saltanat lutun elan berig
«123»Pages: 1/3     Go
بۇ تېما 2239 قېتىم كۆرۈلدى
abdukorax
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8579
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 188
شۆھرەت: 1015 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1020 سوم
تۆھپە: 603 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 608 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 213(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۇيغۇردا دۇئا كىرزىسى

مەن بۈگۈن مۇنبىرىمىزگە يوللانغان <<خۇدايىمغا خەت>> (./read.php?tid=11444)نامىلىق تىمىنى ئوقوپ ئىنتايىن ئەپسۇسلاندىم.بۇ ئەپسۇسلىنىشلىرىمنىڭ دەۋىتى بىلەن بۇ تىمىغا قارىتا تەنقىدى پىكىرىمنى ئوتتورغا قويماقچى مەن.ئارىمىزدىكى تەنقىدنى تەستەك دەپ چۈشىنىۋالىدىغان تورداشلىرىمىز تىمىنى پايخان قىلمىساڭلار.
مەزكۇر تىمىنى يازغۇچى 19 يىللىق خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى يازىدۇ.بۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇ  خىلى ياشتا توختىغان بىر قىرىندىشىمىز بولوپ،ئۇ بىر يىل ئىچىدىكى دۇئا ئەڭ ئىجابەت بولىدۇ دەپ قارالغان كۈن،رامىزاننىڭ 27 كۈنىدە قىلغان دۇئايىنى ھوزورىمىزغا سۇنۇپتۇ.مەن ئۇ قىرىندىشىمىزنىڭ دۇئايىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ئەپسۇسلاندىم.
ئۇ بۇ دۇئايىنى ئەڭ ئالدى بىلەن ياراتقۇچىمىزنىڭ ئۆزىنى ياراتقانلىقى ۋە ياراتقۇچىمىزنىڭ بىزگە ھەقىقەتەن بەرگەن نىئمەتلىرىنى،رەھىمدىل،شەپقەتلىك،مىھرىبان ئىكەنلىكىنى،ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىمىزنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ھەقىقەتەن ئەمەل قىلغۇسى بارلىقى ئەمما ئۆزىنىڭ بىر ھۆكىمەت خىزمەتچىسى بولوشى سەۋەبلىك، ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلالمىغانلىقى ۋە قىلالمايدىغانلىقىنى،خىزمەتنى تاشلاي دىسە ئىككى ياشلىق ئوماق بالىسى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى،تەقدىرىنى ئويلايدۇ.ئاخىر خىزمەتنىڭ ئىھتىياجى،سىياسەتنىڭ بۇنىڭغا قارشى بىسىمى بىلەن ناماز ۋە ئىبادەتلىرىنى قىلالمىغانلىقىنى،ھىيىت نامىزىنىمۇ ئوقويالمايدىغانلىقىنى تىلغا ئىلىپ بۇنى ئىگىمىزنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا دۇئا قىلىدۇ .ئەمما ئۇ ھىچقاچان مۇشۇنداق سىياسەت يۈرگۈزگۈچىلەرنىڭ ھەققىگە دۇئا قىلىپ،ئۇلارغا ئىنساپ تىلەپ،سىياسەتنىڭ بىزنىڭ دىنىمىزنى قوغدايدىغان،يول قويىدىغان بولىشىنى ئىسىدىن چىقىرىپ قويىدۇ.دوسلار ئويلاپ بىقىڭلار بۇ زادى قانداق دۇئا ؟بىرسى ئىگىسىنى،ئۇنىڭغا بويسىنىدىغانلىقىنى ئىتراپ قىلىدۇ،ئەمما ئۇنىڭ بۇيرىقىغا بويسىنىشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى ئىتراپ قىلىدۇيۇ،شۇ بويسىنىشقا ئامالسىز قويغان ئىشلارنىڭ تۈزىلىشىگە دۇئا قىلماي،ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا ئامالسىز بويسىنالمىغانلىقىنى كەچۈرىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ بۇ زادى قانداق دۇئا ؟بۇ زادى قانداق تەپەككۇر قىلىش ؟
تىمىنىڭ ئاسالىق مەزمۇنى مۇشۇ.ئارتۇق كەم تەرەپلىرىنى ئەسلى تىمىنى ئوقوپ چۈشەنگەيسىزلەر.
توغرا بۇ بىر ئاددى قىرىندىشىمىزنىڭ دۇئاسى.لىكىن بۇ 19 يىل پارتىيە-ھۆكىمەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ساپالىق،ئۆزىگە چۇشلۇق بىلىمى بار كىشىنىڭ دۇئاسى.ئەگەر ئۇ ساپاسى ۋە ئۆزىگە چۇشلۇق بىلىمى بولمىغىنىدا ئەلبەتتە ھۆكىمەت ئورنىدا خىزمەت قىلالمىغان بولاتتى.يەنە كىلىپ بۇ بىر دادىنىڭ دۇئاسى،ئۇ دۇئاسىدا ئۆزىنىڭ بالىسىنى تىلغا ئالىدۇ.ئۇنىڭ 19 يىل ھۆكىمەت ئورنىدا خىزمەت قىلغانلىقىدىن ئۇنىڭ ياشتا توختالغان كىشى ئىكەنلىكى مەلۇم.شۇنىڭدىن بۇ ھەم بۇ ياشتا توختالغان بىر قىرىندىشىمىزنىڭ دۇئاسى.خوش،19 يىل پارتىيە-ھۆكىمەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ساپالىق،ئۆزىگە چۇشلۇق بىلىمى بار بىر قىرىندىشىمىزنىڭ دۇئاسى مۇشۇنداق بولسا ساپاسىمۇ يوق،بىلىمىمۇ يوق،كۆرگەن بىلگىنىمۇ شۇ كىشىگە يەتمەيدىغانلارنىڭ دۇئاسى قانداق بولار ؟بىر ياشتا توختىغان،كۆرگەن بىلگىنى بار ئادەمنىڭ دۇئاسى مۇشۇنداق بولسا،ياشلارنىڭ،كۆرگەن بىلگىنى تىيىزلارنىڭ دۇئاسى قانداق بولار ؟بىر دادىنىڭ دۇئاسى مۇشۇنداق بولسا بالىلارنىڭ دۇئاسى قانداق بولار ؟
يۇقارقى سەۋەبلەرگە كۆرە بۇنداق تەپەككۇر قىلىدىغان كىشىلىرىمىزنىڭ قىسمەن ئەمەسلىكى مەلۇم.
بەلكىم بۇ بىزدىكى ئاڭ ۋە تەپەككۇردىكى يىگىلەش،يىمىرلىشنىڭ شۇنداقلا ئۆزىمىز سەزمىگەن ۋە ئىتراپ قىلىشنى خالىمىغان ئىغىر دەرىجىدىكى گومراھلىقنىڭ ئەڭ ئاددى بىر ئىپادىسى خالاس.
بۇ نوقول ھالدىكى گومراھلىقلا بولوپلا قالماي زامانىۋى،ئىلغار جەمىيەتكە ماسلاشقان زامانىۋى گومراھلىق.
بىز ئىگىمىزگە قانداق دۇئا قىلىشنى،ئۇنىڭغا قانداق نالە قىلىشنى،ئۇنىڭغا قانداق يىلىنىشنى ،ئۇنىڭدىن قانداق ئۆتىنىشنىمۇ بىلمىسەك مىنىڭچە بۇ بىر بىزدىكى دۇئا كىرزىسىدىن ئىبارەت بولوپ،ئۆزىمىزنىڭ ھال ئەھۋالىمىزدىن نارازى بولوش،قاقشاش،ئۆز ئەھۋالىمىزدىن ئەجەبلىنىشكىمۇ سالاھىتىمىز ،لاياقىتىمىز توشمايدۇ.
تەڭرىگە دۇئا قىلىش،يارتقۇچىغا ئىلتىجا قىلىش،بۇ بىر ئۆزىنىڭ يارالغۇچى ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇش،ئۆز ئارزۇ ئارمانلىرىنى،مەقسەت مۇددىئالىرىنى ئۇنىڭغا بايان قىلىش،ئىپادىلەش ۋە ئۇنىڭدىن ئۆتىنىدىغان،ئەڭ شەخسى پائالىيەت جەريانىدىن ئىبارەت.
مەن بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىدا دىنىي پائالىيەتنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلمەيمەن،بۇنى تىخىچە ئاڭلمىدىم،ماتىرىياللاردىن ھەم كۆرمىدىم.دىننى چەكلەش بولسا دىيارىمىزنىڭ يۇقىرى بىسىملىق يەرلىك سىياسەتلىرىدىن دەپ قارايمەن.ئەمما ھازىرغىچە شەخىسنىڭ ئەڭ ئاددى شەخسى پائالىيەت جەريانى بولغان دۇئا قىلىش،ياراتقۇچىغا يىلىنىش،ئۇنىڭغا نالە پەريات قىلىشنىڭمۇ چەكلەنگنلىكىنى بىلمەيمەن.
ئۇ ئارىمىزدا بولغاچقا ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ قارىشى مومكىن.ئۇ تىما مەزمۇنىدا تىلغا ئالغان ناماز،روزا ھىيىت قاتارلىق ۋە باشقا مەزمۇنلاردىن ئۇنىڭ ئىسلامغا ئىنتىلىدىغانلىقىنى كۆرىۋىلىش تەس ئەمەس.
ئۇ ياراتقۇچىغا بويسۇنۇشتىن شۇ يۇقىرى بىسىملىق سىياسەتكە بويسۇنىدۇ.ھەم بويسىنالمىغانلىقىنى ياراتقۇچىنىڭ ئەپۇ قىلىشنى ئۆتىنىدۇ.بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ يارالغۇچى ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلىشى يىتەرلىك بولمىغان مۈجمەل كىشى.بۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇنى مۇسۇلمان لايەقىتىگە قوشوش قويماسلىق شۇنداقلا يۇقارقى مەزمۇندا مۇنازىرى قىلىشنى سىلەرگە قويدۇم.
مەن دۇئا قىلسام،ئەڭ ئالدى بىلەن پەيغەنبىرىمىز،يولباشچىمىز موھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ھەققىگە دۇئا قىلىمەن.
قىلغان ئەمەل ئىبادەتلىرىمنىڭ قۇبۇل بولىشى،بىلىپ بىلمەي،سەۋەنلىك ۋە سەۋەنسىز قىلغان گۇناھلىرىمنىڭ مەغپىرەت بولىشى ئۈچۈن،بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىمنىڭ ياخشى بولىشى ئۈچۈن،ئىگىمىزنىڭ مىنى ھەر ئىككىلى دۇنيادا ئەزىز قىلىشى ئۈچۈن،بارلىق مۈشلىكىلاتلىرىمنىڭ ئاسان بولىشى ئۈچۈن،ھەر خىل بالا-قازا ۋە كىلىشمەسلىكلەردىن ئىگىمىزنىڭ مىنى ئامان قىلىشى ئۈچۈن،ئاتا-ئانا،ئۇرۇق-تۇققان،پەرزەنتىم ۋە دوسىت بۇرادەر،تونوش،يىقىن-يوروق،ئەل-ئاغىنە،قىرىنداش،تەقدىرداش،سەبداشلىرىمنىڭ،پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەققى،تىنىچ ئامان خاتىرجەملىكى،ئىشلىرىنىڭ ئاسان بولىشى،دىيانىتى ۋە ئىتقادىنىڭ مۇستەھكەم بولىشى،ئىگىمىزنىڭ رەھمەت قىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن.
ھەق يول ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تىنى ۋە جىنىنى پىدا قىلىۋاتقان مۇجاھىتلىرىمىزنىڭ،ئەل يۇرت ۋە ئاۋام ئۈچۈن تىنىمسىز ئەجىر قىلىۋاتقان،شەخسىيەتسىز قان-تەر تۆكىۋاتقان،شۇ مىھنەتكەش پىداكارلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلغىن،ئۇلارنىڭ غەلبىسىنى بەرگىن ئىھ ئاللاھ،ئۇلارغا رەھمىتىڭنى زىيادە قىلغىن ئىھ ئاللاھ،ئۇلارنىڭ ئەجرىنى زىيادە،تخىمۇ زىيادە،تىخىمۇ زىيادە،چەكسىز زىيادە قىلغىن،ئۇلارغا بارچە مۇكاپاتلىرىڭنى بەرگىن ئىھ ئاللاھ...
مۇستەبىتلەرنى،زالىملارنى،ئادەمنى ئادەمدەك ياشاشقا يول قويمىغۇچىلارنى،ئەزگۈچىلەرنى،زىمىندا ياشاشقا لايەقىتى توشمىغۇچىلارنى گومران قىلغىن ئىھ ئاللاھ.
زىمىندىكى ئازاپتىن ئىڭراۋاتقان،قينىلىۋاتقان،ئازاپ چىكىۋاتقان بارلىق ئاجىزلارغا رەھمەت ۋە شەپقىتىڭنى ئايىمىغىن ئىھ ئاللا.
ئەل يۇرت،خەلىق،ۋەتەننىڭ شان شۆھرىتى،ھۆرلىكى،شانو-شەۋكىتى،پۈتۈن دۇنيانىڭ تىنىچلىقى ۋە پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئىجىل-ئىناق،خاتىرجەملىكىنى بەرگىن ئىھ ئاللاھ.
تۆۋبىلىرىمىزنى،ئىلتىجالىرىمىزنى،تىلغا ئىلىشقا مۇيەسسەر بولالىغان ۋە بولالمىغان نىدالىرىمىزنى، دۇئالىرىمىزنى ئىجابەت قىلغىن ئىھ ئاللا.تۆۋبە ۋە دۇئاغا،بارچە شانو-شەۋكەت ۋە بارچە ماختاشقا پەقەت ۋە پەقەت سەنلا لايىق...
بىزنى بۈگۈنىمىز ۋە ئەتىمىز،بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىمىز،ئۆزىمىز ئۈچۈن ئەڭ توغرا بولغان يولغا باشلىغىن ئىھ ئاللا. سەن بىزنىڭ بىردىنبىر ئىگىمىز ۋە بىردىنبىر قۇدرەت ئىگىسى سەن...
بىزلەرگە رەھمەت،شەپقەتلىرىڭنى زىيادە قىلغىن ئىھ ئاللا...
...
مەن مۇشۇنچىلىك يازاي،ئارتۇق كەم تەرەپلىرىنى زىرەك،چىچەن،مەسئۇلىيەتچان قىرىنداشلىرىمغا تاپشۇردۇم.
بۇنى يازدىم ئەمما ۋاقىت ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن باشتىن ئاخىر بىر ئوقوشقا،رەتلەشكە،ياپسالاشقىمۇ ئۈلگۈرمىدىم.قىرىنداشلىرىمنىڭ بۇ مەسئۇلىيەتسىزلىكىمنى ئەپۇ قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
[ بۇ يازمىنىabdukoraxدە2012-08-16 21:26قايتا تەھرىر ]
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-16, 21:17
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-08-16 21:02 |
izlan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9273
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 40 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 24 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 24 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 35(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۇ خەتنى مەنمۇ ئۇقۇپ ئەپسۇسلانغان،ھەر قانداق ئادەم سەۋەپنى ئالدى بىلەن  ئۈزدىن ئىزدىشى،باشقىلار نىمە قىلدى دىگەننى ئەمەس ئالدى بىلەن مەن نىمە قىلۋاتىمەن دىگەنلەرنى ئويلىشى،تەقدىرنىڭ تەدبىرگە يارشا   بۇلدىغانلىقىنى ئويلىشى زۈرۈر.ئەڭ مۇھىمى بىر مۇسۇلمان بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن خۇداغا ئىلتىجا قىلىشتىن بۇرۇن ، ئۈزىمىزنىڭ ئىسلام پەرىزلىرنى قانچىلىك ئادا قىلۋاتقانلىقىمىزنى ئۈزىمىزدىن سوراپ بېقىشىمىز ،ئاللاھنىڭ رازىلىقىسىز  قىل تەۋرىمەيدىغانلىقىنى تۇنۇپ يىتىشىمىز لازىم.
lutun
بۇ ئامەت سەندە تۇرماس ،بۇ مەينەت مەندە.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-16 22:48 |
abdukorax
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8579
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 188
شۆھرەت: 1015 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1020 سوم
تۆھپە: 603 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 608 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 213(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئالە شەنى،مەن سەل بىنورمالمۇ يا ؟
ئۇ تىما بۈگۈن يوللىنىپتۇ.چۈشتە ئۇ تىمىغا قارىتا ئىنكاس يازسام بىنانىڭ توكى تۇيۇقسىز توختاپ ئۆچۈپ كەتتى.چۈشتىن كىيىن كىرىپ قارىسام ئۇ تىمىنى كۆرگەنلەر 1500 دىن ئىشىپتۇ.ئىنكاسمۇ 3-بەتكە بىرىپتۇ.بىر قاتار ئوقودۇم.كۆڭلىمگە يارىشا بىرەر ئىنكاسمۇ مىنى ئۆزىگە تارتالمىدى.ئاخىر ئۇ تىمىغا ئىنكاس قىلىپ يازماي، ئايرىم تىما قىلىپ يوللىسام  بۇنى كۆرىدىغانلار 100 دىن ئىشىپتۇ يۇ ئۆ ياكى بۆ مۇ دەپ قويماپتۇ.
ئۆزۈمدىن سەل گۇمانلانسام بولىدىغان ئوخشىمامدۇ ؟بۇ زادى نىمە ئىش ؟
يا ماڭىمۇ قارشى ئايرىم تىمىدىن بىرنى يىزىۋاتقانمىدۇ يا ؟
بوپتۇ،ئۆزۈم تىما يىزىپ،ئۆزۈم مۇنازىرە قىلىپ بولسىمۇ ئولتورغاچ تۇراي ئەمدى،بۇندىن باشقىمۇ قانداق قىلارمەن...
لايلى لاي ~~~ئا يارەي ~~~~
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-16 22:51 |
abdukorax
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8579
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 188
شۆھرەت: 1015 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1020 سوم
تۆھپە: 603 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 608 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 213(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى izlanدە2012-08-16 22:48يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئۇ خەتنى مەنمۇ ئۇقۇپ ئەپسۇسلانغان،ھەر قانداق ئادەم سەۋەپنى ئالدى بىلەن  ئۈزدىن ئىزدىشى،باشقىلار نىمە قىلدى دىگەننى ئەمەس ئالدى بىلەن مەن نىمە قىلۋاتىمەن دىگەنلەرنى ئويلىشى،تەقدىرنىڭ تەدبىرگە يارشا   بۇلدىغانلىقىنى ئويلىشى زۈرۈر.ئەڭ مۇھىمى بىر مۇسۇلمان بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن خۇداغا ئىلتىجا قىلىشتىن بۇرۇن ، ئۈزىمىزنىڭ ئىسلام پەرىزلىرنى قانچىلىك ئادا قىلۋاتقانلىقىمىزنى ئۈزىمىزدىن سوراپ بېقىشىمىز ،ئاللاھنىڭ رازىلىقىسىز  قىل تەۋرىمەيدىغانلىقىنى تۇنۇپ يىتىشىمىز لازىم.

بايا قارىسام بىرمۇ ئىنكاس يوق.ئۆزۈم يوللىغان تىمىغا ئۆزۈم ئىنكاس يىزىپ بولسىمۇ ئولتوراي دەپ ئىنكاس يىزىپ يوللاپ قارىسام كۆڭلۈمگە يارىشا سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز تۇرىدۇ.ئاللاغا مىڭ شۈكۈر...
بۇ تەنھا تىمامنىڭ بىر كىياسى بولغىنىڭىز ئۈچۈن تەشەككۈر...
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-16 22:54 |
begir
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6865
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 283
شۆھرەت: 1456 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1468 سوم
تۆھپە: 876 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 888 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 259(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىر ئىشنى ھە دىسىلا پىرىنسىپقا كۆتۈرىۋالمايلى دوستلار . ئالدىنقى تېمىدىكى توردىشىمىز (19 يىللىق خىزمەت سىتاژى بار) يازغان تېما پەقەتلا خۇداغا خەت يېزىشتىن ئىبارەت شەكىلدىن پايدىلىنىپ ھازىرقى جەمىيىتىمىزدا يەنى ئەتراپىمىزدا يۈرگۈزىلىۋاتقان نامۇۋاپىق سىياسەتلەرگە بولغان ئاغرىنىشنى دەۋالغانلا بىر گەپ . مانا بۇ باغداشنىڭ خاسلىقى .
سىزدەك بىر موللام يىگىت ئەمدى قوپۇپ ئۇنى پىرىنسىپقا كۆتۈرىۋالسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ يەردە يۈكسەك دەرىجىدىكى مىللىي بىرلىكسەپ مەۋجۈت بولماي قالىدۇ .
سىز بۇ تېمىڭىزنى ئايرىم قىپ يوللىغۇچە ئەسلى بەك يازغۇڭىز كەلسە ئاشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس تەرىقىسىدە يازغان بولسىڭىزمۇ دۇرۇس بولاركەنتۇق . ئۇ چاغدا بىز ئۇنى سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىزلا دەپ چۈشىنىپ ئانچە ئېرەن قىپ كەتمەيتۇق . لېكىن سىز ئاتايىن بىر تېما ئېچىپ بۇ يەردە <كۆرەش> يىغىنى ئېچىپ تۇرۇپسىز .
ئۆتكەندە بىر توردىشىمىز نەچچە يەردە سىزنىڭ ئابدۇكۆرەش دىگەن تور نامىڭىزنى تەنقىد قىلغان ئىدى . ئەگەر شۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا سىزنىمۇ چوڭ پىرىنسىپقا كۆتۈرۈپ تەنقىد قىلىمىزمۇ ئەمدى ؟
بىلىمەن ، سىزنى ئوبدان بىلىمەن ، ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئىنكاسلارنى يېزىشقا ئامراقلىقىڭىزنىمۇ بىلىمەن . لېكىن ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ئىگىلەش ئەڭ مۇھىم .
ئالدىنقى تېمىدىكى مەركىزىي ئىدىيە بولسا خۇدايىمغا خەت يېزىش ئەمەس ، بەلكى ھازىرقى رىئال ھالەتتىن ئانچە رازى بولماسلىق . ھەم ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى تېپىشقا ئۇرۇنۇش .
چۈشەنگەنسىزمۇ ھە ئابدۇكۆرەش ؟(يەنە بىر ئىسمىڭىز جەسۇرغۇ دەيمەن)
simfoniya
كىشى ئاخىر ئۆلۈپ كېتىدۇ....
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-16 23:04 |
hiyal0097
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6371
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 25 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 35 سوم
تۆھپە: 14 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 14 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 26(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى دەپسىز قېرىندىشىم ، بۇ ئالەم بىزلەر ئۈچۈن سىناق ئالىمى ، ئەسىلى ھەقىقى تەۋبىمىزنى ، ئۈزرىمىزنى نامازدا ، دۇئادا قىلساق بۇلاتتى ، ئاللاھ ھەممىزنى ئەمەل قىلغۇچىلاردىن قىلسۇن ، ئامىن .
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-16 23:12 |
bahitkuxi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6948
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 95
شۆھرەت: 496 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 498 سوم
تۆھپە: 296 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 298 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 146(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن بۇ تېمىنى قوللايمەن، ئويلاپ باقايلى قېرىنداشلار ، ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ ھايات مۇساپىمىزگە قارايدىغان بولساق بۇ دۇنيانىڭ ئىشىكنى يېپىپ ئاچقاندەكلا قىسقا ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىشىمىز ... 19-يىل خىزمەت قىلغان بۇ كىشىنى مىسالغا ئالساق يېڭى خىزمەتكە قاتناشقان ۋاقىتلار تۆنۆگۇندەكلا ئېسىدىدۇ مانا ئىشىكنى يېپىپ ئاچقىچە بىردەمدە19-يىل ئۆتۇپ كەتتى، ئاللا بۇ كىشىگە يەنە ئۆمۇر ئاتا قىلسۇن ، ئەگەر ئۆمۇر ئاتا قىلمىسىچۇ؟ ئۇ ئاللاھنىڭ ھوزورىغا بارغاندىمۇ مەن كومپارتىيەنىڭ بىر كادىرى ئىدىم شۇڭا ناماز ئۆتەلمىدىم دەمدا!  شۇڭا قېرىنداشلار ھەممە ئىشىمىزدا ئاللاھنى بىرىنجى ئورۇنغا قويايلى..
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-16 23:40 |
abdukorax
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8579
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 188
شۆھرەت: 1015 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1020 سوم
تۆھپە: 603 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 608 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 213(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى begirدە2012-08-16 23:04يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بىر ئىشنى ھە دىسىلا پىرىنسىپقا كۆتۈرىۋالمايلى دوستلار . ئالدىنقى تېمىدىكى توردىشىمىز (19 يىللىق خىزمەت سىتاژى بار) يازغان تېما پەقەتلا خۇداغا خەت يېزىشتىن ئىبارەت شەكىلدىن پايدىلىنىپ ھازىرقى جەمىيىتىمىزدا يەنى ئەتراپىمىزدا يۈرگۈزىلىۋاتقان نامۇۋاپىق سىياسەتلەرگە بولغان ئاغرىنىشنى دەۋالغانلا بىر گەپ . مانا بۇ باغداشنىڭ خاسلىقى .
سىزدەك بىر موللام يىگىت ئەمدى قوپۇپ ئۇنى پىرىنسىپقا كۆتۈرىۋالسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ يەردە يۈكسەك دەرىجىدىكى مىللىي بىرلىكسەپ مەۋجۈت بولماي قالىدۇ .
سىز بۇ تېمىڭىزنى ئايرىم قىپ يوللىغۇچە ئەسلى بەك يازغۇڭىز كەلسە ئاشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس تەرىقىسىدە يازغان بولسىڭىزمۇ دۇرۇس بولاركەنتۇق . ئۇ چاغدا بىز ئۇنى سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىزلا دەپ چۈشىنىپ ئانچە ئېرەن قىپ كەتمەيتۇق . لېكىن سىز ئاتايىن بىر تېما ئېچىپ بۇ يەردە <كۆرەش> يىغىنى ئېچىپ تۇرۇپسىز .
ئۆتكەندە بىر توردىشىمىز نەچچە يەردە سىزنىڭ ئابدۇكۆرەش دىگەن تور نامىڭىزنى تەنقىد قىلغان ئىدى . ئەگەر شۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا سىزنىمۇ چوڭ پىرىنسىپقا كۆتۈرۈپ تەنقىد قىلىمىزمۇ ئەمدى ؟
بىلىمەن ، سىزنى ئوبدان بىلىمەن ، ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئىنكاسلارنى يېزىشقا ئامراقلىقىڭىزنىمۇ بىلىمەن . لېكىن ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ئىگىلەش ئەڭ مۇھىم .
.......

مىنىڭچە بۇ سىزنىڭ نورمال،ھەقىقىي،خوشيىقىپ يازغان ئىنكاسىڭىز ئەمەس.سىز دەيسىز<<تېما پەقەتلا خۇداغا خەت يېزىشتىن ئىبارەت شەكىلدىن پايدىلىنىپ ھازىرقى جەمىيىتىمىزدا يەنى ئەتراپىمىزدا يۈرگۈزىلىۋاتقان نامۇۋاپىق سىياسەتلەرگە بولغان ئاغرىنىشنى دەۋالغانلا بىر گەپ>> .يەنە بىر توردىشىمىز دەيدۇ.<<ئوزىمىزمۇ  مۇشۇ  تىمىنى  يازغان  قىرىندىشىمىزنىڭ  ئۇرنىدا  تۇرۇپ  پىكىر  بىرىپ  باقساق>> دەيدىكەن.سىزچە بۇ گەپلەرنىڭ قانچىلىك ئاساسى بار؟بىر كىشى بارچە ھوقوقتىن مەھرۇم بولىشى مومكىن.ئۇ كىشى يۇقىرى بىسىملىق سىياسىتىمىزنىڭ پاسىلى بىلەن نامازمۇ ئوقويالمىسۇن،روزىمۇ تۇتالمىسۇن،دىنىي پائالىيەتلەرگىمۇ قاتنىشالمىسۇن ماقۇل،ئەمما ئەجىبا ئۇ ئىگىمىزگە بولغان بىر دۇئانىمۇ رۇس قىلىش ئىمكانىيتىگە ئىگە ئەمەسما ؟
قىنى بۇ توغورلوق تورداشلىرىمىز ۋە نىمە دەيسىزكىن.
سىز مىنىڭ كىملىكىمنى بىلىدىكەنسىز.مۇنبەرلەردىكى ئىسمىمنىڭ ئابدۇكۆرەش .پەقەت ۋە پەقەت ئەلكۈيىدىكى ئىسمىمنىڭ جەسۇرانە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىدىكەنسىز.بۇ تورنامىمىنىڭ ئەلكۈيى مۇنبىرىدە،شۇ تىمىدا كىملەر تەرپىدىن تەنقىدلەنگىنىمۇ بىلىدىكەنسىز. مەنمۇ سىزنىڭ تىمىلاردىكى ئىنكاسلىرىڭىزدىن سىزنىڭ كىملەردىن ئىكەنلىكىڭىزنىمۇ  خىلى بۇرۇن بىلگەن بىلگەن.
ئەگەر مىنىڭ يازغانلىرىمغا قارىتا تەنقىد يىزىش ئويىڭىز بولسا قىنى مەرھەممەت.سىزنىڭ پىكىرلىرىڭىزنىمۇ ئاڭلاپ باقايلى.
يىقىندا << شىنجاڭ مۇقۇملىق خىزمىتىدىكى مەسىللەر>> (پاكىتلىرى تولوق).<<جىمسار پۈتۈمى>>.بۈگۈن <<ئۇيغۇردا دۇئا كىرزىسى>>(ئەسكەرتىش:ئۇيغۇرلاردا ئەمەس.ئۇيغۇردا) ۋە <<ئىزگۈ تىلەكلەر>> دىگەن تىمىنى يوللىدىم .
 ./read.php?tid=11455
./read.php?tid=11462
./read.php?tid=10907
ئاۋۇ تىما باشقا مۇنبەرلەردە بار.
قىنى تەنقىد يىزىشنى ئويلىغان بولسىڭىز يازسىڭىز بولىدۇ.

[ بۇ يازمىنىabdukoraxدە2012-08-17 00:00قايتا تەھرىر ]
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-16 23:43 |
中国共产党
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9108
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 81
شۆھرەت: 408 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 409 سوم
تۆھپە: 245 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 246 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 60(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يىقىندا << شىنجاڭ مۇقۇملىق خىزمىتىدىكى مەسىللەر>> (پاكىتلىرى تولوق).<<جىمسار پۈتۈمى>>.بۈگۈن <<ئۇيغۇردا دۇئا كىرزىسى>>(ئەسكەرتىش:ئۇيغۇرلاردا ئەمەس.ئۇيغۇردا) ۋە <<ئىزگۈ تىلەكلەر>> دىگەن تىمىنى يوللىدىم
................................................................

شىنجاڭ مۇقۇملىق خىزمىتىدىكى مەسىللەر>>:   بۇ تىما مۇنبەردە يوققۇ؟

يىراقتا خىزمەت قىلىۋاتىسىلەر، ياخشى تۇردۇڭلارمۇ  - يا ! يۇرتقىمۇ پات - پات كىلىپ تۇرۇڭلار.
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-16 23:57 |
abdukorax
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8579
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 188
شۆھرەت: 1015 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1020 سوم
تۆھپە: 603 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 608 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 213(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى 中国共产党دە2012-08-16 23:57يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
يىقىندا << شىنجاڭ مۇقۇملىق خىزمىتىدىكى مەسىللەر>> (پاكىتلىرى تولوق).<<جىمسار پۈتۈمى>>.بۈگۈن <<ئۇيغۇردا دۇئا كىرزىسى>>(ئەسكەرتىش:ئۇيغۇرلاردا ئەمەس.ئۇيغۇردا) ۋە <<ئىزگۈ تىلەكلەر>> دىگەن تىمىنى يوللىدىم
................................................................

شىنجاڭ مۇقۇملىق خىزمىتىدىكى مەسىللەر>>:   بۇ تىما مۇنبەردە يوققۇ؟

باشقا مۇنبەرلەردە بار
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-16 23:58 |
abdukorax
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8579
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 188
شۆھرەت: 1015 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1020 سوم
تۆھپە: 603 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 608 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 213(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

باش تىمىغا چۈشكەن تۆۋەندىكى ئىنكاسنى قالدۇرۇپ قويوشنى لايىق كۆردۈم.
بۇ مەزمۇن شۇ تىمىدىكى 13قەۋەتتىكى hanjar0903نىڭ ئىنكاسى:
مەنۇ ئىككى ئېغىز گەپ قىلاي. مەن قارى ئەمەس، لېكىن تەرجىمە قۇرئان، ھەدىس ۋە باشقا دىنى كىتاپلارنى كۈرۈپ تۇرىمەن. قۇرئانى كېرىمىدە يەھۇدىلارنىڭ قىسسى بايان قىلىنغان بىر سۈرىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ<< ئۇلار(يەھۇدى،ناسارالار) ئۈزلىرىنىڭ دىنى باشلىقلىرىنى ، ئۈلىمالىرىنى ئىلاھ قىلىۋالدى>>
يەنە دىيىلدىكى<< ئى مۇھەممەت. ئۇلارغا ئېيتقىنكى. ئاسمانلارنى كىم ياراتتى، زىمىننى كىم يېيپاڭ قىلدى، سىلەرنى كىم يوقتىن بار قىلدى،ئۈلگۈندىن كىيىن سىلەرنى كىم تىرىلدۈرىدۇ؟ دىسەڭ،ئۇلار(يەھۇدى،ناسارالار) جاۋابەن ئاللاھ دەيدۇ. ئېيتقىنكى ئاللاقا باشقىلارنى شىرىك قىلىۋېلىش بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقمامسىلەر دىگىن>>
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام يۇقارقى ئايەتنى ئۇقۇۋاتقان چاغدا ،ئەدى كىرىپ كەلدى.ئۇ كىشىپەيغەمبىرىمىز مەككىنى پەتھى قىلغاندا يەمەنگە قېچىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ سىڭلىسى مۇسۇلمانلار تەرپىدىن ئەسىرگە ئېلىندى.كىيىن ئۇ مۇسۇلمان بولدى. ۋە ئاكىسى ئەدىنىڭ قېشىغا بېرىپ رەسۇلىلانڭ تەرىپىنى قىلدى. ئەدى سەل ئىككىلىنىپ مەكىگە كىلىپ رەسۇلىلانىڭ قېشىغا كەلدى. يۇقارقى ئايەتنى ئاڭلاپ دىدى-ياق بىز ئۈلىمالىرىمىزنى ئىلاھ قىلىۋالمىدۇق (يەنى بىز ئۇلارنى ئىلاھ دەپ   ئۇلاررغا رۇكۇ،سەجىدە قىلمايمىز)
پەيغەمبىرىمىز ئېيتتى؛ شۇنداق ئۇلار(يەھۇدى ناسارالار) دىنى ئۇلىمالىرىغا  رۇكۇ ،سىجىدە قىلمىدى. بىراق ھالالنى-ھارام،ھارامنى- ھالال قىلپ بەرسە ئۇلارغا ئەگشتى.
شۇنداق قىلغانلىقى ئۇلارنىڭ ئىلاھ قىلىۋالغانلىقىدۇر.رەب قىلىۋالغانلىقىدۇر.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-17 00:15 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«123»Pages: 1/3     Go
Bagdax bbs » قوغۇنلۇقتىكى پاراڭلار