saltanat lutun elan berig
«12345»Pages: 1/5     Go
بۇ تېما 4153 قېتىم كۆرۈلدى
darya99
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9938
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 70
شۆھرەت: 368 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 369 سوم
تۆھپە: 219 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 220 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 64(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ روھى ئۆلۈۋاتامدۇ؟

ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ روھى ئۆلۈۋاتامدۇ؟
مائارىپ تىلغا ئېلىنسا ئىلىم-پەن ئىستىكىدە ئۆرتىنىپ، تۇمۇرلىرى پاراسەتتىن كۈۋەجەپ كېتىۋاتقان ،ئەقىل كۆزلىرى نۇرلىنىپ ،پەزىلەت ئىشقىدا سۆيىنىۋاتقان مەرھابا ئۇستازلىرىمىزنىڭ يارقىن سىمالىرى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ.يۈرىكىنى چوغ كەبى كۆيدۈرۈپ سەبىيلەرگە ھارماي بىلىم تالقانلىرىنى ھەدىيە قىلىۋاتقان ئاشۇ جاپاكەشلەرنى تىللاردا داستان قىلىپ ماختىساقمۇ ئەرزىيدۇ ئەلۋەتتتە .

لېكىن ياخشى گۆھەرنىڭ ئوغرىسى جىق دېگەندەك بىز سۈيۈنىدىغان ئاشۇ ئۇستازلارنىڭمۇ روھىغا ئوغرى چۈشۈپتۇ. ئۇستاز روھىنىڭ ئوغىرلىنىپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشتىن نۇمۇس قىلىپ تۇرۇپ بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى .مائارىپ بىلەن شوغۇللىنىۋاتقىلى 10 يىل بۇلۇپ قاپتۇ .ئىزچىل قىيسىق مائارىپ تۈزۈلمىسى بىلەن ئېتىشىپ سەبىيلىرىمىزنىڭ دولىسىنى رۇس،ئەقلىيتىنى دۆڭ قىلىپ بولالماي يا ئايلىق پۇلۇمنى ساق ئېلىپ ئايالىمغا بىر نوركا پەلتۇ ئەپبېرىپ خوش قىلالماي 10 يىل ئۆتۈپتۇ .مائارىپ ھەققىدىكى قانۇن-سىياسەتلەرنى دېسە،ئىسلاھات يېڭىلىقلارنى دېسە بېشى ئاغرىيدىغان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن تولا ئېتىشىپ ،مائارىپ ئىدارىسىدىكى ئوقۇتۇش تەتقىقات مۇدىرلىرى بىلەن مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ چىشلىرى ئارىسىغا قاتتىق سوغوقتىكى مۇز بۇلۇپ كىرىپ ئىشلەپتىمەن .ئۆزەمنىڭ خىزمىتىدىن ئۆزەم رازى بۇلۇپ پەخىرلەنسەممۇ مەن پەقەت بىرلا خىل پەنگە ۋەكىللىك قىلغانلىقىم شۇنداقلا بۇ پەننى ھەپتىدە ئىككى سائەتلا ئۆتەلەيدىغانلىقىم ئۇچۇن يەنىلا مائارىپتىكى ئۇتۇقلىرىمدىن رازى ئەمەسمەن .

ئۆز يېزامدىكى تۇلۇق ئوتتۇرىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىغا ماڭغىنىمدا ئوستازلىرىم ئىزىمىز كۆمۈلمەيدىغان، يولىمىز ئېزىقمايدىغان بولدى –دەپ يولغا سېلىپ قويغىنى ئېسىمدە. ھەش-پەش دېگۈچە ئانا مەكتىۋىمگە ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ كېلىپ ئارزۇيۇمغا يەتتىم، ئىلگىرى مەن بىلگەن، مەن ھېس قىلغان، مەن چۈشەنگەن شۇنداقلا مەن ئېتقاد قىلغان مائارىپ ۋە ئۇستاز روھى كۆرۈنمەيتى. روھى قۇللۇق ئىسكەنجىسىدە پالاقلاپ يۈرۈپ، ئايلىق مائاشىنى تاڭ سىڭنىڭ نومىدەك خىيىم –خەتەرگە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ كۈلۈمسىرىشى بىلەن تاقابىل تۇرۇپ كېلىۋاتقان ھەر ساھەدىن كېلىپ مائارىپ ساھەسىگە قېتىلغان ياكى قېتىلىۋاتقان بىر تۈركۈم جان باقتىلار قوشۇنى،مەكتىۋىمىزنىڭ ئىچ-باغرىنى تىتىپ، روھىنى ئوغىرلاپ ياكى ئوغىرلىتىپ بولغان ئىدى.

مەكتەپ بەلگىلىمە تۈزۈملىرى بەئەينى بىر ئاساسى قانۇندەك ھېچكىمنىڭ خىلاپلىق قىلىشىغا يول قويۇلمايتى. مۇدىرنىڭ ئېغىزىدىن چىققان ھەربىر ئېغىز بۇيرۇق مەمۇرى بۇيرۇق بۇلۇپ كۈچىنى كۆرسىتتتى كېچىلىك دەرۋازا بېقىش، كېچىلىك ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش،كەچلىك مۇزاكىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئارام كۈنلىرىدىكى ئۆگىنىش يېتەكچىسى بۇلۇش، ئوقۇغۇچىلار ياتاق نۆۋەتچىسى بۇلۇش ،مەكتەپكە بۈلۈنگەن مەسچىتلەرنى كېچىدە بېرىپ بېقىش-چارلاش،يېزىنىڭ بۈلۈپ بەرگەن مۇقىملىق ۋەزىپىسىنى كېچە ياكى ئارام كۈنلىرى ئۇرۇنداش،ئاقما نۇپۇسلارنى( ئۇيغۇرلارنى) تىزىملاش ئىشلىرىنى مۇدىرنىڭ ئېغىزىدىن كىم چىقسا شۇ شەرتسىز ئۇرۇنداش ئىشلىرى ئوغامنى قايناتسا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈن-تىنسىز ئىشلەپ،مەن نېمىشقا ئارام ئالمايمەن؟مەن نېمىشقا بۇنچە ئىشلەيمەن ؟مېنىڭ ۋەزىپەم پالانى دېيەلمەسلىكى بەكلا ئاچچىقىمنى كەلتۈرەتتى.نەچچە قېتىم قانۇن-سىياسەتلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇدىر بىلەن قاتتىق ئۇرۇشۇپ باقتىم،ھەتتا بىرەردىن مۇشىت ئېتىشىپمۇ قالدۇق.ئاقىۋەت ئۇستازلىرىم باشچىلىقدا مەكتەپتىكىلەر مېنى ئارىغا ئالمىدى ،ھەتتا مەن بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرغانلارنى مەمۇرىيەت باشلىقلىرى كۆرۈپ قالسا پاراڭلاشقانلار دەرھال ئەدىبىنى يەيتى.ئاساسى قانۇندىكى ھۇقۇق-مەجبۇرىيەتلەر،ئەمگەك قانۇنى ۋە ئەمگەك توختام قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر مەكتىۋىمىز ئۈچۈن ئامىركا دىمگۇراتىيىسىدەك تۇيغۇ بېرەتتى.

بىر كۈنى ئىدارىدىن ئوقۇتۇشنى تەكشۈرۈپ ئادەم كەپتىكەن ئۇدۇل مېنىڭ تۈرلۈك ئىشلەكلىرىمنى تەكشۈرۈشكە ئەتەي ئۇرۇنلاشتۇرغانمۇ بەك ئىنىچكىلەپ تەكشۈرۈپ كەتتى.باھانە تاپالماي –سەن نېمىشقا ھەپتىدە 4 قېتىم تاپشۇرۇق بەرمەيسەن؟دەپ كۈزۈمگە كىرىۋالدى مەن سىياسەت دەرسىنىڭ ئۆلچىمىنى تەتقىقات مۇدىرىغا شۇنچىلىك دېگەن بولساممۇ يولسىزلارچە بىر يىللىق دەرسىمنى لاياقەتسىز قىلىپ باھالاپ كەتتى. شۇ يىلى مەن دەرسكە كىرىپ يېتەكچىلىك قىلغان سىنىپنىڭ ئونۋېرسال ئىجتىمائى پەنلىرى ئوتتۇرىچە نۇمۇرى184 نۇمۇر بىلەن ئاقسۇ 1-ئوتتۇرا بىلەن تەڭلەشكەن بولساممۇ يىل ئاخرىدىكى باھالاشتىن لاياقەتلىك بولالماي ئامالسىز تۇنجى قېتىم ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ،ئىرادەمگە خىلاپ ھالدا يالۋۇردۇم شۇنىڭ بىلەن لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى بولدۇم.لېكىن يەنىلا ئىسلاھات ئىرادەمدىن يانمىدىم.

2007-يىلى مەكتەپ مۇدىرلىرىنى ئىمتىھان ئارقىلىق ئىشقا قويۇش دولقۇنىدا ئىمتىھاندىن بىرىنچى بۇلۇپ ئۆتكەن بولساممۇ سىناپ تەكشۈرۈشكە قاتناشتۇرۇلمىدىم ،سەۋەبىنى سورىسام مەن بىر مۇستەبىت لۈكچەك ئىكەنمەن .ئچىمدە كۈلۈپ قويۇپ دەرسىمنى ئۆتۈۋەردىم .

تالاي تەكشۈرۈشلەر،تالاي باھالاشلار بۇلۇندى. ھەقنى دېگەنلىكىم ئۈچۈن ئادالەت،ھەقىقى ئوقۇتۇش تەلەپ قىلغىنىم ئۈچۈن كۆزگە قادالغان مىخ بۇلۇپ يۈرۈۋەردىم. لېكىن تۇلۇق 3-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىزچىل مېنى تەكلىپ قىلىۋەردى .مەكتەپنىڭ بۇ سىنىپنى ماڭا بەرگۈسى بولمىسىمۇ ئامالسىز بېرىۋەردى.چۈنكى تەكلىپ قىلىش تۈزمىدە ئوقۇغۇچى تەكلىپ قىلغاننى مەكتەپ بەرمىسە ئوقۇغۇچىلار ناھىيە ئىچىدىكى مەكتەپلەرگە كېتەتتى-دە مەكتەپ مۇدىرى ئىزا-ئاھانەتكە قالاتتى .مەكتەپ مۇدىرىنى تىل-ئاھانەتكە قالدۇرغۇم بولسىمۇ ئوقۇغۇچىلىرىمنى ئالدىغۇم بولمىغاچقا چىشىمنى چىشلەپ كېيىن ياخشى مۇدىر كېلەرمىكىن دېگەن ئۈمىدتە 4 مۇدىرنى يولغا سېلىپ قويغان بولدۇم.پەرقى بىرلا ئۇ بولسىمۇ مەكتەپ خىراجەتلىرىنى يانچۇقىغا توملاشنىڭ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى قانداق تۇتۇۋېلىشنىڭ ئۇسۇللىرى ئوخشىمايتى.2009-يىلى ئەتياز پەسلىدە 3كۈن سورىغىنىمغا 90 يۇەندىن 270 يۇەن تۇتىۋاپتۇ .پىچاق سۆڭەككە يەتتى دەپ 1-ئايدىن بۇيان تۇتۇۋېلىنغان 3000يۇەنگە پۇل ئۈچۈن پۇل تۇتقان ھۆججەتلەرنى ئېلىپ مائارىپ نازارىتىگە باردىم .ئاكىلارنىڭ ياردىمىدە 3 كۈن ئىچىدە مەكتەپ مۇدىرىمىز سىيلىق-سىپايىلىق بىلەن پۇلنى كىرا ھەققى بىلەن قوشۇپ كارتامغا سېلىپ بەرگەندىن كېيىن ئاندىن مەكتەپكە قايتىپ كەلدىم.ئەپسۇسلىندىغىنىم كەلگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلار مەندىن بەك قورقىدىغان كۆرسە جىق گەپ قىلمايدىغان بولىۋالدى،پەقەت بىر قانچە دوستلىرىم بىلەن مەكتەپ سىرتىدا ھال-مۇڭ بولاتتۇق.مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىشنى ئويلاشقان بولساممۇ ئۆزەم بەش يىل نىشانلاپ ئوقىغان كەسىپتىن ۋاز كەچكۈم كەلمىدى. بىزنىڭ ،مەن چوڭ بولغان يۇرت ئەمەسمۇ .

ئوقۇتقۇچىلار مەندىن قاچقانسېرى مەن قانۇن-سىياسەتلەرنى ئاشكارە زورلاپ ئاڭلاتتىم .ئوقۇغۇچىلار ئاڭلىتىش ئۆيىگە كىرىۋېلىپ چۈشلۈك ئارامدا كەچلىك مۇزاكىرە ئارلىقىدا ئاڭلاتتىم . ياخشى بولدى ناھىيە بويىچە نامىم چىقتى.

ھازىرغىچە مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلار روھى قۇل ھالەتتە دەرس ئۆتۈشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ.بۇ ئەھۋاللار ئىدەرىگە ئىنكاس قىلىنغان بولسىمۇ سادا يوق ئەكسىچە كۈچىيىپ بېرىۋاتىدۇ.ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ پۇتى ئىزچىل ئارقىغا قاراپ ئىلگىرلەۋاتىدۇ.

مىسال : ئىككى ئاساسەن دېگەن نېمە ئۆز ھوقوقىنى كۈچەيتەلمەي تۇرغانلارغا يېشىل چىراق يېقىپ بەرگەن بولسا ساپا مائارىپى دېگەن نەرسە مائارىپنى تامغا ئېغىر ئۈستۈرۈپ ئەسلىدىنلا قۇل ھالەتتىكى مائارىپنى ئىلەشتۈرۈۋەتتى. ئىككى ئاساسەندە ساۋاتسىزغا شەرت يوق ئەمما ئوقىمىغانغا شەرت بار بولغان بولسا ساپا مائارىپىدا تىك ئادەمنى دۈمچەيتىش ئاساسى تەلەپ ،ئەندىزىكەشلىك، قۇرۇق شۇئارۋازلىق ئاساسى ئېقىم بۇلۇپ قالدى .

ساپا مارىپى خاتا مېڭىۋاتىدۇ دېگۈچىلەرگە يالقۇن رۇزى بىلەن تەلئەت قادىرى ئۇلۇغ تىيەنچۈك بۇلۇپ بەردى. ئەدىبىيات يۆنىلىشىدە غەرپ تەپەككۈرى( دوراپ)بىلەن خەنزۇ مائارىپىنىڭ ئەندىزىسىنى كۆچۈرۈپ ئۆزلەشتۈرۈش ئاساسىدا يولغا قويۇلغان ساپا مائارىپى، مائارىپنىڭ ئەسلى مەقسىدى بولغان يۇقىرى ساپالىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈش نىشانىنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىپ ئادىمىيلىكنىڭ تەبئى خۇسۇسىيتىنى تەربىيلەش نىشانى قىلىپ ئادەمنىڭ ئىجتىمائىلىقىنى چەتكە قاقتى نەتىجىدە ئىككى ئاساسەندىكى مەدھىيەۋازلىق تېخىمۇ بازار تېپىپ روھ ئوغىرلىرىنى جانلاندۇرىۋەتتى .خەنزۇ مائارىپىنىڭ خەت كۆچۈرۈش تاپشۇرۇقى ئۆلۈك كۆچۈرمىكەشلەرنىڭ يېڭىلىق ئەڭگۈشتىرى بۇلۇپ باللىرىمىز ئاسقان يوغان سومكىلار مىللەتنىڭ سۆلىتىگە كۆرەلمەسلىك بىلەن قاراپ تىخىمۇ ئېغىرلاپ ئۇيغۇر مائارىپىدىمۇ تۈگىمەس تاپشۇرۇققا ھامىلدار قىلدى .

يالقۇن رۇزى ئۆزى باشلىغان مائارىپ ئەندىزىسىنىڭ خاتا كېتىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قىزىنى سۈيئىستىمال قىلىپ تۇرۇپ «تۈگىمەس ناخشا»نى تۈگىمەس تاپشۇرۇققا ئۆزگەرتىپ «كۆڭۈلدىكى سۆز»دە ئېيىتقان بولسىمۇ ئو سۆزنىڭ بىر ئىسلاھاتنىڭ يۆنىلىشىنى بېسىپ چۈشكىدەك ۋەزنى يوق ئىدى. بولسىمۇ مائارىپ روھىنى ئاللىقاچان ئوغرىغا بېرىپ بولغان بولغاچقا ئۆلگەن تەنگە تەپەككۈرنىڭ سىڭىشى مۇمكىن بولمىدى.

مائارىپىمىزنىڭ مەغلۇبىيىتى «قوشتىل»غا سېزىك بولغاندا ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئاللىقاچان مائارىپ دېگەن بۇ ئۇقۇمدىن يەنى ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى بۇ «ئاتلانغۇچ ئۇيۇنى»دىن زېرىكىش تۇيغۇسىغا كېلىپ بولغان ئىدى.« قوشتىل» تۇغۇلۇپ ئۇلارنىڭ نېسۋىسى، يەنى ئىنتايىن ئاز قالغان بىلىم ئېلىش رىزقى مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە روھى ئۆلۈك ئوقۇتقۇچىلار تەرىپىدىن ئوقۇغۇچىلارغا « ئاخىرقى » ئوق بۇلۇپ تېڭىلدى.

ئويغاق زىيالىلىرىمىزنىڭ قانۇن ھەجىملىرى ئارىسىدىن سۈزۈپ تەكلىپ بېرىشى،بىلىم سۆيەر ئاۋامنىڭ ساداسى ئاستىدا « قوشتىل» مۇ بۇنىڭدىن كېيىن ھەممىگە ئەمەس ئايرىملارنىڭ ھامىلدار بۇلۇشىغا بۇيرۇپ بېرىلدى. لېكىن مائارىپىمىز يەنىلا چاڭقاپ تۇرىۋاتىدۇ.

بىلىمگە باغرى قانمىغان سەبىيلىرىمىز كەڭ ئانا تەبىئەت بىلەن ئوچرىشىشى،ئويناش ئارقىلىق تەپەككۈرىنى،ئۆزلۈك.مۇستەقىللىق ئىقتىدارىنى يېتىلدرۈشى.كىتابى نەزىرىيەلەرنى ئىقىن سۇلارغا،ھەيۋەتلىك تاغلارغا،جىمىرلاشقان يۇلتۇزلارغا قاراپ ھەزىم قىلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن بۇ خىل پۇرسەتنى ئاشۇ ساپا مائارىپى بىلەن ئىككى ئاساسەن دېگەن نىجىس ئاللىقاچان بالىلاردىن تارتىۋالدى.ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى مائارىپ تەربىيسىدە تۇرىۋاتقان بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقىلا بالىلارنى كېچە سائەت 12 گىچە ئىشلىشىگە كەڭرى يېتىدۇ.كۆپ بۇلۇپ كەتتى دېگەن ئەقلى ئويغاق ئۇستازلىرىمىزنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىگە خەن ئۇسلۇبىدا يېتىلگەن ياكى باشقىلارنىڭ ئازابى ئاستىدا خوشاللىق ئىزدەيدىغان مەلئۇنلارنىڭ مۇلۇن سىماسىنىڭ ئۆزىلا جاۋاپ.

ھەرپلىك يېزىق بىلەن خەتلىك يېزىقنىڭ، ماتىماتىكا بىلەن پەلسەپىنىڭ،مۇزىكا بىلەن شېئرىيەتنىڭ پەرقىنى تېخى يېشىپ چۈشىنىپ باقمىغان، ئوقۇتۇش قانۇنيەتلىرىنى تەخسىكەش،جانباقتىلارنىڭ كۆرسەتمىسى ياكى ئۆلۈك تەرجىمە بىلەن ئېلىپ بېرىپ ئۆزىنىڭ مىللى كىملىك روھىيىتىنى سېتىپ تۈگەتكەن ئاشۇ مەلئۇنلارنىڭ يۈرىكىنىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئوتىدا سوقۇشىنى كۈتۈش كونىلارنىڭ مۈشۈكتىن پەيشەنبىلىك تىلىشى بىلەن ئوخشاش.

ياپۇنلارنىڭ جۇڭگولۇقلارنى سېغىپ ياپۇن بالىلىرىغا ئىچكۈزۈشى ئەمىليەتتە كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدلىرىنىڭ بالىلاردا ئىكەنلىكىنى تۇنۇغانلىقى دېگەننى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، ئەمما بىر ئوچۇم روھى ئۆلۈك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنڭ بالىلىرىمىزنى ئالداپ ئۆزلۈكتىن يىراقلاشتۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى قانچىلىك ئادەم بىلەر؟

مائارىپ سىياسىتىنى ئېلىمىز تۈزۈپ بۇنى ئاپتۇنۇمىيە قانۇنۇڭلارغا تەدبىقلاپ،ئوقۇتۇش ئەمىليىتىڭلارغا قاراپ تۈزۈڭلار دېگەن لېكىن بىزنىڭ ئابرويلۇق مائارىپ تۈزۈمچىلىرىمىزنىڭ كۆزى سەبىيلىرىمىزدە ئەمەس بەلكى پارتىيە ئاتا قىلغان قالپاق بىلەن مېھنەتكەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولىدىكى ئازغىنە ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسىدا.

روھى ئۆلگەن تۈزۈلمە، روھى ئۆلگەن مائارىپ، روھى ئۆلگەن ئوقۇتقۇچىلاردىن ئۇزۇق ئالغان بالىلاردىن ساغلام ئىدىيە، ئېسىل ھۇسۇل چىقارمۇ ؟ چىقىدۇ. يەنىلا شۇ قېلىپ ئىچىدىكى قاراش چىقىدۇ. ئۇيغۇر مەڭگۈ كېسەك قۇيۇپ ئۆتىدۇ.

ئۇيغۇرنىڭ مائارىپى ئۈچۈن جان كۆيدۈرمەي تۇرۇپ پارتىيە بەرگەن ئايلىق مائاشقا ئايالى ئۈچۈن يالغان ھىجىيىۋاتقان ئاشۇ ساياقلارنى، روھىيىتىنى يوقاتقان ئىنجىمارۇقلارنى قايسى دورا بىلەن ساقايتىش مۇمكىن ؟ ئادەم قېنىغا چىلانغان موما بىلەنمۇ ؟

مەنبە : ئۆز قەلىمىم

تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-09-06, 14:04
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-09-05 21:01 |
iltebir107
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9801
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 170
شۆھرەت: 863 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 864 سوم
تۆھپە: 516 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 517 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 194(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۇيغۇر مائارىپى ھازىر بارمىدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن. ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات بىلەن مۇزىكا دەرس ئۇيغۇرچە ،باشقا دەرس ھەممىسى خەنزۇچە.ئالى مەكتەپتە ئۇيغۇرچە ئوقۇيدىغان دەرس قانچىلىكتۇر؟ بىز ئالى مەكتەپتە  ئوقۇغاندا ئۇيغۇرچە دەرسلەر خېلى بار ئىدى.لىكىن ھازىر بىزنىڭ ھۆكىمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان كىشىلەر قۇلاق يۇپۇرۇپ ئنكاس قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قورقۇپ ئىنكاس قىلماي يۈرۈيدۇ.قوشتىل ئوقۇتىشى سۈپەتسىز داۋاملىشىۋاتىدۇ.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-06 14:22 |
jasur84
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9409
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 219
شۆھرەت: 1153 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1148 سوم
تۆھپە: 687 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 693 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 217(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تولىمۇ ھەق گەپلەرنى قىپسىز، بۇ ئىشلار زادى تۈزىلەمدۇ ياكى تېخىمۇ بۇزىلامدۇ بۇنىسى قاراڭغۇ جۇما.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-06 14:52 |
sarsan88
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 600
شۆھرەت: 3074 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3102 سوم
تۆھپە: 1843 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1856 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 204(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۆلىۋاتامدۇ دىگەن نىمە گەپ .  ئالدىنقى ھەپتە يىل نەزىرىسىنى بەردۇق نوغاي مەسچتىتە ،
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-06 14:53 |
michael
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6634
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 33
شۆھرەت: 203 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 204 سوم
تۆھپە: 116 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 117 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 249(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەرپلىك يېزىق بىلەن خەتلىك يېزىقنىڭ، ماتىماتىكا بىلەن پەلسەپىنىڭ،مۇزىكا بىلەن شېئرىيەتنىڭ پەرقىنى تېخى يېشىپ چۈشىنىپ باقمىغان، ئوقۇتۇش قانۇنيەتلىرىنى تەخسىكەش،جانباقتىلارنىڭ كۆرسەتمىسى ياكى ئۆلۈك تەرجىمە بىلەن ئېلىپ بېرىپ ئۆزىنىڭ مىللى كىملىك روھىيىتىنى سېتىپ تۈگەتكەن ئاشۇ مەلئۇنلارنىڭ يۈرىكىنىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئوتىدا سوقۇشىنى كۈتۈش كونىلارنىڭ مۈشۈكتىن پەيشەنبىلىك تىلىشى بىلەن ئوخشاش.

......................................
نىمە دىگەن ئۆتكۈر تىللار بۇ،ئاپىرىن سىزگە،ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-06 14:53 |
arkim
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 255
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 677
شۆھرەت: 4088 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 4244 سوم
تۆھپە: 2345 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2351 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 797(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۇيغۇردا مائارىپ بارمۇ؟ ئۇيغۇردا مائارىپ قالمىدى...
lutun
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-06 14:57 |
margimux
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6714
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 28
شۆھرەت: 140 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 140 سوم
تۆھپە: 84 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 84 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 47(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سۇن ۋۇكۇڭ تاغقا باستۇرۇلغاندا((يۇرۇن سۇلتان،ئامىتا،سىلەر مىنى ئالدىدىڭلار)) دەپ توۋلايتى(فىلىمدە)...مۇنبەرگە قارىسام ئوقۇتقۇچىلار  قەغەز، خاتىرىلەرگە باستۇرلۇپ قېلىپ ((مائارىپ ئىدارىسى،ئوقۇتۇش-تەتقىقات ئىشخانىسى،سىلەر بىزنى ئالدىدىڭلار)) دەپ توۋلىغىلى تۇرۇپتۇ.             
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-06 15:09 |
hijran712
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8124
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 89
شۆھرەت: 498 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 499 سوم
تۆھپە: 289 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 290 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 69(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەق گەپنى دەپسىز ئۇستاز سىزدىن كۆپ مىننەتدارمەن.
مەنمۇ شۇنى داۋاملىق ئويلايمەن مۇشۇ ئەمەلدارلار ( ئۇيغۇر ) زادى نىمىنى ئويلايدىغاندۇ ؟
بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ بىردىن-بىر چىقىش يولى بولغان مائارىپ ( تەربىيەلىنىش ) يۈلنىشىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى چۈشەنمەمدىغاندۇ ياكى چۈشەنسىمۇ كارى بولمامدىغاندۇ؟
مۇشۇنداق ئەڭ مۇھىم ئەڭ جىددى ئىشنى نىمىشقا يۇقىرىغا دىمەيدۇ ھەتتا ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ رەئىس ، مۇئاۋىن رەئىسلىرىنىڭ ئارسىدىمۇ بىرەرسى مۇشۇنداق رەزگى مائارىپتىن خەۋەر تاپمىغاندىمۇ ؟ خەۋىرى بولسا نىمىشقا بۇ ئىشلارغا ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتمايدۇ ؟
شۇلارمۇ شۇ مائارىپتا تەربىيەلىنىپ ئالى مەكتەپتە ئوقۇپ ئاندىن ئېرىشكەندۇ شۇ ھوقوققا ؟
خېلى يىللار بولدى ئوقۇتقۇچىلار داۋاملىق ھەر قايسى گېزىت-ژورناللاردا ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق تەتىل ۋاختىنىڭ ھەم ئانا سۈتىدەك ھالال پۇللىلىرىنىڭ ھەر خىل قانۇنسىز بۇيرۇقلار بىلەن تۇتۇپ قېلىنىۋاتقانلىغى توغرىسىدا كۆپ خاخشىدى ، زارلاندى ، يۇقۇرغا ئوچۇق خەتلەرنى يازدى لىكىن ھەممىسى ئېقى قەغەز ، قارىسى سىياھ پېتى قەغەز يۈزىدىكى قۇرۇق شۇئار بولدى خالاس.
داۋاملىق ئايىغى تۈگىمەس سىياسى ئۈگۈنىشلەر ، دەبىدەبىلىك مەزمۇنىنى قۇرۇق شۇئار قاپلاپ كەتكەن تۇتۇرىقسىز يىغىنلار ئېچىلىۋەردى لىكىن بىزنىڭ مائارىپىمىز ياخشىلنىش ئۇياقتا تۇرسۇن كۈندىن كۈنگە ، يىلدىن يىلغا ئارقىدا چېىكىنىۋەردى .
مائارىپ نازارىتى ھەم ھەر قايسى مائارىپ باشقارما ، ئىدارىدىكى   ھۆرمەتلىك ، جانابى ، ئېتى ئۇلۇغ زىيالىرىمىز ئەمدى ئۈمۈت سىلەردە قالدى سىلەرنى مۇشۇ ئىشقا سېلىۋاتقان باشلىقلىرىڭلا يەۋەتمەيدۇ ياك خىزمەتتىن ھەيدىۋەتمەيدۇ ئىككى ئېغىز ھەق گەپ قىپ بېقېڭلار ياكى ھۇجۇدىلڭلاردىكى مەسئۇلىيەت ۋە ۋىژدان دىگەن ئىلمىنتلار تۈگەپ كەتكەمۇ؟
istanbol
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-06 15:15 |
abdukorax.
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10187
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 52
شۆھرەت: 263 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 264 سوم
تۆھپە: 158 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 159 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 36(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىر ئىغىز گەپ بىلەن ئۆز چۈشەنچەمنى دىسەم.بىز ئسىل ماشىنىلارنى سىرتتىن ئىمپورت قىلىمىز.چۈنكى شۇنچىلىك ماشىنىلارنى ياسىيالمايمىز. تۈمۈردىن ماشىنا ياسىيالمىغاندىكىن ئەمدى گۆشتىن ياسايمىز.شۇ مەكتەپلەر گۆشتىن ماشىنا ياسايدىغان زاۋۇتقىلا ئوخشاپ قالدى.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-06 15:38 |
esil521
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8426
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 81
شۆھرەت: 405 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 405 سوم
تۆھپە: 243 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 243 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 35(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

جەسىتىمۇ توپا بوپ توزۇپ كەتكىلى نەۋاخ...چۈنكى ياق دىيشكە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ..
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-06 15:52 |
jasur84
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9409
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 219
شۆھرەت: 1153 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1148 سوم
تۆھپە: 687 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 693 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 217(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۇ ئۆلەپ، بۇ ئۆلەپ ئاخىرى بىزمۇ ئۆلەپ، بالىلىرىمىز ياكى نەۋرىلىمىزنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە، ئۆلدى ياكى ئۆلمىدى دەيدىغان ئادەممۇ قالمايدۇ بىر كۈنى.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-06 16:09 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12345»Pages: 1/5     Go
Bagdax bbs » كۆڭۈلدىكى سۆز