saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 9859 قېتىم كۆرۈلدى
bagzad74
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9334
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 19
شۆھرەت: 170 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 165 سوم
تۆھپە: 91 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 91 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 22(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما kokturuk تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-08-07)
تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ

ئابدۇللا ئېلى بەگزاد 

تارىخ بىزنىڭ روھىمىزنى يۇيىدىغان، قەلبىمىزنى ھەقىقەتكە يېقىنلاشتۇرىدىغان مۇھىم قورال. ئۇ نۇقۇل يىللار دۈۋىسى ئەمەس، مەلۇم بىر دەۋرنىڭ مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن كۈرەش تارىخىلا ئەمەس، بەلكى بىر قەۋمنىڭ مەدەنىيەت، تۇرمۇش ئەندىزىسى، ئېتىقاد، روھىيەت ئارخىپى. بىر ئادەمنىڭ مۇكەممەل ئادەم ياكى ئەمەسلىكىگە باھا بېرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئۇنىڭ تارىخ بىلىش- بىلمەسلىكىدۇر. تارىختىن خەۋىرى يوقلار ياكى قىزىقمىغۇچىلار قانچە كۆپەيگەنسېرى، شۇ قۇۋمنىڭ كەلگۈسى شۇنچە غۇۋا بولىدۇ.

كۈنلەر ئايلارنىڭ بىر ۋارىقى، ئايلار يىللارنىڭ بىر پاراگرافى، يىللار ئەسىرلەرنىڭ بىر بابى. ئۇنىڭدا بىزنىڭ كەچمىش- كەچۈرمىشلىرىمىز، ئۇتۇق- مۇۋەپپىقىيەتلىرىمىز، بەخت- سائادەت، خۇشاللىقلىرىمىز، ئارزۇ- ئارمانلىرىمىز، ئوڭۇشسىزلىق- مەغلۇبىيەتلىرىمىز، پۇشايمان- نادامەتلىرىمىز، قايغۇ- ھەسرەتلىرىمىز... خاتىرىلەنگەن.     

ئۆتمۈشنى بىلمىگۈچە بۆگۈنكى كۈننىڭ مەنىسىنى ۋە كېلىچەكنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس.

ئۆتمۈشنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.

تارىخ ــ ئۆزىنى ئىزدەپ يۈرگەن ئىنساننىڭ پائالىيىتىدىن ئىبارەت. (ماركىس)

«ئەگەر غەيرى، زوراۋان كۈچلەر تەرىپىدىن تۈپتىن بۇرمىلانغان تارىخنى ئۆز تارىخى دەپ قاراشقان مۇپتىلا بولغۇچىلار توغرىسىدا سۆز قىلىشقا توغرا كەلگەندە، ئېيتىش مۈمكىنكى، بۇ كەلگۈسى ئۈچۈن تارىخ يارىتىش ئىستىقبالىدىن مەھرۇم بولغان ۋە بىھۇشلۇق ئۇيقۇسىدا ياتقان مىللەتنىڭ پاجىئەسىدۇر. بۇنداق مىسلىسىز پاجىئەگە غەرق بولغان ۋە ئۇنى نۇرمال تۇرمۇش رىجىسى دەپ بىلىشكە كۆنگەن مىللەت ھەمىشە ئۆز تارىخلىرى بىلەن مەرىپەت مەشئەلچىلىرى پاجىئەلىك دەپنە قىلىنغان لەھەت تۇپرىقى ئۈستىدە ئەمەل- مەنسەب، يۇرتۋازلىق ۋە تۇرمۇش ھەشەمىتى ھاۋاسىدا قامغاقتەك دۇمىلاپ، يىللارنى ئۆتكۈزۈشتىن باشقا ھېچ نەرسىگە قادىر ئەمەستۇر.»

ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ گېنىرالى تورىم شۇنداق دەپتىكەن: « ئۆزلىرىنىڭ شانلىق تارىخىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغاندا، پۇقرالار ئۈستى- بېشى جۇل- جۇل، ئاچ- يالىڭاچلىقتا قالغان سەرگەردانلارغا ئايلىنىدۇ. مۇنداق كىشىلەردە قورساق تويغۇزۇشتىن باشقا ئىستەك بولمايدۇ.» 

تارىخ- ئىنسانىيەت پائالىيىتى ۋە بىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇلۇغ ھېكايىتى. ئۇنىڭ ھادىسىلىرى چىرىگەن تەندەك ئۆتمۈشكە ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ ماھىيەتلىرى ئۆلمەس روھتەك مەڭگۈ كىيىنكى تارىخنىڭ ئۇلىنى تۈزۈپ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ روھىنى چېنىقتۇرىدۇ.    

تارىخ ئىككى جەرياندىن ئىبارەت. ئۆتمۈشكە نىسبەتەن ئۇ بىر «خەزىنە» بولۇپ، ھادىسىلەر بىلەن ماھىيەتكە تولغان. ئۇنىڭ ھېكمەتلىك جاۋاھىراتلىرى نۇرغۇن. كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۇ بىر «بىناكارلىق» بولۇپ، ئۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسى تارىخىنى يارىتىشىنى، مىللەتنى ھازىرقى زامان مىللەتلىرى قاتارىدا تاكاممۇللاشتۇرۇش يوللىرىنى ئىزدەشنى نىشانلىغان.   

«تارىخ تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋاتقانلار ئۈچۈن ياد ئېتىش؛ ئىززەت- ھۆرمەتتىن بەھرىمان بولىۋاتقانلار ئۈچۈن قوغداش؛ ئازابلىنىۋاتقانلار ئۈچۈن تەنقىد.» (فىرىدرىخ نېتزى)

نېتزى شۇنداق دەيدۇ: «تارىخنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە كۆلۈپ تۇرۇپ يازىدۇ.»

ئاقكۆڭۈللەر بەختسىز كېلىدۇ. ئاق نەرسىنى چاڭ- توزان ۋە ئىپلاسلىقلار ئاسانلا بۇلغايدۇ. شۇڭا ئاقكۆڭۈللەرنىڭ قەلبى بىر دونيا. تارتقۇلۇقنىڭ خاتىرە دەپتىرى. بۇ دەپتەرنىڭ بەتلىرى قان ۋە كۆز يېشى بىلەن بويالغان. بۇ بەتلەرنى بەخىتسىزلەرلا ۋاراقلاپ باقىدۇ. بەخت ئىگىلىرىنىڭ بۇ بەتلەرگە قاراشقا رايى يوق. ھايات ئەنە شۇنداق. ئۆز بەلگىلىرىنى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە، چىرايىغا ۋە تەقدىرىگە قالدۇرۇپ كېتىدۇ.

فىرانسىيە مۇتەپەككۈرى ۋۇلتېر: «تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ. شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.» دەپ ئېيتقان. 

بىزنىڭ تارىخنى خاتىرىلىشىمىز تارىختىن كېرەكلىك ئوزۇقلۇق ئىزدەش، ئۆزىمىزنىڭ يوقاتقان نەرسىلىرىمىزنى قايتىدىن تېپىۋىلىش ئۈچۈندۇر.    

ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىدىن باشلانغان ھاياتلىق يارىتىش ۋە يارىلىش، ئىزدىنىش ۋە كۆرىشىش مۇساپىسىدۇر.         

بىز تارىخقا قانچىكى ئىچكىرىلەپ نەزەر ئاغدۇرغىنىمىزدا، تارىخنىڭ بىز مۆلچەرلىگەندىن تېخىمۇ يىراق،باي ۋە رەڭدارلىقىنى ھېس قىلىمىز.

يېقىنقى زامان دونيا تارىخىغا نەزەر سالساق، ئاتوم فىزىكىسى ئاتوم دەۋرىنى مەيدانغا كەلتۈردى. ئېلىكترون ۋە ئۇچۇر تېخنىكىلىرى ئۇچۇر دەۋرىنى مەيدانغا كەلتۈردى. بۇ دەۋرلەرنىڭ ئارقا- ئارقىدىن مەيدانغا كېلىشى دۇنيانىڭ سىياسىي تەرتىپىنى غايەت زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىپ تاشلىدى.  

بىر قانچە دۆلەت رەھبەرلىرى بىر يەرگە كېلىپ، نۇرغۇن دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ تەقدىرىنى ئويان- بويان قىلدى. دونياۋىي تەرتىپ ئۆزگەردى. خەرىتىدىكى سىزىقلار ۋە رەڭلەر ئادالەتسىز رەۋىشتە ئۆزگەرتىلدى. ئارقىدىنلا كوممۇنىزىم، كاپىتالىزىم لاگىرلىرى ئوتتۇرىسدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى باشلىنىپ ئۇزۇن داۋام قىلدى. قورال- ياراقلار ئىسكىلاتلاردا، مەخپىي بازىلاردا كۈنسېرى كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن  بىرگە ئاچ- يالىڭاچلارمۇ كۆپىيىپ، مىليۇنلاپ كىشىلەر ئۇزۇقلۇق يېتىشمەي ئۆلدى. تۇغۇتتىن ساقلىنىش كۇمۇلىچى ۋە قاپچۇقلىرى ياسالدى. زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىغا ساقچىلارمۇ ئارا تۇرالمايدىغان ھالەتكە يەتتى. ئەيدىز كېسىلى يامراپ، راك كېسەللىكلىرى بىلەن بىرگە، ئىنسانىيەت ئۈچۈن ۋەھشىي خەۋپكە ئايلاندى. سۇ، تۇپراق، ھاۋانىڭ بۇلغىنىشلىرى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان تۈرلۈك ئاپەتلەرنىڭ ئىنسانلارغا كەلتۈرگەن زىيانلىرى ئىككى قېتىملىق دونيا ئۇرۇشىدىنمۇ ياۋۇز ھالەتكە كەلدى.    

رۇشەنكى، 20-ئەسىردە ئىنسانلار پەن- تېخنىكا ۋە ماددىي جەھەتتە مىسلىسىز تەرەققىي قىلدى. لىكىن ئىنسانىيەتنىڭ بەخىتسىزلىكى تارىختىكى ھەر قانداق دەۋرنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى. گۈللەنگەن پەن- تېخنىكا، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىككە دائىر تۈزۈلگەن تالاي خىتابنامىلەر، قانۇنلار ۋە مەجلىسلەر يەنىلا تەڭسىزلىكنى تۈگىتەلمىدى.

 ئىقتىسادىي نەتىجىلەر كىشىلەرنىڭ تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش جەريانى، لىكىن ئىقتىسادىي ئامىل تۇرمۇشتىكى ھەممە نەرسىگە بېسىم قىلىدىغان كۈچكە ئايلانغاندا، ئۇ پاجىئەلىك نەرسىگە، ھەتتا قۇرقۇنچلۇق نەرسىگە ئايلىنىدۇ.  

كاپىتال مەدەنىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ماددىي كېڭىيىش ئىنسانلارغا، ئىنسانلار جەمىيىتىگە ماددىي ئەخلاق ئۆلچىمىنى تاڭدى. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر دوستلۇق ۋە دىيانەت ئىشلىرىدا ماددىنى بەلگە قىلىشتى. شۇنداق قىلىپ، ئادەم ماددىنىڭ بېسىمىدا گۈزەللىك، غايە، ھەقىقەت، خۇداغا بولغان ئىنتىلىشلىرىنى تاشلاپ، ماددىي مەئىشەتكە چوقۇنۇپ ئۇنىڭغا ئەل بولدى. پەن- تېخنىكا، مېخاينىزىم دېگەنلەر ئاڭ ساھەسىنى تولۇق ئىگىلىدى. ئۇ گۇياھ ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ زامانىۋىي تۇتىمىغا ئايلاندى. 

    20-ئەسىر شۇ قەدەر ئەسەبىي قىلىقلار بىلەن تولغان ئەسىر بولدىكى، كىشىلەر مۇقەددەس كىتابلاردىكى قىيامەت تەسۋىرىنىڭ ئالامەتلىرىنى ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى رىئال تۇرمۇشتىن يەتكۈدەك ئۇچرىتىشتى. ئىجادىيەت بىلەن بۇزغۇنچىلىق بالانىس ھالەتتە روياپقا چىقتى.   

تارىختا مۇئەييەن ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي گۈللىنىش شەكىللىنىشى بىلەن ئەخلاقىي بۇزۇلۇش يۈز بەرگەن تىپىك مىساللار كۆپ بولغان. بۇ ماددىي مەدەنىيەت گۈللىنىشكە باشلىغاندا، مەنىۋىي مەدەنىيەت ئوخشىمىغان دەرىجىدە زەربىگە، ئېتىبارسىز مۇئامىلىگە ھەتتا دەپسەندىگە ئۇچرىشىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 

«19- ئەسىردىكى كىشىلەرنىڭ يۇقىتىشلىرى مال- مۈلۈك، ھوقۇق بىلەن مەزمۇنلانغان بولسا، 20-ئەسىردىكى كىشىلەرنىڭ يۇقىتىشلىرى روھ بىلەن مەزمۇنلاندى.» دېمەك، ئۇلارنىڭ بىرى ئىجتىمائىي كىرىزىس، يەنە بىرى روھىي كىرىزىس.

رىئاللىق بىر ئېقىنغا، ئۇنىڭ ماھىيىتى تىنچ سۇ تەكتىدىكى قاينامغا ئوخشايدۇ. شۇڭا تارىخىي ئۆزگىرىشلەر شۇنداق تۇيۇقسىز، ئويلىمىغان چاغدا يۈز بېرىدۇ.  

شەرق بىلەن غەرب مۇۋازىنىتىنىڭ توختماي ئۆزگىرىپ تۇرۇشى تارىخىي تەرەققىياتنىڭ تۈرتكىسىگە ئايلاندى. مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئېنگلىز يازغۇچىسى كېپلىڭ: «شەرق دېگەن شەرق، غەرب دېگەن غەرب. ئۇلار مەڭگۈ كېلىشەلمەيدۇ. پەرۋەردىگار ئاسمان بىلەن يەرنى ئۆز ئورنىغا بىكىتىۋەتكەندەك ئۇلار مەڭگۈ ئاشۇنداق تورىدۇ» دېگىنىدەك، ئۇلارنىڭ زىددىيىتى گاھ ئۆتكۈرلىشىپ، گاھ پەسىيىپ، بۈگۈنگە ئۇلىشىپ كەلدى.

دونيا ئەللىرى ئارىسىدا ئەڭ ئاۋۋال غەرب تەرب (كۈنپېتىش)تە ئولتۇراقلاشقانلار شەرق تەرەپ (كۈنچىقىش)تە ئولتۇراقلاشقانلارنى شەرقلىقلەر، شەرقلىقلەر غەربتە ئولتۇراقلاشقانلانى غەربلىكلەر دەپ ئاتاش ئادىتى شەكىللەنگەن. كېيىن بۇ ئۇقۇمنىڭ كۆرسىتىدىغان دائىرىسى تۇراقلىشىپ، ياۋرۇپالىقلار ئىران تۇران، ھىندىستان، ئەرەبىستاننى شەرق دەپ قارايدىغان، ياۋرۇپا غەرب دەپ قارىلىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ جۇغراپىيەلىك ئاتالغۇنىڭ مەنىسى كېڭىيىپ ۋە بېيىپ، جۇغراپىيەلىك مەنىدىن باشقا مەدەنىيەت ۋە سىياسىي مەنىسىمۇ پەيدا بولغان.     

غەربلىكلەر نەزەرىدە شەرقلىقلەر پۈتۈنلەي ھاكىممۇتلەق، مۇستەبىت، شەخسنىڭ ھوقۇقى مۇتلەق كاپالەتكە ئىگە ئەمەس. بۇ يەردە كوللىكتىپنىڭ ھوقۇقى چەكسىز، شەخس ھەر ۋاقىت كوللىكتىپ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى، كوللىكتىپ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھەممە نەرسىسىنى تەقدىم قىلىشى كېرەك. كوللىكتىپ شەخسىنىڭ ئەركىنلىكى، ھوقۇقى، ئىقتىدارىنى بۇغۇۋالغان. كوللىكتىپ ئالدىدا شەخس ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ. پۇقرالىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى ئۇلارنىڭ ھوقۇقىدىن بەكرەك تەكىتلىنىدۇ...

شەرقلىقلەرنىڭ نەزەرىدە  بولسا، غەرب شەخسىنىڭ ھوقۇقىنى ھەددىدىن زىيادە تەكىتلەپ، ئۇنى مۇقەددەس دەخلىسىز ئورۇنغا قويغان. كوللىكتىپنىڭ ھوقۇقى نەزەردىن ساقىت قىلىنغان. شۇ سەۋەبتىن جەمىيەتتە شەخسىيەتچىلىك، مەنپەئەتپەرەسلىكتەك ئەجەللىك ئىدىيىلەر ئەۋج ئالغان. ھوقۇق بەكلا تەكىتلىنىپ، مەجبۇرىيەتكە سەل قارالغان كوللىكتىۋىزىملىق روھ يۇقاپ، جەمىيەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ئاجىزلىغان.    

    17-، 18-ئەسىرلەردىن بۇرۇنقى غەرب دونياسى خىرىستىيان دىنىنىڭ قاتتىق كونترول قىلىشى ئىچىدە ئۆتتى. پوپلارنىڭ، چىركاۋ روھانىلىرىنىڭ ھەر بىر سۆزى مۇقەددەس سانالدى. ئۇلار ئۆز مەپكۇرىسىغا چۈشمىگەن ياكى ئىدىيىسىدىن ئۆتمىگەن ھەر قانداق نەرسىنى بار كۈچى بىلەن ئىنكار قىلدى، چەتكە قاقتى. دىن دىنغا ئوخشىماي قالدى. ئىيالىيىدە كۆتۈرۈلگەن ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى ۋە ياۋرۇپادا ئارقا- ئارقىدىن بارلىققا كەلگەن ئىلمىي مۇۋەپپىقىيەت، ئىزدىنىشلەر ئاستا- ئاستا غەرب دونياسىنى ئويغىتىپ تاشلىدى.

كېيىنچە ئىتالىيىدە قوزغالغان ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى، ئاقارتىش ھەرىكىتى ۋە ئىلىم- پەندە ئارقا- ئارقىدىن مەيدانغا كەلگەن مۇۋەپپىقىيەتلەر كىشىلەرنىڭ دىنىي جەمىيەتلەرگە بولغان ئەيمىنىش پوزىيسىيەسىنى ئاستا- ئاستا ئۆزگەرتىشكە، خەلق دىنىي جەمىيەتلەرنىڭ تەرغىباتلىرىدىن گۇمانلىنىشقا، دىنىي جەمىيەتلەرنىڭ نۇپۇزى ئۆزلۈكىدىن چۈشۈشكە، ياۋرۇپالىقلار ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك قىممىتى، ھوقۇقى، جەمىيەت تۈزۈلمىسى ھەققىدە مۇستەقىل مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشكە باشلىدى.    

ئىنسانىي قىممەت، جەمىيەت تۈزۈلمىسى مۇھاكىمىنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقان شۇ چاغلاردا ئۆز تەپەككۈرىدا دىنىي ئەقىدىلەردىن كۈرە ئەقىلنى بەكرەك ئاساس قىلىدىغان ئىسيانكار بىر تۈركۈم يېڭى كىشىلەر مەيدانغا كەلدى. ئۇلار ئىدىيىدە ئازاد، تەپەككۈردا ئەركىن، دىننىڭ تەسىرىدىن خالى ئىدى.  

شۇنىڭ بىلەن ماس قەدەمدە ئوسمان ئېمپىرىيىسىنىڭ ھالاكىتى، مۇسۇلمانلاردىكى سىياسىي ئەمەلىيەتچىل روھنىڭ سۇسلىشىشىدىن كەلگەن يېقىنقى زامان ئىسلامىيەت دونياسىدىكى چۈشكۈنلۈك، غەرب جاھانگىرلىرىنىڭ مۇسۇلمان ئەللىرىنى مۇستەملىكە قىلىۋىلېشى شەرق ئەللىرىنىڭمۇ كىرىزىس تۇيغۇسىنى كۆچەيتىۋەتتى. ئۇلارمۇ چىقىش يولى ئىزدەشكە، ئۆز ئەنئەنىسىدىن، ئىسلام دىنىدىن يېڭى يول ئىزدەشكە باشلىدى.    

    20-ئەسىر ئىنسانلار تارىخىدىكى ئوخشىمىغان مەدەنىيەت، ئىدىئولوگىيە، قىممەت قاراشلار ئەڭ كەسكىن، ئەڭ كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشقان بىر ئەسىر بولدى. پەن- تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ئىنسانلارنى بىر- بىرى بىلەن ئەڭ كەڭ كۈلەمدە ئۇچرىشىشقا مۇۋەپپەق قىلىپ، ئادەملەرنىڭ ئارىسىنى قىسقارتتى. خەلقئارا ئالاقە تورى ۋە خەۋەرلىشىش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشى بۇنى تېخىمۇ يۈكسەك پەللىگە كۆتۈردى. بۇ كۈچلۈك قۇۋملارنىڭ قۇدرىتىنى تېخىمۇ نامايان قىلىپ، ئاجىز قوۋملارغا يېڭى خىرىس، يېڭى تەلەپ ئېلىپ كەلدى.   

دونيانىڭ ئىككى مەدەنىيەت قۇتۇبىدا ئوخشىمىغان ھوقۇق فورمىسى شەكىللەندى. شەرقتە ھوقۇق چېقىلغىلى بولمايدىغان مۇتلەق نەرسە. ئۇ مەلۇم بىر كىشىگە مۇتلەق ھالدا نېسىپ بولىدۇكى، ئاۋامنىڭ تەقدىرى مەزكۇر ھوقۇق ئىگىسىنىڭ بىر قېتىملىق چۈشى ياكى خىيالى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. غەربتە ھوقۇق بارا- بارا تارقاقلىشىپ، ھوقۇقدارنى نازارەت قىلىدىغان كۆپ قۇتۇپلۇق قۇرۇلما بارلىققا كەلگەن. بۇ دەل پارلامىنتنىڭ ئۆزى ئىدى.  

«بۈگۈنكى غەربلىكلەر دۇنياۋىي تەرتىپ ۋە سىياسەتتە شۇنىڭ ئۈچۈن تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرىدۇكى، ئۇلاردا ئىلمىي پەرەزچىلەر ھەر ساھە بويىچە تۈركۈم- تۈركۈملەپ چىقىپ تۇرغان. پەيلاسۇپلار جاھاننىڭ قىياپەتلىرى ئۈستىدە پىكىر قىلىپ تۇرغان. ئالىملار ماددىي قانۇنىيەتلەر ھەققىدىكى پەرەزلىرى ۋە گاھ- گاھ دەلىللىرى ئارقىلىق پەيلاسۇپلارنىڭ پىكىرلىرىگە ئاساس يارىتىپ بەرگەن. ئىقتىسادشۇناسلار بۇ قانۇنىيەتلەرنى جەمىيەت قانۇنىيەتلىرىگە تەدبىقلاپ، داھىلار ۋە سىياسىئونلارغا  ئىلمىي تەكلىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدە تەسىرى مۇتلەق بولغان غەرب سېستىمىسى بەرپا بولغان. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە غەربنىڭ قىممەت قارىشى، ئەخلاق سېستىمىسى دۇنيا مىقياسىدا ئومۇمىيۈزلۈك غەلىبە قىلغان بولدى.»    

نۆۋەتتە، خەلقئارا پىكىر بايان قىلىش، ھۆكۈم قىلىش، بەلگىلەش پەقەت كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئىمتىيازى بولۇپ قېلىپ، ئاجىز قوۋملار ئىدىئولۇگىيە، تۈزۈم، مەدەنىيەتنىڭ بىچارە ئىستىمالچىلىرىغا ئايلىنىپ قالدى.   

كىشىلەر «ئادەم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسىدۇر» دەپ، باشقىلارغا ۋە ئۆزىگە ئىلھام- تەسەللىي بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ۋاھالەنكى بۇ يەردىكى ئەڭ ماھىيەتلىك نەرسە تۆمۈر سوقىدىغان بازغاننىڭ كىمگە ھەقىقىي تەۋەلىكى. بازغان ئۆزىڭىزنىڭ بولسا، سىز سوقۇپ چىقارغان تەقدىر ئۆزىڭىزنىڭ، ئەمما بازغان باشقىلاردىن ئارىيەتكە ئېلىنغان ياكى باشقىلار سىزگە بەرگەن بولسا، ئۇ ھالدا سىزنىڭ تەقدىرىڭىز باشقىلارنىڭ تەجرىبە ئېتىزى ياكى سەندىلى بوپقالىدۇ. تېخىمۇ مەسخىرىلىك يېرى شۇكى، ئۇلار بۇ تەجرىبىنى سىزنىڭ قولىڭىز ئارقىلىق ئىشلەيدۇ. ئەمما سىز بۇنىڭدىن بىخەۋەر. 

بىر ئاتىنىڭ ئىككى قىزى بولۇپ، بىرى ئۆز، يەنە بىرى ئۆگەي ئىكەن. ئۆز قىزى ھورۇن، ئۆگەي قىزى ئىشچان ئىكەن. ئۆگەي قىز ئىشچان ۋە ئەخلاقلىق بولۇشىغا قارىماي، ئۆگەي ئانا ۋە ئۇنىڭ قىزىنىڭ ھاقارەت- خۇرلۇقلىرىغا ئۇچراپ تۇرىدىكەن. ئۇلار ياشىغان يۇرتنىڭ شاھزادىسى بىر پاي ئالتۇن كەشنى تېپىۋىلىپ، بۇ ئالتۇن كەش كىمنىڭ پۇتىغا كەلسە، شۇنى نىكاھىمغا ئالىمەن دەپ يارلىق چۈشۈرۈپ، ئوردا مەھرەملىرىنى خەلق ئارىسىغا ئەۋەتىدىكەن. ئۆگەي ئانا ئۆز قىزىنىڭ بەخت- تەلىيىنى كۆزلەپ، ئەسلى ئالتۇن كەش پۇتىغا كېلىدىغان ئۆگەي قىزىنى يۇشۇرۇپ قويۇپ، ئالتۇن كەشنى ئۆز قىزىغا كىيدۈرۈپ باقىدىكەن. ئالتۇن كەشنى ئۇنداق- مۇنداق كىيگۈزۈپمۇ پاتقۇزالماي، پۇتلىرىنى شىلىپ كىيگۈزۈپتۇ.

ئاجىزلار شۇنىڭ ئۈچۈن ئاجىزكى، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىدىن خەۋەرسىز. ھەتتا ئۇلار ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پۇرسەتتىنمۇ مەھرۇم.

«غەربنىڭ بۈگۈنكى مۇۋەپپىقىيىتىنىڭ يىلتىزى ئۇنىڭ ئىلىم- پەن روھىدا. ئۇلارچە ئىلىم- پەن ھەممىنى ھەل قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ دىنى ھازىر ئىلىم- پەن. دۆلەت ئىدىيىسى شەخسىيەتچىلىك. شەرقنىڭ قالاقلىقىنىڭ يىلتىزى ئۇنىڭ دۇنيانى سىرلىقلاشتۇرىۋەتكەنلىكىدە. ھەممە ئىشنى ئىلاھقا باغلاپ قويغانلىقىدا...»    

ئامىرىكا پىسىخولوگى ئېرك فرومنىڭ «ئىنسانىيەت بۇزغۇنچىلىقى» (مەركىزىي مىللەتلەر ئونۋىرسىتىتى نەشرىياتى، 2001-يىل 1-ئاي خەنزۇچە نەشرى    266-بەت) دېگەن كىتابىدا بىر جەدىۋەل بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇرۇش قېتىمىنىڭ تەرەققىياتقا ئەگىشىپ كۆپەيگەنلىكى ئەكس ئەتكەن.

يىللار
ئۇرۇش قېتىمى
1480 - 1499
9
1500 - 1599
87
1600 - 1699
239
1700 - 1799
781
1800 - 1899
651
1900 - 1940
892
يۇقۇرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەدەنىيەت ئىپتىدائى بولغانسېرى، ئۇرۇش شۇنچە ئاز بولغان. پەن- تېخنىكا مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇرۇشمۇ كۆپەيگەن ھەمدە ئۇرۇشنىڭ ۋەيران قىلىش ئىقتىدارىمۇ ھەسسىلەپ ئاشقان.       

كۈچلۈك رىقابەتكە تولغان ئىجتىمائىي مېخانىزىمغا ئىگە  بۇ زامانىۋىي دونيا ئۆزىنىڭ ئېنىق بولمىغان نىشانىغا قاراپ شىددەتلىك ئىلگىرىلەش جەريانىدا چىقارغان سوغۇق شاماللىرى بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا ئاران  پىلىلداپ يېنىۋاتقان مېھىر- مۇھەببەت، كۈيۈمچانلىق شامىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا ئورۇنىۋاتىدۇ.  

تېخنىكىنىڭ ئۆزىگە يول كۆرسىتىپ بېرەلمەسلىكى ئۇنىڭ مۇقەررەر تەبىئىي كەمتۈكلۈكى. بۇ خىل كەمتۈكلۈك پەقەت ئىنسانلارنىڭ ئەقىل- ئېتىقادى ئارقىلىق تولۇقلىنىدۇ. ناۋادا ئىنسانلارنىڭ گۇمانىستىك ئىدىيە- مەپكۇرلىرى تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ قەدىمىگە يېتىشەلمىسە، ئۇنىڭغا ۋاقتى- ۋاقتىدا ساغلام يۈنىلىش كۆرسىتىپ تۇرالمىسا، بۇ خىل تېخنىكا ئامەتكە ئەمەس، ئاپەتكە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.  

«تېخنىكا ئىلىم دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن ئەقىلنىڭ ماددىيلىشىشىدۇر. ئۇ ئەينەن بىر نەق مەسىلىنى ھەل قىلىش بىلەن بىرگە يەنە بىر تېخنىكىۋىي ئىمكانىيەتكە يول ئاچىدۇ. ئۇ ئىنسانلارنى خىلمۇ- خىل ئىمكانىيەت، ئىقتىدار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئىنسانلار بۇ خىل ئىمكانىيەتلەرنى ياخشى ئىشقىمۇ، يامان ئىشقىمۇ تەدبىقلىيالايدۇ. ئىنسانلار ھەمىشە تېخنىكا تەمىنلىگەن ئىمكانىيەتلەر ئالدىدا ئەقلى ۋە نەپسى ئارىسىدا جان تالىشىدۇ.»   

تارىخ بەزىدە چۇل- چۇل قىلىپ سۇندۇرۇلۇپ، سۇنۇقلىرى ھەر تەرەپكە چېچىۋىتىلگەن چىنىگە ئوخشاپ قالىدۇ. بىز پەقەت ئۇنىڭ بىر قانچە پارچە سۇنۇقىغا ئىگە. بۇ سۇنۇقلار تارىختىن ئىبارەت بىر پۈتۈن چىنىنىڭ شەكلى ۋە ھەجىمىنى قىياس قىلىشىمىزغا ئىمكانىيەت بەرمەيدىغان دەرىجىدە كىچىك بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ ئاشۇ چىنە ئۆزىمىزنى بىلىشىمىزدە شۇ قەدەر مۇھىم بولغانلىقتىن، ئاشۇ ناھايىتى چەكلىك ئىمكانىيەتلەر ئاساسىدا ئۇنىڭ ئەسلى قانداق ئىكەنلىكىنى سۈرەتلەشكە مەجبۇرمىز. 

تارىخ ئاجايىپ مۆجىزىكار كېلىدۇ. ئەسىرلەرنىڭ زۇلمەت قاراڭغۇلۇقلىرى دۆلەت، مىللەت، شەخسلەرنى غەپلەت، خۇراپاتلىق، نادانلىق، خار- زارلىق زامانلىرىدىمۇ قالدۇرغان؛ ئوخشاشلا شۇ ئەسىرلەرنىڭ پارلاق قوياشى دۆلەت، مىللەت، شەخسىلەرنى ئويغىتىپ، ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش، گىگانىت قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلەش، پۈتۈن جاھاننى ھاڭ- تاڭ قالدۇرۇش دەۋرلىرىگىمۇ ئېلىپ كىرگەن.       

دونيادا ھېچقاچان مۇتلەق ئىلغار، ئىشلىرى ھەر قاچان ئوڭۇشلۇق بولىدىغان مىللەت بولمايدۇ. شۇنىڭدەك مۇتلەق قالاق، پالاكەتتىن ئۆرە بولالمايدىغان مىللەتمۇ ھەم يوق. تارىخ پەقەت بىر خىل سىناق ۋە تەۋەككۈل قىلىش جەريانىدۇر.   

تارىخقا نەزەر سالساق، تارىخنىڭ مۇھىم بىر قانۇنىيىتى تەكرارلىنىش. شۇڭا كونىلار: «كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى كىملەرگە خار بولمىغان؟» دەپ غەزەل توۋلاشقان. تارىختىكى بۇ خىل تەكرارلىق قانۇنىيىتى تارىخىي تەرەققىياتتىن ئىبارەت ھۇما قۇشىنى بەزىدە ئۇ خەلقنىڭ بېشىغا قوندۇرسا، بەزىدە بۇ خەلقنىڭ بېشىغا قوندۇردى. گەرچە ھۇما قۇشىنىڭ قونۇشى بەكلا تاسادىپىي ئىش بولمىسىمۇ، دۇنيانى دىر- دىر تىترەتكەن ئىمپىرىيىلەر ۋەيران بولدى. قۇل خەلقلەر خان بولدى. بۇ جەرياندا ئۆزىدىن چىقىپ ھۇما قۇشى قۇنغانلاردىن ئەنگۈشتەر ئىزدەش بىر ئىجتىمائىي ئۇدۇمغا ئايلاندى. يېقىن تارىخقا قارىساق، ئەرەپ ئىسلام ئېمپىرىيىسىنىڭ ھەيۋىتى ياۋرۇپادا مەدەنىيەت ئويغىنىشىنىڭ قۇۋۇقىنى چېكىپ، ياۋرۇپالىقلار ئەرەبلەردىن ئەنگۈشتەر ئىزدىدى ۋە ئەرەب مەدەنىيىتى ئارقىلىق يىلتىزى يۇنان مەدەنىيىتىنى بايقىدى، ئەنگۈشتەرگە ئېرىشتى. 15-ئەسىرىدىن كېيىنكى ياۋرۇپادىكى گۈللىنىش شەرق خەلقلىرىنى ياۋرۇپادىن ئەنگۈشتەر ئىزدەشكە سالدى. تەقدىرنىڭ تەلىتى ئون بەش كۈنلۈك تولۇن ئايغا ئوخشاش ياۋرۇپاغا ئالدىنى قىلدى. بىر چاغلىرى ياۋرۇپالىقلار زامانىۋىي ھادىسىلەرنى تەپەككۈر قىلىش ئۈچۈن، ئەينى زامان زامانىۋىيلىقىنىڭ ئىگىسى بولغان خەلقلەردىن تەپەككۈر شەكىللىرىنى ئارىيەت ئېلىپ تۇرغاندەك، كەڭ خەلق غەرب مەنىسىدىكى ياۋرۇپا مەدەنىيىتى ئالدىدا شەھەرگە كىرگەن ياۋا ئادەمگە ئوخشاش ھۇدۇقىدىغان، تىترەيدىغان، زامانىۋىي ھادىسىلەرنى بىلىش ئۈچۈن غەربتىن تەپەككۈرلا ئەمەس، ئاتالغۇ ئارىيەت ئېلىش دەرىجىسىگە كېپقالدى.        

تارىختا سەلتەنەت ئەنە شۇنداق چۆرگىلەپ كەلگەن. بىزمۇ كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ دونيادا يەنە قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. تارىختا مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىلىدىغان ئىشلار مۇمكىن بوپقالىدىغان چاغلارمۇ بولغان. چىڭگىزخاننىڭ موڭغۇللار ئېمپىرىيىسىنى ھېچكىم ھالاك بولىدۇ، دەپ ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايتتى. مۇسكىۋاغا قەدەر بېسىپ كىرگەن تاتارلارنىڭ دەل رۇسلار تەرىپىدىن سىبىرىيىگە سۈرگەن قىلىنىپ، ئېچىنىشلىق خانىۋەيران بولۇشىنى كىم ئويلىغان؟ ياۋرۇپاغا تەھدىت سېلىپ كەلگەن ئىسلام ئېمپىرىيىسىمۇ يۇقالدى. نەچچە ئەسىر ھۆكۈم سۈرگەن ئوسمان تۈركلىرىمۇ تارىخ سەھنىسىدىن غۇلىدى. ناپالىئون، گېتلىرلارمۇ يۇقالدى. قۇدرەتلىك سۆۋىت ئىتتىپاقىمۇ بىر كېچىدىلا پارچىلىنىپ كەتتى. جاھان مۇشۇنداق داۋاملىشىدۇ.  

زامانلار كەڭ كەتكەن ئۇرخۇن دالىلىرىدا ياتلارنىڭ يۈرىكىگە قورقۇنچ سېلىپ، تەختلىرىنى تىترىتىپ ئۆتكەن ئۇچقۇر ھون ئاتلىرىدەك ھەش- پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كەتتى. دەريا- دەريا قانلار، خارلانغان ئەزىز جانلار، مۇجۇلغان يۈرەكلەر بەدىلىگە ئېرىشكەن ۋە يۇقاتقان نەرسىلەر ۋاقىت دولقۇنىدا ئىزسىز غايىب بولدى.        

ئىنسانىيەت داۋالغۇش ۋە زىددىيەتلەرگە تولغان، تەرەققىيات ۋە پىكىر ئىختىلابى بىلەن خاراكتىرلەنگەن، تىراگىدىيە ۋە ئاچچىق كۆز يېشى ئىچىدىن ئىنسان قىممىتى قايتا مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن قايناق بىر دەۋرنى ــ 20-ئەسىرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، يېڭى بىر ئىرانىڭ سىرلىق گىرۋىكىگە قەدەم باستى. شۈبھىسىزكى، يېڭى ئەسىرنىڭ كەسكىن رىقابىتى ۋە رەھىمسىز رىئاللىقى ھەر قايسى مىللەتلەردىن ئالدىنئالا ئۆزىنى ئۆزى دەڭسەپ كۆرۈشنى، ئۆزىگە يېتەرلىك روھىي ئېنىرگىيە ھازىرلاشنى، شۇنىڭدەك ئۆز كەلگۈسىگە نىسبەتەن مۇكەممەل لايىھە ۋە ئويغاق تەسەۋۋۇرنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلاتتى. 

    21-ئەسىر ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزى ھەققىدە كەڭ كۆلەمدە مۇھاكىمە يۈرگۈزىدىغان ۋە ئىزدىنىش ئېلىپ بارىدىغان ئەسىرى بولىدۇ. ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن تەبىئەت ۋە ئادەم بىلەن جەمىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت يېڭىباشتىن ئىنسانىيەتنىڭ تەپەككۈر كۈنتەرتىپىگە قويۇلىدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەر، رايۇنلار ۋە مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئەنئەنىۋىي توساقلار ھەمدە مەدەنىيەت پەرقى زور دەرىجىدە قىسقىرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر قايسى خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت مۇۋازىنىتىدە مىللىيلىك بىلەن دونياۋىيلىق ئىككى بۈيۈك نىشان بولۇپ قالىدۇ...    

 ھالبۇكى، 21-ئەسىر ئەقىل دەۋرى بولسىمۇ، لىكىن بىز بۇنىڭغا ھېسسىيات مىللىتى سۈپىتىدە كىرىپ كەلدۇق؛ 21-ئەسىر رىقابەت دەۋرى بولسىمۇ، لىكىن بىز ئۇنىڭغا تايىنىشچان مىللەت سۈپىتىدە كىرىپ كەلدۇق؛ 21-ئەسىر ئۇچۇر دەۋرى بولسىمۇ، لىكىن بىز ئۇنىڭغا بېكىندۈرمە مىللەت سۈپىتىدە كىرىپ كەلدۇق.    

بېكىنمە رايۇن خەلقلىرى ئۈچۈن يەر شارى ئىللىق ئائىلە بولماستىن، بەلكى سىرلىق لاگىر. بۇنداق يەردىكى خەلقنىڭ تارىخنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان كۈچ بولمىقى ئاسانغا توختىمايدۇ. ئۇلار كۆپ ھاللاردا ۋەزىيەتنىڭ تەجرىبە ماتىرىيالىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. قۇدۇققا مەھكۇم پاقا دونيا ۋە ماھىيەت مۇشۇ دەپ بىلىدۇ. شۇنىڭغا يارىشا ھەرىكەت قىلىدۇ. لاچىن پەرۋازدىن بۈيۈكلۈك، كۆكتىن يۈكسەكلىكنى بىلىپ، ھېس قىلىدۇ ۋە تېخىمۇ يۈكسەك پەللىلەرگە قانات قاقىدۇ.     

«ئارقىدا قالغانلارنىڭ دۈچ كېلىدىغان مەسىلىلىرى ھەممىدىن كۆپ بولىدۇ. چۈنكى تەرەققىيات ئۆزىنىڭ ئەخلەتلىرىنى ئارقىدا قالغانلارنىڭ دونياسىغا تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئارقىدا قالغانلار ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىچى ۋە تېشىنى پاكلىمىسا بولمايدىغان بىر باسقۇچ كېلىپ چىقىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ باشقىلار زېرىكىپ تاشلىۋەتكەن نەرسىلەرنىڭ مىراسخۇرى بولۇپ قېلىشىمىز يۇقىرىقىنىڭ بىر پاكىتى.»   

مىللەتلەر ئوخشىمىغانىكەن، ئۇلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخىي دەۋرلەردىكى جەمىيەتلىرىنىڭ يىلتىزى، مەدەنىيەت قاتلىمى، ئىقتىسادىي قانۇنىيەتلىرى ئوخشىمىغان بولىدۇ. ئۇلار ئۆزىگە خاس تارىخىي مۇھىت ئىچىدە شەكىللەنگەن ئىجتىمائىي ئېكىئولوگىيىدە ياشاپ كۆنگەن، ئويلىغان ۋە ئىجاد قىلغان. ئەگەر باشقىلار تەرىپىدىن تەقدىم ئېتىلگەن جەمىيەت نوسخىلىرى، باشقۇرۇش قۇرۇلمىلىرى ۋە ئىقتىسادىي يۈرگۈزۈلمىلەر يەرلىك خەلقنىڭ مەنىۋىي ئاتمۇسفىراسىنىڭ مۇۋاپىق تاللىشىغا تاپشۇرۇلمىسا، يەرلىك خەلقنىڭ دونيا قارىشى، قىممەت قارىشى، ئېتىقادىنىڭ يۈكسېلىش سۈرئىتى بىلەن ماس قەدەم ھاسىل قىلمىسا، كىشىلەر قەلبىدىكى غۇرۇر- ئىپتىخارغا ۋەكىللىك قىلمىسا، قىسقىسى يەرلىك خەلقنىڭ ئىچكى تەقەززاسى بەلگىلىگەن زۆرۈر ئېھتىياجغا ئايلىنالمىسا، مىللىي جەمىيەتنىڭ ئېكىئولوگىيەلىك قۇرۇلمىسى كاردىن چىقىدۇ. شۇ چاغدا بىز مىللىي مەدەنىيەت تۇپرىقىدىكى زور يۇقىتىشلارنى، ئەخلاقىي بۇرۇلۇشلارنى، تەبىئەتنىڭ ئېغىر خانىۋەيران ھالىتىنى، ئەقىلنىڭ چىرىگەن موردىلىرىنى، ئاھالىلەرنىڭ پاسسىپ تىرىكچىلىكىنى، ئۇلارنىڭ كەمسىتىلگەن روھىي مۇھىتتىكى تىپىرلاشلىرىنى كۆرمەي قالمايمىز.   

نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتە ئۆزىدىن ئۆستۈن غەربلىكلەر ۋە شەرقلىقلەرنى كۆرگەندە، ئۆزىدىكى قىممەت قارىشىنى ئاسانلا يوقىتىپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ تەنتەك چوقۇنغۇچىسىغا ئايلىنىپ كەتتى. نەتىجىدە ئۇلار ئۆزىنى بىر كەسىپ ئەھلى قىلىپ قۇرۇپ چىققۇچە، قىممەت قاراش جەھەتتە ياتلارنىڭ كۇپىيە نوسخىسىغا ئايلىنىپ كەتتى. 

«ھەر قانداق بىر نەرسىنى قوبۇل قىلىشتا ياخشى بىر ئاشقازان بولۇشى كېرەك.»      - نېتزى

ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە، غەربلىكلەر ئۈچۈن جىنسىيەت ئاللىقاچان «ئاش- نان» دېگەندەكلا ئەرزىمەس، ھېسسىز بىر گەپكە ئايلاندى.

«ئەخلاق يىرتىلغان، جىنسىيەت ئېچىلغان يەردە ئەڭ ئالدى بىلەن ئەرلەر ئاجىزلايدۇ، ئاندىن ئاياللار قۇترايدۇ.»  

كىشىلەر ئەقىل- پاراسەت ۋە گۈللىنىشنىڭ يېڭى سەھىپىلىرىنى ئېچىۋاتقاندا، بىز ئۆتمۈش ۋە ئەتە ھەققىدە ئويلىنىشنىڭ قەرزلىرىگە بۇغۇلۇپ كەتتۇق. ھودۇقۇش ئىچىدە زورۇقۇپ، ئۆزىمىزگە قايتا قارىدۇق. تەرەققىياتنىڭ سادالىرى ئاخىرقى ھىسابتا خۇددى ئىسراپىلنىڭ نەرىسىدەك گاس ئادەملەرنىمۇ چۈچۈتۈپ تاشلايدۇ.

بىر مىللەتنىڭ خەلقئارادا تونۇلغان ناخشا- ئۇسسۇل، تەنتەربىيە چولپانلىرى بولۇشى مۇمكىن. ئۇ مىللەتتە پات- پات ئىلمىي، ئەدەبىي مۇھاكىمىلەر ئۇيۇشتۇرۇلۇپ تۇرۇلۇشىمۇ مۇمكىن. خىلمۇ- خىل مۇكاپاتلار تەسىس قىلىنغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. مەشھۇر مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمما بۈگۈنكىدەك بىر دەۋردە مەزكۇر خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسىي، پەن- تېخنىكا قاتلىمى بولمىسا، مەنىۋىيىتىدە يۈلەنگۈدەك ئېتىقادى، ئاساسلانغۇدەك پەلسەپەسى بولمىسا، يۇقۇرىقى نەتىجىلەر بۇ خەلىققە ئاز- تولا تەسەللىي، خۇشاللىق، ئۈمىدتىن ئۆزگە ھېچنىمە ئەكىلەلمەيدۇ. خەلقنىڭ ھالى ئاۋۋالقىدەكلا تۇرىدۇ، بېشىدا تۈگمەن چۆرگىلەۋىرىدۇ.

«مەلۇم بىر مەدەنىيەت سېستىمىسىدا ئورتاق روھىي بىرلىكنى توتۇپ تۇرغۇچى چوڭ كېلىمات ئۆز تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتقان ھامان، ئۇنى تەشكىل قىلىپ تۇرغۇچى ئۇششاق كېلىماتلارغا مەنىۋىي يۇقىتىش ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مىللەتنىڭ گېنىنى ساقلاپ تۇرغۇچى ئىچكى پىسىخىك تىندۇرمىدا بوشلۇق شەكىللىنىدۇ.»


«ئاتا- بوۋىلىرىمىزنى خۇشاللىقى بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز، ئازابىمۇ بىزنىڭ ئازابىمىزدۇر. ئەگەر ئەجداد بىلەن ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدا مۇنداق ئورتاق ھېسسىيات بولمايدىكەن، تارىخ بىر دۈۋە قەغەز پارچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.»   - ماكىس موللېر

ئۆتمۈش گۈزەل. ئۇنىڭ باغرىغا بىر مىللەتنىڭ ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن بارلىق خۇشاللىقلىرى يۇشۇرۇنغان. شۇڭا بىلنىسكىي ھاياجان بىلەن: «قەدىمقىي جەمىيەت نەقەدەر دىلبەر! ئۇنىڭ ھاياتىدا جىمىكى ئۇلۇغلۇق، ئالىيجانابلىق، جاسارەت ۋە ئۇرغۇ بار. چۈنكى بۇ ھايات ــ شەخسىنىڭ غورۇرى، قەدىر- قىممىتىگە دەخلىسىزلىك ئاساسىغا قۇرۇلغاندۇر.» دەيدۇ.

ئۆتمۈش ئازابلىق. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا بىر مىللەتنىڭ ئىڭە يىغىسىدىن باشلانغان جىمى رىيازەتلىرى، بەخىتسىزلىكلىرى ۋە يۇقىتىشلىرى يۇشۇرۇنغان.      

ۋاھالەنكى، «ئۆتمۈش قانچىلىك سىرلىق، تارىخ قانچىلىك ئۇلۇغ، ئەسلىمە قانچىلىك تاتلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتكەن زامانغا مەنسۇب. ھاياتتا ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ ئەسلىمىسىدىن باشقا تەسەللىيسى قالمىغان خەلق ئۆلۈمگە يۈز تۇتقان بىر قېرى بوۋايغا ئوخشايدۇ. بىزنىڭ ئۆتمۈشتىن ئىزدەيدىغىنىمىز يالغۇز تەسەللىيلا ئەمەس، بەلكى نۆۋەتتىكى ھاياتىي كۈچىمىزنى يېڭىلاپ تۇرىدىغان روھىي ئېنىرگىيىدۇر.»         

مەلۇم بىر جەمىيەتكە ئۇيۇشقان ئىجتىمائىي توپنىڭ ياكى بىر مىللىي گەۋدىنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادىلەش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولۇشى ئۇنى ئۆزىنىڭ ھاياتلىق چەمبىرىكى ئىچىدىمۇ پاسسىپ ۋە ئىككىلەمچى ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. بۇنداق جەمىيەت ئۆزىنى يېتەكلەپ ماڭالمايدۇ. بەلكى تاشقى كۈچنىڭ ئېنىرتىسىيىسى بىلەن نامەلۇم يۈنىلىشكە مەجبۇرىي ھالدا ئىتتىرىلىپ ماڭىدۇ ھەمدە باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلىشىنى كۈتىدۇ.       

دۇنيادىن ئايرىلىپ قېلىش، سىرتقى ئەللەر بىلەن ئالاقە قىلماسلىق، تەنھا ۋە بىكىنمە مۇھىتتا ياشاش كۆپ ھاللاردا كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىنى بۇغۇپ قويىدۇ، پۈتكۈل مىللەتنى غەپلەتتە قالدۇرىدۇ.      

تارىخ ھېچقاچان كۆز يېشىغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇنى پەقەت غالىبلار يېتەكلەپ ماڭىدۇ.

بىزدە تارىخقا بولغان ئىلمىي نەزەرىيىۋىي تونوش سېستىمىسى تېخى شەكىللەنگىنى يوق. «بىزنىڭ پەزىلەت ياكى ئىللەتلىرىمىز بىلەن قۇدرەت ياكى زەئىبلىكلىرىمىز نەزەرىيىۋىي تەپەككۈر دەرىجىمىز بىلەن تۇتاشقان.»

ئەتراپىمىزدىكى دونيانى چۈشىنىش، شۇ ئارقىلىق كەلگۈسىنى پەرەز قىلىپ، ئۆزىمىزگە مۇۋاپىق يول تېپىش ئۈچۈن، بەزىبىر سېستىمىلاشقان نەزەرىيە، چۈشەنچە، كونكرت ئۇقۇم، پىرىنسىپ، ئۆلچەملەر كېرەك بولىدۇ. بۇلار كۆچۈرۈپ كېلىنگەن بولماستىن، ئۆز مەنپەئەتىمىزنىڭ دېستىلىشىدىن ئۆتكەن بولۇشى كېرەك.

ئۆتمۈش ئادىللىق نۇرى بىلەن يۇرۇتۇلمىغان جايدا نۇرانە كەلگۈسىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.

ئەسىرلەرنىڭ قىسمەتلىرىگە ئاقىلانىلىق بىلەن نەزەر سېلىپ، پۈتۈن دونيانى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك ئايان بولىدۇكى، قايسى زاماندا، قەيەردە نادانلىققا خۇراپاتلىق ئارىلاشسا، ئىشەنچكە تاماخۇرلۇق ئارىلاشسا، باتۇرلۇققا قاباھەت ئارىلاشسا، دادىللىققا قاراملىق ئارىلاشسا، گۈزەللىككە رەزىللىك ئارىلاشسا، راستچىللىققا يالغانچىلىق ئارىلاشسا، چىنلىققا ساختىلىق ئارىلاشسا... ئۇ يەردە كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى مۇجىمەللىشىپ كېتىدۇ. كەلگۈسى ئىستىقبالغا بولغان ئىشەنچىسى تولۇق بولمايدۇ. كىشىلەر ئارا ۋاپا، مېھىر- مۇھەببەت سۇسلايدۇ. كۆڭۈللەرنى روھسىزلىق، ئۈمىدسىزلىك تۇمانلىرى قاپلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن دىنىي خۇراپاتلىق، تەقدىرچىلىق باش كۆتۈرىدۇ. ئەگەر نادانلىق، خۇراپاتلىق قاپلىغان قاراڭغۇ بۇلۇڭ- پۇچقاقلاردا ئىلىم- پەن نۇرى چېچىلسا، كىشىلەر ئارا تەمەسىز ئىشەنچ تۇرغۇزۇلسا، كىشىلەر باتۇر، يۈرەكلىك بولسا، ئەمما قاراملىق، قاباھەتلىك ئىللەتلەردىن ئۆزىنى تارتسا، رەزىللىكلەر تازىلىنىپ، ھەقىقىي گۈزەللىك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولسا، يالغانچىلارنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام بولۇپ، راستچىللار رىيازەت چەكمىسە، ساختىلىق سۆپۈرۈلۈپ تاشلىنىپ، بازارنى چىنلىق ئىگىلىسە، ھاكىمىيەت ئادىللىق بىلەن نۇپۇزغا ئېرىشىپ، ھوقۇق قانۇن يولى بىلەن يۈرگۈزۈلسە، شۇ يەر ئاۋاتلىشىدۇ. كىشىلەر بىر- بىرىدىن مېھىر- شەپقەتنى ئايىمايدۇ. زامان ئىجادىيەت- كەشپىياتقا، باياشاتلىققا كەڭ زىمىن ھازىرلاپ بېرىدۇ. كىشىلەر جۇشقۇن، روھلۇق، ئۈمىدۋار كېلىدۇ.

تارىخ ــ ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ ئۆتكەن ئەمەلىي پائالىيىتىنى ئۆز ئىزنالىرى، بەلگە- تامغىلىرى، سىگنال- سىموۋۇللىرى، ئوبراز- يالدامىلىرى، بويۇم ۋە مەنىۋىي ئالامەتلىرى بىلەن يادىكار قىلىپ ماڭغان زامان خاراكتېرلىك ماددىيلاشقان ئۇچۇر موزىيىدۇر.    

ئەگەر بىز ئىنسانىيەت ياشاۋاتقان بۈگۈنكى دونيانىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىنى چوڭقۇر ھەم ئەتراپلىق كۆزىتىدىغان بولساق، شۇ قەدەر تەرەققى تاپقان ئىنسانلار جەمىيىتىنىڭ چەكسىز ئەندىشە ۋە تەشۋىش ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ۋەھىمىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ناھايىتى رۇشەن ھېس قىلالايمىز.      

ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزنى مىسالغا ئالساقمۇ، بىزدىكى ئېتىقادسىزلىق، ھاياسىزلىق، نانكورلۇق، تەپرىقىچىلىك تۇز سۈيىدەك ئاچچىق تەقدىرىمىزنى بەلگىلەپ قويغان مەنىۋىي ئىللەتلىرىمىزدۇر. ئېتىقادىدىن ئايرىلغان مىللەتنىڭ كېلىچەكى، ئەۋلادى ۋە مىللىي روھىمۇ بولمايدۇ. ئۇ مىللەت ھەر قانچە تىپچەكلىگىنى بىلەنمۇ ئاقىۋەتتە مۇقەررەر ھالدا يەنە ھالاكەتكە يۈز تۇتماي قالمايدۇ. ئېتىقادىدىن ئايرىلغان خەلق ئىلىم- پەن، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت رىقابىتى شىددەت بىلەن ئەۋج ئالغان بۈگۈنكى دەۋردە، چاڭ- توزانلارغا مىلىنىپ، ئىنسانىيەت دونياسىدىن ئىز- دېرەكسىز غايىپ بولىدۇ.      

ئارىستوتىل: «بەخىتسىز ياكى بەختلىك بولۇش ئىنساننىڭ ئۆزلۈك روھىغا باغلىق» دەپ قالتىس توغرا ئېيتقان. بىز ئۆزلۈكىمىزنى قايتىدىن تېپىۋالساق، چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ «ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن» رومانىدا تەسۋىرلەنگەن ماڭقۇرتلارغا ئوخشاپ قالمىساقلا، ھامان بىر كۈنى ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ شانۇ- شەۋكەتلىك تارىخىغا يېڭىباشتىن قايتىپ كېلەلەيدىغانلىقىمىزدا گەپ يوق.         

«تەكلىماكان ۋە تارىم بىزنىڭ بەلگىمىز. بۇ كەڭ زىمىن بىزنىڭ ناخشىمىزدىكى لەرزانلىقنى، مۇزىكىمىزدىكى چەكسىزلىكنى، مىجەزىمىزدىكى مەردلىك ۋە سېخىيلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئاچارچىلىق كىرىزىسى يۈز بېرىپ باقمىغان بۇ زىمىننىڭ ئادەملىرى مېھماندوست، ئەمما بىغەم. مىجەزى چۇس قۇرغاق زىمىن ئادەملىرىنىڭ ئىچ سىرلىرى ئىككى ئىغىز گېپىدىنلا چېنىپ تۇرىدۇ. ئادەمگەرچىلىك ئېڭى بار، سىياسىي ئېڭى يوق.»

«ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە، ئاللا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.»      سۈرە رەئىد  11-ئايەت

ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيىتى، چۈشكۈنلۈكىدىن يەكۈن چىقارمىغان تارىخ ئۆزلۈكسىز تراگىدىىيە نەتىجىسىدە ئۆمرىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. 

 «بىر مىللەت ئۆزىنىڭ تارىخىنى يوقاتسا، مەدەنىيەت تارىخىنى يوقاتسا، ئەنئەنىسىنى يوقاتسا ئىتائەتمەن قۇلغا، ئىتائەتمەن ماشىنا ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ.» (چىڭغىز ئايتىماتوف) 

ھايات ئوزۇن. دونيا نۇرغۇن ئەقىدە- تەلىماتلارنىڭ كۆرەشلىرى بىلەن راۋاج تاپىدۇ. ھەر قانداق ئەقىدە، نەزەرىيە يېڭى ۋاقىتتا قالتىس بىلىنىدۇ. كونىرىغانسېرى كۆچىيىپ بارالايدىغان ئەقىدە ــ تەلىماتلار قىممەتلىك. يىراق قەدىمدىلا ئەپلاتون «غايىۋىي دۆلەت»نى، توماس مور «ئوتۇپىيە»نى، فارابىمۇ «پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى»نى يازدى؛ سېن سىمۇن، ئوۋېنلار خىيالىي سوتسىيالىزىم، ماركىس- ئىنگىلىسلار كوممۇنىزىم نەزەرىيىسىنى  ياراتتى. لىكىن تا ھازىرغىچە ئىنسانىيەت دونياسىدا ئۇلار خىيال قىلغاندەك جەمىيەت، دۆلەت بولۇپ باقمىدى. سانسىزلىغان كىشىلەر مۇشۇ خىيالىي تەلىماتلار ئۈچۈن ئاجايىپ ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىدى.  

ھەر قانداق ھەقىقەت، ھەتتا ئۇ ئىلاھىي ھەقىقەت بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ تەلىپىنى رىئاللىققا لايىقلاشتۇرمايدىكەن، مەغلۇب بولۇش تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئەمەلىيەتكە ئايلانمىغان ھەقىقەت ئۆز  مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇ كۆكتە چاقناپ تۇرغان قوياشنىڭ تەسكەيگە چۈشكەن مەۋھۇم شولىسى بولسا بولىدۇكى، مەڭگۈ قوياش نۇرى بولالمايدۇ.   

بىر مىللەتنىڭ پىسىخىك قۇرۇلمىسى، پەزىلىتى، خاراكتىرى، خىسلىتى شۇ مىللەتنىڭ رىئال ئەھۋالى، ئىستىقبالىنى زور دەرىجىدە بەلگىلەيدۇ. ئۇيۇشۇپ بولغان مۇقىم پىسىخىكىنىڭ مىللەتكە بولغان تەسىرى مۆلچەرلىگۈسىزدۇر. بۇ خىل پىسىخىك قۇرۇلما شۇ مىللەتنىڭ تارىخىي كەچۈرمىشى، جۇغراپىيەلىك شارائىتى، مەدەنىيەت، تۇرمۇش ئادىتىنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىدە ئاستا- ئاستا يىغىلىپ، نىسپى تۇراقلىق ھالەتكە كېلىدۇ. دېڭىز بويى خەلقلىرىنىڭ پىسخىكىسىنى چۆل خەلقلىرىنىڭكىگە، مۇستەملىكە مىللەتنىڭ پىسىخىكىسىنى ئەركىن مىللەتنىڭكىگە، تېرىقچىلىق بىلەن مۇقىم ھايات كەچۈرىدىغان كىشىلەرنىڭ پىسىخىكىسىنى سۇ، يايلاق قوغلىشىپ ياشىغان مىللەتلەرنىڭ پىسىخىكىسىغا ئوخشاتقىلى بولمايدۇ. بۇ خىل نىسپىي مۇقىم پىسىخىكا شۇ مىللەتنىڭ ھەر خىل سىياسىي، مەدەنىي پائالىيەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە بو پائالىيەتلەرنىڭ سەۋىيىسىنىڭ يۇقۇرى- تۆۋەنلىكىنى، ئۈنۈمىنى بىۋاسىتە بەلگىلەيدۇ.  

ھېسسىيات يېتەكلىۋاتقان جەمىيەتتە ھەقىقەتنىڭ نوپۇزى بولمايدۇ. پىتنە- پاسات، بۇزۇق ئىدىيە، يولسىز ئەقىدە ئاسان بازار تاپىدۇ. بۇنداق جەمىيەتنىڭ ئەزالىرىدا مۇستەقىل تەپەككۈر، ئۈزىگە خاس چۈشەنچە بولمايدۇ. ئۇلار خۇددى قاچىغا ئوخشايدۇ. سۈت قۇيسىمۇ ساقلايدۇ، سىيىپ قويسىمۇ ساقلايدۇ. ئەقىدە- ئىدىيىلەرنى ئىچ كىيىم يەڭگۈشلىگەندەك پات- پات يەڭگۈشلەپ تۇرىدۇ.   

تارىخ خەزىنىسىدىكى پۈتمەس- تۈگىمەس تەجرىبە- ئىبرەتلەرنى سۆزلەپ تۆگەتكىلى بولمايدۇ. شۇنداقلا ئىبرەت ئالمايدىغان ئىنسانلارنىمۇ ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. خۇددى تۆمۈر خەلىپە پاجىئەسى ئاز كېلىپ، خۇجىنىياز ھاجى بۇنىڭدىن بىزگە قايتا ئۈلگە تىكلەپ بەرگەندەك.

بۈگۈننىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن نۇقۇل تارىخىي تەجرىبىلەرنىلا ئەمەس، تارىخىي تەجرىبىلەرنى دەۋرلەشتۈرەلەيدىغان پاراسەت، بۈگۈننىڭ ئېھتىياجىنى كۆرەلەيدىغان كۆز، يۈزلىنىشنى پەرەز قىلالايدىغان ئۆتكۈرلۈك، شۇنداقلا مەڭگۈلۈك ھەقىقەتلەرگە خىلابلىق قىلمايدىغان ساداقەتمەنلىك بولۇشى كېرەك.   

ئېرخ فروم نېتزىنىڭ 19-ئەسىردە «خۇدا ئۆلدى» دېگەن گېپىگە قارىتا 20-ئەسىردە «ئادەملەر ئۆلدى» دېدى.  

«ئىلگىرى  كوچا- كۇيلاردا كىشى كۆرۈپ قالىدىغان ئۇچۇقچىلىقتا ئىتلار جۈپلىشىپ قالسا، كىشىلەر تاش ئېتىپ  قوغلىۋىتەتتى. ھازىر ئىتلامۇ خىجىل بولۇپ، خالىي جايلارغا كېتىدىغان بولدى. ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئەمدى ئادىمىي ئىتلار ئالدى.»   

ناۋادا ئېتىقاد يۇقالسا، ئەخلاق يۇقايدۇ. ئەخلاق يۇقالغاندا، قانۇننىڭمۇ رولى بولمايدۇ. قۇرئان كەرىمدە ئېيتىلىشىچە، ئەخلاقنى يۇقاتقان لوت ئەلەيھىسالامنىڭ قۇۋمىمۇ ئومۇمىيۈزلۈك بەچچىۋاز بولۇپ كەتكەچكە، ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قۇلاق سالماي، ئاخىرى تاش ياغدۇرۇلۇپ ھالاك بوپتىكەن.       

بۈگۈنكى كۈندە، يەر شارى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق، مۇھىت كىرىزىسى ۋە تۈرلۈك ئاپەتلەرگە قارشى تۇرۇش جەھەتتە بىر گەۋدىلەشتى. ئۇچۇر لىنىيەلىرى ۋە ئالاقە تورلىرىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن تېز ئۈنۈمى ماكان، زامان مۇناسىۋىتى جەھەتتە يەر شارىنى كىچىكلەتتى.      

نۆۋەتتە، دونيا سىياسىيسىدىكى مۇھىم بىر ئالاھىدىلىك شۇكى، مەدەنىيەتنىڭ سىياسىغا، دونيا تىنچلىقىغا بولغان تەسىرى كۈنسايىن رۇشەن، كۈچلۈك بولىۋاتىدۇ. خەلقئارالىق ھەمكارلىقلارمۇ ئاۋۋال ئوخشاش مەدەنىيەت سېستىمىسىغا ئىگە دۆلەتلەر ئىچىدە ئالدى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، دونيا ئىسلام ئىتتىپاقى دېگەندەك.        

تارىخىي ماتىرىيالىزىم نوقتىسىدىن قارىغاندا، «يەر شارىلىشىش» تارىختىكى ھەر قانداق  بىر ئىجتىمائىي ئىنقىلاب، ئۆزگىرىشلەرگە ئوخشاش تارىخىي تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى. تېخنىكا ئىنقىلابى، بازارنىڭ كۈچى، ئىدىئولوگىيە، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، سىياسەت- ئىستىراتىگىيىلەر «يەر شارىلىشىش»نىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە تىزلىشىشىگە سەۋەب بولىدىغان مۇھىم ئامىللاردۇر.         

دونيا شىددەتلىك تۈستە يەر شارىلىشىۋاتىدۇ. يەر شارىلىشىش تۈپ نېگىزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشىدۇر. دۆلەت، مىللەت چېگرىلىرىدىن ھالقىغان دونياۋىي كۆلەملىك ئىقتىسادىي يۇغۇرۇلۇش كۈچلۈكلەر يەيدىغان يەمنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋىتىدۇ ۋە ئاجىزلار ئۇچرايدىغان بېسىم، خىرىس، كىرىزىسنى كۈچەيتىۋىتىدۇ.

ھەر قايسى دەۋرلەردىكى مەدەنىيەت ئامىللىرى ئۆز ئارا ئۆتۈشۈش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە دەۋر ئېھتىياجى، كوللىكتىپ ئېھتىياجى سەۋەبلىك شاللىنىپ بارىدۇ ۋە يېڭى مەدەنىيەت تەركىبلىرى بارلققا كېلىپ، ھەر قايسى دەۋرلەردە ئۆزىگە خاس ماددىي ۋە مەنىۋىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىپادىلىگەن بولىدۇ.  

كۆز ئالدىمىزدا مۇھىت ئۆزگەردى، لېكىن ئادەملەرنىڭ كاللىسى ئۆزگەرمىدى. بىز ئويلىنىش ۋە ئىجادىيەتكە گادايلىقىمىز بىلەن تاشقى تەسىرلەرنىڭ قورشاۋىدا قالدۇق. 

ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيىتى، چۈشكۈنلۈكى ۋە خارۇ- زەبۇنلۇقىدىن يەكۇن چىقارمىغان تارىخ ئۆزلۈكسىز تىراگىدىيە نەتىجىسىدە ئۆمرىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. بىز ئەمەلىيەتنىڭ ئاسىيسى بولۇپ قالمىساقلا يۇقىرىقىدەك ئەپسۇسلۇق تارىخنىڭ مىراسخۇرى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىمىزنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز.     

تارىخ ھامان تەدبىرلىك كىشىلەرنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە مېھنەتكەش ئادەملەرنىڭ ئەمگىكى بىلەن ئىلگىرىلەپ كەلگەن.     

«زاماننىڭ راھىتىنى نادانلار سۈرۈپ، دەردىنى دانالار تارتىدۇ.»    ـ فۇرقەت 

مىللىي كىرىزىس ئېڭى مىللىي تەپەككۈر سۈزۈكلىشىپ مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئەقىل كۆزى نىجادلىقنى ئۆزىدىن ئىزدەشكە، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىلغارلىق تەجرىبىسىنى ئېچىۋىتىلگەن ئاڭ بىلەن قوبۇل قىلىشقا باشلىغاندا ئاندىن سۈزۈلىدۇ. بۇ ئاڭ مىللىي تەرەققىياتنىڭ ھەقىقىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلىنىدۇ. «نەزەر دائىرىسى تار ئادەم ئۈچۈن بىرەر چۆل ھالاكەتنىڭ بوسۇغىسى بولۇپ كۆرۈنسە، تەپەككۈرى ئويغاق ئادەم ئۈچۈن نىجادلىق دېڭىزى بولۇپ كۆرۈنۈشى مۇمكىن. بىر تال ئۇرۇق ئاقىللارنىڭ نەزەرىدە بىر پارچە باغ، لىكىن دۆتلەر ئۈچۈن ئۇ ھېچنىمە ئەمەس.»      

دونيانى كۆرۈش، دونياۋىي يۈزلىنىش بىلەن يۈزمۇ- يۈز ئۇچرىشىش ئارقىلقلا ھەر قانداق بىر شەخس ۋە مىللەت مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن نىمە قىلىش، قانداق قىلىش مەسىلىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يۈكسەك ئىستىراتىگىيىلىك ئاڭ بىلەن ياشىيالايدۇ. بولمىسا ئاددىي كاللا، تايىنى يوق غايە- نىشان بىلەنلا ھەپىلىشىپ يۈرۈپ، ھاياتنى، ئەقىلنى، تالانتىنى، پۇرسەتنى سوروپ تۈگىتىۋىتىدىغان گەپ.   

ھەقىقەتەنمۇ مەلۇم بىر مىللەتنى، مەدەنىيەتنى ۋە ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەڭ كۈچلۈك ۋە يارقىن تۈستە نامايان قىلىدىغىنى يالغۇز ئەدەبىيات- سەنئەت، ناخشا- ئۇسسۇل ۋە ياكى باشقا نەرسە ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى دەل كۈچ، نۇپۇز، ھەيۋە، ھوقۇقنىڭ ئەڭ كۈچلۈك، مەركەزلىك ئىپادىسى، كاپالىتى، يۈلىكى بولمىش تېخنىكا، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئەۋزەللىكتۇر. 21-ئەسىردە تەرەققىي تاپقان دونياۋىي مىللەتلەر ئۆزى يىپ ئىگىرىپ يىپ توقۇماستىن كېيىنىدىغان، تېرىقچىلىق قىلماستىن نان يەيدىغان، باغ بىنا قىلماستىن مىۋە شەربەتلىرىنى ئىچىدىغان، ۋەيران بولغىنىغا ئۇزاق زامانلار بولغان ئەسكى تاملارغا قاراپ ماختىنىدىغان، پەقەت بوينىغا قېلىچ تەگكەندىلا ئاندىن قارشىلىق كۆرسىتىدىغان بىچارە مىللەتلەرگە مەسخىرىلىك كۆلىدۇ- ئەلۋەتتە.

ھەقىقەت تولىمۇ ئاچچىق نەرسە بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇ يەنە پۈتكۈل شىرىنلىكلەرنى پەرۋىش قىلغۇچى ئۇلۇغ باغۋەندۇر. ئاسمان قارايسا، يۇلتۇز رۇشەنلىشىدۇ. (فىرانكىلىن) بوران كۈچلۈك بولسا، دەرەخ چىڭ بولىدۇ.   مارىئوت (ئامىرىكا)

خۇرلۇق ــ كۆرەش بىلەن يىمىرىلىدۇ. نۇمۇس ــ پىداكارلىق بىلەن ئاقلىنىدۇ. داغلار ــ قان بىلەن يۇيۇلىدۇ.

ئىندىئانلار شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ئۇلارنى ھالاكەتتىن ساقلاپ قالالمىدى. مايالار، ئازتېكلار، ئىنكالار ئاجايىپ مەدەنىيەتلەرنى ياراتقانىدى. ئۇلارمۇ يۇقالدى. بىزنىڭ كروران، ئىدىقۇت مەدەنىيەتلىرىمىزمۇ يۇقالدى. تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، مەدەنىيەت كاپالەتكە مۇھتاج. قۇربان بېرىشكە ئۆزىنى ئاتىغان مىڭلىغان ئوغلانى بولمىغان مىللەت مەڭگۈلۈك قۇل. ھەممىلا ئادەم ئۆز پاشىسىنى قۇرۇسا، خەلق مەڭگۈ زۇلۇمدىن قۇتۇلالمايدۇ. بىر مىللەتنىڭ بىر نەچچە يۈز، بىر نەچچە مىڭ پىداكارلىرى بولغاندىلا ئۇ مىللەت ئويغىنالايدۇ، قوزغىلالايدۇ، ئۆز- ئۆزىنى قۇتقۇزالايدۇ. «مەنپەئەتلەر بىرلىكى بولمىغان جايدا ھەرىكەت بىرلىكى ئۇياقتا تۇرسۇن، مەقسەت بىرلىكىنىڭ بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.» (ف. ئىنگىلىس)

«بۆرىلەر ھەرگىزمۇ ئۆز ئارا قىرغىن قىلىشمايدۇ. بۇ جەھەتتە بىز ئىنسانلار ھەتتا بۆرىلەرگىمۇ يەتمەيمىز!»

شەرق مۇتەپەككۈرلىرى ئەڭ مۇكەممەل جەمىيەتنىڭ ھاكىم، ئالىم، نوچى (لۈكچەك)دىن ئىبارەت ئۈچ قاتلامدىن تۈزۈلىدىغانلىقىنى قەيت قىلىشقان. ماھىيەتتە بۇ ئۈچ قاتلام جەمىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئۈچ پۇتىدۇر. ئۈچ پۇتلۇق نەرسە ئاسان ئۆرۈلمەيدۇ. بۇنداق ئۈچ قاتلىمى مۇكەممەل بولغان ھاكىمىيەتتە جەمىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئادالىتى بۇ ئۈچ تەرەپنىڭ بىر- بىرىنى تەقەززا قىلىشى، بىر- بىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى، بىر- بىرىنى نازارەت قىلىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

ئۆز بەختىنى باشقىلارنىڭ قولىدىن ئىزدىگۈچىلەر بىچارىلەردۇر.

«ئەرنىڭ ئىپپىتى بولىدۇ. ئۇ ــ ۋەتەن.» (غۇجىمۇھەممەت مۇھەممەت) بىراق، بىزدىكى «مەن ئەر دەپ يۈرگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ جاينامازدا ئىمانى، ئەل ئالدىدا ۋىجدانى، يۈرىكىدە پىغانى، سەپ ئالدىدا مەيدانى، تىغ ئالدىدا تەن- جېنى، تۇمۇرىدا دولقۇنلۇق قېنى، ھاياتىدا ئۆلۈم ۋە شېنى نېسى ئىدى.»

ئۇرۇش ئەزىمەتلەرنى تاۋلايدۇ،  قەھرىماننى يېتىلدۈرىدۇ، غۇرۇر ۋە مىللىي ئۆزلۈكنى چىڭىتىدۇ. چىنتۆمۈر باتۇر  بەلكىم سىڭلىسى مەختۇمسۇلانى قۇتقۇزۇش ئۈچۈنلا يەتتە باشلىق يالماۋۇز بىلەن ئېلىشمىغان بولغىيتى؟ ئۇنىڭ مىسران قېلىچىنىڭ غەزەپ بىلەن ھەر بىر ئۇرۇلۇشىدا ئۆز قېرىندىشى، ئائىلىسى، قوۋمىنىڭ  ئار- نۇمۇسى، قىز- خوتۇنلىرىنىڭ ئىپپەت- ھاياسىنى، نەسەب- شەجەرىسىنىڭ ئۇلۇغۋار مۇقەددەسلىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلىش ئەقىدىسى يالىلداپ تۇرىدۇ. دېمەككى، ئۇ بىزنىڭ روھىيەت تىندۇرمىمىزدا چۆچەك ئىچىدىكى بىر قەھرىمانلا ئەمەس، بەلكى ئەخلاق ،ئەقىدە ئېمپىراتۇرىغا ئايلىنىپ كەتكەن. «مەڭگۈ تاشلار»دىن تارتىپ تارىخىي قوشاقلىرىمىز ۋە ئەپسانە- چۆچەكلىرىمىزگىچە ھەممىسىدىن قەھرىمانلىق، مەردلىك، ۋاپا تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. 

شۈبھىسىزكى، جۇغراپىيەلىك مۇھىت ۋە ياشاش شارائىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت پىسىخىكىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا مەلۇم بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت پىسىخىكىسىدا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرسىمۇ، ئەمما شۇ مىللەتنىڭ ئىپتىدائىي روھىي ماھىيىتىگە ئۇرۇق بولۇپ تېرىلغان پىسىخىك جۇغلانما خۇددى پاختا ئىچىدىكى چوغدەك ھامان ساقلىنىپ تۇرىدۇ.         

نەچچە مىڭ يىللار ئۆتۈپ كەتتى. ئىنسانىيەتنىڭ قەھرىمانلىق دەۋرى جىمجىت ئاخىرلاشتى. بىز ئەمدى بىر چاغلاردىكى ئاقار يولتۇزدەك ئۇچۇپ بارىدىغان تۇلپار- ئارغىماقلارنى تار، بىكىك ئىشخانىلاردا ئولتۇرۇپ خىيالەن ئويلايدىغان بولۇپ قالدۇق. بىر قوۋم، ئەل ئۈچۈن نەچچە مىڭ باھادىر سۈپەت يىگىتلەرنىڭ كۆزىنى مىتمۇ قىلىپ قويماي جان تەسەددۇق قىلىشلىرى كىتابلاردىكى ساماۋىي چۆچەكلەرگە، كىشىلەر ھەۋەس بىلەن ئېغىزىنى تامشىتىدىغان كەتسە كەلمەس ئۆتمۈش ئەپسانىلىرىگە ئايلاندى. بىز ئەمدى ئۇلارنى ھوللىۋۇد، جۇڭگۇ، شىياڭگاڭنىڭ ئۇرۇش فىلىملىرىدىن كۆرىدىغان بولدۇق.

بىر مىللەتنىڭ تارىخىدا دۇنياۋىي قەھرىمانلارنىڭ پات- پات چىقىپ تۇرۇشى ئۇنىڭ قېنىنى يېڭىلىغانلىق بىلەن باراۋەر. چۈنكى، مىللىي قەھرىماننىڭ ۋۇجۇدىدىكى قەھرىمانلىق كۈچى مۈشكۈللۈك ئازابىدا تۇنجۇقۇپ، چىقىش يولى تاپالماي تۇرغان تالاي ئادەمنىڭ قەلبىنى يۇرۇتىدۇ. ئىرادىسى ئاجىزلىشىپ ئىجتىمائىي ئەخلەتلەر قاتارىغا قوشۇلۇپ قېلىش ئالدىدا تۇرغانلارغا جاسارەت ئاتا قىلىدۇ. قەھرىماندىكى جاسارەت ماھىيەتتە مىللەتنىڭ جاسارىتىدۇر.       

مەۋجۇتلۇق قوغداشقا مۇھتاج. ھەر قانداق شانلىق مەدەنىيەتمۇ يېتەرلىك قوغداش، كۈچلەندۈرۈشكە ئېرىشەلمىسە، گۇمران بولۇپ كېتىدۇ. شانلىق مەدەنىيەت ئىزنالىرى ياراتقان مايالار، ئازتېكلار، ئىندىئانلار قېنى؟ سىگانلارنىڭ نۇقۇل سەنئەتكىلا دۈم چۈشۈپ ،تىلەپ- تېرىپ يەپ ياشىشى ئۇلارغا لاماكان سەرگەردانلىقتىن بۆلەك نىمە ئەكەلدى؟ 

«تارىختىن بېرى پەيغەمبەرلەر، شائىرلار ۋە ئىسلاھاتچىلار بىرمۇ- بىر ئىز بېسىپ چىقىپ تۇردى. ئۇلار قايسى زاماندا، قايسى مۇھىتتا، قايسى تىلدا، قايسى ئۇسۇلدا سۆزلىشىدىن قەتئىينەزەر، مۇنداق بىرلا نەرسىنى كۆتۈرۈپ چىقىشتى: ئۇ بولسىمۇ ھەقىقەت يالقۇنى. بىر يالقۇن ئۆچتى. ئۇنىڭ ئورنىغا شۇ زامانلا يەنە بىر يالقۇن ياندى. بۈگۈنمۇ شۇ يالقۇننىڭ ئۆچۈپ قالغىنى يوق. ئۇ ئەبەدىي ئۆچمەيدۇ. چۈنكى ئىنسانىيەتنىڭ كۆزى ئۇنىڭ بىلەن يۇرۇپ تۇرىدۇ.» (تولىستوي)

قاغجىراپ پولىشىپ كەتكەن يۇغان توغراقنىڭ يېنىدا بوي سۈرگەن ياش توغراقلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ توغراقلار شۇنچىلىك يۇمران، شۇنچە ساغلام. بۇنداق يەردىن خارابات ۋە گۈللىنىشنىڭ مەنزىرىسىنى تەڭلا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ياش  توغراقنىڭ يېنىدا خازان، قوۋزاق، چاۋار ۋە قۇملاردىن ھاسىل بولغان دۆڭلەر بار. بۇ گوياھ ئەجدادلارنىڭ قەبرىستانى. ياش توغراقلار قوللىرىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، ئەجدادلىرىنىڭ روھىغا دۇئا قىلىپ تۇرغاندەك تۇيۇلىدۇ مانا بۇ ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈننىڭ، بۈگۈن بىلەن ئەتىنىڭ تەبىئىي باغلىنىشى ئىدى.  

كوللىڭۋۇئۇد: «ھەر قانداق تارىخ ئىدىيە تارىخىدۇر» دېدى. ۋېلىس: «ئىنسانىيەت تارىخى ماھىيەتتە ئىدىيە تارىخى» دېدى. ئۇلارنىڭ تارىخ توغرىسىدىكى بۇ سۆزلىرى ئىتالىيەلىك يېڭى گېگىلىزىمچى كىروچىنىڭ «تارىخ ھەر بىر شەخسىنىڭ ۋۇجۇدىدا مەۋجۇت» دېگەن سۆزىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ ۋە بىزنى مەۋجۇدىيەت ھەر بىر شەخسنىڭ ۋۇجۇدىدا مەۋجۇت، شۇنداقلا ئۆزگىچە تۈستە مەۋجۇت دېگەن ئەقلىي خۇلاسىگە ئەكىلىدۇ. 

«تارىخ ــ ئىنسانىيەتنىڭ جىسمانىي، ئىجتىمائىي، ئەقلىي كامالىتىنىڭ راۋاجلىنىش جەريانىدىن ئىبارەت. تارىخنى ئارقىغا، جاھالەتكە بۇراش مۇمكىن ئەمەس. چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىكنىڭ ساختىلىق، قەبىھلىك، خۇنۈكلۈك ئۈستىدىن، نۇرانىلىقنىڭ قاراڭغۇلۇق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىنى توسۇپ قالالايدىغان ھەر قانداق كۈچنىڭ مەيدانغا كېلىشى مەڭگۇ مۇمكىن ئەمەس.»   

خورازنى ئۆلتۈرىۋىتىش بىلەن تاڭنىڭ ئېتىشىنى توسوپ قالغىلى بولمايدۇ، قېلىچ بىلەن دەريا سۈيىنى كېسىپ توختاتقىلى بولمايدۇ. سېھىرلىك تارىخنىڭ بىزگە يەنە قانداق ئويۇنلارنى ئويناپ بېرىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىر نىمە دېيەلمەيدۇ. ئەمما بەزىلەر بو ئويۇننى بىردەملىك قىزىقىش ئىچىدە كۆرسە، بەزىلەر ئەقلىي يۈكسەكلىكتە كۆرىدۇ. تارىخمۇ تاماشىبىنلىرىغا ماس ھالدىكى سوۋغىلىرىنى ھەدىيەلەپ ئۈلگۈرىدۇ. بەزىلىرىگە مىللىي ئۆملۈك، ئويۇشۇشچانلىق، تىرىشچانلىق، قەيسىرانە روھ ئاتا قىلسا، بەزىلىرىگە ئارازچىلىق، تەپرىقىچىلىك، خارۇ- زارلىق ئاتا قىلىدۇ. پەقەت زىمىنلا بۇ شەيتانكەرەش تارىخنىڭ خۇلق- بەزمىلىرىگە بىردىن- بىر شاھىد بولالايدۇ...

 

سىتاتا مەنبەلىرى:

   ئابدۇشۈككۈر مۇھەممەتئىمىن: «قەدىمقى مەركىزىي ئاسىيا»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىل 3-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 2-بەت ؛

ئابدۇقادىر جالالىددىن: «ئابدۇقادىر جالالىددىن ماقالىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 18-بەت ؛

«تارىخنىڭ پايدا- زىيىنى»، سودا نەشرىياتى، 1998-يىل 10-ئاي خەنزۇچە نەشرى،  266-بەت؛

ئابدۇقادىر جالالىددىن: «ئابدۇقادىر جالالىددىن ماقالىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 380-بەت ؛

ئابدۇقادىر جالالىددىن: «ئابدۇقادىر جالالىددىن ماقالىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 212-بەت ؛

ئابدۇقادىر جالالىددىن: «ئابدۇقادىر جالالىددىن ماقالىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 226-بەت ؛

ئابدۇلئەھەت ئابدۇلرەشىد بەرقىي: «كۆز ئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىدىكى سۆز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 82-بەت؛

ئابدۇرېھىم دۆلەت: «مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلۇقىمىز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 5-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 124-بەت؛

  ئابدۇقادىر جالالىددىن: «ئابدۇقادىر جالالىددىن ماقالىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 213-بەت ؛

    نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن: «روھىيەتنىڭ قاتلىرىنى ۋاراقلاپ»، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت- فوتۇ سۈرەت نەشىرىياتى، شىنجاڭ ئېلىكترون ئۈن- سىن نەشرىياتى، 2009-يىل 12-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 257-بەت ؛

. ئەسەت سولايمان ئۇيغار: «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى،  56-بەت ؛

. ئەسەت سولايمان: «تارىم قۇۋۇقى چېكىلگەندە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىل 3-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 1-بەت؛

. ئابدۇشۈككۈر مۇھەممەتئىمىن: «يىپەك  يولىدىكى توققۇز ھىكمەت»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 145-بەت ؛

. ئابدۇقادىر جالالىددىن: «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2005-يىل 3-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 372-بەت؛

. ئابدۇرېھىم دۆلەت: «مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلۇقىمىز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 5-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 165-بەت؛

.   ئابدۇلئەھەت ئابدۇلرەشىد بەرقىي: «كۆز ئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىدىكى سۆز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 175-بەت؛

    . لوئىس پروۋېل: «سىياسىنىڭ رەزىللىكى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004-يىل 4-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 12-بەت؛

. نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن: «روھىيەتنىڭ قاتلىرىنى ۋاراقلاپ»، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت- فوتۇ سۈرەت نەشىرىياتى، شىنجاڭ ئېلىكترون ئۈن- سىن نەشرىياتى، 2009-يىل 12-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛

.  ئابدۇشۈككۈر مۇھەممەتئىمىن: «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىل 2-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 460-بەت .

 

پايدىلانغان ماتىرىياللار:

1. نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن: «روھىيەتنىڭ قاتلىرىنى ۋاراقلاپ»، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت- فوتۇ سۈرەت نەشىرىياتى، شىنجاڭ ئېلىكترون ئۈن- سىن نەشرىياتى، 2009-يىل 12-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛

2. «يۈرەك سوۋغىسى ــ جەزبىدار گۈلدەستىلەر»-3، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2003-يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛

3. ئابلىمىت ئۆمەر بىلگە: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي ئېڭى ۋە پەلسەپە بىخلىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2008-يىل 5-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛

4. ئابدۇشۈككۈر مۇھەممەتئىمىن: «قەدىمقى مەركىزىي ئاسىيا»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىل 3-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛

    5.  ئابدۇشۈككۈر مۇھەممەتئىمىن: «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىل 2-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛

6. ئابدۇقادىر جالالىددىن: «ئابدۇقادىر جالالىددىن ماقالىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛

7. زۇردۇن سابىر: «ئانا يۇرت»، شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2000-يىل 11-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛

8. تەلئەت قادىرى: «مائارىپ دوقمۇشىدىكى خىياللار»، شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتى نەشرىياتى، 2009-يىل 3-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛

 9. نەزىرە مۇھەممەتسالىھ: «شەرق يۇلتۇزىنى ئىزدەپ»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004-يىل 1-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛

    10. ئابدۇلئەھەت ئابدۇلرەشىد بەرقىي: «كۆز ئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىدىكى سۆز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛

11. ئابدۇرېھىم دۆلەت: «مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلۇقىمىز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىلى 5-ئاي 1-نەشرى؛

12. ساموئىل خانتىڭتون: «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دونياۋىي تەرتىپنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 11-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛

13.  ئابدۇقادىر جالالىددىن: «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2005-يىل 3-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛

 14. ئەسەت سولايمان ئۇيغار: «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛

    15. ئەسەت سولايمان: «تارىم قۇۋۇقى چېكىلگەندە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىل 3-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى

   16.  مورتېمېر ئادلېر: «غەربنىڭ تەپەككۈرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2005-يىل 3-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛

17. ئابدۇشۈككۈر مۇھەممەتئىمىن: «يىپەك  يولىدىكى توققۇز ھىكمەت»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛

    18. يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق: «ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى»، شىجاڭ ئونۋىرسىتىتى نەشرىياتى، 2001-يىل 4-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛

    19. ئەخمەت كېبىر: «ساپا  مائارىپىمۇ، خاتا مائارىپىمۇ»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004-يىل 6-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛

20. ھاياتنۇپۇس مۇھەممەت: «قىزلىق دوقمۇشىدىن ئانىلىق سەپىرىگىچە»، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى، 2006-يىل 3-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛

    21.  لوئىس پروۋېل: «سىياسىنىڭ رەزىللىكى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004-يىل 4-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛

    22. باتۇر رۇزى: «باش زىندانلىرىغا ھۇجۇم»، قاغىلىق ناھىيىلىك  مائارىپ ئىدارىسى باستۇرغان ئىچكى ماتىرىيال.

 

(2011-يىل 3-سىنتەبىر، ئونسۇ)

 

 

 


[ بۇ يازمىنىbagzad74دە2012-08-07 07:07قايتا تەھرىرل ]
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-07, 12:33
بۈگۈن ئەتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-08-07 07:00 |
arman03

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1710
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 412
شۆھرەت: 2731 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2745 سوم
تۆھپە: 1542 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1557 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 740(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ناھايىتە ياشى يازمائىكەن. بۇلۇپمۇ باشلىنىشى.
lutun
ۋ
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-07 13:14 |
kokturuk
ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 410
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 661
شۆھرەت: 4176 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 4169 سوم
تۆھپە: 2356 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2399 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1236(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئابدوللاھنىڭ ئىسىل يازمىلىرى باغداشتىن ئۇزۇلمىسۇن.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-07 14:04 |
hanjar0903
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8678
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 84
شۆھرەت: 465 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 465 سوم
تۆھپە: 270 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 270 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 147(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!  بىزنى خېلى سەگىتىپ قويدىڭىز  
.«ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە، ئاللا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.»      سۈرە رەئىد  11-ئايەت
بىز تىرىشچانلىق كۈرسۈتۈپ ئاندىن ئاللاھتىن ياردەم سۇرشىمىز كىرەك.
<< كۈچ بىرلىكتە،ئىش ئۈملۈكتە>>
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-07 15:23 |
xirna
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7796
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 68
شۆھرەت: 458 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 454 سوم
تۆھپە: 256 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 257 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 283(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەك  ئىسىل ، ھاجەتكە كىرگەندىمۇ كومپىيۇتىرنى بىللە ئېلىپ كىرىپ، كورگىدەك ماقالە ئىكەن .
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-07 21:38 |
kokturuk
ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 410
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 661
شۆھرەت: 4176 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 4169 سوم
تۆھپە: 2356 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2399 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1236(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى xirnaدە2012-08-07 21:38يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بەك  ئىسىل ، ھاجەتكە كىرگەندىمۇ كومپىيۇتىرنى بىللە ئېلىپ كىرىپ، كورگىدەك ماقالە ئىكەن .

 
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-07 22:09 |
attila
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3477
نادىر تېما : 12
يازما سانى : 214
شۆھرەت: 1578 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1648 سوم
تۆھپە: 882 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 874 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 391(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇرادىرىم ئابدۇللانىڭ باغداش مۇنبىرىگە ئېسىل يازمىلىرنى يوللىغانلىقىنى قىزغىن قارىشى ئالىمەن!
ناىايتى ئېسىل ئەسەر بوپتۇ. ئونسۇ زېمىنىدا قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرلەشكە ئاللاھ مەدەت قىلسۇن!
بۇرادىرىڭىز ئاتتىلادىن!
simfoniya
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-08 12:17 |
karayamgur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8636
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 50 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 50 سوم
تۆھپە: 30 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 30 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىر مىللەتنىڭ خەلقئارادا تونۇلغان ناخشا- ئۇسسۇل، تەنتەربىيە چولپانلىرى بولۇشى مۇمكىن. ئۇ مىللەتتە پات- پات ئىلمىي، ئەدەبىي مۇھاكىمىلەر ئۇيۇشتۇرۇلۇپ تۇرۇلۇشىمۇ مۇمكىن. خىلمۇ- خىل مۇكاپاتلار تەسىس قىلىنغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. مەشھۇر مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمما بۈگۈنكىدەك بىر دەۋردە مەزكۇر خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسىي، پەن- تېخنىكا قاتلىمى بولمىسا، مەنىۋىيىتىدە يۈلەنگۈدەك ئېتىقادى، ئاساسلانغۇدەك پەلسەپەسى بولمىسا، يۇقۇرىقى نەتىجىلەر بۇ خەلىققە ئاز- تولا تەسەللىي، خۇشاللىق، ئۈمىدتىن ئۆزگە ھېچنىمە ئەكىلەلمەيدۇ. خەلقنىڭ ھالى ئاۋۋالقىدەكلا تۇرىدۇ، بېشىدا تۈگمەن چۆرگىلەۋىرىدۇ.


خورازنى ئۆلتۈرىۋىتىش بىلەن تاڭنىڭ ئېتىشىنى توسوپ قالغىلى بولمايدۇ، قېلىچ بىلەن دەريا سۈيىنى كېسىپ توختاتقىلى بولمايدۇ. سېھىرلىك تارىخنىڭ بىزگە يەنە قانداق ئويۇنلارنى ئويناپ بېرىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىر نىمە دېيەلمەيدۇ. ئەمما بەزىلەر بو ئويۇننى بىردەملىك قىزىقىش ئىچىدە كۆرسە، بەزىلەر ئەقلىي يۈكسەكلىكتە كۆرىدۇ. تارىخمۇ تاماشىبىنلىرىغا ماس ھالدىكى سوۋغىلىرىنى ھەدىيەلەپ ئۈلگۈرىدۇ. بەزىلىرىگە مىللىي ئۆملۈك، ئويۇشۇشچانلىق، تىرىشچانلىق، قەيسىرانە روھ ئاتا قىلسا، بەزىلىرىگە ئارازچىلىق، تەپرىقىچىلىك، خارۇ- زارلىق ئاتا قىلىدۇ. پەقەت زىمىنلا بۇ شەيتانكەرەش تارىخنىڭ خۇلق- بەزمىلىرىگە بىردىن- بىر شاھىد بولالايدۇ...
يازمىڭىزنىڭ خۇلاسە قىسمى ئادەمنى ئويغا سالىدىكەن. .. رەخمەت!
istanbol
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-08 18:35 |
mosapir
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9308
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 61
شۆھرەت: 430 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 430 سوم
تۆھپە: 234 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 234 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 64(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بارىكاللا   !!ئابدۇللا ئەلى بەگزادىنىڭ نادىر تېمىلىرى مۇنبەرلەردىن ئۈزۈلمىسۇن!
تۇردى ئىسرائىل
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-09 20:42 |
bahitkuxi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6948
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 116
شۆھرەت: 601 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 603 سوم
تۆھپە: 359 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 361 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 173(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ تېمىغا ئىنكاس يېزىشقا قەلىمىم ئاجىزلىق كەلگۇدەك...
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-10 20:25 |
yhyh
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9455
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 20
شۆھرەت: 100 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 100 سوم
تۆھپە: 60 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 60 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 63(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇمۇ تارىخ !

1944-يىلى  دۆلەت قۇرۇلغان ۋە بۇ دۆلەتنىڭ ئارمىيسى ماناس دەرياسى بۇيىغىچە قىستاپ كىلىپ ئۈرۈمچىنى تەھدىتكە ئالغان ۋاقىتتا ، ھەربى جەھەتتىن ئامالسىز قالغان گۇمىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قۇللانغان سىياسى تەدبىرى ئىككى جەھەتتىن بۇلغان . بىرى ئامرىكىنىڭ ماسلىشىشى ۋە ھەمكارلىغىدا  سۇۋىت ئىتىپاقى بىلەن سۇلھى قىلىپ ،شۇ ئارقىلىق سۇۋىتنىىڭ قۇلى بىلەن بۇ تەھدىد(دۆلەت)نى يۇق قلىدىغان  تاشقى سىياسەت تەدبىرى. يەنە بىرى قۇرۇلغان بۇ دۆلەتنى (گۇمىنداڭ ئىشخالىيتىدىكى رايۇنلاردىكى)خەلىقنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشتۈرمەسلىك ياكى خەلىقنى بۇ دۆلەتتىن ئىددىيە جەھەتتىن تەزدۈرۈش ئۈچۈن قۇللانغان ئىچكى سىياسەت تەدبىرىدۇر .

يازمىدا تاشقى سىياسەت تەدبىر تۇغىرسىدا تۇختالمايمىز .

بۇ يەردىكى ئىچكى سىياسەت تەدبىرىدە رۇل ئالغان ئادەم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىندۇر. خىۋىر تۈمۈرنىڭ ئەسلىمىسدە يىزىلىشىچە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن قەشقەر يىڭسار ھاكىمىنىڭ (خەنزۇ ھاكىم) ئۆيىدە ئۇنىڭ باللىرى بىلەن ئۇيناپ  چوڭ بۇلغان ۋە شۇ جەرياندا خەنزۇچە ئۆگەنگەن . كىين يامۇلدا تەرجىمان بولغان . كىيىن بۇ ھاكىم گومىنداڭنىڭ تاشكەنىتتە تۇرۇشلۇق كونسۇلى بۇلۇپ تەيىنلەنگەندە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەگىشىپ تاشكەنىتكە بارغان .1930-يللارنىڭ ئالدى كەينىدە «ئالاھىدە خىزمەت »ئىھتىياجى ئۈچۈن  نەنجىڭگە ئەۋەتىلىپ مەخسۇس تەربىيلەنگەن . بولشىۋىكلارنىڭ جۇڭخۋا مىنگۇ زىمىنىدا جۇڭگۇ كۇمپارتىيسىنى قۇللاپ ،قۇراللاندۇرۇپ « پاراكەندىچىلىك سلىش»لىرىغا قارشىى تەدبىر سۆپىتىدە ،جىياڭجىشى رەھبەرلىگىدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىمۇ  سىۋىت رۇسىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا  ھۇلىنى كۇلاش ئۈچۈن تاشكەنىتتە ئاچقان كونسۇلى ئارقىلىق ، يەرلىك مىللەتلەر ئارسىدىن پانتۈكىزىمچىلارنى بولشىۋىكلارغا قارشى كۈشكەرتىش پائالىيەتلىرى ئىلىپ بارغان ئىدى . بۇ يەردە ئەيسا  يۈسۈپ قىلماقچى بۇلغان «ئالاھىدە خىزمەت»مانا مۇشۇ ئىدى . بۇ جەرياندا ئۇ پانتۈركىزىم ئىددىيسى تۇغىرسىدا خىلى ئۇبدان بىلىمگە ۋە سىياسى خىزمەت تەجىربىسىگە ئىگە بولغان ئىدى.          

  ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن كىيىن گومىنداڭنىڭ ئەرەپ ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە ئەۋەتكەن بىر ئۆمەكنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى بۇلۇپ تەيىنلىنىپ بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە زىيارەتكە ئەۋەتىلگەن .بۇ زىيارەت جەريانىدا ئافغانىستاندا 7 يىلنىڭياقى تەتقىقات ۋە سىياسى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ،شىنجاڭ مەسلىسنى ياپۇنيەنىڭ كابۇلدىكى باش ئەلچىىسى ۋاستىسى بىلەن ،ياپۇنيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قۇل تىقىدىغان خەلقارا مەسىلىگە ئايلاندۇرۇش يۇلىدا  ھەركەت قىلىۋاتقان مەمتىمىن بۇغرا بىلەن ئالايتەن كۆرۈشۈپ ،ئۇنى «جۇڭخۋا مىنگۇنىڭ قەلبىدە تۇرۇپ  كۆرەش قىلىش»قا قىزىقتۇرغان . توركىيەدە زىيارەت جەريانىدا سىۋىت رۇسىيەسىگە قارشى ئاممىۋى پىكىر  بەرپا قىلىش ئۈچۈن بەزى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرغان . كاللىسى رۇس ۋە كۇمىنىزىم ئۆچمەنلىگى بىلەن تۇلغان  مەسئۇت سەبىرىنىڭ ئەھۋالىدىن مۇشۇ يەردە خەۋەردار بۇلغان بۇلشى مۇمكىن .



  ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتكىننىڭ بۇ زىيارەتىنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىگى ئەكسىچە ناھايتى مول ھۇسۇللۇق بىر زىيارەت  پائالىيتى بۇلغانلىغى كىيىن مەلۇم بۇلغان .مەمتىمىن بۇغرانىڭ «مىنىڭ سىياسى كۆرەشلىرىم »دە  يىزىلىشىچە ،ئەيسا يۈسۈپ بىلەن ئۇچىرشىپ ئۇزاق ئۆتمەي ، مەمتىمىن بوغرا ئەيسا يۈسۈپنىڭ دىگەنلىرىنىڭ تۇغرا ئىكەنلىگىنى ،شىڭشىسەينى يۈلەپ تۇرغان رۇسلارغا قارشى يەنە شۇ جۇڭخىۋا مىنگۇدىن پايدىلىنشىنىڭ ئاقىلانە بۇلدىغانلىغنى ھىس قىلىپ يەتكەن ۋە ئۇنىڭ تەكلىۋىنى قۇبۇل قىلىغانلىغىنى بايان قلىپ ئەيسا يۈسۈپكە ۋە جىياڭجىشىگە خەت يىزىپ ،شىڭشىسەينىڭ شىنجاڭ خەلقىگە سالغان زۇلىمىدىن، سىۋىتپەرەسلىگىدىن شىكايەت قىلغان ۋە ئۈزىنىڭ شىنجاڭ خەلقىگە ۋەكىل بۇلۇپ مەركىزى ھۆكۈمەتتە ئىشلەشنى خالايدىغانلغى ھەققىدە ئىلتىماس  قىلغان .

بىزدە «ئۆيدىكى ھىساپ تالاغا تۇغرا كەلمەپتۇ» دىگەن بىر ماقال بار . مەمتىمىن بۇغرانىڭ ئۆيدىكى ھىسابى قانداق قىلىپ تالاغا تۇغرا كەلمىگەنلىگىنى كىينكى ۋەقەلەرنىڭ تەرەققىياتى ئىسپاتلىغان .

  1933-يىلى قۇراللىق كۆرەش قىلىپ خەلىقنىڭ ھىمايىسىگە ئىرىشكەن بۇ مۇجاھىدنى يىنىدا تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ سىياسى ئەھمىيتىنىڭ ناھايتى چوڭ بۇلدىغانلىغىنى ھىس قىلغان جىياڭ جىيشى دەرھال جاۋاپ خەت يىزىپ ئۇنى تەكلىپ قىلغان . تەكلىپكە بىنائەت مەمتىمىن بوغرا دەسلەپ كابۇلدىن ھىندىستانغا كەلگەن .بۇ يەردە ئەنگىلىيە دائىرلىرى تەرپىدىن قولغا ئىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان .شۇنىڭ بىلەن مەمتىمىن بوغرانىڭ ئايالى جىياڭ جىيشىگە خەت يىزىپ ،ئەھۋالنى مەلۇم قىلىغان ۋە جىياڭ جىيشىنىڭ ياردەم قىلىپ ئىرىنى قۇتقۇزىشىنى ئىلتىجا قىلغان . جىياڭ جىيشى بۇ ۋاقىتتا «شەپقەتچى»سۆپىتىدە ئوتتۇرغا چىقىپ ،ئەنگىلىيە ۋە ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە خىزمەت ئىشلەپ ئۇنى تۈرمىدىن« قۇتقۇزۇپ چىققان» ۋە ئايرۇپىلان بىلىتى ئەۋەتىپ (بىر رىۋايەتتە ئالاھىدە ئايرۇپىلان ئەۋەتىپ) ئۇنى نەنجىڭغا ئالدۇرۇپ كەلگەن . بۇ ۋاقىتلاردا  ئەنگىلىيە ،ئامرىكا ،جۇڭخۋا مىنگۇ لار سىۋىت كۇمىنىزىمىغا قارشى تىلى بىر ئاغىنىلەر بۇلۇپ ، مەمتىمىن بوغرانىڭ تۇرمىگە تاشلىنىشى ۋە «قىين كۈندە بىشىنى سىلىغان »بۇلىۋىلىپ ئۇنى قۇتقۇزۇپ چىقشلارنىڭ ھەممىسى بولسا مەمتىمىن بۇغرانىڭ كۆڭلىنى ئۈزىگە قارىتىشنى مەقسەت قىلغان  بىر ئۇيۇن ئىدى. دىمەك بىر قاتار ئۇيۇن ۋە نەيرەڭلەر ئارقىلىق «يۇلۋاسنى ئالداپ تاغدىن چۈشۈرۈش ھىلسى» بىلەن مەمتىمىن بۇغرا كابۇلدىن قايتۇرۇپ كىلىنپ قەپەزگە سولانغان ئىدى.مەمتىمىن بۇغرانىڭ نەنجىڭگە كىلشى بىلەن كابولدا ئىلىپ بارغان شىنجاڭ مەسىلىسىنى خەلقارالاشتۇرۇشنىڭ ئالدى ئېلىندى ۋە ناھايتى مۇھىم بىر سىياسى دەسمايە قۇلغا كەلگەن ئىدى . مەمتىمىن بۇغرانىڭ نەنجىڭگە كىلىشى ماھىيەت جەھەتتىن تۈمۈر خەلپە ۋە خۇجىنياز ھاجىنىڭ ئۆرۈمچىگە بىرىشىغا تامامەن ئۇخشايىتتى پەقەت  سىياسى ئويۇننىڭ سەۋىيەسى جەھەتتىن ،بۇرۇبقىلاردىن خىلىلا يۇقىرى سەۋىپەدە ئىدى . ئۆز ۋاقتىدىكى لى شۇفۇ ۋە سىۋىت كۈنسۇلى ئاپرىسۇۋنىڭ ئورنىدا  بۇ قىتىم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن  بار ئىدى .

   مەمتىمىن بوغرا نەنجىڭگە كەلگەندىن كىيىن ئەيسا يۈسۈپنىڭ دىگىنىدەك گۇمىنداڭ پالاتا ئەزاسى قىلىپ تەيىنلەندى ۋە تىگىشلىك بۇلغان شان -شۆھرەت ،يۇقىرى مائاش -تەمىناتتىن بەھىرمەن قىلنىدى .

   مەسئۇت سەبىرىنىڭ ھىكايىسىمۇ شۇ مەمتىمىن بوغرانىڭكىگە ئوخشاپراق كىتىدىغان بىر جەريان دىيشكە بۇلىدۇ ،پەقەت ئۇنىڭ سىياسى نەرقى مەمتىمىن بوغرادىن ئەرزانراق ،سۆپىتى سەل تۈۋەنرەك ئىدى خالاس .

  غولجىدا قۇرۇلغان دۆلەتنىڭ ئارقىسىدا  كومىنزىم ئىدولوگىيسى بىلەن كىتىۋاتقان سىۋىت ئىتىپاقىنىڭ ئارقا تىرەك بۇلۇپ تۇرغانلىغىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەت گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۈچۈن تىشىپ كىرىشكە بۇلدىغان بىر يۇچۇق نوقتا ئىدى. چۈنكى شىنجاڭ خەلقى ئىسلام دىنىغا ئىشىدىغان ،دىنسىز دەھرىلىكنى يامان كۈردىغان بىر خەلىق ئىكەنلىگىنى گۇمىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۇبدان بىلەتتى . بۇ تۇپراقىنىڭ بىر پۇچىقىدا دۆلەت قۇرۇلۇپ بولغان ئەھۋال ئاستىدا ، بۇ خەلىقنى پەقەت ھەربى ۋە ساقچى كۈچلىرىگىلا تايىنىپ تىزگىنلەپ تۇرۇش ئەسلا مۈمكىن بولمايىتتى. يەنە كىلپ بۇ ۋاقىتلار ياپۇنيە بىلەن بۇلغان ئۇرۇش جىددى داۋام قلىۋاتقان بىر ۋاقىت ئىدى . ياپۇنيەنىڭ تەسلىم بۇلشى تىخى كۈتەرتىپتىمۇ  ھەتتا يوق ئىدى .دىمەك شىنجاڭنى ئىدارە قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇشتا دۆلەتنىڭ ھەربى ۋە ئىقتىسادى كۈچى يىتىشمەيىتتى .بىردىن بىر يول ئۇلارنىڭ ئىددىيسىنى تىزگىنلەش ، قۇرۇلۇپ بۇلغان دۆلەتكە بۇلغان تەشنالىغىنى بىسىقتۇرۇش،مۇستەقىللىققا بۇلغان ئارزۇسىغا ئامال قىلىش ،يىغىپ ئېىيقاندا بۇ خەلىقنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرۋىتىس  كىرەك ئىدى.

دەل شۇ ۋاقىتتا ، نەنجىڭ ۋە چۇڭچىڭدا بىقىۋاتقان «قەپەزدىكى يۇلۋاسلار»نىڭ ئىشقا يارايدىغانلىغى ئوتتۇرغا چىقتى. بۇلار رەسمى سالاھىيەت جەھەتتە ،گۇمىنداڭ ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى ئەمەلدارلار بۇلشىغا قارىماي ،يەنە شىنجاڭ خەلقىنىڭ جۇڭخۋا مىللەتلىرى تەركىۋىدە ئەمەسلىگىىنى جار سىلىپ ،مەركەزدىكى رەھبەرلەرنىڭ كۈڭلىنى يېرىم قىلىپ تۇراتتى. ئەلۋەتتە ، بۇ پەقەت سۆزلەش ھۇقۇقى دائىرسىدىكى پائالىيەت بۇلۇپ ، شىنجاڭدىن 4مىڭ كىلۇمىتىر يىراق بىر يەردە تۇرغانلىغى ئۈچۈن ئەمىلى ھەركەت قلىش ئىمكانىيتى يوق ئىدى ئەمما يەنىلا ئەيسا يۈسۈپ بۇ ئىككەيلەن بىلەن مەيدانى بىردەك قىياپەتكە كىرۋىلىپ ھەممەگەپ-سۆز ۋە  ھەركىتىدىن مەركىزى ھۆكۈمەتنى خەۋەردار قىلىپ تۇراتتى . شۇ ئارقىلىق مەركەز رەھبەرلىرىمۇ بۇلاردىن ئانچە ئەندىشە قىلمايدىغان بولغان ئىدى.

  غولجىدا دۆلەت قۇرۇلۇپ ،ئۆرۈمچى تەھدىت ئاستىدا قالغان ۋاقىتتا ، گەرچە ۋۇجۇڭشىن بۇ «پانتۈركىزىمچىلار»نىڭ شىنجاڭغا كەلسە ئەسلا بولمايدىغانلىغىنى ، بولمىسا «قەپەزدىكى يولۋاسنى ئورمانغا قۇيۇپ بەرگەن »بىلەن ئوخشاش ئىش بۇلدىغانلىق چۈشەنچىسىنى كۈچەپ تەشەببۇش قىلسىمۇ ، لىكىن جىياڭ جىيشى سىياسى جەھەتتىن تىخىمۇ يىراقنى كۆرەلەيدىغان جاڭ جىجۇڭنىڭ تەكلىۋىنى توغرا تىپىپ ،قىيىن ۋە ھالقىلىق ۋاقىتتا ئۇلارنى شىنجاڭغا ئەۋەتىپ پانتۈركىزىم ئىقىمى بىلەن غولچىدىكى دۆلەتكە قارشى ئەپسۇن ئۇقۇپ شامال چىقىرىشقا قۇيۇپ بەرگەن بولدى.

  بۇلار شىنجاڭغا كەلگەندىن كىيىن ، بۇلارنىڭ دەسلەپكى پائالىيتى پانتۈركىزىمنى تۇنۇشتۇرۇش ۋە كومىنىزىمغا ،دىنسىزلىققا  قارشى تۇرۇش  ،تىلمىزنى ساپلاشتۇرۇش ...دەپ ئىلپ بىرىلغان ئىدى . بۇلارنىڭ پائالىيتى شىنجاڭدىكى خەنزۇ رەھبەرلەرنى قاتتىق  بىئارام قىلغان بۇلسىمۇ لىكن ۋەزىيەتنىڭ ئىھتىياجى تۈپەيلىدىن ئوينىلىۋاتقان بۇ سىياسى ئويۇندا ،مەركىزى ھۆكۈمەت يەرلىك رەھبەرلەرنىڭ شىكايەتلىرىگە نىسپەتەن سۈكۈت قىلىش پوزىتسىيەسىدە تۇرۇۋالدى  . ئەمىليەتتە بۇ بىر «ئىگىزدە تۇرۇپ يولۋاس سۇقاشتۇرۇش» ھىلىسى بۇلۇپ ھەم يەرلىك ئەمەلدارلار(خەنزۇلار)نىڭ «پانتۈركىزىمچىلار»غا بۇلغان نەپرىتىنى ئويغىتالايىتتى ھەم شىنجاڭ خەلقىنى مەركىزى ھۆكۈمەتتىن مەمنۇن  قىلالايىتتى. ئەمما ھەقىقى  مەقسەت بۇ ئەمەس ئىدى. ئەسلى مەقسىدى بۇلسا شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىددىيسنىڭ غولجىدىكى دۆلەتكە بۇلغان مايىللىغىنى تۇسۇپ قىلىش ئىدى. گىزىت -ژۇرناللار نەشىر قىلنىپ دۇنيا ۋەزىيتى ۋە يەرلىك ۋەقەلەر بىسىلىپ  تۇرۇلغانلىغى سەۋەبىدىن شىنجاڭ خەلقى تەبىئى ھالدا غولجىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئارقىسىدا دىنسىز كۈمىنزىم دۆلىتى بارلىغىنى بىلۋالغان ئىدى ،تىخىمۇ تۇغىرسى مەقسەتلىك بىلدۈرۈلگەن ئىدى. بۇ «پانتۈركىزىمچىلار» بىر تەرەپتىن پانتۇركىزىمنى تەشۋىق قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن مەركىرى ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭ خەلقىگە «چىن تۇركىستانى»قۇرۇپ بىردىغانلىق ۋەدىسى بارلىغىنى ھىچ بۇلمىسا ئالى مۇختارىيات بىردىغانلىغى ، پەقەت ياپۇنقا قارشى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا بۇ ئىشلارنى تەبىئى رەۋىشتە ھەل بۇلدىغانلىغنى (ئاجىز ۋاقتىدا بەرمىگەن مۇستەقىللىق ۋە مۇختارىياتنى ھۆكۈمەتنىڭ بىشى ساقايغان ،دۆلەت كۆچلەنگەن ۋاقىتتا بىرەتتىمۇ دەپ ھىچكىم ئۇيلاپ باقىمغان -دە)سۆزلەپ ،خەلىق ئىچىدىكى مۇستەقىل دۆلەت(غۇلجىدىكى )كە ماسلشىپ ئېلىپ بىرلىۋاتقان مەخپى تەشكىلاتلىنىشنىڭ ۋە يەر ئاستى ھەركەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالغان ياكى تەشكىللىنىش يۇلنىشىنى ئۆزگەرتىپ ئۈزىنىڭ سىپىگە قۇشۇۋىلىش ئارقىلىق شىنجاڭ خەلقىنىڭ سىياسى ئىرادىسنى پارچىلاپ، كۈرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئىرىشكەن ئىدى. يەنە كىلىپ ھىچقانداق ئىقتىساد سەرىپ قىلىنمىغان ئىدى. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى يەرلىك ۋەقىپ ۋە جەمىيەتلەرنى قۇرۇش ئارقىلىق يەرلىك خەلىقتىن ئىئانە پۇل يىغىش يۇلى بىلەن ئىلىپ بىرىلدى.  راستىنلا بىر مەزگىل شىجاڭ ياشلىرى بۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى ۋە پۇل -ماللىرىنى بۇلارغا تۈكتى. چۈنكى بۇ «پانتۈركىزىمچىلار»نىڭ  بىشىدا ئۈز خەلقىنىڭ مۇستەقىللقىغى ئۈچۈن قان كىچىپ جىھاد قىلغان مەمتىمىن بوغرادەك ئەزىمەتلەرمۇ بار ئىدى.ئەگەر مەمتىمىن بوغرا بولمىغان بۇلسا ،ئۇنىڭدىن باشقىلارغا بۇلۇپمۇ ئەيسا يۈسۈپكە ھىچكىم ئىشەنمەيىتتى.

  بۇ كۆرەش دەسلەپتە ،تەكەللۇپ ۋە ھىلە -نەيرەڭلەر بىلەن داۋام  قىلغان بولسا ، كىيىن گىزىت -ژۇرناللاردا ئۇچۇق ئاشكار تىللاپ -ھاقارەتلەش بىلەن بۇلدىغان بولدى.  ھەتتا بۇ «پانتۈركىزىمچىلار» غۈلجىدىكى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرىنى «رۇسلارنىڭ كۈچىگى» ،« كومىنىزىمنىڭ قورچاقلىرى» ،«سىتالىننىڭ گۇماشتىلىرى»... دەپ  ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاپ تەشۋىق قىلىدىغان بولدى . پەقەت مەمتىمىن بوغرانىڭلا غۇلجىدىكى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى ئىدى ،باشقىلار بۇلسا خۇددى ئىت -مۈشۈكتەك بىر-بىرىگە ھۆرپىيىپ يۈرۈشەتتى .بۇ ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خەلقى ئۈزۈل- كىسل قايمۇقتى . بۇ قايمۇقۇش تا شىنجاڭ تىنچ ئازات بولۇپ گومىنداڭ ئەسكەرلىرى تاۋسىيۇنىڭ رەھبەرلىگىدە تەسلىم بولۇپ ھەقىقەتكە قايىتقان ، بۇ «پانتۈركىزىمچىلار» بۇلسا جىياڭ جىيشىنىڭ يىڭىلگىنىگە تەن بەرمەي تۈزۈپ چىققان «چوڭ قۇرۇقلۇقنى قايتۇرۇپ ئىلىش پىلانى»نىڭ ئىچىدىكى « شىنجاڭ پىلانى»نى ئۇرۇنلاشنىڭ ئىھتىياجى ۋە ھاياتىنى ساقلاپ قىلىشنىڭ ئارزۇسىدا 1000 غا يىقىن  كىشى بىرلىكتە چەتئەلگە قاچقانغا قەدەر داۋاملاشتى . ئاتالمىش «چىگرادىن قايىتىپ كەلگەن »مەسئۇت سەبىر ۋە چىڭگىزخان دامۇللاملار يەنە شۇ ئەيسا يۈسۈپنىڭ كەينىگە كىرىپ ، يەنە شۇ ئەكسىيەتچى  جىياڭ جىيشى ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانىغا يەمچۈك بۇلۇپ يۈرۈشنىڭ ئەرزىمەيدىغانلىغىنى ، بۇ ئاتالمىش «ھىجرەت»نىڭ شىنجاڭ خەلقى ئۈچۈن ئەمەس گۇمىنداڭ پارتىيسى ئۈچۈن ئىكەنلىگىنى ، بۆرىدىن قۇتۇلسىمۇ يەنە يولۋاسقا تۇتۇلۇپ يۈرىيدىغانلغىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىگى  ئۈچۈن قايتىپ كەلگەن ئىدى
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-11 04:25 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » دۇنياغا نەزەر