saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 2428 قېتىم كۆرۈلدى
kawimmol
kawmimol
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2920
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 217
شۆھرەت: 1281 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1312 سوم
تۆھپە: 733 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 742 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 273(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 دوختۇرخانا باشلىقى ۋە كومپىيۇتېر رېمونتچىسى

 
دوختۇرخانا باشلىقى ۋە كومپىيۇتېر رېمونتچىسى


دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ كومپىيۇتېرى بۇزۇلۇپ قېلىپ بىر چوڭ رېمونخانىغا ئېلىپ بېرىپتۇ.
رېمونتخانىدىكى خادىم :  « OK ، كومپىيۇتېرنى ئېچىش ھەققى  50يۈەن  ».
دوختۇرخانا باشلىقى: «نېمىشقا رېمونت قىلمايلا ئاۋۋال پۇل تاپشۇرىمەن».
رېمونتخانىدىكى خادىم :  « بۇ رېمونتخانىمىزنىڭ قائىدىسى، سىلەرنىڭ دوختۇرخاناڭلارنىڭمۇ كېسەل كۆرسەتمەي تۇرۇپلا ئاۋۋال نومۇر ئالىسىلەرغۇ؟ »
دوختۇرخانا باشلىقى گەپ قىلالماي 50 يۈەن تاپشۇرۇپتۇ.
رېمونتخانىدىكى خادىم : « ياخشىمۇسىز، كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ قەيىرىدىن چاتاق چىقتى؟»
دوختۇرخانا باشلىقى:« شۇ سۈرەتلەر چىقمايۋاتىدۇ، ھېچقانداق ئىنكاس يوق»
رېمونتخانىدىكى خادىم :  « قارىغاندا كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ ئىچكى قىسمىدا مەسىلە كۆرۈلگەن ئوخشايدۇ، ئىچكى بۆلۈمدە ئوڭشاتسىڭىز بولىدىغان ئوخشايسىز، سىز ئادەتتىكى تېخنىكقا كۆرسىتەمسىز ياكى ئالىي تېخنىكىمىزغا كۆرسىتەمسىز، ئادەتتىكى تېخنىكنىڭ رىمونت ھەققى 20 يۈەن، ئالى تېخنىكنىڭ 30 يۈەن».
دوختۇرخانا باشلىقى: « شۇ كومپىيۇتېرنى ئوڭشاشقۇ؟ ياساپ بەرسەڭلارلا بولدى ، مېنىڭ ئۇنداق ئادەتتىكى تېخنىك ، ئالىي تېخنىك بىلەن كارىم نىمە؟ ».
رېمونتخانىدىكى خادىم :  « ئوخشىمايدۇ، ئالىي تېخنىكنىڭ تېخنىكىسى يۇقىرى، ھەر قانداق بۇزۇلغان كومپىيوتېرلارنى رېمونت قىلالايدۇ، رېمونتتىن كېيىن قايتا بۇزۇلۇش نىسبىتى تۆۋەن، لېكىن رېمونت ھەققى سەل يۇقىرراق، شۇڭا خېرىدار سىز ئۆزىڭىز تاللايسىز».
دوختۇرخانا باشلىقى: « مېنىڭ كومپىيۇتېرىمدا مەسىلە ئۇنچە مۇرەككەپ ئەمەس، ئادەتتىكى تېخنىك ئوڭشىسىلا بولىدۇ».
رىمونتخانىدىكى خادىم :  « ئەمىسە ياخشى، 20 يۈەن رېمونت ھەققى تۆلەڭ».
دوختۇرخانا باشلىقى: «نېمە ئۈچۈن رېمونت قىلماي تۇرۇپلا پۇل تۆلەيمەن؟»
رېمونتخانىدىكى خادىم :  «بۇ رىمونتخانىمىزنىڭ تۈزۈمى ، سىلەرنىڭ دوختۇرخانىمۇ شۇنداققۇ، كېسەل كۆرمەي تۇرۇپلا پۇل تاپشۇرىدىغۇ؟»
دوختۇرخانا باشلىقى گەپ قىلالماي قېلىپ ، ئاخىرى 20 يۈەننى تاپشۇرۇپ، كومپىيۇتېرنى كۆتۈرۈپ ئىچىدىكى ئۆيگە ئېلىپ كىرىپتۇ. تېخنىك كومپىيوتېرنى بىر قۇر تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇچ پارچە تالوننى كېسىپ دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ تۆلىشىگە تاپشۇرۇپتۇ:
1.   ئۇنىۋېرسال ئۆلچىگۈچلۈك ئەسۋاپتا تەكشۈرۈش 20 يۈەن
2.   دولقۇن كۆرسەتكۈچتە تەكشۈرۈش 50 يۈەن
3.   تەسۋىر كۆرسەتكۈچتە تەكشۈرۈش 80 يۈەن.
دوختۇرخانا باشلىقى ھەيران بولۇپ سوراپتۇ: «نېمە ئۈچۈن خېرىداردىن بۇنداق ئۆلچەش ھەققى ئالىسىلەر، بۇ سىلەرنىڭ رېمونت تېخنىكىڭلارغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈنمۇ»؟
تېخنىك: « توغرا، بىزنىڭ تېخنىكلارمۇ بۇرۇن ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسەن ئاۋۋال ‹كۆرۈش، پۇراش، سوراش، تۇتۇش، ئاڭلاش› قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلاتتى، ھازىر پەن تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ھەر قانداق تەكشۈرۈش ئەسۋابى بار، تېخنىكلارمۇ ئەسۋابلار ئارقىلىق توغرا بولغان ھۆكۈمنى چىقىرىدۇ، شۇنداقلا ھازىر ئېنىق ئەمەس بولغان مەسىلىلەرنىمۇ تېپىپ چىقالايدۇ. يەنە بىز بۇ تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرىغا نۇرغۇن مەبلەغ سالغان، شۇڭا بىز مۇۋاپىق ھالدا ھەق ئالىمىز.  سىزنىڭ ھەر ھالدا ياخشى، باشقا ئەسۋابلارنى ئىشلەتمىدۇق، ئالدىنقى قېتىم بىر خېرىدار بىر كومپىيۇتېرنى ئېلىپ كەپتىكەن، بىز تور ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق ، ئۇ بىر تۈرنىڭلا تەكشۈرۈش ھەققى 150 يۈەن، ئۇ خېرىدارمۇ تەكشۈرتتى. بىز ھەر ۋاقىت خېرىدارلارنى ئويلايمىز، ئامال بار ئازراق تەكشۈرۈش قىلىمىز، بۇمۇ خېرىدارلارنىڭ پۇلىنى تىجەپ قېلىش ئۈچۈن. سىز تەكشۈرتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ،لېكىن بىز رېمونت داۋامىدا خاتا دىياگىنوز قويۇپ قېلىپ زاپچاس ئالماشتۇرساق ئوخشاشلا خېرىدارلار زىيادە چىقىمدار بولۇپ قالمامدۇ، بۇ تەكشۈرۈشلەرنى قىلمىسىڭىز ئىختىيارىڭىز، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا سىزنىڭ ۋاقتىڭىز زايا بولىدۇ.  »  
    دوختۇرخا باشلىقى 150 يۈەن تەكشۈرۈش ھەققى تاپشۇرۇپتۇ،  تېخنىك يېرىم سائەت تەكشۈرۈپ، بىر پارچە توك يولى خەرىتىسىنى بېسىپ چىقىرىپتۇ، ئۇنىڭدا بىر ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپىنىڭ كۆيگەنلىكى چىقىپتۇ،  تېخنىك بىر نەچچە مىنۇت ھەپىلىشىپ ، ئىككى يۈەنلىك ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپىنى ئالماشتۇرۇپ كومپىيوتېرنى ئوڭشاپ بېرىپتۇ.
    تېخنىك بېسىپ چىقارغان توك يولى خەرىتىسىنى دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپتۇ ۋە يەنە بىر پۇل تاپشۇرۇش تالونىنى كۆرستىپتۇ ۋە دوختۇرخانا باشلىقىغا بېسىپ چىقىرىش ھەققى ئۈچۈن 8 يۈەن ئاپتۇ،  دوختۇرخانا باشلىقى بۇنى چۈشەنمەي: «بېسىپ چىقىرىش ھەققىنىمۇ مەن تۆلەمدىم؟» دەپ سوراپتۇ، «شۇنداق ، بۇ بۇ يەرنىڭ قائىدىسى، بېسىپ چىقىرىش ھەققىنى خېرىدار ئۆزى تۆلەيدۇ، ھېلىقى توك يولى خەرىتىسىنى سىزگە بەرگەندىمەن؟»، «لېكىن مەن بۇ خەرىتىنى چۈشەنمىسەم؟»، «سىلەرمۇ دوختۇرخانىدا بىمارلارنى  B تىپلىق ئولتىرا بىنەپشە نۇر(B超) دا تەكشۈرۈسىلەر  ، ئوخشاشلا بىمارلار ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنى چۈشەنمەيدىغۇ؟ بۇ دېگەن كەسپىي قائىدە».
    دوختۇرخانا باشلىقى ئامالسىز قېلىپ پۇلنى تاپشۇرۇپتۇ.
    ئەڭ ئاخىرىدا تېخنىك دوختۇرخانا باشلىقىغا بىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىمىزنى كومپىيۇتېردا باشقۇرۇلىدۇ، سىز مۇلازىمەت سۇپىسىغا بېرىپ مالنى ئېلىۋېلىڭ دەپتۇ.
    مۇلازىمەت سۇپىسىدىكىلەر دوختۇرخانا باشلىقىغا بىر پۇل تاپشۇرۇش تىزىملىكى بېرىپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە: «مال باھا ئىدارىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، دۇكىنىمىز تۈرلەرگە ئايرىپ ھەق ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويدۇق ، خېرىدارلارنىڭ ئىستىمال ئەھۋالىنى ئېنىق بىلىۋېلىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ، سىزنىڭ بۇ قېتىملىق رېمونتقا كەتكەن ھەققىڭىز تۆۋەندىكىچە »:
35W لۇق ئاقنۇر ماركىلق داغمال ئىشلىتىش ھەققى (بۇزۇش ، داغماللاش بىر قېتىمدىن): 10 يۈەن
بىر قېتىملىق داغمال بېشىنى تازلاش قەغىزى : 2 يۈەن
سۈمۈرۈش ئەسۋابىنى ئىشلىتىش بىر قېتىم: 5 يۇەن
φ0.8 مۇھىت ئاسرايدىغان قەلەي سىم 10 گىراملىق : 5 يۇەن
ئۇچ قۇتۇپلۇق لامپا پۇتىنى ئۇلاش ئەسۋابى :  5 يۇەن
داغماللىغاندىن كېيىن داغمالنى يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ھەققى : 5يۇەن
ئۇچ قۇتۇپلۇق لامپىنى ئېلىش، ۋە داغمال تاختىسىنى تازلاش قاتارلىق ھەقلەر: 20 يۇەن
جەمئىي :54 يۇەن
دوختۇرخانا باشلىقى بۇنى كۆرۇپ ھوشىدىن كېتىشكە ئاز قاپتۇ، دوختۇرخانا باشلىقى جەمئىي 282 يۇەن خەجلەپ ئوڭشاتقان كومپىيۇتېرغا ئاران 2 يۇەن قىممىتىدىكى زاپچاسنى ئالماشتۇرۇپ بېرىپتۇ.
مەنبە: ئۆزۈم، بۇنى بىرسى كوت كوت توپىغا يوللاپتىكەن ، دوسلار بىلەن بىللە ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن تەرجىمە قىلىپ قويدۇم .  خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا كەچۈرەسىلەر
ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچى !!!
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-09-11 13:02 |
karluq02
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7494
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 99
شۆھرەت: 505 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 505 سوم
تۆھپە: 301 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 301 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 196(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

    دوختۇرخانىلارنىڭ ماز پاختىسىنى ئېتىپلا قويۇپسىزغۇ؟!
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-11 18:31 |
salam1127
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8398
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 43
شۆھرەت: 215 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 215 سوم
تۆھپە: 129 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 129 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 37(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

دوختۇرخانا باشلىقى ..........................  ھەي دوختۇرخانا باشلىقى ..........................
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-11 19:02 |
qimbulak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7426
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 196
شۆھرەت: 1015 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1044 سوم
تۆھپە: 604 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 604 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 490(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

        «  ئىنەككە كەلگەن كۈن موزايغىمۇ كىلىدۇ » كىلىدۇ  دىگەن ھىكمەتنى ئەسلەتتى.
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-11 19:05 |
shakira
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10319
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

    دوختۇرخانىلارنىڭ ماز پاختىسىنى ئېتىپ قويغاننىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتىى يوق.بەزىبىر ئىشلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا دوختۇرخانا ھەقىقى خەلق ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئورۇن.بارلىق خەلقنىڭ ھەقسىز داۋالىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ھۆكۈمەتكە گەپ قىلالمىغاندىكىن شۇ دوختۇرخانىنى چىشلەپ تارتىسىز.
simfoniya
ھەقنى سۆزلىمىسەڭ،سۆزلىمەيلا قوي.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-11 19:21 |
budunya
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 5764
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1028
شۆھرەت: 5231 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5238 سوم
تۆھپە: 3131 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3137 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 959(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

دوختۇرخانىلارمۇ بەك ھەددىدېن ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ.........بىرخىزمەتدېشىم ھۆتۈلۈپ قاپتىكەن بىرھەپتە دوختۇردا ياتقۇزدى ........توۋۋا.....دەۋەتتىم ...
lutun
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-11 19:29 |
uyghurizlari
دىنىم ئىسلام ،مىللىتىم ئۇيغۇر.
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 3877
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 406
شۆھرەت: 2151 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2169 سوم
تۆھپە: 1273 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1279 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 327(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نىمىشقىكىن  ئۈزەمىن  دوختۇرغا  كۈرسۈتۈشتىن  قورقىدىغان  بۇلۇپ  قالدىم  ...تەكشۇرەتتىملا  بىرچاتاق  چىقىدىكەن  يە  ياتاقتا  يەت  يەبۇلمىسا  ئوپىراتسىيە  قىلمىز  دەپ  ...............
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-11 22:26 |
ilim-iman-kvq
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9739
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 13
شۆھرەت: 80 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 80 سوم
تۆھپە: 45 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 45 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئالامەت   ھە   ،   9~10كۈننىڭ   ئالدىدا   بۇ   تېمىنى   يېزىپ   يوللىسام   تەستىقلانمىغانتى   ،   نىمەئىشكىن   دەپتىمەن   ،،،   باشقۇرغۇچىلار   ياشىسۇن~!  


دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ كومپىيوتىرى بۇزۇلۇپ قاپتۇ، بىر چوڭ رىمونىتخانىغا ئاپارغاندىن كىيىن......
شاگىرت: بولىدۇ ئوڭشىغىلى بولىدىكەن، ئاۋال قوزغىتىش ھەققى ئۈچۈن 5يۈەن تاپشۇرۇڭ!
د ب: نىمە دەپ ئوڭشىمىغان نەرسىگە پۇل تۈلىگۈدەكمەن؟
شاگىرت: بۇ بىزنىڭ رىمونىتخانا يىڭىدىن چىقارغان تۈزۈم. سىلەرنىڭ دوختۇرخانىدىمۇ كىسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن ئاۋۋال نۇمۇر ئېلىش پۇلى تۈلەيدىغۇ؟
دوختۇرخانا باشلىقى قىزىرىپ ئىلاجىسىز ھالدا 5يۈەن تاپشۇرۇپتۇ.
رىمونىتچى: ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم، كومپىيوتېرىڭىزدا قانداق ئالامەتلەر بار؟
د ب: ھېچقانداق ئىنكاس يوق، ئاۋاز سۈرەت ھېچنىمە يوق.
رىمونىتچى: قارىغاندا كومپىيوتېرىڭىزنىڭ ئىچكى قىسمىدىن چاتاق چىققاندەك تۇرىدۇ. ئىچكى بۈلۈمگە كۆرسىتىشكە توغىرا كىلىدۇ. ئۇستامغا كۆرسەتسىڭىز 30يۈەن، چوڭ ئۇستامغا كۆرسەتسىڭىز 50يۈەن تاپشۇرىشىڭىزغا توغىرا كىلىدۇ~!
د ب: ماڭا ئوڭشاپ بەرسىلا بولىدۇ، ئۇستا بولامدۇ، چوڭى بولامدۇ مىنىڭ نىمە كارىم.
رىمونىتچى:  ئوخشىمايدۇ چوڭ ئۇستامنىڭ سەۋىيەسى يۇقىرى، قانداقلا مەسىلە بولسۇن ھەل قىلالايدۇ، ھەم تىز ئۈنۈم بىرىدۇ، قايتىلانمايدۇ! لىكىن كۆرۈش ھەققى سەل يۇقۇرى. شۇڭا بۇنى ئۈزىڭىز تاللىشىڭىز كىرەك.
د ب: مىنىڭ كومپىيوتېرىمدىكى چاتاق بەك چوڭ ئەمەس، ئادەتتىكىسى بولسۇن.
رىمونىتچى: ئەمىسە ئالدىن 30يۈەن تاپشۇرۇڭ!
د ب: نىمىشقا ئوڭشىماي تۇرسا ئالدىن پۇل تۈلىگۈدەكمەن؟
رىمونىتچى: بۇ بىزنىڭ رىمۇنىتخانا يىڭىدىن چىقارغان تۈزۈم. سىلەرنىڭ دوختۇرخانىدىمۇ كىسەل داۋالاشتىن بۇرۇن ئالدىن پۇل تۆلەيدىغۇ؟
دوختۇرخانا باشلىقى تاتىرىپ ئىلاجىسىز ھالدا 30يۈەن تاپشۇرۇپتۇ.
1. ئەتۋىركىدە ئېچىش ھەققى 5يۈەن.
2. مولتىمىتىردا توك يولىنى تەكشۈرۈش ھەققى 20يۈەن.
3. دولقۇن كۆرسەتكۈچتە قاتتىق دىسكىنى تەكشۈرۈش ھەققى 40يۈەن.
4. ئاساسىي تاختا ۋە ئىچكى ساقلىغۇچنى تەكشۈرۈش ھەققى 60يۈەن.
5. مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچنى تەكشۈرۈش ھەققى 80يۈەن.
ئۇستام: ئالدى بىلەن  205يۈەن تەكشۈرۈش ھەققى تاپشۇرۇپ بۇ بۈلۈملەردە تەكشۈرتۈپ كىلىڭ!
د ب: نىمىشقا تەكشۈرۈش ھەققىنى خىرىدارلار چىقارغۇدەك؟ بۇ ئۇستاڭلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەسمۇ؟
ئۇستام: بۇ بىزنىڭ رىمۇنىتخانا يىڭىدىن چىقارغان تۈزۈم. بىز ئۇستىلارمۇ ئىلگىرى كۈرۈش، ئاڭلاش، پۇراش، سوراش، تۇتۇش قاتارلىق تەجىربىلىرىمىزگە تايىناتتۇق. لىكىن ھازىر ئىلىم-پەن تەرەققىي قىلدى، ھەرقانداق ئۈسكىنىلەرنىڭ ھەممىسى بار بولدى، شۇڭا بىزمۇ ئۈسكىنىلەر ئارقىلىقلا تەكشۈرىدىغان بولدۇق، ۋاقىتنىمۇ تىجىگىلى بولىدۇ. لىكىن بۇ بىر ئاز ھەق تۆلەشنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. ئالدىنقى قېتىم بىر كومپىيوتېرنى توردا يوقىرى ئورۇنلارنىڭ ئانالىز قىلىشىغا تەكشۈرتكەن ئىدۇق، سىناش ھەققىنىڭ ئۈزىلا 150يۈەن بولدى. بىزمۇ خىرىدارلار ئويلىغاندەك ئەڭ ئاز چىقىم بىلەن تەكشۈرۈش، رىمۇنىت قىلىش، سايمان ئالماشتۇرۇشقا تىرىشىمىز.
دوختۇرخانا باشلىقى ئامالسىز 205يۈەن تەكشۈرۈش ھەققىنى تاپشۇرغاندىن كىيىن، رىمونىتچى ئۇستام ئۇنىڭغا بىر ۋاراق توك يولى سىستىما دىئاگىنوز خەرىتىسىنى بېسىپ چىقىرىپ بىرىپتۇ ۋە كۆيۈپ كەتكەن ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپىنىڭ ئورنىغا يىڭىدىن بىرنى سەپلەپ بىرىپتۇ.
ئۇستام: توك يول سىخىمىسىنى بېسىش ھەققى 6يۈەن، ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپا 2يۈەن، جەمئى 8يۈەن تاپشۇرۇڭ!
د ب: نىمە؟ سىخىمىنىڭ بېسىش ھەققىنىمۇ مەن تۆلەمدىم؟
ئۇستام: بۇ بىزنىڭ رىمۇنىتخانا يىڭىدىن چىقارغان تۈزۈم. ئۇنىڭ ئۈستىگە توك يول سىخىمىسىنى سىزگە بىرىمىز، ئېلىپ كىتىسىز!
د ب: بۇنى مىنىڭ ئېلىپ كەتكىنىمنىڭ نىمىگە پايدىسى بار؟ يا مەن بۇنى چۈشەنمىسەم؟
ئۇستام: سىلەرنىڭ دوختۇرخانىمۇ ئولتىرا دولقۇنلۇق تەكشۈرۈش ئاپىراتى(B چاۋ) ۋە رىنتىگىن تەكشۈرىش ئاپىراتىنىڭ نىگاتىپىنى بىمارلارغا بەرگىنىڭلار بىلەن ئۇلارمۇ چۈشەنمەيدىغۇ؟ يەنە تىخى بىمارلار پۇل تۆلەيدۇ؟
دوختىرخانا باشلىقى يەنە دىگىلى گەپ تاپالماي قىزىرىپ تاتىرىپ ئاچچىققا تولۇپ ئامالسىز 8يۈەن پۇلنى تاپشۇرۇپتۇ.
ئۇستام: بىزنىڭ رىمۇنىتخانىمىز كومپىيوتېرلارنى مەخسۇس ئىشكاپ-ئۈستەللەرگە قويۇپ رىمونىتلاش مۇلازىمىتى ئېلىپ بارىمىز، سىز بېرىپ پۇل تاپشۇرۇش ئورنىغا قالغان ھەقلەرنى تۈلىۋېتىڭ.
1. 35ۋاتلىق كۈن نۇرلۇق لامپۇچكىنى ياندۇرۇش ھەققى 2يۈەن.
2. ئەتۋىركە بىلەن بۇرما مىخنى چىڭىتىش ھەققى 3يۈەن.
3. كومپىيوتېر تۇپىسىنى تازىلاش ھەققى 5يۈەن.
4. ئۈچ پۇتلۇق لامپىنى داغماللاش ھەققى 5يۈەن.
5. مەخسۇس ئۈستەلدە رىمۇنىت قىلىش ھەققى 20يۈەن.
جەمئى 35يۈەن.
دوختۇرخانا باشلىقى بۇ تۈگىمەس ھەقلەرنى كۆرۈپ سەپرا تۇتۇپ بېشى قېيىپ ئايلىنىپ چۈشكىلى تاسلا قاپتۇ. شۇنداق قىلىپ جەمئى 283يۈەن پۇل تاپشۇرۇپ قىممىتى ئاران 2يۈەن بولغان ئۈسكىنە سالغۇزۇپ قايتىپ كىتىپتۇ.
~دۆلىتىمىز جۇڭخۇا خەلىق جۇمھىرىيتىنىڭ دوختۇرخانا داۋالاش ئىسلاھات قىلىشىنى ئارزۇ-ئۈمۈد قىلىدىغانلار ئۆز-ئارا يوللاپ قويۇڭلار~
istanbol
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 00:38 |
mamat23
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10267
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 18 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 18 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ۋاھ --- ئىسمى- جىسمىغا لايىق پۇقرالار كومپىيوتىرخانىسى
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 01:09 |
rawajtap
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9476
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 32
شۆھرەت: 180 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 180 سوم
تۆھپە: 104 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 104 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 47(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئالدىنقى قېتىم دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان بىر دوستۇمنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ھازىر دوختۇرخانا دېگەننى خەلق ئۈچۈن جان كۆيدۈرىدۇ دېيىش خاتا، ھازىرقى دوختۇرخانىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شەكلى ئۆزگەرگەن كارخانا.
ئادەتتە، دوختۇرلارمۇ قانچىلىك كىرىم قىلسا شۇنىڭغا قاراپ ئۈنۈم مائاشى ئالىدۇ. ئەگەر سىز زۇكام بولۇپ قېلىپ دوختۇرخانىغا كۆرۈنسىڭىز، ئەگەر شۇ دوختۇرخانىنىڭ ياتاقلىرى توشۇق بولسا سىزنىڭ تەلىيىڭىز، ئاستا زۇكام دورىسىنى يېزىپ بەرسە شۇنى ئېلىپ كېتىپ دورا يەپ ساقايسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر سىز دوختۇرخانىنىڭ ياتاقلىرى بوش ۋاقىتتا زۇكام بولۇپ قالسىڭىز، دەرھال ياتاقتا ياتىسىز ھەمدە زۇكام بىلەن مۇناسىۋەتسىز نۇرغۇن تەكشۈرۈشلەرنى قوبۇل قىلغاندىن سىرت يەنە ياتاقتا «ئالاھىدە» كۈتۈلۈپ، كۆپلەپ ھەق تۆلەپ، دوختۇرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەسسە قوشقان بولىسىز....
مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ھاڭ-تاڭ قالغان ئىدىم...
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 08:20 |
handan926
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5354
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 74
شۆھرەت: 376 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 378 سوم
تۆھپە: 226 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 228 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 190(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

چاتاق يېرى ئۆلەي دېسىڭىزمۇ ھەق تاپشۇرمىغىچە كېسەل داۋالىمايدۇ
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 08:45 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە