saltanat lutun elan berig
«1234»Pages: 1/4     Go
بۇ تېما 10431 قېتىم كۆرۈلدى
attila
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3477
نادىر تېما : 12
يازما سانى : 214
شۆھرەت: 1578 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1648 سوم
تۆھپە: 882 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 874 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 391(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 قورقۇش پىسخىكىسى روھى قۇللۇقنىڭ ئاساسى (ئاتتىلا)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-08-31)
قورقۇش پىسخىكىسى روھى قۇللۇقنىڭ ئاساسى
 

مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا ئونسۇ
 

قورقۇش-جانلىقلارنىڭ تاشقى زەربىگە ياكى تەھدىتكە ئۇچرىغاندا ۋە ياكى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بىرەر ھادىسىنى ئۆزىگە تەھدىت ھېسابلىغاندا شەكىللىنىدىغان بىر تۈرلۈك روھىي ئىنكاس بولۇپ، ئۇ ئىزچىل داۋاملاشسا شۇ جانلىقتا بىر تۈرلۈك نورمالسىز پىسخىكىلىق ھادىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، شۇ جانلىقتا ئۆزلىكىدىن خۇدۇكسىرەيدىغان، تۇيۇقسىز قورقىدىغان، ئۆزى تەھدىت ھېس قىلغان شەيئى ياكى ھادىسىنى كۆرگەن ھامان ئۇنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىمىسىمۇ ئۆزلىكىدىن سۈر باسىدىغان، قورقۇش ھېس قىلىدىغان، ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان، بىرەر ئىش قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان، شۇ شەيئى ياكى ھادىسىنىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلۇشقا ئىشەنچ قىلالمايدىغان، ئۇنى مەڭگۈ ئۆزىدىن كۈچلۈك، قۇدىرەتلىك، يىمىرىلمەس ھېسابلايدىغان روھىي ھالەت شەكىللىنىدۇ. ئەگەر تاشقى تەھدىت ياكى زەربە بىر توپتىن يەنە بىر توپقا، بىر مىللەتتىن يەنە بىر مىللەتكە، بىر ئىرقتىن يەنە بىر ئىرققا قارىتا بولسا بۇ خىل پىسخىكىلىق ھادىسە تاشقى تەھدىت ياكى زەربىگە ئۇچرىغۇچى شۇ توپنىڭ، شۇ مىللەتنىڭ، شۇ ئىرقنىڭ ئورتاق پىسخىكىسى بولۇپ شەكىللىنىپ، شۇ توپ، مىللەت ۋە شۇ ئىرقنى مەڭگۈلۈك قۇللۇققا ئېلىپ بارىدۇ.

بىز ئىنسانىيەت تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئالدىن تەرەققى قىلغان ۋە كۈچەيگەن بىر قىسىم توپ، مىللەت ياكى ئىرقلارنىڭ يۇقارقى قانۇنىيەتتىن پايدىلاىنىپ ئاجىز توپ، مىللەت ياكى ئىرقلارغا ھەم قاتتىق ھەم ئۈستى-ئۈستىلەپ تەھدىت سېلىپ، ئۇلاردا بىر تۈرلۈك كۈچلۈكلەرددىن قورقىدىغان، ئۇلارنى «مەڭگۈ يەڭگىلى بولمايدۇ» دەپ قارايدىغان روھىي ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، مەڭگۈلۈك قۇللۇق ئاسارىتىدە تۇتۇشقا، ئۇلارغا ئۆزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى بىر تۈرلۈك نورمالنى ھەم ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، مەڭگۈ ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان ئىلاھىي ھەقىقەت سۈپۈتىدە تەن ئالدۇرۇپ، ئۇلارنى يوقۇتىۋېتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز.

بۇ خىل قورقۇش ئاساسىغا قۇرۇلغان روھىي قۇللاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قەدىمدىن بۇيان تۈرلۈك ئىمپېريالىستىك كۈچلەر ياكى ھۆكۈمران گۇرۇھلار تۈرلۈك شەكىللەردە قوللۇنۇپ كەلدى.

مىلادىدىن بۇرۇنقى 336-يىلى قۇرۇلغان يۇنان ماكودونىيە ئىمپېريىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 336-يىلدىن مىلادىدىن بۇررۇنقى 64-يىلغىچە) نىڭ قۇرۇغۇچىسى ئالىكساندىر ماكودونىسكى (ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن 356-يىلدىن 323-يىلغىچە ياشىغان، 336-يىلىدىن 323-يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ھازىرقى گېرىتسىيەدىن يولغا چىقىپ، پۈتۈن ئوتتۇرا دېڭىز ساھىلى ۋە ئوتتۇرا شەرق زېمىنلىرى، ھىندىستاننىڭ بىر قىسىمىنى بويسۇندۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا تۇپراقلىرىغا قەدەم قويغان زامانلاردىلا تۈرلۈك باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش، قاتتىق تەھدىت سېلىش ۋاستىلىرىنى قوللۇنۇپ، يۇنانلىقلارنىڭ كۈچلۈك ۋە قۇدىرەتلىكلىكىنى كۆككە كۆتۈرۈپ، ئۆزلىرى بويسۇندۇرغان زېمىنلاردىكى خەلقلەرنى يۇنانلىقلارنىڭ كۈچلۈكلىكى ۋە قۇدىرەتلىكلىكىنى تەن ئېلىشقا، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مەڭگۈلۈك ئىلاھىي ھەقىقەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشقا قىستىدى ھەمدە بۇ مەقسىتىنى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يۇنان مەدەنىيىتى ھەم ئىلاھىي قاراشلىرىنى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ماددىي ئىزنالىرىنى بويسۇندۇرۇلغان رايونىلىرىغا ئېلىپ كىرىپ، يۇنانلىقلارنىڭ بۇ رايونلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنىڭ ئالەم بىنا قىلىنغاندىن تارتىپلاپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلىپ، قۇل قىلىنغان خەلقنىڭ روھىي قاتلىمىغا سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇندى. بىراق ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئۇرۇنىشى قۇل قىلىنغان توپنىڭ سەگەك سەر خىللار قاتلىمى تەرىپىدىن سۈپۈرۈپ تاشلاندى. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي بويسۇندۇرۇلغان رايونلاردا يەرلىك خەلقلەرنىڭ يېڭى مۇستەقىل ھاكىميەتلىرى بارلىققا كەلدى.

مىلادىدىن بۇرۇنقى 27-يىلى قۇرۇلغان رىم ئىمپېريىسى (بۇ ئېمپېريىنى م.ب 27-يىلى ئوكتاۋىئان قۇرىغان. مىلادى 395-يىلى شەرقىي گۇتلارنىڭ زەربىسى نەتىجىسىدە شەرقىي رىم ھەم غەربىي رىم ئىمپېريىسىگە پارچىلانغان. غەربىي رىم ئىمپېريىسى 476-يىلى غەربىي گۇتلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان. شەرقىي رىم ئىمپېريىسى 1453-يىلى ئوسمان تۈرك ئىمپېريىسى تەرىپىدىن يوقوتولغان. رىم ئىمپېريىسى دۇنيا تارىخىدا ئەڭ ئۇزۇن ھۆكۈم سۈرگەن ئىمپېريە بولوپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 27-يىلدىن مىلادىدىن كېيىنكى 1453-يىلغىچە جەمىئىي 1480يىل مەۋجۇت بولوپ تۇرغان.) مۇ خۇددى ماكودونىيە ئىمپېريىسىگە ئوخشاش ئۆزىنى «مۇقەددەس» دەپ ئاتاپ، «ئىلاھىي ھاكىمىيەت» سۈپىتىنى بېرىپ، كۈچلۈك باستۇرۇش ۋە تەھدىت سېلىش ۋاستىلىرىنى قوللۇۇنۇپ، قۇل قىلىنغان خەلققە ئۆزلىرىنى مەڭگۈلۈك قۇدىرەتلىك ۋە يېڭىلمەس قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۇلاردا ئۆزلىرىدىن مەڭگۈ قورقۇدىغان، ئۆزلىرىگە ئەبەدىي ئىتائەت قىلىدىغان روھىي ھالەتنى، ئىدىيۋى قاراشنى شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇندى. بىراق ئۇلارنىڭ بۇ خىل قورقۇتۇش پىسخىكىسىنىڭ زەربىسى ۋە ئېزىقتۇرۇشىغا ئۇچرىمىغان ئاسىيا يايلاق مىللەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئارىئان نەسىللىك شەرقىي گېرمان قەبىلىلىلىرىنىڭ ياۋروپا زېمىنىغا باستۇرۇپ كىرىشى ھەم رىم ئىمپېريىسىگە ئۈزۈلدۈرمەي ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە بۇ «مۇققەدەس» ئىمپېريە 395-يىلى زور دەرىجىدە ئاجىزلىشىپ، شەرقىي ۋە غەربىي رىم ئىمپېريىسىگە پارچىلىنىپ كەتتى. ئاندىن يەنە بىر مەزگىل ئاتتىلا ھۇنلىرىنىڭ تەھلىكىسىدە بېقىندى ھالەتتە ياشىدى. 476-يىلى غەربىي رىم ئىمپېريىسى غەربىي گېرمان قەبىلىلىرى تەرىپىدىن يوقۇتۇلدى. شەرقىي رىم ئىمپېريىسى بەزىدە كۈچەيسە بەزىدە ئاجىزلىشىپ، بەزىدە باشقىلارنى بېقىندۇرسا بەزىدە باشقىلارغا بېقىنىپ، ئاخىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىن كىچىك ئاسىياغا كۆچمەن بولۇپ بېرىپ ماكانلاشقان سالجۇق تۈركلىرىنىڭ ئاتامانى ئوسمان غازى قۇرىغان ئوسمان تۈرك ئىمپېريىسى تەرىپىدىن 1453-يىلى پۈتۈنلەي يۇقۇتۇلدى.

باشقىلارنى قورقۇتۇش ئارقىلىق ئۇلارنى مەڭگۈلۈك روھىي قۇللۇق ئاسارىتىگە ئېلىپ بارىدىغان بۇ خىل قان چىقارماي جان ئالىدىغان ھەرىكەت 17-ئەسىرگە كەلگەندە ئەنگىلىيەلىكلەر قۇرىغان بۈيۈك بىرىتانىيە ئىمپېريىسى تەرىپىدىن قايتا جارى قىلدۇرۇلدى. 1640-يىلى ئەنگىلىيە بۇژۇئا ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئەنگىلىيەدە كاپىتالىستىك سانائەت تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىپ، ئۇلاردا تەرەققى قىلغان يېڭى سانائەت ئۈچۈن خام ئەشيا مەنبەسى ۋە بازار ئېچىش ئېھتىياجى تۇغۇلدى. نەتىجىدە ئۇلار ھەربىي سانائەت ۋە دېڭىزچىلىق ئىشلىرىنى تېز تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئاسىيا، ئافرىقا، ئامېركا تۇپىراقلىرىغا شۇنداقلا ئاۋستىرالىيە قۇرۇقلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېنچ ئوكيان ئاراللىرىغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك مۇستەملىكىچىلىك ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. فىرانسۇز، ئىسپان ۋە پورتىگال مىللەتلىرىمۇ ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەملىكە قىلىش ۋە بويسۇندۇرۇش قارا قولىنى يۇقارقى رايونلارنىڭ تېخى ئېنگىلىزلارنىڭ ئايىقى تەگمىگەن جايلىرىغا سوزدى. ئۇلار بارغانلا يېرىدە قىرغىن قىلىش، باستۇرۇش، كۆيدۈرۈش، قاتتىق قىيناش قاتارلىق تەھدىت سېلىش ۋاستىلىرىنى قوللۇنۇپ، بويسۇنغۇچىلاردا كۈچلۈك بولغان قورقۇش پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلاردا «ياۋروپالىقلار يېڭىلمەستۇر»، «ياۋروپالىقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشى، بىزنىڭ قۇل بولىشىمىز مەڭگۈلۈك ئىلاھىي ھەقىقەت» دەيدىغان روھىي قۇلچىلىق قارىشىنى شەكىللەندۈردى. بويسۇندۇرغۇچىلار يەنە بىرتانىيە ئىمپېريىسىنى «مەڭگۈلۈك ئىمپېريە»، «كۈن پاتماس ئىمپېريە» دەپ ئاتاپ، يىمىرىلمەس مەڭگۈلۈك كۈچ سۈپىتىدە سۈپەتلىدى. ياۋروپا مەدەنىيىتى ھەم ئېتىقاد سېستىمىسىنىڭ مەنىۋىي ھەم ماددىي سىمىۋوللىرىنى بويسۇندۇرۇلغان رايونلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ بويسۇندۇرغان رايونلارغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى ئىنسانىيەت پەيدا بولغاندىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان تارىخىي ئىزچىللىق قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ قۇل قىلىش سىياسىتىنى تېخىمۇ بەك تارىخىي ھەم ئىجتىمائىي ئاساسقا ئىگە قىلىشقا ئۇرۇندى. ئۇلار ئافرىقا ۋە ئامېركا قۇرۇقلۇقىدا يەرلىك خەلقلەرنى قانلىق باستۇرۇش ھەركىتىنى قوللۇنۇپ، ئۆزلىرىگە قارىشى چىقىشقا ھەتتا ئالىيىپ قاراشقا پېتىنغان ھەرقانداق ئادەمنى قىلچە شەپقەت قىلماستىن ئۆلتۈرۈپ، ئۇلاردا ئېنگىلىزلارنى كۆرسىلا سۈر باسىدىغان قورقۇش پىسخىكىسىنى ۋە مەڭگۈلۈك روھىي قۇللۇق تامغىسىنى شەكىللەندۈردى. ئۇلار يەنە ئافرىقىدا ئېنگىلىز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى، خىرىستىيانلىقنى كۈچەپ تەشۋىق قىلدى، ئامېركا قىتتەسىدە يۇقارقى ئۇسۇللارنى قوللۇنۇش بىلەن بىرگە ياۋروپا ئىلاھلىرىنىڭ ھەيكىلى قاتارلىق تۈرلۈك سىمىۋوللۇق بەلگىلەرنى يەر ئاستىغا كۆمۈپ قويۇش، ياۋروپا ئۇسلۇبىدىكى مەكتەپلەرنى كۆپلەپ ئېچىپ، ئۇلارنى ياۋروپا مەدەنىيىتى ۋە ئېنگىلىز تىلى بىلەن تەربىيلەپ، ئانا تىلىنى ئۇنتۇلدۇرۇش، ھاراققا ۋە باشقا تۈردىكى ئەيش-ئىشىرەتكە، كەيپ-ساپاغا، بۇزۇقچىلىققا، ئازغىنا مەنپەئت ئۈچۈن بىر-بىرىنى سېتىشقا ئۆگۈتۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئۇلاردا ياۋروپالىقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تارىخىي ئەزەلىيلىك دەپ قارايدىغان، ئۆز قىممەت سېستىمىسىدىن يۈز ئۆرۈيدىغان روھىي دۇنيانى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلارنى ئاسسىملاتسىيە قىلىپ، ئامېركا قۇرۇقلۇقىنىڭ بۈگۈنكى نوپۇسىنى شەكىللەندۈردى (ھازىرقى ئىسپان ۋە پورتۇگال تىلىدىكى لاتىن ئامېركىسى ئاھالىلىرىگە قارالسۇن). شۇ سەۋەبتىن ئامېركا قىتئەسى ئاھالىسىنىڭ ياۋروپا مۇستەمىلىكىچىلىرىدىن قۇتۇلىشى ۋە ھۆرلىكى يەرلىك ئىندىئانلار تەرىپىدىن ئەمەس بەلكى ياۋروپالىقلارنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغان ھەم شۇ يەرگە يەرلىشىپ كەتكەن  ياۋروپالىق كۆچمەنلەر تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولسا، ئافرىقىلىقلارنىڭ ھۆرلىكى جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ ئۆزلۈك سېستىمىسىدىن ئەمەس بەلكى، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا شىمالىي ئافرىقىدا كۆتۈرۈلگەن ئىسلامنى ساپلاشتۇررۇش ۋە زامانغا لايىقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى ھەم ئامېركا قوشما شىتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ پىرزدېنت رۇزۋېلىتنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قوللانغان مۇستەمىلىكىسىزلەشتۈرۈش سىياسىتىنىڭ بېسىمى ۋە تۈرتكىسىدە ئىشقا ئاشتى.

بۇ خىل قورقۇتۇش ۋاستىسى ئارقىلىق بويسۇنغۇچىلاردا قورقۇش پىسخىكىسى پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى مەڭگۈلۈك قۇللۇققا ئېلىپ بېرىش ھەرىكىتى 20-ۋە يېڭى ئەسىردىمۇ بىر قىسىم رايونلاردا ۋە دۆلەتلەردە يەنىلا ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى. بۇنىڭغا تىپىك مىسال سۈپىتىدە سابىق سوۋېت ئىتىپاقى، ئىسرائىليىنى مىسال قىلىش مۈمكىن.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە لېنىن بويسۇندۇرۇلغان خەلقلەرنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئېزىلىش ۋە خورلۇنىشىدىن شەكىللەنگەن ھۆرلۈككە ئىنتىلىش ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنى باغى ئېرەم، جەننەت ماكان قىلىپ كۆرسىتىپ، بارلىق خەلق باراۋەر دېگەن شوئارنى ياڭرىتىپ، بويسۇندۇرۇلغان رايون ۋە خەلققە زور ئەركىنلىك ھەم دېمۇكىراتىك ھوقۇقلارنى ئاتا قىلدى. نەتىجىدە بويسۇندۇرلغان خەلق بىر مەھەل جەننەت چۈشىنى كۆرۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئىنسانىيەتنىڭ يەر يۈزىدىكى جەننىتى دەپ تەرىپلىدى. بىراق ئۇلارنىڭ بۇ جەننىتى ئۇزاق داۋاملاشمىدى. 1924-يىلى لېنىن ئۆلۈپ، ئورنىغا سىتالىن چىققاندىن كېيىن، خەلقنىڭ ئاغزىدىكى بۇ ئىمىزگە شەپقەتسىزلەرچە تارتىۋېلىندى. سوۋېت ئىتىپاقى بىر ئۆرۈلۈپلا ئىنسانىيەتنىڭ يەر يۈزىدىكى جەننىتىدىن دوزاققا، مىللەتلەرنىڭ زۇلۇم لاگىرىغا ئاايلاندى. سىتالىن كۆڭلىدە نېمىنى ئويلىسا شۇنى قىلىپ، ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان ياشاش ۋە ھاياتلىق قانۇنيەتلىرىنىڭ بىررىگىمۇ ئەمەل قىلمىدى. ئۇنىڭ قوللانغىنى باشتىن ئاخىر سۈيقەست پىلانلاش، باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش، يۇرت-ماكانىددىن قوغلاپ چىقىرىش، مىللەتلەرنىڭ زېمىن چېگراسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ، زىددىيەت ئۇرۇقىنى چېچىش، مىللەتلەرنى سۈنئىي رەۋىشتە قوشۇېتىش ياكى ياساپ چىقىش بولدى. ئۇ سوۋېت لاگىرىغا كېلىدىغان ئاساسىي خەۋپ قەدىمكى مەدەنىيەتلىك مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن يېقىنقى زامان تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۇنياسى ئويغۇنىش ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى ھېسابلانغان تاتارلاردىن ھەم تىز پۈكمەس مىللەت چېچنلاردىن كېلىدۇ دەپ قارىغاچقا، ئۇنىڭ تېرورىزىم سىياسىتىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى يۇقارقى ئۈچ مىللەت بولدى. سوۋېت ئىتىپاقى 1-بەش يىللىق پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قانات قۇيرۇقىنى تۈزىۋالغاندىن كېيىن، ئۆزىنى كۈچلۈك، قۇدىرەتلىك، دۇنيادا بىىر دەپ ھېساپلاپ، تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ بويسۇندۇرۇلغان خەلقلەرنى بۇنىڭغا ئىشىنىشكە، شۇ ئارقىلىق چوڭ رۇس مىللەتچىلىكىنى ئاساس قىلغان سوۋېت ئىتىپاقى ھۆكۈمرانلار لاگىرىدىن قورقۇشقا مەجبۇرلىدى. ئۇلار بۇ مەخسەتكە يېتىش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن ئۆزىگە قارىشى چىققانلارغا ياكى «تەھدىت ئېپ كېلىدۇ» دەپ قارالغانلارغا قارىتا باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش، يۇرتىدىن قوغلاپ چىقىرىش ۋە باشقا مىللەتلەرگە قوشۇۋېتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزسە يەنە بىر تەرەپتىن خەلقنىڭ نېمە بولىشى بىلەن كارى يوق، بار ئىقتىسادىنى ھەربىي كۈچكە قارىتىپ، ئىلغار قۇراللارنى ياساپ، ئۇنى دۆلەت ئىچى-سىرىتىغا نامايەن قىلىش ۋە دۆلەت ئىچىدە، جۈملىدىن چېگرادىن يىراق بولغان خەلق توپى ئارىسىدا زۆرۈريەتسىز ھەربىي مانىۋېرلارنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق خەلق ئىچىدە سۈر-ھەيۋە پەيددا قىلىشقا، ئۇلارنى قورقۇتۇپ، مەڭگۈلۈك قۇللۇقتا تۇتۇشقا ئۇرۇندى. بىراق ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئۇرۇنىشى ئاخبارات يەر شارىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا كۆپ ئۈنۈم بەرمىدى. ئۇلارنىڭ بۇ خىل ھەيۋە كۆرسۈتۈپ قورقۇتۇش شەكلىدىكى باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئەڭ ئاۋال بالتىق بويىدىكى ئۈچ دۆلەت-لىتۋا، لاتۋىيە ۋە ئىستونىيەلەر بۇزۇپ تاشلىدى. چۈنكى ئۇلار ياۋروپا بىلەن چېگرىداش بولغانلىقى ئۈچۈن ياۋروپانىڭ ئىلغار بولغان دېمۇكىراتىيە ۋە كىشىلىك ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق، مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە بالدۇر ئۇچۇراپ، 1980-يىللارنىڭ باشلىرىدىلا بالتىق بويى زەنجىرى ھەركىتىنى پىلانلاپ، 2 مىليۇن كىشىلىك قارىشلىق كۆرسەتكۈچى نامايىشچىلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىققان ھەم ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك ئەدىلىيە، ساقچى، ئىقتىساد سېستىمىسىنى بەرپا قىلغان، ئۇلاردىكى ھەر بىر ئۆزگىرىشكە يەنە تام قوشنىسى بولغان ياۋروپا دۆلەتلىرى كۆز-قۇلاق بولىۋاتقان ئىدى. ئۇلارغا ياندىشىپ يەنە چوڭ رۇسچىلىق سىياسىتىنىڭ زۇلۇمىغا چىدىمىغان قازاقىستان، ئەزەربەيجان، قىرغىزىستا، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇريەتلىرىدىكى ياشلار تۈرلۈك قارشلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى ئەۋج ئالدۇردى. ئاخىرى بېرىپ 1989-ۋە 1990-يىلىدىكى سوۋېت ئىتىپاقى ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى چوڭ ئۆزگۈرۈش سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت بۇ زور ھەم كېلەڭسىز بولغان ئىمپېريىنى، يەر شارىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ھەم ئەڭ ۋەھشىي زۇلۇم ئۇچۇقىنى چاك-چېكىدىن بۆسۈپ تاشلىدى. بىراق رۇسلارنىڭ قاتتىق تەھلىكىسىدىن قورقۇپ كەتكەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ھۆكۈمرانلار تەبىقىسى، بولۇپمۇ قازاقىستان قاتارلىق بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ رىسپوبىلكا خوجايىنلىرى رۇسلارنىڭ يەنە قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەن، ھەتتا رۇسىيەمۇ بۇ ئىتتىپاقتىن ۋاز كېچىپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق جاكارلىغان ئەھۋالدىمۇ مۇستەقىللىق جاكارلاپ، ئۆز ئەركىنى قولىغا ئېېلىشقا پېتىنالماي، ئارىدىن بىر نەچچە ئاينى يەنىلا رۇسلارغا ئۈمۈت باغلاپ، قۇللۇق ئىچىدە ئۆتكۈزۋەتتى.

ئىسرائىلىيە، ئەنگىلىيە بۇرژۇئازىيىسىنىڭ 1860-يىلدىن باشلاپ، ئۇزاق داۋاملاشقان ئەھلى سەلىپ ئۇرۇشىدا ئىشقا ئاشۇرالمىغان يېرۇسالىمنى خىرىستىيان دۇنياسىنىڭ مەڭگۈلۈك مۇقەددەس شەھىرى قىلىشتىن ئىبارەت شېرىن چۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزى بويسۇندۇرغان رايونلاردىكى يەھۇدىي بايلىرىنى قوللاش ۋە مەدەت بېرىشنى ئاساس قىلىپ بىر قوللۇق پىلانلاپ چىققان، يەھۇدىي بايلىرى پەلەستىن رايونىدا زېمىن سېتىۋېلىش ھەم سېتىۋېلىپ، سېتىۋالغان پارچە زېمىنلىرىنى ئۆزئارا قوشۇپ شەكىللەندۈرگەن سۈنئىي دۆلەت بولۇپ، بۇ دۆلەت قۇرۇلغان 1947-يىلىدىن باشلاپ ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ ئەتىراپتىكى ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن جەمىئىي بەش قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىنى قوزغىدى.

1-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى يېڭى قۇرۇلغان ۋە ئىنتايىن ئاجىز ئورۇندا تۇرغان 600 مىڭ نوپۇسلۇق ئىسرائىليە دۆلىتى بىلەن 30 مىليۇن نوپۇسلۇق ھەم ھەربىي كۈچ جەھەتتىن ئۇلاردىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بولغان مىسىر، ئىراق، سۈرىيە، لىۋان، پەلەستىن ۋە تاشقى ئئوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا 1948-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 1949-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىپ، ئىسرائىليىنىڭ تولوق غەلىبىسى بىلەن ئاياغلاشتى.

2-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى «سۇۋەيىش قانىلى ئۇرۇشى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئۇرۇش 1956-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە ئىسرائىليە، ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيە بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئىسرائىليە ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيەلەرنىڭ ياردەم بېرىش بىلەن ناھايتى تېزلا مىسىر ئارمىيسىنى مەغلۇپ قىلىپ، سىناي يېرىم ئارىلىنى بېسىۋېلىپ، سۇۋەيىش قانىلىنى كونتۇرۇل قىلىۋالدى. ئامېركىنىڭ كۈچلۈك قارىشلىق كۆرسىتىشى ھەم يادىرو تەھدىتى سېلىشى نەتىجىسىدە 1956-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيە، 8-كۈنى ئىسرائىليە سىناي يېرىم ئارىلىدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى.

3-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى «سۇۋەيىش قانىلى ئۇرۇشى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئۇرۇش 1967-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە ئىسرائىليە بىلەن مىسىر، سۈرىيە، لىۋان، ئىئوردانىيە، پەلەستىن قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئۇرۇش ئىسرائىليىنىڭ تولوق غەلىبىى بىلەن ئاخىرلاشتى. ئۇرۇشتا ئىسرائىليە ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە پەلەستىننىڭ 80 مىڭ كىۋادىرات كىلومېتېرلىق زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋالدى، ئېرۇسالىمنى تارتىۋالدى. ئەرەب دۆلەتلىرىدىن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۈپ، 400 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم مۇساپىر بولۇپ، يۇرتىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى. مىڭغا يېقىن تانكىسى، 400 دىن ئارتۇق ئايرۇپىلانى پاچاقلاپ تاشلاندى. ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ زىيىنى ئىنتايىن ئېغىر بولدى. نەتىجىدە ئەرەبلەر ئارىسىدا يەھۇدىيلاردىن قورقۇدىغان كەيپىيات ئوموملىشىپ، «ئىسرائىليىنى يەڭگىلى بولمايدۇ» دەيدىغان سەپسەتە باش كۆتەردى.

4-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى 1973-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە ئىسرائىليە بىلەن مىسىر، سۈرىيە، پەلەستىن قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. مىسىر ۋە سۈرىيە ئىسرائىليىنىڭ گۇناھىنى يۇيۇش كۈنىدىكى ئارمىيىنىڭ پۈتۈن سەپ بويىچە دەم ئالغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسىنى قوللۇنۇپ، ئۇرۇشنىڭ باشلانمىسىدا ۋاقىتلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىسرائىليە 10 دانە ئاتۇم بومبىسىنى تەييارلاپ، يادرو ئارقىلىق قايتۇرما زەربە بېرىشكە تەييارلاندى. مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە ئامېركا ئوتتۇرغا چۈشۈپ، ئىسرائىليىگە ياردەم بېرىشنى ۋەدە قىلىپ، ئۇلارنى يادىرو ئارقىلى زەربە بېرىش پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە كۆندۈردى ھەم ب د ت مۇ قارارنامە ماقۇللاپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ئۇرۇش توختۇتۇشقا كۆندۈردى. ئۇرۇشتا ئومومىي جەھەتتىن ئىسرائىليە غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ مۇئەييەن غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى. نەتىجىدە ئەرەبلەر ئارىسىدا شەكىللەنگەن «ئىسرائىليىنى يەڭگىلى بولمايدۇ» دەيدىغان سەپسەتىگە قاتتىق زەربە بېرىلىپ، ئەرەبلەرنىڭ ئىسرائىليە ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىغا بولغان ئىشەنچىسى ئاشتى.

5-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى 1982-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىسرائىليە بىلەن لىۋان، سۈرىيە ھەم پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا باشلىنىپ، بىرنەچچە كۈن داۋاملىشىپ، لىۋان، سۈرىيە ھەم پەلەستىن قوشۇنلىرىدىن 4 مىڭدىن  ئارتۇق ئادەم ئۆلۈپ، 500 دىن ئارتۇق تانكىسى، 500 دىن ئارتۇق زەمبىرىكى، 58 ئايرۇپىلانى پاچاقلاپ تاشلاندۇ، لىۋاننىڭ بىر قىسىم زېمىنى ئىسرائىليە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىندى.

شۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان بىر قانچە قېتىملىق كىچىك كۆلەملىك جەڭلەردىمۇ ئىزچىل ھالدا ئىسرائىليە غەلىبە قىلىپ، ئەرەپ دۆلەتلىرى ئىسرائىليىگە چېقىلىشقا ھەم قولىدىن كەتكەن زېمىنلىرىنى قايتۇرۋېلىشقا، ھەتتا پەلەستىننى قوللاشقا پېتىنالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. ئىسرائىليەنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى ئۇدا غەلىبىسى ھەم مەيدانغا كەلتۈرىۋاتقان يېڭى ھەربىي قۇراللىرى ئالدىدا ئەرەبلەرنىڭ ۋۇجۇدىنى يەھۇدىيلاردىن قورقۇش تەھلىكىسى ھەم روھىي قۇللۇق ئاسارىتى چىرماپ، «ئىسرائىليە يېڭىلمەستۇر» دەيدىغان سەپسەتە قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقتى ھەمدە بۇ سەپسەتە ئامېركا باشچىلىقىدىكى ئىسرائىلپەرەس كۈچلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ئاستىدا دۇنياۋى ھەقىقەت سۈپىتىدە دۇنيادىكى كۆپ قىسىم رايون ھەم دۆلەتلەر تەرىپىدىن تەن ئېلىندى. بىراق 2008-يىلىدىكى نەسۇرۇللا باشچىلىقىدىكى ئاللا پارتىيسىدىن ئىبارەت بىر پارتىزانلار ئەتىرىتىنىڭ تولوق قوراللانغان، «يېڭىلمەستۇر» دەپ ئاتالغان ئىسرائىليە دۆلەت ئارمىيسىنىڭ ھۇجۇمىنى تارمار قىلىشى، ھەتتا ئۇلارنى ئۆز زېمىنلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشى خەلقئارانىڭ «ئىسرائىليە يېڭىلمەستۇر» دەيدىغان سەپسەتىنى يەنە بىر قتىم يىمىرىپ تاشلاپ، ئەرەبلەرگە، جۈملىدىن پەلەستىنلەرگە-ئەشۇ خورلۇقنى يەتكۈچى تارتقان، ئىزچىل مەغلۇبىيەتتىن قۇتۇلالماي كەلگەن، سۈلھى تۈزۈپ بىر قىسىم ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىش تەرەپكە يۈزلەنگەن خەلقلەرگە يەنە بىر قېتىم غەلىبە قىلىش ۋە مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئۈمۈدىنى ئېلىپ كەلدى.

روھىي قۇللۇق پىسخىكىسى بۈگۈنكى زاماندىمۇ يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ ئاجىز ئورۇندا تۇرغان خەلقلەرنى ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى شەرتسىز ئەزەلىيلىك سۈپىتىدە تەن ئېلىشقا، تۈرلۈك شەكىلدىكى ئېزىلىش ۋە قۇل قىلىشقا قارىتا ھېچقانداق قارىشلىق كۆرسەتمەسلىككە باشلايدىغان، ئۇلارنى ئۈنسىز يوقۇلۇشقا ئېلىپ بارىدىغان بىر تۈرلۈك زەھەر. زامانىمىزدىكى بەزى ئەكسىيەتچى، زوراۋان كۈچلەر ياكى ھاكىميەتلەر بۇ خىل يۈزلىنىشتىن پايدىلىنىپ ئاجىزلارنى ياكى ئۆزىگە بېقىنغۇچىلارنىڭ قارىشلىق كۆرسىتىش ئىدىيسىنى يوقۇتۇپ، ئۇلارنى قۇل قىلىشقا، باراۋەرلىك ھوقۇقىدىن، پۇخرالىق ئىمتىيازلىرىدىن ئايرىۋېتىشكە، ئاخىرىدا بىر توپ، مىللەت ياكى ئىرىق سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنى ئۆزگەرتىپ، يەر شارىدىن يوقۇتىۋېتىشكە ئۇرۇنىدۇ. يۇقاردا مىسال كەلتۈرۈلگەن دۆلەت ۋە رايۇنلاردىن باشقا يەنە ئىراق كوردلار رايونىدا، ئىران جەنۇبىي ئەزەربەيجاندا، رۇسىيە چېچىنىيە رايونىدا، سېربلار بوسنىيە ھەم كىرودىيەلەردە... مۇشۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغان ھەم قوللانماقتا.

بۇ يولدا ئەكسىيەتچى ياكى زوراۋان كۈچلەرنىڭ قوللانغان ئۇسۇللىرى خىلمۇ-خىل بولۇپ، ئاساسلىقى ئۆزلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئېتىراپ قىلماي، ئىزچىل تەرەققى قىلىۋاتقان، ئۇنۋېرسال دۆلەت كۈچى ئېشىۋاتقان قىلىپ كۆرسىتىش. دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەرقىنى كىچىكلىتىپ ياكى يوقۇتۇپ تەشۋىق قىلىش. ئۆزىنى خەلقئارالىق ياكى رايونلۇق چوڭ دۆلەت دەپ ئىشەندۈرۈش. ھەقىقىي ئەھۋاللارنى تارقاتقانلارنى ئۆسەك سۆز تارقاتقانلار ياكى تېرورچى قاتارىدا قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئومومىي توپنى ھەقىقىي دۆلەت ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز قالدۇرۇش. توختىماي ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى قوزغاپ، ياسىغان يېڭى قۇراللىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تەشۋىق قىلىش ھەم ئەڭ كۈچلۈك ھەربىي چوڭ دۆلەتلەرنىڭ قورال-ياراغلىرىدىنمۇ قۇدىرەتلىك قىلىپ كۆرسىتىش، تۈرلۈك خەلقئارالىق ھەم رايونلۇق ھەربىي مانۋېرلارغا قاتنىشىپ، ئۆز رولىنى مۇبالىغە قىلىش، تىنچ دەۋرلەردىمۇ چېگرادىن يىراق بولغان ئاممىۋى پائالىيەت رايونلىرىدا ھەربىي مانۋېر ئۆتكۈزۈپ ھەيۋە قىلىش، ئۆز قوشۇنىنىڭ ھەيۋىسىنى ئەمىلىي جەڭ ئەمىلىيىتىدىن ئاشۇرۇپ تەشۋىق قىلىش. قارىشى ھەرىكەت بايقىغاندا نەچچە ئون ھەتتا نەچچە يۈز ھەسسە ئۈستۈن كۈچ بىلەن شەپقەتسىزلەرچە باستۇرۇش. ئۆز قەۋمىنى بويسۇندۇرۇلغان رايونلارغا تۈركۈملەپ كۆچۈرۈپ، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى بۇزىۋېتىش ھەم كۆچمەنلەردىن تەركىپلەنگەن نوپۇس ئامىلى ئارقىلىق تەھدىت پەيدا قىلىپ، بويسۇنغۇچىلارنىڭ قارىشلىق كۆرسىتىش ۋە ئەركىنلىككە ئىنتىلىش خاھىشىنى سۇندۇرۇش. قىلچىمۇ پىكىر ھەم سۆز ئەركىنلىكى بەرمەسلىك، مەدەنىيەت ھەم تىل تاجاۋۇزچىلىقى ئارقىلىق ئۆز مەدەنىيىتىنى ھەم يېتەكچى ھەم ئۇاق تارىخقا ئىگە قىلىپ كۆرسىتىش، ئۆزلىرىنىڭ بايرام-مۇراسىملىرىنى، قائىدە-ئەنئەنىلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان پائالىيەتلەرنى كۆپ ئۇيۇشتۇرۇپ، دەم ئېلىش قويۇپ بېرىش ۋە پاراۋانلىق تەمىناتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق باشقىلارنى شۇ پائالىيەت ۋە شۇ كۈنلەرگە تەقاززا قىلىش، باشقىلارنىڭ ھېيت-بايرام، مۇراسىملىرىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، قويۇپ بەرمەسلىك، تەمىنات ئورۇنلاشتۇرماسلىق، بويسۇنغۇچىلارنىڭ تارىخى ۋە ئىرقىنى بۇرمىلاپ، مىللىي ئىشەنچ ھەم مىللىي ئىپتىخار تۇيغۇسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، ئىرق تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ، مىللىي تەۋەلىكىنى بۇرمىلاپ، ئۆزىگە بېقىندى توپ قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئورتاق ئېتىنىڭ ۋە ئىرقىي گۇرۇپپىسىدىن مەدەت تىلەش خاھىشىنى سۇسلاشتۇرۇش، ئېتىقادىغا چەك قويۇش ھەم قاتتىق بېسىم قىلىش، ئەيشى-ئىشىرەت ھەم بۇزۇقچىلىققا باشلاپ، ئەخلاق سېستىمىسىنى ھەم قىممەت قارىشىنى زەئىپلەشتۈرۈش. ئورۇنسىز قالپاقلارنى كەيدۈرۈپ، روھىنى تېنىتىش، بىر پۈتۈن توپنى ئومومى يۈزلۈك دۈشمەن ھېسابلاپ، ئۇلارغا ھېچقانداق ئىشەنمەسلىك، ئارىغا مۇناپىقلىقنىڭ ئۇرۇغىنى چېچىش... قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئەمىلىيەتتە ھۆكۈمرانلارنىڭ قورقۇتۇش تەھلىكىسى ئانچە قورقۇنۇچلۇق ئەمەس بەلكى ھەقىقىي قورقۇنۇچلۇق بولغىنى بويسۇنغۇچىلارنىڭ بويسۇندۇرغۇچىلارنىڭ تەشۋىقاتىغا ئىشىنىپ، ئۇلارنىڭ كۈچلۈكلىكىنى بارلىقى بىلەن تەن ئېلىشى ھەم ئۇنىڭغا ئەسىر بولىشى، ئۇنى بىر پۈتۈن مىللىي روھىيەت، مىللىي پىسخىكا دەرىجىسىگە ئومۇملاشتۇرۇپ، قارىشلىق كۆرسىتىش ۋە ئەركىنلىككە ئىنتىلىش ئىرادىسىدىن ۋاز كېچىشىدۇر. بۇ ئۇلارنى ئۆزئارا سېتىشقا، پارچىلىنىشقا، ئېغىپ كېتىشكە، بىر پۈتۈن توپ خارەكتېرلىك قۇل بولۇشقا ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا ھەرقانداق بويسۇندۇرۇلغان بىر توپ بۇ نۇقتىنى ياخشى تونۇپ يېتىپ، بويسۇندۇرغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى كۈچلۈك كۆرسىتىشتەك ساختا تەشۋىقاتىغا ئالدىنىپ ئاسان ئىشىنىپ قالماسلىقى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتماسلىقى، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى تەھدىتى ئاستىدا قورقۇپ قالماي، بەلنى مەھكەم باغلاپ ئىچكى بىرلىكنى چىڭ ساقلىشى، ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ، قەلبىنى چىرمىۋالغان مەخلۇقات ۋە ھەيۋىدىن قورقۇش خاھىشىغا روھىيىتىدە ئورۇن بەرمەسلىكى، تەشۋىقات جېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاخىرقى كۈرەشكە، ئەركىنلىك مەنزىلىگە قاراپ مېڭىشى؛ ئەڭ مۇھىمى كۆپ ماتېريال كۆرۈپ، ئەستايىدىل ئىزدىنىپ، ئەقىلگە تايىنىپ ئىلمىي ھەم سىتىراتىگىيلىك يەكۈن چىقىرىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئىچكى ئېنىرگىيسىنى كۈچەيتىشى، ئېتىقاد نىشانىدىن تېيىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

 مەنبە: قەلىمىم

تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-29, 17:13
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-08-29 17:04 |
中国共产党
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9108
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 143
شۆھرەت: 723 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 724 سوم
تۆھپە: 434 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 435 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 182(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىزلەردە يۈز بىرىۋاتقان كىرىزىس مۇشۇ.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-29 18:17 |
boldila
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8206
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 79
شۆھرەت: 395 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 395 سوم
تۆھپە: 237 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 237 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 46(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاللا قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن،ھەقىقەتەن ياخشى تەپەككۇر .قورقۇنچاقلىق ئۈمۇرنى ئۇزارتالمايدۇ،باتۇرلۇق ئۈمۇرنى قىسقارتالمايدۇ.  
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-29 18:21 |
boxuk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 895
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 40 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 23 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 23 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 11(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شۇنداق بۇدەل بىزدىكى پىخسىكا ئىكەن ،ئاددىيسى مەندىمۇ بار
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-29 18:30 |
hijran712
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8124
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 89
شۆھرەت: 498 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 499 سوم
تۆھپە: 289 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 290 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 69(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۇففففففففففففففففففففففففففففف !!!!!!!!!!!!!!!!!!!
ھەجەپ ھاردۇقۇم چىقتى شۇڭا مەن باغداش مۇنبىرىگە ئەزا بولغان بۇنداق سېستىمىلىق ، << كومپاس >> خاراكتىرلىق ماقالىنى كەمدىن - كەم ئۇچرىتاتتىم بۈگۈن ئۇچراتتىم ھارمىغايسىز قېرىدىشىم خۇددى چوڭ ھەجىملىق نەچچە قىسىم كىتاپ ئوقۇغاندەكلا بولدۇم .
ھەرقانداق ئىنساندا بولۇشقا ھەم تەييارلارشقا تېگىشلىك ئىددىيە ئىكەن . قېرىنداشلىرىم بۇ ماقالىگە ھىسيات ئاشقۇنلىقى پوزىتسىيەسىدە مۇئامىلە قىلماي ئەقىل كۆزىمىز بىلەن ياخشى كۆرۈپ مۇلاھىزە قىلايلى .
تېما ئېگىسىگە كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن!
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-29 18:37 |
hijran712
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8124
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 89
شۆھرەت: 498 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 499 سوم
تۆھپە: 289 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 290 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 69(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ ماقالىنى دەرھال جەۋھەر ماقالە ھەم نادىر تېما قاتارىغا كىرگۈزۈپ ھەرگىز يوقاتماسلىقنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-29 18:44 |
ajdad
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9610
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 32
شۆھرەت: 165 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 165 سوم
تۆھپە: 98 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 98 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 88(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى تىمىكەن تىما ئىگسىگە رەخمەت ،قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن قىرىندىشىم
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-29 19:49 |
karluq02
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7494
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 99
شۆھرەت: 505 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 505 سوم
تۆھپە: 301 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 301 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 196(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇشۇنداق يازمىلارنى سىياسىۋىلىكى كۈچلۈككەن دەپ، قۇلۇپلىمايدىغان بولغان مۇنبەرلەرگە رەخمەت....
istanbol
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-29 19:49 |
akaxtexi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8077
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 36
شۆھرەت: 214 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 217 سوم
تۆھپە: 124 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 127 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ما تىمىنى يازغۇچى ئاتىللا ھەقىقى ئىسمى جىسمىغا لايىق ئاتىللا ئىكەن ،يارايسىز !
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-29 20:34 |
abdukorax
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8579
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 323
شۆھرەت: 1726 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1733 سوم
تۆھپە: 1026 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1033 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 404(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ماقالە مەزمۇنىنىڭ ئاخرىدىكى ئەرەبلەرنىڭ ئىسرائىلىيىدىن قورقوش پىسخىكىسى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان ۋاقىتتا 2008-يىلىدىكى نەسۇرۇللا باشچىلىقىدىكى ئاللا پارتىيسىدىن ئىبارەت ئادەتتىكى بىر پارتىزانلار ئەتىرىتىنىڭ غەلبە قىلىشى بىلەن بۇ قورقوش پىسخكىسىنى پاچاقلاپ تاشلىش، ئاللاھقا ئىشەنگەن بىر قەۋمنىڭ ھەرگىزمۇ بەندىدىن ياكى ئاللاھتىن ئۆزگە ھىچ نەرسىدىن قورقمايدىغانلىقىنى تولوق ئىپادىلەشكە يىتىپ ئاشىدىكەن.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-29 20:47 |
abduxkur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9709
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 75
شۆھرەت: 405 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 405 سوم
تۆھپە: 238 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 238 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 26(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يۇقارقى ماقالىنىڭ مەن بىر كەمچىللىكىنى دەپ باقاي، سۆزلۈك ھەممە جەھەتتىن ئىلمى ۋە ھەقىيقەت بولۇپ بۇنى ئازراق كاللىسى بار ئادەم ئوقىسا چۈشىنەلەيدۇ ھەم ئىختىيارسىز  توغرا دەپ داشلىشى مۆمكىن ،ئەمما بىر كەمتۈك يىرى سەل ئاز بولۇپ قاپتىمۇ قانداق . ئوقۇغان كىشىنىڭ ھاردۇقى چىققاندەك قىلغان بىلەن ئۇسسۇزلىقى قانمايدىكەن .
ئاتكاچىلىق قىلىپ قويمىغان دىمەن ھە
بارماق!!!
دىگەنكىدەك تېخى پىشىپ -تىلمەپتۇ،ئەمما ئىسىل بىر تەتقىقات تېمىسىكەن.
[ بۇ يازمىنىkokturukدە2012-08-29 23:38قايتا تەھرىرل ]
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-29 20:56 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«1234»Pages: 1/4     Go
Bagdax bbs » قوغۇنلۇقتىكى پاراڭلار