توردا بار
(ئېنتېرنېت تەسىراتىم)
كۆرۈپ تۇردۇم ھەر كۈنى تۈرلۈك خەۋەر توردا بار،
ئۈگەنمەككە بەل باغلاي بىلىم-كەۋسەر توردا بار،
ھېدى تېگەر دىماققا مۇشكى ئەنبەر توردا بار،
ئوكيانىدۇر ئىلىمنىڭ سۈزسە جەۋھەر توردا بار،
كۈلكە،ئەبجەش كەيپىيات،قايغۇ-دەرتلەر توردا بار.
زىيارەت قىپ ئۆيۈمدە ئايلىنىمەن دۇنيانى،
يەلكەن بولۇپ ئۈزەرمەن خىيالىمدا دەريانى،
بەردى ماڭا ئېنتېرنېت ئەقىل-ئىدراك،دەرماننى،
دەل شۇ كۈنى ئاڭلايمەن بۈگۈن كەلگەن پەرماننى،
ئارىلايمەن كۈندە مىڭ سەھرا-شەھەر توردا بار.
تەسىرلەنمەي تۇرامدىم يازمىسىدىن ئاقىلنىڭ،
چۇۋۇپ تۇرار مېزىنى مۇناپىقنىڭ-قاتىلنىڭ،
ماھىيىتىنى بىلدۈردى مۆتىھەمنىڭ-ئاجىزنىڭ،
بىلىۋالدۇق ئەپتىنى مۇتەئەسسىپ جاھىلنىڭ،
دىمەك ئويغاق زىيالى ۋەتەنپەرۋەر توردا بار.
ھەق دىگەنكەن كىم دىسە تورنى<< جاھان ئەينىكى>>،
بولار ئۇندا نامايەن ئىزدەنگەننىڭ ئەمگىكى،
ئىكەن گاھى بىكارچى زىرىككەننىڭ ئەرمىكى،
يازما يازساق ماختىنىپ باركەن تەنبىھ -تەستىكى،
چالما-كېسەك،تاش-توقماق،سېسىق گەپلەر توردا بار.
شېئىر-قوشاق،پىليەتۇن،ماقال،رومان،ھېكايە-
يازار ئىكەن يازغۇچى بەكمۇ سىلىق-سىپايە،
تەسىر قوزغاپ قوياركەن ئۆتكۈر ھەجۋىي-كىنايە،
بەك قوپالكەن ئوقۇسام بەزى ئىنكاس-ئىبارە،
ئەفسۇسلۇنۇپ قارايمەن ئوغا-زەھەر توردا بار.
باركەن بىلسەم توردىمۇ نادانلىرى-لۈكچىكى،
ئاللا چۇقان سۈرەركەن چاقچاق قىلسا شۇنچىكى،
تىللايدىكەن ئەسەرنى ياخشى يازساڭ قانچىكى،
سايرايدىكەن يېقىمسىز ھۇقۇش بولۇپ تۈندىكى،
كۆرەلمەسلىك،يالقاۋلىق دىلغا زەرەر توردا بار.
توردا تەركىپ مۇرەككەپ ياخشىلارمۇ كۆپ ئىكەن،
سۈزى قايماق،كۆڭلى ئاق،پاختىلارمۇ كۆپ ئىكەن،
كىنو،ئىتوت،كۈلدۈرگە،ناخشىلارمۇ كۆپ ئىكەن،
سۇپى،ئىشان،داموللا،باخشىلارمۇ كۆپ ئىكەن،
گاھى شەربەت،گاھ شېكەر،بەلكى نەشتەر توردا بار.
پات-پات قىزىپ قالىمەن توردا تىما يازاي دەپ،
چىرىكلىكنى پاش قىلىپ يىلتىزىدىن قازاي دەپ،
نەيزە قىلىپ قەلەمنى ياۋ كۆكسىنى ياراي دەپ،
ئاچكۆزلەرنى مات قىلىپ نەگە بارسام باراي دەپ،
لېكىن ماڭغا كۆز-قۇلاق خېيىم-خەتەر توردا بار.
مەۋھۇم دۇنيا بولسىمۇ قىلماق زۇرۇر ئېھتىيات،
دەۋەتتىغۇ كىم-كىملەر:<< تور كۆرگەنگە پەندىيات>>،
زىيان سالدى بەزىگە تەرەققىيات-كەشپىيات،
بىز تاپمايلى بىھۇدە ئۆزىمىزگە مۇشكىلات،
ھەر جۈملىگە بىر تەھلىل،ساقچى-لەشكەر توردا بار.
********
مەنبە:ئۆزقەلىمىم(ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي)