saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 7370 قېتىم كۆرۈلدى
qaptikax
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6463
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 48
شۆھرەت: 282 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 286 سوم
تۆھپە: 166 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 170 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 40(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما kokturuk تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-08-21)
ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسى

ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق

 

1.     
يېقىنقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتى


19 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئېتبارەن ئىنسانىيەت دۇنياسى غەربىي ياۋرۇپادا ئوتتۇرىغا چىققان سانائەتلىشىش – زامانىۋىلىشىش دولقۇنىنىڭ تەسىرىدە ئاستا – ئاستا ياكى تېز سۈرئەتتە ئەنئەنىۋى جەمئىيەت ۋە تۇرمۇش شەكلىدىن سانائەتلەشكەن ، زامانىۋىلاشقان يېڭىچە جەمئىيەتكە ئۆتۇشكە باشلىدى. ئالدىن تەرەققىي قىلغان غەربنىڭ كېڭەيمىچىلىكى ۋە بېسىمى تەسىرىدە ئۇلارنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئۆرنەك قىلىپ تەرەققىي قىلغان چار روسىيەگە ئوخشاش دۆلەت – ئىمپېرىيىلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا دۇچار بولغان مەركىزىي ياۋرۇ – ئاسىيالىقلار تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا مۇنقەرز بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سوتسىئال – كۈلتۈرەل قۇرۇلمىسىدا ئىسلاھاتلارنى باشلايدۇ. چېچىلاڭغۇ، تەشكىلاتسىز، چۆككەن ئىقتىسادىي سېستىمىسى ۋە دوگمىلىشىپ دەۋر تەلەپلىرىنى قاندۇرۇشتىن ئۇزاق قالغان مائارىپ سېستىمىسىنى ئۆزگەرتىش، يېڭىدىن تەشكىللەش، غەرىبتىكى مەنىدە يېڭىدىن مىللەت يارىتىش مەقسىتىدە جەدىتچىلىك دەپ ئاتالغان ھەرىكەتنى باشلايدۇ. قىرىم – قازان – ئىستانبول ئۈبۇلۇڭدا تەرەققىي قىلغان بۇ ھەرىكەت تېز سۈرئەتتە پەرغانە، تارىم ۋادىلىرىغا، قىپچاق دالالىرىغا كېڭىيىدۇ. پەقەت رۇسىيەدە ئوتتۇرىغا چىققان ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ سول قانىتى مەلۇم مەزگىل ئاكتىپ بولغان بولسىمۇ، سىتالىننىڭ بولشىۋېكلار پارتىيىسىدە تامامەن كاتتىباش بولۇشى بىلەن پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈلۈپ ئاقىۋەتتە يوق قىلىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بۇ ھەرىكەت تەسىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ زامانىۋى مىللەت بولۇش ئارزۇسى ئۇلارنىڭ ئېسىگە ئۆچمەس تامغا شەكلىدە ئورناپ قالغان بولىدۇ. لېنىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن سىتالىنىزىم نەزەرىيىسى ۋە ئىدېئولوگىيىسى رامكىسىدا مەركىزىي ئاسىيالىق ئاھالىلەر يېڭىدىن مىللەتلەرگە ئايرىلىدۇ. بۇ جەرياندا، تامامەن رۇس مۇستەملىكىسىدە بولمىغان، لېكىن ئۇلارنىڭ تەسىرىدە قالغان تەڭرىتاغلىقلارمۇ ئۆز نېسىۋىسىنى ئالىدۇ.




شۇنداق قىلىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب – شىمالىدا دېھقانچىلىقنى ئاساس، سودا ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىكنى قوشۇمچە تىرىكچىلىك ۋاستىسى قىلغان يەرلىك خەلق 1920 – يىلىدىن كېيىن رۇسلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا يېڭىچە مىللەت يارىتىش دۇلقۇنىنىڭ تەسىرى ۋە رۇس تۈركولوگ، ئىدېئولوگلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۈركىي تىللىقلارنىڭ تارىخىدىكى تارىخىي نام «ئۇيغۇر» نامى بىلەن يېڭىدىن زامانىۋى مىللەت بولۇش يولىغا ماڭغان. يۇقىرىدا قەيت قىلىنغاندەك، ياۋرۇ - ئاسىيا جۇغراپىيىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان جەدىتچىلىك ھەرىكىتى ئەسلى ئۆزلىرىدە بار بولغان، پەقەت ئىسلامىيەتنىڭ ئۈممەت – مىللەت قارشىنىڭ تەسىرىدە سۇسلىشىپ ئاجىزلىغان «بۇدۇن» ياكى «ئۇلۇس» ئېڭى ئاساسىدا ئوخشاش تىل ۋە كۈلتۈر سېستىمىسىدىكى ياۋرۇ – ئاسىيا جۇغراپىيىسىدە تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان تۈركىي تىللىقلاردىن زامانىۋى «تۈرك» مىللىتى يارىتىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، بۇ جۇغراپىيىدە ئوتتۇرىغا چىققان باشقا ئىنقىلابلار نەتىجىسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان ئىدى. لېكىن، بۇ ھەرىكەتنىڭ تەسىرى ناھايىتتى چوڭ بولغان. چۈنكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن ياكى يەنە شۇ يىللاردا بۇ رايۇندىكى خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ كىملىك ئىدراكىدا ئاۋام (ئاساسەن) دېھقانچىلىق بىلەن مەشغۇل بولىدىغان باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا، ماكانداشلىقنى ئاساس قىلغان كىملىك كۆز قارىشىنى ياكى «ئۈممەتىي مۇسلىم» دۇنيا قارشى بويىچە ئۆزلىرىنى «كاشغەرلىك»، «ئاقسۇلۇق»، «ئەندجانلىق»، «تۇرپانلىق»، «خوتەنلىك» ...ياكى «مۇسۇلمان» شەكلىدە تەرىپلىشەر ئىدى. پەقەت بۇ يۇرتلارنىڭ تولغان زىيالىرى تەرىپىدىن «تۈرك» شەكلىدە ئىدراك قىلىنغانلىقى، باشقۇرغۇچىلىرى تەرىپىدىن بولسا «چەنتۇ» دەپ ئاتالغانلىقى تارىخىي يادىكارلىقلاردىن مەلۇم.




غەرىبتە باشلانغان سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان باشقا ھەرخىل ئىدىئولوگىيىلىك ئىنقىلابلار تېز سۈرئەتتە شەرققە يامرىغان. غەربنىڭ ياكى زامانىۋى مەنىدىكى «مىللەتلىشىش» دولقۇنىنىڭ تەسىرىدە، ياۋرو – ئاسىيادا ياشاۋاتقان تۈرك تىللىقلارنىڭ زىيالىيلىرىمۇ يۇقىرىدا نامى تىلغا ئېلىنغان «جەدىتچىلىك» نامىدىكى زامانىۋىلىشىش ھەرىكىتىنى باشلىتىپ، ئالدىن سانائەتلىشىپ تەرەققىي قىلغان «زامانىۋى مىللەتلەر كارۋىنى»غا قېتىلىشقا تىرىشقان. پەقەت تۈركىي تىللىقلارنىڭ ئەڭ شەرقىدە قالغان تەڭرىتاغلىقلارنىڭ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، 18 – ئەسىردە باشلانغان ئىچكى ئۇرۇش ۋە سىرىتنىڭ تاجاۋۇزى نەتىجىسىدە ھالسىرىغان، قانسىرىغان بۇ ئاھالە رايۇنىنىڭ غەربىدىكى قېرىنداشلىرى، دىنداشلىرى ئارىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان مۇسبەت ئۆزگىرىش ۋە يېڭىلىقلاردىن ئىلھام ئېلىپ ئېنىرگىيە توپلاشقا غەيرەت قىلغانلىقى، غەربىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ كۈنسايىن زورايغان «جەدىتچىلىك» ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىدە، مائارىپ سېستىمىسىنى يېڭىلاشقا، يېڭى نەسىللەرنى ئەسىرىنىڭ تەرەققىي ئىلىملىرى بىلەن سۇغۇرۇشقا، تاۋلاشقا تىرىشقانلىقى، مۇساباي پەرزەنىتلىرىدەك سۆدىگەرلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي ‹‹ ئال- ساتچىلىق ›› ىنى ‹‹ ئىشلە/ياسا/
سات››ئەندىزىسىدىكى سانائەتچىلىككە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ھەرخىللىشىش ۋە سەرخىللىشىشىغا تۆھپىسىنى قوشقانلىقى بىلىنىدۇ. يەنە مەسئۇد سەبىرىدەك چەت ئەللەردە يىللارچە ھىجرەتتە تۇرۇپ ئىلىم تەھسىل قىلىپ ۋەتەنگە قايىتقان يۇرت ئوغلانلىرىنىڭ خەلقنىڭ يارىسىغا داۋا، دەردىگە شىپا بولۇش ئۈچۈن ‹‹ كەسىپ ئۆزگەرتىش ›› كە مەجبۇر بولۇپ، كۈلتۈر ۋە سىياسەت سەھنىسىدە ئاكتىپ بولغانلىقى ھەم مەلۇم. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە زامانىۋى مىللەت بولۇش، جاھان مىللەتلىرىنىڭ كەينىدە قالماسلىق ئىزتىراپلىرىنىڭ ياكى شانلىق تارىخىدىن ئالغان ئىلھام، مەسئۇلىيەت- ئەجدادىغا لايىق ئەۋلاد، ئەۋلادىغا لايىق ئەجداد بولۇش قايغۇسى ئىتتىرگۈچ ئېنىرگىيە بولغان. بۇلاردىن باشقا، رايۇننىڭ شەرقى ۋە غەربىدە ئوتتۇرىغا چىققان، چىقىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرمۇ بۇ جەمئىيەتكە سىرتتىن ھەرخىل شەكىللەردە تەسىر قىلىپ تۇرغانلىقى ئاشكارا ئىدى.




قىسقىسى، ئۆتمۈشتە شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان تارىملىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇشبۇ يىللاردا ئۆز ئوربېتىسىدا مىللىي ئەنئەنىسىگە مۇناسىپ مىللەتلىشىشكە شۇ قەدەر تېرىشقان بولسىمۇ، ئەسىرلەر مابەينىدە داۋام قىلغان جەڭگى-جېدەللەر ( ئىچكى- تاشقى ئۇرۇشلار ) جەريانىدا ۋەيران بولغان ئىقتىساد، گۇمران بولغان كۈلتۈر- مائارىپ سىستېمىسى ۋە جاھالەت؛ ئوچۇق دېڭىزدىن ئۇزاق جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە ياۋۇز كۈچلەرنىڭ كۆزلىرىنى قىزارتىدىغان سىتىراتىگىيىلىك ئورنى ۋە پۈتمەس يەر ئۈستى- ئاستى بايلىقلىرى؛ مەدەنىي مىللەتلەر بىلەن قوشنا بولالمىغانلىقىدەك ... رېئاللىقى ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىگە داغ، كۆزلىرىگە قان ۋە ياشنى، قەلبىگە ئاچچىق نەپىرەتنى بەخشەندە قىلىپ، ئەمەليەتتە ‹‹ چالا ئۆلۈك ›› مىللەت قىلىپ قويغان. ئۇيغۇر جەمئىيىتى زامانىۋى مەنىدىكى ‹‹ مىللەتلىشىش ›› نى تاماملىيالمىغانلىقى تۈپەيلى، ئۆزىنىڭ مىللىي ئوربېتىسىغا مۇناسىپ ‹‹ زامانۋېلىشىش ›› نى تاماملىيالماستىنلا ج ك پ رەھبەرلىكىدىكى يېڭى دەۋرگە كىرىپ كەلگەن. يېڭى دەۋردە گەرچە ئاپتونوميىسى بار بولغان بىر مىللەت بولغان بولالىغان بولسىمۇ، بۇ ھال ئۇلارنىڭ زىيالىيلىرى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتبارەن، زامانىدىكى مىللەتلەرگە ئوخشاش زامانىۋى ‹‹ مىللەت ›› بولۇش ئويى ۋە نىشانىدىن خېلىلا ئۇزاقتا قالغان مىللەتلىشىش جەريانى بولۇپ قالغانىدى.




كېيىنكى يىللاردىكى، خۇسۇسەن كۈنىمىزدە مەملىكەت مىقياسىدا كۈنسايىن كۈچەپ ئىجرا بولۇۋاتقان سوتسىئال –كۈلتۈرەل پۈتۈنلىشىش جەريانىدا، بىر قىسىم يېتەكچى ئېقىم زىيالىيلىرى ‹‹ مىللەت / 民族 ›› ئاتالغۇسى ۋە ئىپادە قىلغان ياكى قىلىشى كېرەك بولغان مەنىسىنى مۇنازىرىگە ئېچىپ، بۇ خىل  ‹‹ مىللەت / 民族 ›› ئاتالغۇسىنىڭ ئۇيغۇرچە ياكى غەرپ تىللىرىدىكى ‹‹ مىللەت /  Nationality›› مەنىسىدە ئەمەس، ئەكىسىچە غەرپ تىللىرىدىكى‹‹/ Ethnic Group ئېتنىك گۇرۇپپا ››①بولۇشى كېرەكلىكىنى، بۇنى خەنزۇ تىلىدا ‹‹ /族群ئېتنىك گۇرۇپپا ›› دەپ ئاتاشنى، ‹‹ /少数民族ئاز سانلىق مىللەتلەر ›› نىڭ ‹‹ /少数族群 ئاز سانلىق ئېتنىڭ گۇرۇپپا ›› دەپ ئاتىلىشىنىڭ شەرتلىكىنى كۈچەپ ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.② بۇ مەنىدىكى ‹‹ مىللەت ›› بىلەن كۈنىمىزدىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلار ئىدراك قىلىۋاتقان ‹‹ مىللەت ›› بىر-بىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان مەزمۇن ۋە ھوقۇقلارغا ئىگە بولغان. باشقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا، يېتەكچى جەمئىيەتتىكى كۆپسانلىق زىيالىيلارنىڭ كۈتۈشىدە ، ئۇيغۇر قاتارلىق ئازسانلىق مىللەتلەر نىسبەتەن ئۆزىگە خاس، ئۆزگىچە مۇكەممەل سوتسىئال – كۈلتۈرەل قۇرۇلمىسى بولغان بىر ‹‹ مىللەت ›› - ‹‹ جەمئىيەت ›› ئالاھىدىلىكىدە ئىزچىل تەرەققىي قىلىشنى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇ خىل ئالاھىدىلىك ۋە خاسلىقنى ئاستا-ئاستا ياكى تېز سۈرئەتتە يوق قىلىپ، يېتەكچى جەمئىيەت سوتسىئال-كۈلتۈر سېستىمىسىغا ئائىت قىممەتلەرنى كۈلتۈر ئەندىزلىرىنى كۆپلەپ قۇبۇل قىلىپ كەلگۈسىدە ئۇنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلانغان ‹‹ ئېتنىك گۇرۇپپا ›› يۆنلىشىدە تەرەققىي قىلىشتۇر. كۆپسانلىق ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ كۈتۈش ياكى ئارزۇسى بولسا خاسلىق ۋە ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغان كۆپكۈلتۈرچى ( Multicultur / 多元文化  )


ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە قۇرۇلغان سۇلالە، خانلىق ۋە ئىمپىراتۇرلۇقلارنىڭ ئەسىرلەر مابەينىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ۋە نەتىجىسىدىن قارايدىغان بولساق، ھەقىقەتەنمۇ تاق خىللىشىش، خۇاشىيا مەركەزچىلىكىدە پۈتۈنلىشىش جەريانى ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ. كېيىنكى 60 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى، خۇسۇسەن بازار ئىقتىسادى دەۋىرىگە كىرىلگەن 20 يىللىق جەرياندا مەملىكەت مىقياسىدىكى مىللەتلەرنىڭ بارغانسىرى ‹‹ ئېتنىك گۇرۇپپا ›› كىملىكى يۈنلىشىدە ئىلگىرلەۋاتقانلىقى ياكى بۇ يۆنلىشكىلا يېشىل چىراغ يېقىلغانلىق رېئاللىقى ناھايىتى رۇشەن كۆزگە چېلىقىدۇ. كۆپ مىللەتلىك ئەنئەنسىگە ماس كۆپكۈلتۇرچىلىكنىڭ ( Multicultur / /多元文化  )  ۋاز كېچىلىۋاتقانلىقى، يەنى مىللىي كىملىكلەرنىڭ ئېرىش، كىچىكلەش، ئورۇقلاش ۋە ياكى قېتىلىپ كېتىش باسقۇچىغا قەدەم قويۇلۇۋاتقانلىقى رۇشەنلىشىپ بارماقتا. ئەگەر بۇ خىل تەرەققىيات داۋام قىلىدىغان بولسا، ئاقىۋەتتە ئەسلىدە ‹‹ مىللەت ›› سۈپىتى ۋە دەرىجىسى بولغان ئاز سانلىق مىللەتلەر يېقىن كىلەچەكتە ‹‹ جۇڭخۇا مىللىتى ››③  تەركىبىدە، بەزى كۈلتۈرەل پەرقلىرى تۈپەيلى ئاساسىي يېتەكچى مىللەتتىن مەلوم جەھەتلەردە ( ئېھتىمال پىسخولوگىيە، فىزىئولوگىيە، كۈلتۈر، قىسىمى ئۆرپ- ئادەتلەر ) پەرقى بولغان مەنىسىگە ماس ‹‹ ئېتنىك گۇرۇپپا ›› بولۇپ قېلىشى مۇقەررەر. كۈنىمىزدە، جۇڭگۇدىكى ئاساسلىق چوڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلار جەمئىيتىنىڭمۇ ئىجرا قىلىنىۋاتقان سىياسەتلەر ۋە يۆنىلىشلەر نەتىجىسىدە بۇ جەرياننىڭ سىرتىدا قالالمايدىغانلىقى ئۇيغۇر جەمئىيتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە چىقىۋاتقان سوتسىئال- كۈلتۈرەل ئۆزگىرىشلەردىن مەلۇمدۇر.








يېقىنقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى مىللىي ئوربىتىسىدىن ئۇزاقلاشمىغان، مىللىي ئەنئەنىگە باپ كېلىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسى يۇقىرىدا توختالغان سەۋەپلەر تۈپەيلى كامالىغا يەتمەستىن توختاپ قالغان. لېكىن، جەمئىيەتتە ئۆزگىرىش، پارچىلىنىش ۋە بۆلۈنۈش ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان ئىدى. پەقەت پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغىچە كېڭەيگەن ۋە جەمئىيتىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغىچە كېڭەيگەن ۋە مەلۇم بىر خىل ئىدېئولوگىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر تۇتاش ئۆزگەرتىش ياكى يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىش پەقەتلا 1955- يىلى قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە بۇ رايون مىقياسىدا ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان رەسمىي ئىدېئولوگىيەنىڭ ئىجرائاتلىرى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن. ئۇيغۇر جەمئىيتى خېلى ئۇزۇن ئەسىرلەردىن كېيىن تۇنجى قېتىم بىر خىل يېتەكچى ئىدىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە بىر تۇتاش ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ، تارىخىدا يېڭىچە بىر سەھىپە ئېچىلغان ياكى ئېچىشقا داۋام قىلىنغان. بۇ خىل ئۆزگىرىش ياكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىلغان ئۆزگەرتىش قاراخانىيلار دەۋىرىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان بولۇشى ھەم ئېھتىمال. مانا مۇشۇ جەرياندا كۈتۈلگەن ھەرخىل سىياسەت ۋە ئىجرائاتلار نەتىجىسىدە، جەمئىيەتتە كۆرۈلمىگەن يېڭچە گورۇپپىلار، تەبىقىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. بولۇپمۇ ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش يىللىرىدىن كېيىن ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىر تەرەپتىن گۈللەپ-ياشناش باسقۇچىغا كىرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ جەريان يەنىلا كامالىغا يېتەلمىگەن . 1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا باشلانغان ھەر ساھەدىكى گۈللەپ- ياشناشنىڭ ئورنىنى 1990-يىللاردا باشلانغان چېكىنىشلەر ئالغان. سوتسىئال- كۈلتۈرەل قۇرۇلما، رادىكال قارارلار رامكىسىدا قوپاللىق بىلەن ئۆزگەرتىلىشكە باشلانغان. ماقالىمىزدا توختالماقچى بولغان كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈكمۇ مۇشۇنداق ئۆزگىرەش  ياكى ئۆزگەرتىشلەر جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان



2. كۈنىمىزدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى






جەمئىيەتتىكى ئۆزگىرىشنى ۋە ئۆزگىرىش ئەسناسىدا ئوتتۇرىغا چىققان ھەرخىل ئىجتىمائىي گۇرۇپپىلارنى، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان بىلىم – جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغىنىمىزدا، مەۋجۇت ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇ بىلىم تەتقىق قىلىدىغان ساناقسىز خام ماتېرىيال مەنبەسىنى تەمىنلىمەكتە، پەقەت بۇ مىللەت ئىچىدىن يېتىشكەن زىيالىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ  جەمئىيەتشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق ۋە پىسخولوگىيە قاتارلىق نازۇك پەنلەردە ئەمەسلىكى بولسا بۇ خىل بايلىقنىڭ قېزىلىشىدا ياكى ئىشلىتىلىشىدە، تېخىدىنمۇ ئوچۇق قىلىپ ئېيىتقىنىمىزدا، بۇ ھادىسلەرنى ئۇشبۇ بىلىملەرنىڭ مېتودولوگىيىسى بىلەن تەكشۈرۈپ، نەزەرىيە رامكىلىرى ئىچىدە تەتقىق ۋە تەھلىل قىلىپ ئەڭ توغرا يەكۈن چىقىرىلمىغانلىقى، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك قارار مىخانىزىملىرىغا ئەڭ ئىشەنچىلىك ۋە ئوبيىكتىپ مەسلىھەت – تەكلىپلەر بېرىلمىگەنلىكى تۈپەيلى، مەسىلىلەر يېشىلىمىكى تەس تۈگىنەك – توقىناقلىرىغا، ھەتتا جان ئالغۇچى مىكرۇپلارغا ئايلىنىپ بارماقتا.




ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ياكى چىققان رادىكال ئۆزگىرىشلەر ئەسناسىدا، مىللىي كۈلتۈرنىڭ مەۋجۇدىيىتى ۋە ئىزچىللىقى ھەمدە كېيىنكى نەسىللەرگە يەتكۈزۈلۈشى جىددىي خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە. بۇ جەرياندا ئوتتۇرىغا چىققان ۋە كۈنىمىزدە خەنتىللىق ئۇيغۇرلار گۇرۇپپىسى ۋە يېڭى نەسىللەردە روشەنلىشىپ بېرىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ مۇھىملىرىدىن بىرى – كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك (文化断层
) ھادىسىسىدۇر. ئوتتۇرىغا چىققان ئۇشبۇ كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسىگە قارىتا زىيالىلار ئەستايىدىللىق بىلەن دىئاگىنۇز قۇيۇپ تىزگىنلىمەيدىغان بولسا، بۇ ھادىسە ئىزچىل زورىيىپ ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلىنىشى ۋە شۇنداقلا سوتسىئال – كۈلتۈرەل قۇرۇلمىنى يىمىرىشى ھەم تامامەن مۇمكىن. ماقالىمىزنىڭ تۆۋەندىكى بۆلۈمىدە كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسىنى جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن شەرھىلىگەندىن كېيىن كۈنىمىز ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ كۈنسايىن كېڭىيىۋاتقان كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.






ئېدۋارد تايلور (Edward Taylor)  كۈلتۈرنى شۇ شەكىلدە ئىزاھلىغان ئىدى: ئىنسان بالىسىنىڭ جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن قولغا كەلتۈرگەن بىلگۈلەر/






كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك تەبئىي سەۋەبلەر ياكى سۈنئىي، ئىنسانغا باغلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى، مەلۇم گۇرۇپپىنىڭ، مىللەت ياكى قەۋمنىڭ كۈلتۈرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنىڭ ياكى مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ يوقاپ كېتىشىنى، كېيىنكى نەسىللەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلەلمەسلىكىنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇ خىل جەريان ئادەتتە ئۆزىنىڭكىدىن ۋاز كېچىش ياكى ئۇنىڭ ئورنىغا يات مىللەتلەرنىڭ كۈلتۈرىنى تامامەن قۇبۇل قىلىش جەريانىدا ئەڭ روشەنلىشىپ بارىدۇ.





ئەمەليەتتە، كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈكنى جەمئىيەتنىڭ پارچىلىنىشى، ئۈزۈلۈشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جەمئىيەتنىڭ پارچىلىنىشىنى، ئۈزۈلۈشىنى بولسا جەمئىيەتنىڭ تەبىقىلىشىشى ۋە بۆلۈنۈشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جەمئىيەتنىڭ تەبىقىلىشىشى ۋە بۆلۈنۈشىنىڭ تۈپكى سەۋەبى بولسا ئۇشبۇ جەمئىيەتتە يولغا قۇيۇلۇۋاتقان سىياسەتلەر، ئىسلاھاتلار،ئۆزگەرتىشلەر بولۇشى مۇمكىن. ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر كىملىكىدىكى شەخىسلەر ياكى گۇرۇپپىلاردا كۆرۈلىۋاتقان كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ۋە كۈلتۈرەل ياتلىشىش ھادىسىسى (Cultural  Alienation文化疏离) نىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى، دۆلەت مىقياسىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان تاق كۈلتۈرلەشتۈرۈشتۇر. دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەردە كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىپ تەكىتلەنگىنى بىلەن،رىئال ئىجتىمائىي ھاياتتا ۋە ئىجرائاتتا بولسا بۇنىڭ تەتۇرىسىچە بولۇۋاتقانلىقى تۈپەيلى، ھەتتا يېتەكچى مىللەتنىڭ ئاسىت كۈلتۈرلىرى (亚文化\ Subculture)⑤ مۇ مەۋجۇدىيىتىنى داۋام قىلدۇرۇشتا چارىسىز قالماقتا. ئاز سانلىق مىللەتلەر كۈلتۈرلىرىدە كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ۋە كۈلتۈرەل ياتلىشىش ھادىسىسى كۈنسايىن «نۇرمال ھادىسە» تۈسىنى ئېلىۋاتقان بولسا، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كۈلتۈرلىرىدە يولىنى داۋام قىلىشنى خالىغانلار «ياقا گۇرۇپپىلار» ( marginal group\边缘群体
) ياكى سەھرالىق تومپايلار شەكلىدە ئىدراك قىلىنماقتا.




قىسقىسى، كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈكنىڭ يىلتىزى ياكى مەنبەسى ئۇشبۇ كۈلتۈر تەۋە بولغان جەمئىيەتتە ئوتتۇرىغا چىققان قاتلاملار ئارا ئۈزۈكلۈك ۋە پارچىلىنىشتا. چۈنكى، جەمئىيەتنىڭ ئىچكى قىسمى پارچىلىنىشقا، بۆلۈنۈشكە  باشلىغىنىدا، بولۇپمۇ سىرىتقى تەسىرنىڭ ھەيدەكچىلىكى ياكى رەھبەرلىكىدە بۆلۈنۈشكە باشلىغىنىدا، ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي گۇرۇپپا ياكى تەبىقىلەرنىڭ ئوخشىمىغان كۈلتۈر ئاڭقىرىشى شەكىللەنگەن بولىدۇ. بۇلار ماھىيەتتە يەنىلا سىرىتقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدە بولۇشى مۇمكىن. ئەڭ چوڭقۇر قاتلامدىكى سەۋەپ بولسا، شەخىسنىڭ ئۆزى تەۋە بولغان مىللەتنىڭ كۈلتۈر بايلىقىغا بولغان تونۇشىنىڭ يېتەرسىزلىكى ياكى ئۆزى تەۋە بولغان مىللەت كۈلتۈرى بىلەن يېتەرلىك دەرىجىدە ئىجتىمائىيلىشالمىغانلىقى تۈپەيلى، كۆپىنچە كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەت ۋە ئاساننى تاللاش پىسخىكىسىنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە ئۆزلۈكى بىلەن ئالاقىدار بولغان مىللىي كۈلتۈرى، تىلى، دىنىدىن ئۇزاقلىشىشى نەتىجىسىدە بارا – بارا ئانا كۈلتۈرىدىن ياتلىشىشى ۋە بۇنىڭ تەرەققىياتىدا مەلۇم يات كۈلتۈرىنى تېخىمۇ كۆپ ۋە تېز سۈرئەتتە ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق تېمىمىز بولغان «كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك» ھادىسىسىنى ئۆزىدە سادىر قىلىش بىلەن بىرگە كېيىنىكى نەسىلدە بۇ جەرياننى تاماملىغان بولىدۇ.







كۈلتۈر بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇدىيىتىدە ناھايىتى مۇھىم ئۇرۇن تۇتىدۇ. كۈلتۇرنى شەكىللەندۈرگەن تىل، ئەقىدىلەر، قىممەت – قاراش، سەنئەت، ئەخلاق، ئۆرپ – ئادەت، ئەنئەنە ۋە سىموۋۇللار بىر جەمئىيەتنى يەنە بىر جەمئىيەتتىن ئايرىيدىغان «بىز» ۋە «ئۇلار» ئارىسىدىكى چېگرىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدىغان، بىزنى بىز قىلغان قىممەتلەرنىڭ تامامىدۇر. بۇ تۈپەيلى، كۈلتۈر بىر مىللەتنىڭ كوللېكتىپ مىجەزىدە، خاراكتېرىدە تېخىمۇ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. گىرمانلارنىڭ ئەستايىدىللىقى، فرانسۇزلارنىڭ رومانتىكىلىقى، كورىيەلىكلەرنىڭ ئەدەپچانلىقى،تۈركلەرنىڭ مىللەتسۆيەرلىكى بولسا ئۇلارنىڭ مىللىي كۈلتۈرىدىكى خاسلىق بىلەن زىچ ئالاقىداردۇر. بۇ خىل ئالاھىدىلىك ئۇ مىللەت مەنسۇپلىرىنىڭ شۇ مىللەتكە خاس كۈلتۈر مۇھىتىدا ئىجتىمائىيلىشىشى ئەسناسىدا شەكىللەنگەندۇر. كۈلتۈر شەخىسنىڭ قايسى گۇرۇپپىغا، مىللەتكە، دىنغا تەۋەلىكىدە بەلگىلىگۈچىدۇر. مەسىلەن، مەلۇم بىر شەخىس جۇڭگۇ گراژدانى ۋە خەنزۇچە ئىسىم – فامىلىسى بولغان بىلەن، تامامەن غەربچە قىممەت قاراش ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، غەرب تىللىرىدا سۆزلىسە، كۈلتۈرەل مەنسۇبىيەت نوقتىسىدىن جۇڭگۇلۇق/


بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىللىق ئۇيغۇرلار كېيىنكى يىللاردا سانى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقان «خەنتىلىق ئۇيغۇرلار»⑥ غا ۋە سوۋېتلەر ئىتتىپاقى دەۋرىدە رۇس ۋە كۈلتۈرى مۇھىتىدىلا يېتىشكەن رۇس تىللىق ئۇيغۇرلارغا، ئەرەبىستاندىكى ئەرەب تىلى ۋە كۈلتۈرى مۇھىتىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئەرەب تىللىق ئۇيغۇرلارغا ئېيىتىلىۋاتقان بولۇپ، بىيولوگىيىلىك ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىك جەھەتتىن ئۇيغۇر بولۇپلا قالماستىن، مۇھىمى تىل، كۈلتۈر، ۋە مىللىي مەنسۇبىيەت نوقتىسىدىنمۇ ئۇيغۇر بولغانلاردۇر. بۇ گۇرۇپپىنىڭ بىرىنچى تىلى ئۇيغۇرچە بولۇپ ئۇيغۇر تىلى، كۈلتۈرى، دىنىي ئېتقادى مۇھىتىدا سوتسىئولوگىيىلىك مەنىدىكى ئىجتىمائىيلىشىشنى تاماملىغان، ئىمكانقەدەر ئۇيغۇرچە تەپەككۇر قىلىپ ئۇيغۇرچە مىللي قىممەت قاراش ۋە ئېستېكىسىنىڭ رامكىسىدا دۇنيا قاراش، مىللەت قاراش شەكىللەندۈرگەن، ئۇيغۇر مىللىي ئەس – خاتىرىسى (national memory \ 民族记忆
) نى يوقاتمىغانلاردۇر. بۇ گۇرۇپپا ئانا تىلىدا ئەڭ ياخشى بولۇش بىلەن بىرگە خەنزۇچە، رۇسچە، ئىنگىلىزچە قاتارلىق يات تىللارنىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆگەنگەن ۋە كۆپ تىل ئۆگىنىشنى زۇلۇم ھېس قىلمايدىغان، رايونىنىڭ غەربىدىكى كۈلتۈر، مەدەنىيەت مەركەزلىرىگە مۇسىبەت ھېس – تۇيغۇ بىلەن قارايدىغانلاردۇر




كۈنىمىز ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسى ئالدى بىلەن خەنتىللىق ئۇيغۇرلاردا، رۇس تىللىق ئۇيغۇرلاردا ۋە ئەرەب – ئوردۇ تىللىق ئۇيغۇرلاردا ئوتتۇرىغا چىققان ھادىسىىدۇر. كېيىنكى يىللاردا ئىجرا بولۇۋاتقان تاق كۈلتۈرچى، تاق تىللىق مائارىپ سىياسىتى ۋە ئاتئېزىم تەربىيىسى جەريانىدائوخشىمىغان گۇرۇپپىلاردا كۆرۇلۇشكە باشلىماقتا. يەنە ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرىنى تاماملاپ ئىچكىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بىلىم ئېلىۋاتقان ياشلاردىمۇ بۇ خىل ھادىسىنى كۆزلەملىمەك تەس ئەمەس. خەنتىللىقلار بولسا بىئولوگىيىلىك ۋە فىزىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىك جەھەتتىن ئۇيغۇر بولسىمۇ، كۆپىنچە ھاللاردا ئاتا – ئانىسىنىڭ تاللىشى تۈپەيلى خەنزۇ تىللىق مەكتەپلەردە خەنزۇ تىلى ۋە كۈلتۈرىدە سوتسىئولوگىيەلىك مەنىدىكى ئىجتىمائىيلىشىشنى تاماملىغان، خەنزۇ تىلىنى ئۆزىگە بىرىنچى تىل قىلىپ تاللىغان، خەنزۇچە تەپەككۇر بىلەن خەنزۇچە قىممەت قاراشنى ئۆزىگە يېتەكچى قىلغان، خەنزۇچە تۇرمۇش شەكلىنى ئۆزلەشتۈرگەن، ئاساسەن خەنزۇلار بىلەن ئوخشاش بولغان دۇنيا قاراش، مىللەت قاراشتا بولغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ مىللىي ئەس – خاتىرىسى (national memory \ 民族记忆) كۆپىنچە ئۇيغۇر تىللىقلاردىن تامامەن پەرىقلىقتۇر. ئۇيغۇر تارىخى، كۈلتۈرى ھەققىدىكى بىلىشلىرى، كۆز قاراشلىرى ئاساسەن خەنزۇچە بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلارغا يۇقىرىدىن قارايدۇ ياكى ئۇيغۇر مىللىي كۈلتۈرىنىڭ قوغدىلىشى، تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى نوقتىسىدا ئۇيغۇر تىللىق ئۇيغۇرلاردىن تۈپتىن پەرىقلىنىدۇ. ھەتتا بەزىلىرى ئۇيغۇر تىللىقلارنى ئىچىنى سىقىدىغان، خۇشنى قاچۇرىدىغان گۇرۇپپا دەپ قارايدۇ ياكى ئۇلارنىڭمۇ تېزدىن يېتەكچى مىللەت كۈلتۈرىنى تامامەن قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىدەك «قوبۇل قىلىنغان» لار جۈملىسىدىن بولۇشىنى ئىستەيدۇ.

ئۇيغۇر جانلىق تىلدا مىنكاۋخەن⑦ دەپ ئاتالغان گۇرۇپپىنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم بىر قىسىم كىشىلەر «خەنتىللىق ئۇيغۇر» بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى بىز بۇ يەردە ئېيتىۋاتقان ‹‹ خەنتىللىق ئۇيغۇرلار ›› گەرچە ئۆزى ئۇيغۇر ئاتا – ئانىدىن تۆرەلگەن بولسىمۇ (ئاتا – ئانا ئۇيغۇر تىللىق بولۇشىمۇ، مىنكاۋخەن بولۇشىمۇ، ئارىلاش توي قىلغانلار بولۇشىمۇ،ھەتتا خۇنەندىكىلەر ياكى ئۇلارغا ئوخشاپ كەتكەن بولۇشىمۇ تامامەن مۇمكىن)، يەسلى، باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ۋە ئۇنىۋېرىسىتېت مائارىپىنى تامامەن خەنزۇ تىلى يېزىقىدا تاماملىغان، ئاساسەن خەنزۇچە سۆزلەپ، خەنزۇچە يازىدىغان، ئۇيغۇر تىلىنى بىلمەيدىغان ياكى بەكلا ئاز بىلىدىغان، ئىنچىكە تۇيغۇلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا ئىپادە قىلالمايدىغان،ئۇيغۇرلارنىڭ كۈلتۈرى، ئۆرپ – ئادىتى، دىنىي ئېتقاد – ئەقىدە سىستېمىسىدىن خەۋەرسىز بولغانلارنى كۆزدە تۇتىدۇ. يۇقىرىدىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان بۇ تىپ زىيالىلار تامامەن خەنزۇ تىلى ۋە يېزىقىدا ئىلمىي ئىشلەپچىقىرىش قىلىدۇ،  ئۇيغۇر تىلىدا بولسا خەت ئالاقە قىلالمايدۇ. راۋان ماقالە يازالمايدۇ. مانا بۇ تىپ ئۇيغۇر كىملىكىدىكىلەرنى جەمئىيەتشۇناسلىق نوقتىسىدىن «خەنتىللىق ئۇيغۇرلار» دەپ ئاتايمىز. مىنكاۋخەن گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ بولغانلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئۇيغۇر تىلى ۋە كۈلتۈرىدىن خەۋەردار بولۇپلا قالماستىن ھەقىقەتەن ئىككى تىلنى ئوبدان بىلىدىغان، ئۇيغۇر – خەنزۇ مىللەتلىرى ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينايدىغانلاردىنكى، ئۇلار يەنە ئۇيغۇر تىلىدا يازالايدۇ ۋە ئوقۇيالايدۇ. شۇڭا مىنكاۋخەنلەرنىڭ ھەممىسىنى قەتئىي سۈرئەتتە «خەنتىللىق ئۇيغۇرلار» دېگىلى بولمايدۇ.








يۇقىرىدا ئالاھىدىلىكى بىلەن بايان قىلىنغان خەنتىللىقلار ئەنە شۇنداق مۇھىتتا ئىجتىمائىيلىشىشنى تاماملىغان بولغاچقا، ئۆزى ئەسلىدە تەۋە بولغان مىللەتنىڭ كۈلتۈرىدە ئىجتىمائىيلىشالمىغان، نەتىجىدە ئېغىر دەرىجىدە كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسىگە دۇچار بولغان. ئوخشاش شەكىلدە ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى سوۋېت ئىتتىپاقى چىگرىسىدا قالغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان روس تىللىقلاردىمۇ كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسى ئوتتۇرىغا چىققان. ئازادلىقتىن بۇرۇن ئەرەبىستانغا ھىجرەت قىلغان ئۇيغۇرلار بۇ يەردىكى سوتسىئال – كۈلتۈرەل ۋە سوتسىئال – پولىتىك مۇھىتتا كېيىنكى نەسىللىرىگە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي تىلى ۋە كۈلتۈرىنى يەتكۈزۈپ بېرەلمەي، ئۇيغۇر مىللىي كۈلتۈرى نوقتىسىدىن ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىدا كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپچى بولغان. ئاقىۋەتتە، ئۇلار ئۇيغۇر كىملىكىدىن بەكرەك مۇسۇلمان ئېڭىدىكى ئەرەب كىملىكىنى ئۆزلەشتۈرگەن.















يۇقىرىدا توختالغان ئازادلىقتىن كېيىنلا كېلىپ يەرلىشىشكە باشلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇ شەھەردە ياشاۋاتقان 1980 – يىللاردىن كېيىن ھەرخىل شەكىللەردە كېلىپ يەرلەشكەن باشقا ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرىغا نىسبەتەن ئالاھىدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا مۇقىم خىزمىتى بار، نوپۇسى ئاللىبۇرۇن بېيجىڭغا كىرىپ بولغان، مۇقىم تۇرالغۇ، ئۆي – مۈلكى بېيجىڭدا، بالا – چاقىلىرىمۇ مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئالاھىدىلىكى بىلەن قالغان ئىككى گۇرۇپپىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. لېكىن، بۇ ئۈچ گۇرۇپپىنىڭ بېيجىڭدا ياشاۋاتقان كېيىنكى نەسلى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، بىرىنچى نەسىل بىلەن ئىككىنچى نەسىل ئارىسىدا كەسكىن دەرىجىدە كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسى ئوتتۇرىغا چىققان. بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئېلىپ بارغان جەمئىيەت تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلاردىن ئۇيغۇر تىلىنى نىسبەتەن راۋان سۆزلىيەلەيدىغانلارنىڭ نىسبىتى %21.4، ئادەتتىكى گەپلەرنى قىلالايدىغان ياكى ئاز –پاز ئۇيغۇرچە بىلىدىغانلارنىڭ نىسبىتى بولسا %70؛ ئۇيغۇر يېزىقىدىن ساۋادى بارلارنىڭ نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇپ، ئۇيغۇر يېزىقىدىن ساۋادى يوقلارنىڭ نىسبىتى %67.1، ئازراق بىلىدىغانلارنىڭ نىسبىتى %21.4، ياخشى بىلىدىغانلارنىڭ سانى پەقەتلا بىر ياكى %1.4 بولغان. نۇرغۇن ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان ئورتاق تىل گەرچە ئۇيغۇرچە بولسىمۇ، كۆپىنچە ئاتا – ئانا ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان، بالىلار خەنزۇچە جاۋاپ بېرىدىغان ئەھۋال ئومۇمىي. بولۇپمۇ مۇھىم سۆزلەر ياكى ئىنچىكلىكى بولغان گەپ – سۆزلەر يەنىلا خەنزۇچە بولىدىكەن. بەزى ئاتا –ئانىلار بىلەن پەرزەنىتلەر ئارىسىدىكى ئورتاق تىل تامامەن خەنزۇچە، ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر بالىلىرى ئۆزئارا ئۇچراشقىنىدا تامامەن خەنزۇچە سۆزلىشىدۇ ياكى ئاز – پاز ئۇيغۇرچىنى ئارلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كىملىك تۇيغۇسى ياكى مەلۇماتلىنىش دەرىجىسى تېخىمۇ تۆۋەن. بۇ ھال ئۇلارنىڭ ئائىلە مۇھىتى بىلەن بىۋاستە ئالاقىدار بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭدىكى بىرىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ 3\1 قىسمى ھېچبىر ۋاقتى دىنىي ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، %57.1 پەقەت يىلدا بىر قېتىم (ئېھتىمال ھېيىت نامىزى) ياكى بەزەن ئارىلاپ – ئارىلاپ ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى بايقىغان، يەنى ئۇيغۇر زىيالىيسى تامامەن لائىكىلىشىپ⑨ بولغان. شۇڭا پەرزەنىتلىرىدىن بۇ جەھەتتىكى كۈتۈشلىرى ئانچە قاتتىق ياكى ئەتراپلىق بولۇپ كەتمىگەن.




پەقەت تەكشۈرۈش ۋە مۇلاقاتلىرىمىزدا بىرىنچى ئەۋلاد ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنىتلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مىللىي كۈلتۈر سەۋىيىسىدىن ئانچە رازى ئەمەسلىكى بايقالدى. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن پەرزەنىتلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقى سەۋىيىسى ئاتا – ئانىلار كۈتكەندەك دەرىجىدە بولالمىغان؟  كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسى نېمە ئۈچۈن بۇ گۇرۇپپىدا تېز سۈرئەتتە ئوتتۇرىغا چىققان؟




بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى مۇكەممەل بولمىغان ئائىلە تەربىيىسى (مىللىي كۈلتۈر سەزگۈرلۈكىنىڭ يېتەرسىزلىكى، ئاتا – ئانىلارنىڭ تىلى بىلەن ئەمەليىتىنىڭ بىردەك بولماسلىقى ياكى پەرزەنىتلەر ئالدىدىكى نوپۇزىنىڭ يۇقىرى ئەمەسلىكى...) بىلەن بېيجىڭدىكى چوڭ ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە مائارىپ سىستېمىسىنىڭ تاق كۈلتۈرچىلىكىدىن، يېتەكچى مىللەتنىڭ قىممەت قاراش سىستېمىسىدىكى ئاز سانلىق مىللەت تىل – يېزىقىغا قارىتا «ئەرزىمەس» ياكى (ئىنگىلىزچە قاتارلىق يات تىللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا) ئىقتىسادىي قىممىتى يوق كۆز قارشى تۈپەيلى، بۇ خىل قىممەت قاراش ۋە كۈلتۈر سىستېمىسىدا يېتىشىۋاتقان خەنزۇ بولمىغان يات مىللەت بالىلىرىمۇ ئۆزى پەرقىدە بولماستىن، ئۇشبۇ قىممەت قاراش ۋە تەپەككۇر ئۇسۇللىرىنى ئۆزلەشتۈرۋېلىشىدىن ئىزدىشىمىز كېرەك. مانا مۇشۇنداق سەۋەپلەر نەتىجىسىدە ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى ئانا تىلى ۋە يېزىقىنى ئۆگەنمەسلىك ياكى ئۇنىڭغا سەل قاراش نەتىجىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. تەكشۈرۈش جەريانىدا، خېلى كۆپ ساندا ئاتا – ئانىلارنىڭ خەنزۇچە ۋە خەنزۇ كۈلتۈرىنى تونۇش، بىلىش سەۋىيىسىنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلى،  پەرزەنىتلىرى بىلەن چوڭقۇر دىئالوگ قۇرالمىغانلىقىغا شاھىد بولدۇق. بۇنىڭدىن باشقا، بېيجىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىسى بولمىغانلىقى تۈپەيلى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەسىرلىشىش كەمچىل بولغان، پەرزەنىتلىرىنىڭ دائىم ئۇچرىشىپ تۇرۇش،بىرگە ئويناش پۇرسىتى كۆپ بولمىغان. ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى بارىدىغان مەخسۇس مەكتەپلەر بولمىغاچقا، بالىلار ئائىلىسىگە يېقىن خەنزۇ مەكتەپلىرىگە بېرىلگەن، بۇ يەردە يەرلىك بالىلار بىلەن دوسىتلىشىپ ئۇلارنىڭ چەمبىرىكىدە رول ئېلىشقا، خەنزۇ تىلى ۋە كۈلتۈرى ئىچىدە خەنزۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە ئىجتىمائىيلىشىشقا باشلىغان، ئۇيغۇرچە ياكى ئۇيغۇر كۈلتۈرى پەقەتلا ئۆي بىلەن چەكلەنگەن. بالىلارنڭ ئاتا – ئانىسى بىلەن بىرگە بولىدىغان ۋاقتى، خۇسۇسەن ئاتا – ئانىسى بىلەن تەسىرلىشىش ۋاقتى، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتتىكى بېيجىڭلىقلار بىلەن ئۇچرىشىش، تەسىرلىشىش  ۋاقتىدىن بەكلا قىسقا بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بارغانسېرى خۇسۇسەن ئاتا – ئانا بىلەن ئورتاق تىلى ئازىيىپ بارغان، چوڭقۇر دىئالوگ ئىمكانسىزلىشىپ، نەسىل پەرقى ( 代沟 - Wgeneration gap
) چوڭىيىپ بارغان. كىچىك ۋاقىتلىرىدا ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلىگەن بالىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن بارغانچە پەقەتلا خەنزۇچە سۆزلەيدىغان، ئۇيغۇرچىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، لېكىن بىر ئاز مۇرەككەپ جۈملىلەر ۋە ئاتالغۇلارنى چۈشىنەلمەيدىغان بولۇپ قالغان. بۇ ئەھۋالدا، ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۇلارغا مەجبۇرەن خەنزۇ تىلىدا سۆزلەشكە ياكى بۇنى ئادەت قىلىشىغا سەۋەپچى بولغان. قىسقىسى، بالىلارنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش جەريانى ۋە سورۇنى (مەكتەپ ۋە جەمئىيەت) ئاقىۋەتتە ئۇلارنىڭ ئانا تىلىدىن ئۇزاقلىشىشغا، مىللىي كۈلتۈرىدىن خەۋەرسىز قېلىشىغا سەۋەپچى بولۇپ، كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.



 

يىغىنچاقلايدىغان بولساق، ئۇيغۇر جەمئىيىتى دېيىلگەندە، كۈنىمىز دۇنياسىدا، ئاساسلىقى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيىتى مەركەز ئېلىنىپ، ئاندىن باشقا رايون ۋە دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرمەھەلىلىرى (社区 / Community
) ۋە جامائەتلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ماكرۇ نوقتىدىن كۆزىتىدىغان بولساق، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈكنىڭ ئالدى بىلەن باشقا مىللەتلەر ئىچىدە چېچىلىپ ياشايدىغان ياكى ياقىدا قېلىپ، پەرقلىق كۈلتۈرلەر بىلەن تەسىرلىشىشكە كىرگەن ئۇيغۇرلار گۇرۇپپىسىدا ئالدى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

___________________

ئىزاھلار


بۇ ھەقتىكى نەزەرىيۋى ئىزاھاتىمىز ئۈچۈن قاراڭ: ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق، «جەئىيەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىق پەنلىرىدە كۆپ قوللىنىدىغان بەزى ئاتالغۇلارغا ئىزاھات»، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى، 2009 – يىل 5 – سان، 48 – 58 – بەتلەر.

بۇ خىل كۆزقاراش ياكى نەزەرىيىلەر ئۈچۈن بېيجىىڭ ئۈنۋېرسىتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسى مارۇڭ ئېلان قىلغان مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەرگە قاراش كۇپايىدۇر. لېكىن، بۇ خىل كۆز قاراش دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىۋاتقان خېلى كۆپ سانلىق بىلىم ئادەملىرىنىڭ تەنقىدىگە مۇپتىلا بولماقتا. بۇنىڭ ئۈچۈن بەررى سائۇتماننىڭ ( Barry Sautman ) جۇڭگونىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ھەققىدە يېقىندا ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرىگە قارالسا بولىدۇ.


خەنزۇ تىلى ۋە يېزىقىدىكى «中华民族» نى «جۇڭخۇا مىللەتلىرى» دەپ ئۇيغۇرلاشتۇرغان تەرجىمانلار ياكى «ئاقكۆڭۈل» زىيالىيلارنىڭ ئەمەليەتتە خەنزۇچىدىكى بەزى ئاتالغۇلار ۋە ئۇلار كۆرسەتكەن مەنىدىن خەۋەرسىزلىكى ياكى ئۆزلىرىنىڭ «ئىستەك» لىرىنى قېتىپ «تەرجىمە» قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئەگەر تەرجىمان ياخشى بولمىسا «ئادەم ئۆلتۈرۈشى» بەرھەقلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ «چالا پەنيى، ئادەم ئۆلتۈرۈر» ماقالىدىن مەلۇم. چۈنكى، خەنزۇ تىلىدا بۇ سۆز ياكى ئاتالغۇ ھەرگىزمۇ كۆپلۈك مەنىسىدە ئەمەستۇر ۋە ئەكىسچە بىرلىك مەنىسىدىدۇر. يەنى غەربلىكلەردە بىر زامانلاردا مودا بولغان «Nation state \ 民族国家 » مودېلىغا ماس بولغان دۆلەت يارىتىشنى مەسىلەك قىلغانلار كۆتۈرۈپ چىققان كۆز قاراشتۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيىتقىنىمىزدا، جۇڭگونىڭ كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئەنئەنىسىنىڭ بۇزۇلۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىدىنلا تەشكىل بولىدىغان «مىللەت – دۆلەت» يارىتىش مەپكۇرىسىدىكىلەرنىڭ ھىيلىگەرلىك ياكى ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا ئىلگىرى سۈرىۋاتقان ئىدىيىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر. ئەسلىدە جۇڭگو گىراژدانى، پۇقراسى شەكلىدە مىللەتلەرنىڭ بىرلىكى تەكىتلىنىشى كىرەككەن، مىللەت ياكى مىللەتچىلىك ئېڭى بىلەن پۈتۈنلەشتۈرۈش تەكىتلەنگەنلىكى، پەرقلەرنىڭ يوق قىلىنىش ئاقىۋىتىدە خۇاشىيا مەركەزچىلىكىدە بىر مىللەت بولۇپ يۇغۇرلۇش نىيەت قىلنماقتا. ئەسلىدە خەنزۇچىدە «中华各民族» كۆز قارىشىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتقانلارنىڭ ئاز سانلىق ئىكەنلىكى بىلىنمەكتە. بىزنىڭچە بولغاندا، «中华各民族» ئاتالغۇسى ياكى ئىبارىسى تېخىدىنمۇ باراۋەر بولۇش بىلەن بىرگە جۇڭگونىڭ كۆپ مىللەتلىك رىئاللىقىدىن چىقىش قىلىنغان بولىدۇ. كۈنىمىز غەرب دۇنياسىدا بۇ خىل تاق مىللەتچىلىكنى مەركەز قىلىپ پۈتۈنلىشىشنىڭ بارغانسېرى ئىنسانىي بولمايدىغانلىقى ئىدراك قىلىنىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەر «كۆپكۈلتۈرچىلىك 多元文化主义»،‹‹ كۆپخىلچىلىق Pluralism 多样性/多元主义›› نى دۆلىتىنىڭ سىياسىتى قىلىپ، چېگراسى ئىچىدە ھەرخىل مىللەت، ئىرق، ئېتنىك گۇرۇپپا ۋە دىنىي جامائەتلەرنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ئېتراپ قىلىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەرمەكتە. باشقا مەملىكەتلەرمۇ، بۇ خىل يۆنىلىشنى مەدەنىيەتنىڭ يۈكسەك پەللىسى دەپ بىلمەكتە ياكى بۇ خىل قىممەت قاراشنى قوغلاشماقتا.


كۈلتۈرەل ياتلىشىش: بىر جەمئىيەتتە تىپىك يۈكسەك قىممىتى بار بولغان مەقسەت، ئەقىدە ۋە غايىلەرنى كەمسىتىدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىنى كۆرسىتىدۇ. كەڭ مەنىسى بىلەن ياتلىشىش – ئىنساننىڭ ئۆزى تەۋە بولغان جەمئىيىتى بىلەن، ئەتراپى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىكى نورمالسىزلىقلارنى، ئۆزىدىن ئۇزاقلىششىنى تەكىتلەيدىغان بىر ئاتالغۇدۇر. ئاساسلىقى ئۆزىدىن ئۇزاقلىشىشنى، باغنىڭ بەكلا بوشاپ كېتىشىنى كۆزدە تۇتىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتىدىغان بولساق، بەزى جەمئىيەت ئەزالىرى ئۆزى تەۋە بولغان جەمئىيەتتە يۈكسەك قىممىتى بار بولغان ئەقىدە، كۆزقاراش ۋە ياشاش شەكىللىرىنى كەمسۇندۇرغىنىدا ياكى ئۇنىڭغا رىئايە قىلماي تاپتىن چىققىنىدا جەمئىيەتمۇ ئۇنى يەكلەيدۇ، چەتكە قاقىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا كۈلتۈرەل ياتلىشىش ھادىسىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

ئاست كۈلتۈر: جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم ئەزالار تەرىپىدىنلا قوبۇل قىلىنغان ياكى مۇئەييەن بىر ئىجتىمائىي گۇرۇپپىغىلا ئائىت بولغان كۈلتۈرلەردۇر. ئاست كۈلتۈر ئادەتتە ئۈست كۈلتۈر بىلەن توقۇنۇشمايدۇ ياكى زىتلاشمايدۇ. يەنى ئاست كۈلتۈرلەر  ئاساسىي كۈلتۈرلەردىن پەقەت قىسمەن پەرقلىق بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاست كۈلتۈردە ئۆلچەملىك بىر ئايرىملىق ۋە ئايرىم بىر ھەمكارلىق – بىرلىك بار. پەقەت ئاست كۈلتۈردىكى بۇ خىل پەرقلەر ئۈست كۈلتۈرگە زىيان سالمايدۇ. ئاست كۈلتۈرنى شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ ئورتاق تەرىپى زامان، ماكان، يېقىنلىق، تۇرالغۇ، خۇشاللىق ۋە ئازاپلار....دۇر.

خەنزۇ كۈلتۈرىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، ئۇنىڭ ئاست كۈلتۈرىنىڭ سانى بەلكىم باشقا مىللەت كۈلتۈرنىڭكىدىن ئەڭ كۆپ بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، خاككا كۈلتۈرى (客家文化)، كانتون كۈلتۈرى (广东人文化
) قاتارلىقلار، ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ئۇزۇندىن بېرى ياشاپ كەلگەن خەنزۇلارمۇ ئىچكىرىدىكىدىن پەرقلىق قورغاق رايون كۈلتۈرىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، خەنزۇ كۈلتۈرىنىڭ ئاست كۈلتۈرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيىتساق، لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۈلتۈرى ۋە يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۈلتۈرى ئاست كۈلتۈر بولۇپ ھېسابلىنىشى مۇمكىن.

بۇ ئاتالغۇنى بىز تۇنجى بولۇپ 2005 – يىلى 3 – ئۆكتەبىردىن 5 – ئۆكتەبىرگىچە بېجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى – ئەدەبىياتى فاكولتېتى قۇرۇلۇشىنىڭ 2 – يىلى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»دا ئوقۇلغان«تىل بىلەن كۈلتۈرنىڭ مۇناسىۋىتى» ناملىق ماقالىمىزدا ئوتتۇرىغا قويغان ئىدۇق. شۇنداقلا ماقالىمىزدا، ئۇشبۇ گۇرۇپپىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق نوقتىسىدىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى يېڭى بىر ئىجتىمائىي گۇرۇپپا بولۇپ شەكىللىنىۋاتقانلىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدۇق.

«مىنكاۋخەن» ئاتالغۇسىغا تىلچىلار ياكى مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇ خادىملىرى تەرىپىدىن ھازىرغىچە مۇۋاپىق ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ تاپالمىغانلىقى بولسا باشقىچە ئويلىنىش تەلەپ قىلىدىغان مەسىلىدۇر.

دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا قاراشلىق ئىدارىلەردىن بېيجىڭدا كومىتېت ئورگىنى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرىسىتىتى، مىللەتلەر نەشىرىياتى، جۇڭگو مىللەتلەر تىل – يېزىقى تەرجىمە مەركىزى، مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا - ئۇسۇل ئۆمىكى، مىللەتلەر رەسىملىك ژۇرنىلى، مىللەتلەر كۈلتۈر سارىيى (民族文化宫
)، جۇڭگو مىللەتلەر مۇزېيى، مىللەتلەر گېزىتى، مەركىزىي كادىرلار ئىنىستوتى قاتارلىقلار بار.

لائىلىك (Secular\ 世华
): كۈندىلىك ياشامدا، دىن بىلەن جەمئىيەت دۇنياسىنى بىر – بىرىدىن ئايرىش، دىننىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى تەسىرىنى مۇمكىن بولغان ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈشتۇر. كۈنىمىز ئۇيغۇر زىيالىيسى سوتسىيالىستىك يېڭى دەۋردە مەركىزىي ئېدىئولوگىنىڭ تەلپىگە تولۇق رىئايە قىلىپ، ئەسلىدىكى مەنىۋى مىللەت ئەنئەنىسىدىن ئىزچىل ئۇزاقلىشىپ، ماتېرىيالىسىت كۆز قاراش ۋە تۇرمۇش پەلسەپىسىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆزلەشتۈرۈپ ماڭغان. كۆرۈنۈشتە ئىسلامىيدەك كۆرۇنسىمۇ، ماھىيەتتە ئانچە ئالاقىسى يوقتۇر. بېيجىڭ شەھرىدىكى دىنىي ئېتقاد سىياسىتى دۆلىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك دىنىي ئېتقاد قانۇنلىرىنىڭ روھىي بويىچە دەل ئەمەلىيلىشىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئاساسەن لائىكچى ئېتقاد يۆنىلىشىنى تاللىغان. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشكە قاتناشقانلارنىڭ ئۈچتە بىرى ھېچقاچان دىنىي پائاليەتكە قاتناشمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. %27 ئەتراپىدىكىلەر بولسا يىلدا بىر قېتىم دىنى پائاليەتكە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. %11.4 ئەتراپىدىكىلەر ھەر كۈنى ياكى ھەپتىدە بىر قېتىم دىنىي ئىبادەت قىلىدىغانلىقىنى بىدۈرگەن.

 

ئاپتۇر:مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق فاكولتېتنىڭ دوتسېنىتى، ماگىستېر ئاسپىرانىت يېتەكچىسى، جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى

 

  ‹‹ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى ›› نىڭ 2011-يىللىق 1-سانىدىن
 

 




بېيجىڭدا ياشاۋاتقان يەنە بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار بولسا يۇقىرىدا توختالغان بېيجىڭدا ياشاۋاتقان ئۈچ خىل گۇرۇپپىدىكى ئۇيغۇرلاردىن پەرقلىق بولغان ياقا گۇرۇپپا Group )   Marginal \ 边缘群体) ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇلار 1980 – يىللاردىن كېيىنكى ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش دولقۇنىنىڭ تۈرتكىسىدە نامراتلىقنى نۇمۇس دەپ بىلگەن، تىجارەت ئەنئەنىسىنى يوقاتمىغان ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئىچكىرىدىكى تىجارەت ۋە سانائەت تەرەققىي قىلغان شەھەرلەرگە كىرىپ سودا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشى ئارقىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان گۇرۇپپىنىڭ داۋامىدۇر. بۇلار 1990 – يىللارنىڭ بېشىغا كەلگەندە بېيجىڭدا ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان رەڭگارەڭ گۇرۇپپا بولالىغان. بېيجىڭ گەنجىياكوۋ (甘家口)مەھەلىسىنى مەركەز قىلغان شىنجاڭ كەنىتى (新疆村   )، مەركىزىي مىللەتلەر ئۈنۋېرسىتىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان تارىخىي ئۇيغۇر مەھەلىسى بولغان ۋېيگوڭسۈن (魏公村) نى مەركەز قىلغان شىنجاڭ كوچىسى (新疆街
) شەكىللەنگەنىدى. بۇ ئىككى ماكان ئۇيغۇر يېمەك – ئىچمەك كۈلتۈرىنىڭ بېيجىڭدىكى بازىسى، ئۇيغۇر كۈلتۈرىنىڭ سىرتقا تونۇشتۇرلۇشىدا مەلۇم دەرىجىدە كۆزنەك بولغان. چۈنكى بۇ يەر پەقەت بېيجىڭلىقلار تاماق يېيىش ئۈچۈن ياكى شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كىلىدىغان جاي بولۇپ قالماستىن، يەنە بۇ شەھەردىكى چەتئەل ئەلچىخانىسى، كونسۇلخانىسى مەنسۇپلىرىمۇ دائىم يۇلۇقۇپ تۇرىدىغان ياكى ئائىلە بويىچە كېلىپ تاماق يەيدىغان ماكانىغا ئايلانغان ئىدى. شۇ يىللاردا بېيجىڭدا تىجارەت بىلەن مەشغۇل بولۇپ تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تەخمىنەن 15 ، 20 بولۇپ مىڭ ئەتراپىدا ئىدى. بۇكىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ يېزا – بازارلىرىدىن چىققانلىقى، ئۈنىۋېرسال ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكى، خەنزۇ تىل- يېزىقىنى ياخشى بىلمىگەنلىكى، ئىگىلىكنى بېيجىڭدىكى تەرەققىياتىغا ماسلاشتۇرۇپ تەڭشەپ ماڭالمىغانلىقى؛ بېيجىڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار،مەسىلەن، مىللەتلەر - دىن ئىشلىرى كومېتىتى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بېيجىڭ مۇھىتىغا ماسلىشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك قانۇن، سىياسەت، پەرمانلاردىن مەسلىھەت بېرىپ، يول كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق بېيجىڭ پۇقراسىغا ئايلىنىشىغا ياردەم قىلمىغانلىقى؛ ساقچى ئورگانلىرى ۋە مەھەللە كومىتېتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە كۈلتۈرىدىن خەۋەردار خادىملارنى ئىشلىتىپ ئۇلاردا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، جازالايدىغاننى جازالاپ، مۇكاپاتلايدىغاننى مۇكاپاتلىمىغانلىمىغانلىقى؛ بېيجىڭدىكى ھەرقايسى ئىدارە –ئورگانلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىمىغانلىقى... قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى، كېيىنكى يىللاردا ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولغان يانچۇقچى، زەھەر سودىگەرلىرى ۋە ئەتكەسچىلەر باھانىسىدە ھەممە بىر تاياقتا ھەيدەلگىلى تۇرغان. ئاقىۋەتتە، بۇ گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار نۇرمال تىجارەت پۇرسىتىدىن بەھرىمان بولالماي مەجبۇرەن ياقا گۇرۇپپىلارغا ئايلانغان. كۈنىمىزدە بولسا سانى ناھايىتى ئازلاپ كەتكەن بولۇپ، بېيجىڭدىكى تۆتىنچى ھالقا يول دائىرىسى ئىچىدە تىجارەت قىلالايدىغان، ئاشخانا ئاچالىغانلارنىڭ سانى بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا ھال شەكىللەنگەن. بۇ خىل ياقىلىشىش جەريانىدا، ئۇلارنىڭپەرزەنىتلىرى ئوقۇشسىز قالغان ياكى كوچىلاردا سەرگەردان بولۇپ مەجبۇرەن يامان نىيەتلىك جىنايەت گورۇھلىرىنىڭ شايكىلىرىغا ئايلىنشقا باشلىغان.

يۇقىرىدا ساناپ ئۆتۇلگەن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن باشقا يەنە بازار ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان 20 – ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىن باشلاپ بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى ھەرخىل توسالغۇلارنى يېڭىپ، رىقابەت ئارقىلىق ئەنئەنىۋى ئېتبار ئىدارىلىرىدىن باشقا ئورگان، كارخانا، شىركەتلەر؛ ھەتتا چەت ئەللەرنىڭ ئەلچىخانا، ۋاكالەتخانىلىرى تەرىپىدىن تاللاپ ئىشلىتىشكە باشلىغان. بۇ ياشلار بىلەن ئالدىنقى ئىدارە – ئورگانلاردا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئۈنۋېرسال ساپا، قىممەت قاراش، كرىزىس تۇيغۇسى، ماسلىشىشچانلىق، مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىق جەھەتلەردە كەسكىن پەرقلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىق جەھەتلەردە كەسكىن پەرقلەر مەۋجۇت. بۇ خىل گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ سانى كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.

بېيجىڭ شەھرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان يەنە بىر پەرقلىق گۇرۇپپا شۇكى، جۇڭگودا كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپ غەلبە قىلىپ يېڭى جۇڭگوقۇرۇلغاندىن كېيىن، يېڭى دەۋرنىڭ ئىھتىياجى، خۇسۇسەن پارتىيىنىڭ سىياسەت – پەرمانلىرىنى،تەشۋىقات – تەرغىباتلىرىنى تىل – كۈلتۈر ۋە قىممەت قاراش جەھەتتىن تامامەن پەرقلىق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ زىيالىي ۋە ئاۋام تەبىقىسىنىڭ قاتلام – قاتلاملىرىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بېيجىڭدا خىزمەت ئۆتەش زۆرۇرىيىتى تۇغۇلغان.مانا مۇشۇنداق ئىھتىياج تۈپەيلى، بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي تۈركۈم – تۈركۈملەپ بېيجىڭغا كەلگەن. ئازادلىقتىن كېيىن بېيجىڭغا يەرلەشكەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئورگىنىدا ھەر قايسى تارماق ئىدارىلىرىدە⑧كەسپىي ۋە مەمۇرىي خىزمەتلەرنى ئۆتەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى (تەمسىلخانىسى) دا بىر تۈركۈم زىيالىيلار بار. ئۇلار ئازادلىقتىن كۈنىمىزگىچە بولغان جەرياندا يۇقىرىقى ئىدارە – ئورگانلاردا خىزمەت قىلىپ، كېيىنكىلىرى ئاساسەن بۇ شەھەرگە يەرلىشىپ قالغان.

كۈنىمىزدىكى بېيجىڭ شەھرىدە، يەنە ئۇيغۇرلار بىلەن تېخىمۇ زىچ ئالاقىسى ۋە مۇناسىۋىتى بارغانسېرى سۇسلاشقان ياكى تامامەن ئۈزۈلگەن، ئىككى، ئۈچ ئەسىر مۇقەددەم كەلگەن ياكى ئەكېلىنگەن خوجا جەمەئىتىنىڭ ئەۋلادلىرىنى، قۇمۇل، تۇرپان ۋاڭلىرىنىڭ بۇ شەھەردىكى ساراي ياكى سارايچىلىرىدا تۇرۇپ قالغانلارنىڭ قىسمى ئەۋلادلىرىنى ئارا – سىرا ئۇچرىتىمىز ياكى ئۇلارنىڭ خەۋەرلىرىنى ئىشتىمىز. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى سىياسىي مەنىدىكى ئۇيغۇر كىملىكىنى داۋام قىلدۇرۇپلا قالماستىن، يەنە دىنىي كىملىكنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ساقلاپ قالالىغان. پەقەت يەنىلا ئۇلارغا ئۇيغۇر مىللىي كۈلتۈرى نۇقتىسىدىن قارايدىغان بولساق،ئۇلاردا ئېغىر دەرىجىدىكى كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ بولغانلىقىنى ياكى ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ گۇرۇپپىنىڭ جىيەن فامىلىلىك خۇنەن ئۇيغۇرلىرىدىن روشەن پەرقى شۇكى، بەزىلەر كۈنىمىزگىچە ئۇيغۇر تىلىنى تامامەن يوقاتمىغان، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنى ئىزچىل داۋام قىلغان ياكى ناھايىتى ئاز ساندىكى بىر قىسىملارلا خەنزۇ ئىسىم – فامىلىسىنى قوبۇل قىلىپ كەتكەن. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىن كېيىنكى دەۋرلەردە تەكرار ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىغا بېرىپ يىلتىزىنى ئىزدەشكە تىرىشقان، يېڭى نەسىللەر بۇ شەھەرگە ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن تەڭرىتاغلىق ئۇيغۇر قىز – يىگىتلەر بىلەن تويلاشقان.
كۈنىمىزدە، خۇنەندە ياشاۋاتقان جىيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلاردىكى كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈكنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان ياكى چىقىشقا باشلىغان بولۇشى مۇمكىن. كۈنىمىزدە، بىز بۇ ئۇيغۇرلار يېزىسىنى ياكى جەمئىيىتىنى كۆزەتكىنىمىزدە، ئۇيغۇرلۇقنىڭ پەقەتلا مىللىي ئاڭدا ياكى سىياسى كىملىكتە ئىكەنلىكىنى كۆرەلىشىمىز مۇمكىن. چۈنكى ئۇلارنىڭ تىلى، قىممەت قاراشلىرى، ئىستېتىكىسى، تەپەككۇر شەكلى ئاللىبۇرۇن تەڭرىتاغ رايونىدىكى ئۇيغۇرلاردىن كەسكىن پەرقلىنىپ بولغان. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇلار كۈلتۈرەل مەنسۇبىيەت نۇقتىسىدىن خەنزۇ – تۇڭگان كۈلتۈر كىملىكىدە بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇلار كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك جەريانىنى تاماملاپ بولغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئالاھىدە بىر خىل سوتسىئال گۇرۇپپىدۇر.
خەنزۇ بولۇشى ناتايىن بولىدۇ. بۇ سەۋەبلىك، جەمئىيەتشۇناسلىقتا شەخىسنىڭ ياكى گۇرۇپپىنىڭ مىللىي تەۋەلىكى سۈرۈشتە قىلىنغاندا، ئۇنىڭ بىيولوگىيىلىك، فىزىئولوگىيىلىك تەۋەلىكىنى ئەمەس، كۈلتۈرەل تەۋەلىكىنى دىققەتكە ئالىدۇ. يەنى شەخىس مەلۇم بىر مىللەتكە مەنسۇپ ئاتا – ئانىدىن تۆرەلگەندىن كېيىن، شۇ مىللەتنىڭ تىلى، دىنى، ئۆرپ – ئادىتى، قىسقىسى، كۈلتۈرىدە ئىجتىمائىيلىشىپ كىشىلىكنى شەكىللەندۇرمەي، باشقا يات بىر مىللەتنىڭ تىلى، كۈلتۈرىدە ئىجتىمائىيلاشقان بولسا ئۇنىڭ مىللىي – كۈلتۈرەل تەۋەلىكى بولسا تەربىيىسىنى ئالغان مىللەتنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. شۇڭا، خۇنەندە ياشاۋاتقان جىيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلار پەقەتلا سىياسىي نۇقتىدىن ئۇيغۇر كىملىكىگە ئىگە بولغان بىلەن، كۈلتۈرەل مەنسۇبىيەت نوقتىسىدىن ئۇلار تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرىدىن تامامەن پەرقلىقتۇر ۋە خەنزۇ – تۇڭگان مەنسۇبىيىتىدۇر. كۈنىمىزدە، ھەققىي ئۇيغۇر مىللىي كۈلتۈرى ۋە تىلىنى كېيىنكى نەسىللەرگە يەتكۈزەلەيدىغانلار بولسا، تەڭرىتاغنىڭ ئەتراپى (شەرقى، شىمالى، غەربى – ئاساسلىقى يەتتە سۇ رايونى ۋە جەنۇبى) دا  ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تىللىق ئۇيغۇرلاردۇر.

4 . ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسى

يۇقىرىدا جەمئىيەتشۇناسلىق نوقتىسىدىن كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسى ئۈستىدە قىسقىچە، نىسبەتەن يۈزەكى نەزەرىيىۋى ئىزدىنىشتە بولدۇق. ئەمدى بۇ نەزەرىيە رامكىسىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسىگە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى يېڭى سوتسىئال گۇرۇپپا – خەنتىللىق ئۇيغۇرلار، جىيەن فامىلىلىك خۇنەنلىك ئۇيغۇرلار ياكى ئازاتلىقتىن كېيىن خىزمەت ئېھتىياجىدىن بېيجىڭغا يەرلەشكەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئەۋلادلىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسىگە نەزەر سالايلى.
كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسى ئادەتتە پەرقلىق كۈلتۈرلەر ئۇچراشقاندا خۇسۇسەن تەڭسىز مۇناسىۋەتكە كىرىشىشكە مەجبۇر بولغىنىدا ياكى مەلۇم كۈلتۈرنىڭ مەنسۇبى ئۆزى تەۋە بولغان توپتىن ئايرىلىپ يات كۈلتۈرئىچىگە كۆچۈپ كىرگىنىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ھادىسىدۇر. كۈلتۈرلەرنىڭ ئۇچرىشىشى مۆتىدىل ۋە تەڭخىل مۇناسىۋەتلەر دائىرىسىدە بولغىنىدا ھەر ئىككى تەرەپتە غىدىقلىنىشىقا سەۋەپچى بولۇپ، كۈلتۈرلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەگەر بۇ خىل مۇناسىۋەت تەڭسىز، ئاستىن – ئۈستۈن بولغىنىدا ياكى ئارىدا جىددىيلىشىش يۈز بەرگىنىدە، ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىسىز بولىدۇ، بولۇپمۇ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان كۈلتۈردە تېخىمۇ كۆپ زىيان پەيدا بولىدۇكى، ئەڭ خەتەرلىك بولغاندا كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسىنى پەيدا قىلىدۇ.
ئۇنداقتا، كۈلتۈر بىر گۇرۇپپا، قەۋم، مىللەتتىن ئايرىلىپ تۇرۇشىدا، خاسلىقنى داۋام قىلدۇرۇشىدا بولمىسا بولماستۇركى، ئۇنىڭ ئورنىنى باشقا بىر كۈلتۈر ئالغىنىدا، ئۇشبۇ گۇرۇپپا،قەۋم، مىللەت خاسلىقىنى، ئۆزگىچىلىكىنى يۇقاتقان بولىدۇ – دە، قۇبۇل قىلىنغان كۈلتۈر تەۋە بولغان گۇرۇپپا، قەۋم، مىللەتنىڭ ئىچىدە ئېرىگەن، يوق بولغان بولىدۇ. ئۇنداقتا كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك دېگەن نىمە؟ ئۇ قانداق ئەھۋاللاردا چىقىدۇ؟
مەلۇماتلار، ئەقىدىلەر، سەنئەت، ئەخلاق، ئادەت – ئەنئەنىلەر ۋە باشقا قابىليەتلەر بىلەن خۇي – مىجەزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇرەككەپ بىر گەۋدىدۇر. ئەسىرلەر كېيىن جەمئىيەتشۇناس مۇتەپەككۈر زىيا گۆكئالىپ كۈلتۈرگە ناھايىتى ئاممىباب تىل بىلەن شۇ شەكىلدە ئېنىقلىما بېرىدۇ: كۈلتۈر بىر مىللەتنىڭ دىنى، ئەخلاق، تۆرەسى، ئېستىتىك تۇيغۇسى، ئىقتىسادىي ۋە پەننىي ھاياتلىرىنىڭ جىسىپلاشقان بىر پۈتۈن گەۋدىسىدۇر.گۆكئالىپ يەنە مەدەنىيەتكە ئېنىقلىما بېرىپ:«ئوخشاش بىر تەرەققىيات سەۋىيىسىدىكى بىر مۇنچە مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتلىرىنىڭ ئورتاق بىر پۈتۈنى» شەكلىدە ئىزاھلايدۇ.
3 . كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسى

جوڭگۇدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلار ئۆزگىچە مۇكەممەل سوتسىئال – كۈلتۈرەل قۇرۇلمىسى بولغان، مىللىي ئەس – خاتىرىسى(National Memory民族记忆
) تېخىچە ئالماشمىغان؛ زامانىۋى ئىجتىمائىي ۋە تەبئىي پەننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ماڭالىغان، ھەتتا دېمۇكىراتىك سىياسىي مۇھىتتا ۋە ئەركىن بازار ئىقتىسادىدا ئۆزىنىڭ ئىگىلىك سېستىمىسىنى تىكلەشكە تىرىشالايدىغان، تەڭخىل پۇرسەتلەر دائىرىسىدە رىقابەت ئىقتىدارى خېلى يۇقىرى بولغان، دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇسى 10 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن بىر مىللەتتۇر. 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىن كېيىنىكى دۆلەت مىقياسىدىكى «ئىسلاھات – ئېچىۋىتىش» دولقۇنى ئەسناسىدىكى    پايدىلىق پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردە تېز سۈرئەتتە سىلكىنگەن، نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، 20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدىن ئېتبارەن ئۇيغۇر رايونىنىڭ سوتسىئال – كۈلتۈرەل قۇرۇلمىسىدا ناھايىتى تېز سۈرئەتلىك ئۆزگىرىشلەر، ھەتتا ئالمىشىشلار بارلىققا كەلگەن. بۇ جەريان كۈنىمىزدىمۇ سۈرئىتىنى ئاستىلاسماستىن داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆزلەملەنمەكتە ھەم بىلىنمەكتە.
مۇھىتتا پۇرسەتلەردىن تەڭ بەھرىمان بولۇپ، يېتەكچى جەمئىيەت بىلەن كۈلتۈرى بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلىش ئىمكانيىتىدىن بەھرىمەن بولۇشتۇركى، بۇنىڭ دۆلەت پۈتۈنلۈكى ۋە بىرلىككە تەھدىت قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ.
تېما تەستىقلىغۇچى : kokturuk
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-20, 23:05
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-08-20 02:27 |
anatil8
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8450
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 167
شۆھرەت: 845 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 845 سوم
تۆھپە: 506 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 506 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 57(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

چاپتىكەش ئەپەندىم ياخشىمۇسىز،،ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن.

1-قەۋەتتىلا پۇچەك ئىنكاس يازىدىغان بولدۇم،،كەچۈرگەيسىز.

كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسى دىگەن زادى قانداق ئۇقۇم؟؟؟؟

تىمىدا تىلغا ئېلىنغان (كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىس)دىگەن ئۇقۇمنى چۈشۈنۈپ ئوقۇغاندىلا تىمىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنىڭ تىگىگە يەتكىلى بولارمىكىن دىگەن ئۈمۈتتە سورىدىم،،،ئىزاھات بىرۋەتكەن بولسىڭىز...

رەخمەت سىزگە ئەپەندىم....
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-20 23:37 |
sahabi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9364
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 75 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 75 سوم
تۆھپە: 44 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 44 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مىنىڭ تەشەببۇسۇم شۇبېيجىڭدىكى ھەرساھە ھەر كەسىپتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ھازىرقى كۈنىنىلا ئويلىماي ئەۋلاتلىرىنىڭ كىينلىكىنىمۇ ئويلىشى ھەم ئانا تىلىدىكى مەكتەپ قۇرۇشقاتىرىشىشى كېرەك.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-21 00:02 |
sultani
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8790
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 25
شۆھرەت: 125 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 125 سوم
تۆھپە: 75 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 75 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 86(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇشۇنداق نادىر تېمىلارنىڭ كۆپرەك روياپقا چىقىشىنى ئۇمىت قىلىمز!
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-21 02:55 |
tongtur70
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6943
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 20
شۆھرەت: 100 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 103 سوم
تۆھپە: 60 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 60 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 64(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى anatil8دە2012-08-20 23:37يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
چاپتىكەش ئەپەندىم ياخشىمۇسىز،،ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن.

1-قەۋەتتىلا پۇچەك ئىنكاس يازىدىغان بولدۇم،،كەچۈرگەيسىز.

كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسى دىگەن زادى قانداق ئۇقۇم؟؟؟؟
.......

مېنىڭ چۈشنىشىمچە،« كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسى»دىگىنمىز ،بىز دەۋاتقان مەدەنىيەتتە ئۈزلۈپ قېلىش ھادسىسى،يەنى،ئەۋلاتلارنىڭ ئەجداتلار ياراتقان مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلالماسلىق ،ۋارىسلىق قىلماسلىق ھادىسسى.بۇ ناھايتى قورقۇنۇشلۇق بولۇپ،مىللى خاسلىقنىڭ يوقۇلۇشنىڭ باشلىنىشى ھىساپلىندۇ.
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-21 09:19 |
abdukorax
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8579
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 323
شۆھرەت: 1726 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1733 سوم
تۆھپە: 1026 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1033 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 404(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى tongtur70دە2012-08-21 09:19يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

مېنىڭ چۈشنىشىمچە،« كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسى»دىگىنمىز ،بىز دەۋاتقان مەدەنىيەتتە ئۈزلۈپ قېلىش ھادسىسى،يەنى،ئەۋلاتلارنىڭ ئەجداتلار ياراتقان مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلالماسلىق ،ۋارىسلىق قىلماسلىق ھادىسسى.بۇ ناھايتى قورقۇنۇشلۇق بولۇپ،مىللى خاسلىقنىڭ يوقۇلۇشنىڭ باشلىنىشى ھىساپلىندۇ.

مەنمۇ سىز چۉشەندۉرگەندەك چۉشەندىم
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-21 14:46 |
qaptikax
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6463
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 48
شۆھرەت: 282 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 286 سوم
تۆھپە: 166 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 170 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 40(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قايسىڭلار ئۇيغۇرزادە بىلەن ئالاقىلىشەلەيسىلەر؟ ئۇنىڭ  بۇ توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئاڭلاپ باققۇم بار ئىدى ، مۇمكىن بولسا ئۇنى بۇ يەرگە تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئۆزگىچە قاراشلىرىنى ئاڭلاپ ، بەس مۇنازىرە قىلساق.
مەن ھازىرچە سۈكۈتتە تۇرۇپ تۇراي. ھالقىىلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا ،ئاندىن توختىلىمەن.

مۇمكىن بولسا  خەتلەرنى ئوڭشاپ قويسىڭىز .
[ بۇ يازمىنىqaptikaxدە2012-08-21 21:38قايتا تەھرىرل ]
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-21 21:25 |
handan926
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5354
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 74
شۆھرەت: 376 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 378 سوم
تۆھپە: 226 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 228 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 190(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مېنىڭچە كۈلتۈر دېگەن بۇ  سۆز ئېنگىلىز تىلىدىكى << كالچېر >> دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ ، ئۇيغۇر تىلىمىزدا مەدەنىيەت دېگەن مەنىنى بىلدۈرەمدىكىن دەيمەن، « كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسى»بۇ بولسا مەدەنىيىتىمىزدىكى ياتلىشىش دېگەن مەنىنى بىلدۈرەمدىكىن دەيمەن
istanbol
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-21 22:20 |
ulughbek
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9280
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 106
شۆھرەت: 535 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 535 سوم
تۆھپە: 320 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 320 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 307(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى handan926دە2012-08-21 22:20يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مېنىڭچە كۈلتۈر دېگەن بۇ  سۆز ئېنگىلىز تىلىدىكى << كالچېر >> دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ ، ئۇيغۇر تىلىمىزدا مەدەنىيەت دېگەن مەنىنى بىلدۈرەمدىكىن دەيمەن، « كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسى»بۇ بولسا مەدەنىيىتىمىزدىكى ياتلىشىش دېگەن مەنىنى بىلدۈرەمدىكىن دەيمەن

توغرا.ھازىر مۇشۇ ئۇقۇمنى تۈركىيەلىكلەر" كۈلتۈر"،بىز "مەدەنىيەت"دەپ ئىشلىتىۋاتىمىز.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-21 22:23 |
handan926
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5354
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 74
شۆھرەت: 376 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 378 سوم
تۆھپە: 226 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 228 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 190(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئابدۇرەشىت مۇئەللىم، ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا سىلنىڭ لېكسىيەلىرىنى بىر قېتىم ئاڭلاپ شۇنداق قايىل بولغان ئىدىم، 2007-يىلىغۇ دەيمەن،مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن سۆزلىگەن ئىدىلە،  مۇمكىن بولسا ئاشۇ لېكسىيەلىرىنى باغداش تورىدا بىر ئېلان قىلغان بولسا، جەمىيىتىمز ئۈچۈن كۆپ پايدىسى بولاتتى دەپ ئويلايمەن
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-21 22:28 |
qaptikax
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6463
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 48
شۆھرەت: 282 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 286 سوم
تۆھپە: 166 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 170 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 40(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسى
ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق

1.      يېقىنقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتى
19 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئېتبارەن ئىنسانىيەت دۇنياسى غەربىي ياۋرۇپادا ئوتتۇرىغا چىققان سانائەتلىشىش – زامانىۋىلىشىش دولقۇنىنىڭ تەسىرىدە ئاستا – ئاستا ياكى تېز سۈرئەتتە ئەنئەنىۋى جەمئىيەت ۋە تۇرمۇش شەكلىدىن سانائەتلەشكەن ، زامانىۋىلاشقان يېڭىچە جەمئىيەتكە ئۆتۇشكە باشلىدى. ئالدىن تەرەققىي قىلغان غەربنىڭ كېڭەيمىچىلىكى ۋە بېسىمى تەسىرىدە ئۇلارنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئۆرنەك قىلىپ تەرەققىي قىلغان چار روسىيەگە ئوخشاش دۆلەت – ئىمپېرىيىلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا دۇچار بولغان مەركىزىي ياۋرۇ – ئاسىيالىقلار تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا مۇنقەرز بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سوتسىئال – كۈلتۈرەل قۇرۇلمىسىدا ئىسلاھاتلارنى باشلايدۇ. چېچىلاڭغۇ، تەشكىلاتسىز، چۆككەن ئىقتىسادىي سېستىمىسى ۋە دوگمىلىشىپ دەۋر تەلەپلىرىنى قاندۇرۇشتىن ئۇزاق قالغان مائارىپ سېستىمىسىنى ئۆزگەرتىش، يېڭىدىن تەشكىللەش، غەرىبتىكى مەنىدە يېڭىدىن مىللەت يارىتىش مەقسىتىدە جەدىتچىلىك دەپ ئاتالغان ھەرىكەتنى باشلايدۇ. قىرىم – قازان – ئىستانبول ئۈبۇلۇڭدا تەرەققىي قىلغان بۇ ھەرىكەت تېز سۈرئەتتە پەرغانە، تارىم ۋادىلىرىغا، قىپچاق دالالىرىغا كېڭىيىدۇ. پەقەت رۇسىيەدە ئوتتۇرىغا چىققان ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ سول قانىتى مەلۇم مەزگىل ئاكتىپ بولغان بولسىمۇ، سىتالىننىڭ بولشىۋېكلار پارتىيىسىدە تامامەن كاتتىباش بولۇشى بىلەن پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈلۈپ ئاقىۋەتتە يوق قىلىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بۇ ھەرىكەت تەسىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ زامانىۋى مىللەت بولۇش ئارزۇسى ئۇلارنىڭ ئېسىگە ئۆچمەس تامغا شەكلىدە ئورناپ قالغان بولىدۇ. لېنىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن سىتالىنىزىم نەزەرىيىسى ۋە ئىدېئولوگىيىسى رامكىسىدا مەركىزىي ئاسىيالىق ئاھالىلەر يېڭىدىن مىللەتلەرگە ئايرىلىدۇ. بۇ جەرياندا، تامامەن رۇس مۇستەملىكىسىدە بولمىغان، لېكىن ئۇلارنىڭ تەسىرىدە قالغان تەڭرىتاغلىقلارمۇ ئۆز نېسىۋىسىنى ئالىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب – شىمالىدا دېھقانچىلىقنى ئاساس، سودا ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىكنى قوشۇمچە تىرىكچىلىك ۋاستىسى قىلغان يەرلىك خەلق 1920 – يىلىدىن كېيىن رۇسلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا يېڭىچە مىللەت يارىتىش دۇلقۇنىنىڭ تەسىرى ۋە رۇس تۈركولوگ، ئىدېئولوگلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۈركىي تىللىقلارنىڭ تارىخىدىكى تارىخىي نام «ئۇيغۇر» نامى بىلەن يېڭىدىن زامانىۋى مىللەت بولۇش يولىغا ماڭغان. يۇقىرىدا قەيت قىلىنغاندەك، ياۋرۇ - ئاسىيا جۇغراپىيىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان جەدىتچىلىك ھەرىكىتى ئەسلى ئۆزلىرىدە بار بولغان، پەقەت ئىسلامىيەتنىڭ ئۈممەت – مىللەت قارشىنىڭ تەسىرىدە سۇسلىشىپ ئاجىزلىغان «بۇدۇن» ياكى «ئۇلۇس» ئېڭى ئاساسىدا ئوخشاش تىل ۋە كۈلتۈر سېستىمىسىدىكى ياۋرۇ – ئاسىيا جۇغراپىيىسىدە تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان تۈركىي تىللىقلاردىن زامانىۋى «تۈرك» مىللىتى يارىتىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، بۇ جۇغراپىيىدە ئوتتۇرىغا چىققان باشقا ئىنقىلابلار نەتىجىسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان ئىدى. لېكىن، بۇ ھەرىكەتنىڭ تەسىرى ناھايىتتى چوڭ بولغان. چۈنكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن ياكى يەنە شۇ يىللاردا بۇ رايۇندىكى خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ كىملىك ئىدراكىدا ئاۋام (ئاساسەن) دېھقانچىلىق بىلەن مەشغۇل بولىدىغان باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا، ماكانداشلىقنى ئاساس قىلغان كىملىك كۆز قارىشىنى ياكى «ئۈممەتىي مۇسلىم» دۇنيا قارشى بويىچە ئۆزلىرىنى «كاشغەرلىك»، «ئاقسۇلۇق»، «ئەندجانلىق»، «تۇرپانلىق»، «خوتەنلىك» ...ياكى «مۇسۇلمان» شەكلىدە تەرىپلىشەر ئىدى. پەقەت بۇ يۇرتلارنىڭ تولغان زىيالىرى تەرىپىدىن «تۈرك» شەكلىدە ئىدراك قىلىنغانلىقى، باشقۇرغۇچىلىرى تەرىپىدىن بولسا «چەنتۇ» دەپ ئاتالغانلىقى تارىخىي يادىكارلىقلاردىن مەلۇم.
غەرىبتە باشلانغان سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان باشقا ھەرخىل ئىدىئولوگىيىلىك ئىنقىلابلار تېز سۈرئەتتە شەرققە يامرىغان. غەربنىڭ ياكى زامانىۋى مەنىدىكى «مىللەتلىشىش» دولقۇنىنىڭ تەسىرىدە، ياۋرو – ئاسىيادا ياشاۋاتقان تۈرك تىللىقلارنىڭ زىيالىيلىرىمۇ يۇقىرىدا نامى تىلغا ئېلىنغان «جەدىتچىلىك» نامىدىكى زامانىۋىلىشىش ھەرىكىتىنى باشلىتىپ، ئالدىن سانائەتلىشىپ تەرەققىي قىلغان «زامانىۋى مىللەتلەر كارۋىنى»غا قېتىلىشقا تىرىشقان. پەقەت تۈركىي تىللىقلارنىڭ ئەڭ شەرقىدە قالغان تەڭرىتاغلىقلارنىڭ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، 18 – ئەسىردە باشلانغان ئىچكى ئۇرۇش ۋە سىرىتنىڭ تاجاۋۇزى نەتىجىسىدە ھالسىرىغان، قانسىرىغان بۇ ئاھالە رايۇنىنىڭ غەربىدىكى قېرىنداشلىرى، دىنداشلىرى ئارىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان مۇسبەت ئۆزگىرىش ۋە يېڭىلىقلاردىن ئىلھام ئېلىپ ئېنىرگىيە توپلاشقا غەيرەت قىلغانلىقى، غەربىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ كۈنسايىن زورايغان «جەدىتچىلىك» ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىدە، مائارىپ سېستىمىسىنى يېڭىلاشقا، يېڭى نەسىللەرنى ئەسىرىنىڭ تەرەققىي ئىلىملىرى بىلەن سۇغۇرۇشقا، تاۋلاشقا تىرىشقانلىقى، مۇساباي پەرزەنىتلىرىدەك سۆدىگەرلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي ‹‹ ئال- ساتچىلىق ›› ىنى ‹‹ ئىشلە/ياسا/سات››ئەندىزىسىدىكى سانائەتچىلىككە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ھەرخىللىشىش ۋە سەرخىللىشىشىغا تۆھپىسىنى قوشقانلىقى بىلىنىدۇ. يەنە مەسئۇد سەبىرىدەك چەت ئەللەردە يىللارچە ھىجرەتتە تۇرۇپ ئىلىم تەھسىل قىلىپ ۋەتەنگە قايىتقان يۇرت ئوغلانلىرىنىڭ خەلقنىڭ يارىسىغا داۋا، دەردىگە شىپا بولۇش ئۈچۈن ‹‹ كەسىپ ئۆزگەرتىش ›› كە مەجبۇر بولۇپ، كۈلتۈر ۋە سىياسەت سەھنىسىدە ئاكتىپ بولغانلىقى ھەم مەلۇم. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە زامانىۋى مىللەت بولۇش، جاھان مىللەتلىرىنىڭ كەينىدە قالماسلىق ئىزتىراپلىرىنىڭ ياكى شانلىق تارىخىدىن ئالغان ئىلھام، مەسئۇلىيەت- ئەجدادىغا لايىق ئەۋلاد، ئەۋلادىغا لايىق ئەجداد بولۇش قايغۇسى ئىتتىرگۈچ ئېنىرگىيە بولغان. بۇلاردىن باشقا، رايۇننىڭ شەرقى ۋە غەربىدە ئوتتۇرىغا چىققان، چىقىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرمۇ بۇ جەمئىيەتكە سىرتتىن ھەرخىل شەكىللەردە تەسىر قىلىپ تۇرغانلىقى ئاشكارا ئىدى.
قىسقىسى، ئۆتمۈشتە شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان تارىملىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇشبۇ يىللاردا ئۆز ئوربېتىسىدا مىللىي ئەنئەنىسىگە مۇناسىپ مىللەتلىشىشكە شۇ قەدەر تېرىشقان بولسىمۇ، ئەسىرلەر مابەينىدە داۋام قىلغان جەڭگى-جېدەللەر ( ئىچكى- تاشقى ئۇرۇشلار ) جەريانىدا ۋەيران بولغان ئىقتىساد، گۇمران بولغان كۈلتۈر- مائارىپ سىستېمىسى ۋە جاھالەت؛ ئوچۇق دېڭىزدىن ئۇزاق جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە ياۋۇز كۈچلەرنىڭ كۆزلىرىنى قىزارتىدىغان سىتىراتىگىيىلىك ئورنى ۋە پۈتمەس يەر ئۈستى- ئاستى بايلىقلىرى؛ مەدەنىي مىللەتلەر بىلەن قوشنا بولالمىغانلىقىدەك ... رېئاللىقى ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىگە داغ، كۆزلىرىگە قان ۋە ياشنى، قەلبىگە ئاچچىق نەپىرەتنى بەخشەندە قىلىپ، ئەمەليەتتە ‹‹ چالا ئۆلۈك ›› مىللەت قىلىپ قويغان. ئۇيغۇر جەمئىيىتى زامانىۋى مەنىدىكى ‹‹ مىللەتلىشىش ›› نى تاماملىيالمىغانلىقى تۈپەيلى، ئۆزىنىڭ مىللىي ئوربېتىسىغا مۇناسىپ ‹‹ زامانۋېلىشىش ›› نى تاماملىيالماستىنلا ج ك پ رەھبەرلىكىدىكى يېڭى دەۋرگە كىرىپ كەلگەن. يېڭى دەۋردە گەرچە ئاپتونوميىسى بار بولغان بىر مىللەت بولغان بولالىغان بولسىمۇ، بۇ ھال ئۇلارنىڭ زىيالىيلىرى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتبارەن، زامانىدىكى مىللەتلەرگە ئوخشاش زامانىۋى ‹‹ مىللەت ›› بولۇش ئويى ۋە نىشانىدىن خېلىلا ئۇزاقتا قالغان مىللەتلىشىش جەريانى بولۇپ قالغانىدى.
كېيىنكى يىللاردىكى، خۇسۇسەن كۈنىمىزدە مەملىكەت مىقياسىدا كۈنسايىن كۈچەپ ئىجرا بولۇۋاتقان سوتسىئال –كۈلتۈرەل پۈتۈنلىشىش جەريانىدا، بىر قىسىم يېتەكچى ئېقىم زىيالىيلىرى ‹‹ مىللەت / 民族 ›› ئاتالغۇسى ۋە ئىپادە قىلغان ياكى قىلىشى كېرەك بولغان مەنىسىنى مۇنازىرىگە ئېچىپ، بۇ خىل  ‹‹ مىللەت / 民族 ›› ئاتالغۇسىنىڭ ئۇيغۇرچە ياكى غەرپ تىللىرىدىكى ‹‹ مىللەت /  Nationality›› مەنىسىدە ئەمەس، ئەكىسىچە غەرپ تىللىرىدىكى‹‹/ Ethnic Group ئېتنىك گۇرۇپپا ››①بولۇشى كېرەكلىكىنى، بۇنى خەنزۇ تىلىدا ‹‹ /族群ئېتنىك گۇرۇپپا ›› دەپ ئاتاشنى، ‹‹ /少数民族ئاز سانلىق مىللەتلەر ›› نىڭ ‹‹ /少数族群 ئاز سانلىق ئېتنىڭ گۇرۇپپا ›› دەپ ئاتىلىشىنىڭ شەرتلىكىنى كۈچەپ ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.② بۇ مەنىدىكى ‹‹ مىللەت ›› بىلەن كۈنىمىزدىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلار ئىدراك قىلىۋاتقان ‹‹ مىللەت ›› بىر-بىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان مەزمۇن ۋە ھوقۇقلارغا ئىگە بولغان. باشقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا، يېتەكچى جەمئىيەتتىكى كۆپسانلىق زىيالىيلارنىڭ كۈتۈشىدە ، ئۇيغۇر قاتارلىق ئازسانلىق مىللەتلەر نىسبەتەن ئۆزىگە خاس، ئۆزگىچە مۇكەممەل سوتسىئال – كۈلتۈرەل قۇرۇلمىسى بولغان بىر ‹‹ مىللەت ›› - ‹‹ جەمئىيەت ›› ئالاھىدىلىكىدە ئىزچىل تەرەققىي قىلىشنى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇ خىل ئالاھىدىلىك ۋە خاسلىقنى ئاستا-ئاستا ياكى تېز سۈرئەتتە يوق قىلىپ، يېتەكچى جەمئىيەت سوتسىئال-كۈلتۈر سېستىمىسىغا ئائىت قىممەتلەرنى كۈلتۈر ئەندىزلىرىنى كۆپلەپ قۇبۇل قىلىپ كەلگۈسىدە ئۇنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلانغان ‹‹ ئېتنىك گۇرۇپپا ›› يۆنلىشىدە تەرەققىي قىلىشتۇر. كۆپسانلىق ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ كۈتۈش ياكى ئارزۇسى بولسا خاسلىق ۋە ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغان كۆپكۈلتۈرچى ( Multicultur / 多元文化  ) مۇھىتتا پۇرسەتلەردىن تەڭ بەھرىمان بولۇپ، يېتەكچى جەمئىيەت بىلەن كۈلتۈرى بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلىش ئىمكانيىتىدىن بەھرىمەن بولۇشتۇركى، بۇنىڭ دۆلەت پۈتۈنلۈكى ۋە بىرلىككە تەھدىت قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ.
ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە قۇرۇلغان سۇلالە، خانلىق ۋە ئىمپىراتۇرلۇقلارنىڭ ئەسىرلەر مابەينىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ۋە نەتىجىسىدىن قارايدىغان بولساق، ھەقىقەتەنمۇ تاق خىللىشىش، خۇاشىيا مەركەزچىلىكىدە پۈتۈنلىشىش جەريانى ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ. كېيىنكى 60 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى، خۇسۇسەن بازار ئىقتىسادى دەۋىرىگە كىرىلگەن 20 يىللىق جەرياندا مەملىكەت مىقياسىدىكى مىللەتلەرنىڭ بارغانسىرى ‹‹ ئېتنىك گۇرۇپپا ›› كىملىكى يۈنلىشىدە ئىلگىرلەۋاتقانلىقى ياكى بۇ يۆنلىشكىلا يېشىل چىراغ يېقىلغانلىق رېئاللىقى ناھايىتى رۇشەن كۆزگە چېلىقىدۇ. كۆپ مىللەتلىك ئەنئەنسىگە ماس كۆپكۈلتۇرچىلىكنىڭ ( Multicultur / /多元文化  )  ۋاز كېچىلىۋاتقانلىقى، يەنى مىللىي كىملىكلەرنىڭ ئېرىش، كىچىكلەش، ئورۇقلاش ۋە ياكى قېتىلىپ كېتىش باسقۇچىغا قەدەم قويۇلۇۋاتقانلىقى رۇشەنلىشىپ بارماقتا. ئەگەر بۇ خىل تەرەققىيات داۋام قىلىدىغان بولسا، ئاقىۋەتتە ئەسلىدە ‹‹ مىللەت ›› سۈپىتى ۋە دەرىجىسى بولغان ئاز سانلىق مىللەتلەر يېقىن كىلەچەكتە ‹‹ جۇڭخۇا مىللىتى ››③  تەركىبىدە، بەزى كۈلتۈرەل پەرقلىرى تۈپەيلى ئاساسىي يېتەكچى مىللەتتىن مەلوم جەھەتلەردە ( ئېھتىمال پىسخولوگىيە، فىزىئولوگىيە، كۈلتۈر، قىسىمى ئۆرپ- ئادەتلەر ) پەرقى بولغان مەنىسىگە ماس ‹‹ ئېتنىك گۇرۇپپا ›› بولۇپ قېلىشى مۇقەررەر. كۈنىمىزدە، جۇڭگۇدىكى ئاساسلىق چوڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلار جەمئىيتىنىڭمۇ ئىجرا قىلىنىۋاتقان سىياسەتلەر ۋە يۆنىلىشلەر نەتىجىسىدە بۇ جەرياننىڭ سىرتىدا قالالمايدىغانلىقى ئۇيغۇر جەمئىيتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە چىقىۋاتقان سوتسىئال- كۈلتۈرەل ئۆزگىرىشلەردىن مەلۇمدۇر.
يېقىنقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى مىللىي ئوربىتىسىدىن ئۇزاقلاشمىغان، مىللىي ئەنئەنىگە باپ كېلىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسى يۇقىرىدا توختالغان سەۋەپلەر تۈپەيلى كامالىغا يەتمەستىن توختاپ قالغان. لېكىن، جەمئىيەتتە ئۆزگىرىش، پارچىلىنىش ۋە بۆلۈنۈش ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان ئىدى. پەقەت پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغىچە كېڭەيگەن ۋە جەمئىيتىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغىچە كېڭەيگەن ۋە مەلۇم بىر خىل ئىدېئولوگىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر تۇتاش ئۆزگەرتىش ياكى يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىش پەقەتلا 1955- يىلى قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە بۇ رايون مىقياسىدا ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان رەسمىي ئىدېئولوگىيەنىڭ ئىجرائاتلىرى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن. ئۇيغۇر جەمئىيتى خېلى ئۇزۇن ئەسىرلەردىن كېيىن تۇنجى قېتىم بىر خىل يېتەكچى ئىدىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە بىر تۇتاش ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ، تارىخىدا يېڭىچە بىر سەھىپە ئېچىلغان ياكى ئېچىشقا داۋام قىلىنغان. بۇ خىل ئۆزگىرىش ياكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىلغان ئۆزگەرتىش قاراخانىيلار دەۋىرىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان بولۇشى ھەم ئېھتىمال. مانا مۇشۇ جەرياندا كۈتۈلگەن ھەرخىل سىياسەت ۋە ئىجرائاتلار نەتىجىسىدە، جەمئىيەتتە كۆرۈلمىگەن يېڭچە گورۇپپىلار، تەبىقىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. بولۇپمۇ ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش يىللىرىدىن كېيىن ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىر تەرەپتىن گۈللەپ-ياشناش باسقۇچىغا كىرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ جەريان يەنىلا كامالىغا يېتەلمىگەن . 1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا باشلانغان ھەر ساھەدىكى گۈللەپ- ياشناشنىڭ ئورنىنى 1990-يىللاردا باشلانغان چېكىنىشلەر ئالغان. سوتسىئال- كۈلتۈرەل قۇرۇلما، رادىكال قارارلار رامكىسىدا قوپاللىق بىلەن ئۆزگەرتىلىشكە باشلانغان. ماقالىمىزدا توختالماقچى بولغان كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈكمۇ مۇشۇنداق ئۆزگىرەش  ياكى ئۆزگەرتىشلەر جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان
2. كۈنىمىزدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى
جوڭگۇدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلار ئۆزگىچە مۇكەممەل سوتسىئال – كۈلتۈرەل قۇرۇلمىسى بولغان، مىللىي ئەس – خاتىرىسى(National Memory民族记忆) تېخىچە ئالماشمىغان؛ زامانىۋى ئىجتىمائىي ۋە تەبئىي پەننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ماڭالىغان، ھەتتا دېمۇكىراتىك سىياسىي مۇھىتتا ۋە ئەركىن بازار ئىقتىسادىدا ئۆزىنىڭ ئىگىلىك سېستىمىسىنى تىكلەشكە تىرىشالايدىغان، تەڭخىل پۇرسەتلەر دائىرىسىدە رىقابەت ئىقتىدارى خېلى يۇقىرى بولغان، دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇسى 10 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن بىر مىللەتتۇر. 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىن كېيىنىكى دۆلەت مىقياسىدىكى «ئىسلاھات – ئېچىۋىتىش» دولقۇنى ئەسناسىدىكى    پايدىلىق پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردە تېز سۈرئەتتە سىلكىنگەن، نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، 20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدىن ئېتبارەن ئۇيغۇر رايونىنىڭ سوتسىئال – كۈلتۈرەل قۇرۇلمىسىدا ناھايىتى تېز سۈرئەتلىك ئۆزگىرىشلەر، ھەتتا ئالمىشىشلار بارلىققا كەلگەن. بۇ جەريان كۈنىمىزدىمۇ سۈرئىتىنى ئاستىلاسماستىن داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆزلەملەنمەكتە ھەم بىلىنمەكتە.
جەمئىيەتتىكى ئۆزگىرىشنى ۋە ئۆزگىرىش ئەسناسىدا ئوتتۇرىغا چىققان ھەرخىل ئىجتىمائىي گۇرۇپپىلارنى، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان بىلىم – جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغىنىمىزدا، مەۋجۇت ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇ بىلىم تەتقىق قىلىدىغان ساناقسىز خام ماتېرىيال مەنبەسىنى تەمىنلىمەكتە، پەقەت بۇ مىللەت ئىچىدىن يېتىشكەن زىيالىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ  جەمئىيەتشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق ۋە پىسخولوگىيە قاتارلىق نازۇك پەنلەردە ئەمەسلىكى بولسا بۇ خىل بايلىقنىڭ قېزىلىشىدا ياكى ئىشلىتىلىشىدە، تېخىدىنمۇ ئوچۇق قىلىپ ئېيىتقىنىمىزدا، بۇ ھادىسلەرنى ئۇشبۇ بىلىملەرنىڭ مېتودولوگىيىسى بىلەن تەكشۈرۈپ، نەزەرىيە رامكىلىرى ئىچىدە تەتقىق ۋە تەھلىل قىلىپ ئەڭ توغرا يەكۈن چىقىرىلمىغانلىقى، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك قارار مىخانىزىملىرىغا ئەڭ ئىشەنچىلىك ۋە ئوبيىكتىپ مەسلىھەت – تەكلىپلەر بېرىلمىگەنلىكى تۈپەيلى، مەسىلىلەر يېشىلىمىكى تەس تۈگىنەك – توقىناقلىرىغا، ھەتتا جان ئالغۇچى مىكرۇپلارغا ئايلىنىپ بارماقتا.
ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ياكى چىققان رادىكال ئۆزگىرىشلەر ئەسناسىدا، مىللىي كۈلتۈرنىڭ مەۋجۇدىيىتى ۋە ئىزچىللىقى ھەمدە كېيىنكى نەسىللەرگە يەتكۈزۈلۈشى جىددىي خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە. بۇ جەرياندا ئوتتۇرىغا چىققان ۋە كۈنىمىزدە خەنتىللىق ئۇيغۇرلار گۇرۇپپىسى ۋە يېڭى نەسىللەردە روشەنلىشىپ بېرىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ مۇھىملىرىدىن بىرى – كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك (文化断层) ھادىسىسىدۇر. ئوتتۇرىغا چىققان ئۇشبۇ كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسىگە قارىتا زىيالىلار ئەستايىدىللىق بىلەن دىئاگىنۇز قۇيۇپ تىزگىنلىمەيدىغان بولسا، بۇ ھادىسە ئىزچىل زورىيىپ ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلىنىشى ۋە شۇنداقلا سوتسىئال – كۈلتۈرەل قۇرۇلمىنى يىمىرىشى ھەم تامامەن مۇمكىن. ماقالىمىزنىڭ تۆۋەندىكى بۆلۈمىدە كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسىنى جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن شەرھىلىگەندىن كېيىن كۈنىمىز ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ كۈنسايىن كېڭىيىۋاتقان كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
3 . كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسى
ئېدۋارد تايلور (Edward Taylor)  كۈلتۈرنى شۇ شەكىلدە ئىزاھلىغان ئىدى: ئىنسان بالىسىنىڭ جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن قولغا كەلتۈرگەن بىلگۈلەر/ مەلۇماتلار، ئەقىدىلەر، سەنئەت، ئەخلاق، ئادەت – ئەنئەنىلەر ۋە باشقا قابىليەتلەر بىلەن خۇي – مىجەزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇرەككەپ بىر گەۋدىدۇر. ئەسىرلەر كېيىن جەمئىيەتشۇناس مۇتەپەككۈر زىيا گۆكئالىپ كۈلتۈرگە ناھايىتى ئاممىباب تىل بىلەن شۇ شەكىلدە ئېنىقلىما بېرىدۇ: كۈلتۈر بىر مىللەتنىڭ دىنى، ئەخلاق، تۆرەسى، ئېستىتىك تۇيغۇسى، ئىقتىسادىي ۋە پەننىي ھاياتلىرىنىڭ جىسىپلاشقان بىر پۈتۈن گەۋدىسىدۇر.گۆكئالىپ يەنە مەدەنىيەتكە ئېنىقلىما بېرىپ:«ئوخشاش بىر تەرەققىيات سەۋىيىسىدىكى بىر مۇنچە مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتلىرىنىڭ ئورتاق بىر پۈتۈنى» شەكلىدە ئىزاھلايدۇ.
ئۇنداقتا، كۈلتۈر بىر گۇرۇپپا، قەۋم، مىللەتتىن ئايرىلىپ تۇرۇشىدا، خاسلىقنى داۋام قىلدۇرۇشىدا بولمىسا بولماستۇركى، ئۇنىڭ ئورنىنى باشقا بىر كۈلتۈر ئالغىنىدا، ئۇشبۇ گۇرۇپپا،قەۋم، مىللەت خاسلىقىنى، ئۆزگىچىلىكىنى يۇقاتقان بولىدۇ – دە، قۇبۇل قىلىنغان كۈلتۈر تەۋە بولغان گۇرۇپپا، قەۋم، مىللەتنىڭ ئىچىدە ئېرىگەن، يوق بولغان بولىدۇ. ئۇنداقتا كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك دېگەن نىمە؟ ئۇ قانداق ئەھۋاللاردا چىقىدۇ؟
كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسى ئادەتتە پەرقلىق كۈلتۈرلەر ئۇچراشقاندا خۇسۇسەن تەڭسىز مۇناسىۋەتكە كىرىشىشكە مەجبۇر بولغىنىدا ياكى مەلۇم كۈلتۈرنىڭ مەنسۇبى ئۆزى تەۋە بولغان توپتىن ئايرىلىپ يات كۈلتۈرئىچىگە كۆچۈپ كىرگىنىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ھادىسىدۇر. كۈلتۈرلەرنىڭ ئۇچرىشىشى مۆتىدىل ۋە تەڭخىل مۇناسىۋەتلەر دائىرىسىدە بولغىنىدا ھەر ئىككى تەرەپتە غىدىقلىنىشىقا سەۋەپچى بولۇپ، كۈلتۈرلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەگەر بۇ خىل مۇناسىۋەت تەڭسىز، ئاستىن – ئۈستۈن بولغىنىدا ياكى ئارىدا جىددىيلىشىش يۈز بەرگىنىدە، ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىسىز بولىدۇ، بولۇپمۇ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان كۈلتۈردە تېخىمۇ كۆپ زىيان پەيدا بولىدۇكى، ئەڭ خەتەرلىك بولغاندا كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسىنى پەيدا قىلىدۇ.
كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك تەبئىي سەۋەبلەر ياكى سۈنئىي، ئىنسانغا باغلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى، مەلۇم گۇرۇپپىنىڭ، مىللەت ياكى قەۋمنىڭ كۈلتۈرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنىڭ ياكى مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ يوقاپ كېتىشىنى، كېيىنكى نەسىللەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلەلمەسلىكىنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇ خىل جەريان ئادەتتە ئۆزىنىڭكىدىن ۋاز كېچىش ياكى ئۇنىڭ ئورنىغا يات مىللەتلەرنىڭ كۈلتۈرىنى تامامەن قۇبۇل قىلىش جەريانىدا ئەڭ روشەنلىشىپ بارىدۇ.
ئەمەليەتتە، كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈكنى جەمئىيەتنىڭ پارچىلىنىشى، ئۈزۈلۈشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جەمئىيەتنىڭ پارچىلىنىشىنى، ئۈزۈلۈشىنى بولسا جەمئىيەتنىڭ تەبىقىلىشىشى ۋە بۆلۈنۈشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جەمئىيەتنىڭ تەبىقىلىشىشى ۋە بۆلۈنۈشىنىڭ تۈپكى سەۋەبى بولسا ئۇشبۇ جەمئىيەتتە يولغا قۇيۇلۇۋاتقان سىياسەتلەر، ئىسلاھاتلار،ئۆزگەرتىشلەر بولۇشى مۇمكىن. ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر كىملىكىدىكى شەخىسلەر ياكى گۇرۇپپىلاردا كۆرۈلىۋاتقان كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ۋە كۈلتۈرەل ياتلىشىش ھادىسىسى (Cultural  Alienation文化疏离)④ نىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى، دۆلەت مىقياسىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان تاق كۈلتۈرلەشتۈرۈشتۇر. دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەردە كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىپ تەكىتلەنگىنى بىلەن،رىئال ئىجتىمائىي ھاياتتا ۋە ئىجرائاتتا بولسا بۇنىڭ تەتۇرىسىچە بولۇۋاتقانلىقى تۈپەيلى، ھەتتا يېتەكچى مىللەتنىڭ ئاسىت كۈلتۈرلىرى (亚文化\ Subculture)⑤ مۇ مەۋجۇدىيىتىنى داۋام قىلدۇرۇشتا چارىسىز قالماقتا. ئاز سانلىق مىللەتلەر كۈلتۈرلىرىدە كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ۋە كۈلتۈرەل ياتلىشىش ھادىسىسى كۈنسايىن «نۇرمال ھادىسە» تۈسىنى ئېلىۋاتقان بولسا، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كۈلتۈرلىرىدە يولىنى داۋام قىلىشنى خالىغانلار «ياقا گۇرۇپپىلار» ( marginal group\边缘群体) ياكى سەھرالىق تومپايلار شەكلىدە ئىدراك قىلىنماقتا.
قىسقىسى، كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈكنىڭ يىلتىزى ياكى مەنبەسى ئۇشبۇ كۈلتۈر تەۋە بولغان جەمئىيەتتە ئوتتۇرىغا چىققان قاتلاملار ئارا ئۈزۈكلۈك ۋە پارچىلىنىشتا. چۈنكى، جەمئىيەتنىڭ ئىچكى قىسمى پارچىلىنىشقا، بۆلۈنۈشكە  باشلىغىنىدا، بولۇپمۇ سىرىتقى تەسىرنىڭ ھەيدەكچىلىكى ياكى رەھبەرلىكىدە بۆلۈنۈشكە باشلىغىنىدا، ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي گۇرۇپپا ياكى تەبىقىلەرنىڭ ئوخشىمىغان كۈلتۈر ئاڭقىرىشى شەكىللەنگەن بولىدۇ. بۇلار ماھىيەتتە يەنىلا سىرىتقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدە بولۇشى مۇمكىن. ئەڭ چوڭقۇر قاتلامدىكى سەۋەپ بولسا، شەخىسنىڭ ئۆزى تەۋە بولغان مىللەتنىڭ كۈلتۈر بايلىقىغا بولغان تونۇشىنىڭ يېتەرسىزلىكى ياكى ئۆزى تەۋە بولغان مىللەت كۈلتۈرى بىلەن يېتەرلىك دەرىجىدە ئىجتىمائىيلىشالمىغانلىقى تۈپەيلى، كۆپىنچە كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەت ۋە ئاساننى تاللاش پىسخىكىسىنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە ئۆزلۈكى بىلەن ئالاقىدار بولغان مىللىي كۈلتۈرى، تىلى، دىنىدىن ئۇزاقلىشىشى نەتىجىسىدە بارا – بارا ئانا كۈلتۈرىدىن ياتلىشىشى ۋە بۇنىڭ تەرەققىياتىدا مەلۇم يات كۈلتۈرىنى تېخىمۇ كۆپ ۋە تېز سۈرئەتتە ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق تېمىمىز بولغان «كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك» ھادىسىسىنى ئۆزىدە سادىر قىلىش بىلەن بىرگە كېيىنىكى نەسىلدە بۇ جەرياننى تاماملىغان بولىدۇ.
يۇقىرىدا جەمئىيەتشۇناسلىق نوقتىسىدىن كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسى ئۈستىدە قىسقىچە، نىسبەتەن يۈزەكى نەزەرىيىۋى ئىزدىنىشتە بولدۇق. ئەمدى بۇ نەزەرىيە رامكىسىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسىگە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى يېڭى سوتسىئال گۇرۇپپا – خەنتىللىق ئۇيغۇرلار، جىيەن فامىلىلىك خۇنەنلىك ئۇيغۇرلار ياكى ئازاتلىقتىن كېيىن خىزمەت ئېھتىياجىدىن بېيجىڭغا يەرلەشكەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئەۋلادلىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسىگە نەزەر سالايلى.
4 . ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسى
كۈلتۈر بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇدىيىتىدە ناھايىتى مۇھىم ئۇرۇن تۇتىدۇ. كۈلتۇرنى شەكىللەندۈرگەن تىل، ئەقىدىلەر، قىممەت – قاراش، سەنئەت، ئەخلاق، ئۆرپ – ئادەت، ئەنئەنە ۋە سىموۋۇللار بىر جەمئىيەتنى يەنە بىر جەمئىيەتتىن ئايرىيدىغان «بىز» ۋە «ئۇلار» ئارىسىدىكى چېگرىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدىغان، بىزنى بىز قىلغان قىممەتلەرنىڭ تامامىدۇر. بۇ تۈپەيلى، كۈلتۈر بىر مىللەتنىڭ كوللېكتىپ مىجەزىدە، خاراكتېرىدە تېخىمۇ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. گىرمانلارنىڭ ئەستايىدىللىقى، فرانسۇزلارنىڭ رومانتىكىلىقى، كورىيەلىكلەرنىڭ ئەدەپچانلىقى،تۈركلەرنىڭ مىللەتسۆيەرلىكى بولسا ئۇلارنىڭ مىللىي كۈلتۈرىدىكى خاسلىق بىلەن زىچ ئالاقىداردۇر. بۇ خىل ئالاھىدىلىك ئۇ مىللەت مەنسۇپلىرىنىڭ شۇ مىللەتكە خاس كۈلتۈر مۇھىتىدا ئىجتىمائىيلىشىشى ئەسناسىدا شەكىللەنگەندۇر. كۈلتۈر شەخىسنىڭ قايسى گۇرۇپپىغا، مىللەتكە، دىنغا تەۋەلىكىدە بەلگىلىگۈچىدۇر. مەسىلەن، مەلۇم بىر شەخىس جۇڭگۇ گراژدانى ۋە خەنزۇچە ئىسىم – فامىلىسى بولغان بىلەن، تامامەن غەربچە قىممەت قاراش ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، غەرب تىللىرىدا سۆزلىسە، كۈلتۈرەل مەنسۇبىيەت نوقتىسىدىن جۇڭگۇلۇق/ خەنزۇ بولۇشى ناتايىن بولىدۇ. بۇ سەۋەبلىك، جەمئىيەتشۇناسلىقتا شەخىسنىڭ ياكى گۇرۇپپىنىڭ مىللىي تەۋەلىكى سۈرۈشتە قىلىنغاندا، ئۇنىڭ بىيولوگىيىلىك، فىزىئولوگىيىلىك تەۋەلىكىنى ئەمەس، كۈلتۈرەل تەۋەلىكىنى دىققەتكە ئالىدۇ. يەنى شەخىس مەلۇم بىر مىللەتكە مەنسۇپ ئاتا – ئانىدىن تۆرەلگەندىن كېيىن، شۇ مىللەتنىڭ تىلى، دىنى، ئۆرپ – ئادىتى، قىسقىسى، كۈلتۈرىدە ئىجتىمائىيلىشىپ كىشىلىكنى شەكىللەندۇرمەي، باشقا يات بىر مىللەتنىڭ تىلى، كۈلتۈرىدە ئىجتىمائىيلاشقان بولسا ئۇنىڭ مىللىي – كۈلتۈرەل تەۋەلىكى بولسا تەربىيىسىنى ئالغان مىللەتنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. شۇڭا، خۇنەندە ياشاۋاتقان جىيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلار پەقەتلا سىياسىي نۇقتىدىن ئۇيغۇر كىملىكىگە ئىگە بولغان بىلەن، كۈلتۈرەل مەنسۇبىيەت نوقتىسىدىن ئۇلار تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرىدىن تامامەن پەرقلىقتۇر ۋە خەنزۇ – تۇڭگان مەنسۇبىيىتىدۇر. كۈنىمىزدە، ھەققىي ئۇيغۇر مىللىي كۈلتۈرى ۋە تىلىنى كېيىنكى نەسىللەرگە يەتكۈزەلەيدىغانلار بولسا، تەڭرىتاغنىڭ ئەتراپى (شەرقى، شىمالى، غەربى – ئاساسلىقى يەتتە سۇ رايونى ۋە جەنۇبى) دا  ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تىللىق ئۇيغۇرلاردۇر.
بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىللىق ئۇيغۇرلار كېيىنكى يىللاردا سانى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقان «خەنتىلىق ئۇيغۇرلار»⑥ غا ۋە سوۋېتلەر ئىتتىپاقى دەۋرىدە رۇس ۋە كۈلتۈرى مۇھىتىدىلا يېتىشكەن رۇس تىللىق ئۇيغۇرلارغا، ئەرەبىستاندىكى ئەرەب تىلى ۋە كۈلتۈرى مۇھىتىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئەرەب تىللىق ئۇيغۇرلارغا ئېيىتىلىۋاتقان بولۇپ، بىيولوگىيىلىك ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىك جەھەتتىن ئۇيغۇر بولۇپلا قالماستىن، مۇھىمى تىل، كۈلتۈر، ۋە مىللىي مەنسۇبىيەت نوقتىسىدىنمۇ ئۇيغۇر بولغانلاردۇر. بۇ گۇرۇپپىنىڭ بىرىنچى تىلى ئۇيغۇرچە بولۇپ ئۇيغۇر تىلى، كۈلتۈرى، دىنىي ئېتقادى مۇھىتىدا سوتسىئولوگىيىلىك مەنىدىكى ئىجتىمائىيلىشىشنى تاماملىغان، ئىمكانقەدەر ئۇيغۇرچە تەپەككۇر قىلىپ ئۇيغۇرچە مىللي قىممەت قاراش ۋە ئېستېكىسىنىڭ رامكىسىدا دۇنيا قاراش، مىللەت قاراش شەكىللەندۈرگەن، ئۇيغۇر مىللىي ئەس – خاتىرىسى (national memory \ 民族记忆) نى يوقاتمىغانلاردۇر. بۇ گۇرۇپپا ئانا تىلىدا ئەڭ ياخشى بولۇش بىلەن بىرگە خەنزۇچە، رۇسچە، ئىنگىلىزچە قاتارلىق يات تىللارنىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆگەنگەن ۋە كۆپ تىل ئۆگىنىشنى زۇلۇم ھېس قىلمايدىغان، رايونىنىڭ غەربىدىكى كۈلتۈر، مەدەنىيەت مەركەزلىرىگە مۇسىبەت ھېس – تۇيغۇ بىلەن قارايدىغانلاردۇر
كۈنىمىز ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسى ئالدى بىلەن خەنتىللىق ئۇيغۇرلاردا، رۇس تىللىق ئۇيغۇرلاردا ۋە ئەرەب – ئوردۇ تىللىق ئۇيغۇرلاردا ئوتتۇرىغا چىققان ھادىسىىدۇر. كېيىنكى يىللاردا ئىجرا بولۇۋاتقان تاق كۈلتۈرچى، تاق تىللىق مائارىپ سىياسىتى ۋە ئاتئېزىم تەربىيىسى جەريانىدائوخشىمىغان گۇرۇپپىلاردا كۆرۇلۇشكە باشلىماقتا. يەنە ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرىنى تاماملاپ ئىچكىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بىلىم ئېلىۋاتقان ياشلاردىمۇ بۇ خىل ھادىسىنى كۆزلەملىمەك تەس ئەمەس. خەنتىللىقلار بولسا بىئولوگىيىلىك ۋە فىزىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىك جەھەتتىن ئۇيغۇر بولسىمۇ، كۆپىنچە ھاللاردا ئاتا – ئانىسىنىڭ تاللىشى تۈپەيلى خەنزۇ تىللىق مەكتەپلەردە خەنزۇ تىلى ۋە كۈلتۈرىدە سوتسىئولوگىيەلىك مەنىدىكى ئىجتىمائىيلىشىشنى تاماملىغان، خەنزۇ تىلىنى ئۆزىگە بىرىنچى تىل قىلىپ تاللىغان، خەنزۇچە تەپەككۇر بىلەن خەنزۇچە قىممەت قاراشنى ئۆزىگە يېتەكچى قىلغان، خەنزۇچە تۇرمۇش شەكلىنى ئۆزلەشتۈرگەن، ئاساسەن خەنزۇلار بىلەن ئوخشاش بولغان دۇنيا قاراش، مىللەت قاراشتا بولغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ مىللىي ئەس – خاتىرىسى (national memory \ 民族记忆) كۆپىنچە ئۇيغۇر تىللىقلاردىن تامامەن پەرىقلىقتۇر. ئۇيغۇر تارىخى، كۈلتۈرى ھەققىدىكى بىلىشلىرى، كۆز قاراشلىرى ئاساسەن خەنزۇچە بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلارغا يۇقىرىدىن قارايدۇ ياكى ئۇيغۇر مىللىي كۈلتۈرىنىڭ قوغدىلىشى، تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى نوقتىسىدا ئۇيغۇر تىللىق ئۇيغۇرلاردىن تۈپتىن پەرىقلىنىدۇ. ھەتتا بەزىلىرى ئۇيغۇر تىللىقلارنى ئىچىنى سىقىدىغان، خۇشنى قاچۇرىدىغان گۇرۇپپا دەپ قارايدۇ ياكى ئۇلارنىڭمۇ تېزدىن يېتەكچى مىللەت كۈلتۈرىنى تامامەن قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىدەك «قوبۇل قىلىنغان» لار جۈملىسىدىن بولۇشىنى ئىستەيدۇ.
ئۇيغۇر جانلىق تىلدا مىنكاۋخەن⑦ دەپ ئاتالغان گۇرۇپپىنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم بىر قىسىم كىشىلەر «خەنتىللىق ئۇيغۇر» بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى بىز بۇ يەردە ئېيتىۋاتقان ‹‹ خەنتىللىق ئۇيغۇرلار ›› گەرچە ئۆزى ئۇيغۇر ئاتا – ئانىدىن تۆرەلگەن بولسىمۇ (ئاتا – ئانا ئۇيغۇر تىللىق بولۇشىمۇ، مىنكاۋخەن بولۇشىمۇ، ئارىلاش توي قىلغانلار بولۇشىمۇ،ھەتتا خۇنەندىكىلەر ياكى ئۇلارغا ئوخشاپ كەتكەن بولۇشىمۇ تامامەن مۇمكىن)، يەسلى، باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ۋە ئۇنىۋېرىسىتېت مائارىپىنى تامامەن خەنزۇ تىلى يېزىقىدا تاماملىغان، ئاساسەن خەنزۇچە سۆزلەپ، خەنزۇچە يازىدىغان، ئۇيغۇر تىلىنى بىلمەيدىغان ياكى بەكلا ئاز بىلىدىغان، ئىنچىكە تۇيغۇلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا ئىپادە قىلالمايدىغان،ئۇيغۇرلارنىڭ كۈلتۈرى، ئۆرپ – ئادىتى، دىنىي ئېتقاد – ئەقىدە سىستېمىسىدىن خەۋەرسىز بولغانلارنى كۆزدە تۇتىدۇ. يۇقىرىدىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان بۇ تىپ زىيالىلار تامامەن خەنزۇ تىلى ۋە يېزىقىدا ئىلمىي ئىشلەپچىقىرىش قىلىدۇ،  ئۇيغۇر تىلىدا بولسا خەت ئالاقە قىلالمايدۇ. راۋان ماقالە يازالمايدۇ. مانا بۇ تىپ ئۇيغۇر كىملىكىدىكىلەرنى جەمئىيەتشۇناسلىق نوقتىسىدىن «خەنتىللىق ئۇيغۇرلار» دەپ ئاتايمىز. مىنكاۋخەن گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ بولغانلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئۇيغۇر تىلى ۋە كۈلتۈرىدىن خەۋەردار بولۇپلا قالماستىن ھەقىقەتەن ئىككى تىلنى ئوبدان بىلىدىغان، ئۇيغۇر – خەنزۇ مىللەتلىرى ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينايدىغانلاردىنكى، ئۇلار يەنە ئۇيغۇر تىلىدا يازالايدۇ ۋە ئوقۇيالايدۇ. شۇڭا مىنكاۋخەنلەرنىڭ ھەممىسىنى قەتئىي سۈرئەتتە «خەنتىللىق ئۇيغۇرلار» دېگىلى بولمايدۇ.
يۇقىرىدا ئالاھىدىلىكى بىلەن بايان قىلىنغان خەنتىللىقلار ئەنە شۇنداق مۇھىتتا ئىجتىمائىيلىشىشنى تاماملىغان بولغاچقا، ئۆزى ئەسلىدە تەۋە بولغان مىللەتنىڭ كۈلتۈرىدە ئىجتىمائىيلىشالمىغان، نەتىجىدە ئېغىر دەرىجىدە كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسىگە دۇچار بولغان. ئوخشاش شەكىلدە ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى سوۋېت ئىتتىپاقى چىگرىسىدا قالغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان روس تىللىقلاردىمۇ كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسى ئوتتۇرىغا چىققان. ئازادلىقتىن بۇرۇن ئەرەبىستانغا ھىجرەت قىلغان ئۇيغۇرلار بۇ يەردىكى سوتسىئال – كۈلتۈرەل ۋە سوتسىئال – پولىتىك مۇھىتتا كېيىنكى نەسىللىرىگە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي تىلى ۋە كۈلتۈرىنى يەتكۈزۈپ بېرەلمەي، ئۇيغۇر مىللىي كۈلتۈرى نوقتىسىدىن ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىدا كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپچى بولغان. ئاقىۋەتتە، ئۇلار ئۇيغۇر كىملىكىدىن بەكرەك مۇسۇلمان ئېڭىدىكى ئەرەب كىملىكىنى ئۆزلەشتۈرگەن.
كۈنىمىزدە، خۇنەندە ياشاۋاتقان جىيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلاردىكى كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈكنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان ياكى چىقىشقا باشلىغان بولۇشى مۇمكىن. كۈنىمىزدە، بىز بۇ ئۇيغۇرلار يېزىسىنى ياكى جەمئىيىتىنى كۆزەتكىنىمىزدە، ئۇيغۇرلۇقنىڭ پەقەتلا مىللىي ئاڭدا ياكى سىياسى كىملىكتە ئىكەنلىكىنى كۆرەلىشىمىز مۇمكىن. چۈنكى ئۇلارنىڭ تىلى، قىممەت قاراشلىرى، ئىستېتىكىسى، تەپەككۇر شەكلى ئاللىبۇرۇن تەڭرىتاغ رايونىدىكى ئۇيغۇرلاردىن كەسكىن پەرقلىنىپ بولغان. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇلار كۈلتۈرەل مەنسۇبىيەت نۇقتىسىدىن خەنزۇ – تۇڭگان كۈلتۈر كىملىكىدە بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇلار كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك جەريانىنى تاماملاپ بولغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئالاھىدە بىر خىل سوتسىئال گۇرۇپپىدۇر.
كۈنىمىزدىكى بېيجىڭ شەھرىدە، يەنە ئۇيغۇرلار بىلەن تېخىمۇ زىچ ئالاقىسى ۋە مۇناسىۋىتى بارغانسېرى سۇسلاشقان ياكى تامامەن ئۈزۈلگەن، ئىككى، ئۈچ ئەسىر مۇقەددەم كەلگەن ياكى ئەكېلىنگەن خوجا جەمەئىتىنىڭ ئەۋلادلىرىنى، قۇمۇل، تۇرپان ۋاڭلىرىنىڭ بۇ شەھەردىكى ساراي ياكى سارايچىلىرىدا تۇرۇپ قالغانلارنىڭ قىسمى ئەۋلادلىرىنى ئارا – سىرا ئۇچرىتىمىز ياكى ئۇلارنىڭ خەۋەرلىرىنى ئىشتىمىز. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى سىياسىي مەنىدىكى ئۇيغۇر كىملىكىنى داۋام قىلدۇرۇپلا قالماستىن، يەنە دىنىي كىملىكنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ساقلاپ قالالىغان. پەقەت يەنىلا ئۇلارغا ئۇيغۇر مىللىي كۈلتۈرى نۇقتىسىدىن قارايدىغان بولساق،ئۇلاردا ئېغىر دەرىجىدىكى كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ بولغانلىقىنى ياكى ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ گۇرۇپپىنىڭ جىيەن فامىلىلىك خۇنەن ئۇيغۇرلىرىدىن روشەن پەرقى شۇكى، بەزىلەر كۈنىمىزگىچە ئۇيغۇر تىلىنى تامامەن يوقاتمىغان، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنى ئىزچىل داۋام قىلغان ياكى ناھايىتى ئاز ساندىكى بىر قىسىملارلا خەنزۇ ئىسىم – فامىلىسىنى قوبۇل قىلىپ كەتكەن. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىن كېيىنكى دەۋرلەردە تەكرار ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىغا بېرىپ يىلتىزىنى ئىزدەشكە تىرىشقان، يېڭى نەسىللەر بۇ شەھەرگە ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن تەڭرىتاغلىق ئۇيغۇر قىز – يىگىتلەر بىلەن تويلاشقان.
بېيجىڭ شەھرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان يەنە بىر پەرقلىق گۇرۇپپا شۇكى، جۇڭگودا كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپ غەلبە قىلىپ يېڭى جۇڭگوقۇرۇلغاندىن كېيىن، يېڭى دەۋرنىڭ ئىھتىياجى، خۇسۇسەن پارتىيىنىڭ سىياسەت – پەرمانلىرىنى،تەشۋىقات – تەرغىباتلىرىنى تىل – كۈلتۈر ۋە قىممەت قاراش جەھەتتىن تامامەن پەرقلىق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ زىيالىي ۋە ئاۋام تەبىقىسىنىڭ قاتلام – قاتلاملىرىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بېيجىڭدا خىزمەت ئۆتەش زۆرۇرىيىتى تۇغۇلغان.مانا مۇشۇنداق ئىھتىياج تۈپەيلى، بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي تۈركۈم – تۈركۈملەپ بېيجىڭغا كەلگەن. ئازادلىقتىن كېيىن بېيجىڭغا يەرلەشكەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئورگىنىدا ھەر قايسى تارماق ئىدارىلىرىدە⑧كەسپىي ۋە مەمۇرىي خىزمەتلەرنى ئۆتەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى (تەمسىلخانىسى) دا بىر تۈركۈم زىيالىيلار بار. ئۇلار ئازادلىقتىن كۈنىمىزگىچە بولغان جەرياندا يۇقىرىقى ئىدارە – ئورگانلاردا خىزمەت قىلىپ، كېيىنكىلىرى ئاساسەن بۇ شەھەرگە يەرلىشىپ قالغان.
يۇقىرىدا ساناپ ئۆتۇلگەن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن باشقا يەنە بازار ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان 20 – ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىن باشلاپ بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى ھەرخىل توسالغۇلارنى يېڭىپ، رىقابەت ئارقىلىق ئەنئەنىۋى ئېتبار ئىدارىلىرىدىن باشقا ئورگان، كارخانا، شىركەتلەر؛ ھەتتا چەت ئەللەرنىڭ ئەلچىخانا، ۋاكالەتخانىلىرى تەرىپىدىن تاللاپ ئىشلىتىشكە باشلىغان. بۇ ياشلار بىلەن ئالدىنقى ئىدارە – ئورگانلاردا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئۈنۋېرسال ساپا، قىممەت قاراش، كرىزىس تۇيغۇسى، ماسلىشىشچانلىق، مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىق جەھەتلەردە كەسكىن پەرقلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىق جەھەتلەردە كەسكىن پەرقلەر مەۋجۇت. بۇ خىل گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ سانى كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.
بېيجىڭدا ياشاۋاتقان يەنە بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار بولسا يۇقىرىدا توختالغان بېيجىڭدا ياشاۋاتقان ئۈچ خىل گۇرۇپپىدىكى ئۇيغۇرلاردىن پەرقلىق بولغان ياقا گۇرۇپپا Group )   Marginal \ 边缘群体) ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇلار 1980 – يىللاردىن كېيىنكى ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش دولقۇنىنىڭ تۈرتكىسىدە نامراتلىقنى نۇمۇس دەپ بىلگەن، تىجارەت ئەنئەنىسىنى يوقاتمىغان ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئىچكىرىدىكى تىجارەت ۋە سانائەت تەرەققىي قىلغان شەھەرلەرگە كىرىپ سودا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشى ئارقىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان گۇرۇپپىنىڭ داۋامىدۇر. بۇلار 1990 – يىللارنىڭ بېشىغا كەلگەندە بېيجىڭدا ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان رەڭگارەڭ گۇرۇپپا بولالىغان. بېيجىڭ گەنجىياكوۋ (甘家口)مەھەلىسىنى مەركەز قىلغان شىنجاڭ كەنىتى (新疆村   )، مەركىزىي مىللەتلەر ئۈنۋېرسىتىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان تارىخىي ئۇيغۇر مەھەلىسى بولغان ۋېيگوڭسۈن (魏公村) نى مەركەز قىلغان شىنجاڭ كوچىسى (新疆街) شەكىللەنگەنىدى. بۇ ئىككى ماكان ئۇيغۇر يېمەك – ئىچمەك كۈلتۈرىنىڭ بېيجىڭدىكى بازىسى، ئۇيغۇر كۈلتۈرىنىڭ سىرتقا تونۇشتۇرلۇشىدا مەلۇم دەرىجىدە كۆزنەك بولغان. چۈنكى بۇ يەر پەقەت بېيجىڭلىقلار تاماق يېيىش ئۈچۈن ياكى شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كىلىدىغان جاي بولۇپ قالماستىن، يەنە بۇ شەھەردىكى چەتئەل ئەلچىخانىسى، كونسۇلخانىسى مەنسۇپلىرىمۇ دائىم يۇلۇقۇپ تۇرىدىغان ياكى ئائىلە بويىچە كېلىپ تاماق يەيدىغان ماكانىغا ئايلانغان ئىدى. شۇ يىللاردا بېيجىڭدا تىجارەت بىلەن مەشغۇل بولۇپ تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تەخمىنەن 15 ، 20 بولۇپ مىڭ ئەتراپىدا ئىدى. بۇكىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ يېزا – بازارلىرىدىن چىققانلىقى، ئۈنىۋېرسال ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكى، خەنزۇ تىل- يېزىقىنى ياخشى بىلمىگەنلىكى، ئىگىلىكنى بېيجىڭدىكى تەرەققىياتىغا ماسلاشتۇرۇپ تەڭشەپ ماڭالمىغانلىقى؛ بېيجىڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار،مەسىلەن، مىللەتلەر - دىن ئىشلىرى كومېتىتى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بېيجىڭ مۇھىتىغا ماسلىشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك قانۇن، سىياسەت، پەرمانلاردىن مەسلىھەت بېرىپ، يول كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق بېيجىڭ پۇقراسىغا ئايلىنىشىغا ياردەم قىلمىغانلىقى؛ ساقچى ئورگانلىرى ۋە مەھەللە كومىتېتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە كۈلتۈرىدىن خەۋەردار خادىملارنى ئىشلىتىپ ئۇلاردا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، جازالايدىغاننى جازالاپ، مۇكاپاتلايدىغاننى مۇكاپاتلىمىغانلىمىغانلىقى؛ بېيجىڭدىكى ھەرقايسى ئىدارە –ئورگانلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىمىغانلىقى... قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى، كېيىنكى يىللاردا ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولغان يانچۇقچى، زەھەر سودىگەرلىرى ۋە ئەتكەسچىلەر باھانىسىدە ھەممە بىر تاياقتا ھەيدەلگىلى تۇرغان. ئاقىۋەتتە، بۇ گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار نۇرمال تىجارەت پۇرسىتىدىن بەھرىمان بولالماي مەجبۇرەن ياقا گۇرۇپپىلارغا ئايلانغان. كۈنىمىزدە بولسا سانى ناھايىتى ئازلاپ كەتكەن بولۇپ، بېيجىڭدىكى تۆتىنچى ھالقا يول دائىرىسى ئىچىدە تىجارەت قىلالايدىغان، ئاشخانا ئاچالىغانلارنىڭ سانى بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا ھال شەكىللەنگەن. بۇ خىل ياقىلىشىش جەريانىدا، ئۇلارنىڭپەرزەنىتلىرى ئوقۇشسىز قالغان ياكى كوچىلاردا سەرگەردان بولۇپ مەجبۇرەن يامان نىيەتلىك جىنايەت گورۇھلىرىنىڭ شايكىلىرىغا ئايلىنشقا باشلىغان.
يۇقىرىدا توختالغان ئازادلىقتىن كېيىنلا كېلىپ يەرلىشىشكە باشلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇ شەھەردە ياشاۋاتقان 1980 – يىللاردىن كېيىن ھەرخىل شەكىللەردە كېلىپ يەرلەشكەن باشقا ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرىغا نىسبەتەن ئالاھىدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا مۇقىم خىزمىتى بار، نوپۇسى ئاللىبۇرۇن بېيجىڭغا كىرىپ بولغان، مۇقىم تۇرالغۇ، ئۆي – مۈلكى بېيجىڭدا، بالا – چاقىلىرىمۇ مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئالاھىدىلىكى بىلەن قالغان ئىككى گۇرۇپپىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. لېكىن، بۇ ئۈچ گۇرۇپپىنىڭ بېيجىڭدا ياشاۋاتقان كېيىنكى نەسلى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، بىرىنچى نەسىل بىلەن ئىككىنچى نەسىل ئارىسىدا كەسكىن دەرىجىدە كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسى ئوتتۇرىغا چىققان. بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئېلىپ بارغان جەمئىيەت تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلاردىن ئۇيغۇر تىلىنى نىسبەتەن راۋان سۆزلىيەلەيدىغانلارنىڭ نىسبىتى %21.4، ئادەتتىكى گەپلەرنى قىلالايدىغان ياكى ئاز –پاز ئۇيغۇرچە بىلىدىغانلارنىڭ نىسبىتى بولسا %70؛ ئۇيغۇر يېزىقىدىن ساۋادى بارلارنىڭ نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇپ، ئۇيغۇر يېزىقىدىن ساۋادى يوقلارنىڭ نىسبىتى %67.1، ئازراق بىلىدىغانلارنىڭ نىسبىتى %21.4، ياخشى بىلىدىغانلارنىڭ سانى پەقەتلا بىر ياكى %1.4 بولغان. نۇرغۇن ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان ئورتاق تىل گەرچە ئۇيغۇرچە بولسىمۇ، كۆپىنچە ئاتا – ئانا ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان، بالىلار خەنزۇچە جاۋاپ بېرىدىغان ئەھۋال ئومۇمىي. بولۇپمۇ مۇھىم سۆزلەر ياكى ئىنچىكلىكى بولغان گەپ – سۆزلەر يەنىلا خەنزۇچە بولىدىكەن. بەزى ئاتا –ئانىلار بىلەن پەرزەنىتلەر ئارىسىدىكى ئورتاق تىل تامامەن خەنزۇچە، ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر بالىلىرى ئۆزئارا ئۇچراشقىنىدا تامامەن خەنزۇچە سۆزلىشىدۇ ياكى ئاز – پاز ئۇيغۇرچىنى ئارلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كىملىك تۇيغۇسى ياكى مەلۇماتلىنىش دەرىجىسى تېخىمۇ تۆۋەن. بۇ ھال ئۇلارنىڭ ئائىلە مۇھىتى بىلەن بىۋاستە ئالاقىدار بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭدىكى بىرىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ 3\1 قىسمى ھېچبىر ۋاقتى دىنىي ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، %57.1 پەقەت يىلدا بىر قېتىم (ئېھتىمال ھېيىت نامىزى) ياكى بەزەن ئارىلاپ – ئارىلاپ ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى بايقىغان، يەنى ئۇيغۇر زىيالىيسى تامامەن لائىكىلىشىپ⑨ بولغان. شۇڭا پەرزەنىتلىرىدىن بۇ جەھەتتىكى كۈتۈشلىرى ئانچە قاتتىق ياكى ئەتراپلىق بولۇپ كەتمىگەن.
پەقەت تەكشۈرۈش ۋە مۇلاقاتلىرىمىزدا بىرىنچى ئەۋلاد ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنىتلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مىللىي كۈلتۈر سەۋىيىسىدىن ئانچە رازى ئەمەسلىكى بايقالدى. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن پەرزەنىتلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقى سەۋىيىسى ئاتا – ئانىلار كۈتكەندەك دەرىجىدە بولالمىغان؟  كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسى نېمە ئۈچۈن بۇ گۇرۇپپىدا تېز سۈرئەتتە ئوتتۇرىغا چىققان؟
بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى مۇكەممەل بولمىغان ئائىلە تەربىيىسى (مىللىي كۈلتۈر سەزگۈرلۈكىنىڭ يېتەرسىزلىكى، ئاتا – ئانىلارنىڭ تىلى بىلەن ئەمەليىتىنىڭ بىردەك بولماسلىقى ياكى پەرزەنىتلەر ئالدىدىكى نوپۇزىنىڭ يۇقىرى ئەمەسلىكى...) بىلەن بېيجىڭدىكى چوڭ ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە مائارىپ سىستېمىسىنىڭ تاق كۈلتۈرچىلىكىدىن، يېتەكچى مىللەتنىڭ قىممەت قاراش سىستېمىسىدىكى ئاز سانلىق مىللەت تىل – يېزىقىغا قارىتا «ئەرزىمەس» ياكى (ئىنگىلىزچە قاتارلىق يات تىللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا) ئىقتىسادىي قىممىتى يوق كۆز قارشى تۈپەيلى، بۇ خىل قىممەت قاراش ۋە كۈلتۈر سىستېمىسىدا يېتىشىۋاتقان خەنزۇ بولمىغان يات مىللەت بالىلىرىمۇ ئۆزى پەرقىدە بولماستىن، ئۇشبۇ قىممەت قاراش ۋە تەپەككۇر ئۇسۇللىرىنى ئۆزلەشتۈرۋېلىشىدىن ئىزدىشىمىز كېرەك. مانا مۇشۇنداق سەۋەپلەر نەتىجىسىدە ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى ئانا تىلى ۋە يېزىقىنى ئۆگەنمەسلىك ياكى ئۇنىڭغا سەل قاراش نەتىجىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. تەكشۈرۈش جەريانىدا، خېلى كۆپ ساندا ئاتا – ئانىلارنىڭ خەنزۇچە ۋە خەنزۇ كۈلتۈرىنى تونۇش، بىلىش سەۋىيىسىنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلى،  پەرزەنىتلىرى بىلەن چوڭقۇر دىئالوگ قۇرالمىغانلىقىغا شاھىد بولدۇق. بۇنىڭدىن باشقا، بېيجىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىسى بولمىغانلىقى تۈپەيلى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەسىرلىشىش كەمچىل بولغان، پەرزەنىتلىرىنىڭ دائىم ئۇچرىشىپ تۇرۇش،بىرگە ئويناش پۇرسىتى كۆپ بولمىغان. ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى بارىدىغان مەخسۇس مەكتەپلەر بولمىغاچقا، بالىلار ئائىلىسىگە يېقىن خەنزۇ مەكتەپلىرىگە بېرىلگەن، بۇ يەردە يەرلىك بالىلار بىلەن دوسىتلىشىپ ئۇلارنىڭ چەمبىرىكىدە رول ئېلىشقا، خەنزۇ تىلى ۋە كۈلتۈرى ئىچىدە خەنزۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە ئىجتىمائىيلىشىشقا باشلىغان، ئۇيغۇرچە ياكى ئۇيغۇر كۈلتۈرى پەقەتلا ئۆي بىلەن چەكلەنگەن. بالىلارنڭ ئاتا – ئانىسى بىلەن بىرگە بولىدىغان ۋاقتى، خۇسۇسەن ئاتا – ئانىسى بىلەن تەسىرلىشىش ۋاقتى، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتتىكى بېيجىڭلىقلار بىلەن ئۇچرىشىش، تەسىرلىشىش  ۋاقتىدىن بەكلا قىسقا بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بارغانسېرى خۇسۇسەن ئاتا – ئانا بىلەن ئورتاق تىلى ئازىيىپ بارغان، چوڭقۇر دىئالوگ ئىمكانسىزلىشىپ، نەسىل پەرقى ( 代沟 - Wgeneration gap ) چوڭىيىپ بارغان. كىچىك ۋاقىتلىرىدا ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلىگەن بالىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن بارغانچە پەقەتلا خەنزۇچە سۆزلەيدىغان، ئۇيغۇرچىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، لېكىن بىر ئاز مۇرەككەپ جۈملىلەر ۋە ئاتالغۇلارنى چۈشىنەلمەيدىغان بولۇپ قالغان. بۇ ئەھۋالدا، ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۇلارغا مەجبۇرەن خەنزۇ تىلىدا سۆزلەشكە ياكى بۇنى ئادەت قىلىشىغا سەۋەپچى بولغان. قىسقىسى، بالىلارنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش جەريانى ۋە سورۇنى (مەكتەپ ۋە جەمئىيەت) ئاقىۋەتتە ئۇلارنىڭ ئانا تىلىدىن ئۇزاقلىشىشغا، مىللىي كۈلتۈرىدىن خەۋەرسىز قېلىشىغا سەۋەپچى بولۇپ، كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.
يىغىنچاقلايدىغان بولساق، ئۇيغۇر جەمئىيىتى دېيىلگەندە، كۈنىمىز دۇنياسىدا، ئاساسلىقى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيىتى مەركەز ئېلىنىپ، ئاندىن باشقا رايون ۋە دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرمەھەلىلىرى (社区 / Community) ۋە جامائەتلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ماكرۇ نوقتىدىن كۆزىتىدىغان بولساق، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈكنىڭ ئالدى بىلەن باشقا مىللەتلەر ئىچىدە چېچىلىپ ياشايدىغان ياكى ياقىدا قېلىپ، پەرقلىق كۈلتۈرلەر بىلەن تەسىرلىشىشكە كىرگەن ئۇيغۇرلار گۇرۇپپىسىدا ئالدى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
___________________
ئىزاھلار
①بۇ ھەقتىكى نەزەرىيۋى ئىزاھاتىمىز ئۈچۈن قاراڭ: ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق، «جەئىيەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىق پەنلىرىدە كۆپ قوللىنىدىغان بەزى ئاتالغۇلارغا ئىزاھات»، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى، 2009 – يىل 5 – سان، 48 – 58 – بەتلەر.
②بۇ خىل كۆزقاراش ياكى نەزەرىيىلەر ئۈچۈن بېيجىىڭ ئۈنۋېرسىتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسى مارۇڭ ئېلان قىلغان مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەرگە قاراش كۇپايىدۇر. لېكىن، بۇ خىل كۆز قاراش دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىۋاتقان خېلى كۆپ سانلىق بىلىم ئادەملىرىنىڭ تەنقىدىگە مۇپتىلا بولماقتا. بۇنىڭ ئۈچۈن بەررى سائۇتماننىڭ ( Barry Sautman ) جۇڭگونىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ھەققىدە يېقىندا ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرىگە قارالسا بولىدۇ.
③خەنزۇ تىلى ۋە يېزىقىدىكى «中华民族» نى «جۇڭخۇا مىللەتلىرى» دەپ ئۇيغۇرلاشتۇرغان تەرجىمانلار ياكى «ئاقكۆڭۈل» زىيالىيلارنىڭ ئەمەليەتتە خەنزۇچىدىكى بەزى ئاتالغۇلار ۋە ئۇلار كۆرسەتكەن مەنىدىن خەۋەرسىزلىكى ياكى ئۆزلىرىنىڭ «ئىستەك» لىرىنى قېتىپ «تەرجىمە» قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئەگەر تەرجىمان ياخشى بولمىسا «ئادەم ئۆلتۈرۈشى» بەرھەقلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ «چالا پەنيى، ئادەم ئۆلتۈرۈر» ماقالىدىن مەلۇم. چۈنكى، خەنزۇ تىلىدا بۇ سۆز ياكى ئاتالغۇ ھەرگىزمۇ كۆپلۈك مەنىسىدە ئەمەستۇر ۋە ئەكىسچە بىرلىك مەنىسىدىدۇر. يەنى غەربلىكلەردە بىر زامانلاردا مودا بولغان «Nation state \ 民族国家 » مودېلىغا ماس بولغان دۆلەت يارىتىشنى مەسىلەك قىلغانلار كۆتۈرۈپ چىققان كۆز قاراشتۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيىتقىنىمىزدا، جۇڭگونىڭ كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئەنئەنىسىنىڭ بۇزۇلۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىدىنلا تەشكىل بولىدىغان «مىللەت – دۆلەت» يارىتىش مەپكۇرىسىدىكىلەرنىڭ ھىيلىگەرلىك ياكى ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا ئىلگىرى سۈرىۋاتقان ئىدىيىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر. ئەسلىدە جۇڭگو گىراژدانى، پۇقراسى شەكلىدە مىللەتلەرنىڭ بىرلىكى تەكىتلىنىشى كىرەككەن، مىللەت ياكى مىللەتچىلىك ئېڭى بىلەن پۈتۈنلەشتۈرۈش تەكىتلەنگەنلىكى، پەرقلەرنىڭ يوق قىلىنىش ئاقىۋىتىدە خۇاشىيا مەركەزچىلىكىدە بىر مىللەت بولۇپ يۇغۇرلۇش نىيەت قىلنماقتا. ئەسلىدە خەنزۇچىدە «中华各民族» كۆز قارىشىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتقانلارنىڭ ئاز سانلىق ئىكەنلىكى بىلىنمەكتە. بىزنىڭچە بولغاندا، «中华各民族» ئاتالغۇسى ياكى ئىبارىسى تېخىدىنمۇ باراۋەر بولۇش بىلەن بىرگە جۇڭگونىڭ كۆپ مىللەتلىك رىئاللىقىدىن چىقىش قىلىنغان بولىدۇ. كۈنىمىز غەرب دۇنياسىدا بۇ خىل تاق مىللەتچىلىكنى مەركەز قىلىپ پۈتۈنلىشىشنىڭ بارغانسېرى ئىنسانىي بولمايدىغانلىقى ئىدراك قىلىنىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەر «كۆپكۈلتۈرچىلىك 多元文化主义»،‹‹ كۆپخىلچىلىق Pluralism 多样性/多元主义›› نى دۆلىتىنىڭ سىياسىتى قىلىپ، چېگراسى ئىچىدە ھەرخىل مىللەت، ئىرق، ئېتنىك گۇرۇپپا ۋە دىنىي جامائەتلەرنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ئېتراپ قىلىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەرمەكتە. باشقا مەملىكەتلەرمۇ، بۇ خىل يۆنىلىشنى مەدەنىيەتنىڭ يۈكسەك پەللىسى دەپ بىلمەكتە ياكى بۇ خىل قىممەت قاراشنى قوغلاشماقتا.
④كۈلتۈرەل ياتلىشىش: بىر جەمئىيەتتە تىپىك يۈكسەك قىممىتى بار بولغان مەقسەت، ئەقىدە ۋە غايىلەرنى كەمسىتىدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىنى كۆرسىتىدۇ. كەڭ مەنىسى بىلەن ياتلىشىش – ئىنساننىڭ ئۆزى تەۋە بولغان جەمئىيىتى بىلەن، ئەتراپى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىكى نورمالسىزلىقلارنى، ئۆزىدىن ئۇزاقلىششىنى تەكىتلەيدىغان بىر ئاتالغۇدۇر. ئاساسلىقى ئۆزىدىن ئۇزاقلىشىشنى، باغنىڭ بەكلا بوشاپ كېتىشىنى كۆزدە تۇتىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتىدىغان بولساق، بەزى جەمئىيەت ئەزالىرى ئۆزى تەۋە بولغان جەمئىيەتتە يۈكسەك قىممىتى بار بولغان ئەقىدە، كۆزقاراش ۋە ياشاش شەكىللىرىنى كەمسۇندۇرغىنىدا ياكى ئۇنىڭغا رىئايە قىلماي تاپتىن چىققىنىدا جەمئىيەتمۇ ئۇنى يەكلەيدۇ، چەتكە قاقىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا كۈلتۈرەل ياتلىشىش ھادىسىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
⑤ ئاست كۈلتۈر: جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم ئەزالار تەرىپىدىنلا قوبۇل قىلىنغان ياكى مۇئەييەن بىر ئىجتىمائىي گۇرۇپپىغىلا ئائىت بولغان كۈلتۈرلەردۇر. ئاست كۈلتۈر ئادەتتە ئۈست كۈلتۈر بىلەن توقۇنۇشمايدۇ ياكى زىتلاشمايدۇ. يەنى ئاست كۈلتۈرلەر  ئاساسىي كۈلتۈرلەردىن پەقەت قىسمەن پەرقلىق بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاست كۈلتۈردە ئۆلچەملىك بىر ئايرىملىق ۋە ئايرىم بىر ھەمكارلىق – بىرلىك بار. پەقەت ئاست كۈلتۈردىكى بۇ خىل پەرقلەر ئۈست كۈلتۈرگە زىيان سالمايدۇ. ئاست كۈلتۈرنى شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ ئورتاق تەرىپى زامان، ماكان، يېقىنلىق، تۇرالغۇ، خۇشاللىق ۋە ئازاپلار....دۇر.
خەنزۇ كۈلتۈرىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، ئۇنىڭ ئاست كۈلتۈرىنىڭ سانى بەلكىم باشقا مىللەت كۈلتۈرنىڭكىدىن ئەڭ كۆپ بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، خاككا كۈلتۈرى (客家文化)، كانتون كۈلتۈرى (广东人文化) قاتارلىقلار، ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ئۇزۇندىن بېرى ياشاپ كەلگەن خەنزۇلارمۇ ئىچكىرىدىكىدىن پەرقلىق قورغاق رايون كۈلتۈرىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، خەنزۇ كۈلتۈرىنىڭ ئاست كۈلتۈرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيىتساق، لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۈلتۈرى ۋە يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۈلتۈرى ئاست كۈلتۈر بولۇپ ھېسابلىنىشى مۇمكىن.
⑥بۇ ئاتالغۇنى بىز تۇنجى بولۇپ 2005 – يىلى 3 – ئۆكتەبىردىن 5 – ئۆكتەبىرگىچە بېجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى – ئەدەبىياتى فاكولتېتى قۇرۇلۇشىنىڭ 2 – يىلى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»دا ئوقۇلغان«تىل بىلەن كۈلتۈرنىڭ مۇناسىۋىتى» ناملىق ماقالىمىزدا ئوتتۇرىغا قويغان ئىدۇق. شۇنداقلا ماقالىمىزدا، ئۇشبۇ گۇرۇپپىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق نوقتىسىدىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى يېڭى بىر ئىجتىمائىي گۇرۇپپا بولۇپ شەكىللىنىۋاتقانلىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدۇق.
⑦«مىنكاۋخەن» ئاتالغۇسىغا تىلچىلار ياكى مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇ خادىملىرى تەرىپىدىن ھازىرغىچە مۇۋاپىق ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ تاپالمىغانلىقى بولسا باشقىچە ئويلىنىش تەلەپ قىلىدىغان مەسىلىدۇر.
⑧دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا قاراشلىق ئىدارىلەردىن بېيجىڭدا كومىتېت ئورگىنى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرىسىتىتى، مىللەتلەر نەشىرىياتى، جۇڭگو مىللەتلەر تىل – يېزىقى تەرجىمە مەركىزى، مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا - ئۇسۇل ئۆمىكى، مىللەتلەر رەسىملىك ژۇرنىلى، مىللەتلەر كۈلتۈر سارىيى (民族文化宫)، جۇڭگو مىللەتلەر مۇزېيى، مىللەتلەر گېزىتى، مەركىزىي كادىرلار ئىنىستوتى قاتارلىقلار بار.
⑨لائىلىك (Secular\ 世华): كۈندىلىك ياشامدا، دىن بىلەن جەمئىيەت دۇنياسىنى بىر – بىرىدىن ئايرىش، دىننىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى تەسىرىنى مۇمكىن بولغان ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈشتۇر. كۈنىمىز ئۇيغۇر زىيالىيسى سوتسىيالىستىك يېڭى دەۋردە مەركىزىي ئېدىئولوگىنىڭ تەلپىگە تولۇق رىئايە قىلىپ، ئەسلىدىكى مەنىۋى مىللەت ئەنئەنىسىدىن ئىزچىل ئۇزاقلىشىپ، ماتېرىيالىسىت كۆز قاراش ۋە تۇرمۇش پەلسەپىسىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆزلەشتۈرۈپ ماڭغان. كۆرۈنۈشتە ئىسلامىيدەك كۆرۇنسىمۇ، ماھىيەتتە ئانچە ئالاقىسى يوقتۇر. بېيجىڭ شەھرىدىكى دىنىي ئېتقاد سىياسىتى دۆلىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك دىنىي ئېتقاد قانۇنلىرىنىڭ روھىي بويىچە دەل ئەمەلىيلىشىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئاساسەن لائىكچى ئېتقاد يۆنىلىشىنى تاللىغان. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشكە قاتناشقانلارنىڭ ئۈچتە بىرى ھېچقاچان دىنىي پائاليەتكە قاتناشمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. %27 ئەتراپىدىكىلەر بولسا يىلدا بىر قېتىم دىنى پائاليەتكە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. %11.4 ئەتراپىدىكىلەر ھەر كۈنى ياكى ھەپتىدە بىر قېتىم دىنىي ئىبادەت قىلىدىغانلىقىنى بىدۈرگەن.

ئاپتۇر:مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق فاكولتېتنىڭ دوتسېنىتى، ماگىستېر ئاسپىرانىت يېتەكچىسى، جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى

  ‹‹ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى ›› نىڭ 2011-يىللىق 1-سانىدىن  
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-21 23:30 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » ئۇيغۇرنىڭ كۆزى