saltanat lutun elan berig
«12345»Pages: 1/8     Go
بۇ تېما 13136 قېتىم كۆرۈلدى
togrulbek
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9312
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 344
شۆھرەت: 1873 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1869 سوم
تۆھپە: 1097 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1098 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 334(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 مىنكاۋخەن ئۇيغۇرچە يازالماي ئىشتىن بوشتىلدى

(ئەدەبىي ئوچېرىك)


توغرۇلبېك




          2010-يىلى1-ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بىر مىنكاۋخەن(خەنزۇ زۇۋان ئۇيغۇر ياكى خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىيلار) ئۇيغۇر يىگىتنى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدى دەپ قاراپ مۇزاكىرە قىلىپ ئىشتىن بوشاتقان،ئەسلىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر ئۇيغۇر سوت پۈتۈكچىسى قوبۇل قىلىدىغان خىزمەت ئورنىغا ئىچكىرىدىكى مەلۇم بىر ئۇنۋېرسىتېتنى پۈتتۈرۈپ دۆلەتلىك ئەدلىيەئىمتاھانىدىن ھەمدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايون بۇيىچە بىر تۇتاش ئېلىنغان دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ مىنكاۋخەن ئۇيغۇر يىگىتتىن بىرسى كېلىپ ئىشقاچۈشۈپتۇ،بىر ھەپتىلىك ئىش ئورنى تەربىيلەشتىن كېيىن،ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى سىياسىي بۆلۈمى(كادېرلار ئىشلىرى بۆلۈمى)بۇ يىگىتنى جىنايى ئىشلار كوللىگىيىسى ئۇيغۇر(قازاق،قىرغىز،ئۆزبېك،تاتار،تۈركمەن،ئەزەربەيجان تىلىدىكىلەرمۇ ئۇيغۇرچەياكى قازاق،قىرغىزچە) تىلىدا سوت ئېچىش بۆلۈمىگە پۈتۈكچىلىك خىزمىتىگە تەقسىم قىلىپتۇ،ئەتىسى ئۇيغۇر تىلىدا سوت ئېچىلىپ باش سوتچى بۇ يىگىتكە سوت ئەھۋالىنى قەغەزگە پۈتكىن دەپ بۇيرۇسا ،بۇ يىگىت بېشىنى چايقاپ ئۇيغۇرچە خەت يازالمايدىغانلىقىنى،ئۆزىنىڭ خەنزۇچە ئوقۇغانلىقىنى ئېيتىپتۇ،باش سوتچى ئۇنى قايتۇرۇۋېتىپ ۋاقتىنچە باشقا ئۇيغۇر پۈتۈكچىنى چاقىرىپ سوتنى ئېچىپ تۈگىتىپتۇ،سوت ئاياغلاشقاندىن كېيىن بۇ ئۇيغۇر باش سوتچى غەزەپ بىلەن كوللىگىيە باشلىقىغا كىرىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپتۇ،كوللىگىيە باشلىقى چىقىپ سىياسىي بۆلۈمدىن بىزگە نىمە دەپ بۇنداق ئۇيغۇرچە يازالمايدىغان ئادەمنى ئەكىلىپ بەردىڭلار؟بىز دىگەن ئۇيغۇر تىلىداسوت ئاچىدىغان تۇرساق،سوت خاتىرسى ئۇيغۇرچە پۈتۈلىدىغان تۇرسا،بىزگە ئۇيغۇرچەيازالايدىغان ئادەم كېرەك تۇرسا؟  دىسە،سىياسىي ئىشلار بۆلۈم باشلىقى چۆچۈپ كېتىپ نىمە؟ ،ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى يازالمامدىكەن؟بىز تېخى ئۇيغۇر ئالىمىز دەپ ئېلان بەرگەن ئورۇنغا ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كەلگەن(ئىمتىھاننى خەنزۇتىلى ياكى ئۇيغۇرتىلىدىن خالىغان بىرنى تاللاپ بەرسە بولىدۇ،خەنزۇچە ئىمتىھان بەرگەن ئۇيغۇر-قازاق-قىرغىز-مۇڭغۇل قاتارلىق ئانا تىلى خەنزۇچە بولمىغانلارغا 10نومۇر،ئانا تىلى خەنزۇتىلى بولغان خۇيزۇ،مانجۇ قاتارلىق ئازسانلىق مىللەتلەرگە 5نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ،بۇ يىگىت خەنزۇچە يېزىقتا ئىمتىھانغا قاتنىشىپتىكەن) ئۇيغۇر بولغاندىكىن ئۆز تىل-يېزىقىنى بىلىدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمىز،ئەگەر ئۇ راستىنلا ئۇيغۇرچە سوت پۈتۈكچىلىك خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا ،ئەمىسە سىلەر جىنايى ئىشلار سوت كوللىگىيىسى ئۇيغۇرچە بۆلۈم بۇ مەمۇرنىڭ ئۆز خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلىقى توغرىسىدا مەھكىمەپارتگورۇپپىسىغا بىر پارچە دوكلات يىزىڭلار دەپتۇ،شۇنىڭ بىلەن بۇ دوكلات مەھكىمەپارتگۇرۇپپا يىغىنىدا ماقۇللىنىپ بۇ مەمۇر يىگىت مەركىزىي شەھەرنىڭ ھەيۋەتلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ مەمۇرلۇق خىزمەت ئورنىدىن بوشىتىلىپتۇ،يىغىن قارارى بۇ يىگىتكەئۇقتۇرۇلۇپ ئۆيىگە قايتىشىنى ئۇقتۇرۇپتۇ،شۇ كۈنىلا بۇ يىگىتنىڭ ئاتىسى مەھكىمىگەكېلىپ ئۇيغۇر كوللىگىيىگە كىلىپ مېنىڭ بالام ئىچكىرىدە ياخشى ئوقۇغان،پارتىيەئەزاسى،ئۇيغۇرچىنى بىر دەمدىلا ئۆگىنىۋالىدۇ،ھەر قايسىلىرى ئۇيغۇر بولغاندىكىن بىزگە ياردەم قىلىپ مەھكىمە شۇجىسى(خەنزۇ يولداش)،مەھكىمە باشلىقى(خەنزۇ يولداش)غابالامنى ياخشى ئوقۇغان،پارتىيە ئەزاسى، ئىشلەپ قالغان بولسىكەن دەپ دىيىشىپ بەرگەن بولسىلا دەپ يالۋۇرۇپتىكەن،ئۇيغۇر باش سوتچى بولمايدۇ،بىز سوتنى ئۇيغۇر تىلىدا ئاچىمىز ،بالىلىرى ئۇيغۇرچە خەت يازالمىسا ،خىزمىتى ئۇيغۇرچە پۈتۈكچىلىك تۇرسا،خىزمەتنى ئىشلىيەلمىسە قانداق قىلىمىز،بىزگە ئۇيغۇرچە يازالايدىغان ئۇيغۇر كېرەك دەپ كەسكىن رەت قىپتۇ.
           بۇ مېنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇر تىلىنى بىلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئىشتىن بوشىتىلغان خەنزۇ تىل-يېزىقىغا ماھىر تولۇق كۇرۇس پۈتتۈرگەن مىنكاۋخەن ئۇيغۇرنىڭ ئىشتىن بوشىتىلغانلىقىنى ، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىمىزنى بىلمەسلىكنىڭ بىر دۆلەت مەمۇرىنىڭ ئىشتىن بوشىتىلىشىنىڭ مۇھىم ھەم بىردىنبىر سەۋەبى بۇلۇپ قالغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم بولغاچقا ،ئانا تىل –يېزىقىمىزغا بولغان ھۆرمەت تۈپەيلى بۇ يازمىنى تورغا مۇنبەرداشلارنىڭ ئانا تىل سۆيگۈسىگە كىچىككىنە بولسىمۇ گۈلخان ياقار دىگەن ئۈمىددە يوللىدىم.

بۇ راست بولغان ئىشنى سۆزلەپ بەرگۈچى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەلۇم بىرئۇيغۇر مەمۇرى.
2012-يىلى9-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈرۈمچىدە يېزىلدى.



باغداش تورىغا خاس،رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ،
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-09-07, 14:07
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-09-06 23:32 |
addi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9773
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 55 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 55 سوم
تۆھپە: 31 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 31 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۇيغۇرنىڭ خىزمەت ئورنىنى ئىگەللەپ ،لېكىن ئۇيغۇرچە يېزىشنى ،ئوقۇشنى ئۇقماي يۈرگەن،خەنزۇۋان ئۇيغۇرلار خېلى بار.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-07 14:13 |
parixtai
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10153
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 137
شۆھرەت: 730 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 730 سوم
تۆھپە: 438 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 438 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 261(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھازىر خەنزۇچە سىنىپىتا ئۇقىۋاتقان باشلانغۇچتىكى ئۇيغۇر بالىلارمۇ دەرەستىن چۇشسىمۇ دوسلىرى بىلەن خەنزۇچە پاراڭلىشىپ ئويناۋاتقان ،چوڭ بولسا ئانا تىلىمىزنى ئۇنتۇپ قالمىسۇن يەنە
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-07 14:25 |
budunya
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 5764
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1017
شۆھرەت: 5176 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5183 سوم
تۆھپە: 3098 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3104 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 946(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇشۇنداق مىنكاۋ خەنلەر كۆپلەپ كەتتى ..تېخى بەزىلىرى ئۇيغۇرچە يېزىش ئەمەس سۆزلەشنىمۇ قاملاشتۇرالمايدۇ...بۇئىش ئاشۇنداقلارغا ئوبدان بىر ساۋاق بولغىسى.....
istanbol
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-07 14:27 |
parixtai
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10153
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 137
شۆھرەت: 730 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 730 سوم
تۆھپە: 438 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 438 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 261(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يىڭىدىن خەنزۇچە سىنىپتىن قوش تىللىق سىنىپقا يۈتكەلگەن ئاچامنىڭ بالىسى مەكتەپتىن ھەم ھەيرانلىق ھەم قىزىقىشتا قايتىپ كەپتۇ ،ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇيغۇر ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ يەرگە چۈشۈپ كەتكەن ئۈچۈرگۇچىنى ئەپ بىرىپتۇ ،يەنە ئۇنىڭغا قېرىنداش ئارىيەت بېرىپ تۇرۇپتۇ ....  ئۇ خەقنىڭ كارى يوق ئۇخشايدۇ
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-07 14:39 |
esma0999
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3418
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 80
شۆھرەت: 401 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 403 سوم
تۆھپە: 241 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 243 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 58(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىغا ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيمەن. مەنمۇ يۇقارقىدەك ئىدارىدە ئىشلەيمەن. ئەكسىچە بۇنداق خەنزۇچە ئوقىغان  بولۇپمۇ ئىچكىردە ئوقىغان باللىلار شىنجاڭدا ئوقىغان بالىلارغا قارىغاندا ئىقتىساس ئىگىلىرى دەپ قارىلىپ ئالاھىدە ئەتىۋارلىنىدۇ. بىزمۇ ئىچكىرنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن بالىلارنى بىر خىل ھۆرمەتلەيمىز.
بۇلتۇر بىزنىڭ ئىدارىدىمۇ بىر خەنزۇچە ئوقىغان قازاق قىزنى قازاقچە يازالمايدىكەن، ئەگەر ئالتە ئايغىچە ئۆز يىزىقىنى ئۈگۈنىپ يازمىسا باشقا بۆلۈمگە يۆتكىۋىتىدىكەن دەپ ئاڭلىغان. ھەرگىزمۇ ئىشتىن بوشىتىۋىتىدىغان گەپنى قىلمىغان.
ئۇنىڭ ئۈستۈگە « مەمۇرىلار قانۇنى» «سودىيەلەر قانۇنى» « مەمۇرى قانۇن » « مەمۇرى جازا قانۇنى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگۈلىمىلىرىگە ئاساسلانغاندا  دۆلەت مەمۇرلىرىنى ئىشتىن بوشىتىش شەرتلىرى، تەرتىپلىرى بار. ھىچقانداق مەمۇرى تەرتىپتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ئىشتىن بوشىتالمايدۇ.
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-07 15:18 |
esma0999
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3418
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 80
شۆھرەت: 401 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 403 سوم
تۆھپە: 241 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 243 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 58(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىدارىلەردىكى سىياسى باشقارما ھازىر خادىم قوبۇل قىلغاندا ئالدىن ئېلان چىقىرىپ، تىزىملاتقانلاردىن باشتا يازمىچە، كەينىدىن يۈزتۇرانە ئىنتىھان ئىلىپ قوبۇل قىلىدۇ. ئىدارىگە كەلگەندە ھەربى مەشىققە قاتناشتۇرىدۇ.تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشتۇرىدۇ. مۇشۇنداق ئۇزۇن جەريانلاردىن ئۆتكۈزۈش جەريانىدا كىمنىڭ قانداق ئالاھىدىلىگى بارلىقىنى 5 قولدەك بىلىپ كىتىدىغان گەپ.ئۇنداق « ئۇقماي» قالىدىغان ئىشلار يوق. چۈنكى سىياسى باشقارمىدىكى باشلىق كادىرلارنىڭ ھوقۇقىمۇ ئانچە كىچىك ئەمەس، تەمىناتىمۇ خېلى يېتەرلىك. بۇنداق ئورۇنغا چىقىش ئۈچۈنمۇ خېلى «بەدەل» تۆلەيدۇ. شۇڭا مۇنداق گالۋاڭ باشلىقلارنىڭ بارلىقىغا مەن ئىشەنمەيمەن.
ھىلىقى ئۇيغۇر باش سوتچىلارنىڭ قاخشىغىنى راست ئىش، بىزنىڭ ئىدارىدىمۇ  پۈتۈكچى يوق دەپ داۋاملىق قاھشايدۇ. بۇرۇن ئۇيغۇرچىنى بىر ئوبدان يېزىپ كەلگەن قازاق بالىلار « بىز ئۇيغۇرچىنى پەقەت بىلمەيمىز » دەپ ئولتۇرۋالىدىغان بولدى.  بۇ ئىشلارنىمۇ ئىدارىلەر «ئوبدان » ھەل قىلىۋاتىدۇ.مىللىچە يىزىق ئىشلىتەلەيدىغان كادىرلارنى قەتئى ئۆستۈرمەي ، 20يىل ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ۋاقىت پۈتۈكچىلىك ئورنىدا ئولتۇرغۇزۇپ جايلاۋاتىدۇ. 20 نەچچە يىل ئىشلەپ مۇئاۋىن بۆلۈم دەرىجىلىك  ئۇنۋاننىمۇ ئالالمىغان ئۇيغۇر كادىرلار ئاستا ئاغرىق پىنسىيەگە چىقىپ، ئاچچىقىنى شەخسى شىركەتلەردە ئىشلەپ چىقىرىۋاتىدۇ.
دەپ كەلسە گەپ جىق. دىسە گەپ بولىدۇ. دىمىسە دەرت دىگەندەك. يۇقۇرى ئورۇنلاردىكى بىز بىلەن تىلى بىر كادىرلارغا دىسەك « ۋاي ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تورت ، بۇ گەپلەرنى ئەڭ ياخشىسى ئىچىڭلارغا يۇتىۋىتىڭلار، بىشنىڭ گىپىمىزنى ئاڭلايدىغان ئادەم يوق  » دەيدۇ.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-07 15:34 |
ablat120
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6070
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 95 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 95 سوم
تۆھپە: 56 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 56 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 38(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى esma0999دە2012-09-07 15:18يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىغا ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيمەن. مەنمۇ يۇقارقىدەك ئىدارىدە ئىشلەيمەن. ئەكسىچە بۇنداق خەنزۇچە ئوقىغان  بولۇپمۇ ئىچكىردە ئوقىغان باللىلار شىنجاڭدا ئوقىغان بالىلارغا قارىغاندا ئىقتىساس ئىگىلىرى دەپ قارىلىپ ئالاھىدە ئەتىۋارلىنىدۇ. بىزمۇ ئىچكىرنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن بالىلارنى بىر خىل ھۆرمەتلەيمىز.
بۇلتۇر بىزنىڭ ئىدارىدىمۇ بىر خەنزۇچە ئوقىغان قازاق قىزنى قازاقچە يازالمايدىكەن، ئەگەر ئالتە ئايغىچە ئۆز يىزىقىنى ئۈگۈنىپ يازمىسا باشقا بۆلۈمگە يۆتكىۋىتىدىكەن دەپ ئاڭلىغان. ھەرگىزمۇ ئىشتىن بوشىتىۋىتىدىغان گەپنى قىلمىغان.
ئۇنىڭ ئۈستۈگە « مەمۇرىلار قانۇنى» «سودىيەلەر قانۇنى» « مەمۇرى قانۇن » « مەمۇرى جازا قانۇنى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگۈلىمىلىرىگە ئاساسلانغاندا  دۆلەت مەمۇرلىرىنى ئىشتىن بوشىتىش شەرتلىرى، تەرتىپلىرى بار. ھىچقانداق مەمۇرى تەرتىپتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ئىشتىن بوشىتالمايدۇ.


پىكرىڭىزگە  قۇشۇلۇمەن!  ئۇيغۇرچىنى يازالمايدىكەن دەپ  ئىشتىن بوشىتىۋېتىش قانۇنغا خىلاپ!
istanbol
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-07 15:38 |
niku
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8963
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 27
شۆھرەت: 135 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 135 سوم
تۆھپە: 81 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 81 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 237(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

        سوتنى ئۇيغۇرچە ئاچىدىكەن ھە؟ نېمە دېگەن قالاقلىق بۇ، ئۇلار نەدە ياشاۋاتىدۇ؟ ئاۋۇ خەنزۇۋان ئۇيغۇر ئىقتىساس ئىگىسىگە راستىنلا ئۇۋال بولۇپتۇ جۇمۇ. ئەگەر مەكتەپلەردە مۇشۇ پرىنسىپ بويىچە ئىش تۇتۇلسا، بىزنىڭ مەكتەپتىكى خەنزۇۋان ئۇيغۇرلارلار  (5 - 6) بىردەك ئىشتىن توختىسا بولغۇدەك.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-07 15:43 |
abdukorax.
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10187
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 52
شۆھرەت: 263 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 264 سوم
تۆھپە: 158 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 159 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 36(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شۇنداق بالىلارنى باققانلار ئۆلگەندە پەرزەنىتلىرى جەسەتخانىغىلا بىرىپ قۇتىلىدۇ ياكى سىسىق تىنىنى،ئىت ئىشەكنىڭ تاپىسى ئورنىدا ياكى چامغۇر-زەدەك كۆمگەندەكلا كۆمۈپ قۇتىلىدۇ.ئۇلارنىڭ ھەققىگە نە دۇئانىڭ سايىسى ياكى تۇپرىقىغا سۇ قۇيۇلمايدۇ.قەبرىسى يوقلىنىدىغان ئىشلارغۇ يوق گەپ.ئۇلار خۇددى ئىشەكنىڭ تاپىسىدەكلا كۆمۈلگەندىن كىيىن يوقولوپلا كىتىدۇ.لىكىن ئىش شۇنىڭ بىلەن تۈگمەيدۇ.ئۇ ھاياتى دۇنيادىكى ھەممىدن سوراق بىرىپ جەننەتكە كىرىپ كەتسىغۇ مەيلى ئەمما دوزاخقا چۈشۈپ قالسا ئوچاققا كۆمۈر تاشلىغاندەك تاشلىنىپ،مەڭگۈ دوزاخ ئازابىنى تاتىدۇ ....
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-07 15:47 |
esma0999
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3418
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 80
شۆھرەت: 401 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 403 سوم
تۆھپە: 241 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 243 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 58(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى abdukorax.دە2012-09-07 15:47يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
شۇنداق بالىلارنى باققانلار ئۆلگەندە پەرزەنىتلىرى جەسەتخانىغىلا بىرىپ قۇتىلىدۇ ياكى سىسىق تىنىنى،ئىت ئىشەكنىڭ تاپىسى ئورنىدا ياكى چامغۇر-زەدەك كۆمگەندەكلا كۆمۈپ قۇتىلىدۇ.ئۇلارنىڭ ھەققىگە نە دۇئانىڭ سايىسى ياكى تۇپرىقىغا سۇ قۇيۇلمايدۇ.قەبرىسى يوقلىنىدىغان ئىشلارغۇ يوق گەپ.ئۇلار خۇددى ئىشەكنىڭ تاپىسىدەكلا كۆمۈلگەندىن كىيىن يوقولوپلا كىتىدۇ.لىكىن ئىش شۇنىڭ بىلەن تۈگمەيدۇ.ئۇ ھاياتى دۇنيادىكى ھەممىدن سوراق بىرىپ جەننەتكە كىرىپ كەتسىغۇ مەيلى ئەمما دوزاخقا چۈشۈپ قالسا ئوچاققا كۆمۈر تاشلىغاندەك تاشلىنىپ،مەڭگۈ دوزاخ ئازابىنى تاتىدۇ ....
 
   لىكىن تۇگگانلارمۇ خەنزۇچە قۇرئاننى ئوقۇيدۇ.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-07 15:50 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12345»Pages: 1/8     Go
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە