saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 1979 قېتىم كۆرۈلدى
kapqigay
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5464
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 110 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 110 سوم
تۆھپە: 58 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 58 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 35(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-01-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئەيساجان تۇردى ئاچچىققا ئۇچۇق خەت

ئەيساجان تۇردى ئاچچىققا ئۇچۇق خەت
تەڭرىنىڭ يارقىن ئافرىندىلىرىدىن بىرى ھېساپلانغان بۇ زىمىن ، ئىنسانغا خۇددى قول قاناتتەك يېپىشقان ، تەن ساپ ھاۋا ئورالمىلىرىدا بىمالال ھەرىكەت قىلىۋاتقان مەھەل .ھەممە ئادەم ئۆز تىنىقى ۋە ئۆز تىرىكچىلىكى ھەلەكچىلىكىدە .مەن ئاشۇ بىپايان كۆك ئاسمان گۈمبىزى ئاستىدىكى مەۋجۇت بىر بۇلۇڭدا رېئاللىققا باقماقتىمەن ،ھايات يەنىلا قىممەتلىك ، مەيلى تاغ، مەيلى باغ، مەيلى جەزىرە بولسۇن ئىنسان ئاياغلىرى يەر يۈزىنى يەنىلا سىپاپ ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ.ھاياتنىڭ ئاجايىپ قىسمەتلىرى بۇلىقىدىن بالقىپ چىققان قەترىلەر بىلەن چاڭقاق يۈرەكلىرىمنى قاندۇرىۋاتىمەن .چۈنكى ھەركىمنىڭ شاتلىقى ، قايغۇسى ،ساغلاملىقى ، كېسەلمەنلىكى پەقەت ئۆزى بىلەن بىرگىلا ، بۇنى ھىچقاچان ئىنسان بىر-بىرىگە تارتىشىپ بېرەلىگەن ئەمەس. بىراق ئازراق بولسىمۇ يېنىكلىتىشىپ بېرەلىگەن. ئىنسان دۇنياغا مېھمان . ئەلبەتتە يەنە بۇ دۇنيادا مۇساپىر. شۇڭلاشقىمىكىن ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادا توققۇزى تەل بولالمىغان.بۇ مۇساپىرلىق پەقەت ئەبىدىيلىككە رېھلەت قىلغاندىلا ئاندىن ئاخىرلىشىدۇ. شۇڭا روھنىڭ چوقانلىرى كەڭ ئاسمان ئاستىدا،  تاغلارنىڭ يانباغىرلىرىغا يۆنەلگەن تەپەككۈر قاتلىمىم بىلەن بىرگە خۇددىي ھازىرلا لاۋا ئاتىدىغان قىياپەتتە.
      ھاياتتا ئېرىشكەنلىرىم كۆپ بولغاچقىمىكىن تۆلىگەن بەدەللىرىممۇ ئوخشاشلا كۆپ بولدى .شۇڭا مېنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرىم مېنى ھازىرمۇ كەپسىز بالىغا ئوخشىتىدۇ.چۈنكى كەپسىز بالا چەكلىمىلىكلەردىن خالىي.ئۆمرىدە بىر ئېغىز ھەقىقەت ئۈچۈن گەپ قىلمايدىغان ،ئەل- ۋەتەن  ئۈچۈن زەررە تەر تۆكمەي بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىپ ، تاپقانغا شۈكرى قانائەت  قىلىپ  توختام سۇدەك ھايات كەچۈرىۋاتقانلارمۇ بار. تېخى خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ.ھەتتا ئۆمرىدە ھەقىقەتنىڭ نېمىلىكىنى ، ئۆزىنىڭ ياشاشتىكى مەقسىدىنى بىلمەي يەپ ئىچىپلا كېتىپ قالىدىغانلارمۇ، ساتقىنلارچە ياشاپ قورسىقىنى تومپايتىپ تاقىر باش بولىۋېلىپ كېتىپ قالىدىغانلارمۇ ئارىمىزدا ساماندەك.مەن ھەقىقەتنى سۆيدۈم .ئۇنىڭ مىۋىسى گەرچە ئاچچىق –چۈچۈك بولسىمۇ شىرىن تەمىدىن پۈتۈن بەدەنلىرىم ۋە روھىم ئەبىدىي ئاراملىققا ئېرىشكەندەك تۇيغۇدىمەن.مەن پەقەت ياراتقۇچىنىڭ مۆجىزىلىرىگە ھەيرانۇ-ھەس بولغان ھالدا باشلىنىش بىلەن ئاخىرلىشىش نوقتىسى ھەققىدىكى تېرەن پىكىرلىرىمنىڭ ۋەزنىنىڭ تەپەككۇرمنى ئۆزلۈكسىز غىدىقلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمەن .تۆگە باققۇچى ئىدىم ، قوي باقىدىغان چوپانغا ئايلاندىم .ئىلگىرى تۆگىگە  مىنىپ تۆگە باقاتتىم ، ئەمدى قولۇمغا تاياق ئېلىۋېلىپ پىيادە يۈرۈپ قوي بېقىۋاتىمەن.تۆگە چۆكمىسە تۆگنىدىن چۈشەلمەيتتىىم ، ھازىر خالىغان جرا ، قىيالارغا بەخۈدۈك يامشىۋاتىمەن.مەنچە ھەر ئىككىلىسى ئوخشاش .بىراق مەھبۇب ۋە ئىككى قانىتىمنىڭ سېغىندۇرۇشى ھەردەم مېنى بىئارام قىلىۋاتىدۇ.چۈنكى ئۇلار تۆگە باقىدىغان جايدا قېلىپ قالدى ئەمەسمۇ؟!مەن تەڭرىنىڭ مۆجىزىلىرى ئۈستىدە تەپەككۈ قىلىش ئارقىلىق مۇشۇ پىنھان بولۇڭدا ئۆزۈمنى قايتا تېپىۋالغاندەك ھېس قىلدىم.ئىگىز بنا ،تۆمۈر دەرۋازا ئىچىدە قانداقتۇر بىرنىمەمنى يىتتۈرپ قويغاندەك غېرىپلىق بېسىۋالاتتى ، گەرچە يېقىنلىرىم يېنىمدا تۇرسىمۇ . شۇنداق ۋاقىتلاردا ماھىيىتىمنى ئىزلىمەكچى بولاتىتىم . ئەمما نىمە ئۈچۈندۇركىم بىر كېسىك ئۈستىدە تەكرار ئايلىنىپ يۈرگەن چۈمۈلىدەك بىر باشقا چىقالمايتتىم. نۇرغۇن نەرسىلەر مەزىسىز تۇيۇلاتتى. مەن يېڭى بىر مۇھىتقا بارغاندىن كېيىن ئۆزەمنىڭ نىمىنى يوقىتىپ قويغانلىقىمىنى تەدرىجي ھېس قىلىۋاتىمەن.بۈيۈك مۆجىزىلەردىن بولغان بۇ زىمىننىڭ تەبىئىي كارتىنىسىنى ، مۇقەددەس تۇپراقنىڭ خاسىيىتىنى يىتتۈرۈپ قويغانلىقىمىنى ھېس قىلدىم . ھەيۋەتلىك تاغلار، شارقىراپ ئېقىۋاتقان دەريا ، چەكسىز كەتكەن كۆك ئاسمان تەپەككۇرۇمنى بىر چەكسىزلىككە يېتىلەپ كېتىۋاتاتتى.

     بۇنىڭدىن 7،8 يىللار ئىلگىرىي قەلەملىرىمنىڭ تىۋىشلىرى روھىمنى تىرەنلىككە ئۈندەپ تۇراتتى.ئاق قەغەز ئۈستىدە يارقىن ھېسلار نەرگىىس گۈلىدەك نەپىس تىزىلاتتى. ئۇنىڭدىن قانائەت تاپاتتىم. بىراق بىر مەزگىل تۆمۈر دەرۋازا «تاش قەلئە» ئىچىدە ئوقۇغانلىرىم كۆپ كۆرگەنلىرىم ئاز، ئىنسانلىققا يېقىنلاشقىنىم ئاز ماھىيىتىمدىن چەتنەپ كېتىۋاتقىنىم كۆپ بولىۋاتقاندەك ھېسسىياتقا كېلىپ قالغان ئىدىم. ئويلاپ باقسام ئائىلىدىكى بىر بۈيۈك مۇھاببەت ۋە يۈكسەك مەسئۇلىيەتنىڭ ئەللەيلىشىدە تىنىچ كۆل سۈيىدەك  بىر خىللا مۇھىتتا ياشاپ كەپتىمەن. ئۇ مېنىڭ ئىلگىركى خاتىرجەملىكىم ئىدى . مۇشۇنداق ھالەتتە ماڭا خۇنۈك كۆرۈنگەن نۇرغۇن نەرسىلەرگە قاراشقىمۇ ۋاقتىم چىقمىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇنداق قىلىپ بۇ يەردە ، قەلەملىرىمدە ئىلگىركى تۈگەپ قالمايدىغان سىياھ ، يازسام ئۇچى ئۇپراپ قالمايدىغان قەلەم ھازىر بولدى. شۇڭا قەلبىمدىكى بىر خىل ئىنتىلىش، ئىستەك ئالدىدا يىتتۈرۈپ قويمىغان ، ئەمما ئىزلىيەلمىگەن ،تەكەككۈر قاتلاملىرىمىزدا بىرلىك بولغان ، ئۇچراشقاندا ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيدىغان دوستۇم ئەيساجان تۇردى ئاچچىق بىلەن تاتلىق ۋە ئاچچىق رەۋىشتە ئۇچۇق خەت ئارقىلىق دىدارلاشماقچىمەن.

جالالىدىن رۇمىي بىلەن شەمسىدىن تەبرىزى تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىپ ، كۆزلىرى ئارقىلىق بىر بىرىنىڭ يۈرىكىنى ئوقۇپ بولۇپ قۇچاقلىشىپ يىغلىشىپ ھۇشىدىن كېتىپ يىقىلغان ئىدى. كېيىنكىلەر بۇ رىئاللىقنى («مەرجەئەل بەھرەيىن») ئىككى دېڭىزنىڭ قوشۇلۇشى دەپ تەرىپلىگەن ئىدى . ئەيساجان بۇنى ئىككىمىزگە تىمسال قىلدىم .ئەيساجان گەرچە مەن سىزدىن نەچچە ياش كىچىك بولساممۇ تولۇق ئوتتۇردا بىر يىل بىرگە ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولدۇق. شۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ كۆك كۆزلىرىڭىزدىن بىر خىل مەردانىلىك ، قەيسەرلىك ، ھاياتقا بولغان بىرخىل ئىشەنچ ۋە مېھرى –مۇھاببەت ۋە چىدامچانلىقنى كۆرەتتىم . شۇڭىمىكىن شۇ چاغلاردىلا سىزگە ئامراق بولۇپ قالغان ئىدىم. بىراق سىز بىلەن كۆپ ھەمسۆھبەت بولغىچە سىز ئالىي مەكتەپكە كېتىپ قالدىڭىز. كېيىن مەنمۇ ئارقىڭىزدىن سىزنى قوغلاپ باردىم . بۇ يەردىمۇ پەقەت سىز بىلەن بىر يىللا تۇرالىدۇق.بۇ ۋاقىتلاردا سىز ئاچچىق پىكىرلىرىڭىز بىلەن قانات قۇيرۇقلىرىڭىز يېتىلگەن ئۈچۈرما بولغان لاچىنغا ئايلاندىڭىز. بىز بىرنەچچە جۈملە پاراڭلاشتۇق .سىز يەنە كېتىپ قالدىڭىز.مەنمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ماڭا يۇچۇن بولغان بىر ماكانغا كېلىپ پائالىيەت ئېلىپ باردىم . نەچچە يىلدىن كېيىن قەدىمي ماكاندا سىز بىلەن يەنە ئۇچراشتۇق. ئەمما قەلبىمىزدىكى سۆھبەتلىرىمىز پىنھان قالغان ئىدى .كېيىن سىز بىلەن 10يىل ئۇچرىشالمىدىم. ( زامانىۋىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ ياردىمىدە پاراڭلاشقاندىن باشقا) تاسادىپىي مۇقەددەس كۈن ھارپىسىدا سىز بىلەن قەدىمي ماكاندا ئوچرىشىپ قالدۇق.بىر سائەتلىك پاراڭ بىز ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىتلاردىمۇ ئارتۇق بولدى.شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئالاقىمىز قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولدى.سىزنىڭ ھەقىقەتچانلىقىڭىز ، ئەخلاق پەزىلىتىڭىز ، پاكلىقىڭىز ، ۋىجدان غۇرۇرىڭىز مەن ئۈچۈن بىر ئۈلگە بولسا ، سىزنىڭ خەلىقپەرۋەرلىكىڭىز ،ئىنسانپەرۋەرلىكىڭىز مېنى يېڭى بىر ھاياتقا باشلاشتىكى ماياك بولدى. شۇنداق قىلىپ مەنمۇ ئەسلى تەبىئەتكە قايتتىم. مۇقەددەس تۇپراق تېخىمۇ سۆيۈملۈك بولۇپ تۇيۇلدى. چۈنكى بىز ئاخىر شۇ تۇپراققا قايتمىز.دەل تەقدىرنىڭ چاقچاقلىرى مەن بىلەن چاقچاقلىشىۋېتىپلا سىز بىلەنمۇ چاقچاقلاشتى. توغرىراقى سىز تەقدىرگە چاقچاق قىلدىڭىز.مەنمۇ شۇنداق قىلدىممىكىن دەپ ئويلايمەن . ئاچچىق مىۋىلىرىڭىىز دەرەخلىرى شالاڭشىپ قالدى .پەقەت خېلى ۋاقىت ئىزلىگەندە بىرەر تال تاپقىلى بولاتتى .ئويلاپ باقسام سىز ئۆزىڭىزنىڭ خاراكتىرىگە ماس كەلمەيدىغان بىرخىل ئالاھىدە ھەرىكەت بىلەن بولۇپ كەتكەچكە شۇنداق بولۇپ قالدى دەپ قارىدىم . جۈملىدىن مەن ۋە سىزنىڭ بارلىق بەھىرداشلىرىڭىز سىزگە تەلمۈرۈپ قاراپلا تۇرىدۇ. سىزنىڭ ئاچچىق مىۋىلىرىڭىزنىڭ مەي باغلاپ پىشقان قارا ئۈرۈكتەك يىگەندە ئادەمنىڭ مەڭگۈ ئېسىدە قالىدىغان يەرلىرىگە يىراق يىراقتىن تەلمۈرۈپ تۇرىۋاتىدۇ. بەلكىم ئالاھىدە ھەرىكەت جەريانىدا تۇرمۇشنىڭ چوڭقۇر دېڭىزلىرىدىن قانداق جاۋاھىراتلارنى سۈزىۋالدىڭىز ھازىرچە ماڭا نامەلۇم . ئىش قىلىپ قۇرۇق قول چىقمىدىڭىز .ئالاھىدە ھەرىكىتىڭىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ماڭا ئۇخشاش تەبىئىيلىككە قايتىپ كەلگەندەك قىلىسىز. ئىچىمدە خوش بولدۇم . چۈنكى پايدا بەرمەيدىغان قۇرۇق گەپتىن تومۇزدىكى ساپ بىرتامچە يامغۇر مىڭ ئەلا. ئىنسانغا ھاياتلىق پۇرسىتى بىرلا قېتىم بېرىلگەن . ئەمما ھەقىقەت مەڭگۈلۈك بولۇپ ئىنسان ئافىردە بولغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە  ئۇلۇغلىنىپ كەلدى . ھەقىقەتنى سۆيۈش قەدىمىدىن تارتىپ مەردانىلەرنىڭ ئۇدۇمىي ، دانىشمەنلەرنىڭ نىشانى ۋە ئەخلاقى بولۇپ كەلدى .بىراق ھەقىقەتنى سۆيۈش ، ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇربان بېرىش ھەممە ئادەمگە نىسىپ بولىۋەرمىدى. چۈنكى ئۇ سۇنمىغان بىلەن بېسىم بىلەن كەلگەن زەربىگە ئېگىلىش بىلەن تاقابىل تۇرۇپ كەلدى. ئۇ ئېگىلىشپەۋەرلىكى بىلەن نۇرغۇن ھاياتلىقنى ساقلاپ قالدى .شۇنداق ھەقىقەت يەنە مەڭگۈلۈك تېما بولۇپ تۇرىدۇ. چۈنكى بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرىدە زامان ئۆزگەرگىنى بىلەن ماكاندىكى ئىنسانلارنىڭ خاراكتىرى ۋە ماھىيىتىدە ئۆزگىرىش بولغىنى يوق. ھەقىقەتەن سىز ئېيتقاندەك بىر قىسىم ئادەملەرگە ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش ، ھەق گەپ قىلىش ، ھەقىقەتنى ياقلاش بىر ئۆمۈر نىسىپ بولماسلىقى مۈمكىن .بەلكىم ھەقىقەتنى چۈشۈنۈش، ئۇنىڭ نىمىلىكىنى بىلىشمۇ نىسىپ بولماسلىقى مۈمكىن . ھەتتا ئۆزىنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى ، ياشاشتىكى مەقسىدىنى بىلمەي يەپ ئىچىپلا دۇنيادىن كېتىدىغانلارمۇ كۆپ. شۇڭا ئەيسا ئايھىسسالام ئۆزىنى كىرستقا مىقلاۋاتقانلارغا قاراپ ، تەڭرىم بۇ ئازغۇن بەندىلىرىڭنى كەچۈرگىن ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ .دەپ تەڭرىدىن ئۇلارنىڭ گۇناھىنى تىلىگەن ئىكەن . تەڭرى ھەقىقەتنىڭ يۈزلىرىدىكى كىرنى تازىلاشقا، ھەقىقەتنى نۇرلاندۇرۇپ ئىنسانىيەتنى ھەقىقىي بەختكە يىتەكلەشكە پەقەت ئۆزىنىڭ تاللانغان يېقىن بەندىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغاچقىمىكىن ، بىر قىسىم ئىنسانلار بىر ئۆمۈر غەم ئەندىشىنى چۆرۈپ تاشلاپ خۇددى ھاياتنىڭ ئاخىرقى چېكى يېتىپ كەلمەيدىغاندەك خىرامان ياشايدىكەن . ئەيساجان ھەيران قالىمەن . كىچىك ۋاقىتلىرىمدا چوڭلارنىڭ پالانىنىڭ زۇۋىلىسى چوڭ ، پالانىنىڭ زۇۋىلىسى كىچىك ئۈزۈلگەن دىگەندەك گەپلەرنى ھازىر ئاڭلىسام كۈلۈپ كېتىمەن .قارىغاندا بىزنىڭ زۇۋىلىمىزنىمۇ كىچىك ئۈزمىگەندەك قىلىدۇ.بىردىن قۇرۇق قالساق يەنە بىردە چوڭ-چوڭ نەرسىلەر نىسىپ بولۇشى مۈمكىن. ھەيران قالدىم ئەيساجان .« پاختا ۋەقەسى» نى ئاشكارىلىغانلىق سەۋەپتىن نۇرغۇن باتىنى نەرسىلەر زاھىر بولدى. ئەڭ يېقىن ئادەملىرىم ، دوستلىرىم ، مېنى ھەقىقەتنى سۆيگەنلىكىم ، خەلققنىڭ بەختى ئۈچۈن كۆيگەنلىكىم ئۈچۈن بېشىدا ئېلىپ كۆتۈردى . ئەمما ئەتراپىمدىكى بىر ئوچۇم كىشىلەر خۇددىي پارازىت قۇرۇتتەك پاك جسمىمغا يېپىشتى. ھاياتنىڭ ئەڭ ئالىي پەللىسىنى جىمجىتلىق ئىچىدە جان ساقلاش ئەندىزىسى قىلىۋالغان ، ئىشەكنىڭ كۆتىگە ئاپتاپ چۈشسە قولىنى قاقلاشقا كۆنۈپ كەتكەن ، ھەقىقەتنى كۆرسىمۇ ئۆز تىرىكچىلىكى ، ئۈز مەنپەتى ئۈچۈن  ئۇنىڭغا كۆز يۇمۇپ  ئاقنى قارا قىلىۋېتىدىغان، قەدىمقى  روسىيە يايلاقلىرىدىكى ماڭقۇرۇت كەبىي ئىنسانلارنى كۆردۈم. شۇنداقلا ئۆز قويلىرىنى ئۆز قولى بىلەن باغلاپ بۆرىنىڭ ئالدىغا تاشلاپ بېرىدىغان ، ئىچى ئۆچمەنلىك بىلەن تولۇپ كەتكەن تولىمۇ خەسىس، ھاماقەت، ۋىجدان غۇرۇرىنى يوقاتقان مەنسەپ ئۈچۈن ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايدىغان ،ئۈز ھاياتىنىڭ تىزگنىنى قاراقچىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ شۇ تىزگەن بويىچە زەررە-زەررە ھاياتلىق تىلەپ ياشايدىغان شالىنى چاچرىتىپ تۇرىدىغان ،تاقىر باش بولۇپ كەتكەن لەقۋا پادىچىلارنىمۇ كۆردۈم . ئۇلار مېنى يەپ كېتەلمىدى ئەمما ئازراق زېدە قىلدى. ئەمما قەلبىمدىكى پارتىلىماي تۇرغان پۇررۇخ تۇڭىغا ئوت ياقتى . شۇكرى، ھېلىمۇ رەھمەتلەر بىلەن مەن ئاشۇنداق پادىچى بولۇپ يارىتىلماپتىمەن .بولمىسا مەنمۇ ھەقنى ناھەقكە ئارىلاشتۇرۇپ يالغان شاھىد ئىگىسى بولۇپ ھىساپ بەرسەم قانداق قىلار ئىدىم؟!  قاچانلاردا بىر يازمىدا ، ئەگەر ئىنسان تارەتخانىدىلا يۈرۈپ نىجاسەتنىڭ سېسىق پۇرىقىغا كۆنۈپ قالسا ، ساپ ھاۋانى كۆرسە ئۇنىڭغا ماسلىشالماي ئاغرىپ قالارمىش .مەن ئېلىپ كەلگەن ساپ ھاۋا شۇنداق بىر قىسىم كىشىلەرگە قاتتىق رىئاكسىيە قىلدى . ئۇنى نۇرغۇنلىرى قوبۇل قىلالمىدى.مېنى ساپ ھاۋادىن نەپەسلەندۈرۈپ تۇرغۇچى روھقا مىڭ شۈكرى.

  سىزچۇ ئەيساجان ؟! سىز مەنسەپ تونىنى كىيمەيمەن دەپ سېلىۋەتسىڭىز باشقىلار ئۇنى مەجبۇرى كىيدۈردى .سىز يەنە ئۇنى كەسكىنلىك بىلەن سېلىۋەتتىڭىز .ئۇ توندىن خېلى بۇرۇنلا سەسكەنگەنلىكىڭىزنى ئېيقان ئىدىڭىز .مەن مېنىڭ ئەتراپىمدىكى ئەمەل تەلۋىلىرى بىلەن سىزنى روشەن سېلىشتۇرما قىلدىم. سىزنىڭ نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىڭىزنى نۇرغۇن ھاماقەتلەر مەڭگۈ بىلمەسلىكى مۈمكىن . خۇددىي مېنى« تىنىچ جېنىنى ساقلىسا بولمامدۇ» دىگەندەك ، سىزنىمۇ « ئاشۇنداق ئورۇندا تۇرۇپ راھەتنىڭ پەيزىنى سۈرسە بولمامدۇ؟» دېگەنلەر خېلى كۆپ بولدىغۇ دەيمەن. بىراق تۇغۇلۇشىدىنلا ئەرك سۈيى بىلەن سۇغۇرۇلغان يۈرەك، ساپ ئۇغۇز سۈتى بىلەن ئارىلاش ئاققان قان ، ھاياتنىڭ مەنىسىنىى ھەقىقى چۈشەنگەن روھ ئۈچۈن ئاشۇنداق ئەمەل تونلىرىنىڭ ،كىرپە كەبىي ھاياتنىڭ  نەقەدەر ئەرزىمەس نەرسە ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلسە ئىدى كاشكى! ئەمما ئۇنى بىلىدىغان ئىمانى ئەركەك كىشىلەرمۇ ساناقلىقلا ئەمەسمۇ  ؟. ۋىجدان، غۇرۇرىنى  يوقاتقان  يەپ ئىچىشنىلا ، كىيىشنىلا كەسىپ قىلىپ ياشاشنىڭ قانچىلىك قىممىتى ۋە ھىممىتى بولسۇن؟!

شۇنداق قىلىپ مەن ئۇچۇپ ، قاڭقىپ خەلقىمنىڭ باغرىغا چۈشتۈم .چۈنكى خەلقىمنىڭ يەنىلا باغرى يۇمشاق ئىدى . كۆڭلى ئاق ، خەسىسلىكتىن يىراق ئىدى . تۇيغۇلىرىم شۇنداق لەززەتتە .بولۇپمۇ قولۇمغا قەلەم ئالغىنىمدا تېخىمۇ روھلىنىپ كېتىدىغان بولۇپ قالدىم . ساپ ھاۋادىن قانغۇدەك نەپەس ئېلىپ ، بەدىنىمدىكى بۇرۇن يۇپۇشۇپ قالغان بەدبۇي پۇراقلارنى تازىلىۋاتىمەن . ئالدىمدا سۈزۈك دۇنيا . سىزگە مۇشۇ خەتنى يېزىۋېرىپ تولىمۇ راھەتلەندىم . چۈنكى مېنڭ  دەرتىمنى ئازراق بولسىمۇ چۈشۈنۈپ تارتىشىپ بېرىسىز ئەمەسمۇ؟ شۇڭا سىز توغرۇلۇق كۆپ يازماي ئۆزەم توغرۇلۇق كۆپرەك سۆزلىدىم. چۈنكى بۇرۇنمۇ سىزنىڭ ئاچچىق قەترىلىرىڭىزدىن تېتىپ قاتتىق سىلكىنىپ ئۆزۈمنى قايتا تېپىۋالاتتىم. شۇڭا يەنە كۆڭلۈم سىزنى خالاپ ئاچچىق چايلىرىڭىزدىن بىر قەدەھ ئىچىۋالسام يېتىرقاشتا چاك بولغان يۈرىكرىمنىڭ بېغىشىغا تەگسە ئەجەپ ئەمەس. ئەيساجان ، بۇنىڭدىن كېيىن قەلەمنى تاشلاپ قويمىسىڭىز !سىزنىڭ ئىلھاملىرىڭىزغا جۈر بولۇپ مەنمۇ داتلاشقان قەلەملىرىمنى قولۇمغا ئېلىپ كىرلىشىپ كەتكەن دۈۋەتلىرىمنى تازىلاپ يېڭى سىياھ بىلەن تولدۇرۇپ ناخشامنى بىرگە توۋىلاپ ئاخىرقى پەللەگە يەتسەم، پەردىلەنگەن دىللارنى ، كور بولغان كۆزلەرنى گاس بولغان قۇلاقلارنى داۋالاش،ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىنى ھەقىقەت نۇرى بىلەن يورۇتۇشقا تېرىشىپ باققۇم بار.

ئاخىرىدا سىزگە ئامانلىق تىلەپ تۆۋەندىكى ئىسمى ئېسىمدە قالمىغان بىر شائېرنىڭ شىئېرىي بىلەن خېتىمنى ئاخىرلاشتۇراي.

قاغا
قارلىغاچنى ئوغرى دىدى
سېغىسخان
بۇ دىگىنىڭ توغرا دىدى
تۇرۇلغا بۇنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى
ئوغرىلارنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ يەتتتى.
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-09-09, 13:21
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-09-09 00:29 |
mamat.habiybul
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8196
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 216
شۆھرەت: 1165 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1190 سوم
تۆھپە: 703 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 728 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 98(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ نەسىرىي ئۇسلۇپتا  يېزىلغان سالام  خەتكەن ئەسلى ... ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر  بۇ ئېچىۋېتىلگەن خەتتىن  نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلىۋالدۇق .
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-09 15:41 |
madinyat
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10298
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5 سوم
تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشىمۇسىز ؟مەنمۇ سىزگە ئوخشاش <مالچىمەن>يازخان خېتىگىزنى تەپسىلى ئۇقۇپ چىقتىم ،سىزنىڭ زەبىگە ئۇچىرغان شۇ يۈرىكىڭىزگە دورا بىرىشنى خالايمەن ،پۇرسەت بولسا كۈرىشىپ مۇڭدىشايلى ،مەنمۇ ئەتىراپىمىزدىكى ئەمەل تاماسىدىكى كىشىلەرنى ئەدەپلەشنى ئويلايمەن.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-10 18:44 |
kayguluk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2942
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 12
شۆھرەت: 65 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 75 سوم
تۆھپە: 38 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 38 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇشۇ ئەيساجاننىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى بىر خىزمەتدىشىمنىڭ خاتىرىسىدىن بىسوراق ئېلىۋېلىۋىدىم.نەچچە ئۇراي دەپ تەمشىلىمەن-يۇ،جۈرئىتىم يەتمەي تۇرۇپ قالىمەن توۋا.قارىغاندا پاراڭنىمۇ قاملاشتۇرۇپ قىلالمايدىغان بولسام كېرەك.ئارىمىزمۇ يىراق ئەمەستى.يوقلاشنى،دىدارلىشىشنى خىيال قىلىمەن تېخى...
  تېمىنى كۆرۈپ ئۆزەم قايىل بولىدىغان كىشى بىلەن يەنە بىراۋنىڭ سوقا-سۆھبىتىنى خۇپىيانە ئاڭلاۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەپ قالدىم.
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-11 00:07 |
apollo
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8335
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 35
شۆھرەت: 204 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 212 سوم
تۆھپە: 123 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 131 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 37(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەيساجان ئاۋۋال بىر پەزىلەت ئىگىسى! سىزدىمۇ خېلى دىت بار ئىكەن. ئامان بولغايسىز. مەن ئەيساجان تۇردى ئاچچىق بىلەن ھەر قېتىم كۈرۈشسەم ھالىمىز قالماي سىرىدىشىدىغاننىڭ بىرى.
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-11 00:07 |
umudwar0998
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5470
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5 سوم
تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-01-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

خلى بولدى بۇ ئاكىمىزنىڭ رۇھى شىپا ئەسەرلىرنى كۆرمىگىلى .........
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-11 14:23 |
atatag
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10316
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5 سوم
تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تەسىراتنى ياخشى يېزىپسىز. ئەيساجاندائەسەر يېزىشتا يىتۈك قابىليەت،بەدئىي ئىستىدات بەك يۇقۇرى.
يېقىندا ئەيساجان كەلپىن ھەققىدە يەرلىك دەرس تۇزۈشكە كىرىشتى. بۇ بەك ئىسىل،قىممەتلىك ماتىريال بولۇپ قالغۇسى.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-11 18:42 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تورداشلار ئىجادىيتى