم بۇيۇملىرى زاۋۇتى»نى قۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئىككى ئىشقا يېتىشەلمەي قالدى. ئوقۇتقۇچىلىق دېگەن تولىمۇ ئالدىراش ۋە جاپالىق ئىش. زاۋۇت باشقۇرۇشمۇ شۇنداق. بىر ئادەم بىر ياقتىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، يەنە بىر ياقتىن زاۋۇت باشقۇرۇشقا، تېخنىك بولۇشقا، مال ساتقۇچى بولۇشقا قانداقمۇ يېتىشەلىسۇن؟ ئۇ مەكتەپتىن رۇخسەت سورىدى. مەكتەپمۇ رۇخسەت بەردى. بۇ ئوبدان بولغانىدى. ئەمما ئىككىنچى يىلى مەكتەپ تەرەپ ئابدۇۋەلىنىڭ ئىشقا چۈشۈشىنى ئۇقتۇردى. بۇ «كروران» راسا روناق تېپىۋاتقان چاغ ئىدى. ئابدۇۋەلى ئىشقا چۈشسە زاۋۇت توختاپ قالاتتى. ئابدۇۋەلى شتاتنى ساقلاپ بېرىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى ئىلتىماس قىلىۋىدى، مەكتەپ قوشۇلمىدى. ھەتتا ئابدۇۋەلى شتات ساقلاپ بېرىش ھەققىنى كۆپەيتىپ تاپشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ ئۇنىمىدى. مەكتەپ بىلەن بىرلىشىپ زاۋۇت بىناسى سېلىشنى، بىرلىكتە باشقۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىۋىدى، بۇمۇ رەت قىلىندى. ئابدۇۋەلى يا زاۋۇتقا تۇرۇشى، يا شتاتنى تاللىشى كېرەك ئىدى. ئوتتۇرىدىكى يول رەت قىلىندى. ئابدۇۋەلى ئاران ئېرىشكەن تۆمۈر تاۋاقتىن شتاتتىن ۋاز كەچتى. شتاتسىزلىق ئېلىمىزدە تالاي نەرسىلەردىن ھەتتا ئىستىقبالىدىن مەھرۇم بولۇش مەنىسىگە ئىگە. ئەمما ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت يېڭى دەۋردە ئۇنچىۋالا بولۇپمۇ كەتمەيدىكەن. يېڭى دەۋردە ئىستىقبال دېگەنمۇ يېڭى مەزمۇنغا ئىگە بوپتۇ. ئابدۇۋەلى شتاتتىن ئايرىلىپ قالغان بىلەن زاۋۇتقا ئىگە بولدى. خوجايىنغا ئايلاندى. بۇرۇنقى زاماندىكى مىللىي بۇرژۇئازىيىگە تەڭداش مال – مۈلۈككە ئىگە بولدى. بۇنى قانداقمۇ تالاي نەرسىلەردىن مەھرۇم بولۇش دېگىلى بولسۇن؟مەركەز خۇسۇسىي ئىگىلىكنى سوتسىيالىستىك ئىگىلىكنىڭ مۇھىم تولۇقلىمىسى دەپ ئېتىراپ قىلغان، ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەھۋالدىمۇ، بەزى كاللىسى 60 – يىللارنىڭ ئەندىزىسى بىلەن توشۇپ كەتكەن كىشىلەر خۇسۇسىي ئىگىلىككە، خۇسۇسىي كارخانىلارغا بولغان يەكلەش خاھىشىنى ئۆزگەرتكىنى يوق. مانا بۇ خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ يولىدا دائىم قىزىل چىراغ يېنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. «كروران» بۇ خىل «تەتۈر قىيناش»نىڭ دەردىنى ئاز تارتقىنى يوق. كارخانا قۇرۇش ئۈچۈن يەر سېتىۋالىدىغان چاغدا تارتتى. 30 مىڭ يۈەنگە، 40 مىڭ يۈەنگە ئالغىلى بولىدىغان بىر مو يەرنى 50 مىڭ يۈەندىن ئېلىشقا مەجبۇر بولدى. بىر يىلدىن ئارتۇق يول ماڭدى. تالاي دەرۋازا، تالاي ئىشىكلەرگە دوقۇرىدى. ھېلىمۇ تەلەيگە «توپچا» مەھەللە كومىتېتى قەرزگە بوغۇلۇپ قالغانىكەن. شەھەر باشلىقى يەر سېتىپ قەرز تۆلەشكە بۇيرۇپتۇ. بولمىسا ئۈچ مو يەرنى قانداق ئالاتتى؟ قانچىلىك يول ماڭاتتى؟ باشقا 3000 مو يەرنى ۋالىي تەستىقلىغان ھالەتتىمۇ، ئىش بېجىرگۈچىلەر نېمىشقا ئارقىغا تارتىدۇ؟ «ئەتە… ئەتە…»، «مۇزاكىرىلىشپ باقايلى» دېيىشلەر « تەتۈر قىيناش» ئەمەسمۇ؟ «كروران» ۋە ئابدۇۋەلى ئاشۇ «تەتۈر قىيناش»لار نەتىجىسىدە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئالىدىغان چاغدا قىينالدى. مەركەزنىڭ نامرات رايونلاردىكى كارخانىلاردىن باج ۋە سۈپەت ھەققىنى كېمەيتىپ ئېلىش سىياسىتى بار تۇرۇقلۇق يەنە ئاشۇرۇپ تۆلەشكە مەجبۇر بولدى. ئۆلچەم باشقۇرۇش تارماقلىرىغىمۇ تۆلىمىسىمۇ بولىدىغان ھەقلەرنى تۆلىدى. سەھىيە تەكشۈرۈشلەرنى، ئامانلىق ساقلاش ھەقلىرىنى يەنە تالاي ئورگانلارنىڭ قەدەم تەشرىپلىرىنى ئاۋارىگەرچىلىك كەلتۈرمىدى دەپ ھېچكىم ئېيتالمايدۇ …يەنە نېمىسىنى دەيمىز؟ «تەتۈر قىيناش»لارغا دۇچار بولىدىغىنى «كروران» ۋە ئابدۇۋەلىلا ئەمەسقۇ. خۇسۇسىي كارخانىلار ساھەسىلا ئەمەسقۇ. ھەممە يەردە «تەتۈر قىيناش»لار بولۇپ تۇرىدۇ. شۇنداقتىمۇ كىشىلەر چىداپ كېلىۋاتىدۇ. «كروران» بىلەن ئابدۇۋەلىمۇ چىدىسۇن! سۈرۈشتۈرسەك، «كروران»لىكلەر بىر قېتىممۇ پارا بېرىپ باقماپتۇ. ھېچ يەردە ھېچكىمگە پارا بەرمەپتۇ. پارا بەرمەي تۇرۇپ شۇنچىۋالا رەسمىيەتلەرنى، يەرلەرنى، ئىشلارنى ھەل قىپتۇ. بۇ ئوڭاي ئەمەس. قارىغاندا، «تەتۈر قىيناش»لار توغرىسىدا بەكلا ۋايساپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوقتەك قىلىدۇ. پارا بەرمەي تۇرۇپ سۈنۋۇكۇڭ باشلىغان ئاچارىيا شۈەنزاڭنىڭ نوم ئەكېلىش ئەترىتى مۈشكۈلاتلارنى يېڭىپ ساكلار يۇرتىغا قاراپ ئىلگىرىلىگەندەك ئالغا باسقانىكەن. ئۇلار دۇچ كەلگەن مۈشكۈلاتلارنىڭمۇ كارى چاغلىقتەك قىلىدۇ…

(6) ھەسەتخورلۇق مۈشكۈلاتى.(7) تەشۋىقات ۋە ئېلان مۈشكۈلاتى.(8) داۋاملىق تەرەققىي قىلىش ۋە يېڭى مەھسۇلاتلار ئۆتكىلى مۈشكۈلاتى.(9) سېتىش يوللىرى ۋە شىنجاڭ رايونىدىن ھالقىپ چىقىش مۈشكۈلاتى.(10) تەننەرخ ۋە باھا رىقابىتى مۈشكۈلاتى.(11) ئىختىساسلىقلارغا ئېرىشىش ۋە مەلىكىلىك ئىشچىلارنى تەربىيىلەش مۈشكۈلاتى.(12)……ئەگەر بىز راستتىنلا «كروران» ۋە ئابدۇۋەلى دۇچ كەلگەن مۈشكۈلاتلارنى بىرنى قالدۇرماي ساناشقا چۈشىدىغان بولساق، خۇددى سۈنۋۇكۇڭ ۋە شۈەنزاڭ دۇچ كەلگەندەك توققۇز يەردە توققۇز سەكسەن بىر مۈشكۈلاتنى بىرمۇ بىر كۆرسىتىپ بېرەلىشىمىز مۇمكىن. ئەمما بۇنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ ناھايىتى، مەسىلە پەقەت بىر. خۇلاسە، يەكۈنمۇ بىر. «كروران» قايتماس كارۋاندەك مەنزىلگە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. زاۋۇت تۆت ياشقا توشۇپ قىرانلىق مەزگىلىگە قەدەم قويدى. ئۇنىڭ كېيىنكى يولى ئۇزۇن ۋە پارلاق. تىلىكىمىز شۇكى، ئۇ بۇنىڭدى كېيىن دۇچ كېلىدىغان مۈشكۈلاتلار ئازراق بولغاي! مۈشكۈلاتلار توپلىشىپ «كروران»نىڭ كۆز يېشىنى ئۇلغايتىۋەتمىگەي!


5. «كروران»گە كۆز تەگمىسۇن

       بۇ باب خۇلاسە. ئالىي مەكتەپنى ئەمدىلا پۈتتۈرگەن، يېشى 03غا يەتمىگەن بىر ئوغلان 4000 يۈەن بىلەن ئىش باشلاپ تۆت يىلغا يەتمىگەن ۋقىت ئىچىدە «كروران گىرىم بۇيۇملىرى زاۋۇتى»دىن ئىبارەت مۇكەممەل ھۈنەر سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، سېتىش سىستېمىسىغا ئىگە كارخانىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ ئەلۋەتتە ئاپىرىن، ھەشقاللا ئېيتىشقا تېگىشلىك ئىش. «كروران»نىڭ كۈندىلىك، ئايلىق، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى قانچە؟ تۆت يىلدا قانچىلىك پۇل تاپتى؟ يېڭى مەھسۇلاتلار پىلانى قانداق؟ بۇ مەسىلىلەر مەخپىيەتلىك بولۇشى مۇمكىن. رىقابەت دەۋرىدە ھەر بىر كارخانا ئۆزىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئوبدان ساقلىمىسا، ئۇنى ئوغرىلاپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدىغان تەييارغا ھەييارلار قەدەمدە بىر تېپىلىپ تۇرىدۇ. باشقا ئاۋارىگەرچىلىكلەرمۇ يۈز بېرىدۇ. شۇڭا مەخپىيەتلىكنى ساقلاش كېرەك. ئەمما بىز ئۇلارنىڭ مۇشۇ بىر يىلدىلا مەلۇم بىر باش سېتىش نۇقتىسىدىكى ۋاكالەتچىنى 97 مىڭ يۈەنلىك ئېسىل پىكاپ بىلەن مۇكاپاتلىغانلىقى، ھەر يىلى ئېلان – تەشۋىقات ئۈچۈنلا يېرىم مىليوندەك پۇل سەرپ قىلىدىغانلىقى، ئىشچىلىرىنىڭ ئىش ھەققىنىڭ خېلىلا يۇقىرىلىقى (بەش يۈز يۈەندىن ئارتۇق ئىكەن)، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنىڭ تامامەن ئاپتوماتلاشقانلىقى، ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئېسىللىقى، ئىشخانىلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىدە بېزەلگەنلىكى، تۆت يىلدا دۆلەتكە 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق باج تۆلىگەنلىكى …. قاتارلىقلارغا قاراپلا، ئۇلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ۋە تاپقان پايدىسىنىمۇ مۆلچەرلىيەلەيمىز.4000 يۈەن بىلەن ئىش باشلاپ بىر يېرىم مىليونلۇق مۇقىم مۈلۈككە، يېرىم مىليونلۇق ئايلانما مەبلەغگە ئىگە بولۇش ئاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بىلەن ئىشقا ئاشىدىغان ئىش ئەمەس. «كروران» باھا قوغلاشمىغان، مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىدىن كۆپ ئارتۇق قىلمىغان ئەھۋالدا خېلى ئوبدان ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقانىكەن، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى خېلىلا كۆپ بولغان بولىدۇ. بىز «كروران»نى پالانى نامراتقا ئۇنداق ياردەم قىلدى، پوكۇنى مەكتەپكە ئۇنداق ئىئانە قىلدى دېگەن داۋراڭلىرىمىز بىلەن ئابدۇۋەلىنىڭ ساخاۋەت يولىدا تاپقان ساۋابىنى يوققا چىقىرىشنى خالىمايمىز. ئەمما «ساخاۋەت قانچە مەخپىي بولسا شۇنچە ياخشى. ئەگەر ھەممە يەردە سۆزلىنىپ يۈرسە، ئۇ مىننەتكە ئايلىنىدۇكى، ساۋابى يوقىلىپلا قالماستىن ئەكسىچە گۇناھقا سەۋەب بولىدۇ». بۇ ئانىسىنىڭ ئابدۇۋەلىگە قىلغان نەسىھىتى. ئابدۇۋەلى مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى: چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىغا قوشۇلىدىغان بىر خىل خۇرۇچنىڭ بازاردا ھەر كىلوگرامى ئىككى مىڭ يۈەنلىكلىرىمۇ، بىر يۈز يىگىرمە يۈەنلىكلىرىمۇ بار ئىكەن. روشەنكى، ئادەمگە قىممىتى جىڭ، ئەرزىنى ساختا مال تەسىراتى بېرىدۇ. ئابدۇۋەلى ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىناۋىتى نۇقتىسىدىن قىممەترەك بولسىمۇ جىڭ مال تەسىراتى بېرىدىغان خۇرۇچنى ئىشلىتىش تەرەپدارى ئىكەن. ئاكىلىرى بولسا ئىنساپ ۋە دىيانەت نۇقتىسىدىن چوقۇم جىڭ خۇرۇچنى ئىشلىتىشنى تاپىلاپ تۇرىدىكەن. ئورۇنباسار خۇرۇچلارنى ئەمەس، چوقۇم ئەسلى خۇرۇچنى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىدىكەن… يۇقىرىقىلاردىن بىز ئابدۇۋەلىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قەلبىدىكى پاكىزلىقنىلا ئەمەس، بەلكى «كروران» مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىزچىل ئىناۋەت ساقلاپ كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت پاكىتقا سەۋەب بولغان روھىي ئىچكى ئامىللارنىمۇ كۆرۈپ يېتەلەيمىز.باشتىكى گېپىمىزگە كەلسەك، قەلبىدە پاكىزلىق ھۆكۈم سۈرگەن ئائىلە ساخاۋەتنى دائىم ئۆزىگە ھەمراھ قىلىدۇ. بۇ ھەممە يەردە سۆزلەپ، داۋراڭ سېلىپ يۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتسىز. يۇقىرىدا «كروران» ۋە ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇۋەلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۇق. ئەسلى مەقسەتمۇ ئۆز كارخانىلىرىمىز ۋە ئۆز كارخانىچىلىرىمىزنى تونۇشتۇرۇش. كۆپچىلىككە بىلدۈرۈش ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش. ۋاھالەنكى، سۆز تاللاشتا چولتىلىقىمىز سەۋەبلىك ئوقۇرمەنلەردە ماختىغاندەك، كۆپتۈرگەندەك تەسىرات قالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا ئوقۇرمەنلەر كەچۈرگەي ۋە ماختاش ئىبارىلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىپ، «كروران»غا بولغان تونۇشنىلا ساقلاپ قالغاي.«ئاينىڭمۇ دېغى بار». «كروران» تېخى مۇكەممەللىشىپ، تاكامۇللىشىپ قىرانىغا يېتىپ بولغىنى يوق. بىز زىيارىتىمىز جەريانىدا ئابدۇۋەلىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىدۇقكى، «كروران» زامانىۋى كارخانىلارنىڭ قاتتىق شەرت (زاۋۇت كۆلىمى، ئۈسكۈنىلەر ئەلالىقى، تېخنىكا، ھۈنەر – سەنئەت قاتارلىق ئوبيېكتىپ شەرت)لىرىدە بىرقەدەر مۇكەممەللىككە ئىگە بولغان بولساقمۇ، لېكىن يۇمشاق شەرت (خادىملار تەربىيىلىنىشى، باشقۇرۇش ئۇسۇلى، تېخنىكا يېڭىلاش ئىزچىللىقى قاتارلىق سۇبيېكتىپ شەرت)لىرىدە خېلىلا كەينىدە ئىكەن. 22 نەپەر ئىشچى ئىچىدە مۇنتىزىم تەربىيىلەنگەن ئىشچىدىن بىرسىمۇ يوق ئىكەن. ئۇلار پەقەت تۆت يىللىق ئەمەلىيەت جەريانىدا ئاستا – ئاستا مەشغۇلات تەرتىپلىرىنى ئىگىلەپ كەپتۇ. زاۋۇت باشلىقىمۇ، باش تېخنىكىمۇ، لابىرانتىمۇ، خام ئەشيا سېتىۋالغۇچىمۇ، تەييار مەھسۇلاتنى سېتىش نۇقتىسىغا ماڭدۇرغۇچىمۇ ئابدۇۋەلى ئىكەن. بازار ئەھۋالىنى تەكشۈرگۈچىمۇ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىنكاسىنى خۇلاسىلىگۈچىمۇ ئابدۇۋەلى ئىكەن…بىز پاراڭلىشىپ، ئابدۇۋەلى كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتسە، يېڭى تېخنىكا، ھۈنەر ئۈگەنگىلى كۇرسلارغا بارماقچى بولسا ۋە ياكى تاسادىپىي ئاغرىپ يېتىپ قالسا، زاۋۇت ئىشلىرى نېمە بولىدۇ؟ بىز زاۋۇتتا بىرمۇ كومپيۇتېر كۆرمىدۇق. ئابدۇۋەلىنىڭ ھەدىسى كاسسىر ئىكەن. ئاكىلىرى ياردەملىشىۋېتىپتۇ. بۇ ئەھۋال ئادەمدە ناتۇرال ئائىلە ئىگىلىكى تەسىراتى پەيدا قىلماي قالارمۇ؟…. بۇلارنى ئابدۇۋەلىمۇ ھېس قىپتۇ. زاۋۇت باشلىقى، سېتىش خادىمى، بازار ئەھۋالىنى تەكشۈرگۈچى، كومپيۇتېردا ماركا، ئېلان لايىھىلىگۈچى … دېگەندەك ئىختىساسلىق خادىملارنى ئىزدەپ يۈرۈپتۇ. مەقسىتى: تەجرىبىلىك، پىشقان خادىملارنى قوبۇل قىلىش ئىكەن. بىلىش كېرەككى، ئابدۇۋەلىگە تەجرىبىلىك، پىشقان خادىملارنى يېتىشتۈرۈپ بېرىدىغان مەكتەپ يوق. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن شۇنچە كۆپ ئوقۇغۇچى ئىش كۈتۈپ تۇرۇپتۇغۇ؟ ئاشۇلاردىن قوبۇل قىلىش، ئاستا – ئاستا يېتىشتۈرۈش، پىشۇرۇش، تەجرىبىگە ئىگە قىلىش كېرەك. كۆرگەن كىتاب، ماتېرىياللىرىمىزدىن قارىغاندا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ، داڭلىق كارخانىلارنىڭ تۇتقان يولىمۇ شۇ. سەن ئۆزۈڭ يېتىشتۈرمىسەڭ، ئىختىساسلىق خادىمنى باشقىلار يېتىشتۈرۈپ بەرمەيدۇ …قايسىدۇر بىر ماتېرىيالدىن 20 ياشتا ساغلام بولالمىساڭ، 30 ياشتا دۇنيا قاراش تۇرغۇزالمىساڭ، 40 ياشتا باي بولالمىساڭ، 50 ياشتا ئەقىل تاپالمىساڭ، 60 ياشتا ئارىف (ئويغاق)لىق ماقامىغا يېتەلمىسەڭ دۇنيادىن قۇرۇق قول يانغان بولىسەن، دېگەن گەپلەرنى ئوقۇغانلىقىم يادىمدا. قارىغاندا، ئابدۇۋەلى 30 ياشقا بارماي تۇرۇپلا ئالدىنقى ئۈچ نۇسرەتكە ئېرىشكەندەك قىلىدۇ. كېيىنكى ئىككى نۇسرەتمۇ ئۇنىڭغا نېسىپ بولغاي، «كروران» ۋە ئابدۇۋەلىگە كۆز تەگمىسۇن!
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-05, 00:30
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-08-04 23:25 |
tohotur

دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 2263
شۆھرەت: 12469 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 12531 سوم
تۆھپە: 7319 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 7330 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2731(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاللاھ ياردەمچىڭىز بولسۇن . ئەلۋەتتە بىزمۇ قوللايلى دوسلار !
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-05 00:36 |
begir
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6865
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 336
شۆھرەت: 1721 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1733 سوم
تۆھپە: 1035 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1047 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 260(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن ئۇيغۇرچە ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشكە باشلىغىلى ئۇزۇن بولدى .
بۇرۇن ياپۇن باسقۇنچىلىرى ۋەتىنىمىزگە بېسىپ كىرگەندە ئۇلارغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىچكىرى ئۆلكىدە ئەجنەبىلەرنىڭ نەرسىلىرىنى بايقۇت قىلىش ھەركىتى يۈز بېرىپتىكەن ...
بىزمۇ ئۇيغۇرچە مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىپ سىناپ باقساق بولىدىغۇ .. بىزنىڭ ئىشلەتمەستىكى كۆرسەتكەن باھايىمىزنى دەپ باقاي ھە ؟ بىرىنجى دەيدىغىنىمىز باھاسى قىممەت . ئىككىنجىسى سۈپىتى ئىشەنچلىك ئەمەس . ئۈچۈنجى بەرىبىر ئىچكىرى ئۆلكىدە ئىشلەيدۇ . ماركىسىلا ئۇيغۇرچە خالاس .
شۇنداقمۇ دەپ تۇرايلى ، ئۇلار ئىچكىرى ئۆلكىگە ھاۋالە قىلىپ كۈنلەرنىڭ بىرىدە پۇل تېپىپ دىيارىمىزدا زاۋۇت قۇرۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس . ئۇيغۇر مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالساق بۇلارمۇ روياپقا چىقىپ قالار ... ھېلىقى تېما نىمىتى ؟
ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇر بىلەن كارى بولمىسا بولامدۇ ؟
كىشى ئاخىر ئۆلۈپ كېتىدۇ....
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-05 11:00 |
gulpari729
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9299
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 42
شۆھرەت: 210 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 210 سوم
تۆھپە: 126 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 126 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 89(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىر-بىرىمىزنى كەمستمەي قوللايلى دوسلار..........
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-05 14:40 |
sultani
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8790
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 25
شۆھرەت: 125 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 125 سوم
تۆھپە: 75 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 75 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 86(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەممەيلەن ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى ، قىنى !
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-05 16:00 |
qinmaqin
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3933
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 23
شۆھرەت: 130 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 130 سوم
تۆھپە: 76 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 76 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەممە  ئىشنى  كىرورەندىن باشلايلى  
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-06 18:39 |
نۇر
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9254
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 89
شۆھرەت: 455 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 455 سوم
تۆھپە: 271 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 271 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 149(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قول-قولنى يۇيسا،قول قوپۇپ يۇزنى يۇيار.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-06 19:29 |
نۇر
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9254
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 89
شۆھرەت: 455 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 455 سوم
تۆھپە: 271 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 271 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 149(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونجۇڭغا
istanbol
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-06 19:30 |
kumbaskanxahar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9400
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 38
شۆھرەت: 190 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 190 سوم
تۆھپە: 114 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 114 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 54(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن ئىنكاس يازسام ماڭمايدىغۇ ياردەم قىلىڭلار
ھەزە
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-08 19:42 |
81815
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9399
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 36
شۆھرەت: 190 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 190 سوم
تۆھپە: 112 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 112 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونجۇڭغا
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-13 10:57 |
elijan0215
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7763
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 45
شۆھرەت: 225 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 235 سوم
تۆھپە: 135 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 135 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 89(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

راس گەپنى قىلسام مەن ئۇيغۇرچە ماركىدىكى چاچ يۇيۇش سۇيۇقلىقى ئىشلىتىشتىن قورقىدىغان بۇلۇپ قالدىم، چاچلىرىمنىڭ يېرىمى چۈشۈپ بولدى...

كىچىك خالتىلىقىنى ئالسا شۇنداق ياخشى، ھە ماۋۇ بۇلىدىكەن دەپ چوڭ قۇتىلىقىنى ئالسا ئىككى قېتىم يۇيغاندىن كېيىنلا يا كېپەك بۇلىدىكەن، يا تۈركۈملەپ چۈشۈشكە باشلايدىكەن...

مەھسۇلاتنىڭ ساختىلىنىپ كېتىشى ماركىنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكىدۇ. ساختىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتىنمۇ مۇھىم نۇقتا. (چۈنكى بىز جۇڭگۇدا)
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-15 16:22 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە