saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 660 قېتىم كۆرۈلدى
abdukorax
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8579
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 188
شۆھرەت: 1015 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1020 سوم
تۆھپە: 603 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 608 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 213(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئىزگۈ تىلەكلەر

       مەن بۇ تىمىنى ئىككى يىل ئاۋۋال باشقا مۇنبەرلەرگە يوللىغان بولوپ،بۇ 2006-يىلى 9-ئاي مەزگىللىرىدە ‹‹سەرخۇش ئىنگىلىزتىلى›› تەربىيلەش مەركىزىدە ئىنگىلىزتىلى ئۈگىنىۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا،ئۆزىمىزنى يەنى ئۇيغۇرلارنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن سۈرگەن خىياللىرىم ئىدى.مىنىڭچە باشقا مەسئۇلىيەتچان،چىچەن قىرىنداشلىرىممۇ بۇنداق خىياللاردىن مۇستەسنا ئەمەس.ھەم نۇرغۇن قىرىنداشلىرىمىزنىڭ تىخىمۇ كونكىرت،تىخىمۇ دانا تەدبىر ۋە پىكىرلىرىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن.شۇ سەۋەب بىلەن بۇنداق ئۆتكۆر،دانا پىكىرلەرنى يىغىش ۋە ئۇيغۇرلارنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ يوللىرى ۋە ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش،مۇنازىرلىشىش ئۈچۈن بۇ تىمىنى قايتا مۇنازىرىگە قويوشنى لايىق تاپتىم.
قىرىنداشلىرىمنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن دادىل پىكىر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.



       مەن ئۇيغۇر بولۇپ بۇ دۇنياغا كۆز ئاچتىم.مانا بۇ بىر بۈيۈك ھەقىقەتنى مەن ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۆزگەرتەلمەيمەن.مىنىڭ تەقدىرىم،ئەتراپىمدىكى ماڭا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ،يەنى قىرىنداشلىرىمنىڭ تەقدىرى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش.ئۇلار مىنىڭ قىرىنداشلىرىم بولوپلا قالماستىن بەلكى يەنە تەقدىرداشلىرىمدۇز. مىنىڭ قەدىر قىممىتىمۇ،ئىززىتىممۇ،ھۆرمىتىممۇ مانا شۇلار تەرپىدىن بولىدۇ.ئابدۇللا ئابدۇرىمنى،ئابدۇكىرىم ئابلىزنى ئەڭ ئالدى بىلەن بىز بىلىمىز،ھۆرمەتلەيمىز.
       مەھمۇت قەشقىرى،مەمتىلى ئەپەندى،ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر،ئابدۇشۈكۈر موھەممەتئىمىن،ئابدۇقادىر جالالىدىن قاتارلىق ئالىم،ئۆلىما،ئەدىبلىرىمىزنىمۇ ئەڭ ئالدى بىلەن بىز بىلىمىز،ياد ئىتىمىز ۋە قەدىرلەيمىز،ھۆرمەتلەيمىز.مايكىل جىكسۇننى ئۆز مىللىتى،شۇ تەۋە قەۋم ياد ئىتىدۇ.شۇڭا مەن ئۆز قىرىنداشلىرىم،يەنى پۈتۈن ئۇيغۇرنى سۆيۈش مىنىڭ مۇقەددەس بۇرچۇم ۋە مەجبۇرىيتىم دەپ قارايمەن .مەن ئۇيغۇرنى سۆيمەي بىر ھەقىقىي مۇسۇلمانمۇ بولالمايمەن،ئۇيغۇرغا تۆھپە قوشماي تۇرۇپ ،ئۇلۇغ جۇڭگۇ،يەنى ۋەتىنىمىزگىمۇتۆھپە قوشالمايمەن.ئۇيغۇرغا تۆھپە قوشقۇنۇم،ۋەتىنىمىزگە يەنى جۇڭگۇغا تۆھپە قوشقۇنۇم.شۇڭا ئەڭ ئالدى بىلەن مەن قانداق قىلىپ ئۇيغۇرنىڭ تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشالايمەن دىگەننى ئويلىشىم كىرەك.
ئۇنداقتا مەن قانداق قىلىپ بۇ ئەزىز مىللىتىمگە بىر كىشىلىك تۆھپە قوشالايمەن ؟مىنىڭ قىرىنداشلىرىم ئۈچۈن قولۇمدىن كىلىدىغان ۋە قىلالايدىغانلىرىم زادى نىمە ؟ئۇيغۇرلارنى قانداق قىلىپ تەرەققى قىلدۇرغىلى ۋە روناق تاپقۇزغىلى بولىدۇ؟
        2006-يىلى 11-ئاي، ئۈرۈمچى يەنئەن يولى شىنخۇا كىتاپخانىسى كەينى تەرەپتىكى ،سەرخۇش ئىنگىلىز تىلى تەربىيلەش مەركىزى ئىدى.مەن بۇ ئوروندا زۇلپىقار بارات (ئۆزباش)نىڭ قولىدىن ئىنگىلىزتىلى ئۈگىنىۋاتاتتىم.
          زۇلپىقار مۇئەللىم دەرىس سۆزلەۋاتىدۇ.مەن دەرىسكە دىققەت قىلغاچ ئالدىمدىكى بۇ بىلىملىك،مەسئۇلىيەتچان ئوقوتقوچىمىغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن قاراپ خىيال دىڭىزىغا قاراپ كىتىپ باراتتىم.بۇ خىياللىرىمغا گۈلخان ياققۇچى دەل شۇ ئۇستاز ئىدى. مۇئەللىم بىزگە ئىنگىلىزچە دەرس سۆزلەش بىلەنلا قالماي باشقا ئىجتىمائى بىلىملەرنىمۇ بىرەتتى.ئۇنىڭ ھەتتا دەرس سۆزلەۋاتقاندىكى يۈرۈش تۇرىشىدىن باشلاپ،تاماق يىگەندىكى ئولتۇرۇش-قوپوشلىرىن تارتىپ ھەر بىر ھەركىتى ماڭا شۈنچە زور تەسىر كۆرسىتىۋاتاتتى ھەم ئالامچە ئىلھام بىرىۋاتاتتى. بۇنداق ۋاقىتلاردا مىنىڭ گەپ-سۆزلىرىم،قىلىقلىرىم،ئىش ھەركەتلىرىم گالۋاڭلىشىپ قاملاشمايلا قالاتتى.ئەمما ئۇ ئۇستاز بۇنى قەتئى چاندۇرمايىتتى.
        مەن بىر ئۇيغۇر ھەم ساپ ئۇيغۇر دىيارىدا چوڭ بولغىنىم ئۈچۈن،ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار،ئۆزىمىزنىڭ بىز قەتئى ئۈمىد قىلمايدىغان ئەمەلىيتىمىز،كەلگۈسىمىز ۋە تەقدىرىمىزگە نىسبەتەن تەشۋىش،ئەندىشە،بىزنىڭ قولىمىزدىن كىلىدىغان ئىمكانىيتىمىز بۇ جەھەتتىكى بارلىق ئىشلار ماڭا ئايان ئىدى.تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنەتتىم.مانا مۇشۇ كۈنلەردە قانداق قىلغاندا بۇ خىل ئەھۋاللارنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ ؟دىگەننى قايتا -قايتا ئويلايدىغان،كىچىلىرى ئۇيقۇم قاچىدىغان،ئىلگىركىدىنمۇ خىيالچان بولوپ قالدىم.
       قانداق قىلغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسىنى پارلاق قىلىپ ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ؟ مۇشۇنداق قىلىش ئىمكانىيتى بارمۇ ؟بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مىنىڭ قولۇمدىن كىلىدىغىنى،مىنىڭ قىلالايدىغىنىم زادى قانچىلىك ؟
مانا بۇ سۇئاللار ماڭا زادى ئارام بەرمەيتتى،مەن قولۇمدىن كىلىشچە بۇ جەھەتتە خىيالەن جاۋاپقا ئىرىشتىم.

بۇ خىيالى جاۋاپلىرىم تۆۋەندىكىچە :

        1.تىرىشىپ ھازىر مەن ئوقوۋاتقىنىمغا ئوخشاش بىر تەربىيلەش مەركىزى قۇرۇش.پۇلى بار بايلار،ئارمان ۋە ئىخلاس شىركىتىگە ئوخشاش شىركەتلەر، ساۋەتچىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئوقوغۇچىلارنىڭ تاماق، ياتاق جەھەتتىكى ئىھتىياجىنى ھەقسز قاندۇرۇش،ئوقوش ئىمكانىيتىگە ئىرىشەلمىگەن ئوقوغۇچىلار،چەت ياقا، تاغلىق يۇرتىتىكى نۇرغۇن سەبىي تىرىشچان ئەمما ئوقوش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىگەن،ئوقوشنى خالايدىغان،ئوقوش ئارزۇسى بار،مەسئۇلىيەتچان،تىرىشچان،كاللىسى ئوچوق بالىلارنى، ئوقوغۇچىلارنى،ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بىكار يۈرىۋاتقان،ئوقوشنى خالايدىغانلارنى قوبۇل قىلىش،يىغىش ۋە چوقوم خەنزۇتىلى،ئىنگىلىزتىلى كومپىيوتىردىن مۇنتىزىم تەربىيلەش،يىرىم ھەربىي ھالەتتە باشقۇرۇش،ئالىي مەكتەپتىكى ئىختىساد دوكتورلىرىنى،قارلۇقتىكى كومپىيوتىر ئەزىمەتلىرىنى تەكلىپ قىلىپ بۇ جەھەتتىكى بىلىم ۋە ئۇقۇملاردىن تولوق ئاساس تىكلەش.ئابدۇقادىر جالالىدىن،يالقۇن روزى ۋە باشقا مەسئۇلىيەتچان،ئەل سۆيەر يازغۇچى،كارخانىچىلارنى لىكسىيەگە تەكلىپ قىلىپ ئوقوغۇچىلارنى ئىھاملاندۇرۇش،رىغبەتلەندۈرۈش،نەزەر دائىرىسىنى كىڭەيتىش،كەڭ دائىرىلىك بىلىم بىلىم ئىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش.

          2.تەربىيلەش مەركىزىنىڭ چوقوم بىر كۈتۈپخانىسى بولۇش،ئەڭ قىممەتلىك ئەسەرلەرنى تاللاپ ھەر بىر ئوقوغۇچىغا چوقوم ئوقوتۇش،شۇ كىتاپتىن سۇئال چىقىرىپ ئىمتاھان ئىلىش،ھەم بەزى قىممەتلىك ئەسەرلەرنى دەرسلىك تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ مەخسۇس ئۆتۈش،ھەم سىنىپتا مۇشۇ ئەسەر مەزمۇنىنى مۇنازىرىگە ئۇيۇشتۇرۇش،ئوقوغۇچىلارنى ھەر بىر كىتاپتىن ئىلمىي ماقالە ياكى تەسرات ماقالىسى يازدۇرۇش.

        3.بۇ ئوقوغۇچىلاردىن مەلۇم نىسبەتتە ئوقۇش ھەققى ئىلىش،ئەمما شارائىتى يار بەرمىگەن تىرىشچان ئوقۇغۇچىلارغا چوقوم پۇرسەت بىرىش.ھەم يىغىلغان پۇل بىلەن شەرتى توشىدىغان،تىل ئۆتكىلىنى ياخشى ھازىرلىغان،ھەر قايسى جەھەتتىكى ئىپادىسى ياخشى بولغان ئوقوغۇچىلارنى تاللاپ چەتئەلگە ئوقۇشقا يولغا سىلىش.ئوتتۇرا ھىساب بىلەن مۇشۇنداق سەرخىل ئوقوغۇچىلاردىن 300 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچىنى تاللاپ، مەكتەپتە يىغىلغان پۇل،ۋە شۇ كارخانىچىلار ۋە ساخاۋەتچىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ياپۇنىيە،گىرمانىيە،ئامرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئىلىكتىر ئىنجىنىرلىق،ماشىناسازلىق،كومپىيوتىر كەسپلىرىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىش.ئەلبەتتە ئۇلار تىل ئۆتكىلىدىن ۋە باشقا جەھەتلەردىن ئىپادىسى كۆرىنەرلىك بولغان،مەركىزىمىزدە سىستىمىلىق،تولوق تەربىيلەنگەن،تاللانغان سەرخىل ئوقوغۇچىلاردىن بولىدۇ.بۇلارنىڭ ھەممىنى بىراقلا يولغا سىلىش ئىمكانىيتى بولمىسا، بۆلۈپ بولسىمۇ نەچچە يىلدا تەخمىنەن شۈنچىلىك ئوقوغۇچىلارنى ئامال قىلىپ سىرتقا ئوقوشقا چىقىرىش.

        4.شۇ بىر نەرسە ئەقىلگە ئۇيغۇنكى ئەگەر شۇ ئوقوغۇچىلار ئوقوش پۈتتۈرگەندىن كىيىن،ئۇلار ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مۇشۇ ساھەدىكى سەرخىل بىر توپ قوشۇنغا ئايلىنىدۇ.ئۇلار ئارقىلىق مەكتەپتە يەنە مۇشۇ ساھەدىن ئوقوغۇچى تەربىيلەپ،بۇ ساھەدىن ئامال قىلىپ كارخانا قۇرۇش،مەسىلەن:ماشىناسازلىقتا تەخمىنەن 100 ئوقوغۇچى ئوقۇدى دىسەك،ئۇلار يەنە تەربىيلەش مەركىزىدىن شۇ دائىرىدىن ئوقوغۇچى تەربىيلىسە ئۇلار تىخىمۇ كۆپىيىدۇ،ئاندىن ئۇلار ماشىنىسازلىق شىركىتىدىن بىرنى قۇرسا ئۇيغۇرلار ئۆزى ياسىغان ماشىنلارغا ئولتۇرالايدۇ،ئۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار پاساتقا ئولتورماستىن،ساپ ئۇيغۇر ماركىسىدىكى ئۆزى ياسىغان ئازاد ماركىلىق ماشىنىلارغا ئولتۇرالايدۇ.
ئىلكتىر ئىنجىنىرلىقتا تەخمىنەن 100 ئوقوغۇچى ئوقودى دىسەك،ئۇلار يەنە مەكتەپتىن مۇشۇ ساھەدىن ئۆزى ئوقوغۇچى تاللاپ تەربىيلىسە،ھەم ئۇلارمۇ شىركەت قۇرۇپ ئۇيغۇر ماركىسىدىكى كومپىيوتىر،تىلىفۇن ۋە باشقا ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرىنى ياسىسا،ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى بوشلوقى تولدۇرۇلۇپلا قالماستىن،ھازىرقى لىيەنشىياڭ كومپىيوتىرنى ئىشلەتمەستىن،ئۆزىمىزنىڭ قولىدىن چىققان كۆك ئاسمان،جاھان بۇلاق ماركىسىدىكى ئۇيغۇرچە كومپىيوتىرلارنى ئىشلىتەلەيدۇ،ئالما كومپىيوتىرى ئىشلەتمەستىن، چالما دەپ ماركا قويۇپ بولسىمۇ ئۆزىمىز ياسىغان كومپىيوتىرلارنى،ۋە ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرىنى ئىشلىتەلەيدۇ.

        5.ئەمدى ھەممە ئوقوغۇچىنى سىرتقا چىقىرىپ ئوقوتوش ئىمكانىتى يوق ياكى بەزى ئوقوغۇچىلارنىڭ بۇنىڭغا قىزىقىشى،تەبىي پەندە تەبىي تالانتى بولماسلىقى مومكىن ئۇلار قانداق قىلىدۇ دەپ ئويلاۋاتقانسىز بەلكىم.ئالدىرىماڭ،ئۇلارغىمۇ ئىش تىخى جىق.يەنى بۇ ئوقوغۇچىلار تەربىيلەش مەركىزىمىزدە مۇنتىزىم تەربىيلەنگەن خەنزۇتىلى ۋە ئىنگىلىزتىلى قاتارلىق تىللارنى پۇختا ئىگەللىگەن،ھەر قايسى جەھەتتى پۇختا ئاساس سالغان ئوقوغۇچىلار بولغاچقا،ئۇلارنى تەشكىللەپ ساياھەت يىتەكچىلىك،تەرجىمانلىق قاتارلىق ئورۇنلارنى قۇرۇشقا تامامەن بولىدۇ.ئۇلاردىن پايدىلىنىپ بىر تەرجىمانلىق مەركىزى قۇرساق،ئۇلار باشقا تىلدىكى قىممەتلىك ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلسا،مومكىن بولسا ئۆز ئالدىمىزغا نەشىرىيات قۇرساق،يۇرت يۇرتلارغىچە زەنجىرسىمان كىتابخانا ۋە كۈتۈپخانىلارنى قۇرساق،بۇ ھەم پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ساپاسىنى،مەدەنىيەت سەۋىيسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بىر كۆۋرۈك بولالايدۇ،ۋاھ ...ماشىنىسازلىق ۋە باشقا قۇرغان شىركەت ،كارخانىلار،نەشىرىيات،كىتاپخانىلاردىن قانچىلىك پۇل يىغىلار؟يەنە شۇ پۇللارنى داۋاملىق ئوقوغۇچىلارنى تەربىيلەش،قىممەتلىك ئىشلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن سەرىپ قىلساق بۇ ئىش بارغانچە شىددەت بىلەن زورىيدۇ.

        6.يەنە مۇشۇئوقوغۇچىلار ئىچىدىن يازغۇچىلار قوشۇنى تەشكىللەپ،بىر ئادەم يازماي ھەممەيلەن بىرلىشىپ،تەپەككۇرنى،ئەقلى ئەمگەكنى يىغىپ ئەسەر يىزىش،يەنى ھەر بىر سۆز ئىشلىتىش ،جۈملىلەرنى ئىپادىلەشتىن تارتىپ باشتىن -ئاخىر كۆپچىلىك ئورتاق ئىزدىنىپ،ئورتاق تەپەككۇر قىلىپ ئەسەر يازسا قانچىلىك قىممەتلىك،نادىر ئەسەرلەر بارلىققا كىلەر؟دۇنياۋى نوبىل مۇكاپاتلىرىغىمۇ ئىرىشىپ قىلىشى مۇمكىن تىخى.
سىزبەلكىم بۇ مۇمكىنمۇ دىيىشىڭىز مومكىن،مانا بۇ تامامەن مۇمكىنغۇ.سىز بەلكىم شۇنداق بىر قوشوننى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن بارلىققا كەلتۈرۈشكە بەلكىم سىز گۇمان بىلەن قارايدىغانسىز،ئەمما سىزگە بىر گەپنى دەي،سۇغا كىرسە يۆل بولماي چىقىدۇ دىگەنگە سىز ئىشىنەمسىز؟ئەلۋەتتە ئىشەنمەيسىز،بولمىسا كۆلچەكتىكى سۇغا چۈشۈپ بىقىڭ يۆل بولامسىز بولمامسىز.شۇڭا ئەگەر مەن بىر ئالىم قىلغان ئىشلارنى قىلسام،ھەم شۇنىڭ ئىزىدىن بىسىپ ماڭسام مەنمۇ چوقوم شۇ ئالىمدەك بولالايمەن.سەۋەب بولغان ئىكەن ھامان بىر نەتىجە بولىدۇ،نەتىجە بولغان ئىكەن ھامان ئۇنىڭ بىر سەۋەبى بولىدۇ.
شۇڭا يۇقارقىدەك سەرخىل قوشۇننى بارلىققا كەلتۈرۈش مىنىڭچە قىيىن ئەمما تامامەن مۇمكىن بىر جەريان.ھەم شۇ ئارقىلىق پۈتۈن ئۇيغۇرنى تەرەققى قىلدۇرۇش،پارلاق كەلگۈسىنى يارتىش ئىنشائاللا تامامەن مۇمكىن.بۇ ئىشلار مىنىڭ قولومدىن بەلكىم كىلەر ياكى كەلمەس،ئەمما مەن ھىچ بولمىغاندا شۇنداق ئىشلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش يولىدىكى پەلەمپەيگە ئىشلىتىلگەن بىر تال شىغىل بولالىشىم تامامەن مومكىن.يەنى مەن شۇنداق بىر تەربىيلەش مەركىزىنى قۇرالمىسام ياكى شۇنداق بىر ئوروندا دەرىس سۆزلەش لايەقىتىنى ھازىرلىيالمىسام،ھىچ بولمىغاندا شۇ ئوروندا بىر ئىشىك باقار ياكى تازلىقچى بولوش لايەقىتىگە ئىرىشەلىشىم مومكىن.بۇ مىنىڭ شۇ بۈيۈك ۋە پارلىق يولدىكى ئەڭ زور شەرپىم ۋە مەسئۇلىيتىم.
      بۇ مىنىڭ 19 يىشىمنىڭ ئاخىرىدا سۈرگەن خىياللىرىم.مەندىن باشقىمۇ نۇرغۇنلىغان قىرىنداشلىرىمنىڭ بەلكىم بۇنىڭغا ئوخشىمىغان ئۆزگىچە خىياللىرى،دانا تەدبىرلىرى،ئۆتكۈر پىكىرلىرى بار.10مىلىيوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئىچىدىن،بۇنىڭدىنمۇ ئىشەنچىلىك،ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇن،خىياللارنى سۈرۈۋاتقان،پىلانلارنى تۈزىۋاتقانقانلار يوق دىسە مەن ئىشەنمەيمەن.بەلكىم بۇ جەھەتتە ئاللا بۇرۇن شانلىق قەدەمنى تاشلاپ  بولغانلارنىمۇ يوق دىيەلمەيمىز.
        بىزنىڭمۇ نۇرغۇنلىغان ئالىملىرىمىز ۋە نۇرغۇنلىغان داڭدار شەخىسلىرىمىز بار ئۇلار بۇنىڭدىنمۇ ئىشەنچىلىك ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇغۇن ئويلىشى تەبىي.شۇڭا ئىنشائاللا مەن ھامان ئۇ پارلاق كەلگۈسىمىزنى كۆرەلەيمىز دەپ ئىشىنىمەن.
مەن ئۆزۈم ئويلاپ يەكۈنلىگەن ئۈمىد توغرىسىدىكى پىكىرىمدىن‹‹ئۈمىدسىزلىك ئىمانسىزلىق›› ۋە ئوقوغانلىرىمدىن بۇ توغرىسىدا ئىسىمدە قالغىنى  ‹ئۈمىتنىڭ تومورى ئۈزۈلسە ھاياتلىقنىڭ ئۇمۇرتقىسى سۇنىدۇ››،ئاڭلىغانلىرىمدىن زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئۇستازنىڭ ‹‹ئۈمىت ئادەمنىڭ ئىككىنچى يۈرىگى››. مەن ئۆزۈم ۋە قىرىنداشلىرىم،يەنى پۈتۈن ئۇيغۇرنىڭ پارلاق كەلگۈسىدىن چەكسىز ئۈمىدۋارمەن.ئىنشائاللا بۇ ئۈمىتلىرىمنىڭ ئەمەلگە ئىشىشىنى نىسپ ئەتكەي ئىگىمىز ئاللا.
        بىز ھەرگىزمۇ ھازىرقىدەك چىرايلىرىمىز سارغايغان،كۆزلىرىمىز نۇرسىز،قەدەملىرىمىز ئىگىلگەن،ئەتراپىمىز بۇزغۇنچىلىق،بۇزۇقچىلىق بىلەن تولغان بۇنداق كىشىلەر ئەمەسمىز.بىز خان ئەۋلاتلىرى ئۇيغۇر.بىزنىڭ قىنىمىزدا مۇسۇلماننىڭ،ھەقىقى ساپ،بۈيۈك ئۇيغۇرنىڭ قىنى ئاقىدۇ.بىز ئۆزىمىزنى سۆيمەي ۋەتىنىمىز جۇڭگۇنى سۆيەلىشىمىز مۇمكىنمۇ؟بىزمۇ ئۇلۇغ جۇڭخۇا ئىلىنىڭ پۇخرالىرى،بىزنىڭمۇ ۋەتەننىڭ بۇ ئەزىز تۇپراقنىڭ تەرەققىياتى،پارلاق كەلگۈسى ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ قوشوش مەسئۇلىيتىمىز بار.
        ئاخىرىدا شۇنداق بىر گەپنى قوشوپ قويغۇم بار ،مۇقەددەس دىنىمىز ئىسلامدا ئەگەر بىر ئىنساننىڭ شۇنداق بىر ياخشى نىيىتى بولسا،ئۇ بۇ دۇنيادا ئەمەلگە ئاشمىغان تەقدىردىمۇ ئاللا شۇ ياخشى ئىشنىڭ ئەجرىنى كىمەيتىۋەتمەي بىرىدۇ دىگەن گەپنى ئاڭلىغان ئىدىم.
بەلكىم سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق خىياللىرىڭىز،پىكىرلىرىڭىز،ئويلىغانلىرىڭىزباردۇ.قىنى سىزمۇ ھورونلوق،مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلماي ئوتتورغا قويۇڭ.ھەممەيلەن ئەقلىمىزنى،ئويلىغانلىرىمىزنى جەمىلەپ باقايلى.
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-16, 23:34
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-08-16 23:10 |
sultani
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8790
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 13
شۆھرەت: 65 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 65 سوم
تۆھپە: 39 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 39 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسسالام!مۇنبەردىكى بارلىق قىرىنداشلار ياخشىمۇسىلەر؟مەن ئالدى بىلەن بارلىق قىرىنداشلىرىمغا روزى ھېيتلىق سالام يوللايمەن،ئايەم كۈنلىرىڭلار خۇشاللىقتا ئۆتسۇن!قېرىندىشىم،سىزنىڭ ئەقلىڭىزگە بارىكاللا!ئىلاھىم ئەقىلىڭىزگە ئەقىل،جىسمىڭىزغا كۈچ قۇۋۋەت ئاتا قىلغاي!بۇنىڭدىن 11يىل مۇقەددەم يەنى مەن شىنجاڭ توقۇمىچىلىق مەكتىۋىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا  پەلسەپە دەرىسى ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىمىدىن دەل مۇشۇ سۇئالنى سورىغان ئىدىم،ئوقۇتقۇچۇم ماڭا ئەقلىڭىزگە بارىكاللا،بىز جۇڭخۇا ئىلىدىكى 56مىللەتنىڭ ئىچىدە مەدەنىيەت سەۋىيە جەھەتتە خىلى ئارقىدا قالدۇق،بۇنداق بولۇشىغا دەل ئۆزىمىزنىڭ بىكىنمىچىلىك ئىددىيىمىز سەۋەپ بولدى،بىز ھېلىمۇ كىچىكمەيمىز،ھەممەيلەن ئۇيۇشۇپ،پۇلى بارلار پۇل،بىلىم بارلار ئىقتىدارىمىزنى جارى قىلدۇرساق،ياشلارنى كۆپرەك ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تەرەققى قىلغان جايلارغا،چەتئەللاردىكى ئىلىم-مەرىپەت ئوچاقىلرىغا ئەۋەتسەك چوقۇم كۆزلىگەن مەقسەتكە يىتەلەيمىز،لىكىن ھازىر بىزدە ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق دەپ ئىغىر خۇرسىنغان ئىدى،بۇ جەھەتتە ھازىر ھۆكۈمىتىمىزمۇ ياخشى تەدبىرلەرنى يولغا قويىۋاتىدۇ،ئىددىيە ھەرىكەتنى بەلگىلەيدۇ،مېنىڭچە بىز تىرشىدىغانلا بولساق چوقۇم نەتىجىگە ئىرىشەلەيمىز!
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-17 04:16 |
begir
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6865
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 283
شۆھرەت: 1456 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1468 سوم
تۆھپە: 876 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 888 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 259(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇرۇن مۇشۇ تېمىڭىزغا بىر ئىنكاس يازغىنىم ئېسىمدە . يەنە بىر يازاي ھە ؟
ئابدۇكۆرەش ، سىز مۇشۇ بىر نەچچە تۈرلۈك نىشانىڭىزغا يېتىش ئۈچۈن قانچىلىك تىرىشتىڭىز ، مۇشۇ نىشانلارنىڭ قايسى بىرىگە يەتتىڭىز . مۇشۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان سىز نىمىلەرنى قىلدىڭىز ؟
نىشاننى تامغا يېزىپ قويۇپ ئىجرا قىلدىڭىزمۇ ؟
كىشى ئاخىر ئۆلۈپ كېتىدۇ....
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-17 12:11 |
izlan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9273
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 40 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 24 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 24 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 35(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

<تىلەكلىرڭىز>گە تەشەككۈر .يالغۇز ئاتنىڭ دېڭى چىقماس دەپتىكەن  .10  مىليۇن ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدە سىزدەك  ئىلغار ئىديلىك،ئالدى كۆرەر  ئۇيغۇرلاردىن بىر ياكى بىر قانچە  سەپ تۈزۈلسە ،ئىنشائاللا ،تىلەكلىرىمىز ئەمەلگە ئېشىپمۇ قالار .  
saltanat
بۇ ئامەت سەندە تۇرماس ،بۇ مەينەت مەندە.
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-17 12:16 |
abdukorax
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8579
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 188
شۆھرەت: 1015 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1020 سوم
تۆھپە: 603 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 608 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 213(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى begirدە2012-08-17 12:11يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇرۇن مۇشۇ تېمىڭىزغا بىر ئىنكاس يازغىنىم ئېسىمدە . يەنە بىر يازاي ھە ؟
ئابدۇكۆرەش ، سىز مۇشۇ بىر نەچچە تۈرلۈك نىشانىڭىزغا يېتىش ئۈچۈن قانچىلىك تىرىشتىڭىز ، مۇشۇ نىشانلارنىڭ قايسى بىرىگە يەتتىڭىز . مۇشۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان سىز نىمىلەرنى قىلدىڭىز ؟
نىشاننى تامغا يېزىپ قويۇپ ئىجرا قىلدىڭىزمۇ ؟

قانچىلىك تىرىشقانلىقىمنى سۆزلەپ ئولتوروش ھاجەتسىز.بۇ نىشانلىرىمعا يىتىش يولىدىكى ئۆتكەنلەردىن ئۆتۉپ بولالىعانلىرىم بار تىحى ئۆتۉپ بولالمىعانلىرىممۇ بار.
نەچچە يىلدىن بىرى نىمىلەرنى قىلعانلىقىمعا كەلسەك ئەڭ ئالدى بىلەن ئەتراپىمدىكىلەرگە ئوحشاش ئاددى ئادەم بولوپ ياشىدىم.تىرىكچىلىك قىلدىم،داۋاملىق ئۉگەندىم،ئادەمدەك ياشاشقا  ئىنتىلىپ،تىرىشىپ كەلدىم ھەم مۇشۇنداق ئويلىرىم،نىشانلىرىم ئۉچۉن داۋاملىق ئىزدەندىم .ئۆزۉم يەتمەكچى بولعان ئىشلارعا،ئۆز نىشانىمعا يىتىش ئۉچۉن كۆرەشنى قەتئى توحتوتوپ قويمىدىم ھەم توحتاتماييييييمەن.
نىشانمنى ئىجرا قىلدىم،قىلىۋاتىمەن ھەم ئىنشائاللا تىنىقىملا بولىدىكەن قىلىمەن.چۉنكى مۇشۇلار مىنىڭ مەۋجۇتلىقىمنىڭ مەنىسى...
جاۋابىم يىتەرلىك بولدىمۇ ئەپەندىم.
[ بۇ يازمىنىabdukoraxدە2012-08-17 14:33قايتا تەھرىر ]
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-17 14:16 |
begir
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6865
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 283
شۆھرەت: 1456 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1468 سوم
تۆھپە: 876 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 888 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 259(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى abdukoraxدە2012-08-17 14:16يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

قانچىلىك تىرىشقانلىقىمنى سۆزلەپ ئولتوروش ھاجەتسىز.بۇ نىشانلىرىمعا يىتىش يولىدىكى ئۆتكەنلەردىن ئۆتۉپ بولالىعانلىرىم بار تىحى ئۆتۉپ بولالمىعانلىرىممۇ بار.
نەچچە يىلدىن بىرى نىمىلەرنى قىلعانلىقىمعا كەلسەك ئەڭ ئالدى بىلەن ئەتراپىمدىكىلەرگە ئوحشاش ئاددى ئادەم بولوپ ياشىدىم.تىرىكچىلىك قىلدىم،داۋاملىق ئۉگەندىم،ئادەمدەك ياشاشقا  ئىنتىلىپ،تىرىشىپ كەلدىم ھەم مۇشۇنداق ئويلىرىم،نىشانلىرىم ئۉچۉن داۋاملىق ئىزدەندىم .ئۆزۉم يەتمەكچى بولعان ئىشلارعا،ئۆز نىشانىمعا يىتىش ئۉچۉن كۆرەشنى قەتئى توحتوتوپ قويمىدىم ھەم توحتاتماييييييمەن.
نىشانمنى ئىجرا قىلدىم،قىلىۋاتىمەن ھەم ئىنشائاللا تىنىقىملا بولىدىكەن قىلىمەن.چۉنكى مۇشۇلار مىنىڭ مەۋجۇتلىقىمنىڭ مەنىسى...
جاۋابىم يىتەرلىك بولدىمۇ ئەپەندىم.

ماڭا جاۋاپ بېرىش مەجبۇرىيىتىڭىز يوق يىگىت . بۇرۇن مۇشۇ تېما ئاستىدا يوللىغان ئىنكاسىم ئىنكاسسىز قاپتىكەن . شۇڭا يەنە يوللاپ قويدۇم . ئۇلۇغۋار نىشانىڭىزغا بالدۇرراق يەتكەيسىز . چۈنكى ۋاقىت رەھىمسىز . ساقلاپ تۇرمايدۇ .
lutun
كىشى ئاخىر ئۆلۈپ كېتىدۇ....
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-17 15:17 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » قوغۇنلۇقتىكى پاراڭلار