ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 46قەۋەتتىكى kanoniyolدە2012-09-08 14:46يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۈگۈن ھۆكۆمەت ئورۇنلىرىنىڭ قانونىي دەم ئىلىش كۈنى بولغاچقا ئۈرۈمچى شەھىردىكى يەسلىلەرنىڭ تىزىملىكىنى توردىن تىپىپ كۆردۈم بۇ تىزىملىككە دىققەت قىلسام قوش تىللىق دەپ ئاتالغان يەسلىلەر مىللىيلارنىڭ بولۇپ چىقتى . خەنزۇ يولداشلار باشقۇردىغان يەسلىلەرنىڭ ئىسمىدا ئۇنداق ئەھۋال ئازكەن ،قوش تىل دەپ يېزىۋالغانىدىن بىرى بولغان 天恩双语早教中心 يەنى تەنئن قوش تىللىق دەسلەپكى تەربىيە مەركىزىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدىم . فامىلىسى ۋاڭ بولغان خانىم تېلېفوننى ئالدى ۋە قوش تىللىق دەپ نام قويىۋىلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئىنگىلىس تىلى دەرسى بولغانلىقىدىن دەپ چۇشەندۇردى . مەن ئۇيغۇرچە قوش تىللىق مەكتەپلەردە دەرس خەنزۇچە بولىۋاتىدۇ سىلەرنىڭ ئىنگىلىزچە بولشى كېرەك مەن بالامنى ئىنگىلىزچە دەرس بىرىدىغان مەكتەپكە بىرىمەن دىدىم . ۋاڭ خانىم ھازىر خەنزۇ قوش تىللىق مەكتەپلەر بار لېكىن ئۇنىڭ شەكلى ئىككى خىل بىرى ئىنگىلىزچە دەرس تەسس قىلىنغان يەنە بىرى دەرىسلەرنى ئىنگلىزچە ئۆتىلىدۇ . دەرسلەر ئىنگلىزچە ئۆتىلىدىغان مەكتەپلەر دېڭىز ياقىسىدىكى شەھەرلەردە بار ئۈرۈمچىدە يوق دەپ جاۋاب بەردى . شۇنىڭ بىلەن ئورنى جاڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھرىدە بولغان 维德双语幼儿园 يەنى ۋىيدى قوش تىللىق بالىلار باغچىسىغا تېلېفون قىلدىم . تېلېفوننى بىر خىزمەتچى خانىم ئىلىپ سۇئاللىرىمغا تىل چايناپ ياخشى جاۋاب بىرەلمىگەن ئىدى باغچا مەسئۇلىنى ئۇلاپ بەر دەپ بىۋاسىتە باغچە مەسئولى تېلىفونغا كۆرۈشتۈم ، باغچا مەسئولى بەكمۇ مۇلاھىم گەپ چۈشىندىغان ئىلمى يولداشكەن. مەن ئۇنىڭغا قوش تىللىق يەسلىلەر تەرپىدىن ئالدانغانلىقىمنى ئۇلارنىڭ قوش تىل دەپ قويۇپ ئىنگىلىس تىلىدا ئەمەس يەنىلا خەنزۇ تىلدا دەرس ئۆتىدىغانلىقىدىن قاخشاپ بەردىم ۋە قوش تىل بولغاندىن كېيىن چوقۇم ئىنگىلىس تىلىدا ئۆتىشى كىرەكتە دەرس دىگەننى بولمىسا نېمە دەپ قوش تىل دەپ ۋىۋىسكا ئىسىپ ئادەم ئالدايدۇ سەمىمى راستچىل يەسلى بولسا 4 ياشلىق بالامنى بىرەتتىم دىدىم ئەلۋەتتە تەلەپپۇزۇمنى كونترول قىلىپ ئۆزەمنىڭ ئانا تىلدا دەرس ئۆتىلىدىغان مەكتەپ تاپالماي يۇرگەن بىچارە ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى پەقەت چاندۇرمىدىم .باغچا مەسئولى گىپىمنى بۆلۈۋەتمەي ئەستايىدىل ئاڭلىدى . لېكىن ئىنگىلىس تىلىدا ئوقۇتۈش ئىلىپ باردىغان بۇ باغچىنىڭ مەسئولى ماڭا مىنىڭ ساپ ئىنگىلىس تىلىدا دەرس ئۆتۈش تەكلىپىمنىڭ ئىلمى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۇرۈپ باغچىدا ئانا تىل يەنى خەنزۇ تىلىنىڭمۇ مۇۋاپىق ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى . ئۇنىڭ دىيىشىچە ئانا تىل يەنىلا مۇھىم ئىكەن .ئۇ يەنە ئوقۇ ئوقۇتۈش ئىشلىرىدا بالىلارنى مەركەز قىلىش لازىملىقىنى بالىلار ئىگىلەپ بولغان ئانا تىلدىن پايدىلانماسلىق بالىنىڭ تەربىيىسىگە نىسبەتەن ئىسراپچىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى . مەن يەنىلا جاھىللىق قىلىپ ئۆز گىپىمنى يورغىلاتسام باغچا مەسئولى سىزنىڭ بالىڭىزنى بىز چەت ئەللىك بالىلار سىنىپىغا ئالساڭ بولغىدەك دېدى . مەن ماقۇل شۇنداق قىلساڭلارمۇ قىلىڭلار دىسەم باغچا مەسئولى ھازىر بالىلار كۆپ ،بالىڭىزنى ئالالمايمىز نۆۋەت ساقلاۋاتقان 10 نەچچە بالا بار . ئاتا ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئىنگلىزچە تەربىيىلەش قىزغىنلىقى سىزنىڭكىدەك كۈچلىك دېدى .ماڭا قىزىق بىلىنگىنى باغچە مەسئۇلىنىڭ ئانا تىل يەنى خەنزۇ تىلىنىڭ مۇھىملىقىنى مىللى ھىسياتقا تايىنىپ ئەمەس ئىلمى نۇقتىنەزەر بىلەن چۈشەندۇرۈپ تۇرسىمۇ نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىنگلىز تىلىدا ئوقۇتۇش ئىلىپ بارغاندا خەنزۇ تىلىنى قانچە ئاز ئىشلەتسە شۇنچە ياخشى دەيدىغان ناتوغرا قاراشتا چىڭ تۇرۇۋالغانلىقىنى ئىيتىپ بەرگىنى بولدى
بۇ ئەھۋاللاردىن بىلگەنلىرىم
(1)بالىلار باغچىسىدا قوش تىللىق دەپ ئاتىلىشى شەرت ئەمەس چۈنكى خەنزۇلار يەسلىسىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ ئىسمىدا ئۇنداق گەپ يوق . جۇڭگودا ھەممە مىللەت باراۋەر
.......
بۇ ئىنكاسنى ناھايىتى تىز يېزىۋاتىمەن، چۈنكى ھېلى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن سىرتقا چىقمىسام بولمايدۇ،
گەپنىڭ قىسقىسى غايىڭىزدىن ناھايىتى خۇش بولىۋاتىمەن، لېكىن ئىش ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلىڭىزدىن ئاز تۇلا ئەنسىرەپ قالدىم، بۇ ئىشىڭىز توغۇرسىدا مەن باشتىمۇ بىر ئىنكاس يازغان، ۋاقىت سەۋەبىدىن تولۇق يازالماي قالغان.
سىزگە يەنە تەكلىپ:
1. كۆڭۈل قويۇپ پىلانلانغان ئىش چۇقۇم روياپقا چىقىدۇ.
2.سىز ئۈن-سىن ئېلىش ئۈسكۈنىسى تەييارلاپ نىمە قىلماقچى؟سىز بولمايدۇ دىگەن جاۋاپقا ئېىرىشكەندىن كىيىن سوتلاشماقچىمۇ؟بۇ پەقەتلا بىر بالىلارچە خىيال!!!!ئۈن-سىن ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىپ بارلىق جەرياننى ئېلىۋالسىڭىزمۇ ئۇنىڭ قانچىلىك پايدىسى بولىدۇ؟ ئۆز پۇتىڭىزغا كەركە چاپماقچىمۇ؟ ئۈن سىن ماتىريالى تەييارلىماي ئاز دىگەندە 50 تۈمەن خەلق پۇلى يەنى مەبلەغ تەييارلاڭ!!!
3. بىكار بوپقالسىڭىز ئايلىنىپ ياخشى ئورۇننى ئۇقۇشۇپ 3يىلدىن بەش يىلغىچە ئىجارىگە ئېلىشنى ئويلىشىڭ!!!
4. قوش تىللىق يەسلىسى ئېچىڭ، شۇنى ئىسىڭىزدە بۇلسۇنكى يەسلى مەكتەپ ئەمەس،مەجبۇرىيەت مائارىپى ئەمەس، ئۇ بىر شەخس ئىگىلىگىدىكى پۇل تېپىشىنى مەقسەت قىلغان بىر خۇسۇسىي ئورۇن، ئۇنىڭ ئايلىنىشىنى قانۇندا يول قويغان دائىرىدە ئۆزىڭىز بەلگىلەيسىز!!!
5. يەڭگىللىك قىلماڭ!!!!چۈنكى سىز قۇرماقچى بولغان ئورۇن مەۋھۇم بولغان ئوبىكتىپنى، يەنى ئوقۇتقۇچىنىڭ كاللىسىدىكى مەۋھۇم نەرسىنى ئوقۇغۇچىغا سېتىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئورۇن، بۇنداق ئو رۇننى قورۇش بىر ئىش، ئۇنى ئۆز سېستىمىسى بويىچە ئايلاندۇرۇش يەنە بىر ئىش،ئۇنىڭ قانداق ئايلىنىشى شۇ كىنىشكە بەرگەن ئورۇنلارنىڭ يېرىم يىللىق، يىللىق تەكشۇرۇشى،بېكىتىشى بويىچە بولىدۇ ،ئۇلار بىلەن باشتىلا پالتا پىچاق كۆتۈرۈشۈشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق!!!
ئۇلۇغ ئىشلار ئۈچۈن سەۋىرچان بولۇش كېرەك، كۈلۈمسىرەشنى ئۈگىنۋىلىڭ،
ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن!!!!بۇنداق ئىشلار بىر ئۆمۈر قان تەر تۆكۈشكە ئەرزىيدىغان ئىش، مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى قىلالمايۋاتقان يارىلىرىمنىڭ بىرى، ئىشىڭىزنىڭ تەرەققىياتىنى بىلىشكە ھەرۋاقىت ئىنتىزارمەن!!!!