saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 1684 قېتىم كۆرۈلدى
togrulbek
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9312
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 363
شۆھرەت: 1998 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1994 سوم
تۆھپە: 1166 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1167 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 355(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 مۇقەددەس «ۋەھىي»---قۇرئان  كەرىم

مۇقەددەس «ۋەھىي»

«قۇرئان كەرىم» ناملىق كىتاب

 
مەنبە: شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى نەشرىياتى نەشىر قىلغان كىتاب:
‹‹ دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 كىتاب (ئۇيغۇرچە)››

تەرجىمە قىلغۇچىلار:ئەركىن نۇر ،ئابدۇۋايىت قاسىم

 

 
       «قۇرئان كەرىم» ئىسلام دىنىنىڭ دەستۇرى. «قۇرئان» سۆزى ئەرەبچە ئاتالغۇ بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلىي مەنىسى «قىرائەت قىلىش» دېگەنلىكتۇر، يەنى ئۇ ئەھليى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي تۇرمۇشى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدا قىرائەت قىلىشى (قىرائەت قىلىش---قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ ئۈنلۈك ئوقۇشنى كۆرسىتىدۇ) ئۈچۈن نازىل قىلىنغان. دەلىللەرگە ئاساسلانغاندا، «قۇرئان كەرىم» دىكى ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاللانىڭ «سۆزلىرى» بولۇپ، «ساماۋى كىتابنىڭ (ساماۋى كىتاب---ئاللانىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كەرىمنى كۆرسىتىدۇ) ئەسلىي نۇسخىسى» دا قەيت قىلىنىشىچە، ئاللا مەلەك مۇقەررەبنى (مەلەك مۇقەررەب---ئۇلۇغ پەرىشتە) ئاخىرقى پەيغەمبەر (ئاخىرقى پەيغەمبەر---خاتىمۇل ئەنبىياھۇ دېيىلىدۇ، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنى كۆرسىتىدۇ، بۇ يەردە ئىسلام دىنىدىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغان ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر، ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ دۇنياغا پەيغەمبەر ئاپىرىدە قىلىنمايدۇ، دەيدىغان قاراش كۆزدە تۇتۇلغان) مۇھەممەد ئەلەيھىسالام (تەخمىنەن مىلادىيە 570-632-يىللىرى) نىڭ بىر قىسىم ئايەتلەرنى تارقىتىشى ئۈچۈن ئەۋەتكەن، كۆپ قىسىم ئايەتلەرنى ئاللا مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا بىۋاستە چۈشۈرگەن (نازىل قىلغان). ئۇدا ئۈزمەستىن شۇ تەرىقىدە 23 يىل چۈشۈرگەن. ئېيتىلىشىچە، ئەڭ دەسلەپ چۈشۈرۈلگىنى: «ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن.....ئۇ، ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى (بۇ يەردە قۇرئان كەرىمنىڭ 96-سۈرىسى ئەلەف ‹ئەلەف ـــ لەختە قان دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ›نىڭ 1-ۋە 5-ئايەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ،بۇ سۆرە جەمئىي 19 ئايەت بولۇپ،تولۇق تېكىستى مۇنداق: ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن؛(1)ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى(2)ئوقۇغىن،پەرۋاردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر(3)ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يىزىشنى)ئۆگەتتى(4)ئىنسانغا  بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى(5)شەك-شۆبىھسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (ئاللاغا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)،راستىنلا ھەددىدىن ئاشىدۇ(6-7)(ئى ئىنسان)بارىدىغان يېرىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر(قىلمىشىڭغا قاراپ جازاغا ياكى مۇكاپاتقا ئېرىشىسەن)(8)ناماز ئوقۇۋاتقان  بەندە (مۇھەممەد ئەلەيھىسالام)نى توسۇغان ئادەمنىڭ (ھالىنى)ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟(9-10)ماڭا (ئۇنىڭ ھالىنى)ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ(ھەددىدىن ئاشقۇچى)(نامازنى توسۇشنىڭ ئورنىغا) توغرا يولدا بولغان بولسا(11)،ياكى تەقۋادارلىققا ئەمىر  قىلغان بولسا  (بۇ  ئۇنىڭ ئۆزى ئۆچۈن ياخشى بولماسمىدى؟)(12)،ماڭا  ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (قۇرئاننى) ئىنكار قىلسا،ئىماندىن (يۈز  ئۆرىسە) (13)ئاللا نىڭ (ئۇنى)كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى  بىلمىدىمۇ ؟  (14)ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن ،ئەگەر  ئۇ  بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم  ئۇنىڭ كۇكۇلىسىدىن—يالغانچى گۇناھكارنىڭ  كۇكۇلىسىدىن  تۇتۇپ (جەھەننەمگە)سۆرەيمىز(15-16).ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى (ياردەمگە)چاقىرسۇن!(17).بىز زابانىيلار   (جەھەننەمنىڭ كۈچلۈك               ---قاتتىق  قول  پەرىشتىلىرى)نى  چاقىرىمىز (18) .(بۇ فاجىر گۇمراھلىقتىن )يانسۇن! ئۇنىڭغا ئىتائەت  قىلمىغىن (ئاللا غا) سەجدە قىلغىن (شۇنىڭ بىلەن ئاللاغا) يېقىنچىلىق ھاسىل قىلغىن(19)››.

        ئەڭ ئاخىرقى ۋەھىي: «بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم ( بۇ ‹‹ قۇرئان كەرىم›› نىڭ 5- سۈرىسى ‹‹مائىدە››(مەدىنەدە  نازىل بولغان،120 ئايەت)نىڭ  3- ئايىتى بولۇپ ،بۇ ئايەتنىڭ تولۇق تېكىستى مۇنداق:‹‹ سىلەرگە  ئۆزى  ئۆلۈپ قالغان ھايۋان ،قان،تۇڭگۇز گۆشى  ئاللادىن غەيرىيىنىڭ(بۇتلارنىڭ)نامى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋان،بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان،ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان،(ھايۋانلار تەرىپىدىن)ئۆسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان،يىرىتقۇچ ھايۋانلار يېرىپ ئۆلتۈرۈپ يىگەن ھايۋان(نىڭ گۆشىنى يېيىش)ھارام قىلىندى.لېكىن (يۇقىرقى بەش تۈرلۈك ھايۋاندىن جېنى چىقمىغان چاغدا)بوغۇزلىغىنىڭلار ھالال  بولىدۇ ھەمدە بۇتلارغا ئېلىپ بېرىلىپ ئۇنىڭ يېنىدا بوغۇزلانغان ھايۋانلار ھارام قىلىندى.ئەزلام(جاھىلىيەت دەۋرىدە پال ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئۈچ پارچە ياغاچ) بىلەن پال  سېلىشىڭلار ھارام قىلىندى،بۇ،گۇناھتۇر، كاپىرلار بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلار(نى يوقىتىش)دىن ئۈمىدىنى ئۈزدى،ئۇلاردىن قورقماڭلار،مەندىن قورقۇڭلار.بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم،سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم،ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم،كىمكى ئاچلىقتا ئىلاجىسىزلىقتىن،گۇناھىنى مەقسەت قىلماستىن(ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى يېسە گۇناھ بولمايدۇ)،ئاللا مەغپىرەت قىلغۇچىلاردۇر ،بەندىلىرىگە  ناھايىتى مېھرىباندۇر››)

  
        بېشارەت بەرگۈچى قۇرئاندا زىكرى قىلىنغان سۈرىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ «تىلى» يەنى ئەرەب تىلىدا نازىل قىلىنغاندۇر. ئوتتۇرا ئەسىردىكى تەپسىر ئېيتقۇچىلار، بېشارەت بەرگۈچىنىڭ مۇقەددەسلىكىگە ئاساسەن ئۇنىڭغا 55 خىل نام بەرگەن، ئۇنىڭ ئارىسىدا كۆپ ئىنسان بىلىدىغانلىرىدىن «بىشارەت بەرگۈچى»، «ھەق»، «نۇر»، يېتەكلىگۈچى» دېگەندەكلەرنىڭ كېيىنچە مۇسۇلمانلار ئادەت سۆزلىرى سۈپىتىدە ئىشلىتىدىغان بولغان.

      مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ھايات ۋاقتىدا ۋەھىيلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۈزۈلمەي چۈشۈپ تۇرغان بولسىمۇ، «قۇرئان كەرىم» توپلاپ رەتلەنگەن ئەمەس. مۇھەممەد ئەلەيھىسالام «قوبۇل قىلغان» ۋەھىي-بېشارەتلەر ساھابىلەر (مۇخلىش-شاگىرتلىرى) ئارقىلىق ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن. سادىق ساھابىلەر ۋەھىي-بېشارەتلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يا يادلىۋالغان، يا سۆڭەك پارچىلىرى، تاش ۋە تېرىلەرگە پۈتۈۋېلىشقان. 633-يىلى يەمامە ئۇرۇشىدا، قۇرئان سۈرە-ئايەتلىرىنى تولۇق يادا بىلىدىغان ئۆلىمالار ئىسلام دىنى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى بېغىشلىغان. بۇ چاغدا تېخى خەلىپلىك ئورنىغا ۋارىس بولۇپ ئولتۇرمىغان ئۆمەر بۇ مەسلىنىڭ ئېغىرلىقىنى تونۇپ يەتكەنىدى، ئۇنىڭچە بولغاندا، ئەگەرچەندە ئاللانىڭ بۇ ۋەھىي-بېشارەتلىرىنى توپلاپ رەتلىۋالمىغاندا ئۇلارنىڭ يوقىلىپ كېتىش خەۋپى ئېغىر ئىدى. ئۇ خەلىپە ئەبۇ بەكرىگە (634-632-يىللىرى) بۇ پىكرىنى يەتكۈزگەن. ئەبۇ بەكرى سۈرىلەرنى سۇدەك بىلىدىغان زەئىدى ۋە باشقا بىرنەچچە داڭدار موللىلارنى ئورۇنلاشتۇرغان؛ كېيىن ئۆمەر (634-644-يىللىرىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) بۇ ئىشنى ئۈستىگە ئالغان؛ ئۆمەردىن كېيىن ئۇنىڭ قىزى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ خوتۇنى ھەفىسە (ھەفىسە،قۇرئاندا

         مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ بىر نەچچە ئايالى بارلىقى قەيت قېلىنغان بۇلۇپ، خەدىچىدىن باشقا يەنە ئائىشە، ھەفىسە، سەفۋان دېگەندەك ئاياللارنىڭ نامىمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ) ساقلاپ قويغان. مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ غازات ئۇرۇشلىرى غەلىبىلەرگە ئېرىشىپ، ئىسلام دىنى تارقالغان جايلار ئەرەب يېرىم ئارىلى دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنىدى. ھەر قايسى رايونلاردىكى قۇرئاننىڭ قىرائەت قىلىنىشىدا ئىختىلاپلار كۆرۈلگەچكە، ئۈچىنچى قېتىم خەلىپىلىككە تەيىنلەنگەن ئوسمان (644-656-يىللىرى تەخىتتە ئولتۇرغان) قۇرئانغا پىششىق ساھابىلەرنىڭ بېشىنى بىر يەرگە يىغىپ توغرىلاتقۇزغان ھەمدە كۆپەيتىپ كۆچۈرگۈزۈپ، مەدىنەدە بىر نۇسخا ئېلىپ قويغاندىن كېيىن، يەنە باشقا ئىسلام دىنى تارقىلىدىغان مەركىزىي جايلار (مەككە، دەمەشىق، پەمەن، كۇفە، بەھرەين بەسىرە ئىراقتىكى جاي نامى›قاتارلىق جايلار) غىمۇ يەتكۈزۈپ بەرگەن؛ ئۇ بۇنى «قۇرئان كەرىم» نىڭ «بېكىتىلگەن نۇسخىسى» (مۇسھەق ياكى «ئوسمانىيە نۇسخىسى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ ھازىرقى قۇرئاننى كۆرسىتىدۇ) بولۇشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن، شۇنداقلا باشقا جايلاردىكى قۇرئاننىڭ ھەر خىل نۇسخىلىرىنى كۆيدۈرۈپ يوقىتىشقا يارلىق چۈشۈرگەن.
      مۇقەددەس «قۇرئان كەرىم» نىڭ بېكىتىلگەن نۇسخىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭدا جەمئىي 30 پارە، 114 سۈرە، 6200 دىن ئارتۇق ئايەت بار. «قۇرئان كەرىم» نىڭ ھەر بىر سۈرىسىنىڭ (9-سۈرە «ئەل تەۋبە» (مۇتەرجىمۇلقۇرئان (‹‹قۇرئان كەرىمنى››نى تەرجىمە قىلغۇچى) مۇھەممەد سالىھنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىدا ئۇ ‹‹تەۋبە›› دەپ قىسقارتىپ ئېلىنغان) دىن باشقا بارلىق سۈرىلەرنىڭ) ھەممىسى ئايەتلەرنىڭ بىسمىللاسى بولغان «ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن» دىن باشلىنىدۇ. ئۇ ئەرەبچە تەسمىيە (ئەرەبچە سۆز بۇلۇپ، بىسمىللا دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ) دېيىلىدۇ، مەنىسى «بىسمىللا» دېمەكتۇر. ئەھلى مۇسۇلمان قىرائەت قىلىشتىن ياكى ئايەت ئوقۇشتىن ئاۋۋال ھەمىشە «ئەئۇزى بىللاھى مىنەششەيتانى رېجىم، بىسمىللاھىر رەھمانى رەھىم» يەنى «سەن قۇرئان ئوقۇماقچى بولغىنىىڭدا، قوغلاندى شەيتاننىڭ (ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاغا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن» (قۇرئان كەرىمنىڭ 16-سۈرىسى (نەھل—ھەسەل ھەرىسى،دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ) نىڭ98-ئايىتى) دەيدۇ. قۇرئاننىڭ بىرىنچى پارىسىنى تاماملاپ، بىر ئېغىز «ئامىن!» دەۋىتىدۇ، بۇ «ئى رەببىم، تىلىكىمىزنى ئىجابەت قىلغايسەن!» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان ياخشى تىلەك سۆزلىرىدۇر. بەزىلەر ئىككىنچى پارىنى تاماملاپمۇ «ئامىن!» دىيىشىدۇ، بىز باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، «قۇرئان كەرىم» قىرائەت قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان، شۇڭا، ئوتتۇرا ئەسىردىكى تەپسىرچىلەر پارە، سۈرە، ئايەتلەردىن باشقا پۈتۈن قۇرئان تېكىستىنى 60 باسقۇچ ياكى 7 مەنزىلگە (قەدەم) بۇلۇپ، ئەھلى مۇسۇلماننىڭ  60 كۈن (يەتتە كۈن) يەنى ھەر كۈنى بىر باسقۇچ (بىر «مەنزىل»)، 30 پارە بولسا بىر ئايدا قىرائەت قىلىپ تاماملىنىپ بولۇش ئۈچۈن شۇنداق شەكىلدە نازىل قىلىنغان دەپ قەيت قىلىشىدۇ.

        «قۇرئان كەرىم» تەتقىقاتى ۋە تەپسىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تەپسىرشۇناسلىق ۋە ئىلمىي قىرائەتشۇناسلىق (ئىلمىي تەجۋىد ‹ئىلمىي تەجۋىدــــ قارىيلىق ياكى قۇرئان تىلاۋەتشۇناسلىقى›) ئىلىملىرى پەيدا بولغان. تەپسىرچىلەر سۈرە-ئايەتلەرنىڭ يېنىغا بەلگە ئۇرۇپ، سۈرە ئىسمى، ئايەت سانى، ئايەتلەرنىڭ نازىل بولغان ئورنى ھەمدە ھەر قايسى ئايەتلەرنىڭ ئوقۇلۇشى (تەلەپپۇزى)، قىرائەت قىلىنىشى، سەجدە ۋە رۇكۇ ۋاقتىدا ئوقۇلىدىغان ئايەتلەر دېگەندەكلەر خاتىرلىنىدۇ. ساۋاق بېرىش، يادلىنىش، «قۇرئان كەرىم» نى كۆچۈرگۈزۈش خاسىيەتلىك ئىش دەپ قارىلىپ تەرىپلىنىدۇ.

        «قۇرئان كەرىم» نىڭ نازىل بولغان ۋاقتى ۋە ئورنىغا ئاساسلانغاندا، قۇرئاننى يېشىپ چۈشەندۈرگۈچى تەپسىرچىلەر سۈرە-ئايەتلەرنى «مەككىدە نازىل بولغان» ۋە «مەدىنىدە نازىل بولغان» دەپ ئىككىگە ئايرىيدۇ؛ «مەككىدە نازىل بولغان» سۈرىلەر 86 بولۇپ، پۈتكۈل سۈرىلەرنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى تەشكىل قىلىدۇ، «مەدىنىدە نازىل بولغان» سۈرىلەر 24 بولۇپ، ئومۇمىي سۈرىلەرنىڭ ئۈچتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، «مەككىدە نازىل بولغان» سۈرىلەر دىنىي مەزمۇنلارنى ئاساس قىلغان بولسا، «مەدىنىدە نازىل بولغان» سۈرىلەر ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئاساس قىلىدۇ، ئەمما بۇنداق ئايرىلىش ئۇنچىۋالا ئىنچىكە ئەمەس. كونكرېت ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئاسالىق مەزمۇنىلىرى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ:

         بىرىنچى،
 مۇسۇلمان ئەھلىنىڭ ئاساسىي ئېتىقادى بولغان ئىمان (ئاللاغا ئىمان ئېيتىش، ئاللانىڭ پەرىشتىلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئاللانىڭ رەسۇلى ياكى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئاللانىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئاللاتائاللانىڭ كىتابى بولغان قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرۈش، قىيامەت كۈنىگە ياكى ئاخىرەتكە ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىدىغانلىقىغا، تەقدىر-پېشانىگە ئىمان كەلتۈرۈش) ۋە بەش پەرھىز (ئىمان كەلىمىسى [ئىمان ئېيتىش‹ئىمان كەلىمىسى ــــ كەلىمە تەييىبە، يەنى لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممىدۇن رەسۇلۇللا،دىگەن ئايەتنى كۆرسىتىدۇ›]، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، ئۆشىرە-زاكالەت بېرىش، ھەج-تاۋاپ قىلىش)، شۇنداقلا يۇقىرىدىكى پەرزلەرنى ئادا قىلىشنىڭ پاك (ھالال) قائىدە-يوسۇنلىرى. بۇ ئىمان ئېيتىشلار ۋە پەرزلەر ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ؛ ئەمىلىي مۇسۇلماننىڭ ئاللا بىردۇر دەيدىغان ئېتىقادقا ئىشىنىشى ۋاجىپتۇ، بۇ ئىسلام دىنىنىڭ يادرولۇق ياكى ماھىيەتلىك نۇقتىسى.

ئىككىنچى،
 مۇسۇلمانلار ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر تۈركۈم شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ ئۆلچىمى (ئالايلۇق، شەرم-ھايا، تەقۋادارلىق، ئاللاغا ئىتائەت قىلىش، كەمتەر ۋە خۇش پېئىلللىق، تېجەشلىك-ئىقتىسادچىل بولۇش، سەۋر-تاقەتلىك بولۇش، ئۆزىنى سوراش، خەير-ساخاۋەت ياكى ساۋابلىق ئىش قىلىش، يېتىم-يېسىر ياكى يوقسۇللارغا يار-يۆلەك بولۇش......)، ھالال-ھارام (مەسىلەن: قان، تۇڭگۇز گۆشى، مەينەت، يېگىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنى يېمەسلىك)، مەنئىي قىلىنىشلار (بۇتقا چوقۇنماسلىق، خۇن تۆكمەسلىك، ئوغرىلىق قىلماسلىق، زىناخورلۇق قىلماسلىق)، مۇقەددەس «قۇرئان كەرىم» نىڭ بەزى سۈرە-ئايەتلىرى ناسارا (خرىستىئان) ۋە يەھۇدىي دىنىنىڭ «ئون پەرھىز»(خرىستىئان  ۋە يەھۇدىي  دىنىنىڭ‹‹ئون پەرھىز ›› دېگىنى مۇنۇلار  ئىدى :(1)بىردىنبىر تەڭرى  بولمىش يەھۋاغىلا چوقۇنۇش، ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھلارغا  چوقۇنماسلىق؛(2) بۇتلارنى ياسىماسلىق ۋە  بۇتقا  چوقۇنماسلىق؛(3)تەڭرىنى ئېغىزغا كەلگەنچە ئاتىۋالماسلىق ؛(4)دەم  ئېلىش كۈنى (يەكشەنبە) چېركاۋغا بېرىپ ئىبادەت قىلىش ؛(5)ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەت قىلىش؛(6) خۇن تۆكمەسلىك (قاتىللىق قىلماسلىق)؛(7) زىناخورلۇق قىلماسلىق ؛(8) ئوغرىلىق قىلماسلىق ؛ (9) قارا چاپلىغۇچىلارغا يالغاندىن گۇۋاھچى بولماسلىق؛(10) باشقىلارنىڭ خوتۇنىغا ۋە مال –دۇنياسىغا ھېرىس قىلماسلىق )ىنى كۆرسەتمە قىلغان، بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا جېنىنى جان ئېتىشنىڭ ئاساسلىق پرىنسىپلىرى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «قۇرئان كەرىم» دىكى سۈرە-ئايەتلەردە يەنە بۇ پەرھىز-مەنئى قىلىشلارغا پەرۋا قىلماي گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەر تارتىدىغان ھەر تۈرلۈك جازالارمۇ كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

ئۈچىنچى،
 مۇسۇلمانلارنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى (مەسىلەن: نىكاھ-ئۆي، تالاق-ئاجرىشىش، مىراسخورلۇق، يېتىم-يېسىرلىق، ئۆلۈم-يېتىم ئۇزىتىش، دەپنە قىلىش) ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشى (مەسىلەن: ئوقەت-تىجارەت قىلىش، قەرز ئېلىم-بېرىمى، قەرز ئۆسۈمى، قۇل-چۆرىلەر، غازات قىلىش، ئەسىر) قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئەمر-مەرۇپ ۋە ئۆلچەملەر. بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش، جاھاندارچىلىق ۋە ئىبادەت قىلىشىدىكى ئاساسىي پرىنسىپلاردۇر.
      ئەمەلىيەتتە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەزمۇنلار سىياسىي، ئىقتىساد، ھەربىي ئىشلار، جەمئىيەت، دىن، ئېتىكا (شەرىئەت) قاتارلىق تەرەپلەرگىچە چېتىلىدۇ. ئۇ بالدۇرقى سىياسىي بىلەن دىن بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن مۇسۇلمانلار كوممۇنىسى («ئۈممە››) نىڭ قانۇن ۋە تۈزۈملىرىنى قۇرۇپ، كېيىن شەكىللەنگەن ئىسلام دىنى قانۇن-تۈزۈملىرىگە ئاساس سالغان.

تۆتىنچى،
 ئىسلامىيەت مەيدانغا كېلىش مەزگىلىگە دائىر بەزى ئىجتىمائىي تەشەببۇسلار، ئالايلۇق، ساھىللارغا سەدىقە بېرىش، تېجەشلىك-ئىقتىسادچىل بولۇش، يېتىم ئوغۇل، تۇل خوتۇن، ئاجىز-مىسكىنلەر، نامرات-يوقسۇللارغا شاپائەت قىلىش، قۇللارنى ئازاد قىلىش(‹‹قۇرئان كەرىم ›› نىڭ  2- سۈرىسى  ‹‹ بەقەرە ››(سېرىق ئىنەك) دىكى 177-ۋە 178- ئايەتلىرىدە ئىككى يەردە ؛ 4- سۈرىسى ‹‹ نىسا ››(قىز-ئاياللار) دىكى 92- ئايەتتە بىر  يەردە ؛5-سۈرىسى ‹‹ مائىدە››(زىياپەت)تىكى 88-ئايىتىدە بىر يەردە ؛ 16 –سۈرىسى  ‹‹ نەھىل ›› (ھەسەل ھەرىسى)دىكى 75 – ئايەتتە بىر يەردە ؛ 58 – سۈرىسى ‹‹ مۇجادەلە››(ئۆزىنى ئاقلىغۇچى) دىكى 3- ۋە 4- ئايەتلىرىدە ئىككى  يەردە؛ 90 – سۈرىسى ‹‹ بەلەد ››(جاي)دىكى 13-ئايەتتە بىر يەردە بولۇپ جەمئىي توققۇز يەردە  قۇللارنى ئازاد قىلىش ھەققىدە بايانلار  بار ، ئۇنىڭ تىپىكلىرىدىن بىرى بولغان 4 – سۈرە(‹‹ نىسا ››)92-ئايەتتە مۇنداق دېيىلىدۇ :‹‹ قۇلنى ئازاد قىلىش كېرەك،ئازاد قىلىدىغان قۇل تاپالمىغان ئادەم (قۇل ئازاد قىلىشقا قادىر بولالمىغان ئادەم)(تەۋبىسىنى ئاللا نىڭ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن)ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي  روزا تۇتۇشى لازىم››.قىسقىسى،‹‹ قۇرئان كەرىم ›› دە قۇللارنى ئازاد قىلىش مەسىلىسى ئالاھىدە ئەھمىيەت بىلەن قارالغان.)قاتارلىقلارنى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ بوۋاقلارنى تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈش، يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز بېرىپ تۇرۇش، تارازادا ئادىل بولماسلىق ياكى قىسىۋېلىشتەك ھادىسىلەرگە قارشى تۇرىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، بەزى مۇسۇلمان ئۆلىمالىرى ئىسلامىيەتنىڭ «سوتسىيالىزىم» نى (ئىسلامىيەتچە سوتسىيالىزىم) تەشەببۇس قىلغان، بۇ جەھەتتىكى مەزمۇنلارغا دائىر سۈرە-ئايەتلەر ئۇنىڭ نەزەرىيىسى ياكى مۇقەددەس ئاساسى ئىدى.

بەشىنچى،
    ئىمان-ئىتىقاد، مۇقەددەس كىتاب ۋە ئەپسانە-رىۋايەتلەر نۇقتىسىدىن، خرىستىئان ۋە يەھۇدىي دىنى بىلەن ئوخشاش قاراشتا بولۇشقا تىرىشقان. بۇ تۈردىكى سۈرە-ئايەتلەر بىر پۈتۈن سۈرە-ئايەتلەرنىڭ تۆتتىن بىرىنى تەشكىل  قىلىدۇ. مىسالەن، «قۇرئان كەرىم» ئىسلام دىنىنىڭ ئۇ دىنلار بىلەن ئوخشاش بىر خۇداغا ئىشىنىدىغان ۋە چوقۇنىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئوخشاشمايدىغىنى، پەقەت خۇدانى ئاتىشى ئوخشاشمايدىغانلىقىنى، ھەر خىل ئاتىلىدىغانلىقىلا، خالاس. ئىسلام دىنى «قۇرئان كەرىم» گە ئىشنىشىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەنلا قالماستىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىدىن بۇرۇنقى مۇقەددەس دىنىي كىتاب (دىنىي دەستۇر) لارغىمۇ ئىشنىدۇ (جۈملىدىن، «تەۋرات»، «ئىنجىل»، «زەبۇر»، يەنى «شەرىئەتنامە»، «نىجاتنامە»(‹‹ نىجاتنامە ››---خەنزۇچە 
 福音书 بولۇپ ‹‹ گوسپېل››،‹‹ ئىنجىل ››،‹‹ بېشارەتنامە ››،‹‹ نىجاتنامە ›› دېگەندەك ناملار بىلەن ئېلىشقىمۇ بولىدۇ.)، «داۋۇد نەزمىلىرى»)، خرىستىئان ۋە يەھۇدىي دىنىغا ئوخشاپ كېتىدىغان دىنىي قىسسىلەر، ئەپسانە-رىۋايەتلەر ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بىر خۇدالىق دىن ئەقىدىلىرى تارقىتىلغان؛ ئۇنىڭدىن «تەۋرات» (كونا ئەھد) تىكى ئەپسانىۋى زاتلاردىن ئادەم ئاتا، مۇسا ئەلەيھىسالام قاتارلىق 24 ئەۋلىيا-ئەنبىيالار، «زەبۈر» (يېڭى ئەھد) دىكى ئىسا (ھەزرىتى ئەيسا ياكى مەسىھ) مەريەم ئانا قاتارلىق تۆت ئۇلۇغلار بار.

ئالتىنچى،

دىن تارقىتىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، قەدىمكى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى كىشىلەر ئۈلگە قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك قىسسە، ئەپسانە-رىۋايەت ۋە تەمسىللىك ھېكايەتلەر. بۇ جەھەتتىكى مەزمۇنلار ئادەتتە خرىستىئان ۋە يەھۇدىي دىنىدىكى قىسسىلەر، ئەپسانە-رىۋايەتلەر ئارقىلىق ئۆز ئارا بىر-بىرىنى ئىسپاتلىغان، بۇ ئارقىلىق زۆرۈرىي ئىبرەت-ساۋاقلارغا كېڭەيگەن ھەمدە كۆپ خۇدالىق دىنىي ئىتىقاد، بۇتقا چوقۇنۇشقا قارشى تۇرۇش، بىر خۇدالىق دىن بولغان ئىسلام دىنىنىڭ بىردىنبىر ئاللاتائاللاغا ئىمان ئېيتىش، ساۋابلىق ئىش-ئەمەللەرنى كۆپ قېلىش، قىيامەت كۈنى سوراق قىلىنغاندىلا، ئاندىن دوزاخ ئوتىنىڭ دەھشەتلىك كۆيدۈرۈشلىرىدىن ساقلىنىپ قالغىلى، جەننەتنىڭ ھوزۇرىنى سۈرگىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش ئىزھار قىلىنغان.

يەتتىنچى،

 كۆپ خۇدالىق دىنلارنىڭ ساھىبىلىرى، خىرىستىئان مۇخلىسلىرى (ناسارا)، يەھۇدىي دىنى مۇرىتلىرى ھەمدە «ساختا ئەۋلىيالار»، «مۈرتەت-كاپىرلار» نىڭ خىلمۇخىل مۇھاكىمىلىرى خاتىرىلەنگەن. بىر خۇدالىق دىننى يارىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە «مۈرتەت-كاپىرلار» غا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بۇ مەزمۇنلارغا چېتىلىدىغان كۆپلىگەن سۈرە-ئايەتلەر كىرگۈزۈلگەن. مەسىلەن: بەزى بۇتلارنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئادەمنى گۇمراھلىققا ئازدۇرىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئادەمگە قىلچە پايدىسى يوقلۇقى قەيت قىلىنىدۇ؛ خرىستىئان دىنى ئىشىنىدىغان «ئۈچلۈك ۋەھدەت»(ئۈچلۈك ۋەھدەت----خەنزۇچە 三位一体 بولۇپ ،خرىستىئان دىنىدا ‹‹ ئۈچلۈك خۇدا››،‹‹ئۈچلۈك زات ››،‹‹ ئۈچلۈك بىر ›› ياكى تىرى ۋەھدەت دىيىلىدۇ؛ئىسلام دىنىدا بولسا،ئەل سالۇس ،ئەل ئەقدەس،سالۇس ئەقدەس، ئۈچلۈك زات دېيىلىدۇ.)نىڭ بىر خۇدالىق دىن ئەھكامىغا مۇخالىپ كېلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن؛ يەھۇدىي دىنى مۇرىتلىرىنىڭ تەڭرى ۋەھىيلىرىنى بۇرمىلاپ ئۆزگەرتىۋەتكىنىنى، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلگۈچىنىڭ تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەسلىكلىرى قاتارلىقلارنى ئەيىبلەيدۇ.

سەككىزىنچى،
  بەزى سۈرە-ئايەتلەرنىڭ مەزمۇن دائىرىسى چېتىلىدىغان مەسىلىلەر ئاجايىپ كەڭ، جۈملىدىن «غايىپ» (سىرلىق) ياكى يۇشۇرۇن مەنىلىك سۈرە-ئايەتلەرنى دىنىي مۇراسىم ۋە تەبلىغ(تەبلىغ—دىنىي دەۋەت ياكى دىنىي تەشۋىقات ۋە  تەربىيە)ئەمەللىرىنڭ ئانت(قەسەم) سۆزلىرىگە،  مۇناجاتلارغا، تەمسىللەر ۋە ئەپسۇنلارغا ئىشلەتكەن بولۇپ، ئاسمانلار( ئاسمانلار، يەتتە ئاسماننى كۆرسىتىدۇ، ‹‹ قۇرئان كەرىم ›› نىڭ ‹‹ بەقەرە ›› ناملىق 2- سۈرىسى 29- ئايىتىدە : ‹‹ ئاللا يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى سىلەر (نىڭ پايدىلىنىشىڭلار) ئۈچۈن ياراتتى،ئاندىن ئاسماننى يارىتىشقا يۈزلىنىپ ، ئۇنى قۇسۇرسىز يەتتە ئاسمان قىلىپ تاماملىدى ›› دېيىلگەن)زىمىن، كۈن، ئاي، بۇلۇت، يامغۇر، يۇلتۇزلار، نۇر-زىيا، يەر تەۋرەشكە ئوخشاش تەبىئەت ھادىساتلىرى بايان قىلىنغان، رەسۇل-مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ 23 يىللىق تەبلىغ قىلىشىتىن ئىبارەت ياخشى ئەمەللىرىگە ئائىت ئىشلار، شۇنداقلا باشقا مەزمۇندىكى سۈرە-ئايەتلەر.

       مۇقەددەس «قۇرئان كەرىم» ئۇلۇغ ئىسلام دىنىدا بۈيۈك ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ بارچە مۇسۇلمان ئەھلىنىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىغا نائىل بۇلۇپلا قالماستىن،  يەنە جاھاندىكى بېھىساپ ئادەملەرنىڭ قەلبىدىن  ئورۇن ئالغاندۇر؛ ئۇ ئىسلام ئەھكاملىرىنىڭ ئاساسى، دەسلەپكى ئىسلامى ئۇسۇل ئەل(‹‹ئۇسۇل ئەل››---ئىسلام دىنىدىكى ئاتالغۇ بولۇپ ، ئۇ باشلىنىش ،مەنبە ، دېگەندەك مەنىگە ئىگە؛ ‹‹ فىقھە››---دىنىي  قانۇن دېگەنلىك بولۇپ ،بۇ يەردە ئىسلامىيەت  دىنىي قانۇنلىرىنىڭ دەسلەپكى مەنبەسى ، دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلگەن.) فىقھىلىرى(‹‹ قۇرئان كەرىم›› جەمئىي 114 سۈرە بولۇپ،‹‹ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن ›› دېگەن بۇ ئايەت ئىپتىداسى (باشلىنىشى) 9- سۈرە (ئەل تەۋبە)(مۇھەممەد سالىھنىڭ ئۇيغۇرچە ‹‹ قۇرئان كەرىم ›› تەرجىمىسىدە ‹‹ تەۋبە ›› دەپ  قىسقارتىپ ئېلىنغان)دىن باشقا بارلىق سۈرىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئاۋۋال مۇشۇ بىر جۈملە بىلەن باشلىنىدۇ.)، شۇنداقلا ھەر خىل ئىسلام مەزھەپلىرى ۋە ئىدىيىۋى ئېقىملىرىنىڭ ئاساسلىدۇر. ئۇ ئەرەپ مىللىتىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ۋەسىقلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئەرەب جەمئىيىتى، بۈيۈك ئىسلام دىنىنىڭ پەيدا بولۇشى ھەمدە ئۇنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى، مۇھەممەد پەيغەمبەرگە سۈرە-ئايەتلەرنىڭ نازىل قىلىنىشى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ تولىمۇ پاساھەتلىك بولۇپ، نەزمىي شەكىلدە نازىل قىلىنغان، ئۇ ئەرەب تىلىنىڭ بالاغىتىنى، شۇنداقلا ئەرەب ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ بۈيۈك پەللىسىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ.

       20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغىچە مۇقەددەس «قۇرئان كەرىم» 65 خىل ھەر تۈرلۈك تىل-يېزىقلارغا تەرجىمە قىلىنغان، 551 خىل ھەر خىل نەشىر نۇسخىسى (تەرجىمە نۇسخىسى) بىلەن دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەرگە «ئىنجىل» دەكلا كەڭ تارقالغان، 20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئېلىمىزدە خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىغان، ھازىرغا قەدەر ئون خىل(ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى، جۈملىدىن مۇھەممەد سالىھنىڭ تەرجىمە نۇسخىسى ھەمدە يېقىندا ‹‹ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى››نىڭ خالىس كۈچ چىقىرىپ ئىشلىگەن ئۇيغۇرچە،ئەرەبچە،ئېنگىلىزچە،خەنزۇچىدىن ئىبارەت تۆت خىل تىل –يېزىقتا قوش يۆنىلىشلىك ئېلىكتىرونلۇق نەشىر نۇسخىسىنى قوشقاندا 12 خىل تەرجىمە نۇسخىسى بار.نۆۋەتتەئېلىمىزدە ئەڭ نوپۇزلۇق ۋە مۇكەممەلرەك بولغان ‹‹ قۇرئان كەرىم›› نىڭ تەرجىمە نۇسخىلىرىدىن مۇنۇلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن: ئۇستاز ما جيەننىڭ ئەرەبچىدىن بىۋاستە خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلغان،1981-يىلى بېيجىڭ جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان نەسىرىي تەرجىمە نۇسخىسى؛ئۇستاز لىن سۇڭنىڭ ئەرەپچىدىن بىۋاستە خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلغان،1988-يىلى سابىق بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان نەزمىي تەرجىمە نۇسخىسى؛

        كۈنمىڭ ئىسلام ئىنىستىتوتىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ماجۇڭگاڭ تەرجىمە قىلغان،جۇڭگو ئىسلام دىنىي جەمئىيىتى تەكشۈرۈپ چىققان،دىن مەدەنىيىتى نەشرياتى تەرىپىدىن 2005-يىلى 11-ئايدا بېيجىڭدا نەشر قىلىنغان ھازىرقى زامان خەنزۇتىلىدىكى نەسىرىي نۇسخىسى؛ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىستېداتلىق ئالىمى،مۇھەمەد سالىھ(قارىھاجىم)نىڭ ئەرەپچىدىن بىۋاستە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا تەرجىمە قىلغان،مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان نەسىرىي تەرجىمە نۇسخىسى قاتارلىقلار)نەشىر نۇسخىسى مەيدانغا كەلدى.

 

تۈگىدى.

 
ئەسكەرتىش:

1)ئەسلىي كىتابتىن  كومپىيوتېردا   قايتا  بېسىش جەريانىدا  چارچاشتىن خەت بېسىشتە،سەۋەنلىك كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن،ئەگەر بايقىساڭلار ياخشى نىيەتتە تۈزىتىپ قويارسىلەر.

3)قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن  كومپىيوتېردا خالىس ئەمگەك قىلىپ بېسىپ چىقاردىم، مەقسەت تورداشلارنى مەنپەئەتلەنسۇن دەپ، ھەرگىزمۇ توردا نام –شۆھرەت تېپىش ئۈچۈن ئەمەس،

3)بۇ يازمىنى ئەسلىي نەشىر ئەپكارىي ۋە تەرجىمانلىرىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا  ھەر قانداق  تور بەتكە  ياخشى نىيەتتە كۆچۈرسىڭىز  بولىدۇ.

  ئاخىرىدا بۇ يازمام ئارقىلىق تور  مۇنبەرلىرىدىن خەۋەر تاپقان مۇسىبەت ئىگىلىرى يەنى:

ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگەن ئۇيغۇر قەۋمى ۋە ئۇيغۇر  ئېلىدىكى‹ئۇيغۇرلۇق ›قەرزىنى ،يىللاردىن بۇيان سانسىزلىغان  دەم  ئېلىش كۈنلىرىنى قۇربان قىلىپ ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش ئۈچۈن مېھنەتسىز،خالىس يېزىقچىلىق ئەمگىكى قىلىۋاتقان تور مۇنبېرى ئۇستازىمىز ،تەربىيىچىمىز ھۆرمەتلىك  بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ ئانىسى،

 ئالىمنى تۇغۇپ تەربىيىلىگەن ئۇلۇغ ئانىنىڭ روھىغا! دۇنيا تەلپۈنۇۋاتقان زامانىمىزدىكى غايىۋى جەننەت

 ئامېرىكىدا قېلىپ ياشاشتىن،كىندىك قېنى تۈكۈلگەن ئەزىزانە قەشقەرگە باتۇرلارچە  قايتىپ كېلىپ ،ئۆزىنى ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن ئاتىغان قەھرىمان قېرىندىشىمىز، تور مۇنبېرى يىتەكچىمىز ھۆرمەتلىك گۈلەن ئەپەندىنىڭ ئاتىسىنىڭ روھىغا ! دۇئا قىلىمەن!

مەرھۇمە ۋە   مەرھۇمنىڭ  ياتقان يېرى  جەننەتتە بولغاي،ئامىن!

  شۇنداقلا مېنى ياخشى تەربىيىلەپ ئوقۇتۇپ خىزمەتكە چىقارغان،باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى رەھمەتلىك ئانامنىڭ ۋاپاتىنىڭ ئىككى يىللىقىنى ئەسلەپ ،مەرھۇمە ئانامنىڭ روھىغا دۇئا قىلىپ ئاخىرلاشتۇرىمەن. مەرھۇمە ئانامنىڭ  ياتقان يېرى  جەننەتتە بولغاي،ئامىن!
[ بۇ يازمىنىhawarدە2012-09-11 20:03قايتا تەھرىرلىدى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-09-11, 20:03
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-09-11 01:34 |
suchi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10250
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 38
شۆھرەت: 190 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 190 سوم
تۆھپە: 114 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 114 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

خالىس ئەمگىگىڭىزگە كۆپ رەخمەت!دۇئالىرڭىز ئىجابەت بولغاي!بۇ كىتاپنى قەيەردىن سېتىۋالغىلى بولار.
lutun
كېسەلنىڭ باشلىنىشى كۆپ يېيىشتىن.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 16:07 |
9924abdulla
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10139
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 80 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 80 سوم
تۆھپە: 46 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 46 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 35(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

جاپا تارتىپسىز ئاللاھىم ئەجىر بەرسۇن!
ئابدۇللا مۇھەممەد
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 16:29 |
aral84
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9828
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 127 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 127 سوم
تۆھپە: 73 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 76 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 60(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىر مۇسۇلماننىڭ ئاللاھنى بىر دەپ ئىشنىشى ۋاجىپ ئەمەس، بەلكى پەرىزدۇر. باشقىلار تۈزتۈپ ئۇقۇۋالسا.  
ئەجىرىڭىزگە بارىكاللا!!!!
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 16:39 |
ajdad
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9610
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 32
شۆھرەت: 165 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 165 سوم
تۆھپە: 98 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 98 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 88(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاللا ئىشلىرڭىزنى ئوڭۇشلۇق تىنىڭزنى سالامەت قىلسۇن  رەخمەت قىرىندىشىم ،
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 20:41 |
utku
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10343
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 75 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 75 سوم
تۆھپە: 45 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 45 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 33(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇشۇنداق مەزمۇندىكى ئەسەرلەرگە بەكلا قىزىقىمەن ،بولسا كۆپلەپ يوللانسا....
   ئۇلۇغ اللادىن ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 23:11 |
togrulbek
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9312
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 363
شۆھرەت: 1998 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1994 سوم
تۆھپە: 1166 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1167 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 355(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى aral84دە2012-09-12 16:39يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
بىر مۇسۇلماننىڭ ئاللاھنى بىر دەپ ئىشنىشى ۋاجىپ ئەمەس، بەلكى پەرىزدۇر. باشقىلار تۈزتۈپ ئۇقۇۋالسا.  
ئەجىرىڭىزگە بارىكاللا!!!!

ئەمىلىي مۇسۇلماننىڭ ئاللا بىردۇر دەيدىغان ئېتىقادقا ئىشىنىشى ۋاجىپتۇ
دىگەن  جۈملىدە  خەت بېسىش  ئىملا  خاتالىقى  يۈز  بېرىپتۇ.  شىنخۇا  كىتاپخانىسىدا  سېتىلغان  نۇسخىسىغا  سېلىشتۇرۇپ  باقتىم، 
<< ئەسلى  مۇسۇلماننىڭ ئاللا  بىر دۇر  دەيدىغان  ئېتقادقا  ئىشىنىشى ۋاجىپتۇر .>> دەپ  بېسىلىپتۇ،
سىزنىڭ  ۋاجىپ  دىگەن  سۆزنى  پەرز  دەپ  تۈزەتكىنىڭىزگە  قۇشۇلىمەن،رەھمەت.
مۇشۇ ماقالىنىڭ  ئۆزىدىمۇ  بەش  پەرزنىڭ  قاتارىدا  ئىمان  ئىيتىشنى  بىرىنچى قىلىپ  بايان قىلغان مەزمۇن  بار.
يەنى:  بىرىنچى................                             بەش پەرھىز (ئىمان كەلىمىسى [ئىمان ئېيتىش‹ئىمان كەلىمىسى ــــ كەلىمە تەييىبە، يەنى لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممىدۇن رەسۇلۇللا،دىگەن ئايەتنى كۆرسىتىدۇ›]، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، ئۆشىرە-زاكالەت بېرىش، ھەج-تاۋاپ قىلىش)



ئەرەپ تىلىنى  بىلمىگەنلىكىم،ئىسلام  دىنى  توغرىسىدا  بىلىدىغانلىرىم  بەك  ئاز  بولغانلىقتىن  بۇ ماقالىدىكى  ئاتالغۇلارنى  ئىزاھلاشقا  ياكى تەھرىرلەشكە  بىلىمىم  ئازلىق قىلىپ قالدى،شۇڭا  مەزمۇنىنى  ئۆزگەرتمەي  ،كىتاپتىن  ئۆز پېتى  كۆچۈرۈپ  قويغان ئىدىم،
مەن  ئىسلام  دىنى  لوغىتىدىن   سىز  ئېيتقان  ۋاجىپ  بىلەن  پەرز  دىگەن  سۆزنىڭ  يەشمىسىنى  ئىزدەپ  باقاي.
ئىنچىكە ،ئەستايىدىل  ئوقۇپ  پىكىر  بەرگىنىڭىزگە  رەھمەت.
كىتاپتا  ۋاجىپ  دەپ  تەرجىمە قىلىنىپتىكەن، مەن  ئەسلى  بۇ  تەرجىمە ئەسەرنىڭ  ئەسلى  تەرجىمىگە  ئىشلىتىلگەن مەنبەسىنى  تېپىپ  سېلىشتۇرۇپ  باقاي،دىگەنتىم، لېكىن  بۇ ئۇيغۇرچە  كىتاپتا  تەرجىمە مەنبەسىنى  ئەسكەرتمەپتۇ،شۇڭا  ئەسلى مەنبەسىنى  تاپالمىدىم.
سىزنىڭ  تۈزۈتۈش  پىكىرىڭىزگە  قوشۇلىمەن.
[ بۇ يازمىنىtogrulbekدە2012-09-13 00:01قايتا تەھرىر ]
simfoniya
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 23:54 |
togrulbek
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9312
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 363
شۆھرەت: 1998 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1994 سوم
تۆھپە: 1166 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1167 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 355(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ۋاجىپ  دىگەن  سۆزگە  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر  قىلغان قىسقىچە  ئىسلام  لوغىتى (ئۇيغۇرچە)192-بەتتە  مۇنداق ئىزاھات بېرىلىپتۇ:
ۋاجىپ:ئەرەپچە  سۆز بولۇپ مەنىسى  مەجبۇرىيەت،بۇرچ،مۇسۇلمانلارنىڭ ئادا قىلىشى شەرت بولغان  ۋەزىپە،ئىسلام  دىنىدا،ۋاجىپنى ئادا  قىلغان كىشى ساۋاپ تاپىدۇ،ئادا قىلمىغان كىشى جازالىنىدۇ،لېكىن ئىنكار قىلغان كىشى ‹‹ كاپىر ››  بولمايدۇ،مەجبۇرىيەت نۇقتىنىئىنەزەرىدىن  قارىغاندا ۋاجىپ پەرز دىن كېيىن تۇرىدۇ،لېكىن سۈننەت تەلەپلىرىدىن مۇھىمراق قارىلىدۇ.
تورداش  ئارال 84  :

سىزنىڭ  ۋاجىپ  ئەمەس  ،پەرز  دىگەن  سۆزىڭىزگە  قوشۇلىمەن.
istanbol
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-13 14:15 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئۇيغۇرنىڭ كۆزى