ھە ئەلنەزەر ئىنىم ياخشى تېما يوللاپسىز ،
راس گەپنى قىلسام موشۇ ۋېيشىن دىگەننى مەن بىلگىلى تېغى 2ئايچە ۋاقىت بولدى ، زاماننىڭ بەكلا كەينىدە قالغان ئوخشايمەن
ئىشغانىدكى بالىلار ئويناپ يۈرىيدۇ ، .ۇنىڭدا بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلىپ تاشلاپ يانچۇقىغا سېلىۋالىدۇ ، بىردەم ئۈتكەندىن كىيىن قارشى تەرەپنىڭ گىپىنى ئاڭلايدۇ ،
قانداق نەرسە بۇ دېسەم مېنى ئۇلار ئاكا سەن بەكلا مەتو بولۇپ كىتىپسەنغۇ بۇنىمۇ بىلمەمسەن دەپ بىر نەچچىسى بۇلبۇلدەك سۈزلەپلا كەتتى ، قولۇمغا ئېلىپ قاراپ باقسام ئۇ نەرسىنىڭ ئىقتىدارى ئادەتتىكچە ئەمەسكەن ، شۇنىڭ بىلەن ئۈزۈمنىڭ مەتولىشىپ كەتكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم
تېمىغا كەلسەك گەپ يەنىلا ئۇنىڭدىن توغرا پايدىنلىنىشتا ، ئەخلاق قارشىى ئاجىزلاۋاتقان بىر قىسىم ياشلارنىڭ تۇيۇق يوللارغا كىرىپ ناچار ئىشلارنى قىلىشىغا شەرت شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ ، شۇڭلاشقا تورداشلار دىگەندەك ئاتا ئانىلار بالىلىرغا ھەرۋاقىت كۈز قۇلاق بولىشى كىرەك ،
كۈزئالدىمدىلا كۈرۈپ تۇرىۋاتىمەن ، خىزمەتداش بالىلار بىردەم ئۇنىڭ بىلەن بىردەم بۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرىدۇ ، ھەي