بوستاندىكى تەلەيلىك سەبىيلەر
__ ئەركىم
ھەممىمىزگە ئايان، ھەر بىر ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ياراملىق ئىزباسار ئەۋلاد بولىشىنى چىن دىلىدىن ئۈمىد قىلىدۇ. پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيىلەش ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلەشتىن باش تارتمايدۇ. بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك دەۋىردە بىز ئاتا-ئانىلارنىڭ باش ئاغرىقى بەكمۇ كۆپىيىپ كەتتى. بىز بالىلىرىمىزغا ئۆز كىملىكىنى بىلىش، ئۆز تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يۇرتىنى سۆيۈش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتا تېڭىرقاپ قېلىۋاتىمىز!توختاۋسىز تەرەققىياتلار، ئاجايىپ-غارايىپ يېڭىلىقلار بىزنىڭ نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ئەڭگۈشتەرلىرىمىزنى يوقىتىپ كەتمەكتە...ئەلۋەتتە، بۇنى قەلبى ئۇيغاق ھەر بىر ئۇيغۇر ئوبدان ھېس قىلالايدۇ. دىيارىمىزدىكى بىردىن بىر ئۇيغۇر يەسلىسى بولغان <<بوستان بالىلار باغچىسى>> ئۇيغۇر تىلى ئاساس، قوش تىل مۇھىم، ئىنگىلىز تىلى قوشۇمچە تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كېلىۋاتقان مەرىپەت باغچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزنى قىسمەن باش ئاغرىقلىرىدىن خالىي قىلغۇسى! مانا بۇ يەردە مەرىپەت بۇلىقىدىن قانغۇچە بەھىرلىنىۋاتقان تەلەيلىك سەبىيلەرنىڭ شادىمان تۇرقىغا قارىغان ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ دىلى يايرىمىسۇنمۇ؟!...ئۇلار بۇ يەردە ئانا تىلىنى، ئانا ۋەتىنىنى، ئۆزى ياشاۋاتقان تەبىئەتنى سۆيۈشنى ئۆگىنىدۇ! ئۇلار بۇيەردە باش-ئاخىرى چىقمايدىغان توپلام-توپلام ئۈنىمسىز تاپشۇرۇقلارنىڭ بېسىمىدىن ئازاتتۇر.
1) كۈنسېرى شەھەرلىشىۋاتقان مۇھىتتا چوڭ بولىۋاتقان بالىلارنىڭ كۆكتاتلىقلارغا كىرەلىشى مۇمكىن بولالمايدىغان بولۇپ قالدى...بىراق، بوستانلىقلار بالىلىرىمىزنى ھەرگىز بۇ تەبىئەتنىڭ كارامىتىدىن مەھرۇم قويمايدۇ.
بالىلار ئۆز قولى بىلەن يېتىشتۈرگەن ۋە ئۈزگەن تەرخەمەكلەر...
2)قايسى بىر يىلى بىر شەھەرلىك بالىنىڭ يۇرتۇم ساقىغا بېرىپ كېۋەز غوزىسىنى كۆرۈپ:-بۇ ياڭاقكەن ھە ؟ دېگىنىنى ئاڭلاپ قۇرسۇقىمنى تۇتىۋېلىپ كۈلۈپ كەتكەنتىم. كۈنلەر مۇشۇنداق ئۆتىۋەرسە...ياڭاق يەر تېگىدە بولامدۇ؟ قوغۇن دەرەختە چۈشەمدۇ؟ قوزا زاۋۇتتىن چىقامدۇ؟...دېگەندەك گەپلەرمۇ بىزدىن يىراق ئەمەس.
بالىلار ئۆز قولى بىلەن ئۈزگەن، ئېرىغدىغان تەرخەمكلىرىنى يىمەكتە...
3)بالىلىرىمىز نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم قالدى...بىزغۇ ئېتىز-قىرلاردا كىيىكتەك سەكرەپ چوڭ بولغان ئىدۇق. تەبىئەت بىز بىلەن شۇ قەدەر يېققىن ئىدى...ئەپسۇس! كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەرسە بىز ئۆز يۈرەك پارىمىز بولغان بالىلىرىمىزغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئوخشايمىز.
بالىلار كۆكلەرنى پەرۋىش قىلماقتا...
4) ئارىمىزدىكى ئىنتايىن ئاز بىرقىسىم كىشىلەرنى ھېساپ قىلمىغاندا بىزلەر ئېتىز ئىشلىرىدىن ئايرىلماي چوڭ بولدۇق. ھازىرقىلارچۇ؟...ئۇلار ئۆزلىرى يەۋاتقان نېمەتلەرنىڭ نەدىن كېلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ.
ئۇلارنى گۈزەل بالىلىق ئەسلىمىلەردىن، باھارنىڭ ئىللىق ئاپتىپىدىن مەھرۇم قويمايلى...
5) تەبىئەتنى چۈشەنمىگەن، تەبىئەتنى سۆيۈشنى بىلمىگەن بالىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقالىشى ناتايىن. بىزنىڭ بارلىقىمىز تەبىئەت دۇنياسىدىن ئايرىلالمايدۇ.
6)قاراڭە، ئاۋۇ ئېرىققا! سىز بەلكىم بۇ ئېرىقتا سۇغا چۆمۈلگەن بولىشڭىز مۇمكىن، تېخى ھەرخىل، ھەر رەڭدىكى ئالتۇن بېلىق، نامبېلىق...لارنى تۇتقان بولىشڭىزمۇ مۇمكىن. بۈگۈنچۇ، ئەتىچۇ؟ ئاشۇ ئېرىقلاردا سۇغا چۆمۈلگىلى بولامدۇ؟! سىز ۋە بىز تۇتقان بېلىقلارنىڭ يەنە قايتىپ كېلىشى مۇمكىنمۇ؟! شۇڭا بىز بالىلىرىمىزغا تەبىئەتنى سۆيۈشنى ۋە ئۇنى قانداق قوغداشنى ئۆگىتىشىمىز كېرەك!
شەھەر ئىچى يېزىسىدىكى ئۆستەڭنى تازلاۋاتقان سەبىيلەر
7) بەلكىم سىزمۇ شەھىرىمىزنىڭ ئۆپكىسىگە مىسال قىلىنغان بىراق، كۈنسېرى يوقۇلۇپ كېتىۋاتقان ئىككى غولنى تازلاشقا قاتنىشىپ باققانسىز؟! يا بولمىسا ئەتىياز كۈنلىرى كۆمۈلۈپ قالغان بۇلاقلارنىڭ كۆزىنى ئېچىشقا قاتنىشىپ باققانسىز؟! ئەمما...سىز بۇ ئىشلارنى قىلمىغىلى ناھايتىمۇ ئۇزاق يىللار بولدى...بىراق، بىزنىڭ بوستان بۇنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق.
2012-يىلى8-ئاينىڭ30-كۈنى قومۇل