قومۇلدىكى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى خەتتاتلىق رەسىم كۆرگەزمىسى
يۈسۈپ نەمەنشاھ
2012 -يىل 7-سىنتەبىر ئەتتىگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت يەتتىدە قومۇل مۇزىيىدا 28-قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش خەتتاتلىق ،رەسىم ،قەغەز ئويما كۆرگەزمىسى ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.كۆرگەزمە 13-سىنتەبىر ئاياقلىشىدۇ.كۆرگەزمىگە قومۇل ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى مائارىپتا ئىشلەۋاتقان خەتتات رەسساملارنىڭ 260 پارچە ئەسىرى قويۇلۇپ باھالاندى.بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ ئۆتكۈزۈلىشى مائارىپتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنى بەكمۇ سۆيۈندۇردى.ئۇلارنىڭ گۈزەللىككە تولغان ئارزۇ ئۈمۈدلىرى ئىننچىكە ئىشلەنگەن سەنئەت ئەسەرلىرىدە ئىپادىلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ گۈزەللىككە بولغان تەلپۈنىشى ئەكىس ئەتتۈردى.شۇنداقلا ئەسەرلەردە باغۋەنلەنىڭ سەنئەت قارىشى ،ئىجادىيەت ئىلھامى،يوشۇرۇن ئىقتىدارى نامايەن قىلىنىپ ،ئۇلارنىڭ كۆپ قىرلىق تالانتىنى نامايەن قىلىندى .شۇڭا كۆرگەزمە ئىشتىراكچىلىرى ئەسەرلەرنى سۆيۈنۈش ئىلكىدە كۆردى.بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلارغا سۇنۇلغان كاتتا سوغا بولۇپ قالدى .پائالىيەتتىكى سۈرەتلەر
[ بۇ يازمىنىhawarدە2012-09-10 10:29قايتا تەھرىرلىدى ]