saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 5033 قېتىم كۆرۈلدى
hope202430
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8408
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 32
شۆھرەت: 292 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 282 سوم
تۆھپە: 152 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 155 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 235(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئەبجەش خىياللار(8)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-09-05)
    ئەجدادىمدىن "شۈكۈر"نى ئۇدۇم ئىلىپ،شۇ ئۇدۇمغا مەھكەم ئىسىلىپ بەك ئۇزۇن يىل ياشىغان بىر قەۋمگە تەۋە بولۇپ يارالدىم،ھەممىگە شۈكۈر دىدۇق،ماقۇل دىسەك دىدۇقكى ياق دەپ باقمىدۇق،قەۋمىمىز مىھماندوست بولغاچقىمۇ،قورساق تويماي ئاچ ئولتۇرۇپمۇ،بارىمىزنى مىھمانلارغا تۆكمەقىلىۋەتتۇق،ئاخىرىدا يالغۇز بىزلا ئەمەس،بالىلىرىمىز،نەۋرىلىرىمىز ئاچ قىلىۋاتىدۇ،يەنە شۈكۈر دىدۇق ھەم دەۋاتىمىز...

       رەھمەتلىك بوۋام بىزگە ھارماي سۆزلەپ بىرىدىغان كىچىك ۋاقىتلىرىنى،مەنمۇ ئاڭلىغانسىرى شۇ ۋاقىتلاردىكى ئىتىزلارغا ياكى بىرە كۈنلۈك سەپەرگە چىقىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئىشىكلىرىگە قۇلۇپمۇسىلىنمايدىغان،قايتىپ كەلگۈچە ئۆي ئۆرۈلۈپ كەتمەي يەنە جايىدا تۇرىدىغان شۇزاماندا ياشاپ باققۇم كىلەتتى.لىكىن،دەل ئەكسىچە،مەن ئىشىكلەرگە قوشلاپ ئىلىكترونلۇق قۇلۇپ،ئۇنىڭغا قىتىپ يەنە يوغان قۇلۇپتىن نەچچىسىنى سىلىپمۇ بىر يەرگە خاتىرجەم ماڭالمايدىغان بىر دەۋرنىڭ ئادىمى بولۇپ يارالدىم.ھەممە نىمە ئۆزگىرەپ كەتتى،پەقەت ئۆزگەرمەي ساقلىنىپ قالغىنىدىن قەۋمىمنىڭ ئىسمىلا قالدى."ئەتە ئۆگۈن بۇمۇ ئۆزگىرەپ ياكى يوقىلىپ،ئەبجەشلىشىپ كەتسە،ئۇنىڭغا قىتىلىپ تارىخ يىڭىلىنىپ،يىڭى بىر بەت ئىچىلىپ،ئۇنىڭغا بىر تۈركۈم ئادەملەرنىڭ ياكى بىر قەۋمنىڭ رىۋايەتكە ئايلىنىپ كەتكەنلىكى يىزىلسا،بىز بىر قاراپ قويۇشقىمۇ ئىرىنگەن بىلەن بىزدىن بەكمۇ يىراق بىر يۇرتلارداتارىخنى يىپى يىڭنىسىگىچە سۈرۈشتۈرىدىغان كىشىلەر قىزىپ شۇ رىۋايەتكە ئايلانغان قەۋمگە ئىسىت دىيىشىپ كەتسە"...مانا بۇلار بوۋام كۆز يۇمۇش ئالدىدا بىز ئالتە نەۋرىنى يىغىپ كۆزلىرىنى نەمدەپ تۇرۇپ ئىيتقان سۆزلىرى...
      يالغۇز مىنىڭلا بوۋام ئەمەس،سىزنىڭ،ئۇنىڭ ھەم باشقىلارنىڭمۇ رەھمەتلىك بوۋامومىلىرى شۇ ئارزۇلاردا كەتتى،لىكىن بىز ئۆمرىمىزنىڭ ئاز كەم يىرىمىنى ياشاپ بولغان "ئاغزىدىن ئانا سۈتى كەتمىگەن نارەسىدىلەر"بۇ سۆزلەرنى خۇددى تونۇربىشىدا ئولتۇرۇپ چىن تۆمۈر باتۇر چۆچەكلىرىنى ئاڭلىغانغا ئوخشىتىپ،تونۇرنىڭ ئىسسىقىدا مۈگدەك باسقان ئادەمدەك سۆزنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىمايلا شىرىن چۈش سەيلىسىگەكەتتۇق.

بىزنىڭ قەۋم كۆڭلى پاختىدىنمۇ يۇمشاق،كۆڭۈلچەك قەۋم،شۇڭلاشقىمۇ ھەممىنى ئۆزىمىزگە ئوخشىتىپ،تالايلىغان خوجىنىياز ھاجىملارن ىيىتىشتۈردۇق،بىر خوجىنىياز ھاجىمدىن ئىبرەت ئىلىشنىڭ ئورنىغا مەجنۇنتال بويىنى ئىگىپ سۇ بەرگەن دەرياغا تازىم قىلغان بولسا،بىز ئاغزىمىزغا ھە دەپ سوسكا سىلىۋاتقان بىراۋلارغا بىلىمىز پۈكۈلۈپ كەتكۈچە تازىم قىلدۇق.

      مەن ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان،بىزدەتىرىيدىغان ئىتىز،باقىدىغان چارۋا مال،ئوت قالايدىغان مەش يوق،بىزدە بەللىرىنى كۈندەنەچچە ۋاق ئىگىپ يەر سۈپۈرىدىغان ھويلا ئاراملارمۇ يوق،لىكىن بىزنىڭ شەھەردىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بەللىرى ئاشۇ بەللىرىنى يەرگە ئىگىدىغان دىھقانلارنىڭكىدىنمۇ بەكرەك پۈكۈلگەن،بىزدەپىژغىرىم ئاپتاپتا سىرتتا خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەر تولىمۇ ئاز،كۆپىنچىمىز ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك ئازادە ئىشخانىلاردا ئولتۇرۇپ گىزىت كۆرگەچ،زالدا بار كۈچى بىلەن پول سۈرتىۋاتقان تازلىق ئىشچىلىرىغا كۆزىمىزنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويۇپ ئولتۇرىمىز،ئىشخانىدىن بىكەتكىچەپىيادە مىڭىپ ئاپتاپ كۆيدۈرگەن يۈزلىرىمىزگە ھەرخىل مايلارنى سۈرۈپ يەنە بولۇشىغا قاقشايمىز،لىكىن بىزنىڭ چىرايىمىز ئىتىزدا يەرگە ئىشلىگەن دىھقان ئاكىلىرىمنىڭ چىرايىدىنمۇ بەكرەك پۈرۈلگەن،ئەلۋەتتە،بىز يەرگە ئەمەس،خەقنىڭ يۈزىدىكى كۈلكە ئۈچۈن،ئىككى تۆت تال قىزىل ۋاراق ئۈچۈن ۋە يەنە نىمىلەر ئۈچۈن باشقىلارغا چىرايلىرىمىز پۈرلىشىپ كەتكۈچە خۇشامەت قىلىمىز.شۇنداق بولۇشىغا باقماي يا دىھقان ئاكامنىڭ نىنى ئىككى بولماي،يابىزنىڭ كىيمىمىز پۈتۈن بولماي يۈرۈپتىمىز.

        قورسىقى ئاچلار قورساق غىمىدە،قورسىقى توقلار دۇنيا غىمىدە،دوختۇرخانىلارنىڭ ئىغىر كىسەللەر بۆلۈمىگە كىرىپ قالسىڭىز بۇيەردىكىلەر ھەممە نىمىدىن ۋاز كىچىپ" پەقەت ئەڭ ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاشلا نورمال نەپەس ئىلىپ ياشىيالىسام"نىڭ كويىدا،بەزى قورسىقى ئاچ بولسىمۇ ۋىجدانى توقلار ئەركىنرەك نەپەس ئىلىش كويىدا...ھەر كاللىدا مىڭ خىيال.
      يىڭى تۇغۇلىۋاتقان بوۋاقلار داڭلىق رىستۇرانلارنىڭ بىر ۋاقلىق مەززىلىك شورپىسىغا ئايلىنىپ كەتمىسەم دىگەن غەمدە،يىڭى مەكتەپكە كىرگەن بالىلار قاتمال مائارىپنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ پەپىلىنىۋاتقان.

      ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىنىڭ كۆپلۈكىدى نئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ بولالماي،بىرلىرى ئۆگەيلىنىۋاتقان،يا شۇ ئۆگەيلىنىۋاتقان بالىلارغا"ئەمدى چوڭ بولدۇڭ،ئۆز كۈنۈڭنى ئۆزەڭ ئال"دىيىلمىگەن،يا باشقاقىرىنداشلىرىدەك ئوخشاش مۇئامىلىگە ئىرىشەلمىگەن،باشقىلارنىڭ ئۆيىگە بالا بولۇپ بىرىپ ئۇ يەردىمۇ جىسمى سىغقان بىلەن ئۆزلۈكى سىغماي بويۇن قىسىپ قىلىۋاتقان...

       ۋەتەندىن ئايرىلىشقا نەچچە ئايلا قالغان چاغلىرىمدا سوقۇر ئۈچىيىم ياللۇغلىنىش سەۋەپلىك دوختۇرغا بىرىپ،موماملارنىڭ بۇرۇندىن دەيدىغان بەدەنگە ئامال بار پىچاق تەگمىگەن ياخشى دىگەن پىكرىگە ئاساسەن بىر ھەپتىگىچەئوپىراتىسىيە قىلدۇرماسلىق ئۈچۈن ئوكۇل ھەم دورا بىلەنلا داۋالانغانغاچ ھىلىقى جاننى ئالىدىغان ئاغرىققا بەردەشلىق بىرىپ دوختۇردىن چىقىپ كىتىش ئالدىدا ئاپامنىڭ تەلىپى بىلەن بىرە قۇر چوڭ تەكشۈرۈش قىلىپ س ت ئاپپاراتىغا چۈشىۋىدىم،ئەسلىدە كىشىلەردە ئىككىسى بولۇشقا تىگىشلىك بۆرەك مەندە بىر بولۇپ چىقتى،قايىل بولماي قايتا تەكشۈرىۋىدىم يەنە ئوخشاش چىقتى،بىراق دوختۇر خۇددى زۇكام بولۇپ قالغان كىشىگە مۇئامىلە قىلىۋاتقاندەك بەكمۇ خاتىرجەم ئىدى،دوختۇرنىڭ دىيىشىچە بۇ نورمال ئەھۋال ئىكەن،كىشىدە بىرلا بۆرەك بولسىمۇ نورمال ياشاپ كەتكىلى بولىدىكەن...دەسلەپ مەنمۇ سەل ئارامىغا چۈشۈپ يۈردۈم،بىراق بۇ يەرگە كەلگەندىن كىيىن يەنە قايتا تەكشۈرۈش قىلىۋىدىم،دوختۇر باشقىچىلا جىددىيلىشىپ كەتتى، مىنىڭ شۇنچە زور تەرەققىي قىلغان بىر دۆلەتتىن كەلگىنىمنى ئاڭلاپ ھەم بىرلا بۆرەكلىك كىشىلەرنىڭ مۇھىتى ناچارجايلاردا چوقۇم ماسكا تاقاپ يۈرۈشى كىرەكلىكىنى دەپ بولۇپ،مىنىڭ ئەزەلدىن ماسكا تاقىمىغىنىمنى ھەم ماڭا ئىلگىرى ھىچقانداق بىر دوختۇرنىڭ بۇنداق تەكلىپ بىرىپ باقمىغىنىنى ئاڭلاپ مىنىڭ بۇ "باتۇرلۇقۇم"غا ھەيرانمۇ قالغان بولدى،ئۇنىڭغائەسلى مەن تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يۇرتتىكى كىشىلەرنىڭ ئاساسەن ھەممىسىنىڭ مۇشۇنداق"چىدامچان،باتۇرلۇق"ىنى دىمەكچى بولدۇم،بىراق ۋاقتىم قىستاپ قالغاچ چىقىپ كەتتىم،لىكىن ئويلاپ قالدىم،ھەقىقەتەن،ئۆگەي بالا قانچە ئۆگەيلەنگەنسىرى شۇنچەقەيسەرلىشىپ كىتىدىكەن...دىمىسىمۇ،بۇنداق باتۇرلۇق قىلىۋاتقانلار يالغۇز مەنلا ئەمەس،
        بىرچاغلاردا خوشنىلىرىمىز ئۆز مەھەللىسىنى كىچىك كۆرۈپ بىزنىڭ ھويلىغا كىرىپ سىناق قىلغان ئاتومنىڭ تەسىرىدىمۇ بىزنىڭ باتۇر خەلق ھىچنەرسە بولمىغان،تىخى ئورۇقلىيالماي ياكى كىچىكلىيەلمەي يۈرگەن خەلقىمىزنى ئارزۇسىغا يەتكۈزگەن ئىدى،تىخى بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى تۈگىمەي،ھازىر يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارمۇ مەندەك بىر بۆرىكى كام ئەمەس بەلكى تىخى بۆرىكىدە بىردىن تىشى ئارتۇق تۇغۇلىۋاتىدۇ...

      راستىنى دىسەم،بۇ ئەبجەش خىياللىرىمدىن ئۆزۈم بەكلا زىرىكىپ تۇرىۋاتىمەن،ئويلىغانسىرى كاللام چارچاپ،بۇ يەردە ئۆزۈم يالغۇزتىنماي قاتراپ چارچىغاندىن باشقا،بۇ خىياللار بىلەن تىخىمۇ چارچاپ كەتتىم،يا مىنىڭ بىرە ئىككى قىتىم خىيال قىلغىنىمغا بۇ خىياللار ئۆزگىرىپ مىنى خۇش قىلىدىغان خىيالغائايلىنىپ قالمىدى،يا بۇ خىياللىرىمنى ئوقۇغان مۇنبەرداشلىرىمنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىدىغاندىن باشقا پايدىسى بولمىدى،يۈگۈرگەنلەر يۈگۈرگەن پىتى،ئۇخلىغانلار ئۇخلىغان پىتى،كۆزى ئوچۇق كەتكەنلەر كۆزى ئوچۇق پىتى قىلىۋەردى،مەنمۇ نەچچە قىتىم ئەتراپىمدىك ىيات خەقنى دوراپ قورساق غىمىدىن باشقا غەمنى قىلمايمۇ ياشاپ باقاي دىۋىدىم،قاملاشتۇرالمىدىم...مەنمۇھەم بەندىگە بوينۇمنى ئەگمەي،يا بوينۇمنى تىك قىلالماي مۇشۇنداق يۈرۈپ كەتتىم...

       ئىلگىرى ئۆز كەنتىدىن ئايرىلىپ باقمىغان بىچچارىلەر ئەمدىلىكتە بىراقلا ئايرىلىپ ياقا يۇرتلاردا يات مەدەنىيەت ئارىسىغا سىڭىپ كىرىشكە مەجبۇر،دوختۇرخانىلارنىڭ ئىغىر كىسەللەر بۆلۈمىدە نۇرغۇن بىمار بار،ئۇلارمۇشۇنداق بىر قۇدرەتلىك،باي دەپ تەرىپلىنىپ كىلىنىۋاتقان ئائىلىنىڭ ئۆگەي بالىلىرى سۈپىتىدە داۋالاش پۇلىغىمۇ چىقىش قىلالماي ئىڭراپ ياتىدۇ،ئۆگەي ئاتا ئانىلىرى بولسا خولۇم خوشنىلىرىنىڭ ئۆزىنى باي،قۇدرەتلىك دەپ ماختاشلىرىغا چۆكۈشۈپ بۆشۈك تەتەۋرىنىپ راھەتلەنگەن بوۋاقلاردەك شىرىن چۈشلەر قوينىغا سىڭىپ كەتكەن.

      ئادەملەرنىڭ كۆڭلىدىكى مىھىر ئۇچۇپ نەلەگىدۇ غايىپ بولدى،تومۇرىڭىزدا ئىقىۋاتقىنى بىر قان،لىكىن،ئارىدىكى مىھىر،غەمخورلۇق ئۆزئارامەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان،بىز بىراۋلارغا شۇنچىلىك مىھرىبان،مۇلايىم،بىراق ئۆز قىرىنداشلىرىمىزغا كەلگەندە مەنپەئەت تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ كەتتۇق.قولىمىزداتاماكا،رومكىدا ھاراق،دىنىمىز ئىسلام.تىلىمىز ئەبجەش،مەدەنىيىتىمىز ھەم ئەبجەش،ئىغىزلىرىمىزدىن چىقىۋاتقىنى قىرىندىشىمىز ھەققىدىكى ئەپسانە سۆزلەر،ئىش ھەرىكىتىمىز ئۆز ئارا ئوراكولاش،نامىمىز ئۇيغۇر(ئۇيۇشقاق).سەن كىم دىسە مەھمۇد ئەۋلادى،مۇقام ۋارىسى دەيمىز،سەنئەتكىچىلىكلىرىدە مۇقام ئورۇنلانسا بىشىمىزنىڭ ئىچى تىشى قىتىپ ئاغرىيدۇ،بىلىمخۇمارمىللەت بىز دەيمىز،كىتاپ،تارىخ دىسە كۈلگىمىز كىلىدۇ،غوجاملار ناماز ئوقۇما دىسەقورقۇپ تىترەپ كىتىمىزيۇ،ئاللاھتىن شۇنچىلىك قورقمايمىز،ئائىلە باشلىقلىرىدىن پارچەپۇرات ئىلىپ خەجلەيدىغان بىچچارە ئۆگەي بالىلارنىڭ كۈنى تىخىمۇ تەس،شۇ ئازغىنە پۇلنى ئىلىش ئۈچۈن ۋىجدانىنى چۆرۈپ تاشلاشقا،ئىتىقادىدىن ۋاز كىچىشكە مەجبۇر...

       بەك كىچىك ۋاقىتلىرىمدا بىر كىنو بەك مودابولۇپ كەتكەن،كىنونىڭ ئىسمى ئىسىمدە يوق،لىكىن باش پىرسۇناژىنى--"سايىماخۇن"نى ھەممە ئوبدان بىلىمىز،تىخى ھازىر بەزى يۇۋاشراق ئەرلەرنى ياكى ئوغۇللارنى ئاغىنىلىرى چاقچاق قىلىپ "سايىماخۇن"دەپ چاقىرىشىدۇ،"سايىماخۇن"بولۇشنى خالىمىسىمۇ بىلىپ بىلمەي شۇنداق بولۇپ قىلىۋاتقانلىرىمىز قانچىلىك؟؟؟

خاتىرجەم تۇرمۇش،كۈنىگە 3 ۋاق تاماق...بىزھازىر ھەممىدىن ۋاز كىچىپ مۇشۇ نەرسىلەرنى جان تىكىپ قوغلىشىۋاتىمىز،ئاخىرىدا بىزدەمۇشۇلاردىن باشقا ھىچنىمە قالمىغاندا،ئاندىن"شۇ،تۇرمۇشنى دەپ"دىيىشىپ،باردەرتنى ئىچىمىزگە يۇتۇشۇپ شۇنداق ياشاپ ئۆتۈپ كىتىمىز،ئۇ چاغدا دۇنيا ئاللىبۇرۇن مەھمۇدنى،ئابدۇخالىقنى،تەۋپىقنى،لۇتپۇللانى...يەنەباشقىلارنى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇشىدۇ،ئاندىن ئۇلارنى قايتا ھىچكىم سۈرۈشتە قىلمايدۇ،نەچچەقات قىلىن توپا باسقان قۇرئان،تارىخ،قۇتادغۇبىلىك...لار بىزگە مەڭگۈلۈك خوش دەيدۇ...شۇنىڭبىلەن بوۋام ئىيتقان رىۋايەت چۆچىكى دۇنيادىكى باشقا كىشىلەرگە ئىبرەتلىك بىر چۆچەك بولۇپ قالىدۇ...
تېما تەستىقلىغۇچى : kokturuk
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-09-04, 00:04
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-09-03 23:03 |
tuprak01
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8084
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 46
شۆھرەت: 235 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 235 سوم
تۆھپە: 140 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 140 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 52(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى يېزىپسىز .ئۆگەي بالا ئۆگەي بالىنىڭ قاياشى دىگەندەك ،خاتىرجەم بولۇڭ بىز «ئاتا-ئانىمىزغا »ئۆگەي بولغان بىلەن تەڭرىمىزگە ئۆز .  
بىز تاشلىۋېتىلمەيمىز.
تاشلىۋېتىلگەن تەقدىر دىمۇ ناھەق تاشلىۋېتىلمەيمىز.......
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-04 09:55 |
arman03

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1710
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 412
شۆھرەت: 2731 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2745 سوم
تۆھپە: 1542 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1557 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 740(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى يېزىپسىز، سىزگە دەيدىغىنىم: بۇئەبجەش خىياللىرىڭىزدىن ھەرگىز زىرىكمەڭ.
ۋ
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-04 10:40 |
taklimakan9216
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10098
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 49
شۆھرەت: 265 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 265 سوم
تۆھپە: 155 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 155 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 75(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەزمۇنى  ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ ،ئەمما ئىملا خاتالىقى بەك كۆپ ،خاپا بولمىسىڭىز بۇندىن كىيىن تېما يازغاندا دىققەت قىلسىڭىز. بولمىسا سىز دىگەندەك نامىمىزمۇ يوقۇلۇپ كېتىدىغان ئىش بۇلىدۇ.....  دىمىسىمۇ ھازىر تىلىمىز يېزىقىمىز ئېغىر خىرىسقا دۇچ كىلىۋاتىدۇ ،بۇلارنى كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ سىز بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس، تىل-يېزىق بىرمىللەتنىڭ مىللەت ئاتىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئاساس،شۇڭا ئۆزىمىزدىن باشلاپ ،ئەڭ كىچىك ھالقىلاردىن باشلاپ دىققەت قىلىشىمىز كېرەك ، كەچۈرۈڭ بەلكىم مەندىن رەنجىگەنسىز، ئەمما مەندىن رەنجىش بەدىلىگە بۇندىن كىيىن ئىملاغا دىققەت قىلسىڭىز مەن رازى .
تېما ئىگىسىگە سۆز قالدۇرۇش :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،پىكرىڭىزدىن ھەرگىز رەنجىمەيمەن،ئەسلى ئزۈم تەشۋىق قىلغاندىن كىيىن ئۆزۈم باشتا دىققەت قىلىشىم كىرەك ھەم دىققەت قىلىپ كىلىۋاتقان،ئۆيۈمنىڭ تورىدىن مەسىلە چىقىپ نەچچە ۋاقىتتىن كۈتۈپخانىدا تورغا چىقىۋاتاتتىم،بۇ يەردە ئۇيغۇر يىزىقىنى تونۇتۇپ ب
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-04 10:58 |
anatil8
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8450
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 167
شۆھرەت: 845 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 845 سوم
تۆھپە: 506 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 506 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 57(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەبجەش خىياللىرىڭىز ئىنتايىن قورقۇنچلىق ئىكەن،،لىكىن ياختۇرۇم،،،

مەن سىزگە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ بىر كۇپلىت شىئىرىنى سوۋغا قىلاي،

ھەق دەپ بىلگەن يۇلۇڭدىن جاننى بەر لىكىن قايرىلمىغىن،
غەلبى مىۋىسى كىمنىڭ بۇلار دەپ خام خىيالغا قالمىغىن.
تۆت تەرەپ ياۋ ھوۋلىشىپ سەككىز تەرەپ تىغ تەڭلىسە،
ئېلىشىپ قانغا بۇيال ئار نۇمۇسنى ھەرگىز ساتمىغىن.

بۇ شىئىرنى ئوقۇپ باقمىغىلى خېلى ۋاقىت بوپ قالغاچقا ياخشىراق ئىسىمگە ئالالماي بەزى جايلىرى خاتا بوپ قالدى،،توغرا چۈشۈنەرسىز...
رەخمەت سىزگە.
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-04 14:21 |
muhlhsg
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8630
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 19
شۆھرەت: 100 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 100 سوم
تۆھپە: 59 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 59 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 34(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بولسا خەتلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ يېزىشنى ئۆگىنىڭ ئىملا خاتالىقى بەك كۆپ بولۇپ كېتىپتۇ. كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ ھە
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-04 16:21 |
alpari
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10143
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 80 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 80 سوم
تۆھپە: 47 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 47 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تولىمۇ ياخشى يېزىپسىز،،
خىياللىرىرىڭىز ئەبجەش بولسىمۇ لېكىن ئادەملەنى ئويلاندۇرىدىغان خىياللاركەن،،،
بولسا خىيالنى جىق سۈرۈپ بېرىڭ،ئاندىن تېما قىلىپ يوللىۋېتىڭ،
رەھمەت،ھارمىغايسىز!~
كەچۈر ئاللاھ ! نادانلىقتا قىلغان گۇناھلىرىمنى كەچۈر....
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-04 18:23 |
quxiniwal
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8547
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 110
شۆھرەت: 605 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 600 سوم
تۆھپە: 354 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 354 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 215(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

 سىزنىڭ ئەبجەش خىياللىرىڭىزنىڭ تۇرتكىسىدە  ئۆزۈمگە ۋە ئەتراپىمدىكىلەرگە دائىم دىئاگۈنۇز  قويۇدىغان بوپ قالدىم شۇنداقلا دىئاگۈنۇز نەتىجىسىدىن تۇغۇلغان ئەبجەش خىياللىرىم ئاۋۇپ قىلىۋاتىدۇ شۇ سەۋەپلىك  نىمىشقىدۇر مەن ياشاۋاتقان تىمتاس موھىتتىكى سىز دەۋاتقان ئايشۇ ئاق كۆڭۈل،مېھمان دوست، ساددا دىھقانلارنىڭ قەلبى بىلەن ھىمىشە سىردىشىدىغان ئۇلارنىڭ ئەخلاق،ئادىمىلىك،مىللەت،جەميەت قارىشى ھەققىدە ئېيىتقانلىرىغا قىزىقسىنىپ خۇلاسە چىقىرىپ ئۆز-ئۆزۇمگە قويغان سۇئاللىرىمغا جاۋاپ ئىزدەپ ھىس-تۇيغۇ قولۋىقىدا ئۈزۈپ يۈرمەكتىمەن.
istanbol
ئادەم تاماق يىيىش ئۈچۈن ياشىمايدۇ
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-04 21:41 |
köksöy
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4423
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 52
شۆھرەت: 305 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 301 سوم
تۆھپە: 176 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 180 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 94(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ۋەتەن،مىللەت سۆيگۈسى چاقناپ تۇرغان ، مەۋجۇتلۇق ۋەئىستىقبال ئەندىشىسى مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان خىياللىرىڭىز بىزنىىڭمۇ خىياللىرىمىزنى ئويغاتتى...خىياللىرىمىزنى بېيىتتى.يازمىڭىزنىڭ داۋامىدا قىلىنىدىغان خىياللارغا ئورتاقلىشىشقا تەشنامىز.ئەھمىيەتلىك خىياللىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-06 11:39 |
sarsan88
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 600
شۆھرەت: 3074 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3102 سوم
تۆھپە: 1843 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1856 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 204(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ قىزدا ئۈمىد زور ، تېما يوللىغۇچىنى داۋاتىمەن ھە
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-06 14:36 |
das-qelak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9893
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 59
شۆھرەت: 320 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 320 سوم
تۆھپە: 188 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 188 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

                                  
مەن چىنە-قاچا ساتىمەن
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-06 22:33 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر