شۇ تاپتا باغداشتىكى قەلەمكەش تاراتىنىڭ باغداش چۆچىكى يېزىشقا تەييارلىق قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خوشال بولدۇم ھەم ناھايىتى ئەپسوسلاندىم ،
سىلەر يازماقچى بولغان چۆچەكتىن ئىبارەت بۇ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى ئەجدادلاردىن ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان كىم؟ بۇ كەمىنە مىراس ئەمەسمۇ ؟
مانا لېكىن بۈگۈنكى بۇ سايلامدا مېنىڭ ئىسمىم تىلغا ئېلىنىپ قويماپتۇ ،كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالدى . كەمىنە مىراس تاراتىدىن شۇنى سورايمەنكى ، مەن ھېچ بولمىغاندا كۆپ -كۆپ چېلىقىدىغان قوشۇمچە رولنى بولسىمۇ ئېلىشىم كېرەك .
سەلبىي پىرسۇناژ بولامدۇ ، ئىجابىي بولامدۇ بولىۋېرىدۇ . مەن بەك تۈزۈت قىلمايمەن ، سۇخەنكەش ، كاززاپ ، ئوغرى، قاراقچى ، ياكى ، باي غوجام ،. قازى بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ .
قانداق قانداق روللاردىكى پىرسۇناژلار كېرەك شۇ ئوتتۇرىغا قويۇلسا بىز تاللىساقمۇ بولاركەن ئەسلى ...........................