saltanat lutun elan berig
«123»Pages: 1/3     Go
بۇ تېما 10073 قېتىم كۆرۈلدى
yegi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9327
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 25 سوم
تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 15 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئاقساراي خىياللىرى(1)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-08-16)
ئاق ساراي خىياللىرى
  نةەبىجان تۇرسۇن

 ئەدەبىي خاتىرىلەر
مۇندەرىجە


بىرىنچى باپ : قىتەلەر ئاتلاپ
ئىككىنچى باپ : ئاق ساراي ئالدىدىكى يىغا ئاۋازى
ئۈچىنچى باپ: ئەركىنلىك ئىلاھى يىغلايدۇ
تۆتىنچى باپ: ئامېرىكىنى ئۇيغۇرلار تاپقان
بەشىنچى باپ: دوللار ۋە ئەقىل
ئالتىنچى باپ: كوڭزى روھى نىيوركتە
يەتتىنچى باپ: ئاخىرقى بىر ئىندىئان ۋە ئۇيغۇرلار
سەككىزىنچى باپ: ھۆرلۈك ياشلىرى
توققۇزۇنچى باپ: كرېمىلدىن ئاق سارايغىچە
ئونىنچى باپ: ۋاشىنگتون ۋە ۋەتەن سەھرالىرى
ئون بىرىنچى باپ: خىياللار چوڭقۇرلاشماقتا
ئون ئىككىنچى باپ: تارىخ كۆز يېشىغا ئىشەنمەيدۇ
ئون ئۈچىنچى باپ :مىراسخور خىياللار
  مۇقەددىمە
   سۆيۈملۈك كىتابخان ھەممىدىن قۇدرەتلىك ئۇلۇغ ئاللاھ كەمىنىنى مانا يەنە يېڭى سەپەر شەرىپىگە مۇيەسسەر قىلدى.
   ئايروپىلان ئاسىيا -ياۋروپا قۇرۇقلۇقى بىلەن بىپايان ئاتلانتىك ئوكيان ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، دۇنيانىڭ ئەڭ زور ۋە ئەڭ مەشھۇر شۇنداقلا ئەڭ سىرلىق ۋە خاسىيەتلىك ، رومانتىك ھەم قاباھەتلىك پايتەختى نىيورىك شەھىرى ئاسمىنىنغا كېلىپ ئايلانغاندا، تۆۋەندىكى ئاجايىپ ھەيۋەتلىك شەھەر مەنزىرىسىگە قاراپ ، قەلبىم ھاياجان ئىلكىگە چۆمدى. چاقماق تېزلىكىدە خىيال ئېكرانلىرىمدىن موسكۋا، ئىستامبۇل، تاشكەنت، ئالمۇتا، بىشكەك ۋە بېيجىڭ ، لەنىنئ گراد ، سوفىيە، ئۈرۈمچى، ئاقسۇ شەھەرلىرى ئاسمىنىدا لەيلىگەن ۋاقىتلىرىمدا پەيدا بولغان ئويلىرىم قايتا ئەكىس ئەتتى. ئەلۋەتتە، ھەر بىر سەپەردە يېڭى ئوي، يېڭى خىياللار، يېڭى تەسىراتلار! مەن بۇ تەسىراتلىرىمنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشكە ئۇرۇندۇم. قىزىق! بۇ قېتىم تامامەن باشقىچە تەسىرات! مەن بۇنىڭغا جاۋاب ئىزدەشكە تىرىشتىم، خۇلاسەم شۇ بولدىكى بۇ قېتىم مەن ئوكيان ئاتلىغان ئىدىم. بولۇپمۇ، 21-ئەسىر بوسۇغۇسىغا ئىككى يىل قالغان بۇ كۈنلەردە دۇنيانىڭ سىياسى ، ئىقتىسادى ، مەدەنىيەت، مەنىۋى ۋە ئىدىيىۋى ھاياتىغا جىددىي ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە تېخىمۇ تىرىشىۋاتقان ھەم شۇنىڭغا قادىر قۇدرەتلىك بىر ئەلنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى ۋە رېئال ھالىتى ھەم غايىۋى قۇدرەتلىرى توغرىسىدا قىياسلار دۇنياسىغا غەرق بولۇۋاتاتتىم. مەن شۇنىڭغا ئىشەندىمكى چوقۇم بۇ ئەل مېنى “موسكۋا خىياللىرىم” نىڭ داۋامىنى سۈرۈشكە مۇۋەپپەق قىلىدۇ! مېنى خىياللىرىمنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش يولىدىكى كۈرەشلىرىمدە تېخىمۇ تاۋلايدۇ!
   ئايروپىلان دەرىزىسىدىن تۆۋەڭە نەزەر سالدىم. سانسىزلىغان چوقچىيىپ تۇرغان ئېگىز بىنالار ئارىسىدىن “ئايال ئەركىنلىك ئىلاھى”نى ئىزدىدىم. مانا!! ئەركىنلىك ئىلاھىمۇ كۆرۈندى. ئىلاھنىڭ قولىدىكى مەشئەل ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ئىختىيارسىز كۆز ياشلىرىم تاراملىدى. مەن كۆزۈمنى سۈرتۈپ، سەپەرداشلىرىمغا نەزەر سالدىم. ئۇلارمۇ ئايال ئەركىنلىك ئىلاھىنى كۆرسىتىشىۋاتاتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆز ياشلىرى تۆكۈلمىگەن، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن پەقەت خۇشاللىق، مەمنۇنىيەت ۋە خاتىرجەملىك ئارىلاش قىزىقىش ھەتتا ئىرەڭسىزلىك ئالامەتلىرى يېغىپ تۇراتتى. دېمەك ئۇلار ئۆزلىرىنى ئەركىنلىكنىڭ تەمىنى تېتىپ بولغان ئادەملەر دەپ ھېسابلىغان بولسا كېرەك؟! ئەركىنلىك ئۇلار ئۈچۈن پەقەت مەلۇم ئىجتىمائىي دائىرىلەردىلا چەكلىنىپ قالدىمۇ قانداق؟! شۇ تاپتا ئۇلار مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا ۋە روھىيىتىمدە قانداق تۇيغۇلارنىڭ ھۆكۈم سۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلەرمۇ؟ بەلكى ئۇلار كۆز ياشلىرىمغا قاراپ، ھەيرانلىق ھېس قىلىشار؟ بەلكى “ئۇ يىگىتنى ياخشى كۆرگەن ئاشىقى كۈتۈۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇنى كۆرۈشكە ئالدىراپ كېتىپ، ھاياجانلىنىۋاتقاندۇ “دەپمۇ ئويلاپ قالار؟. ئەمما، ئۇلار ھەرگىزمۇ مېنىڭ كۆز ياشلىرىمنىڭ سەۋەبلىرىنى ئويلاپ تاپالمايدۇ خالاس!!!. مەن يەنىلا كۆز ياشلىرىمنى توختىتالمىدىم. ئاللاھ مېنى مۇشۇنداق بىچارە قىلىپ يارىتىپ قويغانمۇ ياكى ئۆزۈمنى شۇ بىچارىلىق كوچىسىغا ئۆزۈم تاشلىغانمۇ؟ ئەھ! مەن نېمە دېگەن بىچارە ھە؟! مېنىڭ ئىختىيارسىز ئەركىنلىك ئىلاھىغا سوئال قويغۇم كەلدى، ھەتتا ئۇنىڭغا كايىغىممۇ كەلدى.
   “ئەي! ئەركىنلىك ئىلاھى “دەپ خىتاپ قىلدىم مەن ئىچىمدە “ئەركىنلىك مەشئىلىنىغۇ ياندۇردۇڭ! ئوتىنىمۇ تۇتاشتۇردۇڭ. بۇ ئوت تەپتىدىن نۇرغۇن ئەركسىز كۆڭۈللەر ئىللىدى. توڭلىغان تەنلەرگە جان كىردى. سېنىڭ خاسىيىتىڭنى ھەممە بىلىدۇ، قوللىرىڭنى سۇنۇپ، مەشئەل تەپتىڭ بىلەن بىچارىلەرگە ساخاۋەت قىلىش بىلەن بىرگە ئەشۇ مەشئەل كۆتەرگەن گىگانت قولۇڭ بىلەن ئەركىنلىك دۈشمەنلىرىنى تازا كېلىشتۈرۈپ بىر شاپىلاق سالساڭلا كۇپايە قىلاتتى!
ئايروپىلان يېنىك قوندى، مەن ئېغىر ئۇھ تارتىپ، سومكامنى قولغا ئېلىپ، ئايروپىلاندىن چۈشۈشكە تەييارلاندىم. قەلبىم ئېچىنىش ۋە تەنھالىق ئوتىدا ئېچىشقاندەك بولدى. “مۇساپىرلىق دەردىنى تارتىپ ھارمىغان ئىدىڭغۇ؟! مانا يەنە ساڭا يېڭى مۇساپىرلىق !” دەپ ئۆز ئۆزۈمگە ئاچچىق كايىدىم شۇنداقلا شۇ زامان مۇساپىرلار ناخشىسىنى ئېسىمگە كەلتۈردىم:
ئۇششاق بالىلار ئوينايدۇ،
تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ.
مۇساپىر بالىلار يىغلايدۇ،
ئۆز يۇرتىنى ياد ئېتىپ.

   شۇنداق ، مەن مۇساپىر، بىز مۇساپىر، بىز ھەممىمىز مۇساپىر!!!. ئۆز يۇرتىمىزدىمۇ مۇساپىر ، ئۆزگە يۇرتتىمۇ مۇساپىر ! مۇساپىرلار ناخشىسىنى بولىشىغىچە ياڭرىتىپ، سەرگەردانلىق ۋە خانى - ۋەيرانلىق كوچىسىدا زار- زار قاخشاپ يۈرگىنىمىزگە خېلى بولۇپ قالدى. بۇ ناخشىنى بىز قەۋەتلا ياخشى كۆرىمىز، ناخشىمىز ياڭرىغانسىرى مۇساپىرلىق پسىخىكىسى كۈندىن كۈنگە ئۇلغايماقتا. مەن نېمە ئۈچۈن مۇنداق مۇساپىرلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولدۇم؟ نېمە ئۈچۈن ئۆز يۇرتۇمدا قىسقىسى ئۆز ئەجدادلىرىمنىڭ قانلىرى بىلەن سۇغۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈمىد، نىدالىرى بىلەن ئوغۇتلانغان ئۆز مۇقەددەس تۇپرىقىمدا ئۆزۈمنى مۇنداق مۇساپىر ھېس قىلىمەن؟” دېگەن سوئاللارنى قويمىدۇق ھەم قويماۋاتىمىز. دېمەك مەن مۇساپىرلىقنى يوقىتىش ئۈچۈن باشقا سانسىزلىغان مۇساپىرلاردەك مۇساپىرلىق يولىغا ماڭغان ئىدىم. ئەنە شۇنداق سانسىزلىغان نېمە ئۈچۈن دېگەن سوئاللارغا ھەقىقىي جاۋاب ئىزدەش ئۈچۈن مۇساپىر بولغان ئىدىم. ”مۇساپىر بولغاندىكىن تېخىمۇ ياخشى مۇسۇلمان بولىمەن-دە ئەلۋەتتە!”

   مەن يەنىلا ئۆز -ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم. دېمەك مەنمۇ ئەشۇ سانسىزلىغان قېرىنداشلىرىمدەك ئۆزۈمنى ئالداش دورىسى بىلەن ئۆزۈمنى مەسخۇش قىلدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ قان -قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئۆزىنى ئالداش ۋە ئۆزىنى پەپىلەش پسىخىكىسىدىن مەن قانداقمۇ قېچىپ قۇتۇلالاي ؟، چۈنكى مەنمۇ بىر ئۇيغۇر دە؟!
مەن ئايروپىلان ئىشىگىدىن سىرتقا چىقتىم. كۆڭلۈم ۋاللىدە يورۇپ كەتكەندەك بولدى. “مەن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان ئامېرىكا سەن شۇمۇ؟” دەپ خىتاپ قىلدىم ئۆز-ئۆزۈمگە - ” سەن بىلەمسەن؟ مەن ياۋروپا -ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ نەق ئوتتۇرسىغا جايلاشقان ھەددى ھېسابسىز بايلىق بىلەن تولغان تەكلىماكان ، جۇڭغارىيە ئاتلىق چۆللۈكنىڭ سالىمىنى ئېلىپ كەلدىم، ئۇ يەردىكى خەلق دوستلۇق ئۈمىدى بىلەن ساڭا تىكىلمەكتە، ئۇ بەك پاك مۇھەببەتكە، مېھرى شەپقەتكە، ھەقىقى دوستلۇق ۋە سەمىمىيەتكە مۇھتاج، ساڭا ئوخشاش ئەركىن ئېچىلىپ- يېيىلىپ ئۇسۇل ئويناشقا تەلپۈنىدىغان خەلق! سەن شۇنداق بىر خەلقنىڭ ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ يەر شارىنىڭ ئەڭ كونا ئىگىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىگىنى بىلەمسەن؟”
   سۆيۈملىك دوستلار ! مەن ئەنە شۇنداق سوئال، خىتاپ، ئۆكۈنۈش، كايىش ۋە تەسەللى ھەمدە ئىشەنچ ۋە ئۈمىد ئىلكىدە ئامېرىكا ھاياتىمنى باشلىدىم. مەن تېلېۋىزورلاردىن كلىنتون ۋە گېئورگى بۇشلارنىڭ مىيىقىدا كۈلگەن سىماسىنى كۆپ كۆردۈم، ئاق ساراي ئالدىدىكى باغچىدىكى ئورۇندۇقلاردا ئاق سارايغا قاراپ ئولتۇرۇپ، شېرىن خىياللارنىمۇ سۈردۈم، ۋاشىنگتون ۋە نىيورىك كوچىلىرىدا يۈرۈپ “مەن كىم؟” دېگەن سوئاللارنى ئۆز -ئۆزۈمگە قانچە قېتىملاپ قويغىنىمنى بىلمەيمەن. مەن “ئايال ئەركىنلىك ئىلاھى”نى سىلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن يىغا زارە قىلىپ تۇرۇپ سۆزلەشتىم ۋە مۇنازىرلەشتىم. بۇ “ئىلاھمۇ” مېنىڭ دەريادەك ئاققان ياشلىرىمغا قاراپ كۆڭلى بۇزۇلدى ۋە بېشىمنى مېھرىبانلىق بىلەن سىلىدى ھەم ئىلھامبەخش مېھرى بىلەن “مېنىڭ قولۇمدىكى مۇشۇ مەشئەل چوقۇم سېنىڭ يىغىلىرىڭنى شادلىق كۈلكىلىرىگە ئايلاندۇرىدىغانلىقىغا ئىشەن بىچارە ئىنسان! مەن ئەنە شۇنىڭ ئۈچۈن مانا شۇنداق گىگانت تۇرىۋاتىمەن، مەن ئېگىزلىكىم بىلەن ئالەمنىڭ ھەممە يېرىنى كۆرەلەيمەن، ھەممە يىغا ئاۋازلىرىنى ئاڭلىيالايمەن! مەن سەندەك ناتىۋان مۇساپىرلارغا يار-يۆلەك بولۇش ئۈچۈن مانا شۇنداق تۇرىۋاتىمەن” دەپ خىتاپ قىلدى. مەن ناتىۋانلىقتا بەلكى دۇنيا رېكورتى يارىتالايدىغان بۇ كۆڭلۈمنى “ئەركىنلىك ئىلاھى”نىڭ بۇ سەمىمىي خىتاپلىرى بىلەن پەپىلىگەندەك قىلىپ، ئۆز-ئۆزۈمگە قايتا تەسەللى بەردىم ۋە ئاھ! ئۇلۇغ خۇدا مەندەك مۇساپىر بەندىلىرىڭنى ھېچ ئۇنۇتمايدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن ھەم سەندىن شۇنى تىلەيمەن” دەپ قولۇمنى دۇئاغا كۆتۈردۈم.
مەن مۇساپىرلىقىمنى چۈشەنگەنسىرى ۋە ھېس قىلغانسىرى ئاللاھنى كۆپرەك ئەسلەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. مەن ئىلگىرى مۇقەددەس قەشقەر ھېيتگاھ جامائەسىگە كىرمىگەن بولسام، مانا ئەمدى ئامېركىغا كېلىپ، ۋاشىنگتوندىكى بىزنىڭ ئەشۇ ھېيتگاھ جامەيىمىزنىڭكىچىلىك تارىخى بولمىغان يېڭى مەسچىتكە دائىم بېرىشنى ئۇنۇتمايدىغان بولۇپ قالدىم، قىسقىسى ئاللاھنىڭ بۇ يەردىكى مۇقەددەس ئۆيىدە مۇساپىرلىق ۋە غېرىپلىك تۇيغۇلىرىمغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن كۆپرەك نىدا قىلىدىغان بولدۇم.ئامېرىكا ھاياتىم مېنى ئىلگىرىكى ھايات مۇساپىلىرىمدە ھېس قىلىپ باقمىغان يېڭى تۇيغۇ ۋە يېڭى چۈشەنچىلەر شۇنداقلا تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىرادە ۋە كېلىچەككە بولغان قەتئىي ئىشەنچ ھەم ئۈزۈلمەس ئۈمىدلەرنى بەخش ئەتتى.
   مەن ئوكلاخوما بوستانلىقلىرىدا كۆزلىرىدىن ناتىۋانلىق ۋە ئەمما ئۈمىدۋارلىق نۇرلىرى يېغىپ تۇرغان بىر ئىندىئان بىلەن قۇچاقلىشىپ دوست بولدۇم. ئۇ ماڭا ئاخىرقى بىر ئىندىئاننىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى.
مەن يەنە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى ئىجتىمائىي- ئىقتىسادى ۋە مەدەنىي قىممىتىنى جۈملىدىن ئۇنىڭ سىياسى قىممىتىنى يەنە بىر قېتىم تونۇپ يەتتىم. پرېزىدېنت سايلىمىدا ئۆزىنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەشكەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھاياتىدا قارىماققا بىلىنمەيدىغان ئەمما قانغا سىڭىپ كەتكەن سىياسىي قىزغىنلىق مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىگىنى چۈشىنىش بىلەن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ روھىيىتىمىزدىكى دائىم ئاغزىمىزغا ئالىدىغان مىللەت ۋە ۋەتەن ئىبارىلىرى توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرىمىز ئوتتۇرسىدىكى پەرقلەرنى يەنىمۇ بىر قەدەم ھېس قىلدىم. ئەگەر ھەممىمىزدە ئەنە شۇ مەن كۆرگەن ئاددىي ئامېرىكىلىقلاردا بولغاندەك ۋەتەن ۋە مىللەت تۇيغۇسى يېتەرلىك بولغان بولسا ئىدى بەلكى كۆزلىرىمىز بۈگۈنكىدەك ياشاڭغۇراپ تۇرماس ئىدى. مۇساپىرلار ناخشىسىنى ئۇنداق ياخشى كۆرمىگەن بولار ئىدۇق. بەلكى ھەممىمىز ئۆز كىندىك قانلىرىمىز تۆكۈلگەن يەرلىرىمىزدە گويا خوجايىنلاردەك زەبەردەس قەدەم تاشلاپ، كۆكرىكىمىزنى كېرىگەن ھالدا يۈرەر ئىدۇق. ئامېركىلىقلاردا مەۋجۇت بۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ بىزدە سۈنئىيلىكى ياكى تاكاممۇللاشمىغانلىقى ۋە ياكى ئومۇملاشمىغانلىقى بىلەن ئامېرىكىلىقلاردىن زور پەرقلىققە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
   ئەلۋەتتە ، بىر قانچە يىللار ئىچىدە مېنىڭ سۆزلەپ تۈگۈتۈپ بولالمىغىدەك تەسىراتلارغا ئېرىشكىنىمدە شەك يوق. بەلكى، بۇ تەسىراتلار ھازىر كونىرىماقتا ۋە يېڭىلانماقتا ھەمدە كۈندىن- كۈنگە چوڭقۇرلاشماقتا. نەتىجىدە تەسىراتلىرىمنىڭ داۋامىنىڭ ئۈزۈلمەيدىغانلىقىدا تېخىمۇ شەك يوق!!!
مەن دەسلەپكى تەسىراتلىرىمنى سۆيۈملۈك دوستلارنىڭ پىكىر ھوزۇرىغا تاشلاپ، ئۇلارنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش “ئەركىنلىك ئىلاھىغا” سوئال قويۇشىنى، ھېچ بولمىغاندا ئۆز شاپىلاقلىرى بىلەن ئۆز يۈزلىرىنى كاچاتلاپ ،ئۆز -ئۆزىگە كايىشىنى ھەمدە 21-ئەسىردە يىغا زارە نالە پەريادلارنى ئەمەس بەلكى، ئۇيغۇر ئىنسانلىرىنىڭ نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان ئەڭ قىممەتلىك بەختلىك كۈنلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆز تۇپراقلىرىدا سۈنئىي ئەمەس بەلكى، ھەقىقى توي مەرىكىلىرىنى ئۆتكۈزۈشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن ۋە تىلەيمەن .....بەلكى “موسكۋا خىياللىرى”نى ئوقۇغان بولسىڭىزلەر دېمەك بۇ بىزگە ئوخشاش مۇساپىر قېرىندىشىمىز يەنىلا ئەشۇ خىياللىرىنىڭ داۋامىنى سۈرۈۋېتىپتۇ! دېمەك ئۇنىڭ خىياللىرى تۈگىمەيدىكەن دېگەن ئويغا كېلىدىغانلىقىڭلارغا ئىشەنچىم كامىل .قەدىرلىك دوستلار ئەمەلىيەتتە بۇ ھەممىمىزگە ئورتاق خىياللاردۇر! ئۇ بىزگە ئەجدادلىرىمىزدىن مىراس قالغان. ئۇ، قۇرۇق خىيال ئەمەس، بەلكى ھەقىقى ئارزۇ، ئۈمىد، ئىشەنچ ۋە چوقۇم ئېرىشىدىغان يۈكسەك غايىدىن ئىبارەت!
   سۆيۈملۈك دوستۇم خىياللىرىمىز ئوخشامدىكەن؟
   دېمەك، خىياللار تۈگىمەيدۇ!!!


تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-05, 13:47
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-08-05 12:57 |
mosapir
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9308
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 61
شۆھرەت: 430 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 430 سوم
تۆھپە: 234 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 234 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 64(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇمكىن بولسا ئىنىمىز نەبىجان تۇرسۇن«موسكىۋا خىياللىرى»ناملىق ئەدەبىي خاتىرىسىنىمۇ  يوللاپ قويغان بولسا.بەھىرلەنگەچ تۇرساق.
بۇ ئەدەبىي خاتىرىنىڭ داۋامىغا ئىنتىزارمىز.
lutun
تۇردى ئىسرائىل
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-05 14:16 |
bagzad74
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9334
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 19
شۆھرەت: 170 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 165 سوم
تۆھپە: 91 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 91 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 22(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تارىخنى قايتا ئەسكە سالدى...
بۈگۈن ئەتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-05 14:35 |
tohotur

دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 2259
شۆھرەت: 12449 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 12511 سوم
تۆھپە: 7307 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 7318 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2730(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ كىتاپنىڭ تولۇق نۇسىخسىنى ئىزلەپ يۇرەتتىم .
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-05 14:47 |
sultani
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8790
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 25
شۆھرەت: 125 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 125 سوم
تۆھپە: 75 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 75 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 86(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نەبىجان  ياخشىمۇسىز ،بىز سىزنىڭ موسكىۋا خىياللىرىدىن كىيىنكى ئەسىرىڭىزنى ئاساسەن كۆرۇپ باقمىدۇق ،سىزنىڭمۇ باغداش مۇنبىرىدە كۆرۈنگەنلىكىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەنبىز ،سىزنى سىغىنىمىز.
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-05 15:06 |
mamat818
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9341
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5 سوم
تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق نۇسخىسى بار بولسا يوللاپ قويساڭلار بولاتتى . بۇ كىشىنىڭ باشقا ئەسەرلىرىنى قايسى توربەتتىن تاپقىلى بولار؟
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-05 15:25 |
imildulkini
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7186
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 37
شۆھرەت: 222 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 212 سوم
تۆھپە: 125 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 132 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 180(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ممەن نەبىجان تۇرسۇنخا  قايلمەن.ۋە مۇشۇنداق  تارخچىمىزنىڭ بۇلخانلىقىدىن  پەخىرلىنىمەن، ئەسەرلىرىنى بەكمۇ  سۇيۇپ  ئوقۇيمەن. تۇرداشلار بۇلسا رەسىمىنى  ئەۋەتكەن بۇلساڭلار    تاشىقى قىياپىتنى  كۇرۇپ   باقسام  دىگەن  ئارزۇيۇم  بار،بەك  كۇرگۇم بار.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-05 16:10 |
gorkar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7788
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 52
شۆھرەت: 295 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 295 سوم
تۆھپە: 170 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 170 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەھمەت سىزگە،داۋامىغا ئىنتىزارمىز.
istanbol
ھەممىمىز ئۆز-ئۆزىمىزگە گۆر كولاۋاتىمىز-خالاس !
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-05 16:11 |
hujanasirdin
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5404
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 12 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-01-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى mamat818دە2012-08-05 15:25يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق نۇسخىسى بار بولسا يوللاپ قويساڭلار بولاتتى . بۇ كىشىنىڭ باشقا ئەسەرلىرىنى قايسى توربەتتىن تاپقىلى بولار؟

  بەلكىم بەزىللىرىمىز بۇ تارىخچىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ ياراتماسلىقىمىز مۇمكېن. ئەمما سىز ئۇنداق ئەمەستەك قىلىسىز. ئۇنداقتا مۇنۇ ئادرىسقا مەرھەممەت قىلىڭ.
http://funy520.blogbus.com/c2999182/
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر!!!
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-05 16:23 |
ئەرتۈڭە
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 9147
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 466
شۆھرەت: 2565 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2566 سوم
تۆھپە: 1493 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1497 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 339(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئوخشايدىكەن ، ئوخشايدىكەن . ئەمما بىز خىياللىرىمىزنى سىزدەك مۇنچە<< ساز>>قىلىپ ئىپادىلىيەلمەيمىز.  سىزگە ھارماس مادار، سۇلماس قانات تىلەيمەن . خىياللىرىڭىزنىڭ داۋامىغا تەشنادۇرمىز. رەھمەت
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-05 16:28 |
مارىس
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9344
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 15 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 15 سوم
تۆھپە: 9 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 9 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەخمەت سىزگە، داۋامىغا تەشنامىز.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-05 17:16 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«123»Pages: 1/3     Go
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە