ئەسسىلام تورداشلار ، تور بېكىتىمىز تاقىلىپ قېلىش ئالدىدا بىز تارىخ - تەزكىرە تەتقىقاتچىسى ، ئاتاقلىق تەرجىمان مۇھەممەت يۈسۈپ ئەپەندى بىلەن بىر قېتىملىق سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىدۇق ، شۇ قېتىمقى سۆھبەتنى قايتا ھوزۇرىڭلارغا سۇندۇق :
مۇھەممەت يۈسۈپنىڭ تەرجىمىھالى
مۇھەممەت يۈسۈپ 1941- يىلى 10- ئايدا تۇغۇلغان، ئەر، ئۇيغۇر، شىنجاڭ قومۇل شەھىرىدىن، 1960- يىلىدىن 1962- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىدا ئوقۇپ، مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان. «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە (ياردەمچى تەھرىر)، قومۇل ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ۋە ناھىيە، شەھەرلىك پارتىكوملاردا تەرجىمان(تايانچ)، مەركىزىي مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسىدە تەرجىمان، «قۇمۇل گېزىتى» ئىدارىسى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە بۆلۈم مەسئۇلى ۋە كاندىدات ئالىي تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ- مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو خەلقئارا مەشھۇر كىشىلەر تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
مۇھەممەت يۈسۈپ 40 نەچچە يىلدىن بۇيان تەرجىمە ۋە تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنىپ، كەسپچانلىقى كۈچىيىپ، بىلىم دائىرىسى كېڭەيگەن، مول خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان، نۇرغۇن تەرجىمە ئەسەرلىرىنىڭ كوللىكتىپ تەرجىمىسىگە قاتناشقان ۋە تىل تەرجىمە تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىپ، ئىلمىي ماقالىلەر ئېلان قىلغان. «ليۇشياۋچى تاللانما ئەسەرلىرى» نىڭ 2- تومى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ 6- بەش يىللىق پىلانى، «يېڭى دەۋردىكى بىرلىكسەپ خىزمىتىگە دائىر ھۆججەتلەردىن تاللانما» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ كوللىكتىپ تەرجىمىسىگە قاتناشقان. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئۆزى تەرجىمە قىلغان. 1986- يىلى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ ۋە 1987-يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ تەرجىمە خىزمىتىگە قاتناشقان، «قومۇل ۋىلايىتىنىڭ مىللەت- دىن تەزكىرىسى» ئۇيغۇرچە تەرجىمە نەشىرىنىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى قىلغان. ھازىرغىچە تەرجىمە قىلىغان ۋە تەھرىرلەپ بېكىتكەن ماتېريال، ئەسەرلەر خەنزۇچە بىر مىليون خەتتىن ئارتۇق.
مۇھەممەت يۈسۈپ ئىشتىن سىرت تەرجىمە ۋە تىل تەتقىقاتى ۋە يەرلىك تارىخ- تەزكىرە تەتقىقاتى بىلەن پائال شوغۇللىنىپ، مەملىكەت ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق گېزىت- ژۇرناللاردا 40 پارچىغا يېقىن ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. 1989- يىلىدىن 1999- يىلىغىچە جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ 3 قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا 3 پارچە ماقالە ئوقۇغان. ئىلمىي ماقالىلىرىدىن 3 پارچىسى جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتى ئەزالىرىنىڭ 10 يىللىق (1980-1990-يىللار) مۇھىم تەتقىقات نەتىجىلىرىگە كىرگەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 1998-يىل 3-ئاينىڭ 4- كۈنى 3- بېتىدە ۋە «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 1997- يىل 2- سانىدا ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇشقا دائىر بىر نەچچە مەسىلە توغرىسىدىكى يۈزەكى مۇھاكىمە» دىگەن ماقالىسى شياڭگاڭدىكى جۇڭگولۇقلار ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى بىلەن دۇنيا مەدەنىيەت- سەنئەت تەتقىقات مەركىزى 2002- يىلى 1-ئايدا ئۆتكۈزگەن خەلقئارا ئالماشتۇرۇش- باھالاش پائالىيىتىدە مۇنەۋۋەر ئىلمىي ماقالە ( ئەسەر) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ خەرىتىلەر توپلىمى» دىكى قىسمەن يەر ناملىرىنىڭ تەرجىمىسىدىكى خاتالىق- نۇقسانلار توغرىسىدا» تېمىدىكى ئىلمىي ماقالىسى 2007- يىلى جۇڭگو تەرجىمانلار جەمئىيىتى مىللەتلەر تىل- يېزىقى تەرجىمە كومىتېتىنىڭ 12- قېتىملىق مىللەتلەر تەرجىمە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىلمىي ماقالىلىرىنى باھالاشتا 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق 9- قېتىملىق مىللەتلەر تىل يېزىقى ئىلمىي ماقالىلىرىنى باھالاشتا 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، بۇ يىغىنغا ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ مىللەتلەر تەرجىمانلىرى ۋەكىلى بولۇپ قاتنىشىپ، ماقالىسىنى ئوقۇشقا تەكلىپ قىلىندى.
قومۇل ۋىلايەتلىك قەدىمقى ئەسەر- مىللەتلەر تىل يېزىق كومىتېتى، «قومۇل گېزىتى» ئىدارىسى، قومۇل خەلق رادىئو ئىستانسىسى 2006- يىلى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «مەڭگۈ تاش» ماقالە قوبۇل قىلىش پائالىيىتىدە «شاھ مەخسۇت ۋاڭ ئوردىسى ئالتۇن- كۆمۈش خەزىنىسىنىڭ بۇلاڭ- تالاڭ قىلىنىشنىڭ جەريانى» تېمىلىق ماقالىسى 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. (بۇ ماقالە شۇ يىلى «قومۇل گېزىتى» ۋە «قومۇل ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.)
تۆھپىكار تەرجىمان مۇھەممەت يۈسۈپ يېقىندا ۋىلايەتلىك مىللەتلەر تىل يېزىقى- قەدىمقى ئەسەرلەر كومىتېتىنىڭ تەكلىپى بىلەن يەرلىك تارىخ تەزكىرىچىسى ھاپىز نىيازنىڭ «قومۇل گۈلىستانلىقى» ناملىق ئەسىرىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولۇپ، نەشىرگە تەييارلىدى ھەمدە ئۆزىنىڭ 20 نەچچە يىلدىن بۇيان يازغان ماقالىلىرىنى «ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى» قىلىپ نەشىرگە تەييارلىدى.
مۇھەممەت يۈسۈپنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئىش- ئىزلىرى «جۇڭخۇا ئېلىدىكى شەخسلەر ئوكيانۇسى» غا كىرگۈزۈلۈپ، بۇ ئوكيانۇسىنىڭ تەكلىپلىك مەسلىھەتچى تەھرىر ھەيئىتى بولغان ھەمدە «جۇڭگودىكى مۇتەخەسسىسلەر ئىسىملىكى لۇغىتى»، «جۇڭگو مەدەنىيەت ساھەسىدىكى تالانتلىقلار چوڭ لۇغىتى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى قەھرىمان- نەمۇنىچىلار چوڭ لۇغىتى»، «دۇنيادىكى مەشھۇر كىشىلەر ئىسىملىكى»، «دۇنيا مەدەنىيەت ساھەسىدىكى مەشھۇر كىشىلەر ئوكيانۇسى» قاتارلىقلارغا كىرگۈزۈلگەن. «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» (ئۇيغۇرچىسى) دە سۈرەتلىك خەۋەر بىلەن ئىش ئىزلىرى ۋە مۇھىم نەتىجىلىرى تونۇشتۇرۇلغان.
مۇھەممەت يۈسۈپ 50- يىللاردا ج ك پ قومۇل ۋىلايەتلىك كومىتېتى تەرىپىدىن «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ قومۇلدىكى مۇنەۋۋەر ئىختىيارىي مۇخبىرى بولۇپ ۋە 1983- يىلى ج ك پ قومۇل ناھىيىلىك كومىتېتى ئورگىنىدا ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ تەغدىرلىنىپ، مۇكاپاتلانغان.
ئەسكەرتىش : باغداش تور بېكىتىمىز مۇھەممەت يۈسۈپ ئەپەندىنىڭ قوشىلىشى بىلەن مۇھەممەت يۈسۈپ ئەپەندىمنىڭ تەتقىقات ھاياتىدىكى ئىلمى ماقالىلىرىنى باغداش تورى ئارقىلىق تور يۈزىدە كەڭ تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرمەكچى ، مەزكور ئەسەرلەر <مۇھەممەت يۈسۈپ ئىلمىي ماقالىلىرى>سەھىپىسىگە يوللىنىدۇ !