ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ كۆپ مىللەتلىك مەكتەپ باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى
يوللانغان ۋاقىت
:
2012-08-10
-
11:35
مەنبە
:
تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ كۆپ مىللەتلىك مەكتەپ باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنى 9-ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن نو، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مائارىپ تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىمقى يىغىن ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات پىلان تېزىسى (2010 ~ 2020) ›› نى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالىي ، ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ، مىللىي ، خەنزۇ مەكتەپلىرىنى بىرلەشتۈرۈش خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىش ، تىپلارنى يارىتىپ ، تەجرىبىلەرنى كېڭەيتىپ ، ئادەتتىك ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى مىللىي-خەنزۇ مەكتەپ قىلىپ بىرلەشتۈرۈشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، ماسلاشتۇرۇش ۋە سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن چاقىرىلغان .
يىغىندا ئۈرۈمچى شەھىرى، غۇلجا شەھىرى قاتارلىق جايلاردىكى ئالتە مائارىپ تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى پىكىر بايان قىلىپ، مىللىي-خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلارنى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر پۈتۈن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇسۇل-چارە ۋە تەجرىبىلەرنى ئالماشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ كۆپ مىللەتلىك مەكتەپلەر، بولۇپمۇ مىللىي-خەنزۇ مەكتەپلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسە قىلىندى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ كۆپ مىللەتلىك مەكتەپ باشقۇرۇش خىزمىتىدىكى ئۇسۇل-چارىلەر مۇھاكىمە قىلىپ بېكىتىلدى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ئەركىنجان تۇراخۇن: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەتلەردىن مىللىي-خەنزۇ مەكتەپلىرىنى بىرلەشتۈرۈش خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە سەزگۈرلۈكنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە يەنە ھەرقايسى تارماقلار مەبلەغ سېلىنمىسىنى زورايتىپ، ئوقۇتقۇچى تولۇقلاش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، مىللىي-خەنزۇ مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈشتىكى تەشۋىقات ۋە مائارىپ تەپتىشلىكىنى كۈچەيتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشقا تىرىشىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.
( مۇھەررىر : توخنىياز)
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/homepage/content/2012-08/10/content_224135.htm