مەزكۇر ماقالە ، 1993 -يىلى جانغا ئارامبەخش ئېتىدىغان ئىيۇلنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ بىرىدە پامىر تاغلىرى ئارىسىغا جايلاشقان گۈزەل ئويتاغ ئورمانچىلىق مەيدانىدا يېزىلغان بولۇپ، 1995 -يىلى باھار پەسلىدە ئۈرۈمچىدە ئېلان قىلىنغان. تورداشلارنىڭ بەزىلىرى بۇنى ئوقۇغان بولۇشى مۈمكىن، بەزىلىرى ئوقۇپ باقمىغان بولۇشى مۈمكىن. ئامىرىكىغا كەلگەندىن كىيىن، بۇ ئەسەرنىڭ ئېنگىلىزچە ۋارىيانتىنى مەكتەپ گىزىتىدە ئىلان قىلغاندىن كىيىن، مەكتەپ سودا ئىنستىتوتىنىڭ بىر ئايال پروففىسورىنىڭ دەرسىگە سۆزگە تەكلىپ قىلىندىم. بەلكىم بۇ يازما شۇ ئايالغا ئۆزگىچە تۇيۇلغان چىغى.
**********************************************************
ئاتىلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىش، ئانىلارنىڭ چىرىغىنى يورۇتۇش - پەرزەنتنىڭ پەرزەنتلىك بۇرچىدۇر.
دەۋر تەلىپىدىن قارىغاندا، تەدبىرسىز، قارىغۇلارچە ئەگىشىش ھالاكەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئەكسىچە، پەرق ئېتىش ئاساسىدىكى تاللاش - تەرەققىيات يولىغا يېتەكلەيدۇ. شۇنداق ئىكەن، تەرەققىياتقا پايدىلىق نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىش، توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاش - مۇئەييەن ئىجتىمائىي كۈچنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
ھېچكىمنىڭ ئۆزىنى كەمسىتكۈسى كەلمەيدۇ. خۇددى دالې كارنېگىې ئېيتقاندەك "باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ماختىشىنى تەلەپ قىلىش - بارلىق ئىنسانلارغا خاس پسىخىكا" بولغاندەك، ئۇ يەنە مىللەتنىڭ پسىخىكىسىغىمۇ ئورتاقتۇر. ئوبيېكتىپ ۋە مۇۋاپىق يوسۇندا باشقىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇش ۋە بۇنىڭ بىلەن پەخرلىنىش يوللۇق، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى بار. لېكىن، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان ھالدا كۆپتۈرمىچىلىك قىلىش ياكى ئۆتمۈشنى دەستەك قىلىپ سۆزلەش -زىيانلىق. خەلق ئىچىدە "ئاغرىقنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارە" دېگەن ماقال بار.
بىر پۈتۈن ئاۋامغا دىئاگنوز قويۇش تەس. ئەمما، ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز دىئاگنوز قويۇش ئوڭايراق بولىدۇ. چۈنكى، بىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىمىز، خاراكتېرىمىز ئۆزىمىزگىلا ئايان. مۇبادا چوڭقۇر دىئاگنوز ئارقىلىق، مىسىر ئېھراملىرىغا ئويۇلغان "ئۆزۈڭنى تونۇ" دېگەن سۆزنى چۈشىنىپ ئۆزىمىز ھەققىدە "مەن ئاجىز ئەمەس ئىكەنمەن" دېگەن يەكۈنگە ئېرىشەلىسەك ئىدۇق، بىز ئىنسان مۇكەممەللىكىگە قاراپ ئاتلانغان بولار ئىدۇق.
مۇكەممەللىك- ئاللاھقىلا خاس. گەرچە بۇ دىنىي مەدەنىيەت قارىشى بولسىمۇ، لېكىن سىرى نامەلۇم بولغان چەكسىز كائىناتنىڭ ئۆزى بىر مۇكەممەللىكنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە تەبئىئەت قانۇنىيەتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ئالەمنىڭ ئۆزىدە قانداقتۇر بىر مۇكەممەللىكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇپ تۇرۇپتۇ.
مەن پىكرىمنىڭ تېيىزلىقىغا باقماي، ھاياتنى سۆيۈش ئىستىكىم ۋە چالا-پۇلا بىلىملىرىم بىلەن ئۆز-ئۆزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئۇزاق سەپىرىدە كېتىۋېتىپ، مۇشۇ خىياللارغا دۇچار بولۇپ ئەپسۇسلىنىش ۋە خەۋپسىرەش تۇيغۇلىرىنىڭ ئازابلىرىدا قولۇمغا قەلەم ئالدىم.
مەن بۇ خىل ھېسسىياتقا ئورتاقلىشىدىغان دوستلارنىڭ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ھەتتىڭەي، 22 يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى ئۆگىنىش پۇرسىتىنى ھېسابلىغاندىمۇ 16 يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. تەپسىلىي ئويلىنىپ كۆرسەم، مەن نىيوتون بولالمايدىكەنمەن، بۇ مېنىڭ ئالما دەرىخى ئاستىدا ئولتۇرمايدىغانلىقىم ياكى ئالمىنىڭ مېنىڭ بېشىمغا چۈشۈپ مېنى چەكسىز خىيالغا باشلاپ كىرىشىدەك تاسادىپىيلىقنىڭ تۇغۇلماسلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئىلگىرى پۇرسەت ۋە شارائىتنىڭ بولمىغانلىقى تۈپەيلى، قىزىقىش ۋە شىجائەتنىڭ مەندە يېتىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ بولمىغانلىقىدا. ئەگەر پۇرسەت ۋە شارائىت كىچىكىمدىلا ماڭا يار بولغان بولسا ئىدى، مېنىڭمۇ بېشىمغا ئەنجۈر ياكى خۇۋەينە ئۈرۈك چۈشۈپ كېتىپ، مېنىمۇ خىيالغا سېلىپ ئالەمنىڭ باشقا قانۇنىيەتلىرىنى تېپىشقا نىسىپ قىلار ئىدى.
بېكون" بىلىم - تەجىربىدىن كېلىدۇ" دېگەن ئىكەن. گوركى داڭلىق يازغۇچى. تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ۋە تىرىشچانلىق ئۇنى يازغۇچى قىلغان. بىراق، مەن گوركىدەك تۇرمۇش سەرگۈزەشتلىرىنىڭ مەندە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ كەتمەيمەن، ھەم ئۇ مۇمكىنمۇ ئەمەس. ئەمما، بۇ ھەقتە مەن ئاز-تولا ئۇرۇنۇپ كۆردۈم-يۇ، يېڭىمنى شىمايلاپ، پۇشقاقلىرىمنى تۈرۈپ چىقمىدىم.
ئېدىسوننىڭمۇ ئۆزىگە خاس تۇرمۇش سەرگۈزەشتلىرى بولغان. ئۇنىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتىسى --- ئۇنى ئىلمىي تەجرىبە بىلەن شۇغۇللىنىشقا مۇۋەپپەق قىلغان.
مەن بۇ چۈشنىمۇ كۆرگەن. كىچىككىنە، ھەممە تەرىپى بېكىك بۇ تاغلىق يېزىدا توك چىراغمۇ يوق تۇرسا، ئېلېكتىر ئەسۋابلىرىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟.
ئويلاپ باقسام، مەن دارۋىنمۇ بولالمايدىكەن. بۇ دارۋىننىڭ بۇ خىل تەلىماتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى دارۋىنغا خاس ئىستېداتنىڭ مەندە يوقلۇقىدىن. چۈنكى مەن، "توخۇ ھايۋانمۇ، قۇشمۇ؟" دېگەن سوئالغا توغرا ۋە تېز جاۋاب بېرەلمىگەن تۇرسام؟!
مەن پىئرر كيۇىرې بولالامدىمەن؟
بۇ ئارزۇيۇم مېنىڭ ئىستىدات ۋە جاسارەتتە، مەندىنمۇ كۈچلۈك مارىئە كيۇرىئىنىڭ ماڭا جۈپ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنداقتا، مەن مۇنۇ ناخشا بىلەن ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلغۇدەكمەن:
باقىمەن ھەر يانغا،
ئىنتىزار بولۇپ، ئىنتىزار...
ئۇنداقتا ماتېماتىكچۇ؟
دىففىرىنسىئال-ئىنتېگرالنى خېلى ئوبدانلا ئىگىلىگىنىم بىلەن، لېكىن گائۇسسچىلىك ۋاقتىمدا، بىردىن يۈزگىچە بولغان ساننى نەچچە سائەتلەپ ئاۋارە بولۇپ قوشۇپ چىققىنىم ئېسىمدە.
ئۇنىڭدىنمۇ يالتايدىم.
ئىشقىلىپ، مەن پەننىڭ ھەرقايسى ئىشىكلىرىدىن كىرىش ئۈچۈن تىرىشىپ باقتىم-يۇ، لېكىن بۇرنۇم قاناپ كەتتى. "ياكى تېنىم شۇ قەدەر ئاجىزمۇ؟" ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن. "بەلكىم، شۇنداق بولسا كېرەك" دەپ ئويلىغان ئىدىم ئىلگىرى. لېكىن بارغانسېرى ئۇنى ئېتىراپ قىلغۇم كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى.
ھازىر مەن، ئاشۇ خىل ئىدىيىنىڭ مەندە بولغىنى ئۈچۈنمۇ ئۆزۈمگە ئاچچىقلىنىمەن. "رېئاللىققا يۈزلەنگۈلۈك". مەن بۇ گەپنى توغرا تېپىپ قالدىم. ئۆتمۈشنى ئەسلىدىم. پەننىي تەربىيە بەرگەن ئوقۇتقۇچىلىرمنى ۋە ئۇلارنىڭ ساپاسىنى دەڭسەپ چىقتىم. بۇ دەۋر ۋە ئۆتكەن بىر نەچچە دەۋر كىشىلىرىنى توغرىسىغا ھەم ئۇزۇنىسىغا سېلىشتۇرما قىلىپ چىقتىم. ئاخىر، پۇشايمان ۋە ئەپسۇسلىنىشىممۇ ئازىيىشقا قاراپ يۈزلەندى. تۇرمۇشتىمۇ رەتلىك ھەم پۇختا بوپ قالدىم.
تەنھالىق - بەلكى بىر قىسىم كىشىلەرگە ئازاب ئېلىپ كېلىدىغاندۇ. لېكىن، مەن ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنىڭ قەلب تەكتىدىكى ئاجايىپ پىكىرلەرنى سۈزۈۋالىمەن. شۇ پىكىرلەرنىڭ بىرسى: مەن ئۈچۈن قۇياش يەنىلا ئالدىمدا ئىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەقەت ئۆزۈملا بولۇشۇم كېرەك ئىكەن ھەم شۇنداقلا بولالايدىكەنمەن. بەلكى، بۇ ئىلاھتىكى مۇكەممەللىكنى ئىزدەپ ئۆزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشۈم ئۈچۈن چەككەن رىيازەتلىرىمنىڭ مۇكاپاتىدۇر!