ھېزرىتى ئەلى ھېلىم
مەلۇم بىر خىل ئىجتىمائىي توپ ، ياكى ئىنتىنىك گەۋدىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ياكى زەئىپلىشىشى سىرىتقى كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمىسىمۇ ، لىكىن ئەڭ مۇھىم ئامىل ئاشۇ ئىجتىمائىي گەۋدىنىڭ ئىچكى كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ گىتلىر قىرغىنچىلىقىدىن كىيىن ناھايتى تىزلا باش كۆتۈرۈپ ، دۇنيا ئىقتىسادىنى كونتىرۇل قىلىشى ، ياپونلارنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاتوم بومبىسىنىڭ ھەيۋىسى بىلەن ئېچىنىشلىق مەغلۇب بولغاندىن كىيىىنمۇ، ناھايتى تىزلا باش كۆتۈرۈپ دۇنيادىكى گىگانىت ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىشى – دەل ئاشۇ ئىتنىك گەۋدىلەرنىڭ ئۆزىدە ياخشى بولغان ئىچكى (رۇھىي)ئىنىرگىيە بايلىقىنىڭ بولغانلىقىدىندۇر .
ئۇنداقتا ، قانداق ئەھۋال ئاستىدا ، مەلۇم بىر خىل ئىجتىمائىي توپ ئاسانلا زەئىپلىشىش يولىغا ماڭىدۇ ؟ يۇقۇرقى بايانلارنىڭ قارشى تەرىپىدىن چىقىساق ، بۇ دەل شۇ مەۋجۇت توپنىڭ ئىچكى
ھاياتىي كۈچى ۋە ئومۇمىي توپ ھالىتىدىكى رۇھىي بايلىقىنىڭ كەمچىل بولغانلىغىدىن بۇلىدۇ. ئەگەر بۇ خىل كەمچىل ئىچكى كۈچ ئۈمدسىزلىك پاتقىغا پېتىپ قالسا ، ئىش تېخىمۇ چاتاق.
ئۇنداقتا ھازىرقى يېڭى دەۋرىمىزدە ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت بۇ مىللىي توپنى زەئىپلىشش يولىغا ماڭدۇرىۋاتقان قانداق ئامىللار مەۋجۇت ؟
1. ئاينىپ كىتىشتىن زىيادە قورقۇش ۋە بۇ قورقۇش ئارقىسىدىكى بىكىنمىچىلىككە مايىللىق – ئىسەنكىرەش پىسخىكىسى
دەرىزىنى ئاچقان ئىكەنمىز، ئۇنىڭدىن ساپ ھاۋا كىرىش بىلەن بىرگە ئاز-تولا چاڭ-توزانلارنىڭ ،سىرىتتا شامال كۈچلۈك بولسا ئەخلەت – چاۋالارنىڭ كىرىپ كىتىشى نۇرمال ئىش. چاڭ – توزان، ئەخلەت – چاۋا كىرىپ كىتىدىكەن دەپ دەرىزىنى ئاچمىساق ، ئۆزىمىز چىقارغان سېسىق پۇراقلارنى سەزمەي ، بولغۇنىشقا ئۇچرىمىغانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىپ ئولتۇرىۋىرىمىزدە ، ئۆزىمىز سەزمىگەن ھالدا ، «ئۆي» مىز سىرىتتىن چاڭ – توزان كىرىپ كەتكەندىنمۇ بەكرەك سېسىپ كىتىدۇ .
شۇڭا ئېچىۋىتىشكە قارىتا توغرا پوزىتسىيدە بولىشىمىز كېرەك . ئوتتۇرا ئەسىردىن 20-ئەسىرگىچە بولغان بىكىنمىچىلىك بىزگە ، ئۆزىمىزنى چوڭ كۆرسىتىدىغان ، ھېچ ئىش تاپالمىغاندەك ئىككى قاشقا بۆلىنىۋېلىپ ئۆزئارا ئۇرىشىدىغان ، ئىلىملىك ، بىلىملىك كىشىلەرنى ئۆز قولىمىز بىلەن دارغا ئاسىدىغان زۇلمەتلىك كۈنلەرنى ئاتا قىلدى. مانا ھازىر ئېچىۋىتىش ھېچ بولمىغاندا بىزگە كىرزىس تۇيغۇسىنى ئاتا قىلىدى. باشقىلار بىلەن ئۆزىمىزنى سېلىشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىرىشتۇردى. ئۆزىمىزدە نىمىلەرنىڭ بارلىقىنى ، ئۇنى قانداق ساقلاش لازىملىقىنى ، يەنە قانداق ئىللەتلەرنىڭ ساقلانغانلىقىنى ۋە ئۇنى قانداق تۇزىتىش لازىملىقىنى ھېس قىلدۇردى.
بىر قىسىم ياشلىرىمىزنىڭ ھاياسىز قىلىقلىرىنى كۆرۈپ « بۇ مىللەت بۇزىلىپ كەتتى، غەربنىڭ تاراتقۇللىرى بۇ مىللەتنى بۆشىكىدىلا بۇزىۋەتتى » دەپ ئالاقىزادە بۇلۇپ كىتىشنىڭ ، يەنە بىر قىسىم كشىلەرنىڭ ئانا تىلىنى بۇزۇپ خەنچە، ياكى ئىنگىلىزچە سۆزلىگەنلىكىنى كۆرۈپلا :« ئېچىۋىتىش ئانا تىلىمىزنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى » دەپ قايناپ كىتىشنىڭ ، يەنە بىر قىسىم بايرام ، تۇغۇلغان كۈن قاتارلىقلارنىڭ تەنتەنىسى ، كىچىلىك تۈنەكخانا ، رىستۇرانلارنىڭ ئاۋاتلاشقانلىقىنى كۆرۈپلا :« نىمە بۇلۇپ كەتتۇق بىز، مىللەت تۈگىشىپلا كەتتى» دەپ ئاھ ئۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق . بىز قۇرۇقماي ، تېخىمۇ دادىللىق بىلەن «ئەكىلىشپەرۋەرلىك » نى (لۈشۈن) يولغا قويىشىمىز ، ئۆزىمىزدە يوق نەرسىلەرنى ، ئىچكى ھاياتىي كۈچىمىزنى ئاشۇرىدىغان نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك.(نېمىنى قوبۇل قىلىش ۋە نېمىنى قۇبۇل قىلماسلىق مۇھىم، ئەلۋەتتە ) گەرچە مۇنداق ئەكىلىش جەريانىدا ، بەزىدە خاتالاشساقمۇ ، ئەمما ھامان توغرا يولنى تېپىۋالالايمىز. ھازىرقى مېھرىبان ئانىلار كوللىكتىپىمۇ دەل بىز « خاتا چاي» دەپ ئازاپلانغان قاتار چاي جەريانىدا بارلىققا كىلىپ ھازىرغىچە نەچچە مىڭلىغان قەلبىلەرنى ئىللىتمىدىمۇ ؟ ئەكىلىش ، قۇبۇل قىلىش جەريانىدا ، خىرىسقا ئۇچرىغان تىلىمىز مانا ھازىر ئاسىراش، قوغداش چاقىرىقلىرىغا ئىرىشمىدىمۇ ؟(بۇ يىلىقى ئانا تىل بايرىمى كۈنىدىكى تور بەتلەردىكى يازمىلار ۋە مىكروبلوگدىكى تارقاتمىلاردىن بۇنى رۇشەن ھېس قىلالايمىز ).
ئەنە شۇنداق ، قېيىپ كەتسەك ئۇنى چوقۇم تۈزەش سادالىرى پەيدا بۇلىدۇ ۋە مىللىي توپ ئەزالىرىنىڭ ئۆزلۈك ، قەدىر تۇيغۇسى ئاشىدۇ. توغرىنى قۇبۇل قىلغاندا بولسا ، مىللەتنىڭ ئومۇمىي ھاياتىي كۈچى ئاشىدۇ . تەرەققىيات شۇنداق ئەمەلگە ئاشىدۇ . مىللەتنىڭ ئىچكى ھاياتىي ئاشۇنداق ئاشىدۇ. شۇڭا «ئەكىلىشپەرۋەرلىك» نى داۋاملىق تەشەببۇس قىلىش، ئىسەنكىرەپ كەتمەسلىك كېرەك. قورقۇش بىزنى تېخىمۇ زۇلمەتتە قالدۇرىدۇ خالاس.ئەگەر بىز ئۆزىمىز قوبۇل قىلمىساق ، بىر كۈنلەر كەلگەندە مەجبۇرىي قوبۇل قىلدۇرۇشقا ئۇچرىساق ، ئۇ ۋاقىتتا تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بۇلىدۇ.
2.ئۆز ئىچكى كۈچىگە سەل قاراپ ، سىرىتقا تەلمۇرۇش - يۆلىنىۋېلىش پىسخىكىسى
ھاسا ئادەمنىڭ مىڭىشىنى قۇلايلىقلاشتۇرۇپ بىرىشكىلا يارايدۇكى ، ھەرگىزمۇ پۇتسىز ئىنساننى ئالغا سىلجىتالمايدۇ.« كىشىلەر ئۆزىنى ئۆزى ياخشىلمىغۇچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھالىنى ياخشىلىمايدۇ».
بىز يېڭى دەۋىردە ، قانداق قىلىپ پۇت تىرەپ تۇرۇش مەسىلىسىدە ، ئەتراپىمىزغا قاراپ ، كىملەرگىدۇر تەلمۇرۇش ياخشى چىقىش يولى ئەمەس. ئەڭ ياخشى ئۇستازمۇ ، ئەڭ ھالقىلىق بىرەر ھۇنىرىنى يۇشۇرۇپ قالىدۇ. شۇڭا ، مىللەت ئەزالىرى مىللەتنىڭ ئۆزى بەرپا قىلغان مەدەنىيەتكە ، ئۆزىنىڭ قەلبىگە يۇرۇش قىلىشى ، ئەڭ ھالىقىلىق سۇئاللارنى باشقىلاردىن ئەمەس ، ئۆز قەلبىدىن سورىشى كېرەك. قەلبىدىن جاۋاپ تاپالمىغاندا ، ئىجتىھاتى بىلەن باشقىلارنىڭ ئىلىم جەۋھەرلىرىنى قەلب قاچىسىغا قويۇشى كېرەك. شۇندىلا ئۇ ئەڭ قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ، ئەڭ زور ھاياتى كۈچكە ئېگە بولالايدۇ. ( بۇ ھەقتە دوستلارغا « ھەييە ئىبنى يەقزان ھەققىدە قىسسە » نامىلىق كىتابنى ئوقۇپ چىقىش تەكلىپىنى بىرىمەن . بۇ كىتابتا دۇنيادىن ئايرىلغان بىر تەنھا ئىنساننىڭ ھەقىقەتنى قانداق چۈشەنگەنلىكى ۋە قانداق قىلىپ تەنھالىقتىمۇ ئىلىمنىڭ يۈكسەك چوقىسىغا چىققانلىقى بايان قىلىندۇ ، ھەقىقەتەن ئوقۇپ چىقىشقا تىگىشلىك كىتاب ).
باشقىلارغا تەلمۇرسەك ،باشقىلارنىڭ بىزگە بىرىدىغىنى سەدىقە ئورنىدىكى بەش مو ، بىر يۈەن بۇلىدۇ. ئۆزىمىز تەر تۆكسەك 50،500،5000 يۈەنلەرنىڭ ئىگىسىگە ئايلىنالايمىز .
3.ئىچكى ھاياتى كۈچنىڭ مىتە قۇرۇتى – زىيادە ئۈمۈدسىزلىك
ھېكايەت : بىر نەشە بىلەن كەيىپ قىلىدىغان كىشى بار ئىكەن. بىر كۈنى كەيىپ قىلىپ ، ياتسا ئۆيىگە ئوغرى چۈشۈپتۇ. ئۇبىلىپ قېلىپ ، قوغلاپتۇ، ئىشكتىن چىقىپ ، سەل قوغلاپلا قارىسا ، ئوغرى ناھايتى چوڭ بىر ئۆستەڭدىن ئاتلاپلا ئۇ قاتقا ئۆتۈپ كەتكۇدەك . ئۇ كىشى قانداق ئۆتەرمەن دەپ ئويلاپ :« توختا ئاۋۋل چۇڭقۇرلىقىنى ئۆلچەپ باقاي » دەپ ناھايتى ئۇزۇن ئىككى بادرىنى سوغا سالسا ، شۇنچە ئۇزۇن بادرىلارمۇ چۆكۈپ كىتىۋاتقۇدەك . بۇ يەردىن ئۆتەلمەيدىكەنمەن ، ئۇغرىنى تۇتالمايدىغان بولدۇم دەپ ھەسرەتلىنىپ ئۆلتۇرغىنىچە كەيىپچلىكتە شۇ يەردە ئۇخلاپ قاپتۇ. ئەتىسى ئويغىنىپ قارىسا ، يېنىدا بالىلار ئىككى يېنىغا توپا يۆلەپ كۆلچەك ئىتىپ ئوينىغان سوغا ئىككى تال سامان پاتۇرۇغلۇق تۇرغۇدەك .
شەخسىنىڭ ئۆسۈپ – يىتىلىشى ۋە تەرەققىياتى جەريانىدىمۇ ئوخشاش بولمىغان قىيىنچىلىق ۋە مۇدىرىپ كىتىشلەر بۇلىدۇ. ھەتتا بىر قىسىم كىشىلەر مۇنداق زەربىلەرگە بەرداشلىق بىېرەلمەي ئۆز قولى بىلەن ئۆز ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. مىللىي توپنىڭ تەرەققىيات جەريانىمۇ شۇنداق . ئۇمۇ تەرەققىيات جەريانىدا ئاشۇنداق ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۈچ كىلىدۇ، ھەتتا بەزىدە قارىساڭ ھېچقانداق ئۈمد يوقتەك ھېس قىلىسەن. ئەمما ئاشۇنداق ئۈمۈدسىزلىنىپ ، شەخىس ئۆز ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندەك ، ھەممدىن كىچىش كېرەكمۇ ؟ دۇنيادا پەقەت ئۈمدنى يوقاتماي ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلەرلا مۇۋاپپەقىيەتنىڭ شىرىن مىۋىسىگە ئېگە بولالايدۇ. بىز ھەرقانچە قىيىنچىلىققا دۈچ كەلسەكمۇ ، ئۈمۈدسىزلەنمەسلىكىمىز لازىم. ئىنسان ئۈمدسىزلەنسە ، ئۇنىڭدىكى ئىچكى ئاڭمۇ ئۇنىڭغا پاسسىپ بۇيرۇق بىرىدۇ. نەتىجە كشىنى تۇلىمۇ ئۈمدسىزلەندۇرىدۇ. بىز يوقۇرقى ھېكايىدەك ئۈمۈدسىزلىككە گىرىپتار بولۇپ ، ئەسلى كىچىك مەسىلىلەرنىمۇ چوڭ بىلىۋېلىپ ، ئۇنىڭدىن ئاتلاپ ئۆتەلەيدىغان جاسارىتىمىزنى سۇندۇرىۋالساق بولمايدۇ.
ئىككى ئادەمنىڭ ئانا تىلىنى بۇزۇپ سۆزلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ :«ئانا تىلىم تۈگىشىپتۇ » دەپ ئۈمۈدسىزلىنىشنىڭ ، بىر قانچە مىللەت ئەزالىرىنىڭ بۇزۇقچىلىق قىلىغىنى كۆرۈپ :« مۇنداق تۇرسا ، كەلگۇسىمىز نېمە بولماقچى؟» دەپ ھەممىدىن ۋاز كىچىشنىڭ ھاجىتى يوق. بىز ئۇلۇغ ئېقىنغا كىرىپ كەتكەندە ، بىر تال ساماننى كۆرسەكمۇ :« بەلكىم ئاشۇ سامان مىنىڭ ھاياتىمنى قۇتقۇزۇپ قالالىشى مۇمكىن » دەپ ئۈمۈد قىلىشىمىز كېرەك.
زىيادە ئۈمۈدسىزلىك بىزنىڭ ئاكتىپچانلىقىمىزنى تۆۋەنلتىۋىتىدۇ. بىزنىڭ رۇھىي كۈچىمىزنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.
ھېكايەت : زىندانغا تاشلانغان ئىككى مەھبۇس بولغان ئىكەن. بىرى بولسا ئۈمۈدسىز، يەنە بىرى بولسا ئۈمۈدۋار ئىكەن. بىر قېتىم بۇ ئىككى مەھبۇس دەرىزىدىن سىرتقا تەڭلا نەزەر تاشلىشىپتۇ. ئۈمۈدۋار كىشىنىڭ كۆرگىنى ئاسماندىكى يۇلتۈزلار بولۇپ، ئۇمۈدى ھەسسىلەپ ئېشىپتۇ. يەنە بىرىنىڭ كۆرگىنى يەر يۈزىدىكى خەس بولۇپ، ئەلەمدىن ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپتۇ.
شۇنداق ، روھىي ھال تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ: «بىر قەۋم ئۆز ھالىنى ئۆزى ياخشىلىمىغۇچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھالىنى ياخشىلىمايدۇ».ئۈمدسىزلىك ، بۇلۇپمۇ زىيادە ئۈمۈدسىزلىك ئىچىدىكى تۆگە قۇشتەك بېشىنى تېقىۋېلىش بىزنى تېخىمۇ چۇڭقۇر ھاڭغا تاشلايدۇ – خالاس.
4.قارشى قۇتۇپقا ئۆتۈپ كىتىش – قېيداش پېسخىكىسى
بىزدە« قېيدىغان ئابدالنىڭ خورجىنى بوش » دېگەن ماقال بار . ئەتراپقا قارىساق مۇنداق قېيداش سادالىرىنىڭ كۆپلىكىنى كۆرىمىز. ھېلى قېرىندىشىدىن قېيداۋاتقان ، ھېلى زاماندىن زارلىنىۋاتقان ، ھېلى ھۆكىمەتتىن قېيداۋاتقان ... ئىشقىلىپ تۇلىمۇ كۆپ .
قېيداش بىزگە ھېچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلىپ بەرمەيلا قالماستىن بەلكى ئەسلى بار بولغان ھاياتىي كۈچ ۋە رۇھىي ئىنىرگىيمىزنىمۇ قۇرۇق ئىشقا(قېيداش ئەمەلىيەتتە قۇرۇق ئىش خالاس) سەرپ قىلدۇرىۋېتىپ ، ئۆزىمىزنى ئاجىزلاشتۇرىۋىتىدۇ. ھازىرغىچە قېيدىغانغا ھەل بولغان مەسىلىنى كۆرمىدۇق. ئەگەر ئالىم ئەخەت مۇئەللىم ھۆكىمەتكە قېيداپ ئۇيغۇرچە فونت ياسىمىغان بولسا ، بەلكىم ئۇيغۇرلارنىڭ كومپىيوتىر تەرەققىياتى بىر نەچچە يىل ئاستىلاپ كىتەر بولغىيدى. بەلكىم « ھۆكىمەتنىڭ ئىشى بۇ » دەپ مىكروسوفت بىلەن ئالاقە ئورناتمىغان بولسا ، ۋىندۇۋىس 8 دە ئۇيغۇرچە يېزىقنىڭ نۇرمال كۆرسىتىلىشى يەنە نەچچە يىل ئارقىغا سۇرۇلۇپ كىتەر بولغىيدى. مۇنداق مىساللار كۆپ .
قېيداش بىزگە ھېچانداق مەسىلىنى ھەل قىلىپ بەرمەيدۇ. بىز چۇقۇم بار ئىمكانىيەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىمىز قىلالايدىغان ئىشلارنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىپ قىلىشىمىز كېرەك. كەلگۇسى دەل ئاشۇ تىرىشچانلىقىمزدىن كۆكلەپ چىقىدۇ.
5.چىقىش يولى تاپالمايۋاتقان ئېنىرگېيە – بىكارچىلىق
يېزىلارنىڭ دوقمۇش – دوقمۇشلىرىدىكى بىليارتخانىلارنىڭ ئاۋاتلىشىپ كەتكەنلىكنى ، قارتا بازارلىرىدىكى ئىڭكىنى تىزىغا يۆلەپ قارتا ئويناۋاتقان ياكى قارتا ئويناۋاتقانلارغا قاراپ تۇرغانلارنى ، يوقىلاڭ ئىشلارنى باھانە قىلىپ بىر – بىرى بىلەن سوقۇشىۋاتقانلارنى كۆرسەم ، خۇددى پىژغىرىم ئىسسقتا قۇملۇقتا كىتىۋاتقان تۆگە كارۋىنىدىكى ھاياتلىقنىڭ كاپالىتى بولغان سۇنىڭ كىملەرنىڭدۇر تەرىپىدىن تۆكىلىپ ئىسراپ بولۇپ كىتىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كىلىمەن.
بىكارچىلىق بۇلىدۇ . ھاياتلىق خىرىساق دۈچ كەلمىگەندە ، قانداق ياشىسا باشقىچە تەھدىت بولمىغاندا ، بىكارچىلىقتا نېمە قىلسا بۇلىدۇ. ئەمما بۈگۈنكىدەك بىر قەدەم كەينىدە قېلىش كىشىنى يەۋاتقان نېندىن ئايرىپ قويدىغان ، ياشاش بوشلىقى كۈنسىرى تارىيىۋاتقان مەزگىلدە بىكارچىلىق بولمايدۇ.
بەلكىم بۇ مەسىلىنى ئۇلاردىنمۇ كۆرگىلى بولماس. بەلكى بۇ مەسىلە بىزدەك ئۆزىنى زىيالىي چاغلايدىغانلاردىدۇر. چۈنكى ئاشۇ قېرىنداشلىرىمغا بىرىلگەن تەربىيە شۇنچلىك . ئۇلارنىڭ بىلىشى شۇنچىلىك ، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلىشكە قادىر ئەمەس ، كاللىسىغا ئاڭقاۋلىق سىڭىپ كەتكەن. ئۇلار يول باشلاشقا ، يول كۆرسىتىشكە ، يول تېپىپ بىرىشكە مۇھتاج . ئەمما...
ئىشقىلىپ ، بىكارچىلىقتىن ئىسراپ بۇلۇپ كىتىۋاتقان جىسمانىي ۋە رۇھىي ئىنىرگىيە ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى ئېچىندۇرىدۇ.
تۈگەللىمە :
مىللىي توپنىڭ زەئىپلىششى قانداقتۇر بىر قانچە تەرەپتىنلا بەلگىلەنمەيدۇ. يۇقۇرقىلار پىقىرنىڭ كالتا خىياللىرىنىڭ تىزمللىرى . بۇ ھەقتە يەنە دوستلار بىلەن پىكىرلىشىشنى ، تىخىمۇ تىرەن مۇلاھىزىلەرنىڭ ئوتتۇرغا قويۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.