saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 2068 قېتىم كۆرۈلدى
togrulbek
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9312
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 363
شۆھرەت: 1998 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1994 سوم
تۆھپە: 1166 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1167 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 355(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ناماز ئوقۇش ۋە سالامەتلىك

ناماز ئوقۇش ۋە سالامەتلىك
 
خۇاڭ باۋدۇڭ
 

(تەرجىمە قىلغۇچى: قەيسەر قۇربان، تەرجىمە تەھرىرى: شەمشىدىن ھاجى)

 

مەنبە: جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ئۇيغۇرچە ژورنىلى 1998-يىلى 9-سانىدىن كۆچۈرۈلدى
 

 

ناماز ئوقۇش ئىسلام دىنىدىكى بەش پەرزنىڭ بىرى بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاغا ھەمدۇسانا ئوقۇش، ئاللاغا ئىبادەت قىلىشىدىكى مۇھىم بىر تۈرلۈك دىنىي ئەمەلى. ناماز ئوقۇشتا، ئاۋۋال سۇ بىلەن بەدەندىكى پاسكىنىچىلىقلار تازىلىنىدۇ؛ ئاندىن ئاللاغا بولغان گۈزەل ھەمدۇسانالار ئارقىلىق كۆڭۈلدىكى ناپاكلىقلار چىقىرىپ تاشلىنىدۇ؛ قېلىپلاشقان ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئۇلۇغ ئاللاغا ئىبادەت قىلىش بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلى ئەمىن تاپىدۇ ۋە روھىي دۇنياسى تاۋلىنىدۇ. ھەر دائىم ناماز ئوقۇش مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللا رەھمىتىگە تەشەككۈر ئېيتىشىنىڭ، ئىمانى ئىخلاسلىقنىڭ كونكىرېت ئىپادىلىنىشىدۇر، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ناماز ئوقۇش يەنە كىشىلەر قەلبىنىڭ خەيرلىك ئىشلارغا مايىل بۇلۇشىغا، ناھەق ياكى يامان ئىشلاردىن ساقلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ كىشىلىك كۆز قارىشى «ئىككى دۇنيالىق بەخت-سائادەت» نى ئىزدەشتۇر. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ھەر دائىم ناماز ئوقۇش مۇسۇلمانلارغا ھەم ئاخىرەتلىك ساۋابنى ھەم بۇ دۇنيالىق سالامەتلىكنى بېغىشلايدۇ. جۇڭگو تىبابەتچىلىكىدە «جىمجىتلىق روھنى يېتىلدۈرىدۇ، ھەرىكەت بەدەننى يېتىلدۈرىدۇ» دەپ قارىلىدۇ، تىبابەتچىلىك نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىسلام دىنىدىكى ناماز ئوقۇش «پاكىزلىق، جىمجىتلىق، ھەرىكەت» نى ئۆزىدە بىر گەۋدە قىلىپ مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بەدەن ھەرىكىتىمۇ، روھىي جىمجىتلىقىمۇ بولۇش، بەدەن بىلەن روھقا تەڭ ئېتىبار بېرىشتەك سالامەتلىك قائىدىسى «ئېقىن سۇ سېسىمايدۇ، ئىشىك ئۈلگۈجىكى چىرىمايدۇ»، «ھاياتلىق ھەرىكەتتە» دەيدىغان پەلسەپىۋى قاراشلارغا تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ.

تۆۋەندە ناماز ئوقۇش بىلەن سالامەتلىكنىڭ مۇناسىۋىتى مەسلىسىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمىز.

1. پاكىزلىق ـــــ بەدەن پاكىزلىقى، قەلب پاكىزلىقى،ئورۇن پاكىزلىقى، كىيىم-كېچەك پاكىزلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (كېيىنكى ئىككىسىنى بايان قىلىش قىسقارتىلدى).

1) بەدەن پاكىزلىقى ــــــ ناماز ئوقۇشتا چوقۇم غۇسۇل قىلىش، تاھارەت ئېلىش لازىم. تازىلاشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن قول، پۇتنىڭ تىرنىقىنى، قولتۇق، ئارقا پېشات، زەكەر تۈكلىرىنى ئېلىش كېرەك. ئەرلەر ئۆسۈك چاچلىرىنى ئالدۇرۇشى ۋە خەتنە قىلدۇرغان بولۇشى كېرەك.

غۇسۇل قىلىش ــــــ ئەر، ئاياللار بىر تۆشەكتە بولغاندىن كېيىن ياكى ئەرلەر ئېھتىلام بولۇپ قالسا، ئاياللار ھەيز كۆرسە، چۈشىدە ئەر-ئاياللار بىر تۆشەكتە بولۇپ قالسا، چوقۇم بەدەننىڭ ئاستىن-ئۈستۈن ھەممە ئەزاسىنى پاكىز يۇيۇش لازىم. بۇنداق قىلغاندا، يالغۇز پاكىزلىنىپلا قالماي، يەنە يېقىنلىشىشتىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللەرنى ئازلاتقىلى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، ئەر-ئاياللار بىر تۆشەكتە بولۇش قېتىم سانىمۇ نىسبەتەن ئازىيىدۇ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش، ياشانغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، زەئىپلىشىش خاراكتېرىدىكى كېسەللەرنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ. ئەر-ئاياللارنىڭ بىر تۆشەكتە بولۇش قېتىم سانىنىڭ كۆپ بولۇشى كېسەل پەيدا قىلغۇچى بىر خىل ئامىل بولۇپلا قالماي، بەلكى بىر خىل پاتولوگىيىلىك مېخانىزىمدۇر. داۋالاش جەريانىدىكى تەكشۈرۈش ۋە خاتىرىلەردىن قارىغاندا، نۇرغۇنلىغان يۈرەك كېسىلى، مېڭە قان تومۇرى كېسىلى، دىئابېت (شېكەر سىيىش) كېسىلى ۋە بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى قوزغاتقۇچى ئامىل ئەر-ئاياللارنىڭ بىر تۆشەكتە بولۇشى بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ كېسىلىنى ئېغىزلاشتۇرىدۇ ياكى يامانلاشتۇرىدۇ. ھەتتا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بەزى كىشىلەر بىر ئاخشاملىق خۇشلۇقنى دەپلا بۇ ئالەم بىلەن خۇشلىشىدۇ.

تاھارەت ئېلىش ــــــ ھەر قېتىملىق نامازدىن بۇرۇن چوقۇم تاھارەت ئېلىش لازىم. ئۇنىڭ تەرتىپى:

ئاۋۋال ئىككى قولنى يۇيۇش، ئىستىنجا قىلىش (ئالدى-ئارقا پېشاپلارنى يۇيۇش)، ئاندىن يەنە قولنى يۇيۇش، ئاغزىنى چايقاش (غەر-غەرە قىلىش)، بۇرنىغا سۇ ئېلىپ مەز-مەزە قىلىش، يۈزىنى يۇيۇش، ئىككى بىلەكنى جەينەك بىلەن قوشۇپ يۇيۇش، باشقا مەسھە قىلىش (جۈملىدىن ئىككى قۇلاق سۇپرىسىنىڭ ئىچى-تېشىنى ئۇۋۇلاپ يۇيۇش)، ئىككى پۇتنى ئوشۇق بىلەن قوشۇپ يۇيۇش، ئاندىن يەىە قولنى يۇيۇشتى ئىبارەت. تاھارەت ئالغاندا، ھەر بىر ئەزانى ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم ئۇۋۇلاپ يۇيۇش كېرەك، پۇت، قول بارماق ئارىلىرى ۋە تىرناق ئاستىمۇ پاكىز تازىلىنىشى كېرەك.

مۇشۇنداق بولسا، بىر كۈنلۈك بەش ۋاق نامازدا، قول جەمئىي 45 قېتىم، ئالدى-ئارقا پېشاپلار 15 قېتىم يۇيۇلىدۇ، ئېغىزنى غەر-غەرە قىلىش، بۇرۇننى مەز-مەزە قىلىش 15 قېتىمدىن بولىدۇ، يۈز 15 قېتىم يۇيۇلىدۇ، بىلەك 15 قېتىم يۇيۇلىدۇ، 15 قېتىم مەسھە قىلىنىدۇ (مەسھە قىلغاندا قۇلاق سۇپرىسىنىڭ ئىچى-تېشىمۇ 15 قېتىم تازىلىنىدۇ)، يۇيۇلۇپ بولغاندىن كېيىن لۆڭگە بىلەن سۈرتۈلىدۇ، قېتىم سانى بۇنداق كۆپ بولغاندا ئۇۋۇلاپ يۇيۇش، سۈرتۈشلەر قان ئايلىنىشىنى يېتەرلىك ھالدا تېزلىتىدۇ، بۇ خۇددى توڭلاتقۇنىڭ ئىچى-تېشىدىكى چاڭ-توزان، كىر، مۇزلارنى تازىلاش ئارقىلىق توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش سىستېمىسىنىڭ ياخشى يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمرىنى ئۇزارتىشقا ئوخشايدۇ. بىراق غۇسۇل قىلىش، تاھارەت ئېلىشىنىڭ رولى پەقەت بۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، ناھايىتى مول ئەقلىيلىك ۋە تەقۋادارلىققا ئىگە مۇسۇلمانلارنىڭ يۇيۇنۇشى ۋە ئۇۋۇلاشلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ رولى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ.

يۇيۇلىدىغان ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى قان تومۇر، نېرۋىلار زىچ ئورۇنلاشقان سەزگۈ ئەزالار ۋە ئاخىرقى ئۈچ ئورۇنلار، يەنى ئادەم بەدىنى بىلەن تەبىئەت دۇنياسى ئۇچۇر ئالماشتۇرىدىغان سەزگۈ ئورۇنلار، شۇنداقلا ئادەم بەدىنى ماددا ئالماشتۇرىدىغان ۋە ئوكسىگېن قوبۇل قىلىدىغان كۆزنەكلەردۇر. مۇسۇلمانلار ھەر كۈنى مۇشۇنداق قىلىدۇ، يىل بويى مۇشۇنداق قىلىدۇ، بۇنداق قىلىش پەقەتلا مەينەتچىلىكنىلا تازىلاش بولۇپ قالامدۇ؟ ياق! تاھارەت ئېلىش ھەم بەدەندىكى ئەزالارنىڭ پائالىيەت يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەم سەزگۈ ئەزالارنى تازىلاپ تەرتىپكە سېلىش بىلەن، ئۇچ نېرۋىلارنى غىدىقلاپ، ئۇچ ئەزا قان تومۇرلىرىنىڭ ئۆتۈشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، سەزگۈرلۈكنى كۈچەيتىپ، ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئادەملەر بىلەن تەبىئەتنىڭ ئۆز ئارا تەسىر قىلىش ۋە چىقىرىش-قوبۇل قىلىش مۇناسىۋەتلىرىنى تەڭشەپ، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇش، بالدۇر قېرىشتىن ساقلىنىش مەقسىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ. مۇشۇنداق ھالەتتە تەننى ساغلاملاشتۇرۇش ۋە قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاش بولۇپمۇ ياشانغانلاردىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى (يۈرەك كېسىلى، مېڭە قان تومۇر كېسىلى، قان تەركىبىدە ياغ كۆپ بولۇشى، دىئابېت كېسىلى، جىگەرگە ياغ ئولتۇرۇش كېسىلى، دېۋەڭلىك كېسىلى قاتارلىقلار) نىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. جۇڭگوچە تىبابەتچىلىكتە: «ئىچىكى ئەزادا بار بولغىنى، مۇقەررەر ھالدا تاشقى ئەزادا ئىپادە تاپىدۇ»، «تاشقى بەش ئەزا ئىچىكى بەش ئەزانىڭ ئىپادە بولىدۇ» دىيىلگەن، ھازىرقى زامان كۆپ تەرەپلىمە ئۇچۇر نەزەرىيىسىنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق تەتقىقاتى ئايرىملىق بىلەن پۈتۈنلۈكنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋەتچانلىقى ۋە ئالمىشىشچانلىقىنى تېخىمۇ ئىسپاتلاپ بەردى.

2) قەلب پاكىزلىقى ــــــ ئىسلام دىنى ئەقىدىسى ۋە ئەھكاملىرى بويىچە، ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ روھى دۇنياسىنى تەڭشەپ، يامان نىيەتلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، گۇناھلىرىغا تۆۋبە قىلىپ يېڭىچە يول تۇتۇشى، غەزەپ-نەپرەت، ئۆچ-ئاداۋەت، ھەسەتخورلۇق، غەم-قايغۇ، ئازابلىنىش قاتارلىق كەيپىياتلارنى تۈگىتىپ، ئۆز روھىنى پاكلاشتۇرۇشى، ئۆز قەلبىنى گۈزەللەشتۈرۈشى كېرەك. «ئىچكى كېسەللەر دەستۇرى» دە مۇنداق دېيىلگەن: «يۈرەك بەدەنكى بارلىق ئىچكى ئەزالار ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەزادۇر، ھەسرەت-نادامەت، غەم-قايغۇ يۈرەكنى تىترىتىدۇ، يۈرەك تىترەش بولسا، بارلىق ئىچكى ئەزالارنى ئېغىر ئاجىزلاشتۇرىدۇ».

نامزا ئوقۇيدىغان كىشىلەرنىڭ مۇشۇنداق ھەر كۈنلۈكى بەش ۋاق ناماز ئۆتۈشى ئىچكى جەھەتتە قەلب پائالىيىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ئەزالارنىڭ فۇنكىسىيىسىنى تەڭشەيدۇ، تاشقى جەھەتتە، ئائىلە، ئىجتىمائىي مۇھىت، كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنى ماسلاشتۇرىدۇ، سۈبھىسىزكى، بۇ جىسمانىي ۋە قەلبىي ساغلاملىققا پايدىلىقتۇر.

2. جىمجىتلىق ــــــ ئورۇن جىمجىتلىقى، تەن جىمجىتلىقى، قەلب جىمجىتلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ ئۈچ خىل جىمجىتلىق سىرتىدىن ئىچىگە، تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ بولىدىغان قەلب تاۋلاش ئۇسۇلىدۇر. بۇ ئۇسۇل بەدەن بىلەن قەلبنى جىمجىت ئورۇندا قويۇپ، ئىچى بىلەن تېشىنى ئوخشاش جىمجىت قىلىپ، قەلبنى ئىشلىتىشكە ئېتىبار بېرىپ، خاتىرجەم ھالدا ئاتموسفېرا بىەلن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭدىن بەھرە ئالىدۇ ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇنى تەبىئەتكە قايتۇرۇپ، تەبىئەتنى مەنپەئەتدار قىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق تەبىئەت بىلەن ئادەمنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بولۇپمۇ قەلب جىمجىتلىقى ناماز ئۆتۈگۈچىلەردىن باشقا نەرسىگە نەزەر سالماسلىقنى، سىرتقى ئىشلارغا قۇلاق سالماسلىقنى، ئىچكى روھىي ھالەتنى ساقلاشنى، ئوي-خىيالنىڭ بىر نۇقتىغا مەركەزلىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ ھازىرقى زامان تىبارەتچىلىكىدىكى «ھالەتنى بوشاشتۇرۇپ داۋالاش ئۇسۇلى» غا ئوخشاپ كېتىدۇ، روھى ھالەت ۋە تىنىقنى تەڭشەش ئارقىلىق نەپەس ئېلىش، يۈرەك سوقۇش چاستوتىسىنى تۆۋەنلىتىپ، پۈتۈن بەدەننى ئەركىن ھالەتكە كەلتۈرۈش بىلەن، يۈرەكنى ئەڭ ياخشى ھالەتتىكى ئارام ئېلىشقا ئىگە قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە چوڭ مېڭە پوستىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى ۋە مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى جانلاندۇرۇشقا، مېڭە ھۈجەيلىرىنىڭ قېرىپ كېتىشىنى ئاستىلىتىشقا، شۇنداقلا ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنى تەڭشەشكە، بۇ ئارقىلىق بەدەندىكى ھەر قايسى سىستېمىلارنىڭ فۇنكىسىيىسىگە قارىتا كۆپ تەرەپلىمىلىك تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، مېڭە، يۈرەك كېسەللىكىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىشقا پايدىلىق بولىدۇ.

3. ھەرىكەت ــــــ ناماز ئۆتەشتىكى ھەر خىل ھەرىكەت، ئۇسۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ناماز ئۆتىگەندە، بەلگىلەنگەن ھەرىكەت، قىياپەت، ھالەتلەر بويىچە، رىتىملىق ھالدا، قىيامدا تۇرۇش، قۇلاق قېقىش، رۇكۇدا تۇرۇش، ئەتتەھىياتۇدا ئولتۇرۇش (يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇش)، سەجدىگە چۈشۈش، سالام بېرىش، دۇئاغا قول كۆتۈرۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بەجا كەلتۈرۈلىدۇ. ھەر كۈندىكى بەش ۋاق نامازدا جەمئىي 12 قېتىم قۇلاق قېقىلىدۇ، 32 قېتىم قىيامدا تۇرۇلىدۇ، 32 قېتىم رۇكۇ قىلىنىدۇ، 64 قېتىم سەجدە قىلىنىدۇ، 17 قېتىم ئەتتەھىياتۇدا ئولتۇرۇلىدۇ، 12 قېتىم سالام بېرىلىدۇ، 5 قېتىم دۇئا قىلىنىدۇ.

1) قىيامدا تۇرۇش ـــــ ناماز ئۆتىگەندە ئىككى پۇت ئارىلىقىنى بىر مۇشت پاتقىچىلىك قالدۇرۇپ، تۈز تۇرغاندىن كېيىن، ئاۋۋال ئىككى ئالقان يېرىم يۇمۇق ھالەتتە كۆتۈرۈلۈپ، باش بارماق ئۇچى قۇلاق ئارقىسىغا تەگكۈزۈلىدۇ، قەلب، ئېغىز، قول بىر ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ (قەلبدە ئاللا يادلىنىدۇ، ئېغىزدا تەكبىر ئېيتىلىدۇ، ئىككى قول تەڭلا ئېچىلىدۇ)، بۇ ئارقىلىق تەن، ئىلاھ، ئاۋازنىڭ ماس ھالەتلىك قوشۇلمىسى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، بۇنداق قىلغاندا، ئالقان ئوتتۇرىسىدىكى پەللىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە گەۋدىلەندۈرۈپ، يۇقىرىغا ئۆرلەۋاتقان پاسكىنا گازلارنى چىقىرىپ تاشلىغىلى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەبىئەتنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن بەھرە ئېلىپ، ئۇنى قوبۇل قىلىش بىلەن يۈرەكنى تازىلاپ، روھنى شادلاندۇرغىلى بولىدۇ، قۇلاق يۇمشىقىنىڭ ئارقىسىدىكى پەللىنى مۇشۇنداق ئۇزاق ۋاقىتلار بېسىپ بەرگەندە، قۇلاق كېسەللىكى، يۈز پالىچىنىڭ ئالدىن ئالغىلى، قۇلاق گاس بولۇپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؛ قۇلاق قېقىشتىن كېيىن، ئىككى قول بىرىنىڭ ئۈستىگە بىرى ئېلىنىپ، كىندىك ئاستى (پەللە بار جاي) غا قويۇلىدۇ، بەدەن ئالدىغا ئازراق ئېگىلىدۇ، كۆز سەجدە قىلىنىدىغان جايغا تىكىلىدۇ، نەپەس تەبىئىيلىشىدۇ، ئېغىزدا يۇقىرى-تۆۋەن ئاۋازلار گىرەلەشتۈرۈلۈپ، سۈرە-ئايەتلەر ئوقۇلىدۇ. بۇ ھالەتتە تەقۋادارلىق، ئېھتىرام ئىپادىلىنىدۇ، ھىچقانداق ئوي-خىيال بولمايدۇ، كۆڭۈل ئاللاغا مايىل بولىدۇ، بىردەمدىلا ئېغىزغا شۆلگەيلەر يىغىلىدۇ، ئۇنى پەقەتلا يۇتۇۋېلىشقا بولىدۇكى، تۈكۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ، ھەر قېتىم ئىككى مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە، كۈنىگە 32 قېتىم مۇشۇنداق قىلغاندا دەل ئىككى سائەت بولىدۇ، بۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە خىلىتلار تولۇقلىنىدۇ، يەنى ئىچكى ئاجراتمىلار يېتەرلىك بولىدۇ.

2) يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇش (ئەتتەھىياتۇدا ئولتۇرۇش) ــــــ بىر كۈندىكى بەش ۋاق نامازدا جەمئىي 17 قېتىم يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇلىدۇ، باش پەسكە ئازراق قىيسىپ ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ، ئېغىزدا ھەمدۇسانا، تەۋبە، دۇئا سۆزلىرى ئاۋازسىز ئوقۇلىدۇ. قىرائەت قىلغاندا ئېغىزنىڭ ئىككى قوۋزى چىقارغان شۆلگەيلەر قىيامدا تۇرغان ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. پەقەت قىيامدا تۇرۇش، ئەتتەھىياتۇدا ئولتۇرۇشتەك ئىككى تۈرلا، بىر كۈندىكى بەش ۋاق نامازدا 49 قېتىم، ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ئۇزاقلىقتا بولۇپ، بەدەننىڭ ئىچكى ئاجراتمىلارنى چىقىرىش رولىنى تەڭشەش، ياخشىلاش، جانلاندۇرۇشتا خېلىلا پايدىلىق رول ئوينايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان ۋاقىتتا ئىككى پۇتنىڭ تاپىنى قوش ھالقا پەللىسىنى بىۋاستە تىرەپ تۇرىدۇ، ھەر قېتىملىق نامازدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۇزاق ئولتۇرۇش تاماملانغاندىن كېيىن، پۈتۈن بەدەننىڭ بېشى بىلەن ئىككى تىز ئۈگىسى ۋە قوش ھالقا پەللىسى ئورنىدا قوجلۇشۇش ۋە ئىسسىقلىقتىن كېڭىيىش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. جۇڭگو تىبابەتچىلىكىدە: «تىز پەينىڭ ئۇۋىسى» دەپ قارىلىدۇ. مۇشۇنداق ھەر كۈنلۈكى تىز ئۈگىسىنى نەچچە ئون قېتىم ئېگىپ بېسىش، سۈبھىسىزكى، مۇسكۇل ۋە سۆڭەڭلەرنى چېنىقتۇرۇشنىڭ ياخشى ئۇسۇلىدۇر. بولۇپمۇ ئادەم قېرىشقا باشلىغاندا، ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىلىرىنىڭ ئىككى پۇتقا تۇتىشىدىغان ئورنىنىڭ مۇشۇنداق ئۇزاق مەزگىللىك توختاۋسىز ئېگىلىپ بېسىلىشى كاسا ۋە پۇت مۇسكۇللىرى، تۇمۇرلىرى، نېرۋىلىرىغا نىسبەتەن ئۇۋۇلاش رولىنى ئويناپ، پۇتتىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى تېزلىتىدۇ، ئىككى پۇتنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىكى مىكرولۇق قان ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يانپاش ۋە ئىككى پۇتتىكى ھەر قايسى ئۈگىلەرنى تۇتاشتۇرغۇچى ھالقىلارنىڭ ھەرىكەتچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، بالدۇر قېرىپ-ئاجىزلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

3) سەجدە قىلىش ــــــ بىر كۈندىكى بەش ۋاق نامازدا جەمئىي 64 قېتىم سەجدە قىلىنىدۇ. ئۇنىڭغا قويۇلىدىغان كونكىرېت تەلەپ: ئىككى قول ئالقىنى ئازراق كۆتۈرۈلۈپ، ئاۋۋال يەرگە قويۇلىدۇ، ئىككى قۇلاقنىڭ ئىككى تەرىپىگە يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ، ئىككى جەينەك كۆتۈرۈلىدۇ، كۆكرەك ئالدىغا چىقىرىلىپ، قورساق ئىچىگەرەك تارتىلىدۇ، قورساقنى يۇتا يۈزىگە تەگكۈزۈشكە بولمايدۇ، جەينەك بىلەن جەينەك، جەينەك بىلەن تىز، جەينەك بىلەن كۆكرەك، كۆكرەك بىلەن يەر يۈزى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق چوقۇم بىر قوزا ئۆتەلىگۈدەك چوڭلۇقتا بولۇش ئۆلچەم قىلىنىدۇ. ئېغىزدا ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم ھەمدۇسانا ئوقۇلىدۇ، كۆپ ئوقۇش چەكلەنمەيدۇ،ئىككى پۇتنىڭ ئون بارمىقى چوقۇم يەرگە چىڭ تەگكۈزۈلۈپ، ئالدىغا قارىتىلىشى لازىم، بىر كۈندە مۇشۇنداق 64 قېتىم سەجدە قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇنىڭدا:

بىرىنچىدىن، كۆكرەكنى چىقىرىپ قورساقنى ئىچىگەرەك تارتىپ، كاسىنى كۆتۈرۈپ، ئىشتانباغنى چىڭىتقاندىلا، ئاندىن سەجدە قىلغان ۋاقىتتا، كۆكرەك ئاستىدىن بىر قوزا ئۆتەلىگۈدەك بوشلۇق قالدۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، ناماز مەقبۇل بولمايدۇ. بۇ ئۈچ تۈرلۈك تەلەپ ھەر كۈندىكى 64 قېتىملىق سەجدىگە مەھكەم تۇتاشتۇرۇۋېتىلگەن بولۇپ، كۈنلەپ، ئايلاپ مۇشۇنداق قىلىۋەرگەندە، قورساقتا ياغ يىغىلمايدۇ، كونىلاردا: «ئىشتانباغ ئۇزۇن بولسا، ئۆمۈر قىسقا بولىدۇ» دەيدىغان گەپ بار، گەرچە بۇ گەپلەر تەجرىبە ئاساسىدا ئېيتىلغان بولسىمۇ، بىراق ھازىر ئىلىم-پەن تەرىپىدىن ئىسپاتلاندى. ئامرىكا مېدىتسىنا ئالىملىرىنىڭ تەتقىق قېلىنىشىچە، ئادەمنىڭ قورساق قىسمىدىكى ياغ ھۈجەيلىرىنىڭ ھەرىكىتى بەدەننىڭ باشقا جايلىرىدىكى ياغ ھۈجەيلىرىنىڭ ھەرىكىتىدىن جانلىق بۇلۇپ، ئۇ ياغ ماددىسىنى قان ئايلىنىش ئارقىلىق ئوڭايلا جىگەرگە كىرگۈزۈپ، جىگەردە كۆپ مىقداردىكى زىچلىقى تۆۋەن ياغ ئاقسىللىرىنى پەيدا قىلىدۇ، ئۇ قان ئايلىنىشقا كىرىپ، قىزىل تومۇر تېمىغا چۆكۈۋېلىپ، زىچلىقى يۇقىرى ئاقسىلنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن، قان سۈپىتى، قان پلازمىسى، قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى قاتارلىقلاردا بىر قاتار كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلىپ، ھەر خىل قان سۇيۇقلۇقى مەنبەلىك كېسەللىكلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. مەسىلەن: يۇقىرى ياغلىق قان كېسىلى، ياغلىق جىگەر كېسىلى، قىزىل تومۇر قېتىش كېسىلى، تاجىسىمان قان تومۇرلۇق يۈرەك كېسىلى، شامال تېگىش، دىئابېت (شېكەر سىيىش) كېسىلى قاتارلىقلار.

ئىككىنچىدىن، ئىككى پۇتنىڭ ئون بارمىقىنىڭ ئالدىغا قارىتىلىپ يەرگە تەگكۈزۈلۈشى سەجدە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ. پۈتۈن بەدەننىڭ ئېغىزلىق مەركىزى ئالدىغا يۆتكىلىپ، كاسا قىسىم يۇقىرى كۆتۈرلۈپ، كۈچ پۇت بارماقلىرىغا قايتقاچقا، پۇتنىڭ بارماقلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدىغان پەللە تولۇق ئېچىلىش بىلەن تەبىئەت بىلەن ئۇچرىشىپ، كونىنى چىقىرىش (بۆرەك پاسكىنا يەللەرنى چىقىرىدۇ)، يېڭىنى قوبۇل قىلىش (ساپ ھاۋانى قوبۇل قىلىش) بولىدۇ. بۇنداق پاسكىنىنى چىقىرىپ تاشلاپ، پاكىزىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق بۆرەك ساغلاملىشىپ، بەل كۈچىيىدۇ، پەقەت بۆرەك كۈچلۈك بولغاندىلا، ئاندىن ئادەملەرنىڭ بەدىنى قاۋۇل، مېڭىسى ئۆتكۈر، ھەرىكىتى چاققان بولىدۇ.

نامازدىكى باشقا ھەرىكەتلەر (قۇلاق قېقىش، دۇئا قىلىش، سالام بېرىش، رۇكۇ قىلىشنى كۆرسىتىدۇ) گە كەلسەك، بىر كۈندىكى بەش ۋاق نامازدا جەمئىي 125 ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بولغان ھەر قايسى ئاساسلىق چوڭ ئۈگىلىرى: بويۇن، بېغىش، جەينەك، مۆرە، بەل، يانپاش، تىز، ئۇشۇق ۋە پۇت بارماقلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە قانچىلىك ئۈنۈمى بارلىقىنى سەھىپە چەكلىمىسىدىن بىرمۇ بىر تەھلىل قىلمىدۇق.

يۇقىرىدا بايان قىلغانلارنى يىغىنچاقلاپ ئېيتساق، ناماز ئوقۇش سۈرلۈك، ھەيۋەتلىك ۋە ناھايىتى تەقۋادارلىققا تولغان دىنىي كەيپىيات ئىچىدە بەجا كەلتۈرۈلىدىغان بولغاچقا، ئۇ ھەرگىزمۇ باشقا چېنىقىش پائالىيەتلىرىگە ئوخشىمايدۇ. نامازخانىنىڭ كۆڭلى، ئوي-خىيالى جەمئىيەتنى بىر ياققا قالدۇرۇپ قويۇپ، تەبىئەتكە قايتىدۇ. ناماز ھەرىكەتلىرى ئايرىم ئەزالاردىن پۈتۈن بەدەنگە، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە، سىرتتىن ئىچىگە قاراپ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىدۇ، قەلبدە نىيەت بولۇپ، بەدەن قەلبگە ئەگىشىپ ھەرىكەت قىلغاچقا، قەلبى جىمجىتلىق ئىچىدە تۇرۇپ بەدەن ھەرىكەت قىلىدىغان، ھەرىكەت ئىچىدە جىمجىتلىققا ئىنتىلىدىغان، جىمجىتلىق ئىچىدە ھەرىكەت بولىدىغان بىر خىل قوبۇل قىلىش، چىقىرىشقا يېتەكلەش گۇمپىسىنى يەنى ئەڭ ياخشى بەدەن يۇمشىتىش گىمناستىكىسى ۋە يۇيۇنۇش-ئۇۋۇلاش ماھارىتىنى شەكىللەندۈرگەن؛ بولۇپمۇ ناماز بامدات (تاڭ يۇرۇشتىن بۇرۇن) ۋە نامازشام (كۈن ئولتۇرۇپ 15 مىنۇت ئۆتكەندە) ۋاقتىدا ئادەم بەدىنىدىكى ماغدۇر ۋە قان ئىچىدىن تېشىغا چىقىدۇ. تەبىئەتتىكى ھاۋا سىرتتىن ئىچىگە كىرىدۇ، شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، ئادەم بەدىنىدىكى ماغدۇر ۋە قان تەبىئەت دۇنياسىدىكى مەنپى تەڭشىلىك بىلەن مۇسبەت يوشۇرۇنلۇقنىڭ تەڭشىلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يېتىدۇ. ئومۇمىي نۇقتىدىن قارىغاندا، ناماز ئوقۇش يۈرەكنى ئاسراپ، بۆرەكنى قوغدايدۇ، ھېسسىيات ۋە ئىرادىنى تاۋلايدۇ، يەنى سۇ، ئوتنى ئاساس قىلىپ، پاكىزلىق، جىمجىتلىق ۋە ھەرىكەتنىڭ ماس بىرلىكىنى ئاچقۇچ قىلىپ، ھەق بىر (بىر مەنبە) گە بولغان ئېتىقاد ئارقىلىق ئۈچ ئامىل (سۇ، ئوت، ھاۋا) نى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئايرىم ھەرىكەتلەرنى پۈتۈن بەدەنگە ۋەكىل قىلغۇزۇش، ئايرىملىقنى بىر پۈتۈنلۈك بىلەن ئىگەللەش ئارقىلىق ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىش، ئۆز ئارا تېزگىنلەش، ئۆز ئارا ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئۆمۈر ئۇزارتىش، ھاياتنى كامالەتكە يەتكۈزۈش مەقسىتىگە يېتىدۇ.

ئېھتىمال، بەزى كىشىلەر بىر كۈندىكى بەش ۋاق ناماز يەنىلا تاھارەت ئېلىش، ناماز ئۆتەش، قىيامدا تۇرۇش، ئولتۇرۇش، سەجدە قىلىش، ئايەت ئوقۇش قاتارلىقلارنىڭ تولىمۇ قايتا-قايتىلاپ تەكرارلىنىشى ئەمەسمۇ؟ دەپ ھېس قىلىشى مۇمكىن. بۇنداق كىشىلەر يەر شارىنىڭ شەرققە قاراپ ئايلىنىدىغانلىقىنى، «قۇياشنىڭ غەربكە يۈرۈشىدىغانلىقى» نى، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ، باھار، ياز، كۈز ۋە قىشنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىنىڭ قانچىلىغان ئون مىڭ يىللار تەكرارلىنىپ كەلگەنلىكىنى بىلىشمەيدۇ؟ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە يەنە بۇنداق تەكرارلىنىشنى بېسىپ چۈشكۈدەك ھەقىقەت بارمۇ؟

دۆلەتنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلاردىن ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەن بوۋاي-مومايلار ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن، خۇيزۇلارمۇ قېلىشمايدىكەن، مېنىڭ ئەتراپىمدىمۇ تازا قېرىپ كەتكەن كىشلەر ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ، بولۇپمۇ بۇ كىشىلەر ئىچىدىكى ياش ۋاقتىدىن باشلاپ ھاياتلىقنىڭ ئۈچ چوڭ قائىدىسى (مۇسۇلمانچە يېمەك-ئىچمەك، ناماز ئۆتەش، روزا تۇتۇش) نى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا مەڭزى قىپقىزىل، قەدەم ئېلىشلىرى يەڭگىل بولۇپ، بۇنداق بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، يەنىلا ئۇزاق يىللار ناماز ئۆتىگەنلىكتىن ئىبارەت.


ئەسكەرتىش:ئەسلى ژورنال مەنبەسى،ئەسلى ئاپتۇرى،ئەسلى تەرجىمانلىرىنى ئەسكەرتىپ  باشقا  تور  بەتلەرگە  كۆچۈرسىڭىز  بولىدۇ.
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-09-11, 20:04
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-09-11 01:43 |
sahawatqe
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10230
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 115 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 115 سوم
تۆھپە: 68 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 68 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 30(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەنچە بولغاندىمۇ ناماز ئوقۇشنىڭ سالامەتلىككە ھەقىقەتەن پايدىسى كۆپ.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 16:41 |
nur55
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10121
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 19
شۆھرەت: 95 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 95 سوم
تۆھپە: 57 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 57 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نادىر ماقالە.ئاللاھ رازى بولسۇن!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 18:55 |
parixtai
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10153
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 140
شۆھرەت: 745 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 745 سوم
تۆھپە: 447 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 447 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 276(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سىزگە ئاللا رەھمەت ئاتا قىلسۇن !
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 18:58 |
dilnaz
yahxilik kilalmisangmu yamanliktin saklan
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2771
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 391
شۆھرەت: 2006 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2047 سوم
تۆھپە: 1199 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1201 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 618(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

                      
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 23:08 |
mawlan0998
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10086
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
شۆھرەت: 80 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 80 سوم
تۆھپە: 48 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 48 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ، گەرچە بۇنى ھەممىز بىلسەكمۇ ئەمما تاھ ھازىرغىچە توردا چىقىرىلمىغان ، نۇرغۇنلىغان بىلمەيدىغان كېرىنداشلار ئۈچۈن پايدىلىق ئىش قىپسىز، قولىڭىزغا دەرت يەتمىسۇن.
lutun
مۇكەممەل ئادەم بولۇش ئۈچۈن تىرشايلى!!!
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-13 00:44 |
kukkaptar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10293
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 105
شۆھرەت: 525 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 525 سوم
تۆھپە: 315 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 315 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 125(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇنداق تېمىلار، كۆپرەك ئېلان قىلىن سىكەن دەيمەن!
simfoniya
ئىلەت تۈزەلمى گۈچە مىلەت تۈزەلمەس
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-13 20:54 |
attikaqi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10452
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 12
شۆھرەت: 60 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 36 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 36 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ناماز ئوقۇشنىڭ ھەقىقەتەن پايدىسى بار.
istanbol
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-17 13:45 |
jazira2010
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10464
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 12 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن سىزگە ئاللا رەھمەت ئاتا قىلسۇن
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-19 18:42 |
jazira2010
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10464
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 12 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بولۇپمۇ بۇ كىشىلەر ئىچىدىكى ياش ۋاقتىدىن باشلاپ ھاياتلىقنىڭ ئۈچ چوڭ قائىدىسى (مۇسۇلمانچە يېمەك-ئىچمەك، ناماز ئۆتەش، روزا تۇتۇش) نى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا مەڭزى قىپقىزىل، قەدەم ئېلىشلىرى يەڭگىل بولۇپ، بۇنداق بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، يەنىلابۇ كىشىلەر  ئۇزاق يىللار ناماز ئۆتىگەنلىكتىن مىھرىبان ئاللاھ شۇكىشىگە بۇدۇنيادىمۇ ياخشىلىق ئاتاقىلغانلىقىدىن ئىبارەت
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-19 18:45 |
jazira2010
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10464
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 12 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بولۇپمۇ بۇ كىشىلەر ئىچىدىكى ياش ۋاقتىدىن باشلاپ ھاياتلىقنىڭ ئۈچ چوڭ قائىدىسى (مۇسۇلمانچە يېمەك-ئىچمەك، ناماز ئۆتەش، روزا تۇتۇش) نى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا مەڭزى قىپقىزىل، قەدەم ئېلىشلىرى يەڭگىل بولۇپ، بۇنداق بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، يەنىلابۇ كىشىلەر  ئۇزاق يىللار ناماز ئۆتىگەنلىكتىن مىھرىبان ئاللاھ شۇكىشىگە بۇدۇنيادىمۇ ياخشىلىق ئاتاقىلغانلىقىدىن ئىبارەت.مانابۇنى پايدىسى ئەڭ كۆپ تىجارەت دىسەك بولىدۇ.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-19 18:49 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئۇيغۇرنىڭ كۆزى