saltanat lutun elan berig
«1234»Pages: 1/4     Go
بۇ تېما 11688 قېتىم كۆرۈلدى
bilimhumar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8737
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 53
شۆھرەت: 543 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 509 سوم
تۆھپە: 287 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 288 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 378(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 بىلىمخۇمار: خەلقئارالىق مۇتەخەسىسلەر ئانا تىلغا قانداق قارايدۇ؟

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-08-24)
 

خەلقئارالىق مۇتەخەسىسلەر نەزىرىدىكى يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل

 

بىلىمخۇمار

 



مەن ئۆزەمنىڭ "قوش تىللىق مائارىپ" توغرىسىدىكى ئالدىنقى ئىككى يازمامدا خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆچمەن مىللەتلەر مائارىپى ۋە ئانا تىلى ھەققىدىكى ئىلمىي كۆز-قاراشلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم. ئاشۇ يازمىلارنى تەييارلاش ئۈچۈن كۆرگەن ماتىرىياللارغا ئاساسەن، قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويغان جەمئىيەتلەرنى ئۈچ خىل تىپقا ئايرىپ چىقىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇ ئۈچ خىل جەمئىيەتلەرنىڭ ھېچ قايسىسىغا توغرا كەلمەيدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. مەن يېقىندا "قوش تىللىق مائارىپ" توغرىسىدىكى ئىزدىنىشىمنى داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدا، خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئۇلارنىڭ ئانا تىلى ھەققىدىكى ئىلمىي نەزەرىيىلىرى بايان قىلىنغان ناھايىتى مۇھىم ماقالىدىن بىرنى ئۇچرىتىپ قالدىم. بۇ ماقالىدە نۇرغۇن مىساللار سۆزلەنگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار بىرەر قېتىممۇ تىلغا ئېلىنماپتۇ. لېكىن، ئۇنىڭدا كۆزدە تۇتۇلغان جەمئىيەت ۋە ئۇنىڭدا ئانالىز قىلىنغان ئەھۋاللار ئۇيغۇر دىيارىنىڭكى بىلەن ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولغاچقا، مەن ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئوقۇرمەنلەرگە تېزراق تونۇشتۇرۇپ بېرىشكە ئىنتايىن تەقەززا بولۇپ كەتتىم. ئەمما، خىزمەتتىكى ۋە ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىكى جىددىيچىلىك تۈپەيلىدىن، مېنىڭ ئۇشبۇ يازمىنى تەييارلاشتىكى سۇرئىتىم ناھايىتى ئاستا بولۇپ قېلىپ، ئاخىرى بۇ يازمىنى بىر قانچە قىسىمغا بۆلۈپ يوللاشنى قارار قىلدىم.

 

مەن بۇ قېتىم تاپقان 30 بەتلىك ئىنگلىزچە ماقالە بولسا، كەڭگېس خانىم قاتارلىق 4 نەپەر دۇنياغا تونۇلغان مۇتەخەسسىسلەر تەييارلاپ، 2008-يىلى 21-ئاپرىلدىن 2-مايغىچە ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ "يەرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى 7-نوۋەتلىك دائىمىي سۆھبەت يىغىنى" دا دوكلات قىلغان بىر پارچە "مۇتەخەسىسلەر ئىلمىي ماقالىسى" (ئىنگلىزچە "Expert Paper") دۇر. بۇ ماقالىنىڭ تېمىسى "يەرلىك بالىلار مائارىپىنىڭ شەكلىنى ئىنسانىيەت ئۈستىدىن ئوتكۈزگەن جىنايەت، دەپ قاراشقا بولامدۇ؟" بولۇپ، ئۇنىڭدا ھېلىقى تۆت نەپەر ئاپتورنىڭ ب د ت غا قويغان تەلەپلىرى تولۇق ئىلمىي ئاساسلار بىلەن بايان قىلىنغان. بۇ ماقالىنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسىنى توۋەندىكى تور بەتتىن كورەلەيسىز:

 

http://www.un.org/esa/socdev/unpfii/documents/E_C19_2008_7.pdf        

 

بۇ ئىنگلىزچە ماقالە شەكىل جەھەتتە "ئىسپات بېرىش ماقالىسى" تۈسىنى ئالغان بولۇپ، ماقالىنىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدە دۇنياغا تونۇلغان ئالىم-مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كىتاپ ۋە ئىلمىي ماقالىلاردا بايان قىلىنغان سۆزلىرى نەقىل شەكلىدە ئەينەن ئىشلىتىلگەن. مەن ئۇشبۇ يازمامدا ئاشۇ ماقالىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئەسلى ماقالىدىكى تەرتىپ ۋە تېما بويىچە تەسۋىرلەپ ئۆتىمەن.

  

بۇ ئىنگلىزچە ماقالىنىڭ تۆت ئاپتورىنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلىشى مۇنداق:

 

(1) دوكتۇر توۋ سكۇتناب-كەڭگېس خانىم (Tove Skutnabb-Kangas) : فىنلاندىيەدىكى "Roskilde" ئۇنىۋېرسىتىنىڭ پروفىسسورى بولۇپ، ئىنگلىز تىلى، دانىيە تىلى، فىنلاندىيە تىلى، گېرمان تىلى، نورۋىگىيە تىلى ۋە شىۋىتسىيە تىلىدا تولۇق ساۋاتلىق ئىكەن. ئۇ خانىم پۈتۈن ئۆمرىنى تىل جەھەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق، تىل جەھەتتىكى ئىمپېرىيالىزم، قوش تىللىق ۋە كۆپ تىللىق مائارىپ، تىل ۋە ھوقۇق، ئىنگلىز تىلىنىڭ كېڭىيىشىدىن كېلىپ چىققان كېمەيتىش مائارىپى، ۋە ئىنسانلارنىڭ تىل جەھەتتىكى كۆپ خىللىقى بىلەن بىئولوگىيە جەھەتتىكى كۆپ خىللىقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قاتارلىق ساھەلەردىكى تەتقىقاتقا بېغىشلىغان بولۇپ، دۇنيادىكى نۇرغۇن ئەللەرگە بېرىپ ئىلمىي دوكلات بەرگەن. كۆپ قېتىم خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، ئوتتۇزدىن ئارتۇق كىتاپقا ئاپتور ياكى تەھرىر بولغان. پۇتۇن دۇنيا مىقياسىدا ئوتتۇزدىن ئارتۇق تىلدا 400 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ تور ئادرىسى:

http://www.neiu.edu/~duo/skutnabb.htm

      

(2) روبېرت دانبېر (Robert Dunbar): ئەنگىلىيە "ئابەردىن (ئابەردەئەن)" ئۇنىۋېرسىتىنىڭ قانۇن ۋە تىلشۇناسلىق مۇھەررىرى.

 

(3) لارس-ئاندېرس بېر (Lars-Anders Baer): " بدت يەرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى دائىمىي سۆھبەت يىغىنى" نىڭ ھازىرقى ئەزاسى.

 

(4) ئولى ھېنرىك ماگگا (Ole Henrik Magga): "بدت يەرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى دائىمىي سۆھبەت يىغىنى" نىڭ سابىق ئەزاسى ۋە سابىق رەئىسى.

 

مەن بۇ يەردە ئېنىق ئەسكەرتىپ قويمىسام بولمايدىغان بىر ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ، مەن ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشىگە، خەنزۇ تىلىدا ساۋادىنى تولۇق چىقىرىشىغا قارشى ئەمەس. ئۇنىڭ دەل ئەكسىچە، مەن ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ خەنزۇ تىلىنى پۇختا ئۆگىنىۋېلىشىنى ئىزچىل تۈردە تەشەببۇس قىلىپ كەلدىم. 1979-يىلىدىن 83-يىلىغىچە ئۈرۈمچىدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، مەن ھەر يىلى مەكتەپتە ئوتكۇزۇلگەن "يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى" دا قىلغان سۆزۈمدە خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش مەسىلىسى ئۈسىتىدە ئالاھىدە توختالغان بولۇپ، مەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىيە مۇنداق بولغان ئىدى: "ھازىرقى زاماندا بىر مىللەت يەنە بىر مىللەتكە قۇل بولۇپ قالىدىغان ئىشلار ئاسانلىقچە يۇز بەرمەيدۇ. لېكىن، بىر مىللەت يەنە بىر مىللەتنىڭ تىلىغا قۇل بولۇپ قالىدىغان ئىشلار ئىنتايىن كۆپ. ئەگەر سىز ئاشۇنداق تەقدىرگە ئۇچرىماي دىسىڭىز، 1-يىلدىكى خەنزۇچە ئۆگىنىش مۇددىتىدىن چوقۇم ئۈنۈملۇك پايدىلىنىپ، خەنزۇ تىلى ساۋادىڭىزنى تولۇق چىقىرىۋېلىڭ." مېنىڭ بۇ سوزلەرنى قىلغىنىمغا ھازىر 25 يىلدىن ئاشتى. ھازىر بىر مىللەت يەنە بىر مىللەتكە قۇل بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى قانداقراق؟

 

ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىرقىدەك ئۇيغۇر بالىلىرىغا باشلانغۇچ 1-سىنىپىدىن باشلاپ ھەممە دەرسلەرنى خەنزۇچە ئۆتۈش، ئۇيغۇر تىلىنى 3- ياكى 4-سىنىپقا كۆچمىگىچە ئۆتمەسلىك سىياسىتى يولغا قويۇلغىلى تېخى ئانچە ئۇزۇن بولمىدى. مەن ھازىرغىچە ئېرىشكەن چۈشەنچىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدا ياكى جۇڭگودا ئەنەشۇنداق قىلىشنىڭ مۇشۇ ئەۋلات ۋە كېيىنكى ئەۋلات ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىل، مەدەنىيەت، ۋە مىللىي مەۋجۇتلىقىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر مۇكەممەل ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىلمىغان. بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى مۇتەخەسسىسلەر بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتنى باشلىغىلى ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت بولغان بولۇپ، بۇ ساھەدىكى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئەھۋاللارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقىسى 1800-يىللىرى يۇز بەرگەن ئىشلار ئىكەن. بۇ تەتقىقاتلارنىڭ ئىلمىي يەكۈنلىرى يۇقىرىقى "ماقالە" دە ناھايىتى تولۇق تەسۋىرلەنگەن. ئاشۇ يەكۈنلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ باشلانغۇچ 1-سىنىپىدىن باشلاپ پەقەت خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشى ئىنتايىن خاتا بولۇپ، ئەگەر ئىشلار مۇشۇ بويىچە كېتىۋەرسە، ئۇيغۇر بالىلىرى خەنزۇ تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەر ئىككىسىدە تولۇق ساۋاتلىق بولالمايدىكەن. ھەمدە ئۇلارنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇش نەتىجىسىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، جەمئىيەتتە 2-ئورۇندا تۇرىدىغان، پەقەت تۆۋەن دەرىجىلىك قارا خىزمەتكىلا يارايدىغان كىشىلەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىدىكەن. شۇنداقلا، ئەگەر ھازىرقى بالىلارنى 1-ئەۋلات دىسەك، ئۇلارنىڭ 2-ئەۋلات كىشىلىرىگە ياكى ئۆز بالىلىرىغا ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە ئەنئەنىسىنى ئۆگىتىش ئېھتىماللىقى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، ئىككىنچى ئەۋلاتنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگە بارمايلا مىللەتنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە مىللىي مەۋجۇتلىقى يوقىلىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىكەن. سىز ئۇشبۇ يازمامنى ئوقۇش ئارقىلىق، يۇقىرىقى گەپلەرنى دۇنياغا تونۇلغان خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىيالايسىز.

 

يۇقىرىقى قۇرلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن، بەزىلەر "كىچىگىدىن باشلاپ خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغانلار (يەنى مىن كاۋ خەنلەر) نىڭ ئىچىدىمۇ ئۇيغۇر دىيارى، جۇڭگو ۋە دۇنيادا كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجە قازانغان ئۇيغۇرلارمۇ بارغۇ؟"، دەپ سورىشى مۇمكىن. شۇنداق. ئاشۇنداق كىشىلەر ھەقىقەتەن بار. لېكىن، مېنىڭچە ئۇنداقلارنىڭ سانى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ بىر پىرسەنتىگىمۇ يەتمەيدۇ. (ئويلاپ بېقىڭ: ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچە ھېكايە-رومان، ئۇيغۇرچە تارىخ كىتاپلىرىنى ئوقۇيالايدىغانلاردىن قانچىلىك بار؟ ئاشۇنداق كىتاپلارنى يازالايدىغانلاردىنچۇ؟) ئالىملار تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئىلمىي يەكۈن چىقارغاندا، پەقەت ئومۇمىيلىقنىلا كۆزدە تۇتىدۇ. ھەر بىر ئىشتا ئومۇمىيلىق بولغىنىغا ئوخشاش، قىسمەنلىك ۋە ئالاھىدە مىساللارمۇ چوقۇم مەۋجۇت بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئوقۇرمەنلەر ئۇشبۇ يازمىنى ئوقۇغاندا، دىققىتىنى ئومۇمىيلىققا مەركەزلەشتۈرۈشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

 

رومىنىيەدە ياشايدىغان ۋېنگرىيىلىك يازغۇچى ئاندراس سۇتو (Andras Suto) مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر بىر ئىنسان ئۆز ئانا تىلىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلانسا، ئۇ ئۆز ھاياتىنىڭ مەنىسىدىنمۇ تەڭ ئايرىلىدۇ. ھەر بىر مىللەتنىڭ بىر ئېرتسىيەتلىك ۋۇجۇدى بولىدۇ. بۇ ئېرتسىيەتلىك ۋۇجۇدنى كېيىنكى ئەۋلاتلارغا پەقەت ئۆز ئانا تىلىدىلا ئەڭ ياخشى ئۆتكۈزۈپ بەرگىلى بولىدۇ." مېنىڭچە ھېلىقى "ماقالە" دىكى "ب د ت" گە سۇنۇلغان تەلەپلەر ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇلارغا قارىغاندا ئاشۇ تەلەپلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى ئىلمىي ئاساسلار تېخىمۇ مۇھىم ئىكەن. بۇ ئىلمىي ئاساسلارنى بىلىۋېلىش ئارقىلىق، ئوقۇرمەنلەر ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان، باشلانغۇچنىڭ دەسلەپكى يىللىقلىرىدىلا خەنزۇ تىلىنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش سىياسىتىنىڭ مىللەتكە ئېلىپ كېلىدىغان ئىنتايىن يامان ئاقىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۇشىنەلەيدۇ، دەپ ئويلايمەن. شۇڭا مەن بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ بۇ يازمىنى بىر قېتىم ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

 

 

1. مۇقەددىمە    

 

مەملىكەتلىك مائارىپ سىياسەتلىرى كوپىنچە ئەھۋالدا بىر يەرلىك تىلنى ئانا تىل قىلغان يەرلىك مىللەت بالىلىرىنى ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى ھۆكۈمران ئورۇندىكى تىلدا ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپتە ئوقۇشقا مەجبۇرلايدۇ.

 

بىرىنچىدىن، بۇنداق سىياسەتلەر تىل ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا يەرلىك مىللەتنىڭ ئانا تىلى مەكتەپلەردە ئىشلىتىلمىگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ ئانا تىلى تەرەققىي قىلمايدۇ. يەنى، يەرلىك مىللەت تىلىنىڭ ئۆزى بىر يامان تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەرنىڭ پوزىتسىيەسىمۇ يامان تەسىرگە ئۇچرايدۇ. يەنى بالىلار بىلەن ئاتا-ئانىلار ھۆكۈمران ئورۇندىكى تىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۆزلىرىنىڭ تىلىنىڭ قىممىتىنى تۆۋەن چاغلاشقا يۈزلىنىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال يەرلىك مىللەت تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە نىسبەتەن ئىنتايىن ئېغىر سەلبى تەسىر كۆرسىتىدۇ. بالىلارنىڭ تىل، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت ۋە ئەنئەنىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ئۇلار ئاشۇ نەرسىلەرنىڭ ئىچىدە ياشىشى ھەمدە ئۇلارغا ئۇشبۇ نەرسىلەر ئۆگىتىلىشى كېرەك. ئەگەر بالىلار ئۆز مىللىتىدىن بولغان چوڭلار ۋە پىشقەدەملەر بىلەن بىرگە ياشىمايدىكەن، ھەمدە بۇ چوڭلار، پىشقەدەملەر ۋە مەكتەپلەرنىڭ بالىلارغا ئۆز مىللىتىنىڭ تىلى، ھېكايىسى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە ئەنئەنىسىنى ئۆگىتىشىگە يول قويۇلمايدىكەن، ئۇ ھالدا بالىلار ئۇ نەرسىلەرنى تولۇق ئۆگىنەلمەيدۇ. ئەگەر بالىلار ئۆز ئانا تىلىدا تولۇق ساۋادىنى چىقارمايدىكەن، ئۇلارنىڭ ئانا تىلنى ئۆزىدىن كېيىنكى ئەۋلاتلارغا (يەنى ئۆز بالىلىرىغا) ئۆگىتىش ئېھتىماللىقى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ.

 

ئىككىنچىدىن، مەكتەپلەردىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا پەقەت ھۆكۈمران ئورۇندىكى تىلنىلا ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان يامان ئاقىۋەت ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بالىلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئىشلىتىشى ئوچۇق ياكى يوشۇرۇن ھالدا چەكلەنگەن بولىدۇ. بالىلارنىڭ ئانا تىلنى ئۆگىنىشىگە يول قويماسلىق، ياكى ئۇلارنى ئانا تىلنى پىششىق بىلىدىغان چوڭلاردىن ئايرىۋېتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئانا تىلنى ئىشلىتىشىگە توسالغۇلۇق قىلىش، يەرلىك مىللەتنىڭ ئۆز تىلىنى كۇندىلىك تۇرمۇشتا ۋە مەكتەپتە ئىشلىتىشىگە يول قويماسلىق بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇنداق ئايرىۋېتىش ھەممە ياكى كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلار يەرلىك مىللەت تىلىنى بىلمەيدىغان ھۆكۈمران مىللەت كىشىلىرىدىن تەركىپ تاپقان ئەھۋالدىمۇ يۈز بېرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ بىر روشەن مىسالى بالىلارنى ئۆيدىن ئايرىپ، مەكتەپتە يېتىپ-قوپۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپكە ئوقۇتۇشتۇر. بۇنداق سىياسەتلەر ھازىرغا قەدەر بالىلارغا يالغۇز ئېغىر دەرىجىدىكى جىسمانىي زەخمىلەرنى كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئېغىر دەرىجىدىكى روھىي زىيانلارنىمۇ سالدى. بۇ زەخمىلەر مۇنداق بىر قانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئىجتىمائىي قالايمىقانچلىق، پىسىخىلوگىيە جەھەتتىكى زەخمە، چۈشىنىش، ئەستە قالدۇرۇش، ھۆكۈم قىلىش، خۇلاسە چىقىرىش، ۋە ئاساسلاش ئىقتىدارىدىكى زەخمە، تىل ۋە ئوقۇشتىكى زەخمىلەر. مۇشۇنداق زىيان-زەخمىلەرنىڭ نەتىجىسىدە ئۇلار ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ساھەلەردىمۇ تۆۋەن ئورۇنغا چۇشۇپ قالدى. ئامېرىكىلىق زىيالى تېرىسا مككارتي (Teresa McCarty) ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتى ئاساسىدا مەكتەپتە ئىشلىتىلگەن تىلنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: يەرلىك ۋە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى ئەڭ ناچار، ئۇلارنىڭ ئائىلە كىرىمى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، روھىي چۈشكۈنلۈك ۋە ياشلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتىمۇ يەرلىك مىللەت ياشلىرى ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى.

 

ھازىر شۇ نەرسە ناھايىتى ئېنىق بولدىكى، ھۆكۈمەتلەر يەرلىك مىللەت بالىلىرىنى ھۆكۈمران ئورۇندىكى تىلدا ئوقۇشقا مەجبۇرلىسا يۇقىرىقىدەك ۋە ئۇنىڭدىنمۇ باشقا يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى تولۇق بىلىپ بولدى. بىر ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىشلاردىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئاشۇنداق مائارىپ سىياسىتىنى يولغا قويۇشى ھازىر تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر خىل شەكلى، دەپ قارىلىدۇ. بىزنىڭ (ئۇشبۇ ماقالىنىڭ تۆت ئاپتورىنى دىمەكچى) قارىشىمىزچە، ب د ت 1948-يىلى ماقۇللىغان "ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش توغرىسىدىكى كېلىشىم" نىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا، ھېلىقىدەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئەنەشۇنداق بىر مائارىپ سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى بىر خىل ئىرقىي قىرغىنچىلىق، خەلقئارالىق جىنايەت، ياكى ئىنسانىيەتكە كەلتۈرگەن جىنايەت، دەپ قاراشقا بولىدۇ.

 

بىز (ئۇشبۇ ماقالىنىڭ تۆت ئاپتورىنى دىمەكچى) ئۆزلىرىمىزنىڭ 2004-يىلى ئېلان قىلغان يەنە بىر "مۇتەخەسىسلەر ئىلمىي ماقالىسى" دا تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى بايان قىلغان ئىدۇق: يەرلىك ۋە ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇشىنى ئاساسەن ھۆكۈمران ئورۇندىكى تىلدىلا ئېلىپ بارغاندا، مەركىزىي كىشىلىك ھوقۇق كېلىشىملىرىدە بېكىتىلگەن نىشانلارنى، بولۇپمۇ مائارىپ ھوقۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا نىسبەتەن ئادەتتىن تاشقىرى سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ب د ت نىڭ مائارىپ ھوقۇقى ساھەسىدىكى سابىق ئالاھىدە پۈتۈكچىسى كاتارىنا توماسىۋىسكى (Katarina Tomasevski) نىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، ھۆكۈمران ئورۇندىكى تىلدا ئېلىپ بېرىلغان ئوقۇ-ئوقۇتۇش تىل، پىداگوگىكا ۋە پىسخولوگىيە جەھەتتە بىر خىل توسالغۇ پەيدا قىلىپ، يەرلىك مىللەت بالىلىرىنى بىلىم ئېلىشتىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ. ئەگەر مائارىپ تىلى جەھەتتىكى كىشىلىك ھوقۇقى كېلىشمىسى بولمايدىكەن، بولۇپمۇ ھۆكۈمران ئورۇندىكى تىلنى ئىككىنچى تىل سۈپىتىدە شەرتى تولۇق توشىدىغان قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلار دەرس قىلىپ ئۆتكەن ئاساستا، دۆلەت ئىگىلىگىلىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى ئانا تىلدا ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى بولمايدىكەن، كۆپ ساندىكى يەرلىك مىللەت ۋە ئاز سانلىق مىللەت خەلقلىرى پەقەتلا "كېمەيتىلگەن مەكتەپ تەربىيىسى" نى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ يەردىكى "كېمەيتىلگەن مەكتەپ تەربىيىسى" دىگىنىمىز، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمران ئورۇندىكى تىلنى ئانا تىلىنىڭ ئورنىغا ياكى ئانا تىلىنىڭ بەدىلىگە ئۆگىنىشى بولۇپ، مۇشۇنداق كېمەيتىلگەن ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئانا تىلى دەسلىپىدە قالايمىقانلىشىدۇ، كېيىنچە بولسا ئۇلارنىڭ ئانا تىلىنىڭ ئورنىنى پۈتۈنلەي ھۆكۈمران ئورۇندىكى تىل ئالىدۇ. كېمەيتىلگەن مەكتەپ تەربىيىسىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن بالىلار، ياكى كام دېگەندە ئۇلارنىڭ بالىلىرى، تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ھۆكۈمران ئورۇندىكى مىللەتكە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. بىر جەمئىيەت كۆلىمى بويىچە قارىغاندا، كېمەيتىلگەن مەكتەپ تەربىيىسىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن مىللەتنىڭ ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلاردىن ئىبارەت ئەۋلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالمىشىش بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ ئانا تىلى ئالدى بىلەن يوقاپ كېتىش خەۋپىگە ئۇچرايدۇ. كېيىنچە بولسا يەرلىك تىلنىڭ پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋال شۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ تىلدىكى كۆپ خىللىقىنىڭ يوقاپ كېتىشىگە ھەسسە قوشىدۇ. بۇنداق ئۆزگىرىش ئۆزلىگىدىن بولغان ئەمەس. بۇنداق ئۆزگىرىش يەرلىك مىللەتلەر ئۈچۈن باشقا تاللاش يولى بولمىغانلىغى، ھەمدە ئاتا-ئانىلارنىڭ ھازىر يۈرگۈزۈلىۋاتقان مەجبۇرى سىياسەتلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك يامان ئاقىۋىتى توغرىسىدا ئىلمىي تەتقىقاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلانغان بىلىملەردىن تولۇق خەۋىرى بولمىغانلىغى سەۋەبىدىن يۈز بېرىدۇ.

 

نۆۋەتتىكى يەرلىك مىللەت ۋە ئاز سانلىق مىللەت مائارىپىنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا چىقىرىلغان ئىلمىي تەتقىقات يەكۈنلىرى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، قوش تىللىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاخىرقى ئوقۇش نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىغىنى، ھەمدە ھۆكۈمران تىلدىكى ساۋاتلىق بولۇش سەۋىيىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىغىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ئۇلارنىڭ ئانا تىلدا ئېلىپ بېرىلغان مەكتەپ تەربىيىسىنى قانچە ئۇزۇن كۆرگەنلىكىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئورنى قاتارلىق باشقا ئامىللار ئۇنچىۋالا مۇھىم ئەمەس. ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى قوش تىللىق ۋە كۆپ تىللىق بولۇشتىكى سەۋىيىنى قانداق قىلغاندا ناھايىتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگىلى بولىدىغانلىغىنى، ھەمدە ئاشۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇش نەتىجىسىنىمۇ قانداق قىلغاندا ناھايىتى يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزگىلى بولىدىغانلىغىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بولغان بولسىمۇ، نۆۋەتتىكى يەرلىك مىللەت ۋە ئاز سانلىق مىللەت مائارىپىدا ئاشۇ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىگە پۈتۈنلەي قارىمۇ-قارشى بولغان سىياسەتلەر يولغا قويۇلىۋاتىدۇ. يەرلىك مىللەت بالىلىرىنى ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى ھۆكۈمران تىلدا ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ئۇلارنىڭ ھەر خىل ئىقتىدارلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئۇلارنىڭ مەڭگۈ كەمبەغەل بولۇپ ياشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەمدە ئۇلارغا روھىي جەھەتتە ئىنتايىن ئېغىر زىيان-زەخمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.

 

ئۇشبۇ ماقالىدا بىز يۇقىرىقىدەك مائارىپ سىياسىتىنىڭ ھازىرقى مەقسەتلىك ھالدا يولغا قويۇلۇش دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلاشقانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقىمىز. ھەمدە ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان خەلقئارالىق قانۇن-پەرمانلارنىڭ دائىرىسىدە ئەنەشۇنداق ئىشلارنى بىر خىل جىنايى ھەرىكەت، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىغىنى ئىسپاتلاپ چىقىمىز.

 

(داۋامى بار)


بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بۇرۇن ئېلان قىلىنغان ماقالىلار:

 

باشلانغۇچتا ئانا تىلنى ئالدىدا ئۆگىتىش زۆرۈرلىگىنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى

./read.php?tid=11118&fpage=2


«قوش تىللىق مائارىپ» قانداق بولىشى كېرەك؟

./read.php?tid=11320

تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-24, 10:48
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-08-22 09:18 |
قارلۇق
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9502
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
شۆھرەت: 55 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 55 سوم
تۆھپە: 33 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 33 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇنىڭ خەۋىپىنى بىزنىڭ ھۈكۈمالىرىمىز بىلمامەمدىغاندۇ ،ياكى بىلسىمۇ سۈكۈتتە تۇرۇشتىن باشقا ئامال يۇقمىدۇ،قۇشتىل مۇئارىپى تۇغرىسىدا مەن نۇرغۇن يۇللانمىلارنى كۆردۇم ھەم تۇرداشلارنىڭ ئنكاسلىرىنىمۇ بىرنى قۇيماي كۈرۈپ چىقتىم،
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-24 12:32 |
karluq02
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7494
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 99
شۆھرەت: 505 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 505 سوم
تۆھپە: 301 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 301 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 196(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھازىرقى شارائىتتا ئانا تىل تەربىيىسى بىلەن مىللى ئەخلاق تەربىيىسى قانداق ئېلىپ بېرىش يەنىلا ئاتا- ئانىلارغا باغلىق، ئەڭ مۇھىمى بالىلارنى ئائىلىدە قانداق تەربىيەلەشنى بىلىش كېرەك.....
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-24 12:42 |
abu-mustafa
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9239
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 81
شۆھرەت: 450 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 460 سوم
تۆھپە: 262 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 262 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 160(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەينى چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقى قازاقىستان،ئۆزبەگىستان،قىرغىستان.....قاتارلىق دۆلەتلەرنى بېسىۋېلىپ 70يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تىلىنى يوقىتىمىز، دىنىنى يوقىتىمىز دەپ كۆپ تىرىشتىيۇ،ئاخرى ئۈزى لاۋزا بولۇپ پارچىلاندى............. چۈشەندىڭلار ھەقاچان.
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-24 15:52 |
qimbulak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7426
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 196
شۆھرەت: 1015 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1044 سوم
تۆھپە: 604 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 604 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 490(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

        غۇلجا  شەھرىدىكى قوشۇۋىتىلگەن مەكتەپلەرنىڭ بۇ يىلقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەھۋالىدىن قوش تىل ئوقۇتۇشنىڭمۇ خىرىس ئىچىدە تۇرغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ كونكىرىت ئىپادىسى:بىر قىسىم قوشۇۋىتىلگەن باشلانغۇچ مەكتەپلەر ، بۇ يىلقى قوش تىل 1-يىللىق سىنىپلار سانىنى كېمەيتىپ ئوقۇغۇچى سانىغا چەك قويغان. شۇ مەكتەپلەر تەۋەلىكىدىكى مەكتەپ يېشىغا توشقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى سان چەكلىمىسىگە ئۇچراپ قوش تىل سىنىپلىرىغا كىرەلمىگەن. ئائىلە باشلىقلىرى پەرزەنتلىرىنى ئىلاجىسىز  شۇ مەكتەپلەردىكى خەنزۇ تىل سىنىپلىرىغا بىرىشكە مەجبۇر بولغان.
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-24 16:19 |
achchikh
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8352
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 289
شۆھرەت: 1481 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1485 سوم
تۆھپە: 884 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 890 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 112(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق كىشىگە نىسبەتەن ئانا تىل ئەڭ مۇھىم ئىدى. بىراق ھۆكۈمەت مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونۇمىيە قانۇنىغا خىلاپ ھالدا ئۇيغۇر تىلىنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ. ھەممىمىز ئانا تىلىمىزنى يۈكسەلدۈرۈشتە ئەمەلىي ئىشلارنى قىلايلى.
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-24 17:40 |
yvette
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 918
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 83
شۆھرەت: 440 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 440 سوم
تۆھپە: 259 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 259 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 61(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-31
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى قارلۇقدە2012-08-24 12:32يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇنىڭ خەۋىپىنى بىزنىڭ ھۈكۈمالىرىمىز بىلمامەمدىغاندۇ ،ياكى بىلسىمۇ سۈكۈتتە تۇرۇشتىن باشقا ئامال يۇقمىدۇ،قۇشتىل مۇئارىپى تۇغرىسىدا مەن نۇرغۇن يۇللانمىلارنى كۆردۇم ھەم تۇرداشلارنىڭ ئنكاسلىرىنىمۇ بىرنى قۇيماي كۈرۈپ چىقتىم،

بۇلارنى مۇشۇ سىياسەتنى يۇرگۈزۋاتقانلارنىڭ بىلمەسلىگىگە ھەرگىز ئىشەنمەيمەن...
ھەممىدىن ياخشى بىلىدۇ...
گۈزەل ماكان، سۆيۈملۈك دىيار، بايلىغى مول، كىشىلىرى مېھماندوس ، ئاقكۆڭۈل....بۇلار ھەممىگە سەۋەپچى...
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-25 01:32 |
jahangir.123
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9071
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 115
شۆھرەت: 605 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 606 سوم
تۆھپە: 357 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 361 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 232(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلىمخۇمار ئەپەندىم:
   قوش تىل مائارىپىنىڭ زىيىنى ھەقىيقەتەن ئېغىركەن. بالىلار يا ئانا تىلىدا ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەپەككۈر قىلالماي، يا يات تىلدا ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەپەككۈر قىلالماي، ئەخلىي-جىسمانىي جەھەتلەردە ئېغىر زەخمە يىسە، بۇ ئەقىل-تەپەككۈر كەمتۈكلىكى بولماي نىمە؟
    سىز تەھلىل قىلغاندەك 2-، 3- ئەۋلادقا بارغاندا، قوش تىل مائارىپى ئاندىن ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدىكەن. يەنە مىللەت يوقىلىش گىردابىغا بارىدۇ. تەھلىلىڭىز ناھايىتى قائىدىلىك. مۇشۇنداق بولارىنى ئالدىن پەرەز قىلغانلار  قوش تىل مائارىپى سىياسىتىنى ئىجىرا قىلماقتا. بەندىنىڭ ھىيلە-مىكرى ھامان ئاللاھ نىڭ تەغدىرى ئاستىدا بولىدۇ. ئاللاھ نىڭ تەغدىرىدىن بويسۇنمىغان ھالەتتە ھالقىپ كېتەلمەيدۇ.
     2- قىزىم ئۇيغۇر تىلى بويىچە 3-سىنىپقا چىققان يىلى، قوش تىل مائارىپىغا دۇچ كەلدى. قوش تىلدىن ئىبارەت بۇ قارا بۇلۇت بېشىمىز ئۈستىدىن ئەگىشكە باشلىدى. ئائىلىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى موھىتى گەۋدىلىك ئىدى. قىزىمنى ئائىلىدە خەنزۇ تىلىدا سۆزلەشكە قەتئىي يول قويمايتتىم. ھازىر قىزىمنىڭ ئانا تىلى سەۋيىسى خەنزۇ تىلى سەۋيىسىدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ.
     ئەپەندىم، سىز بەرگەن بىشارەتلەردىن قوش تىل مائارىپىنىڭ رەزىل قىياپىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ھېس قىلىۋاتىمىز. داۋامىنى ساقلايمىز. مۈمكىن بولسا، دىيارىمىزدا ئىجىرا قىلىنىۋاتقان قوش تىل مائارىپى ھەققىدە ئىزدەنگەن ئىلمىي ئەمگەكلىرىڭىزنى ئېنگىلىز تىلى مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلغان بولسىڭىز ، ئەگەر شارائىتىڭىز يار بەرسە.... ياخشىغا ئىشارەت، يامانغا تاياق دەيدۇ، كونىلار.
istanbol
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-25 01:44 |
arkadaxyusan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9340
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  قىرىنداشلار.......ھازىرقى مائارىپ سىياسىتىنىڭ بەك  ياخشىلىقىدىن  ئاكامنىڭ ئوغلى ھەر يىلى  ئىمتىھانلاردىن ئۈتەلمەي يازلىق تەتىل بولسۇن ياكى قىشلىق تەتىل بولسۇن تەتىللىك   ھەرخىل  كورسلارغا  ئاپىرىپ قۇيىدۇ .   ئۇكاممۇ  ئۇيغۇر چىنى ئۇقۇيالماي دۇدۇقلىغان ۋاقتىنى كۆرسەم  ھەي  خىلمۇخىل ................ خىياللارنى ...................... قىلىپ  كىتىمەن  .بىزنىڭ  باللىرىمىز  كىچىك تۇرۇپ  ئېغىر  يۈك تارتىۋاتقان     ماشىنىغا   ئوخشاپ  قالسا  بۇلامدۇ ......ئانا  تىلىمنىڭ  كەلگۈسى     چۇقۇم    پارلاق    بۇلىدۇ    .  ئۇلۇغ ئاللا  شۇ كۈنلەرنى   بىزگە  ئاتا  قىلىدۇ..........خەپ................................
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-25 02:21 |
ئەرتۈڭە
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 9147
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 488
شۆھرەت: 2680 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2681 سوم
تۆھپە: 1561 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1565 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 351(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قويۇڭلا شۇ خەلقارالىق قائىدە -مىزانلارنى ( ئاچچىقىمدا دەيمىنا) بىرەر يەرگە بى ئىشلىتىپ باقىنىنى كۆرگىلى بولمايدىكەن. مۇشۇ ئەھۋاللارنى بىلمەمدىكىن دىسە  بىلىدىكەن ، ئەمما ئاقتۇرۇپ بىر گەپ قىلىپ باقمايدىكەن. << پالانى يەرنىڭ ئۇنداق قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز...>> دەپ قويۇپ. تەلەپ قىلغانغا ئۇنامدۇ  ئۇ سىياسەت يۈرگۈزىۋاتقانلار، قانۇنلىرىنى ئىجرا قىلىپ بېقىش كېرەكتە بىرە يەرگە.
   قايسى بىر كىنودا بىر ئەسكەر ئەسىرگە چۈشۈپ قىستاققا ئېلىنغاندا ئۇ ئەسكەر؛ سەنلەر جەنۋە ئەھدىنامىسىگە خىلاپلىق قىلىشتىڭ .... دىسە، قارشى تەرەپنىڭ بىر قوماندانى-- ھە بىلەمەن، سەن جەنۋە ئەھدىنامىسىنى تېپىپ بولغۇچە ئاچلىقتىن ئۆلۈپ بولىسەن...! دەپ بى دىيالوگ چىققان ئىدى . شۇنىڭدەك ئىشلركەن بۇ خەلقارانىڭ ئىشلىرى.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-25 02:41 |
iltebir107
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9801
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 170
شۆھرەت: 863 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 864 سوم
تۆھپە: 516 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 517 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 194(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۈرۈمچى شەھرىدىمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى  ئۇيغۇرچە سىنىپقا بېرىش قىزغىنلىقى شۇنداق يۇقىرى بۇلىۋاتىدۇ.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-25 14:30 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«1234»Pages: 1/4     Go
Bagdax bbs » دۇنياغا نەزەر