بۇ مەزمۇنkanoniyolدە2012-09-07 17:00يوللىغان يازمىسى ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇش يولىدا :
باشلانغۇچ ،ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپنى مىللى بالىلار بىلەن ئانا تىلدا ئوقۇدۇم . خەنزۇ تىلىنى بىلىپلا قالماي ئىنگىلىس تىلىنىمۇ راۋان سۆزلەيمەن. بۇ يىل 35 كە كىرىپ قاپتىمەن لېكىن ھازىرغىچە ئانا تىلدا ئوقۇغانلىقىم سەۋەب بىرەر قىيىنچىلىققا ئۇچىراپ باقمىدىم . ئەكسىچە پايدا كۆردۈم دىسەممۇ بولىدۇ چۈنكى ئۇيغۇر تىلى تۈرك،ئەزەربەيجان قاتارلىق بىر مۇنچە تىللار بىلەن تۇققان بولغاچقا بۇ تىللاردىكى ماتىرياللارنى كۆرۈش ماڭا تەس توختىمىدى . ئازراق كۈچەپلا ئاشۇ تىللاردا كىتاب ماتېرىيال كۆرۈپ نەزەر دائىرەم كىڭىيىپ قالدى .بىر ئەپسۇسلىنىدىغان يىرىم كەپسىزلىك قىلىپ ئۇيغۇر تىلىنى مەكتەپتە ياخشى ئۆگەنمىگەندە ئىملايىم بەك خاتا ,باشقۇرغۇچىلار بۇ ئەيىپنى كەڭ قوساقلىق بىلەن كەچۈرۋىتەرسىلەر چۈنكى بۇ تېمام تەستىقلىنىپ قالسا چوقۇم ياخشى ئىشلارغا سەۋەب بولۇپ ئۇ ئەيىپىم كەڭ تورداشلار تەرپىدىن ئەپۇ قىلىنىدۇ .
كاسىلدىماي نەق گەپكە كەلسەك بالام 4 ياشقا كىرىپ يەسلىگە بەرمەكچى بولدۇم لېكىن بىرمۇ قوش تىل ئەمەس يەسلى تاپالمىدىم . ئۆزۈم ئانا تىلدا ئوقۇپ خەنزۇ تىلىدا قىيلىنىپ باققان بەندە بولمىغاچقا نېمىشقا ھەممە يەسلىلەرگە قوش تىل بولىشى كىرەكلىكىنى چۈشىنەلمەي بېشىم قاتتى. بۇ دەردىمنى باشقىلارغىمۇ دىدىم باشقىلارمۇ ماڭا ئوخشاش ئويلاۋىتىپتۇ . بىر سورۇندا بىر قانچە ئاغىنە بالىلارغا «ئانا تىلىم بالىلار باغچىسى » دەپ بىر باغچا قۇرمايلىمۇ دىدىم . ئۇلار ھۆكۆمەت يول قويمايدۇ شۇنىڭ بىلەن يەر ئاستى بالىلار باغچىسى بولۇپ قالىدۇ ۋاھاكازا دىيىشىتى ... ئاغىنىلەرگە جۇڭگو قانون بىلەن ئىدارە قىلىندىغان بىر دۆلەت ئانا تىلدا ئۇقىدىغان يەسلى قۇرۇش قانونسىزلىقمۇ دىدىم ؟ لېكىن ئۇلار سەن بەك ساددا ئىكەنسەن دېيىشتى . لېكىن مەن تېخىمۇ جاھىللىق قىلىپ قاراپ تۇرۇڭلار يەسلى ئەمەس ئانا تىلىم باشلانغۇچ ھەتتا ئوتتۇرا مەكتەپنىمۇ قۇرغىلى بولىدۇ دىدىم ۋە ئۇلارغا خەنزۇ يولداشلار قۇرغان شەخسى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ساناپ بەردىم
تېما تەستىقلانغاندىن كېيىن مەن قانونلىق ھالدا ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇش يولدا ماڭماقچى ۋە بارغان ئىدارە ۋە ئۇ يەردىكى خىزمەتچى خادىمنىڭ نېمە دېگەنلىكى ۋە يەسلى قۇرۇش جەريانىدىكى ئىش ۋەقەلەرنى ئىنكاس شەكلىدە يوللايمەن .