saltanat lutun elan berig
«12345»Pages: 1/9     Go
بۇ تېما 9931 قېتىم كۆرۈلدى
agahlandurhuqi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9320
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 25
شۆھرەت: 150 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 145 سوم
تۆھپە: 87 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 87 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 خـۇدايـىـمـغــا خــەت

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-08-16)
خـۇدايـىـمـغــا خــەت

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم مېھرىبان خۇدايىم، مەن سىزنىڭ توپا بىلەن سۇنىڭ ئارلاشمىسىدىن ياراتقان بەندىڭىزمەن. بۈگۈن مەن سىزگە بولغان سېغىنىشىمنى ئوچۇق ـ ئاشكارا ئىزھار قىلىشنى نىيەت قىلىپ قالدىم. چۈنكى سىز ماڭا شۇنداق مېھرىبان ئىدىڭىز، مېنى شۇنداق چوڭ كۆرەتتىڭىز. مىسالغا، سىز مەندەك بىر لاي بىلەن سۇنىڭ ئارلاشمىسىغا چىرايلىق شەكىل ۋە تاتلىق جان كىرگۈزۈپ بولغاندىن سىزگە تەسبىھ ئېيتىپ تۇرغان بارلىق پەرىشتىلەرگە ماڭا سەجدە قىلىشقا ئەمر قىلىڭىز. قاراڭ، بۇ ھۆرمەتنى، قاراڭ بۇ شەرەپنى! ئارقىدىن بارلىق پەرىشتىلەرنىڭ ئىچىدىن پەقەت ئىبلىسلا ماڭا سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى. بىراق سىز مەندەك بىر لاي بىلەن سۇنىڭ ئارلاشمىسى ئۈچۈن ئىبلىسنى دوزاخقا سۈرگۈن قىلدىڭىز. بۇنىڭ بىلەن ئۇ شەكسىز ئازغۇچىلاردىن بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تاكى بۈگۈنگىچە يەر يۈزىدە ئېزىپ ۋە ئازدۇرۇپ كەلمەكتە. جېنىم خۇدايىم، سىزنىڭ مەندەك بىر لاي بىلەن سۇنىڭ ئارلاشمىسى ئۈچۈن مۇشۇ قەدەر ئۇلۇغ شەرەپلەرنى دۇرۇس تاپقانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزنى مەدىھلەشكە راستلا تىللىرىم قىسقىدۇر. ھەقىقەتەنمۇ ماڭا سىزدەك بىر مېھرىباننىڭ ماڭا بولغان رەھمىتىنى يېزىش ئۈچۈن پۈتۈن ئالەمدىكى دەريالار سىيا بولۇپ، ئورمانلار قەلەم بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ سىزنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭىزنى، ياخشىلىقىڭىزنى، سۈپىتىڭىزنى يېزىپ تۈگۈتەلمەيمەن.
كۆزلرىم لىققىدە ياش. سىزنى ئويلىسام، سىزنى ياد ئەتسەم راستلا كۆزلىرىم ياشقا ، قەلبىم نۇرغا تولىدۇ. دېمەك مەنمۇ سىزنى خۇددى سىز مېنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرگەچكە سىزگە بۈگۈن ھاياتىمدىكى تۇنجى بىر پارچە سالام خېتىمنى يېزىۋاتىمەن. گەرچە مېنىڭ خەت يېزىشىم سىزنىڭ خەت يېزىشىڭىزدەك مۈكەممەل، گۈزەل، توغرا، چىرايلىق، مۇڭلۇق بولمىسىمۇ قوبۇل قىلارسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن سىزگە بۇ خەتنى ئۇيغۇرچە يىزىۋاتىمەن. مەن بىلىمەن، سىزنىڭ بىلمەيدىغان تىللىرىڭىز يوق. ھەممە تىلنى سىز تەرجىمانسىز بىۋاستە ئاڭلىيالايسىز، چۈشۈنەلەيسىز. شۇڭا سىزگە ئۇيغۇر تىلىدا خەت يېزىشنى داۋاملاشتۇرىۋەردىم. بەلكىم ئۇيغۇر تىلدىكى خەتنى ئوقۇسىڭىز ئوخشاش بولمىغان قوۋملارنىڭ ئۇيغۇرغا  بولغان ھۆرمىتى ئېشىپمۇ قالار. ئاسمان ـ زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق جانسىز، جانسىزنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇلۇغ خۇدايىم. تۈنۈگۈن ئاخشام رامىزانغا يىگىرمە يەتتە بولدى. بۇ ئاخشام قەدىر كېچىسى ئىدى. بۇ كېچىدە قىلىنغان دۇئالارنى سىز چوقۇم قوبۇل قىلاتتىڭىز. شۇڭا ھەممە ئادەم بۇ كېچىدە ئۇخلىماي سىزگە سېغىنىشنى، سىزنى ئۇلۇغلاشنى، سىزگە دۇئا قىلىشنى ئۈمىد قىلىشاتتى ۋە سىز قوبۇل كۆرگەن دۇئالارنىڭ بەركىتى ۋە خاسىيىتى بىلەن دىللىرىدىكى ئارمانلىرىنىڭ چېچەك ئېچىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىشاتتى. ئۇيغۇر تورلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىسام يەنە ئۈچ كۈندىن كېيىن مۇبارەك روزا ھېيتمۇ يېتىپ كېلەرمىش. ئۇلۇغ كىتابلارغا قارىسام بۇ سىز بىزگە ئۆزىڭىز بېكىتىپ بەرگەن ئىككى بايرامنىڭ بىرى ئىكەن. شۇڭا بىز سىز بىزگە بەرگەن ھەر نەرسىنى ئىتائەتمەنلىك بىلەن خوشاللىق ئىچىدە قوبۇل قىلىشقا ئىختىيارى ۋە ئىختىيارسىز رەۋىشتە ئەمر قىلىندۇق. شۇنداق، ئۈچ كۈندىن كېيىن 2012 ـ يىللىق روزى ھېيت كېلىدۇ. بۇنى تېخى مەن ھېلى ھۆكۈمەتنىڭ 2012 ـ يىللىق روزا ھيتلىق قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشىدىن كۆردۈم. ھېيت راستلا 19 ـ چېسىلا بولغۇدەك. ئالدى بىلەن ئۆزۈمنىڭ ھېيتىگە مۇبارەك بولسۇن!
ھېيتقۇ راستلا بولغۇدەك. بىراق ھېيت بولۇشتىن بۇرۇن ھېيت نامىزى ئۆتەلگۈدەك. بۇ بۇرۇندىن مۇشۇنداق بولۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. ھەر قېتىمقى روزى ھېيتتىن بۇرۇن ئەڭ يېڭى كىيىملىرىمىزنى كىيىپ، ئەڭ يېڭى قەدەملىرىمىز بىلەن ھېيت نامىزى ئۆتەش ئۈچۈن مەسچىتلەرگە قاراپ يول ئالاتتۇق. ھېيتلىق نامازدىن كېيىن خۇددى سىز بىزگە ھېيتلىق ئۈچۈن ھېيت بەرگەندەك، بىز بالىلارغا ھېيتلىق پۇل بېرىش بىلەن ھېيتنى رەسمىي باشلايتۇق. بىراق بۇ يىل سىزگە ئۆزرە قويۇپ قالىدىغاندەك قىلىمەن جېنىم خۇدايىم. شۇڭا سىزگە روزى ھېيت كېلىشتىن ئۈچ  كۈن بۇرۇن بۇ خەتنى يېزىۋاتىمەن. چۈنكى مەن دۆلەتنىڭ كادىرى. مېنىڭ دۆلەت ئۈچۈن ئىشلەپ، دۆلەتنىڭ مائاشىنى ئېلىپ تۇرمۇشۇمنى قامداپ كېلىۋاتقىنىمغا بۇ يىل ئون توققۇز يىللارچە بولۇپ قالدى. ئىككى يېرىم ياشلىق قىزىمنىڭ چىرايلىق ئۇيغۇر تىلىدا <<داددىي... پۈئە ھام... داددىي پۇي باي يى...>> دېگىنىنى ئاڭلىسام پۇلنىڭ ماڭا ئاتا قىلىۋاتقان بەخت ـ سائىتىگە قايىل بولماي تۇرالمايمەن. چۈنكى مەندە پۇل بولمىسا ئاشۇ كىچىك قىزىمغا تاتلىق ـ تۇرۇم ئېلىپ بېرەلمەيمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۆزلىرىنى بۇلاق بويىدىكى كىيىكنىڭ كۆزلىردەك مۆلدۈرلىدىۋىتىمەن. ئۇنىڭغا ھېچكىم بىر تال كەمپۈت چاغلىق نەرسە بەرمەسلىكى مۈمكىن. چۈنكى ھازىر دېگەن تۇرمۇش رېتىمى تېزلىشىپ، ئىقدىسادنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى ئورنى قان بىلەن تېرىدىنمۇ يېقىن بولۇپ كەتتى. تاتلىق يىگۈسى كەلگەن كىچىك قىزىم شۇنىڭ بىلەن ھام ـ ھام دەپ يىغلايدۇ. ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش چىقسا مېنىڭ يۈرۈگۈمدىن قان چىقىدۇ. چۈنكى ئۇ تېخى كىچىكتە جېنىم خۇدايىم! ھېچنېمە بىلمەيدىغان بىر كىچىك بالىنى ھەممە نېمىنى بىلىدىغان مەندەك بىر چوڭ ئادەمنىڭ يىغلىتىشى نېمە دېگەن رەھىمسىزلىك ـ ھە! شۇڭا مەن جان پىدالىق بىلەن ئىشلىشىم، ئىشلەپ پۇل تېپىپ ئاشۇ ھېچ نېمىنى ئۇقمايدىغان كىچىك قىزىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىم كېرەك. شۇڭا ھۆكۈمىتىمىز روزا تۇتساڭلار سالامەتلىكىڭلار بۇزۇلۇپ ئاغرىپ قالىسىلەر، شۇڭا روزا تۇتماڭلار، دېۋىدى ماقۇل، دەپ سالامەتلىگىمىزنى ئاسراپ روزا تۇتمىدۇق. بۇنىڭدىن مەن بىزنى سىزنىڭمۇ ھەم ھۆكۈمىتىمنىڭمۇ قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. قاراڭ، ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغانلار نېمە دېگەن كۆپ ـ ھە! مەن نېمە دېگەن تەلەيلىك ـ ھە!
شۇنداق، ماڭا سىزمۇ مۇھىم جېنىم خۇدايىم، ھۆكۈمىتىممۇ مۇھىم. شۇڭا مەن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن. ئۇنداق بولمىسا مەن زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمەن. سەۋەبى سىز ماڭا رىزىق بېرىسىز، ھۆكۈمىتىم ماڭا پۇل بېرىدۇ. دېمەك مەن بىر قېتىمدىلا ھەر ئىككىسىگە مۇھتاج. ئەمما سىز ھەقىقەتەنمۇ ئەپۇچان. يەر بىلەن ئاسمان بىنا بولغاندىن تارتىپ نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرىنى ئەپۇ قىلىپ كەلدىڭىز. ئۇ شەھەر ئاھالىلىرى سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويغاندىن كېيىن سەۋەنلىكىنى تونىسا سىز تولىمۇ مېھىربانلىق بىلەن ئۇلارنى ئەپۇ قىلىۋەتتىڭىز. مېنىڭ سىز ئۆزىڭىز بىلىدىغان بۇ ئىشلارنى قايتا سۆزلىشىمنىڭ ئاددىيلا سەۋەبى بار جېنىم خۇدايىم. ئۇ بولسىمۇ مەن بۇ يىل سىز ھېيتتىن بۇرۇن ھېيت نامىزى ئۆتەڭلەر! دېگەن سۆزىڭىزگە ئەمەل قىلالماي قالسام مېنىمۇ ئەپۇ قىلىۋەتسىڭىزكەن، دېگەن ئۈمىدتىمەن. چۈنكى مەن دۆلەتنىڭ ياراملىق كادىرى. شۇڭا مەن دۆلەت ماڭا تاپشۇرغان مەسئۇلىيەت ـ مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشىم كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن مەن دۆلەتكە قانداق يۈز كېلەلەيمەن؟ ئۇلار مېنى بېقىپ، تەربىيلەپ چوڭ قىلغان تۇرسا ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىشىم، سۆزىنى ئاڭلىشىم كېرەكتە، ئەلبەتتە. بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب، يېقىندا بىز كادىرلارنىڭ ھېيت نامىزىغا داخىل بولماسلىقىمىز ئالاھىدە تەلەپ قىلىندى. بەلكىم ھۆكۈمىتىمىز بۇ ئىشتىمۇ بىزنىڭ سالامەتلىكىمىزنى ياكى بىز بىلمەيدىغان ئەمما بىزگە پايدىلىق باشقا بىر ئىشنى ئويلاپ مۇشۇنداق دانا قارار چىقارغاندۇر. بىز ئۆزىمىز بىلمەيدىغان نەرسىگە يېپىشىۋالغىچە گەپ ئاڭلايلى، دەپ ئويلىدۇق. چۈنكى ھېلىقى قولىمىزغا تەلمۈرۈپ تۇرىدىغان كىچىك قىزىمىز باردە. مىسالغا، بىز سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلىمىساق سىز بىزنى جەننەتتىن كىرگۈزمىگەندەك ئىدارىمىزمۇ بىز گېپىنى ئاڭلىمىسا ئىشخانىمىزگە كىرگۈزمىسە كۆزى ياش قىزىمغا ئىشىنىمەنكى، تام خوشناممۇ يۈرىكىنى ئاتنىڭ كۆزىدەك يوغۇنىتىپ تۇرۇپ بىر تال كەمپۈت بېرىپ قويمايدۇ. چۈنكى ئۇلار مەندىن قاتتىق قورقۇنچ ھېس قىلغاندەك بولىشىدۇ. بولمىسىغۇ بىز دېگەن نەچچە يىللىق جانغا ئارام قوشنىلاردىن ئىدۇق. بىراق ئۇلاردىن رەنجەي دېسەڭ؛ قانداق قىلىمىز، ئادەم دېگەن خام سۈت ئەمگەن نەرسىكەن، دەپ ھەممە ئەيىپنى ئانىنىڭ پاك ۋە ھالال سۈتىگە ئارتىپ قويىشىدۇ. خۇددى چەتئەللىكلەر ۋە ئۆزگىلەر ئانا سۈتىنى پىشۇرۇپ ئىچىپ، بىزلا خام ئىچىۋالىدىغاندەك.
جېنىم خۇدايىم، سىزگە يېلىنىپ ئولتۇرۇپ بۇ خەتنى يېزىشىمدىكى مەقسىتىم مانا تولۇق ئايان بولدى. ئەگەر ھېيت نامىزى پەسلىدە نورمال خىزمەت قىلىش زۆرۈر بولۇپ قىلىپ ھېيت نامىزىنى ئوقىيالماي قالسام مېنى چوقۇم ئەپۇ قىلىۋىتىڭكى، تارىختىكى ھېلىقى تاش يامغۇرىدا قالغان، زەھەرلىك بوراندا قالغان، بەركەتلىك سۇدا قالغان، زىلزىلىك ئاۋازدا قالغان شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سەۋەنلىكىگە قارىغاندا مېنىڭ ئۇ قەدەر ئېغىر ۋە قاتتىق سەۋەنلىكىممۇ بولماسلىقى مۈمكىن. چۈنكى سىز ھەم قادىرسىز ھەم ھەلىمدۇرسىز.
جېنىم خۇدايىم، مېنىڭ سىزدىن باشقا ھېچ نېمەم يوق. شۇڭا بۇ خەتنى سىزگە كۆز يېشىمدا ئېقىپ ئولتۇرۇپ يېزىۋاتىمەن. ئۆتۈنۈشۈم، مېنى چوقۇم ئەپۇ قىلىۋىتىڭ. ئەگەر سىزمۇ مېنى ئەپۇ قىلمىسىڭىز تىزىم يەرگە، بېشىم مەيدەمگە چۈشۈپ كېتىدۇ. چۈنكى مەن سىزنى ئۆزۈمگە تولىمۇ يېقىن كۆرىمەن. سىزنى ئۆزۈمگە يېقىنلىقتا ئانا تومۇرلىرىمدىنمۇ يېقىن كۆرىمەن. شۇڭا سىزنى ئۆزۈمگە گۈشۈم بىلەن سۆڭىكىمدەك، تېرەم بىلەن يىلىكىمدەك، تېنىم بىلەن روھىمدەك يېقىن كۆرگەچكە ئىشەنچ بىلەن خەت يازدىم. ئاخىرىدا سىزگە تاغلاردەك پۈكۈلۈپ، دەريالاردەك يېيىلىپ، ئورمانلاردەك سەپراس بولۇپ، ئاسمانلاردىكىلەردەك رايىش بولۇپ ئىبادەت قىلىدىغانلىقىمنى راستچىللىق بىلەن تىل ۋە دىلىم بىلەن ئىقرار قىلىپ سۆزۈمنى تاماملايمەن.
مېنىڭ ئۆزىڭىزگە خەت يېزىشقا مۇيەسسەر قىلغانلىقىڭىزغا ئىككى ئالەم مىننەتدارلىقىم بولسۇن جېنىم خۇدايىم. ئەگەر سىزنىڭ ئىزنىڭىز بولمىغان بولسا مەن بىر تال پۇچۇق ھەرىپنىمۇ يازالمىغان بولاتتىم. شۇڭا ماڭا ئوقۇش بىلەن يېزىشتىن تەلىم بەرگەن سىزگە يەنە بىر قېتىم نەپىسىمدىن قالغىچە تەشەككۈرلىرىم بولسۇن. ئەڭ ئاخىرىدا سىزگە ئەمەس ئۆزۈمگە يېزىپ قويغان بىر پارچە شېئىرىم بار ئىدى. شۇ شېئىرىم بىلەن سىزگە يازغان خېتىمنى تولۇق تاماملاي.


مـەن كـەلـدىـم

مـەن كـەلدىـم توزىـغـان گۈلـدەك پورەكـلـەپ،
بىرمـۇ گـۈل ئېچىلمـاي سـۇلغـان باغـلاردىـن.
كـىـيـىـكـنىـڭ ئـۆلـىكـى يـۈرىـكـى بــىلـەن،
تـاشلارنى كـۆكـلـەتكـەن يېـشىـل تـاغلاردىن.

مـەن كـەلـدىـم ۋەتـەننـىــڭ ئـېـرىـقـىـدىكى،
كـۆز ياشتـەك تـارامـلاپ، تارامـلاپ ئـېـقـىـپ.
بىر چىمـدىـم تـوپىدا غـەمكىن ئـولتـۇرغـان،
بىر گۆشسىز سۆڭەكلىك جەسەتتىن چىقىپ.

مەن كەلدىم چۆلدىكى بىر تۈپ توغراقنىڭ،
كـۆكـلـەرگـە قـول سـۇنـغـان بـاياۋىنـىـدىن.
مـەشـرەپنى بىر مەجـنۇن ئۆلۈمدەك سۆيگـەن،
شېـئىرنىـڭ ئۇيـغـۇرچـە تـۇپراقـلـىـرىدىـن.

مـەن كـەلـدىم ئـىـشـقنىـڭ بوستـان چېچىدا،
يـۇلتـۇزلار چېـچىلـغـان يـورۇق يـول بىـلـەن.
بىر بـەت ئـاق قـەغـەزگـە سىزىـپ قـويۇلـغـان،
بـىـر ئـاتنـىـڭ قـان يۇقـى تـۇۋىـقـى بـىـلـەن.
[ بۇ يازمىنىagahlandurhuqiدە2012-08-16 11:28قايتا ت ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-16, 14:33
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-08-16 11:21 |
oghuzhan2
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5915
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 67
شۆھرەت: 345 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 345 سوم
تۆھپە: 205 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 205 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 161(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قولىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن، يازغان ئەسەر ماڭا ناھايتى ياقتى
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-16 15:01 |
terken
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7798
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سىزنىڭ بۇ مۇبارەك تېمىڭىزدىن شۇنداق سۆيۇندۇم، ئەمما نېمە دەپ ئىنكاس قايتۇرۇشنى بىلەلمىدىم. شۇنداق بولسىمۇ قىسقىچە ئىنكاس يېزىپ باقاي.!
بىزدە ھەقىقىي ئىرادە ۋە ھەقىقىي ئىشەنچ بولىدىكەن. نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى باشقا ئېلىپ چىقالايتۇق ئەمما. پۇل دېگەن بۇ نەرسىە تۈپەيلى بىز نى نى گۇناھ ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز. شۇڭا بىز ئىھ ئاللاھ دەپ سىرىتقا چىقساق ئاللاھ ھەرگىز بىزنى قۇرۇق ياندۇرمىغان بولاتتى. دىمەكچى بولغىنىمنى بەلكىم چۈشەنگەنسىز، ئارتۇقچە سۆزلەپ قويغان بولسام ئەپۇ قىلارسىز ....!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-16 15:12 |
سىزىم
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9276
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 38
شۆھرەت: 248 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 239 سوم
تۆھپە: 142 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 143 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 51(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن قېرىندىشىم.نۇرغۇن كادىرلارنىڭ ئىچىدە بىلىپ تېشىغا چىقىرالماي كىلىۋاتقان تىل ۋە دىل قىسىنچىلىغىنى ناھايتى جانلىق ئىپادىلەپسىز.رەھمەت سىزگە!
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-16 15:16 |
yawax
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9573
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5 سوم
تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سىزنى مۇشۇنداق ئۇلۇغ بىر كادىر قىلغان خۇدايىم ،ھېيىت نامىزىغا بارماي ئايلىقنى ساقلاپ قالماقچى بولسىڭىز ،كىيىنچە تېخىمۇ چوڭ، ئۇلۇغ، ھۇلى تەۋرەنمەس، تېخىمۇ ھەيۋەت، پۇلنىڭ جىقلىغىدىن خەجلەپ بۇلالمىغدەك كادىر بۇلۇشقا نىسىپ قىلار!!!!!!!!!         ئاللانىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ!
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-16 15:35 |
tohotur

دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 2053
شۆھرەت: 11224 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 11287 سوم
تۆھپە: 6609 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6620 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2639(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاللاھ تائالا سىزنىڭ خەت بىلەن ئالاقىلىشىدىغان باشلىقىڭىز ياكى دوستىڭىز ئەمەس بۇرادەر ، ئاللاھقا دۇئا قىلغاندا ئىلتىجا بىلەن دۇئا بىلەن ئاجىز چارىسىز قۇۋۋەتسىز ھالەتتە يېلىنىپ  ھالەتتە قىلىشىمىز زەرۇردۇر ،
كۆڭلىڭىز ياخشىكەن ئەمما ئىپادىلەش ئۇسۇلىڭىزمۇ توغرا بولسۇن ،
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-16 15:41 |
kokturki
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9442
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 20
شۆھرەت: 100 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 100 سوم
تۆھپە: 60 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 60 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى tohoturدە2012-08-16 15:41يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئاللاھ تائالا سىزنىڭ خەت بىلەن ئالاقىلىشىدىغان باشلىقىڭىز ياكى دوستىڭىز ئەمەس بۇرادەر ، ئاللاھقا دۇئا قىلغاندا ئىلتىجا بىلەن دۇئا بىلەن ئاجىز چارىسىز قۇۋۋەتسىز ھالەتتە يېلىنىپ  ھالەتتە قىلىشىمىز زەرۇردۇر ،
كۆڭلىڭىز ياخشىكەن ئەمما ئىپادىلەش ئۇسۇلىڭىزمۇ توغرا بولسۇن ،

 بۇ سۆزلىرىڭز تازا ئارتۇق كەتتىمۇ نىمە ..؟!
اللە پۇتكۇل مۇسۇلمان ئىنسانلارنىڭ غوجىسى ،باشلىقى ۋە دوستى، ئاللاھقا بولغان سىغىنىشىنى قانداق يۇسۇندا ئىپادىلىسەك ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچى،
ئاللاھنىڭ ئالدىدا چارىسىز قۇۋەتسىز يىلىنىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىمىز دەپسىز ، دىگنىڭىز توغرا لىكىن ئاللاھقا چارىسىز قۇۋەتسىز يىلىنىپ زوڭ ئولتۇرساق ئاللاھ بىزگە ئاسماندىن تاشلاپ بەمەيدۇ ..بىز سەۋەپ قىلىشىمىز كېرەك ،ئەجىرگە چۇشلۇق ھالاۋەت بار
 
تارىخ جاھان ئۆتمۈشىنىڭ مۇپەسسەل ئىنىقلىمىسى.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-16 15:55 |
فىدا
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6545
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 343
شۆھرەت: 1755 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1774 سوم
تۆھپە: 1050 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1055 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 253(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

 ھازىر ئىبلىس بىزگە  ئەمەس بىز ئىبلىسكە تازىم قىلىۋاتىمىز  ،ئى حۇدا ئەگەر  بىزنى ئۇنتۇپ قالمىعان بولساڭ ، بۇنداق  تەتۇرالۇكلەرنى  ئوڭشاپ قويعىن ئامىن .
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-16 15:59 |
kokturki
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9442
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 20
شۆھرەت: 100 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 100 سوم
تۆھپە: 60 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 60 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مـەن كـەلـدىـم ۋەتـەننـىــڭ ئـېـرىـقـىـدىكى،
كـۆز ياشتـەك تـارامـلاپ، تارامـلاپ ئـېـقـىـپ.
بىر چىمـدىـم تـوپىدا غـەمكىن ئـولتـۇرغـان،
بىر گۆشسىز سۆڭەكلىك جەسەتتىن چىقىپ.

مۇنۇ مىىسرالىرى ماڭا بەك ياقتى ...تەشەككۈر سىز گە...ئاللاھ ھەممە بەندىللىرىنى ئۈزىگە ئىتائەتمەن قىلسۇن..ئامىن.
ozgul munbar
تارىخ جاھان ئۆتمۈشىنىڭ مۇپەسسەل ئىنىقلىمىسى.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-16 16:01 |
بۆرە
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5484
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 69
شۆھرەت: 368 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 369 سوم
تۆھپە: 217 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 218 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 88(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-01-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كادىرلار ھېيىت نامىزىنى ئۆتىسە بولمايدۇ دىگەن قانداق گەپ،پوق يەپتۇ ئەتە-ئۆگۇن ئاتاڭ ئۆلسە جىنازا نامىزىغا بارمايسەن دىسە خوش-خوش-خوش قىلىپ تۇرامدۇق،قاراپ تۇرۇپ ئۆرۇپ-ئادەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتىنى ئۆتكۇزگەنلىك ئەمەسمۇ؟18-قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىللىرى بۇئىشلارنى ئىنكاس قىلىش سىلەرنىڭ مەجبورىيىتىڭلار....................................................
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-16 16:13 |
gorkar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7788
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 47
شۆھرەت: 265 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 265 سوم
تۆھپە: 153 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 153 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 13(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

[quote]بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى بۆرەدە2012-08-16 16:13يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
كادىرلار ھېيىت نامىزىنى ئۆتىسە بولمايدۇ دىگەن قانداق گەپ،پوق يەپتۇ

قاينىماڭ قېرىندىشىم !بىزگە نەچچە يىل بولدى ئۇلۇغ ھېيىت نامىزىغىمۇ بارالمىغىلى  ...ناماز ۋاقتىدا مەسچىت ئالدىدىكى ئاپشاركىلاردىن ئەنسىرەپ،نەچچە كىلومىتىر يوللارنى بېسىپ ،باشقا يۇرۇتلارنىڭ مەسچىتلىرىگە بېرىپ ئوقۇۋاتىمىز .
ھەممىمىز ئۆز-ئۆزىمىزگە گۆر كولاۋاتىمىز-خالاس !
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-16 16:22 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12345»Pages: 1/9     Go
Bagdax bbs » قوغۇنلۇقتىكى پاراڭلار