saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 2482 قېتىم كۆرۈلدى
xamar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9181
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 31
شۆھرەت: 193 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 194 سوم
تۆھپە: 110 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 111 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 122(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 داخان ۋە ئاياللار

داخان ۋە ئاياللار...


ھەر قېتىم داخان ھەققىدە گەپ – سۆز بولغاندا، كىشىلەر ئالدى بىلەن سېھىر گەرلەرگە كۆپرەك قاتنايدىغانلار ئاياللاردىن تەشكىل تاپىدۇ، دېيىشىدۇ؟ بۇ مەسىلىنىڭ راست – ياكى يالغانلىقىنى، بۇ خىل ئېتىقادنىڭ توغرا ياكى ئەمەسلىگىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئورۇنۇش، ئوقۇرمەنلەرنى ئانچە – مۇنچە ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغۇ دېگەن قاراشتا بۇ ماقالىنى يېزىش نېيىتىگە كەلدۇق. 

بۇ تېمىنى ئىنچىكە يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاياللاردىن، ئىككىنجى بولۇپ سېھرىگەر- داخانلاردىن سوراپ ئېنىقلاش بەكلا زۆرۈر ئىدى. لېكىن، بۇنى سورايدىغانغا داخانغا بېرىپ باققان ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە ئۇيغۇر داخانلىرىدىن يىراق بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىر نەچچە ئۇيغۇرنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئېلىپ كۆرگەندىن باشقا، بىزنىڭ شارائىتىمىزغا بىر قەدەر يېقىن، ئەھۋالىي ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئەرەب ئەللىرىدىكى بىر قىسىم ئەھۋاللارنى چىقىش قىلىپ تورۇپ، بۇ ماقالىنى يېزىپ چىقتۇق.

ژورنالىست مۇھەممەد مەمدۇھ ئۆزىنىڭ نەق مەيداننى كۆزەتكەندىن كېيىن مۇنداق يازىدۇ: داخاننىڭ ئىشىكى ئالدىغا توپلىشىۋالغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئاياللار ئىدى، ئەمما بىر نەرسىگە ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە تېخىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىشكە توغرا كىلەتتى....مەن ئاخىر ئۇيەردىكى بىر نەچچەيلەنگە تەكشۈرۈش دوكلاتىمدا ئىسىملىرىنى زىكىر قىلماسلىققا ۋەدە قەسەملەرنى بىرىپ، ئاران دېگەندە مېنىڭ سۇئاللىرىمغا جاۋاپ بىرىشكە ئىندەككە كەلتۈردۈم.



 داخانلارغا قاتراشنىڭ سەۋەپلىرى

 باشتىلا داخانلارنىڭ ھوزۇرىغا قاترايدىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى ئاياللار ئىكەنلىكىنى، چۈنكى، ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە قارىغاندا داخانلارغا بىر قەدەر سەمىمىلىك بىلەن قارايدىغاندىغانلىقىنى، قېيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلالايدۇ دەپ ھەقىقىي ئىشىنىدىغانلىقى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بىرىشتى. داخان – جىنكەشلەرنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، جىنلار بىلەن بولىدىغان ئالاقىدە قانداق ئۇسۇل، ۋاستىلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنىمۇ ئىزاھلاشتى...

 بىردىنلا كاللامدا ، يۇرتىمىزنىڭ خىلۋەت يېزىلىرىدىنلا ئەمەس، تازا تەرەققىي قىلدى دەپ قارايدىغان شەھەرلىرىمىزنىڭ ئېسىل خېنىم – قىزلىرىمۇ تاپقان، تەرگەنلىرىگە تۇمار پۈتكۈزۈپ، بەخت- تەلەيلىرىگە پال ئاچقۇزۇپ يۈرىدىغان ئاشۇ ئەھۋاللارنىڭ ھېلىھەم مەۋجۇدلىقى نامايەن بولدى. داخان- جىنكەشلەرگە پۇل مال سەرپ قىلىدىغانلارنىڭ كىملەر بولىشى، بۇ خىل ئېتىقادقا ئىشىنىدىغان ياكى ئىشەنمەيدىغان ( مەنمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە) لارنىڭ قانچىلىك بولىشىنى بىر قانچە دەقىقە بولسىمۇ خۇسۇسىي سوتىمىزنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇپ، مۇھەممەد مەمدۇھنىڭ داخاندىن ئالغان مۇنۇ مەلۇماتىغا قاراپ چىقايلى« ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا بىر قەدەر مەرت، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەقىللىقراق كېلىدۇ. ئەرلەر بىزنىڭ قېشىمىزغا كۆپ كەلمەسلىكىدىكى سەۋەپنى كۆپىنچە بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى خۇراپات دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. ئەمىلىيەتتە، ئاساسىي سەۋەپ، ئۇلارنىڭ بېخىللىقىنىڭ ئارقىسىغا يۈشۈرۈنغان..» 

ئەمما، ئىمان تەخەللۇسى قوللانغان بىر ئۇيغۇر ئايال بۇ ئەھۋالنى رەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئەرلەرنىڭ داخانلارغا بارماسلىقى ئۇلارنىڭ بېخىللىقىدا دېگەن قاراش توغرا ئەمەس. ئەگەر بۇ يەردە ھەقىقىي سەۋەپ بار دېسەك، ئەلۋەتتە ئۇ ئەرلەرنىڭ سىرتقا قاراپ قېلىشى بولسا كىرەك. چۈنكى، ئەرلەر جەمىيەتتە دۈچ كەلگەن ھەرقانداق مەسىلىلىرىنى كۈچ ياكى پۇل – مال بىلەن ھەل قىلالايدۇ. ئەمما، ئاياللار بۇنداق قىلىشتىن ئاجىز. ئاياللار بۇ مەسىلىگە ئىشەنسۇن ياكى ئىشەنمىسۇن، ئاخىر ئۆزلىرىنىڭ ئاجىزلىقىغا بۇ خىل يوللار بىلەن تەسەللى ئىزدەيدۇ.

بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرگەن بايتاش ئىسىملىك ئۇيغۇر يىگىتى مۇنداق دەيدۇ: ئومۇمەن داخانلارغا بارىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللاردىن تەشكىل تاپىدۇ. سەۋەبى، بۇ يەردە يالغۇز فىزىلوگىيىلىك ئاجىزلىقتىن باشقا بىر خىل پىسخىك ئاجىزلىك بار. ئۇ بولسىمۇ، ئاياللاردىكى ئاسان ھاياجانلىنىش، تىز ئىشىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار. شۇڭا، ئۇلار داخانلار ، يۈتتۈرگەننى تېپىپ بىرەلەيدۇ، كۆڭۈلدىكى كىشىنى قىزىتىپ بىرەلەيدۇ، دۈشمەننى پالەچ قىلىپ، دوستنى پالۋان قىلالايدۇ، ئورۇقلىتالايدۇ، سەمرىتەلەيدۇ، باي قىلالايدۇ، نامرات قىلالايدۇ، تۇغماس ئاياللار تۇغىدۇ... دەپ قارايدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە پىسخىك ئاجىزلىقتىن نەتىجىلەنگەن بىر خىل ئېتىقادى سۇسلۇق. ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىر خۇسۇسىيىتىدىن گۈمانلىنىش.

جەمىيەتشۇناس ئالىمە دۇكتۇرە ئىجلال ئىسمائىل ئاياللانىڭ ئەرلەرگە قارىغاندا كۆپرەك سېھىر گەر، داخانلارغا قاترايدىغانلىقىنى ئۇلارنىڭ ئۆسەك سۆزگە ئاسان ئىشىنىدىغانلىقى... سېھىردە ئىشلىرىغا قولايلىق بار دەپ ئېتىقاد قىلىدىغانلىقى ، بوش ۋاقتىنىڭ كۆپ ، مەسئۇلىيىتىنىڭ كەم بولغانلىقى ئاساسىي سەۋەپ دەپ قارايدۇ.        

داخانلارغا كېتىدىغان سەرپىيات

 ئۇيغۇرلاردا داخانلارغا كىتىدىغان سەرپىياتنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقى ھەققىدە خېلى ئىچكىرلەپ مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق. ئۆز قۇلى بىلەن داخانلارغا پۇل بىرىپ باققانلار بولمىسىمۇ، ھەر ھالدا ئاڭلىغانلار ، بەرگەننى كۆرگەنلەرنىڭ تەكىتلەشلىرىگە قارىغاندا ، بىر قېتىملىق پال ئېچىش ياكى دۇئا ئوقۇتۇشنىڭ باھاسى 10 يۇەندىن 100 يۇەنگىچە بولىدىكەن. ئەمما، پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىدە ئاياللارنىڭ بىر قېتىم دۇئا ئۇقىتىشى ئۈچۈن 400 دوللاردىن 1500 دوللارغىچە سەرپىيات كېتىدىكەن. ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئىش شۇكى،بىر ئەرەب ئايالدىن مۇھەممەد مەمدۇھ دۇئا ياكى داۋالاشتا قانداق ۋاستىلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى توغرىسدا سورىغاندا: بۇ  سىرلارنى ئاللاھقا قويغىن-، دەپ قىسقىلا جاۋاپ بىرىدۇ. قارىغاندا بۇ يەردە نۇرغۇنلىغان تەتۈر سۇئال بەلگىلىرى جان تالىشىۋاتقاندەك قىلىدۇ. 

 تەتقىقات نەتىجىلىرى...

 قاھىرە ئىجتىمائىي جىنايى ئىشلار تەتقىقات مىللى مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتۇر مۇھەممەد ئابدۇلئەزىم، مەمدۇھنىڭ سۇئالىغا بەرگەن جاۋابىدا،مىسىر ئاياللىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك سېھىر ۋە خۇراپاتلارغا ئىشىنىدۇ، ئۇلارچە جىنكەش، داخانلارنىڭ ئۇلارنىڭ ھايات لىنىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. تەتقىقاتىمىزنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندىمۇ ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ئىككى ھەسسە ئارتۇق-، دەيدۇ.

 يوقىرىقى تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، مىسىردا ئەر ۋە ئاياللار بولۇپ، سېھىر قىلىش، سېھىردىن قوتۇلۇش، دۇئا ئوقۇتۇش قاتارلىقلارغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا (2003 ـ يىلىدىكى تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا) 10 مىليارد جۇنەيھ (1.612.903 بىر مىليارد، ئالتە يۇز ئون ئىككى مىڭ توققۇر يۈز ئۈچ دوللار) سەرپىيات كىتىدىكەن. ھەر 240 كىشى بېشىغا بىردىن داخان ياكى سېھرىگەر دەججال توغرا كىلىدىكەن.

مىسىر ئەيىن شەمس ئۇنۋېرسىتىتى ئىجتىمائىي پەنلەر پاكولتىتىنىڭ مۇئەللىمەسى دۇكتۈرە سامىيە ئەسسائاتى ئېلىپ بارغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىمۇ ئوخشاشلا ئاياللارنىڭ سېھىرگە ئىشىنىشىنىڭ ۋە سېھىرگەرلەرگە قاتنىشىنىڭ بىر قەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. تەتقىقاتتىكى ئادەمنى ھەيران قىلىدىغان يەنە مۇھىم تەرەپ،  سېھىرگەرلەرگە قاترايدىغان ئاياللارنىڭ %55 مائارىپ تەربىسى كۆرگەنلەر، %24 ئوقۇش، يېزىشنى بىلىدىغانلار، %30 ساۋاتسىزلار ئىكەن.... بۇ ئەھۋاللار ئەرلەردىمۇ ئوخشاش نىسبەتنى ئىگەللەيدىكەن.

تەتقىقات يەنە مۇنداق مۇھىم تەرەپلەرنى ئاشكارىلىغان. سېھىرگەر، داخانلارغا قاترايدىغان بۇ ئاياللارنىڭ %51 توي قىلىپ بولغانلار، %2.1  ئۆزىگە يېگىت جەلىپ قىلىشنى خالايدىغانلار ئىكەن. ئادەمنى تېخىمۇ قىزىقتۇرىدىغىنى %57 ئايال سېھىردىن پايدىلىنالمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلسا، %42 پايدىلانغانلىقىنى سۆزلىشىدىكەن.

 ئېتىقاد بابىدا سېھىر ۋە سېھىرگەرلىك

 مەن ئاخىرىدا، كاھىن، داخان، سېھرىگەرلەرگە ۋاقىتتىن باشقا پول- مال سەرپ قىلىش، ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ ھەرخىل قېيىنچىلىقلىرىغا غايىۋى تەسەللى ئىزدەشلەرنى ھامان دىنى ئەقىدىدىن ئايرىپ قاراش توغرا ئەمەس دېگەنلەر بىلەن بىر تەرەپتە بولغاچقىمىكىن، بۇنىڭغا ئىسلامنىڭ نوپۇزلۇق كىتاپلىرى ۋە ئېتىبارلىق ئالىملىرىنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، ئانچە – مۇنچە ئىزدىنىپ كۆردۈم.

قۇرئان كەرىمدىكى قىسسىلەرگە كۆرە سېھىر مۇسا ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە مىسىردا تازا راۋاجلانغان، پىرئەۋن ھوزۇرىدا كامالەتكە يەتكەن جادۇگەرلەر بولغان ئىكەن، ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق دىن بىلەن كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئىشلەتمەكچى بولغان بارلىق سېھىرلىرىنى ئۆز قۇدرەت ئىلاھى بىلەن گۇمران قىلغان. شۇئان ئۆزىنىڭ ھەق دىندىن ھەقىقەتەن يىراقتا ئىكەنلىكىنى بايقىغان پىرئەۋن ئوردىسىدىكى جادۇگەرلەر ئاللاھنىڭ ھىدايىتى بىلەن دەرھال ئىمان ئېيتىشقان.[1] قۇرئان كەرىمدە سېھىر سۆزى 12 يەردە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ھەممىسىدە سەلبى تەسۋىرلەنگەن. دېمەك بۇ قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ مەسىلىگە مۇتلەق يول قويمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەمما ھەدىستىكى بايانلار بۇ ھەقتە ئېنىق ھۆكۈملەرنى چىقارغان بولۇپ، ھەرقانداق ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ يۈرگەن كىشىنىڭ بۇ ئىشتىن دەرھال قول ئۈزمىسە بولمايدىغانلىقىنى جىددى ئەسكەرتىدۇ. ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر ھالاك قىلغۇچى يەتتە خىل گۇناھلاردىن ساقلىنىڭلار» ساھابىلەر: ئى اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى! ئۇلار قايسىلار؟ دېدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇلار اﷲ غا شېرىك كەلتۈرۈش، سېھىرگەرلىك قىلىش، اﷲ تائالا ئۆلتۈرۈشنى چەكلىگەن جانلارنى بىگۇناھ ئۆلتۈرۈۋېتىش، جازانىنى يېيىش، يېتىملارنىڭ مال ـ مۈلكىنى يەۋىلىش، جىھاد مەيدانىدىن قېچىش، پاك، ئىپپەتلىك تەقۋادار ئاياللارغا بوھتان چاپلاشتۇر» دېدى. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تېخىمۇ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «كىمىكى سېھرىگەر ياكى داخاننىڭ يېنىغا كەلسە، ئۇ مۇھەممەدكە نازىل بولغان شەرىئەتكە كۇپۇرلۇق قىلغان بولىدۇ.»

ئەمما ئىسلام ئون لاين فەتىۋا كومتىتى يوقىرىقى ھەدىسنى چۆرىدىگەن ھالدا، بۇ ئىشنىڭ بارلىق ئىسلام تەلىماتلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.[2]

ت ـ ئا. قارلۇقىي 
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-09-07, 22:37
ۋەتەنسىز ھاياتتا نەمەنە، نەتەم !
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-09-07 18:50 |
中国共产党
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9108
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 143
شۆھرەت: 723 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 724 سوم
تۆھپە: 434 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 435 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 182(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مىنىڭ بىر تونوشوم (25 ياش ئەتراپىدا )  داخانغا 1 يىل شاگىرت بولۇپ، ئىشلەپ بىقىپتىكەن.

توي قىلىپ ئاجرىشىپ كەتكەن قىز - ئاياللارنى ئالداپ،  نىكاھىڭىز بەن بولاپ قاپتۇ دەپ قورقۇتۇپ قويۇپ، نىكاھنى ئاچىمىز دەپ، ھارامزادىلىك قىلىدىغانلىقىنى دىگەن. ھەم ئۆي ئىگىسىنى گۆش پۇشۇرۇشقا، پولو ئىتىشكە سىلىپ، قورساقنى ئوبدان باقىدىغانلىقىنى دەپ بەرگەن.

داخانلىنىڭمۇ مەقسىتى شۇ ئايال بىلەن پۇل.

يەنە بىرى:  ئىرى تەرىپىدىن ئۈچ تالاق قىلىۋىتىلگەن ئاياللارنىڭ، ئىرى بىلەن قايتا كىلىشىپ قىلىشقا، مۇشۇ داخانلا ، ئۆز نەپسىنى قاندۇرۇش يولى بىلەن دىنىي جەھەتتىن يول ئىچىپ بىرىدىغان ئىشى باركەن.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-07 23:46 |
neda0909
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10182
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5 سوم
تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ مەسىلە مۇنازىرە قىلىشقا تېگىشلىك ئىكەن .مۇشۇ ھەقتە ياخشى پىكىرلەر بولسا ئوتتۇرغا تاشليلى!
مەردانە بول!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-08 00:23 |
uyghurum
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9849
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 90 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 95 سوم
تۆھپە: 53 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 53 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 122(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

دىيارىمىزدىمۇ بۇ بىر ئجتىمائى ئاپەت ،ئمكان بولسا قانۇن چىقىرىپ دارغا ئاسىدىغان نىمىلە داخان دىگەن ،ساختىپەزلىگى ئالدامچىلغى قىلغان گەپ سۆز ئش ھەركەتلىرىدىن چىقىپلا تۇرغان .مىنىڭ قارشىمچە داخانغا ئشىنىدىغانلا خيالپەرەسلىكنىڭ چىكىگە يىتىپ قالغان ئۆزىگە ئشەنچىسى يوق  ،پىسخكىسدا باشقىلاغا تايىنىش ئدىيسى كۇچلۇك تىجىمەل يارىماس ئادەملە،جەمىيەتكە يۇك بولدىغانلانى يىغىۋىلىشقا توغرا كەسە داخانلانىڭ ئشكى ئالدىدىن يىغسا بولىدۇ ،يارىماس ھاماقەتلەنىڭ ئۆلچىمىگە داخان پەرەسلە يۇز پىرسەن چۇشىدۇ.
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-08 01:00 |
izdinish
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9173
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 86
شۆھرەت: 450 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 450 سوم
تۆھپە: 266 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 266 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 70(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

داخان ئەمەس دۇئا خان   
simfoniya
مەغلۇپ بول مەغلۇپ بول تازا مەغلۇپ بول
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-08 11:10 |
abaytarim
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8497
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 60
شۆھرەت: 335 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 335 سوم
تۆھپە: 194 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 194 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  ھەي! خېلى كۆپ ئادەملىرىمىز مۇشۇنداق بېمەنە يوللاردا بەختىنى ئىزدەپ يۈرمەكتە . ئۆزىنىڭ بەختىگە ئارا تۇرالمايدىغان ئەشۇ ئەۋلىيالار باشقىلارغا قانچىلىك بەخت يارىتار ھە!
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-08 12:36 |
achchikh
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8352
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 289
شۆھرەت: 1481 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1485 سوم
تۆھپە: 884 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 890 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 112(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن ئۇ داخان دىگەنلەرگە ئىشەنمەيمەن..................ھەممىسى الدامچى........ ئەگەر ھەقىقەتەن ئاۇنداق ئىشلارنى قىلالىسا مەن ئالدىغا بارىمەن.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-08 14:44 |
babak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6282
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 77
شۆھرەت: 396 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 398 سوم
تۆھپە: 238 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 240 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 163(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

داخان ، پالچى،سوپى،بىدئەتچى، دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئازغۇن پىرقىلاردىن...
istanbol
گاس دەپ غەيۋەت قىلما،
قارىغۇ دەپ خىيانە قىلما.
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-08 18:16 |
albax
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2547
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 265
شۆھرەت: 1364 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1367 سوم
تۆھپە: 813 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 816 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 292(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   دادىسى باشلامچى بۇلۇپ كۈيئوغلىنى شەھەر ئاتلاپ ئۇقۇتىدىغان ئىشلارنى كۆردۈم . مىنىڭچە داخان ۋە ئۇلارنى ئىزدەپ بارىدىغانلار  بەك ئىپلاس كىشلەر ................... ئۇلارنىڭ سېھرىگە ئۇچرىغانلارنىڭ بىردىن - بىر تاللىشى ئاللاھدىن سېھىرنى قايتۇرۇشنى تىلەش . سېھىرلەنگەنلەرنىڭ نۇرمال كىشى ئىكەنلىكىدىن كىشى گۇمان قىلىپ قالىدۇ ..................ئوخشاشلا سېھىرلەنگەن كىشى نۇرماللىقىنى مەلۇم دەرىجىدە يۇقىتىپمۇ قۇيىدۇ ................
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-10 13:30 |
budunya
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 5764
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1028
شۆھرەت: 5231 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5238 سوم
تۆھپە: 3131 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3137 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 959(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇشۇ كۈندىمۇ بامۇدۇ بۇ دۇئاخانلار........مۇشۇكۈندىمۇ ئاشۇنداق دۇئاخانلارغا ئىشىنىپ يۇرىدىغانلارباما............
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-11 10:06 |
albax
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2547
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 265
شۆھرەت: 1364 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1367 سوم
تۆھپە: 813 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 816 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 292(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى budunyaدە2012-09-11 10:06يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مۇشۇ كۈندىمۇ بامۇدۇ بۇ دۇئاخانلار........مۇشۇكۈندىمۇ ئاشۇنداق دۇئاخانلارغا ئىشىنىپ يۇرىدىغانلارباما............

   ياق ، ئەسلى خېلى يۇقاپ قالغان ، ئابدىكىرەم ئابلىزنىڭ ئېلان بىرىشى بىلەن ئاينىپ قالدىمىكىن ................
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-11 10:22 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە