saltanat lutun elan berig
«12345»Pages: 1/29     Go
بۇ تېما 94464 قېتىم كۆرۈلدى
bozqir
پەرۋايىم پەلەك

دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 1208
نادىر تېما : 17
يازما سانى : 837
شۆھرەت: 4725 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 4749 سوم
تۆھپە: 2761 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2769 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2473(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 [بوزقىر] قېلىچ ئاستىدىكى ئېتىقاد

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-08-17)
  قېلىچ ئاستىدىكى ئېتىقاد   


 لاڭ ياۋيۇەن   
  بوزقىر تەرجىمىسى
 


                ئەسلى ئەسەر ئىلاۋىسى : مەزكۇر ماقالىنىڭ ئەسلى تېمىسى « ساقال چۈشۈرۈش ، چۈمپەردە ئېچىش مەدەنىيات زور ئىنقىلابىنىڭ  يوشۇرۇن بىشارىتىمۇ ؟» ئىكەن . مەن ئۇنىڭ تېمىسىنى «قېلىچ ئاستىدىكى ئېتىقاد » قا ئۆزگەرتىپ قويدۇم.ئاپتور لاڭ ياۋيۇەن مۇستەقىل تەنقىتچى، بىلىم ئاساسى كۈچلۈك پىلانچى، سودا خارەكتىرلىك يەر-مۈلۈك ۋە سېتىش تىجارىتى مۇتەخەسىسى. جېجاڭنىڭ يوڭكاڭ دېگەن يېرىدىن ، ھازىر خاڭجۇدا تۇرىدۇ.ئۇ «جۇڭگو شەھەر قۇرۇلۇشى كۆرگەزمىسى ۋە ھېيىت-بايراملارنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ساھەسىدىكى ئەڭ كاتتا پىلانلىغۇچى » بولۇپ باھالانغان.ئىلگىرى«جۇڭگو پۇخراۋى ئىگىلىك» ژۇرنىلىنىڭ دائىمىي مۇئاۋېن نەشىرىيات باشلىقى بولغان.ھازىر «دۇنيادىكى جۇڭگولۇق سودىگەرلەر » ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋېن نەشىرىيات باشلىقى قوشۇمچە باش پىلانلىغۇچىسى.ئۇ يەنە بېيجىڭدىكى شىڭكوڭ خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش ۋاستىلىرى شىركىتىنىڭ لېدىرى،لىياۋنىڭدىكى يېڭى لىياۋنىڭ سودا-مەدەنىيەت تارقىتىش ۋاستىلىرى شىركىتىنىڭ لېدىرى ، خاڭجۇ ياۋيۇەن پىلان مەسلىھەت شىركىتىنىڭ لېدىرى ، كۆپلىگەن جېجاڭلىق سودىگەرلەر مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرىنىڭ مۇستەقىل لېدىرىيەت ئەزاسى ۋە پىلانلاش ساھەسىدىكى باش مەسلىھەتچىسى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.

----------------------------
 
            شىنجاڭنىڭ غۇلجىدا قانات يايدۇرۇلغان « دىنى ئاڭنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئىلىم-پەنگە ، ساغلام تۇرمۇشقا ھۆرمەت قىلىش »پائالىيىتى ھەققىدىكى خەۋەر سۇمرۇغ، سىنا قاتارلىق چوڭ-چوڭ تور بەتلىرىنىڭ باش بەتلىرىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان جايلىرىدىن ئورۇن ئالدى. ماقالە مەزمۇنىدا شۇ جايدىكى « پۈتكۈل كوچىلاردا ئاز سانلىق مىللەت خانىم-قىزلىرى ۋە يىگىت-ئوغۇللىرىنىڭ ئەرەبچە كىيىنىش ۋە ساقال-بۇرۇت قويۇش ، چۈمپەردە ئارتىشتەك  غەيرى ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يوقۇتۇش » مەزمۇن قىلىنغان بولۇپ، بۇنى كىشىدە سەلبىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدىغان بىمەنىلىك، دېمەي بولمايدۇ.

         مېنى بىئارام قىلغىنى « دىنى ئاڭنى سۇسلاشتۇرۇش » دېگەن سېياسىي سۆز بولۇپ، ئۇنى تۇنجى ئاڭلىشىم ئىدى. دىنىي ئېتىقاد چوقۇنۇشتىن،ئورتاق ئېتراپ قىلىشتىن پەيدا بولىدىغان مۇستەھكەم ئېتىقاتدىن ھەم پۈتكۈل ۋۇجۇدى بېلەن ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىشتىن پەيدا بولىدۇ. بولۇپمۇ ئۇ ئەڭ ئاۋال ئېتىقاتچىلارنىڭ ئېڭىدىكى « چوڭقۇر ئىشەنىچ» نى كۆرسىتىدۇ.جۇڭگودىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە تەرىقەت دىنى، بۇددا دىنى، خىرىستىيان دىنى، كاتولىك دىنى ۋە ئىسلام دىنىمۇ بۇنىڭدىن خالىي ئەمەس،ئەلبەتتە.«سۇسلاشتۇرۇش» دېگىنى ئەمەلىيەتتە «ئاجىزلاشتۇرۇش»، «ئازايتىش» نى بىلدۈرىدۇ. ئۇنى تۇمان ئىچىدە گۈل كۆرۈش،بارنى يوق قىلىش دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ.ھالبۇكى دىنىي ئېتىقادنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىلاھقا ئىشىنىش، بۇ يولدا تەۋرەنمەسلىك، ئۇنىڭغا سادىق بولۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ ھالقىش خارەكتىرلىك ،توللۇق ۋە ئادداققى تەلپۈنىشى ۋە ئىنتىلىشى بولۇپ،ئېتىقاتچىلارنىڭ چىن ، ساپ، گۈزەل روھى دۇنياسىنىڭ قايتىش نۇقتىسىدۇر.شۇنداق ئىكەن ئۇنى قانداقمۇ ئۆز مەيلىچە سۇسلاشتۇرغىلى بولسۇن ؟

           دىن ۋە ئېتىقات ئەركىنلىكى ھازىرقى زاماندىكى ئىنساننىڭ تۈپكى ئەركىنلىكىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئىزچىل ھالدا دۇنيا «گىراژدانلىق  ھوقۇقى ۋە  سېياسىي ھوقۇق  ئەھدىنامىسى» نىڭ يادروسى، دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.ھەر قانداق بىر گىراژداننىڭ مەلۇم بىر دىن ياكى پەلەسەپە،ئەخلاق سىستېمىسىغا ئېتىقات قىلىش ياكى ئېتىقات قىلماسلىق ئەركىنلىكى بولىدۇ.ھەتتا ئاتا-ئانىلارمۇ قورامىغا يەتمىگەن پەرزەنىتلىرىگە مەلۇم بىر دىنغا ئېتىقات قىلىش-قىلماسلىقنى بەلگۈلەپ بەرسە بولىدۇ.گىراژدانلارنىڭ بۇ خىل تاللىشىغا قارىتا ، ھەرقانداق ئورگان ياكى  شەخسنىڭ زورلۇق ۋاستىسى قوللىنىشى ياكى ئارىلىشىشىغا بولمايدۇ.ماركىس «گوتا پروگراممىسىغا تەنقىت» ناملىق كىتابىدا مۇنداق كۆرسەتكەن : «ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ دىنىي ئېھتىياجىنى راۋا قىلىشىنى خۇددى ئۆزىنىڭ تەن ئېھتىياجىنى راۋا قىلىشىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ئۇ ساقچىلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. » ئەمەلىيەتتە دىنغا قارىتىلغان ھەرقانداق ھوقۇق ياكى بېسىم  ئېتىقاتچىلارنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىپلا قالماي يەنە بىلىپ-بىلمەيلا پۇخرالارنىڭ دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىپ قويىدۇ.

            دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكى جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىدا گىراژدانلارغا بېرىلگەن بىر خىل ئاساسىي ھوقۇقتۇر.شۇنداقلا جۇڭگو كۇمىنىستىك پارتىيىسىنىڭ بىر تۈرلۈك ئاساسلىق دىنىي سېياسىتىدۇر.«ئاساسىي قانۇن»نىڭ 36-ماددىسىدا ئېنىق قىلىپ : «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىراژدانلىرى دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىگە ئىگە  »، «ھەرقانداق دۆلەت ئورگانلىرى ، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخىسلەرنىڭ پۇخرالارنى دىنغا ئېتىقات قىلىش ياكى قىلماسلىققا زورلىشىغا بولمايدۇ، دىنغا ئېتىقات قىلىدىغان ياكى دىنغا ئېتىقات قىلمايدىغان پۇخرالارنى كەمسىتىشىگە بولمايدۇ»، «دۆلەت نورمالنى دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ» دەپ بەلگۈلەنگەن. دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىمۇ پۈتۈن دۇنياغا قايتا-قايتا : «جۇڭگونىڭ دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكى ھەقىقىدۇر  ۋە ئەزەلدىن ئۆزگىرىپ باققىنى يوقتۇر» دەپ ئوچۇق جاكارلىغان.شۇنداق تۇرۇپ شىنجاڭنىڭ غۇلجىسى «سۇسلاشتۇرۇش» قا نېمىشقا شۇنچە كۈچەيدىكىنە ؟

          شىنجاڭ غۇلجىنىڭ « دىنى ئاڭنى سۇسلاشتۇرۇش »نى زور ھەيۋەت-ھەشەم بېلەن بازارغا سېلىپلا قالماي يەنە  «ساقال چۈشۈرۈش ، چۈمپەردە ئېچىش» نى زورلۇق بېلەن يولغا قويۇپ ، ئىسلام ئېتىقاتچىلىرىنىڭ ئەن-ئەنىسىدىكى ئەرەبچە كىيىنىش ۋە ساقال قويۇشنى «نورمالسىزلىق»دەپ قارىشى ھەتتا ئۇنى «پۈتۈنلەي يوقۇتۇش»قا پەرمان چۈشۈرۈشى كىشىنى ھەقىقەتەن بىئارام قىلىدۇ. بۇ تەبىكى كىشىگە سېسىق نامى پۇر كەتكەن تالىبان ھاكىمىيىتىنىڭ «بارلىق ئەرلەر ئىككى ئاي ئىچىدە ساقال-بۇرۇتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆستۈرىشى كېرەك، خىلاپلىق قىلغۇچىلار جازالىنىدۇ» دېگەن پەرمانىنى ئەسلەتمەي قالمايدۇ.

           بىر دىن مۇنداق ئۈچ قاتلامنى ئۆزىدە ھازىرلىغانلىقى ئۈچۈنلا دىن بولالىغان : بىرىنچى، دىننىڭ ئىدىيىۋى قاراشلىرى ۋە ھېسىيات سېزىمى (دىنىي ئەقىدە) ، ئىككىنچى، دىننىڭ يول باشچىسى ھەمدە چوقۇنۇش-بەيئەت قىلىش ئوبىيېكتى(دىننىڭ خۇداسى)، دىننىڭ دىنىي ۋەزىپە تۈزۈمى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتى(دىنىي تەشكىلات) .ھەر بىر دىننىڭ بىرى-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئۆز ئالدىغا ئېتىقات قىلىدىغان سېمۋولى بولىدۇ. مەسىلەن بۇددا راھىبلىرى چېچىنى چۈشۈرۈپ، كاسايا كىيىدۇ، خىرىستىيان پوپ-مۇناخلىرى كۆكرىكىگە كىرىسىت بەلگۈسىنى ئېسىۋالىدۇ،تەرىقەت دىنىنىڭ تويىنلىرى چۆرىسىگە جىيەك تۇتۇلغان  قارامتۇل سىپتا يەكتەك ۋە ئۇزۇن ئاق پايپاق،قونچىلىق قارا ئۆتۈك، ئون تۆشۈكلۈك لاتا چورۇق  كىيىدۇ. مۇسۇلمانلار ئەرەبچە كىيىنىدۇ، ئەرلىرى ساقال قويىدۇ، ئاياللىرى چۈمبەل ئارتىدۇ . شىنجاڭ غۇلجىنىڭ ئىسلام ئەن-ئەنىسىنى «نورمالسىز ھادىسە» دەپ قارىشى بىر خىل دىنىي كەمسىتىش قىلمىشىغا ياتىدۇ؛ ئۇنى «پۈتۈنلەي يوقۇتۇش» قا پەرمان چۈشۈرىشى بولسا  دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىگە قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق ھەركىتى ھېساپلىنىدۇ.بۇ خۇددى راھىبلارنى  كاساياسىنى سېلىۋېتىشكە، پوپلارنى كىرىسىت بەلگۈسىنى ئېلىۋېتىشكە ، تويىنلارنى  قارا يەكتىكىنى سېلىۋېتىشكە قىستىغاندەكلا بىر ئىش بولۇپ ، چېكىدىن ئاشقان ئەخلاقسىزلىق ۋە ئاساسى قانۇنغا قىلىنغان ھاقارەتتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر.

          ئەرەبچە كىيىنىش ۋە ساقال قويۇپ چۈمبەل ئارتىش ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئىسلام مەدەنىيىتى بېلەن باشقا مەدەنىيەتلەر ئۇزۇن مەزگىللىك ئۆز-ئارا تەسىر قىلىش، سىڭىشىش ۋە يۇغۇرلۇش جەريانىدا ئۆزىنى ئۈزلىكسىز بېيىتىپ ۋە تولۇقلاپ بارغان. ئىسلامى كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى ئىسلام دىنىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ، كۆپ مەنبەلىك بولۇش ۋە بىرلىككە كېلىشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.ئەرەب ئاياللىرى ئەن-ئەنىۋى كىيىنىش جەھەتتە بېشىغا چۈمبەل ئارتىدۇ، ئۇزۇن جىباپ كىيىدۇ. ئىسلامى كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنىڭ موھىم بىر ئىپادىسى ئىسلام ئەقىدىسىدىن ئىبارەت بۇ تۈپكى قىممەت قارىشىنى ئۆزىدە ھازىرلاپ ، بۇ خىل ئەن-ئەنىۋى كىيىم كېچەكلەرنىڭ  مەدەنىيەت ، تارىخ، دەۋىر، پىسخىلوگىيە، ئىستېتىكا قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئەڭ ئالىي يېتەكچى ئىدىيەگە ئىگە بولغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.شۇڭا ئۇنىڭ كىيىم-كېچەك سەنئىتى جەھەتتە چوقۇم مۇشۇ خىل قاراشنى ئالدىنقى شەرىت قىلىدىغانلىقى ئېنىق. ئومۇمەن  ئەرەب كىيىم-كېچەكشۇناسلىرى بېلەن ئاساسلىق پىرىنسىپلاردا ئاسانلا زىدىيەتلىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.بەزىلەر ئەرەبلەرنىڭ  تۆۋەن دەرىجىلىك كىيىم-كېچەك سەنئىتى گۈزەل بولمايلا قالماستىن بەلكى ئىنتايىن ناچار، دەپ قارايدۇ. ئىسلامدا ئاياللارنىڭ نېپىز، ئېتى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ،  يېرىم كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ياكى يېرىم يالىڭاچ كىيىملەرنى كىيىشى  چەكلەنگەن. بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ مەيدىسىنى ئوچۇق قويۇپ ئەمچىكىنى دومبايتىۋېلىشىى، بەل ۋە ساغرىسىىغا چىپپىدە كېلىدىغان جىنسىي ھەۋەسنى قوزغايدىغان كىيىملەرنى كىيىشى تېخىمۇ چەكلىنىدۇ. ئىسلامى كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى زامانىۋى مودا كىيىم-كېچەكلەرنى پىسخىكىدىكى بىنورماللىق ۋە ئەخلاق جەھەتتىكى ئاينىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قاراپ، ئاتالمىش كىيىم-كېچەك سەنئىتىگە ئىنتىلىشكە ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرىدۇ. ئوتتۇراھال گۈزەللىك ، چىن ئىنسانىي گۈزەللىك  ، ئىناقلىق جەھەتتىكى گۈزەللىك ئىسلام كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ ئاساسى ئىستېتىكىسىنى شەكىللەندۈرگەن.

           ۋەھالەنكى، بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭ غۇلجىنىڭ ئىسلام ئېتىقاتچىلىرىدىن ئەن-ئەنىۋى ئەرەب كىيىم-كېچەكلىرىنى سېلىۋېتىپ، « يېڭى مودىغا ئەگىشىش» نى تەلەپ قىلىشىنى ئۇچىغا چىققان قارا قورساقلىق ۋە ئەخلاقسىزلىق دېمەي بولمامدۇ قانداق ؟ كوچىلاردا سېتىلىۋاتقان ئەشۇ مودا، نېپىز، يېرىم يالىڭاچ كىيىم-كېچەكلەرگە قاراپ بېقىڭچۇ. مۇبادا ئۇنى مۇسۇلمانلار كىيسە ئىسلامنىڭ كىيىم-كېچەك ئىستېتىكىسىغا ئۇيغۇن كېلەرمۇ ؟ ئۇ ئىسلام پەزھىزلىرىگە قىلىنغان ھاقارەت بولۇپ قالماسمۇ ؟ ئىسلامى كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى ئۆز تەرەققىياتى جەريانىدا دەۋىرنىڭ ئىلگىرلىشى ۋە تەرەققىياتىغۈغا ئەگىشىپ، ئەن-ئەنىۋى رەخىتلەردىن ئىشلەنگەن قوپال چۈمپەردىلىرىدىن ۋاز كېچىپ ، رەڭگارەڭ ئېسىل يىپەك رەخىتلەردىن ئىشلەنگەن چۈمپەردىلەرنى تاللايدىغان بولدى. بۇنىڭ بېلەن ئەرەبلەرنىڭ ئەن-ئەنىۋى كىيىم –كېچەكلىرى موللاشتى ۋە كۆپخىللاشتى. مۇسۇلمانلار قانداق كىيىنىدۇ ، بۇ پۈتۈنلەي مۇسۇلمانلارنىڭ ئەركىنلىكى، ئۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قولىدىن كېلەمدۇ ؟ جۇڭگونىڭ خەنزۇ كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدىكى بىر خىللىقىدىن تارتىپ ئىسلاھات –ئېچىۋېتىش دەۋرىدىكى گۈزەللىكىگىچە بولغان جەرياندا قايسى بىر ئورگان ياكى قايسى بىر رەھبەر زورلۇق كۈچ ئىشلىتىپ بېقىپتىكەن ؟ ئەينى يىلى  باش شۇجى خۇ ياۋباڭنىڭ باشلامچىلىق بىلەن كاستىيۇم-بۇرۇلكا كىيگىنى  پەقەت شۇنداق كىيىنىشنى تەشەببۇس قىلغىنى ۋە بۇ جەھەتتە ئۈلگە بولغىنى ئىدى ، خالاس. ئۇ ھېچقاچان پۇخرالارنى بىر تۇتاش كاستىيۇم-بۇرۇلكا كىيىشكە زورلىغان ئەمەس. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى سەمىمىي-سادىقلىق بېلەن ھۆرمەت قىلماي تۇرۇپ سېياسىي مەدەنىيلىك ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن ؟

          «ساقال »خەنزۇلارنىڭ نەزىرىدە يۈزگە چىققان تۈكتىنلا ئىبارەت، خالاس.تۈك ئۈنسە ئۇنى ئېلىۋېتىش كېرەك . مانا بۇ خەنزۇ مەدەنىيىتى. ئەمما، مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ نەزىرىدە ئۇ مىللىي تەۋەلىكنىڭ بەلگۈسى ۋە خۇداغا ئىشىنىش ئېتىقادى بولغان  دىنىي ھېسىياتنىڭ سىمۋولىدۇر. ئۇ يىگىتلەرنىڭ قورامىغا يەتكەنلىكى، كۈچ-قۇۋەتكە تولغانلىقى  ۋە قەدىر-قىممەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولغانلىقىنىڭ بەلگۈسىدۇر. پەيغەمبەرگە تەقلىدلىسەك ئۇ بىر ئىلاھىلىقتۇر.چۈنكى، مۇھەممەد پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ ساھىبلىرىمۇ ساقال قويغان.شۇڭا مۇسۇلمانلارنىڭ ساقال قويۇشى كۆپچىلىكنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كەلگەن.شۇ ۋەجىدىن ئۇلار ساقال قويۇشنى سۈۈننەت دەپ قارايدۇ. بۇ مەنىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ ساقىلى ئۈنگەن ھامان ئېلىۋېتىدىغان تۈك ئەمەس بەلكى، ئۇ بىر ئادەمنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا بېرىپ تاقىشىدىغان ئېتىقات مەسىلىسىدۇر . ئەمما، ھازىرقى زاماندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قارىشىدا «ساقال قويۇش -قويماسلىق ئۆز ئىختىيارىدىكى ئىش » دەپمۇ قارىلىدىغان بولدى. مەيلى نېمىلا دېمەيلى ، ساقالغا چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۆرۈمە چېچىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدۇ.قانداقتۇر ئۇ  ئىنقىلاۋۋى پارتىيىنىڭ بىر پاي ئوقى بېلەنلا يوق قىلىۋەتكىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. شۇڭا ساقالغا «ئال پىچاقنى، كەس چوچاقنى» دېگەن تەدبىر ئاقمايدۇ.

         شىنجاڭ غۇلجىنىڭ  ئۆزىگە تەۋە رايونلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ   ساقىلىنى بىردەك چۈشۈرىۋېتىش تەلىپىگە يېتىش ئۈچۈن بەزى كوچا ئىش باشقارمىلىرى «قانۇن-تۈزۈم بويىچە تەربىيلەش كۇرس» لىرىنى ئېچىپ ، كۇرسانىتلاردىن ئۈچ ئاي سۈرۈك ئىچىدە پۈتۈن ساقاللارنى چۈشۈرۈپ بولۇشنى تەلەپ قىلغان.بۇنىڭ 10 يىل داۋاملاشقان مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى دەۋرىدىكى مۇسۇلمانلارنى چوشقا بېقىشقا زورلىغانلىقتىن، قىزىل قوغدىغۇچىلارنىڭ مەسچىتلەردە چوشقا گۆشى يىگەنلىكىدىن نېمە پەرقى بولسۇن ؟ ئەجىبا مۇسۇلمانلارنىڭ ساقىلىنى چۈشىرىۋەتكەنگىلا جەمىيەت تېخىمۇ ئىناقلىشىپ كېتەرمۇ ؟ شەھەرلەر تېخىمۇ مەدەنىيلىشىپ كېتەرمۇ ؟ شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىمىز دەۋاتقان ئۇنسۇرلارنىڭ ھەيۋىسى سۇنۇپ قالارمۇ ؟ مېنىڭچە، ئۇنداق قىلىش ئۆچمەنلىك ئۇرۇغىنى تېرىشتىن باشقا نەتىجە بەرمەيدۇ، خالاس.
         مەشھۇر دىنىي رەھبەر جىياۋ پۇچۇ تەخسىر مۇنداق دېگەن : « ئىلگىىرى”سول“ چىل ئىدىيىۋى ئېقىمنىڭ تەسىرىدىن دىنغا ھۆرمەت قىلىنمىغان، دىننىڭ ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئاكتىۋال مەزمۇنلىرى كەمسىتىلگەن بولسا ھازىر دىننىڭ مەدەنىيەت ئامىللىرى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە. دىن ئاۋال بىر خىل ئېتىقات ،شۇنداقلا بىر خىل مەدەنىيەتتۇر.دىننىڭ مەدەنىيەت ئامىللىرىنى تەكىتلىگەندە دىننىڭ ئىدىيىۋى ئېتىقات ئامىلىنى سۇسلاشتۇرۇشقا قەتئىي بولمايدۇ.مېنىڭچە، دىن سۇسلاشتۇرىلىدىكەن مەدەنىيلىكمۇ سۇسلىشىدۇ.ھازىر جۆۇڭگودا تۈرلۈك ناشايان ئىشلار ۋە رەزگىلىكلەر مەۋجۇت.مەسىلەن تۇرمۇشىمىزدىن مىسال ئالساق ئەخلاقنىڭ بەربات بولۇشى، ئېتىقاتنىڭ سۇسلۇشىشى، ئەمەلدارلاردىكى چىرىكلىك سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشىلەر دىنغا ئەمەس بەلكى ھوقۇق ۋە پۇلغا ئېتىقات قىلىدىغان بولۇپ كەتتى. ئامېرىكىنىڭ 3-نۆۋەتلىك پرزېنتى ، مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنى يازغۇچى جېففېرسون مۇنداق دېگەن : ”ئەخلاق جەمئىيەتنىڭ ئۇل تېشى، دىن ئەخلاقنىڭ قوغدىغۇچىسىدۇر“.   ئېتىقات يوق جەمئىيەتتە ھەرقانداق ”مۆجىزىە“ لەر يۈز بېرىدۇ. بىر ئېتىقاتى يوق ئادەم مۇبادا ئەخلاقنىڭ ئەڭ تۆۋەن سىزىقىدىنمۇ مەھرۇم قالسا ھەرقانداق رەزىل ئىشنى قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ».

          يەرشارىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋىردە ، دىنىي ئېتىقات ئەقلىيلىككە    ۋە ئالغا بېسىشقا ۋەكىللىك قىلىپ كەلمەكتە. ھازىرقى دۇنيادا دىن يوقىلىۋاتمايدۇ بەلكى يوقالماسلىقى كېرەك بولىۋاتىدۇ.چۈنكى، بۇ دۇنيا راستىنلا ئېتىقاتقا مۇھتاج بولماقتا.ئىنسانىيەت جەمئىيىتى «دىن مەدەنىيىتى »ھالىتىدىكى جەمئىيەتتىن «پانىي دۇنيا  مەدەنىيىتى » ھالىتىدىكى جەمئىيەتكە؛ جەمئىيەت باشقۇرۇشمۇ «ئىلاھ ئارقىلىق باشقۇرۇش» دىن «ئادەم ئارقىلىق باشقۇرۇش»قا ، ئاندىن « قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇش » قا تەرەققىي قىلدى.دىننى پانى دۇنياغا ئېلىپ كېلىش ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلماي قالمايدۇ.ئەمما ، دىننى پانىيلاشتۇرۇش ھەرگىزمۇ دىننى يوقىتىشتىن ، دىننى سۇسلاشتۇرۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەلبەتتە . بەلكى دىن ئۆزىدىكى ئاكتىۋال بولغان ئۆز-ئۆزىنى تەڭشەش ، ئۆزگىرىش ئارقىلىق زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى «زامانىۋىلىق ئېڭى» قاتارلىق روھى مەنبە بېلەن تەمىن ئېتىدۇ ياكى مۇشۇ جەرياننى «سىجىل تەرەققىيات» نىڭ ئاكتىپ مەنىۋى يوشۇرۇن كۈچى بېلەن قوللايدۇ.

        «دىننى پانىيلاشتۇرۇش» مۇنداق ئىككى قاتلاملىق مەنىگە ئىگە :
         بىرىنچىدىن، « پانىيلاشتۇرۇش» «ئىلاھسىزلاشتۇرۇش» نى كۆرسىتىدۇ.ئۇنىڭ مەنىسى ئەن-ئەنىۋى ئىلاھ قارىشىدىكى «چىقىرىۋېتىش» نى يەنى ئىلاھنىڭ سىمۋولىنىڭ چېكىنىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ شەرىتلىك بەلگۈلىرىنى يېشىشنى كۆرسىتىدۇ.كىشىلەر دىنغا تەلپۈنۈش جەريانىدا دائىم ئۇنى ئىلاھلاشتۇرۇپ، سىرلىقلاشتۇرۇپ  ۋە ئەپسانىلاشتۇرۇپ شەرھىلىگەن بولسا ھازىرقى كۈندە ئۇنى ئەقىلغە مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، رېئاللاشتۇرۇپ ، ئەسلىگە قايتۇرۇپ شەرھىلەش لازىملىقىنى تەقەززا قىلىدۇ.تەسسەۋۇردىكى ئىلاھ ئوبرازىنىڭ يوقىلىشىغا ئەگىشىپ قىممەت ئىلاھى ئاستا-ئاستا تىكلىنىپ، كىشىلەرنىڭ روھىيەت قۇرۇلمىسىدا يېڭىلىنىش بولىدۇ.بۇنىڭ بېلەن دىنغا ئېتىقات قىلغۇچىلار كىشىلىك دۇنيانىڭ پاسىلى ۋە روھىيەت دۇنياسىنى ساپلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ماددىي دۇنيا ۋە كىشىلىك تۇرمۇشتا «روھىيەت ماكانى» غا توختاۋسىز ئىنتىلىپ تۇرىدۇ.شۇڭا دىن«ئىلاھسىزلاشتۇرۇلغان» دىن كېيىنمۇ يەنە ماھىيەت جەھەتتىن ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ، دىننىڭ قىممەت سىستېمىسى يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋېرىدۇ.ئىككىنچىدىن،« پانىيلاشتۇرۇلغان» دىن يەنىلا دۇنياغا پائال تەسىر كۆرسىتىدۇ،رېئاللىققا قايتىدۇ، ئىنسانغا يۈز ئاچىدۇ.بۇ ئارقىلىق كىشىلىك دۇنياغا «ئىللىق»لىق ئاتا قىلىدۇ.شۇڭا ئۇنىڭ رېئال ئەھمىيىتى ۋە رېئال مۇناسىۋىتىنى تەكىتلەش كېرەك.مەسىلەن بۇددا دىنى رېئال جەمىيەتتە «دۇنياغا مېھرى-شەپقەت ئاتا قىلىپ»، «  زېمىنىنى پاكلاش»تۇرسا؛ خىرىستىيان دىنى «جەمئىيەت قاتنىشىش»يولى بېلەن  «بەخىتلىك جەمئىيەت» قۇرۇشتا رول ئوينايدۇ؛ ئىسلام دىنى « ئىككىلا ئالەمدە ساۋاپ تېپىش  كۆز قارىشى ئارقىلىق ، رېئاللىققا ئەھمىيەت بېرىش» ئېڭىنى تۇرغۇزسا، تەرىقەت دىنى « تەبىئي قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش يولى بېلەن ئەخلاق جەھەتتىن ئۆزىنى تاكامماللاشتۇرۇش»قا ئۈندەيدۇ؛ كاتولىك دىنى دېمىگراتىك مەكتەپ باشقۇرۇشنى ئۆگەتسە ، تىبەتلەرنىڭ لاما دىنى ئىبادەتخانىلاردا ۋەتەنپەرۋەرلىك ، قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقاتى ئېلىپ بارىدۇ. دېمەك، « پانىيلاشتۇرۇش» دىننى تېخىمۇ مۇپەسسەل، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ ساۋاپلىق يوللار بېلەن تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ،يېڭى دەۋىردە ئۆزىنى تېخىمۇ  يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇكى، ھەرگىزمۇ ”سۇسلاپ“ قالمايدۇ.

        باش شۇجى خۇجىنتاۋ مۇنداق دەيدۇ : « بىزنىڭ سېياسىي ساھەيىمىز ياكى ئىجتىمائىي ساھەيىمىزدە پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيلىقىغا چېتىلىدىغان بەش چوڭ مۇناسىۋەتنى چوقۇم ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك».بۇنىڭ ئىككىسى مىللەت ۋە دىنغا مۇناسىۋەتلىك.يېڭى دەۋىردىكى جۇڭگونىڭ دىنىي ئىشلىرىنىڭ ۋەزىپىسى  ئاساسلىقى «دىننى سوتسىيالىزم بېلەن ماسلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش » ، «دىنىي زاتلار بېلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى پائال رولىنى جارىي قىلدۇرۇش» دىن ئىبارەت. دىننىڭ ئاجابىي يوسۇندىكى ئىجتىمائىي ئىقتىدارى ۋە قىممەت جەھەتتىكى ئەھمىيىتىنى قانداق جارىي قىلدۇرۇشتا ئاۋال «ئېتىقات جەھەتتىكى باراۋەرلىك» نى ئىشقا ئاشۇرۇش، پەرىقلەرنىڭ بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىغا ئىنتىلىشتە چىڭ تۇرۇش، ئالاقە ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سۆزلىشىش ۋە ئېچىۋېتىشتەك جانلىق روھى ھالەتنى ساقلاش كېرەك.كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا ۋە كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتكە يۈزلىنىشتە ، جەمئىيەتنى ئېچىۋېتىشنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدىكى جۇڭگو پەقەت «قىممەتنىڭ بىرلا تەرىپى»گە ئېسىلىۋالماي دۇنيانىڭ مول ۋە رەڭگا-رەڭ ئىجدىمائىي ، ئىدىيە، مەدەنىيەت باغچىسىدا ئىناق بىرگە تۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشى كېرەك.دىن ماھىيىتىدىن  ئالاھىدە بىرخىل مەۋجۇتلۇق شەكلىنى ھازىرلىغۈان بولۇپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەر ئۇنىڭغا رەڭلىك كۆزئەينەك بېلەن قاراپ ، ئۆزى بىلگەنچە پەتىۋا پىچماسلىقى كېرەك. دىنغا قارىتا ئاددىي-قوپاللىق بېلەن ئىش تۇتۇلسا ياخشى ئىشنىڭمۇ يامىنىغا ئايلىنىپ كېتىشى ئېنىق.

         دىنىي كەڭ قورساقلىق، دىنىي ئەركىنلىك، ئېتىقات ئەركىنلىكى ئىدىيە ئەركىنلىكى، ۋىجدان ئەركىنلىكى ئۈچۈن موھىم يول ئاچىدۇ؛ ۋەھالەنكى، ئىدىيە ئەركىنلىكى، ۋىجدان ئەركىنلىكى بىزنىڭ ھازىرقى دۆلىتىمىزدە ئەڭ كەم بولىۋاتىدۇ.

مەنبەسى : http://blog.sina.com.cn/s/blog_6e28c66001017zcv.html
------------------------------------------ 
 
      تەرجىماندىن: مۇشۇ كۈنلەردە خېلى كۆپ تورداشلار تور ياكى تېلېفونۇمغا ئۇچۇر يوللاپ ئۆزى موھىم دەپ قارىغان تېمىلارنىڭ ئادرېسىنى قالدۇرۇپ، ئۇنى تەرجىمە قىلىپ مۇنبەرگە يوللاپ قويۇشۇمنى تەۋىسىيە قىلىۋاتىدۇ.ئۇلارنىڭ ياخشى كۆڭلىنى چۈشىنىپ تۇرساممۇ ئەمما ، ۋاقىت ئېتىبارى بېلەن تەۋىسىيە قىلىنغان تېمىلارنىڭ ھەممىسىنى تەرجىمە قىلىپ يوللاشقا ۋاقىت يېتىشتۈرەلمەي كەلگەنىدىم. نەچچە كۈن ئىلگىرى ئاز ھەم ساز يازىدىغان  köksöy ئىسىملىك «باغداش» ئەزاسى مەزكۇر تېمىنى تەۋىسىيە قىلىپ ئۇچۇر قالدۇرۇپتىكەن.مەن بۇ تېمىنىڭ خەنزۇچىسىنى بىر نەچچە رەت ئوقۇپ چىقىپ ، بۇ تېمىنى  رېئاللىقىمىز ئۈچۈن ھەقىقەتەن قىممىتى بار تېمىكەن دەپ قاراپ ،بىر كېچىلىك ئۇيقۇمدىن كېچىپ ئۇنى تەرجىمە قىلىپ پۈتتۈرۈپ روزا ھېيىتلىق سوۋغا سۈپىتىدە مۇنبەرگە يوللىدىم.تورداشلارنىڭ بۇ تېمىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ مۇلاھىزە قىلىش بېلەنلا قالماي يەنە ئۇنى ئەتراپىدىكىلەرگە كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىش يولى بېلەن ئۆزىمىزنىڭ دىنىي ئېتىقادىمىز ۋە مىللىي ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىزنى قانۇنلۇق قوغداشنىڭ ئاۋانگارتلىرىغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
      كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز، دىنىي ئېتىقادىمىز ۋە مىللىي ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىزنى قانۇنلۇق قوغداش جەھەتتە مەيلى مەملىكەت ئىچى ياكى سىرتىدا بولسۇن بىز تەرەپتە تۇرۇپ سۆزلەيدىغانلار ۋە بۇ ئىشقا ئىزچىل باش قاتۇرىدىغان مەسئۇلىيەتچان زىيالىيلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.بۇ ھال پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بۇ ھەقتىكى قانۇن-سېياسەتلىرىگە زىت يول تۇتۇپ ، مەركىزىي ھۆكۈمەت بېلەن يەرلىكتىكى ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ھاڭ پەيدا قىلىپ ، دۈشمەنلىك ئۇرۇقىنى چاچىدىغان، يەرلىكتىكى ھوقۇق بېشىغا چىقىۋالغان بىر ئوچۇم قارا قورساق ئوڭچى كۈچلەرنىڭ ھامان بىر كۈنى شەرمەندە بولۇپ، كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ  قانۇندا بەلگۈلەنگەن دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىنىڭ دۆلەت قانۇنى ۋە پارتىيە سېياسىتى تەرىپىدىن تولۇق ۋە توسقۇنسىز رەۋىشتە كاپالەتكە ئىگە بولىشى توللۇق ئەمەلگە ئاشقۇسى.
 
2012يىل17-ئاۋغۇسىت، ئۆزىمىزنىڭ ۋاقتى كېچە سائەت 3:5دە ئاقسۇدىكى كۈلبەمدە تاماملاندى.
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-17, 14:21
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-08-17 05:06 |
bozqir
پەرۋايىم پەلەك

دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 1208
نادىر تېما : 17
يازما سانى : 837
شۆھرەت: 4725 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 4749 سوم
تۆھپە: 2761 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2769 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2473(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يەرلىكتىكى ھوقۇق بېشىغا چىقىۋالغان بىر ئوچۇم قارا قورساق ئوڭچى كۈچلەرنىڭ...
---------------------------------------------------------

  يۇقۇردىكى ئىزاھاتتىكى «ئوڭچى » نى «سولچىل » دەپ تۈزىتىپ ئوقۇشۇڭلارنى سورايمەن.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-17 14:32 |
dastur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9022
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 48
شۆھرەت: 263 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 264 سوم
تۆھپە: 154 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 155 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 94(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەنمۇ  بىر نەچچە  كۈن ئاۋال  بۇ تېمىنىڭ  خەن تىلىدىكىنى  ئوقۇپ ، ھەقىقەتەن  تەرجىمە قىلىشقا  لايىق  تېمىكەن  دەپ قالغانىدىم ، سىز ناھايىتى  تىز  سۈرئەتتە  بۇ ئارزۇيۇمنى  ئەمەلگە ئاشۇرۇپسىز ، سىزگە  ئوخشاش  مىللەت ئۈچۈن ئەمەلىي  ھەرىكەت ئېلىپ  بارىدىغان ، ئۇيقۇسىدىن  كېچىپ تۇرۇپ  ئەمەلىي  نەپ يەتكۈزەلەيدىغان كىشىلىرىمىز  كۆپەيسە  دەيمەن ، بۇ ئەجرىڭىزنىڭ  ساۋابىنى خۇدايىم ئۆزى بەرسۇن
سۈكۈتنىڭ ۋاقتى ئۆتتى ، سەۋرنىڭمۇ چېكى بار !
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-17 14:35 |
yurt
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9600
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 15 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 15 سوم
تۆھپە: 8 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 8 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىزدە ھەقىقەتەن كەمچىل بولىۋاتقىنى ئىدىيە ئەركىنلىكى، ۋىجدان ئەركىنلىكى
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-17 14:45 |
sarsan88
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 600
شۆھرەت: 3074 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3102 سوم
تۆھپە: 1843 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1856 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 204(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

      قىلىچ ئاستىدىكى ئېتىقكاد ، قىلىچ ئاستىدائەمەس ئازراق نام  ، ھوقۇق  ، پۇل ئالدىدا ئادىميلىكىنى يوقىتىۋاتقانلا توللاۋاتقاندا  قىلىچ ئاستىدىكى ئېتىقانداق قانداق بولار :
     پېقىر تېخى تېمىىنى ئوقۇمۇدۇم ، بۇ پەقەت ماۋزۇغىلا يازغان ئىنكاسىم ، تېمىنى ئوقۇپ بولۇپ داۋاملىق  مۇنازىرىغا قاتنىشىمەن .
    
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-17 14:46 |
ozturuk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 860
نادىر تېما : 9
يازما سانى : 108
شۆھرەت: 833 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 821 سوم
تۆھپە: 459 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 460 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 63(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بوزقىر بىزگە نۇرغۇن ئەسەرلەرنى سۇندى ، نۇرغۇن  بىلىملەرنى بىلدۈردى ، ھەمدا باغداشتىكى بارلىق پىكرى ئۆتكۈر  تورداشلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى ، بارىكاللا بوزقىر !
   باغداش تورىدىكى بارلىق تورداشلار بوزقىرغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى ۋە مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن  ئالدىمىزدىكى قۇربان ھېيتتا  بوزقىرغا باغداش تورىدىكى تورداشلار نامىدىن بىر قوشقار ھەدىيە قىلساق قانداق ؟
   بۇ تەكلىپنى ئويلىشىپ باقساڭلار !
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-17 14:49 |
maslakdax
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5211
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 105
شۆھرەت: 550 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 550 سوم
تۆھپە: 325 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 325 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 268(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن.ئەپسۇس،يازغۇچى بۇنى پەقەت غۇلجىدىلا  يۈز بەرگەن دەپ ئويلاپ قالغانمۇ قانداق،پۇتۇن شىنجاڭدا،بولۇپمۇ جەنۇبى شىنجاڭدا ئەھۋالنىڭ كىشىنى چۈچۈتكىدەك دەرىجىگە يەتكىنىنى بىلىش ئۈچۈن ئاپتور ئۇيغۇر رايۇنىنى تەپسىلىراق زىيارەت قىلسا بولغۇدەك.
بوزقىر ئەپەندىنىڭ سەمەرىلىك ئەمگىكىگە تەشەككۈر.
simfoniya
سەھەر تۇرغانلار كەچتە خاتىرجەم.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-17 14:50 |
abdukorax
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8579
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 323
شۆھرەت: 1726 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1733 سوم
تۆھپە: 1026 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1033 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 404(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەتىگەن ئىنكاس ھالەتتە يوللىغىنىڭىزنى ئوقوغان ئىدىم.بۇ يولداش ھەقىقەتەن ئوبدان يىزىپتۇ.
ئەمما ھاكىمىيەت،ھۆكىمەت بىشىدىكىلەر بىشىدىكى يۇپۇرۇپلا يۈرىۋاتىدۇ...
ئەمدى زادى نىمە باردۇ ؟
ئاللا ئىگىمىز بىرەر يول،ئاسانچلىق بىرەر
istanbol
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-17 14:53 |
tay0999
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9211
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 12 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەخمەت جاپا چىكىپسىز،ئاللا ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-17 15:34 |
uyghur_biz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9213
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 115 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 115 سوم
تۆھپە: 68 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 68 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 42(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىزگە يۆرگۆزگەن ناھەق تۆزۆمگە قارتا خەنزۇ زىيالىسى لاڭ ياۋيۇەننىڭ ۋىژدان بىلەن، ھەق ناھەق قارىشى ئېنىق، ئادالەت تەرەپتە  تۇرۇپ سۆزلگىنىگە كۆپ تەششەككۆر ئېيتىش بىلەن بىرگە ئۆز قەۋمىنىڭ ھەق-ھۇقۇقى ئۆچۆن ئىزدەنگەن بوزقىر ئەپەندىمنىڭ تەرجىمىسىگە كۆپ رەخمەت دىمەي تۇرالمىدىم؟
[ بۇ يازمىنىuyghur_bizدە2012-08-17 15:59قايتا تەھرى ]
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-17 15:43 |
5003
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8908
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 95 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 95 سوم
تۆھپە: 56 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 56 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 50(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەلكۈيى تورىدىن تۆۋەندىكى بايانلارنىمۇ كۆرۈپ قۇيۇڭ!!!      ھىكايە <ئۆزگۈرۈش> ئاپتورى؛
شۇڭقار قادىر
بۇ ھەقىقىي بولغان ۋەقە. تارىخ نۇرغۇن مەدەنىيەت يارتىپ،نۇرغۇن مەدەنىيەتتىن مەھرۇم قىلغىندەك،ئىنسانلار ھەقىقەت يولنى بىلىپ تۇرۇپ، ھەقىقەت يولدىن چەتنەپ، ئۆزنى ۋە ئۆزگىنى ئازاپ- ئوقۇبەتتە قويۇپ ياشاپ ئوتىدۇ.
مەن بۇ ھىكايەمنى ئۆزنىڭ مەدەنىيتى ۋە دېنىنى قوغداپ ،  ھەق يولدىن ئاداشمىغان قىرىنداشلىرىمغا بېغىشلايمەن.

شاۋ ۋاڭ ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچسى بولۇپ ئىش ئورنىغا چىققاندىن كىيىن، تۇنجى سائەتلىك دەرسنى پۇختا تەييارلىق قىلىپ، سىنىپقا قەدەم باستى.ئۇ تۇنجى سائەتلىك دەرسىنى ئازراق تەمتىرەش، ھودۇقۇش ئىچىدە باشلىماقتا ئىدى:
-ساۋاقداشلار ياخشىمۇ سىزلەر؟
-مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز!
خەنزۇ تىلدا ئىپادىلەنگەن سالام سائەتتىن كىيىن، ئۇ سىنىپيىكى بارلىق سىتۇدىتلارغا تەكشى نەزەر سالغاچ، سىنىپ ئىچىنى بىر قۇر ئايلىنىپ چىقتى  ۋە تېزلا دوسكا ئالدىغا بىرىپ، ئۆزنى تونۇشتۇردى:
-ئىسمىم ۋاڭ جۇن، پادىشاھدىكى ۋاڭ، ئەسكەردىكى جۇن، ئۆتكەن يىل چىڭخۇا ئۇنۋېرسىنتىنىڭ«پىسخۇلۇگىيە» كەسپىنى تاماملاپ، بۇيىل مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش  ئېمتىھانغا قاتنىشىپ، ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئوتۇپ، پىسخۇلۇگىيە كافىدىراسىغا تەقسىم بولغان. بۇندىن كىيىن مىنى «ۋاڭ مۇئەللىم» دەپ چاقىرساڭلار بولىدۇ.
-توغرا، سىنىپتىكى ھەممەيلەن ئازسانلىق مىللەت ئوقوغۇچلارئىكەنسىزلەر، گىپىمنى چۇشەندىڭلارمۇ؟
-چۇشەندۇق مۇئەللىم، ھەممە دەرسلەر خەنزۇ تېلدا بولغاچقا ئاڭلاپ چۇشنەلەيمىز.
-ئوقۇش پۇتتۇرۇشكە يەنە بىر يىل قالدىغۇ دەيمەن؟
-شۇنداق- ئوقوغۇچلار بىردەك جاۋاپ بەردى.
-ناھايىتى ياخشى، چۇشنىكسىز ئورۇنلارنى سەل ئاستىراق سۆزلەي، بىز بىرلىكتە تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق بۇ دەرسلىكنى ياخشى ئۈگۈنەيلى؛ بۇگۇن ئوتۇلدىغان دەرس تېمىسى ئىنسانلار مېڭسىنىڭ ئاساسىي تۇزلىشى. ئىنسانلار بارلىق مەخلۇقلار ئىچىدىكى، ئەڭ تەرەققىي قىلغان مەخلۇق. مىڭە تەرەققىياتى ئۇلارنى بېئوسىفرادىكى ياشاش شارائىتىدا  ئەڭ كۈچلۈك قىلىپ ئۆزگەرتكەن....
بىر ماۋسۇم ئاخىرلىشىشقا ئاز كۇن قالغاندا، سىنىپنىڭ بىر قىتىملىق كوللىكتىپ پائالىيتى باشلاندى. ئويۇنغا ھېرىسمەن سىتۇدېنتلار ، ناخشا-مۇزىكنى تەييارلاپ، سىنىپ مەسئۇلى ھامۇت مۇئەللىم باشچىلقىدىكى، بارلىق  دەرس بېرۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ تەكلىپ قىلدى. ئولتۇرۇش رەسمىي باشلىنىپ، سىنىپ باشلىقىنىڭ رىياسەتچىلكىدە تۇنجى قىتىملىق نۇمۇر لەرزان ئۇيغۇر خەلىق ناخشى بىلەن باشلاندى. قىز،ئوغۇل ئوقۇغۇچلار ئۆزلىرى ياقتۇردىغان ساۋاقداشلىرنى ئۇسۇلغا تارتىپ، لەرزان پىقىراشقا باشلىدى.
-سىزلەرنىڭ مۇزىكا، ئۇسۇلىڭلارغا بەك مەسلىگىم كىلىدۇ، ھەقىقەتەن بۇرۇنقى مەدەنىيەتلىك خەلىق ئىكەنلىكىڭلار مۇشۇنىڭدىن ئىپادىلىندىكەن.مەن بۇنداق سەنئەتكە بەكمۇ قىزىقىمەن، مەنمۇ ئۇگەنسەم بولغۇدەك شۇنداقمۇ ھا مۇت مۇئەللىم.-دىدى شاۋ ۋاڭ.
-راس ۋاڭ مۇئەللىم، ئۇگۇنۇش ئاسان. بىر نەچچە نۆۋەت سەھنىگە چۇشكەندە ئۇگۇنەلەيسىز، ئۇقوغۇچلىرىڭىز بىردەمدە ئۇگۇتۇپ قويدۇ-دىدى جۇرئەت مۇئەللىم ۋە زامانىۋىي كىيىنگەن بىلەك،پاچاقلىرى ئوچۇق ئوتتۇرا ياندا ئولتۇرغان قىزنى چاقىردى:
-گۇلنار، بۇياققا كىلىڭ، ۋاڭ مۇئەللىم ئۇسۇل ئۇگەنمەكچى، سىز ياردەم قىلىپ ئۇگۇتۇپ قويۇڭ. بولامدۇ؟
-بولدۇ، چاتاق يوق. ۋاڭ مۇئەللىم خالىسا؟
-نېمە دىيشۋاتسىزلەر؟ مەن چۇشەنمىدىمغۇ؟
-بىز ئانا تېلدا پاراڭلاشتۇق، سىز ئاستا-ئاستا ئۇيغۇر تېلنىمۇ چۇشنىپ قالسىز؟ گۇلنار سىزگە ئۇسۇل ئۇگۇتۇشكە قوشۇلدى. چۇشۇپ ئويناڭ!
بىر قانچە قىتىملىق ئۇسۇلدا شاۋ ۋاڭ ئۆزنىڭ پۇت-قولنىڭ مۇزىكا رېتىمىغا كىلىپ قالغاندەك ھېسياتقا كەلدى. شۇ كۇنى تېخى گۇلنار بىلەن بىر نەچچە قول تانسا ئويناپ، ھاردۇقى چىققاندەك ھېسياتتا بولدى.
شۇ كۈندىن كىيىن، گۇلنار بىرقانچە قىتىم شاۋ ۋاڭنى ئىزلەپ كىلىپ، ھەرخىل  ئولتۇرۇشلارغا باشلاپ باردى، شۇ جەرياندا ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتى بارغانچە يېقىنلىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلدۇردى. شاۋ ۋاڭمۇ تۇنجى قېتىم يات بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيتىنى ئۇگۇنۇشنى مانا شۇنداق باشلىدى.
-ۋەي گۇلى ما؟ ياخشىمۇ سىز؟ مەن شاۋ ۋاڭ، بۇگۇن بېيجىڭدىن بىرقانچە دوستۇم شىنجاڭغا تەكشۇرۇشكە كەلگەن، سىز مەن بىلەن بىللە بارالامسىز؟ ئۇلار سىزلەر ئۇيغۇر  مېللىتنىڭ تامىقىغا ئامراقكەن، شۇڭا سىز بەلەن بىر جايغا باشلىشىپ بەرسىڭىز، ۋاقتىڭىز يېتەرمۇ؟
-بولىدۇ، مەنمۇ   ئېمتىھان نەتىجىسنى كۈتۈپ زېركىپ ئولتۇرغان، رىستۇران ئۇقۇشۇپ قويۇپ سىزگە تېلفۇن قىلاي، كەچتە كۆرۇشەيلى. كۆرۇشمىسەك ھېساپ ئەمەس-ھە!؟
مانا شۇنداق قىلىپ، ئىككى ياش بىر-بىر بىلەن چىقىشىپ، ئىزدىشىپ يۇرۇيدىغان بولدى.
ئۇزۇن ئوتمەي گۇلنار مەمۇرلۇق ئىېتىھانسىدىن ئوتۇپ، ئۈرۈمچىدە خىزمەتكە چۇشتى.گۇلنارنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ھاۋۇت، قارمايدىن بولۇپ كىچكىدىن خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان، ئېچكىردىكى بىر ئالىي مەكتەپتە ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى پۇتتۇرگەندىن كىيىن، ئۈرۈمچىدە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق باج ئىدارىسىدە خىزمەت قىلىپ، بىر نەچچە يىلدىن كىيىن، ئۆسۇپ باشقارما باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتاتتى. ئانسى راھىلە ئۈرۈمچىدە چوڭ بولۇپ، داڭلىق تېببى ئۇنۋېرسىنتنى پۇتتۇرگەندىن كىيىن، ئۈرۈمچى ۋىلايەتلىك دوختۇرخاندا ۋېراچ ئۈنۋانى بىلەن ئىشلەپ كىلۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ گۇلناردىن نئىبارەت بىرلا بالسى بولۇپ، ئۇلار بۇ قىزنىڭ كۆزگە قاراپ، ئەركە ئوستۇرگەن. شۇڭا بۇ قىز ھەرقانداق مۇھىتقا ماسلىشىش ئېقتىدارنى كىچكىدىن يېتلدۇرگەن ئىدى.
-گۇلى بىزمۇ ئارلاشقىلى بىر قانچە يىل بولدى، بىز توي قىلساق قانداق دەيسىز؟
-مەن بىرنەرسە دىيەلمەيمەن، ئويدىكلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ جاۋاپ بىرەي، مەن ئوز ئالدىمغا بىر نەرسە دىيەلمەيمەن؟بىز يات ئىككى مىللەتتىن، ئۆيلاشمىسام بولمايدۇ.ئاتا-ئانام بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بىر نىمە دەيلى، بولامدۇ؟
-ھازىر قايسى زامان؟  ئىككىمىز كىلىشكەندىن كىيىن بولدى، ئۇلار قېتىلماي نىمە ئامال؟
-شۇنداقتىمۇ، بىز ئوخشىمىغان ئىككى مىللەت، ئۇلارنىڭ رازىلقىنى ئىلشىم كىرەك. سىزمۇ شۇنداق قىلىڭ.
-مەن ئاتا-ئانام بىلەن كۆرۇشتىم، ئۇلار قىتىلدى، يەنە كىلىپ بىز توي قىلساق ھۆكۇمەتنىڭ نۇرغۇن پايدىلىق سىياسەتلىردىن بەھرىمان بولالايمىز، سىزنىڭچە قانداق؟
-يەنلا مەن ئاتا-ئانامنىڭ پىكىرنى ئالاي. بىز ئۆيلىنىپ ئىش كۆرەيلى.  
-ئۇنداقتا مەن سىزلەرنىڭ ئويگە سالامغا باراي، مىنى باشلاپ بىرىڭ.
-ياق!.بولمايدۇ. بۇ بىزنىڭ مەدەنىيتىمىزگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، بىر نەچچە كۇن كۇتۇڭ، ئانام ئارقىلىق، دادامنىڭ پىكىرنى ئالاي، بولامدۇ؟
-مەيلى بولمىسا.
گۇلنار شۇكۇنى ئانسنى ھوجۇرسىغا چاقىرىپ، كۆڭلىدىكىنى بايان قىلدى. راھىلە خانىم سەل ئۆيلىنىپ تۇرۇپ قالدى-دى،بىر خىل مەيۇسلىك ئېچىدە:
-بۇ قانداق بولار قىزىم، سىز ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟
-ئويلاندىم ئانا، يات مىللەت بولسا نىمە بولۇپتۇ؟ ھەممەيلەن بىر جۇڭخۇا مىللىتى ئەمەسمۇ؟ سەن ئۇنداق قالاق ئەمەسقۇ؟ ھازىر نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى خەنزۇ مەدەنىيتىنى قوبۇل قىلىپ، خەنزۇچە ياسنىپ يۇرۋاتمامدۇ؟!
-داداڭ نىمە دەر؟، بولىدۇ! داداڭ بىلەن كورۇشۇپ كىيىن بىر نەرسە دەيلى، سەنمۇ بۇرۇنراق ئارام ئال قىزىم.
راھىلە خانىم ئىرنى خىلى كۇتۇپ كۆزى ئۇيقيغا ئېلنغاندا بىنا ئىشىكى قاتتىق يىپىلىپ، ھارۇن مەس ھالدا ناخشا  سۆيگۈ مۇھەببەت ئىپادە قىلىنغان بىر خەنزۇچە ناخشىنى غېڭشقىنچە، ئۆيگە كىرىپ كەلدى.
-كەلدىڭىزمۇ؟ بىرنەچچە كۇن بولدى، مەسلە كىرۋاتسىز، بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق ، بۇنى قانچە قىتىم  دىدىم سىزگە. قىردۇق، بۇنداق ناچار قىلىقنى تاشلاپ، بىرۋاخ بولسىمۇ نامازنى باشلىۋالسىڭىز بولاتتى. ئۇ دۇنياغا....
-بولدى قىلە! كۇندە شۇ ۋات-ۋاتلىقىڭ! قاچان بىسقار دەيمەن، مۇشۇ زۇۋانىڭ؟نىمە ئۇ دوزاق-جەننەت دىگەنلەر؟
-  سىزگە ئامال يوق، ئەسلىنى شۇنداقمۇ يوقتارمۇ كىشى. راس بۈگۈن قىزمىز گەپ قىلدى، توي ئىشنى دەيدۇ. قانداق قىلساق بولار؟
-ياخشىغۇ ئىشكەنغۇ! بولىدۇ ،كىيئوغۇل جايدا بولسا بىز ئارلىشىپ يۇرمەيلى، يېڭى زامان ياشلىرى ئەمەسمۇ؟!....
-ئۇنىڭ تاپقىنى ئالىي مەكتەپتىكى  خەنزۇ يېگىت ئىكەن.
-نىمە؟ بۇ.....
-سەن ئوزۇڭ قاراپ بىر ئىش قىل! مەن ئارلاشماي، بولسا مۇسۇلمان بولسىغۇ مەيلىتى.....ھەي!
بىر نەچچە كۈن ئوتكەندە گۇلنار ئانسىنىڭ گىپىنى ئىلىپ، شاۋ ۋاڭ بىلەن كورۇشتى.
-سىز مىنى ياخشى كۆرەمسىز؟-دىدى گۇلنار ئەركىلەپ تۇرۇپ.-شۇنداق، بۇنمۇ سوراش كىتەمدۇ؟-دىدى شاۋ ۋاڭ كۇلۇپ چىرايىغا كۇلكە يۇگۇرتۇپ،-ئۇنداقتا سىز ئىسلام دىنىغا كىرىشنى خالامسىز؟
-ئىسلام دىنى،- دىن بىلەن بىزنىڭ توي ئىشمىزنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى؟
-بىزلەردە‹ نىكاھ › دەيدىغان بىر نەرسە بار، داداملار سىزنى ئىسلامغا كىرسۇن، قىزمىنى ئاندىن بىرمىز دەيدۇ؟
-شۇنداق، سىللەر ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلسزلەر، بولىدۇ، مەن قايسى دىندا بولسام بەرىبىرغۇ؟ مەن دىن دىگەنلەرگە زېنھار ئىشەنمەيمەن. شۇنداقتىمۇ ئۇگەنسەم بولدىغۇ؟
شۇ كۈندىن باشلاپ، شاۋ ۋاڭ مۇھەببەتنىڭ تۇرۇتكىسىدە، ئىسلام دىنغا مۇناسىۋاتلىك ماتىرىياللارنى يېغىپ، بىكار ۋاقتى چىقسا كورۇشكە باشلىدى.لىكىن كۆرۇپ تازا دىگەندەك چۇشنىش ھاسىل قىلالماۋاتاتتى. شۇ كۇنلەردە ئۇ بىر جۇمە كۈنلىكى بىر پىسخۇلۇگىيلىك سۇئالنى سوراپ، بىلۋىلىش ئۈچۈن جۇرئەت مۇئەللىمنى ئىزلەپ ماڭدى، جۇرئەت مۇئەللىمنىڭ ئالدىراپ  بىر پارچە گۈللىك رەخنى قولتىقىغا قېستۇرۇپ سىرىتقا ماڭغانلىقىنى كۆرۇپ، تەئەججۇپ بىلەن سوردى:
-ئالدىراپ نەگە ماڭدىڭىز، جۇ مۇئەللىم؟ ھەر ھەپتىنىڭ بەشى چۇشكە ئاز قالغاندا، سىزنىڭ سىرىتقا ئالدىراش ماڭغانلىقىڭىزنى كۆرمەن، نەگە باردىغاندۇ دەپ گۇمانلىنىپ قالدىم؟
- نامازغا، بىزنىڭ ئىسلام دىندا بۇ كۈنى چۇشتە جۇمە نامىزى ئوقۇلدۇ. بۇنى سىللەر بىلمەيسىلەر، لىكىن خۇيزۇ دوسلىرىڭىز بولسا بىلىدۇ.بۇ خۇددى سىزلەرنىڭ بۇدخانغا كىرىپ، تىلەك تىلگەنگە ئوخشاپ كىتىدۇ.بۇنى بىز" ناماز"دەيمىز،لىكىن، سىللەرنىڭ بۇدخاناڭلاردىن كۆپ پەرىق قىلدۇ. مۇناسىۋاتلىك بىلىمنى كىيىن دىيشىۋالايلى، ۋاقىت ئوتۇپ كەتمىسۇن، مەن ماڭاي.
-بىلدىم!، ئەمدى سىزنى يېڭى بىلىمگە ئۇستازلىققا تەكلىپ قىلاي؟ رەت قىلماڭ!
چاتاق يوق، جۇمەدىن يىنىپ ئەھۋاللىشايلى.
شۇكۈنى چۇشتىن كىيىن شاۋۋاڭ  جۇرئەت مۇئەللىمنى ئىزلەپ بىرىپ، ئىسلام ھەققىدە نۇرغۇن چىگىش مەسىللەرنى سۆراشقا باشلىدى.شاۋ ۋاڭ جۇرئەتنىڭ يىنىدا ئولتۇرۇپ، ئالدى بىلەن جۇمە نامىزىغا  بۇنداق بۇرۇن بىرىش سەۋەبىنى  سوراشتىن باشلىدى:
-سىز جۇمە نامزىغا بۇرۇن  بىرىپ نىمە قىلسىز؟
-مەسچىتتە، نۇرغۇن پىسخۇلۇگىيلىك مەسىللەر ئادەمنى قايىل قىلارلىق ھالدا شەرھىلىندۇ. ئىماملارنى، ئۇستا پىسخولۇگ دىيىشكە بولدۇ. ئۇلارنىڭ قاراشلىرى، قۇرئاندىن نەقىل كەلتۇرشى ئادەمگە يېڭچە پېسخۇلۇگىيلىك بىلىم ئاتا قىلدۇ، شۇڭا بۇرۇنراق بىرىپ تەپسىر ئاڭلايمەن، كىيىن قالسىڭىز ئورۇنمۇ قالماي، سىرىتتا قالسىز-تېخى!
-مەن ئالدى بىلەن ئۇيغۇر  تىل ئۇگەنسەم بولغۇدەك. سىز ماڭغا ئۇگتىشنى خالامسىز؟
-سىزدە ئىرادە بولسا تېزلام ئۈگۈنۇپ كىتەلەيسىز! مەن چوقۇم ياردەم قىلمەن. سىز تىرىشچان، زېھنى ئوتكۇر يېگىت، ئۇگۇنۇڭ، ئۇيغۇر بالىلارغا كۆپ دەرسكە كىرسىز، سىز چوقۇم مۇشۇنداق ئەۋزەللىكتىن پايدىلنىڭ، سىز بىر ياخشى پېسخولۇكقۇ!؟...
ئەتە شەنبە، مەن ئويڭىزگە بىرىپ سىزدىن تەلىم ئالاي دىگەن، نەدىن،قانداق باشلاشنى ئۇگەتكەن بولسىڭىز،سىزنىڭ ۋاقتىڭىز چىقارمۇ؟
-چىقىدۇ، ھازىرىقى دەۋىردە سىزدەك تىرىشچان كىشلەر ئاز  جىمۇ!
شاۋ ۋاڭ شەنبە چۇشتىن  كىيىن جۇرئەت مۇئەللىمنىڭ يڭل باشلىشى  بىلەن، بۇ ساپ دىل ئۇستازنىڭ ئويگە كەلدى. ئۇلار جۇرئەت مۇئەللىمنىڭ ئايالى ئەتكەن مىزلىك لەغمەننى كېكىرىپ يىيشيپ بولغاندىن كىيىن، جۇرئەت مۇئەللىمنىڭ كىتاپخانسىغا  كىرىپ ساۋاق ئىلىشنى باشلىدى.
-بىرىنجى قىلدىغىنىمىز،-جۇرئەت مۇئەللىم چۇشەندۇرۇشكە باشلىدى.-تاھارەت ئىلىش. ئالدى بىلەن....
ئەمدى بۇ مۇقەددەس كىتاپنى تۇتۇپ ئوقۇيمىز، ئىسلامنىڭ  ئاساسى ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىمان  ئىيىتش.
-قانداق ئىمان ئىيتىمەن. «ئىسلامغا كىردىم» دەپما؟
-ئالدىرماڭ! مۇنداق قىلسىز، چىن قەلبىڭىزدىن«لاھىلاھە ئىللەللاھ ھۇ مۇھەممىدۇ رۇسۇللا» دەپ تەكبىر ئىيتىسىز.
-لا....لا....-ئەجەپ ئاغىزى كەلمەيدىغانلا بىر گەپكەن!؟
-ئاستا-ئاستا كۈنۇپ قالسىز.
-ئالدى بىلەن ئۇيغۇرچىنى پۇختىلاي.
-ھەر ئىككىسنى تەڭ ئۈگۈنىڭ. زېھنڭىزنى يىغىڭ!
شۇندىن باشلاپ شاۋ ۋاڭ بىر تەرەپتىن كەسپى بىلمىنى ئۇگۇنۇشنى چىڭ تۇتسا، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر تېلنى ئۇگۇنۇپ، كۈنلىرنى مەنلىك ئۆتكۇزۋاتاتتى. بىر يىل  كۆزنى يۇمۇت-ئاچقىچە ئوتۇپ كەتتى .بۇخىل جېددىچىلىك ھالەتتە ئۇ تېلفۇننى ئىتىپ، سىرىت بىلەن بولغان ئالاقىغا چەك قويدى.ھەتتا گۇلى بىلەن بۇ بىر يىل ئىچىدە پەقەت ئىككى قىتىملا كۆرۇشۇپ، تاماقلىنالىدى.ئۇ جۇرئەت دائىم بىللە ماتىرىيال تەھلىل قىلاتتى، مۇنازىرلىشەتتى، ھەتتا بەزى كۇنلىرى، يېرىم كىچە بىلەن جۇرئەت مۇئەللىمنىڭ ئويدىن ياناتتى. جۇرئەت مۇئەللىممۇ، زېرىكمەي، شاۋ ۋاڭنىڭ بىلمىگەن جايلىرنى چۇشەندۇرۇپ، ئۇنى قايىل قىلمىغىچە تىركىشەتتى.ئىلاج بار شاۋ ۋاڭغا ئۇيغۇرچە سۆزلەپ، ئۇنىڭ ئاڭلاش ئېقتىدارنى ئۆستۇرۇشكە ياردەمدە بولاتتى. كافىدىرادىكى باشقا ئوقۇتقۇچلار ئۇلارنىڭ يېقىن مۇناسىۋىتىگە ھەۋەس بىلەن قارايتى. شاۋ ۋاڭنىڭ تېز سۇرئەتتە ئۇيغۇر تېلنى ئۆزلەشتۇرۋىلشى، باشقا خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قايىللىقنى قوزغايتى.
- سىز بۇ بىر يىلدىن بىرى ماڭغا كۆپ ئەجىر سېڭدۇردىڭىز، رەھمەت سىزگە!؟ شۇڭلاشقا بۇگۇن سىزنى بىر مېھمان قىلىپ كۆڭلۇمنى ئىزھار قىلاي دىگەن، ۋاقىت چىقىرالاسزمۇ؟ جۇ مۇئەللىم؟
-بۇنىڭغا ئەرزىمەيمەن، رەھمەت! يەنلا ئويدە ئايالىم ئەتكەن لەغمەن ھەممىدىن تەمېلىك. سىزمۇ بىرىڭ بىرلىكتە تاماقلانغاچ  مۇڭداشمايلىمۇ؟
-بەك ياخشى! بۇ لەغمەن دىگەن تاماقنى يەڭگەم بەك ئوخشىتىدۇ جىمۇ؟
-مانا ئۇيغۇر تېلنى شۇنداق راۋان سۆزلەيدىغان بولدىڭىز. سىزدىن پەخىرلىنۋاتىمەن.
-كەچتە بىللا ماڭايلى، سىزنى كۆپ ساقلاپ كىتەلمەيمەن جىمۇ؟
-ھازىر ئىككىمىزنىڭ دەرسى يوق، سىزدىن بىر نەرسە سورسام كۆڭلىڭىزگە كىلەرمۇ؟
-ياق-ھەي!سۆراڭ، بىلگىنىمچە سىزنى قايىل قىلمەن.
-مەن بۇ بىر يىلدىن بىرى سىزنى كۆزىتىۋاتىمەن، سىز باشقىلاردەك، ھاراق ئىچمەيدىكەنسىز، تاماكا ئېسىدىن قىچىپ تۇردىكەنسىز. ئەڭ مۇھېمى سىز دائىم چۇشتە، ئويگە قايتىپ ئويدىن تاماقلىنىپ كىلسىز. بۇ نىمەئۈچۈن؟
-ھاراق، تاماكا ئادەمنىڭ ئەقلىنى كىسىدۇ، بۇنى بىلسىز. ئويدىن تاماقلىنىشقا كەلسەك، سىزگە بىزنىڭ قەشقەر تەرەپتە ئىقىپ يۇرگەن بىر رىۋايەتنى سۆزلەپ بەرسەم ئاڭلاشنى خالامسز؟ مۇشۇ ئاساستا سىز سورغان مەسلىگە جاۋاپ بىرمەن.
-مەيلى، يېڭى بىلىم ئالغۇدەكمەن، قىنى باشلاڭ؟
«قەشقەر كوناشەھەر تەرەپتە تايخان غوجام دىگەن بىر كىشى ئوتكەن، بۇكىشى ئەۋلىيالىق دەرىجىسىگە يەتكەنلىكى ئۈچۈن، ھەممە خەلىقنىڭ  ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئىكەن. بۇ ئادەمنىڭ بەش ئوغلى بولۇپ، كىچىك ئوغلى تولىمۇ ئەقىللىق ئىكەن. بىر كۇنى جۇمە نامزىدىن كىيىن مەزىن ئەرىز ئەيتىپ، خوجامنىڭ يىنغا كىرىپتۇ.
-خوجام، سىلنىڭ كىچىك ئوغۇللىرى بۇگۇن مىنىڭ كۆڭلىمنى بەك غەش قىلدى. مەن ئەرزان ئېيتىپ يىنىپ كىرۋاتسام ئوغۇللىرى جامائەتنىڭ كالچىنى ئىككىگە ئايرىغىلى تۇرۇپتۇ. قاراپ تۇرسام«ماۋۇ داۋزىقى»،«ماۋۇ جەننىتى» دەپ ئايرىدى، كۆرمىگەن بولۇپ مەسچىتنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئىشىك يىنىدا قاراپ تۇرسام، مىنىڭ كالچىمنى دوۋزىقى قاتارىغا ئايرىۋاتىدۇ. بۇ نىمە ۋەقە ئۆزى؟....
-مۇنداق ئىشكەن-دە! سىز ئەنسىرمەڭ، مەن ئۆۇم ھەل قىلاي-دەپلا غوجىدارنى چاقىرىپ:
-سەن ئەتە كىچىك ئوغلۇمنى بازارغا ئىلىپ بىرىپ، بازارنىڭ نىنىنى يىدۇرۇپ  كەلگىن- دەپ تاپلاپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئەتىسى غوجىدار ئىشنى بېجىرىپ كەلگەنلىكىنى، خەۋەر قىلىپتۇ.
يەنە بىر جۇمە تايغان خوجام، ئوغلىنى .ئەگەشتۇرۇپ مەسچەتكە كىرىشتىن بۇرۇن ئوغلىغا:
-كالاچلارنى ئايرىپ بېقىڭ دەپ ئەمىر قىلىپتۇ. بالا پەقەتلا ئايرىيالماي، مەتۇسلىك بىلەن دادىسىغا بېقىپتۇ.»
-چۇشەندىڭىزمۇ؟
-چۇشەندىم، سىللەر ئىغىز ئەدەبىياتىغا بەكمۇ باي مىللەت ئىكەنسىلەر. ھەممىنى ھىكايە، رىۋايەت شەكلىدە ئىپادىلەپ،ئىبرەت قىلدۇردىكەنسىلەر. بۇ ئىيىتقانلىرڭىز مەسچىتتە ئىماملارنىڭ سۆزلىگىنىگە ئخشايدىكەن.
-دىنى سەۋىيەڭ كۇندىن-كۇنگە ئىشىپ بىرۋىتىپتۇ-ھە!
شۇنداق بولغاچقا بازار تامقىنى ئىلاج بار يىمىگەن تۇزۇك. ئائىلەم يىقىن، ئايالىم چاققان. بىز ئۇچ جان ھازىرغىچە مۇمكىنقەدەر سىرىتتىن تاماق يىيىشتىن، بەك ئىھتىيات قىلمىز. ئائىلە تامقى پاكىز، ھالال بولدۇ.
-چۇشەندىڭىزمۇ؟
ھەممە ئادەم سىزدە ئويلىسا سىزلەرنىڭ جەمئىيەت نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى-ھە!
بەش قول تەڭ ئەمەس، بولدى دەرسكە ماڭايلى.-ئۇلار قاقاقلاپ كۇلۇپ ، مۇڭداشقانچە سىنىپلارغا قاراپ يول ئالدى.
بۇ رىۋايەت شاۋ ۋاڭغا بەك تەسىر قىلدى. گغلنارنى كۆز ئالدىغا كەلتۇرگەندە، جۇرئەت مۇئەللىم ئايالى بىلەن رۇشەن سېلىستۇرما بولۇپ، كۆڭلى بىر قىسما بولاتتى. ئۆزلىكنى يوقتىۋاتقان بۇ قىزغا نىمە دىيشنى ئويلىشىپ، ئاىىر بىر قارارغا كەلدى-يۇ، نىمە دەپ ئىغىز ئىچىشنى بىلىپ بولالماي،ئىككى خىيال بولۇپ يۇرگەن كۈنلەردە، گۈلنار تېلفۇن قىلدى:
-شاۋ ۋاڭ مۇ؟ ياخشى تۇرۋاتامسىز؟‹ سۇغا چۇشكەن تاشتەك ›ئەجەپ كەم دىدار بولۇپ كەتتىڭىزغۇ؟ نىمەقىلۋاتسىز بۇ بىر يىلدىن بىرى تېلفۇننىمۇ تاقاپ؟....
-كەچۇرۇڭ! مەن سىزگە رەخمەت ئىيتىمەن، بۇگۇن كۆرۇشكەن بولساق، مىنىڭ بىر قانچە ئېغىز گەپلىرىم بار ئىدى.
-بولىدۇ.سائەت بەش بىلەن دوڭكورۇكتە .... ئاشخاندا كۆرۇشەيلى.
ئۇلار بەلگىلەنگەن ئورۇندا كۆرۇشتى. گۇلى بۇرۇنقىدىن خىلىلا سەمىرىپ، تېخىمۇ گۇزەللەشكەن، تولغان بەدەن ئادەمنىڭ ئېختىيارسىز مەيلىنى تارتاتتى.
-مەن سىز بىلەن....-شاۋۋاڭ نەدىن گەپ باشلاشنى ئۆيلىنىپ ئۇلگۇرمەستە، گۈلنار ئىغىز ئاچتى.
-بىلمەن، يىراقتىن بولسىمۇ، ئەھۋالىڭىزنى ئىگەللەپ تۇردۇم، داداملارمۇ سىزنىڭ ئىش-ھەركىتىڭىزنى ئاڭلاپ تەسىرلەندى. دادام پېنسىيگە چىقىپ، ناماز باشلىدى، سىزنىمۇ جۇرئەت مۇئەللىم بىلەن مەسچىتكە كىرىپ-چىققانلىقىڭىزنى كۆرۇپتۇ، شۇڭا سىزنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپتۇ. بىز غەلبە قىلدۇق. تويغا تەييارلىق قىلساق بولىدۇ.
-ياق، بۇنىڭ ئەكسىچە مەن سىز بىلەن ئايرىپ كەتمەكچى. مەن سىزدەك سىياقى مۇسۇلمان، قىلمىش-ئەتمىشى يات، ئەسلىنى يوقاتقان بىر قىزنى، سىزنىڭ ئاشۇ ئائىلڭىزنى قوبۇل قىلالمايمەن. مەن بىر مۇسۇلمان بولدۇم، ھەقنى بىلدىم. مىنىڭ بىردىنبىر ئېنتىلدىغىنىم  پەقەت بىر ئاللاھ. ئاللاھدىن باشقا ھەممىسى مەن ئۈچۈن كېرەكسىز.سىزنىڭ بىر ياخشى مۇسۇلمان بولسىڭىزنى،ئۆزىڭىزنى تىپىۋىلشىڭىزنى  ئۇمۇت قىلمەن. خوش، ئاللادىن دىلڭىزغا ئېمان-ھەقىقەت نۇرۇ تىلەيمەن.
شاۋ ۋاڭ ئورۇندىن تۇرۇپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ گۇس-گۇس دەسسەپ يۇرۇپ كەتتى. گۇلنار گويا بىشىدا دوزاق مۇھەككەللىرى قاراپ تۇرغاندەك، تىنىگە تېتىرەك بىسىپ، ھوكۇرەپ يېغىنى باشلىۋەتتى.
ھەپتتە ئوتۇپ، شاۋ ۋاڭ جۇمەدىن يىنىپ چىققىچە ھاۋۇت بىلەن دوقارىشىپ قالدى.
-شاۋ ۋاڭمۇ سىز؟ تىنىچلىقمۇ؟
-مەندىن خەنزۇچە ئەھۋال سۆرماي، ئۆز تېلڭىزدا ئەھۋال سۆراڭ. مەنمۇ ئۇيغۇرچە بىلمەن.
-ھە! شۇنداقمۇ؟ مەن تېخى....
-مىنى ھېچنەرسە بىلمەيدۇ دەپ قارامتىڭىز؟
-قىزىم بىلەن ئىككىڭلارنىڭ توي ئىشىغا قوشۇلدۇم. ئەلچى ئەۋەتىڭ؟ بولسا بىز ئولتۇرۇپ بىر مۇڭداشقان بولساق،بولامدۇ؟
-سىزگە قىزىڭىز دىيىشنى ئۇنۇتۇپ قالغان ئوخشايدۇ، مەن سىزدەك بىر دىنسىزنىڭ  قىزىڭىز بىلەن توي قىلالمايمەن. خوش ئەمىسە!-شاۋ ۋاڭ مىڭىشقا تەمشەلگەندە، ھاۋۇت زەردە بىلەن خەنزۇچە چالۋاقىدى:
-ما جوھۇت، بىر ئىككى كۇن مۇسۇلمان بولۇپ، نىمە چوڭ سوزلەيدۇ؟....
-«جوھۇت» !سىزدەك ئۆزنىڭ كىملىكنى، ئۆز ئىتقادىنى قەدىرلەشنى بىلمەي، شامال ئۇچۇرغان قامغاقتەك ئۇچۇپ يۇرۋاتقانلارنى شۇنداق دەيمىز.سىزدە ئىمان-ئىتقاد دىگەندەك نەرسە بارمۇ؟.... ئاللادىن قورقۇپ باقتىڭىزمۇ؟ سىز جوھۇتمۇ ياكى ......؟!
ھارۇن تېتىرگەن پۇتلىرنى ئاران يۆتكەپ، كوچا سەرسانلىرىدەك يۇرۇپ كەتتى.
مەنبە: قەلىمىم
2012-يىلى مارت
-
ئۈرۈمچى

                                                  
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-17 16:02 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12345»Pages: 1/29     Go
Bagdax bbs » كۆڭۈلدىكى سۆز