ھېزرىتى ئەلى ھېلىم

(1)
بىر كۈنى يولدا كىتىۋاتسام ، قوشنام ئىشەكنى تىراكتۇرنىڭ توچىيىگە باغلاپ قويۇپ ، تاياقتىن بىردە ھەدەپ توچەينى ئۇرۇپ تاراڭشتقىلى تۇرۇپتۇ . ئىشەك قورقۇپ ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشقا ئۇرۇناتتى . ئەمما باغلاپ قويۇلغان بولغاچقا ، قېچىپ كىتەلمەيتتى. قوشنام تاراڭشتاتتى، ئىشەك ئۇركۇپ ، ئارغامچىنى تارتاتتى. نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي سورىسام ، قوشنامنىڭ ئىشىكىنىڭ تاراڭشىغان ئاۋازدىن ھۈركىيدىغان خۇيى بار ئىكەن . بىرەر يەردە كىتىۋاتسا ، تاراڭشىغان ئاۋاز چىقسىلا ، ھۇركۇپ قېچىپ ، قوشنامنى تۇلىمۇ بىئارام قىلىدىكەن ، غەزىپىنى كەلتۇرىدىكەن . شۇڭا قوشنام ئىشەكنى تاراڭشىغان ئاۋازغا كۆندۇرۈش ئۈچۈن ئاتايىن ئىشەكنى باغلاپ ، تاراڭشتقىلى تۇرغان ئىكەن .
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە ئىشەكنى گەپ بىلىدىغان ، كىتاپ ئوقۇيالايدىغان قىلىشقا ۋەدە بىرىدىغان بايانلار ئۇچرايدۇ . ئەمما يېڭى زاماندىكى بۇ قوشناممۇ ئىشەككە « تاراڭشىسا قورۇقمىساممۇ بۇلىدۇ » دېگەن ئاڭنى سىڭدۇرمەكچى ئىدى . يەنى ئىشەككە قۇرۇقماسلىققا تىگىشلىك نەرسىدىن قۇرۇقمىسىمۇ بۇلىدىغانلىقىنى ، مۇنداق قۇرقۇشنىڭ پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ، ئۇرۇنسىز قۇرقۇشنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكنى بىلدۇرمەكچى ئىدى.
(2)
قايسى ۋاقىت ئىكەنلىكى ئىسىمدە يوق . بىر قېتىملىق ئىدىلوگىيە ئۆگىنىش پائالىيتىغۇ دەيمەن . كىشىلەر ئۆز ئىددىيسىدىكى ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويغاندا :« بەزىدە ئۆلۈم نامىزىغا قاتنىشىپ قالغان ۋاقىتلىرىم بار » ،« تاماق يېگەندە دۇئا قىلىدىغان ئىش ھازىرغىچە مەندە ساقلىنىپ قېلىقلىق » ، « بەزىدە بالىلارغا ئۇنداق قىلساڭ يامان بۇلىدۇ، مۇنداق قىلساڭ يامان بۇلىدۇ، دەپ قۇرقۇتقان ، ئىلمىي چۈشەندۇرمىگەن ۋاقىتلىرىم بار » ... دېگەن « مەسىلىلەرنى » تاپشۇرغان ئىدى . شۇ ۋاقىتتا ھېچكىممۇ « بۇ دېگەن نۇرمال ئىش، ئۆرپ – ئادەت »دېيشكە پېتىنالمىغان ئىدى .
(3)
مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ۋاقتىدا ، بىرەيلەن كوللىكتىپنىڭ بەش تۈپ تىرىكىنى كىسىپ ئىشلىتىپتۇ. بۇ ئەينى يىللاردا باشباشتاقىلىق قىلىش، كوللىكتىپنىڭ نەرسىسىنى ئوغۇرلاش، تۈزۈمگە بويسۇنماسلىق دېگەن گۇناھلارغا لايىق چوڭ ئىش ئىكەن. ھەممە كىشى يېغىلىپ ئۇنى پىپەن قىلىپتۇ. شۇ پەيىتتە مەسئۇل رەھبەر سوراپتۇ :
-سەن ئۇنسۇر ، نېمە دەپ ئۇمۇمنىڭ مەنپەتىگە زىيان سېلىپ ، كوللىكتىپنىڭ تېرىكىنى كەستىڭ ؟
- مەن ماۋزۇدۇڭدىن سورىدىم ، ئۇ بەش تۈپ ئىشلەتسەڭ بۇلىدۇ – دېدى دەپتۇ ۋە ماۋزۇدۇڭنىڭ بىر قولىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ، باشقىلارغا ئىشارە قىلىۋاتقان رەسىمىنى چىقىرىپتۇ. مەيداندا باشلىقتىن تارتىپ پۇقراغىچە ھېچكىم ھېچنىمە دېيەلمەپتۇ . ۋە ھېلىقى كىشىنى قۇيىۋىتىپتۇ .
(4)
بىرىنجى ھېكايدىكى قوشنامنىڭ دېمەكچى بولغىنى شۇكى ، مەيلى ھايۋان بولساڭمۇ بول ، ئەمما قۇرقۇشقا تىگىشلىك بولمغان نەرسىدىن قورقۇش سىنى تاياققا قويىدۇ. ياخشى بولمىغان ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىدۇ. شۇڭا مەيلى سەن نېمە بولساڭ بول ، نىمىنىڭ قۇرقۇشقا تىگىشلىك نەرسە ، نېمىنىڭ قۇرۇقماسلىققا تىگىشلىك نەرسە ئېنىق بىلىۋال. ئۇنداق قىلماي ، قۇرۇقماسلىققا تىگىشلىك نەرسىدىنمۇ قۇرقۇپ يۈرسەڭ ، بۇ ئەسلى تەبئىتىڭگە خىلاپ .
ئىككىنجى ھېكايە ، بىزگە شۇنى چۈشەندۇرۇدىكى ، ئادەم بەكلا سەزگۈرلىشىپ كەتكەندە ، ئۆزىنىڭ سايىسىمۇ دۈشمەن بۇلۇپ كۆرىنىدۇ . ئاق – قارىنى ، توغرا بىلەن خاتانى پەرق ئىتىش ئىقتىدارىنى يۇقىتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۆز قەلبىگە ، جەمئىيەت ۋە قەۋم ئەھۋالىغا ماس كەلمىگەن قارارنى چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئوقۇم ۋە قاراش ھەممىنى كۆزئەينەك بىلەن كۆرىدىغان قىلىپ قويىدۇ.
ئۈچۈنجى ھېكايە شۇنى چۈشەندۇرىدۇكى ، نۇپۇزغا بولغان چۇقۇنۇش ئادەمنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى قالايمىقان قىلىۋىتىدۇ . قۇرقۇش ئادەمنى توغرا گەپنىمۇ دىيەلمەيدىغان ، ئۆز سايىسىدىن ئۆزى ھۈركىيدىغان ، خاتا ئىشنىڭ خاتالىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ سۈكۈت قىلىدىغان قىلىپ قويىدۇ.
خاتىمە
ھازىرمۇ ئەتراپىمدا دوپپا كەيسە « مۇسۇلمان ، تەقۋادار » دەمدىكىن قورقۇيدىغان ، خەنزۇ يولداشلار ئىشنى خاتا قىلىپ قالسا ،رەددىيە بىرىشنى « مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدى» دەپ ئويلايدىغان، باشلىقىنىڭ توغرا بولمىغان ئىشىغا ئىنكاس قايتۇرسا « ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپتى » دەپ قورقىيدىغان كىشىلەر ساماندەك . ئۇلارمۇ دەل ئاشۇنداق قۇرقۇش پىسخىكىسىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلاردۇر.
قوشنام ئىشەكنى تىراكتۇرنىڭ توچىيىگە باغلاپ ، تاراڭ – تۇرۇڭدىن قۇرۇقماسلىقنىڭ ئۆگىتىشكە ئورۇنغاندەك، مۇشۇنداق قورقۇش كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى ، بىرەر ئۇسۇل بىلەن قۇرۇقماسلىقنى ، دىيىشكە تىگىشلىك گەپنى دادىل دىيىشنى ئۆگەتكىلى بۇلۇرمۇ ؟